2022-يىللىق توشولىسكى مۇكاپاتى تۈرمىدىكى ئۇيغۇر يازغۇچى ۋە شائىر پەرھات تۇرسۇنغا بېرىلدى



شىۋېتسىيە قەلەمكەشلەر جەمئىيتى(Svenska PEN ) تەرىپىدىن 2022-يىللىق توشولىسكى مۇكاپاتى تۈرمىدىكى ئۇيغۇر يازغۇچى ۋە شائىر پەرھات تۇرسۇنغا بېرىلگەن ئىدى. تۈنۈگۈن يەنە 11-ئاينىڭ 15-كۈنى تۈرمىدىكى يازغۇچىلار خاتىرە كۈنىدە شىۋېتسىيە قەلەمكەشلەر جەمئىيتى ستوكھولۇمدىكى سىۋېن -خاررىي سەنئەت مۇزىيىدا مۇكاپاتنى تەقدىم قىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. مۇراسىمدا سۆزگە چىققان شىۋېتسىيە قەلەمكەشلەر جەمئىيتى تۈرمىدىكى يازغۇچىلار كوممىتىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى فرېدرىك فەللمان (Fredrik Fällman) پەرھات تۇرسۇننىڭ كىملىكىنى تونۇشتۇردى . ئۇنىڭدىن كېيىن پەرھات تۇرسۇننىڭ «تارىم دەرياسى»، ۋە « رەقىپلەر » ناملىق شېئىرلىرى ئۇيغۇر ۋە شىۋىت تىللىرىدا ئوقۇپ ئۆتۈلگەندىن سىرت، يېڭىدىن ئېنگىلىز تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان « ئارقا كوچا » ناملىق رومانىدىن پارچىلار ئوقۇپ ئۆتۈلدى. روماندىن پارچىنى شىۋېتسىيەدىكى ئاتاقلىق كىنو ئەرتىسى لېنا ئېندرې(Lena Endre) ئوقۇپ ئۆتتى. مۇراسىمدا سۆزگە چىققان شىۋېتسىيەنىڭ يېڭى مەدەنىيەت مىنىستىرى پارىسا لىليېستراند(Parisa Liljestrand) پەرھات تۇرسۇننىڭ ئىسمىنى تىلغا ئېلىپ ، سۆز ۋە پىكىر ئەركىنلىكىنىڭ ئىنسانىيەت ئۈچۈن نەقەدەر مۇھىملىقنى تەكىتلىدى. ئۇ شىۋېتسىيە قەلەمكەشلەر جەمئىيتىگە ۋاكالەتەن مۇكاپات گۇۋانامىسىنى پەرھات تۇرسۇنغا تەقدىم قىلغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، گۇۋاھنامىنى پەرھات تۇرسۇننىڭ ئورنى قىلىپ بېكىتىلگەن ئورۇندۇقنىڭ ئۈستىگە قويۇپ قويدى.
تۇشولىسكى مۇكاپاتى گېرمانىيەلىك يازغۇچى كۇرت توشولىسكىنى خاتىرلەش ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان مۇكاپات بولۇپ، شىۋېتسىيە قەلەمكەشلەر جەمئىيتى تەرىپىدىن 1985-يىلىدىن بېرى ئەسەرلىرى سەۋەبىدىن تەھىتكە ئۇچرىغان، تۈرمىلەرگە تاشلانغان ۋە سەرگەردان بولۇشقا مەجبۇرلانغان يازغۇچى ، شائىر ۋە مۇخبىرلارغا بېرىلىپ كەلمەكتە.