Blog

ئۇيۇشما تەشكىلىنى قىسمەن تەڭشەلدى

ئالدى بىلەن سىلەرنىڭ ئۇيۇشمىمىزنىڭ خىزمەتلىرىنى قوللاپ كەلگىنىڭلارغا رەھمەت ئېيتىمىز. ھەممىڭلارغا مەلۇم بولغىنىدەك، دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسى 2018 – يىلى 15- ئاپرېلدا ئىستانبۇلدا قۇرۇلغانىدى، بۇ يىل ئۆكتەبىردە شىۋېتسىيەدە رەسمىي تىزىمغا ئالدۇرۇلدى. ئۇيۇشما تىزىمغا ئالدۇرۇلغاندىن كېيىن، بىز ئۇيۇشما ھەيئىتىدىكىلەر ئىككى يىللىق خىزمەتلەرنى خۇلاسە قىلىپ، ئۇيۇشما نىزامنامىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، ئۇيۇشما ئىشلىرىنىڭ تېخىمۇ ساغلام ۋە ئوڭۇشلۇق تەرەققىي قىلىشىنى كۆزدە تۇتۇپ، كۆپ تەرەپلىمە پىكىر ئېلىش ۋە مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق، ئۇيۇشما تەشكىلىنى قىسمەن تەڭشىدۇق. تەڭشەشتىن كېيىنكى ئۇيۇشما تەشكىلى تۆۋەندىكىچە:
ئۇيۇشمىنىڭ مەسلىھەتچىلىرى ( تۆت نەپەر مەسلىھەتچى تەكلىپ قىلىندى):
ئالىمجان ئىنايەت (تۈركىيە)
ئەسەت سۇلايمان (ئامېرىكا)
مۇقەددەس نۇر (ياپونىيە)
نۇرەخمەت قۇربان (تۈركىيە)
ئۇيۇشما تەپتىشى(بىر نەپەر تەپتىش تەكلىپ قىلىندى):
تۇيغۇن ئابدۇۋەلى (كانادا)
ئۇيۇشما بوغالتىرى (بىر نەپەر بوغالتىر تەكلىپ قىلىندى):
راھىلە كامال (شىۋىتسىيە)
ئۇيۇشما ھەيئەت ئەزالىرى (ھەيئەت ئەزالىرى بۇرۇنقى يەتتە نەپەردىن بەش نەپەرگە تەڭشەلدى):
تاھىر ھامۇت ئىزگىل ( رەئىس، ئومۇمىي ئىشلارغا مەسئۇل، ئامېرىكا)
مۇتەللىپ سەيدۇللا (مۇئاۋىن رەئىس، ئەزا ۋە نەشرىيات ئىشلىرىغا مەسئۇل، نورۋىگىيە)
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد (باش كاتىپ، مالىيە ۋە ئالاقە ئىشلىرىغا مەسئۇل،شىۋىتسىيە)
زۇلھايات ئۆتكۈر (تەشۋىقات ئىشلىرىغا مەسئۇل، شىۋىتسىيە)
ئەركان قادىر (ياشلار ۋە پائالىيەت خىزمىتىگە مەسئۇل، تۈركىيە)
يېڭىدىن ۋەزىپىگە تەكلىپ قىلىنغان ۋە تەيىنلەنگەنلەرنى قىزغىن قارشى ئالىمىز. شۇنداقلا، ھەممىمىزنىڭ ئۇيۇشما ئىشلىرىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىمىزغا تىلەكداشمىز.
ئۇيۇشمىنىڭ تەشكىلى تەڭشەلگەندىن كېيىن، ئەزا قوبۇل قىلىش ئىشلىرىغا ئائىت يېڭى بەلگىلىمە مۇشۇ نەچچە كۈن ئىچىدە مۇشۇ يەردە ئېلان قىلىنىدۇ.
ھەممىڭلارغا رەھمەت!
ھۆرمەت بىلەن
دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسى ھەيئىتى
2020 – يىل 18- دېكابىر

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ