2021-يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ئابدۇلرازاق گۇرناھقا بېرىلدى


2021-يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى تانزانىيەدە تۇغۇلغان ئەنگىلىيەلىك يازغۇچى ئابدۇلرازاق گۇرناھقا بېرىلدى.
شىۋېتسىيە نوبېل ئاكادېمىيەسىنىڭ ئابدۇلرازاق گۇرناھا نوبېل مۇكاپاتى بېرىشتىكى سەۋەبى» ئۇنىڭ مۇستەملىكىچىلىكنىڭ تەسىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان مۇئەمما ۋە قىتئەلەر ئارا مەدەنىيەت بوشلۇقىدىكى مۇساپىرلارنىڭ تەقدىرىگە نىسبەتەن تۇتقان مۇرەسسەچىلىك قىلمايدىغان ۋە ھېسداشلىق پوزىتسىيەسىدىندۇر» .
ئابدۇلرازاق گۇرناھ 1948-يىلى زانزىباردا تۇغۇلغان بولۇپ، 18 ياش ۋاقتىدا ئەنگىلىيەگە مۇساپىر بولۇپ كەلگەن. ھازىر ئەنگىلىيە كېنت ئۇنىۋېرسىتېتىدە ئەدەبىيات كەسپى پروفېسسورى بولۇپ خىزمەت قىلماقتا. ئۇ 21 ياش ۋاقتىدىن باشلاپلا يېزىقچىلىققا كىرىشكەن بولۇپ، 1987-يىلى «ئايرىلىش ئەسلىمىلىرى»ناملىق رومانى بىلەن داڭ چىقارغان. ئۇ جەمئىي توققۇز-ئون پارچە رومان ۋە بىرقانچە ھېكايىلەرنى ئېلان قىلغان. ئۇنىڭ تەتقىقاتى بولسۇن ياكى ئەدەبىي ئىجادىيىتىدە بولسۇن، پوستكولونىيالىزم (كېيىنكى مۇستەملىكە) ۋە سۈرگۈنلۈك تېمىلىرى ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدۇ. ئابدۇلزاراق گۇرناھ ئۆز ئىجادىيىتىدە« قۇرئان» ۋە «مىڭبىر كېچە»نىڭ مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ ئىجادىيىتىگە يەنە ئىنگلىز تىللىق يازغۇچىلاردىن شېكىسپىر ۋە نايپائۇل قاتارلىقلارمۇ تەسىر كۆرسەتكەن ئىكەن.
ئابدۇلرازاق گۇرناھنىڭ 1994-يىلى يازغان«جەننەت»ناملىق رومانى يەنە بىر قېتىم ئۇنى تونۇتقان بولۇپ، نوبېل مۇكاپاتى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئاندېرىس ئولسون » بۇ رومان ئابدۇلرازاق گۇرناھنىڭ كېيىنكى مۇستەملىكە دەۋرىدىكى، كىملىكىنى يوقىتىپ قويغان مۇساپىرلار ئوبرازىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بەرگۈچى ئافرىقىلىق ئىككى ئاۋانگىرات يازغۇچىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى بىزگە تونۇتتى» دەپ كۆرسەتتى. نوبېل كومىتېتىنىڭ رەئىسى يەنە ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئارقىلىق ئىلگىرى بىزگە ناتونۇش بولغان ئافرىقىدىكى بىر قىسىم مۇستەملىكە دۆلەتلەردىكى خەلقنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئەينەن تونۇغانلىقى، ھىندى ئوكياندىكى تۈرلۈك مۇستەملىكە كۈچلىرىنىڭ قۇل سودىسى قاتارلىق قاراڭغۇ دۇنياسىنى بىزگە يورۇتۇپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئاپتورنىڭ داڭلىق رومانلىرىدىن يەنە« ئاخىرقى سوۋغات»، «ئاخىرەتتىن كېيىن»، «دېڭىز بويىدا» قاتارلىقلار بار.
تۆۋەندە ئاپتورنىڭ «جەننەت» ناملىق رومانىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى بىلەن تونۇشۇپ چىققايسىلەر:
باش پېرسۇناز يۈسۈپ تانزانىيەنىڭ كىچىك كەنتى كاۋادا دۇنياغا كۆز ئاچىدۇ. ئائىلىسىدىكى ئىىقتىسادىي قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن ئون ئىككى ياشلىق كىچىك يۈسۈپ نامرات ئاتا-ئانىسى تەرىپىدىن باي سودىگەر تاغىسى ئەزىزنىڭ قېشىغا ئەۋەتىلىدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي يۈسۈپ ۋە ئوقۇرمەنلەرگە بۇ سودىگەر كىشىنىڭ يۈسۈپنىڭ تاغىسى ئەمەسلىكى ئايان بولىدۇ: ئەمەلىيەتتە يۈسۈپ دادىسى تەرىپىدىن قەرز قۇل سۈپىتىدە سېتىۋېتىلگەن ئىدى. يۈسۈپ دادىسىنى قەرزدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن سودىگەرگە قۇل بولۇشتىن باشقا چارە يوق ئىدى. شۇنداق قىلىپ يۈسۈپ ئۈچۈن ھاياتنىڭ جاپالىق دەۋرى باشلىنىدۇ ، ئەمما بۇ يەردە يەنە يۈسۈپ باغچىدىن ئىبارەت كىچىك دۇنياسىغا بارلىق سۆيگۈ مۇھەببىتىنى بېرىپ،ئەتراپقا دوستلۇق ۋە گۈزەللىك نۇرلىرىنى چېچىپ تۇرىدۇ.
كېيىنچە يۈسۈپ ئون يەتتە ياشقا تولغىنىدا، خوجايىنغا ھەمراھ بولۇپ چوڭ سودا كارۋىنى بىلەن ئوتتۇرا ئافرىقا ۋە گانگو قاتارلىق باشقا جايلارغا يۈرۈش قىلىدۇ. سەپەر جەريانىدا كېسەللىك ، ياۋايى ھايۋانلار ۋە قانخور يەرلىك ھۆكۈمرانلار قاتارلىقلارنىڭ توسقۇنلۇقلىرىغا ئۇچرايدۇ سەپەردىن قايتىش يولىدا بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ پارتلىغان ۋاقتىغا توغرا كېلىدۇ-دە، گېرمان قوشۇنلىرىنىڭ ئافرىقىدىن ئەسكەر قوبۇل قىلىش پالاكەتلىرىگە دۇچ كېلىدۇ. باش پېرسوناژنىڭ بايانى ئارقىلىق بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزغا ئافرىقا دېسە قەبىلە ئۇرۇشى ، خۇراپاتلىق ، كېسەللىك ۋە بالا قۇللار كېلىدۇ. ئەمما خىيالپەرەس يۈسۈپ يەنە جەننەتنىڭ دەرۋازىسىدىن ئوت ۋە سۇنى كۆرۈپ قالىدۇ. بەلكىم ئۇنىڭ بالىلىق ئەسلىمىلىرى قالغان باغچىسى جەننەتنىڭ ئۆزىمىدۇر؟ يۈسۈپ باغچىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن يۈز بەرگەن ۋەقەلەر كىتابنىڭ تىراگىدىيەلىك مەخپىيەتلىكىنى يېشىپ بېرىدۇ.
رومان كۆپ قاتلاملىق ھەم گۈزەل ھەم غەلىتە ھېكايە بولۇپ،تەسۋىرىي بايانلار شېئىرىي تۈس ئالغان نەپىس تىل بىلەن يېزىلغان.
روماندا ئىنجىلدىكى يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنىڭ ھېكايىلىرىدىكى ۋەقەلىك دېتاللىرى قوللىنىلغان. يەنە بىر تەرەپتىن ئاپتور قۇرئاندىكى ئېلېمېنتلارنى، ئەپسانىلەر ۋە خەلق ئارىسىدىكى بەزى ئەقىدىلەردىن ئېنىق پەرقلەندۈرىدۇ. روماننىڭ ئۆزگىچىلىكى بولسا ئېنىقسىزلىق، مۈجىمەللىكتىن خالىيلىق. بۇ ئەينى چاغدىكى ماكان ۋە زامان دائىرىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا مۇستەھكەم ئاساس ياراتقان بىر رومان، ھازىرقى دەۋردىمۇ يەنىلا جەزبىدارلىقىنى نامايەن قىلىپ تۇرىدۇ.
«دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسى» تەييارلىدى

Mest relevanta
-
ئايتو لدىبىرە ئەسىرىنى تەرجىمە قىلىپ بىز بىلەن ئۇچراشتۇراسلە ئەڭ قىسقا زامانداكۇتمىز!