Blog

پەرھات تۇرسۇن: ھاممام راھىلەنىڭ ۋاپاتىغا

ئىزاھات: ھېيتتا رامىزان مەزگىلىچىلىك خۇشال بولالمىدىم، ھېچكىمگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھېيتلىق تەبرىك يوللىمىدىم. رامىزان مەزگىلدە ھېچبولمىسا ئىلاھىي تەرتىپ ۋە مۇقەددەس ئاينىڭ ئىچىدە تۇرۇۋاتقانلىقنىڭ زىلزىلسىى پەيدا قىلغان ئىلاھىي يېقىنلىق ۋە روھىي توقلۇق بار ئىدى. نېمىشقىكىن ھېيت كىرىشىنى بۇنىڭ ئاخىرلىشىشىدەك ئويلاپ قېلىشتىن قۇتالالمىدىم. كوللېكتىپ پاجىئەلەر پەسەيمەيۋاتقان، چۈشلەردىكى مۆجىزىلىك ئەمما مەنتىقىسىز ۋە ئاسان ئۇنتۇلۇپ كېتىدىغان تەپسىلاتلارغا قىستۇرۇلۇۋېلىۋاتقان ئۆلۈم ھەققىدىكى مەزمۇنلارنىڭ تەكرارلىقى كۆپىيىۋاتقان مەزگىللەردە، قىلىۋاتقانلىرىدىمدىن توختاپ ساقىندىلىرى مېڭەمگە پارچە-پارچە چېچىلىپ كەتكەن بۇ تېكىستلەرنى تەكرار ئوقۇپ سالدىم. ئۇچۇرلارنىڭ مېڭىمىزگە تەرتىپسىز ۋە ئۆزلۈكسىز كىرىپ تۇرىدىغان قۇمدەك ئۇچۇرلارنىڭ قالايمىقان سىغدىلىشىنى نەتىجىسدە ئۇزۇن تېكىستلەرگە دىققەتنى بېرىش بۇرۇنقىدىن تەسلىشىپ كەتتى، شۇنداقتىمۇ بۇ تېكىستكە دىققەتنى بېرىشكە ئەرزىيدۇ دەپ قاراپ مۇنۇ نەقىل بىلەن ئورتاقلاشتىم: «شەرقنىڭ تارىخىدا ئۆلمەسلىكنىڭ دورىسىنى ئىزدەشلەر بولۇپ ئۆتكەن. بولۇپمۇ زالىم پادىشاھلار، ئۆزى قانچىلىك جىق ئادەم ئۆلتۈرگەن بولسا شۇنچىلىك قاتتىق تىرىشىپ جان جەھلى بىلەن ئۆلمەسلىكنىڭ دورىسىنى ئىزدىگەن. ئاشۇلارنى ئويلىغىنىمدا شۇنى ھېس قىلىپ تۇرىمەنكى، مەن داۋاملىق ئۆلۈمنى ئەسلەپ تۇرغالىقىم ئۈچۈن زالىملىقتىن يىراقمەن. ئۆزۈمگىمۇ باشقىلارغىمۇ زۇلۇم قىلمايمەن. ھېچكىمگە زۇلۇم قىلمىغانلىقىم ئۈچۈن، مەڭگۈ ئۆلمەسلىك دېگەن ئىشلارغا، ھەتتا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش مەسىلىسىگىمۇ قىزىقمايمەن. ئۆلۈم شۇ قەدەر ئاددى. خۇددى راھىلەنىڭ ئۆلۈمىنى ئۈن تىنسىز قوبۇل قىلغانغا ئوخشاش، ئۆلۈم ئۆزۈمگە كەلگەندىمۇ ئۇنى قوبۇل قىلىشتا قىيىنچىلىق ھېس قىلماسلىقىم مۇمكىن.»
پەرھات تۇرسۇن ھازىرقىغا سېلىشتۇرغاندا كىچىككىنە بولسىمۇ كەڭرىچىلىك ھېسابلانغان مەزگىللەردىمۇ ئىدىيە مەھبۇسى سۈپىتىدە تەقىب، نازارەتلەردىن قۇتۇلالمىغان ئىدى. شۇ تاپتىمۇ جازا لاگېرىدا ياشاۋاتىدۇ(؟).
.
ئەسلى تېكىست:
يېقىن كىشىسى ئۆلۈپ كەتكەن ئادەمدە ئۆلۈم خەۋىرىنى ئاڭلىغاندا تۇنجى بولۇپ پەيدا بولىدىغان تۇيغۇ ئۆلۈمنىڭ بىر خىل ئاخىرلىشىش ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەسلىك بولىدۇ. چۈنكى تېخى قايسى كۈنىلا كۆرۈشكەن بىر ئادەمنىڭ ئەمدى تۇرۇپلا دۇنيادىن بىر سايىدەك لاپپىدە ئىزسىز غايىپ بولغانلىقىغا كىمنىڭمۇ ئىشەنگۈسى كېلىدۇ. ئەتىگەن ئىنىم قەيسەردىن تېلىفۇن كەلدى. دائىم تېلىفۇندا سۆزلىشىپ تۇرىدىغان بولساقمۇ نېمىشقىدۇر تېلىفۇن ئېكرانىدىكى قەيسەرنىڭ نومۇرىنى كۆرۈپلا يۈرىكىم جىغغىدە قىلىپ قالدى. بەلكىم راھىلەنىڭ ئۆلۈمىنى ئاللىقاچان قوبۇل قىلىپ بولغان بولسام كېرەك. ئاشۇ كۈنى ئەتىگەندىلا كەيپىياتىم ئىنتايىن تۆۋەن قوپقانىدىم. بىر خىل سەۋەبسىز غەمكىنلىك مېنى خامۇش قىلىپ قويغانىدى. قەيسەردىن راھىلەنىڭ تۈگەپ كەتكىنىنى بىلگەندىن كېيىنلا ئاندىن ئۆزۈمدىكى ئىزتىراپنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندىم.
ھەممىسى تۈنۈگۈنكىدەكلا ئىشلار. قاچانلاردىدۇر مەن ئۆزۈم تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ئۆيدە يېشى مەندىن ئانچە پەرقلىنىپ كەتمەيدىغان ئالتۇن چاچلىق بىر قىزنىڭ مەۋجۇتلىقىنى بايقىغانىدىم. تۈرك تىلىنىڭ تەلەپپۇز ئادىتىگە يات ھالدا ئۇنىڭ ئىسمىنىڭ باش تەرىپىگە ر تاۋۇشى كەلگەنلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئىسمىنى ناھايىتى ئۇزاق مەگىلگىچە توغرا ئاتىيالماي يۈردۈم. يەيلەم، لەيلەم، لالەم… مېنىڭ ئۆمرۈمدە ئاتاش ئەڭ قىيىن بولغان ئىسىم شۇ بولسا كېرەك. لېكىن ئۇنىڭ ئىسمىنى كۈندە ئاتىماي ئىلاجىم يوق ئىدى. چۈنكى ئۇنىڭ بىلەن بىللە ياشايىتتىم. كوچىلاردا ئويناۋاتساق، مەھەللىدە پەقەت موماملا ئۇنىڭ ئىسمىنى ئىنتايىن تولۇق ئاتايىتتى. مومامنىڭ سوزۇپ سوزۇپ چاقىرغان يېقىملىق ئاۋازى كۈن نۇرىنىڭ كۈچىيىشى بىلەن يەردىن ئۆرلەۋاتقان زەي پۇرىقى بىلەن ئارىلىشىپ كېتەتتى.
ئۇ ئىنتايىن ئاددى بىر قىز. ئۆمرىدە يۈز بەرگەن ئىشلار شۇنچە كۆپ بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى قەھرىمانلىق قىسسىسى ئەمەس. لېكىن ئۇ مەن ئۈچۈن تارىختا ئۆتكەن نۇرغۇن قەھرىمانلاردىن مۇھىم. چۈنكى ئۇ مېنىڭ ھاممام! ئىنسانىيەت دۇنياسىدا، ئىنسان بىلەن ئىنساننىڭ باراۋەرلىكى توغرىسىدىكى چاقىرىقلارنىڭ قاچاندىن باشلانغانلىقىنى ئېنىق بىلمەيمەن. لېكىن ھېچكىم تېخى بىر ئادەتتىكى ئائىلە ئايالى بىلەن بىرەر قەھرىماننى باراۋەر دەپ مۇئامىلە قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكى ھەققىدە ئويلىنىپ باقمىغاندەكلا قىلىدۇ. شۇڭا نۇرغۇن كىشىلەر مەندىن ئالاھىدە ئەسلىمە يازغۇدەك كىم ئىدى ئۇ؟ دەپ سورىشى مۇمكىن. مەن ئۇلارغا ئىنسان بىلەن ئىنساننىڭ باراۋەر ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلىمەن، شۇڭا كېسىپلا شۇنداق دىيەلەيمەن: ئۇ مېنىڭ ھاممام، مەن خۇددى ئىلگىرى ياقا يۇرتلاردا مۇساپىر بولغان چاغلىرىمدا ئۇرۇغ تۇغقانلىرىمدىن كىمگە خالىسام شۇنىڭغا خەت يازغانغا ھوقۇقلۇق بولغانغا ئوخشاشلا ئۇ ھەقتە ئەسلىمە يېزىشقا ھوقۇقلۇق، چۈنكى قەلىمىم ئۆزۈمنىڭ!
مەن ئۇنىڭ تۈگەپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۇ ھەقتىكى ئەسلىمىلىرىمنىڭ ئەڭ يىراقلىرىغا بېرىشقا تىرىشتىم. ئۇ كىچىكىدىن تارتىپ ئىنتايىن يۇۋاش ئىدى. بالىلار بىلەن ۋاڭ چوڭ قىلىپ ئوينىمايىتتى. ئۇنىڭ بۇنداق قېرى مىجەزىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن بىز دائىم ئۇ ھويلىنىڭ بۇلىڭىدىكى كارىۋاتتا يېتىپ ئۇخلاۋاتقاندا بېرىپ ئۇنىڭ پۇتىغا تىكەن سانچىپ قاچاتتۇق. ئۇ چۆچۈپ ئويغىنىپ ئەتراپقا قاراپ قويۇپ، بىزگە: ساراڭ بولۇشتۇڭمۇ، نېرى ئويناش! دەپ ۋارقىراپ قويۇپ، يەنىلا ئورنىدا يېتىۋېرەتتى. بىز ئۇنىڭ بىزنى تىللىىشىنى ۋە كەينىمىزدىن قوغلىشىنى ئارزۇ قىلاتتۇق. شۇندىلا ئۇنى ئۆزىمىزنىڭ كەپسىزلىكىمىزگە ھەمرا قىلالايىتتۇق. لېكىن ئۇ يەنىلا بىزنىڭ ئويۇنلىرىمىزغا ئارىلاشمايىتتى. ئۇنى شۇنداق ھورۇنمىكىن دېسەك، ئۆينىڭ ئۇششاق چۈشەك ئىشلىرىنى ناھايىتى ئىشچانلىق بىلەن ئورۇنلاپ مومامنىڭ پۇتىغا پۇت قولىغا قول بولاتتى. مەن بولسام، دائىم قىنىمغا پاتماي يۈرگىنىم بىلەن، مۇمام سۇ ئېلىپ كېلىڭلار دەپ چىلەكنى تۇتقۇزۇپ قويسا يەرگە تاشلاپ قاچاتتىم.
ئىنساننىڭ كېيىنكى ھاياتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى بالىلىق مەزگىللەردىلا ئايان بولسا كېرەك. مەن كىچىكىمدىلا ئاق نانچى ئىدىم، پۈتۈن ئۆمرۈم شۇنداق ئۆتىۋاتىدۇ. راھىلە كىچىكىدىلا جاپاكەش ئىدى. پۈتۈن ئۆمرى جاپا مۇشەققەت ئىچىدە ئۆتتى. دەسلەپكى ئېرى كوچىدىن كىرمەي مەينەت يوللاردا يۈرگىنىدە ھەممىنى ئىچىگە تىنىپ سىرتقا چىقارماي يۈرگەنىكەن. لېكىن ئۇ ئەبلەخ بىر قېتىم قوشنا بىر شەھەرنىڭ كوچىسىدا بىر ئايالنىڭ بوينىغا گىرە سېلىپ كېتىۋاتقاندا ئاشۇ ھاممامنىڭ (ئانامنىڭمۇ) تاغىسى ئۇچراپ قېلىپ ئۇنى ئۇرۇپ دەسلەپ، يول بويىدىكى ئېرىققا پۇرلاپ تىقىۋېتىپ كېتىپتۇ. راھىلەنىڭ ئاشۇ ئەردىن بولغان ئىككىلا بالىسى كۈتۈلمىگەن ھادىسىلەر بىلەن ئۆلۈپ كەتكەنىدى. شۇنچە سەبى، گۇناھسىز بالىلارنىڭ بېشىغا نېمىشقا بۇنداق بالا قازالارنىڭ كېلىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى ئۇرۇغ تۇغقانلىرىم تەسەۋۇر قىلىپ بولالماي ھەلەك ئىدى. لېكىن ئۇلار بۇنىڭدا تەڭرىتائاللاھنىڭ بىرەر ھىكمىتى بارلىقىغا شەكسىز ئىشىنەتتى، شۇڭا ھەرگىزمۇ تەقدىرنىڭ ئادالەتسىزلىكى دەپ ئويلاشقا پېتىنالمايىتتى. پەقەت ئاشۇ ئەرنىڭ شەرمەندىلەرچە ئىشلىرىنى بايقىغاندىن كېيىنلا ئاندىن، ھە، ئەسلىدە ئاشۇ ئەبلەخ ئۆز بالىسىنىڭ بېشىغا چىققان ئىكەن دە! دەپ ئويلىشىپ، تەقدىرنى چۈشەنگەندەك بولۇشتى. كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە نارىسىدە بالىلارنىڭ بالا قازاغا ئۇچرىشى ئاتىسىنىڭ يامان يولغا ماڭغانلىقىدىن ئىدى.
يېقىنقى يىللاردىن بېرى دائىم ئىچىم سىقىلىدىغانلا بولۇپ قالدى. ئەتراپىمدىكى يۈرەك كېسەللىرى شۇنچە كۆپ. بۇندىن ئون نەچچە يىل ئىلگىرى بىراۋ ماڭا: سەن − بىزنىڭ يۈرەك كېسىلىمىز، دېگەندە، مەن ئۈچۈن يۈرەك كېسىلى پەقەتلا بىر مېتافور ئىدى. مانا ئەمدى يۈرەك كېسىلى ئەتراپىمدىكى مېنى قورشاپ تۇرغان نەرسىگە ئايلىنىپ قالدى. دەسلەپ سىڭلىم، كېيىن ئانام ئاندىن ھاممام بىر بىرلەپ يۈرەك كېسىلى بولۇپ چىقتى. ھازىر يەنە مېنىڭ يېقىن دوستلىرىمدىنمۇ بىر نەچچىسى ئېغىر يۈرەك كېسىلى. مەنمۇ داۋاملىق ئۇيقۇغا كىرىش ئالدىدا نېمىدۇر بىر نەرسە يۈرىكىمنى چىڭ قاماللاپ بېسىۋاتقاندەك، يۈرىكىم ھېلىلا سوقۇشتىن توختاپ قالىدىغاندەك ھېس قىلىپ كېتىمەن. بۇندىن تۆت يىل ئاۋال ئانامنى بېيجىڭدا بىر داڭلىق دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ تەكشۈرتىۋىدىم، دوختۇر ئانامنىڭ كېسىلىنى بۇلغانغان ھاۋادىن دەپ دىئاگنوز قويدى. مەن بۇ دىئاگنوزنى پۈتۈنلەي خاتا دەپ ئويلىدىم. شۇقەدەر ساپ، مەنزىرىسى گۈزەل، ئەتراپى يېشىللىق بىلەن تولغان چەت يېزىدا، پاكىز مۇھىتتا ئانامنىڭ ئۆپكىسىدە ياللۇغ پەيدا قىلىدىغان بۇلغانغان ھاۋا نىمىش قىلسۇن دەپ ئىشەنمىگەنىدىم. بىر يىلدىن ئۆيگە قايتقىنىمدا، ئاتۇشتىن قەشقەرگە كېتىۋېتىپ، تاغ باغرىغا ئورۇنلاشقان زاۋۇتلارغا ۋە پۇرقىراپ چىقىۋاتقان ئىسلارغا نەزەر سالغىنىمدا ھەممە نەرسە ئايان بولدى. دېمەك كېسەللىك مېنىڭ يۇرتۇمنىڭ گېلىدىن سىقماقتا ئىدى.
قايسى يىلى بىر ياش قىزنىڭ كېسەل بولۇپ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى ئاساسىي تېما قىلىپ ھېكايە يازسام بىر بۇرادەر مېنىڭ ئىنسانچىلىق پەيدا قىلغان تراگىدىيىنى يازماستىن تەبىئەت دۇنياسى پەيدا قىلغان تراگىدىيىنى يازغانلىقىمنى ئەھمىيەتسىز دەپ تەنقىد قىلغانىدى. بۇ خۇددى ساغلام ئادەم بىرەر كېسەلگە گىرىپتار بولغان كىشىنىڭ ئازابىنى چۈشەنمىگەنلىكىگە ئوخشاپ كېتىدۇ. بۇ ئەمەلىيەتتە تىرىك ئادەمنىڭ ئۆزىنى ئۆلۈم ھەققىدە تەپەككۈر قىلىشتىن قاچۇرىشىنىڭ ئۆزگەرگەن شەكلىدۇر. دۇنيادىكى نۇرغۇنلىغان ۋەھشىيلىكلەر بەزى كىشىلەردە ئۆزىنىڭمۇ ئۆلىدىغانلىقى ھەققىدە پىكىر قىلىشنى بىلمىگەنلىكىدىن بولىشى مۇمكىن. شۇڭا مەن يەنىلا كىشىلەرگە ئۆزىنىڭ ھاياتلا بولسا، كېسەل بولىدىغانلىقىنى ۋە ئۆلىدىغانلىقىنى ئەسلىتىپ تۇرۇش ئۇلارنى روھىي جەھەتتە پاكلىنىش ھەققىدە خىيال قىلىشقا ئۈندەيدۇ دەپ ئويلايمەن.
ئادەتتىكى ئادەملەرگە دىققىتىنى بېرىش دۇنياۋىي ئاقارتىش ھەرىكىتىنىڭ ئەڭ زور نەتىجىلىرىدىن بىرى. نۇرغۇنلىغان ئۇلۇغ يازغۇچىلار رېئاللىقتىكى ئىنتايىن ئاددى، قوپال، ھېچقانداق تۆھپىسى يوق كىشىلەرنى ئۆلمەس ئەسلىمىلەرگە ئايلاندۇردى. بۇ ئەرزىمەس دەپ قارالغان كىشىلەرنىڭ ئۆز ھاياتىنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلىشىغا تەسەللى بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئىنسانىيەتنىڭ تۈپكى ئەھۋالىدا ئۆزگىرىش بولغىنى يوق. ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىشىنىڭ قىيىنلىقى سەۋەبىدىن جەمئىيەتتە ھېچكىمگە دەردىنى ئاڭلىتالمىغانلارنىڭ باشقىلارنىڭ دىققتىنى قوزغاش ئۈچۈن غايەت زور تەسىر قوزغىغىدەك بىرەر ئىشنى قىلىپ مەلۇم تراگىيىلەرنى تۇغدۇرغانلىقىنى ئەتراپىمىزدىن ئاڭلاپ تۇرىۋاتىمىز. دۇنيادىكى ھەممە ئادەمنىڭ پۈتكۈل جەمئىيەتتىكى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىيالايدىغان كىشىلەردىن بولىشى مۇمكىن ئەمەس. ئادەملەرنىڭ كۆپ قىسمى بۇ دۇنياغا خۇددى بىر كۆلەڭگىدەكلا كېلىپ، بىر كۆلەڭگىدەكلا غايىپ بولىدۇ. بەزى ئادەملەرنىڭ ھاياتى دۇنيادا ھېچكىمنىڭ ھەتتا ئەتراپىدىكى ئادەملەرنىڭمۇ كۆزىگە كۆرۈنمەسلىكى مۇمكىن. بۇنداق ئەدەتتىكى كىشىلەر پەقەت دۇنيادا ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچى بىر زاتنىڭ مەۋجۇتلىقىغا ئىشىنىش ئارقىلىقلا ئۆزىگە تەسەللى تاپالايدۇ.
بەلكىم ئىنسانىيەتنىڭ خاتىرە شەكلىدىن بەك رەنجىپ كېتىشنىڭمۇ ئورنى بولمىسا كېرەك. چۈنكى بىر ئادەمنىڭ قەيىرى ئاغرىسا دىققىتى شۇ يەردە بولغاندەك، ئىنسانىيەت تارىخىنىڭمۇ دىققىتى داۋاملىق ئۇنىڭ ئاغرىقلىرىدىدۇر. دېمەك ئاغرىقنى پەيدا قىلغۇچىلارنىڭ نامى ئۆچمەس بولۇپ قالىدۇ. جۇڭگۇ تارىخىدا قانال قازدۇرغانلارنىڭ ھەممىسى بۇ قاناللارنى ئۆلۈمدىن قورقۇپ قازدۇرغان. بېيجىڭدىكى قىشلىق خان سارىيىدىن يازلىق ئوردا يىخېيۈەنگىچە ۋە پادىشاھلار ھەر خىل پائالىيەتلەرگە قاتنىشىدىغان تيەنتەن قاتارلىق جايلار بىر بىرى بىلەن قانال يەنى سۇ يولى ئارقىلىق تۇتاشتۇرۇلغان بولۇپ، پادىشاھلار چوڭ يولدا ماڭسا باشقىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراشتىن ئەنسىرەپ سۇدا كېمە بىلەن ماڭغان. كېمە سۇ ئىچىدە بولغاچقا قۇرۇقلۇقتىكى كىشىلەرنىڭ ئۇدۇل كېلىپلا ھۇجۇم قىلىشى ئەپسىز. سۈي سولالىسىنىڭ پادىشاھى سۈي ياڭدې لوياڭدىن خاڭجۇغا بېرىش ئۈچۈن نەچچە يۈز مىڭ ئادەمنى ئىشلىتىپ مەخسۇس قانال قازدۇرغان. مانا شۇ نەچچە يۈز مىڭ ئادەم ئىنسانىيەتنىڭ خاتىرىسىدىن تامامەن يۇيۇۋېتىلگەن بولۇپ، ھەتتا ئۇلارنىڭ سانىمۇ ئېنىق ئەمەس. لېكىن ئۇلارنى قاڭغىر قاخشاتقان سۈي ياڭدې ھەممە ئادەمنىڭ ئېسىدە. ئۇ كىشىلەرنىڭ ئېسىدە بولۇپلا قالماي يەنە تېخى ئۇ ھەقتە ئەقىلگە سىغمايدىغان گۈزەل ھېكايىلارمۇ توقۇپ چىقىرىلغان. رىۋايەتتە ئېيتىلىشىچە، سۈي ياڭدې قىزىل بالان گۈلى دەپ ئاتىلىدىغان ئاجايىپ بىر چىرايلىق گۈلنى كۆرۈش ئۈچۈن بارغان ئىكەن. بۇ ھېكايە قارىماققا گۈلدىن ئىبارەت قەدىمىي مىتافورلاردا كۆپ ئىشلىتىلىدىغان ئىماگ بىلەن شۇنچە گۈزەلدەك قىلغىنى بىلەن ئەمەلىيەتتە بىر تال ئۆسۈملۈك ئۈچۈن بىر ئادەمنىڭ نەچچە يۈزمىڭ كىشىنى قاڭغىر قاخشىتىشى ئۇنىڭ ئادەمنى ھايۋانچىلىك ئەمەس ھەتتا بىر ئۆسۈملۈكچىلىكمۇ كۆرمەيدىغانلىقىنى تېخىمۇ ياخشى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. بىز ھەممىمىز ئىنسانىيەتنىڭ ئېسىدىن مەڭگۈ غايىپ بولغان ئاشۇ قانال قازغۇچىلارغا ئوخشايمىز. لېكىن شۇ نەرسە ئېنىقكى، ئاغرىق ئارقىلىق دىققەتنى تارتىدىغان جاراھەت بولۇپ باشقىلارنىڭ دىققىتىگە سازاۋەر بولغاندىن، ئەنە شۇنداق بىر كۆلەڭگىدەكلا بۇ دۇنيادىن غايىپ بولغانمۇ ياخشى.
راھىلە بىلەن بىر بالىنىستا ياتقان ئون بەش ياشلىق بىر بالا ئوپىراتسىيەدىن چىقالماي ئۆلۈپ كەتتى. ئۇ بىر كۈنى مەكتىپىدە ئويناۋاتسا تۇيۇقسىز لەۋلىرى كۆكۈرۈپ ھاسىراپ كېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن دوختۇرغا ئاپىرىپ تەكشۈرتسە يۈرىكى تۆشۈك ئىكەن دەپ دىئاگنوز قويۇپتۇ. دوىتۇرخانىنىڭ يۈرەك بۆلۈمىدە بۇنداق يۈرىكى تۇغما تۆشۈك بالىلاردىن نۇرغۇننى ئۇچراتقىلى بولاتتى. گويا يۈرەك كېسىلى چوڭلارنىڭ ئەمەس بالىلارنىڭ كېسىلىگە ئايلىنىپ قالغاندەك، بۇ يەردە تەمتىرىشىپ يۈرگەن ئانىلىرىنىڭ قوللىرىنى تۇتۇۋالغىنىچە ئەتراپقا نىمە ئىشلار بولۇۋاتقىنىنى بىلەلمەي قىزىقسىنىپ مۆلدۈرلىشىپ تۇرغان كىچىك بالىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك يۈرەك كېسىلى ئىدى. راھىلە بىلەن بىر بالىنىستا ياتقان ئون بەش ياشلىق بالا ئەتراپىدىكى كىشىلەرگە پات پات خۇددى ئارتۇقتىن ئارتۇق ياشاپ ئۇلارغا ئاۋارىچىلىق تېپىپ بېرىۋاتقىنىدىن خىجالەت بولغاندەك يەرنىڭ تېگىدىن قاراپ قوياتتى. بالا گۈپچەك بولۇپ، تازا ياخشى ئۆسەلمىگەنىدى. باشقىلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ دادىسى تۈگەپ كەتكىلى ئەمدىلا تېخى ئىككى ئاي بولغانىكەن. ئۇنى ئوپىراتسىيەگە ئېلىپ چىقىش ئالدىدا دوختۇر ئۇنىڭغا مەلۇم بىر خىل دورىنىڭ بەدەنگە ئۇرۇلغاندىن كېيىن قاتتىق ئاغرىتىدىغانلىقىنى ئېيىتتى ۋە ئۇنىڭدىن ئۇنىڭغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان بېرەلمەيدىغانلىقىنى سورىدى. بالا ئىنتايىن كەسكىنلىك بىلەن ئۆزىنىڭ بەرداشلىق بېرەلەيدىغانلىقىنى ئېيىتتى. ئارقىدىنلا ئەتراپتا قاراپ تۇرغانلارغا بىر قۇر قاراپ چىقىۋېتىپ، چىرايىدىكى كۈلكە بەكلا تېز ئۆچۈپ كەتتى. ئۇنىڭ لەۋلىرىنىڭ سۆسۈن رەڭگە كىرىۋاتقانلىقىنى سېزىپ، مەن قاراپ تۇرۇشقا بەرداشلىق بېرەلمەي دەرھال باشقا ياققا قارىۋالدىم.
پىسخولوگىيەدە كېسەللىكنى رېئاللىققا بولغان بىر خىل قارشىلىق شەكلى دەپ پەرەز قىلىدىغانلار مەۋجۇت. مەيلى قانداق بولىشىدىن قەتئىينەزەر كېسەل بولۇپ قېلىش ئىنسان ھاياتىدىكى ئىنتايىن مۇھىم بىر ئىشتۇر. شۇڭا كېسەل بولۇپ قېلىشنى يېزىش ئىنسانلارنىڭ ئۆز ئارا مۇھەببەتلەشكىنىنى ياكى بىر بىرىنى ئۆلتۈرگىنىنى يېزىش بىلەن ئوخشاشلا مۇھىم. لېكىن بەزى دەۋردە، بەزى كىشىلەر ئارىسىدا پەقەت ئادەم ئۆلتۈرگەنلەرنىلا يېزىشقا يول قويۇلۇپ، ئىنسانلار ئارىسىدىكى مۇھەببەتنى يېزىش روھىي جەھەتتىكى چېركىنلىك دەپ قارىلىدۇ، ئادەم ئۆلتۈرۈش تېمىلىرىلا ساغلام تېما دەپ قارىلىپ ئۇنى جەڭگىۋارلىق دەپ ئاتىشىدۇ. بەزى دەۋر ۋە بەزى كىشىلەر ئارىسىدا دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە، پەقەت مۇھەببەت تېمىسىلا بىردىن بىر بىخەتەر تېما بولۇپ قالىدۇ. كېسەللىك ۋە ھاياتلىق تېمىسى بەلكىم ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسىدە قارشى ئېلىنماسلىقى مۇمكىن. چۈنكى كېسەللىك تېمىسى نورمالسىز ھالدىكى جەڭگىۋارلارنىڭ جەڭگىۋارلىقىغا تەسىر يەتكۈزسە، قەلبىدە مۇھەببەت ئۇرغۇپ تۇرغانلارغا ئۆلۈمنى ئەسلىتىپ ئۇلارنىڭ ھاياتلىق ئىرادىسىنىڭ مەھسۇلى بولغان سۆيگۈ تۇيغۇسى بىلەن توقۇنۇشۇپ قالىدۇ.
مەن راھىلە تۈگەپ كېتىشتىن بىر نەچچە كۈن ئاۋال ئاجايىپ غەلىتىلا بىر چۈش كۆرۈپ ئىنتايىن كۆڭلۈم غەش ھالدا ئويغىنىپ كەتكەنىدىم. غەلىتە چۈشلەرنى كۆرۈش دائىم بولۇپ تۇرىدىغان ئىش بولسىمۇ، لېكىن ئاشۇ چۈشتىن كېيىن ئىچىمگە بىر قورقۇنچ كىرىۋالدى، بەلكىم ئۇ مەندىكى بىرەر كېسەللىك ئۆزگىرىشىنىڭ بېشارىتى بولسا كېرەك. كافكامۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا نۇرغۇن ئەسەرلەرنى چۈشىگە ئاساسەن يازغان، ھەتتا چۈشىنى بىۋاسىتىلا خاتىرىلەپ قويغانىكەن، كېيىن پسىخىك ئانالىز ئىلمىنىڭ ئالىملىرى بۇ چۈشلەرنىڭ كافكادا كۆرۈلگەن ئۆپكە تيۇبېركليۇز كېسىلى ۋە بۇ سەۋەبتىن بولغان چۈشكۈنلۈكنى ئىپادىلەيدىغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقىپتۇ. كافكا كېسەل بىلەن ياش تۇرۇپلا ئۆلۈپ كەتكەن. بەلكىم كافكانىڭ كېسىلىمۇ ئۇنىڭ ئەسەرلىرىگە ئوخشاشلا ئۇنىڭ باشقا بىر شەكىلدىكى سەنئىتى بولىشى مۇمكىن. يەنى ئۇ رېئاللىقنىڭ بىمەنىلىكىگە كېسەللىك ئارقىلىق تاقابىل تۇرغان.
سەنئەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى دائىم مەلۇم بىر خىل كېسەللىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن ئاۋازى بىر ئاز سېرىلاڭغۇ چىقىدىغان ناخشىچىنىڭ ئاۋازىنى سېھرىي كۈچكە ئىگە قىلغىنى نەپەس يولىدىكى كېسەللىك بولۇشى مۇمكىن. شۇنىڭدەك بىر شائىرنىڭ يازغان ئەڭ ئازابلىق شېىرلىرى ئۇنىڭ ئۆپكە كېسىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا، چېكىدىن ئاشقان قايناق ۋە جەڭگىۋار شېىرلىرى ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ ئېشىپ كېتىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. دائىم خۇنۇك رەڭلەرنى ئىشلىتىپ رەسىم سىزىدىغان رەسسامنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى ئادەتتىن تاشقىرى كۈچلۈك بولسا، ئىنتايىن يالتىراق ۋە ئوچۇق رەڭنى ئىشلىتىشكە كۆنگەن رەسسام تۇغما دېۋەڭ بولۇشى مۇمكىن. ئىشقىلىپ پۇتكۇل سەنئەتنىڭ يىلتىزى بىر خىل كېسەللىك، مەن بولسام بۇ خىل كېسەللىكنىڭ ئۆزىنىلا سەنئەتكە ئايلاندۇرماقچىمەن.
ئەدەبىي ئەسەرنى قورال دەپ قارايدىغان كىشىلەر ئەدەبىي ئەسەرلەردىكى كېسەللىك تەسۋىرىگە ئۆچ بولغان بىلەن ئۇنىڭ كىشىلەرنى زىلزىلىگە كەلتۈرىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلماي ئىلاجى يوق.
بالىلار ئاغرىپ قالغاندا ئاتا ئانىسى ئادەتتىكى چاغلاردىن بەكرەك كۆيۈنىدۇ. شۇڭا بالىلارنىڭ قەلبىدە مۇھەببەت داىم كېسەللىك بىلەن مەلۇم جەھەتلەردە باغلىنىشلىق. شۇڭا مۇھەببەت تراگىدىيىلىرىنىڭ ئەڭ كونىسى، شۇنداقلا كىشىلەرنى ئەڭ تەسىرلەندۈرىدىغىنى كۆپىنچە كېسەللىك تەسۋىرلەنگەن ئەسەرلەردۇر. مەسىلەن ئامېرىكىلىق يازغۇچى ئېرىچ سىگالنىڭ «مۇھەببەت ھېكايىسى» ناملىق ئەسىرى كىنو قىلىپ ئىشلەنگەندىن كېيىن دۇنيادا قاتتىق تەسىر قوزغىغان. بىزگە بەكرەك تونۇشلىقى ئۇنى پاكىستان تۇرمۇشىغا كۆچۈرۈپ ئۆزلەشتۈرۈپ ئىشلەنگەن «مەڭگۈلۈك مۇھەببەت» فىلىمى. بۇ ئەسەرلەردە پاجىئەلەرنىڭ يۈز بېرىشىنى تامامەن ساقايماس كېسەللىك كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. باش قەھرىمانلارنىڭ ۋىسال تېپىشىغا توسالغۇلۇق قىلغان رېئاللىققا بولغان تۇيغۇمىزنى كېسەللەرگە بولغان ھېسداشلىق ئاستا ئاستا ئۆزىمىزمۇ بىلمىگەن ھالدا كونترول قىلىدۇ. يەنە فرانسىيىلىك يازغۇچى ئالېكساندېر دۇماس پلىسنىڭ «چۇغلۇق قىز» ناملىق ئەسىرى بۇ جەھەتتىكى ئەڭ تىپىك مىسالدۇر. تيۇبېركليۇز كېسىلىگە گىرىپتار بولغان مارگارىت ئۆزىنىڭ كېسەللىكى ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ ئېڭىدىكى ئەخلاق بىلەن سىغىشالمايدىغان ئوبرازىغا رومانتىك تۈس بېرىپ، كىشىلەرنى تەسىرلەندۈرگەنىدى. شېكىسپېرنىڭ «دېنمارك شاھزادىسى ھاملېت» ناملىق درامىسىدا ھاملېتتىكى روھىي كېسەل ئۇنىڭ قەلبىدىكى مەۋجۇتلۇق ئازابىنى پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئازابى بىلەن بىرلەشتۈرگەچكە مەڭگۈلۈك بىر ئوبرازغا ئايلانغانىدى. يەنە ئالبېرت كامۇسنىڭ ۋابا كېسىلى تەسۋىرلەنگەن ئەسىرى «چۇما»دا ئىنسانىيەتنىڭ كوللېكتىپ ئۆلۈمگە دۇچار بولغاندىكى روھىي كەيپىياتى ۋە ئۆزىنىڭ دۇنيادىكى ئورنىنىڭ تامامەن يوقلىقىنى ھېس قىلغاندىكى ئىزتىراپىنى، ئىنساننى دۇنيانىڭ مەركىزى دەپ قارايدىغان ئىشەنچتىن قانداق قىلىپ بىر بىرلەپ مەھرۇم بولغانلىقىنى ۋابا كېسىلى ئارقىلىق تەسۋىرلەپ بەرگەن. دوستويېۋىسكىينىڭ ئەدەبىياتتىكى نەتىجىلىرىنى ئۇنىڭ تۇتقاقلىق كېسىلى بىلەن باغلاپ تەسەۋۇر قىلىشقا بولىدۇ. قەدىمقى رۇملۇقلار تۇتقاقلىق كېسىلىنى بىر خىل ئىلاھىي بىشارەت دەپ قارىغان. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئۇلۇغ ئادەملەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ تۇتقاقلىق كېسىلى بار، شۇڭا جۇلىئۇس قەيسەرنىڭ تۇتقاقلىق كېسىلىنى ئۇنىڭ تەبىئەتتىن ھالقىغان بىر كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنىڭ بەلگىسى دەپ قارىغان.
جىسمانىي كېسەللىك يەنە دائىم كىشىلەرنى مىستىك تۇيغۇلارغا ئەسىر قىلىدۇ. سولژىنېتسىن ئوتتۇز بىر يېشىدا ئۆپكە راكى بولۇپ قالغان، كېيىن كېسىلى ئويلىمىغان يەردىن ساقىيىپ قالغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزىنىڭ ساقىيىپ قېلىشىنى سىرلىق بىر ئىلاھىي كۈچتىن دەپ قاراپ، ئىنتايىن دىندار بىر يازغۇچىغا ئايلانغان.
سولژىنېتسىننى ئىلگىرى يالتسىن دەۋرىدە بىر قېتىم روسىيىگە قايتىپ كېلىشنى تەكلىپ قىلغان، سولژىنېتسىن روسىيىگە كېلىپ بىر قۇر كۆرگەندىن كېيىن، روسىيەدە ھەقىقىي دېموكراتىيىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى تېخى يىراقتىكى ئىش ئىكەن دەپ ئامېرىكىغا قايتىپ كەتكەن. پۇتىن ئۆز كۆڭلىدە رۇس ناتسىسلىرى ۋە مىللەتچىلىرىنىڭ ئالقىشلىرىغا مەستانە بولۇپ، روسىيە خەلقىنىڭ كۆڭلىنى ئۇتتۇم دەپ ئويلاپ، سولژىنېتسىننى يەنە بىر قېتىم روسىيىگە قايتىپ كېلىشكە تەكلىپ قىلغان. سولژىنېتسىن روسىيەنىڭ سىياسىتىنى تېخىمۇ ئەجەللىك تەنقىد قىلىپ، دېموكراتىيىدە بارغانسېرى ئارقىغا چېكىنىپتۇ دېگەن. شۇنىڭ بىلەن سولژىنېتسىننى روسىيەگە قايتۇرۇپ كېلىش ناھايىتى كۆڭۈلسىز ئاخىرلاشقان.
سولژىنېتسىن پۇتىننىڭ ھازىرقى روسىيە ھەققىدە كىتاب يېزىش ھەققىدىكى تەكلىپىنى رەت قىلغان. بۇنى روسىيە تەرەپ ئۇنىڭ ياشىنىپ قالغانلىقى سەۋەبىدىن دەپ چۈشەندۈرۈشكە تىرىشقان. مېنىڭچە سولژىنېتسىندەك بىر ئىنسانىي يازغۇچى پۇتىندەك بىر مۇستەبىتنىڭ بۇيرۇقى بىلەن كىتاب يازمايدۇ. مېنىڭ نەزىرىمدە ئۇنىڭ ئىنسانىيلىقى ئۇنىڭ ياشلىق ۋاقتىدىكى ساقايمايدۇ دەپ قارالغان راك كېسىلىدىن كەلگەن. چۈنكى ئۇ ئىنساننىڭ كېسەل بولىدىغانلىقىنى ۋە ئۆلىدىغانلىقىنى داۋاملىق ھېس قىلىپ تۇرغان. ئىنساندىكى ۋەھشىيلىك ئۆزىنى ئۆلۈم بىلەن مۇناسىۋەتسىز دەپ ئويلاشتىن كېلىدۇ. نۇرغۇنلىغان زالىملار سەكراتتا ياتقان چاغدىمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئۆلىدىغانلىقىغا ئىشەنمىگەن.
سوزۇلما خاراكتىرلىق كېسەللەرنىڭ كۆپىيىشى كىشىلەردە دېپرېسسيون پەيدا قىلماقتا. قايسى بىر يىلى ئىستاتىستىكا ماتېرىيالىغا قارىسام ئۈرۈمچىدە ئېغىر يېنىك ھەر خىل دەرىجىدىكى دېپرېسسيون كېسىلى كۆرۈلگەن كىشىلەر ئوتتۇز پىرسەنتتىن ئېشىپ كەتكەنىكەن. بۇنىڭغىمۇ ئون يىللار بولاي دەپ قالدى. ھازىر ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ بولۇشى مۇمكىن. بەزىلەرنىڭ قارىشىچە دېپرېسسيون مەدەنىيەت كېسىلى بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ئىلگىرىكىگە قارىغاندا ئېغىر-بېسىق ۋە غەمكىن بولۇپ كېتىشى مۇشۇ سەۋەبتىن بولسا كېرەك. بۇندىن يىگىرمە بەش يىللار ئىلگىرى، ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئۈرۈمچىگە كەلگەندە، كىشىلەرنىڭ ۋاڭ-چۇڭلىرىغا تولغان، ھېلىدىن ھېلىغا جىدەل ماجرا بولۇپ تۇرىدىغان بۇ شەھەر مېنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرغانىدى. مانا ھازىر كۆپ دەرىجىدە ئۆزگىرىپ كەتتى. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقان سوزۇلما خاراكتىرلىق كېسەللىكنىڭ نەتىجىسى بولسا كېرەك.
پىسخىك ئانالىز تەلىماتىدا ھېستىرىيە كېسىلىنى بارلىق كېسەللىككە تەدبىقلاش خاھىشى كۆرۈلگەن. بەدەن روھنىڭ چۈشى دېگەن قاراشنى ئەسلىتىدىغان بۇ قاراشلارغا ئاساسلانغاندا، ھېستىرىيە تۈپەيلىدىن پەيدا بولغان كېسەللىكنى بەدەن يالغاندىن ئويدۇرۇپ چىقارغان بولۇپ، ئۇنىڭ كىلىنىكىلىق ئالامەتلىرى ھەقىقىي كېسەللىك بىلەن ئوپ-ئوخشاش. نەزىلەر تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا، ھېستىرىيە بىلەن راست كېسەلنى پەرقلەندۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوقلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. چۈنكى، ئۇلارنىڭ ئېلىپ كېلىدىغان نەتىجىسى ئوپ-ئوخشاش. ئەلبەتتە مېدىتسىنادا ئۆمۈرلۈك كېسەللىك دەپ قارىلىدىغان بالاياتقۇ راكى، يۇقىرى قان بېسىمى، يۈرەك كېسىلى ۋە دىيابېت قاتارلىق سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى بەدەننىڭ ئويدۇرمىسى دەپ قاراش بۇ كېسەل ئالدىدا ئۈمىدسىزلەنگەن كىشىلەرگە تەسەللى بولىدۇ. بىز بۇنىڭغا قاراپ، مەلۇم مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا تىباتەتتىمۇ بەدىئىيلىككە قاراپ يۈزلىنىشنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى سەزمەي قالمايمىز.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ يىللىق دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگۇدا ھەر يىلى ئۈچ مىليوندىن ئارتۇق كىشىنى سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر بىلەن ئۆلىدىكەن. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بۇنى دېڭىز تاشقىنى سۇنامىغا ئوخشاتقان. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ 2012-يىللىق دوكلاتىغا قارىغاندا، جۇڭگۇدا سەككىز مىليون ئالتە يۈز مىڭ بىمار سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىك بىلەن ھاياتىدىن ئايرىلغان.
يېشىم قىرىقتىن ئاشقاندىن كېيىن مېنىڭ بىردىن بىر ئارزۇ قىلالايدىغىنىم مېنى قورشاپ تۇرغان يۈرەك كېسەللىكىنىڭ تەرەققىياتىنىڭ ئاستا بولىشى ياكى ھازىرقى ھالىتىنى ئۇزاقراق ساقلىشى بولۇپ قالدى. بۇ يۈرەك كېسىلىنىڭ تۈپتىن ساقىيىشىدىن ئۈمىدنى ئۈزگەندىن كېيىنكى بىردىن بىر ئارزۇ. تولۇق ساقىيىپ كېتىشى مۇمكىن بولمىغان كېسەللىكلەرگە بۇندىن باشقا قانداقمۇ بىر روھىي ھالەتتە مۇئامىلە قىلىش مۇمكىن؟ راھىلە ئۈرۈمچىگە كېسەل داۋالاتقىلى كەلگەندە تىببى ئۇنىۋېرسىتېتتا ئىشلەيدىغان ساۋاغدىشىمنىڭ يېنىغا ئېلىپ باردىم. ئۇ يۈرەك كېسىلى دوختۇرى ئىدى. مەن ئۇنىڭدىن راھىلەنىڭ كېسىلىنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى بىر مەھەل ساقلاشنىڭ ئىمكانىيىتى بار يوقلىقىنى سورىغانىدىم. ئۇ يۈرەك دالانچىسىدا قان نوكچىسىنىڭ شەكىللىنىپ قالغانلىقىنى، شۇڭا ھازىرقى ھالىتىنى بىر مەھەل ساقلاشنىڭ ئىمكانىيىتى يوقلىقىنى ئېيىتتى.
ئادەملەر دائىم ئۆزىنى مەڭگۈ ياشايدىغاندەك ئويلايدۇ. شۇڭا ئۆزىگە كېرەكلىك نەرسىلەرنىڭ قانچىلىك چىدايدىغانلىقىنى ناھايىتى ئىنچىكە سۈرۈشتۈرىدۇ. بىر قېتىم بازاردىن لەپتوپ سېتىۋالماقچى بولۇپ، بىر بۇرادىرىمدىن، زادى ھازىرقى لەپتوپلارنىڭ ئۆمرى قانچىلىك؟ دەپ سورىۋىدىم، ئۇ، سىز لەپتوپنىڭ ئەمەس، ئاللاھدىن ئۆزىڭىزنىڭ ئۆمرىنى تىلەڭ، دەپ جاۋاب بەردى. بۇ گەپ مېنى ئويلاندۇرۇپ قويدى. راھىلەنى ئوپىراتسىيە قىلغاندا ئۇنىڭ يۈرىكىگە سېلىنغان سۈنئىي كلاپاننىڭ قانچىلىك چىدايدىغانلىقىنى تەپسىلى سۈرۈشتۈرۈپ كەتكەنىدىم. دوختۇرلار يىگىرمە يىل ئەتراپىدا يېتىدۇ، دېگەندە، مەن يەنىلا ئۇنىڭ يىگىرمە يىلدىن كېيىن قانداق قىلىشى ھەققىدە باش قاتۇرغانىدىم. ئەمەلىيەتتە راھىلە ئاشۇ كلاپاننىڭ دوختۇرلار ئېيتقان ئۆمرىنىڭ سەكسەندىن بىرىنىمۇ ياشىيالمىدى.
ھاياتلىقنىڭ تەمىنى تېتىغان ھەرقانداق بىر جانلىق ئۆلۈمنىڭمۇ تەمىنى تېتىماي قالمايدۇ. قاچان ئۆلىدىغانلىقى پەقەتلا ۋاقت مەسىلىسى. بۇ ھەممە كىشىگە ئايان. شۇڭا كۆپىنچە كىشىلەر ئۆلمەسلىكنىڭ كويىدا ئەمەس پەقەت مانا مۇشۇ ۋاقىتنىڭ كويىدا. ئەلبەتتە، يەنە دۇنيادا ئۆزىنىڭ ئۆلىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيدىغان كىشىلەرمۇ مەۋجۇت. بەلكىم بۇ كىشىلەر ئۆزىنىڭ ئۆلىدىغانلىقىغا ئىشەنمەسلىكنى پەقەت ئۆلۈمنى ئۇنتۇش ياكى زېھنىنى باشقا ئىشلارغا تولۇق بېرىۋېتىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرسا كېرەك. ئەلبەتتە مەندە بۇنداق ئىقتىدار يوق. تەڭتۈشلىرىمنىڭ قازا قىلىشقا باشلىغانلىقى ماڭىمۇ ئۆلۈمنىڭ ئىلگىرىكىگە قارىغاندا بەكرەك يېقىنلاپ قالغانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ. راھىلە تۈگەپ كەتكەندىن كېيىن ئەتراپىمدىكى ھەممە ئادەمنىڭ لەۋلىرىدە سۆسۈن رەڭ باردەك ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالدىم. كىمگىلا قارىسام لەۋلىرىدىكى سۆسۈن رەڭ ھېلىلا قېنىقلىشىپ كېتىدىغاندەك تۇيۇلۇپ كېتىدۇ. بەلكىم مېنىڭمۇ سۆسۈنلىشىپ كېتىدىغاندۇ، پەقەت بۇنى ئۆزۈم بىلمەي يۈرگەندىمەن.
شەرقنىڭ تارىخىدا ئۆلمەسلىكنىڭ دورىسىنى ئىزدەشلەر بولۇپ ئۆتكەن. بولۇپمۇ زالىم پادىشاھلار، ئۆزى قانچىلىك جىق ئادەم ئۆلتۈرگەن بولسا شۇنچىلىك قاتتىق تىرىشىپ جان جەھلى بىلەن ئۆلمەسلىكنىڭ دورىسىنى ئىزدىگەن. ئاشۇلارنى ئويلىغىنىمدا شۇنى ھېس قىلىپ تۇرىمەنكى، مەن داۋاملىق ئۆلۈمنى ئەسلەپ تۇرغالىقىم ئۈچۈن زالىملىقتىن يىراقمەن. ئۆزۈمگىمۇ باشقىلارغىمۇ زۇلۇم قىلمايمەن. ھېچكىمگە زۇلۇم قىلمىغانلىقىم ئۈچۈن، مەڭگۈ ئۆلمەسلىك دېگەن ئىشلارغا، ھەتتا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش مەسىلىسىگىمۇ قىزىقمايمەن. ئۆلۈم شۇ قەدەر ئاددى. خۇددى راھىلەنىڭ ئۆلۈمىنى ئۈن تىنسىز قوبۇل قىلغانغا ئوخشاش، ئۆلۈم ئۆزۈمگە كەلگەندىمۇ ئۇنى قوبۇل قىلىشتا قىيىنچىلىق ھېس قىلماسلىقىم مۇمكىن.
2013- يىلى 14- ئىيۇن
ئۈرۈمچى

Leave a Reply

Your email address will not be published. Required fields are marked *