«تىلسىز قۇشلار» ناملىق كوللېكتىپ شېئىرلار توپلىمىنىڭ 2-قىسمىغا ئەسەر قوبۇل قىلىنىدۇ

«تىلسىز قۇشلار» ناملىق كوللېكتىپ شېئىرلار توپلىمىنىڭ 2-قىسمىغا ئەسەر قوبۇل قىلىنىدۇ
دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ يېقىنقى ئىجادىيەتلىرىدىن تاللاپ «تىلسىز قۇشلار» كوللېكتىپ شېئىرلار توپلىمىنىڭ 2-قىسمىنى نەشر قىلىشنى كۈنتەرتىپكە قويدى.
«تىلسىز قۇشلار» ناملىق شېئىرلار توپلىمىنىڭ 1-قىسمى 2020-يىل دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسى تەرىپىدىن تەييارلانغان ۋە نەشر قىلىنغان بولۇپ، توپلامغا مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان 26 شائىرنىڭ 169 پارچە تاللانغان شېئىرى كىرگۈزۈلگەن. بۇ توپلامدىكى شېئىرلار مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ تۇنجى ئاۋازى، ئۆز خەلقى ۋە دۇنياغا ئاڭلاتقان نىداسى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ، ئۇلار مۇساپىرەتتىكى جۇدالىق ھېسسىياتىنى، ۋەتەنگە بولغان سېغىنىشلىرىنى، ئانا تۇپراق، ئانا ۋەتەن، ئانا تىلغا باغلانغان چوڭقۇر مۇھەببىتىنى، دۇنيادىن ئېلىپ دۇنياغا ئاڭلاتماقچى بولغان چوڭقۇر ھېسسىياتىنى، مۇھاجىرەتتىكى باشقىلار ئۆز قەلبىنىڭ چوڭقۇر تەكتىگە كۆمۈۋەتكەن، ئەمما ئىپادىلەپ بېرەلمەيۋاتقان ئىنسانىي تۇيغۇلىرىنى، جۈملىدىن قايغۇ-ھەسرەت، دەرد-پىغانلىرىنى، ئۈمىدسىزلىك ئىچىدىن يۇلقۇنۇپ چىقىۋاتقان ئۈمىدلىرىنى ئىپادىلەپ، چېگرا ھالقىغان ئەدەبىياتىمىزنىڭ ئەركىن تىنىقلىرىنى كۆپچىلىككە ھېس قىلدۇرغانىدى.
ئارىدىن 6 يىل ئۆتتى، كەچمىشلەر، تۇيغۇلار، ھېسسىياتلار يېڭىلاندى، شائىرلىرىمىز باشقىلارغا ئوخشاشلا چەتئەلدىكى ھايات بېسىمى، ۋەتەن ھەسرىتىدىن قۇتۇلالمىدى. شائىر دەل چۈشلىرىدە ۋەتەننى، مەھەللىسىنى كۆرۈپ ئەتىسى ئويغىنىپ، يات ئەلدىكى ھاياتىدىن تېڭىرقاپ، چۈشىنى بار كۈچى بىلەن ئەسلەشكە تىرىشقان ئىنساندۇر؛ شائىر ئىچىدىكى ھەسرەتتىن تۇنجۇقۇپ قالماسلىق ئۈچۈن ئۆزىنى ئىپادىلەشتىن ۋاز كەچمەيدىغان، ئانا تىل ئىشقىدىن ئۆلسىمۇ ئايرىلمايدىغان ئىنساندۇر؛ ،ئۇيغۇر تىلى بىر مەنىدىن ئېيتقاندا شېئىر تىلى، مۇزىكا تىلى، ئۇنىڭغا ئاشىق ئىنسان ئۇنىڭدىن قانداقمۇ ۋاز كەچسۇن؟ بىز ئەنە شۇ شائىرلارنىڭ خاتىرىلىرىدە كۆمۈلۈپ قالغان شېئىرلارنى توپلاپ، ئۇلارنى تاللاپ، «تىلسىز قۇشلار»نىڭ 2- قىسمىنى يورۇقلۇققا چىقارماقچىمىز.
بۇ توپلام ئاۋۋالقى توپلامنىڭ يېڭى تەرەققىياتى، تىلى يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان بىر مىللەتنىڭ ئۈمىد ۋە غەيرەت بىلەن تىركىشىشىنىڭ داۋامى، ئىجتىمائىي تاراتقۇنىڭ ۋاراڭ-چۇرۇڭلىرى بۇرۇنقىدىنمۇ بەك ئەۋج ئالغان بۇ دەۋردە، بىر بۇلۇڭدا ئۆز روھىنىڭ تىۋىشلىرىغا قۇلاق سېلىپ، تەپەككۇرغا چۆمگەن شېئىر ئاشىقلىرىنىڭ تېخىمۇ ئۆزگىچە، تېخىمۇ نادىر، تېخىمۇ ساپ ئاۋازى بولغۇسى.
بۇ توپلامدا دۇنيا يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئەزالىرىدىن باشقا، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان، شېئىر بىلەن ھاياتىنى مەنىگە ئىگە قىلغان، بەلكى ھاياتىنى شېئىردەك گۈزەل ئۆتكۈزۈشكە ئادەتلەنگەن، ئۈمىدىنى نورۇز گۈلىدەك ياشارتىۋاتقان شائىرلىرىمىزنىڭ ھەر خىل ئۇسلۇبتىكى شېئىرلىرىنىڭ ئورۇن ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
شائىرلار ئەسەرلىرىنى يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئېلخەت ئادرىسىغا ئەۋەتسە بولىدۇ.
ئەسەر قوبۇل قىلىش ۋاقتى 3-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن باشلاپ 5-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە بولىدۇ.
ئەسەر ئەۋەتكۈچىلەرنىڭ ماۋزۇ ياكى مەزمۇن قىسمىغا «تىلسىز قۇشلار» دەپ ئەسكەرتىپ قويۇشىنى سورايمىز. بۇ توپلامغا كىرگۈزۈلىدىغان شېئىرلارنى تاللاشقا قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن شائىرلار ئاۋۋال ئۆزى ئەڭ ياخشى دەپ قارىغان شېئىرلىرىدىن (5 پارچىدىن 10 پارچىغىچە، ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ) شېئىر ئەۋەتسە بولىدۇ، شۇنداق بولغاندا بۇ توپلام بىرلا شائىرنىڭ ئاۋازى ئەمەس، كۆپ شائىرنىڭ ئاۋازى مۇجەسسەملەنگەن نادىر مەجمۇئە بولالايدۇ.
دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسى ئەزالىرى ئەزالار جەمگاھىدا ئېلان قىلغان شېئىرلىرىنى بۇ توپلام ئۈچۈن ئايرىم تەۋسىيە قىلسا (توپتا ئېلان قىلغان كۈنىلا «تىلسىز قۇشلار ئۈچۈن» دەپ ئەسكەرتىپ قويسا) بولىدۇ. شۇنداق بولغاندا بىز ئۇ شېئىرلارنى توپلام ئۈچۈن «كاندىدات شېئىر» قىلالايمىز. بۇ يەردە ئەسكەرتىشنى خالىمىغانلار ئېلخەت ئادرېسىغا ئايرىم ئەۋەتسىمۇ بولىدۇ.
ئەسەرگە قويۇلىدىغان تەلەپلەر:
شېئىرلار ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان بولۇشى كېرەك؛
تەرجىمە شېئىرلار ئەمەس، ئۆز ئىجادىيىتى بولۇشى كېرەك؛
ئىملاسى توغرا، سۆز-جۈملىلەر شېئىرىي تۇيغۇنى ئەركىن ئىپادىلەشكە توسقۇنلۇق قىلمىغان ئاساستا ئەقەللىي تەلەپكە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك.
شېئىرلار توپلىنىپ مەلۇم سانغا يەتكەندە، دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسى تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن مەخسۇس گۇرۇپپا ئۇلارنى تاللاش، تەھرىرلەش ۋە نەشرگە تەييارلاشقا مەسئۇل بولىدۇ.
– دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسى
2026-يىل 3-ئاينىڭ 11-كۈنى
