Blog

«دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسى» 2- نۆۋەتلىك ھەيئەت ئەزالىرىنىڭ تىزىملىكى

2022- يىلى 5- ئاينىڭ 15- كۈنى «دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسى» نىڭ 2- قېتىملىق سايلىمى ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىدە ئۆتكۈزۈلدى. سايلامغا ژۇرنالىست مۇرات ئورخۇن ئەپەندى يېتەكچىلىك قىلدى. ئۇيۇشمىنىڭ 13 نەپەر ئەزاسى نەق مەيداندا، 6 نەپەر ئەزاسى تور ئارقىلىق ئاۋاز بەردى. ئۇيۇشمىنىڭ سابىق باش كاتىبى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت تولۇق ئاۋاز بىلەن ئۇيۇشمىنىڭ 2- نۆۋەتلىك رەئىسلىكىگە سايلاندى ۋە يېڭى ھەيئەت ئەزالىرىنى ئېلان قىلدى.
1. رەئىس : ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ( ئومۇمىي ئىشلارغا مەسئۇل بولىدۇ.)
2. مۇئاۋىن رەئىس : راھىلە كامال ( تەشكىلىي ئىشلارغا، يەنى، پائالىيەتلەرنى پىلانلاش، ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىجرا قىلىش ئىشلىرىغا مەسئۇل بولىدۇ.)
3. مۇئاۋىن رەئىس : ئەركان قادىر ( ئەزالىق ۋە ئىقتىسادىي ئىشلارغا مەسئۇل بولىدۇ.)
4. كاتىب : مەھمۇتجان ياسىن ( كاتىباتلىق ئىشلىرى ۋە ھەيئەتلەر يىغىنىنى تەشكىللەش ئىشلىرىغا مەسئۇل بولىدۇ.)
5. ھەيئەت : زۇلھايات ئۆتكۈر ( ئەزالارنى تېزىملاش، ئارخىپ تۇرغۇزۇش ۋە باشقا زۆرۈر ئىشلارغا مەسئۇل بولىدۇ.)
6. ھەيئەت : ئالىمجان مەتقاسىم ( تور دەرىسلىرى، تور لېكسىيەلىرىنى تەشكىللەش، ئېلىپ بېرىش ۋە نەشىرىياتچىلىق ئىشلىرىغا مەسئۇل بولىدۇ.)
7. ھەيئەت : ئىمران سادائىي ( ئۇيۇشمىنىڭ تەشۋىقات ئىشلىرىغا ۋە ئۇيۇشما سەھىپىلىرىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ.)
8. ھەيئەت : ئامىنە ۋايىت ( ئالاقە ئىشلىرىغا مەسئۇل بولىدۇ.)
9 . ھەيئەت : مۇقەددەس نۇر ( ئۇيۇشما خىزمەتلىرىنىڭ ياپونىيەدە قانات يېيىشىغا مەسئۇل بولىدۇ.)
10. تەپتىش : تۇيغۇن ئابدۇۋەلى
2022-يىلى 5-ئاينىڭ 24-كۈنى

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ