Blog

«دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسى» 3 – نۆۋەتلىك ھەيئەتلەر تىزىملىكى

«دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسى» 3 – نۆۋەتلىك ھەيئەتلەر تىزىملىكى
2024 – يىلى 4 – ئاينىڭ 13 – كۈنى «دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسى» نىڭ 3 – قېتىملىق سايلىمى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندىن بۇرۇن تۇنجى نۆۋەتلىك رەئىسىمىز تاھىر ھامۇت ئىزگىل(ئامېرىكا) ۋە ئىككىنچى نۆۋەتلىك رەئىسىمىز ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت قۇمتۇر(شىۋىتسىيە) بۇندىن بۇرۇن قىلىنغان خىزمەتلەردىن دوكلات بەردى. بۇندىن كېيىن قىلماقچى بولغان پىلان ۋە پروگراممىلار ئېيتىپ ئۆتۈلدى. كۈنتەرتىپ بويىچە سايلام ئۆتكۈزۈلدى، سايلامغا 24 ئۇيۇشما ئەزاسى قاتناشتى. باشقا ئون ئەزا ۋاقىت پەرقى ۋە ئىش سەۋەبلىك سايلامغا قاتنىشالمىدى. 21 ئەزانىڭ ئاۋاز بىرىشى بىلەن 3 – نۆۋەتلىك «دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسى» رەئىسى ئەخمەتجان ئوسمان(كانادا) بولۇپ سايلاندى ۋە بۈگۈن يېڭى ھەيئەتلەر تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى.
ئەخمەتجان ئوسماننىڭ بۇندىن كېيىنكى خىزمىتىگە ئوتۇق ۋە قۇت تىلەيمىز، خەلقىمىز ۋە تۈرمىلەردىكى مىڭلارچە ئەدىبلىرىمىزگە خەيرلىك بولسۇن!
«دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسى»نىڭ تەشكىلىي خىزمەتلىرىگە مەسئۇل ھەيئەتلىرى تۆۋەندىكىچە:
رەئىس: ئەخمەتجان ئوسمان
باش كاتىپ: ئابىدە ئابباس نەسرىن
مالىيە بۆلۈمى مەسئۇلى: ئارزۇ ئىمىن
ئارخىپ بۆلۈمى مەسئۇلى: تۇيغۇن ئابدۇۋەلى
تاراتقۇ ۋە ئېلان بۆلۈمى مەسئۇلى: ئالىمجان
خەلقئارا تۈر بۆلۈمى مەسئۇلى: فاتىمە ئابدۇلغەفۇر
نەشرىيات بۆلۈمى مەسئۇلى: ئىمران سادائىي
تەرجىمە ۋە تەتقىقات بۆلۈمى: مەردان ئەھەتئېلى
پائالىيەت بۆلۈمى مەسئۇلى: ئامىنە ۋايىت سەدەف
2024 – يىلى 4 – ئاينىڭ 15 – كۈنى

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ