Blog

مۇسىبەتنامە

مۇسىبەتنامە
مەرھۇم ئانىمىز_ زەينۇرە ئۆزتۈرك خانىم (Zeynure ÖZTÜRK( 1946-يىلى 17-مارت شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاقسۈ ۋىلايىتىدە تۇغۇلغان بولۇپ ، 2022-يىلى 8-يانۋار شەنبە كۈنى تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇلدا كېسەل سەۋەبىدىن ئالەمدىن ئۆتتى.
مەرھۇم ئانىمىز ھاياتىنى ئۇيغۇر مىللەتچىلىكى، ئىنسانىيەت، ئۈممەت ۋە مىللىتىمىزنىڭ تارىخىغا بېغىشلىدى. ئۇ «مەھمۇت قەشقىرى »، «يۈسۈپ خاس ھاجىپ» قاتارلىق نۇرغۇن تارىخىي ۋە ئەدەبىي ئەسەرلەرنى تۈركچىگە تەرجىمە قىلغان. ئۇ تەرجىمان بولۇپلا قالماي مىللىي مەنپەئەتىمىزنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغان بىر جەڭگىۋار ئىدى .
ئەتە (1_ ئاينىڭ 9_ كۈنى_ يەكشەنبە) چۈشتە نامازدىن كېيىن شاكىرىن مەسچىتى (ئىرىناكىرىن مەسچىتى) دە نامىزى چۈشۈرۈلىدۇ. خەلقىمىزنىڭ قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز!
مەرھۇمەنىڭ ئەۋلادلىرى، ئۇرۇق- تۇققانلىرى ۋە مىللىتىمىزگە سەبىر تىلەيمىز.
ئاللاھتىن مەرھۇمەنىڭ ئاخىرىتىنى گۈزەل قىلىشىنى، خاتالىقلىرىنى كەچۈرۈم قىلىپ ياتقان يېرىنى جەننەتتە قىلىشىنى تىلەيمىز!

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ