يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسى تەرجىمە ۋە تەھرىر گۇرۇپپىسى قۇرۇلغانلىقى ھەققىدە بىلدۈرگۈ

كېيىنكى ئون يىل جەريانىدا چەتئەلدىكى ئۇيغۇر نەشرىياتچىلىق ئىشلىرىدا خېلى زور تەرەققىياتلار بارلىققا كەلدى. تۈركىيەنى مەركەز قىلىپ قۇرۇلغان ئۇيغۇر كىتابخانىلىرىنىڭ سانىمۇ كۆرۈنەرلىك كۆپەيدى. مۇقىم نەشر قىلىنىۋاتقان بىر قانچە ژۇرناللاردىن سىرت ھەر يىلى ئونلىغان ئىجادىي ۋە تەرجىمە ئەسەرلەر نەشر قىلىنماقتا. بىراق چەتئەلدىكى ئۇيغۇر نەشرىياتچىلىقى خېلى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بولسىمۇ، ئەمما تولۇق كەسىپلەشكەن بىر نەشرىياتنىڭ ۋە نەشرىياتلارنىڭ خىزمىتىنى، نەشىر بۇيۇملىرىنىڭ سۈپىتىنى نازارەت قىلىدىغان ئورگاننىڭ بولماسلىقى ۋە كەسپىي خادىملارنىڭ كەمچىل بولۇشى سەۋەبلىك نەشر قىلىنغان كىتابلارنىڭ تىلى، جۈملە قۇرۇلمىسى ۋە ئىملالىرىدا ئوخشىمىغان سەۋەنلىك ۋە خاتالىقلار سادىر بولماقتا. گەرچە كىتابلاردا كۆرۈلگەن بۇ خىل خاتالىق ۋە سەۋەنلىكلەر قارىماققا كىتابلارنىڭ ئومۇمىي سۈپىتىگە تەسىر كۆرسەتمىگەندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما سەزگۈر ۋە ئەستايىدىل ئوقۇرمەنلەرنىڭ زوقلىنىش تۇيغۇسىغا سەلبىي تەسىر كۆرسەتمەكتە، يەنە بىر تەرەپتىن كىتابلاردىكى بۇ خىل خاتالىقلار ئۇيغۇر نەشرىياتچىلىقنىڭ ھازىرقى سەۋىيەسىگە ئىجابىي باھا بېرىشتە قىينىلىدىغان مۇھىم بىر نۇقتىدۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر ئەسەرلىرىنى نەشر قىلدۇرۇشنى ۋە باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلدۇرۇشنى پىلان قىلغان ئاپتورلار ئەسەرلىرىنىڭ سۈپەتلىك نەشر قىلىنىشىنى ئويلىسىمۇ، ئەمما ئىشنى نەدىن باشلاپ، نەدە ئاخىرلاشتۇرۇشتا قىينىلىدۇ. دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسى ئەسەرلىرىنى نەشر قىلىش ۋە باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىشتا قىيىنچىلىققا يولۇققان ئاپتورلارنىڭ ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ «تەرجىمە ۋە تەھرىر گۇرۇپپىسى»نى قۇرۇپ چىقتۇق. بىزنىڭ خىزمىتىمىز ھازىرچە تۆۋەندىكى دائىرىدە بولىدۇ.
1- كىتاب نەشر قىلىشنى ئويلىغان، ئەمما ئىشنى نەدىن باشلاشتا قىيىنچىلىققا يولۇققانلارغا كەسپىي جەھەتتىن مەسلىھەت بىرىدۇ.
2- شېئىرلار توپلىمى، ھېكايىلەر توپلىمى، رومان ۋە ئىلمىي ئەسەرلىرىنى نەشر قىلدۇرماقچى بولغان ئاپتورلار تەھرىرلىك ۋە كوررېكتورلۇق خىزمىتىگە ئېھتىياجى تۇغۇلسا، تەرجىمە ۋە تەھرىر گۇرۇپپىمىز تەھرىرلىك ۋە كوررېكتورلۇق مۇلازىمىتى بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. كىتابنىڭ كەسپىي جەھەتتە سۈپەتلىك چىقىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.
3- ئاپتورلار شېئىر، ھېكايە، رومان ۋە باشقا ئىلمىي ئەسەرلىرىنى تۈرك تىلىغا ياكى تۈرك تىلىدىن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلدۇرۇشنى ئويلىسا، تەرجىمە ۋە تەھرىر گۇرۇپپىمىز تەرجىمە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. ھازىرچە تەرجىمە ئىشلىرى پەقەت تۈرك ۋە ئۇيغۇر تىللىرى ئارىسىدا بولىدۇ.
ئەسەرلىرىنى تۈركچە ژۇرناللاردا ئېلان قىلماقچى ياكى تۈرك نەشرىياتلىرىدا نەشر قىلماقچى بولغانلارغا ياردەمدە بولىدۇ.
4- دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تەشكىلاتلار ئۇيغۇرچە يازما ۋە دوكلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇر تىلىنىڭ قائىدىسى بويىچە راۋان سۈپەتلىك بولۇشىنى ئويلىسا، تەرجىمە ۋە تەھرىر گۇرۇپپىمىز تەھرىرلىك ۋە كوررېكتورلۇق مۇلازىمىتى بىلەن تەمىن ئېتىدۇ.
5- يۇقىرىقى مۇلازىمەتلەرگە تۈركىيەدە بىرلىككە كەلگەن ۋە گۇرۇپپىمىز تەرىپىدىن بېكىتىلگەن باھا جەدۋىلى بويىچە ھەق ئېلىنىدۇ، ھەق تۈرك لىراسى بويىچە ھېسابلىنىدۇ. قىسمەن ئەسەرلەرنىڭ قىيىن ياكى ئاسانلىقىغا قاراپ ئاپتور بىلەن قايتا مەسلىھەت قىلىشقا بولىدۇ.
6- تەرجىمە، تەھرىرلىك ئىشلىرى رەسمىي باشلىنىشتىن ئىلگىرى ئارىدا ئورۇنسىز كۆڭۈلسىزلىكنىڭ بولماسلىقى ئۈچۈن، ئاپتور بىلەن گۇرۇپپىمىز ئوتتۇرىسىدا يازما توختام تۈزىلىدۇ. توختامغا ھەر ئىككىلا تەرەپ قول قويغاندىن كېيىن، ئىش رەسمىي باشلىنىدۇ ۋە بەلگىلەنگەن مۇددەتتە تاپشۇرۇلىدۇ، سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.
7- ئالاقە ئۈچۈن ئۇيۇشما ئېلخەت ساندۇقىغا ئۇچۇر قىلسىڭىز بۇلىدۇ:
ھۆرمەت بىلەن: دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسى «تەرجىمە ۋە تەھرىر گۇرۇپپىسى»
2022-يىلى 7-ئاينىڭ 30- كۈنى