شائىرە راھىلە كامال خانىمنىڭ «كامال كەتتى» ناملىق كىتابى نەشر قىلىندى

بۈگۈن چەتئەلدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئۈچۈن يەنە بىر گۈزەل ئەسەر نەشىردىن چىقتى.
راھىلە كامال Chimen Diyar خانىمنىڭ ئۇشبۇ شېئىرلار توپلىمى، تەھرىرلىكىنى قىلىش جەيرانىدا، مەن ئەڭ ھۇزۇر ۋە خۇشنۇد ھىس قىلغان كىتابلاردىن بىرى بولدى.
تەھرىرلەش جەيرانىدا قەلىمى پىشقان بىر شائىرەنىڭ قايناق ھىس-تۇيغۇلىرىغا جور بولسام، گاھىدا بىر ئايالنىڭ ئۆزلۈك گىرۋەكلىرىدىكى چۇقانلىرىدىن، گاھىدا بىر ئانىنىڭ مېھرىبان بېقىشلىرىدىن، گاھىدا بوغۇق مىللەت پەرزەنتىنىڭ ياڭراق ۋە جۇشقۇن مىسرالىرىدىن، ئوقۇرمەننى ئىچىگە ئەكىرىپ كېتىدىغان سىھىرلىك ئىماگلىرىدىن ھەيران قالدىم. كۆڭلۈمدە: قەلىمى مۇشۇنداق پىشقان تالانتلىق كىشىلىرىمىز چەتئەلدە نېمىشقا يوقاپ كېتىدىغاندۇ؟ ھايات ھەلەكچىلىكىدە قايمۇقۇپ قەلەمنى تاشلىۋىتىدىغان ئوخشىمامدۇ؟… ۋەتەندە مول ھۇسۇللۇق ئەدىبلىرىمىز چەتئەلدە مېۋىسىز دەرەخكە ئوخشاپ قالىدىكەن، نېمىشقا چەتئەلدە يېزىشقا تىگىشلىك شۇنچە كۆپ تېمىلار تۇرۇپ قەلەملەر توختاپ قالىدۇ؟ – دېگەندەك سۇئاللارنى ئويلىدىم.
قەدىرلىك ئوقۇرمەن، سىز بۇ كىتابنى ئوقۇغاندا، نۇقۇل شائىرەنىڭلا دۇنياسىغا ئەمەس، بەلكى بىر ئايالنىڭ تەسەۋۋۇردىكى نازۇك دۇنياغا كىرىپ قالىسىز ۋە شۇ دۇنيادا «شام يېقىپ ئولتۇرۇپ ئېرىنى ساقلاۋاتقان» رومانتىك بىر ئايالنى، شۇنچىلىك مېھرىبان بىر ئانىنى، « لەيلا»نىڭ دوستىنى، «رەشىدە»نى، «ئىپارخان»نى، « موللاقىز»نى، « ئاسمان رەڭلىك بىر دىلبەر »نى، «يۇلتۇزلارغا ئايلىنىپ كەتكەن» ئىنسانلارنى، «يالغۇز شەھەردىكى بىر پۇقرا»نى ۋە قىزىدىن پەخىرلىنىپ ئولتۇرغان «كامال» ئىسىملىك دادىلىرىمىزنى كۆرەلەيسىز.
چەتئەلدە كۆپىنچىمىز بۇ دادىلارنىڭ نۇرلۇق چېھرىنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بۇلالمىدۇق، ئۇلارنىڭ ئاۋازىنىمۇ ئاڭلىيالمىدۇق. ئەمدى ئاڭلايلى دىسەك «كاماللار كەتتى»، قالغانلىرى تۈرمىلەردە ۋە ياكى ئۆيلەردە مەھبۇس ھەم يالغۇز. بۇ غېرىبانە دۇنيادا ھەممىمىز ھايات ئەزىزلىرىمىزنى قەدىرلەيلى، يېنىمىزدىكىلەرنىڭ قەدرىگە يىتەيلى، ھېچكىممۇ بۇ ھەسرەتلىك جۈملىلەر بىلەن يۈرىكى زەرداب بولۇپ، بۇ دۇنياغا تەرك قىلىنمىسۇن. «كېلەر ئىكەن كەتكەنلەر بىر كۈن، كەلمەيدىكەن كەتمەنلەنگەنلەر».
– ئالىمجان مەتقاسىم (غەمناكى)