مەزلۇملار ۋە زالىملار (رومان) 1-قىسىم – ئۆمەر ئىمىن

ئاپتوردىن
ھۆرمەتلىك كىتابخان!
قولىڭىزدىكى «مەزلۇملار ۋە زالىملار» ناملىق ئىككى قىسىملىق بۇ رومان ئاخىرى تاماملاندى. مەزكۇر رومان مەن ئىلگىرى يېزىپ نەشر قىلدۇرغان «لاگېر پاجىئەلىرى ھەققىدە ئوچورىك ۋە ھېكايىلەر» ناملىق كۆپ قىسىملىق ئەسىرىمنىڭ داۋامى سۈپىتىدە يېزىلغان بولۇپ، خىتاي كوممۇنىست باسقۇنچىلىرىنىڭ ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندا 2016 – يىلىدىن بۇيان بەرپا قىلغان، ئەمما ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە يۈز بەرگەن يەھۇدىي چوڭ قىرغىنچىلىقىدىن ساۋاق ئېلىش مۇناسىۋىتى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن چىقىرىلىپ، «ئەمدى قايتا تەكرارلانماسلىقى كېرەك!» دېيىلگەن بولسىمۇ، لېكىن: «دىنى ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ۋە ئىدىيە ئۆزگەرتىش»نامىدا خىتاي كوممۇنىست باسقۇنچىلىرى تەرىپىدىن ئاتالمىش!«كەسپى قايتا تەربىيەلەش مەركىزى»نىڭ قايتىدىن قۇرۇلۇشى ۋە مىليونلىغان بىگۇناھ ئىنسانلارنىڭ مەجبۇرى ھالدا تۇتقۇن قىلىنىپ، قاراڭغۇ كامىرلاردا، يەر ئاستى سوراقخانىلاردا ئېغىر قىيىن-قىستاقلارغا دۇچار قىلىنىشى، ھەددىدىن زىيادە قاتتىق بولغان سوراق جەريانىدا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ مېيىپ بولۇپ قېلىشى ۋە ۋاقىتسىز ئۆلۈپ كېتىشىدەك يۈرەكنى ئېچىشتۇرىدىغان پاجىئەلىرى ھەرقايسى مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىندى ھەمدە بۇ پاجىئەلەر خىتاي جازا لاگېرىدىن قۇتۇلۇپ چىققان تىرىك شاھىتلار ئارقىلىق مۇھاجىرەت دۇنياسىغا يېتىپ كېلىپ، مىللى غۇرۇرىمىز ۋە قەلبىمىزنى ئېغىر دەرىجىدە زېدىلىدى.
قىسقىسى، ئاتالمىش! «كەسپىي قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرى»دىن چىقىۋاتقان ئېچىنىشلىق نالىلەر ۋە ئىنسانلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنىڭ دەپسەدە قىلىنىشى خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا ئارقا-ئارقىدىن خەۋەر قىلىنىپ، بۈتۈن دۇنيادىكى ئىنسانپەرۋەر كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرغان، ئۇلارنىڭ ھېسداشلىقى ۋە نارازىلىقىنى قوزغىغان بولسىمۇ، ئەمما بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ كاللىسىدا: «مۇشۇ 21-ئەسىردىمۇ مۇشۇنداق ئىشلار بولۇۋاتامدۇ؟بۇ قانداق بولغىنى؟»دېگەندەك سوئاللارنى پەيدا قىلدى.
شۇنداق ئەھۋالدا، ئۇ ئاتالمىش! «كەسپىي قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دە يۈز بەرگەن دەھشەتلىك پاجىئەلەرنى، ئۇنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى ۋە ماھىيىتىنى پاش قىلىپ، خەلقى-ئالەمگە نامايان قىلىش مۇھاجىرەتتىكى قەلەمكەشلەرنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن مۇقەددەس ۋەزىپە بولۇپ قالدى. شۇ سەۋەبتىن مۇھاجىرەتتىكى بىر قىسىم قەلەمكەشلەر قولىغا قەلەم ئېلىپ، ئىنسانىيەت دۇنياسىنى-خەلقىمىزنىڭ ئاشۇ جازا لاگېرلىرىدا باشتىن كەچۈرگەن ئاچچىق قىسمەتلىرى بىلەن تونۇشتۇرۇشقا تىرىشتى. شۇ جۈملىدىن مەنمۇ مۇھاجىرەتتە ياشىغان بىر ئاددىي قەلەمكەش بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ۋە ئىسقىلال تى ۋى قاناللىرى ئارقىلىق تارقىتىلغان ۋە ئاشكارىلانغان خەۋەرلەرنى ئاڭلاش، توپلاپ تەتقىق قىلىش ۋە شۇنداقلا تەلىيى ئوڭدىن كېلىپ، قاراڭغۇ زىنداندىن قۇتۇلۇپ مۇھاجىرەت دۇنياسىغا يېتىپ كەلگەن تىرىك لاگېر شاھىتلىرىنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق «لاگېر پاجىئەلىرىدىن ئوچورېك ۋە ھېكايىلەر» ناملىق كۆپ قىسىملىق ئەسىرىمنى نەشر قىلدۇرغان ئىدىم. مەزكۇر ئەسەرلىرىم مۇھاجىرەت دۇنياسىدا كەڭ تارقىتىلىپ، خېلى ياخشى باھاغا ئېرىشكەن بولدى. ئەسەرلىرىمنى ئوقۇغان بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئىچىدە، ۋەقەنى ئۆز بېشىدىن كەچۈرگەندەك بولغانلىقىنى ھېس قىلىشىپ، كۆز يېشى قىلىشقانلىرىمۇ بولدى. بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ بولسا: «نېمىشقا بۇنداق ۋەقەلەرنى يېزىش كېرەك؟ ئۇنى ئوقۇساق يۈرىكىمىز ئېچىشىدىكەن ۋە ئازابلىنىدىكەنمىز!» دېگەن قاراشتا بولغانلارمۇ بولدى.
بۇ شۇنى چۈشەندۈرىدىكى، بۇنداق ئەسەرلەر ئارقىلىق-خىتاي كوممۇنىست جاللاتلىرىنىڭ ئەزىز ۋەتىنىمىز شەرقىي شەرقىي تۈركىسىتاندا قۇرغان ئاتالمىش!«كەسپىي قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرى »دە بارلىققا كەلگەن ئېغىر پاجىئەلەرنى قەلەمگە ئېلىش، خەلق ئاممىسىدا شۇ پاجىئەلەرگە نىسبەتەن مەلۇم چۈشەنچە ھاسىل قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ ھېسداشلىقىنى قوزغاشتا خېلى ياخشى دەرىجىدە ئۈنۈمگە ئىگە بولغان بولۇپ، بۇ مەندە ئۇنداق ئەسەرلەرنى يېزىشنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە خىتاي كوممۇنىست باسقۇنچىللىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان : «ئىرقىي قىرغىنچىلىق، مەدەنىيەت جەھەتتىن يوقىتىش سىياسىتى ۋە ئۇنىڭ ماھىيىتىنى ئېچىپ تاشلاش ھەقىقەتەن زۆرۈر ئىكەن!» دېگەن قاراشنى بارلىققا كەلتۈردى.
بۇ يەردە شۇنىمۇ تەكىتلەپ قويۇشۇم كېرەككى، مېنىڭ مەزكۇر روماننى يېزىشىمغا تۈرتكە تۈرتكە بولغان يەنە مۇنداق بىر نەچچە سەۋەب بار بولۇپ، ئۇنى بۇ يەردە تەكىتلەپ ئۆتۈشنى زۆرۈر دەپ قارايمەن :
بىرىنچىدىن، مەن ئۈرۈمچىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي نەزەرىيە فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان ئىدىم. فاكۇلتېتىمىز مەن ئوقۇش پۈتتۈرۇشتىن بىر يىل بۇرۇن كۇچا شەھىرىنىڭ ئۈچ ئۆستەڭ يېزىسىدا بىر ئايلىق جەمئىيەت تەكشۈرۈش پىراكتىكىسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى. بىز پىراكتىكا قىلىش جەريانىدا ئۈچ ئۆستەڭ خەلقنىڭ تۇرمۇش شارائىتى، جاپالىق دېھقانچىلىق ئەمگىكى ۋە كوممۇنىست پارتىيە-ھۆكۈمىتىنىڭ قاتمۇ-قات باج-سېلىقلىرى بىلەن ئېزىلىۋاتقا ئېغىر ئەھۋالى بىلەن تونۇشۇپ چىقىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولدۇق! بىز ئوقۇغۇچىلار خەلقىمىزنىڭ ئاشۇنداق ئېغىر ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولغان بولساقمۇ، ئۇلارغا ھېچ ئىش قىلىپ بېرەلمىدۇق. پەقەت ئۇلارغا كۆڭلىمىزدە ھېسداشلىق قىلاتتۇق. شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۈچ ئۆستەڭ يېزىسىنىڭ لەڭگەر كەنتىدە مۇنداق بىر ۋەقە يۈز بەردى: لەڭگەر كەنتىگە يېقىن يەرگە جايلاشقان بىر ھەربىي گازارما بار بولۇپ، ئۇ يەردە تۇرۇۋاتقان ھەربىي قىسىمنىڭ قاراقچى ئەسكەرلىرى ئەتراپتىكى دېھقانلارغا ئېغىر زۇلۇم سېلىپ كېلىۋاتقان ئىكەن. بىر كۈنى ئىككى ئەسكەر قادىرئاخۇن ئىسىملىك بىر دېھقاننىڭ بېغىغا ئوغرىلىققا كىرىپ، توخۇسىنى ئوغرىلاپ قاچىدۇ. شۇ پەيتتە قادىر ئاخۇن ئېتىز ئىشىدىن قايتىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ توخۇسىنىڭ ئوغرىلىنىپ كېتىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۇ ئەسكەرلەرنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ، توخۇسىنى قايتۇرۇۋالماقچى بولىدۇ. ئەمما ئۇ ئەسكەرلەر قېچىپ بېرىپ، ماشىنىنىڭ كوزۇپىغا چىقىۋالىدۇ. قادىر ئاخۇن ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ كېلىپ، كوزۇپقا ئېسىلغاندا، بىر خىتاي ئەسكەر ئۇنىڭ كاللىسىغا يوغان كۆتەك بىلەن بىرنى قويۇپ، بېشىنى يېرىۋېتىدۇ. قادىرئاخۇننىڭ بېشىدىن ھەددىدىن زىيادە چىقىپ كەتكەنلىكتىن، شۇ يەرنىڭ ئۈزىدىلا جان ئۈزىدۇ.
بۇ ۋەقە سادىر بولغاندىن كېيىن، بىز ئوقۇغۇچىلار ۋەقەگە ئېچىنىپ، مەرھۇم قادىرئاخۇن ئائىلىسىگە ياردەم قىلماقچى بولدۇق. ئەمما، ئۇ چاغدىكى شارائىتتا بىزنىڭ بۇ ۋەقەدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان مەرھۇمنىڭ ئائىلىسىگە ھېسداشلىق قىلىشتىن باشقا ئىش قولىمىزدىن كەلمىگەن ئىدى. لېكىن بۇ ۋەقە مېنىڭ ئۆمۈر بويى ئېسىمدىن چىقمىدى. شۇ ۋەقەنى قەلەمگە ئېلىپ، بىر ئەسەر يېزىپ چىقىشنىڭ كۆڭلۈمگە پۈكۈپ كەلگەن ئىدىم.
مۇھاجىرەتتىكى قاتتىق تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە ئانچە-مۇنچە شېئىر يېزىپ يۈرگۈزگەن بولساممۇ، چوڭ تىپتىكى بىرەر ئەسەر يازالمىغان ئىدىم. ئەمما، ئۇ نىيىتىمدىن ۋاز كەچمىدىم. ئاخىرى پۇرسەت ۋە زۆرۈرىيەتلەر تۇغۇلدى. 2016 -يىلىدىن باشلاپ، خىتاي كوممۇنىستلىرى تەرىپىدىن ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندا يولغا قويۇلغان ئاتالمىش«كەسپىي قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرى»دە يۈز بېرىۋاتقان دەھشەتلىك پاجىئەلەر مېنىڭ قولۇمغا جىددىي قەلەم ئېلىپ،بۇ پاجىئەلەر ھەققىدە ئەسەر يېزىشىمغا تۈرتكە بولدى: «ئۆكۆزنىڭ بېشىغا كەلگىنى-موزاينىڭمۇ بېشىغىمۇ كېلىپتۇ»دېگەندەك، ئاڭلىغان خەۋەرلەرگە ۋە ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىمغا ئاساسلانغاندا، كۇچا شەھىرىگە قوشنا بولغان ئەزىز يۇرتۇم توقسۇ ناھىيەسىنىڭ شىمالىغا ۋە ئۇنىڭغا قوشنا بولغان ئۈچ ئۆستەڭ يېزىسى-لەڭگەر كەنتىنىڭ غەربىگە جايلاشقان«بىرىنچى ماي سۇ ئامبىرى»غا يانداش قىلىپ، چوڭ كۆلەملىك بىر جازا لاگېرىنىڭ قۇرۇلۇپ، كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىشلار ئېلىپ بېرىلغانلىقى مەلۇم بولدى.
دېمەك، ئۈچ ئۆستەڭ خەلقى ۋە لەڭگەر كەنتى بىر تەرەپتىن خىتاينىڭ قاتىل ئەسكەرلىرى جايلاشقان ھەربىي گازارما ۋە يەنە بىر تەرەپتىن توقسۇدا قۇرۇلغان ئاتالمىش!«كەسپى قايتا تەربىيەلەش مەركىزى» نىڭ قىسمىقى ئارىسىدا قالغان بولۇپ، لەڭگەر كەنتىدە ياشاۋاتقان مەرھۇم قادىر ئاخۇننىڭ نەۋرە-چەۋرىلىرىنىڭ ئائىلە نەسەبىي ۋە كۈچلۈك دىنى ئېتىقادى سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلىنىپ، لاگېرلاردا ئېغىر زۇلۇمغا ئۇچراپ، پاجىئەلىك قىسمەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى ئېنىق تەخمىن قىلىشقا بولاتتى.
شۇنداق قىلىپ، بۇنىڭدىن 30 نەچچە يىل بۇرۇنقى قادىرئاخۇن پاجىئەسى بىلەن ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ گارمونىك ھالدا باغلىنىپ كەتكەن پاجىئەلىك قىسمەتلىرى مېنىڭ كۈز ئالدىمدا خۇددى سۈرەتتەكلا شەكىللەنگەن بولۇپ، بۇ بىر ئەۋلادنىڭ تىراگېدىيەسىنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا يېتەرلىك خام ماتېرىيال مەنبەسى بولالايتتى. بۇ رومان دەل مۇشۇ بىر ئەۋلادنىڭ تىراگېدىيەسىنى يورۇتۇپ بېرىش مەقسەت قىلىنىپ ۋە شۇ ئاساستا بەدىئىي ئوبرازلار يارىتىلىپ، قەلەمگە ئېلىندى.
ئىككىنچىدىن، خىتاي جاللاتلىرى ئەزىز ۋەتىنىمىزدە قۇرۇپ چىققان ئاتالمىش!«كەسپى قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرى»لىرىدە مىليونلىغان بىگۇناھ ئىنسانلارنى تۇتقۇن قىلىپ قامىغان، قىيناپ ئۆلتۈرگەن ۋە كېسەل بولۇپ ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، بىزنىڭ ساۋاقدىشىمىز – 1988 – يىلى ئۈرۈمچىدە ئېلىپ بېرىلغان: «مىللىي كەمسىتىشكە قارشى ئوقۇغۇچىلار نامايىشى» نىڭ باشلامچىلىرىدىن بىرى بولغان ۋارىس ئابابەكرى قاتارلىق ئونمىڭلىغان بىگۇناھ تۇتقۇن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تۈرمىدىن چىقىپ، بىر نەچچە كۈن ئىچىدىلا ۋاپات بولۇپ كەتكەنلىكى ماڭا قاتتىق تەسىر قىلغان ئىدى. شۇ جۈملىدىن ئۆز ئاكام ئابدۇللا ئىمىننىڭمۇ بۇنىڭدىن 40 يىل ئىلگىرى، تېخى ئۆسمۈرلۈك چېغىدا ئاتا-ئانام بىلەن بىرلىكتە ھەجگە بارغانلىقى ئۈچۈن، ئارىدىن شۇنچە ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىنمۇ، « تارقاق ھەج قىلغان، ئەسەبىي ئۇنسۇر» باھانىسىدا تۇتقۇن قىلىنىپ، قىيىن- قىستاققا ئۇچرىغان ۋە كېسەل قىلىۋېتىلگەن بولۇپ، جازا لاگېرىدىكى: «ئىككى يىللىق تەربىيىەلىنىش مۇددىتى»نى توشقۇزۇپ چىقىپ، بىر ئايغا يېقىن ۋاقىت ئۆتمەيلا بۇ ئالەم بىلەن ۋىدالاشقانلىقىدىن خەۋەر تاتىم. ئەمدىلا ئەللىك ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان مەرھۇم ئاكامنىڭ بۇ پاجىئەسى مېنىڭ خىتاي جاللاتلىرىغا بولغان نەپرىتىمنى تېخىمۇ زور دەرىجىدە قوزغىغان ئىدى. بۇمۇ مېنىڭ لاگېر پاجىئەلىرىنى باش تېما قىلغان مەزكۇر رومانىمنى يېزىشقا تۈرتكە بولغان يەنە بىر مۇھىم ئامىلدۇر .
ئۈچىنچىدىن، ئەزىز ۋەتىنىمىز ۋە مىللىتىمىزنىڭ تارىخى ئىككى خىل ئۇسۇل بىلەن يېزىپ قالدۇرۇلدى ۋە ساقلىنىپ كەلدى. بۇنىڭ بىرىنچىسى بولسا، تارىخچىلارنىڭ يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى ئەينەن يېزىپ خاتىرە قالدۇرۇشى، يەنە بىرى بولسا يازغۇچى – ئەدىبلەرنىڭ تارىخى ۋەقەلەرنى خام ماتېرىيال قىلغان ئاساستا، ئوبرازلىق ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ، ۋەقە ۋە تىراگېدىيەلەرنى ھېكايە، رومان، قىسسە ۋە داستان شەكلىدە يېزىپ، نەشر قىلدۇرۇپ، ئۇنىڭ ساقلىنىپ قېلىشىغا ئىمكان ساغلىغان ئىدى. شۇڭا مەنمۇ خەلقىمىزنىڭ ئاتالمىش!« كەسپىي قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرى»دە تارتقان ئېچىنىشلىق قىسمەتلىرىنىڭ ئەدەبىي شەكىلدە خاتىرىلىنىپ، ساقلىنىپ قېلىشىغا بىر كىشىلىك ھەسسەمنى قوشۇشنى مەقسەت قىلىپ، بۇ روماننى قەلەمگە ئالدىم دېسەم ئارتۇقچە بولمايدۇ، ئەلۋەتتە!.
قىسقىسى، قولىڭىزدىكى بۇ ئىككى قىسىملىق رومان خەلقىمىزنىڭ 20 – ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 21 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدا باشتىن كەچۈرگەن ئەمەلى ۋەقەلەرنىڭ ئوبرازلاشتۇرۇلۇپ ،جانلىق بايان قىلىنىشى نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەن بىر ئەدەبىي ئەسەر بولۇپ، ئۇنىڭدا: خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ۋە ئەسكەر-ساقچىلىرى تەرىپىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان بىر ئەۋلادنىڭ تىراگېدىيەلىك كەچۈرمىشى بايان قىلىنىش ئارقىلىق، خىتاي كوممۇنىست باسقۇنچىلىرىنىڭ ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بارغان ھەر خىل زۇلۇم سىياسەتلىرى، جۈملىدىن ئاتالمىش! «كەسپىي قايتا تەربىيەلەش مەركىزى»نىڭ قۇرۇلۇش ماھىيىتى، تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە كەلتۈرۈپ چىقارغان دەھشەتلىك پاجىئەلىرى-ئىنچىكە تەپسىلاتلار ۋە ئوبرازلىق پېرسوناژلار خاراكتېرى بىلەن يورۇتۇپ بېرىلگەندۇر!
ھۆرمەت بىلەن:
ئۆمەر ئىمىن
1 – باب
ئارزۇگۈلنىڭ ئىككىنچى قىزى مۇخلىسەنىڭ يېشى توشۇپ، بىر نەچچە ئاي ئۆتە-ئۆتمەيلا، ئايىغى چىقىپ تەمتىلەپ مېڭىشقا باشلىدى. ئۇنىڭ چىراي-شەكلى ئۆزىدىن ئىككى ياش پەرقلىنىدىغان ئاچىسى مۇسلىمەگە قويۇپ قويغاندەكلا ئوخشايتى. ئۇنىڭ ئەمدى ئاچىسىنى دوراپ، ئۇ نېمە قىلسا شۇنى قىلىپ، ماڭسا-مېڭىپ، گەپ قىلسا-دوراپ، خۇددى: «سەن نېمە قىلساڭ، مەنمۇ شۇنى قىلالايمەن» دېگەندەك قىلىقلىرى ئارزۇگۈلنى كۈلدۈرۈپ، خۇشاللىقىغا-خۇشاللىق قاتماقتا ئىدى. ئۇ كەنجى قىزىنىڭ بۇ قىلىقلىرىغا قاراپ، مۇنداق ئويلاردا بولدى: «بۇ قىزىرىمغا بەك بالدۇرلا ئاياق چىقتى. مېڭىشلىرىمۇ شۇنداق چەبدەس. بۇ مېنىڭ ئۇنى يېشى تولغىچە ئېمىتىپ، ئانا سۈتىگە تويدۇرۇپ باققانلىقىمدىن بولغاندۇ! بەلكى، ئاللاھ ئۇنى «پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى» قاتىللىرىنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇپ قالغاندەك، رىزقىنىمۇ كەڭ قىلىپ بەرگەندۇ. ئاھ، خۇدا! قىزلىرىمنى باشقىلارنىڭ كۆزى تېگىشتىن ساقلىغايسەن، ئۇلارنى ياخشى بېقىپ قاتارغا قوشۇپ، كەلگۈسىدە ئۆز مىللىتى ئۈچۈن كۆيۈنىدىغان، ياراملىق، ئەخلاقلىق قىزلاردىن قىلىپ يېتىشتۈرۈشكە نېسىپ قىلغايسەن، ئامىن!»
ئارزۇگۈل بىر جۈپ قىزىنىڭ بولغانلىقىدىن بەكمۇ خۇشال ئىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھقا شۈكرى ئېيتىپ، ئۈچىنچى پەرزەنتلىك بولۇشنى تېخى نىيەت قىلمىغان ئىدى. ئەمما مەمەت قارى ئارزۇگۈلنىڭ ئۆزىگە بىر ئوغۇل تۇغۇپ بېرىشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلاتتى. ئۇ ئارزۇگۈلگە دائىم: «ئاللاھ بىزگە بىر جۈپ گۈزەل پەرزەنت ئاتا قىلدى. گەرچە ئۇلار قىز بولسىمۇ، ئاللاھنىڭ بەرگەن نېمىتىگە شۈكرى قىلىمىز، ئەلۋەتتە! شۇنداقتىمۇ، مەن بىر ھۈنەرۋەن-كاسىپ بولغاچقا، قېرىغاندا ماڭا ياردەمچى ۋە ھۈنىرىمگە ئىزباسار بولۇش ئۈچۈن بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەرگەن بولسىڭىز، بەكمۇ خۇشال بولغان بولاتتىم »دەپ، ئۇنىڭ كۆزىگە قانچە قېتىملاپ ئۈمىدلىك تەلمۈرگەن ئىدى. شۇنىڭدىن بۇيان ئارزۇگۈل دائىم ئاللاھتىن ئۆزىگە بىر ئوغۇل پەرزەنت ئاتا قىلىشنى تىلەپ كېچە-كۈندۈز دۇئا قىلدى.
« مەزلۇمنىڭ دۇئاسى قوبۇلدۇر» دېگەندەك، ئاللاھ ئارزۇگۈلگە يەنە بىر قېتىم ھامىلىدارلىق نېسىپ قىلدى . ئۇنىڭ ھامىلدارلىقى بىلىنىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا، ئۇ بىر كېچىسى چۈش كۆردى. چۈشىدە: «بىر جۈپ يىلان ئۇنىڭ قوينىغا كىرىپ كېتىۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭدىن خۇددى ئەر كىشىنىڭ ئاۋازىدەك بوم بىر ئاۋاز كەلگەن ئىدى». ئۇ شۇ كۈنى سەھەردە ئويغىنىپ، تاھارەت ئېلىپ ناماز ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، كۆرگەن چۈشى ھەققىدە: «بۇ ئاللاھنىڭ ماڭا بەرگەن، بالامنىڭ ئوغۇل ئىكەنلىكى ھەققىدىكى بېشارىتىمۇ نېمە؟ كونىلار: يىلان كۆرۈپ چۈش كۆرسە، پەرزەنتى ئوغۇل بولىدۇ دەيدىغان! بەلكىم، بۇ قېتىم ئوغۇل تۇغۇپ قالسام ئەجەب ئەمەس؟ ناۋادا قورسۇقۇمدىكى بالا ئوغۇل بولۇپ قالسا، مەمەت قارى بەكمۇ خۇشال بولغان بولاتتى » دەپ ئويلاپ، ئۆز-ئۆزىگە پىچىرلاپ كەتكەن ئىدى .
ئەتىگەنلىك ناشتىلىق ۋاقتى ئىدى. ئارزۇگۈل قىزلىرى ۋە مەمەت قارى ئۈچۈن ئالاھىدە قىلىپ، ئۈگرە ئاش ئېتىپ تەييارلىدى ۋە تېخى تۈنۈگۈنلا ياققان يېڭى نانلاردىن شىرەگە تىزىپ، يازدا قۇرۇتۇۋالغان قاق-يېمىشلەر بىلەن بىللە مول بىر ناشتىلىق تەييارلىدى. ئۇلار ناشتا قىلىۋاتقان ئارىلىقتا ئارزۇگۈل ئۆزىچە پىسىڭىدە كۈلۈپ قويدى. ئۇنىڭ چېھرىدىن بىر خۇشاللىقنىڭ ئالامىتىنى سەزگەن مەمەت قارى: ئارزۇگۈل، كۈلكىڭىز باشقىچە تۇرىدۇ. بىرەر خوش-خەۋەر بارمۇ نېمە؟-دەپ سورىدى. ئارزۇگۈل ئېرىگە ئۆزىنىڭ كېچىدە كۆرگەن چۈشلىرىنى دەپ بېرىپ، بالىنىڭ ئوغۇل بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتىۋىدى، مەمەت قارىنىڭ چىرايى باشقىچە ئېچىلىپ كەتتى.
مەمەت قارى شۇنىڭدىن كېيىن ئارزۇگۈلگە تېخىمۇ ئىللىق مۇئامىلە قىلىدىغان، نېمە دېسە شۇنى قىلىپ بېرىدىغان بولۇپ كەتتى. ئۇ ئايالىنىڭ ئۆزىگە بىر ئوغۇل پەرزەنت تۇغۇپ بېرىدىغانلىقىنى ئويلىسا، كۆڭلى باشقىچە يايراپ كېتەتتى . ئارزۇگۈل ئۆزىنىڭ ھامىلىدار ئىكەنلىكى ۋە كۆرگەن چۈشىنى ئېرى مەمەت قارىغا ئېيتىپ، ئۇنى بەكلا خۇشال قىلىۋەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۆزى قاتتىق ئەندىشىگە چۈشۈپ قالدى. چۈنكى، ئالدىنقى قېتىملىق تۇغۇتىدا، ئىككى بالىسىنىڭ تۇغۇت ئارىلىقى ئۈچ يىل بولمىغانلىقى ئۈچۈن شەھەرلىك «پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى» تەرىپىدىن ئېغىر ئىقتىسادىي جازا قويۇلۇپ، ئۇنى تۆلەشكە مەجبۇر بولغان ئىدى.
بۇ قېتىممۇ يەنە شۇنداق بولغان بولۇپ، ئارزۇگۈلنىڭ ئىككىنچى قىزى مۇخلىسە بىلەن ھازىرقى ھامىلىسىنىڭ ئارىلىقى تېخى ئىككى يىلغا يەتمىگەن ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ زالىملار دۆلىتىدىكى:«پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى»دېگەن بۇ ۋەھشيانە سىياسەت، ئۈچىنچى بالىغا ھامىلىدار بولۇشقا يول قويمايدىغان بولۇپ، ئەگەردە كىمدە-كىم ئۈچىنچى بالىغا ھامىلىدار بولۇپ قالسا، ئۆزىنى مەلۇم قىلىپ، بالىنى ئالدۇرۇۋېتىشى كېرەك ئىدى. ئەگەر ئۇنداق قىلماي، پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى تەرىپىدىن بايقىلىپ قالسا، ئېغىرئىقتىسادىي جازا تۆلىتىلگەننىڭ ئۈستىگە، ھامىلە مەجبۇرى ئالدۇرىۋېتىلەتتى.
ئەمدى قانداق قىلارمەن؟-دەپ ئويلىدى ئۇ ئىچىدە: يولدىشىم مەمەت قارى بۇنىڭدىن بەكلا خۇشال، مەنمۇ شۇ، ئالدىنقى ئىككى بالىمىز قىز بولغاچقا مەمەت قارى بىر ئوغلىمىزنىڭ بولۇشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىدۇ. ئۇ: «ئوغۇل بالا ئاتىنىڭ ئىزباسارى بولىدۇ. ئائىلىنىڭ چىرىغىنى ئۆچۈرمەيدۇ. ئاتىنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىدۇ»دەپ قارايدۇ. شۇڭا ئۇ مېنىڭ بويۇمدا قالغانلىقىنى ئاڭلاپ، بەكمۇ خۇشال بولۇپ كەتتى. ئەلۋەتتە، ئۇنىڭمۇ ئۈچىنچى بالىمىزنى تۇغۇشقا ھۆكۈمەتنىڭ رۇخسەت قىلمايدىغانلىقىدىن خەۋىرى بار. شۇنداق بولسىمۇ، ئۇ ماڭا: « ئارزۇگۈل، بىز بۇ بالىنى ئالدۈرىۋەتمەيلى. مەن ئۇنىڭ بىر ئامالىنى قىلىشنى ئويلاۋاتىمەن. سىز يوشۇرۇنچە تۈغۇڭ! ئەڭ ياخشىسى مەن سىزنى ئۆزىمىزنىڭ تۇغۇلغان يۇرتى بولغان ئۈچ ئۆستەڭ يېزىسىدىكى چوڭلارنىڭ قېشىغا ئاپىرىپ يوشۇرۇپ قوياي، ئۇ باغۋارانلىق ھويلىدا سىز ئاسانلىقچە بايقىلىپ قالمايسىز، ناۋادا بايقىلىپ قالغان تەقدىردىمۇ، ئۇلار بىزگە ئىقتىسادىي جەھەتتىن جەرىمانە قويۇشى مۇمكىن! بىز ھۆكۈمەت قويغان جەرىمانىنى تۆلىسەكلا، بالىنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قالالايمىز، قالغىنىنى ئاللاھقا قويايلى! ئاللاھ بەندىسىڭ ئىشىنى ئاسان قىلغۇچىدۇر »دەپ، تەسەللىي بەرگەن ئىدى.
ئارزۇگۈل ئۇنداق ئويلاپ، بۇنداق ئويلاپ، ئاخىرى يولدىشى مەمەت قارىنىڭ پىكرىگە قوشۇلدى. مەمەت قارى بۇنىڭدىن ئىنتايىن خۇشال بولۇپ، ھامىلىدار ئاياللارغا كېرەكلىك ھەر خىل يېمەكلىك ۋە دورا-دەرمەكلەرنى ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن بازارغا چىقىپ كەتتى .
ئارزۇگۈل ئۆزىنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىنى ۋە بىر قىسىم ياخشى كۆرىدىغان زىبۇ-زىننەتلىرىنى بوغچا قىلىپ تاڭدى-دە، مەمەت قارىنى ساقلىغاچ ئولتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ مەمەت قارى بىلەن تونۇشۇش جەريانىدىكى ئەسلىمە قاينىمىغا كىرىپ كەتتى:
مەمەت قارى ۋە ئارزۇگۈل ئەسلى قەدىمى كۈسەن دىيارىنىڭ ئۈچ ئۆستەڭ يېزىسىگە قاراشلىق لەڭگەر كەنتىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن بولۇپ، كىچىكىدىنلا بىر مەكتەپتە، بىرسى-بىر قارار يۇقىرى سىنىپتا، بىرسى-بىر قارار تۆۋەن سىنىپتا ئوقۇغان ھەم ساۋاقداش ھەم قوشنا ئائىلىنىڭ بالىلىرى ئىدى. ئۇلار ھەر ئىككىلىسىلا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكىچىلا ئوقۇيالىدى.
ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسىنىڭ گەرچە يۇقىرى ئۆرلەپ ئالىي مەكتەپكىچە ئوقۇش ئارزۇسى بولسىمۇ، ئەمما دېھقان ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۇلارنى نۇرغۇن پۇل تۆلەپ، ئوقۇش خىراجىتى ۋە ئىستېمال سەۋىيەسى يۇقىرى بولغان شەھەرلەردە ئوقۇتۇشقا چامىسى يەتمەيتتى. شۇڭلاشقا مەمەت قارىمۇ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتۇپ ئوقۇشتىن توختاپ قالدى ۋە كۇچا شەھىرىدىكى بىر ناۋاي تۇغقىنىنىڭ يېنىغا بېرىپ، شاگىرتلىققا كىرىپ، ئارىدىن بىرەر يىل ئۆتە-ئۆتمەيلا، ئۇستا ناۋاي بولۇپ يېتىشىپ چىقتى.
ئارزۇگۈلمۇ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا قاراپ، ئۆزىنىڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسىدىن ئۆگىنىۋالغان: « يوتقانغا قاراپ، پۇت سۇن!» دېگەن ماقال-تەمسىلنى ئېسىگە ئېلىپ، ئاتا-ئانىسىنى تەڭلىكتە قويماسلىق ئۈچۈن يۇقىرى ئۆرلەپ ئوقۇشتىن ۋاز كېچىپ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپلا، ئانىسىنىڭ كۇچا شەھىرىدىكى مەلۇم بىر تونۇشىنىڭ تىككۈچىلىك دۇكىنىغا شاگىرتلىققا كىرىپ، تىككۈچىلىك ھۈنىرىنى ئۆگەندى.
ئۇلار كۇچا شەھەرىدىن-ئۈچ ئۆستەڭ يېزىغىچە بولغان ئائىلە يوقلاش سەپىرىدە بىللە بولۇپ قالاتتى. مەمەت قارى بىلەن ئارزۇگۈل بىر قېتىملىق سەپىرىدە تەساددىپەن بىر ئورۇندا ئولتۇرۇپ قالدى. ئارانلا ئىككى كىشى سىغىدىغان ئورۇندۇقتا ئۇلار بىر-بىرىگە بەدەنلىرى تېگىپ قالغۇدەك دەرىجىدە يېقىن ئولتۇرۇشقا مەجبۇر ئىدى. ئۇلارنىڭ جەينەكلىرى بىر- بىرىگە تېگىشىپ تۇراتتى. شۇ ئارىدا مەمەت قارى سىڭاريان كۆزى بىلەن ئارزۇگۈلگە بىر نەچچە قېتىم قاراپ سالدى. ئارزۇگۈلنىڭ يۈزلىرى قىزىرىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇ مەمەت قارىغا: «جەينىكىڭىزنى تارتىڭ» دېيىشكە جۈرئەت قىلالمىدىمۇ ياكى ئۇنىڭ جەينىكىنىڭ ئۆز جەينىكىگە تېگىشىپ تۇرۇشىنى ياقتۇرۇپ قالدىمۇ؟ لام-جىم دېمەي ئولتۇراتتى. ئاخىرى مەمەت قارى ئارزۇگۈلگە ئېغىز ئاچتى:
-ئارزۇگۈل، قىستىلىپ كەتتىڭىزمۇ؟ مەن باشقا يەرگە بېرىپ ئولتۇرايمۇ-يە؟
-ياق، قىستالمىدىم. ئولتۇرىۋېرىڭ!-دەپ، ئارزۇگۈل تۇمۇچۇقتەكلا سايراپ كەتتى- ئاپتوبۇستا باشقا ئورۇن يوققۇ؟ نەدە ئولتۇراتتىڭىز ؟ شوپۇر ئۇستامنىڭ قېشىغا بېرىپ: « ماڭا ئورۇن تېپىپ بەر»دەپ ئەرز قىلاتتىڭىزمۇ-يە؟ مەن سىزگە بىر نەرسە دېمىگەندىن كېيىن، ئولتۇرىۋېرىڭ، ياكى قىز بالىنىڭ قېشىدا ئولتۇرۇشتىن قورقامتىڭىز؟
– ياق، ياق! ئارزۇگۈل!مەن سىزنى راھەتراق ئولتۇرامدىكىن دېگەن ئىدىم دەپ، گېپىنى تېپىپ قىلالماي دۇدۇقلاپ كەتتى مەمەت قارى
-ياق، ئۇنداق ئەمەس، مەن قىستالمىدىم دەپ، ئارزۇگۈل يەنە گەپ باشلاپ تۇرۇشىغا، ماشىنا شىپپىدە توختاپ، يول توسقان بىر موماينى ماشىنىغا چىقىرىۋالدى.
ماشىنىدا بوش ئورۇن يوق ئىدى. بۇ موماينىڭ ئەھۋالىنى كۆرگەن مەمەت قارى دەرھال ئۆزىنىڭ ئورنىنى بوشىتىپ بېرىپ، ئوتتۇرىدىكى ئۆتۈشمە يەردە ئۆرە تۇردى. بۇ ئۇنىڭ چوڭلارغا ھۆرمەت قىلىش تۇيغۇسىدىن بولغان بولسا، يەنە بىر جەھەتتىن ئارزۇگۈلگە ئۆزىنىڭ قانچىلىك ئەخلاقلىق بىر يىگىت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ قويماقچى بولغانلىقىدىن ئىدى.
موماي ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ بىر مەمەت قارىغا، بىر ئارزۇگۈلگە قارىغانچە ھەر ئىككىلىسىگىلا تەڭلا دېگۈدەك رەھمەت ئېيتتى. ئۇ قورسىقىدا بۇلار بىر جۈپ ئەر-ئاياللار بولسا كېرەك! دەپ ئويلاپ قالغان چېغى، قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ:
-رەھمەت ، ئوغلۇم! كۆپ رەھمەت! ئاللاھ-تائالا سىزگە، بەخت–سائادەت، چىرايلىق پەرزەنت ئاتا قىلسۇن! دەپ، ئۈنلۈكلا دۇئا قىلىپ كەتتى. ئۇنىڭ دۇئاسى تۈگىگەندىن كېيىن، مەمەت قارى:
-رەھمەت ئانا، رەھمەت! بۇ ئارزۇ-تىلىكىڭىزنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا ئاللاھ تېزرەك نېسىپ قىلسۇن! دەپ، مومايغا كۈلۈمسىرەپ قارىدى. بىر چەتتە ئولتۇرغان ئارزۇگۈل مەمەت قارىنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ، موماينىڭ گېپىنىڭ ئۆزىگىمۇ قارىتىلغانلىقىدەك ھېسسىياتقا كېلىپ، شەلپەردەك قىزىرىپ، خۇددى گۈللۈك باغچىدا تازا ۋايىغا يېتىپ ئېچىلغان قىزىلگۈلنىڭ ئۆزىگىلا ئوخشاپ قالغانىدى.
ھايال ئۆتمەيلا ئاپتوبۇس ئۈچ ئۆستەڭ يېزا بازىرىغا يېتىپ كەلدى. ئاپتوبۇستىكى يولۇچىلار ئاپتوبۇستىن چۈشۈپ تەرەپ-تەرەپكە قاراپ مېڭىشتى. مەمەت قارى بىلەن ئارزۇگۈلنىڭ ماڭىدىغان يولى بىر بولغاچقا، ئۇ ئىككىسىمۇ توپتىن ئايرىلىپ، لەڭگەر كەنتى تەرەپكە قاراپ يول ئالدى. ئۇلار باشتا لام-جىم دېمەي مېڭىشتى. توساتتىن مەمەت قارىنىڭ كۆڭلىگە : «چوڭ يولدا ماڭساق بىئەپ بولۇپ قالمىسۇن، باشقىلار كۆرۈپ قالسا سەت بولمىسۇن »دېگەن خىيال كېچىپ، ئارزۇگۈلگە: بىز يېقىنراق يولدىن ماڭايلى!-دەپ، باشقا بىر چىغىر يول تەرەپنى كۆرسىتىۋىدى، ئارزۇگۈلمۇ بېشىنى لىڭشىتىپ ماقۇل بولدى.
ئۇلار ئېتىزلىق ئارىسىدا خۇددى يىلاندەك ئەگرى-بۈگرى سوزۇلغان خىلۋەت يولدا بىللە مېڭىشتى. دەسلەپ ھەر ئىككىلىسىلا بىر-بىرسىگە نېمە دېيىشنى بىلەلمەيۋاتاتتى. شۇ ئەسنادا ئۇلارنىڭ ئالدىغا بىر جۈپ ياۋا كەپتەر چۈشۈپ، بىر-بىرى بىلەن چاقچاقلاشقاندەك قوغلىشىپ ھەمدە تۇمشۇقلىرىنى بىر بىرىگە يېقىشىپ، بىر-بىرسىگە مۇھەببەت ئىزھار قىلىشىۋاتقاندەك قىلىقلارنى قىلىشىپ: « نىمانداق تارتىنچاق ئادەملەر سىلەر؟ بىزگە ئوخشاش مۇھەببەتلەشمەمسىلەر؟» دېگەندەك ئالامەتلەرنى ئىپادىلەۋاتقاندەك قىلاتتى.
مەمەت قارى ئەمدى قەتىئي ئىرادىگە كەلدى-دە، ئارزۇگۈلگە قاراپ: سىز نېمانداق چىرايلىق! مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن! مەن… مەن دەپ، دۇدۇقلاپ، گېپىنىڭ ئاخىرىنى دېيەلمەي قالدى. بۇ چاغدا ئارزۇگۈل بەكلا ئىزا تارتىپ كەتكەن بولۇپ، يەرگە قاراپ لام-جىم دېمەي تۇراتتى. مەمەت قارى يەنە بىر قېتىم: ئارزۇگۈل! مەن، مەن سىزنى شۇ ياخشى، ياخشى دەپ، يەنەگېپىنىڭ ئاخىرىنى داۋاملاشتۇرالماي قالغانىدى. ئارزۇگۈل مەمەت قارىنىڭ نېمە دېمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى سېزىۋالغاندەك ئۆزىلا ئېغىز ئېچىپ : ھە-ئە! مەمەت قارى، گېپىڭىزنى ئوچۇقلا دەۋەرسىڭىزمۇ بولاتتىغۇ؟ سىزنىڭ نېمە دېمەكچى بولىۋاتقانلىقىڭىزنى بىلدىم. سىز مېنى ھەقىقەتەن ياخشى كۆرەمسىز؟-دېدى. ئۇنىڭ بۇ دادىل سوئالىدىن كېيىن، مەمەت قارىغا خېلى جان كىرىپ قالدى-دە:
-ھە-ئە! ئارزۇگۈل، مەن سىزنى ھەقىقەتەن ياخشى كۆرىمەن. ئەگەر سىزمۇ مېنى ياخشى كۆرسىڭىز، بىز ئىككىمىز توي قىلايلى!دەپ، ئۇنىڭ كۆزىگە قارىدى.
-ۋۈيەي مەمەت قارى، ما تەرەپتىن گەپ قىلىپلا، ئا تەرەپتىن توينىڭ گېپىگە چۈشۈپ كەتتىڭىزغۇ؟ ئالدى بىلەن بىر مەزگىل ئىككىمىز سىنىشىپ. . . . ئاندىن دەپ، ئارزۇگۈلمۇ گېپىنىڭ ئاخىرىنى دېيەلمەي توختاپ قالدى.
ئۇلار مېڭىۋاتقان چىغىر يول يۇقىرىغا، ئېرىق بويلاپ ئۇزىراپ كېتىۋاتاتتى. مەمەتقارى: ئارزۇگۈل، بىز ئېرىقتىن ئاتلاپ ئۇدۇل ماڭساق، ئۆيىمىز تېخى يېقىن بولىدىغۇ؟ كېلىڭ ئېرىقتىن ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتەيلى دەپ، ئۇنىڭغا قارىۋىدى، ئارزۇگۈلمۇ: ھە-ئە شۇنداق قىلايلى-دەپ ماقۇللۇق بىلدۈردى. بۇ بىر بىر يېرىم مېتىر كەڭلىكتىكى سۇ سىڭمەس قىلىپ تاشتىن ياسالغان ئېرىق بولۇپ، پەم بىلەن ئۆتمىسە ھەر قانداق ئادەمنى چوڭ – كىچىك دېمەي، ئېقىتىپ كېتىشى مۇمكىن ئىدى. مەمەت قارى توغرا مۆلچەرلىگەن ھالدا پەم بىلەن بىر سەكرەپلا ئېرىقنىڭ ئۇ قېتىغا ئۆتۈۋالدى. ئەمما ئارزۇگۈل ئېرىقنىڭ قىرغىقىغا كېلىپ، ئۆزىنىڭ سەكرەپ ئۆتەلمەيدىغانلىقىنى ئويلاپ تۇرۇپ قېلىۋىدى، مەمەت قارى بىر پۇتىنى ئېرىقتىكى سۇغا چىلاپ، بىر پۇتىنى قاشقا چىڭ تىرەجەپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا قولىنى سۇندى. ئارزۇگۈلمۇ مەمەت قارىغا قولىنى ئۇزارتىپ، قارشى تەرەپكە قاراپ بىرلاسەكرىۋىدى، قاشنىڭ ئۇ تەرىپىگە ئۆتۈپلا، دەماللىققا ئۆزىنى توختىتالماي، سەنتۈرۈلۈپ كېتىپ، مەمەت قارىنىڭ قۇچىقىغا كىرىپ قالدى. مەمەت قارىمۇ ئۇنى كەينىگە داجىپ كەتمىسۇن دېگەندەك قىلىپ، چىڭ قۇچاقلىۋالغان ئىدى. ئارزۇگۈل خىجىللىق ئىچىدە خۇددى ئاناردەك قىزىرىپ ۋە تېپىرلاپ: مەمەتقارى: مېنى قويۇپ بېرىڭ، سەت بولىدۇ، بىز تېخى نىكاھ قىلمىدۇققۇ؟ مەن ئۇنداق قىلالمايمەن-دەپ، مەمەت قارىنىڭ قۇچىقىدىن يۇلقونۇپ چىقىشقا كۈچىمەكتە ئىدى. ئەمما ئۇنىڭ بەدىنىگە ئىسسىق بىر سېزىم ئۆتۈۋاتقان بولغاچقا، ئۇ سېزىمنىڭ ئىلكىدە مەست بولۇپ قېلىشقا تاس قېلىۋاتاتتى. مەمەت قارى ئارزۇگۈلنىڭ بوشىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنى چىڭ قۇچاقلىدى-دە، پېشانىسىگە بىرنى سۆيىۋالدى. ئاندىن ئۇنى قاش تەرەپكە ئېلىپ چىقىپ: ئارزۇگۈل مەن ئەمدى سىزگە چىدىيالمايمەن، بىز توي قىلايلى! بولامدۇ؟-دەپ، ئۇنىڭغا مۇھەببەتلىك ھېسسىياتى بىلەن تەلپۈندى.
ئارزۇگۈلمۇ ئەمدى ئېسىگە كەلگەن بولۇپ، مەمەت قارىغا: توي قىلايلى دېگەن گەپنى ماڭا دەمتىڭىز؟ سىزنىڭمۇ ئاتا-ئانىڭىز بارغۇ؟ ئاۋۋال چوڭلار بىر نەرسە دېيىشىشى كېرەكتە؟-دەپ، يەرگە قارىۋالدى.
بۇ ئۇنىڭ: «مەن سىزنىڭ تەلىپىڭىزگە قوشۇلىمەن، ئەمدى چوڭلار ئۆز-ئارا گەپلىشىپ، توي داستىخىنى كىرگۈزسە بولىدۇ» دېگەنلىكى ئىدى.
بۇ چاغدا مەمەت قارىنىڭ يۈزىمۇ ئوتتەك قىزىرىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ ۋۇجۇدىمۇ مۇھەببەت ئوتىنىڭ ئىشقىدا تېپچەكلەپ، يۈرىكى ئىتتىك، ئىتتىك سوقۇپ، قىزىپ كېتىۋاتاتتى.
مەمەت قارى ئەمدى چەكسىز ھاياجانغا تولدى. ئۇ ئارزۇگۈلنىڭ قولىدىن قويۇپ بەرمەي چىڭ تۇتىۋالغانچە :
-بولىدۇ قەدىرلىكىم! مەن ئەتىلا چوڭلارنى سىلەرنىڭ ئۆيگە ئەۋەتىمەن دەپ، ئۆزىنىڭ خۇشاللىقىنى ئىپادە قىلدى.
مەمەت قارى ئۆيىگە بېرىپ، ئانىسىنىڭ ئېتىپ بەرگەن ھاردۇق ئېشىنى ئىچىپ بولۇپلا: «بۇ ئىشنى ئانامغا قانداق دېسەم بولار؟»دەپ خىيالغا چۈشۈپ، خۇددى خامۇش بولۇپ قالغان ئادەمدەك ئولتۇرۇپ كەتتى. سەزگۈر ئانا ئوغلىنىڭ بىر نېمىنى خىيال قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىپ، ئۇنىڭغا ئېغىز ئاچتى :
-ئوغلۇم، نېمە بولدۇڭ؟ بىرەر گېپىڭ بارمۇ نېمە؟ بىزگە ھەر قانداق گېپىڭ بولسا، دەۋەرگىن بالام!-دەپ، ئۇنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ قارىدى. مەمەت قارى ئىنتايىن خىجىل بولغان ھالدا:
– ئانا، مەن ئۆيلىنەي دېگەن ئىدىم-دەپ، بەكمۇ تەستە ئېغىز ئاچتى.
ئانىسى مەمەت قارىغا خۇددى ئۇنىڭدىن بىر نېمىنى كۈتىۋاتقاندەك تەققەزالىق بىلەن :
-ھە! ئوغلۇم شۇنداقمۇ ؟ ئۇ قىزنىڭ ئىسمى نېمە؟ كىمنىڭ قىزى؟-دەپ سورىۋىدى، مەمەت قارى قىزنىڭ ئىسمى ۋە ئاتا-ئانىسىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بەردى. مېھرىبان ئانىنىڭ چىرايىدا خۇشاللىقتىن كۈلكە ئالامىتى پەيدا بولغان ئىدى. ئۇ مەمەت قارىغا تىكىلىپ قاراپ : ئوغلۇم، خۇدايىم بەختىڭنى بەرسۇن. بىز بۇ ئىشقا جىددىي تۇتۇش قىلايلى!-دەپ، ئۆزىنىڭ ئوغلىنىڭ توي ئىشىغا رازى ئىكەنلىكىنى ئىپادە قىلدى.
شۇنداق قىلىپ، مەمەت قارىنىڭ ئاتا-ئانىسى ئارزۇگۈلنىڭ ئۆيىگە داستىخان تاشلاپ باردى. چوڭلار بىر نەچچە قېتىملىق سۆزلىشىش، بېرىش – كېلىشلەر ئارقىلىق بىر قارارغا كېلىشىپ، بالىلارنىڭ توي چېيىنىڭ ۋاقتىنى پۈتۈشۋېلىشتى. مەمەت قارى بىلەن ئارزۇگۈلمۇ بۇ قېتىم كۇچا شەھىرىگە بىللە قايتىپ، يولدا ماڭغاچ ئۆزىنىڭ كەلگۈسى پىلانلىرى ھەققىدە ئۇزاق پاراڭلاشتى. ئۇلارنىڭ مۇھەببەت پاراڭلىرىنىڭ ئارىسىدىكى بەزىلىرى ئىنتايىن تەسىرلىك ۋە مەنىلىك بولۇپ، خاتىرىگە ئېلىپ يېزىپ قويۇشقا تېگىشلىك ئىدى: «ئارزۇگۈل مەن سىزنى چىن دىلىمدىن ياخشى كۆرىمەن-دېدى مەمەت قارى ئۇنىڭغا چىن مۇھەببىتىنى ئىزھار قىلىپ:سىزنىڭ ئوتۇڭىزدا بىر ئۆمۈر كۆيۈشكە رازىمەن. سىزنىڭ بەختىڭىز ئۈچۈن تاغنى تالقان قىلىشقا، چۆلنى بوستان قىلىشقا تەييارمەن. بىز بىر ئۆمۈر بىللە ياشاپ، جاپا-مۇشەققەتنى بىللە تارتىپ، ھالاۋەتنى تەڭ كۆرۈپ، بالا-چاقىلىق بولۇپ، ئىناق بىر ئائىلە قۇرساق دەيمەن. يەنە تېخى بىزنىڭ ئوماق بالىلىرىمىز بولسا، بىز ئۇلارنى ياخشى بېقىپ چوڭ قىلساق، ئۇلارنى چوڭ بولغاندا، ئالى مەكتەپلەردە ئوقۇتۇپ، بىلىملىك، ئەقىللىك قىلىپ يېتىشتۈرسەك، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مۇھىم ئورۇنلاردا، يۇقىرى لاۋازىملاردا خىزمەت قىلىپ، ۋەتەن-مىللىتى ئۈچۈن چوڭ ئىشلارنى قىلىپ، شان-شەرەپ قۇچسا، ئاندىن ئۇلار بالىلىق بولسا، بىز نەۋرىللىرىمىزنى ئەركىلىتىپ سۆيۈپ قويساق، تەڭ بېقىشىپ بەرسەك، ئۇلارمۇ كەلگۈسىدە چوڭ بولۇپ، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئىزىنى بېسىپ ماڭسا، ئەجدادلىرىمىزنىڭ چىرىغى مەڭگۈ ئۆچمىسە، ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ بەختى كۈلسە دەيمەن!»
مانا بىر ئايغا يېقىن ۋاقىت ئۆتمەيلا، مەمەت قارى بىلەن ئارزۇگۈلنىڭ تويى بولدى. ئۇلار گەرچە بىر نەچچە يىلدىن بۇيان كۇچا شەھىرىدە ياشاۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسى يېزىدا بولغاچقا، ئۇلارنىڭ تويى-كەنت مەركىزىدىكى يېڭىدىن ياسالغان «مەدەنىيەت مەركىزى »دەپ ئاتالغان نورمال چوڭلۇقتىكى بىر زالدا ئاددىي-ساددا قىلىپ ئۆتكۈزۈلدى.
تويدىن كېيىن، ئۇلار كۇچا شەھىرىدىن ئۆي ئىجارە ئېلىپ ئورۇنلاشتى، ئۇلارنىڭ بۇنىڭدىكى مەقسىتى:بىر تەرەپتىن شەھەرنىڭ ئىقتىسادى ئەۋزەللىكىدىن پايدىللىنىپ، ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈش بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن بالىلىرىنى ئۆزلىرىدەك تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكىچىلا ئوقۇتۇپ توختىتىپ قويماستىن، بەلكى، ئالى مەكتەپلەرگىچە ئوقۇتۇپ، دوختۇر، ئالىم-ئىنژېنېر قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىش ئىدى.
ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتى بىلەن بىر يىلغا يېقىن ۋاقىت ئۆتمەيلا ئارزۇگۈلنىڭ كۆزى يورۇپ تۇنجى پەرزەنتىنى بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە قىلدى. ئۇنىڭ تۇنجى پەرزەنتى قىز ئىدى. ئارىدىن يەنە ئىككى يىلدەك ۋاقىت ئۆتمەيلا ئارزۇگۈل يەنە ئىككىنچى پەرزەنتىگە ھامىلىدار بولۇپ، يەنە بىر قىزىنىمۇ ساق-سالامەت تۇغۇۋالدى. مەمەت قارى ۋە ئارزۇگۈل بۇنىڭدىن ئىنتايىن خۇشال ئىدى. ئۇلار ئاللاھ تائاللانىڭ ئۆزلىرىگە ئارقا-ئارقىدىن ئىككى قىز پەرزەنت ئاتا قىلغانلىقىغا شۈكرى قانائەت قىلىپ: قىز بالىمۇ-بالىغۇ؟ ئىككىنچىسى ئوغۇل بولۇپ قالسىمىغۇ بولاتتى. خەير! ئاللاھ نېسىپ قىلسا، يەنە ئوغۇل بالىمىزمۇ بولۇپ قالار!-دەپ ئۈمىد ئىچىدە ياشاشقا باشلىدى
2 – باب
ئەنسىز كۈنلەر ئۆتمەكتە ئىدى.ئارزۇگۈلنىڭ 3-قېتىم ھامىلىدار بولۇپ قالغانلىقى ئېنىق بولغاندىن كېيىن، ئۇلار ئاللاھنىڭ بۇ ھىممىتىدىن بەكمۇ خۇشال بولۇشقان ئىدى. ئەمما ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە جىددىي ئەندىشە چۈشۈشكە باشلىدى. چۈنكى، ئۇلار تېخى ئالدىنقى يىلى نۇرغۇن پۇل خەجلەپ، شەھەر نوپۇسىغا ئۆتكەن بولۇپ، شەھەرلىكلەرگە پەقەت ئىككىلا بالا تۇغۇشقا رۇخسەت بېرىلەتتى. ئۈچىنچى بالىغا ھامىلىدار بولۇپ قالغانلار بولسا، شەھەرلىك «پىلانلىقلىق تۇغۇت كومىتېتى»غا ئۆزىنى مەلۇم قىلىپ، ھامىلىنى مەجبۇرىي چۈشۈرۈۋېتىش كېرەك ئىدى. بولمىسا ئېغىر ئىقتىسادى جازا قويۇلاتتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ قارا تىزىملىكىگە ئېلىنىپ، تۆۋەن سىنىپ دەرىجىسىگە چۈشۈرۈلۈپ، يامان كىشىلەر قاتارىدا مۇئامىلە قىلىناتتى.
قانداق قىلىش كېرەك؟ بالا ئوغۇل بولۇپ قالسىچۇ؟ ئۇ چاغدا بىز ئارماندا قالمايمىزمۇ؟ ناۋادا بالىنى چۈشۈرگۈزىۋەتمىسەك، ئىقتىسادى جازا بىلەنلا قۇتۇلۇپ قالغىلى بولارمۇ؟ مەمەت قارى بىلەن ئارزۇگۈل خېلى ئۇزاق تالاش- تارتىش قىلىشتى: ئارزۇگۈل بىز بالىنى ئالغۇزىۋەتمەيلى-دېدى مەمەت قارى قوشۇمىسىنى تۈرگەن ھالدا، ئادەمنىڭ روھى ئاللاھتائالا تەرىپىدىن ئاسماندىن چۈشۈرۈلىدۇ. ئىنساننىڭ تەقدىرى لەۋھى مەھپۇزدا پېشانىسىگە پۈتۈلگەن بولىدۇ. رىزقىنى ئاللاھ ئۆزى بېرىدۇ، ئۇنداقكەن بىزگە ئوخشاش ئاللاھنى تونۇغان ئىنسانلار-بەندىنىڭ جازاسىدىن قورقۇپ، بالىنى ئالدۇرۇۋەتسەك، ئاللاھنىڭ تەقدىر قىلغىنىغا، دىننىڭ ھۆكمىگە خىلاپلىق قىلغان بولىمىز، مەيلى نېمە كەتسە-كەتسۇنكى، بالىنى ئالدۇرۋەتمەيمەن. سىز بالىنى يوشۇرۇنچە تۇغۇڭ، بىز بۇنىڭ ئۈچۈن بىر چارە ئويلاپ تاپايلى!- دېۋىدى، ئارزۇگۈل بىراز ئويلىنىپ تۇرۇپ كېتىپ، ئاستا بېشىنى چايقاپ: «قانداق چارە تاپارمىز؟» دېگەندەك قىلىپ، مەمەت قارىنىڭ كۆزىگە قارىدى. مەمەت قارى: «مەن مۇنداق بىر چارىنى ئويلاپ قويدۇم »دەپ، خۇددى بىرەرسى ئاڭلاپ قالمىسۇن دېگەندەك قىلىپ، ئارزۇگۈلنىڭ قۇلىقىغا پىچىرلىۋىدى، ئۇ يەنە بېشىنى لىڭشىتىپ ماقۇللۇقىنى بىلدۈردى.
مەمەت قارى بازارغا بېرىپ ئارزۇگۈلگە كېرەكلىك بىر قۇر يېمەك- ئىچمەك ۋە كىيىم-كېچەك قاتارلىق نەرسىلەرنى سېتىۋالدى. ئاندىن بىر كىراكەش تونۇشىغا تېلېفون قىلىپ، ئۇنى باشلاپ ئۆيىگە كەلدى-دە، تەييار بولۇپ تۇرغان ئارزۇگۈلنى ئېلىپ، ئۈچ ئۆستەڭ يېزىسىغا قاراپ يولغا چىقتى. ئۇ تونۇشىدا گۇمان پەيدا قىلىپ قويماسلىق ئۈچۈن، ئۇنىڭغا: چوڭلار ئاغرىق -سىلىق بولۇپ قاپتىكەن، ئارزۇگۈل بىر نەچچە كۈن ئۇ يەردە تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ كېسىلى ياخشى بولغۇچە تاماق ئىشلىرىغا قاراشماقچى دەپ، چۈشەنچە بېرىپ قويدى .
يېرىم سائەتكە قالمايلا، ئۇلار ئۈچ ئۆستەڭ يېزىسى لەڭگەر كەنتىدىكى چوڭلارنىڭ ئۆيىگە يېتىپ كەلدى. ئارزۇگۈل بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى ئۆزىنىڭ كېلىدىغانلىقىدىن ئالدىن خەۋەر قىلىپ قويغانىدى. شۇڭلاشقا چوڭلارمۇ ئۇلارنىڭ كېلىدىغانلىقىنى بىلگەچكە، ئاللىقاچان تاماق ئېتىپ تەييارلاپ قويغان بولۇپ، مېھمانلار بەھۇزور ئولتۇرۇپ تاماق يېيىشتى. بىرەر سائەتتەك ئۆتكەندىن كېيىن، مەمەت قارى ئۆزىنىڭ شەھەردىكى دۇكىنىدا جىددىي ئىشلىرى بارلىقىنى، دوستىنىڭمۇ ئالدىراش ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ قايتىپ كېتىشتى.
ئارزۇگۈلنىڭ ئانىسى قىزىنىڭ ھامىلىدار ئىكەنلىكىدىن ئاللىقاچان خەۋەر تاپقان بولۇپ، ئالدىنقى كۈنى ئارزۇگۈل تېلېفوندا ناھايىتى تەسلىكتە بىر نېمىلەرنى دەپ بىلدۈرگەن ئىدى. سارىخان موماي قىزىنىڭ ئۈچىنچى بالىغا ھامىلىدار بولغانلىقىدىن بىر تەرەپتىن خۇشال بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئەندىشىگە چۈشتى. چۈنكى، ئۇ كەنتتىكى بولۇۋاتقان ئەھۋاللارنىڭ ھەممىسىنى ياخشى بىلەتتى. ئارزۇگۈل ئۆزىنىڭ بۇ قېتىمقى كېلىشتىكى مەقسىتىنى خۇددى مەمەت قارى بىلەن دېيىشكەندەك، ئۆز پېتىم ئانىسىغا ئېيتىۋىدى، ئانىسى ئۇنىڭغا: ھە-ئە، قىزىم! شۇنداقمۇ؟-ئۇنداق بولسا، شۇنداق قىلايلى!-دەپ، قىزىنىڭ پېشانىسىنى سىلاپ، مەڭزىگە بىرنى سۆيۈپ قويدى .
سارىخان موماي ئويلىنىشقا باشلىدى: «ھەي، بۇ ئىشنىڭ ئاخىرى قانداق بولۇپ چىقار؟ قىزىم تۇتۇلۇپ كېتەرمۇ؟ ھامىلە مەجبۇرى ئالدۇرۋېتىلەرمۇ؟ ئەگەر قىزىمنىڭ ھامىلىدار ئىكەنلىكى بايقىلىپ قالسا، چوقۇم تۇتۇپ كېىشىدۇ. كەنت ئاياللار كومىتېتى مۇدىرى زورەمخانمۇ بەك رەھىمسىز ئايال، قاچانلا بولسا، ئۆي–ئۆيلەردە ماراقچىلىق قىلىپ، ئاياللارنى تىمسىقىلاپلا يۈرۈيدۇ. ئەگەر بىرەرسىنىڭ: «پىلانلىقدىن سىرت ھامىلدارلىقى»نى بىلىپلا قارلسا، دەرھال يېتىپ كېلىپ، ھامىلىدار ئايالغا-ئۆزىنى كەنتكە مەلۇم قىلىپ، جەرىمانە تۆلەشكە، يېزىلىق دوختۇرخانىغا تىزىملىتىپ، ھامىلىنى ئالدۇرۋېتىشكە بۇيرۇق بېرەتتى. ناۋادا بۇنىڭغا كىمدە-كىم قارشىلىق قىلسا، دەرھال يېزىدىن ساقچى چاقىرتىپ كېلىپ، ئاياللارنى مەجبۇرىي ماشىنا – تىراكتۇرلار غا بېسىپ، يېزىلىق دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ، ھامىلىنى ئوپېراتسىيە قىلىپ چۈشۈرۋېگۈزەتتى. ھازىرغىچە نەچچە يۈز بالىنى ئاشۇنداق مەجبۇرىي يوسۇندا چۈشۈرۋېتىپ بولدى. ئۇ خوتۇننى كۆرسەمغۇ، بىر جاللات- قاتىلغا ئوخشۇتىمەن. ئۇھ، بۇنىڭ ھېسابىنى ئاخىرەتتە قانداقمۇ بېرەر؟ ئىلاھىم قىزىمنى ئۆز پاناھىڭدا ساقلىغايسەن، ئامىن!»
دېمىسىمۇ سارىخان موماينىڭ ئويلىغانلىرى توغرا ئىدى. ھازىر بارلىق يېزا- كەنتلەردە دېھقانلارغا خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ: «پىلانلىقلىق تۇغۇت سىياسىتى»مەجبۇرى تېڭىلغان بولۇپ، ناۋادا بىر ھامىلىدار ئايالنىڭ ئىككى قىز بالىسى بولۇپ قالسا، ئۈچىنچىسىنى تۇغۇشقا رۇخسەت قىلىناتتى، ئەمما شەھەردە ئۇنداق ئەمەس بولۇپ، شەھەر ئاھالىلىرىگە قارىتا: مەيلى ھەر ئىككىلىسى قىز بولسۇن ياكى ھەر ئىككىلىسىلا ئوغۇل بولسۇن، ئۈچىنچى بالىنى تۇغۇشقا رۇخسەت قىلىنمايتى. ئەگەر ئۈچىنچى بالىغا ھامىلىدار بولۇپ قالغانلار بولسا، دەرھال ئۆزىنى پىلانلىق كومىتېتىغا مەلۇم قىلىشى ۋە دوختۇرخانىغا بېرىپ بالىنى ئالدۇرۋېتىشى كېرەك بولاتتى. ئۇنداق بولمىغاندا ئۈچىنچى بالىغا ھامىلىدار بولغان ئايال مەجبۇرى تۇتقۇن قىلىنىپ، دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلىپ، بالىسى ئالدۇرۋېتىلەتتى ياكى ئېغىر جەرىمانە قويۇلاتتى. ھەتتا خىزمەتچى بولسا، خىزمەتتىن قوغلاندى قىلىناتتى.
مەمەت قارى بىلەن ئارزۇگۈل بۇندىن بىر نەچچە يىل ئاۋۋال ئائىلىسى بويىچە كۇچا شەھىرىدىن ۋاقىتلىق نوپۇس ئېلىپ، شەھەر تەۋەلىكىگە ئۆتكەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى نازارەت قىلىشقا، ئۇلار ئولتۇرۇۋاتقان مەھەللىدىكى «ئاھالىلەر كومىتېتى» مەسئۇل ئىدى. ئاھالىلەر كومىتېتىدىكى خىزمەتچى-پايلاقچىلار مەھەللىدىكى ھەممە ئايالنىڭ ئەھۋالىنى تىڭتىڭلاپ، كىم نەدە تۇرۇپ، نەگە بېرىۋاتىدۇ؟ نېمە ئىش قىلىۋاتىدۇ؟ ئاغرىقمۇ؟ياكى ساقمۇ؟ قانچە بالىسى بار؟ بالىسىنى نوپۇس ئىدارىسىغا مەلۇم قىلدىمۇ- قىلمىدىمۇ؟ يەنە ھامىلدارمۇ-ئەمەسمۇ؟ دېگەندەك ئەھۋالىنى كېچە ياكى كۈندۈز دېمەستىن پايلاقچىلىق قىلىپ، بىلىپ تۇراتتى.
شۇنداق قىلىپ، ئارزۇگۈلنىڭ ئۈچئۆستەڭ يېزا لەڭگەر كەنتىدىكى ئاتا -ئانىسىنىڭ ئۆيىدە يوشۇرۇنۇپ تۇرىۋاتقىنىغا بىر نەچچە كۈن بولۇپ قالغان ئىدى. بىر كۈنى ئارزۇگۈلنىڭ ئانىسى: قىزىم! غورىلار ساغىرىشقا باشلاپتۇ ، ئەمدى ئامال بار باغ تەرەپتىكى ھاجەتخانىغا چىقماڭ، چۆجىلەرمۇ چوڭ بولۇپ، تۇخۇم چىقىرىشقا باشلىدى. ئۇلارنىمۇ كاتەككە سولىۋېتىشىمىز كېرەك. ئاتىڭىز قازناق ئۆينىڭ ئارقا تەرىپىدىن ئىشىك ئېچىپ، ئۇنىڭغا يانداش سېلىنغان قوتانغا بىر ھاجەتخانا ياساپ بېرەي دەيدۇ، ھاجىتىڭىز قىستىغاندا شۇ يەرگە چىقىڭ!-دېگەن گەپنى ئاڭلاپ:
– نېمىشقا ئانا؟-دەپ ھەيران بولغان ھالدا سورىدى ئارزۇگۈل
-قىزىم! سىز بىلمەيسىز، كەنتىمىزگە قوشنا بولغان ھەربىي قىسىمنىڭ قاراقچى ئەسكەرلىرىدىن ئېھتىيات قىلىشىمىز كېرەك، ئۇلار بىزنىڭ ئۆرۈك- شاپتۇللىرىمىزغا، يەرلىك توخۇلىرىمىزغا بەكمۇ ئامراق كېلىدۇ، پات-پاتلا باغقا ئوغرىلىققا كىرىپ، مېۋىللىرىمىز، توخۇلىرىمىزنى ئوغرىلاپ يەپ كېتىدۇ. خوتۇن – قىزلار يالغۇز قالغان بولسا، ھەتتا ئۇلارغا ئەسكىلىك قىلىشتىنمۇ يانمايدۇ.
– شۇنداقمۇ ئانا؟-دەپ، يېنىشلاپ سورىدى ئۆز قۇلىقىغا ئىشەنمىگەن ئارزۇگۈل – مەن مەكتەپتىكى ۋاقتىمدا مۇئەللىملەر بىزگە ئۇلارنى ماختاپ : «خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى بەك ياخشى، ئۇلار بىزنى پومېشچىك-بايلارنىڭ، زالىم گومىنداڭ ھۈكۈمىتىنىڭ زۇلمىدىن ئازاد قىلغان، ئۇلار بولمىغان بولسا، بىزنىڭ بۈگۈنكى ياخشى كۈنىمىز بولمىغان بولاتتى»دېگەن ئىدىغۇ؟
-ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئەمەس قىزىم!-دەپ، سارىخان موماي كۆزىگە ياش ئالغان ھالدا كىچىك ۋاقتىدىلا ئاتىسىدىن يېتىم قېلىشىنىڭ سەۋەبىنى سۆزلەپ بەردى. مېنىڭ تېخى 12 ياش ۋاقتىم ئىدى-دەپ، ھېكايىسىنى باشلىدى ئۇ: بىر كۈنى ئاتام ئېتىز-ئېرىق ئىشىدىن قايتىپ كېلىپ، قورسىقى ئېچىپ، بەكمۇ ئۇساپ كەتكەن ئىكەن، ھويلىدىكى باسما قۇدۇقتىن سوغۇق سۇ چۈشۈرۈپ ئىچىۋاتقان ۋاقتىدا، باغدىن توخۇلارنىڭ قاق، قاق ، قاق، قاق قىلىپ، بەكمۇ يۇقىرى ئاۋازدا قاقىلدىشىپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلاپ، باغقا كىرسە ئىككى خىتاي ئەسكىرى باغدىكى بىزنىڭ توخۇدىن بىرنى قوغلاپ تۇتۇپ، ئوغرىلاپ ئېلىپ ماڭغان ئىكەن، ئاتام ئۇلارغا بۇ توخۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئىكەنلىكىنى، توخۇنى قويۇۋېتىش كېرەكلىكىنى ئېيتىپتۇ، ئەمما ئۇ قاراقچى ئەسكەرلەر ئاتامنىڭ يېلىنىپ، قىلغان سۆزىگە قارىماي، ماشىنىسىغا چىقىپ، قاچماقچى بولۇپتىكەن، ئاتام ئارقىسىدىن قوغلاپ بېرىپ، توخۇنى قايتۇرۇۋالماقچى بولۇپ، ماشىنا كوزۇپىغا ئېسىلىپتۇ، بىر خىتاي ئەسكىرى ماشىنا كوزۇپىدىكى يوغان بىر كۆتەكنى ئېلىپ، ئاتامنىڭ بېشىغا قاتتىق ئۇرۇپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاتام ھوشىدىن كېتىپ، يەرگە يېقىلىپتۇ. ئاتامنىڭ بېشى يېرىلىپ ھەددىدىن زىيادە جىق قان چىقىپ كەتكەنلىكتىن ھايال ئۆتمەيلا جان ئۈزۈپتۇ. خىتاي ئەسكەرلىرى بولسا قېچىپ كېتىپتۇ.
-كېيىن قانداق بولدى ئانا؟-دەپ، ئارزۇگۈلمۇ كۆزىگە ياش ئالغان ھالدا سورىدى ئانىسىدىن-ئەسكەرلەرنى ھۆكۈمەت تۇتۇپ جازالىدىمۇ؟
-ياق قىزىم، ئۇ قاتىل ئەسكەرنى ھۆكۈمەتنىڭ تۇتۇپ جازالىغانلىقىنى بىز ئۇقمىدۇق، ئەمما بوۋىڭىزنىڭ جەسىتىنى كۆتۈرۈپ، يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئالدىغا بېرىپ، قاتىلنى تۇتۇپ، جازالاپ بېرىشنى تەلەپ قىلدۇق،
– ئاخىرىنى قانداق بولدى ئانا، بوۋامنى ئۆلتۈرگەن قاتىل تۇتۇلدىمۇ؟
-ياق قىزىم، بىز ئۇنىمۇ بىلەلمىدۇق، يېزىلىق ھۆكۈمەت بىزگە قاتىلنى تۇتۇپ جازالايدىغانلىقىنى ۋەدەقىلىشتى، بۇنىڭ ئۈچۈن قاتىل تۇرۇۋاتقان بۇدۈي (ھەربىي قىسىم)گە ئەھۋالنى بىلدۈرگەنمىش، ھەربىي قىسىم قاتىلنى ئىزدەپ تېپىپ، ئۆزلىرى چارە كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتىپتىمىش، ئەمما يېزا ساقچىلىرىنىڭ ھەربىي قىسىمغا بېرىپ، قاتىلنى تۇتۇشقا رۇخسەت قىلماپتۇ، بارغان ساقچىلار ھەربىي قىسىمغا كىرەلمەي، سالپىيىپ قايتىپ كېلىپتۇ.
– ئاندىنچۇ، يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ، سىلەرنىڭ تەلىۋىڭلىگە بەرگەن ۋەدىسى ئەمەلگە ئاشتىمۇ؟
– ياق، قىزىم، ئۇلار ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ ئەكسىچە، بىزگە تەھدىت سېلىپ، جەسەتنى قايتۇرۇپ كېتىپ، يەرلىكىگە قويۇۋېتىشىمىزنى بۇيرۇدى. بىز باشقا بىرمۇنچە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمىز بىلەن بىللە يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئالدىدىن كەتمەي، قاتىلنى تۇتۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، تاكى كەچ بولغىچە تۇرغان بولساقمۇ، ھېچقانداق جاۋابقا ئېرىشەلمىدۇق.
– ئاندىن نېمە بولدى، جاۋابسىز قايتىپ كەتتىڭلىمۇ؟
– ياق قىزىم، ئۇ كۈنى يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئالدىدىن قايتىپ كەتمىدۇق، قانداق قىلىشىمىزنى بىلەلمەي تۇرغان ئىدۇق. بىر ۋاقىتتا يالاڭباش، پۇزۇر كېيىنگەن بىرنەچچە ياشلار يېنىمىزغا كېلىپ، بىزدىن نېمە ئىش بولغانلىقىنى سورىدى، بىز تېخى ئۇلارنى: «شەھەرلىك ھۆكۈمەتتىن بىزنى نازارەت قىلغىلى چىققان كادىرلارمىكىن، ئەمدى ئىشىمىز چاتاق بولارمۇ؟» دەپ ئويلاپتۇق، ئەمەلىيەتتە ئۇلار ئۈرۈمچىدىن جەمئىيەت تەكشۈرۈش فىراكتىكىسى قىلغىلى كەلگەن ئۇنىۋېرسىتېت ئۇقۇغۇچىللىرى ئىكەن. ئۇلار ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبىنى ئاڭلاپ، كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ، يىغلاپ كېتىشتى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرسى قاتتىق غەزەپلەنگەندەك تۇراتتى. ئۇ قوشۇمىسىنى تۈرگەن ھالدا ئانامنىڭ يېنىغا كېلىپ: ئاچا بۇ بىر قەستەنلىك بىلەن قىلىنغان قاتىللىق ۋەقەسى ئىكەن، بۇنىڭ ئۈچۈن مۇشۇ دۆلەتنىڭ قانۇنى بويىچە قاتىل تۇتۇلۇپ، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى كېرەك. دۆلەت قانۇنىدا ئوچۇق قىلىپ: « ھەرقانداق كىشى، باشقا بىر كىشىنى قەستەنلىك بىلەن ئۆلتۈرسە، بۇ قاتىللىق جىنايىتى ھېسابلىنىپ، جىنايەتچى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىدۇ» دېيىلگەن. سىلەر ھۆكۈمەتتىن قاتىلنى تۇتۇپ، ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىڭلار، بولمىسا سىلەرگە ئۇۋالچىلىق قىلىنغان بولىدۇ. شۇڭا سىلەر مەرھۇمنىڭ جەسىتىنى ئېلىپ، كۇچا شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئالدىغا بېرىپ نامايىش قىلىڭلار، قانچە جىق ئادەم بېرىپ قىلساڭلار، شۇنچە ياخشى بولىدۇ. مەن سىلەرگە سىياسەت ۋە قانۇندىن مەسلىھەت بېرىشكە تەييارمەن دەپتۇ.
-ھە، شۇنداقمۇ ئانا؟ ئۇ ئوقۇغۇچىنىڭ دېگىنىدەك، مومام ۋە تۇغقانلار شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئەرز قىلغانمىدى؟
– ياق، قىزىم! شۇنداق قىلغان بولساق ياخشى بولاتتىمىكىن تاڭ؟ ئەمما ئۇنداق قىلغىلى ئىمكان بولمىدى. ئەسلىدە ئاپام تۇغقانلار بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، ئاتامنىڭ جەسىتىنى ھارۋىغا بېسىپ، شەھەرگە ماڭماقچى بولۇپ تۇرۇشىغا، پايلاقچىللىرى ئارقىلىق ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ سېكرېتارى-داۋۇت سېكرېتار، يېزىنىڭ كادىر ۋە ساقچىللىرىنى ئىشقا سېلىپ، ئالدىمىزنى توسۇۋالدى. شۇنداقلا بىزگە تەھدىت سېلىپ: «بۇ مەسىلىنى چىرايلىق سۆزلىشىپ، تىنچلىق بىلەن ھەل قىلىش كېرەكلىكىنى، شەھەرگە بېرىپ، قالايمىقانچىلىق چىقارماسلىقنى تەلەپ قىلدى. ئەگەر شەھەرگە بېرىپ قالايمىقانچىلىق چىقارساڭلار، بۇ ئىشىڭلار توپىلاڭ چىقارغانلىق بولۇپ ھېسابلىنىپ، قاتتىق جازالىنىسىلەر! »دەپ، بىزنى شەھەرگە ماڭغىلى قويمىدى. ئۇنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلىغان ئاپامنىڭ ئاكىسى قاتتىق غەزەپلىنىپ: سىلەر ئادەم ئۆلتۈرگەن قاتىلنى تۇتۇپ جازالىماقتا يوق، تېخى بىزنى جازالامسىلەر؟ قېنى بۇ ھۈكۈمەتتىكى ئادالەت؟سىلەر زادى كىمگە ۋەكىللىك قىلىسىلەر؟ ھەقسىزلققە ئۇچۇرغۇچى ئەزالىرىڭلارغا نېمىشقا ئىگە چىقمايسىلەر؟-دەپ قاتتىق گەپ قىلىپتىكەن، ئۇ بۇنىڭغا جاۋاب بېرەلمەي دۇدۇقلاپ: «پارتىيەنىڭ سىياسىتى ئۇنداق، ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتى مۇنداق»دەپ، قۇرۇق گەپ يورغۇلۇتۇپ، بىزنى ياۋاش بولۇشقا، يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىشقا قىستىدى.
– قانداق بۇيرۇقكەن ئۇ ئاپا، ئەرز قىلغۇچىنىڭ دەردىنى تىڭشىماقتا يوق، بۇيرۇق چۈشۈرۈشى ئۆڭگىلەڭلا بىر ئىشقۇ؟
– شۇنداق قىزىم، ئۇلار بىزنى جەسەتنى ئېلىپ كېتىپ، يەرلىككە قويۇۋېتىشكە بۇيرۇدى. ئەمما، ئاپام ۋە تۇغقانلار بۇنىڭغا ماقۇل بولماي، قاتىلنى جازالاپ بەرمىگۈچە جەسەتنى يەرلىككە قويمايمىز، دەپ چىڭ تۇرغان ئىدۇق. شۇنىڭ بىلەن سېكرېتار داۋۇتنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ساقچىلار ئاپامنىڭ ئاكىسىنى تۇتۇپ كېتىشتى. ئاندىن كېيىن ئاپام ۋە باشقا تۇققانلارغىمۇ تەھدىت سېلىپ، جەسەتنى ئېلىپ كېتىشنى، بولمىسا باشقىلارنىڭمۇ تۇتقۇن قىلىنىدىغالىقىنى ئېيتتى، بۇ گەپنى ئاڭلىغان ئاپام يىغلىغانچە ھوشىدىن كېتىپ، يېقىلىپ چۈشتى. تۇغقانلار ئاپامنى يۆلەپ تۇرغۇزۇپ، سۇ ئىچۈرگەن بولسىمۇ، خېلى ئۇزاققىچە ھوشىغا كېلەلمىدى، ئاڭغىچە بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان باشقا دېھقانلارمۇ يېتىپ كېلىپ، ئەرزدارلار سېپى نەچچە يۈزدىن ئېشىپ كەتتى. ئەھۋال بۇ دەرىجىگە يەتكەندە، ۋەقەنىڭ تېخىمۇ چوڭۇيىپ كېتىشىدىن قورققان داۋۇت سېكرېتار قىزىرىپ، تاتارغانچە: «خەپ، سىلەرنى!مەن ئەتە شەھەردىن نۇرغۇن ساقچى ئېلىپ كېلىمەن، توپىلاڭ چىقارماقچى بولغىنىڭلار ئۈچۈن ئېغىر جازالىنىسىلەر »دەپ، ماشىنىسىغا ئولتۇرۇپ، شەھەر تەرەپكە قاراپ تىكىۋەتتى.
– مومامغا قانداق بولدى ئاپا؟ ئۇ ساقايدىمۇ؟
– خۇدا ساقلاپ، ئاپامغا باشقا ئىش بولمىدى. تۇققانلاردىن ئىككى كىشى قېلىپ، ئەتىسى تاڭ ئاتقىچە ئۇخلىماي جەسەتكە قارىدى. باشقا تۇغقانلار ئاپامنى ئۆيگە ئېلىپ بېرىپ، دورا-دەرمەك بىلەن چاي ئىچكۈزۇپ، قۇرئان ئوقۇپ سۈپلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئاپام ھوشىغا كېلىپ، بىراز ياخشىلاندى.
ئەتىسى نېمە بولدى ئاپا، داۋۇت سېكرېتار نېمە ئىشلارنى قىلدى؟
-ئەتىسى بالام!-دەپ، ئۇھسىنغىنچە سۆزىنى داۋام قىلدى ئاپام – بىز بىرمۇنچە تۇغقانلار ۋە قولۇم-قوشنىلاردىن بولۇپ، 40-50 كېچە كىشى يەنە ئەرزىمىزنى داۋام قىلدۇرۇش ئۈچۈن كەلگەن ئىدۇق، چاشكا ۋاقتى بولۇشقا ئاز قالغاندا شەھەر تەرەپتىن نۇرغۇن پىكاپ ۋە ساقچى ماشىنىلىرى كېلىشتى. ھۆكۈمەتنىڭ ئەمەلدارلىرى بولسا كېرەك؟ بىرمۇنچە يوغان قورساق كىشىلەر بىلەن يەنە بىرنەچچە ئاقساقاللىق ئاخۇنۇملار ماشىنىدىن چۈشۈپ، يېنىمىزغا كېلىشتى. كەلگەن ساقچىلار قوراللىق بولۇپ، خۇددى بىزگە ھازىرلا ئوق چىقىرىدىغاندەكلا قىلاتتى. ئەمما ئوق چىقارماستىن يۇمىلاق شەكىلدە بىزنى قورشاپ تۇرۇشتى. ئەرزدارلار تەرەپتىن، ئاپام ئەمدى ئېغىزىنى ئېچىپ گەپ باشلاپ بولغىچە، ھېلىقى يوغان قورساق ئەمەلداردىن بىرسى خىقىرغانچە سۆزلەشكە باشلىدى:
-بىز ۋەقەدىن خەۋەر تاپتۇق، پارتىيە-ھۆكۈمەت بۇ ئىشنى ئادىل بىر تەرەپ قىلىدۇ. ھەممىمىز بىلىمىز، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ئەسكەرلىرى بۇ يەرگە چېگرا رايوننى قوغداپ، دۈشمەن كۈچلەر ۋە ئەكسىيەتچى بۇزغۇنچىلار بىلەن كۈرەش قىلىپ، خەلققە بەخت-سائادەت يارىتىش ئۈچۈن كەلگەن. ئۇلار ھەرگىزمۇ قەستەنگە ئادەم ئۆلتۈرمەيدۇ. بەلكى بىرەر سەۋەنلىك بولغان بولۇشى مۇمكىن!بىز ھەربىي قىسىم بىلەن ئالاقىلىشىۋاتىمىز، ئۇلار ئەسكەرلەرگە خاتالىقىنى تونۇپ، ئۆزىنى مەلۇم قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. ناۋادا بىرەرسى خاتالىقىنى تونۇپ ئۆزىنى مەلۇم قىلسا، ھەربىي قىسىم ئۇنىڭغا مۇۋاپىق چارە كۈرۈشى مۇمكىن! شۇنداق ئىكەن، سىلەر بۇ يەردە: « ئەرز قىلىمىز»دەپ، توپلىشىپ قالايمىقانچىلىق چىقارساڭلار بولمايدۇ. دەرھال جەسەتنى ئېلىپ تارقىلىپ كېتىڭلار. بولمىسا دۆلەت قانۇنى بويىچە جازالىنىسىلەر!-دەپ، باش مالتىقىنى شىلىتىپ، ئاپامغا قاراپ ۋارقىراپ كەتتى. ئۇ چاغدا مەن ئاپامنىڭ يېنىدا ئىدىم. ئاپام قاتتىق غەزەپكە كەلگەن ئىدى. ئۇنىڭ قوشۇمىسى تۈرۈلگەن ئىدى. ئۇ بىر قەدەم ئالدىغا چىقىپ سۆز ئالدى :
– باشلىق ئەپەندى، سىلى ھېلى تېخى، پارتىيەمىز بۇ مەسىلىنى ئادىل بىر تەرەپ قىلىدۇ دەۋاتاتتىلە، قاتىلنى تۇتۇپ جازالىماي تۇرۇپ، بۇ مەسىلە- قانداق ئادىل ھەل قىلىنغان بولىدۇ؟بىز قاتىلنىڭ تۇتۇلۇپ، جازالىنىپ بېرىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز! ئاڭلىسام، دۆلەتنىڭ قانۇنىدا: « قەستەن ئادەم ئۆلتۈرگەن جىنايەتچىلەرگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ» دېيىلىپتىكەنغۇ؟
– سىز قاچان قانۇن ئوقۇغان؟ خاتا ئوقۇپ قېلىپسىز!ئۇ دېگەن جەمئىيەتتىكى ئوغۇرى-بۇلاڭچىلارغا قارىتىلغان قانۇندۇر، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىگە ئەمەس.
-بۇ نېمە دېگەنلىرى باشلىق، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى-دۆلەتنىڭ پۇقراسى ئەمەسمۇ، ئۇلارمۇ جىنايەت ئۆتكۈزسە، باشقا بارلىق پۇقرالارغا ئوخشاش جازالىنىشى كېرەكقۇ؟
ئۇ ئەمەلدارنىڭ، ئاپامنىڭ بۇ قاتتىق سوئالىغا جاۋاب بېرەلمەي، تىلى تۇتۇلۇپ قالدى. بۇ چاغدا يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى داۋۇت ئارىغا گەپ قىستۇردى:
-تولا گەپدانلىق قىلمىسىلا، باشلىققا گەپ ياندۇرمىسىلا، ھۆكۈمەت بىلەن قارشىلاشسىلا-پايدا كۆرمەيلا، يەنە تېخى جازالىنىپ قېلىشلىرىنى مۇمكىن!
– بۇ نېمە دېگەنلىرى سېكرېتار، قاتىلنى تۇتۇپ جازالاپ بەرمەكتە يوق، تېخى بىز زىيانكەشلىككە ئۇچۇرغۇچىلار جازالىنامدۇق، قايسى دۆلەتنىڭ قانۇنىدا شۇنداق دېيىلگەن؟ قېنى كۆرسەتسىلە شۇ قانۇننى، بولمىسا مەن ھەرقايسىللىرىنىڭ ئۈستىدىن يۇقىرىغا ئەرز قىلىمەن.
ئاپامنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلىغان داۋۇت سېكىرتارنىڭمۇ چىرايى تاتىرىپ كەتىى-دە، يەنە قانۇن توغرۇلۇق تالاش-تارتىش قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىدىمۇ ياكى كۆز ئالدىدىكى ئاددىي بىر دېھقان ئايالغا گەپ ئاڭلىتالمىغانلىقىدىن ئاچچىقلىنىۋاتامدۇ؟ شەلپەردەك قىزىرىپ كەتكەن يۈزىنى يان تەرەپكە بۇراپ، باشلىقلار بىلەن بىللە چىققان ئاقساقال بىر كىشىگە قاراپ: داموللام! ئەمدى ئۆزلىرى گەپ قىلسىلا!-دېۋىدى، بىر ئاقساقاللىق كىشى ئاپامغا يېقىنراق كېلىپ، بىرقانچە ئايەتنى قىرائەت قىلىۋەتكەندىن كېيىن، مۇنداق دېدى: دىنىمىز شۇنداق بۇيرۇيدىكى، ھەرقانداق ئىشقا سەۋر قىلماق كېرەكتۇر!پادىشاھنىڭ ئەمىر-پەرمانلىرىغا بويسۇنۇش ۋاجىپتۇر!بۇ بىر قازايى-قەدەردۇر. تەقدىرسىز قىل تەۋرىمەيدۇ. بۇنىڭغا ئەلەھمۇللا دېيىش، تەقدىرگە رىزا كۆرسىتىش مۆمىن-مۇسۇلمالار بەجا كەلتۈرۈشكە تېگىشلىك ئىشلاردىندۇر. بۇ ۋەجىدىن بۇ ئىشقا بېرىدىغان ھۆكمۈم شۇكى: مېيىتنى قىيناش ياخشى ئەمەستۇر! ئۇنى ئارقىغا سوزماستىن، ھەممىمىزنىڭ بارار يېرى بولغان ئۆتكۆنچى ماكانىمىز تۇپراقى-لەھەتكە بېرىپ، ھېساب پەرىشتىللىرى بولغان مۇنكېر-نېكىرنىڭ ئىلكىگە تاپشۇرمىقىمىز لازىمدۇر.
ئاخۇنۇمنىڭ بۇ سۆزىنى ئاڭلاپ، ئاپام نېمە دېيىشنى بىلەلمەي قېتىپ قالغاندەكلا تۇرۇپلا قالدى. باشقا تۇققانلاردىنمۇ ھېچكىم بىرنەرسە دېيىشكە جۈرئەت قىلالمىدى. ئەتراپ ئېغىر سۈكۈناتقا چۆمگەن ئىدى. شۇ ئارىدا ئارقا تەرەپتىن يالاڭباش، رەتلىك كېيىنگەن بىر ياش بالا ئالدىغا چىقىپ، ئاخۇنۇمغا سوئال قويدى: ئاخۇنۇم! بىز مۇسۇلمان خەلق ھەر زامان تەقدىرگە، قازاي-قەدەرگە ئىشىنىپ كەلدۇق، بۇدېھقان مەزلۇملامۇ ئەلۋەتتە تەقدىرگە ئىشەنگۈچى مۆمىن-مۇسۇلمانلاردىندۇر. ئەمما بۇ قېتىمقى قاتىللىق ۋەقەسىنى -تەقدىردىن بولغان دېسەك توغرا بولمايدۇ. بۇ بىر قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش ۋەقەسىدۇر. بىر ئادەمنى باشقا بىرسى ئۆز ھەققىنى تەلەپ قىلغىنى ئۈچۈن زوراۋانلىق بىلەن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويسا، بۇنىمۇ تەقدىردىن شۇنداق بولغان دېسەك، ئاللاھنىڭ ئادالىتىگە شەك كەلتۈرگەن بولۇپ قالىمىز. ئاللاھ ھېچقاچان بىر زوراۋاننى باشقىلارنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويىدىغان، يەنە بىر مەزلۇمنى ناھەق ئۆلتۈرۈلىدىغان قىلىپ ياراتمىغان. ئەكسىنچە، ئىنسانلارنى بىر -بىرسىگە زۇلۇم قىلماسلىقنى، زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىنىڭ، ناھەق ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ قىساسىنى ئېلىشقا بۇيرۇغان. چۈنكى، ھەق ئىگىسى بولغان ئاللاھ: زۇلۇمغا ئۇچۇرغۇچىغا قارىتا: « ئۇنىڭ قىساسىنىڭ ئېلىنىشىنى – ئادالەتنىڭ تەجەللى بولغانلىقىنىڭ ئالامىتى»سۈپىتىدە كۆرسەتكەندۇر.
-سىز، سىز نەنىڭ كادىرى، قەيەردە خىزمەت قىلىسىز؟-مەن سىزنى ھەجەپ كۆرمەپتىكەنمەن؟ مەن، مەن بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بۇ ۋەزىپىنى قىلىۋاتىمەن-دېدى ئۇ ئوقۇغۇچىنىڭ دېگەنلىرىگە جاۋاب بېرەلمىگەن داموللام كېكەچلەپ،
-مەن كادىرئەمەس، ئۈرۈمچىدىكى ئۇنۋېرستېتتنىڭ سىياسىي نەزەرىيە فاكۇلتېتىدا ئوقۇيمەن. بىز بۇ يەرگە جەمئىيەت تەكشۈرۈش فراكتىكىسى قىلىش ئۈچۈن كەلگەن. ئەگەر مۆرىتى كەلسە سىلىگە يەنە: «مىللىي مەسىلىگە ئائىت سىياسەت ۋە قانۇنلار»دىنمۇ سۆزلەپ بېرىشكە تەييارمەن. بۇنىڭغا نېمە دەيلا؟-دېدى ئۇ ئوقۇغۇچى مەردانىلىق بىلەن.
بۇ چاغدا ئاخۇنۇمنىڭ تىلى تۇتۇلۇپ قالغاندەك جىمجىت بولۇپ قالغان ئىدى. ئۇ ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىپ، ئۆزىدىن سەل نېرىسىدەرەك تۇرغان، ئالدى قېلىن باستۇرۇلغان كەپكە كىيىۋالغان، سەمرىپ قورساق سېلىپ كەتكەن بىر ئادەمگە: «ئەمدى قانداق قىلىمەن؟»دېگەندەك قىلىپ قارىۋىدى، ئۇ ئادەم ئاخۇنۇمنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ، خۇددى ئۇنى قوغدىماقچى بولغاندەك توسۇپ تۇرۇپ:-سىز كىم بولىسىز؟ داموللام بىلەن تاكاللىشىدىغانغا نېمە ھەددىڭىز؟ئۇ دېگەن شەھىرىمىزنىڭ چوك ئۆلىماسى، ھېچكىم ئۇنىڭ گېپىگە قارشى چىقالمايدۇ. ئۇنىڭ پەتىۋاسى خاتا بولمايدۇ. سىز بۇ يەرلىك بولمىغاندىكىن، بۇئىشىلارغا ئارىلاشماڭ!بۇ ئىشنى بىز شەھەرلىك پارتكوم بىرلىكسەپ بۆلۈمى-ئۆزىمىز توغرا بىر تەرەپ قىلالايمىز!-دەپ، ئۇ ئوقۇغۇچىنىڭ بۇ ئىشقا ئارىلىشىشىنى توسماقچى بولدى.
-بۇ قانداق توغرا بىرتەرەپ قىلىش بولىدۇ؟سىلەر قاتىلنى تۇتۇپ، قانۇن بويىچە جازالىشىڭلار كېرەك ئەمەسمۇ؟-دېدى ئۇ ئوقۇغۇچى يەنە بوش كەلمەي،
-بىز ھەربىي قىسىمنىڭ ئىشىغا ئارلىشالمايمىز، ئەمما بىز باشقا بىر ئىشنى ئويلىشىۋاتىمىز، بۈگۈنلا ئىلتىماس يېزىپ ئەۋەتمەكچى بولۇۋاتىمىز.
-قانداق ئىلتىماس ئۇ؟-دەپ سورىدى ئۇ ياش ئوقۇغۇچى بۇنىڭغا ھەيران بولۇپ، ئاپاممۇ بۇنىڭدىن خەۋەرسىز بولغاچقا، جىددىيلىشىپ كېىتپ بىرلىكسەپ خادىمىغا سوئال نەزىرىدە تىكىلدى.
– قانداق ئىلتىماس بولاتتى، جەسەتنىڭ ئائىلە-تاۋاباتىغا ئىقتىسادى تۆلەم بېرىش ئىلتىماسى، ئەگەر ھەربىي قىسىم قوشۇلسا، سىلەرگە مەلۇم مىقداردا پۇل ئېلىپ بېرىمىز، كېيىنكى تۇرمۇشىڭلىغا ئىشلىتىسىلەر، بۇ ئۆلۈم داۋاسىنى ئاخىرلاشتۇرۇشىڭلار ئۈچۈندۇر.
ئاپام بىرلىكسەپ كادىرنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ، قاتتىق غەزەپلەنگەن ھالدا: كادىر ئەپەندى بىز جەسەتنى پۇلغا ساتمايمىز، بۇ بىز قوبۇل قىلالايدىغان ئىش ئەمەس، بىز قاتىلنى تۇتۇپ، جازالاپ بېرىپشىڭلارنى تەلەپ قىلىمىز-دېدى قەتتئىلىك بىلەن. ئەمما، ئاپامنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلىغان بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ كادىرى قاتتىق چىچاڭشىپ :
– ئەگەر تۆلەمنى قوبۇل قىلماي، ھۆكۈمەت بىلەن يەنە قارشىلاشساڭلار، جازاغا ئۇچراپ كېتىسىلەر!–دەپ، ئاپامنى قورقۇتماقچى بولدى. بۇ گەپنى ئاڭلىغان ياش ئوقۇغۇچى بالا چىداپ تۇرالماي، يەنە سۆزگە ئارلاشىتى :
– كادىر ئەپەندى، كوممۇنىستىك پارتىيە ھەممىگە قادىر ئىدىغۇ؟ ھەربىي قىسىمنىمۇ كوممۇنىستىك پارتىيە باشقۇرىدىغان بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە دۆلەت قانۇنىنىمۇ شۇلار تۈزگەندىن كېيىن، « قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەردۇر» دەيدىغان شۇئارىڭلار بويىچە، مەسىلىنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلساڭلار، قاتىلنى تۇتۇپ سوتلىساڭلار بولمامدۇ؟ بۇنداق قىلالمىساڭلار سىلەردە ئادالەت بار دېگىلى بولامدۇ؟
ياش ئوقۇغۇچىنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرەلمىگەن بىرلىكسەپ كادىرى دۇدۇقلاپ: سىز، سىز يەرلىكنىڭ ئىشىغا ئارىلاشماڭ، ئىسيانچىلارغا يان باسماڭ، بولمىسا ئۈستۈڭىزدىن مەكتىپىڭىزگە ئەرز قىلىمىز، قېنى سىزنىڭ يېتەكچى ئوقۇتقۇچىڭىز؟ بىز ئۇنىڭ بىلەن جىددىي سۆزلىشىشىمىز كېرەك دەپ ئۆكتەملىك قىلىپ، يېنىدا تۇرغان باشقا بىر كادىرنى فراكتىكانت ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېتەكچىسىنى چاقىرىپ كېلىڭلار-دەپ يولغا سالدى. ئۇ كادىر كېتىپ ئۇزاق قالمايلا ئوتتۇرا بوي، كۆزلىرى ئويناپ تۇرىدىغان بىر كىشىنى چاقىرىپ كەلدى. ئۇ كىشى بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ كادىرى بىلەن بىردەم ئايرىم گەپلەشكەندىن كېيىن، ئۇ ئوقۇغۇچىغا قاراپ: ئۆمەرجان، سەن بۇ يەردىن ئايرىل! بۇ ئشلارغا ئارىلاشما، بۇ ئىشنى يەرلىك ھۆكۈمەت ئۆزلىرى ھەل قىلىدۇ. مەن بىلەن بىللە ماڭغىن، ياتاققا كېتىمىز!-دەپ، مەجبۇرى دېگۈدەك ئېلىپ كەتتى.
شۇنىڭدىن كېيىن ئۇزاق قالمايلا كەنت سېكرېتارى، كەنت باشلىقى ۋە ئەترەت باشلىقلىرى كېلىپ، ئاپامنى ئارىغا ئېلىۋالدى. ئۇلار خېلى ئۇزاق تالاش -تارتىش قىلىشتى. ئاپامنىڭ چىرايى بارغانچە سارغىيىپ كېتىپ باراتتى. ئاخىرىدا، « كەنت ئاياللار كومىتېتى» نىڭ مۇدىرى ئاپامنى يۆلەپ دېگۈدەك، كەنت مۇدىرىنىڭ ئات ھارۋىسىغا چىقىرىپ ئېلىپ ماڭماقچى بولدى. مەنمۇ ئارقىسىدىن كېلىۋىدىم : ئاپام ماڭا: قىزىم! سىز قوشنىلار بىلەن ئۆيگە قايتىپ تۇرۇڭ، مەن كەنت كادىرلىرى بىلەن يىغىنغا قاتنىشىشىم كېرەك ئىكەن. يىغىن تۈگىگەندە قايتىپ كېلىمەن-دەپ، مېنى قوشنىلارغا تاپشۇرۇپ، كادىرلار تەرىپىدىن كەنتكە ئېلىپ كېتىلدى.
– شۇنداق قىلىپ، بوۋامنىڭ خۇن داۋاسى شۇنىڭ بىلەن تۈگۈدىمۇ، مومامغا نېمە بولدى؟
– ئاپامنى كەچكە يېقىن كەنت كادىرلىرى ئۆيگە ئەكېلىپ قويۇشتى. بوۋىڭىزنىڭ جەسىتىنى بولسا مەجبۇرى ھالدا نامىزى ئوقۇتۇلۇپ، تۇپراققا قويدۇرۋېتىلدى.
ئاپام شۇنىڭدىن تارتىپ، ئاغرىقچان بولۇپ قالدى. ئەسلىشىمچە، بىر نەچچە ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، يېزا ۋە كەنتتىن بىر نەچچە كادىر كېلىپ، ئاپامنىڭ ئالدىغا بىر بولاق پۇلنى قويۇپ: «مارىخان، مانا بۇ قادىرئاخۇننىڭ خۇن ھەققىدۇر، بۇنى ئېلىپ داۋالانسىلا، قاتىلغا ھەربىي قىسىمدىكىلەر ئۆز ئىچىدە چارە كۆرۈپتىمىش، بۇ ئىشنى ئەمدى باشقىلارغا دەپ يۈرمىسىلە، بولمىسا ھەممىمىزگە ياخشى بولمايدۇ» دەپ چىقىپ كېتىشتى.
قاتىلغا قانداق چارە كۆرۈلۈپتۇ، ئاپا؟
-ئۇنى بىلەلمىدۇق قىزىم، ئۇ ھەقتە بىزگە ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىشمىدى. كادىرلاردىن سورىسام:
-ئۇنى سورىمىسىلا، بۇ بىر دۆلەت مەخپىيەتلىكى، ئۇنى سوراشقا ياكى سۈرۈشتۈرۈشكە بولمايدۇ دېيىشتى. ئەمدى قىزىم، بۇنىڭ ھېسابىنى ئاللاھ قىيامەت كۈنى ئۆزى سورايدۇ. بىز مۆمىن بەندىلەر بەكمۇ ئاجىزكەنمىز، ئىلاھىم، مەزلۇملارنىڭ ئاھىغا قۇلاق سالغايسەن، ئامىن!
3 – باب
مانا ھايت-ھۇيت دېگۈچە ئارزۇگۈلنىڭ لەڭگەر كەنتىدىكى ئاتا- ئانىسىنىڭ يېنىدا تۇرىۋاتقىنىغا ئۈچ ئاي بولۇپ قالدى. قورساق كۆتۈرگەن 8 – ئېيىنىڭ توشۇشىغا بىر ھەپتىدەك ۋاقىت قالغان ئىدى. بىر ھەپتىدىن كېيىن، 9 – ئېيىغا يېتىپ بارالىسىلا، ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتى بىلەن پەرزەنتىنى يورۇق دۇنياغا ئاپىرىدە قىلاتتى. ئۇ تېخى بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى كۆرگەن چۈشىنى ئەسلىدى: « ئۇ قولىدا بىر چېلەكنى كۆتۈرۈپ، ئىشىك ئالدىدىكى ئېرىقتىن سۇ ئالغىلى چىققان ئىدى. ئەمدىلا چېلەكنى سۇغا تىقىشىغا، سۇ بىردىنلا ئۇلغىيىپ، يوغان بىر كۆلچەككە ئايلىنىپ قالدى ۋە ئارزۇگۈل سۇغا چۆكۈپ تۇنجۇقۇپ قالغىلى تاسلا قالدى. ئۇ قولىنى پالاقشىتىپ، سۇدىن چىقىپ كېتىشكە ئۇرۇنۇپ بېقىۋىدى، سۇ تېخىمۇ ئۇلغىيىشقا باشلىدى. شۇ ئەسنادا سۇدا نۇرغۇن بېلىق ۋە يىلانلار پەيدا بولۇپ، ئارزىزگۈلنى ئورىۋالدى-دە، بىر جۈپ يىلان ئۇنىڭ قورسىقىغا كىرىۋالدى. ئۇ: ھەي نىجىسلار، نېمە قىلىۋاتىسىلەر؟ مېنىڭ قورسىقىدا بالام بار، ئۇنىڭغا زىيان يەتكۈزمەڭلار، مەن ئۇنى تىنچ-ئامان تۇغۇۋالاي، ئۇنىڭغا زىيانكەشلىككە قىلماڭلار! يەپ كەتمەڭلار! دەپ ۋارقىراپ كەتتى، شۇ ئەسنادا بىر يىلان ئۇنىڭ قورسۇقىدىن چىقىپ كېتىپ، بىرسى قېلىپ قالدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ قورسىقى تولغاق تۇتقاندەك ئاغرىشقا باشلىدى. ئارزۇگۈل ئاغرىققا چىدىماي، ۋاقىرغانچە ئويغىنىپ كەتتى».
ئارزۇگۈل چىلىق-چىلىق تەرگە چۆمۈلۈپ كەتكەن ئىدى. قىزىنىڭ ۋاقىرىغان ئاۋازىدىن ئويغىنىپ كەتكەن سارىخان ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ، قولى بىلەن پېشانىسىنى سىلاپ تۇرۇپ: قىزىم نېمە بولدىڭىز، بىرەر قالايمىقان چۈش كۆرۈپ قېلىپسىزمۇ؟-دەپ سورىدى. ئارزۇگۈل باياتىن كۆرگەن چۈشىنى ئاپىسىغا دەپ بېرىۋىدى، ياشانغان ئانا بىردەم ئويلىنىپ تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن مۇنداق دېدى: قىزىم! قارىغاندا قوش كېزەك تۇغىدىغان ئوخشايسىز، ئەمما بىرسى-نامەلۇم بىر سەۋەبتىن بالا-قازاغا ئۇچراپ قالامدۇ نېمە؟ ئاھ، خۇدا ئۆزۈڭ ياردەمچى بولغايسەن!دەپ، بىرمۇنچە ئايەتلەرنى ئوقۇپ دۇئا قىلدى.
شۇنىڭدىن كېيىن، ئارزۇگۈلنىڭ كىچىك تولغىقى باشلىنىپ كەتتى. بۇ ئۇنىڭ بۇرۇنقىدەك 9 – ئېيىغا قەدەم قويغاندا باشلىنىدىغان نورمال تولغاق مەزگىلىدىن بىر نەچچە كۈن بالدۇر ئىدى. ھامىلە ئارزۇگۈلنىڭ ئانىسى دېگەندەك راستتىنلا قوشكېزەكمۇ قانداق؟ تولغاق تۇتقاندا ئۇنىڭ قورسىقى – ئىككى تەرەپكە تارتىشقاندەك، ئىككى تەرەپتىن مىدىرلاش سېزىمى ھاسىل قىلاتتى. بۇ ئەھۋال بىر نەچچە كۈن شۇنداق داۋام قىلغاندىن كېيىن، ئارزۇگۈلنىڭ چوڭ تولغىقى باشلىنىپ كەتتى. ئۇنىڭ قورسىقىنىڭ ئاغرىقى بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدىغان بولۇپ، تولغاق ئىككى تەرەپتىن تەڭلا كېلىپ، بەكلا قاتتىق ئاغرىۋاتاتتى.
ئەسلىدە ئارزۇگۈلنىڭ ئاپىسى، قىزىنى ھېچكىمگە تۇيدۇرماستىن ئۆزى تۇغۇت ئانىسى بولۇپ تۇغدۇماقچى ئىدى. ئەمما ھامىلىنىڭ قوش كېزەك بولۇش ئېھتىماللىقىنى نەزەرگە ئېلىپ، قوشنا مەھەللىدىكى يېقىن شىرەم تۇغقىنى بىر موماينى، تۇغۇت ئانىسى بولۇپ بېرىشكە چاقىرىپ كەلدى.
تۇغۇت ئانىسى موماي، ئارزۇگۈلنىڭ قورسىقىنى سىلاپ تۇرۇپ، بىرنەچچە قېتىم قۇلىقىنى يېقىپ، بالىنىڭ يۈرەك سوقۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، يۈرەك سوقۇۋاتقان ئورۇننىڭ ئىككى يەردىن كېلىۋاتقانلىقىنى بىلىۋالدى. دېمەك بالا قوشكېزەك ئىدى. مۇقىملاشقان بۇ ھۈكۈمدىن ئارزۇگۈل ۋە ئۇنىڭ ئاپىسى بەكمۇ خۇشال بولۇشتى. پات-پات ئارزۇگۈلنى يوقلاپ، كېلىپ-كېتىپ تۇرۇۋاتقان مەمەت قارىمۇ بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، بىر تەرەپتىن خۇشال بولغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن بېشى قېتىشقا باشلىدى. ئۈچىنچى بالىسىنىڭ تۇغۇلۇشىغا رۇخسەت ئېلىش ئۈچۈن، بۇرۇنقى يېزا نوپۇسىنى نۇرغۇن يول مېڭىپمۇ تېخىچە ئەسلىگە كەلتۈرەلمىگەن ئىدى. ناۋادا ئۇنى ئەسلىگە كەلتۈرەلىگەن بولسا، بەلكى دۇنياغا ئاپىرىدە بولۇش ئالدىدا تۇرغان بالىسىنىڭ تۇغۇلۇشىغا چەكلىمە قويۇلمىغان، مۇنداقچە ئېيتقاندا، ھامىلە-ئانىسىنىڭ قورسىقىدىن مەجبۇرى ئالدۇرۋېتىلمىگەن ياكى ساق-ساغلام تۇغۇلغان ھالەتتىمۇ، «پىلانلىقلىق تۇغۇت كومىتېتى»نىڭ قاتىللىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈۋېتىلمىگەن بولاتتى. ئەمدى قانداق قىلىش كېرەك؟ تۇغۇلغۇسى بۇ قوشكېزەكلەرنىڭ ھاياتىنى قوغداپ قالغىلى بولارمۇ؟ ئەگەردە، ئۇلار بۇرۇنقى يېزا نوپۇسىنى ئەسلىگە كەلتۈرەلىگەن بولسا ئىدى. بەلكى« يېزا نوپۇسىدىكىلەرنىڭ ئالاھىدە ئەھۋالدا 3. بالىسىنى تۇغۇشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ» دېگەن پىلانلىقلىق تۇغۇت سىياسىتى بويىچە، يەنە بىربالىنى تۇغۇش رۇخسىتىگە ئېرىشكەن بولاتتى. ئەمما ئۇلار ئاللىقاچان شەھەر نوپۇسىغا ئۆتۈپ بولغان بولغاچقا، 3. بالىنى تۇغۇشقا رۇخسەت قىلىنمايتى، ھامىلىنىڭ قوشكېزەك ئىكەنلىكى بولسا، مەسىلىنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرىۋېتەتتى.
مەمەت قارى ئۇزاق ئويلانغاندىن كېيىن، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش قارارىغا كەلدى-دە، كەنت سېكرېتارنىڭ ئىشخانىسىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا ئارزۇگۈلنىڭ ھامىلىدار ئىكەنلىكىنى، بۇ 3. ھامىلىسىنىڭ ئوغۇل بالا بولۇپ قېلىش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى ئېيتىپ، ئەسلىدىكى يېزا نوپۇسىنى قايتۇرۋېلىشنى تەلەپ قىلدى. كەنت سېكرېتارى ئۇنىڭ ئۇزاق يېلىنىشىدىن كېيىن، ئۇنىڭغا: بۇ ئىشنى ئۆزىنىڭ قىلالمايدىغانلىقىنى، پەقەت ئۇنىڭغا ئىلگىرى مۇشۇ كەنتنىڭ ئەزاسى بولغانلىقىغا ئائىت ئىسپات قىلىپ بېرەلەيدىغانلىقىنى، قالغان ئىشنى يېزىلىق ھۆكۈمەتكە بېرىپ ھەل قىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى ۋە ئۇنىڭ ئايالىنىڭ 3. بالىغا ھامىلىدار بولغانلىقىنىڭ قانۇنسىزلىق ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنى دەرھال«پىلانلىقلىق تۇغۇت كومىتېتى»غا مەلۇم قىلىشى كېرەكلىكىنى، بولمىسا ئاقىۋىتىنىڭ ياخشى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ، بىرمۇنچە ئاگاھلاندۇرۇش قىلدى.
مەمەت قارىنىڭ بېشىنىڭ ئىچى ۋە تېشىمۇ قاتماقتا ئىدى. ئۇ يېزىلىق ھۆكۈمەتتە ئىشلەيدىغان بىر تونۇشىنى ئىزدەپ تېپىپ، ئەھۋالنى ئېيتىۋىدى، ئۇ بېشىنى چايقاپ: سېنىڭ ئىشىڭ بەك چوڭ ئىش ئىكەن. بۇ ئىشنى بىرەرسىگە يالۋۇرۇش، دەرد ئېيتىش بىلەن ھەل قىلغىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈچۈن سەن چوقۇم بىراز ئىقتىسادىڭدىن ۋاز كېچىشىڭ كېرەك!-دېدى. ئۇنىڭ بۇ دېگىنى-«سەن يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ئىشقا مەسئۇل باشلىقىغا بىر مۇنچە پۇل چىقىرىپ، ئۇنىڭ چۆنتىكىگە سۆڭگىتىشىڭ كېرەك»دېگەنلىك ئىدى. مەمەت قارى ئەزەلدىن باشقىلارغا خۇشامەت قىلىشنى، ئارقا ئىشىكتىن يول مېڭىپ، مەسىلە ھەل قىلىشنى ياخشى كۆرمەيتتى. ئەمما بۇ قېتىم ئۇ يېزا كادىرىنىڭ دېگىنىگە ماقۇل بولۇشقا مەجبۇر ئىدى. ئەگەردە ئۇنداق قىلمىغاندا، ئۇنىڭ 3. بالىسىنىڭ تۇغۇلۇشىدىن ۋاز كېچىپ، تېخى بۇ دۇنياغا كۆز ئاچمىغان ھامىلىنى قاتىللارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىشى كېرەك بولاتتى.
مەمەت قارىنىڭ 3. بالىسىنىڭ تۇغۇلۇشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئىلگىرىكى يېزا نوپۇسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىن باشقا چارىسى يوق ئىدى. خۇددى ئۇ ئىلگىرى شەھەر نوپۇسىنى نۇرغۇن يول مېڭىپ، ئىقتىسادىي تۆلەم ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگىنىدەك، بۇ قېتىم يېزا نوپۇسنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىمۇ پۇل بىلەن قىلمىسا بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى: «بولدىلا، شۇنداق قىلاي! پۇل دېگەن-ئوغۇل بالىنىڭ قولىنىڭ كىرىغۇ-دېدى ئۇ ئۆزىگە-ئۆزى پىچىرلاپ، ناھايىتى جىق كەتسىمۇ بەش-ئون مىڭ سوم كېتەر، بىز ھۈنەرۋەن ئادەملەر تىرىشساقلا، پۇل دېگەننى يەنە تاپالايمىزغۇ؟»
شۇنداق قىلىپ، مەمەت قارى كادىرى تونۇشىنىڭ ۋاسىتىچىلىك قىلىشى بىلەن يېزا باشلىقىغا ئون مىڭ سوم پۇل سۆڭگىتىشكە مەجبۇر بولدى. ئۇ كادىرمۇ ۋاسىتىچى بولغان ھەققىنى ئالماي قويمىدى. ئۇنىڭ ئەسلىدىكى لەڭگەر كەنتىگە تەۋەلىك-يېزا نوپۇسى ئەسلىگە كەلتۈلۈرۈپ بېرىلدى. ئەمما مەمەت قارىنىڭ بېشى بۇنىڭ بىلەنلا ساقايمايتتى. ئارزۇگۈل قوش كېزەك پەرزەنتكە ھامىلىدار ئىدى. ناۋادا: «يېزا نوپۇسىدىكىلەر تۆتىنچى بالىنى تۇغۇشقا بولمايدۇ »دېگەن پىرىنسىپ ئىشقا سېلىنسا، بىر بالىدىن ۋاز كېچىپ، ئۇنى «پىلانلىقلىق تۇغۇت كومىتېتى» قاتىللىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇشى كېرەك ئىدى.
«قانداق قىلىش كېرەك؟ ناۋادا ھامىلە ساق-سالامەت دۇنياغا كەلگەندە بىر بالىنى مەلۇم قىلىپ، بىر بالىنى مەلۇم قىلماي، يوشۇرۇن بېقىپ چوڭ قىلسىچۇ؟ ئەمما، بۇمۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئاشكارا بولۇپ قالىدىغان ئىشتە؟ ئۇ چاغدا يەنە جازا تۆلىگەننىڭ ئۈستىگە، چۆپ-چوڭ بولۇپ قالغان بوۋاقنىڭمۇ ئۆلتۈرۈلۈش خەۋپى مەۋجۇتقۇ؟ »دېگەنلەرنى ئويلىدى-دە، قانداق قىلىشنى بىلەلمەي: ئاھ خۇدا! مېنىڭ ئىشلىرىمنى ئۆزۈڭ ئاسان قىلغانسەن، زالىملارنىڭ زۇلمىدىن ئۆزۈڭ ساقلىغايسەن، بالىلىرىمنىڭ يەيدىغان رىزقىنى ئۈزۈپ قويمىغايسەن. شۇ بىر جۈپ پەرزەنتىمنىڭ تىنچ-ئامان تۇغۇلۇپ، ساق -سالامەت چوڭ بولۇشىغا نېسىپ قىلغايسەن، ئامىن، ئاللاھۇ ئەكبەر!-دەپ دۇئا قىلىپ، ئاللاھقا يېلىندى.
ئارزۇگۈلنىڭ تولغىقى يۇقىرى پەللىگە چىققان ئىدى. ئۇنىڭ ئاپىسى ۋە تۇغۇت ئانىسى بولغان ئايال ئارزۇگۈلگە بىر تەرەپتىن دۇئا قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنى ئۆي ئىچىدە ماڭدۇرۇپ، ھامىلىسىنىڭ ھەرىكەت ئەھۋالىنى كۆزىتىپ، ھەر خىل چارىلارنى قىلىشتى. ئارزۇگۈل ئېغىر تولغاق ئاغرىقىغا بەرداشلىق بېرىپ، قانچە ئىنجىقلىسىمۇ بالا تۆۋەنگە ماڭمىدى. ئىككى مەزلۇم ئايالنىڭ قىلغان ئەجىرلىرى كارغا كەلمەيۋاتاتتى. بۇ بەلكى ھامىلىنىڭ تەتۈر كېلىپ قالغانلىقىنىڭ ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن ئىدى.
ئۇ كۈنى مەمەت قارىمۇ: « ئارزۇگۈلنىڭ كۆزى يورۇپ قېلىشى مۇمكىن، مەنمۇ ياردەمدە بولاي!»دەپ ئويلاپ، چوڭ ئۆيىدە قالغان ئىدى. ئىككى ئانىنىڭ كېچىچە ھەپىلەشلىرىدىن نەتىجە چىقمىغاندىن كېيىن، مەمەت قارى ئۇلارغا: سىلەرگە كۆپ رەھمەت ئانىلار، ئەمدى ئارزۇگۈلنى دوختۇرخانىغا ئاپارمىساق بولمايدىغان ئوخشايدۇ؟ بولمىسا بىرەر خەتەر كېلىپ چىقىپ، ئۇنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يېتىپ قالمىسۇن-دەپ، ئۇ ئىككى موماينى قايىل قىلدى-دە، تاكسى چاقىرىپ كېلىپ، ئارزۇگۈلنى يېزىلىق دوختۇرخانىغا ئېلىپ باردى.
يېزىلىق دوختۇرخانىنىڭ تۇغۇت بۆلۈمى جىددىي تەكشۈرۈش ئارقىلىق ھەقىقەتەن بالىنىڭ تەتۈر كېلىپ، تۆۋەنگە ماڭماي تۇرۇپ قالغانلىقىنى، ئوپېراتسىيە قىلىشتىن باشقا چارەنىڭ يوقلىقىنى ئېيتىۋىدى، مەمەت قارى ۋە ئاپىسى ئۇنىڭغا دەرھال ماقۇللۇق بىلدۈردى. شۇنىڭ بىلەن ئارزۇگۈل دوختۇرخانىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىدە ئەكىرىلىپ، ئوپېراتسىيە قىلىندى ۋە بىر جۈپ پەرزەنتى يورۇق دۇنيا بىلەن دىدارلاشتى.
دېگەندەك ھامىلە قوشكېزەك بولۇپ، ھەر ئىككىلىسىلا ئوغۇل ئىدى. ئارزۇگۈل ئازاب ۋە خۇشاللىقتىن يىغلىماقتا ئىدى. ھاياجاندىن مەمەت قارىنىڭ كۆزىدىنمۇ ياش چىقىپ كەتتى. ئۇ يىغا ئارىلاش خۇشاللىق ئىچىدە ياتقان ئارزۇگۈلنىڭ ۋە پەرزەنتلىرىنىڭمۇ پېشانىسىگە سۆيۈپ قويۇپ، ئۇلارغا بەخت تىلىدى.
بۇ ۋاقىتتا تاڭ سۈزۈلۈپ ئىشقا چۈشىدىغان ۋاقىت بولۇپ قالغانىدى. باشقا دوختۇرلارمۇ كېلىشكە باشلىدى. مەمەت قارى ئارزۇگۈلنىڭ قورسىقى ئېچىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن دەپ ئويلاپ، ئۇنىڭغا سىرتتىن تاماق ئەكىرىش ئۈچۈن يېزا بازىرىغا چىقىپ كەتتى. ئارزۇگۈلنىڭ ئانىسى ئۇنىڭ يېنىدا ئىدى. توساتتىن تۇغۇت بۆلۈمىنىڭ ئالدىدىلا بىر ئايالنىڭ باشقابىر نەچچە ئايالغا ۋاقىرىغاندەك ئاۋازدا قىلىۋاتقان قوپال گەپلىرى ئاڭلاندى: سىلەر بۇ ئايالنى نېمىشقا تۇغۇت بۆلۈمىدە قوبۇل قىلدىڭلار؟ ئۇنىڭ پىلانلىق تۇغۇت كىنىشكىسى ۋە تۇغۇش رۇخسىتى بارمىكەن؟ نېمىشقا سۈرۈشتۈرمىدىڭلار ؟ ناۋادا ئۇنىڭ پەرزەنتى؛«پىلانلىق تۇغۇت نورمىسى»دىن ئارتۇق بولۇپ قالسا، ئۇ چاغدا بىز ھۈكۈمەتكە نېمە دەپ جاۋاب بېرىمىز ؟ قېنى مېڭىڭلار، بىز ئۇ ئايالنىڭ كىنىشكىسىنى تەكشۈرۈپ باقايلى-دەپ، خىزمەتچىلىرىنى تۇغۇت بۆلۈمگە باشلاپ كىردى. ئۇ ئايال پىلانلىق تۇغۇت بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولسا كېرەك؟ تۇغۇت بۆلۈمىدە كىرىپلا ھېچكىمگە سالاممۇ بەرمەستىن، ئارزۇگۈلنىڭ ئاپىسىغا قاراپ :
– ھەي، موماي، قىزىڭىز قوش كېزەك تۇغۇپتۇ، ئۇنىڭ پىلانلىق تۇغۇت كىنىشكىسى بارمىدى؟ بالىنىڭ تۇغۇلۇش رۇخسىتى قېنى؟بۇ قانچىنچى بالاڭلار بولىدۇ؟ پىلانلىق تۇغۇت نورمىسىغا چۈشەمدۇ ياكى چۈشمەمدۇ؟-دەپ، قوپاللىق بىلەن گەپ سوراشقا باشلىدى. ئارزۇگۈلنىڭ ئاپىسى پىلانلىق تۇغۇت بۆلۈمى باشلىقىغا نېمە دېيىشنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدى. ئارزۇگۈلنىڭ بولسا كۆزىدىن ياش ئېقىپ توختىمايۋاتاتتى.
-: ھە-ئە، نېمىگە يىغلايسىز؟ سىزنى قانۇنلۇق تۇغدىمۇ ياكى قانۇنسىزمۇ؟ – دەپ سوراۋاتىمەن. پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىدىن ئالغان كېنىشكاڭلار قېنى؟ بۇ بالىلارنى تۇغۇش رۇخسىتى بارمۇ؟-دەپ ئارزۇگۈلگە ئالايغانچە ۋارقىرىدى. ئارزۇگۈل تەستە ئېغىزىنى ئېچىپ: بۇ، بۇ مېنىڭ ئۈچىنچى تۇغۇتۇم بولىدۇ–دېدى.
– ئىلگىرى ئىككى بالىڭىز بارمىدى؟ ئۇنداقتا سىلەرگە ئۈچىنچى بالىنى تۇغۇشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. تۆتىنچى بالىنى تۇغۇشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. بۇنى بىلمەمتىڭىز؟ بۇ قوشكېزەك بالا بىلەن سىزنىڭ جەمئىي بالىڭىز تۆت بولۇپ كېتىدىكەن. دېمەك بىرسى نورمىدىن ئارتۇق بولۇپ، پىلانلىق تۇغۇت قانۇنىغا خىلاپتۇر. شۇڭا، بىر بالا: « قانۇنسىز تۇغۇلدى» دېگەن گەپ-بۇ بالىنى ئېلىپ مېڭىڭلار، بىز ئۇنى ھازىرلا ئۆلۈمگە يوللىشىمىز كېرەك.
تۇغۇت بۆلۈمى باشلىقىنىڭ بۇيرۇشى بىلەن، بىر سېسترا ئايال كېلىپ بالىنى ئالدى-دە، نېرىراق يەردىكى بىر كارىۋاتقا ئېلىپ بېرىپ، يۆگەكنى ئېچىپ، بېسىپ تۇتۇپ بەردى. يەنە بىر سېسترا ئايال بىر ئوكۇلنى ئېلىپ كېلىپ، پوسسىدە قىلىپ، ئۇنىڭ بېقىنى تەرەپكە سانجىۋەتتى. بۇ ئوپېراتسىيە قىلىپ يېڭىدىن ئېلىنغان بىر جۈپ قوشكېزەكتىن كېيىنكىسى ئىدى. ئۇ مەزلۇم ئەر-ئايالنىڭ تۆتىنچى پەرزەنتى بولۇپ، قانۇنسىز تۇغۇلغانلىقى ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى .
مەمەت قارى ئەتىگەنلىك ناشتىلىق قىلىش ۋە بوۋاقلار ئۈچۈن كېرەكلىك نەرسىلەرنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن سىرتقا چىقىپ كەتكەن ئىدى. تېخى ئەتىگەن بولغاچقا، ئېلىشقا تېگىشلىك نەرسىلەرنى تېپىپ بولالماي، بىرەر سائەت ھايال بولۇپ قالدى. شۇنداقتىمۇ ئۇ بالدۇرراق ئارزۇگۈلنىڭ يېنىغا قايتىپ كېلەي دەپ ئويلاپ، بەزى نەرسىلەرنى تاپالمىسىمۇ، تاپالىغانلىرىنى ئېلىپ قايتىپ كەلدى. ئۇ تۇغۇت بۆلۈمىدە كىرىپلا ئۆز كۆزىگە ئىشىنەلمەي تۇرۇپلا قالدى. ئارزۇگۈل ئۆكسۈپ، ئۆكسۈپ يىغلاۋاتاتتى. ئۇنىڭ يېنىدا يېڭى تۇغۇلغان قوشكېزەك بالىسىنىڭ بىرسى تۇراتتى، يەنە بىرسى يوق ئىدى .
-ئارزۇگۈل بوۋاقنىڭ بىرسى قېنى؟-دەپ سورىدى ئۇ جىددىيلەشكەنچە، ئارزۇگۈل مەمەت قارىغا جاۋاب بېرىشنىڭ ئورنىغا يەنىلا يىغلاۋاتاتتى. ئاغزىنى ئۆمچەيتىپ بىر نەرسە دېمەكچى بولاتتىيۇ، ئەمما گەپنى ئېغىزدىن چىقىرالمايۋاتاتتى. شۇ ئارىدا بىر سېسترا تۇغۇت بۆلۈمىدە كىرىپ كەلدى. مەمەت قارى دەرھال ئۇنىڭغا قاراپ: بوۋاقنىڭ بىرسى نەدە؟ ئۇنىڭغا نېمە بولدى؟-دەپ سورىۋىدى، سېسترا قىز ھەيران قالغان ھالدا جاۋاب بەردى:
-نېمە بولاتتى، ئۆلتۈرۈلدى.
-نېمە، ئۆلتۈرۈلدى؟ قانداق ئۆلتۈردۈڭلار، كىمدىن سوراپ ئۆلتۈردۈڭلار؟ سىلەرنىڭ بۇ دۇنياغا كۆز ئاچقان، تىرىك بىر جاننى ئۆلتۈرۈش ھوقۇقۇڭلار بارمۇ؟
-بار، ئەلۋەتتە، ئۇ دۆلىتىمىزنىڭ« پىلانلىق تۇغۇت قانۇنى»دا بەلگىلەنگەن. پىلاندىن سىرت تۇغۇلغان بوۋاقلار چوقۇم ئۆلتۈرۈلۈشى كېرەك!
– ۋاي قاتىللار، ۋەھشىي مەخلۇقلار-دەپ، ۋارقىراپ كەتتى مەمەت قارى ئۆزىنى تۇتالماي-بالامنى قايتۇرۇپ بېرىڭلار، ئۇنىڭ جەسىتى نەدە؟
– ئارقىدىكى كەپە ئۆيدە، ئۆلۈك بالىلار شۇ يەرگە تاشلىۋېتىلىدۇ. ئۇنى نېمە قىلاتتىڭىز ؟-دەپ سورىدى سېسترا قىز چىرايىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىغان ھالدا مەمەت قارىنى مەنسىتمىگەندەك، ئۇ شۇ تۇرقىدا بىر ھېسسىياتسىز مەخلۇقمۇ ياكى سەزگۈسى يوق سۈنىئي ياسالغان ماشىنا ئادەممۇ؟ بىر نەرسە دەپ بولغىلى بولمايتتى. ئۇنىڭ چىرايىدا ھېچقانداق بىر ئىپادىدىن ئەسەرمۇ يوق ئىدى.
– قايسى يەر ئۇ زادى؟ ماڭا بىر دەپ بېرىڭە، مەن بالامنى ئېلىۋالاي.
– ئۇنى ئېلىۋېلىپ نېمە قىلاتتىڭىز، ئۇ ئۆلگەن تۇرسا؟
-مەن ئۇنى ئېلىپ، ئۇنىڭ قاتىللىرى ئۈستىدىن ئەرز قىلىمەن. يۇيۇپ- تاراپ، نامىزىنى چۈشۈرۈپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆرۈپ-ئادىتىمىز بويىچە دەپنە قىلىمەن.
– بولمايدۇ. بىزنى تېخى سىز قاتىل داۋاتامسىز؟-بىز ھۆكۈمەتنىڭ بۇيرۇقىنى، دۆلەتنىڭ قانۇنىنى ئىجرا قىلىۋاتىمىز. ئۆزىڭىزنى تۇتۇۋېلىڭ، بولمىسا ھازىرلا ساقچى چاقىرىمىز. ئۇ چاغدا ئۆزىڭىزنى تۈرمىدە كۆرىسىز.
– مەيلى نېمە بولساممۇ–بولاي، سىلەر دەپ بەرمىسەڭلار، مەن ئۆزۈم تاپىمەن – دەپ مەمەت قارى جىددىيلەشكەن ھالدا ئىتتىك قەدەم ئېلىپ، تۇغۇت بۆلۈمىدىن چىقتى-دە، بىنانىڭ ئارقىدىكى بىر كەپە ئۆيگە كەلدى.
– قولۇڭنى تارت! مەن بالامنى ئېلىۋالاي-دەپ ۋارقىرىدى مەمەت قارى ئۆلۈك جەسەتلەرنى توپلاۋاتقان بىر قىسىق كۆز، غورا قاپاق ئوتتۇرا بوي كىشىگە قاراپ، ئۆزى بىلگەن چالا خىتاي تىلىدا، جەسەت توپلاۋاتقان ئۇ كىشى قورقۇپ كېتىپ بىر ئۇنىڭغا، بىر ئۆلتۈرۈلگەن بالىلارنىڭ جەسەتلىرىگە قاراپ، نېمە دېيىشنى بىلمەي تۇرۇپ قالدى-دە، ئۆز تىلىدا مەمەت قارى چۈشەنمەيدىغان بىر مۇنچە گەپلەرنى قىلىۋەتتى. مەمەت قارى بولسا، ئۇنىڭ نېمە دېگىنىگە پەرۋا قىلماستىن، ئىتتىك ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭ قولىدىكى جەسەت يىغىۋاتقان خالتىلارنى تارتىۋېلىپ، يەرگە تۆكتى. بىر مۇنچە بوۋاق جەسەتلىرى تورۇكلاپ يەرگە چۈشتى. مەمەت قارى ئۇنىڭ ئارىسىدىن ئۆزىنىڭ بوۋىقىنى تونۇۋېلىپ قولىغا ئېلىپ، يۈزلىرىگە سۆيۈپ، چىڭ قۇچاقلىغانچە يىغلاپ كەتتى ۋە يىغا ئارىلاش ئاۋازدا: ۋاي مېنىڭ بالام! بۇ دۇنيادا ياشاش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنغان بالام. كۆز ئېچىپ ئانىسىنى ئېمىشكىمۇ نېسىپ بولمىغان بالام، سېنى قاتىللار ئۆلتۈرۈۋەتتى بالام، مەن سېنى قوغدىيالمىدىم بالام، مەن ئۇلاردىن ھېساب ئالماي قويمايمەن بالام! مېنى كەچۈرگىن بالام! ئۇ دۇنيادا كۆرۈشىمىز بالام!-دەپ، قاتتىق نىدا قىلىپ كەتتى . . .
ئۇ قىسىق كۆز خىتاي-مەمەت قارىنىڭ، بوۋاقنىڭ جەسىتىنى ئېلىپ كەتمەكچى بولغانلىقىنى چۈشەندى بولغاي، ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ بالىغا ئېسىلدى ۋە:
-قوي بۇنى، ئۇ مېنىڭ ئولجىللىرىم، مەن ئۇنى ئېلىپ كېتىمەن–دەپ، غالجىرلاشقان لالما ئىتتەك چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ كەتتى.
– ياق، بولمايدۇ-دەپ ۋارقىرىدى مەمەت قارى قىسىق كۆز ئالۋاستىغا قاراپ غەزەپ بىلەن-بۇ مېنىڭ بوۋىقىم. سېنىڭ ئېلىپ كېتىشىڭگە يول قويمايمەن. مەن ئۇنى دەپنە قىلىشىم كېرەك!
– ياق بولمايدۇ. مەن دېدىمغۇ ساڭا، ئۇ مېنىڭ ئولجىللىرىم. مەن ئۇنى ئېلىپ كېتىپ، ئاپشاركا تەربىيەلەش مەركىزىگە ساتىمەن.
– نېمە دېدىڭ؟ ۋاي ھايۋان! سېنىڭ بۇنىڭدىن باشقا قىلىدىغان ئىشىڭ يوقمۇ؟ بۇنى قىلغىنىڭدىن خىجىل بولمامسەن؟
– نېمىگە خىجىل بولىمەن؟-ئۇلار ئۆلگەن جەسەتلەر تاشلىۋېتىلگەن تۇرسا؟ مەن ئۇنى يىغىپ ئاپىرىپ سېتىپ، كىرىم قىلسام نېمىشقا بولمايدىكەن؟
– بولمايدۇ. بۇ مېنىڭ بالام. ئۆلگەن بالىنى بىز ئۆز دىنىي قائىدىمىز بويىچە دەپنە قىلىشىمىز كېرەك! سېنىڭ ئۇنى سېتىپ پۇل قىلىپ خەجلىشىڭگە يول قويمايمەن.
– ياق، مەن ئۇنى ئېلىپ كېتىمەن. جەسەتلەرنىڭ بىرسى كەم بولۇپ قالسا بولمايدۇ. مەن ئۇلارغا تۈنۈگۈن قانچە دانە ئېلىپ كېلىدىغانلىقىمنى ۋەدە قىلىپ قويغان ئىدىم. بۇنى ماڭا قايتۇرۇپ بەر! بولمىسا ساقچى چاقىرىپ كېلىمەن .
– نېمە قىلساڭ قىل. ساقچى چاقىرساڭ چاقىر! مەن قورقۇپ قالمايمەن، ساڭا بوۋىقىمنى بەرمەيمەن.
-زادى قايتۇرۇپ بەرمەمسەن؟
– ياق، قايتۇرۇپ بەرمەيمەن.
مەمەت قارى بىلەن جەسەت يىغقۇچى قىسىق كۆز ئوتتۇرىسىدا خېلى ئۇزاق تالاش-تارتىش بولدى. ۋاراڭ-چۇرۇڭدىن ئەتراپقا بىر مۇنچە كىشىلەر يىغىلىپ كەتكەن ئىدى. شۇ ئارىدا ئۇلاردىن بىرسى ساقچىغا خەۋەر قىلدىمۇ قانداق؟ بىردەمنىڭ ئىچىدىلا سىگناللىرىنى چالدۇرۇپ، بىر نەچچە ساقچى ماشىنىسى يېتىپ كەلدى. ئۇلار جەسەت يىغقۇچى قىسىق كۆزدىن ئەھۋالنى ئۇققاندىن كېيىن، مەمەت قارىغا ئۇ چۈشەنمەيدىغان بىر مۇنچە گەپلەرنى قىلىپ، قولىغا كويزا سېلىپ ئىتتىرگەنچە ئېلىپ كەتتى.
ساقچىلار مەمەت قارىنى تۇتۇپ ئېلىپ كېتىپ، نۇرغۇن سوئال- سوراقلارنى سوراپ، ئۇنىڭ قانۇنسىز ئىش قىلغانلىقىغا ئائىت ئىسپاتقا قول قويغۇزدى-دە، ئۇنىڭغا بەش مىڭ سوم جەرىمانە قويۇپ، نۇرغۇن ئاگاھلاندۇرۇشلارنى قىلغاندىن كېيىن قويۇپ بېرىشتى.
مەمەت قارىنىڭ ئەمدىكى خىيالى ئارزۇگۈل ۋە ھايات قالغان بىر ئوغلىدا قالغانىدى. ئۇلار نېمە بولۇپ كەتكەندۇ؟ ساق-سالامەتمىدۇ؟ بەلكى قېيىنئانام ئارزۇگۈلنى ئېلىپ ئۆيىمىزگە قايتقاندۇ؟-دەپ ئويلىدى–دە، ئۇدۇل لەڭگەر كەنتىدىكى چوڭ ئۆيگە يېتىپ كەلدى. ئۇ دەرۋازىنىڭ ئىشىكىنى قېقىۋىدى، قېيىن ئاتىسى سەمەت قارى چىقىپ، ئىشىكنى ئاچتى ۋە ئەجەبلەنگەن ھالدا ئۇنىڭ كۆزىگە قاراپ:
– ئاپىڭىز، ئارزۇگۈل نەدە ئوغلۇم؟-دەپ سورىدى
-ھە-ئە، ئۇلار تېخى قايتىپ كەلمىدىمۇ ئاتا ؟-دەپ سورىدى مەمەتقارىمۇ بۇ ئىشقا ھەيران قېلىپ-ئۇلار دوختۇرخانىدا قالغان ئىدى. مەن ئۆلتۈرۈلگەن بالامنىڭ جەسىتىنى ئېلىپ كەتمەكچى بولغان ئىدىم. شۇ سەۋەبتىن مېنى ساقچىلار تۇتۇپ كېتىپ، بىر مۇنچە ئاۋارە قىلىشتى. ئۇلار يەنە: «بۇ ئىشىڭ قانۇنسىز قىلمىش » دەپ، جەرىمانە قويۇشتى. ھازىر ئۇدۇل ساقچىخانىدىن بۇ يەرگە كېلىشىم،
– ياق، ئوغلۇم. ئانىڭىز ۋە ئارزۇگۈل تېخى قايتىپ كەلمىدى. بەلكى ئۇلارغا باشقا بىر ئىش بولغان بولۇشى مۇمكىن! ئاۋۋال ئۆيگە كىرىپ چاي-پاي ئىچىۋالغاندىن كېيىن، دوختۇرخانىغا بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر ئېلىپ كېلەمسىزمىكى-يە؟
– ماقۇل، شۇنداق قىلاي ئاتا، قىزلارچۇ ؟ ئۇلار قانداقراق تۇرۇۋاتىدۇ؟-دەپ، سورىدى مەمەت قارى بىر ھەپتە بۇرۇن چوڭ ئۆيدە-بوۋىسىنىڭ يېنىدا قالغان قىزلىرىنى ئويلاپ،
– ھە-ئە، ئۇلارمۇ تىنچلىق، ئەندىشە قىلماڭ! مۇسلىمە ھازىر ھەپتىيەكنى تۈگىتىپ، قۇرئان ئوقۇشنى ئۆگىنىۋاتىدۇ. مۇخلىسەمۇ ئاچىسىغا ئەگىشىپ، ھەجىلەپ ئوقۇيالايدىغان بولدى-دېدى بوۋاي مەمەت قارىغا ئۆزىنىڭ ياخشى بىر ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى خەۋەر بەرگەندەك قىلىپ، خۇدايىم بۇيرىسا، رەسمىي مەكتەپتە ئوقۇش باشلىغىچە ئۇلارنى قۇرئان ساۋاتلىق قىلىپ قويمىسام بولمايدۇ.
– بەك ياخشى بولۇپتۇ ئاتا، سىلىنىڭ قىلغان ئەجىرلىرى-ئۇ دۇنيا، بۇ دۇنيادا زايە كەتمەيدۇ. بۇ سىلىگە جەننەت ئاتا قىلىدىغان ساۋابلىق ئىشلاردۇر. ئاللاھ سىلىدىن رازى بولسۇن! – دېدى مەمەت قارى قېيىن ئاتىسىغا رەھمەت ئېيتىپ، شۇ ئەسنادا ئۇلارنىڭ گەپلەشكەن ئاۋازىدىن ئاتىسىنىڭ قايتىپ كەلگەنلىكىنى بىلىشكەن مۇسلىمە ۋە مۇخلىسە ئىككىسى ئىشىكتىن يۈگۈرۈپ چىققانچە، ئاتىسىنىڭ قۇچىقىغا ئۆزلىرىنى ئېتىشىپ: ئاتا، نەچچە ۋاقتىن بۇيان قەيەرگە كەتكەن ئىدىڭىز؟ سىزنى بەك كۆرگىمىز كەلدى. ئاپامچۇ ؟ ئاپام دوختۇرخانىدىن قاچانلىققا قايتىپ كېلىدۇ؟ ئاپام بىزگە:-سىلەرگە قوش كېزەك بالا تۇغۇپ بېرىمەن دېگەن ئىدى. ئۇلارنى تۇغدىمۇ؟ بىزنىڭ بەك كۆرگىمىز كەلدى–دەپ، بەس-بەستە سوئال سوراشقا باشلىدى.
– ياق، قىزىم! ئاپىڭىز بەك چىرايلىق ئوماق بالىدىن بىرنى تۇغدى-دېدى مەمەت قارى قوش كېزەك تۇغۇلۇپ، «پىلانلىقلىق تۇغۇت كومىتېتى»نىڭ قاتىللىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن بالىسىنىڭ پاجىئەلىك قىسمىتىنى قىزلارغا ئۇقتۇرماسلىق ئۈچۈن.
-شۇنداقمۇ ئاتا؟-ئاپام بىزگە ئىككى بالا تۇغىمەن دېگەن ئىدى؟
-ھە-ئە، شۇنداق دېگەنمىدى قىزىم؟ ئاپىڭىز بەلكى، ھازىر بىرنى تۇغۇپ، كېيىنچە يەنە بىرنى تۇغىمەن دەپ ئويلىغان بولۇشى مۇمكىن! شۇڭا شۇنداق دېگەندۇ-دېدى كۆڭلى يېرىم بولغان ھالدا،
سەمەت قارى مەمەت قارىدىن بۇ گەپنى ئاڭلاپ بىر ئىشنى تۇيغاندەك ئۇنىڭ كۆزىگە قاراپ:-ئوغلۇم! ئارزۇگۈلگە بىرەر ئىش بولدىمۇ ؟ ئاپىڭىزمۇ ماڭا ئارزۇگۈل قوشكېزەك تۇغىدىكەن دېگەن ئىدىغۇ؟
– شۇ، شۇ، ئاتا-دەپ، مەمەت قارى كۆزىگە ياش ئالغان ھالدا بولغان ۋەقەلەرنى قېيىن ئاتىسىغا سۆزلەپ بەردى.
-شۇنداقمۇ؟ ئوغلۇم؟ بۇنىڭغا ئەمدى نېمە دېگۈلۈك! زاماننىڭ رەپتارى شۇنداق بولۇۋاتىدۇ. بىز خەق شور پېشانە بولۇپ دۇنياغا يارالغان ئىكەنمىز. ئۆزىمىزنىڭ ئىشىنى-ئۆزىمىز خالىغان بويىچە قىلالمايدىكەنمىز، بۇ دوختۇرلارمۇ بەك ھەددىدىن ئاشۇرۋېتىپ بارىدۇ. قوش كېزەك تۇغۇلغاندىن كېيىن، بوپتىلا دېسە بولمامدۇ؟ تۆتىنچى بالىغا رۇخسەت يوق دېگەن گەپ بىلەن بىر تىرىك جاننى ئۆلتۈرىۋېتىش دۇنيانىڭ نەرىدە بار؟ ئۇلار ئاللاھقا نېمە دەپ ھېساب بېرەر؟
-بۇ دوختۇرلارنىڭ ئۆزى خالىغانچە قىلغان ئىش ئەمەس، ئۇلارغا يۇقىرىدىن شۇنداق بۇيرۇق كەلگەن گەپ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ خىزمىتىدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن قورقۇپ، يۇقىرىنىڭ بۇيرۇقىنى جان پىدالىق بىلەن ئىجرا قىلىدىكەن.
– توۋا، ئۇلارغا مۇشۇ ئىشنى قىلمىسا، باشقا ئىش چىقماسمۇ؟ قىيامەتتە ئاللاھنىڭ سورىقىغا قانداقمۇ ھېساب بېرەر؟-دېدى سەمەت قارى كۆڭلىنى يېرىم بولغان ھالدا ۋە سۆزىنى داۋام قىلدى-ئۇنداقتا ئوغلۇم مېيىتنى ئېلىپ كەلدىلىمۇ ياكى شۇ يەردە دەپنە قىلىۋەتتىڭلارمۇ؟
– ياق، ئاتا، ئۇلار مېيىتنى ماڭا بەرمىدى. ئۇ ۋاقىتتا مەن سىرتقا چىقىپ كەتكەن ئىدىم. دوختۇرلار مېيىتنى ئەخلەتخانىدىكى مەخسۇس جەسەت يىغىدىغان ئورۇنغا تاشلىۋېتىشكەن ئىكەن. مەن بېرىپ ئۇنى ئېلىپ كېلىپ، ئۆز ئۆرى-ئادىتىمىز بويىچە دەپنە قىلاي دەپ ئويلىغان ئىدىم. ئەمما، جەسەت يىغقۇچى بىرسى كېلىپ، مەن بىلەن ئۇنى تالىشىپ تۇرۇۋالدى. شۇ ئارىدا ساقچىلار كېلىپ مېنى تۇتۇپ كېتىشتى.
-ھە-ئە، شۇنداقمۇ ئوغلۇم؟ جەسەت يىغقۇچى ئۇنى نېمە قىلىدىكەن؟
– شۇ، مەنمۇ ئۇنىڭدىن سورىغان ئىدىم، ئۇ ماڭا :بۇ مېنىڭ ئولجىللىرىم، مەن ئۇنى سېتىپ پۇل قىلىمەن. ئۇزۇندىن بۇيان بۇنى قىلىۋاتىمەن. سېنىڭ كارىڭ بولمىسۇن-دەپ، مەن بىلەن جېدەللىشىپ، ئاخىرى مېنى ساقچىغا تۇتۇپ بەردى
– ۋاي بېشىڭنى يەيدىغان كەلگۈندى. ئۇنىڭغا بۇ يەردە قىلىدىغان باشقا ئىش تېپىلماپتىمۇ ؟ بولۇپتۇ بالام كۆڭۈللىرىنى يېرىم قىلمىسىلا، بىز ئۇلارنىڭ ھېسابىنى ئاللاھقا تاپشۇرايلى! ئاللاھ قىيامەتتە ئۇلاردىن ھېسابىنى ئېلىپ، دۇنيادا قىلغان يامانلىقلىرى ئۈچۈن جاجىسىنى بەرگەي، ئامىن!-دەپ، دوختۇر ۋە جەسەت يىغقۇچى ئالۋاستىغا نەپرىتىنى بىلدۈرگەچ، قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئۆلتۈرۈلگەن نەۋرىسى ئۈچۈن بىر نەچچە ئايەتنى ئوقۇپ دۇئا قىلدى.
مەمەت قارى ئۆيگە كىرىپ، بۇ ئۆيدە ھېچقاچان كەم بولمايدىغان بىر چىنە قېتىققا نان چىلاپ قورسىقىنى ئەستەرلىۋالدى-دە، قىزلىرىنىڭ پېشانىسىگە بىردىن سۆيۈپ قويغاندىن كېيىن، قېيىن قېيىنئاتىسىغا قاراپ :
– ئاتا، سىلىگە كۆپ جاپا سېلىپ قويدۇق، بالىلارغا قارايمەن دەپ، بەك جاپا تارتىۋاتىدىلا، ئاللاھ خالىسا بىزمۇ سىلىنى رازى قىلارمىز! مەن ھازىر ماڭاي، چاينى دوختۇرخانىدا ئۇلار بىلەن بىللە ئىچەرمەن-دېدى ۋە بۇرۇلۇپ قىزلىرىغا قاراپ : قىزلىرىم! خوش ئەمىسە، بوۋاڭلارغا جاپا سالماڭلار، ياخشى ئوقۇڭلار! مەن دوختۇرخانىغا بېرىپ، ئاپاڭلارنى قايتۇرۇپ كېلەي دەپ، خوشلىشىپ يولغا چىقتى.
مەمەت قارى يېزا مەركىزىدىكى دوختۇرخانىغا يېتىپ كېلىپ، تۇغۇت بۆلۈمىدە كىرىپ ئارزۇگۈلنى ئىزدەپ تاپالمىدى. دوختۇر ۋە سېسترالار شۇنچە ئالدىراش بولۇپ، ئۇنىڭغا: سەن كىم؟ نېمىشقا كەلدىڭ؟-دەپ، سورايدىغان بىرسىمۇ چىقمىدى. ئىچى تىت-تىت بولغان مەمەت قارى ئاخىرى بىر سېسترا قىزنىڭ ئالدىنى توسۇپ:
-سىڭلىم! بىر ھەپتە بۇرۇن مېنىڭ ئايالىم مۇشۇ يەردە تۇغۇت بۆلۈمىدە يەڭگىگەن ئىدى. ئىسمى ئارزۇگۈل، ئۇ ھازىر نەدە؟-دەپ سورىدى
سېسترا قىز مەمەت قارىغا:بىردەم ساقلاپ تۇرۇڭ-دەپ، تۇغۇت بۆلۈمىنىڭ باشقا بىر ئىشخانىسىغا كىرىپ كېتىپ، بىردەمدىن كېيىن، قايتىپ چىقتى ۋە ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى:
-ئارزۇگۈل سىزنىڭ ئايالىڭىز بولامتى؟ ئۇ ھازىر باشقا بىر ئوپىراتسىيەخانىدا ئىكەن. سىز بۇ يەردىن ئۇدۇل چىقىپ قارشى تەرەپتىكى بىناغا بېرىپ، ئىزدەپ بېقىڭ! ئارزۇگۈل شۇ يەرگە ئوپېراتسىيە قىلىش ئۈچۈن ئېلىپ كېتىلگەن.
-نېمە دېدىڭىز؟-دېدى مەمەت قارى سېسترا قىزنىڭ گېپىنى چۈشەنمىگەندەك قىلىپ، ئارزۇگۈل يەنە ئوپېراتسىيە قىلىنىشى كېرەكمىدى؟
-ھە-ئە، ئۇ: « تۇغماسلىق ئوپېراتسىيەسى» قىلىنىشى كېرەك. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ يەرگە يۆتكەپ كېتىلگەن. ئاشۇ يەردە بولۇشى مۇمكىن!
-نېمىشقا تۇغماسلىق ئوپېراتسىيە قىلىنىدۇ؟-دەپ سورىدى مەمەت قارى سېسترا قىزدىن؟
-ھە-ئە، سىزنىڭ سىياسەتتىن خەۋىرىڭىز يوق ئىكەندە، ناھىيەمىزدىن يېڭى چىققان« پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى»دە ئاشۇنداق بەلگىلەنگەن. يېزىلاردا ئۈچىنچى بالىدىن ئارتۇق تۇغۇۋالماسلىق ئۈچۈن، ئۈچىنچى بالىدىن كېيىن ھەر قانداق ئايال: «تۇغماسلىق ئوپېراتسىيەسى» قىلىنىدۇ. بولمىسا مۇشۇنداق تۆتىنچى، بەشىنچى بالىغا ھامىلىدار بولدۇم دەپ، ئۇ يەر، بۇ يەرگە قېچىپ، قاراڭغۇ تاغ – ئۆڭكۈرلەردە تۇغۇپ، ھۆكۈمىتىمىزگە جىق ئاۋارىچىلىك تېپىپ بېرىشتى. ئۆزلىرىمۇ جازاغا ئۇچرىدى. شۇڭا دۆلەت بۇنداق ئەھۋاللارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، يېڭىدىن بۇ سىياسەتنى بەلگىلىدى. ئەمدى سىلەر ئۈچ بالىدىن ئارتۇق پەرزەنت كۆرەلمەيسىلەر.
مەمەت قارى سېسترا قىزدىن بۇ گەپنى ئاڭلاپ، ئىنتايىن غەزەپلەندى. بەدەنلىرى تىكەنلىشىپ، مۇشلىرى چىڭ تۈگۈلۈپ كەتتى. ئۇ بىر ھازا نېمە قىلىشنى بىلەلمەي تۇرۇپ كەتتى-دە، ئاندىن سىلكىنگەندەك بولۇپ ئۆزىنى ئاران ئوڭشىۋالدى، ئاندىن: « سېستىرالاردا نېمە گۇناھ بولسۇن؟ ئۇلار يۇقىرىدىن كەلگەن بەلگىلىمە دەۋاتمامدۇ ؟ ھەممىسى مۇشۇ يۇقىرى قاتلامدىكى پارتىيە-ھۆكۈمەتتىكى كادىرلارنىڭ ئىشى، ناۋادا يۇقىرىدىن ئاشۇنداق بۇيرۇق كەلمىسە، دوختۇر-سېسترالارنىڭ ئۇنداق قىلىشقا نېمە ھەددى بولسۇن؟»دەپ ئويلاپ، سېسترا قىزغا بولغان ئاچچىقىنى بېسىۋالدى-دە، تۇغۇت بۆلۈمىدىن ئايرىلىپ قارشى بىناغا كەلدى.
قارشى بىنانىڭ ئىچىگە كىرگەن مەمەت قارىنىڭ كۆزىدىن ئالا-چەكمەن چىقىپ كەتتى. تەخمىنەن يىگىرمىدىن جىق ئايال ئۆچرەتتە تۇرۇپ، بىر ئىشخانىغا ئىسمىنىڭ چاقىرلىشى بىلەن كىرىپ كېتىۋاتاتتى. ھەممىسىنىڭلا چىرايى سولغۇن، كۆزلىرى ياشقا تولغان ئىدى. ھە-ئە، بۇلارمۇ ئوپېراتسىيە قىلىنىدىكەندە، ۋاي خۇدايىم! بۇ نېمە دېگەن ۋەھشىلىك!-دەپ ئويلىدى مەمەت قارى: «ئەمدى بۇ ھۆكۈمەت ھەممە ئايالنى مۇشۇنداق ئوپېراتسىيە قىلىپ، تۇغماس قىلىۋېتەمدۇ نېمە؟ ئوغلى بولغاننىڭ قىزى بولمىسا، قىزى بولغاننىڭ ئوغلى بولمىسا، دېھقانلار ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرىنى قانداق ئېلىپ بارىدۇ؟ كېيىنچە ھاشارغىمۇ قىز بالىنى ئەۋەتىدىغان ئىش چىقامدۇ نېمە؟ ۋاي شورپا پېشانە، بىچارە دېھقانلار! ھەممە كەلگۈلۈك سىلەرگىلا كېلىۋاتىدۇ. پارتىيە-ھۆكۈمەت دېگەندە دېھقانلارنىڭ مەنپەئەتىنى ئويلايدىغان بىرمۇ ئادەم يوقمىدۇ؟ ھە-ئە، دېسىلا، ھېچقانداق بوش ۋاقىتمۇ قويماي، ھاشارغا تۇتۇپ كېتىدۇ. سېلىقلارنىڭ جىقلىقىدىن دېھقانلار، ئۇ يىلدىن-بۇ يىلغىچە ئۇچىسىغا تۈزۈك كىيىنەلمەيدۇ. قولىغا ھېچقانچە فۇل ئېشىنالمايدۇ. يۇقىرىدىن-تۆۋەنگىچە ھەممىسى دېھقانلارنى يۇنۇپ يېيىشكە كۆنۈپ كېتىشتى. دېھقان بولماق-نېمىدېگەن تەس-ھە، ھېلىمۇ ئاتام ماڭا ھۈنەر ئۆگىتىپ قويۇپتىكەن، بولمىغان بولسا، ھەقسىز ئەمگەكتىن باش كۆتۈرەلمەي، تارتمىغان جاپايىمىز قالمايدىكەنتۇق-دە! ئاھ ئاتا، ئاھ ئانا! مەن سىلەرگە نېمە دەپ رەھمەت ئېيتىشنى بىلەلمەيۋاتىمەن؟»
-ھەي، نېمە قىلىۋاتىسەن؟ ئارقاڭغا قايت! ساقچى فورمىسى كىيىۋالغان بىر ئەر، بىر ئايال ئۇنىڭ ئالدىنى توستى. مەمەت قارى شۇ چاغدىلا ئېسىگە كېلىپ، ئۇلارغا قاراپ:
-ھە-ئە، مەن، مەن ئايالىمنى ئىزدەپ كەلگەن ئىدىم. ئۇ مۇشۇ يەردە ئوپېراتسىيە قىلىنىپتىكەن. نېمىشقا ئايالىم مەجبۇرى ئوپېراتسىيە قىلىنىدۇ؟ بۇ ھوقۇقنى ئۇلارغا كىم بەرگەن؟-دېدى ئۇلارغا سوئال قويۇپ،
-نېمە دېگىنىڭ بۇ؟ بۇ ھوقۇقنى ئۇلارغا دۆلەت بەرگەن. بۇ دۆلىتىمىزنىڭ «پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى»دىكى مۇھىم بىر بەلگىلىمە، باشقىلارنىڭ ئۇنىڭغا ئارىلىشىش ھوقۇقى بولمايدۇ.
-ئەمما، مەن ئۇنىڭ يولدىشى، بىز بۇ ئىشقا قوشۇلمايتۇق.
سېنىڭ قوشۇلۇش-قوشۇلماسلىقىڭ بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ كارى بولمايدۇ. ئايالىڭ ئوپېراتسىيە قىلىنسا، سېنىڭ بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى بار؟ بۇ دوختۇرلارنىڭ مەسئۇلىيىتى، ئۇلار ھۆكۈمەتنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئاياللارنى مۇشۇ يەردە ئوپېراتسىيە قىلىۋاتىدۇ. سېنىڭ بۇ يەرگە كېلىپ، ئۇلارغا ئارىلىشىش ھوقۇقۇڭ يوق!
-بار، ئۇ مېنىڭ نىكاھلاپ ئالغان ئايالىم. شۇڭا مەن ئۇنىڭغا ئۆزۈم قارىشىم كېرەك !مېنىڭ ئۇنى ئۆيگە ئېلىپ كېتىشىمگە رۇخسەت قىلىڭلار !
-ياق، بولمايدۇ-دېدۇقمۇ، بولمايدۇ. ئۇنى ئېلىپ كېتىشىڭگىمۇ رۇخسەت يوق! ئوپېراتسىيە قىلىنىپ ساقىيىش ۋاقتى توشقاندىن كېيىن، يېزىلىق ھۆكۈمەتتىن مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرغان كادىرلار ئۆيۈڭگە ئاپىرىپ قويىدۇ.
-ياق، مەن ئۇنى ئۆزۈم ئېلىپ كېتىمەن .
-ياق، بولمايدۇ دېدۇقمۇ-بولمايدۇ. يوقال بۇ يەردىن! بولمىسا، ھېلى كۆرگۈلىكىڭنى كۆرسىتىپ قويىمىز!-دەپ، ئىتتىرگەنچە مەمەت قارىنى بىنادىن سىرتقا چىقىرىۋېتىشتى.
بۇ ۋاقىتتا چۈشلۈك تاماق ۋاقتى بولۇپ قالدى. مەمەت قارى دوختۇرخانىنىڭ ئالدىدىكى قاتار ئاشخانىلاردىن بىرىگە كىرىپ، ئۆزىنىڭ قورسىقىنى تويغۇزغاندىن كېيىن، ئارزۇگۈلگە ۋە قېيىن ئانىسىغا مەخسۇس سامسا بۇيرۇتۇپ ئېلىپ كەلدى. بۇ قېتىممۇ ئۇ يەنە ھېلىقى ئىككى نەپەر ساقچى تەرىپىدىن توسىۋېلىندى. مەمەت قارى ئۇلارغا:ئۆزىنىڭ ئايالىغا تاماق ئەكەلگەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ قورسىقى ئاچقان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتىپ، قانچە يالۋۇرسىمۇ ئۇنىڭ گېپىگە ھېچقايسى پەرۋا قىلمىدى. ساقچىلارنىڭ دېيىشىچە، ئوپېراتسىيە قىلىنغان ئاياللار نامەلۇم بىر ئاسما ئوكۇل ئارقىلىق ئوزۇقلىنارمىش، سىرتتىن ئېلىپ كېلىنگەن تاماقلارنى يېسە بولمايمىش، شۇڭا ھەر قانداق كىشىنىڭ ئۇ يەردىكى ئوپېراتسىيە قىلىنغان ئاياللارغا تاماق ئەكېلىپ بېرىشىگە رۇخسەت يوقمىش!
ئەكەلگەن سامسىنى ئارزۇگۈلگە يەتكۈزۈپ بېرەلمىگەن مەمەت قارى غەزىپىنى ئىچىگە يۇتۇپ، ئوپېراتسىيە بىناسىنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ چىقىشىنى كۈتتى. تەخمىنەن ئۈچ-تۆت سائەتتەك ۋاقىت ئۆتۈپ، قاش قارايغان چاغدا، ئون نەچچە كىچىك ماشىنا سىگناللىرىنى ھوقۇيتىپ كېلىپ، ئاياللارنى ئۈچتىن، تۆتتىن بېسىپ ئېلىپ مېڭىشتى. شۇ ئارىدا مەمەت قارى ساقچىلارنىڭ ئارزۇگۈلنىمۇ بىر ماشىنىغا بېسىپ، ئېلىپ ماڭغانلىقىنى كۆردى. ساقچىلار ئاياللارنى مەجبۇرىي ئائىلىلىرىگە ئېلىپ ماڭغان بولۇشى مۇمكىن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن مەمەت قارىمۇ دوختۇرخانىدىن ئايرىلىپ، ئالغان سامسىنى بىر خالتىغا سېلىپ، لەڭگەر كەنتىدىكى چوڭ ئۆيىگە قايتىپ كەلدى. دېگەندەك ساقچىلار ئارزۇگۈلنى ئۆيگە ئەكېلىپ قويغان ئىدى.
مەمەت قارىنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرگەن ئارزۇگۈل ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي يىغلاپ كەتتى ۋە سۆيۈملۈك يولدىشىنىڭ كۆزىگە قاراپ: بالام قېنى؟مېنىڭ ئوغلۇم نەدە؟-دەپ، ئاغزىنى ئۈمچەيتكەن ھالدا سورىدى. ئارزۇگۈل بەلكى بىر ھەپتە بۇرۇن مەجبۇرى ئوپېراتسىيە قىلىنىپ ئېلىۋېتىلگەن، ئاندىن ئوكۇل سېلىنىپ ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن تۆتىنچى بالىسىنى سوراۋاتقان بولۇشى مۇمكىن ئىدى.
ھە-ئە، بالىنى دەمسىز؟-دېدى مەمەت قارى پەس ئاۋازدا-ئۆزىڭىزنى تۇتۇۋېلىڭ! ئۇ بالا قانۇنسىز تۇغۇلغانلىقى ئۈچۈن شۇ چاغنىڭ ئۆزىدىلا دوختۇر قاتىللار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈۋېتىلدى. ھەتتا ئۇنىڭ جەسىتىنىمۇ ماڭا بېرىشمىدى. مەن جەسەتنى ئېلىپ كېتىپ نامىزىنى چۈشۈرۈپ، ئۆز ئۆرۈپ- ئادىتىمىز بويىچە دەپنە قىلماقچى بولغان ئىدىم. ئەمما، « ئۆلگەننىڭ ئۈستىگە تەپمەك»دېگەندەك، مېنى تۇتۇپ ئاپىرىپ، جەرىمانە قويدى. ساقچىدىن بوشىنىپ چىقىپ، سىزنى ئاتايىتەن يوقلاپ كەلگەن ئىدىم. ئەمما، ساقچىلار ئالدىمنى توسۇۋېلىپ، ئوپېراتسىيە بۆلۈمىدە كىرگۈزمىدى.
مەمەت قارىدىن ئەھۋالنى بىلگەن ئارزۇگۈل يەنە بۇ دۇنياغا تېخى كۆز ئاچماي تۇرۇپلا ئۆلتۈرۋېتىلگەن بالىسى ئۈچۈن، نالە قىلىپ يىغلىدى. ئاپىسى سارىخانمۇ قىزى بىلەن تەڭ يىغلاپ، ئۇنىڭ كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈپ تەسەللى بەردى:
-قىزىم! ئەمدى يىغلىماڭ، بولدى قىلىڭ! ماۋۇ بوۋىقىڭىزغا سىز لازىم. بىز ئۇ قاتىللارغا تەڭ كېلەلمەيمىز، بىز مەزلۇملارنىڭ ھەق-ھوقۇقى ئۇلارنىڭ ئالدىدا ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدۇ. بىز: « بالىنى مەن تۇغدۇم. مەن ئۆزۈم باقىمەن، ئۆزۈم چوڭ قىلىمەن»دېيەلمەيمىز، بىز ئىنتايىن بىر بىچارە خەلق ئىكەنمىز، بۇ دۇنيادا بىزگە ئىگە بولىدىغان ھېچكىم يوق ئىكەن. ئەمدى بىز ئاللاھقا دۇئا قىلىپ، ئاخىرەتتە ئۇ قاتىللارنىڭ جازاسىنى بېرىشىنى تىلەيلى!-دەپ، دۇئاغا قول كۆتۈردى.
مەمەت قارى يېڭى تۇغۇلغان بوۋىقىنى قولىغا ئېلىپ، ئۇنىڭ يۈزىگە قارىدى. بوۋاقنىڭ كۆز ۋە قاشلىرى، بۇرنى قويۇپ قويغاندەك ئۆزىگە ئوخشىغانىدى. ئۇ بالىسىغا قاراپ ئىچىدە: «ئاللاھ سېنى ئۆز پاناھىنى ساقلىدى ئوغلۇم! ناۋادا شەھەر نوپۇسىنى-قايتىدىن يېزا نوپۇسىغا ئالماشتۇرۇۋالمىغان بولسام، ئۇ قاتىللار بەلكى سېنىمۇ ئۇ دۇنياغا يولغا سېلىپ قويغان بولاتتى. ئاللاھقا مىڭ شۈكرى! بىز ئەمدى سېنى بېقىپ، قاتارغا قوشۇپ چوڭ قىلىمىز-دەپ، خۇددى بوۋىقىنىڭ ئاڭلىشىنى ئۈمىد قىلغاندەك گەپ قىلىۋاتاتتى».
مەمەت قارىنىڭ قېيىنئاتىسى سەمەت قارىمۇ قىزى ئارزۇگۈلگە بىر مۇنچە تەسەللىي بەردى. ھەمدە قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىپ، ئاللاھتىن يېڭى تۇغۇلغان نەۋرىسىگە ئامانلىق تىلىدى. ئاندىن مەمەت قارىغا قاراپ: ئوغلۇم! بالىنىڭ ئىسمىنى نېمە قويۇشنى ئويلاۋاتىلا-دەپ سورىدى.
بىز تېخى ئويلاشمىدۇق ئاتا، ئەگەر ئۆزلىرى ئويلىغان بىرەر ئىسىم بولسا، قۇرئانغا توغرا كەلسە، شۇنى قويۇۋېرەيلى! سىلى نېمە دېسىلە، شۇ بولسۇن ئاتا، بىز سىلىنىڭ ئاغزىللىرىغا قارايمىز-دېدى مەمەت قارى قېيىن ئاتىسىغا ھۆرمەت قىلغان ھالدا گەپ قىلىپ،
-ئۇنداق بولسا، بىز بالىغا-مېنىڭ ئاتامنىڭ ئىسمى بىلەن سىزنىڭ ئىسمىڭىز بىرلەشتۈرۈلگەن بىر ئىسىم قويايلى : مۇھەممەتئېلى بولسۇن. بۇ ئىسىم ئادەتتە، قوش ئىسىمدەك كۆرۈنىدۇ. ئەمما، قۇلاققا چىرايلىق ئاڭلىنىدۇ. چۈنكى، ئۇ ئالەملەرگە رەھمەت قىلىپ ئەۋەتىلگەن سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن ئۇنىڭ كۈيوئوغلى، ئىسلامنىڭ تۆتىنچى خەلىپىسى بولغان ھەزرىتى ئەلىنىڭ ئىسمىنىڭ بىرلەشتۈرۈلىشىدۇر. سىزچە قانداق؟
-مەنچىمۇ بولىدىكەن، شۇنداق قىلايلى ئاتا!-دېدى مەمەت قارى قېيناتسىنىڭ پىكرىگە قوشۇلۇپ،
-ئۇنداق بولسا شۇنداق قىلايلى!-دەپ قىزى تەرەپكە قاراپ، يۆگەكلىك ھالەتتە ياتقان بوۋاققا قارىدى. ئارزۇگۈلنىڭ ئانىسى ئېرىنىڭ ئىشارىتىنى چۈشەندى بولغاي بالىنى چىڭ يۆگەپ، سەمەت قارىنىڭ يېنىغا ئېلىپ كەلدى. سەمەت قارى بالىنى قولىغا ئېلىپ، بىر مۇنچە ئايەتلەرنى ئوقۇدى. ئاندىن بوۋاقنىڭ ئوڭ قۇلىقىغا ئۈچ قېتىم، سول قۇلىقىغا ئۈچ قېتىم ئەزان توۋلاپ، سېنىڭ بۇ دۇنيادىكى مۇبارەك ئىسمىڭ-مۇھەممەتئېلى بولسۇن!- دەپ، بالىنى كىگىز ئۈستىگە يېنىككىنە دومىلىتىپ، ئاندىن قولىغا ئېلىپ مەمەت قارىغا تۇتقۇزدى ھەمدە: مۇبارەك بولسۇن ئوغلۇم! مۇبارەك بولسۇن قىزىم! بالىمىز-كەلگۈسىدە ئىلىم مەرىپەت سۆيىدىغان ئالىم-ئۆلىما بولۇپ، ئۆزىگە ۋە ئائىلىمىزگە بەخت ئېلىپ كەلسۇن! ۋەتەن-مىللىتىگە پايدىلىق ئادەم بولۇپ يېتىشىپ چىقسۇن. ئامىن، ئاللاھۇ ئەكبەر -دەپ، ئۇزاق-ئۇزاق دۇئا قىلدى.
4 – باب
ئارزۇگۈل مەجبۇرى تۇغماسلىق ئوپېراتسىيەسى قىلىنغاندىن كېيىن، بىر مەزگىل ھەيىزى قالايمىقانلىشىپ، خۇنى توختىماي بەكلا ئاجىزلىشىپ كەتكەن ئىدى. شۇڭا مەمەت قارى چوڭ ئۆيدىكىلەرنىڭ مەسلىھەتى بويىچە ئارزۇگۈلنى چوڭ ئۆيدە قالدۇرۇپ، ياخشى كۈتۈنۈشى ئۈچۈن بىر قوي سويۇپ بېرىپ، ئاندىن كۇچا شەھىرىدىكى ناۋايخانىسىغا قايتىپ كېلىپ، ئىشىنى داۋام قىلدى. ئۇ ئۆز كەسپىگە پىششىق بولۇپ، خېرىدارلارنىڭ دېگەن يېرىدىن چىقىپ، ئۇلارنى بەكلا رازى قىلىشقا تىرىشاتتى. شۇنداقتىمۇ ئۇ بۇرۇنقىغا قارىغاندا جىمجىت ۋە خىيالچان بولۇپ قالغان ئىدى. بۇنىڭ سەۋەبى، ئۇنىڭ بىر نەچچە كۈن ئالدىدا قوشنىلىرىدىن ئاڭلىغان مۇنداق بىر خەۋەر ئىدى: ھازىر مەكتەپلەردە «قوش تىللىق ئوقۇتۇش مائارىپى»يولىغا قويۇلۇپتىمىش، ئۇنىڭدا باشلانغۇچ مەكتەپتىن باشلاپلا دۆلەت تىلى ئاساسلىق دەرس قاتارىدا ئۆتۈلىدىغان بولۇپ، ئانا تىلى ئىككىنچى ئورۇنغا چۈشۈرۈلىپ، قوشۇمچە دەرس قىلىپ قويۇلۇپتۇ. ئوقۇغۇچىلارغا 2. سىنىپتىن باشلاپلا دۆلەت تىلى مەجبۇرىي ئۆتۈلۈپ، يەنە بىر-ئىككى يىلدىن كېيىنلا تەبىئىي پەن دەرسلىرى دۆلەت تىلىدا ئۆتۈلىدىكەن. بۇ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشتىن كېيىن نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار دۆلەت تىلىنى تېخى ئۆگىنىپ بولالمىغاچقا، دەرسلەرنى چۈشەنمەي گاڭگىراپ قىلىۋېتىپتىمىش، ئوقۇتقۇچىلار خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن بولغاچقا، ئۇلارنىڭ تەلەپپۇزىنى ئاڭقىرالمىغان نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار تۆۋەنكى سىنىپقا چۈشۈرۈلۈپ، قايتىدىن ئوقۇشقا مەجبۇر بولىۋېتىپتىمىش! بۇنىڭ ئارقىسىدىن ئۇلىنىپ كەلگەن يەنە بىر مىش-مىش گەپنىڭ بىرى بولسا، ھازىر ئۇيغۇر بالىلىرى ئۈچ ياشتىن باشلاپلا، ياتاقلىق يەسلىگە مەجبۇرى ئەۋەتىلىپ، دۆلەت تىلى ئۆگىنىشى كېرەككەن. ئەگەر ئۇنداق بولمىغاندا ئۇلارنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپكە قوبۇل قىلىنىشى مۇمكىن بولمايدىكەن»
بۇ خەۋەر مەمەت قارىنىڭ بېشىنى بەكلا قاتۇردى. ئۇنىڭ چوڭ قىزى مۇسلىمەنىڭ ئوقۇش يېشى بۇ يىل توشاتتى. ئۇ يېڭى ئوقۇش مەۋسۇم باشلانغاندا باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرىشى كېرەك ئىدى. كىچىك قىزى مۇخلىسە بۇ يىل تۆت ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئۇمۇ چوقۇم خىتاي تىلى ئۆگىتىلىدىغان ئاتالمىش «پەرىشتىلەر باغچىسى»دېگەن نامدىكى ياتاقلىق يەسلىگە بېرىشى كېرەك بولاتتى. ئۇنىڭدىن باشقا مەمەت قارىنىڭ بېشىدا يەنە بىر دەرتمۇ بار ئىدى. ئۇ بولسىمۇ، ئائىلىسىنىڭ نوپۇسىنى قايتىدىن شەھەر نوپۇسىغا يۆتكەش مەسىلىسى ئىدى. ئەگەر ئۇنداق قىلمىغاندا قىزلارنىڭ مەكتەپكە ۋە يەسلىگە قوبۇل قىلىنىشى مۇمكىن بولمايتتى. ھەتتا ئېغىر مەسىلە چىقىپ قېلىشى مۇمكىن ئىدى.
مەمەت قارى ھەپتە ئاخىرىدىكى بىر كۈنلۈك دەم ئېلىش ۋاقتىدا، ئۈچ ئۆستەڭ-لەڭگەر كەنتىدىكى چوڭ ئۆيگە بېرىپ، ئارزۇگۈلنى يوقلاپ تۇراتتى. بۇ قېتىممۇ ئۇ يەنە ئائىلىسىنى يوقلاپ كېلىش ئۈچۈن يولغا چىقتى. ئۇ ئەمدى ئارزۇگۈل ۋە بالىلارنى كۇچا شەھىرىدىكى ئۆيىگە قايتۇرۇپ ئەكېلىشى كېرەك ئىدى. ئۇ يولدا كېتىۋېتىپ خىيال پاتقىقىغا پېتىپ قالدى : «ھېلىمۇ ئىككى ئايغا يېقىن بولۇپ قالدى. ئارزۇگۈل ۋە قىزلار چوڭ ئۆيدە تۇرۇۋاتىدۇ. قېيىناتام، قېيىن ئانامغۇ بەك ياخشى ئادەملەر، يەنە نەچچە ئاي بېقىپ بېرىڭلار!-دېسەممۇ، ياق دېمەيدۇ. ئەمما مەنمۇ بۇ يەردە يالغۇزچىلىق تارتىپ قالدىم. شۇنىڭ ئۈچۈن بالىلارنى قايتۇرۇپ ئەكېلىپ، ئائىلە راھىتىنى كۆرۈشۈم ۋە ئۇلارنى قايتىدىن شەھەر نوپۇسىغا يۆتكەش ئۈچۈن يول مېڭىشىم كېرەك. بولمىسا ئۇلارنى مەكتەپكە ئالمايمىز دېسە، ئۇ چاغدا بالىلار ئوقۇشسىز قالىدىغان گەپتە، لېكىن ھازىرچە ئارزۇگۈلگە بۇ ئىشلارنى ئېيتماي تۇراي، ئۇ ئاخىرقى تۇغۇتىدىن كېيىن، «مەجبۇرى تۇغماسلىق ئوپېراتسىيەسى» قىلىنغان بولغاچقا كۆپ قانسىراپ كېتىپ، بەك ئاجىزلاپ كەتتى. ناۋادا بۇ ئىش ئۇنىڭغا تەسىر قىلىپ، سالامەتلىكىگە تەسىر يېتىپ قالسا، ھەممىمىزگە تەس بولىدۇ. بولۇپمۇ ماڭا:بالىلارغا قاراش ۋەزىپىسى چۈشۈپ، دۇكىنىمنىڭ ئىشىغا تەسىر يېتىپ قېلىشى مۇمكىن! ئەڭ ياخشىسى دېمەي تۇراي-دەپ، ئويلىدى». ئەمما، ئۇنىڭ بۇ ئىشلار سەۋەبىدىن كۆڭلى بەكلا يېرىم ئىدى.
مانا ھەپتە ئاخىرىمۇ كېلىپ قالدى. ئۇ كەچتە شەھەردىكى ئۆيىدە قونۇپ، ئۈچ ئۆستەڭگە ئەتە ئەتىگەن باراي دەپ ئويلىدىيۇ، ئەمما، ئارقىدىنلا بۇ نىيىتىدىن ۋاز كېچىپ، كەچلىك بازارغا بېرىپ، ئارزۇگۈل ۋە بالىلارغا بىراز يېمەك-ئىچمەك سودىسى قىلىپ، ئاندىن بىر تاكسى كىرالاپ، ئۈچ ئۆستەڭ يېزا-لەڭگەر كەنتىگە يېتىپ كەلدى.
تومۇز ئېيىدا كۈن ئۇزاق بولغاچقا، تېخى قاراڭغۇ چۈشۈپ كەتمىگەن ۋاقىت ئىدى. مەمەت قارى دەرۋازا ھالقىسىنى قېقىۋېدى، سەمەت قارى چىقىپ دەرۋازىنى ئاچتى:
-ئەسسالام ئاتا، تىنچ ئامان تۇردىلىمۇ، ئاپام، ئارزۇگۈل ۋە قىزلارمۇ تىنچ ئامانمۇ؟
-ھە-ئە، ئوغلۇم، بىز تىنچ-ئامان تۇرۇۋاتىمىز، كەچ بولۇپ كەتكىنىگە قارىماي، بۈگۈن يەنە كېلىپسىز، قەدىمىڭىز ھارمىغاي، شەھەردە ئىشلار قانداقراق كېتىۋاتىدۇ ؟
-يامان ئەمەس ئاتا، ئاللاھقا شۈكرىلەر بولسۇن! بىراز ئالدىراش بولۇپ قالدۇق شۇ، ياز ۋاقتى بولغاچقا ئىشلار بېسىق بولۇۋاتىدۇ.
-بولۇپتۇ بالام! ئىشنىڭ يۈرۈشۈپ تۇرغىنى ياخشى. ھەرىكەت دېمەك-بەرىكەت دېمەكتۇر. قېنى ئۆيگە كىرىڭ!
مەمەت قارى ئۆيگە كىرىپ، قېيىن ئانىسىغا سالام بەرگەندىن كېيىن، داستىخانغا كېلىپ ئولتۇردى. ئۇنىڭ قولى گۈل قېيىنئانىسى ئاللىقاچان سۇيۇقئاش ئېتىپ تەييار قىلغان ئىدى: ئوغلۇم ئالسىلا، ئىسسىقىدا بىر قاچا سۇيۇقاش ئىچىۋالسىلا، سىلىنىڭ رىسقىللىرى ئىكەن!« ياخشى مېھمان، تاماق ئۈستىگە كېلىدۇ »دېگەن شۇدە، تېخى ھېلىلا ئېتىپ تەييار قىلغان ئىدىم.
-رەھمەت ئانا، قوللىرىغا دەرد بەرمىگەي! سىلىنىڭ سايىللىرىدە ئارزۇگۈل ياخشى كۈتۈلىپ، قىزلار ئاچ-سېرىن قالمىدى. سىلىدىن ئاللاھ رازى بولسۇن! بىزمۇ سىلىنىڭ قىلغانلىرىنى قايتۇرىمىز، ئىنشائاللاھ!
-ھېچقىسى يوق بالام! ئۇ ئۆزىمىزنىڭ ئىشى، سىلەر بولغاچقا، بىز مۇشۇنداق ياخشى تۇرۇۋاتىمىز. سىلەرنىڭ بەختىڭلار-بىزنىڭ بەختىمىزدۇر. ئارزۇگۈلمۇ خېلى ياخشى بولۇپ قالدى. قىزلارمۇ، بىزنىڭ بۇ باغلىق ھويلىمىزغا ئۆگىنىپ قالدى. مەن تېخى دەسلەپتە شەھەردە چوڭ بولغان بالىلار بۇ يەرگە كۆنەلمەي قالارمىكىن دەپ، بەكمۇ ئەنسىرىگەن ئىدىم. خۇداغا شۈكرى! ئەمما ئۇنداق بولمىدى. مەنمۇ بالىلارغا بەكلا ئۆگىنىپ قالدىم. يەنە بىر مەزگىل تۇرسىمىكىن دەيمەن! ئەتە-ئۆگۈن، قوغۇن-تاۋۇز ، ئۈزۈم-شاپتۇللارمۇ پىشىشقا باشلايدۇ. يازنىڭ مېۋىلىرىگە قانغىچە تويۋالسۇن!
مەمەت قارىنىڭ قېيىن ئانىسى، خۇددى ئۇنىڭ ئارزۇگۈلنى ئېلىپ كەتكىلى كەلگەنلىكىنى بىلىۋالغاندەك، ئۇنى يەنە بىر مەزگىل تۇتۇپ قالماقچى بولۇۋاتاتتى. مەمەت قارى قېيىن ئانىسىغا ئارتۇقچە بىر نەرسە دېمىدى. چۈنكى، ئۇ بەرىبىر ئارزۇگۈل بىلەن مەسلىھەتلىشىشى، ئۇنىڭ رايىغا بېقىشى كېرەك ئىدى. شۇڭلاشقا ئۇ قېيىن ئانىسىغا بېرىدىغان جاۋابنى ئەتىگە قالدۇردى.
ئەتىسى سەھەردە مەمەت قارى يېقىن ئەتراپتىكى مەسچىتتىن كەلگەن ئەزان ئاۋازى بىلەن ئويغىنىپ كەتتى. ئۇ سەيناغا چىقىپ، ئبرىققا سۇ تولدۇرۇپ، سىرتتىلا تاھارەت ئالدى. ئاندىن ئۆيگە كىرىپ بامدات نامىزىنى ئوقۇۋالدى. بۇ چاغدا سەمەت قارى ئاللىقاچان مەسچىتكە چىقىپ كەتكەن ئىدى. ئۆز كەنتىدىكى مەھەللە مەسچىتنىڭ ئىمامى بولغاچقا، نامازغا ھەممىدىن بۇرۇن كېلىپ، جامائەتنىڭ كېلىشنى ساقلاپ تۇراتتى ۋە ھەممىدىن كېيىن مەسچىتتىن قايتىپ كېلەتتى.
دېگەندەك، سەمەت قارى كۈن تاغ ئۈستىگە ئۆرلەپ، شەپەق نۇرى ئا قىرىشقا باشلىغاندا نامازدىن قايتىپ كەلدى. ئۇلار سەينادىكى سۇپىدا بىللە ئولتۇرۇپ، نان-توقاچ، قۇرۇتۇلغان گۈلە ۋە قايماق چاي بىلەن ناشتىلىق قىلىشتى. ناشتىدىن كېيىن سەمەت قارى ۋە سارىخان موماي: «ئۆگزىگە سېلىپ قويغان گۈلە-قاقلارنى يىغىشتۇرىۋېتەيلى» دەپ، ئۆگزىگە چىقىپ تىرىكچىلىك ئىشىنى باشلاپ كەتتى. قىزلارمۇ : «بىزمۇ ياردەملىشەيلى»دەپ، بوۋىىسى ۋە مومىسى بىلەن بىللە ئۆگزىگە چىقىپ كېتىشتى.
مەمەت قارى ئارزۇگۈل بىلەن يېڭى تۇغۇلغان بوۋىقىنى ئەركىلەتكەچ ئۆيدە يالغۇز قالدى. سەزگۈر ئارزۇگۈل مەمەت قارىنىڭ بۇرۇنقىدەك شوخ ھالىنىڭ قالمىغانلىقىنى، ناھايىتى جىمىغۇر بولۇپ قالغانلىقىنى بايقاپ، ئۇنىڭدىن: مەمەت قارى سىزگە نېمە بولدى، بىرەر پېشكەللىككە ئۇچرىمىغانسىز؟-دەپ سورىدى ئۇنىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن.
-ياق، ئارزۇگۈل، ماڭا ھېچقانداق بىر ئىش بولمىدى. ناۋايخانىدىكى ئىشلار ھەممىسى جايىدا كېتىپ بارىدۇ. ئەمما جەمئىيەتتە بولۇۋاتقان ئىشلار مېنى تولىمۇ ئەندىشىگە سېلىۋاتىدۇ. قىزلارنىڭ ئوقۇش مەسىلىسى بەكمۇ بېشىمنى قاتۇرماقتا دەپ، يېڭىدىن چىققان ئاتالمىش«قوش تىللىق ئوقۇتۇش تۈزۈمى» ھەققىدىكى ئاڭلىغانلارنى بىرمۇ-بىر ئارزۇگۈلگە سۆزلەپ بەردى.
-ھە-ئە، شۇنداقمۇ؟ بۇ قانداق گەپ؟ قوش تىلدا ئوقۇمىسا نېمە بوپتۇ، بىزمۇ باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۆز ئانا تىلىمىزدا ئوقۇدۇق، خىتاي تىلىنى قوشۇمچە ئۆگەندۇق، ئۆز ئانا تىلىمىزدا ئوقۇغانلارمۇ ئۇنىۋېرسىتېتقا بېرىپ ئوقۇۋاتىدۇغۇ؟ ھەتتا نۇرغۇن ئۇيغۇر ياشلىرى چەتئەللەرگە چىقىپ ئوقۇۋېتىپتۇ، دەپ ئاڭلاۋاتىمىز. ئۆز ئانا تىلىمىزنىڭ مائارىپقا نېمە بىر زىيىنى بولسۇن؟-دەپ، ئارزۇگۈل ئۆزىنىڭ قوش تىل ئوقۇتۇشىغا بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى.
-توغرا دەيسىز! دەپ، ئارزۇگۈلنىڭ سۆزىنى قۇۋۋەتلىدى مەمەت قارى- ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇتۇش ھېچقاچان بىلىم ئېلىشقا تەسىر يەتكۈزگەن ئەمەس، تارىخىمىزدا ئۇيغۇرلاردىن نى، نى مەشھۇر ئالىملار چىققان. ھازىرمۇ چىقىۋاتىدۇ. كەلگۈسىدىمۇ چىقىدۇ. مېنىڭچە بۇ قەستەنگە قىلىنىۋاتقان سىياسىي ھەرىكەت بولۇشى مۇمكىن! چۈنكى، چوڭلاردىن ئاڭلىشىمچە، دۆلەتنىڭ قانۇنىدا: «مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيەلىك جايلار – ئۆز تىلىدا مىللىي مائارىپنى يولغا قويۇپ، ئۆز ئانا تىلدا مائارىپ تەربىيەسى ئېلىپ بارسا بولىدۇ »دەپ يېزىلغان ئىكەن. ئەمدىلىكتە بۇ نېمە بولغىنى؟«زامان زورنىڭ-تاماشا كورنىڭ»دېگەندەك ئىش بولۇۋاتامدۇ نېمە؟ بولغۇلۇق، بىز خەققە بولىدىغان بولدى. بىز بالىلارغا خىتاي تىلى ئۆگىتىشنى بىلمىسەك، ياكى مۇئەللىملەرنىڭ مەكتەپتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا بالىلارغا كۆڭۈل بۆلگۈدەك ۋاقتى بولمىسا، بىر-ئىككى يىل خىتايچە ئۆگىتىپلا، خىتاي تىلىدا دەرس ئوقۇيسىلەر دېسە توغرا بولامدۇ؟ بۇ بىر ئوچۇقتىن-ئوچۇق بالىلىرىمىزغا قىلىنغان زىيانكەشلىك ئەمەسمۇ؟
مەمەت قارى قوش تىللىق مائارىپقا بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلەپ ھەتتا، سىياسىي گەپنى قىلىۋاتقانلىقىنى ئۆزىمۇ تۇيماي قالدى. ئارزۇگۈل مەمەت قارىنىڭ بۇنچىۋالا نەرسىلەرنى بىلىدىغانلىقىغا ھەيران قالدى-دە، بىردەم ئويلىنىپ تۇرۇپ قالغاندىن كېيىن، ئۆزىمۇ ئۆتكەندە، دوختۇرخانىدا ئوپېراتسىيە قىلىنغان بالنىستتا ئاڭلىغان بەزى گەپلەرنى مەمەت قارىغا دەپ بەردى. دوختۇرخانىدىكى بىر ئايالنىڭ دېيىشىچە، ئۇ ئايالنىڭ بىر بالىسى ئىچكىرىدىكى ئاتالمىش : «شىنجاڭ سىنىپى »دېگەن نامدىكى بىر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيدىكەن. ئەسلى ئۇ ئايالنىڭ بالىسى بۇ يەردە ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇغان بولۇپ، پەقەت بىر-ئىككى يىل خىتاي تىلىنى قوشۇمچە ئوقۇغان ئىكەن. شۇڭلاشقا ئۇ يەردە ئوقۇتۇشتا ناھايىتى قىينىلىۋېتىپتۇ. ئىچكىرى ئۆلكىدىكى خىتاي تىلىنىڭ شېۋىسى تامامەن باشقىچە بولۇپ، بۇ يەردىكى كۆچمەن خىتايلارنىڭ گەپ-سۆزلىرىگە ئانچە ئوخشاپ كەتمەيدىكەن. دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئوقۇتقۇچىلار:( پۇتوڭخۇئا) يەنى ئاممىباب خىتاي تىلىدا سۆزلەشكە تېگىشلىك بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار قەستەنگە يەرلىك شىۋىسىدە سۆزلەپ، ئوقۇغۇچىلارنى بەكمۇ قىينايدىكەن. ئۇ ئايالنىڭ بالىسى ھەر ھەپتىدە، نەچچە قېتىم تېلېفون قىلىپ، ئۆزىنىڭ تاماقتا بەكمۇ قىينىلىۋاتقانلىقىنى دەپ، زارلىنىدىكەن. چۈنكى، مىللىي بالىلارغا: « مۇسۇلمانچە تاماق قىلىپ بېرىلىدۇ»دېيىلگەن بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇ تاماققا ئىشلەتكەن گۆشنىڭ ھالال ياكى ھارام ئىكەنلىكىنى، ھېچكىم بىلمەيدىكەن. بالىلار بۇ نېمە گۆشى؟-دەپ سورىسا، ئاشپەز ئۇستاملار :بۇنىڭ بىلەن سېنىڭ نېمە ئىشىڭ بار؟ سەن ئېتىپ بەرگەن تاماق يېيىشنى بىلسەڭ بولمىدىمۇ؟سوئال سورايدىغانغا نېمە ھەققىڭ بار ئىدى؟-دەپ، قوپاللىق بىلەن جاۋاب بېرىپ، بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرگەن بالىلارغا نەچچە كۈنگىچە تاماق بەرمەي، ئاچ قۇيۇپ قىينايدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بالىلار ئاتا-ئانىسىغا يېلىنىپ-يىغلاپ تېلېفون قىلىدىكەن. ياكى خەت ئەۋەتىدىكەن. بالىلارنىڭ ئاھ-زارىغا چىدىمىغان ئاتا-ئانىلار، ئۇلارغا پۇل ئەۋەتىپ بېرىدىكەن. بالىلا ئاتا-ئانىسى ئەۋەتىپ بەرگەن پۇلىغا، سىرتتىن تۇڭگان ئاشخانىلىرىدىن تاماق ئېلىپ يېيىشكە مەجبۇر بۇلىۋېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىچكىرىدە ئوقۇتقان بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ پۈتكۈل تاپقان-تەرگىنى بالىسىنىڭ ئوقۇتۇش ۋە تاماق خىراجىتى ئۈچۈن كېتىۋېتىپتۇ.
مەن ئۇ ئايالدىن: نېمىشقا ئۇنداق قىلىلا، بالىلىرىنى مۇشۇ يەردە ئوقۇتسىلا بولمامدۇ؟ دەپ سورىسام، ئۇ ئايال ماڭا مۇنداق جاۋاب بەردى: ئىچكىرىدە ئوقۇغان بالىلارغا دۆلەتلىك ئىمتىھاندا 50 نومۇر قوشۇلۇپ بېرىلەرمىش، خىزمەت ۋە ئىش پۇرسىتىدە ئۇلارغا ئېتىبار قىلىنارمىش!
-شۇنداقمۇ؟ ۋاي ئۇنداق بولسا نېمە بولۇپتۇ؟ ئىنساننىڭ رىزقىنى ئاللاھ ئۆزى بېرىدۇ. ئىچكىرىدە ئوقۇسا ياخشى خىزمەت تاپالايدۇ. يەرلىك مەكتەپلەردە ئوقۇسا ياخشى خىزمەت تاپالمايدۇ دېگەن گەپ–گەپمۇ؟-دېدى مەمەت قارى ئارزۇگۈلنىڭ گېپىگە قوشۇمچە قىلىپ، بىزدە: «جان بولسا، جاھان-ئاش بولسا، قازان» دېگەن گەپ بار. بالىلار ھاياتلا بولىدىكەن، قەيەردىلا ئوقۇسا -ئوقۇسۇن، ئاللاھ ئۇلارنىڭ رىزقىنى بەرگۈچى ئۆزى ئەمەسمۇ؟ قانداقلا بولمىسۇن بىرەر ئىش، بىرەر خىزمەت چىقسىلا بولمىدىمۇ؟-نېمە بولۇپتۇ ئاتا -ئانىلارغا، بالىلارنىڭ تېخى بېشىغا كەلمىگەن ئىشتىن ئەندىشە قىلىشىپ، بىزنىڭ بېشىمىزغا ئۇ كۈنلەر كېلىپ قالمىسۇن خۇدايىم! مەن قىزلارنى ھەرگىزمۇ ئىچكىرىدىكى مەكتەپكە ئەۋەتمەيمەن.
-ھە، راست!-دېدى ئارزۇگۈل يەنە بىر گەپنى ئۇنتۇپ قالغاندەك، يەنە بىر ئايالنىڭ دېيىشىچە، بالىلار ئەمدى ئۈچ ياش ۋاقتىدىن باشلاپلا مەجبۇرى يەسلىگە بېرىشى كېرەك ئىكەن. كۇچادىكى يەسلىلەرگە ھازىر ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن نۇرغۇن خىتاي ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىنىۋېتىپتۇ. بالىلارغا ئەمدى مەجبۇرى خىتاي تىلى ئۆگىتىلىدىكەن. ھەتتا يەنە تېخى ياتاقلىق مەكتەپ، ياتاقلىق يەسلى قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىلىۋېتىپتۇ. كېيىنچە بالىلار مەكتەپ ۋە يەسلىلەردە ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ، ياتاقتا يېتىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇتۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدىكەن.
-مانا بۇمۇ تازا قاملاشمىغان بىر ئىش بولغۇدەك-دېدى مەمەت قارى ئارزۇگۈلنىڭ گېپىگە قوشۇمچە قىلىپ-تېخى ئۈچ ياشقا ئەمدىلا توشقان، ئانا تىلىنى ھېچقانچە ئۆگىنىپ بولالمىغان بالىلارغا يات بىر تىلنى ئۆگىتىش توغرا بولامدۇ؟ بالىلارنىڭ ئۆگىنىشىمۇ ئاسان بولامدۇ؟ پارتىيە-ھۆكۈمەتتىكى، مەن رەھبىرىي كادىر دېگەنلەر-بولۇپمۇ، مىللىي رەھبەرلەر نېمىشقا بۇ ئىشنىڭ ئاقىۋىتىنى ئويلىمايدۇ؟ ئۇلارنىڭمىغۇ شۇ: « ھە-ئە، ماقۇل، لەببەي غوجام» دېيىشتىن باشقا ئىشقا يارىمايدىغانلىقىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ.
مەمەت قارى، بىزنىڭ ۋە بالىلارنىڭ نوپۇس مەسىلىسىنى قانداق قىلىمىز؟-دېدى ئارزۇگۈل بۇ تېمىدىن زېرىككەندەك، تېمىنى باشقا تەرەپكە يۆتكەپ، ناۋادا شەھەر نوپۇسىدا ئەمەسكەن دەپ، قىزىمىز مۇخلىسەنى مەكتەپكە ئالمىسا قانداق قىلارمىز ؟
-ھە، بۇ مەسىلىنى ئېسىمگە سېلىپ ياخشى قىلدىڭىز! مەنمۇ شۇ غەمدە قالدىم. مەن دەرھال قايتىپ بېرىپ، بىزنىڭ نوپۇس مەسىلىمىزنى ھەل قىلىشىم كېرەك!
-ئۇنداق بولسا مەنمۇ قايتاي، بالىلارنى ئېلىپ ھەممىمىز قايتايلى! سىز ئىشقا كەتكەندە، مەن ئۆزۈم چامىمنىڭ يېتىشىچە، بالىلارغا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان خىتايچە خەتلەردىن ئاز-تولا ئۆگىتەي، بولمىسا خىتاي تىلىدىن ھېچنېمىنى بىلمىگەن ھالدا مەكتەپكە كىرسە، مۇسلىمە قىيىن ئەھۋالدا قېلىشى مۇمكىن! شەھەردىكى كادىر ۋە زىيالىي ئائىلىنىڭ بالىلىرى خېلى ئوبدان خىتايچە بىلەرمىش، مۇسلىمەنىڭ ئۇلارنىڭ ئالدىدا بەكلا چېنىپ قېلىشنى خالىمايمەن.
-توغرا دېدىڭىز ئارزۇگۈل، ئۇنداق بولسا، مەن چوڭلار بىلەن سۆزلىشەي، سىز بوقچىلارنى يىغىشتۇرۇپ تەييار قىلىڭ، ئۇنىڭدىن كېيىن مەن يېزا مەركىزىگە بېرىپ ماشىنا كىرا قىلىپ كېلەي، ماشىنا بىلەن قايتايلى! ھە، راست! ئاپام-داداملارغا بۇ ئىشنى مەسلىھەت سالايلى! ئۇلارنىڭ رازىلىقىنى ئالغاندىن كېيىن قايتايلى، سىزچە قانداق؟
-بولىدۇ. ئۇنداق بولسا ئاپام-ئاتاملارنى ئۆگزىدىن چاقىرىپ چۈشۈڭ! دەپ، مەمەت قارىنىڭ پىكرىگە ماقۇللۇقنى بىلدۈردى ئارزۇگۈل.
مەمەت قارى ئۆيدىن چىقىپ، پەم بىلەن بىلەن شوتىغا يامىشىپ ئۆگزىگە چىقىپ: ئاتا، ئانا، ئۆيگە يېنىپ چۈشسەڭلار بولۇپتىكەن؟ سىلەرگە سالىدىغان بىر مەسلىھەت بار ئىدى. قىزلار سىلەرمۇ چۈشۈڭلا!-دەپ، ئۇلارنى چاقىرىپ چۈشتى. ئۆيگە كىرىپلا ئارزۇگۈلنىڭ بوقچىلارنى يىغىشتۇرۇپ تەييار قىلغانلىقىنى كۆرگەن ئانىسى ئۇنىڭغا :قىزىم! ئۆيۈڭلەرگە قايتىشنى ئويلاشتىڭلارمۇ نېمە؟ يەنە بىر مەزگىل تۇرساڭلار ياخشى بولاتتى-دەپ، كۆڭلى قىيمىغان ھالدا قىزىغا قارىدى. سەمەت قارىمۇ موماينىڭ پىكرىنى قوللىدى. قىزلار بولسا: ئاتا! بىز كەتمەيمىز، ئاپا! يەنە بىر نەچچە كۈن تۇرايلىچۇ؟-دەپ، چوقۇرىشىپ كېتىشتى.
-ئاپا! سىزنىڭ كۆڭلىڭىزگە كۆپ رەھمەت، مەمەت قارىدىن نۇرغۇن گەپلەرنى ئاڭلىدىم. بالىلارنىڭ 9. ئايدىكى ئوقۇش ۋە يەسلىگە كىرىشتەك مەسىلىلىرى كۆز ئالدىمىزدا تۇرۇپتۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بىزنىڭ شەھەر نوپۇسىمىزنى قايتىدىن ھەل قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدىكەن. شۇڭا مەن، مەمەت قارى بىلەن قايتىپ، بۇ ئىشنى بار مەسلىھەت ھەل قىلايلىمىكىن دەپ ئويلاشتۇق-دېدى ئارزگۈل مېھرىبان ئانىسىغا، كۆيۈمچان ئاتىسىغا قاراپ،
-ئۇنداق بولسا بولۇپتۇ-دېدى ئارزۇگۈلنىڭ ئانىسى قىزىنىڭ غەمكىن كۆزىگە قاراپ، ھەممە ئىش ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە بولىدۇ. بىزدە: « باشقا كەلگەندە-باتۇر بولۇپتۇ» دەيدىغان بىر ماقال بارغۇ؟ بۇ ئىشلاردىن بەك غەم قىلىپ كەتمەڭ قىزىم! ھەممە ئىشلار-ئاللاھنىڭ ھېممىتى بويىچە، ئۆز جايىدا ھەل بولۇپ كېتىدۇ. بىز نامىزىمىزدا سىلەر ئۈچۈن كۆپ دۇئا قىلىمىز.
-شۇنداق بولسۇن بالىلىرىم!ئۇنداق بولسا، قايتىڭلا!ر تىنچ-ئامان بېرىپ ئۆيگە ئورۇنلاشقاندىن كېيىن، ھەممە ئىشنى بار مەسلىھەت بىلەن قىلىڭلار! ئىشلىرىڭلارنى خۇدايىم ئاسان قىلسۇن!-دېدى بوۋايمۇ بۇ ئىشقا قوشۇلۇپ ۋە قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پەرزەنتلىرىنىڭ بەختى ئۈچۈن دۇئا قىلدى.
مەمەت قارى يېزا مەركىزىگە بېرىپ، ھايال بولمايلا بىر ماشىنا كىرا قىلىپ قايتىپ كەلدى. قىزلار ماشىنىنى كۆرۈپ: ۋاي، ماشىنىغا چىقىدىكەنمىز دەپ، خۇشال كېتىشتى. ئارزۇگۈل يېڭى تۇغۇلغان ئوغلى مۇھەممەتئېلىنى بۆشۈككە چىڭ بۆلىۋەتكەن بولۇپ، ئۇ پۇش، پۇش تىنىپ، تاتلىق ئۇخلاۋاتاتتى.
مۇھەممەتئېلى ئويغانغىچە ساقلاپ تۇرامدۇق؟ ياكى ئۇنى قۇچىقىمىزغا ئېلىۋالسا قانداق بولاركىن؟ بۆشۈك بىلەن ماشىنىغا قويۇش بىئەپ بولۇپ قالامدى قانداق؟-دەپ، مەمەت قارى ئارزۇگۈلگە مەسلىھەت سېلىۋېدى، ئارزۇگۈل بۇنىڭغا بىر نېمە دەي دەپ ئاغزىنى ئېچىپ بولغۇچە، ئانىسى: قىزىم، بالىنى ئويغاتماڭلار! بۆشۈك بوۋاق ئۈچۈن ئەڭ ياخشى قورغاندۇر. ھەممىڭلارنى خۇدايىم ساقلىسۇن! شۇنداقتىمۇ بىرەر قازايى-قەدەر بولۇپ قالغان تەقدىردە، ئۇ بۆشۈكتە بەك ياخشى قوغدىنىدۇ. بىز بوۋاقلارنى ئەلمىساقتىن مۇشۇ مۇقەددەس بۆشۈكتە بېقىپ چوڭ قىلدۇق. بىر يەرگە بارساق بۆشۈك بىلەن بىللە ئېلىۋالاتتۇق. بۆشۈكتە تەرەت قاچىسى بولغاچقا ئۇلارنىڭ ئاستىنى ئادالايمىز دەپمۇ ئاۋارە بولمايتتۇق. ئاتا-ئانىمىزمۇ بىزنى شۇنداق بېقىپ چوڭ قىلىپتىكەن. بالىنى ھەرگىزمۇ بۆشۈكتىن يەشىمەڭ قىزىم! ئۇنى تېخى ھېلىلا ئېمىتتىڭىز. ھازىرقى بۇ ئۇخلىشىدا ئۇ، شەھەرگە بارغۇچە ئويغانماي ئۇخلايدۇ.
دېمىسىمۇ چوڭلارنىڭ گېپى ئورۇنلۇق ئىدى. ياز ۋاقتى بولۇشىغا قارىماي، بوۋاق قېلىن يۆگەكتە مەھكەم يۆگەلگەچكە، ئۇنىڭغا ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشتىن ياكى شامال دارىپ قېلىشتىن ساقلانغىلى بولاتتى. مەمەت قارى چوڭلارنىڭ ئەقىل-پاراسىتىگە ئىچىدە قول قويۇپ: شۇنداق قىلايلى ئاپا، ئاتا!دەپ، مۇھەممەتئېلىنى بۆشۈك بىلەنلا كۆتۈرۈپ ماشىنىغا باستى. ئارزۇگۈل ئىككى قىزىنى، ئىككى قولىدىن يېتىلەپ ماشىنىغا چىقاردى. ئارزۇگۈلنىڭ ئانىسى تېخى ئالدىنقى كۈنىلا ياققان، يوغان نانلاردىن ۋە يېڭى قۇرۇتۇلغان گۈلە-قاقلاردىن خالتا قىلىپ تەييارلاپ قويغان ئىدى. يۈك-تاقلار ۋە يوللۇق خالتىلار ماشىنىنىڭ ئارقىسىغا لىقلا كەلدى: ئاق يول بولسۇن بالىلىرىم، سىلەرنى ئاللاھقا تاپشۇردۇق!-دەپ، سەمەت قارى ۋە سارىخان موماي، قىزى ئارزۇگۈل ۋە كۈيئوغۇل، نەۋرىللىرىنى ئۇزۇتۇپ قويۇشتى.
يولۇچىلار يېرىم سائەتكە قالمايلا كۇچا شەھىرىگە يېتىپ كەلدى.
مەمەت قارى ۋە ئارزۇگۈل ئون قەۋەتلىك بىر بىنانىڭ، ئىككىنچى قەۋىتىدىكى ئۈچ ئېغىزلىق ئۆينى كىرالاپ ئولتۇرۇۋاتقان بولۇپ، بۇ بىنادا ئاساسلىق ئۇيغۇرلار ئولتۇرغاننىڭ سىرتىدا ئىككى – ئۈچ ئائىلىلىك خىتاي ۋە تۇڭگانلارمۇ بار ئىدى. شۇڭلاشقا، شۇڭلاشقا بۇ بىنانىڭ ئىسمىنى؛«ئىتتىپاقلىق بىناسى» دەپ ئاتىۋېلىشقان ئىدى. غەلىتە يېرى بۇ بىنانىڭ كىرىش ئىشىكىنىڭ يېنىدا كىچىك بىر نازارەت ئۆيى بولۇپ، ئۇنىڭغا بىر ياشانغان خىتاي كىشى ئىشقا قويۇلغانىدى. ئۇ نازارەتچى بىناغا كىرىپ- كىرىپ چىققانلارنى ھەر دائىم كۆزىتىپ تۇراتتى. ئۇنىڭدا بىنادىكىلەرنىڭ تىزىملىكى تۇرغۇزۇلغان دەپتەر بار بولۇپ، ئۇ كۈزەتچى، كىم قايسى قەۋەتتە، قانچە ئادەم ئولتۇرىدۇ؟ كىمنىڭ قانچە بالىسى بار؟ نېمە ئىش قىلىدۇ؟ نەدىن كەلگەن؟ دېگەندەك ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىسىنى ياخشى بىلەتتى. باشقا تەرەپلەردىن مېھمانلار ۋە تونۇمىغان كىشىلەر كەلگەندە: نەدىن كەلدىڭىز؟ نېمە ئىشىڭىز بار؟ كىمنىڭ يېنىغا كەلدىڭىز؟-دەپ سوراشتۇرۇپ، يېنىدا كۆتۈرۈۋالىدىغان بىر دەپتەرگە، كەلگەنلەرنىڭ ئىسىم-فامىلىسى ۋە ئۇنىڭغا قوشۇپ بىر مۇنچە جۈملىلەرنى يېزىۋالاتتى.
مەمەت قارى ماشىنىدىن ئارزۇگۈل ۋە قىزلىرىنى چۈشۈرۈپ. ئۇنىڭدىن كېيىن بۆشۈكنى قولىدا كۆتۈرۈپ، بىنانىڭ ئىچىگە كىرىۋاتاتتى. توساتتىن كۆزەتكۈچى خىتاينىڭ ۋاقىرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى : ھەي، مەي مەي تى كالى قولۇڭدىكى نېمە، ئۇنىڭ ئىچىدە نېمە بار؟ مەمەت قارى ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ، ھەيران قالغان ھالدا ئۇنىڭغا جاۋاب بەردى :
ھە-ئە، قولۇمدىكىنى دەمسەن؟ بۇنى ھېچ كۆرمىگەنمىدىڭ؟ بۇ دېگەن- بۆشۈك!بۆشۈكتە ياتقىنى مېنىڭ ئوغلۇم. بىز يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى مۇشۇنداق بۆشۈكتە چوڭ قىلىمىز.
-ھە-ئە، شۇنداقمۇ؟-دېدى كۈزەتچى، ئاندىن- ئۇ بالا قاچان تۇغۇلدى؟ ئىسمى نېمە ؟ دەپ، قولىدىكى دەپتەرنى كۆتۈرۈپ يۈگۈرۈپ كەلدى.
-ئىسمى مۇھەممەتئەلى. تۇغۇلغىلى ئىككى ئاي بولدى.
ھە-ئە، شۇنداقمۇ؟ ئاھالىلەر كومىتېتىغا مەلۇم قىلدىڭمۇ؟
-ياق تېخى. ئەمدى مەلۇم قىلىمەن. سېنىڭ بۇنىڭ بىلەن نېمە ئىشىڭ بار؟
-بار، چۈنكى، ئۇ سېنىڭ بالاڭ، قانۇنسىز تۇغۇلغان بولۇشى مۇمكىن. مەن بىلىمەن، مىللىيلارغا ئىككى بالا تۇغۇشقا رۇخسەت ئىدىغۇ؟ نېمىشقا سېنىڭ ئۈچىنچى بالاڭ بولۇشى كېرەك؟
-مېنىڭ ئۈچىنچى بالامنىڭ تۇغۇلۇشىغا رۇخسەت قىلىنغان. چۈنكى، مەن يېزا نوپۇسى، يېزىلاردا دېھقانلارغا: ئۈچىنچى بالىغىچە تۇغۇشقا رۇخسەت قىلىنغان. سەن بۇنى بىلمەمسەن؟
-سەن يېزا نوپۇسى بولساڭ، نېمىشقا بۇ بىنادا ئولتۇرىسەن؟ شەھەردە تۇرۇشقا ساڭا كىم رۇخسەت قىلغان؟
-مەن ئىلگىرى يېزا نوپۇسىدا بولساممۇ، كېيىن شەھەر نوپۇسى ئالغان ئىدىم. چۈنكى، مەن مۇشۇ شەھەردە ئىشلەۋاتقىلى ئون يىلغا يېقىن بولۇپ قالدى. ئاۋۇ ئارقا تەرەپتىكى قوشنا مەھەللىدە بىر ناۋايخانام بار. سەنمۇ بىر قانچە قېتىم مەندىن نان ئالغىلى بارغانغۇ دەيمەن؟
ھە-ئە، شۇنداق!مەن سەندىن نان ئالغىلى بارغان. مەن سېنى تونۇماي قاپتىمەن. سېنىڭ چوڭ نانلىرىڭ بەك لەززەتلىك، مەن ئەمدى ھورنان يېمەيمەن. مەن سەندىن نان ئالغىلى يەنە بارسام بولامدۇ؟
-بولىدۇ، ئەمما مەن سەندىن سوراپ باقاي، سەن نېمىشقا مېنىڭ يېڭى تۇغۇلغان بالامنىڭ ئىسمىنى دەپتەرگە يېزىۋالدىڭ ؟
-ھە، ھە-ئە دەپ، دۇدۇقلىغانچە جاۋاب بەردى كۈزەتچى خىتاي: بۇ، بۇ مەن ئۆزۈم خالاپ قىلغان ئىش ئەمەس، «ئاھالىلەر كومىتېتى»شۇنداق ئورۇنلاشتۇرغان. مەن ئۆز ۋەزىپەمنى ئادا قىلمىسام بولمايدۇ. ئۇنى ئاھالىلەر كومىتېتىغا بىلدۈرۈشۈم كېرەك!
-شۇنداقمۇ؟ مەن ساڭا دەپ قوياي، سېنىڭ بۇ ئىش بىلەن كارىڭ بولمىسۇن. مەن ئۆزۈم بىلدۈرىمەن. مەنمۇ سېنى نەدىن كەلدىڭ؟ نەدە تۇغۇلغان؟-دەپ، سوراپ باقتىممۇ؟
-ياق، سوراپ باقمىدىڭ. چۈنكى، سېنىڭ ئۇنداق سوراش ھوقوقۇڭ يوق! بىزنى بۇ يەرگە-دۆلەت بىر تۇتاش كۆچۈرۈپ كەلگەن. بىز چېگرا رايوننى قوغداش ئۈچۈن كەلگەن.
-ئۇنداق بولسا، سەن چېگرادا قاراۋۇللۇق قىلماي، نېمىشقا بۇ ئادەم ئولتۇرىدىغان بىنادا قاراۋۇللۇق قىلىسەن؟
-چېگرانى ئەسكەرلەر قوغدايدۇ. شەھەرنى بىز پۇقرالار قوغدايمىز، ئەگەر ئۇنداق قىلمىساق، مىللىي بۆلگۈنچىلىك توپىلاڭ چىقىرىپ، دۆلىتىمىزنى پارچىلاشقا ئۇرۇنىدۇ.
-كىم ئۇ مىللىي بۆلگۈنچىلىك دېگەن؟ ئۇلار بۇ بىنادا نېمە ئىش قىلىدۇ؟
-مىللىي بۆلگۈنچى دېگەن-مۇشۇ يەردە ياشايدىغان ئۇيغۇرلاردۇر. ئۇلار يوشۇرۇنۋالغان. مۇشۇ بىنالاردىمۇ بولۇشى مۇمكىن! شۇڭا بىز ئۇلارنى كېچە-كۈندۈز كۆزىتىپ تۇرمىساق بولمايدۇ.
-بۇ بىنادا مىللىي بۆلگۈچىلەر يوق! ئەگەر بولسىمۇ، چوڭلاردىن بولۇشى مۇمكىن، شۇلارنى كۆزەت! بوۋاق بالىنىمۇ نازارەت قىلىشىڭ كېرەكمىدى؟ بوۋىقىمنىڭ ئىسمىنى ئۆچۈرىۋەت !
-ياق، ئۆچۈرمەيمەن-دېدىم-ئۆچۈرمەيمەن. بۇ يۇقىرىدىن كەلگەن بۇيرۇق. بۇ بىنادىكى ھەرقانداق بىر ئۇيغۇر دۆلەتنىڭ تىزىملىكىدە بولۇشى كېرەك! چۈنكى، ئۇلار كەلگۈسىدە بۆلگۈنچىلىك قىلىپ قېلىشى مۇمكىن!
-ياق، ئۇنداق ئەمەس. مېنىڭ بالام تېخى يېڭى تۇغۇلدى. ئۇنىڭ مىللىي بۆلگۈنچىلىك قىلىشى قانداق مۇمكىن بولسۇن؟
-ياق، ھەرگىزمۇ ئۆچۈرمەيمەن! مەيلى مىللىي بۆلگۈنچى بولسۇن ياكى بولمىسۇن، ئۇ سېنىڭ بالاڭ بولغاندىن كېيىن، بەرىبىر كۆزىتىش ئوبيېكتىغا كىرىدۇ. شۇڭا مەن ئۇنى ئاھالىلەر كومىتېتىغا مەلۇم قىلىشىم كېرەك.
-مەن ساڭا دېدىمغۇ؟ مەن ئۆزۈم مەلۇم قىلىمەن. ئۇنى تېخى شەھەر نوپۇسىغا ئالدۇرۇشۇم كېرەك!
-ياق، بولمايدۇ. سەن مەلۇم قىلساڭ، ئۇ ئۆزۈڭنىڭ ئىشى، ئەمما مەنمۇ مەلۇم قىلىشىم كېرەك! بولمىسا، ئۇلار مېنىڭ مائاشىمغا قوشۇپ بېرىدىغان مۇكاپات پۇلۇمنى بەرمەيدۇ.
-ساڭا بۇ قىلغانلىرىڭ ئۈچۈن مائاشتىن سىرت، يەنە مۇكاپات پۇل بېرەمدۇ تېخى؟
-ھە-ئە، بۇ بىنادا ھېچقانداق ۋەقە يۈز بەرمىسىلا، ھەر ئايدا ماڭا مىڭ سوم مۇكاپات پۇلى قوشۇپ بېرىدۇ.
مەمەت قارى ھەرقانچە قىلىپمۇ، بىنا كۈزەتچىسىگە گېپىنى ئاڭلىتالمىدى. ئۇ بىر ئەشەددىي جاھىللىشىپ كەتكەن قېرى ئەبلەخ بولۇپ، جاھىللىقتا ئەبۇ لەھەبتىن قېلىشمايتتى. ئۇنىڭدا نە ئىنسانلىق تۇيغۇسى، نە باشقا بىرىنىڭ قەلبىنى چۈشىنىش، نە بىرىگە ئىچ ئاغرىتىش سېزىمى يوقتەك قىلاتتى. مەمەت قارى ئاخىرى ئۇنىڭ بىلەن تاكاللىشىشتىن ۋاز كەچتى-دە، بالىلىرىنى ئېلىپ ئۆيىگە كىرىپ كەتتى.
مەمەت قارىنىڭ بۇ بىنادىكى ئۆيى تېخى بىر نەچچە يىل ئالدىدا سېلىنغان بولۇپ، ئۆيى چېقىۋېتىلگەن كىشىلەر مەجبۇرى كۆچۈرۈپ كېلىنگەن ئىدى. مەمەت قارىنىڭمۇ ئىلگىرى ئولتۇرغان ئۆيى چېقىۋېتىلگەن بولغاچقا، بۇ بىنادىن بىر ئۆينى ئىجىگە ئېلىپ كۆچۈپ كەلگەن ئىدى. بىنادا سۇ، توك راۋان بولسىمۇ، ئەمما گاز ئوچاق ئورنىتىلمىغاچقا، گازنى قاچىسى بىلەن سىرتتىن سېتىۋېلىپ ئەكېلىپ، ئۇنىڭدىن كېيىن تاماق قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتەتتى. مەمەت قارى بىر نەچچە كۈن بۇرۇن گاز قاچىسى بوشۇلۇپ قالغانلىقىنى بىلگەن بولسىمۇ، ئالدىراشلىقتا ئۇنى يەڭگۈشلەپ قويالمىغان ئىدى:ئاپلا! گاز تۈگەپ كېتىپتۇ، مەن ماددىي ئەشيالار شىركىتىگە بېرىپ، گاز ئېلىپ كېلەي دەپ، ئۆيدىن چىقتى. مەمەت قارى بىنا ئىشىكىدىن چىقىۋاتقاندا، كۈزەتچى خىتاي ئۇنىڭغا ھومۇيۇپ قاراپ قويدى. مەمەت قارىمۇ ئاچچىقىدا بىرنېمە دېمەكچى بولدىيۇ، گاز ئېلىپ كېلىشكە كەچ قالماي دەپ ئويلاپ، بولدى قىلدى.
مەمەت قارى يولغا چىقىپ بىر تاكسى كىرا قىلىپلا ماڭدى-دە، بىر دەمدىلا ماددىي ئەشيالار شىركىتىگە يېتىپ كەلدى. ئۇنىڭ كەلگەن ۋاقتى خىزمەتچىلەرنىڭ چۈشلۈك دەم ئېلىش ۋاقتىدا توغرا كەلگەن بولۇپ، سۈنئىي ماتېرىيال بىلەن ياسالغان كىچىك بوتكا ئۆيدە ئىككى خىزمەتچى تاماق يېگەچ، خىتاي تىلىدا ئۈنلۈك ئاۋازدا بىرنېمىلەرنى دېيىشىپ، قاقاقلاپ كۈلۈشۈپ ئولتۇراتتى. ئۇلار قۇرۇق گاز قاچىسىنى كۆتۈرۈپ كەلگەن مەمەت قارىنىڭ گاز ئالغىلى كەلگەنلىكىنى بىلگىن بولسىمۇ، ئۇنىڭغا قاراپمۇ قويۇشمىدى. مەمەت قارى ئىلگىرىمۇ بۇلاردىن تولدۇرۇلغان گاز قاچىسى سېتىۋالغاچقا، ئۇلارنى تونۇسىمۇ، ئەمما ئىسمىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى سورىۋالمىغان ئىدى. مەمەت قارى ناھايىتى تەسلىكتە ۋە ئۆزىنى زورلىغان ھالدا:يولداش! مەن گاز ئالغىلى كەلگەن ئىدىم دەپ، چالا خىتاي تىلىدا ئۇلارغا گەپ قىلىۋېدى، ئۇلار يەنىلا مەمەت قارىغا قاراپمو قويۇشمىدى. مەمەت قارى يەنە بىر قېتىم گەپ قىلىۋېدى، ئارىدىن ئىچىدىكى يوغان قورساق كەلگەن، جىرتاق كۆز بىرسى ئۇنىڭغا قوپاللىق بىلەن ۋارقىرىدى : تامادى، دېڭ يىشا( ئاناڭنى، ساقلىمامسەن؟)
ئۇنىڭ تەكەببۇرلۇق بىلەن قىلغان ھاقارەت سۆزىگە چىدىمىغان مەمەت قارى غەزەپتىن تىترەپ كەتتى-دە، قايتۇرۇپ تىللاشنىڭ ئورنىغا بوتكىنىڭ ئىشىكى ئالدىغا كېلىپ:نېىگە ئادەم تىللايسەن؟ سىرتقا چىقىشە نوچى بولساڭ، ئىككىلەن بىر ئېلىشىپ باقايلى! قېنى كىم نوچى ئىكەن دەپ، يەڭنى تۈرگەن ھالدا، بۆرتىپ چىققان يوغان بىلەكلىرىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، رەقىبىنى مەيدانغا دەۋەت قىلدى. ئىككى رەقىب بىردىن كالتەكنى كۆتۈرۈشۈپ چىقىپ، مەمەت قارىنىڭ ئالدىغا مېڭىۋىدى، مەمەت قارى قۇرۇق گاز قاچىسىنى بىر قوللاپ كۆتۈرۈپ پىرقىرىتىشقا باشلىدى. بۇنى كۆرگەن خىزمەتچى خىتايلار ئالدىغا قانداق چىققان بولسا، ئارقىسىغا شۇ پېتىچە چېكىنىپ، بوتكىسىغا كىرىۋېلىشتى.
مەمەت قارى گاز قۇچىسىنى يەنە بىر قولىغا يەڭگۈشلەپ، ئاندىن ئۇنى خۇددى ئۇلارنىڭ بېشىغا ئاتىدىغاندەك ئېگىز كۆتۈرۈپ، بوتكىنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۇلارغا دېدى :
-ماڭا گاز سېتىپ بېرەمسەن-بەرمەمسەن؟
-ياق، بەرمەيمىز !
ھە-ئە، بېرەيلى! دېدى يەنە بىرى قورققىنىدىن غال-غال تىترەپ،
-ياق، بەرمەيمىز!
ھە-ئە، بېرەيلى !
ئۇ ئىككى كەلگۈندىلەر بىر-بىرىگە: ياق بەرمەيمىز، ھە، بېرەيلى!-دەپ، ئۆز-ئارا تالاش-تارتىشقا چۈشۈپ، ۋاقىرىشىپ كېتىشتى.
ئۇلارنىڭ ئاشۇنداق تالاش-تارتىش قىلىشقاندىكى يۇقىرى ئاۋازى يان تەرەپتىكى ئىشخانا بىناسىدىكىلەرگە ئاڭلىنىپ كەتتىمۇ قانداق؟ بىنادىكى ئىشخانىنىڭ بىرىدىن كۆزئەينەكلىك، ئوتتۇرا ياش بىرسى چىقىپ كېلىپ، خىتاي تىلىدا : نېمە بولدى، نېمىگە تالاش-تالاش قىلىشىۋاتىسىلەر-دەپ، خىزمەتچىلەردىن سورىدى:
-بۇ، بۇ ماڭا گاز سېتىپ بېرىڭلار! دەپ، بىزنى مەجبۇرلاۋاتىدۇ-دېدى دۇدۇقلاپ، ئىككىسىدىن سەل پاكارراق، دۇغلاق كەلگەن بىرسى
-نېمىشقا ئۇنىڭغا گاز سېتىپ بەرمىدىڭلار ؟ ئۇنىڭ شەھەر نوپۇسىدا ئىكەنلىكى توغرۇلۇق ئىسپاتى يوقمىكەن؟
-ياق، لى باشلىق! بىلمەيمىز، تېخى سورىمىغان ئىدۇق.
خىزمەتچىلىرىنىڭ بۇ جاۋابىنى ئاڭلىغان ئۇ كىشى مەمەت قارىغا بۇرۇلۇپ ئۇنىڭدىن سورىدى:
-سەن شەھەر نوپۇسىدىمۇ ؟ نوپۇس كېنىشكەڭنى چىقار! ئەگەر سەن شەھەر نوپۇسى بولمىساڭ، ساڭا گاز سېتىپ بېرىلمەيدۇ.
-ياق، مەن شەھەر نوپۇسىدا ئەمەس، يېزا نوپۇسىدا ئىدىم. ئەمما، شەھەردە ئولتۇرىمەن.
-ئۇنداق بولسا ساڭا گاز بېرىلمەيدۇ. سەن نوپۇسۇڭ نەدە بولسا، شۇ يەرگە بېرىپ گاز ئېلىشىڭ كېرەك. بۇ ھۆكۈمەتنىڭ بەلگىلىمىسى. ئاۋۋال شەھەرگە يۆتكىلىپ، نوپۇس كىنىشكىسىنى ئېلىپ كەل! بولمىسا ساڭا گاز بېرىلمەيدۇ.
-بۇ قىلغىنىڭلار توغرا ئەمەس-دېدى مەمەت قارى يەنە چالا خىتاي تىلىدا- مەن يېزا نوپۇس بولساممۇ، مۇشۇ يەرلىك، بۇ گازلار مەن تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يېزىدىن چىقىدىغان تۇرسا، نېمىشقا ماڭا سېتىپ بەرمەيسىلەر؟
-بەرمەيمىز دېدۇق-بەرمەيمىز! گاز سېنىڭ يېزاڭدىن چىققان بىلەن ئۇنى دۆلەت بىر تۇتاش باشقۇرىدۇ. بىز ئۇنىڭ خوجايىنلىرى، كىمگە بېرىش-كىمگە بەرمەسلىك، بىزنىڭ ئۆزىمىزنىڭ ئىشىدۇر.
-ئۇنداقكەن ماڭا گاز سېتىپ بېرىڭلار! مېنىڭ يېڭى تۇغۇلغان كىچىك بالام بار، ئۇنىڭغا: ئاپىسى بۇلماق پىشۇرۇپ بېرىشى كېرەك ئىدى.
-ياق، بەرمەيمىز. بىزنىڭ سېنىڭ كىچىك بالاڭ بىلەن چاتىقىمىز يوق. نېفىت-گازلارنىڭ خوجايىنى پارتىيە – ھۆكۈمەتتۇر. ئەگەر يەنە قارشىلىق بىلدۈرسەڭ، سېنى پارتىيە-ھۆكۈمەتكە قارشى چىقتى دەپ، ساقچىغا مەلۇم قىلىمەن. يوقال بۇ يەردىن!
-ياق، يوقالمايمەن. مەن مۇشۇ يەرلىك، سەن يوقال! كەلگەن يېرىڭگە كەت!
-ياق، كەتمەيمەن. بىزنى بۇ يەرگە دۆلەت ئۆزلىرى ئېلىپ كەلگەن. بىز بۇ يەرنىڭ خوجايىنلىرى. سەنلەرنى بىز باشقۇرىمىز. شۇڭا، بىز نېمە دېسەك، شۇنىڭغا ماقۇل دېيىشىڭ كېرەك!بولمىسا، «دۆلەتكە قارشى چىققان جىنايەتچى»ھېسابلىنىپ جازالىنىسەن!
مەمەت قارى بۇنداق پوپوزا ۋە تەھدىتلەردىن قورقۇپ قالىدىغان ئادەم ئەمەس ئىدى. ئۇ كىچىكىدىنلا، ئېغىر دېھقانچىلىق ئەمگىكى بىلەن چېنىقىپ ، قىزىق تونۇر بېشىدا پىشىپ يېتىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ يۈرەك سوقۇشنىڭ كۈچلۈكلىكىن گۈرەن تومۇرلىرى كۆپىشىپ تۇراتتى. ئۇ ئادەتتە قىرىق-ئەللىك كىلولۇق ئاشلىق تاغارلىرىنى بىر كۆتۈرۈپلا مۈرىسىگە ئالالايدىغان كۈچ توڭگۇر بىر يىگىت ئىدى.
-قېنى ساقچىلىرىڭنى چاقىرىپ كەلمەمسەن يامان بولساڭ؟-دېدى ئۇ باشلىق خىتايغا مەنسىتمىگەندەك قاراپ-مەن سېنىڭدىن گازنى بۇلاپ ئالىمەن دېمىدىم، سېتىۋالىمەن دېدىم. بۇنىڭ نەرى دۆلەتكە قارشى چىققانلىق بولسۇن؟
-شۇ ئەسنادا ئوتتۇرا بوي، ئاق-سېرىق كەلگەن. قالپاق كىيىۋالغان بىر كىشى بىنادىن چىقىپ كېلىپ: لى باشلىق، بۇ يەردە نېمە ئىش بولۇۋاتىدۇ؟ سىزگە بىرەر ئاۋارىچىلىك بولدىمۇ؟-دەپ، ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ خۇشامەت قىلغان قىياپەتتە ھىجىيىپ تۇرۇپ سورىدى.
ھە-ئە، شۇنداق! مۇئاۋىن سېكرېتار ئەي خې مەي، تى(ئەخمەت) بۇ ئادەم بىزگە قارشىلىق قىلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭغا دەڭ، بۇ يەردىن دەرھال كەتسۇن! بولمىسا مەن ساقچىغا مەلۇم قىلىمەن-دېدى لى باشلىق ھىندى توخۇسىنىڭ پوكىنىدەك قىزىرىپ كەتكەن يۈزلىرىنى پۈرۈشتۈرۈپ،
-ھەي، نەدىن كەلگەن نېمە سەن؟ نېمىشقا بۇ يولداشلار بىلەن جېدەللىشىسە؟ سەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى بۇزماقچىمۇ؟
-مەن باشقا ھېچ يەردىن كەلمىدىم. مۇشۇ يەرلىك ئادەممەن. مېنىڭ ئۇلار بىلەن جېدەللىشىش نىيىتىم يوق ئىدى. مەن بۇ يەرگە گاز سېتىۋالغىلى كەلگەن، ئۇلار ماڭا گاز سېتىپ بەرمىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە مېنى تىللىدى ، ھەتتا ئىككىسى كالتەك كۆتۈرۈپ چىقىپ، مېنى ئۇرماقچى بولۇشتى. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى بۇزغان كىمكەن؟ مەن ئىكەنمەنمۇ ياكى ئۇلارمۇ؟
مۇئاۋىن پارتىيە پارتىيە سېكرېتارى ئەخمەت، مەمەت قارىنىڭ گېپىگە جاۋاب بېرىشنىڭ ئورنىغا، گەپنى باشقا يەرگە يۆتكەپ: گازنى كىمگە سېتىپ بېرىش-بۇلارنىڭ ئىختىياردىكى ئىش، بۇ ھەقتە دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بار، ھەممىلا ئادەمگە گاز سېتىپ بەرگىلى بولمايدۇ. شەھەر نوپۇسىدا ئىكەنلىكىڭگە ئائىت كېنىشكەڭ بولۇشى كېرەك، قېنى نوپۇس كېنىشكەڭ؟
-ھازىر يوق، ئىلگىرى بار ئىدى. كېيىن مەن يېزا نوپۇسقا ئالماشتۇرىۋەتكەن.
-ئەسلى سەن قەيەرلىك ئىدىڭ
-مەن ئۈچ ئۆستەڭلىك، ئەمما ئون يىلغا يېقىن بولدى، كۇچا شەھەر ئىچىدە تۇرۇۋاتىمەن.
-دېمەك، سەن شەھەرگە: « قارا نوپۇس» دېگەن گەپ، ئۇنداقكەن گاز ئالىمەن دەپ خام خىيال قىلما! گاز پەقەت شەھەر نوپۇسىدىكىلەرگە يېرىلىدۇ.
-بۇ قانداق گەپ؟ سېكرېتار، گاز ئۆزىمىزنىڭ يېرىدىن چىقىۋاتسا، مۇشۇ يەرلىك پۇقرالارنىڭ ھەممىسىگە تەكشى بېرىلمەي، شەھەر نوپۇسىغا بېرىلىدۇ يېزا نوپۇسىدىكىلەرگە بېرىلمەيدۇ دەپ، ئايرىشنىڭ ئۆزى توغرىمۇ؟
-سېنىڭ ئۇنىڭ بىلەن چاتىقىڭ بولمىسۇن! بۇ پارتىيە-ھۆكۈمەتنىڭ بەلگىلىمىسى. گازنى ھەممە ئادەمگە بەرگەندە، ئۇ يېتىشمەيدۇ. شۇڭا ئاۋۋال شەھەر نوپۇسىدىكىلەرگە بېرىلىدۇ.
-سېكرېتار، سىلى گاز يېتىشمەيدۇ دەۋاتىلا، ئەمما كورلىدىن نۇرغۇن مىقداردىكى گازلار يوغان باكلارغا قاچىلىنىپ، پويىزلارغا بېسىلىپ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە يۆتكىلىۋاتىدۇ. ھەتتا تېخىمۇ جىق گاز يۆتكەش ئۈچۈن يەر ئاستى تۇرۇبا يولى ياسىلىپتۇ. بۇنىڭغا نېمە دەيلا؟ گاز نەدىن چىقسا، ئاۋۋال شۇ يەردىكى يەرلىكلەرگە تەمىنلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ بولۇپ، ئاندىن باشقا يەردىكىلەرگە تەمىنلەش كېرەك ئەمەسمۇ؟
-قوي قۇرۇق گېپىڭنى! نېفىت-گازلار دۆلەتنىڭ ئېھتىياجىغا قارىتا تەقسىم قىلىنىدۇ. ئاۋۋال سانائەت رايونلىرى تەمىنلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن قالسا، شەھەرئاھالىلىرى، ئۇنىڭدىن ئېشىپ قالغاندا يېزا ئاھالىلىرى تەمىنلىنىدۇ. بۇ دۆلەتنىڭ تۈپ سىياسىي مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشتۇر. ساڭا باياتىن لى باشلىق دېگەندەك، سېنىڭ دۆلەتنىڭ گاز تەمىنلەش سىياسىتىگە قارشى چىقىشىڭ-دۆلەتكە قارشى چىققانلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. سەن ئاستا ئۆپكەڭنى بېسىۋېلىپ، بۇ يەردىن كېتىۋال! بولمىسا، ئاقىۋىتىڭ ياخشى بولمايدۇ.
-سېكرېتار، سىلى يەرلىك بولغاندىن كېيىن، يەرلىكنىڭ گېپىنى قىلماي باشقىلارنىڭ گېپىنى قىلىۋاتىلىغۇ؟
-ئەلۋەتتە شۇنداق قىلىشىم كېرەك!مەن بىر دۆلەت كادىرى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ شىركەتنىڭ مۇئاۋىن پارتىيە سېكرېتارى. شۇنداق بولغاچقا، مەن ئاۋۋال دۆلەت مەنپەئەتىنى ئويلىشىم كېرەك! يولداشلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق ئېلىپ كېلىدىغان ئىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىشىم كېرەك، بولمىسا بىزنىڭ رەھبىرى كادىر بولۇپ، ئورنىمىزنى ساقلاپ قېلىشىمىز مۇمكىن بولمايدۇ.
مەمەت قارى بۇ قىزىل پاچاق سېكرېتارنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، چىشىنى- چىشلەپ، ئۆزىنى ئاران بېسىۋالدى. ئۇنىڭ بىلەن يەنە گەپ تالىشىشنىڭ ھاجىتى يوقتەك قىلاتتى. ئۇ ئىچىدە : «ھۇي، قولىدىن ھېچ ئىش كەلمەيدىغان غالچا»دېگۈسى كەلدى-يۇ، ئەمما گېپىنى ئىچىگە يۈتىۋەتتى. ئۇ كونىلارنىڭ: « ۋاڭ غوجامدىن – تۇڭچىسى(تەرجىمانى) يامان» دېگەن گېپىنى ئسىگە ئېلىپ، ئۇنىڭغا شۇنداق غەزەپ بىلەن بىر تىكىلىپ قارىدى- دە، ئاندىن دەردىنى ئىچىگە يىتۈپ، بىللە ئېلىپ كەلگەن قۇرۇق گاز قاچىسىنى ئېلىپ سىرتقا ماڭدى.
مەمەت قارى كوچىدىنلا بىر تاكسى توسۇپ، ئۆيىگە قايتىپ كەلگەن ئىدى. ئۇنىڭ ئاچچىقى تېخىچە بېسىلمىغان ئىدى. ئۇ تاپقا ئۇچرىغان تۈلكىدەك ھىجىيىپ تۇرغان بىنا كۆزەتچىسىگە قاراپمۇ قويماستىن، دەرۋازىنى ئېچىپ بىناغا كىرىپ، ئىشىكنى قاقتى. ئۆي ئىچىدىن ۋاراڭ-چۇرۇڭ ئاۋازى چىقىۋاتاتتى. شۇ ئەسنادا مەمەت قارىنىڭ چوڭ قىزى مۇسلىمە چىقىپ ئىشىكنى ئاچتى. ئۇ ئۆيگە كىرىپلا ھاڭ-تاڭ بولۇپ قېتىپلا قالدى. ئۆيدە ئىككى ئۇيغۇر، ئىككى خىتاي تۆت كىشى تۇراتتى. ئۇ ئۇيغۇر ئايالنى كۆرۈپلا تونۇدى. ئۇ مۇشۇ مەھەللىنىڭ« ئاھالىلەر كومىتېتى»نىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئايشەمخان دېگەن ئايال ئىدى. مەمەت قارى: بۇ نېمە ئىش، نېمىگە كەلدىڭلار؟-دېمەكچى بولۇپ، ئۇ ئايالغا قارىۋېدى، ئايشەمخان ئۆزىلا گەپ باشلىدى:
-ھە-ئە، مەمەت قارى! ھېلىمۇ ۋاقتىدا قايتىپ كېلىپسىز، بولمىسا سىزنى ئېلىپ كېلىشكە ساقچى ئەۋەتىشنى ئويلىشىۋاتقان ئىدىم. سىلەر دۆلەتنىڭ «پىلانلىق تۇغۇت قانۇنى» غا خىلاپلىق قىلىپ، پىلاندىن سىرت پەرزەنت كۆرۈپسىلەر، سىلەر: « شەھەر نوپۇسىدىكىلەر ئىككى پەرزەنتلىك بولۇشقا رۇخسەتلىك» دېگەن قانۇننى بىلمەمتىڭلار؟
-بىلەتتۇق، ئەمما بىز شەھەر نوپۇسىدا ئەمەس، يېزا نوپۇسىغا يۆتكىلىۋالغان ئىدۇق. ئەمدى يەنە قايتىدىن شەھەر نوپۇسىغا يۆتكىلىشنى ئويلىشىۋاتىمىز.
-بۇنداق قىلىشقا بولمايدۇ-دېدى ئايشەمخان چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ، سىلەر نەدە ياشىساڭلار، شۇ يەرنىڭ تۈزۈمىگە رىئايە قىلىشىڭلار كېرەك! ئەگەر سىز يېزا نوپۇسىدا ئىكەنسىز، ئۇ چاغدا شۇ يېزىڭىزغا قايتىشىڭىز كېرەك!
-بىز قىزلارنى شەھەردە ئوقۇتۇپ، ئالىي مەكتەپكە ئەۋەتىشنى ئويلىشىۋاتقان ئىدۇق. يېزىدا ئوقۇتساق ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈش نىسبىتى تۆۋەن بولىدىكەن.
-ئۇنىڭ بىلەن مېنىڭ ئىشىم يوق، سىلەر نەدە ياشىساڭلار، شۇلارنىڭ قانۇن -تۈزۈمگە بويسۇنۇشۇڭلار كېرەك! بولمىسا نەدىن كەلگەن بولساڭلار، شۇ يەرگە قايتىپ كېتىشىڭلار كېرەك!
-ئۇنداق بولسا، شەھەرنىڭ قانۇن-تۈزۈمى بويىچە جەرىمانە تۆلەيلى-دېدى مەمەت قارى يېڭى تۇغۇلغان بوۋىقىنى ساقلاپ قېلىشقا ئۈمىد باغلاپ- قانچىلىك جەرىمانە تۆلەيمىز؟
-مەن سىلىگە شۇنى دەپ قوياي-دېدى ئايشەمخان ئاچچىقلانغاندەك قاپىقىنى تۈرۈپ، سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا ئىككى يول بار: بىرسى، ئىككى يۈز مىڭ سوم جەرىمانە تۆلەپ، بالىنى ساقلاپ قېلىش، يەنە بىرسى بولسا، ئەسلى كەلگەن يېزىغا قايتىپ كېتىش! قېنى قايسىسىنى تاللايسىلەر؟ تاللاش ئۆزۈڭلارنىڭ ئىختىيارىڭلاردا قالدى.
-ئۇنداقتا، بۇ ئىككى يۈز مىڭ سوم جەرىمانەنى تۆلىسەم، بالامنى شەھەر نوپۇسىغا تىزىملىتىپ بېرەمسىلەر؟
-ياق، مەن بۇنى بىلمەيمەن. ئۇنى ساقچىغا بېرىپ سۆزلىشىشىڭلار كېرەك!
مەمەت قارىنىڭ ئەزەلدىن ساقچى بىلەن خۇشى يوق ئىدى. ساقچىخانىغا بېرىشنى تېخىمۇ خالىمايتتى. شۇڭا ئۇلارغا ئۆزىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تەلىپىنى قويدى: ئەگەر بۇ جەرىمانىنى تۆلىسەك، ساقچى بىلەن سۆزلىشىپ، بالامنىڭ شەھەر نوپۇسىغا ئېلىنىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ بېرەمسىلەر؟
-ياق، بىز سۆزلىشىپ بېرەلمەيمىز، بىز پەقەت سىلەرنىڭ جەرىمانە تۆلىگىنىڭلەرگە ئائىت خەت قىلىپ بېرىمىز، ئۇ خەتنى ئېلىپ بېرىپ ساقچىغا مەلۇم قىلىسىلەر، ئاندىن ئۇلار نېمە دېسە-شۇ بولىدۇ. نوپۇسقا ئېلىپ بېرەمدۇ-بەرمەمدۇ؟ بىزنىڭ ئۇنىڭ بىلەن كارىمىز يوق!
-بولىدۇ ماقۇل، مەن جەرىمانە تۆلەي-دېدى مەمەت قارى يېڭى تۇغۇلغان بالىسىنى قۇتقۇزۇشقا ئۈمىدىنى باغلاپ، -قاچانغىچە تۆلىشىم كېرەك، بۆلۈپ- بۆلۈپ تۆلەپ بەرسەم بولامدۇ؟
-ياق، بولمايدۇ-دېدى ئايشەمخان تېخىمۇ ئاچچىقلانغاندەك بولۇپ-بىر قېتىمدىلا ئىككى يۈز مىڭ سوم جەرىمانىنى تولۇق تۆلەيسىلەر. بولمىسا، بالاڭلار ئېلىپ كېتىلىپ، ئۆلتۈرىلىدۇ.
-ياق، بىز بالىمىزنىڭ ئۆلتۈرۈۋېتىلىشنى خالىمايمىز-دېدى ئارزۇگۈل ئىنتايىن كۆڭلى يېرىم بولغان ھالدا سۆزگە ئارىلىشىپ-بىزگە بىر نەچچە كۈن ۋاقىت بەرسىلە، قانچىلىك جەرىمانە بولسىمۇ مەيلى! بىز ئۇنىڭدىن، بۇنىڭدىن قەرز ئېلىپ بولسىمۇ تۆلەيمىز.
ئارزۇگۈلنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلىغان ئايشەمخان، يېنىدىكى كۆزئەينەكلىك خىتاي خىزمەتدىشىغا كولدۇرلاپ بىر نەرسە دېۋىدى، ئۇ بېشىنى لىڭشىتتى. بۇ ئۇنىڭ ئايشەمخاننىڭ گېپىگە قوشۇلغانلىقنىڭ ئىپادىسى ئىدى.
-بولىدۇ. ۋاڭ مۇدىرمۇ قوشۇلدى. سىلەرگە ئىككى كۈن ۋاقىت بېرىلىدۇ. ئەگەر بۇ ئىككى كۈننىڭ ئىچىدە جەرىمانىنى تۆلەپ بولالمىساڭلار، بالاڭلار ئېلىپ كېتىلىپ ئۆلتۈرۈلىدۇ ياكى بولمىسا، نەدىن كەلگەن بولساڭلار-شۇ يەرگە كېتىپ بىزنىڭ كۆزىمىزدىن يوقىلىڭلار !
ئارزۇگۈل ئايشەمخاننىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي، ئاچچىقىدا ئۇنى تىللاپ كەتكىلى تاسلا قالدى. ئورنىدىن قوپۇپ بېرىپ، گېلىدىن بوغۇپ، ھازىرلا جېنىنى ئالماقچى بولدى-يۇ، بالىلىرىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ يەنە تۇرۇپ قالدى. ئارزۇگۈلنىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرگەن مەمەت قارى دەرھال ئۇنىڭغا ئىشارەت قىلىپ، ئۆزۈڭنى تۇتۇۋال! دېگەن مەنىنى ئىپادىلىدى.
بىردىنلا ئارىنى سۈرلۈك بىر جىمجىتلىق قاپلىدى. ئايشەمخان بەلكى خىيالىدا: «ئۇلار بىزگە يىغلاپ تۇرۇپ يالۋۇرىدۇ» دەپ ئويلىغان بولسا كېرەك! مەمەت قارى ۋە ئارزۇگۈلگە قاراپ گىدەيگەنچە ئۇلاردىن جاۋاب كۈتمەكتە ئىدى. شۇ ئەسنادا ئۇ تەساددىپەن ئارزۇگۈلنىڭ كۆزىگە قاراپ سالدى-دە، بىردىنلا ئۇنى قورقۇنچ بېسىپ، خۇددى بەزگەك بولۇپ قالغان ئادەمدەك تىترەپ كەتتى. شۇ تاپتا، ئارزۇگۈلنىڭ كۆزىدىن ئوت چاقناۋاتاتتى. ئۇ غەزىپىنى ئاران-ئارانلا بېسىپ ئولتۇرىۋاتاتتى. ناۋادا بايىقى گەپلەر يەنە تەكرارلانسا، ئىشنىڭ چاتىقى چىقىدىغاندەك تۇراتتى.
-بولىدۇ، ئۇنداق بولسا، جاۋابىڭلارنى ئىككى كۈنلۈك مۆھلەت ۋاقتى توشقىچە بېرىڭلار!-دەپ، ئورنىدىن تۇردى ئايشەمخان. ئۇنىڭغا ئەگىشىپ باشقىلارمۇ تەڭ ئورنىدىن تۇرۇشتى. ئۇلارنى نە مەمەت قارى، نە ئارزۇگۈل ئۇزىتىپ قويۇش ئۈچۈن ئارقىسىدىن چىقمىدى. شۇ تۇرقىدا ئۇلار، خۇددى ئۆزلىرى بېسىپ كىرگەن قەلئەدىن قوغلاندى قىلىنغان قاراقچىلارغا ئوخشاپ قالغان ئىدى.
ئارزۇگۈلنىڭ كۆزلىرى قىزىرىپ، ئىششىپ كەتكەن ئىدى. ئۇنىڭ چەكسىز ئازاب ئىچىدە خىياللىرى چېچىلىپ كېتىۋاتاتتى. ئۇ: «ئەمدى قانداق قىلىمىز؟» دېگەندەك مەمەت قارىغا قارىۋىدى، مەمەت قارى ئۇنىڭ كۆڭلىنى چۈشەنگەندەك قىلىپ ئېغىز ئاچتى: ئارزۇگۈل كۆڭلىڭىزنى چۈشىنىۋاتىمەن، بىز قانداقلا بولمىسۇن بىر ئامال قىلىپ، ئوغلىمىز مۇھەممەتئېلىنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىشىمىز كېرەك! مەيلى قانچىلىك پۇل كەتسىمۇ مەيلى، بىز ئۇ جەرىمانىنى تۆلەيلى! مەن دۇكاننى سېتىشقا چىقىراي، تونۇش-بىلىشلەردىن بىراز قەرىزمۇ سوراپ كۆرەي، ناۋادا ئۇلار تەلەپ قىلغان پۇلنى جەملىيەلىسەك، بەلكى ئۇ جەرىمانىنى تۆلەپ، بالىنى قۇتقۇزۇۋېلىشىمىز مۇمكىن.
-مەمەت قارى بۇ مۇمكىنمۇ؟-دېدى ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە ئارزۇگۈل-دۇكاننىغۇ ئېلىشىغا بولسىمۇ ساتارمىز، ئەمما ھازىرقى زاماندا باشقىلاردىن قەرز ئېلىش ناھايىتى تەس بولۇپ كېتىۋاتىدۇ. بىزنىڭ يېقىن ئۇرۇق- تۇغقانلىرىمىز ۋە دوستلىرىمىزنىڭ ھەممىسى ئۈچ ئۆستەڭدە قالدى. شەھەردە كىممۇ بىزگە پۇل بېرىپ تۇرار؟ بەش-ئون مىڭ سومدىن قەرز ئېلىپ ئىككى يۈز مىڭ سوم قىلماق ئاسانمۇ؟ ئۇنىڭدىن باشقا يەنە شەھەر نوپۇسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىمىز ئۈچۈنمۇ نۇرغۇن پۇل كېتىشى مۇمكىن. ئەڭ ياخشىسى بىز تۇغۇلغان يېزىمىز-ئۈچ ئۆستەڭگە قايتىپ كېتەيلى! «تاشمۇ چۈشكەن يېرىدە ئېزىز» دەپتىكەن چوڭلار!
-ئۇ دېگىنىڭىزغۇ توغرا ئارزۇگۈل، ئەمما مەن يەنىلا باشقىلاردىن قەرز پۇل سوراپ باقاي، دۇكانمۇ سېتىلىپ قالار! قالغىنىغا ئاللاھ كېرىم ئۆزى بار، ئۇ مەزلۇملارغا ياردەم قىلغۇچى رەھىمدىل زاتتۇر.
ئارزۇگۈل مەمەت قارىنىڭ ئاخىرقى گېپىگە، بېشىنى لىڭشىتىپ ماقۇللۇق بىلدۈردى. ئۇنىڭمۇ ئەسلىدە قىزلىرىنىڭ كەلگۈسىدىكى ئوقۇشى ئۈچۈن شەھەردىن كېتىش نىيىتى يوق ئىدى. بۇ كۈنلەردە يېزىدىكى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش شارائىتى ياخشى ئەمەس بولۇپ، يېزىدا ئوقۇغانلارنىڭ شەھەردىكىدەك يۇقىرى ئۆرلەپ ئوقۇش ئىمكانىيىتى، ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنىش نىسبىتى ناھايىتى تۆۋەن ئىدى. شۇڭا ئۇ ئامال بار بالىلارنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالى ئۈچۈن، ئۇلارنى شەھەردە ئوقۇتسام دەپ ئويلايتتى. ئەمما رەھىمسىز رېئاللىق ئۇنىڭ بۇ ئارزۇسىغا باقمايۋاتاتتى.
مەمەت قارى دۇكاننى سېتىشقا چىقاردى. دېگەندەك، ئۇزاق قالماي ئۆزى كۆزلىگەن باھادىن بىراز تۆۋەنرەك ئالىدىغان خېرىدار چىقىپ، دۇكان سېتىلدى. ئۇنىڭدىن كېيىن مەمەت قارى ئۇ يەردىن، بۇ يەردىن تونۇش-بىلىشلىرىدىن قەرز سوراپ كۆرىۋىدى، كۆپىنچە كىشىلەر مىڭ سوم، ئىككى مىڭ سوم بېرىپ تۇرايلى! ھازىر ئەمەس، كېيىن بېرەيلى! دېيىشىپ، ئۇنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقمىغاچقا، ھېچقانچە قەرز ئۆتنە ئالالمىدى. شەھەر نوپۇسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن بولسا، رايونلۇق ساقچىخانىغا بېرىپ، يېلىنىپ-يالۋۇرۇشى، ئارقا ئىشىكتىن مېڭىپ، نۇرغۇن پۇل خەجلىشى كېرەك ئىدى. مەمەت قارى بۇنى ئەسلا خالىمايتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئىش ئۈچۈن خەجلەيدىغان يېتەرلىك ئىقتىسادىمۇ يوق ئىدى. ئۇنداق ئەھۋالدا مەمەت قارى شەھەردە قېلىپ، بالىلىرىنى ئوقۇتۇش مەقسىتىگە يېتەلمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، ئارىزىگۈل بىلەن مەسلىھەتنى پىشۇرۇپ، شەھەردىن يېزىغا قايتىپ كېتىشنى قارار قىلدى.
5 – باب
مەمەت قارى بىنادىكى بۇ ئۆينى شەھەردە دۇكان ئاچىدىغان تىجارەتچى بىر كىشىدىن ئىجارىگە ئالغان بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن ھېساب-كىتاب قىلىپ خوشلىشىشى كېرەك ئىدى. شۇڭا، ئۇ كىشىنىڭ دۇكىنىغا باردى. سالام- سائەتتىن كېيىن، مەمەت قارى ئەھۋالنى چۈشەندۈرىۋىدى، ئۇ كىشى مەمەت قارىنىڭ شەھەردىن يېزىغا قايتىپ كېتىشىگە ئەپسۇسلانغان بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭ يېڭى تۇغۇلغان بالىسىنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، مەمەت قارىدىن قالغان ئاخىرقى ئايلىق ئىجارە ھەققىنى كەچۈرۈم قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى ۋە ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىپ: ئۇكام بەك توغرا ئويلاپلا، بالىنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش بەكمۇ مۇھىمدۇر. ئەگەردە شەھەر نوپۇسىنى دەپ بىر جاننى ئۆلتۈرۈۋېتىشكە يول قويغان بولسىلا، سىلىمۇ گۇناھكار بولۇپ قالار ئىدىلە، ئاخىرەتتە ئۇ بالا سىلىنىڭ ياقىللىرىغا ئېسىلىپ، ئاللاھ-تائالادىن قىساس تەلەپ قىلغان بولاتتى. ئەمما بۇ: « پارتىيە–ھۆكۈمەت، پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى»دېگەنلەر ئۇنداق ئىشنى بىلمەيدۇ. ئۇلار ئاللاھ ئالدىدا گۇناھ قىلىشتىن قورقمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئەتىدىن كەچكىچە ئويلايدىغىنى: سىياسەت ئويناش، ۋەزىپە ئىجرا قىلىش ۋە مۇكاپات ئېلىشتۇر. بۇ ھۆكۈمەتنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ قېلىشتىن ئاللاھ ھەممىمىز نى ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن! ئىنسان نەدىلا ياشىسا-ياشىسۇن، ئاللاھ رىزقىنى ئۆزى بېرىدۇ ئەمەسمۇ؟ گەرچە يېزىدا ياشىغان ئىنسانلار جاپا مۇشەققەتتە ئۆتسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭمۇ ياخشى تەرەپلىرى بار. دېھقانلار ھالال ئەمگىكىگە تايىنىپ، ياشايدىغان ئەڭ پاك، ئەڭ ئاقكۆڭۈل ئىنسانلاردۇر. شۇڭا ئۇكام سىلى« يېزىغا قايتىپ كەتتىم»دەپ، كۆڭۈللىرىنى ھەرگىزمۇ يېرىم قىلمىسىلا، قوللىرىدا گۈلدەك ھۈنەرلىرى بارئىكەن. ئۇنداق بولغاندىن كېيىن، يەنە تىرىشىپ تۈرسىلا، ئاللاھ سىلىنىڭ ۋە بالىلارنىڭ رىزقىنى كەڭ قىلىدۇ. شەھەرگە بىرەر ئىش ئۈچۈن كېلىپ قالسىلا، يەنە مېنى ئىزدىسىلە! بىزنى ئۇنتۇپ قالمىسىلا، ئۇرۇق-تۇغقاندەك بولۇپ قالغان ئىدۇق، ئىزدىشىپ تۇرايلى! ئۇكام-دېدى ۋە مەمەت قارىنىڭ قولىنى چىڭ سىقىپ خوشلاشتى.
مەمەت قارى ئۆي ئىگىسى بىلەن خوشلىشىپ چىققاندىن كېيىن، ئىلگىرى تونۇيدىغان بىر تونۇش شوپۇرنى ئىزدەپ تېپىپ، بىر يۈك ماشىنىسى كىرا قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىۋىدى، ئۇ تونۇشى يەنە بىر كىراكەشلىك قىلىدىغان شوپۇرنى تېپىپ بەردى. مەمەت قارى يەنە بالىلىرى ئۈچۈن ئايرىم بىر تاكسى كىرا قىلدى.
«كەمبەغەل بولساڭ كۆچۈپ باق»دېگەندەك، مەمەت قارى يۈك-تاقلارنى ماشىنىغا بېسىۋىدى، يەنە نۇرغۇن نەرسىلەر پاتماي قالدى. ئېشىپ قالغان نەرسىلەرنى بىرىنچى قەۋەتتە ئولتۇرىدىغان بىر قوشنا كىشىگە بېرىۋېتپ، ئۇنىڭ بىلەنمۇ چىرايلىق خوشلىشىپ، يولغا چىقماقچى بولۇپ بىنانىڭ ئىشىكىدىن سىرتقا ماڭدى. شۇ ئەسنادا كۆزەتچى خىتاي كىشى ئۇنىڭغا ۋارقىراپ: ھەي! مەي، مەي، تى، كالى، سەن كۆچۈپ كېتەمدۇ؟ ئاھالىلەر كومىتېتىغا مەلۇم قىلدىمۇ؟-دەپ، چالا ئۇيغۇر تىلىدا گەپ قىلىپ، ئۇنى ئاۋارە قىلماقچى بولىۋېدى، مەمەت قارى: سېنىڭ بۇنىڭ بىلەن كارىڭ بولمىسۇن، مېنى كۆچۈپ كېتىشكە ئۇلار مەجبۇر قىلدى. شۇڭا ئۇلار ھەممىنى بىلىدۇ. سەنمۇ مېنى ۋە بالىلىرىمنى تىزىملىك دەپتىرىڭدىن ئۆچۈرۈۋەت، ئاشۇنداق قىلساڭ مۇكاپات پۇلۇڭنى تولۇق ئالالايسەن!-دەپ، ئۇنىڭ دەككىسىنى بېرىپ، نەپرەت بىلەن قاراپ قويدى. بۇ چاغدا ئۇنىڭ كاللىسىغا: «خەپ توختاپ تۇر! سېنىڭمۇ بىر كۈنى بۇ يۇرتلاردىن كۆچۈپ كېتىدىغان ۋاقتىڭ كېلىدۇ. چۈنكى، سەن ئەسلى بىر كەلگۈندى ئىدىڭ. بۇ يەرگە ئەسلى تۇپراق ئىگىسى بولغان بىزلەردىن رۇخسەتسىز كۆچۈپ كەلگەن باسقۇنچى ئىدىڭ. ئەسلىدە كۆچۈپ كېتىشكە تېگىشلىك بولغىنى-مەن ئەمەس، سەن ئىدىڭ» دېگەنلەر كەلگەن ئىدى.
مەزلۇم ئائىلە مەنزىلىگە قاراپ يولغا چىقتى. يېزىغا كۆچۈپ بارىدىغانلىقىنى چوڭلارغا ئاللىقاچان تېلېفون ئارقىلىق دەپ بولغان ئىدى. شۇڭا، چوڭلار ئۇلار ئۈچۈن تەييارلىق قىلىپ قويغان بولۇشى مۇمكىن ئىدى. بۇ بىر ئائىلە مەزلۇملارنىڭ كۆچۈش سەپىرى قىسقا بولسىمۇ، ئەمما ناھايىتى كۆڭۈللۈك بولدى. مۇسلىمە بىلەن مۇخلىسە يېزىغا قايتىۋاتقانلىقىدىن بەكمۇ خۇشال بولۇشۇپ، چۇرۇقلىشىپ كېتىپ باراتتى: ئاپا، ئاتا! بۇ بەك ياخشى بولدى. ئەمدى مومامنىڭ چۆچىكىنى يەنە ئاڭلايدىغان بولدۇم. مەن چۆچەك ئاڭلاشقا بەك ئامراق، مومام ماڭا ھەر كۈنى ئاخشىمى چۆچەك ئېيتىپ بېرەتتى. ئۇنىڭ چۆچەكلىرى بەك قىزىق. مومام ماڭا ئۆتكەندە، «ياغاچ ئات»ھەققىدىكى چۆچەكنى ئېيتىپ بەرگەن ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن مەن ئاتقا بەك ئامراق بولۇپ قالدىم. مەن چوڭ بولسام، ئات ئېلىپ بېرىڭلارچۇ؟ مەن ئۇنىڭ بىلەن ئاسمانغا چىقىپ، پەرىشتىلەرگە سالام بېرىمەن-دەپ، مەمەت قارىنى كۈلدۈرۈۋەتتى. مۇخلىسە بولسا:ئاپا، ئاتا مەنمۇ بەك خۇشال بولۇۋاتىمەن. مەن بوۋامغا بەكمۇ ئامراق، ئۇ ماڭا بىر مۇنچە ئايەت ئۆگىتىپ قويدى. ئەمدى ماڭا ھەپتىيەك ئۆگىتىپ قويسا، ئايەتلەرنى ئۆزۈم ئوقۇيمەن. بوۋامنىڭ بەك جىق توخۇسى باركەن، چۈجە چىقىرىپ بەرسە، مەن ئۇلارغا: دان بېرىپ باقىمەن. مۈشۈك ئارسلانلاپ بەرسە، مەن ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئوينايمەن.
قىزلارنىڭ خۇشاللىقى مەمەت قارى بىلەن ئارزۇگۈلنىڭ كۆڭۈل يېرىملىقىنى بىردەمدىلا كۆتۈرۈۋەتتى. ئەمدىلا ئىككى ئايلىقتىن ئاشقان مۇھەممەت ئېلىنىڭ چىرايى سۈزۈلۈپ، بەدەنلىرى خېلىلا ئەت ئېلىپ قالغان ئىدى. ئۇنىڭ بۇدرۇققىنە قوللىرىنى يالاپ، كۆزىنى چىمچىقلىتىپ، ئەتراپقا: « بۇ قانداق جاھاندۇ؟» دېگەندەك بېقىشلىرى ئارزۇگۈلنىڭ بوۋىقىغا بولغان كۆيۈمىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇۋەتكەن ئىدى. ئارزۇگۈل مەمەت ئېلىنىڭ يۈزىگە بىرنى سۆيۈپ قويۇپ، خۇددى ئەللەي ناخشىسى ئورنىدا ئۇنىڭغا ئىچىدە پىچىرلىماقتا ئىدى: «ئۇخلا ئوغلۇم ئۇخلىغىن! سېنىڭ تېخى بۇ دۇنيانىڭ قانداقلىقىنى ئويلايدىغان ۋاقتىڭ ئەمەس. بۇ دۇنيانىڭ دەردى كۆپ، تەڭشەلمىگەن ئالەم بۇ! بىرى كۈچلۈك، بىرى ئاجىزدۇر. بىرى مۇشتۇمزور، بىرى بىچارە، بىرى كۈلسە، يەنە بىرى يىغلايدىغان. بىرى زالىم، بىرى مەزلۇم. بىرىنىڭ ھەققىنى يەنە بىرى پايخان قىلىدىغان رەھىمسىز دۇنيا بۇ. سېنىڭ تېخى ھازىرلا بۇ دۇنيانىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى بىلىپ قېلىشىڭنى خالىمايمەن ئوغلۇم! كەلگۈسىدە: ئانا نېمىشقا مېنى بۇ ھەقسىز، ئادالەت بولمىغان دۇنياغا تۇغۇپ قويدۇڭ؟-دەپ سورىساڭ، نېمە دەپ جاۋاب بېرەرمەن؟-دەپ ئەندىشە قىلىمەن. توققۇز ئاي-توققۇز كۈن بىر قورساقتا بىللە ياتقان قېرىندىشىڭنى قۇتۇلدۇرالمىدۇق. ئەگەر ئۇ «پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى»نىڭ قاتىللىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈۋېتىلمىگەن بولسا ئىدى، ئۇنىڭ بىلەن بىر جۈپ بولۇپ چوڭ بولاتتىڭ! ئەمدى ئۇنىڭ بىلەن ئاخىرەتتە كۆرۈشەرسەن ئوغلۇم!»
مەزلۇملار مەنزىلگە يېتىپ كەلگەن ئىدى. قىزلار: ۋاي كەلدۇق ، ۋاي كەلدۇق، بوۋا، موما! قېنى سىلەر؟-دەپ، بەكلا خۇشال بولۇپ كېتىشتى. چوڭلار دەرۋازىنى ئېچىپ سىرتقا چىقىۋىدى، قىزلار ماشىنىدىن چۈشۈپلا، ئۇلارنىڭ قۇچىقىغا ئۆزلىرىنى ئېتىشتى.
– خۇش، كەلدىڭلار بالىلىرىم. خۇش كەلدىڭلار قىزلىرىم!دەپ، ئۇلارنى قىزغىن قارشى ئالدى بوۋاي ۋە موماي-سىلەرنىڭ كېلىدىغانلاردىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، بىز ئىنتايىن خۇشال بولدۇق!-دېدى سەمەت قارىمۇ، كۈيئوغلى مەمەت قارىنىڭ كۆڭلىنى ئالماقچى بولغاندەك: كۆڭۈللىرىنى يېرىم قىلمىسىلا ئوغلۇم! بىزنىڭ سەھرانىڭ قوينى كەڭ، ھاۋاسى ساب، يەرلىرىمىز مۇنبەت، رىسقىمىز كەڭرىدۇر. ئەجدادلىرىمىز ئەزەلدىن مۇشۇ سەھرا -قىشلاقلاردا ياشاپ كەلگەن. شەھەر بولسا كېيىن بەرپا بولغان. ئەگەردە سەھرا-قىشلاقلار بولمىسا، شەھەرلەر ھېچقاچان مەۋجۇت بولمايتتى.
-شۇنداق، ئاتا!-دېدى مەمەت قارىمۇ قېينئاتىسىنىڭ سۆزىگە جاۋابەن-مەنمۇ سەھرادا چوڭ بولدۇم. ئىش-ئەمگەكنى ياخشى كۆرىمەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە سىلەردەك كۆيۈمچان ئاتا-ئانىمىز بولغاندىن كېيىن، بىز يەنە بۇ يەردە ھاياتىمىزنى گۈلدەك داۋام قىلالايمىز. ئىنشائاللاھ !
-شۇنداق، ئوغلۇم!-دەپ، ئۇلارنىڭ گېپىگە ئارىلاشتى مەمەت قارىنىڭ قېيىنئانىسى-قوللىرىدا گۈلدەك ھۈنەرلىرى بار، ھازىر يېزىمىزمۇ خېلى كېڭىيىپ، ئادەم سانىمۇ كۆپىيىپ قالدى. كېيىنچە يېزا مەركىزىدە بىر ناۋايخانا ئېچىۋالالا ئوغلۇم! ھەر جۈمە كۈنى بولىدىغان جۈمە بازىرىدا، سودا -سېتىق ئىشلىرى خېلى يامان ئەمەس بولىدۇ. ۋاقتىنچە بىزنىڭ ھويلىدىكى تونۇردىن پايدىلىنىپ، جۈمە بازىرى قىلىپ تۇرسىلىمۇ بولىدۇ! كېيىنچە، ھەممە ئىش ياخشىلىنىپ كېتىدۇ-دېدى مومايمۇ كۈيئوغلىنىڭ كۆڭلىنى ئارام تاپقۇزۇش ئۈچۈن.
-رەھمەت ئانا، رەھمەت! بىزمۇ، بۇ مەھەللە ئۆزىمىزنىڭ بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە سىلىدەك كۆيۈمچان ئانىمىز بولغاندىن كېيىن، خاتىرجەم بولۇۋاتىمىز! شەھەردىن ئايرىلغىنىمىز بىلەن تۇغۇلغان تۇپرىقىمىز يەنە بىزنى ئۆز قوينىغا ئالىدۇ ئانا، ھەممىدىن مۇھىمى بىر جاننى قۇتۇلدۇرۋالدۇق. مۇشۇ يېڭى تۇغۇلغان بالىمىزنىڭ رىزقى بىزنى بۇ يەرگە سۆرەپ كەلگەن بولۇشى مۇمكىن! بۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھقا شۈكرى دېمىسەك بولماس!
-ئەلۋەتتە، توغرا دېدىلە ئوغلۇم! ئاللاھ-تاللا ھەممە جاننى ئۆز رىزقى بىلەن ياراتقاندۇر. نەۋرىمىز مۇھەممەتئېلىنىڭ رىزقى مۇشۇ يەرگە چۈشكەن بولسا، ئەلۋەتتە ئۇ مۇشۇ يەردە چوڭ بولۇپ، ئۆز بەختىنى تاپىدۇ.
-ھەي ئانىسى، بولدى قىلىڭلار!قالغان گەپنى ھويلىغا كىرىپ چاي ئىچىشكەچ قىلىشمامدۇق؟ بالىلارمۇ ھېرىپ-چارچاپ كەلگەندە، ئاۋۋال داستىخان سالماي نېمە قىلىۋاتسىلە؟ قېنى ئەتىگەندە ياققان ئىسسىق نان بىلەن قېتىق–قايماقلار؟ ئېلىپ كېلىڭلار ئۇلارنى، ماۋۇ مېھمانلارمۇ داستىخىمىزغا ئېغىز تېگىپ ماڭسۇن!-دەپ، شوپۇر ئۇستاملارنىمۇ سۇپىغا تەكلىپ قىلدى سەمەت قارى.
-رەھمەت قارىكا! بىزنىڭ شەھەردە جىددىي ئىشىمىز بار ئىدى. بىز قايتمىساق بولمايدۇ.
-ئۇنداق بولسا، بولىدۇ ئۇكىلىرىم، ئاق يول بولسۇن!
رەھمەت ئاغىنىلەر! دەپ، سەمەت قارى شوپۇر ئۇستاملارنى يولغا سېلىپ قويۇپ، ئېلىپ كەلگەن يۈك-تاقلارنى ھويلىغا توشۇپ ئەكىرىپ، ئىشىك يېنىغا دۆۋىلەپ قويۇپ، ئاندىن سۇپىغا كېلىپ، داستىخانغا ئولتۇردى.
-قېنى ئېلىڭلار بالىلىرىم! قېنى قىزلار! ئىسسىق نان-توقاچلاردىن بىر تېتىپ بېقىڭلارچۇ؟ مەن سىلەرنى كېلىدۇ دەپ، ھېلىلا ياققان ئىدىم. قايماق بىلەن چاي قىلىپ بېرەي، بولمىسا ئوشتۇپ، چىنىگە سېلىپلا ئىچىڭلار! قورسىقىڭلار ياخشى تويىدۇ-دېدى سارىخان موماي ۋە مۇسلىمە بىلەن مۇخلىسەگە ئىككى چىنىگە قايماق چاي قىلىپ، توشقىچە نان سېلىپ ئالدىغا قويدى. قىزلارغا مومىسىنىڭ قايماق چېيى بۈگۈن باشقىچە تېتىپ كەتكەن ئىدى. موما، موما!: ماڭا ھەر كۈنى مۇشۇنداق قايماق چاي قىلىپ بېرەمسىز؟ يەنە چۆچەك ئېيتىپ بېرەمسىز؟-دېدى ئاغزىنى پۈرۈشتۈرۈپ مومىسىغا ئەركىلىگەن ھالدا مۇخلىسە.
-ھە-ئە، قىزىم! سىزگە ھەر كۈنى قايماق چاي قىلىپ بېرىمەن. ئاڭلاشنى خالىسىڭىز يەنە چۆچەك ئېيتىپ بېرىمەن. بوۋىڭىزمۇ سىزنى ئەمدى بوش قويۇۋەتمەيدۇ. سىزمۇ ئاچىڭىز مۇسلىمەگە ئوخشاش قۇرئان ئوقۇشنى ئۆگۈنىشىڭىز كېرەك! بولامدۇ قىزىم؟
-ماقۇل، موما! ماڭا ھەر ئاخشىمىسى چۆچەك ئېيتىپ بېرىڭ. كۈندۈزى بوۋامدىن ھەپتىيەك ئۆگىنەي بولامدۇ موما؟-دەپ، مومىسىغا ئەكىلگەنچە جاۋاب بەردى مۇخلىسە ئوماققىنى كۈلۈپ،
-ماڭىمۇ چۆچەك ئېيتىپ بېرىڭ موما!دەپ، مۇسلىمەمۇ ئەركىلگەنچە، مومىسىغا ئېسىلدى.
– بولىدۇ قىزلىرىم! ئىككىڭلارغا مەن بۈگۈن ئاخشام: «ئەقىللىك قىز» دېگەن چۆچەكنى ئېيتىپ بېرەي بولامدۇ؟
-بولىدۇ موما، بولىدۇ دەپ، قىزلار خۇشاللىقىدىن سەكرىشىپ كېتىشتى.
:بۇرۇننىڭ-بۇرۇننىسىدا دەپ، چۆچەكنىمۇ باشلىدى موماي بىپايان يايلاق ۋە ئورمانلار بىلەن قاپلانغان بۇ زېمىندا، پادىشاھسى ئۆزىمىزدىن بولغان بىر دۆلەت بولغان ئىكەن. بۇ دۆلەتنىڭ پادىشاسىنىڭ بىر-بىرىدىن گۈزەل ئىككى قىزى بار بولۇپ، گۈزەللىكتە ئاينى خىجىل قىلىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ گۈزەللىكى پۈتۈن دۇنياغا پۇر كەتكەن بولۇپ، نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ شاھ ۋە شاھزادىلىرى ئۇلارنىڭ ئىشقى ئوتىدا كۆيۈپ يانىدىكەن. ئۇلارغا توختىماي ئەلچىلەر ئەۋەتىپ تۇرىدىكەن. ئەمما قىزلار بويىغا يېتىپ قالغىنىغا قارىماي، ھېچقانداق بىر ئەلچىنىڭ تەلەپلىرىنى قوبۇل قىلمايدىكەن. چۈنكى ئۇلار، ئۆزلىرىنى ئىلىم خۇمار شاھ ئاتىسىنىڭ تەسىرىدە، ئىلىم ئۆگىنىشكە ئاتىغان بولۇپ، ئىلىمدە كامالەتكە يېتىش ئۈچۈن يەنە بىر مەزگىل ئوقۇش، ئۆگىنىش بىلەن مەشغۇل بولۇشنى ئۆزىگە نىشان قىلغان ئىكەن. پادىشاھنىڭ ئوغۇل پەرزەنتى يوق بولۇپ، كەلگۈسىدە ئۆزىگە قىزلىرىدىن بىرسىنى شاھ ۋارىسى قىلىپ تىكلەش ئۈچۈن، ئۇلارغا تۈرلۈك ھۈنەر-تېخنىكا ئۆگەتكەندىن باشقا، ھەتتا ھەربىي ئىلىم، دىپلوماتىيە سەنئىتى قاتارلىقلارنىمۇ ئۆگەتكەن ئىكەن. قىزلار يەنە ئۆگەنگەن ھەربىي بىلىملىرىنى ئەمەلىيەتتە سىناپ كۆرۈش ئۈچۈن ھەر دائىم شاھ ئاتىسى بىلەن بىللە شىكارغا چىقىدىكەن. قىزلار ھەربىي ئىلىمدە شۇنداق كامالەتكە يېتىپتۇكى، ئات ئۈستىدە ئوقيانى ئالدىغا قارىتىپ قانداق ئاتقان بولسا، ئارقىسىغا قارىتىپمۇ شۇنداق ئاتالايدىكەن.
بىر كۈنى ئۇلار شاھ ئاتىسىدىن رۇخسەت سوراپ، شىكارغا ھەۋەس قىلىپ، بىر مۇنچە چۆرىلىرىنى باشلاپ، كەڭ يايلاق ۋە ئىدىرلىقلاردا كېيىك-جەرەن ئوۋلاشقا چىققان ئىكەن. بۇ قېتىم ئۇلار بەكمۇ ئۇزاقلارغا كەتكەن بولۇپ، قوشنا ئەلنىڭ چېگراسىغا يېقىن بىر جايدا ئوۋچىلىق قىلىدىكەن. پادىشاھنىڭ چوڭ قىزىنىڭ ئىسمى شەھرىزات بولۇپ، ئۇ: « مېنىڭ ئاخىرقى ئولجام بولسۇن» دېگەننى نىيەت قىلىپ، بىر كىيىكنى ئاتقان ئىكەن. پاچىقىنىڭ يوتا تەرىپىگە ئوق تەگكەن كېيىك قېچىپ بېرىپ، قوشنا ئەلنىڭ چېگراسىغا ئۆتۈپ كېتىدىكەن. شەھرىزات ۋە قىزلار كېيىكنى قوغلاپ چېگرادىن ئۆتۈپ، ئۇنى تۇتماقچى بولۇۋاتقاندا، قوشنا ئەلنىڭ ئەسكەرلىرى ئۇلارنى قورشىۋالىدىكەن. ئەسلىدە بۇ ئەسكەرلەر شۇ ئەلنىڭ شاھزادىسىنىڭ قوماندانلىقىدا شىكارغا چىققان بولۇپ، ئۇلار بىر توپ قىزلارنىڭ ئۆز چېگراسىغا ئۆتۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قېلىپ، ئۇلارنى : «قەستەنگە بىزنىڭ دۆلىتىمىزگە تاجاۋۇز قىلىپ كىردى» دېگەن مەقسەتتە تۇتماقچى بولىدىكەن. بۇنىڭ بىلەن ئىككى تەرەپ ئارىسىدا كەسكىن ئېلىشىش بولۇپتۇ، ئېلىشىش جەريانىدا قارشى تەرەپ شاھزادىسى قىزلارنىڭ قوماندانلىرىنىڭ، شاھزادىلەر ئىكەنلىكىنى ۋە گۈزەللىكتە تەڭدىشى يوق ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا ئاشىق بولۇپ قالىدىكەن ۋە قىزلارنى قورشاپ، تىرىك تۇتماقچى بولىدىكەن. ئەمما، قارشى تەرەپنىڭ ئەسكەرلىرى قىزلارنىڭ جەڭ ماھارىتى ئالدىدا ئاجىز كېلىپ، ئۇلارغا تەڭ كېلەلمەيدىكەن. قىزلار قارشى تەرەپنىڭ نۇرغۇن ئەسكەرلىرىنى ئۆلتۈرۈپ، ئۆز دۆلىتى چېگراسىغا ساق-سالامەت قايتىپ كېتىدىكەن. قارشى تەرەپنىڭ ئەسكەرلىرى بولسا چېگرادىن ئۆتۈپ، ئۇلارنى قوغلاشقا جۈرئەت قىلالمايدىكەن.
قىزلار ساق-سالامەت ئۆز چېگراسى تەۋەسىگە ئۆتۈۋالغاندىن كېيىن، ئوۋنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئوردىغا قايتىپ كېلىپ، شاھ ئاتىسىغا سالام بېرىپ ئەھۋالنى مەلۇم قىلىدىكەن. پادىشاھ قىزلارنىڭ ماھارىتىگە ئاپىرىن ئوقۇپ، ئۇلارنى تەقدىرلىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭدا بىر ئەندىشە پەيدا بولىدىكەن. چۈنكى بۇ قوشنا ئەل ئىلگىرى نەچچە قېتىم ھازىرقى شاھنىڭ ئاتىسى، ئىلگىرىكى پادىشاھ زامانىدا، بۇ ئەلگە تاجاۋۇز قىلغان بولۇپ، تاجاۋۇزچىلارغا قارشى چوڭ ئۇرۇش بولغان ۋە ئاخىرىدا دۈشمەنلەر چېكىنىشكە مەجبۇر بولغان ئىكەن.
ئەلقىسسە، ئەمدى گەپنى باشقا تەرەپتىن ئاڭلايلى! دەپ، چۆچىكىدىن داۋام قىلدى موماي – قوشنا ئەلنىڭ شاھشازادىسى شۇ كۈنىلا بولغان ئەھۋالنى شاھ ئاتىسىغا مەلۇم قىلىدۇ ۋە ئوۋچى قىزلارنىڭمۇ بىر جۈپ شاھزادىلەر ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ گۈزەللىكتە تەڭدىشى يوقلىقى، ئۇلاردىن بىرىنى خوتۇنلۇققا ئېلىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.
قوشنا ئەلنىڭ پادىشاھى شاھزادىسىدىن بولغان ئەھۋالنى ئاڭلاپ، ئۆزىگە چوڭ بىر پۇرسەتنىڭ كەلگەنلىكىنى جەزملەشتۈرۈپ، ئۇيغۇر پادىشاھىغا ئەلچىلەر ئارقىلىق مەكتۇپ ئەۋەتىپ، بۇنداق ئۈچ تۈرلۈك تەلەپ قويىدۇ. بۇنىڭ بىرى-ئۇيغۇر پادىشاھى بىر قىزىنى ئۆزىگە، بىر قىزىنى ئوغلىغا ياتلىق قىلىشى، ئىككىنچى تەلەپ بولسا، دۆلىتىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى بىپايان بىر زېمىننى مەڭگۈلۈككە ئۆتۈنۈپ بېرىشى، ئۈچىنچى تەلەپ بولسا، ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ ئۆزىگە تەۋە-قارام دۆلەت بولۇشىغا قوشۇلۇشى كېرەك ئىكەن. ئەگەر ئۇنداق قىلمىسا، بۇ دۆلەتكە ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇش ئاچىدىكەن.
ئۇيغۇر دۆلىتى پادىشاھسى قوشنا دۆلەت پادىشاسىنىڭ مەكتۇپىنى ئوقۇپ غەزەپتىن يېرىلغۇدەك بولۇپ كېتىدۇ. ئەمما قوشنا دۆلەت ئەلچىلىككە دەماللىققا جاۋاب بەرمەي، ئۇلارنى ئوردىسىغا تەكلىپ قىلىپ، بىرنەچچە كۈن مېھمان بولۇشقا دەۋەت قىلىدۇ. ئەسلىدە ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ پادىشاھى ئىلگىرىكى ئەجدادلىرىنىڭ قەھرىمانلىق روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، دۈشمەننىڭ تەسلىمىيەت مەكتۇپلىرىگە قارىتا قاتتىق جاۋاب بېرىشى، مەكتۇپىنى يىرتىپ تاشلاپ، ئەلچىلەرنىڭ كاللىسىنى ئېلىشى كېرەك ئىكەن. لېكىن بۇ ئۇيغۇر پادىشاھى ئۇنداق قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ. چۈنكى، ئۇ ئەجدادلىرىنىڭ سەلتەنەتىدىن پەخىرلىنىش تۇيغۇسى ئىچىدە بىخۇدلىشىپ قالغان بولۇپ، ئۇزۇندىن بۇيان دۈشمەنلەر بىلەن ئۇرۇش قىلىپ باقمىغان ئىكەن. قوشنا دۆلەتنىڭ ھەربىي كۈچىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەيدىكەن. دۈشمەنگە قارشى ئۇرۇش تەييارلىقىمۇ يېتەرسىز ئىكەن.
قانداق قىلىش كېرەك؟ پادىشاھ ۋەزىر-ۋۇزرالىرىنى يىغىپ، قوشنا دۆلەت پادىشاھىنىڭ قويغان تەلەپلىرىگە قانداق جاۋاب بېرىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ. ۋەزىرلىرىنىڭ بەزىلىرى ئۇرۇش قىلايلى دېسە، بەزىلىرى قىلمايلى دەيدۇ. بەزىلىرى بىز ئاجىز-دۈشمەن كۈچلۈك دېسە، بەزىلىرى بىزنىڭ تەييارلىقىمىز يوق، ئۇرۇش قىلساق يېڭىلىپ قالىمىز-دەيدۇ. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا پادىشاھ كەسكىن بىر قارارغا كېلەلمەيدۇ.
شۇ سەۋەبتىن پادىشاھ قاتتىق غەمگە پېتىپ قالىدۇ. بۇ ئەھۋالنى بىلگەن شاھنىڭ قىزلىرى شەھرىزات ۋە شەھرىيار دادىسىنىڭ نېمە سەۋەبتىن بۇ غەمگە مۇپتىلا بولۇپ قالغانلىقىنى سورايدۇ. پادىشاھ قىزلىرىغا: قوشنا دۆلەتنىڭ مەكتۇپىنىڭ مەزمۇنىنى يەتكۈزىدۇ. شاھزادە قىزلار مەكتۇپنىڭ مەزمۇنىدىن خەۋەر تېپىپ قاتتىق غەزەپلىنىدۇ. كىچىك قىزى شەھرىيار ناھايىتى ئەقىللىك بولۇپ، شاھ ئاتىسىغا مۇنداق دەيدۇ: شاھ ئاتا، دۈشمەنگە قىلچىلىك مۇرەسسە قىلىشقا. تەسلىم بولۇشقا بولمايدۇ. دۈشمەنگە قارام بولۇپ، قوللۇقتا ياشىغاندىن ئۆلگىنىمىز ئەۋزەلدۇر. ۋەتىنىمىزنىڭ بىر غېرىچ تۇپرىقىنىمۇ دۈشمەنگە ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولمايدۇ. ئانا تۇپراق بىزنىڭ جېنىمىزدۇر-ئانىمىزدۇر. بىز ئۇنىڭدىن يارالدۇق-ئۇنىڭغا كۆمۈلىمىز. مەنمۇ ۋە ئاچاممۇ كاپىر قەۋىمنىڭ پادىشاھى ۋە شاھزادىسىگە ياتلىق بولۇشنى خالىمايمىز. بىز ئۇلار بىلەن قورقماستىن باتۇرلارچە ئۇرۇش قىلىشىمىز كېرەك! بۇنىڭ ئۈچۈن مەن مۇنداق چارە ئويلاپ قويدۇم دەپ، ئۆز چارىسىنى ئاچىسى شەھىرىزات ۋە شاھ ئاتىسىغا ئىزھار قىلىدۇ. كىچىك قىزىنىڭ بۇ ئەقلى ۋە جاسارىتىدىن ھەيران قالغان ئۇيغۇر پادىشاھى ئۇنىڭ پىكرىگە قوشۇلۇپ، دۈشمەنگە قارشى ئۇرۇشنىڭ باش قوماندانلىق ۋەزىپىسىنى ئۇنىڭغا تاپشۇرىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن قوشنا دۆلەت ئەلچىلىرىنىڭ تەلىپى رەت قىلىنىپ، ئۆز دۆلىتىگە قايتۇرۇلىدۇ. شەھرىيار ئوردا جاكارچىلىرىنى چاقىرتىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا مۇنداق دەيدۇ : بىز ئىككىمىز ۋەتەننىڭ باھادىر يىگىتلىرىنى تاللاپ توي قىلماقچى بولۇۋاتىمىز، سىلەر پۈتۈن مەملىكەتنى ئايلىنىپ چىقىپ، دۈشمەن بىلەن ئۇرۇش قىلىشنى خالايدىغان مەرد يىگىتلەرنى، بىز بىلەن ئۇرۇش توغرىسىدا مەسلىھەت قىلىش ئۈچۈن سۆزلىشىشكە تەكلىپ قىلىڭلار! ئەگەر كىمدە-كىم، دۈشمەننى يېڭىشنىڭ چارىسىنى تاپالىسا ۋە يېڭەلەيدىغانلىقىغا بىزنى ئىشەندۈرەلىسە، بىز ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىشقا قوشۇلىمىز ۋە بىرگە ئۇرۇشقا ئاتلىنىمىز.
شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ ئوردا جاكارچىلىرى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ يېزا- قىشلاق، تاغ-دەريا، باغ-ئورمان ئورمانلىقلارغا يولغاسېلىنىدۇ. جاكارچىلارنىڭ ئۇقتۇرۇشىنى ئاڭلىغان نۇرغۇن يىگىتلەر شاھنىڭ قىزلىرى بىلەن سۆزلىشىش ئۈچۈن بىر-بىرلەپ كېلىشكە باشلايدۇ. مىڭ، ئون مىڭ، يۈز مىڭلاپ يىگىتلەر كېلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدىن شۇنداق بىر جۈپ ئاكا-ئۇكۈلار چىقىدۇكى، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئۇرۇش پىلانى ۋە تاكتىكىلىرى، شەھرىزات ۋە شەھرىيارغا خۇددى ئۇلار ئويلىغاندەكلا مۇۋاپىق كېلىدۇ.
بۇ ئاكا-ئۇكىلار، دۆلەتنىڭ چەت بىر تاغ باغرىدا ياشايدىغان، ياشانغان بىر ئائىلىنىڭ قوشكېزەك بالىلىرى بولۇپ، ئۇلار تا ئۇزاق ئەجدادىدىن تارتىپ-يېقىنقى ئاتا-بوۋىلىرىغىچە ئوۋچىلىق قىلىپ ياشىغان، ۋەتىنى تاجاۋۇزلۇققا ئۇچرىغان چاغدا ھەر قاچان شۇ ئۇرۇشقا قاتنىشىپ، ئانا تۇپرىقىنىڭ قوغدىلىشى ئۈچۈن نۇرغۇنلىرى شېھىت بولغان، جەڭ قىلىشنىڭ ھەر قانداق تاكتىكا-ماھارەتلىرىنى بىلىدىغان. ھەر دائىم چېنىقىپ ۋە ئۆگىنىپ، ئۆز بىلىم سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇپ تۇرىدىغان ئائىلە تارىخىغا ئىگە ئەۋلادلاردىن بولۇپ، چوڭىنىڭ ئىسمى چىراغ، كىچىكىنىڭ ئىسمى شىراق ئىكەن. بۇ بىر جۈپ يىگىت جەڭ ماھارىتى ۋە تاكتىكىدا كامالەتكە يەتكەن بولۇپ، ۋەتىنى ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلماقچى بولۇپتۇ، شۇ سەۋەبتىن شاھنىڭ قىزلىرىغا ئۇلار بەكمۇ ياققان بولۇپ، ئۇلار ئۆز-ئارا كېلىشىپ، تاجاۋۇزچى دۈشمەنلەر يوقىتىلغاندىن كېيىن. چىراغ-شەھرىزاتقا، شىراق شەھرىيارغا ئۆيلەنمەكچى بولۇپ كېلىشىتۇ. يىگىتلەر ئۆز پىلانىنى شاھنىڭ قىزلىرىدىن باشقا ھېچكىمگە بىلدۈرمەي سىر تۇتۇپ، ۋەتىنىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن يولغا چىقىپتۇ.
چىراغ بىلەن شىراق كۆڭلىگە پۈككەن جەڭ تاكتىكىلىرىنى، ئۆز-ئارا دېيىشىپ، قايسىسىنىڭ قانداق تاكتىكا قوللىنىدىغانلىقى ھەققىدە قانائەت تېپىشقاندىن كېيىن، ئايرىم-ئايرىم يولغا چىقىپ، ئىشنى باشلاپتۇ.
چىراغ ئۆيگە بېرىپ ئاتا-ئانىسىدىن رازىلىق ئېلىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ يېزا-قىشلاق ۋە تاغ-جىلغىلىرىنى ئارىلاپ، ئۆزىنى ۋەتىنى ئۈچۈن پىدا قىلىدىغان قورقماس مەرد يىگىتلەردىن ئون مىڭ ئەسكەر ئېلىپ، ئۆزى باش قوماندان بولۇپ، دۈشمەن چېگراسىغا قاراپ ئىلگىرلەپتۇ.
شىراق بولسا، ئاكىسى بىلەن دېيىشكىنى بويىچە، دۈشمەن ئېلىگە بارىدۇ ۋە چېگراغا يېقىلاشقاندا، ئىككى قۇلىقىنى ئۆتكۈر شەمشەر بىلەن كېسىۋېتپ، يارىسىنى ئېلىۋالغان داكىسى بىلەن تېڭىپ، شۇ ماڭغانچە دۈشمەن قارارگاھىقا بېرىپ، مۇنداق دات-پەرياد قىلىدۇ: دەرد، پادىشاھ ئالىيلىرى! بىزنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ پادىشاھى ھازىر سىلەرگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن چېگراغا ئەسكەر يىغىۋاتىدۇ. مەن ئۇلارنىڭ بىر ھەربىي قوماندانى ئىدىم. پادىشاھ ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىڭلار!-دەپ بۇيرۇق چۈشۈرگەندە، مەن ئۇنىڭغا قارشى چىقىپ مۇنداق دېدىم: بىز ئاجىز، قوشنا دۆلەت كۈچلۈك تۇرسا، ئۇرۇش قىلساق بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ تەلىپىنى قوبۇل قىلىشىمىز كېرەكتۇر. پادىشاھىمىزنىڭ قىزلىرى خاتالىق ئۆتكۈزدى. بىز ئۇلاردىن ئەپۇ سورىشىمىز كېرەك ۋە ئۇلار تەلەپ قىلغاننى بېرىشىمىز كېرەك!-دېدىم. شۇنىڭ بىلەن پادىشاھىمىز مېنى ھوقۇقۇمدىن ئېلىپ تاشلاپ، ئىككى قۇلىقىمنى كېسىپ، سىلەرنىڭ دۆلىتىڭلارگە يېقىن بولغان چۆل-باياۋانلارغا سۈرگۈن قىلغان ئىدى. مەن ھازىر سىلەرگە پانالىق تارتىپ كەلدىم، ئەمدى سىلەر ئۈچۈن خىزمەت قىلماقچى بولۇۋاتىمەن!-دەپ، دات ئېيتىدۇ.
-قانداق خىزمەت قىلىسەن؟-دەيدۇ دۈشمەن دۆلەتنىڭ پادىشاھسى شىراققا ئىشىنىپ قېلىپ،
-مەن سىلەرگە شۇنداق خىزمەت قىلماقچىمەنكى-دەيدۇ شىراق، ئەگەر سىلەر مېنىڭ دېگىنىم بويىچە ئىش قىلساڭلار، دۈشمەنلەرنىڭ ئەسكىرى كۈچىنى بىراقلا يوقاتقىلى بولىدۇ. مەن ئۇلارنىڭ يىغىلىپ ھەربىي مەشىق قىلىۋاتقان يېرىنى بىلىمەن. مەن سىلەرنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگىلا باشلاپ بارىمەن-دە، بىر قېتىملىق ھۇجۇمدىلا ئۇلارنىڭ پۈتۈن ئەسكىرى قىسىملىرىنى تارمار قىلغىلى بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن، سىلەر ماڭا ئەگىشىپ مېڭىشىڭلار كېرەك!
-بولىدۇ، ئۇنداق بولسا، قېنى يول باشلا!-دەيدۇ دۈشمەن پادىشاسىنىڭ بىر قوماندانى ئۇنىڭغا، شۇنىڭ بىلەن شىراق دۈشمەن ئەسكەرلىرىنى ئۆز دۆلىتى چېگراسى ئىچىدىكى چەكسىز كەتكەن قۇملۇق-چۆللۈككە باشلايدۇ.
-مانا ئاۋۇ يەردە، مانا ئاۋۇ تەرەپتە، ئاز قالدۇق، يەنە بىر ئاش پىشما ۋاقتى قالدى، بىرئازدىن كېيىن، يېتىپ بارىمىز-دەپ، مېڭىۋېرىدۇ شىراق. دۈشمەننىڭ ئەسكەر-قوماندانلىرىمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ مېڭىۋېرىدۇ. شۇنداق قىلىپ بىر نەچچە كۈن ئۆتۈپ كېتىدۇ. قارشى تەرەپنىڭ ئەسكەرلىرى كۆرۈنمەيدۇ. بۇ ۋاقىتتا دۈشمەن ئەسكەرلىرى، سۇسىز، گۈل-گىياھ ئۈنمەيدىغان بىر قۇملۇقنىڭ ئوتتۇرىسىغا كىرىپ قالغان بولۇپ، سۇ ۋە ئوزۇق تۈلۈكى ئاساسەن تۈگەپ قالىدۇ.
ئەلقىسسە! ئەمدى گەپنى چىراغدىن ئاڭلايلى: باتۇر يىگىت چىراغ ئۆزىنىڭ پەرزى بويىچە دۈشمەنلەرنىڭ ئۇكىسى شىراق تەرىپىدىن قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسىگە باشلاپ ئېلىپ كىرىلگەنلىكىنى پەملەيدۇ-دە، مول سۇ ۋە ئوزۇق تۈلۈك ئېلىپ، ئەسكەرلىرىنى دۈشمەننىڭ بولۇش ئېھتىمالى بولغان جايغا باشلاپ ماڭىدۇ. ئۇلار بىرنەچچە كۈن يول مېڭىپ، ئۇكىسى چىراغ قالدۇرغان مەخپىي بەلگە ئىزلىرىنى بايقايدۇ ۋە شۇ تەرەپكە تىز ئىلگىرىلەپ مېڭىپ، دۈشمەن ئەسكەرلىرىنى قورشىۋالىدۇ. بۇ چاغدا دۈشمەن قوماندانلىرى شىراقنى باغلاپ، ئۆلتۈرمەكچى بولۇۋاتقان بولۇپ، ئۆلتۈرۈشتىن بۇرۇن ئۇنى سوراققا تارتماقچى بولىدۇ-دە ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇنداق قىلغانلىقىنى سورايدۇ :
-مەن دەپ سۆزىنى باشلايدۇ شىراق ئۆلۈمدىن قىلچە قورقمىغان ھالدا: سىلەر ھازىر قۇملۇقنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدا، ھازىرقى ئوزۇق-تۈلۈكىڭلار بىلەن قايسى تەرەپكە ماڭساڭلارمۇ، بۇ قۇملۇقنى ئېشىپ چىقالمايسىلەر!سىلەرنى، مەن مەقسەتلىك ھالدا بۇ يەرگە باشلاپ كەلدىم. چۈنكى، سىلەر مېنىڭ ۋەتىنىمگە ھۇجۇم قىلىپ بېسىۋالماقچى بولدۇڭلار، شۇڭا سىلەر، مەن ئۈچۈن ئەڭ چوڭ دۈشمەن! مەن ۋەتىنىمنىڭ-سىلەرنىڭ ئاياق-ئاستى قىلىشىڭلارغا ئۇچرىماسلىقى ئۈچۈن جېنىمنى ئاتىدىم. ئەمدى مېنى نېمە قىلساڭلارمۇ مەيلى! مەن مەقسىتىمگە يەتتىم.
شىراقنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلىغان دۈشمەن قوماندانى ئۇنى قىلىچ بىلەن چېپىپ ئۆلتۈرمەكچى بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئاكىسى چىراغ ئەسكەرلىرىنى باشلاپ يېتىپ كەلگەن بولۇپ، دۈشمەنلەرنى قورشىۋالغان ئىدى. بۇنى كۆرگەن دۈشمەن قوماندانى ۋە ئەسكەرلىرى قېچىشقا ئۇرۇنۇپ، ھەر تەرەپكە ئۆزلىرىنى ئاتىدۇ. ئەمما چىراغنىڭ باتۇر ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ھۇجۇمغا ئۇچراپ، بىر-بىرلەپ ئۆلتۈرۈلىدۇ.
تاجاۋۇزچى دۈشمەن ئەسكەرلىرى تەلتۆكۈس يوقىتىلىدۇ. چىراغ ۋە شىراق غەلىبە بىلەن شاھ ئوردىسىغا قايتىپ كېلىپ، ئەھۋالنى مەلۇم قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن شاھ پۈتۈن ئوردا ئەھكاملىرى ۋە قىزلىرى شەھرىزات بىلەن شەھرىيارنى چاقىرىپ كېلىپ، ئۇلارنىڭ ئالدىدا بۇ ئاكا-ئۇكا قەھرىمانلارغا ئۆزىنىڭ قىزلىرىنى مەڭگۈلۈك ئاياللىققا نىكاھلاپ برىدىغانلىقىنى ھەمدە پادىشاھلىق تەختىنى بۇ ئىككى قەھرىمان يىگىتكە ئۆتۈنۈپ بېرىش قارارىنى جاكارلايدۇ. ئاندىن، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى بۇ مۇبارەك تويغا چاقىرىپ، چىراغ بىلەن شەھرىزاتنىڭ، شىراق بىلەن شەھرىيارنىڭ نىكاھنى ئوقۇتۇپ، قىرىق كۈن كاتتا توي ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ بىر جۈپ يىگىت-قىزلار دۆلىتىنى ئادالەتلىك بىلەن باشقۇرۇپ، ئەلنى گۈللەندۈرۈپ، خەلقىنى بەخت-سائادەتكە ئىگە قىلىدۇ.
سارىخان موماينىڭ بۇ چۆچىكى سەبىي قىزلارغا بەكمۇ ياراپ كېتىدۇ.
-موما، ئەتە يەنە بىر چۆچەك ئېيتىپ بېرىڭچۇ؟ بەك ياخشى ئىكەن، بەك تەسىرلەندۇق-دەيدۇ كىچىك نەۋرىسى مۇخلىسە مومىسىغا ئەركىلەپ،
-بولىدۇ قىزىم! ئۇنداق بولسا، ھازىر كەچ بولۇپ كەتتى. ئەمدى ئۇخلاڭلار! ئەتە ئەتىگەن ناشتا قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ھەپتىيەك ئوقۇشنى باشلايسىلەر! بوۋىڭىزدىن بىر نەچچە ئايەت ئۆگىنىڭ، ئۇنىڭدىن كېيىن كەچ بولغاندا مەن سىزگە، يەنە چۆچەك ئېيتىپ بېرىمەن-دەيدۇ، سارىخان موماي مۇخلىسەگە ۋەدە بېرىپ،
ئەتىسى تاڭ ئېتىپ، ئائىلىدىكى چوڭ كىچىك ھەممەيلەن موماي تەييارلىغان داستىخانغا بىللە ئولتۇرۇپ ناشتا قىلىدۇ. ناشتىلىق باشلىنىشتىن بۇرۇن بوۋاي قىزلارغا قاراپ: قىزلىرىم، ھەر قېتىملىق چاي ئىچىشتىن، تاماق يېيىشتىن بۇرۇن: «بىسمىللاھىر رەھمانىر رېھىم »دەڭلار! بولمىسا قورسىقىڭلار تويمايدۇ-دەيدۇ ئۇلارغا مۇسۇلمانلىق ئەھكاملىرىنى ئاددىي تىل بىلەن چۈشەندۈرۈپ،
-بوۋا، نېمىشقا تاماقتىن بۇرۇن: « بىسمىللاھىر راھمانىر رەھىم»دەيمىز؟ ئۇنىڭ مەنىسى نېمە؟ دەپ، سورايدۇ مۇخلىسە بوۋىسىدىن،
بوۋاي ئەمدىلا تېخى تۆت ياشقا كىرگەن نەۋرىسىنىڭ ئەقىللىقلىقىدىن ھەيران قېلىپ، قىزىم : بىز مۇسۇلمانلار ھەر قانداق ئىشنى قىلىشتىن بۇرۇن« بىسمىللاھىر رەھمانىر رېھىم» دېگەن بۇ ئايەتنى ئوقۇساق، ئاللاھ بىزگە ياردەمچى بولىدۇ. ئاللاھ ياردەمچى بولغان ھەر قانداق ئىشتا، بىر خەيرىلىك بولىدۇ. «بىسمىللاھىر رەھمانىر رېھىم رەھىم» دېگەن ئايەتنىڭ مەنىسى بولسا: «ھەممە ئىشنى ئاللاھنىڭ نامى بىلەن باشلايمەن» دېگەنلىك بولىدۇ.
-ھە-ئە، چۈشەندىم بوۋا! ئەمدى مەن ئۆگىنىۋالدىم. بەك ياخشى بولدى. ئاللاھ نەدە بوۋا ؟ ئۇنى كىم تۇغقان؟ يەنە سورىدى مۇخلىسە بوۋايدىن گۆدەكلەرچە قىزىقىش بىلەن.
-ھە! بۇنىمۇ بىلمەكچى بولىۋاتامسىز قىزىم! ماقۇل بۇنىمۇ دەپ بېرەي: « ئاللاھ-بىردۇر ۋە ئۇلۇقتۇر! ئۇ ھېچكىمدىن تۇغۇلمىغان ۋە ئۆلمەيدىغان، مەڭگۈلۈككە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان بىر زاتتۇر! ئۇ بىز ئىنسانلارنى ياراتقۇچىدۇر! ئۇ يەتتە قات ئاسماننىڭ ئۈستىدە تۇرىدۇ. ئۇ بىزنىڭ ھەممە قىلغان ئىشلىرىمىزنى كۆرۈپ تۇرىدۇ». دەپ ئاددىي تىل بىلەن چۈشەندۈردى بوۋاي.
ناشتىلىق قىلىپ بولغاندىن كېيىن، بوۋاي قولىنى كۆتۈرۈپ، دۇئا قىلدى. مۇسلىمە ۋە مۇخلىسەمۇ بوۋىسىغا ئەگىشىپ قولىنى كۆتۈرۈپ، دۇئا قىلدى. دۇئادىن كېيىن مۇخلىسە يەنە قىزىقىش بىلەن نېمە ئۈچۈن بىز تاماقتىن كېيىن دۇئا قىلىمىز-دەپ سورىدى بوۋايدىن يەنە.
-تاماقتىن كېيىن دۇئا قىلىش-پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۇنىتىدۇر قىزىم! بۇ ئاللاھنىڭ بىز بەندىلەرگە بەرگەن نېمەتلىرىگە شۈكرى قىلىش ئۈچۈندۇر. ئەگەر بىز ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە شۈكرى قىلمىساق، رىزقىمىز ئازىيىپ كېتىدۇ.
-ھە، ئەمدى، يېنىمدا ئولتۇرۇڭ قىزىم!-دەپ، مۇخلىسەنى يېنىغا ئولتۇرغۇزدى بوۋاي، ئايەت ئۆگىنىشنى باشلايمىز. سىز ھازىر ئۆگىنىدىغان ئايەت بولسا : «قۇلھۇۋەللاھۇ ئەھەت»: مەن ئۇنى ئۈچ قېتىم ئوقۇيمەن. ئۇنىڭدىن كېيىن سىز ئۆزىڭىز يادا ئوقۇشىڭىز كېرەك! بولامدۇ قىزىم؟
-بولىدۇ بوۋا، دەپ، بوۋىسىغا ئەگىشىپ ئۈچ قېتىم ئوقۇدى مۇخلىسە، ئۇنىڭدىن كېيىن، بوۋىسىنىڭ تەلىپى بويىچە «قۇلھۇۋەللاھۇ ئەھەت»نى يادا ئوقۇپ بېرەلىدى.
-ماشائاللاھ قىزىم!دەپ، مۇخلىسەنى ماختىدى بوۋاي، ئاندىن ئۇنىڭغا يەنە مۇنداق تاپىلىدى: ئەمدى بۇ ئاياتنى ھەر ئاخشىمى ئۇخلاشتىن بۇرۇن، ئۈچ قېتىم ئوقۇيسىز بولامدۇ قىزىم؟
-نېمىشقا ئۇنى ئۈچ قېتىم ئوقۇيمىز بوۋا؟
-چۈنكى قىزىم، ھەر ئاخشىمى ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئۇ ئايەتنى ئۈچ قېتىم ئۇقساق، ئادەمنى قارا باسمايدۇ – دەپ ئاددىي تىل بىلەن چۈشەندۈردى بوۋاي.
-قارا بېسىش دېگەن نېمە؟-دەپ، يەنە ھەيرانلىق ئىچىدە سورىدى مۇخلىسە ؟
قارا بېسىش دېگەن-جىن-شەيتانلارنىڭ سۇيىقەست قىلماقچى بولۇشىدۇر. ئەگەر قىزىم ئۇخلاشتىن بۇرۇن، سىز « قۇلھۇۋەللاھۇ ئەھەت»دېگەن ئايەتنى ئۈچ قېتىم ئوقۇسىڭىز، جىن-شەيتانلارنىڭ سۇيىقەستى كار قىلمايدۇ.
-ماقۇل، بوۋا!-دېدى مۇخلىسسا بوۋىسىغا ئەكېلىپ-مەن ھەر ئاخشىمى ئۇخلاشتىن بۇرۇن بۇ ئاياتنى ئوقۇيمەن. ئەمما ئۇنىڭدىن بۇرۇن مومام ماڭا: چۆچەك ئېيتىپ بەرسە بولامدۇ؟
-بولىدۇ قىزىم!-دېدى بوۋاي مۇخلىسەنى ئەركىلىتىپ، ئاۋۋال مومىڭىز سىزگە چۆچەك ئېيتىپ بەرسۇن. ئۇنىڭدىن كېيىن، سىز بۇ ئايەتنى ئۈچ قېتىم ئوقۇڭ بولامدۇ قىزىم؟
-بولىدۇ-دېدى مۇخلىسە بوۋىسىغا ماقۇللۇق بىلدۈرۈپ، ئاندىن ئاچىسى مۇسلىمەگە ئەمدى نېمە قىلىمىز؟-دەپ قارىۋىدى، مۇسلىمە:
-يۈرۈڭ سىڭلىم، بىز باغقا چىقىپ، بىردەم ئوينايلى!-دەپ، سىڭلىسىنى ئېلىپ، باغدا كېپىنەك قوغلاپ ئويناۋاتاتتى. توساتتىن باغنىڭ كوچا تەرىپىدىكى ئالما دەرىخى تەرەپتىن، غەلىتە بىر خىل ئاۋازلار ئۇلارنىڭ قۇلىقىغا كىردى. ئۇلار قىزلار چۈشەنمەيدىغان يات بىر تىلدا گەپ قىلىۋاتاتتى. قىزلار ئۇلار نېمە ئىش قىلىۋاتقاندۇ؟-دەپ، يېقىن بېرىپ قارىۋىدى، ئىككى نەپەر سېرىق كىيىم ۋە شەپكە كىيىۋالغان غەلىتە مەخلۇقلار باغنىڭ يان تەرىپىدىكى ئالمىلاردىن ئۈزۈپ ئېلىۋاتقانلىقىنى كۆردى.
-مېڭىڭ سىڭلىم، بىز ئۆيگە كىرىپ مومامغا دەيلى! ئۇلار بىزنىڭ ئالمىلارنى ئوغۇرلاۋاتقان ئوخشايدۇ؟-دېدى مۇسلىمە ئۇلارنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلمەستىن.
-موما، موما! بىزنىڭ ئالمىلارنى ئوغرىلاۋاتىدۇ ؟
-كىم قىزىم؟ ھە-ئە، مەن قاراپ باقاي دەپ، موماي سىرتقا چىقىپ قارىۋىدى، ئۇلارنىڭ يېقىن ئەتراپتىكى ھەربىي قىسىمدا تۇرىدىغان خىتاي ئەسكەرلىرى ئىكەنلىكىنى كۆردى.
-كېلىڭلار قىزلىرىم، ئۆيگە كىرىپ كېتەيلى!-دەپ، موماي قىزلارنى ئىككى قولدىن يېتىلىگەنچە ئۆيگە ئېلىپ كىرىپ كەتتى.
-موما، موما! ئۇلار كىملەر؟ نېمىشقا ئالمىلارنى بىزدىن سورىماي ئېلىۋالىدۇ؟ نېمىشقا پۇل بەرمەيدۇ ؟-دەپ سورىدى مۇسلىمە مومىسىدىن.
-ئۇلار دۆلەتنىڭ ئەسكەرلىرى–دەپ، موماي گېپىنى داۋاملاشتۇرالماي تۇرۇپلا قالدى. ئۇنىڭ كاللىسىغا ئاتىسىنىڭ ئاشۇنداق ئەسكەرلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكى كېلىۋالغان ئىدى. ئەمما سەبىي قىزلارغا ئۇ ۋەقەنى دەپ، ئۇلارنى قورقۇتىشنى خالىمىدى-دە، گەپنى باشقا ياققا بۇراپ: بولۇپتۇ قىزلىرىم! يول تەرەپتىكى ئالمىلار، بەرىبىر يولغا چۈشۈپ، باشقىلارنىڭ ئولجىسىغا ئايلىنىدۇ. ئۇلار ئېلىۋالسىمۇ مەيلى، بىز ئۇلارغا گەپ قىلساق بولمايدۇ؟
-نېمىشقا بولمايدۇ موما؟-دەپ، قىستاپ تۇرۇۋالدى مۇسلىمە مومىسىدىن جاۋاب بېرىشنى كۈتۈپ،
-ئۇ ئەسكەرلەر دەپ، چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى موماي:باشقا يۇرتلاردىن كەلگەن، بىزنىڭ تىلىمىزنى بىلمەيدۇ، بىزمۇ ئۇلارنىڭ تىلىنى بىلمەيمىز، شۇڭا بىز گەپ قىلساق: «بىزنى تىللىدى»دەپ، چۈشىنىپ قېلىشى مۇمكىن! ئۇنىڭدىن كېيىن بىزگە ئەسكىلىك قىلىشتىن يانمايدۇ. شۇڭا بىز ئۇلارغا گەپ قىلساق بولمايدۇ.
-شۇنداقمۇ، موما؟ ئۇلار نەدىن كەلگەن كىشىلەر؟ نېمىشقا بىز چۈشەنمەيدىغان گەپلەرنى قىلىدۇ ؟
-ئۇلار يىراق يەردىن كەلگەن دەپ چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى موماي :بىزنىڭ خەلقتىن ئەمەس، ئەسلى ئۇلار ئەجدىھا نەسىلىدىنىدۇر. شۇڭا ئۇلار باشقىلارنىڭ زېمىنىغا مەجبۇرى كىرىۋالىدۇ. باغلىرىدىن مېۋە-چېۋىلەرنى ئوغرىلاپ يەيدۇ. بىز ئۇلارغا ئۇنداق قىلما!-دەپ، قارشىلىق بىلدۈرسەك، ئۇلار ئاغزىدىن ئوت چاچرىتىپ، دەم تارتىپ بىزنى يىتۈپ كېتىدۇ. شۇڭا بىز ھازىر ئۇلارغا بىر نەرسە دېيەلمەيمىز قىزىم!كۈنلەرنىڭ بىرىدە يۇرتىمىزدىن-قەدىمكى كۈسەن دۆلىتىدىن چىققان:شىراق ۋە چىراقتەك باتۇر-ئەزىمەتلەر يەنە چىقىپ، ئۇلارنى قوغلىۋېتىشى مۇمكىن! شۇ چاغدىلا ئۇلار كەلگەن يېرىگە كېتىپ، بىزگە ئەسكىلىك قىلالمايدىغان بولىدۇ. مەن ئاخشاملىققا سىلەرگە: «ئەجدىھا ھەققىدە» چۆچەك ئېتىپ بېرەي بولامدۇ قىزلىرىم؟
– بولىدۇ، موما!-دەپ رازىلىق بىلدۈرۈشتى قىزلار.
كەچ كىرىپ ئۇخلاش ۋاقتى بولۇپ قالغان ئىدى. موماي قىلغان ۋەدىسى بۇيىچە نەۋرىلىرىگە چۆچەك ئېيتىشنى باشلىدى: « كۈسەن پادىشاسىنىڭ ئەجدىرھانى بوي سۇندۇرۇشى: قەدىمكى كۈسەن دۆلىتىنىڭ پادىشاھى ئاچۇر پاراسەتلىك، ھەققانىيەتچى بىر پادىشاھ بولۇپ، ئەلنى ئادىل سوراپ، ئېتىز-ئېرىق، سۇ-يول قۇرۇلۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، خەلقنى باياشاتلىققا، جەمئىيەتنى تىنچلىق – ئاسايىشلىققا ئىگە قىلغان ئىكەن. ئۇ ئوغۇل پەرزەنت كۆرمىگەن بولۇپ، گۈزەللىكتە تەڭدىشى يوق بىر قىزى بار ئىكەن. پادىشاھنىڭ ئارزۇلۇق بۇ قىزىنىڭ ئىسمى: ئارزۇ ئىكەن. ئارزۇ ناھايىتى ئەقىللىك قىز بولۇپ، شاھ ئاتىسى ئۇنى كىچىكىدىن باشلاپ دىنى ئەقىدە، ئىلىمى نۇجۇم، چۈش تەدبىرى ۋە ئەدەبىيات-سەنئەت، شۇنداقلا ھەربىي ئىشلاردا كامىل تەربىيىەلەيدىكەن. ئارزۇ بويىغا يەتكەندىن كېيىن، ھەر قايسى مەملىكەتلەردىن ئەلچىلەر كېلىشكە باشلايدىكەن، ئەمما ئارزۇ ھېچقانداق بىر ئەلچىنى قوبۇل قىلمايدىكەن. ئۇنىڭ سەۋەبىي سورالغاندا ئۇ :خانىش ئانىسىغا مۇنداق جاۋاب بېرىدىكەن: « مەن يات مەملىكەتلەرگە توي قىلمايمەن، مېنىڭ توي قىلىدىغان يىگىتىم-ئۆز مەملىكىتىمدىن، ئۆز قەۋمىمدىن بولۇشى كېرەك! شۇنداقلا ئىلىم جەھەتتە مەندىن يۇقىرى، باھادارلىقتا ھەم ئۈستۈن بولۇشى كېرەك! دېگەن تەلەپلەرنى قويىدىكەن. شۇنداق بولغاچقا، ئۇنىڭ تەلىپىگە مۇۋاپىق كېلىدىغان يىگىت چىقماي، ھازىرغىچە توي قىلماي كەلگەن ئىكەن.
يىللار ئۆتۈپ، كۈنلەر ئۆتۈپ، كۈسەن دۆلىتىنىڭ شەرقىدىكى تاغلىق رايونىدا بىر يۇچۈن مەخلۇق پەيدا بولۇپ قالىدىكەن. ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى نەچچە ئون گەزدىن ئاشىدىغان بولۇپ، قارنى شۇنداق يامان ئىكەنكى، ئەتراپىدىكى دەل- دەرەخ، ئوت-چۆپ ۋە ھايۋاناتلارنىمۇ قويماي يەپ بولىدىكەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئادەملەرگە ھۇجۇم قىلىشقا باشلاپتۇ. ئۇ بىر دەم تارتىشىدا، بىر نەچچە ئادەمنى بىراقلا سۈمۈرۈپ يەۋېتىدىكەن. ئۇزاق قالماي پادىشاھ بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تېپىپ، ئۇنىڭغا نۇرغۇن قوشۇن ئەۋەتكەن بولسىمۇ، ئۇنى زادىلا يوقىتالمايدىكەن. پادىشاھنىڭ بۇنىڭ ئۈچۈن بېشىنىڭ ئىچىمۇ ۋە تېشىمۇ قاتقان بولۇپ، ئىنتايىن پەرىشان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىدىكەن.
شاھ ئاتىسىنىڭ بۇ قەدەر پەرىشان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى بىلگەن ئارزۇ، نېمە ئىش بولغانلىقىنى سورايدىكەن.
-قىزىم دەيدىكەن شاھ ئىنتايىن كۆڭلى يېرىم ھالدا، شەرقىي چېگرىمىزغا يېقىن تاغدا «ئەجدىھا »دېگەن بىر مەخلۇق پەيدا بولۇپ قالدى. بىزنىڭ قوشۇنلىرىمىز ئۇنىڭغا تەڭ كېلەلمەيۋاتىدۇ. ئۇنىڭغا ئاتقان قورال- ياراقلىرىمىز كارغا كەلمەيۋاتىدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭ تېنى بەكمۇ ئۇزۇن بولۇپ، ئاتقان ئوق-يالىرىمىز، ئۇرغان قېلىچلىرىمىز، ئۇنىڭ ئەجەللىك يېرىگە تەگمەيۋاتىدۇ. قانداق قىلساق بولار؟-دەپ، قىزىغا سوئال نەزىرىدە قارايدۇ پادىشاھ،
– شۇنداقمۇ، شاھ ئاتا؟ دۇنيادا مۇمكىن بولمايدىغان ئىش بولمايدۇ. مەن ئۇستازلىرىمدىن: « دۇنيادا تۈگىمەيدىغان بالا، ئۈسمەيدىغان كالا بولمايدۇ» دەپ ئاڭلىغان ئىدىم. ئۇنىڭ چوقۇم بىر چارىسى تېپىلىدۇ. ماڭا بىر نەچچە ئاش پىشىم ۋاقىت بېرىڭ، مەن ئۇنىڭ چارىسىنى تېپىپ چىقاي دەپ، ھوجىرخانىسىغا كىرىپ كېتىدۇ-دە، جاھان ئەينىكىگە قاراپ، ئەجدىرھانىڭ ئۇزۇنلۇقىنىڭ15 گەز كېلىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭغا شۇنچىلىك ئۇزۇنلۇقتا بىر نەيزە ياسىتىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئەجدىرھانىڭ قارنىنى ئوتتۇرىدىن ئىككى پارچە قىلىپ يېرىۋەتكەندىلا، ئۇنى ئۆلتۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى جەزملەشتۈرىدۇ.
ئارزۇ شاھ ئاتىسىنىڭ قېشىغا كىرىپ، ئۆزىنىڭ پىلانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇنى ئاڭلىغان پادىشاھ غەمدىن خالاس بولۇپ، قىزىنىڭ دېگەنلىرى بويىچە ۋەزىرلىرىگە: ئون بەش گەز ئۇزۇنلۇقتا نەيزە ياسىتىپ كېلىشنى بۇيرۇيدۇ. ئاندىن ئوردا جاكارچىللىرىنى چاقىرتىپ كېلىدۇ. ئازۇ مەخسۇس بىر جاكارنامە تەييارلاپ، ئۇنى مەملىكەتنىڭ پۈتۈن بۇلۇڭ-بۇلۇڭلىرىغىچە يەتكۈزۈشنى تەلەپ قىلىپ، يولغا سالىدۇ.
بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، جاكارچىلار ئېگىزلىكى دېۋىدەك ئېگىز، كۆكسى ئېيىقنىڭكىدەك كەڭ كەلگەن، رىۋايەتلەردىكى چىن تۆمۈر باتۇرنى ئەسلىتىدىغان بىر يىگىتنى باشلاپ كېلىدۇ. بۇ يىگىتنىڭ ئىسمى باتۇرخان بولۇپ، ئۇ ئارزۇنى بىر كۆرۈپلا ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ. ئارزۇنىڭمۇ يىگىت ئۈچۈن يۈرىكى تىترەيدۇ.
ئارزۇ يىگىتنىڭ بوي-بەستىگە قاراپ، ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى پەھلىۋان ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرۈپ، ئۇنى ئىلمى جەھەتتىنمۇ سىناپ باقماقچى بولۇپ، يىگىتتىن مۇنداق ئىككى سوئال سورايدۇ :
دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كۆچ كىم؟
يىگىت جاۋاب بېرىدۇ : دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كۈچ ئاللاھتۇر.
قىز يەنە سورايدۇ : ئاللاھتىن قالسا قالسا يەنە باشقا بۈيۈك كۈچ بارمۇ؟
– بار، ئۇ بولسىمۇ ئەقىل ۋە بىلىمدۇر.
ئارزۇ يىگىتنىڭ ئەقلىگە قايىل بولىدۇ-دە، ئەمدى ئۇنىڭ كۈچ- ماھارىتىنى سىناپ باقماقچى بولۇپ، ھېلىقى ئون بەش گەز ئۇزۇنلۇقتا قىلىپ ياسىتىلغان نەيزىنى نۆۋكەرلىرىگە ئېلىپ كېلىشنى بۇيرۇيدۇ. ئەمما ئىككى نۆۋكەر نەيزىنى كۆتۈرەلمەي، پۇت قوللىرى تىترىگەنچە يەرگە قارىشىدۇ. ئۇنى كۆرگەن يىگىت تۆت چامداپلار نەۋكەرلەرنىڭ يېنىغا بېرىپ، نەيزىنى بىر قوللاپ كۆتۈرۈپ قىزنىڭ ئالدىغا كېلىپ، بىردەم ئوڭ قولىدا، بىردەم سول قولىدا خۇددى چاقپىلەكنى چۆرىگەندەك تېزلىكتە چۆرگۈلىتىپ، ئوڭ-سول ئايلاندۇرۇپ قالتىس ماھارەت كۆرسىتىدۇ. ئارزۇ بۇنىڭ بىلەن ئۇ يىگىتكە قايىل بولۇپ، ئۇنىڭغا : مەملىكەتنىڭ شەرقىي چېگراسىغا يېقىن تاغدا پەيدا بولۇپ، خەلققە بالايى-ئاپەت ئېلىپ كەلگەن بىر ئەجدىھا بارلىقىنى، ئۇنى دەرھال ئۆلتۈرۈپ، بۇ دۇنيادىن يوق قىلىشى كېرەكلىكىنى، ئەگەر ئۇنى ئۆلتۈرەلىسە، ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. يىگىت قىزنىڭ تەلىپىنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىدۇ.
ئەلقىسسە! ئەمدى گەپنى يىگىتتىن ئاڭلايلى! دەپ، داۋاملاشتۇرىدۇ موماي ھېكايىسىنى-پەھلىۋان يىگىت 15 گەز ئۇزۇنلۇقتىكى نەيزىنى ئېلىپ يولغا چىقىدۇ. ئەقلىي جەھەتتە كامالەتكە يەتكەن بۇ يىگىت شۇنى ئويلايدىكى، ئەگەردە ئۇدۇللا ئەجدىرھانىڭ ئالدىغا بارسا، ئۇنى دەم تارتىپ سۈمۈرۈپ كېتىش ئېھتىمالى مەۋجۇت ئىدى. شۇڭا يىگىت ئەقلىنى ئىشلىتىپ، بىر تۈپ سۇۋادان تېرەكنى ئىككى قوللاپ تۇتۇپ، قومۇرۇدۇ-دە، ئۇنى ئالدىدا تۇتۇپ، دالدا قىلىپ ماڭىدۇ. شۇڭلاشقا باتۇرخان تاكى غارنىڭ ئالدىغا كەلگۈچە ئەجدىھا ئۇنى تۇيماي قالىدۇ. باتۇرخان مەردلىك بىلەن ئەجدىھاغا قاتتىق توۋلاپ شۇنداق دەيدۇ : « ئەي، نىجىس مەخلۇق! ئەجدادىمىزنىڭ يېغى دۈشمىنى، تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىكنىڭ كۈشەندىسى، قېنى نوچى بولساڭ مەيدانغا چىقمامسەن، مانا سەن بىلەن ئېلىشىدىغان باتۇر يىگىت ئالدىڭدا تۇرۇپتۇ؟ بۇنى ئاڭلىغان ئەجدىھا شۇنداق سەت بىر ۋاقىرىغانچە، بوغۇق ئاۋازدا غۇژىلداپ، تۇرۇۋاتقان غاردىن مەيدانغا ئېتىلىپ چىقىدۇ. ئەجدىھا باتۇرخاننى سۈمۈرمەكچى بولۇپ دەم تارتىدۇ. ئەمما مەزمۇت قەدەملىرى بىلەن تۇرۇۋاتقان باتۇرخاننى يىراقتىن سۈمۈرەلمەي، تېخىمۇ يېقىن كېلىپ سۈمۈرمەكچى بولغان چېغى، بىر ئېتىلىپلا باتۇرخاننىڭ ئالدىغا كېلىدۇ. پۇرسەتنى غەنىيمەت دەپ بىلگەن باتۇرخان، ئون بەش گەز ئۇزۇنلۇقتىكى نەيزىسىنى ئۇنىڭ ئاغزىدىن تىقىپ، قۇيرۇقىدىن چىقىرىدۇ-دە، ئىككى پارچە قىلىۋېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئەجدىھا ئېچىنىشلىق ۋاقىرغانچە جان بېرىدۇ. باتۇرخان ئۇنىڭ تېرىسىنى سويۇپ، گۆشىنى پارچىلاپ تاشلىۋېتىپ، غەلىبە بىلەن شاھ ئوردىسىغا قايتىپ كېلىپ، ئارزۇ بىلەن كۆرۈشىدۇ.
ئارزۇ خۇشاللىق بىلەن يىگىتنى قارشى ئېلىپ، ئۆزىنى ئۇنىڭغا ئاتىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. شاھ ۋە ئوردىدىكى بارلىق ئەمەلدارلار بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى چاقىرىپ، قىرىق كېچە-كۈندۈز توي ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن باتۇرخان پادىشاھنىڭ ۋارىسى قىلىپ بېكىتىلىدۇ. ئارزۇ ئۇنىڭ خانىشى بولىدۇ. بۇ بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇق بەختلىك ياشاپ، شاھ تەختىگە ۋارىس قىلىپ، ئەلنى گۈللەندۈرۈپ، كۆپلىگەن ياخشى ئىشلارنى قىلىپ، خەلقنى بەخت-سائادەتكە ئىگە قىلىدۇ.
-بەك ياخشى، بەك ياخشى ئىكەن. بۇ چۆچىكىڭىز بەك ياخشى ئىكەن موما! – دەيدۇ مۇسلىمە چۆچەكتىكى مەزمۇنلارغا قىزىقىپ، ئۇ قەدىمكى كۈسەن دۆلىتى قەيەردە ئىدى موما؟ ھازىرمۇ ئۇ دۆلەت بارمۇ؟-دەپ سورايدۇ.
-ئۇ قەدىمكى كۈسەن دۆلىتى دېگىنىمىز-مۇشۇ بىز ياشاۋاتقان تۇپراقلاردا قۇرۇلغان بىر دۆلەت ئىدى. ھازىرقى كۇچا شەھىرى ئۇنىڭ پايتەختى ئىدى. «كۈسەن»دېگەن كۇچانىڭ قەدىمكى نامىدۇر قىزىم!دەپ، باشقىلاردىن ئاڭلىغانلىرىنى ئاددىي دېھقان تىلىدا چۈشەندۈرۈشكە تىرىشتى موماي-ئۇ زامانلاردا بۇ كەڭ زېمىندا 36 دۆلەت مەۋجۇت بولغان بولۇپ، ئۇلار بىر-بىرىگە تاجاۋۇز قىلىشماي، ئۆز-ئارا يول قويۇشۇپ، بىرلىك-باراۋەرلىكتە مەۋجۇت بولغان ئىكەن. ئەمما، كېيىنكى كۈنلەرگە كەلگەندە بۇ ھالەت ئۆزگىرىپتۇ. ئۇ دۆلەتلەر ئۆز-ئارا جېدەل قىلىشىپ، بىر-بىرسى بىلەن تالاش- تارتىشقا كىرىپ قاپتۇ، شۇنىڭدىن كېيىن يات قەۋىملەر كېلىپ، ئۇ دۆلەتلەرنى بىر-بىرلەپ ئىگىلىۋاپتۇ.
-موماي يەنە گېپىنى داۋام قىلىپ قىلماقچى بولۇپ، ھازىر «خىتايلار» دېيىشىگە، نېرىدا ياتقان سەمەت قارى موماينىڭ گېپىنى ئۈزۈپ قويدى :
-بولدى قىلىڭلار مومىسى، ھازىر «خىتاي» دېيىش چەكلەنگىلى خېلى ئۇزاق بولدى. ئۇلارنى ئەمدى« خەنزۇلار ياكى يولداشلار» دېيىشىمىز كېرەك ئىكەن. بولمىسا سىياسىي خاتالىق كېلىپ چىقىدىكەن. ھەتتا «خىتاي»دېگەنلەرنى تۇتۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا تەسىر يەتكۈزدى دەپ، تۈرمىگە سولاپ قويۇۋېتىپتۇ.
-شۇنداقمۇ؟ مەنمۇ ئاڭلىغاندەك قىلغان، ئەمما تېخى تۈنۈگۈنلا بىزنىڭ قولۇم-قوشنىلارنىڭمۇ خىتايلار دېيىشكەنلىكىنى ئاڭلىدىمغۇ؟
-مەنمۇ بەزىدە ئاڭلاپ قالىمەن-دېدى بوۋاي بىراز ئەندىشىسىنى بىلدۈرۈپ- بىزمۇ ھازىرغىچە: « خىتاي، خىتايلار »دەپ كۆنۈپ قالدۇق، پەقەت بۇنى خىتايلار يوق يەردىلا دېيىشىۋاتىمىز، خىتايلارنىڭ ئۆزى ئاڭلىسىمۇ ھازىر ئاچچىقى كېلىدىغان بولۇپ قالدى. ھۆكۈمەت چەكلەش ھۆججىتى چىقارغىلى بىر نەچچە يىل بولدى. شۇنداق ئەھۋالدا، بالىلارنىڭمۇ بۇ گەپنى ئۆگىنىپ قېلىشى خەتەرلىكتۇر. ھازىر يېزىمىزدىمۇ خىتايلار ئاۋۇپ قالدى. ناۋادا بالىلار ئۇلارنى كوچىدا كۆرگەن يېرىدە، خىتاي دەپ سالسا، ئۇلار بىزنى ھاقارەتلىدى دەپ، چۈشىنىدۇ-دە، بالىلارنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلىپ، ساقچىغا مەلۇم قىلىشى مۇمكىن! بۇ ھۆكۈمەت ھازىر ئادەملەرنى چوڭ – كىچىك دېمەي جازالايدىغان بولۇپ كېتىشتى، شۇڭا بالىلارغا ئۆگەتمىگەنلىرى ياخشى.
-بۇ گەپنى ئاڭلىغان مۇسلىمە قىزىققان ھالدا سورىدى:بوۋا، «خىتاي»دېگەن يامان گەپمۇ؟ بوۋاي مۇسلىمەنىڭ بۇ سوئالىدىن بىراز تېڭىرقاپ قالدى-دە، ئاندىن مۇنداق جاۋاب بەردى: قىزىم: « خىتاي» دېگەن-خەنزۇلارنىڭ كونىچە ئاتىلىشى، بىزنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمىز خەنزۇلارنى: « خىتاي» دەپ ئاتىغان ئىكەن. ئورۇس قاتارلىق ياۋروپادىكى باشقا مىللەتلەرمۇ ئۇلارنى «خىتاي »دەپ ئاتايدىكەن. شۇنىڭدىن قارىغاندا، ئۇنىڭ يامان گەپ بولۇشى ناتايىن، ئىشقىلىپ ئۇ بىر مىللەتنىڭ ئىسمى، ئۇنداق بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا يامان غەرەز يوشۇرۇنمىسىلا، ھاقارەتلىك گەپ بولۇشى ناتايىن! مەسىلەن:خىتايلار: ئۇيغۇرلارنىمۇ : «ۋېي يۇ ئەر زۇ» دەيدىكەن. دېمەك بىر مىللەتنىڭ ئىسمىنى، يەنە بىر مىللەتنىڭ بىراز غەلىتە ئاتىشى نورمال ئىشتۇر. ئەمدى بۇنىڭغىمۇ ئىنسانلارنى جازالايدىغان قائىدە چىقىرىشتى. مانا بۇ: «زامان زورنىڭ-تاماشا كورنىڭ»دېگەننىڭ دەل ئۆزى ئەمەسمۇ؟
بوۋاينىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ سارىخان موماي بىراز ئەندىشە قىلىپ قالدىمۇ قانداق؟ مۇسلىمەگە نەسىھەت قىلىپ مۇنداق دېدى:قىزىم! قايسى كۈنى بىزنىڭ باغنىڭ يول تەرىپىدىكى ئالمىلارنى ئوغۇرلىۋالغان: « ۋاڭ-ۋۇڭ، چاڭ-چۇڭ، جاڭ-جۇڭ» دەپ گەپ قىلىدىغان كىشىلەر خىتايلاردۇر. ئۇلارنىڭ تىلى بىزنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ. ئۇلار بىلەن دىنىمىز ۋە ئۆرپ-ئادىتىمىزمۇ بىر ئەمەس، ئۇلار ئىچكىرى دەيدىغان ئۇزاق بىر يەردىن بۇ يەرگە كۆچۈپ كەلگەن ئەسكەر، ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرى، تىجارەتچى ۋە يەر ھۆددىگە ئېلىپ تېرىيدىغان كىشىلەردۇر.
-موما، ئۇلار ئەسكەر بولسا، نېمىشقا بىزنىڭ باغنىڭ مېۋىلىرىنى ئوغرىلايدۇ؟ ئۇلارنىڭ تۆلەيدىغان پۇلى يوقمۇ؟
-قىزىم، سىز بۇ ئىشلارنى ھازىر چۈشەنمەيسىز! چوڭ بولغاندا ھەممىنى بىلىپ قالىسىز-دېدى موماي مىساللار بىلەن چۈشەندۈرۈشكە تىرىشىپ: ئەسكەرلەرگە ھۆكۈمەت پۇل، تاماق ھەم ياتاقمۇ بېرىدۇ. ئۇلارنىڭ پۇلى بار. شۇنداق بولسىمۇ، ئۇلار دۆلەتنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە خىلاپلىق قىلىپ، يېقىن ئەتراپتىكى بىز دېھقانلارنى بوزەك قىلىپ ئۆگىنىپ قالغان. شۇڭا بىز ئۇلاردىن ئېھتىيات قىلىشىمىز لازىم!: ئۇلار بۇ تەرەپلەرگە كەلگەن ياكى يولدا ئۇچرىغان چاغدا ئۇلاردىن قېچىڭلار. يېقىن كەلمەڭلا قىزلىرىم!
-بولىدۇ، موما، شۇنداق قىلايلى! دېدى قىزلار مومىسىنىڭ گېپىنى ئاڭلايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ،
قىزلىرىم! ھازىر ئۇخلايدىغان ۋاقىت بولۇپ قالدى. ئەمدى مەن سىلەرگە بىر ئايەت ئۆگىتىپ قوياي، بۇ ئايەتنىڭ ئىسمى : « ئاييەتۇل كۇرسى» بۇنى ئۆگىنىۋالغاندىن كېيىن، ھەر كۈنى يېتىشتىن بۇرۇن ئۈچ قېتىم ئوقۇپ ياتساڭلار، سىلەرگە ئەسكى كىشىلەر زىيانكەشلىك قىلالمايدۇ. -دېدى سەمەت قارى
-بولىدۇ بوۋا!-دەپ، قىزلار بوۋىسىنىڭ ئارقىسىدىن ئەگىشىپ« ئاييەتۇل كۇرسى»نى تەكرار تەكرار ئوقۇدى. بۇ ئەقىللىك قىزلار ئايەتلەرنى ئۈچ قېتىمدىن-يەتتە قېتىمغىچە ئوقۇپلا ئۆگىنىۋالالايتتى. بۈگۈنمۇ شۇنداق بولدى. مۇسلىمە يەتتە قېتىم ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، بوۋىسىغا: «ئاييەتۇل كۇسى»نى يادا ئوقۇپ بەردى. مۇخلىسە تېخى كىچىك، بولغاچقىمۇ ئۆگىنىپ بولالماي قالدى. ئەمما ئۇ: « مەن ئەتە ئۆگىنىپ بولۇپ، ئۆزۈم يادا ئوقۇپ بېرىمەن»دەپ، بوۋىسىغا ۋەدە بېرىپ، ئۇخلاش ئۈچۈن مومىسى سېلىپ بەرگەن ئورۇنغا كىرىپ ياتتى.
مۇسلىمە بوۋىسى ئۆگەتكەن بويىچە ئايتەل كۇرسىنى ئۈچ قېتىم ئوقۇپ، ئۇخلاپ قالغان ئىدى. مۇسلىمە ساباھقا يېقىن قاباھەتلىك بىر چۈش كۆرۈپ ئويغىنىپ كەتتى. بۇ ۋاقىتتا سارىخان موماي ئاللىقاچان ئويغىنىپ ناماز ئوقۇش ئۈچۈن تاھارەت ئېلىۋاتقان بولۇپ، مۇسلىمەنىڭ ئويغىنىپ كەتكىنىنى كۆرۈپ:
-قىزىم، بالدۇرلا ئويغىنىپ كەتتىڭىزغۇ؟ مىجەزىڭىز ياخشىدۇ؟-دەپ، ئۇنىڭ قېشىغا كېلىپ پېشانىسىنى سىلاپ باقتى. مۇسلىمە بىراز قىزىپ قالغاندەك قىلاتتىى. پېشانىسىدىن سوغۇق تەر چىقىپ كەتكەن ئىدى.
-ھېچنېمە بولمىدىم موما، شۇ بىر قورقۇنچلۇق چۈش كۆرۈپتىمەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئويغىنىپ كەتتىم.
-شۇنداقمۇ قىزىم، قانداق چۈش كۆرۈپسىز؟
مۇسلىمە بوممىسىغا ئۆزىنىڭ باياتىن بۇيان كۆرگەن چۈشىنى ئېيتىپ بەردى: «مۇخلىسە بىلەن ئىككىمىز مەكتەپكە كېتىۋاتاتتۇق، توساتتىن قاتتىق بوران چىقىپ كەتتى. ئەتراپتىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بوراندىن دالدىلىنىش ئۈچۈن تەرەپ-تەرەپلەرگە مۈكۈنۈپ يوقاپ كېتىشتى. مۇخلىسە بىلەن ئىككىلەنلا قالغان ئۇدۇق، يىراقتىن ناھايىتىمۇ ئۇزۇن، يىلانغا ئوخشاش بىر مەخلۇق ۋارقىرىغانچە بىز تەرەپكە يېقىنلاپ كېلىپ ۋارقىراشقا باشلىدى: ھەي! ئۇيغۇر قىزلىرى! سىلەر نېمە دېگەن گۈزەل، تېرىلىرىڭلار پاختىدەك ئاپئاق، يۈزۈڭلار ئالمىدەك قىزىل، بەدىنىڭلار خۇددى جەرەن بالىلىرىدەك يۇمران ئىكەن. سىلەر ماڭا ئوزۇقلۇق بولۇشقا ناھايىتى باب كېلىدىكەنسىلەر! مەن ئاچ قالغىلى نەچچە كۈن بولدى. ئەمدى سىلەرنى سۈمۈرۈپ يېمىسەم بولمايدۇ-دەپ، بىردەم-دەم تارتىپ، بىردەم-ئوت چاچچىرتىپ، بىزگە يېقىنلاپ كېلىشكە باشلىدى. بۇ چاغدا مەن بوۋام ئۆگىتىپ قويغان «ئاييەتۇل كۇرسى»دېگەن ئايەتنى ئىچىمدە ئۈچ قېتىم ئوقۇغان ئىدىم. شۇنىڭ بىلەن ئەجدىھا ئاسماننىڭ قەرىدە بىردىنلا توختاپ، خۇددى بىرسىگە ئەپسۇن ئوقۇۋاتقان باخشىدەك تۇمشۇقىنى ئىچىگە تىقىپ، ئۆز جايىدا چۆرگىلەشكە باشلىدى. ئاندىن يېلى چىققان شاردەك پوككىدە يەرگە چۈشۈپ، قارنى يېرىلىپ ئۆلدى».
-ھە-ئە، قىزىم! قورقمىغانسىز؟-دەپ، مۇسلىمەنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭ پېشانىسى ۋە مەيدىسىنى تۇتۇپ كۆرۈپ، نورمال ئىكەنلىكىنى بىلدى. ئاندىن ئىچىدە بىر مۇنچە ئايەتنى ئوقۇپ، ئۇنىڭغا سۈپلىدى.
مۇسلىمە ئانچە بەك قورقۇپ كەتمىگەن ئىدى. ئۇ ئوقۇغان« ئاييەتەل كۇرسى»دېگەن ئايەت ئۇنى ئەجدىرھانىڭ زىيان-زەخمىتىدىن قوغداپ قالغان ئىدى.
-موما، موما!-دېدى مۇخلىسەمۇ- مەنمۇ ئاخشام« ئاييەتۇل كۇرسى»نى ئوقۇپ ياتقان ئىدىم. چۈشۈمدىمۇ شۇنى ئوقۇپتىمەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەجدىھا دېگەن مەخلۇق ماڭا زىيانكەشلىك قىلالمىدى.
-توغرا قىلىپسىز قىزىم، بىز جىن-شەيتانلار ۋە دۈشمەنلەرنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن قۇرئان كېرىمگە ۋە ئۇنىڭ ئايەتلىرىگە مەھكەم ئېسىلىشىمىز، ئۇنى ئۇخلاشتىن بۇرۇن ياكى ئويغانغاندا بولسۇن، ھەر دائىم دىلىمىزدا زىكرى قىلىپ تۇرۇشىمىز لازىم.
-موما، موما!-دەپ، سورىدى مۇخلىسە، مومىسىنىڭ قۇچىقىغا بېشىنى قويۇپ تۇرۇپ: ئۇ ئەجدىھا دېگەن نەدىن كېلىدۇ ؟ نېمىشقا ئادەملەرنى يىتۈپ كەتمەكچى بولىدۇ؟
-ئۇ ئەجدىھا دېگەن مەخلۇق، شەرقتىن كېلىدۇ قىزىم-دەپ، چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى سارىخان موماي-قايسى كۈنى بىزنىڭ باغنىڭ يول تەرىپىدىكى ئالمىلارنى ئوغرىلىغان ئەسكەرلەرنى بىلىسىزغۇ قىزىم؟ ئۇلار مۇشۇ ئەجدىھا دېگەن مەخلۇقلارنىڭ ئەۋلاتلىرىدۇر. ئۇ ئەجدىھا نەسلىدىن بولغان بۇ مەخلۇقلار بىزگە ھەر ۋاقىت يامانلىق قىلىپ كەلدى. ئەسلىدە ئۇلار باشقىلارغا يامانلىق قىلماي، ئۆز چېگراسى ئىچىدە، ئۆزىنىڭ تاپقىنىنى ئۆزى يەپ، ھالال قان تەرى بىلەن ياشىغان بولسا، ئۆزىگىمۇ، بىزگىمۇ ياخشى بولاتتى. ئەمما ئۇلار نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ، ئۆز چېگراسىدىن ھالقىپ چىقىپ، باشقا چېگرادىكى خەلقلەرگە يامانلىق قىلىشقا، ئۇلارنى سۈمۈرۈپ يېيىشكە ئۇرۇنۇپ كەلدى. بىزنىڭ ئىلگىرىكى ئەجدادلىرىمىز ئۇلارغا بوزەك بولماي ياشاپ كەلگەن ئىكەن. ھەتتا ئۇلارنى مەغلۇپ قىلىپ، ئۇزۇن سېپىل ئىچىگە بەند قىلىپ قويغان ئىكەن. كېيىنكى زامانغا كەلگەن چاغدا، ئەۋلادلار بوشاڭلىق قىلىپ، دىنىمىزنىڭ ئەمىر-پەرمانلىرىدىن چەتنەپ، دۈشمەنگە قارشى ھەر ۋاقىت تەييارلىق ھالىتىدە تۇرماي، ئۇلار بىلەن قەتىئيلىك بىلەن، ئۈزۈل-كېسىل ئۇرۇش قىلىشتىن باش تارتىپ، سۆزلىشىمىز، سۆھبەت ئۆتكۈزىمىز دەپ، ئاسان يولنى تاللىغان بولغاچقا، ئاخىرىدا ئۇلارغا باغلىنىپ قالغان ئىكەنمىز. مانا ئەمدى ئۇلار بىزنىڭ شىللىمىزگە مىنىۋېلىپ، خالىغانچە بوزەك قىلىۋاتىدۇ. ئىنشائاللاھ! بىر كۈنى كېلىپ، شىراقتەك ئەقىللىك ئەزىمەتلەر، باتۇرخاندەك قورقماس باتۇرلار ئوتتۇرىغا چىقسا، ئۇلارنى كەلگەن يېرىگە قوغلىۋېتەلەيمىز، ئىنشائاللاھ، ئامىن، ئاللاھۇ ئەكبەر!
6 – باب
سەمەت قارى بۈگۈن بەكلا ئەتىگەن تۇرۇپ كەتكەن بولسىمۇ، بامدات نامىزى ئۈچۈن مەسچىتكە بارماي، نامازنى سارىخان موماي بىللە ئۆيىدىلا ئوقۇۋالدى. ئاندىن قوي، ئۆچكە ۋە توخۇلارغا يەم -خەشەك، دانلارنى سېلىپ بېرىپ، سەينادا نېمە بار-نېمە يوق؟ دېگەندەك ئۇششاق-چۈششەك ئىشلارنى بىرەر قۇر تەكشۈرۈپ، قالايمىقان يەرلەرنى تۈزەشتۈرۈپ قويدى. ئۇنىڭ كۆڭلى بىر قىسما بولۇپ، مىجەزى ئانچە ياخشى ئەمەس ئىدى. خىيالچان بولۇپ قالغان ئىدى.
– ھەي سەمەت قارى، نېمە قىلىپ يۈرىۋاتىلا ؟ ناشتىلىق تەييار بولدى. داستىخانغا كەلسىلە، بالىلارنىمۇ چاقىرايلى!-دەپ، سارىخان موماي قەدىناس ھەمراھىنى داستىخانغا چاقىردى
-نېمە بولدىلا، ئەتىگەندىلا ھويلا-ئارامنى بەكلا تۈزەشتۈرۈپ كەتتىلغۇ؟ مەسچىت جامائىتى سىلىنى ئاغرىپ قالغان ئوخشايدۇ دەپ يوقلاپ كېلەتتىۇ-يا؟ ئەجەب، ماڭا دەپ قويماپلىغۇ؟
-ياق، مومىسى! بۈگۈن جامائەتمۇ مەسچىتكە بارمايدۇ. مەسچىتنى تاقاپ قويۇپ، تەرتىپكە سېلىش توغرۇلۇق ئۇقتۇرۇش چىقىرىلدى.
-قانداق تەرتىپكە سالىدىكەن؟ھاياتىمدا تېخىچە: «مەسچىتنى تەرتىپكە سېلىش»دېگەن گەپنى ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن. نەدىن چىقتى بۇ گەپ؟
-تۈنۈگۈن يېزىلىق «بىرلىكسەپ بۆلۈمى»دىن بىر كادىر كېلىپتىكەن. ئۇ شۇنداق دېدى. بۈگۈن شەھەرلىك بىرلىك سەپ بۆلۈمىدە، مۇشۇ توغرۇلۇق چوڭ يىغىن ئېچىلىدىكەن. مېنىمۇ شۇ يىغىنغا تەكلىپ قىلىپ، ئاتايىتەن دەپ قويدى. بىرەر سائەتكە قالماي مېڭىشىم كېرەك!
-ئۇنداق بولسا ياخشىراق ناشتىلىق قىلىۋالسىلا، يانلىرىغا ئازراق پۇلمۇ سېلىۋالسىلا، لازىم بولىدۇ.
-كېلىڭلار بالىلىرىم، كېلىڭلار!-دېدى سارىخان موماي كۈيئوغلى مەمەت قارى، قىزى ئارزۇگۈل ۋە نەۋرىللىرىنىڭ ناشتىلىق ئۈچۈن چىققانلىقىنى كۆرۈپ-قىزىم! ئاتىڭىز بىردەمدىم كېيىن شەھەرگە يىغىنغا بارىدىكەن. مەمەت قارىمۇ بىر يەرگە بارىمەن دەۋاتقاندەك قىلغانتى. يېزا مەركىزىگىچە ھەمراھ بولۇپ بىللە ماڭسۇنمىكىن؟
-بولىدۇ ئانا!-دېدى مەمەت قارى ئارزۇگۈلنىڭ ئورنىدا ئۆزىلا جاۋاب بېرىپ – مەن ئاتامنى يېزا مەركىزىگىچە ئاپىرىپ قوياي، ئاندىن كېيىن ئۆز ئىشىمنى قىلاي.
-سىلىنىڭ نېمە ئىشلىرى بار ئىدى، ئوغلۇم؟
-شۇ، يېزا مەركىزىدىكى بىر ناۋايخانىنى ئىگىسى ساتىمىز دەپتىكەنتۇق. ئۇلار بىلەن سۆزلەشكىلى بارىمەن ئانا. چاربازارغا نان ئاپىرىپمۇ يامان ئەمەس ئىش بولۇۋاتاتتى. ئەمدى مۇقىم بىر يەردە دۇكان ئېچىپ، ئوقەت قىلاي دەۋاتىمەن. ئىشلىرىمىز ياخشى بولۇپ قالسا، يېزا مەركىزىدىن ئۆي ئىجارىلاپ ئولتۇرساق، ئەتە-ئۆگۈن بالىلارنى مەكتەپتە ئوقۇتۇشقا قولايلىق بولامدىكىن؟ دەپ ئويلاۋاتىمىز. مۇسلىمە بۇ مەۋسۇم بېشىدا باشلانغۇچ مەكتەپنى باشلىمىسا بولمايدۇ. مۇخلىسەمۇ بۇرۇنقىدەك باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرگىچە، ئۆيدە تۇرسا بولمايدىكەن. يەسلىگە بېرىپ، دۆلەت تىلى ئۆگىنىشنى باشلىشى كېرەك ئىكەن. بۇ يېڭى تۈزۈم ھازىر شەھەرلەردە ئومۇميۈزلۈك باشلىنىپ بولۇپتۇ، ئەمدى يېزىلاردىمۇ باشلىنىدىكەن. يېزا مەركىزىدە ھازىر بىر نەچچە يەردە «پەرىشتىلەر باغچىسى»سېلىنىۋېتىپتۇ. بۇنىڭدىن كېيىن ئۈچ ياشتىن ئاشقان بالىلارنىڭ ھەممىسى مەيلى قىز، مەيلى ئوغۇل بولسۇن، يەسلىگە بېرىشى كېرەك ئىكەن. بولمىسا ئەتە-ئۆگۈن «دۆلەت تىلى بىلمەيدۇ »دېگەن سەۋەب بىلەن ئوقۇشتىن مەھرۇم قالىدىكەن.
-شۇنداقمۇ ؟ ئوغلۇم-دېدى بۇ غەلىتە خەۋەرگە ھەيران قالغان سارىخان موماي-ئۇ دۆلەت تىلى دېگەن يېڭىدىن ئىجاد بولغان تىلمىكەن؟ ئىلگىرى ئۇيغۇر تىلىدىكى مەكتەپلەردە-ئۆز ئانا تىلىمىزدا ئوقۇيدىغان ئىشمۇ، ھېچنېمىگە زەرەر ئېلىپ كەلمىگەن ئىدىغۇ؟
دۆلەت تىلى دېگىنىمىز-دېدى مەمەت قارى قېيىن ئانىسىغا چۈشەندۈرۈپ – مۇشۇ يولداش مىللەت بولغان خەنزۇلارنىڭ تىلىدۇر. ئۇلار كۆپ سانلىق بولغاچقا شۇلارنىڭ تىلىنى دۆلەت تىلى قىلغان گەپكەن ئانا،
-ئۇنى نېمىشقا بۇ يەردە «دۆلەت تىلى» قىلىدۇ دەپ چۈشەنمەي سورىدى سارىخان موماي-ئۇلار ئۆزلىرى ياشايدىغان ئىچكىرى ئۆلكىلەردە قىلسا بولمامدۇ ؟ بىزنىڭ بۇ رايوندا ئۇلار كۆپ سانلىق بولمىسا، مەن كىچىك چېغىمدا بىزنىڭ كەنتىمىزگە قوشنا بولغان ھەربىي گازارمىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، بىزنىڭ يېزىمىزدا بىرمۇ خىتاي يوق ئىدى. كۇچا شەھىرىگە بارساق ئاندا – ساندا ئۇچرىتىپ قالاتتۇق. ھازىرمۇ كۇچادا-بىز ئۇيغۇرلار كۆپ سانلىققۇ ؟ ئۇنداق بولغاندىن كېيىن، دۆلەت تىلىنىڭ بۇ يەردە نېمە كېرىكى بولاتتى؟
-ئۇغۇ شۇنداق ئانا، دەپ يەنە چۈشەندۈرۈشكە تىرىشتى مەمەت قارى-ھازىر بۇرۇنقى زامانغا ئوخشىمايدۇ. ھازىر كۇچادا يېڭىشەھەر رايونى كېڭەيتىلىپ، ئۇ يەرگە نۇرغۇن خىتايلار كۆچۈرۈپ كېلىندى. ھازىر يېزىمىزدىمۇ ئۇلارنىڭ سانى خېلى ئاۋۇپ قالدى. مەن سىزگە دېگەن ئاتالمىش« پەرىشتىلەر باغچىسى»غىمۇ ئىچكىرىدىن خىتاي ئوقۇتقۇچىلارنى ئېلىپ كېلەرمىش! چۈنكى، ئۇ يەردە دەرسلەر ھەممىسى دۆلەت تىلىدا بولىدىكەن. بالىلىرىمىز مەجبۇرىي دۆلەت تىلى ئۆگەنمىسە بولمايدىكەن.
-ۋاي، خۇدايىم! دەپ، يەنە ئۆزىنىڭ قارىشىدىن ۋاز كەچمىدى سارىخان موماي – ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بولغاندىن كېيىن، ئەلۋەتتە تىلىمۇ ئۇيغۇرچە بولۇشى كېرەكتە! بولمىسا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دېمەي باشقىچە بىر نەرسە دېسە بولمامدۇ؟ تېخى ئوزاقى يىللىرى ھېلىقى تۆمۈر داۋامەت، ئابلەت ئابدۇرېشىت دېگەن رەئىسلەرمۇ ئۇيغۇرچە سۆزلەۋاتاتتىغۇ؟
-ھازىر ئۇنداق ئەمەس ئانا، ھازىرقى رەئىسلەر ئاساسەن ئۇيغۇرچە سۆزلىمەيدۇ. ئۇلار قوش تىللىق بولۇشنى تەكىتلەۋاتىدۇ. ئىلگىرىكى رەئىسىمىز نۇر بەكرى: «ئۇيغۇرلار قوش تىل ئۆگىنىشى ۋە دۆلەت تىلىنى مۇكەممەل بىلىشى كېرەك. تۇڭگانلارمۇ باشقا بىر مىللەت، ئەمما ئۇلار دۆلەت تىلىدا سۆزلەيدىغۇ؟ ئۇيغۇرلارمۇ دۆلەت تىلىدا سۆزلىسە نېمە بولۇپتۇ؟ »دەپتىمىش!
-ۋاي خۇدايىم! بىزنىڭ بۇ باشلىقلارغا نېمە بولدىكىن دەپ؟ يەنە ۋايسىدى سارىخان موماي – ئۆزىنى ئۇيغۇر دەيدۇ، ئەمما باشقا تىلدا سۆزلەيدۇ. نېمىشقا خەلق، بۇنداق ئادەمنى رەئىس دەپ سايلايدىغاندۇ؟
-ئۇلارنى خەلق سايلىمايدۇ ئانا، دەپ بۇنىڭغىمۇ چۈشەنچە بېرىشكە تىرىشتى مەمەتقارى – مەركىزى ھۆكۈمەت ئۆزى تەيىنلەيدۇ. شۇڭلاشقا، ئۇلار دۆلەت تىلىدا سۆزلىشى، مەركىزى ھۆكۈمەت نېمە دېسە-شۇنى ئىجرا قىلىشى كېرەك بولىدۇ. بولمىسا ئۇلار رەئىسلىك ئورنىدا تۇرالمايدۇ. ئەمدى چۈشەندىلىمۇ ئانا؟
-ھە-ئە، بىراز چۈشەندىم! ئوغلۇم. بۇ خۇددى قۇيرۇق كۆرسىتىپ، ئۆپكە ساتقانغا ئوخشايدىغان بىر ئىش ئىكەن. مەركەزدىكىلەر نېمانداق قاقباش نېمىلەر ئۇ؟ ھېچ ئادەمنىڭ ئەقلىگە كەلمەيدىغان ئىشلارنى ئويلاپ تاپىدىكەن.
-دېگەنلىرى توغرا ئانا، شۇڭلاشقا ئۇلار ئاشۇ ئورۇنلاردا باشلىق بولۇپ ئولتۇرىۋاتىدۇ. سىياسەتچى، باشلىق دېگەنلەر ئاشۇنداق ھىيلىگەر بولىدىغان گەپكەن. ئۇلار خۇددى خامىليونغا ئوخشايدىكەن. بىر كۈنى ئۇنداق، بىر كۈن بۇنداق ئۆزگىرەلەيدىكەن. ئۇلار نېمە دېسە، شۇ بولىدىكەن. بىز پۇقرالار ئۇنىڭغا بويسۇنماي چارىمىز يوق ئىكەن.
مەمەت قارى بىلەن سارىخان موماينىڭ گەپلىرى بارغانچە ئۇزىراپ كېتىپ باراتتى كېتىپ باراتتى. ئارزۇگۈل ئۇلارنىڭ تالاش-تارتىشقا كىرىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ گەپكە ئارىلاشتى :
-مەمەت قارى بولدى قىلسىلا، چوڭلار ھازىرقى ۋەزىيەتنى ياخشى بىلمەيدۇ. ئاپاممۇ، كېيىنچە بۇ ئىشلارنى ئاستا-ئاستا چۈشىنىپ قالىدۇ. سىلى يېزىغا مېڭىۋەرسىلە، ناۋايخانىنى سودىلىشىدىغان ئىشقا كەچ قالمىسىلا يەنە؟
-ماقۇل! بولىدۇ. خوش ئەمىسە، مەن ماڭدىم. ئىشىم تۈگىسە چۈشلۈك تاماققا ئۆيگە كېلىشىم مۇمكىن.
-ماقۇل بالام-دېدى سارىخان موماي چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرتۈپ، بىز سىلى ئۈچۈن تاماق ئېتىپ تۇرىمىز. ئامال بار ئۆيگە كەلسىلە بالام، بازارنىڭ تامىقى ئۆي تامىقىغا يەتمەيدۇ؟
-بولىدۇ ئانا، مەن ئىشىمنى تۈگىتىپلا قايتىپ كېلىمەن دەپ، قېيىنئانىسىغا ۋەدە بەرگەن مەمەت قارى، ئارزۇگۈل بىلەن كۆز ئىشارىتى قىلىپ خوشلىشىپ، يېزا مەركىزىگە قاراپ يولغا چىقتى.
ئەمدى ئارزۇگۈلگە ئانىسى بىلەن سۆزلىشىش پۇرسىتى كەلدى. ئۇ شەھەردىن يېزىغا قوغلانغاندىن بۇيان بەكمۇ كەم سۆز بولۇپ قالغان ئىدى. ئۇنىڭ قوشكېزەك ئوغلىدىن بىرسىدىن ئايرىلغاننى ئاز دەپ، قىزلىرىنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالى ئۈچۈن شەھەردە ئوقۇتۇش ئارزۇسىمۇ يوققا چىقىرىلغان ئىدى. ئۇ ئاستا-ئاستا بۇ ئىشلارنىڭ جەمئىيەتتىكى ئادالەتسىزلىك سەۋەبىدىن بولۇۋاتقانلىقىنى چۈشىنىپ يەتمەكتە ئىدى.
-ئانا!دەپ، سۆزىنى باشلىدى ئارزۇگۈل-مېنى تۇغۇتتىن كېيىن، ئىككى ئايدىن ئارتۇق باقتىلا، ھەقىقىي ئانالىق مېھرىنى يەتكۈزدىلە، بىز سىلىدىن بەكمۇ رازى، بولۇپمۇ مەمەت قارى سىلىنى ھۆرمەتلەپ، خۇددى ئۆز ئانىسىدەكلا كۆرىدۇ. باياتىن بۇيان سىلىگە سىياسەتلەرنى چۈشەندۈرىمەن دەپ خاپا قىلىپ قويغان بولسا، كەچۈرىۋەتسىلا؟ ئۇ جەمئىيەتتىكى ئىشلارنى خېلى ئوبدان چۈشىنىدۇ. ئۇ شەھەردىكى ۋاقتىدا نۇرغۇن ئۇقۇمۇشلۇق كىشىلەر بىلەن ئالاقىدە بولغان ئىدى. ئۇلاردىن نۇرغۇن گەپ سۆزلەردىن ئاڭلاپ قۇلاق موللىسى بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ دېگەنلىرىنىڭ ھەممىسى ئالدىمىزدا بولىدىغان ئىشلاردۇر. بىز ئەمدى تېخىمۇ تەس كۈنگە قالىدىغان ئوخشايمىز. شەھەردە ھەر كۈنى يېڭى سىياسەت، يېڭى قانۇنلار ئوتتۇرىغا چىقىپ، يېڭى ئۆزگىرىشلەر بولۇۋاتقان ئوخشايدۇ.
بولۇپمۇ، مەكتەپلەردىكى ئۆزگىرىشلەر-قوش تىل ئوقۇتۇشى ۋە «پەرىشتىلەر باغچىسى»نامىدىكى مەجبۇرىي يەسلىلەرنىڭ قۇرۇلۇشى، مېنى بەكمۇ ئەندىشىگە سالماقتا. ئەمدى ئۆز بالىلىرىمىزغىمۇ ئىگە بولالمايدىغان ئوخشايمىز. بالىلارنى: « پەرىشتىلەر باغچىسى» دېگەن نامدىكى يەسلىلەرگە يىغىۋېلىپ، ئۇلارنى كىچىكىدىن باشلاپلا، بىز ئاتا-ئانىلاردىن ئايرىۋەتكۈدەكمىش! مانا، بۇنىڭ ئۆزى خەتەرلىكتۇر ئانا!بىز بالىلىرىمىزغا كىچىكىدىن باشلاپ ئانا تىلىمىزنى، دىنىمىزنى ئۆگىتەلمىسەك، ئۇلار بارا-بارا ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزدىن يىراقلىشىپ كەتمەمدۇ؟
ئەلۋەتتە شۇنداق بولىدۇ-دېدى سارىخان موماي ئارزۇگۈلنىڭ ئەندىشىلىرىنى قۇۋۋەتلەپ، -بالىلار، ئانا تىلىنى بىلمىسە، ئانا بىلەن بالىلار ئوتتۇرىسىدا قانداق باغلىنىش ھاسىل بولىدۇ؟ بالىلارغا دىنىمىزنى ئۆگۆتەلمىسەك، ئۇلاردا قانداق بولۇپ ئەخلاقى-پەزىلەت شەكىللىنىدۇ؟ ئاھ، خۇدا! بۇ ھۆكۈمەتنىڭ كۆڭلىگە ئىنساب بەرگەيلا! تەقدىرىمىزنى ئۆزلىرىگە تاپشۇردۇق، ئەي، ھەممىگە قادىر ئۇلۇغ ئاللاھ!-دەپ دۇئاغا قول كۆتۈرۈپ، ئىچىدە بىرمۇنچە ئايەتلەرنى ئوقۇدى سارىخان موماي كۆڭلى يېرىم بولغان ھالدا، ئاندىن ئارزۇگۈلگە قاراپ سۆزىنى داۋام قىلدى:
-قىزىم، مەن ئاتىڭىز سەمەت قارىدىنمۇ ئەندىشە قىلىۋاتىمەن. ئۇ ئۇزۇندىن بۇيان كەنتىمىزنىڭ مەسچىتىدە ئىماملىق قىلىپ كەلدى. ئاخشام-ئەتىسى ئۆيدە قوشنا-قۇلۇملارنىڭ بالىلىرىغا قۇرئان، ھەپتىيەكتىن دەرس بەردى. بىر نەچچە كۈن بولدى يېزا كادىرلىرى كېلىپ، يېڭى سىياسەتلەر ھەققىدە بىر مۇنچە ۋەزخانلىق قىلىپ، مەسچىتتە ناماز ئوقۇشنى توختىتىپ قويۇپتۇ. ئۇلار: «مەسچىتنى تەرتىپكە سالىمىز دەپتىمىش!» بۇ ئىشلار ئۈچۈن ئۇنى شەھەرگە يىغىنغا چاقىرىپ كەتتى. ئەمدى نېمە ئىشلار بولۇپ كېتەر؟ مەن بەك ئەندىشە قىلىۋاتىمەن.
-ئارتۇق غەم قىلمىسىلا ئانا دەپ تەسەللىي بەردى ئارزۇگۈل ئانىسىغا:ئەجدادلىرىمىز، ماقال-تەمسىللەردە: «باشقا كەلگەندە-باتۇر بولۇپتۇ» دەپتىكەن. بېشىمىزغا نېمە كەلسە، شۇنى كۆرمەكتىن باشقا چارىمىز يوق ئانا! قېنى ئاتام بىر كەلسۇن، نېمە ئىش بولغانلىقىنى ئۇنىڭدىن ئاڭلايمىز .
-بولىدۇ قىزىم، ئاتىڭىزنىڭ كېلىشىنى ساقلايلى! مەمەت قارىنىڭمۇ كېلىدىغان ۋاقتى بولۇپ قالدى. قېنى كېلىڭ!بىز چۈشلۈك تاماقنى ئېتىپ، ئۇ كەلگۈچە پىشۇرۇپ تەييار قىلايلى، سىز بالىلارغا قارىغاچ، خېمىر يۇغۇرۇشقا تۇتۇش قىلىڭ، مەن باغقا چىقىپ كۆكتاتلارنى يۇلۇپ كېلەي-دەپ باغ تەرەپكە ماڭدى. مومىسىغا ئەگىشىپ، مۇسلىمە ۋە مۇخلىسەمۇ بىللە باغقا چىقىشتى.
-شوخلىنىڭ قىزارغانلىرىنى، تەرخەمەكلەرنىڭ سارغايغانلىرىنى ئۆزۈڭلار! قىزىل مۇچنىڭ تازا قىزارغانلىرىنى، كۆك مۈچنىڭ ئۇزۇنراقلىرىنى ئۈزۈڭلار قىزلىرىم. مەن سىلىگە ئوخشىتىپ لەڭمەن ئېتىپ بېرىمەن-دېدى سارىخان موماي نەۋرىلىرىگە ئىش ئۆگىتىپ،
-بولىدۇ موما، شۇنداق قىلايلى!-قىزلار بىردەمدىلا ئىتەكلىرىگە كۆكتاتلارنى تولدۇرۇپ كېلىشتى ۋە مومىسىغا :
– موما، موما! ئەمدى بىز شاپتۇللاردىنمۇ ئېلىۋالساق بولامدۇ؟ بەك يېگۈمىز كەلدى–دېيىشىپ، مومىسىغا يېلىنىۋېدى،
– ھە-ئە، بولىدۇ قىزلىرىم! شاپتۇلنىڭمۇ سارغايغانلىرىنى ئېلىڭلار! كۆكلىرىنى ئالماڭلار، توڭ چىقىپ قالىدۇ. يولنىڭ ئۇ تەرىپىگە ئۆتمەڭلار!-دەپ، ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن قاراپ تۇردى سارىخان موماي. قىزلار:
-ماقۇل، موما! دېيىشىپ، باغنىڭ يول چېتىدىكى شاپتۇل دەرىخىنىڭ يېنىغا بېرىپ، قولى يەتكەنلا يەردىن سارغايغان شاپتۇللارنى ئۈزۈشكە كىرىشتى. تېخى ئۇلار بىر نەچچە تال شاپتۇلنى ئۈزۈپ ئېلىشىغىلا، پۇرقۇرىغان چاڭ-توزان باغقا كىرىپ، يولدىن ئۆتۈۋاتقان ماشىنىلارنىڭ غاقىرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى. ماشىنىلارنىڭ ناھايىتى تېز ھەيدەلگەنلىكىنى سەزگەن موماي، ئۇنىڭ يېقىن يەردىكى ھەربىي گازارمىنىڭ ماشىنىلىرى ئىكەنلىكىنى بىلدى-دە، قىزلارغا: قايتىپ كېلىڭلار!-دەپ ۋاقىرىۋىدى. شۇنىڭ بىلەن مۇسلىمە بىلەن مۇخلىسە يۈگۈرگەنچە مومىسىنىڭ يېنىغا كېلىۋېلىشتى
– موما، ئەسكەرلەر يەنە ئوغرىلىققا كەلگەنمىدۇ؟-دەپ سورىدى ئەندىشە ئىچىدە مۇسلىمە.
– ئۇنداق بولۇشى ناتايىن، ئۇلار ئوغرىلىققا كەلسە ئادەتتە بىردىن- ئىككىدىن كېلەتتى. بۇ قېتىم ئۇلارنىڭ سانى پەۋقۇلاددە كۆپ تۇرىدۇ قىزىم، ئۇلار ۋەزىپە ئىجرا قىلىپ بولۇپ ياكى كۈندىلىك ھەربىي مەشىقنى تاماملاپ يۆلدىن ئۆتۈۋاتقان بولسا كېرەك! بەلكىم بۇ قېتىم مېۋىلەرگە قول ئۇزاتمايدىغاندەك قىلىدۇ. قورقماڭلار دەپ، قىزلارغا تەسەللى بېرىپ، يول تەرەپكە قاراپ تۇردى.
موماينىڭ دېگىنىدەك، بۇ قېتىم ئەسكەر ماشىنىلىرى توختىماي ئۆتۈپ كېتىشتى. چاڭ-توزان خېلى ئۇزاققىچە يوقىمىدى. قارىغاندا بۇ قېتىم يولدىن ئۆتكەن ماشىنىلارنىڭ سانى يىگىرمىدىن ئاشاتتى. ئەسكەرلەر بۇ قېتىم تولۇق بىر پولك ياكى باتالون بويىچە مەشىققە چىققاندەك قىلاتتى. ئۇلار مەشىقتىن كېيىن ئالدىراپ چۈشلۈك تاماققا مېڭىشقان بولسا كېرەك! ئەتراپتىكى باغ – ۋارانلارغا قول ئۇزاتىدىغان ئىشلار كۆرۈلمىدى. ئەمما، موماينى ئويلاندۇرىدىغىنى شۇ بولدىكى، ئۇلارنىڭ ماشىنىلىرىنىڭ سانى بۇ قېتىم پەۋقۇلاددە كۆپ بولۇپ، ھەربىي قىسىم تېخىمۇ كېڭەيتىلگەندەك، ئەسكەرلەرنىڭ سانى ئىلگىرىكىگە قارىغاندا نەچچە ھەسسە كۆپەيتىلگەندەك تۇراتتى.
لەڭگەر كەنتىدە كۆپىنچە دېھقانلارنىڭ باغلىق ھويلىلىرى بار بولۇپ، باغنىڭ مەلۇم بىر بۆلىكىنى كۆكتاتلىق ئۈچۈن ئايرىپ، ھەر خىل كۆكتاتلارنى تېرىپ، يازىچە ئۆزلىرىنىڭ تاماق ئېھتىياجىغا كېرەكلىك كۆكتاتلارنى ئۆز بېغىدىنلا يۇلۇپ ئەكىرىپ ئىشلىتەتتى. ئادەتتە كۆپىنچە دېھقانلار سەي-كۆكتات ئۈچۈن بازارغا بېرىپ يۈرمەيتتى. ئۆزلىرى كۆكتات تېرىپ، ئۆز ئېھتىياجىنى قامدىغاندىن باشقا، ئېشىپ قالغانلىرىنى بىر-بىرىگە ئۆتنە قىلىشاتتى ۋە بىر-بىرىگە بىكارغىلا بېرىشەتتى. ئۆز-ئارا سېتىشمايتتى. ھەپتىدە بىر قېتىم بولىدىغان جۈمە بازىرىدىلا بەزى دېھقانلار ئېھتىياجىدىن ئارتۇق سەي-كۆكتاتلارنى ئاپىرىپ سېتىپ، ئۆزىنىڭ تۇرمۇش ئېھتىياجىغا كېرەكلىك نەرسىلەرنى سېتىۋېلىپ قايتاتتى.
مەمەت قارى يېزا بازىرىدىن قايتىپ كەلدى. ئارزۇگۈل ۋە سارىخان مومايمۇ تاماققا جىددىي تۇتۇش قىلىۋاتقان بولۇپ، پىشىدىغانغا بىراز ۋاقىت بار ئىدى. مەمەت قارى قىزلىرىغا، يېزا بازىرىدىكى دۇكاندىن كەمپۈت ۋە تاتلىق-تۇرۇملارنى ئېلىۋالغان بولۇپ، ئۇلارنى بەكلا خۇشال قىلىۋەتتى.
-ھە، ئوغلۇم! ناۋايخانىنى سېتىۋالىدىغان ئىش قانداق بولدى؟-دەپ، سورىدى كۈيئوغلى مەمەت قارىنىڭ خۇشال كەيپىياتىنى سەزگەن موماي
-رەھمەت ئانا! ناۋايخانىنى سېتىۋېلىش ئىشىمىز ئوڭۇشلۇق بولدى. مەن ئۇ ئۇستام بىلەن سودىنى پۈتتۈرۈپ تەييار قىلدىم. ئەتە خۇدايىم بۇيرىسا، دېيىشكەن باھا بويىچە پۇلىنى ئاپىرىپ بېرىپ، ناۋايخانىنى ئۆتكۈزۈۋالىمەن.
-ياخشى بولۇپتۇ ئوغلۇم!-دەپ، مەمەت قارىنى تەبرىكلىگەندىن كېيىن، سارىخان موماي ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلىپ: ئوغلۇم، قوللىرىدا گۈلدەك ھۈنەرلىرى بار، ھۈنەر-كەسىپ دېگەن ئېسىل نەرسە. ھەرىكەت-بەرىكەت ئېلىپ كېلىدۇ. شۇڭا ھۈنەرنى دۇرۇس قىلىپ، خېرىدارلارنى رازى قىلىپ، ساختىلىق قىلماسلىق كېرەك! خېرىدارلار رازى بولغاندىلا، ئۇلارنىڭ رەھمىتى ۋە دۇئاسى بىلەن كاسىپلار كۆكلەيدۇ.
– بولىدۇ ئانا-دېدى مەمەت قارى قېيىنئانىسىنىڭ سۆزىنى قۇۋۋەتلەپ- ئىنشائاللاھ! مەن ھازىرغىچە ھۈنىرىمنى دۇرۇس قىلىپ كەلدىم. ھېچقاچان ساختىلىق قىلمىدىم. ئۇستاممۇ ماڭا ھۈنەرنى دۇرۇس قىلىش توغرۇلۇق كۆپ نەسىھەت قىلغان ئىدى. مەن ئۇنى قۇلىقىمدا مەھكەم ساقلاپ كېلىۋاتىمەن.
تاماق پىشقان ئىدى. ئارزۇگۈل ئىنچىكە سوزۇلغان لەڭمەننى مەمەت قارىنىڭ ئالدىغا قويغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا بىر خىل نازلىنىش ئىچىدە قاراپ قويدى. بۇ ئۇنىڭ گەپلىرىدىن رازى بولغانلىقىنىڭ ئىپادىسى ئىدى. تاماق يېيىلىپ بولغاندىن كېيىن، مەمەت قارى دۇئاغا قول كۆتۈرۈپ، ھەممەيلەن بىرلىكتە دۇئا قىلدى. ئاندىن مەمەت قارى ئارزۇگۈلگە بىر ئىشنى مەسلىھەت سېلىشنى ئويلاپ، ئۇنىڭغا ئېغىز ئاچتى: ئارزۇگۈل، ئەمدى بىز ناۋايخانىنى ئاچساق، ئاللاھ بۇيرۇسا ئىشىمىز ياخشى بولۇپ كېتىدۇ. ھەر جەھەتتىن ئېيتقاندا يېزا مەركىزىدىن ئۆي ئېلىپ كۆچۈپ كەتسەك ياخشى بولارمىكىن دەپ ئويلاۋاتىمەن، سىز قانداق دەيسىز؟
-مەنچىمىغۇ ياخشى بولاتتى، ئاپام قانداق قارايدىكىن؟-دەپ، ئانىسىغاقارىدى ئارزۇگۈل
-مەنچىمۇ ئويلىغىنىڭلار توغرا بولۇپتۇ قىزىم! ئامال بار كەنتىمىزدىن يىراقراق يەردە ياشىغىنىڭلار ياخشى. بىزگە قوشنا بولغان ھەربىي قىسىم ئۇزۇندىن بۇيان نۇرغۇن ئاۋارىچىلىكلەرنى سېلىپ كەلدى. رەھمەتلىك بوۋىڭىزنىڭ: «توخۇ ئوغرىسى ئەسكەر »تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈش ھېكايىسىنى ئوبدان بىلىسىز! ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئۇلار يەنە بىز دېھقانلارغا ئاز بولمىغان خاپىلىقلارنى سالدى. ھازىر ئۇلارنىڭ باغ-ۋارانلىرىمىزغا ئوغرىلىققا كىرىشى ئادەتتىكى ئىش بولۇپلا قالماي، ئەمدى تېخى يەنە قىز-جۇۋانلىرىمىزغا نەزەر سالىدىغان ئىشلارنىمۇ سادىر قىلىشقا باشلىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئۇلاردىن قانچە يىراق تۇرساق شۇنچە ئەمىنلىك تاپىمىز! شۇنىڭ ئۈچۈن مەن سىلەرنىڭ يېزا مەركىزىگە كۆچۈپ كېتىشىڭلارنى قوللايمەن. ئەي! ئۇلۇغ ئىلاھىم، بىزنى ئۆزۈڭ پاناھىڭدا ساقلىغايسەن، ئامىن!
-ئاتام نېمە دەيدىكىن؟-دېدى ئارزۇگۈل يەنە ئانىسىغا قاراپ-شەھەرگە يىغىنغا كەتكەن ئىدى. كېلىدىغان ۋاقتىمۇ بولۇپ قالدى. ئاتامنىڭمۇ ئىككى ئېغىز گېپىنى ئاڭلاپ باقساق بولارمىكىن؟
-بولىدۇ قىزىم، شۇنداق قىلايلى! مېنىڭچە، ئاتىڭىزمۇ بۇ ئىشقا ياق دېمەيدۇ. سىلەرنىڭ ياخشى كۈن كۆرۈشىڭلار ئۈچۈن ئاتىڭىزمۇ ئاز بولمىغان جاپالارنى تارتتى. سىلەرنىڭ بەختىڭلار-بىزنىڭ بەختىمىزدۇر! سىلەر ياخشى كۈن كۆرىدىغان، نەۋرىلىرىمىز ياخشى شارائىتقا ئىگە بولىدىغان ئىش بولسا، ئاتىڭىزمۇ ھەرگىز ياق دېمەيدۇ قىزىم! ئاتىڭىزنىڭ كېلىدىغان ۋاقتى بولۇپ قالدى. بىز ئۇ كەلگۈچە سۇيۇق-سەلەڭ بىر ئۈگرە قىلايلى!-دەپ، موماي يېڭىنى تۈرگەنچە پەشقۇنلارنى ئېچىپ، خېمىر يۇغۇرۇشقا باشلىدى. مۇھەممەتئېلى تېخى باياتىن ئۇخلاپ قالغان بولغاچقا، ئارزۇگۈلمۇ ئانىسىغا ياردەملىشىپ، بىردەمدىلا سەمەت قارى ياخشى كۆرۈنىدىغان، كاۋا توغرالغان مەززىلىك ھاردۇق ئېشى تەييار قىلدى.
دېگەندەك، ناماز ئەسىرگە يېقىن سەمەت قارى شەھەردىن قايتىپ كەلدى. ئۇ ئۆيدىكىلەرگە سالام بەرگەندىن كېيىن، ناماز ئەسىرنى ئوقوۋالدى-دە، ئاندىن داستىخانغا كېلىپ ئولتۇردى. «بىريانغاندىن گەپ سورىما، بىر ھارغاندىن» دېگەندەك، سارىخان سەمەت قارىغا ھاردۇق ئېشى ئەكېلىپ، ئالدىغا قويدى. مەمەت قارى، ئارزۇگۈل ۋە بالىلارمۇ ھەمداستىخان بولغان ئىدى. تاماق ئارىلىقىدا ھېچكىمدىن سادا چىقمىدى. ئادەتتە سەمەت قارى تاماق ۋاقتىدا ئۆز-ئارا گەپلىشىشنى ياكى بىرسىنىڭ ئۇنى-بۇنى سورىشىنى ياخشى كۆرمەيتتى. شۇڭلاشقا ھېچكىم ئۇنىڭدىن گەپ سوراشقا جۈرئەت قىلالمىدى. ئۇ ھارغىن ۋە خاپىخان كۆرۈنەتتى. بەلكى تاماقتىن كېيىن ئۆزى گەپ قىلىشى ياكى بىرسى سوئال سورىسا ئېغىز ئېچىشى مۇمكىن ئىدى.
تاماق يېيىلىپ بولغانىدى. سەمەت قارى قولىنى كۆتۈرۈپ ئۇزاقتىن- ئۇزاق دۇئا قىلدى ۋە بىر نەچچە قېتىم ئۇھ تارتىپ كەتتى. ئۇنىڭ بۇ ھالىغا چىدىمىغان سارىخان موماي ئاخىرى ئۇنىڭ ئېغىزىنى كوچىلاپ سوئال سورىدى: نېمە بوللا قارىم، سىلىگە بىرەر خاپىلىق يېتىپ قالدىمۇ؟
قاتتىق بىر ئۇھ تارتىپ قويۇپ، ئاندىن جاۋاب بەردى سەمەت قارى:
-شۇنداق، ئانىسى! ئەمدى بۇ ھۆكۈمەت دىنىمىزنىمۇ يوقىتىدىغان ئوخشايدۇ. ئۇلارنىڭ يېڭىدىن چىقارغان: «مەسچىتنى تەرتىپكە سېلىش» دېگىنى – دىنىي ئەھكاملارنى چەكلەيمىز دېگىنى ئىكەن.
– قانداق ئىكەن؟ ئېنىق دېمەملا؟-دېدى سارىخان موماي كوچىلاپ،
– ھەي، ھەي! دەپ، چىشنى-چىشلىگەنچە جاۋاب بەردى سەمەت قارى – بۇنىڭدىن كېيىن مەسچىتتە ھەر قانداق ۋاقىتتا، ھەتتا جۈمە نامىزىدىمۇ ئەزان توۋلاشقا بولمايدىكەن. ئەتىدىن باشلاپ مەسچىت گۈمبىزىنىڭ ئۈستىگە كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ قىزىل بايرىقى قادىلىدىكەن. قۇببە، ئايۋان، پەشتاقلارغا يېزىلغان ئايەتلەر ئۆچۈرۈلىدىكەن. قۇرئان كېرىم، ھېدىس ۋە ھەپتىيەكلەر ھەممىسى يىغىۋېلىنىدىكەن. مەسچىتكە ھەر كىمنىڭ خالىغانچە كىرىپ-چىقىشىغا بولمايدىكەن. مەسچىتكە ناماز ئوقۇغىلى كەلگەنلەرنىڭ يېشى ئون سەككىزدىن يۇقىرى بولۇشى كېرەك ئىكەن. ئۇنىڭدىن كىچىكلەر، بولۇپمۇ ئۆسمۈرلەر مەسچىتكە كىرىپ ناماز ئوقۇشقا بولمايدىكەن. بالىلارغا دىنىي تەلىم-تەربىيە بېرىشكە تېخىمۇبولمايدىكەن. ئەگەر كىمدە-كىم، يوشۇرۇنچە دىنىي تەلىم – تەربىيە ئېلىپ بارسا، دۆلەت قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىق بولۇپ جازالىنىدىكەن. ھەممىسى مۇشىلىمىكەن دېمەڭلار-دېدى سەمەت قارى يەنە ساقىلىنى سىلاپ، مېنىڭ مۇشۇ ساقىلىممۇ ھازىرقى تەرتىپكە سېلىش دائىرىسى ئىچىگە كىرگۈزۈلۈپتۇ. ساقال بۇنداق ئۇزۇن قويۇلسا بولمايدىكەن. كىمدە-كىم ئۇزۇن ساقال قويسا، مەجبۇرى كېسىپ تاشلىنىدىكەن.
– قانداق ھۆكۈمەت بۇ؟ ئۇنىڭدىن كۆرە، بىز دىننىي يوقىتىمىز، مۇسۇلمانلىقتىن ۋاز كېچىڭلار! دەپ، ئوچۇقلا ئېيتسا بولمامدۇ؟-دېدى سارىخان مومايمۇ بۇ يېڭى سىياسەتكە نارازى بولۇپ،
-بۇنىڭ بىلەنلا بولدى قىلمايدىغان ئوخشايدۇ تېخى-دېدى سەمەت قارى ئېسىگە كەلگەنلىرىنى يەنە ئارقىسىغا ئۇلاپ-ئەمدى دەپتەر تۇتۇپ، مەسچىتكە كىرىپ-چىققانلارنى تىزىملايدىكەنمىز، باشقا يۇرتلاردىن كەلگەن يوچۇن ئادەملەرنىڭ مەسچىتكە كىرىشىگە رۇخسەت يوق ئىكەن. ئەگەر يۇچۈن ئادەملەر بايقىلىپ قالسا، ئۇلارنى دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلىشىمىز كېرەك ئىكەن!
– بۇ نېمە دېگەن گەپ؟ مەسچىت دېگەن: «خۇدانىڭ ئۆيى، خالىس ئىبادەت قىلىدىغان جاي» تۇرسا، ئۇ كىرسە بولمايدۇ، بۇ كىرسە بولىدۇ دېگەنمۇ گەپمۇ ؟ ئادەم دېگەن مەسچىتكە ناماز ئوقۇغىلى كىرىدۇ. مەسچىتكە پەقەت پاك-دىيانەتلىك، مۆمىن كىشىلەرلا كىرىدۇ. ئەسكى ئادەملەرنى سۆرەپمۇ ئەكىرگىلى بولمايدۇ – دېدى مەمەت قارىمۇ نارازىلىقىنى بىلدۈرۈپ،
– ۋاي خۇدايىم! جاھان نېمە بولۇپ كېتىپ بارىدۇ؟-دېدى ئارزۇگۈل ياقىسىنى چىشلەپ – ئەمدى بالىلارنى ئۆز دىنىمىزدا ئوقۇتالمىساق، ئۇلار ئەخلاقنى نەدىن ئۆگىنىدۇ؟ دىندىن بىخەۋەر قالغان بالىلار-دىنسىز بولۇپ كەتمەمدۇ؟
– شۇنداق، بالىلىرىم!-دېدى سەمەت قارى ئاخىرىدا يەنەقوشۇمچە قىلىپ ۋە باياتىن بۇيان بولغان تالاش – تارتىشنى خۇلاسىلىمەكچى بولۇپ، -بۇ ھۆكۈمەت دىنىمىزنى يوقىتىپ، بىزگە ئوخشاش-دىنسىز، كاپىر بولۇپ ياشاڭلار دېمەكچى بولۇۋاتىدۇ. ئەمما بىز دىنىمىزدىن ھەرگىزمۇ ۋاز كەچمەسلىكىمىز كېرەك! تەقۋالىق، ئىمان دېگەن ئادەمنىڭ قەلبىدە بولىدۇ. ئۇلار بىزنىڭ قەلبىمىزگە قۇلۇپ سېلىپ قويالمايدۇ. ئۇنداقكەن، بىزنىڭ بۇ مۇقەددەس دىنىمىز ھەرگىزمۇ يوقالمايدۇ. ئەي، ئۇلۇغ ئىلاھىم! بىز مەزلۇملارنى-زالىملارنىڭ شەررىدىن، دىنسىز، كاپىر بولۇپ ياشاشتىن، ئۆز پاناھىڭدا ساقلىغايسەن!
خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭىدىن چىقارغان «مەسچىتنى تەرتىپكە سېلىش»ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇش بۇ ئائىلىدە يۇقىرىقىدەك قىسقىچە مۇنازىرىگە سەۋەبچى بولغانىدى. مۇنداقچە ئېيتقاندا، بۇنى مۇنازىرە دېگەندىن كۆرە، نارازىلىق دېيىشكىمۇ بولاتتى. بىر ئائىلىدە بۇنچىلىك نارازىلىق كېلىپ چىققان يەردە، ئەتە-ئۆگۈن بۇ ئىش جامائەتكە تارقالسا، قانچىلىك نارازىلىق كېلىپ چىقار؟ ئۇنىڭغا ھازىرچە بىر نېمە دېگىلى بولمايتتى. ئەمما شۇ نەرسە ئېنىقكى، كوممۇنىستىك پارتىيە ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ قىلىۋاتقانلىرى-خەلقنىڭ ھېسسىياتىغا بىۋاسىتە چېقىلغانلىق، ھەق-ھوقۇقىنى پايخان قىلغانلىق بولۇپ ھېسابلىناتتى. يەنە شۇنىمۇ كەسكىن ئېيتىشقا بولىدۇكى، بۇ كوممۇنىست ھۆكۈمەتنىڭ دىنغا قىلىۋاتقان توسقۇنلىقلىرى پەقەت بىر باشلىنىش بولۇپ، ئۇلار ئەسلىدە پۈتۈن دىنلارنى، ھەتتا دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارنىمۇ يوقىتىشنى مەقسەت قىلماقتا ئىدى.
سەمەت قارى ئادىتى بويىچە، بۈگۈنمۇ يەنە قاق سەھەردىلا ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى. ئەزان توۋلاش چەكلەنگەنلىكتىن، ئەزان ئاۋازىمۇ ئاڭلانمىغان ئىدى. ئۇ ئاستا تاھارەت ئېلىپ، ھويلىسىغا چىقىپ، باغ تەرەپكە قاراپ پەس ئاۋازدا ئۆزى ئەزان توۋلىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆيگە كىرىپ، سارىخان موماي، كۈيئوغلى مەمەت قارى بىلەن بىرلىكتە ئائىلە جامائىتى بولۇپ، بامدات نامىزىنى ئۆيىدىلا ئوقۇۋالدى.
سەمەت قارى بەكلا جىمىغۇرلىشىپ كەتكەن ئىدى. بىر ئادەم گەپ قىلمىسا، ئۇ ئۆزى گەپ قىلمايتتى. بۇنىڭدىن ئىچى سىقىلغان سارىخان موماي ئۆزىلا گەپ تەشتى:
– سەمەت قارى، بۈگۈن جۈمە كۈنىغۇ؟ بىرلىك سەپ بۆلۈمى جۈمە نامىزىنى ئوقۇش ئۈچۈن مەسچىتنى ئېچىپ بېرەرمۇ؟
– مەنمۇ شۇ غەمدە قالدىم-دېدى سەمەت قارى گەدىنىنى قاشلاپ، ھېلىغىچە بۇ ئىش ئايدىڭ بولىدۇ. جامائەت ئىچىدىمۇ بۇ ھەقتە غۇلغۇلا بولۇۋاتىدۇ. ئەگەر بۈگۈن جۈمە نامىزىغا مەسچىتنى ئېچىپ بەرمىسە، خەلق تەرىپىدىن قارشىلىق كېلىپ چىقىشى مۇمكىن.
– شۇنداقمۇ بولارمۇ ؟ ئەمما بۇ ھۆكۈمەت بىلەن قارشىلىشىپ پايدا ئالغىلى بولمايدۇ – دېدى سارىخان موماي ئەندىشىسىنى بىلدۈرۈپ، سىلى ئىمام بولغاندىكىن، بىر چەتتەراق تۇرسىلا، بىر ئىش بولۇپ قالسا، ھەممە ئىشنى سىلىگە دۆڭگەپ، تۆھمەت قىلىدۇ. بۇ ئىشنى: « سىلىنى قوزغاپ چىقتى»دېيىشتىن يانمايدۇ.
-ئۇنداق دېگەنلىرى بىلەن-دېدى سەمەت قارى ئاستا ساقىلىنى سىلاپ قويۇپ، ئىمام بولغان كىشى تۈگۈلۈپ يېتىۋالسام تېخى بولمايدۇ-دە، ئۇ چاغدا جامائەت باشسىز قالمامدۇ؟ مەيلى بېشىمغۇ نېمە كەلسە–كەلسۇن؟ مەن بۈگۈن ئۆيدىن چىقىمەن، جامائەت يىغىلغاندا ئۇلار بىلەن بىللە«بىرلىكسەپ بۆلۈمى»گە بېرىپ، مەسچىتنىڭ ئېچىپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىمەن. بىزدە: « مەرتنى – مەيداندا سىنا»دېگەن گەپ بار. مەن بۇ ئىشتا جامائەتنى ئالدىغۇ چىقىرىپ قويۇپ، ئۆزۈم ئارقىدا قاراپ تۇرالمايمەن.
– بۇ گەپلىرىغۇ بەكمۇ توغرا-دېدى باياتىن بۇرۇن جىمجىت قاراپ ئولتۇرغان مەمەت قارى گەپ قوشۇپ بىز دىنىمىزنى قوغداش ئۈچۈن بېشىمىزغا نېمە كەلسە شۇنى كۆرۈشىمىز كېرەك!«بىرلىكسەپ بۆلۈمى»نىڭ بۇ قىلغىنى توغرا بولمىدى. ھېلىمۇ، بىر ھەپتە بولدى. مەسچىت تاقاقلىق تۇرغىلى. ئەمدى ئۇلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ، تەلەپلىرىمىزنى سۇنۇشىمىز كېرەك! بولمىسا ئۇلار، مەسچىتىمىزنى شۇ پېتىلا تاقاپ قويۇشى مۇمكىن! مەنمۇ يېزا مەركىزىگە بارغاندا نېمە ئىشلار بولۇۋاتىدۇ؟-دەپ تىڭتىڭلاپ باقاي، بەلكىم بىرەر خەۋەر ئېلىپ كېلىشىم مۇمكىن!
– ھە-ئە، بالام توغرا دەيلا-دېدى سارىخان موماي، بىر نەچچە كۈن ئۆيدىن چىقماي، ۋەزىيەتتىن خەۋەرسىز قالدۇق، ئىمكان بولسا، ھۆكۈمەت نېمە دەۋاتىدۇ؟ جامائەت نېمە قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ؟ شۇنى بىر تىڭتىڭلاپ باقسىلا بالام! ناشتىلىقنى قىلىۋېلىپلا ماڭسىلا، ئاتىلىرى ئالدىرىماي بارسۇن! جۈمەگە تېخى خېلى ۋاقىت بار.
– بولىدۇ ئانا-دېدى مەمەت قارى سارىخان موماينىڭ گېپىگە ماقۇللۇق بىلدۈرۈپ، مەن جۈمە نامىزىنىڭ ۋاقتى بولغىچە قايتىپ كېلىمەن.
مەمەت قارى ئۆيدىن يولغا چىقىپ، پىيادىلا مېڭىپ، يېرىم سائەت ئۆتمەيلا يېزا بازىرىغا يېتىپ كەلدى. ئۇ ئالدىنقى كۈنى دېيىشكەن ناۋايخانىنى ئىلگىرى ئېچىۋاتقان ئۇستام بىلەن دېيىشكەن بويىچە پۇلنى تاپشۇرۇپ، توختام بىلەن دۇكاننى سېتىۋېلىش ئىشىنى تاماملىدى. ئاندىن ئۇ ئۇستامنىڭ كۆرسەتكىنى بويىچە يېقىن ئەتراپتىكى بىر نەچچە يەردىكى ئۆيلەرنى كۆرۈپ، باغ-ھويلىلىق بىر ئۆينى ئىگىسى بىلەن سۆزلىشىپ، يېڭى ئايدىن باشلاپ كۆچۈپ كىرىدىغانلىقى ھەققىدە بىر-بىرى بىلەن كېلىشىپ، ئىجارىگە ئېلىش توختامى تۈزۈپ قايتىپ چىقتى.
ئۇ ئەمدى بازار ئارىلاپ كېتىۋاتاتتى. يېزا مەركىزىدە ئىشلەيدىغان بىرەر تونۇشى ئۇچراپ قالسا، ئۇنىڭ ئالدىنى توسۇپ ياكى تاماققا تەكلىپ قىلىپ، ۋەزىيەت ھەققىدە ئۇچۇر ئىگىلەپ بېقىشنى نىيەت قىلغان ئىدى. شۇڭا، تۆت ئەتراپقا نەزەر سېلىپ، ئاستا ماڭماقتا ئىدى. توساتتىن يېزىنىڭ سىياسىي قانۇن بۆلۈمىدە ئىشلەيدىغان بىر كادىر بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى. بۇ كادىر كىشى ئەسلىدە مەمەت قارى بىلەن قوشنا كەنتتىن بولۇپ بولۇپ، ئىلگىرى بىر مەكتەپتە-قوشنا سىنىپتا بىرگە ئوقۇغان ئىدى. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئاداش – ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام!-دەپ، ئۇلار ئۆز-ئارا سالاملاشقاندىن كېيىن، مەمەت قارى ئۇ كادىرنى بىللە تاماق يېيىشكە سامسىخانىغا تەكلىپ قىلدى.
بۇيرۇتقان سامسىلار كېلىپ، بىراز قورساق ئەستەرلەنگەندىن كېيىن، چاي ئىچكەچ ئولتۇرۇپ، مەمەت قارى ئۆز مەقسىتى بويىچە گەپ تەشتى :
-كادىر ئاداش، ھازىر ۋەزىيەت قانداقراق؟ خىزمىتىڭلار جىددىمۇ؟
– ۋاي، بىر دېمەڭلار ئاداش! كادىر بولغانغىمۇ تويدۇق، سىلىدەك بىر ھۈنەرۋەن بولۇپ قالغان بولساقچۇ كاشكى، ھازىر 24 سائەت دىجۈرنىلىكتە تۇرىدىغان تۈزۈم يولغا قويۇلدى. شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى ۋە سىياسىي قانۇن كومىتېتى بىرلىكتە ئېلىپ بېرىۋاتقان: « 100 كۈنلۈك قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى»نىڭ بۇ يىللىق ئاخىرقى باسقۇچىغا قەدەم قويدۇق.
– «يۈزكۈنلۈك قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى» دېدىڭلارمۇ ؟ ئۇ قانداق ھەرىكەت ئىكەن؟
-«يۈز كۈنلۈك قاتتىق زەربە يۇيۇش ھەرىكىتى»يولغا قويۇۋاتقىلى بىر نەچچە يىل بولدى. بۇ يىلقىسى تۆتىنچى قېتىملىقى، بۇنىڭدا ئاساسلىقى «ئۇچ خىل كۈچ»كە زەربە بېرىش نىشان قىلىندى.
– ھە-ئە، شۇنداقمۇ؟ «ئۈچ خىل كۈچ» دېگىنىڭلار كىملەر؟ ئۇلارنى نەدىن تاپىسىلەر؟
«ئۈچ خىل كۈچ »دېگىنىمىز-دىنى ئاشقۇنلار، مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە تېررورچى ئۇنسۇرلاردۇر. -ئۇلار دىننى باھانە قىلىپ، ھۆكۈمەتكە قارشى چىققان، ئەكسىيەتچى تەشكىلات قۇرۇپ، دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنغان، تارىخنى بۇرمىلاپ:يېڭى چېگرادا ئىلگىرى نۇرغۇن مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇلغان بولۇپ، تېخى20. ئەسىردىلا ئىككى قېتىم مۇستەقىل جۇمھۇريەت قۇرۇلغان. بىز چوقۇم ئىلگىرى قۇرۇلغان: « شەرقىي تۈركىستان دۆلىتى»نى ئەسلىگە كەلتۈرىمىز-دەپ، گۇرۇھ ئۇيۇشتۇرۇپ، تەشكىللىك بۇزغۇنچىلىق ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، دۆلەتنىڭ بىرلىكىگە قارشى چىققانلاردۇر. بۇ قېتىملىق ھەرىكەتتە ئۇنداقلاردىن نۇرغۇن كىشى تۇتقۇن قىلىندى.
– ئۇلار نەدىكەن؟ بىز ئۇلارنى ئەجەب بىلمەيدىكەنمىزغۇ؟
– ئۇلار «مەن بۆلگۈنچى»-دەپ كوچىلاردا جار سېلىپ يۈرمەيدۇ ئاداش، ئۇلار بىر نەچچىسى بىر بولۇپ، ئاخشام ۋە كېچىلەردە مەخپىي ئۆيلەرگە يىغىلىشىپ، ئۆز-ئارا تارىخ، جەمئىيەت ۋە سىياسىي ۋەزىيەت ھەققىدە سۆزلىشىدۇ. دىنىي تەبلىغ ئاڭلىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تەشكىلات قۇرۇپ، ھۆكۈمەتكە قارشى چىقماقچى بولىدۇ. بىز ئۇلارنىڭ ئارىسىغا ئۆزىمىزنىڭ كۆز- قۇلاق بولىدىغان ئادەملىرىمىزنى يوشۇرۇن كىرگۈزۈپ قويىمىز. ئۇلار بىر نەچچە قېتىملىق شۇنداق پائالىيەتكە قاتنىشىپ، يالغاندىن مەخپىي ئەزا بولغان بولىۋالىدۇ-دە، ئۇلارنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرىنى ئىگىلەپ، بىزگە مەلۇم قىلىپ تۇرىدۇ. ئاندىن كېيىن، بىز ئۇلارنى بىر نەچچە ۋاقىت مەيلىگە قويۇپ بېرىپ، تورنى كەڭ يېيىپ، ئاخىرىدا تورنى بىراقلا يىغىمىزدە، شۇنىڭ بىلەن ھەممىسى بىراقلا قولغا چۈشىدۇ.
– ھە-ئە، مۇنداق دەڭلار! ئۇنداقتا دىنىي ئاشقۇنلۇق دېگىنىڭلارچۇ؟ ھۆكۈمەت «خەلقنىڭ دىنىغا ئېتىقاد قىلىش ئەركىنلىكى بار»دەۋاتاتتىغۇ؟ ئەمدى بولغاندا ئۇلار نېمىشقا تۇتۇلىدۇ؟
– ئاداش، بىلمەسلىككە سېلىۋېلىپ، گەپنى سوراۋېرىدىكەنسىلە! بۇ مېنىڭ ئاخىرقى جاۋابىم بولۇپ قالسۇن: دىنىي ئاشقۇنلۇق دېگىنىمىز – ھۆكۈمەت چەكلىگەن يەر ئاستى مەكتەپلەرنى قۇرغان. مەخپىي بالا ئوقۇتقان، دىننى-سىياسەتتىن ئايرىم ئورۇنغا قويۇۋالغان. ھۆكۈمەتنىڭ مەسچىتنى تەرتىپكە سېلىش ئىشلىرىغا، پارتىيەنىڭ دىنىي سىياسىتىگە قارشىلىق قىلىنغان قىلمىشلاردۇر.
– ھە-ئە، مۇنداق دەڭلا! ئۇنداقتا: «مەسچىتنى تەرتىپكە سېلىش ئىشى» غا نارازىلىق بىلدۈرگەنلەر قانداق بولىدۇ؟
– مانا ئەمدى بىراز چۈشەنگەندەك قىلدىڭلار، «مەسچىتنى تەرتىپكە سېلىش ئۇقتۇرۇشى» غا قارشى قارشى چىققانلارمۇ-دەل دىنىي ئاشقۇنلاردۇر. ئۇلارمۇ تۇتقۇن قىلىنىش ئوبيېكتىغا كىرگۈزۈلىدۇ.
مەمەت قارىنىڭ يۈرىكى قارتتىدە قىلىپ قالدى. ئۇنىڭ كاللىسىغا قېيىناتىسى سەمەت قارىنىڭ : «دىنىي ئاشقۇن » دەپ قارىلىپ، تۇتقۇن قىلىنىش ئېھتىماللىقى كاللىسىغا كېلىۋالغان ئىدى. يەنە ئۇنىڭدىن ئاخىرقى سوئالنى سوراپ بىلىۋالغۇسى كېلىپ، گەپنى سەل ئەگىتىپراق مۇنداق سورىدى: – ئاڭلىسام، بىزنىڭ كەنتتىكى مەسچىتنىڭ تاقىلىشىغا قارىتا، جامائەت نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭغا قارشى گەپ-سۆزلەردە بولىۋېتىپتىمىش، ئەگەر بۈگۈن جۈمەدە-جامائەت ناماز ئوقۇش ئۈچۈن يىغىلسا، مەسچىت ئېچىپ بېرىلەمدۇ؟
– ياق، ئاداش! بۈگۈنمۇ تېخى جۈمە نامىزى ئوقۇشقا: «مەسچىت ئېچىپ بېرىلىدۇ»دېگەن ئۇقتۇرۇش كەلمىدى. ئەگەر كىمدە – كىم مەسچىت ئالدىغا يىغىلىپ، توپلىشىپ ناماز ئوقۇماقچى ياكى قالايمىقانچىلىق چىقارماقچى بولسا: « دىنىي سورۇنلاردىن پايدىلىنىپ، جەمئىيەتتە قالايمىقانچىلىق چىقارماقچى بولغان»دەپ قارىلىپ، تۇتقۇن قىلىنىشى مۇمكىن!.
بۇيرۇتقان سامسىلارمۇ يېيىلىپ بولۇنغان ئىدى. مەمەت قارى يەنە ئۆيدىكىلەرگىمۇ بىر بولاق سامسا ئېلىۋالدى-دە، سىياسىي قانۇن كادىرىنى ئۆزى تاماققا تەكلىپ قىلغانلىقى ئۈچۈن ھەممە پۇلنى ئۆز يېنىدىن تۆلىۋېتىپ، ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىپ، بالدۇرراق ئۆيگە قايتىپ بېرىپ، باياتىن ئالغان خەۋەرلەرنى قېيىنئاتىسى سەمەت قارىغا يەتكۈزۈپ، ئۇنى ئاگاھلاندۇرماقچى بولۇپ يولغا چىقتى.
مەمەت قارى قايتىشتا ناھايىتىمۇ تىز مېڭىپ، بىر ئاش پىشىم ۋاقىت ئىچىدىلا ئۆيگە قايتىپ كەلدى. ئۇ ئۆيگە كىرىپلا، ئېلىپ كەلگەن سامسىلارنى داستىخانغا قويغاندىن كېيىن، ئارزۇگۈلدىن ئاتىسىنىڭ قەيەرگە كەتكەنلىكىنى سورىدى.
ئارزۇگۈل مەمەت قارىنىڭ بىر ئىشتىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى سەزگەندەك، ئۇنىڭ كۆزىگە سوئال نەزىرىدە قاراپ جاۋاب بەردى:
-بىر نەچچە مەسچىت جامائەتى كېلىپتىكەن. ئاتام ئۇلار بىلەن بىللە بۈگۈنكى جۈمە نامىزىنى ئوقۇش ئۈچۈن ماڭدى بولغاي، ئۇلارنىڭ پارىڭىدىن بىلىشىمچە، بۈگۈن جۈمە نامىزى ئوقۇش ئۈچۈن-مەسچىت چوقۇم جامائەتكە ئېچىلىپ بېرىلىشى كېرەك ئىكەن. سىزچە شۇنداق بولارمۇ؟
– ئۇنداق بولمايدىكەن ئارزۇگۈل – دېدى مەمەت قارى جىددىيلەشكەن قىياپەتتە، بىراز ئىلگىرى يېزا مەركىزىدە مەن بىر سىياسىي قانۇن كادىرى بىلەن سۆزلەشكەن ئىدىم. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، مەسچىتنى تەرتىپكە سېلىشى تېخى تاماملانماپتۇ. ئۇنىڭ ئۈچۈن مەسچىت بۈگۈن جۈمە نامىزىغا ئېچىپ بېرىلمەيدىكەن. ئەگەر ئېچىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، جامائەت ئەرز قىلسا، ئۇلارغا: « جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزغان »دېگەن قالپاق كىيدۈرۈلۈپ، تۇتقۇن قىلىنىشى ئېھتىمالى بار ئىكەن. شۇڭا بۈگۈن ئۇ يەردە بىرەر ۋەقە چىقىپ قېلىش ئېھتىمالى بولۇشى مۇمكىن! ئارزۇگۈل مەن دەرھال ماڭاي، مەسچىتكە بېرىپ، ئاتامغا نەسىھەت قىلىپ، ئۇنى قايتۇرۇپ ئېلىپ كېلەي!
– ماقۇل، شۇنداق قىلىڭ!-دېدى ئارزۇگۈل قوشۇلۇپ،
مەمەت قارى ئۆيدىن چىقىپ بىردەمدىلا كەنت مەسچىتىگە يېتىپ كەلدى. مەسچىت ئالدىدا نۇرغۇن كىشىلەر يىغىلىشقان ئىدى. ئۇلارنىڭ ئالدىنى ئون نەچچە نەپەر ساقچى توسۇپ تۇرۇۋاتقان بولۇپ، روبورو قارشىلىق ھالىتى شەكىللەنگەن ئىدى. شۇ ئەسنادا مەمەت قارىنىڭ كۆزى مەسچىت قۇببىسىنىڭ ئۈستىگە تاقالغان قىزىل بايراققا چۈشتى. مەسچىت پەشتېقىغا ھۆسنخەت قىلىپ يېزىلغان ئايەتلەرمۇ ئېلىۋېتىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا قىزىل رەڭدە يېزىلغان: « مەسچىت باشقۇرۇش نىزامنامىسى » دېگەن بىر تاختاي ئېسىپ قويۇلغان ئىدى. مەسچىت ئىشىكى بولسا، قۇلۇپلاقلىق تۇراتتى.
مەمەت قارى قېيىن ئاتىسى سەمەت قارىنى ئىزدەپ، جامائەت سېپىگە ئىنچىكە سەپسېلىپ قارىۋىدى، سەمەت قارىنى سەپنىڭ ئەڭ ئالدىدىكى بىرىنچى قۇرنىڭ ئوتتۇرىسىدا كۆردى. ئۇ يان تەرەپتىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ، ئاستا سەمەت قارىنىڭ قېشىغا قىستىلىپ كىردى-دە، ئۇنىڭ قۇلىقىغا ئۆزى ئىگىلىگەن ۋەھىمىلىك ئۇچۇرلارنى يەتكۈزۈپ، قايتىپ كېتىشكە دەۋەت قىلدى. سەمەت قارى كۈيئوغلىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىنى كەسكىنلىك بىلەن رەت قىلىپ مۇنداق دېدى :
– ئوغلۇم! خۇددى پادىنىڭ سەركىسى بولغاندەك، جامائەتنىڭمۇ بېشى بولىدۇ. مەسچىتنىڭ ئىمامى بولغان كىشى – جامائەتنىڭ بېشىدۇر. مەن جامائەتكە ۋەكىللىك قىلىمەن. ئۇلارنىڭ تەقدىرى مېنىڭ تەقدىرىمدۇر. بىز مۇسۇلمانلار تەقدىرگە ئىشىنىمىز. ئاللاھ نېمىنى تەقدىر قىلسا-شۇ بولىدۇ. شۇڭا مەن جامائەتنى تاشلاپ قويۇپ قايتىپ كېتەلمەيمەن-دېدى ۋە: ئوغلۇم سىلى قايتىپ كەتسىلە، بالىلار ئۇششاق، مەن يېشىم بىر يەرگە بېرىپ قالغان ئادەم، ھەر قانداق ئىش بولسا، مېنىڭ بېشىمغا كەلسۇن!-دەپ ئۇنىڭ بىلەن خوشلاشتى.
مەمەت قارى قېينئاتىسى سەمەت قارى بىلەن خوشلىشىپ، جامائەتنىڭ ئارقا تەرىپىگە كېلىپ: «نېمە ئىش بولۇپ كېتەر؟» دەپ ئەندىشە ئىچىدە قاراپ تۇردى. بىرئازدىن كېيىن، كەپكە شەپكىلىك ئىككى كىشى، يالاڭ باشتاق، پاناق بۇرۇن بىر كىشىنى ئوتتۇرىغا ئېلىپ، پەشتاقتا پەيدا بولدى.
ئۇ كۆزئەينەكلىك كىشى مۇشۇ يېزىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى سوڭ دېگەن كىشى بولۇپ، ئۇ كۆزەينىكىنى ئۈستىگە كۆتۈرۈپ قويۇپ خىرقىراق ئاۋازدا سۆزلەشكە باشلىدى: جامائەت شۇنى بىلىپ قېلىڭلاردىكى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تەرىپىدىن چىقىرىلغان: «پارتىيەنىڭ يېڭى دىنىي سىياسىتى » پۈتۈن يېزا-قىشلاقلاردا بىر تۇتاش يولغا قويۇلىدۇ. ئۇنىڭ مۇھىم نۇقتىسى شۇكى، بارلىق دىنىي پائالىيەتلەر-پارتىيەنىڭ دىنىي سىياسىتىگە ئۇيغۇن ھالدا ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك! مەسچىتلەر يېڭىدىن تەرتىپكە سېلىنىدۇ. يېزىلىق بىرلىك سەپ بۆلۈمى تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن مەخسۇس ئىماملارنىڭلا – ئىماملىق قىلىشىغا بولىدۇ. مەسچىتتە بالا ئوقۇتۇشقا، بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ رۇخسىتىسىز، ھېچقانداق دىنىي پائالىيەتلەرنى قىلىشقا، بولۇپمۇ، قورئان-ھەدىسلەردىن خالىغانچە تەبلىغ قىلىشقا بولمايدۇ. جۈمە خۇتۇبسىدا نېمىنىڭ ئوقۇلۇشى، قانداق خەتنى قۇرئان قىلىنىشى، تەبلىغ قىلىشلار، دۇئالار – بىرلىك سەپ بۆلۈمى تەرىپىدىن بەلگىلىنىپ بېرىلىدۇ. 18 ياشتىن تۆۋەنلەر مەسچىتكە كىرىشكە بولمايدۇ. باشقا جايلاردىن كەلگەنلەر، بولۇپمۇ چەت ۋىلايەت-ناھىيىەلەردىن كەلگەنلەر بولسا، دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلىنىشى كېرەك! چەت ئەللىكلەرنىڭ خالىغانچە مەسچىتنى زىيارەت قىلىشىغا بولمايدۇ. چەت ئەللىكلەر بىلەن بىلەن پارتىيىەنىڭ دىنىي سىياسىتى ھەققىدە سۆزلىشىشكە، ئۇلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىشكە بولمايدۇ. ئاياللارنىڭ مەسچىتكە كىرىشىگە بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ توپلىشىپ ناماز ئوقۇشى چەكلىنىدۇ. ناماز ۋاقتىدىن باشقا ۋاقىتتا مەسچىت ئىشىكىگە قۇلۇپ سېلىپ تاقىلىدۇ. ھېچكىمنىڭ خالىغانچە كىرىپ-چىقىشىغا بولمايدۇ. مەسچىتكە خالىغانچە ئايەتلارنى ئېسىشقا، نەزىر-چىراغ ئۆتكۈزۈشكە بولمايدۇ. بارلىق دىنىي كىتابلار يىغىۋېلىنىدۇ. مەن ئاخىرىدا شۇنى جاكارلايمەنكى، كېلەر ھەپتىدىن باشلاپ مەسچىت جۈمە نامىزى ئۈچۈن ھەپتىدە بىر قېتىم ئېچىلىدۇ. باشقا ۋاقىتتا تاقىلىدۇ.
سېكرېتارنىڭ سۆزى تۈگىگەندىن كېيىن، جامائەت ئارىسىدا قاتتىق غۇلغۇلا كۆتۈرۈلۈشكە باشلىدى. جامائەت ئىچىدىكى ھەر كىشى ئۆزىنىڭ خىيالىغا كەلگەنلىرىنى يېنىدىكىلەرگە دەۋاتاتتى. ھېچكىمنىڭ گېپىنى ئېنىق بىلگىلى بولماياتاتتى. بىر چاغدا يېزا باشلىقى بولسا كېرەك! بېشىغا كەپكىسىنى چۆكۈرۈپ كىيىۋالغان بىر كىشى ئۇيغۇرچە مۇنداق دېدى: ئاراڭلاردىن بىرسىڭلار چىقىپ، پىكىرىڭلارنى دېسەڭلار بولىدۇ. سوڭ سېكرېتارنىڭ ۋاقتى قىس، ھەممە كىشىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ بولالمايدۇ.
بۇ ۋاقىتتا مەسچىت ئىمامى سەمەت قارى سەپنىڭ ئالدىغا چىقىپ، ئۇنىڭ گېپىگە جاۋابەن مۇنداق دېدى:
– ياق، بولمايدۇ. بىز سوڭ سېكرېتارنىڭ دېگەنلىرىنى قوبۇل قىلالمايمىز، مەسچىت بەش ۋاقلىق ناماز ئۈچۈن ھەر كۈنى ئوچۇق تۇرۇشى كېرەك! جۈمە نامىزىنى ھەممە كىشى ئوقۇيالىشى كېرەك. بىز مۇسۇلمانلار دىنىي ئىبادەتلىرىمىزنى خالىغان ۋاقتىدا قىلالىشىمىز كېرەك! قۇرئان كېرىم قاتارلىق دىنىي كىتابلار ئۆز ۋاقتىدا ھۆكۈمەتنىڭ رۇخسىتى بىلەن نەشر قىلىنغان ياكى چەت ئەلدىن قانۇنلۇق ئېلىپ كېلىنگەندۇر. ئۇلارنى يىغىۋېلىشىڭلارغا بولمايدۇ. ئەگەر بۇ تەلىپىمىزنى ئورۇندىمىساڭلار-بىزنىڭ دىنىي ئىبادەت ئەركىنلىكىمىزگە يول قويمىغان بولىسىلەر. بىز بۇنى ئەسلا قوبۇل قىلالمايمىز. سىلەر خەلق ئاممىسىنىڭ ھەققانىي تەلەپلىرىگە قۇلاق سېلىشىڭلار كېرەك! ئۇنداق بولمىسا، بىزمۇ سىلەرنىڭ گېپىڭلارغا قۇلاق سالمايمىز!
سەمەت قارىنىڭ بۇ تەلەپلىرىنى ئاڭلىغان پارتكوم سېكرېتارى سوڭنىڭ چىرايى تاتىرىپ كەتتى ۋە بىردىنلا يېنىدىكى كەپكىلىك يالاقچىلىرىغا كايىغاندەك، ئۆز تىلىدا بىر نېمىلەرنى دەپ غۇدىڭشىغانچە، ئەتراپىدىكى غالچىلىرىنى ئېلىپ، يېزىلىق ھۆكۈمەت ئىشخانىسى تەرەپكە قاراپ كېتىشتى.
ئارىدىن بىرەر سائەتتەك ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ، ئۇلار قايتىدىن جامائەت ئالدىغا چىقىشمىدى. جامائەتمۇ مەسچىت ئالدىدىن تارقىلىپ كېتىشمىدى. بەلكى ئۆز-ئارا مۇنازىرە قىلىشىپ ۋە ئۆزلىرىنىڭ تەلەپلىرىنىڭ ھەققانىي ئىكەنلىكىنى دېيىشىپ، ئادىل بىر جاۋاب كۈتۈۋاتاتتى.
بىر چاغدا جامائەت ھېچقاچان كۆرۈنۈپ باقمىغان بىر كىشى ئۆزىنى: «مەن شەھەرلىك بىرلىك سەپ بۆلۈمى»نىڭ باشلىقى دەپ تونۇشتۇرۇپ ئېغىز ئاچتى :
– ھەي، جامائەت! ئەمدى قايتىپ كېتىڭلار! ئەگەر يەنە قايتىپ كەتمىسەڭلار، سىلەرنى« توپىلاڭ چىقارماقچى بولۇۋاتىدۇ » دەپ يۇقىرىغا مەلۇم قىلىمىز، ئۇ چاغدا سىلەرنىڭ ئاقىۋىتىڭلار ياخشى بولمايدۇ. خەلق ساقچىلىرى ئۆزىنىڭ كۈچىنى كۆرسىتىشكە مەجبۇر بولۇپ قالىدۇ. ئەگەر تارقىلىپ كەتمەي يەنە قارشىلىقنى داۋاملاشتۇرساڭلار، بىز ھەربىي قىسىمنى ئىشقا سېلىشتىن يانمايمىز. ئېغىر جازاغا ئۇچراپ قالىسىلەر!
شۇنىڭدىن كېيىن جامائەت ئىچىدە غول-غۇلا بىراز بېسىقتى ۋە بىردىن، ئىككىدى سەپتىن ئايرىلىپ تارقىلىشقا باشلىدى. قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنۇقى بولمىغان خەلق-ھەربىي قىسىمنىڭ ئىسمىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ھەقىقەتەن بىراز قورقۇپ قېلىشقان ئىدى. دېمىسىمۇ، بۇ كەنتىگە قوشنا بولغان ھەربىي قىسىم ئۇزۇندىن بۇيان خەلققە قورقاق سېلىپ، چارۋا مال، باغ-ۋارانلىرىنى بولۇپ-تالاپ، ئېغىر زىيانكەشلىكلەرنى قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ قولىدىن ھەر بالا كېلىشى، قانلىق قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن ئىدى.
جامائەت ئاستا-ئاستا بىردىن، ئىككىدىن تارقىلىۋاتاتتى. ئەمما سەمەت قارى ۋە سەپنىڭ ئالدىدا تۇرغان بىر نەچچە كىشى قىمىر قىلماي تۇرۇۋاتاتتى. شۇ ئەسنادا بىر نەچچە ساقچى ئېتىلىپ كېلىپ، سەمەت قارى ۋە ياشانغان ئەخمەت مەزىم قاتارلىق بەش كىشىنى تۇتقۇن قىلىپ ئېلىپ مېڭىشتى. ئارقىدا تېخىچە كەتمەي قاراپ تۇرغان مەمەت قارى ساقچىلارنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ كېلىپ:
– ئاتامنى قويۇپ بېرىڭلار! ئۇنىڭدا گۇناھ يوق، ئۇ ياشىنىپ قالدى. مەن ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەپۇ سوراي دەپ، سەمەت قارىنى قۇتقۇزۇپ ئېلىپ كېتىشكە ئۇرىنىۋىدى، ساقچىلار مەمەت قارىنى يېقىن كەلتۈرمەي ئۇنىڭغىمۇ ھەيۋە قىلىپ:
– سەن بۇ ئىشقا ئارىلاشما! ئارقىڭغا قايت ياكى بولمىسا سەنمۇ پىرولېتارىيات دىكتاتورىسىنىڭ تەمىنى تېتىپ باماقچىمۇ؟ دەپ، ئۇنىمۇ تۇتماقچى بولۇۋىدى، سەمەت قارى:
– ئوغلۇم بولدى قىلسىلا، قايتىپ كەتسىلە، بۇ ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن مەن ئۆزۈم چىقىمەن. قانداق جازا بولسا، مەن تارتاي! سىلى بېرىپ ئۆيدىكىلەرگە قارىسىلا!-دەپ، نەسىھەت قىلدى. شۇنىڭ بىلەن مەمەت قارى نائىلاج سەپتىن ئايرىلىپ، ئۆيگە قايتىپ كەلدى.
مەمەت قارىنىڭ يالغۇز قايتىپ كەلگەنلىكىنى كۆرگەن سارىخان موماي ئەندىشە قىلىپ، ئۇنىڭدىن سەمەت قارىنى سورىۋىدى، مەمەت قارى بولغان ئەھۋاللارنىڭ ھەممىسىنى يىپتىن-يىڭنىسىغىچە سۆزلەپ بەردى. سەمەت قارىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئاڭلىغان سارىخان موماي، ئارزۇگۈل ۋە قىزلار كۆز يېشى قىلىپ ئۇزاق يىغلاشتى. سارىخان موماي ئاستا ئىچىدە ئايەت ئوقۇپ، قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ ئاللاھقا يېلىنىپ دۇئا قىلدى. مەزلۇملارنىڭ قولىدىن كېلىدىغىنى – ئۆزىنى ياراتقان رەببىگە دۇئا قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن رېھىم-شەپقەت كۈتۈش ئىدى.
7 – باب
مەمەت قارى سېتىۋالغان ناۋايخانىسىغا ئانچە ئۇزاق بولمىغان يەردىن بىر ئۆيدە ئىجارىگە ئېلىپ، قېينئانىسى سارىخاننىڭ رازىلىقىنى ئالغاندىن كېيىن، ئارزۇگۈل ۋە قىزلار بىلەن ئۇ يەرگە كۆچۈپ كەلدى. سارىخان موماي، ئارزۇگۈل ۋە مەمەت قارىنىڭ چوڭ ئۆيدە تۇرۇپ قېلىشنى كۆپ ئۆتۈنگەن بولسىمۇ، ئەمما ئارزۇگۈل بالىلارنىڭ كەلگۈسى ئوقۇشىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئانىسىغا جىق چۈشەندۈرۈشلەرنى قىلغاندىن كېيىن، ئاخىرى ئۇلارنىڭ يېزا مەركىزىگە كۆچۈپ كېتىشىگە قوشۇلۇشقا مەجبۇر بولدى. ئارزۇگۈلمۇ ئانىسىغا ھەر كۈنى يوقلاپ كېلىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە قىلىپ، ئۇنىڭ كۆڭلىنى خاتىرجەم قىلغان ئىدى.
مانا، ھايت-ھۇيت دېگۈچە يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى باشلىنىپ، مۇسلىمە يېزا مەركىزىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ بىرىنچى يىللىقىغا ئوقۇشقا كىردى. مۇخلىسە بولسا يېزا مەركىزىگە يېڭىدىن سېلىنغان ياتاقلىق «پەرىشتىلەر باغچىسى»غا مەجبۇرىي ھالدا ئېلىپ كېتىلدى. ئۇ ھەپتىدە بەش كۈن يېتىپ-قوپۇپ ئوقۇيدىغان بولۇپ، پەقەت ھەپتە ئاخىرىدىلا ئائىلىسىگە بېرىشقا رۇخسەت قىلىناتتى .
مۇسلىمە بۈگۈن ئۆزىنىڭ يېڭىدىن ئوقۇش باشلىغانلىقىغا بەكمۇ خۇشال بولۇپ، مەكتەپكە ماڭغان ئىدى. ئەمما چۈشتىن كېيىن بىر كۈنلۈك دەرس تۈگىگەندە مەكتەپتىن تارقىتىپ بېرىلگەن كىتاب- ماتېرىياللارنى ئېلىپ، دومسايغان ھالدا قايتىپ كەلدى. ئارزۇگۈل مۇسلىمەنىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن:
-نېمە بولدى قىزىم، مەكتەپكە كىرگىنىڭىزگە خۇشال بولمىدىڭىزمۇ؟-دەپ سورىدى.
– ھە-ئە، ئاپا!ئەتە مەكتەپكە بارمايمىكىن دەيمەن!
– نېمىشقا قىزىم؟
– بىزنىڭ سىنىپ مەسئۇلى بولغان مۇئەللىم ئۇيغۇر بولمىغانلىقى ئۈچۈن، گېپىنى ياخشى ئۇقالمىدىم. ئۇنىڭ ئاچچىقى بەكلا يامانكەن. بىرىنچى سائەتلىك دەرسكە كىرىپلا، بىزگە نۇرغۇن گەپ-سۆزلەرنى قىلدى. قولىدا بىر تال تاياقچە بار ئىدى. بىر نەچچە قېتىم ئۈستەلگە ئۇرۇپ ۋارقىراپ كەتتى. مەن ئالدىدا ئولتۇرغان بولغاچقا بەكلا چۆچۈپ كەتتىم. ئۇ مۇئەللىم بالىلارنىڭ ئىسمىنى ئۇيغۇرچە تولۇق دېيەلمەيدىكەن. ئۆزىنىڭ تىلىدا بالىلارنىڭ ئىسمىنى بىردىن-بىردىن چاقىرىپ، كىم ئىكەنلىكىنى بىلمەكچى بولغاندەك ئۆرە تۇرغۇزدى. بەزى بالىلار ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرچە ئىسمى بۇزىۋېتىلگەن بولغاچقا، كىمنى چاقىرىۋاتقانلىقىنى بىلەلمەي ئۆرە تۇرمىغان ئىدى. ئۇ مۇئەللىم خاپا بولغان ھالدا ۋاقىرىغانچە سىنىپتىن چىقىپ كېتىپ، بىردەمدىن كېيىن بىر ئۇيغۇر خانىمنى چاقىرىپ كەلدى. ئۇ ئۇيغۇر خانىم بالىلارنىڭ ئىسمىنى تولۇق ئۇيغۇرچە چاقىرغاندىن كېيىن، ئۇلار ئۆز ئىسمىنى بىلىپ ئۆرە تۇردى. بۇ چاغدا ئۇ خىتاي مۇئەللىم، ئۆزى چاقىرغاندا ئورنىدىن تۇرمىغان ئوقۇغۇچىنىڭ يېنىغا كېلىپ:
– سەن نېمىشقا دۆلەت تىلى بىلمەيسەن؟-دەپ، بىر نەچچە بالىنىڭ قۇلىقىنى تۇتۇپ سوزۇۋەتتى.
– سىزگە قانداق بولدى؟ سىزنىڭمۇ قۇلىقىڭىزنى سوزمىغاندۇ ؟-دەپ سورىدى ئارزۇگۈل قىزىنىڭ يۈز-كۆزىگە سەپ سېلىپ قاراپ باقتى.
– ياق، ئاپا! مېنىڭ قۇلىقىمنى سوزمىدى. مەنمۇ بىرىنچى قېتىم ئىسمىمنى چاقىرغاندا ئاڭقىرالمىغان ئىدىم.
– نېمىشقا ئاڭقىرالمىدىڭىز قىزىم؟
– ئۇ خىتاي مۇئەللىم مېنىڭ ئىسمىمنى ئۇيغۇرچە توغرا دېيەلمەي، خىتايچە تەلەپپۇزدا : مو سى لى مۇ – دەپ چاقىرغانىدى. مەن دەسلەپ ھاڭۋىقىپ تۇرۇپ قاپتىمەن. كېيىن يېنىمدىكى خىتايچىنى بىراز ياخشى بىلىدىغان قىز ساۋاقدىشىم بېقىنىمدىن نوقۇپ: سىزنى دەۋاتقان بولسا كېرەك؟-دەپ پىچىرلىغان ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ، ئۆزۈمنىڭ مۇسلىمە ئىكەنلىكىمنى بىلدۈردۈم. ئۇ خىتاي مۇئەللىم ماڭا سەت كۆزى بىلەن ئالىيىپ قاراپ قويدى. ئۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ يەنە نۇرغۇن بالىلارنىڭ ئىسمىنى چاقىرغان بولسىمۇ، ھېچقايسىسىنى توغرا دېيەلمىدى. شۇڭا كۆپىنچە بالىلار ئورنىدىن تۇرماي ئولتۇرىۋەرگەچكە، خىتاي مۇئەللىمنىڭ زەردىسى تېشىپ، بالىلارنى بەكلا تىللاپ كەتتى.
– نېمە دەپ تىللىدى قىزىم؟
– نېمە دەپ تىللىغانلىقىنى مەنمۇ ئېنىق بىلەلمىگەن ئىدىم. يېنىمدىكى قىزنىڭ دەپ بېرىشىچە: « ئۇ ئۇيغۇرلار دېگەن قالاق، نادان، فامىلە قوللىنىشنى بىلمەيدۇ؟ ئىسىملىرى ئەرەبلەرنىڭكىدەك بەك ئۇزۇن، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ. بۇ بىر ياۋايلىقتۇر! بۇنىڭدىن كېيىن ھەر قايسىڭ جۇڭخۇا مىللىتىگە خاس ئىسىملارنى قوللىنىشىڭ كېرەك! بولمىسا ئەدىپىڭنى يېيىشىسەن دەپتۇمىش!»
– نېمە دېگەن ئۆكتەملىك بۇ! ئوقۇتقۇچىمۇ شۇنداق بولامدۇ؟ ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇغۇچىنى تىللىغىنى نەدە بار ئىكەن؟ ئۇلار پېداگوگىكا ئىلمىدىن خەۋەرسىزمۇ نېمە؟ مەن ئەتە مەكتەپكە بېرىپ، بۇ ئىشلارنى سۈرۈشتۈرىمەن- دېدى ئارزۇگۈل مۇسلىمەگە ئانىلىق مېھرى بىلەن قاراپ، سىزمۇ ئەتە يەنىلا مەكتەپكە بېرىڭ قىزىم. مەنمۇ بارىمەن. بىللە بارايلى!
– ئەسلىدە مۇسلىمە مەكتەپ باشلىغان بىرىنچى كۈنىلا يۈز بەرگەن بۇ ئىشتىن قاتتىق روھىي زەربە يېگەن بولۇپ، ئۇنىڭ مەكتەپكە بېرىش رايى قالمىغان ئىدى. ئۇ ئاپىسىنىڭ بۇ ئىشتىن خاپا بولغانلىقىنى بىر ياخشى ئىش بولۇشى مۇمكىن! ئاتا-ئانىلار بالىلارغا كۆڭۈل بۆلىدۇ. ئۇنداق بولغاندىن كېيىن، ئەتە مەكتەپكە بېرىپ ئەھۋالنى سۈرۈشتۈرۈپ، بولغان ئىشلارنى مەكتەپ رەھبەرلىرىگە ئىنكاس قىلسا، ئەھۋال ئۆزگىرىپ قېلىشى مۇمكىن! دەپ ئويلاپ، بىراز ئۈمىدلەنگەندەك بولدى.
ئەتىسى ئارزۇگۈل سەھەر تۇرۇپ، ئوغلى مۇھەممەتئېلىنى كەنتتىكى ئاپىسىنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ قويۇپ قايتىپ كەلدى. ئاندىن قىزلىرىنى ئويغىتىپ، بىللە ناشتا قىلغاندىن كېيىن، مۇسلىمەنى ئېلىپ مەكتەپكە بىللە كەلدى. ئارزۇگۈل مەكتەپنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا كېلىپ، دەرۋازا ئالدىدا قاراۋۇللۇق قىلىۋاتقان كىشىنى تونۇپ، تۇيۇقسىزلا توختاپ قالدى. ئۇ كىشى ئەسلىدە ئارزۇگۈل كىچىك ۋاقتىدا، ئۇنىڭ مەكتىپىگە ئىلمىي مۇدىر بولغان ساۋۇت مۇئەللىم دەيدىغان كىشى ئىدى. ئۇ كىشى ئىلغار مەكتەپ خىزمەتچىسى ۋە نەمۇنىلىك ئوقۇتقۇچى بولۇپ باھالانغان بولغاچقا، كېيىن ئۇ يېزىلىق مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپكە ئىلمىي مۇدىر قىلىپ يۆتكەپ كېتىلگەن ئىدى.
ئارزۇگۈل ئېسىنى يىغىپ، دەرۋازا ئالدىغا يېقىن كېلىپ، ساۋۇت مۇئەللىمگە سالام بەردى: ياخشىمۇ سىز مۇئەللىم. بۇ يەردە نېمە قىلىۋاتىسىز؟ سىز بۇ مەكتەپكە ئىلمىي مۇدىر ئەمەسمىدىڭىز؟ مېنى تونۇمىدىڭىز ھە-قاچان؟ مەن لەڭگەر كەنتىدە سىز ئىلمىي مۇدىر ۋاقتىدا ئوقۇغان- ئوقۇغۇچىڭىز ئارزۇگۈل بولىمەن.
– ھە-ئە، ياخشىمۇ سىز ئارزۇگۈل؟بەك ئۆزگىرىپ كېتىپسىز، ئۇزۇن يىللار ئۆتۈپ كەتكەچكە تونۇيالماي قاپتىمەن. چىرايلىق، ئوماق بالىڭىزمۇ بولۇپتۇ مانا! قىزىڭىز بۇ مەكتەپتە ئوقۇش باشلىدىمۇ؟
– ھە-ئە، مۇئەللىم! قىزىم بۇ مەكتەپتە يېڭىدىن ئوقۇش باشلىغان ئىدى. تۈنۈگۈن بىرىنچى ئوقۇش كۈنىدىلا غەلىتە ئىشلار يۈز بېرىپتۇ. شۇڭا، قىزىم مەكتەپكە بارمايمەن دەپ تۇرۇۋالغان ئىدى. مەن بىللە ئېلىپ كەلدىم-دەپ، تۈنۈگۈن بولغان ئەھۋالنى ساۋۇت مۇئەللىمگە يىپىدىن-يىڭنىسىگىچە ئېيتىپ بەردى.
-ئارزۇگۈل، سەۋر قىلىڭ!-دېدى ساۋۇت مۇئەللىم ۋە سۆزىنى داۋام قىلدى – بۇ مەكتەپ ھازىر يېزىدىكى نۇقتىلىق قوش تىللىق مەكتەپتۇر. شۇنداق بولغاچقا شەھەرلىك ھۆكۈمەت بۇ يەرگە يولداش(خىتاي) مىللەتتىن نۇرغۇن ئوقۇتقۇچى يۆتكەپ كەلدى. دۆلەت تىلى بىلمەيدىغان نۇرغۇن ئوقۇتقۇچىلارنى ئىشتىن بوشىتىۋەتتى. مېنىڭ دەم ئېلىشقا چىقىدىغىنىمغا پەقەت ئالتە ئاي قالغان بولغاچقا، مېنى دەرۋازا باققۇچىلىقىغا ئېلىپ قېلىشتى. ھازىر مەكتەپنىڭ مۇدىر ۋە ئىلمىي مۇدىرى، ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ توقسان پىرسەنتتىن يۇقىرراقى يولداش مىللەتتىندۇر. شۇڭا ھازىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا: تىل-ئەدەبىيات دەرسىدىن باشقا دەرسلەرنى ئۆز تىلىدا ئوقۇشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. ئوقۇغۇچىلار چوقۇم دۆلەت تىلى بىلىشى شەرت! ئوقۇغۇچىلار بىرىنچى مەۋسۇمدە كۈندە پەقەت بىر سائەتلا ئانا تىلى دەرسى ئوقۇيدۇ. قالغان ۋاقىتتا دۆلەت تىلى ئۆگىنىشكە مەجبۇردۇر. ئىككىنچى يىللىقتىن باشلاپ، ئۇلارنىڭ بارلىق تەبىئىي پەن دەرسلىرى دۆلەت تىلىدا ئۆتۈلىدۇ. بۇ دۆلەتنىڭ يېڭى يولغا قويغان قوش تىللىق مائارىپ تۈزۈمىنىڭ قۇرۇلمىسى بولۇپ، ئۇنىڭغا ھېچكىمنىڭ قارشى چىقىشىغا بولمايدۇ.
– شۇنداقمۇ مۇئەللىم؟-دېدى ئارزۇگۈل بۇ ئىشلارغا ھەيران قېلىپ – مېنىڭ قىزىم ھېچقانچە دۆلەت تىلى بىلمەيدۇ. ئۇنداقتا قانداقمۇ دەرسلەرنى ئۆزلەشتۈرەلىسۇن؟
– ئۇغۇ شۇنداق! – دېدى ساۋۇت مۇئەللىم ھەسرەتلىك ئۇلۇغ كىچىك تىنىپ، بۇ ئىش ئەسلىدە پېداگوگىكا قانۇنىغا ئۇيغۇن بولمىغان ئەھۋال ئىدى. ئەمما يۇقىرىدىن تۇيۇقسىز بۇيرۇق چۈشكەن بولغاچقا، ئۇنىڭغا ھېچكىم قارشى چىقالمىدى. قارشى چىققان ئوقۇتقۇچىلارنى بولسا، ئىشتىن بوشىتىۋېتىشتى. ھازىر مەكتەپتە بىر نەچچە تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسىدىن باشقا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەممىسى يولداش مىللەتتىن تولۇقلاندى.
-مەن ئىچىگە كىرىپ، مەكتەپ مۇدىرى بىلەن سۆزلەشسەم بولامدۇ مۇئەللىم؟
– ياق، بولمايدۇ ئارزۇگۈل. سىرتتىن ھېچكىمنىڭ مەكتەپ ئىچىگە كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەكتەپ مۇدىرى ئىچكىرىدىن يېڭىدىن يۆتكىلىپ كەلگەن كىشىدۇر. ئەگەر سىز ياخشى دۆلەت تىلى بىلمىسىڭىز، ئۇنىڭ بىلەن ھەرگىزمۇ سۆزلىشەلمەيسىز. شۇڭا ئەڭ ياخشىسى قايتىپ كېتىڭ!
– ئۇنداقتا، بولىدۇ مۇئەللىم! مەن قايتىپ كېتەي، قىزى مۇسلىمە كىرىپ، ئوقۇشنى داۋام قىلسۇن–دەپ، ئۇنىڭ قۇلىقىغا بىر مۇنچە گەپلەرنى پىچىرلاپ، دەرۋازىدىن كىرگۈزىۋەتتى.
ئارزۇگۈل ساۋۇت مۇئەللىم بىلەن خوشلىشىپ بولغاندىن كېيىن، كىچىك قىزى مۇخلىسەنى يوقلاپ ئۆتمەكچى بولۇپ، ئۇنىڭ يېڭىدىن قۇرۇلغان ئاتالمىش «پەرىشتىلەر باغچىسى»نىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى سورىۋىدى، ساۋۇت مۇئەللىم مەكتەپتىن ئانچە يىراق بولغان بىر يەردىكى يېڭى سېلىنغان بىر بىنانى كۆرسىتىپ: « پەرىشتىلەر باغچىسى» ئەنە شۇ–دەپ، ئۇنى شۇ تەرەپكە يولغا سېلىپ قويدى.
ئارزۇگۈل ئاتالمىش «پەرىشتىلەر باغچىسى »دېيىلگەن يەسلىگە يېقىن بېرىپ قارىۋىدى، ئۇ يەردىمۇ بىر ئۇيغۇر كىشى كۆزەتكۈچىلىك قىلىۋاتقان بولۇپ، غەلىتە يېرى ئۇنىڭ قولىدا رېزىنكە كالتەك، يېنىدا تاپانچە ئېسىقلىق تۇراتتى. مەكتەپ دەرۋازىسىنىڭ ئۈستى ۋە قورشاۋ تاملارغا تىكەنلىك سىم تارتىلغان بولۇپ، خۇددى تۈرمىگە ئوخشاش كۆرۈنىۋاتاتتى.
ئارزۇگۈل دەرۋازا يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭغا : « ئەسسالامۇئەلەيكۇم!» – دەپ سالام بەردى. ئەمما ئۇ كىشى : «ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام»-دەپ جاۋاب قايتۇرۇشنىڭ ئورنىغا، ھېچقانداق شەپە چىقارماستىن بۇتتەك قاراپ تۇراتتى. ئارزۇگۈل: «ئۇ كىشى مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلىمىغان ئوخشايدۇ »دەپ ئويلاپ، يەنە بىر قېتىم: «ئەسسالامۇئەلەيكۇم» دېۋىدى، ئۇ كىشى چۆچۈپ كەتكەندەك ئۇنىڭغا قاراپ، بېشىنى ئىككى يانغا ئېرغىتىپ، « مەن ھېچنېمىنى ئاڭلىمىدىم »دېگەندەك ئىشارەت قىلىۋاتاتتى. ئارزۇگۈل ئاچچىقىدا: « گاسمۇ نېمە بۇ ئادەم ياكى ساراڭمىدۇ؟ بۇنداق ئادەمنى نېمىشقا بۇ يەرگە كۈزەتچىلىككە قويغاندۇ؟ ئۇ كىشى بەلكى مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلىمايدىغان ئوخشايدۇ؟ »دېگەن ئوي بىلەن ئۇنى تىللاپ كېتىۋىدى، ئۇ كىشى بىردىنلا ئېغىز ئاچتى :
– سىڭلىم كىمنى تىللاۋاتىسىز؟ مەن گاسمۇ ئەمەس، ساراڭمۇ ئەمەس، مەن بۇ يەردە كۆزەتچىلىك قىلىۋاتىمەن.
– ئۇنداق بولسا، نېمىشقا مەن گەپ قىلسام، جاۋاب قايتۇرمايسىز؟
– سىڭلىم، مېنىڭ بۇ يەردە باشقىلار بىلەن گەپلىشىشىمگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ. ئەپسۇس! ھازىر مەن سىزگە گەپ قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ قالدىم. ئەمدى كېيىنكى تەقدىرىمنىڭ قانداق بولۇشىنى بىلمەيمەن. نېمىشقا بۇ يەرگە كەلدىڭىز ؟ گېپىڭىز بولسا ئىتتىك دەڭ، ئىككىمىزنىڭ گەپلەشكىنىنى ئۇلار كۆرۈپ قالسا، ئىشىمىز چاتاق بولىدۇ.
– مېنىڭ قىزىم مۇخلىسە، ئىككى كۈن بولدى مۇشۇ «پەرىشتىلەر باغچىسى» غا ئېلىپ كېتىلگەن ئىدى. مەن ئۇنى يوقلاپ ئۆتۈپ كېتەي دەپ كەلگەن ئىدىم.
– ھە، شۇنداقمۇ؟ ئۇنداق بولسا، سىز ئەخمەقلەرنىڭ خىيالىنى قىلىپسىز! بۇ يەرگە سىرتتىكىلەرنىڭ كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ. ئىچىدىكىلەرنىڭ تېشىغا چىقىشىغا تېخىمۇ رۇخسەت قىلىنمايدۇ. پەقەت ھەپتە ئاخىرىدىلا ئاتا- – ئانىلىرىنىڭ كېلىپ، بالىلىرىنى ئېلىپ كېتىشىگە رۇخسەت قىلىنىدۇ.
– ئۇنىغۇ بىلىمەن-دېدى ئارزۇگۈل ئۇ ئادەمدىن بىر نەرسىنى بىلىۋالماقچى بولغاندەك قاراپ – سىز ئىچىدىكى ئەھۋالنى بىلەمسىز؟ بالىلارنىڭ تاماقلىرى قانداقراقكەن؟ ئۇلارغا مۇسۇلمانچە تاماق بېرەمدىكەن؟ ئوقۇتقۇچىلار بالىلارنى ئۇرۇپ–تىللامدىكەن؟
– مەنمۇ پەقەت ئەتىگەنلىكى بىر قېتىملا ئۆزۈمنى تىزىملىتىش ئۈچۈن ئىچىگە كىرىمەن-دېدى ئۇ ئادەم دۇدۇقلاپ، مېنىڭ ئۇ يەردە نېمە ئىش بولۇۋاتقانلىقى، كىمنىڭ نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقى، بالىلارنىڭ قانداق تاماق يەۋاتقانلىقى؟-دېگەندەك ئىشلارنى بىلىشىمگە ئىمكان بولمايدۇ. ئەمما، سىرتتا تۇرۇپ بالىلارنىڭ پات-پات يىغلاۋاتقان ئاۋازىنى ئاڭلايمەن شۇ، مەندىن ئەمدى ئۇنىڭدىن باشقا سوئال سورىماڭ! مېنىڭ بىلىدىغىنىم پەقەت مۇشۇلارلا-دېدى ئۇ ئادەم ھەر تەرەپكە قاراپ، خۇددى ئۇنى بىرسى كۆرۈپ قالىدىغاندەك ھودۇقۇپ: ئەمدى كېتىڭ سىڭلىم. ئىككىنچى بۇ يەرگە كەلمەڭ، بولمىسا ماڭا خاپىلىق تېپىپ بېرىسىز.
ئارزۇگۈل ئۇ ئادەمنىڭ بۇ ئۆتۈنۈشلىرىنى ئاڭلاپ، ئەمدى كېتەي دەپ تۇرۇشىغا، بىنا ئىچىدىن ۋاراڭ-چۇرۇڭ ۋە يىغا-زارىنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى. تەنەپپۇس ۋاقتى بولغاندەك قىلاتتى. ئارزۇگۈل قۇلىقىنى دىڭ تۇتۇپ، دىققەت بىلەن تىڭشىۋېدى، بىر قىز بالىنىڭ: «ئانا، قورسىقىم ئاچتى. ماڭا نان بېرىڭە، نان يېگۈم كەلدى» دېگەن ئاۋازى ئاڭلاندى. ئارقىدىن تەڭلا بىرسىنىڭ خىتاي تىلىدا ۋاقىرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى: « ۋۇ ئاناڭنى,يىغلىما! سېنىڭ ئاناڭ بۇ يەرگە نان ئەكېلىپ بېرەلمەيدۇ. تېخى چۈشلۈك تاماق ۋاقتى بولمىدى. ئەگەر يەنە يىغلايدىغان بولساڭ، ساڭا چۈشلۈك تاماق بېرىلمەيدۇ. ئاشلىقتىن ئۆلسەڭمۇ، بىزنىڭ سېنىڭ بىلەن كارىمىز بولمايدۇ».
ئارزۇگۈل «پەرىشتىلەر باغچىسى»ئوقۇتقۇچىسىنىڭ بۇنداق ۋاقىرىغان، بالىلارنى تىللىغان ئاۋازىدىن بەكلا غەلىتىلىك ھېس قىلىپ، ئەندىشە ئىچىدە نېمە بولغانلىقىنى بىلىپ بولماقچى بولۇپ، ئالدىغا مېڭىۋىدى، كۆزەتچىلىك قىلىۋاتقان ھېلىقى ئادەم كالتەكنى دېۋەيلىگەنچە ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ:
– نېمە قىلماقچى بولۇۋاتىسىز؟ دەرھال ئارقىڭىزغا يېنىڭ! بۇ يەردىن يوقۇلۇڭ!بولمىسا، مەن ساقچى چاقىرىشقا مەجبۇر بولۇپ قالىمەن-دېدى ۋارقىراپ،
ئارزۇگۈل كۆزەتچىگە يېلىنغاندەك قاراپ: ئۇ يىغلىغان مېنىڭ قىزىم مۇخلىسەمىدۇ؟-دەپ سورىۋىدى، كۆزەتچى ئادەم ئاۋازىنى ئۈنلۈك چىقىرىپ :
– مەن بىلمەيمەن. قىزىڭىزنىمۇ تونۇمايمەن. ھەتتا ئۇ قىز ئۆزىڭىزنىڭ بالىسى بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇ يەرگە كىرىپ، نېمە بولغانلىقىنى سورىشىڭىزغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. مەنمۇ سىزنى بۇ يەردىن كىرگۈزەلمەيمەن، شۇڭا دەرھال بۇ يەردىن كېتىڭ! بولمىسا ئاقىۋىتىڭىز ياخشى بولمايدۇ – دېدى ئۇنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئارزۇگۈل ئەمدى قايتىپ كەتمىسە، ئىشنىڭ چاتاق بولىدىغانلىقىنى بايقىدى-دە، ئاستا ئارقىسىغا يېنىپ، يولىنى داۋام قىلدى.
ئارزۇگۈل يولدا كېتىۋاتاتتى. ئەمما ئۆزىنىڭ نەگە بارىدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيتتى. ئۇنىڭ كاللىسىنى گادىرماچ خىياللار ئورىۋالغان ئىدى: «ئۇ يىغلىغان قىز-چوقۇم مېنىڭ قىزىم مۇخلىسە، قارىغاندا بۇ يەردە ئاچ قىلىپتۇ، ئۇ بىزنىڭ ھەر كۈنى ئىسسىق تونۇر نېنى بىلەن بىلەن قىلىپ بېرىدىغان قايماق چېيىمىزنى سېغىنغان ئوخشايدۇ؟ ئۇنىڭغا ناشتىلىق بەرمىگەندەك قىلىدۇ. بەلكى بەرسىمۇ بەك ئاز بېرىشتىمۇ قانداق؟ ئۇنىڭ قورسىقى تويمىغاندەك قىلىدۇ ! ئەتىگەنلىك ناشتىلىق ۋاقتىدىن تېخى ئىككى سائەتتەك ۋاقىت ئۆتە–ئۆتمەيلا، ئۇنىڭ قورسىقى ئېچىپ كەتكەنگە قارىغاندا، ئۇنىڭغا تويغىچە تاماق بېرىلمىگەن گەپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ كەلگۈندى ئوقۇتقۇچىنىڭ قىزىمنى تىللاپ كەتكىنىگە قارىمامدىغان؟ ئۇنىڭ نارەسىدە بالىنى تىللايدىغانغا نېمە ھەققى بار؟ كىچىك بالا دېگەننىڭ ئاشۇنداق كۈندە بەش-ئالتە قېتىم قورسىقىنى تويغۇزۇش، پوق – سۈيدۈكىنى تازىلاش كېرەك بولىدۇ. شۇنىمۇ بىلمىسە، ئۇلارنى قانداقمۇ پەرىشتىلەر باغچىسىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدۇ دېگىلى بولسۇن؟ ھەي توۋا، توۋا قىلدىم. جاھان نېمە بولۇپ كېتىپ بارىدۇ؟ ئۇ كونا سىياسەت، بۇ يېڭى سىياسەت، دۆلەت تىلى دېگەنلىرىڭگە لەنەت بولسۇن! بالىلارغا ئانا تىلىنى ئۆگەتمەستىن، يات بىر تىلنى مەجبۇرىي تاڭسا توغرا بولامدۇ؟ بالىلىرىمىز ئانا تىلىنى ئۇنتۇپ كەتسە، كېيىنچە بىز ئۇلار بىلەن قانداق گەپلىشىمىز؟ بۇ ئوچۇق ئاشكارا مىللىي ئۆرپ-ئادەتكە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىق ئەمەسمۇ؟ قېنى بۇ ھۆكۈمەتنىڭ مىللەتلەر باراۋەرلىكى دېگەن سىياسەتلىرى نەدە قالدى؟ ھەممە نېمىنى مەجبۇرى قىلدۇرۇش، ئادىللىق بولامدۇ؟-ياق، ئۇنداق بولمايدۇ. ھازىر بۇ ھۆكۈمەتتە ھەق – ئادالەت دېگەن نەرسە قالمىدى. ئۇنداق ھۆكۈمەت چوقۇم بىر كۈنىسى ھالاك بولىدۇ. ئىلاھىم! مەزلۇملارغا سەن ئۆزۈڭ ئىگە چىققايسەن. ئامىن!»
ئارزۇگۈل ئاشۇنداق گادىرماچ خىياللار ئىچىدە بىر بېسىپ، ئىككى بېسىپ، ئۆزىنىڭ مەمەت قارى ئېچىۋاتقان ناۋايلىق دۇكىنىغا كېلىپ قالغانلىقىنىمۇ سەزمەي قالغانىدى. مەمەت قارى ئارزۇگۈلنىڭ سولغۇن چىرايىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن: نېمە ئىش بولغانلىقىنى سورىۋىدى، ئارزۇگۈل باشقىلار بار يەردە جاۋاب بېرىشنى خالىمىدى بولغاي، ئۇنىڭغا: مەمەت قارى، بىزنىڭ ناننى يېقىپ بولغان بولسىڭىز ئالغاچ كېتەي، قالغان گەپلەرنى كەچتە ئۆيدە دېيىشەيلى-دەپ قىسقىلا جاۋاب بەردى-دە، مەمەت قارى ئاللىقاچان يېقىپ تەييارلاپ قويغان ئون بەش دانە چوڭ ناننى ئېلىپ، ئۆيگە قاراپ يول ئالدى.
ئارزۇگۈل ئوغلى مۇھەممەتئېلىنى كەنتتىكى ئانىسىنىڭ ئۆيىگە قاراپ بېرىشكە، ئاپىرىپ قويغان ئىدى. ئۇ ئۆيگە كېلىپ، بەش-ئالتە ناننى داستىخانغا يۆگەپ ئانىسىنىڭ يېنىغا قاراپ ماڭدى. ئارزۇگۈل ئانىسىنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، ئېلىپ كەلگەن نانلارنى داستىخانغا قويغاندىن كېيىن، مۇھەممەتئېلىنى قۇچىقىغا ئېلىپ ئېمىتتى ۋە ئۇنىڭغا سىنچىلاپ قاراشقا باشلىدى. مۇھەممەتئېلى دادىسىدەك قاڭشارلىق ۋە سوزۇق يۈز بولۇپ، يۇمىلاق قوي كۆزلىرى ئويناپ تۇراتتى. تېرىسى خۇددى ئانىسىنىڭ تېرىسىنى سويۇپ ئېلىپ چاپلاپ قويغاندەكلا ئاپئاق ئىدى. يۇمران بەدىنى ئۇنى خۇددى ئاق پاختىدەك چىرايلىق كۆرسىتىپ تۇراتتى. ئەمدىلا ئالتە ئايلىقتىن ئاشقان مۇھەممەتئەلى پۇت-قوللىرىنى توختىماي مىدىرلىتىپ، ئۆرۈلۈپ دۈم بۆلىۋېلىپ، ئۆمىلەشكە ئىنتىلەتتى. ئارزۇگۈل ئوغلىنىڭ بۇ ھەرىكەتلىرىگە قاراپ پىسسىڭىدە كۈلۈپ قويدى. ئاندىن ئىچىدە دۇئا قىلىپ ئاللاھتىن ئوغلىنىڭ ساق-سالامەت چوڭ بولۇشىنى، بەخت-سائادەتلىك بولۇشىنى تىللىدى.
مۇشۇ كۈنلەردە ئارزۇگۈل توختىماي خىيال قىلىدىغان بولۇپ قالغانىدى. ئۇنىڭ خىيالى ئەمدى ئىككى قىزىنىڭ مەكتەپ ۋە «پەرىشتىلەر باغچىسى»دا تارتىشقا باشلىغان جاپالىرىدىن ھالقىپ، ئوغلى مۇھەممەتئېلىنىڭ كەلگۈسىگە تاقالدى: « ئاھ، ئوغلۇم!-دېدى ئارزۇگۈل خىيال دەرياسىغا چۆمۈلۈپ، سېنى بەكمۇ تەستە ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرۇۋالدۇق. ياۋۇز مەخلۇقلار سېنى كىچىك چېغىڭدىلا بۇ دۇنيادىكى ياشاش ھوقۇقىڭدىن مەھرۇم قىلماقچى بولدى. بىر قورساق قېرىندىشىڭنى ئۆلتۈرۈۋېتىشتى. ئەمما ئاللاھ سېنىڭ رىزقىڭنى كەڭرى قىلغان ئىكەن، سەن بىرىنچىدىن ئاللاھنىڭ ساقلىشى، ئىككىنچىدىن بىزنىڭ نۇرغۇن قۇربانلىقلارنى بېرىشىمىز بەدىلىگە ھايات قالدىڭ. سەن ئاتاڭنىڭ بىردىن-بىر ۋارىسى بولىسەن. بىز سېنىڭ كەلگۈسىدە ئۆز ئەجدادىڭنىڭ ئىزىنى بېسىپ، ئاتا-ئاناڭنىڭ چىرىغىنى يورۇتۇپ، بەخت – سائەت ئىچىدە خاتىرجەم ياشىشىڭنى ئۈمىد قىلىمىز! ئەي مېھرىبان ئاللاھ!سەن ئوغلۇم مۇھەممەتئېلىنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قالدىڭ، ئەمدى ئۇنىڭغا سالامەتلىك، كەلگۈسى يولىغا نۇرلۇق مەشئەل يېقىپ بەرگەيسەن! بىزنىڭ ئۇنى ساق-سالامەت چوڭ قىلىپ، ياخشى مەكتەپلەردىن ئوقۇتۇپ، ئىلىملىك، ئىنسابلىق ۋە ئىمانلىق مۇسۇلمان بالىسى قىلىپ يېتىشتۈرۈشىمىزگە نېسىپ قىلغايسەن! ئامىن»!
ئارزۇگۈلنىڭ قولى چېۋەر ئانىسى سارىخان قىزىنىڭ كېلىدىغانلىقىنى بىلگەچكە، ئاللىقاچان سۇيۇقئاشقا تەييارلىق قىلىپ قويغان ئىدى. ئۇ ئارزۇگۈلنىڭ مۇھەممەتئېلىنى ئېمىتىپ، خىيالىنى تۈگەتكۈچە بولغان ئارىلىقتا سۇيۇقئاشنى پىشۇرۇپ تەييار قىلدى. جاپاكەش ئانا سۇيۇقئاشنى قىزىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىپ:
-قىزىم، ئېشىڭىزنى ئىچىۋېلىڭ، بالا ئېمىتىۋاتقان ئادەم قورسىقىنى ئاچ قويماسلىق كېرەك! شۇندىلا بالىنى ساغلام چوڭ قىلغىلى بولىدۇ – دېدى. ئاندىن مۇھەممەتئېلىنى قولىغا ئېلىپ، ئارزۇگۈل سۇيۇقئاشنى ئىچىپ بولغۇچە قاراپ تۇردى.
چۈشتىن كېيىن بولۇپ قالغانىدى. ئارزۇگۈل مۇسلىمەنىڭ ئۇزاق قالماي مەكتەپتىن قايتىپ كېلىدىغانلىقىنى ئويلاپ، ئانىسىغا رەھمەت ئېيتىپ، ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىپ، يېزا مەركىزىدىكى ئىجارە ئېلىپ ئولتۇرۇۋاتقان ئۆيىگە قايتىپ كەلدى. مەمەت قارىمۇ قىزى مۇسلىمەنىڭ ئۆينى تاپالماسلىقىدىن ئەنسىرەپ، دۇكاننى بالدۇرلا تاقاپ، ئۇنىڭ كېلىشىنى ساقلاپ تۇردى-دە، مۇسلىمە كەلگەندىن كېيىن، ئۇنى بىللە ئېلىپ ئۆيگە قايتىپ كەلدى.
ئوقۇش باشلانغاندىن بۇيان مۇسلىمەنىڭ چىرايى زادىلا ئېچىلمايۋاتاتتى. روھىي ھالىتى بەكمۇ چۈشكۈن ئىدى. قىزىنىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرگەن ئارزۇگۈل ئۇنىڭغا چىدىماستىن سورىدى : قىزىم سىزگە نېمە بولدى ؟ مەكتەپتە قىيىنچىلىق بولۇۋاتامدۇ؟
– ھە-ئە، ئاپا! دەپ جاۋاب بەردى مۇسلىمە تىرنىقىنى تاتلاپ: « دۆلەت تىلى» دېگەن دەرس بەكمۇ قىيىن ئىكەن. ئۇنىڭ خەتلىرى خۇددى ئۆمۈچۈك پۈتىدەك بىرسى ئۈستىگە، بىرسى ئاستىغا، بىرسى يان تەرەپكە قارىتىپ يېزىلىدىكەن. بىر خەت نەچچە بۆلەكتىن تۈزۈلىدىكەن. تەلەپپۇز قىلىشمۇ بەك تەس ئىكەن. بەزى گەپلەرنى تىلنىڭ ئۇچىدىن چىقارساق، بەزىلىرىنى دىماقتىن چىقىرىشقا توغرا كېلىدىكەن. ئۇنى توغرا تەلەپپۇز قىلالماي بەكلا قىينىلىۋاتىمەن.
– ئوقۇتقۇچىچۇ قىزىم؟ سىلەرگە كۆيۈنۈپ ياخشى ئۆگىتىۋاتامدۇ؟
– ياق، ئاپا! ئۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ ئاچچىقى تېخىچە بېسىقمىدى. ھەر كۈنى دېگۈدەك نەچچە قېتىم بىزنى تىللاپ چىقىدۇ. بەزى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قۇلىقىنى سوزۇۋېتىدۇ. دۆلەت تىلىنى ياخشى تەلەپپۇز قىلالماي قالساق، ئۇ چاغدا تېخىمۇ ئاچچىقلىنىپ كېتىدۇ–دە، ئېغىزىنى بوزۇشقا باشلايدۇ.
– نېمە دەيدۇ قىزىم؟
– سىلەر ئۇيغۇر دېگەن – بەك دۆت خەلق ئىكەنسىلەر، نېمىشقا دۆلەت تىلىنى ياخشى بىلمەيسىلەر؟ ئەگەر دۆلەت تىلىنى ياخشى بىلمىسەڭلار، سىلەرنىڭ ئۆلگىنىڭلار ياخشى. ھازىر دۆلىتىمىز بەك تەرەققىي قىلىپ كەتتى. كەلگۈسىدە پۈتۈن دۇنياغا خوجا بولىدۇ. ئۇ چاغدا دۇنيادىكى ھەممە ئادەم دۆلەت تىلىنى ئۆگىنىشكە مەجبۇر بولىدۇ. . . . . . . دەپ، بىر ئاچچىقلىنىپ، بىر كۈلۈپ، بىزگە ئالىيىپ قارايدۇ.
مۇسلىمەدىن بۇ گەپنى ئاڭلىغان مەمەت قارىنىڭ قوشۇمىسى تۈرۈلۈپ، غەزەپتىن يېرىلىپ كېتەي دېگۈدەك بولدى-دە، ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي سۆزلەشكە باشلىدى: ھۇي، كەلگۈندىلەر، ئۆزىنى بىلمەيدىغان تۇزكور ئەبلەخلەر! نەلەردىن بىزنىڭ تۇپرىقىمىزغا كېلىپ، سۈيىنى ئىچىپ، نېنىنى يەپ، ئەمدى بولغاندا دېگەن گەپلىرىگە قارىمامدىغان؟ ئۇنىڭ گەپلىرىنىڭ قىلچىلىكمۇ ئاساسى يوقتۇر! ئۇيغۇرلار دۆت خەلق ئەمەس! ئەكسىچە، دۇنيادىكى ئەڭ ئەقىللىك مىللەتلەرنىڭ بىرى. ئۇيغۇرلار دۇنيا مەدەنىيىتىگە ئۆچمەس تۆھپە قوشقان قەدىمىي مەدەنىيەتلىك بىر مىللەت! قەغەز ياساش، مىخ مەتبەئە تېخنىكىسى ئەسلىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تېخنىكىسى بولۇپ، خىتاي دۆلىتى ئۇنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىپ، «جۇڭگونىڭ تۆت چوڭ كەشپىياتى بار»دەۋالغان. ئۇيغۇرلار قوجۇ-ئىدىقۇت خانلىقى، قاراخانىيلار، سەئىدىيە دۆلىتى دەۋرلىرىدە مەدەنىيەت-سەنئەت جەھەتتە ئىنتايىن تەرەققىي قىلغان بولۇپ، مەھمۇد قەشقەرىنىڭ-«دىۋانى لۇغەت تۈرۈك»، يۈسۈپ خاس ھاجىپ يازغان-«قۇتادغۇبىلىك »قاتارلىق دۇنياۋى شۆھرەت قازانغان مەشھۇر ئەسەرلەرنى، 12« مۇقام»نى يارىتىپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە ئۆچمەس تۆھپىلىرىنى قوشقان ئىدى. قېنى خىتايلار ئۇ دەۋردە نېمە يېزىپتىكەن؟ ھېچنېمە يازمىغان. پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ئەجدادى بولغان ساك، توخري ۋە ھىندى مەدەنىيىتىدىن بۇددا نوم – پۈتۈكلىرىدىن ئوغرىلاپ، ئۇنىڭدىن: «كۇڭ فۇ زى مەدەنىيىتى »دېگەن ئەبجەش بىر ئېقىمنى بارلىققا كەلتۈرگەن. شۇڭلاشقا، ئۇلارنىڭ ھازىرغىچە« كوڭ فۇ زى» ئېقىمىدىن باشقا ھېچقانداق ئېنىق بىر دىنىمۇ يوق. ئۆزىگە خاس بولغان ساپ بىر مەدەنىيىتى تېخىمۇ يوق. شۇنداق ئەھۋالدا نېمە دەپ؟ باشقىلارنى دۆت، قالاق دەيدۇ؟ ئەسلىدە ئەڭ دۆت خەلق ئۆزلىرىدۇر. ئۇلارنىڭ قىلالايدىغىنى پەقەتلا ھىيلە-مىكىر ۋە ئالدامچىلىقتۇر.
مەمەت قارىنىڭ بۇ دانالارچە قىلغان سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ئارزۇگۈل ئۇنىڭغا ھەيران قالدى. ئۇنىڭ بۇنچىلىك نەرسىلىرىنى بىلىدىغانلىقىنى تۇنجى قېتىم بايقىماقتا ئىدى. ئەسلىدە ئۇنىڭمۇ مەمەت قارىغا بولۇشۇپ، جىق نەرسىلەردىن دېگۈسى كېلىپ كەتكەن ئىدى. ئەمما يېقىنقى ۋەزىيەتتىكى ئۆزگىرىشلەرنى كۆرگەندىن كېيىن، بىراز ئېھتىياتچان بولۇپ قالدى بولغاي، مەمەت قارىغا نەسىھەت قىلغاندەك تەلەپپۇزدا :
-مەمەت قارى، بولدى قىلىڭ! ئەمدى ئۇلارنىڭ دۆلىتى بولغاندىن كېيىن، نېمە دېسە، دېيەلەيدۇ. ئۇلار نېمە سىياسەت چىقارسا، بىزنىڭ شۇنىڭغا بويسۇنمىقىمىز لازىمدۇر. بولمىسا، دۆلەتنىڭ سىياسىتى بىلەن قارشىلىشىپ قالىمىزدە، جازالىنىپ قېلىشىمىز مۇمكىن! شۇڭا بۇ گەپلەرنى سىرتتا باشقا يەرلەردە دەپ يۈرمەڭ!بىزدە: «تۆت تامنىڭمۇ قۇلىقى بار»دېگەن گەپ بار. سىرتتا بىرەرسى بۇ گەپلەرنى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا يەتكۈزۈپ قويسا، سىزنى قارا تىزىملىككە ئېلىۋېلىپ، پايلاقچى قويۇپ قويۇشى، ۋاقتى كەلگەندە ھەر خىل تۆھمەتلەرنى چاپلاپ، تۇتقۇن قىلىشى مۇمكىن! ئاتام مەسچىت ۋەقەسى بىلەن تۇتقۇن قىلىنغانچە-تېخىچە قويۇپ بېرىلمىدى. ئەمدى يەنە سىزنى تۇتقۇن قىلىپ قالسا بىز قانداق جان باقىمىز؟
– ئەندىشە قىلماڭ ئارزۇگۈل-دېدى مەمەت قارى ئارزۇگۈلنىڭ ئېھتىيات قىلىۋاتقانلىقىنى چۈشىنىپ – مەنمۇ بۇ گەپنى ھەر يەردە دەپ يۈرمەيمەن. ئەمما ۋاقتى كەلسە، بىز ھېچنېمىدىن قورقماسلىقىمىز لازىم. ھەقىقەت تەرەپتە تۇرۇشىمىز ۋە ھەقنى سۆزلىشىمىز كېرەك! قاراڭ ئارزۇگۈل، ئۇلارنىڭ: « قوش تىللىق مائارىپنى يولغا قويىمىز»دېگىنى راست بولسا، ئىككى تىل باب-باراۋەر بولۇشى كېرەك ئىدىغۇ ؟ بالىلىرىمىزغا ئاۋۋال ئۆز ئانا تىلىنى پۇختا ئۆگىتىشى، ئاندىن دۆلەت تىلىنى ئۆگىتىشى كېرەك ئىدىغۇ؟ شۇنداق قىلغاندىلا، بۇ باراۋەرلىك ئىشقا ئاشقان بولمامتى؟ نېمىشقا بۇ ئوقۇتقۇچىلار بىر تەرەپلىمە ھالدا دۆلەت تىلىنى مەجبۇرلاپ، بالىلارنىڭ ئانا تىلىنى كەمسىتىدۇ-چەكلەيدۇ؟ ئاڭلىشىمچە، كېيىن ئۇيغۇر تىلى پۈتۈنلەي ئوقۇ- ئوقۇتۇش ئىشلىرىدىن قالدۇرىلارمىش! ئۇ چاغدا بالىلىرىمىز ئۆز كىملىكىنى ساقلاپ قالالامدۇ؟ ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر بولۇشى مۇمكىن بولامدۇ؟ ئۇلار جىسمى ئۇيغۇر بولسىمۇ، ئەمما روھىي باشقا نەرسە بولۇپ قالمامدۇ؟ ئۇ چاغدا بىز ئۆز بالىلىرىمىزدىن ئايرىلىپ قالىمىزدە، ئۇلار بىلەن ئۆرپ-ئادەت جەھەتتە ئاسمان-زېمىن پەرقلىنىپ كېتىمىز. شۇنىڭ بىلەن بالىلىرىمىز تولۇق ئاسمىلاتسىيە بولۇپ كېتىدۇ. مانا بۇنىڭ ئۆزى خەتەرلىكتۇر.
– باشقا نېمە كەلسە، شۇنى كۆرۈشكە مەجبۇرمىز-دېدى ئارزۇگۈل يەنىلا ئەندىشىلىرىنى بىلدۈرۈپ، بىز بۇ ھۆكۈمەت بىلەن قارشىلىشىپ پايدا ئالالمايمىز، شۇڭا ئەڭ ياخشىسى ئۇلارنىڭ قانۇن-سىياسەتلىرىگە قارشى چىقماسلىقىمىز لازىم. بالىلارنىڭ كېيىنكى تەقدىرىنى بىز ئاللاھقا تاپشۇرايلى، ئاللاھ ھەممە ئىشنى ئاسان قىلغۇچىدۇر!
ئارزۇگۈل ئەندىشىلىرىنى بىلدۈرۈپ، ھەدىسىلا ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتى، قانۇنى دەۋەرگەچكە، مەمەت قارىنىڭ يەنە گەپدانلىق قىلىشقا رايى بارماي قالدى. ئۇ تالاش-تارتىش قىلىۋېرىپ، ئۇنى خاپا قىلىپ قويۇشنى خالىمايتتى. ئۇنىڭ نەزىرىدە، ئارزۇگۈل پاك بىر ئائىلە ئايالى بولۇپلا قالماي، بەلكى ئېرى ۋە پەرزەنتلىرى ئۈچۈن بارلىقىنى قۇربان قىلغۇچى نەمۇنىلىك بىر ئانا ئىدى.
مانا بۈگۈن ئۇلۇغ جۈمە كۈنى يېتىپ كېلىپ، ئۇلارنىڭ كىچىك قىزى مۇخلىسەنىڭ ئائىلىسىگە قويۇپ بېرىلىدىغان ۋاقتى توشۇپ قالدى. مەمەت قارى ۋە ئارزۇگۈل مۇخلىسەنى بەكمۇ سېغىنغانىدى. تېخى ئەمدىلا تۆت ياشقا كىرگەن قىزىدىن ھەپتىلەپ ئايرىلىش-ئۇلارغا ئېغىر كەلگەندەك قىلىۋاتاتتى. مەمەت قارى، ئارزۇگۈل بىلەن دېيىشىپ، دۇكاننى تېخى بىر قانچە بۇرۇن شاگىرتلىققا كىرگەن ئەخمەتجان دېگەن بالىغا يىغىشتۇرۇپ قويۇش ئۈچۈن قالدۇرۇپ، ئۆزلىرى «پەرىشتىلەر باغچىسى»نىڭ ئالدىغا بېرىپ، مۇخلىسەنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى ساقلاپ تۇرماقچى بولۇپ كېلىشتى.
مەمەت قارى ۋاقىتنىڭ تولۇشىنى تەقەززالىقتىن كۈتمەكتە ئىدى. بالىلىرىنى ئالغىلى كەلگەن ئاتا-ئانىلارمۇ ئاستا-ئاستا كېلىپ، خۇددى بىرەر ھۆكۈمەت ياكى مەھكىمىنىڭ ئالدىدا ئەرز-شىكايەت قىلماقچى بولغاندەك توپلىشىپ قالغان ئىدى. ناماز ئەسىر ۋاقتى بولۇپ، يەنە بىرئاز ئۆتكەندىن كېيىن، بىنا ئىچىدىن ۋاراڭ–چۇرۇڭ، يىغا-زارە ئاۋازى ئاڭلىنىشقا باشلىدى. بەزى بالىلار يىغلاۋاتقاندەك قىلاتتى. بەزىلىرى بولسا ئاتا، ئانا سىلەر نەدە؟ كەلدىڭلارمۇ؟-دەپ ۋاقىراشماقتا ئىدى. شۇ ئەسنادا ئىشىك ئېچىلىپ، ئىككى تەربىيەچى سىرتقا چىقىپ، بالىلىرىنى ساقلاپ تۇرۇشقان ئاتا-ئانىلارغا ئالىيىپ بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن، بالىلارنى بىردىن، بىردىن سىرتقا چىقىرىشقا باشلىدى. ھەممە ئاتا-ئانىلارنىڭ كۆزى بالىلار چىقىۋاتقان ئىشىك تەرەپكە قاراپ تۆت بولۇپ كەتكەن ئىدى. مانا، ئوننەچچە بالا چىقىپ بولدى. مۇخلىسە تېخىچە كۆرۈنمەيتى. مەمەت قارى ئىشىك تۈۋىگە يېقىن كېلىپ، قىزىنىڭ تېخىچە چىقمىغانلىقىنى سوراپ باقماقچى بولۇپ، بىر تەربىيەچىگە گەپ قىلىۋېدى، ئۇلار مەمەت قارىنىڭ چىرايىغىمۇ قاراپ قويماستىن :
– ساقلا، بىردىن-بىردىن چىقىدۇ دېيىشتى قوپاللىق بىلەن.
ئارىدىن يېرىم سائەتتەك ۋاقىت ئۆتۈپ، يۈزگە يېقىن بالىلار چىقىپ بولدى. ئەمما مۇخلىسە تېخىچە چىقمايۋاتاتتى. ناھايىتىمۇ جىددىلەشكەن مەمەت قارى يەنە تەربىيىەچىنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭدىن سورىدى :
-مېنىڭ قىزىم چىقمىدىغۇ ؟
-قىزىڭنىڭ ئىسمى نېمە ئىدى؟
– قىزىمنىڭ ئىسمى مۇخلىسە
-نېمە؟ -دەپ سورىدى تەربىيەچى ئۇيغۇرچە ئىسىمنى ئاڭقىرالماي
– مۇخلىسە – دېدى مەمەت قارى يەنە بىر قېتىم ئۈنلۈك قىلىپ،
– ئەييا، ئەييا!بىزدە ئۇنداق ئىسىملىك قىز يوق، « مو خې لى سى »بار
مەمەتقارى بىردەم تېڭىر قاپ تۇرۇپ قالغاندىن كېيىن، بەلكى، بۇلار قىزىمنىڭ ئىسمىنى توغرا دېيەلمەيۋاتقان بولسا كېرەك؟ دەپ ئويلاپ: ھە-ئە، شۇ. « مو خې لى سى»دېگەن قىزنى بۇ يەرگە ئېلىپ چىق، مەن كۆرۈپ باقاي-دېدى قاپىقىنى تۈرۈپ، شۇنىڭ بىلەن تەربىيەچىدىن بىرسى كىرىپ كېتىپ، مۇخلىسەنى ئېلىپ چىقتى. مۇخلىسەنىڭ چىرايى تاتىرىپ كەتكەن بولۇپ، ئاتىسى مەمەت قارىنى كۆرۈپ، يۈگۈرگەنگىچە ئۇنىڭ قۇچىقىغا ئۆزىنى ئېتىپ يىغلاپ كەتتى. مەمەت قارىنىڭ كۆزىدىنمۇ ياش چىقىپ كەتكىلى تاسلا قالدى. مۇخلىسەنىڭ چىرايى بەكلا سولغۇن ئىدى. ئۇ قىزىنىڭ يېشىنى سىلاپ، يۈز-كۆزلىرىگە سۆيۈپ كەتتى. ئاندىن:
– قىزىم، سىزگە نېمە بولدى؟ نېمىشقا سىزنى ئۇلار قويۇپ بېرمىدى؟-دەپ سورىدى. مۇخلىسە بولسا، دەماللىققا ئاتىسىنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىشنىڭ ئورنىغا، يەنە بىردەم يىغلىۋەتكەندىن كېيىن مۇنداق دېدى :
-ئاتا! ئۇلار مەندىن:ۋېي شى نى دې، بابا، ماما(سېنىڭ ئاتا-ئاناڭ كىم؟) . . . . . دېگەندەك سوئاللارنى سورىغان ئىدى. مەن ئۇ گەپنى چۈشەنمەي قالغاچقا، جىم تۇرۇپ جاۋاب بەرمەپتىمەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مېنى قويۇپ بەرمىدى.
مۇخلىسەنىڭ سۆزىدىن شۇ نەرسە ئېنىق بولدىكى، تېخى«پەرىشتىلەر باغچىسى»غا يىغىۋېلىنغىنىغا بىر ھەپتىمۇ بولمىغان مۇخلىسە، دۆلەت تىلىنى تېخى ھېچقانچە ئۆگىنەلمىگەن ئىدى. مەمەت قارىنىڭ تەخمىن قىلىشىچە، ئۇلار مۇخلىسەدىن: « ئاتا-ئاناڭ بارمۇ؟»-دەپ سورىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ سوئالىنى تولۇق چۈشەنمىگەن مۇخلىسە جاۋاب بەرمەي جىم تۇرغاندىن كېيىن. ئۇلار: « بۇنىڭ ئاتا-ئانىسى يوق ئوخشايدۇ»دەپ ئويلاپ، قويۇپ بەرمىگەن بولۇشى مۇمكىن ئىدى.
دېگەندەك، مەمەت قارىنىڭ پەرزى توغرا بولۇپ چىقتى. ئۇ مۇخلىسەنى ئېلىپ قايتىپ مېڭىشىغا، بىر تەربىيەچى ئۇنىڭ ئالدىنى توسۇپ: سېنىڭ قىزىڭ نېمىشقا دۆلەت تىلى بىلمەيدۇ؟ سەن نېمىشقا ئۇنىڭغا دۆلەت تىلى ئۆگەتمەيسەن؟-دەپ سورىدى كۆزىنى چەكچەيتىپ، مەمەت قارى ئۇنىڭغا چالا خىتاي تىلى بىلەن جاۋاب بەردى: سەن بىلمەمسەن؟ بىز ئۇيغۇر مىللىتى، خەنزۇ مىللىتى ئەمەس! بىزنىڭ تىلىمىز باشقا، ئۇ دۆلەت تىلىغا ئوخشىمايدۇ. بىز ئەزەلدىن ئۆز ئانا تىلىمىزدا سۆزلەپ كەلگەن. شۇ تىلدا ئوقۇغان. بىز ئۆزىمىز دۆلەت تىلى بىلمىسەك، بالىلارغا قانداق ئۆگىتىمىز؟
– ئەييا، ئەييا!سەن دۆلەت تىلى بىلمىسەڭ، قانداق جۇڭخۇا مىللىتى بولىسەن؟
-جۇڭخۇا مىللىتى قانداق مىللەت-دېدى مەمەت قارى ئۇنىڭ دېگەنلىرىنى تازا چۈشەنمەي-بىز ئۇيغۇر بولساق، جۇڭخۇا مىللىتى بولالمامدىكەنمىز؟ ئىلگىرى سىلەر: جۇڭگودا 56 مىللەت بار دېيىشكەن ئىدىڭلارغۇ؟
– ئۇ دېگەن بۇرۇنقى گەپ. ھازىر ۋەزىيەت ئۆزگەردى. ئەمدى جۇڭگودا- جۇڭخۇا مىللىتىدىن باشقا مىللەت ياشىيالمايدۇ. ھەممە ئادەم دۆلەت تىلى بىلىشى كېرەك! بولمىسا ئۇلارنىڭ بۇ يەردىن يوقالغىنى ياكى ئۆلگىنى ياخشى -دېدى تەربىيەچى مەمەت قارىغا خۇددى تەنبىھ بېرىۋاتقاندەك مەغرۇرلۇق بىلەن قاراپ،
تەربىيەچىنىڭ گېپىنى ئاڭلىغان مەمەت قارى غەزەپتىن تىترەپ كەتتى. ئۇنىڭ شۇ تۇرقىدا بېرىپ، تەربىيەچىنىڭ گېلىدىن سىقىپ، ئۆلتۈرۈپ قويغۇسى كېلىپ كەتكەن ئىدى. ئۇ مۇشتۇمىنى تۈگكەنچە بېرىپ، كەلگۈندى تەربىيەچى بىلەن يەنە بىر نەرسە دېيىشمەكچى بولغان ئىدى. ياشانغان بىر كىشى كېلىپ، مەمەت قارىنىڭ ئالدىنى توستى :
– ئۇستام سەۋر قىلسىلا! بۇلار بىلەن تاكاللاشمىسىلا، ئارىدا ئۇقۇشماسلىق بولغان ئوخشايدۇ. ئۇلار مەخسۇس ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن ئېلىپ كېلىنگەن مەلۇماتلىق كىشىلەردۇر. شۇڭا بىر ئىشنى قەستەنگە قىلىشى ناتايىن! ئۇلارمۇ پارتىيە-ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىنى ئىجرا قىلىشقا مەجبۇردۇر. ئۇلارنىڭ دېگىنىدەك ھازىرقى سىياسەت – بۇرۇنقى سىياسەتلەرگە ئوخشىمايدۇ.
– قانداق ئوخشىمايدۇ؟-دەپ سورىدى مەمەت قارى ياشانغان كىشىنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى چۈشەنمەي،
– ھەي! خەۋەرلىرى يوقكەندە ئۇستام؟ ئۇنداق بولسا، مەن سىلىگە ئېيتىپ بېرەي، قۇلاقلىرىنى دىڭ تۇتۇپ ئاڭلىسىلا: ھازىرقى سىياسەت بويىچە ئېيتقاندا، دۆلەتنىڭ مەنپەئەتى ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدۇ. بارلىق پۇقرالار دۆلەت مەنپەئەتىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەنپەئەتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشى كېرەك. شۇڭا ھەممە ئادەم دۆلەت تىلى بىلمىسە بولمايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن دۆلەتتىكى بارلىق مىللەتلەر بىر-بىرىگە يۇغۇرۇلۇپ، بۈيۈك جۇڭخۇا مىللىتىنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك! باشقا بارلىق مىللەتلەر جۇڭخۇا مەدەنىيىتىدىن ئوزۇقلاندۇرۇلۇپ، خەنزۇ مىللىتى بىلەن بىر پۈتۈنلۈك ھاسىل قىلىشى كېرەك! ئەگەر ئۇنداق قىلمىغانلار ياكى ئۇنى قوبۇل قىلىشنى خالىمىغانلار دۆلەت مەنپەئەتىگە قارشى چىققان بولۇپ، جازالىنىدۇ. شۇڭا، ئۇكام! مەن سىلىگە ئاخىرىدا شۇنى ئەسكەرتىپ قوياي: دۆلەتنىڭ ھازىرقى« قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتى»گە قارشى چىقمىسىلا، بالىلار يەسلىدىن باشلاپلا دۆلەت تىلىنى پۇختا ئۆگىنىشى كېرەك. ئاتا- ئانىلار بالىلىرىنىڭ دۆلەت تىلى ئۆگىنىشىگە ياردەمدە بولۇشى كېرەك! سىلى دۆلەت مەخسۇس ئەۋەتكەن بۇ ئوقۇتقۇچىلارنى قوللىسىلا، ئۇلار بىلەن جېدەللەشمىسىلە! بولمىسا سىلىنىڭ پېشانىلىرىغا باشقىچە تامغا بېسىلىپ قالىدۇ.
مەمەت قارىنىڭ تېخىچە ئاچچىقى يانمىغان ئىدى. ئۇ ئادەمگە بىر نەرسە دەپ جاۋاب قايتۇرماقچى بولۇپ، ئاغزىنى ئېچىپ تۇرۇشىغا، مەمەت قارىنىڭ كەچ قالغانلىقىدىن ئەنسىرەپ بۇ يەرگە يېتىپ كەلگەن ئارزۇگۈل ئۇنىڭ چىرايىدىكى جىددىيلىكنى كۆرۈپ، مەمەت قارىنى ئىشارەت بىلەن توختىتىپ، ئۇنىڭ قايتا گەپ قىلىشىغا يول قويمىدى. ئانىسىنى كۆرگەن مۇخلىسە يۈگۈرگىنىچە بېرىپ، ئۇنىڭ قۇچىقىغا ئۆزىنى ئېتىپ يىغلاپ كەتتى. ئارزۇگۈلمۇ قىزىنى قۇچاقلاپ، پېشانىسىگە سۆيۈپ، ئۇنىڭ كۆز – ياشلىرىنى سۈرتكەندىن كېيىن:يۈرۈڭ قىزىم، ئۆيگە كېتەيلى! تاماق تەييارلاپ قويدۇم. سوۋۇپ قالمىسۇن دەپ، ئۇنى قولىدىن يېتىلگەنچە ئېلىپ ماڭدى. مەمەت قارىمۇ ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن ئەگىشىپ، ئۆيىگە يېنىپ كەلدى.
ئارزۇگۈل قىزىم مۇخلىسە لەغمەنگە ئامراق دەپ ئويلاپ، ئوخشىتىپ سەي قورۇپ، ئىنچىكە پىلتا قىلىپ تەييار قىلىپ قويغان ئىدى. ئۇلار ئۆيگە يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئارزۇگۈل بىردەمدىلا ئىنچىكە تارتىلغان چۆپنى قازانغا سالدى-دە، قورۇمىنى ئىسسىتىپ، بىر قاچا لەڭمەننى مۇخلىسەنىڭ ئالدىغا قويدى. ئادەتتە مۇخلىسە يېرىم قاچا لەڭمەننى ئاران يەپ بولاتتى. بۇ قېتىم بىر قاچا لەڭمەننى بىردەمدىلا يەۋېتىپ، بىر تەخسىگە، بىر ئانىسىغا قارىدى. ئۇ بىر قاچا لەغمەنگە تويغان بولسىمۇ، ئەمما يەنە بىر قاچا يېگۈسى كېلىپ تۇراتتى. چۈنكى، ئۇ بىر ھەپتىدىن بۇيان قورسىقى تويغۇدەك ئىسسىق بىر قاچا تاماق يەپ باقمىغان ئىدى. قىزىنىڭ بۇ ھالىتىنى سەزگەن ئارزۇگۈل ئۇنىڭدىن سورىدى :
– قىزىم يەنە ئازراق چۆپ سېلىپ بېرەيمۇ؟ يەنە بىر قاچا يەۋالامسىز؟
– ھە-ئە ئاپا، يەنە بىر قاچا يەۋالاي-دېدى ئۇ خۇشاللىق بىلەن. ئارزۇگۈل دەرھال بىر پىلتا چۆپنىڭ يېرىمىنى ئىنچىكە تارتىپ سېلىپ-پىشۇرۇپ، ئۇنىڭ ئالدىغا قويدى. مۇخلىسە ئىككىنچى قاچىنىمۇ بىردەمدىلا يەپ بولدى ۋە ئۇنىڭ چىرايىدا بىراز خۇشاللىق پەيدا بولدى. ئۇ ئاپىسىغا مەمنۇنلۇق بىلەن قاراپ:
– ئاپا، سىزنىڭ تاماقلىرىڭىز نېمانداق مەززىلىك، لەغمىنىڭىز بەكمۇ ئوخشاپتۇ دەپ، ئاپىسىغا رازىمەنلىكنى بىلدۈردى.
– قىزىم، پەرىشتىلەر باغچىسىدا نېمە تاماق بېرىدۇ ؟-دەپ سورىدى ئارزۇگۈل قىزىنىڭ نېمىشقا ئاچ قالغانلىقىنى بىلىپ باقماقچى بولۇپ،
– ئۇ يەردە ئاپا، بىزگە ھەر كۈنى ئەتىگەندە قۇرۇق گۈرۈچ شورپىسى بېرىدۇ. چۈش ۋاقتىمۇ گۈرۈچ شورپىسى بىلەن بىر تالدىن ھورنان بېرىدۇ. ئۇنىڭغا مېنىڭ پەقەت قورسىقىم تويمايدۇ. كېلەر ھەپتىدىن باشلاپ مېنى ئۇ يەرگە ئەۋەتمەڭلارچۇ؟ مېنىڭ قەتئىي بارغۇم يوق-دېدى مۇخلىسە دومسۇيۇپ،
– بولمايدۇ، قىزىم! ئۇ بىزنىڭ ئىختىيارىمىزدىكى ئىش ئەمەس! ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتى، بىز ئۇنىڭغا قارشى چىقساق بولمايدۇ. مېنىڭچە بولغاندا بولسا قىزىم، سىز ھەر كۈنى ئۆيدە مەن بىلەن بىللە تۇرسىڭىز بەكمۇ ياخشى بولاتتى. لېكىن، يېزىلىق مائارىپ كومىتېتى بۇنىڭغا يول قويمايدۇ. ئۇلار: « ئۈچ ياشتىن ئاشقان ھەر قانداق بىر بالا، مەيلى قىز ياكى ئوغۇل بولۇشتىن قەتئىي نەزەر، چوقۇم پەرىشتىلەر باغچىسىغا بېرىشى كېرەك » دېگەن يېڭى بەلگىلىمە چىقىرىپتۇ. بۇ دۆلەتنىڭ يەرلىك رايونلاردا دۆلەت تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن يولغا قويغان بىر تۇتاش سىياسىتى ئىكەن. ئەگەر كىمدە-كىم بۇنىڭغا قارشى چىقسا، ئېغىر ئىقتىسادىي جەرىمانە ۋە باشقا جازالار قويۇلارمىش! شۇڭا قىزىم، سىز چوقۇم «پەرىشتىلەر باغچىسى»غا بېرىشىڭىز كېرەك! بولمىسا دۆلەت تىلىنى ياخشى ئۆگىنەلمەيسىز، دۆلەت تىلىنى بىلمىسىڭىز-مەكتەپتە ئوقۇيالمايسىز.
– ماقۇل ئاپا، ئەمىسە باراي! دۆلەت تىلى دېگىنىمىز-خەنزۇلارنىڭ تىلى ئىكەنغۇ؟ نېمىشقا بىزنىڭ تىلىمىز-دۆلەت تىلى بولالمايدۇ؟-سورىدى مۇخلىسە ئاپىسىنىڭ دېگەنلىرىنى چۈشەنمەي، ئارزۇگۈل قىزىنىڭ بۇ سوئالىغا نېمە دەپ جاۋاب بېرىشىمنى بىلەلمەي تېڭىرقاپ تۇرۇپ قالدى. شۇ ئەسنادا مەمەت قارى ئالدىغا كەلگەن تاماقنى بىر چوكىمۇ ئېغىزىغا سالماستىن ئۈستەلگە قويۇپ، مۇخلىسەنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى: ئەسلىدە ئىلگىرى دۆلەت تىلى دەيدىغان بىر تىل يوق ئىدى. ھەممە مىللەتنىڭ ئۆز ئالدىغا تىلى بار ئىدى. يەسلى ۋە مەكتەپلەردە، گېزىت–ژۇرناللاردا، ئىدارە-جەمىيەتلەردە يەرلىك تىل ئىشلىتىلەتتى. مانا ئاپىڭىز بىلەن ئىككىمىزمۇ-ئۆزىمىزنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇغان. ئۆز تىلىمىز بىلەن كىتاب-ژۇرناللارنى ئوقۇيالايتتۇق. ئىدارە- جەمئىيەتكە بېرىپ، ئەرز-شىكايىتىمىز بولسا، ئۆز تىلىمىزدا قىلالايتتۇق. مانا ئەمدى دەۋر ئۆزگەردى. دۆلەت تەرەققىي قىلغاندىن كېيىن، خەنزۇلارنىڭ ئورنى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، باشقا مىللەتلەرنىڭ ئورنى تۆۋەنلەپ كەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە خەنزۇلارنىڭ سانى ئومۇمىي نوپۇسنىڭ ئاساسلىق قىسمىنى ئىگىلىگەن بولغاچقا، ئۇلارنىڭ تىلى-دۆلەت تىلى قىلىپ بەلگىلەندى. مىڭ ئەپسۇس! بىزنىڭ مۇستەقىل دۆلىتىمىز بولغان بولسا، ئۇيغۇر تىلىمۇ دۆلەت تىلى بولالايتتى. سىلەرمۇ ئۆز تىلىڭلاردا مەكتەپتە ئوقۇغان بولاتتىڭلار! باشقا تىللارنى پەقەت ئىختىيار قىلساڭلارلا ئۆگىنەتتىڭلار، ئەپسۇس! مىڭ ئەپسۇس! بىزنىڭ تەقدىرىمىز باشقىلارغا باغلىق بولۇپ قالغان ئىكەن. ئەمدى بىزنىڭ ئۇلارنىڭ تىلىنى ئۆگەنمەي چارىمىز يوق ئوخشايدۇ.
مەمەت قارى سۆزلەپ، شۇ يەرگە كەلگەندە ئارزۇگۈل بىر خىل ئەندىشە ئىچىدە گەپكە ئارىلاشتى:
-مەمەت قارى بولدى قىلسىلا! كىچىككىنە بىر بالا دۆلەت ۋە سىياسەتتىن نېمىنى چۈشىنىدۇ ؟ ئۇنداق سىياسەتكە چېتىلغان گەپلەرنى كىچىك بالىغا ئۆگەتمىسىلە، ئەتە-ئۆگۈن باشقا يەرلەردە، بولۇپمۇ ساۋاقداشلىرى ئارىسىدا دەپ قالسا، ئۇنى ئاڭلىغانلار مۇئەللىملەرگە چېقىپ قويۇشى مۇمكىن! ئۇ چاغدا بالىمىز كىچىك تۇرۇپلا جىنايەتچى بولۇپ قالمامدۇ؟
بۇ گېپىڭىزمىغۇ ئورۇنلۇق ئارزۇگۈل-دېدى مەمەت قارى قوشۇمىسىنى تۈرۈپ-ئەمما، بۇ ھۆكۈمەتنىڭ «قوش تىللىق مائارىپنى يولغا قويۇش» دېگەن سىياسىتى مېنىڭ ئىدىيەمدىن قەتئىي ئۆتمەيدۇ. مانا بىز قوش تىلدا ئوقۇمىغان. شۇنداقتىمۇ رىزقىمىز كەم بولۇپ قالمىدى. نېنىمىزنى تېپىپ يەۋاتىمىزغۇ؟ ئاللاھتائالا ئىنساننى رىزقى بىلەن بىللە ياراتقاندۇر. مانا بىزدەك دۆلەت تىلى بىلمەيدىغانلارمۇ ئاچ قېلىپ ئۆلمىدۇققۇ؟
– ئۇغۇ شۇنداق!-دېدى ئارزۇگۈلمۇ ئۆزىنىڭ چۈشەنچىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ – بۇ ھۆكۈمەت سىز ئويلىغاندەك ئويلىمايدۇ. ئۇلار ھېچقاچان تەقدىر– قىسمەت، كۆز قاراش-چۈشەنچىلەرنى، دىنىي قائىدە–يوسۇنلارنى، ئۆرۈپ- ئادەتلەرنى ئېتىراپ قىلغان ئەمەس! ئۇلارنىڭ ئويلايدىغىنى-پەقەتلا دۆلەت مەنپەئەتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ئۆزلىرى خالىغانچە سىياسەت چىقىرىپ، ئاندىن ئۇنى مەجبۇرى يولغا قويۇۋاتىدۇ. ئەمدى بىزنىڭ، ئۇنىڭغا بويسۇنماقتىن باشقا چارىمىز يوقتۇر.
مەمەت قارى ئەمدى يەنە ئارزۇگۈل بىلەن داۋاملىق تالاش تارتىش قىلىشنى خالىمىدى–دە، ئىككى سۈمۈرۈپلا بىر قاچا لەڭمەننى يەۋېتىپ، ئارزۇگۈلگە قاچىسىنى سۇنۇپ، ئاش سۈيى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. لەغمەندىن كېيىن ئاش سۈيى ئىچىش ئۇنىڭ ئۆسمۈر ۋاقتىدىن باشلاپ ئۆگىنىپ قالغان ئادىتى ئىدى. ئادەتتە مەمەت قارى ئارقا-ئارقىدىن ئىككى تەخسە لەڭمەننى يەۋەتەتتى. ئەمما، نېمىشقېكىن؟ بۈگۈن ئۇنىڭ ئىككىنچى تەخسە لەغمەنگە ئىشتىھاسى تارتمىدى.
قانداق قىلىش كېرەك؟ ئۇ چوڭقۇر خىيالغا پېتىپ كەتتى: «ئەمدى بالىلارنىڭ تەقدىرى قانداق بولۇپ كېتەر؟ ئۇلار ئۆز ئانا تىلىنى ئۇنتۇپ كېتەرمۇ؟ ئەگەر ئۇلار ئۆز ئانا تىلىنى ئۇنتۇپ كەتسە، مىللىتىنىڭ تايىنى بولمىغان، كىملىكسىز ئادەم بولۇپ قالمامدۇ؟ كىملىك تەۋەلىكى ئېنىق بولمىغان بالىلار-كەلگۈسىدە ئۆزىنىڭ ئەجداتلىرىنى ئۇنتۇپ كېتىدىغان، ئۇلاردىن نەپرەتلىنىدىغان بولۇپ قالمامدۇ؟ ھەي، ئىسىت، ھەي، ئىسىت! ئەمدى قانداق قىلارمىز؟ ئەۋلادلىرىمىزنى يوقىتىپ قويىدىغان ئوخشايمىز! ئاھ خۇدا، سەن ئۆزۈڭ بىز ئاجىزلارغا ياردەمچى بولغايسەن، بىزنى مۈشكۈلاتلاردىن قۇتۇلدۇرغايسەن!»
مۇسلىمە بىلەن مۇخلىسەنىڭ ئىككى كۈنلۈك دەم ئېلىش كۈنلىرى ناھايىتى كۆڭۈللۈك ئۆتتى. مەمەت قارى ئوخشىغان مەززىلىك نانلارنى يېقىلىپ ئەكېلىپ، داستىخاننى تولدۇرۇۋەتتى. ئارزۇگۈل بولسا، ئىككى كۈن ئىچىدە ئۈچ – تۆت خىل تاماق قىلىپ، قىزلىرىنىڭ ياخشىراق ئوزۇقلىنىشى ئۈچۈن قىلمىغىنى قالمىدى. چوڭ قىزى مۇسلىمە مەكتەپكە ئەتىگەن بېرىپ، كەچتە قايتىپ كەلسىمۇ، ئەمما كىچىك قىزى مۇخلىسە پەقەت ھەپتە ئاخىرىدا بىر قېتىملا ئۆيگە قايتىپ كېلەتتى. بۇ ئىشتىن ئارزۇگۈل بەكمۇ راھەتسىز ئىدى. بولۇپمۇ مۇخلىسەنىڭ: «پەرىشتىلەر باغچىسى»دا قورسىقى تويغۇدەك تاماق يېيەلمىگەنلىكى، ھەپتىدە بىر قېتىممۇ مۇنچىغا چۈشەلمىگەنلىكى، يۈز – كۆزىنى پاكىز يۇيۇپ، چېچىنى تارىيالمىغانلىقى ئۇنى بەكمۇ بىئارام قىلماقتا ئىدى. شۇڭا ئۇ ھەپتە ئاخىرىدا مۇخلىسەگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئانىلىق مېھرىنى بارلىق ئىمكانىي بىلەن يەتكۈزۈشكە تىرىشتى.
مانا، ھەپتە ئاخىرىمۇ توشتى. دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەندىلا مەمەت قارى مۇسلىمەنى مەكتەپكە يولغا سېلىپ قويۇپ، مۇخلىسەنى ئۆزى ئاتالمىش «پەرىشتىلەر باغچىسى»غا ئاپىرىپ قويدى. مۇخلىسە ئاتىسى بىلەن كۆز يېشى ئىچىدە خوشلاشتى. بۇنىڭدىن مەمەت قارىنىڭمۇ كۆڭلى ئىنتايىن يېرىم بولدى. ئۇ دۇكىنىغا ماڭغاچ يولدا شۇنىلارنى ئويلىدى : « بىزگە چوڭلاردىن قالغان: « زامان زورنىڭ-تاماشا كورنىڭ »دېگەن گەپ بىكارغا چىقمىغان ئىكەن. مانا ھازىر بۇ دەۋر يېتىپ كەلگەن ئوخشايدۇ. پارتىيە-ھۆكۈمەت دېگەنلەر خەلقنىڭ دات-پەريادىغا قۇلاق سالماستىن، ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى ئويلاپ، خالىغانچە سىياسەت چىقىرىپ، مەجبۇرىي ئىجرا قىلىۋاتىدۇ. مەيلى، يۇقىرىنى-تۆۋەننىڭ ئەھۋالىنى نەزەرگە ئالمايدىمۇ دەيلى! ئەمما تۆۋەندىكىلەر يەنى يەرلىك ئەمەلدار نېمىشقا بۇنىڭغا بىر ئېغىزمۇ ئېتىراز بىلدۈرمەيدۇ ؟ ئۇلار:ھە، دېسىلا «يۇقىرىنىڭ سىياسىتى، پارتىيە- ھۆكۈمەتنىڭ يوليورۇقى» دېگەننى ئېغىزدىن چۈشۈرمەيدۇ. دوپپىسىنى ئېلىپ كەل دېسە، بېشىنى كېسىپ ئېلىپ كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھەممە كەلگۈلۈك-بىز پۇقرالارغىلا كېلىۋاتىدۇ. « ئاۋام خەلق – قويدىن ياۋاش بولىدۇ » دېگەن گەپ ھەقىقەتەن توغرا ئېيتىلغان ئىكەن. ھەي! بىز خەق ئەلمىساقتىن قوي گۆشى يېگەچكىمۇ، قويدەكلا ياۋاش بولۇپ كېتىپ بارىمىز !شۇنداق بولغاچقا « بوزەكنى-بوزەك ئەتمىسەڭ-قىيامەتتە سورىقى بولىدۇ» دېگەن گەپ ئەمەلىيەتكە ئايلىنىپ، بىز پۇقرالار بوزەك بولۇپ كېتىۋاتىمىز. بۇنداق ئەھۋالدا بوزەك قىلىنغانلار – بوزەك قىلغۇچىلارغا قارشىلىق بىلدۈرۈشىمىز كېرەك ئىدىغۇ؟ بۇ زاماندا ئادەملەر نېمە بولۇپ كېتىپ بارىدۇ ؟ھەممە ئادەمنىڭ ئاغزىدا: «زامان ساڭا باقمىسا، سەن زامانغا باق» «ئاناڭنى كىم ئالسا، ماشايىقىڭ شۇ » دېگەن گەپلەر مودا بولۇپ كېتىۋاتىدۇ. ھەي، تەتۈر زامان! ھەي تەتۈر پەلەك! قاچانمۇ سەن بىزگە ئوڭ كۆزۈڭ بىلەن باقارسەن؟ ھەي، ئادەملەر! قاچانمۇ سىلەر ئەقلىڭلارنى تاپارسىلەر؟»
مەمەت قارى ئاشۇنداق گادىرماچ خىياللار ئىچىدە ناۋايخانىسىغا يېتىپ كەلدى-دە، تونۇرغا ئوت يېقىپ، پەشخۇننى تازىلاپ، خېرىدارلارنىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ، ھەر كۈنلۈك ئادىتى بويىچە ئىچىدە ئايەت ئوقۇپ، ئىشلىرىنىڭ بەرىكەتلىك بولۇشىنى ئاللاھدىن تىلىدى. كۈن چاشكا ۋاقتى بولۇپ قالغانىدى. تونۇرمۇ قىزىپ، ئوت يالقۇنجاشتىن توختاپ، قىپ-قىزىل چوغ ھالىتىگە كەلگەن ئىدى. خېرىدارلارمۇ بىردىن – ئىككىدىن كېلىشكە باشلىدى. مەمەت قارى تەرتىپ بويىچە خېرىدارلار ئېلىپ كەلگەن ناننى يۇمىلاق زۇۋۇلا قىلىپ ئۈزۈپ، ئاندىن ياپىلاقلاپ ئېچىپ، قىزىق تونۇرغا يېقىشقا باشلىدى. بىرىنچى خېرىدارنىڭ ئون بەش، ئىككىنچى خېرىدارنىڭ يىگىرمە، ئۈچىنچىسىنىڭ ئوتتۇز دېگەندەك بولۇپ، ھايال ئۆتمەيلا ئۈچ – تۆت خېرىدارنى ئۇزىتىپ بولدى. خېرىدارلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيۋاتاتتى. بىردەمدىلا ناۋايخانا خېرىدارلىرى بىلەن تولۇپ كەتتى. ئەمدى ناۋايخانىنىڭ ئىچى بىر بازارغا ئايلانغانىدى. ئاياللار بىر-بىرى بىلەن توختىماي كۇسۇلدىشاتتى. بەزىلىرى ئۆز-ئارا، قوشنا-قۇلۇملىرىنىڭ غەيۋىتىنى قىلىشسا، بەزىلىرى ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ يېقىندا چىقارغان: « بالىلارغا ئىسىم قويۇشتىكى بەلگىلىمە» دېگەن ئۇقتۇرۇشى ئۈستىدە بولۇۋاتاتتى:
– ئايىمنىساخان ئاڭلىدىلىمۇ؟-دېدى تاجىخان ئىسىملىك بىر ئوتتۇرا بوي، سېمىزغىنا، ئاقپىشپاق كەلگەن ئايال-نەۋرەمگە ئىسىم قويماقچى بولۇپ، « بۈۋى مەريەم »دېگەن ئىسىمنى تاللىغان ئىدۇق، ئاھالىلەر كومىتېتىدىن رۇخسەت قىلمىدى.
-نېمىشقا رۇخسەت قىلمايدىكەن؟-دەپ سورىدى يان تەرەپتە خېمىر زۇۋۇلا قىلىپ ئېچىۋاتقان يەنە بىر ئورۇقراق ئايال. تاجىخان گېلىنى بىر قېقىۋېتىپ،
ئاۋازىم سىرتقا ئاڭلىنىپ قالمىسۇن دېگەندەك پەس ئاۋازدا مۇنداق دېدى:
-بەلكى، «بۈۋى مەريەم »دېگەن ئىسىمنىڭ قويۇق دىنىي تۈس ئالغانلىقىدىن بولسا كېرەك؟
– ئۇنىڭ قانداق يامان مەنىسى بولسۇن؟-دېدى يەنە بىر ياشانغىراق ئايال بۇ گەپكە ئارىلىشىپ-«بۈۋى مەريەم »دېگەن ھەزرىتى ئەيسا پەيغەمبەرنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمىغۇ؟ ئۇنىڭدىن باشقا يەنە نېمە مەنىسى بولسۇن؟
– ئۇغۇ شۇنداق-دېدى تاجىخان ئەتراپتىكى قۇرداشلىرىغا جاۋاب بېرىپ – مارىيەم دېگەن ئىسىمغۇ نورمال ئىسىم ئىدى. ئەمما، «بۈۋى »دېگەن ئىسىم قوشۇلغانغا چەكلىگەن ئوخشايدۇ. بۇ ئىسىمنى قويغانغا نەۋرەم بىر بۈۋىم بولۇپ قالاتتىمىكىن؟ ئىش بۇنىڭ بىلەنلا تۈگىسىغۇ مەيلى ئىدى-دېدى ئۇ ئايال يەنە خاپىلىقىنى بىلدۈرۈپ، تېخى بۇرۇنقى ئىسىملارمۇ، قۇرئاندىن ئېلىنغان« دىنىي تۈسى قويۇق ئىسىملار» بولۇپ قالسا، خۇراپىي ۋە ئەسەبىي ئىسىملار قاتارىغا ئايرىلىپ، باشقا بىر ئىسىمغا ئۆزگەرتىلىشى كېرەكمىش! ئۇنداق قىلمىغانلار جازالىنارمىش!
– ئاپلا، مېنىڭ قىزىمنىڭمۇ ئاي-كۈنى يېقىنلىشىپ قالغان ئىدى. ئۇلار تاللىغان ئىسىمنى قويالمامدۇ نېمە؟-دەپ گەپكە ئارىلاشتى ياشانغانراق، خۇددى ھىجاب ئارتىۋالغاندەك، يۈزىنىڭ خۇددى توپنىڭ بىر يۈزىچىلىك قىسمىنى ئوچۇق قويۇپ ياغلىق چىگىۋالغان يەنە بىر ئايال – قىزىم ئوغۇل تۇغسا مۇھەممەت، قىز تۇغسا مەدىنە قويماقچى ئىدى.
– چوقۇم بولمايدۇ. ئۇقتۇرۇشنى كۆرمىدىلىمۇ؟-دېدى باشتىكى تاجىخان ئىسىملىك ئايال.
– ياق ئۇقتۇرۇش بىزنىڭ ئۆيگە تېخى كەلمىدى. مەن ئۇنى كۆرمىدىم.
– ئەگەر ئۇقتۇرۇشنى كۆرمىگەن بولسىلا، كەچتە بىزنىڭ ئۆيگە چىقسىلا! مەن سىلىگە قانداق ئىسىملارنى قويۇشقا بولىدىغانلىقىنى، قانداق ئىسىملارنى قويۇشقا بولمايدىغانلىقىنى ئوقۇپ بېرىمەن.
– ھە، ماقۇل!مەن بۈگۈن كەچتىلا، سىلەرنىڭ ئۆيگە چىقىپ، بۇ ئىشلارنى بىر بىلىۋالايچۇ؟
– شۇنداق قىلسىلا! بولمىسا، ئاتايىتەن موللام چاقىرىپ ئىسىم قويۇپ، كېيىن بۇ ئىسىمنى يۆتكەيدىغانغا نۇرغۇن جاپا تارتىشقا توغرا كېلىدىغان گەپكەن!
– مەمەت قارىنىڭ، ئاياللارنىڭ: «بالىلارغا قويۇق دىنىي تۈس ئالغان ئىسىم قويۇشنىڭ چەكلەنگەنلىكى» ھەققىدىكى تالاش-تارتىشنى ئاڭلاپ يۈرىكى قارتتىدە، قىلىپ قىلىپ قالدى؛ئۇ: « مېنىڭ بالىلىرىمنىڭ ئىسىملىرىمۇ چەكلەنگەن ئىسىم قاتارىغا كىرىپ قالامدۇ نېمە؟»-دەپ، ئويلىدى ۋە تاجىخان ئىسىملىك ئايالنىڭ نېنىنى يېقىپ بولۇپ، داستىخانغا يۆگەپ بېرىپ ئۇزىتىدىغان چاغدا، ئۇ ئايالدىن ئاتايىتەن سورىۋالدى:
-تاجىخان ئاچا! مېنىڭ بالامنىڭ ئىسىملىرىگىمۇ يېڭى چىققان ھۆججەتتە دېيىلگەن ئىسىملارغا سېلىشتۇرۇپ، قاراپ باقسىلا بولۇپتىكەن، ئۇ ئىسىملارمۇ چەكلىنىدىغان ئىسىملارغا قاتارىغا كىرەمدىكىن؟
– بالىلىرىڭىزنىڭ ئىسمى نېمە ئىدى؟ بىر قەغەزگە يېزىپ بېرىڭ، مەن كەچتە ھۆججەتتىكى ئۇقتۇرۇشقا قاراپ چىقىپ، ئەتىلا سىزگە جاۋابىنى بېرىۋېتىمەن-دېدى تاجىخان خوشلىشىۋېتىپ،
خېرىدار ئاياللار ئۇزاپ چىقىپ كېتىپ بولغاندىن كېيىن. مەمەت قارى بازاردىن ئازراق سودىلىق قىلىپ، ئۆيگە قايتىپ كەلدى. ئۇ بىر نەرسىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقاندەك جىددىي ھالدا ئارزۇگۈلگە قاراپ :
-ئارزۇگۈل ئاڭلىدىڭىزمۇ؟ ھازىر يېڭى تۇغۇلغان بالىلارغا مۇسۇلمانچە ئىسىم قويۇش چەكلىنىۋېتىپتۇ، بۇرۇن قويۇلغان مۇسۇلمانچە ئىسىملارمۇ ئۆزگەرتىلىشى كېرەكمىش! بۇ ھەقتە ئاللىقاچان ئۇقتۇرۇش كېلىپ بولۇپتىمىش! ئۇ ئۇقتۇرۇش بويىچە ئىش قىلمىغانلارغا جەرىمانە قويلارمىش! ياكى قارا تىزىملىككە ئېلىنىپ، «مەسىلىسى بارلار» قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنارمىش!
– ۋاي شۇنداقمۇ؟ ھەي، دەيۈزلەر!-دېدى پەس ئاۋازدا ئارزۇگۈل بۇ ئىشقا قارىتا نارازىلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئەمدى ئۇلارنىڭ قىلمىغىنى-بۇ قاپتىمۇ؟ يەنە بېشىمىزغا نېمە ئىشلار كېلەر؟ ئىلگىرى قويۇلۇپ بولغان ئىسىمنىمۇ ئۆزگەرتىش دېگەن – نېمىدېگەن مەنتىقىسىزلىق-ھە !
– شۇنداق، توغرا دېدىڭىز ئارزۇگۈل – دېدى مەمەت قارى ئايالىنىڭ سۆزىنى قۇۋۋەتلەپ، خېرىدار ئاياللارنىڭ گەپلىرىگە قارىغاندا، بۇ ئىشلار پات يېقىندا ئومۇميۈزلۈك ئېلىپ بېرىلىدىغان ئوخشايدۇ. بۇنىڭغا قارشى چىققانلارنى قارا تىزىملىككە ئېلىۋېلىپ، «ئەسەبىي ئىدىيەدىكى كىشىلەر» دەپ، ناچار ياكى خەتەرلىك پۇقرالار قاتارىغا كىرگۈزۈلۈپ قويارمىش! ئۇنىڭدىن كېيىن نېمە بولىدىغانلىقىنى تېخى بىلگىلى بولمايدۇ.
-قېنى باشقا كەلگەننى كۆرەرمىز!-دېدى ئارزۇگۈل ئۇلۇغ كىچىك تىنىپ،
– ئىچكىرىدىن كەلگەن قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرى، خېلى ئۇزاق بولدى مەكتەپتە قىزلارنىڭ ئىسمىنى توغرا دېيەلمەي، چالا-بۇلا قىلىپ ياكى قىسقارتىپ، يا ئۇيغۇرچىغا ياكى خىتايچىغا ئوخشىمايدىغان مەنىسىز ئىسىملارغا ئۆزگەرتىۋېلىشتى.
– بىزمۇ تەييارلىق قىلىپ قويايلى! ئۆزىمىز تاللاپ ئۆزگەرتسەك ياخشى بولارمۇ ياكى ئۇلار ئۆزلىرى ئىسىم بېكىتىپ بېرەرمۇ؟-دېدى مەمەت قارى يەنە ئويلانغان ھالدا، نېمىلا بولمىسۇن، ئۆزىمىز ئالدىنئالا ئىسىم تېپىپ قويساق ياخشى بولارمىكىن؟
– توغرا دېدىڭىز-دېدى ئارزۇگۈل، مەمەت قارىنىڭ گېپىگە قوشۇلۇپ- ناۋادا بالىلارنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولۇپ قالساق، ئۆزىمىز ئىسىم تاپايلى! مەن باشقىلارنىڭ بالىلىرىمىزغا ئاۋۇ ئىسىمنى قوي، ماۋۇ ئىسىمنى قويما!-دەپ، ئىسىم بەلگىلەپ بېرىشىنى خالىمايمەن.
مەمەت قارى بالىلارنىڭ ئىسمىنىڭ ئۆزگەرتىلىشى ھەققىدە ئارزۇگۈل بىلەن بىر پىكىرگە كېلىۋالغانلىقىدىن خۇشال ئىدى. قانداقلا بولمىسۇن؟ ئالدىدىن تەييارلىق قىلىۋالغىنىمىز ياخشى بولدى دەپ ئويلىدى ئۇ ئىچىدە : «ئەگەر بالىلىرىڭنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىسەن دەپ مەجبۇرلاپ قالسا، مەن ئۇنىڭغا دەسلەپتىلا: ھە-ئە، ماقۇل!-دەپ، قاملاشمىغان بىر ئىسىملارنى قويۇشقا قوشۇلمايمەن. قىزلارغا چوقۇم مۇۋاپىق، ئېسىل مەنىسى بار بىر ئۇيغۇرچە ئىسىم تېپىپ، ئاندىن ئاخشىمىسى يوشۇرۇنچە، ئۆزىمىزنىڭ دىنىي قائىدىمىز بويىچە، ئەزان توۋلاپ-ئىسىم قويۇپ، شۇ يېڭى ئىسىم بويىچە چاقىرىمەن. بولمىسا، ھاياتقا كۆز يۇمغاندا مۇنكىر-نېكىرلەر تەرىپىدىن ئەزان توۋلاپ قويۇلغان ئۆز ئىسمى بىلەن چاقىرىلغاندا، ئۆز ئىسمىنى بىلمەي قالسا: مېنىڭ ئىسمىم ئالدىدا مۇنداق ئىدى، كېيىن مۇنداق بولغان–دەپ، بىرنەچچە ئىسىم بىلەن جاۋاب بەرسە قوبۇل كۆرۈلەرمۇ؟ ئاھ خۇدا، بىز ئاجىز بەندىلەرگە ئۆزۈڭ ياردەمچى بولغايسەن!»
ئاللاھنىڭ يەنە بىر يورۇق كۈنى بەندىلەرگە ئۆزىنى كۆرسەتكەنىدى. مەمەت قارى سەھەر تۇرۇپ، بامدات نامىزىنى ئوقۇۋالغاندىن كېيىن، ئارزۇگۈل ۋە بالىلىرى بىلەن ئولتۇرۇپ قايماق چاي بىلەن ناشتىلىق قىلىۋالدى. مۇسلىمەنىڭ مەكتىپى، ئۆيدىن ئانچە يىراق بولمىغاچقا، ئۆزى يالغۇز ياكى ساۋاقداشلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، مەكتەپ بارالايتتى. مۇخلىسەنى بولسا، «پەرىشتىلەر باغچىسى» دېيىلگەن ئاتالمىش ياتاقلىق يەسلىگە مەمەت قارى ئۆزى ئاپىرىپ قويدى. مۇخلىسە يولدا كەلگەچ كۆز يېشى قىلىپ، ئاتىسىدىن ئۆتۈنۈپ: « پەرىشتىلەر باغچىسى»غا بارغۇسى يوقلۇقىنى، خىتاي ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆزىنى تىللىغانلىقىنى، قورسىقىغا تويغۇدەك تاماق بەرمىگەنلىكىنى ئېيتىپ، ئۆيگە قايتۇرۇپ ئېلىپ كېتىشنى تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋالدى. مەمەت قارى مۇخلىسەگە ئاتىلارچە مېھرىبانلىق بىلەن: «قىزىم سەۋرچان بولۇڭ، بۇ ئىشلار ئۆتۈپ كېتىدۇ! سىز ئۇزاق قالماي دۆلەت تىلىنى ياخشى ئۆگىنىپ كېتىسىز، ئوقۇتقۇچىلارمۇ سىزنى تىللىمايدىغان بولىدۇ. مەن سىز ئۆيگە كەلگەندە، سىز ياخشى كۆرىدىغان توقاچ نان يېقىپ بېرىمەن. ئاپىڭىز پولۇ، مانتا قاتارلىق ياخشى تاماقلارنى ئېتىپ بېرىدۇ»-دەپ، قىزىنى تەستە قايىل قىلدى.
مەمەت قارى ناۋايخانىغا كېلىپ، تونۇرغا ئوتۇن سېلىپ قىزىتىپ، خېرىدارلارنىڭ كېلىشىنى ساقلاپ تۇرۇۋاتاتتى. مانا خېرىدارلارمۇ كېلىشكە باشلىدى. بىرنەچچە خېرىدار كېلىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا، تاجىخان ئىسىملىك ھېلىقى ئايال بىر پارچە ھۆججەتنى كۆتۈرۈپ كەلدى:
-مانا بۇنى سىزگە« ئاھالىلەر كومىتېتى»دىن ئالغاچ كەلدىم. تەپسىلىي ئوقۇپ چىقىڭ، ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، بۇ ھۆججەتنىڭ روھى بىرنەچچە كۈن ئىچىدە ھەممە ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈلۈپ، ئىجرا قىلىنارمىش!
مەمەت قارى ھۆججەتنى قولغا ئېلىپ، چەكلەنگەن ئىسىملارغا كۆز يۈگۈرتۈپ چىقتى. ئۇنىڭ ئەڭ باشتا كۆزىگە چېلىققىنى : «مۇھەممەت، مۇسا، ئەلى، ۋەلى، ئەھمەد، سەمەد. . . . . » قاتارلىق نۇرغۇن مۇسۇلمانچە ئىسملارنىڭ چەكلەنگەنلىكى بولدى. ئاندىن قىزلار ئىسمىگە قارىۋىدى، مۇسلىمە ۋە مۇخلىسەنىڭمۇ چەكلەنگەن ئىسىم ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ ئۆزگەرتىلىپ، قايتىدىن تىزىمغا ئالدۇرۇلۇشى كېرەكلىكى يېزىلغان ئىدى.
– قانداق قىلىش كېرەك؟ مەمەت قارى ئويلىنىشقا باشلىدى: «مۇھەممەدنىڭ چەكلەنگەنلىكى دېمەك- مۇھەممەتئەلى نىڭمۇ چەكلەنگەنلىكى بولىدۇ. چۈنكى مۇھەممەت-پەيغەمبىرىمىزنىڭ( سەلەللاھۇ ۋەئەلەيھىس سالام!) ئىسمى بولسا، ئەلى ئۇنىڭ كۈيوغلى ۋە بىر ئىسلام خەلىپىسىنىڭ ئىسمىدۇر. ئۇنداق ئىكەن، بۇ ئىسىم تېخىمۇ خەتەرلىك ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا ئوغلۇمنىڭ ئىسمىنى تېگىشتۈرۈشۈم كېرەك بولىدىكەن. ئۇنىڭ ئىسمىنى، قايسى ئىسىمغا تېگىشتۈرسەم بولا ؟ قىزلارنىڭ ئىسمىنىمۇ تېگىشتۈرۈشۈم كېرەك ئىكەن. ئۇلارنىڭكىگە قايسى ئىسىمنى تېگىشتۈرسەك بولار؟ ئارزۇگۈل بەلكى، بىرەر ئىسىم تاپقان بولۇشى مۇمكىن! مەن كەچتە ئۆيگە بېرىپ، ئارزۇگۈل بىلەن بۇ ئىشنى ئوبدانراق سۆزلىشىپ، ئاندىن بىر قارارغا كەلسەم بولغۇدەك! بولمىسا، ئاھالىلەر كومىتېتى ئۆزلىرى نامەلۇم بىر قاملاشمىغان ئىسىمنى قويىسەن دەپ، بىزگە مەجبۇرلىشى مۇمكىندەك قىلىدۇ. مەن ئۇنداق ئۆزۈم ياقتۇرمىغان، نامەلۇم ۋە مەنىسىز ئىسىملارنى بالىلىرىمغا قويۇشنى خالىمايمەن. »
بۈگۈن ناۋايخانىدا خېرىدارلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى. قىلىدىغان ئىش خېلى بېسىق بولسىمۇ، مەمەت قارىنىڭ قولى تۈزۈك ئىشقا بارمايۋاتاتتى. ئۇ ئادەتتە خېرىدارلىرىنى ھەر دائىم ياخشى مۇلازىمىت بىلەن تەمىنلەيتتى. ئەمما بۈگۈن بىرنەچچە قېتىم نانلارنىڭ پىشقان ۋاقتىنى ئۆتكۈزۈۋېتىپ، بىر نەچچە تال ناننى كۆيدۈرۈپ قويدى. ئۇ بۇنىڭدىن بەكمۇ خىجىل بولۇپ، خېرىدارىدىن ئەپۇ سورىدى. بىر خېرىدار ئۇنىڭدىن: مەمەت قارى ئۇستام، بۇنچىلىك ئىش بولۇپ تۇرىدۇ. ھازىر« ئاھالىلەر كومىتېتى»نىڭ يېڭىدىن چىقارغان ئۇقتۇرۇشى سەۋەبلىك ھەممە ئادەمنىڭ كۆڭلى بىسەرەمجان، مېنىڭ كۆڭلۈممۇ ھازىر جايىدا ئەمەس، مەن چۈشتىن كېيىن «ئاھالىلەر كومىتېتى»غا چاقىرتىلدىم. بەلكى، ئوغلۇم مۇھەممەتنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىشىم كېرەكتەك قىلىدۇ.
– نېمىگە ئۆزگەرتىشنى ئويلاۋاتىلا-دەپ سورىدى مەمەت قارى بۇ ئىشقا قىزىقىپ،
– تېخى يېڭى ئىسىم تاپالمايۋاتىمەن. ئاھالىلەر كومىتېتىدىكىلەرنىڭ دېيىشىچە: « مۇھەممەت»دېگەن ئىسىمنى-« مەي، مەي، تى»دەپ خىتايچە تەلەپپۇزغا يېقىن ئۆزگەرتىشكە بولارمىش! ئەمما مەن بۇنى توغرا تاپمىدىم. قانداق گەپ ئۇ؟ بىر چىرايلىق ئىسمىنى ھېچقانداق مەنىنى ئىپادىلىمەيدىغان، قاملاشمىغان بىر ئىسىمغا ئايلاندۇرۇۋېتىش، بۇ مېنىڭ كاللامدىن زادىلا ئۆتمەيۋاتىدۇ. قانداق قىلىشنى بىلەلمەيۋاتىمەن-دەپ جاۋاب بەردى ئۇ ئايال كۆڭلى يېرىم بولغان ھالدا، مەمەت قارى ئۇ ئايالغا بىر مۇنچە تەسەللى بەرگەندىن كېيىن، ياققان نانلىرىنى داستىخانغا يۆگەپ بېرىپ ئۇزىتىپ قويدى.
مەمەت قارى خېرىدارلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلۈشى ھامانلا دۇكاننى تازىلاپ، يىغىشتۇرۇش ئىشىنى شاگىرتىغا قالدۇرۇپ، يەنە بازارغا بېرىپ، ئازراق سودا-سېتىق قىلىۋالغاندىن كېيىن ئۆيگە قايتىپ كەلدى. ئارزۇگۈل كەچلىك تاماققا تۇتۇش قىلىۋاتقان بولۇپ، مۇسلىمەمۇ مەكتەپتىن قايتىپ كەلگەن ئىدى. ئۇ ئانىسىنىڭ قېشىدا يىغلاپ ئولتۇراتتى.
– نېمە بولدى قىزىم؟-دەپ، سورىدى مەمەت قارى بىر پىشكەللىكنى سەزگەندەك،
– ئاتا، مېنىڭ ئىسمىم-باشقا بىر ئىسىمغا ئۆزگەرتىلىشى كېرەك ئىكەن. بۈگۈن سىنىپ مەسئۇلى مۇئەللىم كىرىپ، ئون نەچچە ئوقۇغۇچىنىڭ ئىسمىنى مەخسۇس چاقىرىپ، ئۇقتۇرۇش قىلدى. ئەگەر ئۇنداق قىلمىساق، ئوقۇشتىن توختىتىپ قويۇشى مۇمكىن ئىكەن!
– سىزچە قايسى ئىسىمغا ئۆزگەرتسەك مۇۋاپىق بولار؟-دېدى ئارزۇگۈل قىزىدىن سوراپ بېقىشنى مۇۋاپىق كۆرۈپ،
– ئاپا، باشقا بىر ئۇيغۇرچە ئىسىم بولسا ياخشى بولاتتى. مەن مۇئەللىمنىڭ ھازىر مېنى چاقىرىۋاتقان «مو سى لى مۇ «دېگەن ئىسىمنى ياخشى كۆرمەيمەن.
-ئۇنداق بولسا قىزىم سىزگە، مەن بىر ئىسىمنى ئويلاپ تېپىپ قويدۇم، ئۇ بولسىمۇ: «ماھىرە»
– ياخشى ئىسىمنى تاللاپسىز! مەنىلىك ئىسىم ئىكەن–دەپ، ئۇنىڭغا قوشۇلدى مەمەت قارىمۇ رازىمەنلىكنى بىلدۈرۈپ،
– ماقۇل ئاپا، بولىدۇ. بۇ چىرايلىق ئىسىمكەن. ماڭا ئاشۇ ئىسىمنى قويۇڭلار! -دېدى مۇسلىمەمۇ يېڭى ئىسمىنى ياقتۇرغانلىقىنى ئىپادىلەپ،
– ئەمدى مۇخلىسەنىڭ ئىسمىنى نېمە دەپ ئۆزگەرتسەك بولار؟-دەپ سورىدى مەمەت قارى ئارزۇگۈلنىڭ مۇخلىسەگىمۇ بىر ئىسىم تاپقان بولۇش مۇمكىنلىكىنى ئويلاپ،
– مېنىڭچە مۇخلىسەنىڭ ئىسمىنى : « مۇنەۋۋەر »دېگەن ئېسىمگە ئۆزگەرتسەك قانداق؟
– بۇمۇ بولىدىكەن-دېدى مەمەت قارى ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ، مۇسلىمە قانداق قارايدىكەن؟
– چىرايلىق ئىسمى ئىكەن! مەن بۇ ئىسىمنى ياقتۇرىمەن. بىزنىڭ سىنىپتىكى بىر قىزنىڭ ئىسمىمۇ مۇنەۋۋەر ئىدى. ئۇنىڭ ئىسمى:دىنىي ئىسىم بولمىغاچقا، ئۆزگەرتىلمەيدىكەن-دېدى مۇخلىسەمۇ خۇشاللىق بىلەن.
مۇخلىسەنىڭ ئىسمىنىڭ-مۇنەۋۋەرگە ئۆزگەرتىلىشى ھەققىدە ئاتا-ئانا ۋە چوڭ قىزى مۇسلىمە بولۇپ، پۈتۈن ئائىلە بويىچە بىرلىككە كەلدى. ئەمدىكى گەپ: ئۇلارنىڭ ئوغلى «مۇھەممەتئېلى» نىڭ ئىسمىنى نېمىگە ئۆزگەرتىش مەسىلىسىدە قالغان ئىدى. ئۈچ كىشى ئۆزىنىڭ بىلگەنلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خېلى ئۇزاق تالاش-تارتىش قىلىشتى. ئاخىرىدا مەمەت قارى كۇچا شەھىرىدە تونۇشقان بىر دوستىنىڭ ئىسمىنىڭ : « شىرئەلى» ئىكەنلىكىنى ئېسىگە ئېلىپ، مۇشۇ ئىسىمغا ئۆزگەرتىشنى تەكلىپىنى قويۇۋىدى، بۇ ئىسىممۇ ئارزۇگۈل ۋە مۇسلىمەگە ياقتى.
ھەممىگە قادىر ئاللاھ! يەنە مەزلۇملارغا يېڭى بىر كۈننىڭ سېرىقىنى كۆرۈشنى نېسىپ قىلغان ئىدى. مەمەت قارى ئەتىگەندىلا ئۆيدىن چىقىپ، «ئاھالىلەر كومىتېتى»غا بېرىپ، ئۆزىنىڭ بالىلىرىنىڭ ئۆزگەرتىلگەن ئىسمىنى مەلۇم قىلدى.
– ئەمدى توغرا قىلىپسىلەر!–دېدى «ئاھالىلەر كومىتېتى»دىكى بىر ئايال خادىم مەمەت قارىغا سىڭا كۆزىدە قاراپ، ئاندىن مەجبۇرى ئۆزگەرتىلگەن بۇ ئۈچ ئىسىمنى بىر قەغەزگە يېزىپ، يېنىدا ئولتۇرغان كۆزئەينەكلىك بىر كەلگۈندى خىزمەتچىگە تۇتقۇزۇپ قويدى. ئۇ كەلگۈندى خىزمەتچى ئۇيغۇرچە ئىسىملارنى ئەينى تەلەپپۇزدا ئوقۇيالمايتتى. شۇڭا ئۇ ئۇيغۇرچە يېزىلغان ئىسىمنى خىتاي تىلى تەلەپپۇزدا ئوقۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، ئۇ ئايالغا تىزىملىكنى ئۇزاتتى. ئايال خادىمنىڭ خىتايچە سەۋىيەسى خېلى ياخشى بولۇپ، ئۇيغۇرچە ئىسىمنىڭ خىتايچە تەلەپپۇز قىلىنىشىنى مۇنداق ئوقۇپ بەردى :
ماھىرە – ما، يى، لا
مۇنەۋۋەر – مۇ، نېي، ۋېي، رى
شىرئەلى – شى، لى، ئەي، لىى
شۇنداق قىلىپ، مەمەت قارىنىڭ: « قويۇق دىنىي تۈسكە ئىگە »دەپ چەكلەنگەن ئۈچ پەرزەنتنىڭ ئىسمى نورمال ئۇيغۇرچە ئىسىمغا ئۆزگەرتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما كەلگۈندىلەرنىڭ تىلى ئۇنى ئۇيغۇرچىنى ئۆز ئەينى تەلەپپۇز قىلىشقا ۋە يېزىشقا ئىمكانسىز ئىدى. خىتاي تەلەپپۇزى بويىچە بۇزۇلۇپ يېزىلغان بۇ ئىسىملار كەلگۈسىدە ئۇلارنىڭ كىملىك ۋە پاسپورتلىرىغىمۇ شۇنداق يېزىلاتتى. مانا بۇ مەھكۇم ئورۇندىكى مىللەتنىڭ – ھۆكۈمران مىللەتنىڭ مەدەنىيەت ئاسمىلاتسىيەسىگە دۇچ كەلگەنلىكىنىڭ بىر باشلىنىشى ئىدى.
8 – باب
مەمەت قارى بۈگۈن بەكلا ئەتىگەن ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى. ئۇنىڭ چۈشى بۇزۇلۇپ قالغان ئىدى. تاڭ سەھەرگە يېقىن ئۇ قالايمىقان چۈش كۆرۈپ، زادىلا ئۇخلىيالمىدى. ئۇ مۇنداق چۈش كۆرگەن ئىدى: «ئۇ سەپەرگە چىقماقچى بولۇپ، يولدا كېتىۋاتقان ئىكەن. توساتتىن ئۇنىڭ كۆزىگە يىراقتىن چوڭ بىر ئۆيگە ئوخشايدىغان قەپەس كۆرۈندى. ئۇنىڭ ئىچىدە ئورۇقلاپ بىر تېرە، بىر ئۇستىخان بولۇپ قالغان، خۇددى ئەرۋاھقىلا ئوخشايدىغان بىر ئادەم ۋارقىراۋاتاتتى: مەمەت قارى، ئوغلۇم! سىلى نەدە؟ نېمىشقا مېنى يوقلاپ كەلمەيسىلەر؟ نېمىشقا مېنى بۇ قەپەستىن ئېلىپ چىقىپ كەتمەيسىلە؟ مەن بۇ قەپەسنىڭ ئىچىدە ئۆلۈپ كېتىدىغان ئوخشايمەن. ماڭا تۈزۈك ئاش-نان بېرىشمىدى. مەن ھازىر ئاغرىپ قالغان ئىدىم. گۇندىپايلار مېنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارمىدى. ھەتتا دورا تەلەپ قىلسام، ئۇنىمۇ بەرمىدى. مېنى بۇ يەردىن ئېلىپ چىقىپ كېتىڭلارچۇ ؟»
مەمەت قارى كۆرگەن بۇ چۈشىدىن كېيىن زادىلا ئۇخلىيالمىدى. ئۇ تەرەت ئېلىپ، ئىككى رەكەت تەجۋىد نامىزى ئوقۇدى ۋە ئۆزى بىلگەن ئايەتلەرنى قايتا-قايتا ئوقۇپ، ئاللاھتىن قېيىن ئاتىسى سەمەت قارى ئۈچۈن سالامەتلىك تىلىدى. ئۇنىڭ تۈرمىدىن بالدۇرراق قۇتقۇزۇۋېلىنىشى ئۈچۈن ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىپ يېلىندى. بامدات ناماز ۋاقتى يېتىپ كېلىپ، ئۇپۇق سۈزۈلۈشكە باشلىغانىدى. مەمەت قارى بامدات نامىزىنى ئوقۇپ بولۇپ، قېيىن ئاتىسى سەمەت قارى ئۈچۈن يەنە ئۇزاق دۇئا قىلدى.
بامدات نامىزى ئۈچۈن ئويغانغان ئارزۇگۈل مەمەت قارىنىڭ بەك ئۇزاق دۇئا قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن سورىدى:
-مەمەت قارى، چۈشىڭىز بۇزۇلۇپ قالدىمۇ قانداق؟ بەك ئۇزاق دۇئا قىلىپ كەتتىڭىز، دۇئا قىلغاننىڭغۇ پايدىسى كۆپ، ئەمما، دۇئانى-باشقا كۈن چۈشكەندە ياكى بىرەر دەرد كەلگەندە ئۇزاق قىلىدىغان، بۈگۈن باشقىچىلا ئۇزاق دۇئا قىلىپ كەتتىڭىز، بىرەر ئىش بولدىمۇ؟
-ھە-ئە، ئارزۇگۈل! سەمەت قارى ئاتام چۈشۈمگە كىرىپ قاپتۇ. ئۇنىڭ ھالى بەكمۇ ناچار ئىدى. بەك ئېغىر كېسەل بولۇپ قالغاندەك تۇرىدۇ؟
-ۋاي، شۇنداقمۇ؟-دېدى ئارزۇگۈل بەكلا ئەنسىزلىنىپ، ئۇنداقتا تۈرمىگە بېرىپ ئاتامنى يوقلاپ كەلسەك قانداق بولار؟
– بولىدۇ ئارزۇگۈل، شۇنداق قىلايلى! بىز تۈرمىگە بېرىپ سەمەت قارى ئاتامنى يوقلىغاچ، ئۇلار بىلەن سۆزلىشىپ باقايلى!كېسەل بولۇپ قالغان ئادەمنى چوقۇم دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ، داۋالىتىشى ياكى كېپىللىككە بولسىمۇ قويۇپ بېرىش كېرەكقۇ؟ يېشى 70 دىن ئاشقان ئادەم تۈرمىنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە ھېلىمۇ چىداۋاتىدۇ. ئاغرىق دېگەن يامان نېمە، ناۋادا سەمەت قارى ئاتام ئېغىر كېسەل بولۇپ قالغان بولسا، بىز چوقۇم بىر ئاماللارنى قىلىپ، ئۇنى تۈرمىدىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك!
-شۇنداق، قىلايلى!-دېدى ئارزۇگۈل سەمەت قارىنىڭ پىكرىنى قوللاپ،
– ئۇنداقتا ئىشنى نەدىن باشلايمىز؟
-مەن ئاۋۋال دۇكانغا بېرىپ، تونۇرغا ئوت سېلىپ قىزىتىپ بولغاندىن كېيىن، شاگىرتىمغا ئىشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ، ئاندىن يېزىلىق ساقچىخانىغا بېرىپ، ساقچىلارغا ئىلتىماس سۇنۇپ، ئاتامنى يوقلاش رۇخسىتى ئېلىپ كېلەي، ئاندىن بىز تۈرمىگە بېرىپ، ئۇنى يوقلاپ كېلەيلى.
مەمەت قارى ئارزۇگۈل بىلەن دېيىشكەن بويىچە، ئەتىگەندىلا يولغا چىقىپ ناۋايخانىغا كەلدى-دە، تونۇرغا ئوت سېلىپ قىزىتىپ تەييار قىلغاندىن كېيىن، شاگىرتىغا بۈگۈنكى ئىشنى ئۆز ئالدىغا قىلىپ تۇرۇشنى تاپىلاپ قويۇپ، يېزىلىق ساقچى پونكىتىدا يېتىپ كەلدى.
مەمەت قارى ئىشىكنى قېقىپ، كىرىڭ!-دېگەن ئاۋاز چىققاندىن كېيىن، ساقچىخانىغا كىرىپ: «ئەسسالامۇئەلەيكۇم!»دەپ، سالام بېرىۋىدى، ھېچكىم ئۇنىڭ سالىمىنى ئىلىك ئالمىدى. ساقچىلار ئۇنىڭغا خۇددى بىر جىنايەتچىگە قارىغاندەك ئالىيىپ قارىشىپ تۇراتتى. مەمەت قارى گېپىنى داۋاملاشتۇرماقچى بولۇپ، مېنىڭ بۇ يەرگە كېلىشىمدىكى سەۋەب دەپ، ئېغىزىنى ئېچىپ تۇرۇشىغا، ئوتتۇرا ياش، بۇغدايئۆڭ كەلگەن بىر ساقچى ئۇنىڭغا ئېغىز ئاچتى:
-ھە، ناۋاي ئۇستام! نېمىگە كەلدىلە؟ بىرەر ئىشلىرى بارمىدى؟
– ھە-ئە، مەن قېيىنئاتام سەمەت قارىنى: «كېسەل ئىكەن» دېگەن گەپنى ئاڭلاپ بۇ يەرگە كېلىشىم. قېيىنئانامنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ داۋالىتىشىمغا رۇخسەت قىلامسىلەر؟ مۇمكىن بولسا، ئۇنى قويۇپ بەرگەن بولساڭلار؟ يېشى 70دىن ئېشىپ قالدى.
-ھە-ئە، شۇنداقمۇ؟ سەمەت قارى سىلىنىڭ قېيىن ئاتىلىرى بولامدۇ؟
– ھە-ئە، مېنىڭ قېيىنئاتام بولىدۇ. ئالتە ئايدىن ئېشىپ قالدى، قېيىنئاتام تۇتۇلۇپ كېتىلگىلى. ھازىرغىچە ئۇنىڭ نېمە گۇناھى بارلىقى ھەققىدە: «تەپتىش مەھكىمىسى»نىڭ قارارى كەلمىدى ياكى بىر ئوچۇق سوتمۇ ئېچىلمىدى. نېمىشقا بىر گۇناھسىز ئادەم ئۇزاق ۋاقىت سەۋەبسىزلا تۇتۇپ تۇرۇلىدۇ؟
– ئۇستام سىلىنىڭ قېيىن ئاتىلىرى گۇناھسىز ئەمەس، ئۇ ھۆكۈمەتنىڭ «مەسچىت باشقۇرۇش نىزامنامىسى»غا قارشى چىقىپ، « جەمئىيەت تەرتىپىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇش »جىنايىتى ئۆتكۈزدى. ئەسلىدە ئۇ قارىم ئېغىر جازالىنىشى كېرەك ئىدى. ئۇنىڭ يېشىنىڭ چوڭىيىپ قالغانلىقىنى نەزەردە تۇتۇلۇپ، بىر يىللىق قاماق جازاسى بېرىلدى. ئۇ چوقۇم بۇ جازاسىنى تارتىشى كېرەك!
– شۇنداقمۇ؟ ئۇنداقتا قېيىن ئاتامغا ئوچۇق سوت ئېچىلمىدىغۇ؟ نېمىشقا ئۇنىڭ جازاغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ھەققىدە بىزگە خەۋەر بەرمىدىڭلا؟
– ئۇستام سىلى ئاڭلىمىغانمۇ؟ بىز ئادەتتە جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزغان ياكى دۆلەتنىڭ ئامانلىقىغا تەسىر يەتكۈزگەن سىياسىي جىنايەتچىلەرگە: «ئوچۇق سوت» ئېچىپ يۈرمەيمىز. ئۇلارغا بىزنىڭ جازايىمىز تەييار، سىلىنىڭ قېيىن ئاتىلىرى سەمەت قارى پەقەت ياشىنىپ قالغان بولغاچقىلا ئاز جازا بېرىلدى.
– ئېتىبار قىلغىنىڭلارغا رەھمەت-دېدى مەمەت قارى زورىغا يېلىنغاندەك قىلىپ، قېيىنئاتام ھازىر قاتتىق ئاغرىپ، ئېغىر كېسەل بولۇپ قاپتۇ. ئۇنى كېپىللىككە قويۇپ بەرسەڭلار بولامدۇ؟
– ساقچى باشلىقى كومپيۇتېرنى ئاختۇرۇپ قاراپ، ئۇنىڭ ئالتە ئاي ۋاقتى توشۇپ، يەنە ئالتە ئاي ۋاقتى قالغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ناۋادا ئېغىر كېسەل بولۇپ قالسا، ئۇنىڭغا داۋالىنىش چىقىمىنى ئۆزى كۆتۈرۈش ۋە كېپىللىك ۋاقتى ئۈچۈن 50 مىڭ سوم پۇل تاپشۇرۇش شەرتى بىلەن قويۇپ بېرىشكە بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈچۈن مەن يۇقىرىغا سىلەرنىڭ ئىلتىماسىڭلارنى يەتكۈزۈشۈم كېرەك! سىلى ئىلتىماس يېزىشنىمۇ بىلمەيلا ھەقاچان؟ ئۇنداقكەن، دەرھال 50 مىڭ سوم پۇل تېپىپ كەلسىلە! ئىلتىماسنى مەن تەييارلاپ قوياي، ئاندىن بىز بىللە شەھەرلىك تۈرمە باشقۇرۇش ئىدارىسىغا بېرىپ، ئۇلار بىلەن سۆزلىشىشىمىز كېرەك! پەقەت ئۇلارنىڭ تەستىقىنى ئالغاندىلا، ئاندىن سەمەت قارىنى قويۇپ بەرگىلى بولىدۇ.
مەمەت قارى ساقچىنىڭ، قېيىنئاتىسىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ھەققىدىكى شەرتىگە ماقۇل بولۇپ، يېنىپ چىقتى. ئاندىن ئۇ ناۋايخانىغا بارماستىن، ئۇدۇل ئۆيگە قايتىپ كېلىپ، ئارزۇگۈل بىلەن بۇ ھەقتە مەسلىھەت قىلىشتى.
– 50 مىڭ سوم تەلەپ قىلىشتىمۇ؟ نېمانداق ئىنسابسىز نېمىلەر ئۇ؟ 50 مىڭ سوم دېگەن – بىر دېھقاننىڭ بىر نەچچە يىللىق كىرىمىدىنمۇ جىق پۇلغۇ؟ ئۇنى نەدىن تاپارمىز؟-دەپ، غەمكىن ھالدا تۇرۇپ قالدى ئارزۇگۈل.
-بىر ئامالىنى قىلارمىز – دېدى مەمەت قارى خىيالچان كۆزلىرى بىلەن ئارزۇگۈلگە قاراپ، ھازىر ساقچىلار تەلەپ قىلغان ئۇ پۇلنىڭ يېرىمىدەك قىسمى بىزدە بار، قالغان قىسمىنى مەن ئەل–ئاغىنە، تونۇشلاردىن ئۆتنە ئالاي! ئاتىمىزنى قۇتقۇزۇش ھەممىدىن مۇھىم، ئۇ ئاخىرقى ئۆمۈرىدىمۇ بولسا، بىزنىڭ راھىتىمىزنى كۆرسۇن. ئاتىمىزنىڭ ھەرەمگە بېرىپ، ھاجى بولۇپ كېلىش ئارزۇسى بار ئىدى. ئۇنى ھەرەمگە ئېلىپ بارالمىدۇق. ئەمدى بولسىمۇ چىقىمدىن قاچماي، ئۇنى زۇلۇم-جاپادىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقايلى !
مەمەت قارى قېيىنئاتىسى سەمەت قارىنى بەكمۇ ھۆرمەت قىلاتتى. بۇنداق بولۇشى-سەمەت قارىنىڭ، ئۇنىڭ قېيىنئاتىسى بولۇپ قالغانلىقىدىلا ئەمەس، بەلكى ئۇ ئادەمنىڭ دۇرۇسلۇقى، ئۆز دىنى ئېتىقادى ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن قىلچىلىك تەۋرەنمەستىن ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئاممىنىڭ ھەققانىي تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى، ئاللاھنىڭ ئۆيى بولغان مەسچىتنىڭ تاقىلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ تۇتۇلۇپ كېتىشىدىن قىلچىلىك قورقۇپ قالمىغانلىقى – مەمەت قارىنى بەكمۇ تەسىرلەندۈرگەن ئىدى.
مەمەت قارى ئارزۇگۈل بىلەن خوشلىشىپ ئۆيدىن چىقتى-دە، يېزا مەركىزىگە بېرىپ، ئىلگىرى بىللە ئوقۇغان، ھازىر تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بىر ساۋاقدىشىنى ئىزدەپ تېپىپ، ئۇنىڭدىن 10 مىڭ سوم سورىۋىدى، ئۇ ساۋاقدىشى بۇ پۇلنىڭ نېمە ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، دەرھال ھېچقانداق شەرت قويماستىن، قاچان تاپسا، شۇ چاغدا قايتۇرۇپ بېرىدىغانلىقىغا كېلىشىپ، شۇ ھامانلا بېرىپ تۇردى. ئەمدى مەمەت قارى كۇچا شەھىرىدە دۇكان ئېچىۋاتقاندا تونۇشقان، يەنە بىر نەچچە دوستلىرىنى ئىزدەپ، ئاپتوبۇس بىلەن شەھەرگە قاراپ يولغا چىقتى. ئۇنىڭغا يەنە 15 مىڭ سوم كەملىك قىلاتتى. ئۇ ئوسمانجان ئىسىملىك بىر رېمونتچى تونۇشىنى ئېسىگە ئېلىپ، ئۇدۇل ئۇنىڭ دۇكىنىغا يېتىپ كەلدى. مەمەت قارى ئوسمانجانغا ئەھۋالنى ئېيتىۋىدى، ئۇمۇ ھېچقانداق شەرت قوشماستىن، مەمەت قارى دېگەن پۇلنى بېرىپ تۇردى ۋە يەنە قانچىلىك لازىم بولسا، ئۆتنە قىلالايدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئۇنىڭ ئىشلىرىغا خەيرىلىك تىلەپ يولغا سالدى.
مەمەت قارى ساقچىلار تەلەپ قىلغان 50 مىڭ سومنى تەييار قىلغاندىن كېيىن، ئۇدۇل يېزىلىق ساقچى پونكىتىدا بېرىپ پۇلنى تاپشۇردى. دېگەندەك، ساقچى باشلىقى ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن ئىلتىماسنى يېزىپ تەييار قىلىپ قويغان ئىدى:
– ئەمدى بىر نەچچە كۈن ساقلاپ تۇرسىلا، مەن ئىلتىماسنى ھازىرلا يوللىۋېتىمەن. ئۇقتۇرۇش كەلگەن ھامان سىلىگە خەۋەر قىلىمەن-دېدى ساقچى باشلىقى كۆزلىرىنى ئوينىتىپ ھەييارلىق بىلەن، ئاندىن مەمەت قارىغا يەرنىڭ ئاستىدىن قاراپ قويدى.
مەمەت قارى ئۇنىڭ نېمىشقا بۇنداق قىلىدىغانلىقىنى چۈشەنمىدى. بەلكى ئۇ بۇ ئىشتا بىرەر يالغاننى توقۇپ چىقىپ، مەمەت قارىنى قويۇۋالغان بولۇشى مۇمكىن ئىدى. مەمەت قارىنىڭ ئويىچە بولغاندا، سەمەت قارى ئېغىر كېسەل بولغانلىقتىن، قويۇپ بېرىلىدىغانغا قارار قىلىنىپ بولغان بولۇشى مۇمكىن ئىدى. ئۇنىڭ ئويىنىڭمۇ بىرئاز ئاساسى بار ئىدى. چۈنكى، بۇ كوممۇنىستىك دىكتاتور ھاكىمىيەت ۋە ئۇنىڭ غالچا ساقچىلىرى ھەرقانچە ۋەھشىي بولسىمۇ، بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ تۈرمىدە كېسەل بىلەن ئۆلۈپ كېتىشىدىن قورقاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ تۈرمىلەردە تۇتقۇنلار تۈرمىدە ئاچ قويۇلۇش، قاتتىق ئۇرۇپ – يارىلاندۇرۇش سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتكەندە، يالغاندىن دىياگنوز ئويدۇرۇپ چىقىرىپ: «ئۆز كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كەتتى. تۇيۇقسىز يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ ئۆلۈپ قالدى» دەپ ئائىلىسىگە ئۇقتۇرۇش قىلىناتتى. ھەتتا قىيناش سەۋەبىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنىڭ ئاشكارىلىنىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، جەسەتلەر ئائىلىسىدىكىلەرگە بېرىلمەي، مەخپىي ھالدا كۆمۈۋېتىلەتتى ياكى كۆيدۈرۈۋېتىلەتتى.
مەمەت قارى ۋە ئارزۇگۈل ساقچى پونكىتىنىڭ خەۋىرىنى كۈتۈپ، ئۈچ كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، ئاخىرى مەمەت قارىنىڭ يانفونى چېلىنىپ، ساقچى باشلىقىنىڭ تېلېفون نومۇرىغا ئۇلاندى.
– ۋەي، مەمەت قارى ئۇستاممۇ؟
– ھە-ئە، مەن شۇ!
– ئۇنداق بولسا، تەييارلىغان پۇلنى ئېلىپ، دەرھال ساقچى پونكىتىدا كەلسىلە! سەمەت قارى قويۇپ بېرىلىدۇ-دېدى خۇددى ئۆز قول ئاستىدىكى بىرسىگە بۇيرۇق چۈشۈرۈۋاتقاندەك قىلىپ-ئەمما، بۇ ئىشنى ھېچكىمگە داۋراڭ سېلىپ يۈرمىسىلە! بولمىسا، ئۇنىڭ مەسئۇلىيىتىدىن قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدۇ. سەمەت قارى يەنە تۇتقۇن قىلىنىدۇ!-دەپ قوشۇپ قويدى خۇددى بىر ئىشنى يوشۇرۇۋاتقاندەك.
مەمەت قارى ساقچىنىڭ تېلېفونىنى ئالغاندىن كېيىن، دۇكاننى يەنە شاگىرتىغا قالدۇرۇپ قويۇپ، ئۆيىگە قايتىپ كەلدى-دە، ئارزۇگۈلگە بۇ ئىشنى خەۋەر قىلىپ، تەييارلىغان پۇلنى ئېلىپ يولغا چىقتى. ئۇ ھايال ئۆتمەيلا يېزىلىق ساقچى پونكىتىغا يېتىپ كېلىپ، پونكىت باشلىقىغا 50 مىڭ سومنى تاپشۇرغاندىن كېيىن، ساقچى پونكىتى باشلىقى مەمەت قارىنى ماشىنىسىغا چىقىرىپ، تەخمىنەن بىر سائەتتەك يول ماڭغاندىن كېيىن، قوشنا يېزىغا يېقىن، بىر قاقاسلىق يەرگە جايلاشقان تۈرمىنىڭ ئالدىغا كېلىپ توختىدى-دە، ماشىنىدىن چۈشۈپ، دەرۋازىغا قارايدىغانلا قاراۋۇلغا كىنىشكىسىنى كۆرسىتىپ، بىر نەرسە دېگەندىن كېيىن، ئىشىك ئېچىلىپ، ئۇلارغا تۈرمىنىڭ ئىچىگە كىرىشكە رۇخسەت قىلىندى.
ساقچى پونكىتى باشلىقى مەمەت قارىنى ماشىنىدا ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپ، ئۆزى تۆت قەۋەتلىك بىر بىنانىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتتى. ھايال ئۆتمەي ئۇ ساقىلى قىرقىۋېتىلىپ، كوسا قىلىپ قويۇلغان، بېشىدىكى چېچىمۇ قىرقىۋېتىلگەن. ئورۇقلاپ بىر تېرە-بىر سۆڭەك بولۇپ، خۇددى ئىسكىلىتقا ئوخشاپ قالغان بىر كىشىنى باشلاپ چىقتى. شۇنداقتىمۇ مەمەت قارى قېيىن ئاتىسى سەمەت قارىنى يىراقتىن كۆرۈپلا تونۇۋالدى. ئۇ ماشىنىدىن چۈشۈپ قېيىنئاتىسىنىڭ ئالدىغا بارماقچى بولۇۋىدى، ساقچى پونكىتى باشلىقى ئۇنى جايىدا توختىتىپ قويۇپ، يېقىن كەلتۈرمىدى. ئاندىن ئۆزى سەمەت قارىنى ماشىنىغا ئېلىپ چىقىپ، مەمەت قارىنىڭ يېنىدا ئولتۇرغۇزۇپ، ئۇلارنىڭ سالام -سائەت قىلىشىپ، تىنچ-ئامانلىق سورىشىپ، گەپلىشىشىگە يول قويدى.
– ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئاتا! تىنچ – ئامان تۇرغانلا، كېسەللىرى قانداقراق؟
– ھە-ئە، رەھمەت بالام! شۇ كېسىلىم بىرئاز ئېغىرلىشىپ قالدى. ئاللاھقا شۈكۈرلەر بولسۇنكى، ھېلىمۇ ھايات تۇرۇۋاتىمەن. سارىخان ئانىڭىز، ئارزۇگۈل ۋە بالىلار قانداق تۇرۇۋاتىدۇ؟
– ھەممىمىز تىنچ-ئامان تۇرۇۋاتىمىز ئاتا، بىز سىلىدىن بەكمۇ ئەنسىرىگەن ئىدۇق. ھېلىمۇ ھايات ئىكەنلا، مەن بەك خۇشال بولدۇم!
– ئاللاھ جاننى ئالمىسا، ئۆلمەيدىغان گەپكەن ئوغلۇم! يەنە يەيدىغان رىزقىم بار ئوخشايدۇ. ئەمما، ئۇ چارىسىزلارنىڭ ماكانى بولغان زىنداندا جېنىم بەكمۇ قىينالدى. ئۇ يەردىكى ساقچى – گۇندىپايلار بەكمۇ ئوسال ئىكەن. مېنى ئۇرۇپ-قىيناپ دەپ، سۆزىنى داۋام قىلىشىغا،
– ھاي، بولدى قىلسىلا!-دەپ ئۇلارنىڭ پارىڭىغا ئارىلاشتى ساقچى پونكىتى باشلىقى-دۆلەتنىڭ ساقچىلىرىغا تىل تەگكۈزمىگەيلا، ئۇلار ئۆزىنىڭ يۇقىرىدىن تاپشۇرۇلغان ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدۇ. جىنايەتچىگە مۇئامىلە قىلىشتا قاتتىق قول بولۇشقا توغرا كېلىدۇ. ئۇنداق بولمىسا، جىنايەتچىلەرنى قانداق باشقۇرغىلى، تەربىيەلەپ ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ؟ سىلىگە: پارتىيە-ھۆكۈمەت رەھىمدىللىك قىلىپ، قويۇپ بېرىلدىلە! ئەمدى ئۇ يەردە بولغان ئىشلارنى سىرتتا دەپ يۈرمىسىلە، بولمىسا ئۆزلىرىگە ياخشى بولمايدۇ-دەپ تەنبىھ قىلدى سەمەت قارىغا خۇددى جىنايەتچىگە مۇئامىلە قىلغاندەك تەلەپپۇزدا.
سەمەت قارى ساقچى پونكىتى باشلىقىغا بىر نەرسە دېمەكچى بولۇپ ئاغزىنى ئېچىشىغا، مەمەت قارى قېيىنئاتىسىنىڭ ئوڭ تەرىپىگە ئاستا نوقۇپ، «بولدى قىلسىلا »دېگەننى ئىشارەت قىلىپ، ئۇنى داۋاملىق سۆزلەشتىن توختىتىپ قويدى. ئەگەر ئۇنداق بولمىغاندا سەمەت قارى ئۆزىنىڭ تۈرمىدە تارتقان ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنى بىرمۇ-بىر ئاشكارىلاپ، زالىملارنىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشلىماقچى ۋە قورساق كۆپۈكىنى چىقىرىۋالماقچى بولۇۋاتقاندەك قىلاتتى.
ماشىنا بىرەر سائەتتەك يول ماڭغاندىن كېيىن، ئۈچ ئۆستەڭ يېزىسىغا يېتىپ يېتىپ كەلدى. مەمەت قارى ئەركىنلىككە چىققان قېيىنئاتىسى سەمەت قارىنى ماشىنىدىن ئېلىپ چۈشۈپ، دۇكىنىغا باشلاپ كىردى ۋە دۇكاندىن ئانچە يىراق بولمىغان يەردىكى سامسىخانىدىن بىر تەخسە سامسا ياقتۇرۇپ چىقىپ، قېيىنئاتىسىنىڭ ئالدىغا قويدى. سەمەت قارى سامسىدىن بىر نەچچە يەپلا توختاپ قالدى-دە، مەمەت قارىغا قاراپ:
– ئوغلۇم! قالغان سامسىلارنى ئانىڭىزغا ئېلىپ كېتەيلى! مەن ئانچە كۆپ يېيەلمەيدىغاندەك قىلىمەن-دەپ، تاماققا دۇئا قىلغاچ، كۈيئوغلى مەمەت قارى ئۈچۈن ئاللاھتىن ئاسايىشلىق تىلەپ ئۇزۇن-ئۇزۇن دۇئا قىلىپ كەتتى.
مانا، سەمەت قارى ئايرىلغىلى يېرىم يىلدىن ئاشقان ئۆيىگە قايتىپ كەلدى. موماينىڭ ئۇلارنىڭ كېلىدىغانلىقىدىن خەۋىرى بولغاچقا، ئوخشىتىپ لەڭمەن ئېتىپ تەييار قىلغان ئىدى. ئارزۇگۈلمۇ ئوغلى مۇھەممەتئېلىنى ئېلىپ كەلدى. ئۇ ئاتىسىنىڭ بۇ ھالىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا ئۆزىنى ئېتىپ، كۆز يېشى قىلىشقا باشلىدى:
– ھاي، قىزىم! نېمىگە يىغلايسىز؟ ئاللاھ ساقلاپ، تىنچ ئامان قايتىپ كەلدىمغۇ؟ بىزدە: «جان بولسا جاھان، ئاش بولسا قازان» دېگەن گەپ بار. ھېلىمۇ يەيدىغان رىزقىم بار ئىكەن، ئاللاھ ساقلىدى. ئەمدى سىلەر بىلەن بىللە ياشايدىغان كۈنلەرمۇ كەلدى. سالامەتلىكىممۇ ئاستا-ئاستا، ياخشى بولۇپ كېتىدۇ.
– دوختۇرغا ئېلىپ بارايلىمۇ ئاتا-دېدى ئارزۇگۈل يىغىسىنى توختىتىپ،
– ياق، قىزىم! بۇ يېشىمدا دوختۇرغا بېرىپ، ئۇلارنىڭ نېمىدىن ياسالغانلىقىنى، ھاراممۇ-ھالالمۇ؟ياكى باشقا نېمە ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدىغان دورىلىرىنى يېگۈم يوق. مەن ئۆز كېسىلىمنى ئۆزۈم داۋالىيالايمەن. ئاللاھ شىپالىق بەرسە ھەر قانداق كېسەل ساقىيىپ كېتىدۇ قىزىم، ئەندىشە قىلماڭ!
سارىخان موماي يولدىشى سەمەت قارىنىڭ تاماق يېيىش ئادىتى بويىچە يىلىمان قىلىپ، بىر تەخسە لەڭمەننى ئېلىپ كەلدى-دە ئۇنىڭ ئالدىغا قويۇپ:
-ئالسىلا، ئۆي لەڭمىنىنى يېگۈلىرى كەلگەندۇ؟-دېدى مۇلايىملىق بىلەن.
– رەھمەت ئانىسى، لەڭمەننى بەكمۇ سېغىنىپ كەتكەن ئىدىم. ئەمما، ئاشقازان-ئۈچەيلىرىم كىچىكلەپ كەتتىمۇ قانداق؟ جىق يېيەلمەيدىغاندەك قىلىمەن. مەمەت قارى ياقتۇرۇپ كەلگەن سامسىدىنىمۇ بىر نەچچە تاللا يېيەلىدىم-دېدى سەمەت قارى كۆيۈمچان ئايالىغا قاراپ، ئاندىن لەڭمەننى ئاست-ئاستا يېيىشكە باشلىدى. تاماق ئارىلىقىدا سەمەت قارىغا باشقىدىن سەپ سالغان سارىخان ئۇنىڭ ئورۇقلاپ، بەكمۇ ئاجىزلىشىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ:
-ئاش سۈيىدىنمۇ ئۇسۇپ بېرەيمۇ؟ تەنگە قۇۋۋەت قىلىدۇ. تاماق ئاسان ھەزىم بولىدۇ-دېدى قەدىناس يولدىشىنىڭ ھەر قېتىم لەڭمەن يېگەندە ئاش سۈيى ئىچىش ئادىتىنى ئېسىگە ئېلىپ، ئاندىن ئېرىنىڭ جاۋابىنى كۈتمەستىنلا، بىر قاچا ئاش سۈيى ئېلىپ كېلىڭ، ئۇنىڭ ئالدىغا قويدى.
سەمەت قارى ئاش سۈيىنى ئىچكەن بولسىمۇ، ئەمما لەڭمەننى تولۇق يەپ بولالماي توختاپ قالدى ۋە مومايدىن:
-خاپا بولمىسىلا، سىڭدۈرەلمەيدىغاندەك قىلىمەن. كېيىن يەي بولمىسا دەپ، ئەپۇ سورىدى.
-ئۇنداقتا، سۇيۇق-سەلەڭ بىر تاماق قىلايمۇ ئاتىسى؟
– ياق، بولدى قىلسىلا ئانىسى! سۇيۇقئاشنى كەچتىرەك قىلسىلىمۇ بولىدۇ. مەن قازا نامازلىرىمنى قىلىۋالاي، قالغان گەپلەرنى ئاندىن دېيىشەرمىز، قېنى تاھارەتكە سۇ بەرسىلە -دېدى سەمەت قارى كۆيۈمچان مومىيىغا سىنچىلاپ قاراپ،
سارىخان موماي ھايت-ھۆددىگە ئىچىدە چۆگۈندە سۇ تەييار قىلىپ، سەمەت قارىنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى. شۇنىڭدىن كېيىن سارىخان موماينىڭ چىرايىغا كۈلكە ئولاشتى. ئۇ شۇنداق ئويلايتتى: «ئاللاھقا شۈكۈرلەر بولسۇنكى،، سەمەت قارى قېرىپ، كېسەل بولۇپ قالغان بولسىمۇ، تائەت-ئىبادىتىنى تاشلىمايدۇ. مانا بۇنىڭ ئۆزى-ئۇنىڭ ئىمانىنىڭ قانچىلىك كۈچلۈكلۈكىنى ئىپادىلەيدۇ. ئىمان دېمەك-كۈچ دېمەكتۇر. ھەر قانداق كىشىدە مۇستەھكەم ئىمانى-ئېتىقاد بولغاندىلا، ئۇنىڭ ئىرادىسى كۈچىيىپ، قىلغان ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق بولىدۇ».
سەمەت قارى تۈرمىدە گۇندىپايلار ئوقۇغىلى قويمىغان بارلىق نامازلىرىنىڭ قازاسىنى قىلماقچى بولغاندەك قىلاتتى. ئۇ خېلى ئۇزاق ناماز ئوقۇدى. ھەر نامىزىنىڭ ئارىلىقىدا قولنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئاللاھقا يېلىنىپ دۇئا قىلاتتى: «ئىلاھىم گۇناھىمنى كەچۈرگەيسەن! سېنىڭ مېنى مۇسۇلمان قىلىپ ياراتقانلىقىڭغا چەكسىز شۈكرى ئېيتىمەن. سېنىڭ بىز بەندىلىرىڭگە چۈشۈرگەن ئەمىر-پەرمانلىرىڭنى جايىدا ئادا قىلالمىدىم. مۇقەددەس دىنىمىزنى قوغداش يولىدا مۇستەھكەم تۇرالمىدىم. مەن بىلىمەن! ۋەتىنىمىز زالىملار تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان ئەھۋالدا، دۈشمەنلەر بىلەن جەڭ قىلىش- پەرز-ئەين قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما مەن ئۇ پەرزىڭنى بەجا كەلتۈرەلمىدىم، ئاجىز كېلىپ قالدىم. ئۇنىڭ ئۈچۈن مېنى كەچۈرگەيسەن! ئۇ يەنە دۇئاسىنى داۋام قىلدى: دۈشمەنگە قارشى جەڭ قىلىشقا ئاجىز كەلگەن ئەھۋال ئاستىدا، ھىجرەت قىلىشىمىز – ئەھلى مۆمىنلەر ئۈچۈن سۈننەت ئىدى. پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئۆز ئەمەلىيىتى بىلەن بىز مۇسۇلمانلارغا كۆرسەتكەن نىجاتلىق يولى ئىدى. مەن ئۇنىمۇ بەجا كەلتۈرەلمىدىم. بۇنىڭ ئۈچۈن سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىزنىڭ مېنى شاپائەت قىلىشنى تىلەيمەن! ئېھ، خۇدا! مەن ئاجىز بەندەڭگە تەۋپىق–ھىدايەت، كۈچ-قۇۋۋەت ئاتا قىلغايسەن، ئامىن، ئاللاھۇ ئەكبەر!»
سەمەت قارى قازا نامازلىرىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، باغ – ۋاراندىكى ھەر خىل مېۋىلىك دەرەخلىرىنى، يېڭىدىن قويغان كۆچەتلىرىنى بىر قۇر كۆزدىن كۆچۈرۈپ چىقتى. قىش كىرىپ قالغان بولغاچقا، دەرەخلەر يېشىل لىباسىنى تاشلاپ، نېپىز قىروۋ باغلاپ، خۇددى قەھرىتان – جۇتتىن قورقۇۋاتقاندەك يېنىك تىترەپ تۇراتتى.
قىش دېمەك-جۇت دېمەكتۇر!-دەپ تېخى بۇ يىل ئەتىيازدا قويغان كۆچەتلەرگە قاراپ پىچىرلاشقا باشلىدى سەمەت قارى: ئەي كۆچەتلىرىم، ھاياتلىقنى يېڭى باشلىغان تەبىئەتنىڭ ئەركىلىرى، نېمىگە سالپىيىپ قېلىشتىڭلار؟ نېمىدىن قورقۇۋاتىسىلەر؟ سوغۇق-جۇتنىڭ نەشتەرلىرى بەدىنىڭلارغا سانجىلىۋاتامدۇ؟بۇنىڭدىن ھەرگىز قورقماڭلار! خۇددى تەڭرىتاغ قارىغايلىرىدەك تىك تۇرۇڭلار! سوغۇقنىڭ شىۋىرغانلىرى، زەھەرلىرى سىلەرنىڭ قەددىڭلارنى ھەرگىزمۇ ئېگەلمەيدۇ. جۇت-شىۋىرغانلار ھەرقانچە ھۇجۇم قىلسىمۇ، پولاتتەك قوۋزاقلىرىڭلارنى تېشىپ ئۆتەلمەيدۇ. ئاللاھنىڭ نېمەتلىرى ئىچىدە سىلەر، بىز ئىنسانلارغا قارىغاندا خېلىلا تەلەيلىك ئىكەنسىلەر !
شۇ ئەسنادا كۆچەتلەر خۇددى سەمەت قارىدىن بىر نەرسە سورىماقچى بولغاندەك يېنىك تەۋرەپ قويۇشتى. سەمەت قارى بۇنى ئۆزىگە قويۇلغان بىر سوئال دەپ چۈشۈنۈپ سۆزىنى داۋام قىلدى: سەنچۇ؟ سېنىڭ ئەھۋالىڭ قانداق بوۋاي دەۋاتامسىلەر؟-بولۇپتۇ! سوئالىڭلارغا جاۋاب بېرەي: بىز ئىنسانلار، بولۇپمۇ مەن تەۋە بولغان ئۇيغۇر دېگەن خەلق سىلەردىنمۇ نەچچە ھەسسە تەلەيسىز ئىكەنمىز. سىلەرنى سوغۇق-جۇت پەقەت مەلۇم مەزگىللا ئاۋارە قىلالايدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن باھار كېلىپ، ئالتۇن قۇياشنىڭ زەرلىرى چېچىلىشقا باشلىغاندا، ئۇ جۇت-شىۋىرغانلار ئۇۋىلىرىغا كىرىپ كېتىشىدۇ. ئاندىن سىلەر يەنە كۆكلەپ، تەبىئەتكە گۈزەللىكىڭلارنى نامايەندە قىلىپلا قالماستىن، ئىنسانلارنى تاتلىق مېۋىلىرىڭلار بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇپ، ئۆز ۋەزىپەڭلارنى ئادا قىلالايسىلەر! ئىنسانلار سىلەردىن ئۆز نېسىۋىسىنى ئېلىپ، شېرىن-شەربەتلەر بىلەن ئوزۇقلىنىپ، سىلەرگە رەھمىتىنى بىلدۈرىدۇ. ئەمما بىز ئىنسانلارچۇ؟ بولۇپمۇ بىز ئۈممىتى مۇسۇلمان بولغان ئۇيغۇرلار سوغۇق-جۇتنىڭ شىۋىرغانلىرى، ئازابلىرىغا ئۇچرىغاندىن باشقا يەنە ئىنسانلاردىن بولغان يات بىر تائىپىنىڭ ئېغىر زۇلۇمغا ئۇچراۋاتىمىز. شەرقتىن كەلگەن يات بىر تائىپە، بىزنىڭ زېمىنلىرىمىزنى ئىگىلىۋېلىپ، بايلىقلىرىمىزنى بولۇپ–تالاپ، ھەممىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىپلا قالماستىن، يەنە بىزنىڭ دىنىمىز، تىلىمىز ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزنى چەكلەپ-يوقىتىپ، بىزنى ئۆزىگە قۇل قىلىۋالماقچى بولۇۋاتىدۇ. بىزنى ئۆز تۇپراقلىرىمىزدىن قوغلاپ چىقىرىپ، نەسلىمىزنى تەلتۆكۈس يوقىتىپ، بىپايان گۈزەل زېمىنىمىزنى مەڭگۈ ئۆزىنىڭ قىلىۋالماقچى بولۇۋاتىدۇ.
سەمەت قارى ئۆز قولى بىلەن تىكىپ ئۆستۈرگەن كۆچەتلىرىگە دەرد- ئەھۋالىنى بايان قىلىپ، راسا قورساق كۆپۈكىنى بوشىتىۋالغاندىن كېيىن، قوتانغا كىرىپ نەچچە يىلدىن بۇيان ئۇ يەر-بۇ يەرگە بېرىشتا ھارۋىغا قېتىپ پايدىلىنىپ كېلىۋاتقان سۆيۈملۈك ئېشىكىنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭ بېشىنى سىلاپ، قۇلاقلىرىدىن تۇتۇپ ئەركىلىتىپ، ئۇنىڭغىمۇ دەردلىرىنى تۆكۈشكە باشلىدى: ئەي سۆيۈملۈك ئېشىكىم-دەپ باشلىدى سەمەت قارى گېپىنى-سەن نېمانداق بەختلىك! سېنىڭ ھېچقانداق بىر دەردىڭ يوق! قورسىقىڭ تويسىلا، بۇنىڭدىن خوش بولۇپ، ئىگەڭ نەگە ماڭ دېسە – شۇ يەرگە مېڭىپ بەرسەڭلار بولىدۇ. ئىگەڭ سېنى نە-نەلەرگە ئاپىرىپ، ئۆزى بىلەن بىللە ساياھەت قىلدۇرىدۇ. ئۆزى يەيدىغان ئارپا- قوناقلاردىن بېرىپ ئوزۇقلاندۇرىدۇ.
ئېشەك سەمەت بوۋاينىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ مىيىقىدا كۈلگەندەك قىلىپ، بېشىنى ئېگىز قىلىپ: ھاڭ,ھاڭ، ھاڭ!-دەپ ھاڭراپ قويدى. ئۇنىڭ بۇ ھاڭرىشىدىن: سەنچۇ خوجايىن، سېنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىڭ قانداق؟ نېمە دەردىڭ بار؟ دېگەندەك مەنە چىقىۋاتاتتى. سەمەت قارى سۆيۈملۈك ئېشىكىنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى چۈشىنىپ ئۇنىڭغىمۇ تېگىشلىك جاۋابىنى بېرىشكە تىرىشتى:
– ھە-ئە، مېنى نېمە دەردىڭ بار دەۋاتامسەن؟ ئۆزۈڭگە ئوخشاش دەردى يوق چاغلاپ قالدىڭمۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، مېنىڭ دەردىم بەك كۆپتۇر! مەن ساڭا خوجايىن بولغان بىلەن، ئەمەلىيەتتە ھازىر ئۆزۈمگە – ئۆزۈم خوجا بولالمايۋاتىمەن. باشقا يەردىن كەلگەن يات بىر تائىپىنىڭ ئادەملىرى ماڭا خوجايىن بولۇۋېلىپ: «ماۋۇنى قىلساڭ بولىدۇ، ئاۋۇنى قىلساڭ بولمايدۇ. ماۋۇنى دېسەڭ بولىدۇ. ئاۋۇنى دېسەڭ بولمايدۇ-دەپ نۇرغۇن يېڭى قائىدە – تۈزۈملەرنى چىقىرىپ، ئارامخۇدا ياشىغىلى قويمايۋاتىدۇ. بىلىسەن! مەن سەن تۇرىدىغان قوتاننى ھېچقاچان بۇزۇپ چېقىۋەتمىدىم بەلكى تېزەكلىرىڭنى تازىلاپ، ئايىقىڭنى قۇرۇقداپ، قاتتىق ساماننى سۇغا چىلاپ يۇمشىتىپ، كېپەك بىلەن ھەلەپ قىلىپ بېرىۋاتىمەن. بەزىدە تېخى قوناقمۇ بەردىم. سېنى ھېچقاچان ئاچ قويمىدىم. تاياق – توقماقلار بىلەن قاتتىق ئۇرمىدىم. پەقەت بەزىدە ساڭا: «ئاستا يول مېڭىپ قالدىڭ »دەپ، قامچىنى كۆتۈرۈپ پۇلاڭلىتىپ، ھەيۋە قىلىپ قويغان يېرىم بار. بۇنىڭ ئۈچۈن سەندىن ئەپۇ سورايمەن. بۇنى ئاڭلىغان ئېشەك يەنە بىر قېتىم بېشىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ: ھاڭ، ھاڭ، ھاڭ!-دەپ بىر نەچچە قېتىم ھاڭراپ قويدى: سەمەت قارى ئۇنى يەنە سوئال سورىدى بولغاي دەپ ئويلاپ سۆزىنى داۋام قىلدى – بۇ جەھەتتىن ئېيتقان چاغدا، مەن سەندىن بەكلا بەختسىز ئىكەنمەن. ئەگەر مەن ساڭا بېشىمغا كەلگەنلەردىن دەپ بەرسەم، بەلكى ئىشەنمەسلىكىڭ مۇمكىن. ئەمما بۇ ھەقىقىي بولغان ئىشلاردۇر. قاچان بولغان دەمسەن؟ ئۇنداق بولسا قۇلىقىڭنى دىڭ تۇتۇپ ئاڭلا دەپ، سەمەتقارى يەنە سۆزىنى داۋام قىلدى:
– مەن ئۆتكەن يىلى ئۆزىمىزگە ئوخشاش ئىنسانلاردىن بولغان يات تاىپىلەر تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ئىدىم. ئۇلار مېنى باغلاپ قويۇپ، نەچچە ئون كۈن سوراق قىلىشتى. سوراق جەريانىدا سوئالىمىزغا توغرا جاۋاب بەرمىدىڭ دەپ گۇمان قىلىپ، رېزىنكە كالتەك بىلەن ئۇردى. بەدىنىمگە توك كالتىكى ياقتى. مەنغۇ ئۇلارنىڭ تاياق-توقماقلىرىغا چىدىغان ئىدىم. ئەمما ئۇلار ماڭا تويغۇدەك تاماق بەرمەي، كۈنلەپ، ھەپتىلەپ ئاچ قويدى. ھەتتا بىر قانچە كۈن ئۇسسۇزلۇق بەرمىدى. ئىنساننى ئاچ قويۇش، ئۇسسۇز قالدۇرۇش بەكمۇ يامان ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ ئاشقازىنىمدىن چاتاق چىقىپ، تاماق سىڭمەيدىغان ئېغىر كېسەلگە مۇپتىلا بولۇپ قالدىم. سەن بىلىسەن! ئۆز ۋاقتىدا ناھايىتىمۇ كۈچلۈك، تىمەن ئادەم ئىدىم. مانا ھازىر يەرگە ئاران دەسسەپ مېڭىۋاتىمەن. ھېلىمۇ يەيدىغان رىزقىم بار ئىكەن، ئاللاھ ساقلاپ ھايات تۇرۇۋاتىمەن. خۇدايىم بۇنداق زۇلۇمنى باشقا ئىنسانلارغا كۆرسەتمىسۇن. ئۇلۇغ ئىلاھىم، مەزلۇملارنىڭ دەردىگە قۇلاق سېلىپ، زالىملارنىڭ جاجىسىنى بەرسۇن ئامىن. ئاللاھۇ ئەكبەر!
سەمەت قارى ئەمدى توخۇ كاتىكىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئىشىكنى ئېچىپ قارىۋىدى، توخۇلارنىڭ سانى ئىلگىرىكىدىن خېلىلا ئاۋۇپ قالغان بولۇپ، ئىلگىرى ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان، سۆيۈملۈك چارخورىزىمۇ بوينىنى سوزۇپ، مەغرۇر ھالدا گىدىيىپ تۇراتتى. ئۇ سەمەت قارىنىڭ ئۆزىگە قاراۋاتقانلىقىنى سەزدى بولغاي، بوم ئاۋازىنى چىقىرىپ، ھۇق، ھۇق، ھۇق!…. دەپ، بىر قانچە قېتىم چىللاپ قويدى. بۇ بەلكى ئۇنىڭ سەمەت قارىنى سەن نەگە كەتكەن ئىدىڭ؟بېشىڭغا نېمە ئىشلار كەلدى؟-دەپ سورىغان سوئالى بولۇشى مۇمكىن ئىدى. سەمەت قارى بۇ سۆيۈملۈك خورىزىنى نائۈمىد قىلىپ قويماسلىق ئۈچۈن ئۇنىڭغىمۇ جاۋاب بەردى:
– ھەي! سۆيۈملۈك خورىزىم! سەن بەلكى مېنى، نېمىشقا يوقاپ كەتتىڭ؟ ئەزان ئاۋازى ئاڭلانمايۋاتىدىغۇ؟ چىرايلىق قىرائەت قىلىپ ئوقۇيدىغان قۇرئاننىڭ ئاۋازىمۇ يوقاپ كەتتى دەۋاتقانسەن ھەقاچان؟ ئۇنداق بولسا قۇلىقىڭنى دىڭ تۇتۇپ، جاۋابىمنى ئاڭلا !: مەن شۇ، سەندىن ئايرىلىپ يوقاپ كەتكىلى ئالتە ئاي بولدى. چۈنكى، مەن باشقىلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، سەن تۇرۇۋاتقان بۇ كاتەكتىنمۇ كىچىك، سوغۇق، زەي بىر قەپەسكە سولاپ قويۇلدۇم.
-نېمە سەۋەبتىن دەمسىنا؟
– ئۇنىڭ سەۋەبى شۇكى: سەن دېگەندەك، مەن سېنىڭ بىلەن تەڭلا ئويغىنىپ، ئارقاڭدىنلا ئەزان توۋلاپ، ئاۋامنى ئويغىتاتتىم. قۇرئاننى چىرايلىق قىرائەت قىلىپ ئوقۇيتتۇم. ئاندىن مەسچىتكە بېرىپ، جامائەتكە ئىمامەتچىلىك قىلاتتىم. كېيىن بۇ دىنسىز ھۆكۈمەت بىزنىڭ مەسچىتىمىزنى تاقاپ قويۇپ، جۈمە نامىزى ئوقۇشىمىزنى چەكلىمەكچى بولدى. مەن ۋە مەسچىت جامائىتى بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، مەسچىت ئالدىغا يىغىلىپ، ھەققانىي تەلەپلىرىمىزنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدۇق، ھۆكۈمەت بىزنىڭ بۇ ھەققانىي تەلەپلىرىمىزگە قۇلاق سالماستىن، ئەكسىنچە مېنى ۋە ئەھمەت مەزىننىڭ ئوغلى ئابدۇللا قارى قاتارلىق 5 كىشىنى «توپىلاڭ چىقارماقچى» دەپ تۇتقۇن قىلىپ، سولاپ قويۇشتى. مەن گۇناھسىز بولساممۇ، بىر يىللىق قاماق جازاسى بەرگەن ئىدى. تۈرمىدە ئېغىر قىيىن-قىستاق ۋە ئاچلىق سەۋەبىدىن كېسەل بولۇپ قالغاچقا، كۈيئوغلۇمنىڭ ئەرز قىلىپ، يول مېڭىشى بىلەن 6 ئايدىن كېيىن كېپىللىككە قويۇپ بېرىشتى. مانا ئەمدى سەن بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ تۇرۇپتىمەن. بىلەمسەن سۆيۈملۈك خورىزىم! بىزنىڭ ئاغزىمىز تاۋاقلاندى. ھازىر ئەزان توۋلاش تۈگۈل، كاللىمىزغا كەلگەن گەپ – سۆزلەرنىمۇ خالىغانچە قىلالمايمىز. نېمە دېگۈمىز كەلسە، شۇنى دېيەلمەيمىز! بىزگە قارىغاندا سەن جىق تەلەيلىك ئىكەنسەن. سەن قانداق چىللىماقچى بولساڭ، شۇنداق چىللىيالايسەن. ھېچكىم ساڭا: سەن ئۇنداق چىللىدىڭ، مۇنداق چىللىدىڭ، ئەمدى ئۇنداق چىللا، مۇنداق چىللىما!-دەپ بېسىم قىلمايدۇ ۋە قالايمىقان چىللىدىڭ دەپ، تۇتۇپ، سولاپ قويمايدۇ.
سەمەت قارىنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلىغان چارخوراز ئاۋازىنى سوزۇپ يەنە ئىككى قېتىم چىللاپ قويدى. بۇ بەلكى ئۇنىڭ: مەن مۇشۇنداق سەھەر تۇرۇپ، ئىنسانلارنى ئويغىنىشقا چاقىرىشنى مەڭگۈ توختىتىپ قويمايمەن. ئىنسانلارنى ساباھ ۋاقىتلىرىدا ئويغىتىپ، ياراتقان ئىگىسى ئۈچۈن تائەت – ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن دەۋەت قىلىش-مېنىڭ مۇقەددەس ۋەزىپەمدۇر دېمەكچى بولغاندەك قىلاتتى.
سەمەت قارىنىڭ ئاخىرقى قاراپ چىقىش نۇقتىسى قوي قوتىنى بولدى. بۇ ھويلىدىن ھەر زامان يەتتە-سەككىز قوي، بىر نەچچە ئۆچكە نېرى بولمايتتى. سەمەت قارى تۇتۇلۇشتىن ئىگىلىرى بىر نەچچە ساغلىق بوغاز بولغان بولۇپ، بەزى ساغلىقلارنىڭ جۈپ تۇغىدىغان ئەھۋاللارمۇ بولۇپ تۇراتتى. ئۇ بىر نەچچە يىلدىن بۇيان بېقىپ كېلىۋاتقان ئانا ساغلىقتىن بىرى ئۇنى كۆرۈپ، بوش مەرەپ قويدى. بۇ ئۇنىڭ سەمەت قارىلىقىنى تونۇغانلىقىنىڭ ئىپادىسى ئىدى. ئەمما، ئۇنى ھەيران قالدۇرغىنى، ئۇ ساغلىقنىڭ يېنىدا خېلىلا سەمرىپ، يوغىناپ، مۈڭگۈزى بىر غېرىچتەك ئۇزىراپ قالغان ئىككى باش قوچقار تۇراتتى. ئۇلار خۇددى سەمەت قارىغا ئۆزىنىڭ نوچىلىقىنى كۆرسىتىپ قويماقچى بولغاندەك، توختىماي بىر-بىرسى بىلەن ئۈسۈشمەكتە ئىدى. ئۇ ئىككى باش قوچقار شۇنداق قاتتىق ئۈسۈشتىكى، مۈڭگۈزىدىن ئۇچقۇنلار چاچراپ چىقماقتا ئىدى. شۇ ئەسنادا خۇددى كوسا ئادەمگە ئوخشاش شالاڭ ساقال چىقىپ قالغان بىر تېكە ئۇلارنىڭ ئارىسىغا كىرىپ، خۇددى ئۇلارغا بۇيرۇق چۈشۈرگەندەك، بوغۇق بىر ئاۋازدا خىرقىرىۋىدى، ئىككى باش قوچقار دەرھال توختاپ قېلىشتى. سەمەت قارى بۇ ئەھۋالغا ھەيران قېلىپ ئۆز خىيالىچە: نېمىشقا بۇ قوچقارلار ئۆزئارا سوقۇشىدۇ يۇ، ئەمما باشقا بىر جانلىق ئالدىدا توختاپ قالىدۇ-دەپ ئويلاپ، ئۇنىڭ جاۋابىنى ئىزدەپ تۇراتتى. سارىخان موماي توۋلىغانچە كېلىپ:
– قارىم، ئەجەب ئۇزاق ھايال بولۇپ قالدىلا، تاماقمۇ پىشىپ قالدى ئۆيگە قايتىپ كىرمەملا؟-دەپ چاقىرىپ قالدى. ئەمما، سەمەت قارى قەدىناس ھەمراھىنىڭ گېپىنى ئاڭلىمىغاندەك خىيال ئىچىدە قېتىپ قالغان ئىدى.
-نېمە بولدىلا قارىم؟ خىيال دەرياسىغا چۆكۈپلا كېتىپلىغۇ؟-دەپ سورىدى سارىخان موماي ئۇنىڭ تۇرقىدىن ئەجەبلىنىپ، شۇندىلا سەمەت قارى ئېسىنى يىغىپ باياتىن ئىككى قوچقارنىڭ ئۆزئارا قاتتىق سوقۇشۇپ كەتكەنلىكىنى، كېيىن ئۇلارنىڭ ئارىسىغا بىر تېكە يېقىن كېلىپ خىرقىرىغاندىن كېيىن، توختاپ قالغانلىقىنى سۆزلەپ بېرىپ، بۇنىڭ مەنىسىنى چۈشەنمىگەنلىكىنى ئېيتىۋىدى، سارىخان موماي بىرئاز ئويلىنىپ تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن مۇنداق دېدى: بۇ خۇددى بىزنىڭ ئۇيغۇر باشلىقلارنىڭ ئۆزئارا چىقىشالمايدىغان ئادىتىگە ئوخشايدىكەن. ئادەتتە بىزنىڭ ئۇيغۇرلارغا ھوقۇق تېگىپ قالغاندا، مەيلى ئۇلار بىرسى-بىرىنچى، ياكى يەنە بىرسى-ئىككىنچى باشلىق بولسۇن، قەتئىي بىر-بىرسى بىلەن سىغىشالمايدۇ. ئۇلار بىر-بىرسى بىلەن سىغىشالمىغاننىڭ ئۈستىگە، بىر-بىرسىنى يۇقىرى ئورۇنلارغا ياكى ئۈستىدىكى پارتىيە سېكرېتارى بولغان يات تائىپىدىكىلەرگە چېقىشتۇرۇپ، ئەيىب-نۇقسانلارنى بىر-بىرسىگە دۆڭگىشىپ، بىرسى يەنە بىرسىنى پۇتلاپ، تاكى ئەمىلىدىن ئېلىپ تاشلاتقۇزۇپ، يوقاتمىغۇچە بولدى قىلىشمايدۇ.
– ئەجەبمۇ بۇنىڭغا مېنىڭ ئەقلىم يەتمەيتىيا؟، تازىمۇ ياخشى ئوخشىتىۋەتتىڭلىغۇ موماي بۇنى، دېمىسىمۇ ئۇغۇ شۇنداق، بىزنىڭ يەرلىك ئەمەلدارلار ئەمەل-مەنسەپ دېسە ئۆلۈپ بېرىشتىن يانمايدۇ. بىر-بىرسىنى چېقىشتۇرۇش دېگەن ئۇياقتا تۇرسۇن، ھەتتا بىر-بىرسىنى سېتىپ، ئۈستىدىن پارا بېرىپ، ئۇنىڭ يەتمىش ئۈچ پۇشتىنى قۇرۇتىۋېتىشكە ئۇرۇنىدۇ
-ھەي بوۋاي، بولدى قىلسىلا! مەن بۇنى ئويلىسام بارغۇ! بىزنىڭ يەرلىك ئەمەلدارلىرىمىزغا ئىچ -ئىچىمدىن ئۆچ بولۇپ كېتىمەن. ئۇلار بىرەر قېتىم بولسىمۇ، خەلق مەنپەئەت ئۈچۈن قۇربان بېرىپ باقسا بولمامدۇ؟ ھە! دېسىلا ئەمىلىنى ئۆستۈرۈشنىڭ كويىدىلا يۈرگەن. خۇدايىم ئۇلارنىڭمۇ ئەقلىنى تاپىدىغان بىر كۈنمۇ كېلەر، يۈرىسىلەر ! ئۆيگە كىرىپ تاماقلىرىنى يەۋالسىلا! ماھىرەنىڭمۇ كېلىدىغان ۋاقتى بولۇپ قالدى.
-ماھىرە دېدىلىمۇ؟ ئۇ كىم بولىدۇ؟
– ھە-ئە ئېسىم قۇرۇسۇن. مەن تېخى سىلىگە دېمىدىممۇ؟-ماھىرە دېگەن بىزنىڭ چوڭ نەۋرىمىز مۇسلىمە شۇ!-ئۇنىڭ ئىسمى ئۆزگەرتىۋېتىلدى. خاپا بولمىغايلا، توۋا! مەن سىلىگە دەيمەن دەپ، ئۇنتۇپ كېتىپتىمەن.
– ھە-ئە، شۇنداقمۇ؟ نېمىشقا ئۇنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىۋەتتىڭلار؟ بىر چىرايلىق ئىسمى بار ئىدىغۇ-دېدى سەمەت قارى ئۇ ئىشنىڭ ئەسلى سەۋەبىنى چۈشەنمىگەنلىكى ئۈچۈن.
– ئىسىم ئۆزگەرتىش-بىزنىڭ ئىختىيارىمىز بىلەن بولغان ئىش ئەمەس، دەپ چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى سارىخان موماي، يېزىلىق ھۆكۈمەت «بىرلىك سەپ بۆلۈمى » ۋە «ئاھالىلەر كومىتېتى» بۇ ھەقتە مەخسۇس ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئۇنى بارلىق كەنتلەردىكى ھەر بىر ئائىلىلەرگىچە مەجبۇرىي يولغا قويدى. چۈنكى، كۇچا شەھەرلىك پارتكوم ۋە بىرلىك سەپ بۆلۈمى: «دىنىي تۈسى قويۇق بولغان مۇسۇلمانچە ئىسىملارنىڭ-ئادەتتىكى نورمال ئىسىملىرىغا ئۆزگەرتىلىشى» ھەققىدە مەخسۇس ئۇقتۇرۇش تارقاتقانىكەن. بۇنىڭغا ھېچكىم قارشى چىقالمىدى. قارشى چىققۇچىلار بولسا، قاتتىق جازا بېرىلىدۇ-دەپ قورقۇتۇلدى. شۇڭا، بىزمۇ چارىسىز قالدۇق.
– ھە-ئە شۇنداقمۇ؟ ھەي، ناكەسلەر ! ئۇلارنىڭ قىلمىغان شۇ ئىشى قاپتىمۇ ئەمدى؟ خۇددى بالىلارنى بىزگە ئۆزلىرى تۇغۇپ بەرگەندەك، شۇنىڭغىمۇ ئارىلىشىپ، قىلغان يامانلىقىنى قارىمامدىغان؟-دەپ قايناپ كەتتى سەمەت قارى ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي: مۇخلىسەنىڭچۇ؟ مۇھەممەتئېلىنىڭچۇ؟-دەپ سورىدى ئۇ يەنە سارىخان مومايدىن.
-ئۇلارنىڭ ئىسمىمۇ ئۆزگەرتىلدى-دەپ جاۋاب بەردى سارىخان موماي-ئەگەر ئۇنداق قىلمىساق، ئۇلار مەكتەپكە كىرەلمەيدىكەن، نوپۇسقا ئېلىنمايدىكەن، ھېچقانداق يەردە تىزىمغا ئېلىنمايدىكەن. نام-نىشانسىز ئادەم بولۇپ قالىدىكەن.
– بۇلارنىڭ يېڭى ئىسىملىرىنى قانداق قويدۇڭلار؟ كىم قويدى؟ ئەزان ئوقۇدۇڭلارمۇ؟
– ھە-ئە، بالىلارنىڭ يېڭى ئىسمىنى – ئىككى قۇلىقىغا ئەزان توۋلاپ، ئاتىسى مەمەت قارى ئۆزى قويدى.
– مەمەت قارى توغرا قىلىپتۇ. رەھمەت ئۇنىڭغا-دەپ بىرئاز خاتىرجەم بولغانلىقىنى ئىپادىلىدى سەمەت قارى-ئەگەر ئۇنداق قىلمىغان بولسا، بالىلارنىڭ ئىسمى-نامدا بار، دەپتەردە يوق، قۇرۇق ئىسىم بولۇپ قالاتتى. ھەركىمنىڭ ئىسمى ئاللاھنىڭ دەپتىرىگە يېزىلمىغان تەقدىردە، ئاخىرەتتە ئۇلارنىڭ ئىشى تەس بولىدۇ. ھېلىمۇ ياخشى نەۋرىلىرىم ئىسىمسىز قالماپتۇ. ئاللاھقا شۈكرى!-دەپ، تاماقنىمۇ يېمەستىن، قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، نەۋرىلىرىنىڭ بەختى ئۈچۈن دۇئا قىلدى.
ناماز ئەسىرنىڭ ۋاقتى بولۇپ قالغان ئىدى. سەمەت قارىم سارىخان موماي تەييارلاپ بەرگەن ئىسسىق سۇ بىلەن تەرىتىنى ئېلىۋالغاندىن كېيىن، نامىزىنى ئوقۇپ بولۇپ، ئۇزاق-ئۇزاق دۇئا قىلدى. ئادەم ياشىنىپ، ئۆلۈم يېقىنلاپ قالغاندا، ئاللاھنى بۇرۇنقىدىنمۇ نەچچە ھەسسە كۆپ يادىغا ئالىدىغان بولۇپ قالىدىكەن. سەمەت قارىمۇ شۇنداق بولۇپ قالغانىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇ كەنت مەسچىتىگە ئۇزۇن يىل ئىمامەتچىلىك قىلغان، تەقۋادار ئىنسان بولغاچقا، ھېچقاچان نامىزىنى تەرك قىلمايتتى. شۇنداقلا ھەر قېتىملىق نامىزىدا دۇئا قىلىشنى ئۇنتۇمايتتى. مانا بۇ كۈنلەردە ئۇ تېخىمۇ ئۇزاق دۇئا قىلىدىغان بولۇپ قالدى. چۈنكى، تۈرمىدە كۆرگەن-بىلگەنلىرى ۋە ئەتراپىدا بولۇۋاتقان ئىشلاردىن-جەمئىيەتنىڭ باشقىچە بولۇپ كېتىپ بارغانلىقىنى، دىن ئەھلى ۋە ئالىملىرىنىڭ، ئىمانى ۋە بىرئاز ۋىجدانى بولغان كىشىلەرنىڭ ھە دېسىلا تۇتقۇن قىلىنىپ، تۆھمەتكە ئۇچراۋاتقانلىقىنى، مۇسۇلمانلارنىڭ تائەت-ئىبادەتلىرى چەكلىمىگە ئۇچراپ، ئۇلارنىڭ ئۆرۈپ-ئادەت، ئىجتىمائىي تۇرمۇشلىرىغىمۇ ھۆكۈمەتنىڭ چات كېرىۋېلىپ، نۇرغۇن بولمىغۇر قائىدە-تۈزۈملەرنى چىقىرىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ زور قىيىنچىلىقلارغا مۇپتىلا قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلىپ يەتكەن ئىدى.
-ھەي، بوۋاي! نامازنى ئوقۇپ بولغان بولسىلا، بۇ تەرەپكە چىقسىلا، مانا نەۋرىمىز ماھىرە كەلدى-دەپ چاقىردى ئۇنى سارىخان. سەمەت قارى قىلىۋاتقان دۇئاسىنى تاماملاپ، يان ئۆيگە چىقىپ، ماھىرەنى كۆرگەندىن كېيىن داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدى. ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا بۇرۇنقى بېشىغا ياغلىق ئارتىلغان، چىرايلىرى پارقىراپ تۇرىدىغان، كۆزلىرى ئويناپ تۇرىدىغان ئوماققىنا بىر قىز ئەمەس، بەلكى چىرايى سولغۇن، ئېغىر بېسىم ئىچىدە قالغان. چىراي-تۇرقىمۇ، يات تائىپەنىڭ بالىلىرىغا ئوخشاپ قالغان بىر قىز تۇراتتى.
سەمەت قارى ھەيران قالغان ھالدا:-« ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قىزىم!»دەپ سالام قىلىۋىدى، ماھىرە بۇرۇنقىدەك چىرايلىق ئاۋازدا: «ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام !» دەپ جاۋاب بېرىشنىڭ ئورنىغا بىردەم تۇرۇپ كېتىپ: ياخشىمۇ سىز بوۋا؟-دەپ جاۋاب قايتۇردى.
-سەمەت قارى، ھە-ئە، مەنمۇ ياخشى تۇردۇم. ئاللاھقا شۈكرى!-دەپ جاۋاب بېرىپ بولۇپلا:
– قىزىم، بېشىڭىزدىكى ياغلىقىڭىز قېنى؟ سىزگە نېمە بولدى، بەكلا ئۆزگىرىپ كېتىپسىز؟-دەپ سورىدى ماھىرەدىن.
ماھىرە بوۋىسىغا جاۋاب بېرىشنىڭ ئورنىغا تىرنىقىنى تاتىلاپ، يەرگە قاراپ تۇرۇپ قالدى. ئۇ خىجىل بولغانلىقىدىنمۇ قانداق؟ بەكمۇ قىزىرىپ كەتكەن بولۇپ، بېشىنى يۇقىرى كۆتۈرەلمەيۋاتاتتى. بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن سارىخان موماي ئۇلارنىڭ ئارىسىغا كىردى:
– سەمەت قارىم بولدى قىلسىلا، ماھىرەنى خىجىل قىلمىسىلا، ئۇ ياغلىقىنى ئۆزلۈكىدىن ئېلىۋەتمىدى. ھازىر مەكتەپلەردە ھېچقانداق بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ياغلىق چىگىشىگە يول قويۇلمايدۇ. تېخى ھازىر بالىلارنىڭ ئۆز تىلىدا گەپ قىلىشىمۇ چەكلىنىۋېتىپتۇمىش ! ئۇلار چوقۇم دۆلەت تىلىدا گەپ قىلىشى، ئۇيغۇرچە گەپ قىلماسلىقى شەرت ئىكەن. ناۋادا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۆز تىلىدۇ گەپلىشىپ قالسا، ئۇلارنىڭ نومۇرى تارتىلىدىكەن ياكى سىنىپ مەسئۇلى تەرىپىدىن قاتتىق تەنقىد قىلىنىپ، ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلىدىكەن.
– شۇنداقمۇ؟ ھەي، ناكەسلەر !-دەپ، دائىم ئاغزىنى چۈشۈرمەيدىغان كەلىمە بىلەن نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى سەمەت قارى-ئەمدى بالىلىرىمىزنى ئۆزلىرىگە ئوخشاش سۆزلەيدىغان قىلىۋاتامدۇ نېمە؟ ئۇنداق بولغاندا، بىز نەۋرىلەر بىلەن قانداق گەپلىشىمىز؟ ئۇلار بىزنىڭ گېپىمىزنى ئۇقمىسا، بىز ئۇلارنىڭ گېپىنى ئۇقمىساق، بۇمۇ ئىش بولدىمۇ؟ توۋا قىلدىم-توۋا!-دەپ، ياقىسىنى چىشلەپ، ئەمدىلا ئۆسۈپ چىقىۋاتقان ساقىلىنى سىلاپ قويدى ۋە ئىچىدە ئايەتلەرنى ئوقۇپ، بىر ھازا دۇئا قىلدى.
مانا بۈگۈن جۈمە كۈنى يېتىپ كەلگەن ئىدى. سەمەت قارى سارىخان موماينىڭ ئىسسىتىپ بەرگەن سۈيى بىلەن تەرەت ئېلىپ بولغاندىن كېيىن، – جامائەت بۈگۈن جۈمە نامىزى ئوقۇغىلى يىغلامدىكەن، ھۆكۈمەت رۇخسەت قىلىپتىمۇ، ئەخمەت مەزىننىڭ ئەھۋالى قانداقراقكىن؟-دەپ سورىدى ئۇنىڭدىن.
– ئەخمەت مەزىن ھازىر ئېغىر كېسەل ئىكەن. سىلىدە قۇرئان ئوقۇشنى ئۆگىنىپ، قارىم بولغان ئوغلى ئابدۇللا قارى تۇتۇلۇپ كېتىپتىمىش! قىزلىرىنىڭ ھەممىسىلا ياتلىق بولۇپ كەتكەن. ئايالىمۇ بەكلا قېرىپ كەتتى. ئۇلار ئېغىر قىيىنچىلىق ئىچىدە قالدى-دەپ جاۋاب بەردى سارىخان موماي
– ئۇنداق بولسا، مەن ئەخمەت مەزىننى يوقلاپ چىقاي، مەسچىت ئىشىنىڭ نېمە بولغانلىقىنى ئۆزىدىن بىر ئاڭلاپ باقاي!-دەپ، ئۆيدىن چىقتى سەمەت قارى
ئېگىز بوي، ئاقپىشماق كەلگەن ئەخمەت مەزىم، سەمەت قارىنىڭ ئۆيىدىن ئىككى ئۆي نېرىسىدىكى قوشنىسى بولۇپ، ئۇزۇندىن بۇيان لەڭگەر كەنت مەسچىتىدە مەزىنلىك قىلىپ كەلگەن تەقۋادار كىشى ئىدى. ئۇنىڭ يېشى 70دىن ئېشىپ قالغان بولۇپ، سەمەت قارى بىلەن تەڭ دېمەتلىك ئىدى. سەمەت قارى ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، دەرۋازىسىنى قېقىۋىدى، كىم ئۇ؟-دەپ توۋلىغانچە ئايالى كېلىپ دەرۋازىنى ئاچتى
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، قانداقراق ئەھۋاللىرى؟
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام! سەمەت قارىم، ئەھۋالىمىز ياخشى، ئۆزلىرىچۇ؟ تۈرمىدىن چىقىپتۇ دەپ ئاڭلىغان ئىدىم. ئەمما ئەخمەت مەزىن ئاغرىق بولغاچقا، سىلىنى يوقلاپ چىقالمىدىم. سارىخانچۇ؟ ئۇنىڭ مىجەزى قانداقراق؟ قايسى كۈنى يولدا ئاۋازىنى ئاڭلىغاندەك قىلغان ئىدىم. چىقىپ سالام بېرەي دەپ بولغۇچە ئۆتۈپ كېتىپ قىلىپتۇ. يۈرسىلە، ئۆيگە كىرەيلى!
– ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! ئەخمەت مەزىن، قانداقراق تۇرۇۋاتىدىلا ؟ ئاغرىق-سىلاق بولۇپ قاپتۇ دەپ ئاڭلاپ، يوقلاپ كېلىشىم.
– ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام! رەھمەت يوقلاپ كەلگەنلىرىگە، ئاللاھ سىلىدىن رازى بولسۇن! شۇ قېرىلىق يەتكەن ئوخشايدۇ. بىر نەچچە كۈن بولدى، قەتئىي ئورنۇمدىن تۇرالمايۋاتىمەن، پۇت-قولۇمدا كۈچ قالمىغاندەك تۇرىدۇ.
-ئاللاھ شىپالىق بەرسۇن! دەپ سەمەت قارى قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ ئەخمەت مەزىن ئۈچۈن دۇئا قىلدى. ئاندىن ئۇنىڭ چىرايىغا سەپسېلىپ قارىۋەتكەندىن كېيىن:
– چىرايلىرى يامان ئەمەس تۇرۇپتۇ، ئانچە-مۇنچە دورا قىلىپ بەرسىلە ! ئاللاھنىڭ شىپالىق بېرىشى بىلەن ياخشى بولۇپ كېتىلا، مەن سىلى ئۈچۈن دۇئا قىلدىم، شۇنداق بولسىمۇ سەۋەبلىك ئالەم دەپ، ئەتە-ئۆگۈن دوختۇرغا كۆرۈنۈپ باقسىلا!
– سەمەت قارىم شۇ دوختۇر دېگەننى بولدى قىلسىلا، شىپالىق بەرگۈچى ئاللاھتۇر. سىلىنىڭ قىلغان دۇئالىرىمۇ يېتەرلىكتۇر. بۇ قېرىغان جېنىمدا، مەن دوختۇر بەرگەن دورىلارنى يېيىشنى خالىمايمەن. ئۆزۈم ئۇنى-بۇنى قاينىتىپ ئىچىۋاتىمەن.
-مەيلى ئىختىيارلىرى، ئەمما ئاغرىق-سىلاققا سەۋر قىلىش كېرەك! ئاغرىق سىلاق گۇناھقا كاپارەت بولىدۇ-دەپ سەمەت قارى يەنە قىسقا بىر دۇئا قىلغاندىن كېيىن: مەزىن ئاخۇنۇم، كەنتىمىزدىكى مەسچىت ھازىرغىچە تاقاقلىقمۇ، ئانچە-مۇنچە جۈمە نامىزى ئوقۇيالىدىڭلارمۇ؟-دەپ سورىدى سەمەت قارى گەپنى مەقسەتكە يۆتكەپ، بۈگۈن مەن ئاتايىن مۇشۇ ئىش ئۈچۈن مەسچىتكە بېرىپ، ئەگەر رۇخسەت قىلىنغان بولسا، جامائەت بىرلىكتە جۈمە نامىزى ئوقۇيلى دەپ ئۆيدىن چىققان ئىدىم.
-ھە-ئە، ئېسىم قۇرۇسۇن سەمەت قارىم، كەنت مەسچىتى ئۇزاق بولدى تاقاقلىق بويىچە تۇرۇۋاتىدۇ. تېخى ئالدىنقى ھەپتە يېزىلىق بىرلىك سەپ بۆلۈمى: «يېزا مەركىزىدىكى پەقەت بىرلا مەسچىت قالدۇرۇلۇپ قويۇپ، باشقا كەنتلەردىكى بارلىق مەسچىتلەر چېقىلىدۇ» دېيىلگەن ئۇقتۇرۇشنى تارقاتتى.
– شۇنداقمۇ؟ ھەي دەيۈزلەر، ناكەستىلەر-دېدى سەمەت قارى قوشۇمىسىنى تۈرۈپ-بىز مۇسۇلمانلار ئۈچۈن كەنتىمىزدە مەسچىت بولمىسا، قانداق بولغىنى؟ بۇ ھۆكۈمەتنىڭ: «خەلقنىڭ دىنىي ئىبادەت قىلىش ئەركىنلىك بار » دېگىنى يالغان گەپكەندە؟
-شۇنداق، قارىم!-دېدى ئەخمەت مەزىن تەستە ئېغىزىنى ئېچىپ، ھازىر ھۆكۈمەت مۇقەددەس ئىسلام دىنىمىزنى ئاياغ-ئاستى قىلىپ، دىنىمىزنىڭ قائىدە-پىرىنسىپلىرىنى بىر چەتكە قاراپ قويۇپ، ئۇنى ئۆزىنىڭ سىياسىي مەقسىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرماقچى، كوممۇنىست ئىدېئولوگىيەسىگە بويسۇندۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ. بىز مۇسۇلمانلار بەكمۇ ئاجىز ئىكەنمىز، ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇشقا قۇربىمىز يەتمەيۋاتىدۇ. ئاللاھ ھەممە ئىشىمىزنى ئاسان قىلسۇن!-دېدى ئەخمەت مەزىن ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن كۆزلىرىنى تەستە ئېچىپ،
-ئەمدى قانداق قىلارمىز؟ جۈمە نامىزىنى ئوقۇيالمىساق قانداق بولىدۇ؟-دېدى سەمەت قارىم ئەخمەت مەزىنگە مەسلىھەت تەرىقىسىدە-ئەگەر ئىمكان بولسا بىرەرسىمىزنىڭ ھويلىسىدا، ئاز بولسىمۇ ئۈچتىن-يەتتىگىچە كىشى جامائەت بولۇپ ئوقۇيالىساق، يەنە جۈمە نامىزىمىز تەرك بولمىغان بولاتتى.
-بۇنى ناھايىتى ئوبدان دېدىلە، ئەمما مېنىڭ ھالىمنى كۆرۈۋاتىدىلا، ھازىر ئورنۇمدىن تۇرالمايمەن. ئەگەر ئوغلۇم ئابدۇللا قارىم بولغان بولسا، ئۇ بىر نەچچە ئۆيگە قاتراپ باقسا، يەتتە -سەككىز جامائەت يىغالىغان بولاتتى.
-ھە-ئە، ئابدۇللا قارىمغا نېمە بولدى، بىر يەرگە كەتكەنمىدى؟
خەۋەرلىرى بولماپتۇ-دە، قارىم! ئوغلۇم ئابدۇللا قارى ئۆتكەن ھەپتە يېزا ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ كېتىلدى.
– نېمىشقا ئەمدى، نېمە گۇناھ ئۆتكۈزۈپتىكەن؟
– ئۆتكەن ئايدا ئارائۆستەڭ تەرەپتىكى بىر تۇغقىنىمىزنىڭ نەزىرى ئۆتكۈزۈلۈپتىكەن. بۇ نەزىرگە ساقچىلار تەرىپىدىن 30 دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشسا بولمايدۇ. خەتمە-قۇرئان قىلىشقا بولمايدۇ!-دەپ، چەكلىمە قويۇلۇپتۇ. ئەمما، جامائەت 30دىن ئېشىپ كەتكەن ئىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئابدۇللا قارىم باشقىلارنىڭ تەلىپى بىلەن نەزىردىن كېيىن قىرائەت قىلىپتۇ، جامائەت ئىچىگە ساقچىغا خىزمەت قىلىدىغان پايلاقچىلار قويۇلغان ئىكەن. پايلاقچى ئەھۋالنى ساقچىغا مەلۇم قىلىپ قويغانمىكىن؟ شۇ كۈنى كېچىدە نۇرغۇن قوراللىق ساقچىلار باستۇرۇپ كېلىپ، ئوغلۇمنى تۇتۇپ كېتىشتى.
-ئۇنىڭدىن كېيىن خەۋىرىنى ئۇقالىلىمۇ؟-دەپ سورىدى سەمەت قارى ئەخمەت مەزىننىڭ ئوغلىنىڭ كېيىنكى تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئابدۇللا قارىنى تۈرمىگە ئېلىپ كەتكەنمىدۇ ياكى ئەمگەك بىلەن تەربىيەلەش مەيدانىغىمۇ؟
– نەگە ئېلىپ كەتكەنلىكىنى ماڭا تېخى خەۋەر بېرىشمىدى. مەن سىلىدىن ئۆتۈنۈپ قالاي، شۇ ئوغلۇمنىڭ نەگە سولانغانلىقىنىڭ خەۋىرىنى ئېلىپ بەرگەن بولسىلا، ئەگەر ئۇنداق بولمىسا، ئۇ دۇنياغا كۆزۈم ئوچۇق كېتىشىم مۇمكىن قارىم! يەنە سىلىدىن بىر ئۆتۈنىدىغىنىم شۇكى: ئەگەر مەن ئۆلۈپ كەتسەم يۇيۇپ-تاراپ، شەخسەن ئۆزلىرى جامائەت بىلەن بىللە مېيىت نامىزىمنى ئوقۇپ، تۇپراققا بېرىپ، ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا ئۇزۇتۇپ قويغايلا، ئاللاھ سىلىدىن رازى بولسۇن. ئامىن!
– بولىدۇ، مەزىن ئاخۇنۇم!، كۆڭۈللىرىنى يېرىم قىلمىسىلا، ئاللاھ شىپالىق بېرىپ ساقىيىپ كەتكەيلا، ئىنشائاللاھ! ئابدۇللا قارىمنىڭ ئىشىغا كەلسەك، مەن كۈيئوغلۇم مەمەت قارىنى بۇ ئىشقا قوياي، ئۇنىڭ بىرئاز قۇلىقى ئۇزۇن، يېزا مەركىزىدە تونۇشلىرىمۇ بار. ئۇ بېرىپ بۇ ئىشنىڭ نەدىن-نەگىچە ئىكەنلىكىنى، ئوغۇللىرىنىڭ قەيەرگە سولاقلىق ئىكەنلىكىنى ئۇقۇپ خەۋىرىنى بېرىدۇ. مەن ئۇنىڭغا بۈگۈنلا تاپىلايمەن. ئەندىشە قىلمىسىلا، بىر خەۋىرى چىقىپ قالىدۇ.
-ماقۇل! قارىم، سىلىدىن ئاللاھ رازى بولسۇن! ئوغلۇم ئابدۇللا سىلىدە ئوقۇپ، قۇرئان ساۋاتلىق بولغان ئىدى. سىلىنىڭ ئەخلاقلىرىدىن نەمۇنە ئېلىپ، ئۇمۇ ئەخلاقلىق بالا بولغان ئىدى. ئەمما بۇ ھۆكۈمەت دىنىمىز ۋە ئەخلاق-مىزانىمىزغا ھۆرمەتسىزلىك قىلىپ، دىن ئەھلىلىرىنى، ياخشى ئادەملەرنى خورلىماقتا. ئوغلۇمنىڭ كېيىنكى تەقدىرىنى ئاۋۋال ئاللاھقا، ئاندىن قالسا سىلىگە تاپشۇردۇم قارىم! ئۇنىڭغا ئاتىدارچىلىق قىلىپ قويسىلا!-دەپ، كۆزىگە ياش ئالدى ئەخمەت مەزىن.
خاتىرجەم بولسىلا، مەزىن ئاخۇنۇم! سىلىنىڭ ئوغۇللىرى مېنىڭمۇ ئوغلۇمدۇر. دېمىسىمۇ ئابدۇللا قارىم، بەك ئوبدان ئادەم بولغان ئىدى. ئۇنىڭغا ئاللاھتىن تىنچ-ئامانلىق تىلەپ دۇئا قىلىمەن. ئەمدى مەن ماڭاي مەزىن ئاخۇنۇم. يېزا مەركىزىگە بېرىپ، مەركىزىي جامىنىڭ ئەھۋالى قانداقراق ئۇقۇشۇپ كېلەي، بەلكى: «بىرلا مەسچىت ئوچۇق قالىدۇ» دېگەنگە قارىغاندا يېزا مەركىزىدە جۈمە ئوقۇشقا رۇخسەت قىلىنغان بولۇشى مۇمكىن! كۈيئوغلۇم مەمەت قارىمۇ يېزا مەركىزىدە ناۋايخانا ئېچىۋالغان ئىدى. ئۇنى يوقلىغاچ، بۇ ئىشلارنى بىرەر قۇر كۆزىتىپ كېلەي، ئاللاھقا ئامانەت!
سەمەت قارى ئەخمەت مەزىننىڭ ئۆيىدىن خوشلىشىپ چىقىپ، ئۇدۇل يېزا مەركىزىگە يېتىپ كەلدى. ئۇ ئاۋۋال كۈيئوغلى مەمەت قارىنىڭ دۇكىنىغا كېلىپ، سالام-سائەتتىن كېيىن ئەخمەت مەزىننىڭ ئوغلىنىڭ قەيەرگە سولانغانلىقىنى سۈرۈشتۈرۈپ بېقىش ئىشىنى تاپشۇرۇۋېتىپ، ئاندىن مەركىزى مەسچىت تەرەپكە قاراپ يول بولدى. ئادەتتە جۈمە كۈنلىرى ئۈچ ئۆستەڭ بازىرى خېلى ئاۋاتلىشىپ قالاتتى. ئەمما بۈگۈن نېمىشقىكىن يولدا ئادەملەر شالاڭ، ئاندا-ساندا يولدا كېتىۋاتقانلارنىڭمۇ بېشى يەرگە ساڭگىلاقلىق، روھىي ھالىتى ناھايىتى چۈشكۈن كۆرۈنەتتى. سەمەت قارى بۇ ئىشلارغا ھەيران بولغان ھالدا بىر بېسىپ، ئىككى بېسىپ مەسچىتكە خېلىلا يېقىنلاپ قالغان ئىدى. توساتتىن ئۇنىڭ ئالدىدا بىر ساقچى ماشىنىسى پەيدا بولۇپ ئۇنى توستى.
-نەگە ماڭدىلا بوۋاي؟
– مەسچىتكە، جۈمە نامىزى ئوقۇغىلى ماڭدىم.
-مەسچىتكە ساقاللىق ئادەمنىڭ كىرىشىگە بولمايدۇ. مەسچىتكە كىرىش رۇخسەت قەغەزلىرى بارمۇ؟ سەمەت قارى دەماللىققا نېمە دېيىشنى بىلەلمەي جىم تۇرۇپ قالدى. ئاندىن ئۆزىنى تونۇشتۇرۇپ: مەن ئىلگىرى لەڭگەر كەنتىدە مەسچىت ئىمامى ئىدىم. مۇشۇ ساقىلىم بىلەن ئىمامەتچىلىك قىلاتتىم. ئۇ چاغدا ھېچكىم ماڭا؛ «ساقاللىق ئادەم مەسچىتكە كىرىپ، ئىماملىق قىلسا بولمايدۇ!»-دېمىگەن ئىدى. مەسچىت بولسا، ئاللاھنىڭ ئۆيى-ئۇنىڭغا ھەركىم كىرىشكە ئىجازەتلىك، نېمىشقا ئەمدى ئۇنىڭغا مەخسۇس رۇخسەت ئېلىش كېرەك بولۇپ قالدى؟
-سىلى قايسى دەۋردە ياشاۋاتىلا بوۋاي، بىر نەچچە ئاي بولدى. بۇرۇنقى قائىدە-تۈزۈملەر ۋە شارائىتلار پۈتۈنلەي ئۆزگەردى. ساقاللىق كىشىلەرنىڭ مەسچىتكە كىرىشى چەكلەندى.
-نېمىشقا ئەمدى؟ ئۇلارنىڭ ساقىلى نېمىگە پۇتلىكاشاڭ بولۇپ قاپتۇ؟
ساقاللىقلارنىڭ ھەممىسى تېررورچىلاردۇر. بىز تېررورچىلارنىڭ مەسچىتكە كىرىپ تەبلىغ قىلىشنى، ۋەقە تۇغدۇرۇشىنى خالىمايمىز.
-ھاي-ھاي، بالىلىرىم!-دېدى سەمەت قارى ساقىلىنى بىر سېلىۋېتىپ-ساقالغا تىل تەگكۈزمەڭلار، ساقال قويۇش-پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۇننىتى. مەن بۇ ساقىلىم بىلەن ئىماملىق قىلىشتىن باشقا ھېچقانداق ئىش قىلىپ باقمىدىم. بىر كىمنى ئۇرۇپ–تىللىمىدىم. ھېچكىمنى ئۆلتۈرمىدىم ۋە دۆلەتكە قارشى چىقمىدىم. قانداقسىگە مەن بىر تېررورچى بولغۇدەكمەن؟
-ھەي، بوۋاي، بىز سىلىنى تېررورچى دېمىدۇق، پەقەت ساقاللىق كىشىلەر تېررورلۇق قىلىۋاتىدۇ. ئۇلار دۆلىتىمىزنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزدى. شۇڭلاشقا بىز ساقال قويۇشنى چەكلىدۇق. ماۋۇ يەرگە كەلسىلە، ماشىنىغا چىقسىلا، بىز سېلىنىڭ ساقاللىرىنى ھازىرلا كېسىپ تاشلىمىساق بولمايدۇ.
– ھەي بالىلىرىم، ئىنساب قىلىڭلار! مەن قېرىپ قالغان ئادەم. ساقالسىز بولۇپ قالسام بولمايدۇ.
-بىزنىڭ ئۇنىڭ بىلەن كارىمىز يوق-دېدى ساقچىلار قاتتىق تەلەپپۇزدا-بۇ بىزگە يۇقىرىدىن چۈشۈرۈلگەن بۇيرۇق، بىز بۇيرۇقنى ئىجرا قىلمىساق بولمايدۇ. ئۆزلىرىنى بىلىپ ماشىنىغا چىقسىلا، بولمىسا بىز سىلىنى قانداق ئېلىپ چىقىشنى بىلىمىز.
سەمەت قارى ساقچىلارنىڭ گېپىنى ئىلىك ئالماي يەنىلا جايىدا مىدىر – سىدىر قىلماي جىم تۇرغان ئىدى. ئىككى ساقچى يوپۇرۇلۇپ كېلىپ، سەمەت قارىنىڭ غولىدىن تۇتۇپ، قولىنى ئارقىسىغا قىلىپ باغلاپ، ماشىنىغا ئېلىپ چىقىشتى. ساقچى ماشىنىسىنىڭ ئىچىدە: قايچا، ئەينەك، ئۇستىرا دېگەندەك نەرسىلەر ھازىر بولۇپ، بىردەمدىلا سەمەت قارىنىڭ ساقىلىنى كېسىپ، كوسا قىلىپ قويۇشتى. ئاندىن سەمەت قارىنىڭ كىملىكىنى تەكشۈرۈپ، ئۇنىڭ كېسەل سەۋەبىدىن كېپىللىككە قويۇپ بېرىلگەن ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا نۇرغۇن ئاگاھلاندۇرۇشلارنى قىلىپ، ناۋادا كېپىللىك مەزگىلىدە يەنە ساقال قويسا، جۈمە نامىزى ئوقۇش ئۈچۈن مەسچىتكە كەلسە، ئۇنىڭ قايتا تۇتقۇن قىلىنىدىغانلىقىنى، ئۆز كەنتىدىن سىرتقا چىقىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇش قىلىپ، ئۇنى ئۈچئۆستەڭ يېزا مەركىزىدىن قوغلاندى قىلىشتى.
ئەمدى گەپنى سەمەت قارىنىڭ كۈيئوغلى مەمەت قارىدىن ئاڭلايلى: بۈگۈن مەمەت قارىنىڭ قولى قەتئىي ئىشقا بارمايۋاتاتتى. ئۇ قېيىنئاتىسى سەمەت قارىدىن، ئۆزىنىڭ قۇرداش دوستى ۋە ساۋاقدىشى ئابدۇللا قارىنىڭ تۇتۇلۇپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، كۆڭلى بەكمۇ يېرىم بولدى. شۇنداقلا يەنە بىر تەرەپتىن سەمەت قارىنىڭ يېزا مەركىزىدىكى مەسچىتتە بىرەر پېشكەللىككە يولۇقۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، ناۋايخانىدىكى ئىشلار بىرئاز بوشىغاندىن كېيىن، قالغان ئىشلارنى شاگىرتىغا تاپشۇرۇپ سىرتقا چىقتى. ئۇ قېيىنئاتىسى سەمەت قارىنى ئىزدەپ كېلىپ، مەسچىتنىڭ ئالدىدا
ئۇنى كۆرەلمىدى. ئەمما شۇنداق بىر غەلىتە مەنزىرىنى كۆرۈپ، ئۆز كۆزىگە ئىشىنەلمەيلا قالدى. مەسچىتنىڭ ئۈستىگە، تەرەپ – تەرەپكە قارىتىلغان ئون نەچچە كامېرا ئورنىتىلغان ئىدى. نورمال كىيىنىۋالغان ئىككى كىشى مەسچىتنىڭ ئىشىكىنىڭ ئىككى تەرىپىدە تۇرۇپ، كىرگەن-چىققانلارنى تىزىملاۋاتاتتى. مەمەت قارى، قېيىن ئاتىسى سەمەت قارىنى ئىزدەپ باقماقچى بولۇپ، مەسچىتنىڭ ئىچىگە كىرمەكچى بولۇۋىدى، مەسچىت ئالدىدىكى ئىككى كىشى تەرىپىدىن توسۇۋېلىندى:
-نەدىن كەلدىڭ؟ مەسچىتكە كىرىش ئۈچۈن ئالغان رۇخسەت كىنىشكىسىنى چىقار! بولمىسا مەسچىتكە كىرەلمەيسەن.
-مەن لەڭگەر كەنتىدىن، ئەمما يېزا مەركىزىدە ئولتۇرىمەن. ناۋايخانام بار، قېيىنئاتامنى ئىزدەپ كەلگەن ئىدىم. ئىچىگە كىرىپ قاراپ باقسام بولامدۇ؟
-ياق، بولمايدۇ. قېيىنئاتاڭ كىم ئىدى؟ قەيەردە ئولتۇراتتى؟
– ئىسمى سەمەت قارى، ياشانغان بىر ئادەم، لەڭگەر كەنتىدە ئولتۇرىدۇ.
– ياق، ئۇ ئادەم مەسچىتكە كىرمىدى. باشقا يەردىكىلەرنىڭ بۇ مەسچىتكە كىرىپ، ناماز ئوقۇشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ.
مەمەت قارى قېيىنئاتىسى سەمەت قارىنى تاپالمىغاندىن كېيىن، ئۇدۇل لەڭگەر كەنتىدىكى چوڭ ئۆيگە قاراپ يول ئالدى. ئۇ ھايال ئۆتمەيلا چوڭ ئۆيگە يېتىپ كېلىپ، قېيىنئاتىسىنىڭ ئەھۋالىنى كۆرۈپ ياقىسىنى چىشلەپ، توۋا قىلىشقا باشلىدى: يېشى يەتمىشكە يېقىنلىشىپ قالغان، ياشانغان بىر كىشىنىڭ ساقىلى قىرقىۋېتىلىپ، كوسا قىلىپ قويۇلغان ئىدى. ئۇنىڭ روھى بەكمۇ چۈشكۈن كۆرۈنەتتى. كۆزلىرى ياشاڭغىراپ، قىزىرىپ كەتكەن ئىدى.
مەمەت قارى شۇ نەرسىنى ئېنىق بىلدىكى، ئاللاھ ۋە پەيغەمبىرىمىزنىڭ پەرز-سۈننەتلىرىگە ئېتىقاد باغلىغان سەمەت قارىنىڭ ساقىلىنىڭ قىرقىۋېتىلىشى، ئۇنىڭغا ئېغىر زەربە ئېلىپ كەلگەن ئىدى. مومىيى سارىخان ئۇنىڭ ئالدىغا ئۆزى ئېتىپ تەييارلىغان، ئىسسىق ئاش ۋە چاي كەلتۈرگەن بولسىمۇ، تاماققا ئىشتىھايى تارتمىغاندەك ئېغىز تەگمەي ئولتۇراتتى.
-ئاتا، كۆڭۈللىرىنى يېرىم قىلمىسىلا!-دېدى مەمەت قارى ئۇنىڭغا تەسەللى بەرمەكچى بولۇپ-ھازىر ئىشلار بەكمۇ غەلىتە بولۇپ كېتىپ بارىدۇ. مىللىي قەدىرىيەتلىرىمىز دەپسەندە قىلىنىۋاتىدۇ. ئۆرپ-ئادەتلىرىمىز پايخان قىلىنىۋاتىدۇ. بىز مۇسۇلمان بەندىلەر بەكلا ئاجىز ئىكەنمىز، ئۇنىڭغا ھېچقانداق قارشىلىق بىلدۈرەلمەيۋاتىمىز. ئاللاھ ئىشلىرىمىزنى ئاسان قىلغۇچىدۇر. سىلىنى ئىزدەپ، مەركىزىي مەسچىتنىڭ ئالدىغا بارغانىدىم. سىلىنى تاپالمىدىم، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاتايىتەن ئۆيگە كېلىشىم.
ھە-ئە، ئوغلۇم ئۇلار مېنى مەسچىتكە كىرگۈزمىدى ۋە مەھەللەڭگە كەت!-دەپ قوغلاندى قىلىشتى. ئىزدەپ كەلگەنلىرىگە رەھمەت. ئەخمەت مەززىنىڭ ئوغلى ئابدۇللا قارىنىڭ قايسى تۈرمىگە سولانغانلىقىنى ئۇقۇشۇپ باقتىلىمۇ؟
– ياق، ئاتا! مەن سىلىدىن ئەنسىرەپ، ئاتايىتەن ئۇدۇللا بۇ يەرگە كېلىشىم، ئەمدى بېرىپ ئۇقۇشۇپ باقساممۇ كېچىكمەيمىز. ئۇنداق بولسا، مەن ماڭاي-دەپ، مەمەت قارى چوڭلار بىلەن خوشلىشىپ ئارقىسىغا ياندى.
مەمەت قارى يېزا مەركىزىگە كېلىپ، «سىياسىي قانۇن كومىتېتى»دا ئىشلەيدىغان ھېلىقى تونۇشىنى ئىزدەپ تېپىپ، ئۇنىڭدىن ئابدۇللا قارىنىڭ ئەھۋالنى سوراپ باقماقچى بولۇپ، يېزىلىق ھۆكۈمەت بىناسى ئىچىگە قەدەم بېسىشىغا، ئۇنىڭ ئالدىغا ئىككى ساقچى كېلىپ:
-سەن كىم؟ نەدىن كەلدىڭ؟ بۇ يەردە نېمە ئىشىڭ بار؟ ئەرز-شىكايەت قىلامتىڭ–دەپ، ئۇنى توختىتىپ قويۇشتى.
-ياق، مەن ئەرز-شىكايەت قىلمايمەن. « سىياسىي قانۇن كومىتېتى»دا ئىشلەيدىغان بىرىنى ئىزدەپ كەلگەن ئىدىم.
ئۇنداق بولسا ساقلاپ تۇر! بىز ئىچىگە كىرىپ، ئۇ كىشىدىن سوراپ باقايلى، ئىسمىنى بىزگە دەپ بەرگىن! ئۇنىڭدىن كېيىن بىز ساڭا ئۇقتۇرۇش قىلىمىز -دەپ، بىر ساقچى بىنا ئىچىگە كىرىپ كەتتى.
-ئۇ ساقچى بىردەمدىن كېيىن قايتىپ چىقتى–دە،: ئۇ سېنى ساقلاپ تۇرسۇن، ئىشتىن چۈشكەندە كۆرۈشىمەن دەيدۇ–دەپ، مەمەت قارىنى سىرتقا چىقىرىۋېتىشتى.
مەمەت قارى سىرتتا بىر سائەتتەك ساقلاپ تۇرغاندىن كېيىن، سىياسىي قانۇن كومىتېتىدىكى ئۇ كادىر سىرتقا چىقىپ، ئۇنى يېنىغا چاقىردى: بىرەر ئىشلىرى بارمىدى قارىم؟
-ھە-ئە، بىرسىنى سۈرۈشتۈرىدىغان ئىش بار ئىدى. تاماق يېگەچ پاراڭلاشساقمۇ بولامدۇ-دەپ، ئۇ كادىرنى يەنە بۇرۇنقى سامسىخانىغا تەكلىپ قىلىۋىدى، ئۇمۇ قورسىقىنى بىر سىلاپ قويۇپ، ماقۇللۇق بىلدۈردى. بۇيرۇتۇلغان سامسىلارمۇ يېيىلىپ بولدى. مەمەت قارى ئۆز مۇددىئاسى بويىچە، ئۇنىڭدىن ئابدۇللا قارىنىڭ ئەھۋالىنى سورىدى.
ھە-ئە، ئابدۇللا قارىمۇ؟ ئۇنى بىلىمەن. ھېلىقى لەڭگەر كەنتىدىكى نەزىردە قىرائەت قىلغان ياش قارىمنى دەيلا-ھەقاچان؟
– ھە-ئە، شۇ! ئىسمى ئابدۇللا قارىم.
-ئۇنىڭ ئىشى بەك چاتاق، ئۇ قارىم ئاز بولغاندا نەچچە ئون يىللىق كېسىلىپ كېتىشى ياكى «كەسپى قايتا تەربىيەلەش مەركىزى » گە ئەۋەتىلىشى مۇمكىن!
– شۇنداقمۇ؟ ئۇ« كەسپى قايتا تەربىيەلەش مەركىزى» دېگەنلىرى قانداق جاي؟
-ھە، تېخى ئاڭلىمىدىلىمۇ قارىم؟ سىلىنى خېلى ئۇزۇن قۇلاق دېسەم، ۋەزىيەتتىن خەۋەرسىز قالغانلىرىدىن قارىمامدىغان؟-دەپ، چۈشەندۈرۈشكە كىرىشتى چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ:
– ھازىر ۋەزىيەت پۈتۈنلەر ئۆزگەردى. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونغا يېڭى سېكرېتار كەلدى. ئۇنىڭ ئىسمى: چېن چۈئەن گو بولۇپ، تىبەتتە ئۇزۇن يىل سىناقتىن ئۆتكەن، قالتىس نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن پارتىيە سېكرېتارىمىش ! ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، ئۇ پارتىيە مەركىزىي كومىتېت تەرىپىدىن: «رايونىمىزدىكى سىياسىي قالايمىقانچىلىق، دىنىي ئەسەبىيلىك ۋە تېررورلۇقنى يوقۇتۇپ، يېڭى ئىجتىمائىي تەرتىپ ئورنىتىش ئارقىلىق چېگرا رايوننىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش سىياسىتى »نى بەرپا قىلىش ئۈچۈن مەخسۇس ئەۋەتىلگەن ئىمىش! شۇنىڭدىن كېيىن ھازىر رايونىمىزدا يېڭى سىياسىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. بۇ سىياسەتنىڭ تۈپ نۇقتىسى بولسا:كەڭ كۆلەمدە« كەسپىي قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرى »نى قۇرۇپ چىقىپ، زور مىقياستا ئىدىيە ئۆزگەرتىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، يېڭى ئىدىيە، يېڭى مۇھىت بەرپا قىلىش ئىكەن. ھازىر بۇنداق مەركەزلەر رايونىمىزدا ھەمدە شەھەر يېزا ۋە قىشلاقلىرىدا قۇرۇلۇۋاتىدۇ. كۇچا شەھىرىدە بىر نەچچە يەردە «كەسپىي قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرى»قۇرۇلدى. بىزگە قوشنا بولغان توقسۇ ناھىيەسىنىڭ«1. ماي سۇ ئامبىرى» دېگەن تاغ باغرىغا جايلاشقان يېرىگە بەك چوڭ بىرسى قۇرۇلۇپتۇ. بىزنىڭ ئۈچ ئۆستەڭ يېزىسىدىمۇ بىرسى قۇرۇلۇپ، ئاللىقاچان ئىش باشلاپ بولدى.
-ئۇنىڭ ئورنى نەدە ئىكەن؟ بىزنىڭ كەنتتىن كىم-كىملەر تۇتۇلغاندۇ؟ ئابدۇللا قارىنىڭمۇ شۇ يەرگە سولانغان بولۇش ئېھتىمالى بارمۇ؟-دەپ سورىدى مەمەت قارى قېيىنئاتىسىنىڭ تاپشۇرغان ئىشىنى بىجاندىل ئورۇندىماقچى بولۇپ،
– ھازىر تۇتقۇن قىلىنغانلار بەك كۆپ-دەپ، چوڭ بىر ئىشلارنى قىلىۋاتقاندەك مەغرۇرلارچە گىدىيىپ قويۇپ، سۆزىنى داۋام قىلدى سىياسىي قانۇن كادىرى-شۇڭا ئابدۇللا قارىنىڭ قامالغان يېرى ئېسىمدە قالماپتۇ، مەن ئەتە تىزىملىككە قاراپ چىقىپ، سىلىگە خەۋەر قىلاي، سىلى ئۆزلىرى كېلىپ ئاۋارە بولمىسىلىمۇ بولىدۇ. يېقىندىن بۇيان ئايالىمنىڭ ساغلىقى يېرىدە بولمىغاچقا، ئۆزى نان ياقالمايۋاتىدۇ. ماڭا ئەتە يىگىرمە تال نان يېقىپ قويسىلا، مەن ئۇنى ئالغىلى بارغاچ، سىلىگە ئابدۇللا قارىنىڭ خەۋىرىنى بېرەي!
– شۇنداق قىلايلى! ئۇنداق بولسا، مەن سىلىنى ئەتە ساقلايمەن-دەپ مەمەت قارى ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىپ، بۇ خەۋەرنى قېيىن ئاتىسىغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئۆيگە قايتىپ كەلدى.
مەمەت قارى چوڭ ئۆيگە قايتىپ كېلىپ، قېيىنئانىسى تەييارلاپ قويغان ئۈگرە ئاشنى ئىچىپ بولۇپ، ھاردۇقى چىققاندىن كېيىنمۇ نېمە دېيىشنى بىلەلمەي ئولتۇرۇپ كەتتى. ئۆزىنىڭ كوسا قىلىپ قويۇلغانلىقىدىن خىجىل بولغان سەمەت قارىمۇ ئېشىنى ئىچىپلا، مەمەت قارىدىن جاۋابمۇ كۈتمەستىن ياتاق ئۆيىگە كىرىپ كەتتى. ئۇنىڭ كەيپىياتى بەكمۇ ناچار ئىدى. ھېلىلا مەكتەپتىن قايتىپ كەلگەن ماھىرە، بوۋىسىغا سالام بەرمەكچى بولۇپ، ئۇيغۇرچە سالام بېرىشنىڭ ئورنىغا: «نىخاۋ (ياخشىمۇ سىز؟)» دەپ، خىتايچە گەپ قىلىپ، ئۇنى تېخىمۇ جىلە قىلىپ قويغان ئىدى. مەمەت قارى ئارزۇگۈل بىلەن بالىلىرىنىڭ كەلگۈسى تەقدىرى، ھازىرقى جىددىي ۋەزىيەت ئۈستىدە پاراڭلىشىپ، خېلى ئۇزاققىچە كۆزىگە ئۇيقۇ بارمىدى. كاج پەلەك، ھەركىمنىڭ ئۇيقۇسىنى قاچۇرۇپ. قايغۇسىنى ئاشۇرماقتا ئىدى.
مەمەت قارى بۈگۈن سەھەردە قالايمىقان چۈش كۆرۈپ، بالدۇرلا ئويغىنىپ كەتكەن ئىدى. ئۇ چۈشىنى تازا ياخشى ئەسلىيەلمىدى. بېشىنى ئەسلىسە ئاخىرى، ئاخىرىنى ئەسلىسە بېشى ئېسىگە كەلمەيۋاتاتتى. ئۇنىڭ ۋەھىمىلىك بىر چۈش كۆرگەنلىكى ئېنىق ئىدى: «نېمە بولسا، بولسۇن!- دېدى ئۇ ئۆز–ئۆزىگە، چۈشنى ئەسلەپ بىر باشقا چىقالمىغاندىن كېيىن-باشقىلارغا نېمە بولسا، ماڭىمۇ شۇ! ھازىر كەلگۈلۈك، ھەممىلا ئادەمگە ئوخشاش كېلىۋاتىدۇ. ئۇنداقكەن مەنمۇ ئارتۇقچە غەم قىلىپ كەتمەي»-دەپ ئويلىدى-دە، ئەتىگەنلىك ناشتىلىقىنى قىلىپ بولۇپ، ماھىرەنى مەكتەپكە ماڭغۇزۇۋەتكەندىن كېيىن، يېزا مەركىزىگە يېتىپ كەلدى. مەمەت قارى دۇكاننى ئېچىپ، تونۇرغا ئوت يېقىپ، بىرەر قۇر تازىلاشقا باشلىغاندىن كېيىن، شاگىرت بالىمۇ يېتىپ كەلدى. ئۇستا-شاگىرت ئىككىسى قول-قول تۇتۇشۇپ، دۇكاننىڭ ھەممە يېرىنى تازىلاپ چىقتى. ئاڭغىچە يېقىلغان ئوتۇن يالقۇنجاپ، قىپقىزىل چوققا ئايلانغان، تونۇرنىڭ شورلۇق يۈزى ئاقىرىپ، تەييار بولغان ئىدى. مانا چاشكا ۋاقتى بولۇش بىلەنلا ئىش باشلىنىپ كەتتى. بىرىنچى خېرىدار كىردى. شۇنىڭ بىلەن مەمەت قارى پەرتۇقنى تارتىپ، تونۇر بېشىغا ئۆتتى. ئۇ بىرىنچى خېرىدارنىڭ نېنىنى يېقىپ بولۇشىغا، ئارقا-ئارقىدىن خېرىدارلار كىرىپ، دۇكان بىردەمنىڭ ئىچىدىلا قايناپ كەتتى. مەمەت قارى ئاياللارنىڭ پارىڭىغا دىققەت قىلىۋىدى، ئۇلارنىڭ پارىڭى قانداقتۇر ئاخشام كېچىدە بولغان بىر تۇتقۇن قىلىش ئۈستىدە بولۇۋاتاتتى. ھېپىزىخان بۇۋىم ئاتلىق بىر ئايال دەسلەپ ئېغىز ئېچىپ: بىزنىڭ ئۆيگە ساقچى باستۇرۇپ كىرىپ، ئېرىمنى تۇتۇپ كەتتى دېسە، رومال ئارتىۋالغان يەنە بىر ئايال ئېغىز ئېچىپ: بىزنىڭ ئۆيگىمۇ باستۇرۇپ كىرىپ، ئوغلۇمنى تۇتۇپ كەتتى دەۋاتاتتى. ياشانغان يەنە بىرى بولسا: ئۆيۈمنى ئاختۇرۇپ، پۈتۈن قۇرئان-ھەدىس كىتابلىرى ۋە جاينامازلارنى يىغىپ ئېلىپ چىقىپ كەتتى دېسە، ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ئىلگىرى ئوقۇتقۇچى بولغان بىر ئايال ئېغىز ئېچىپ: بىزنىڭ ئۆيدىكى بارلىق ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە تارىخقا ئائىت كىتابلارنى يىغىپ ئېلىپ چىقىپ كەتتى دەۋاتاتتى.
-ھەي بۇ نېمىنىڭ ئالامىتى؟-دەپ، چۆچۈگەندەك قىلىپ سورىدى باياتىن بېرى گەپ تىڭشاپ، سۈكۈت قىلىپ تۇرغان يەنە بىر ئايال ئېغىز ئېچىپ:
– توۋا قىلدىم خۇدايىم، نېمە ئىش بولۇپ كېتىپ بارىدۇ؟ كېچىدە ئادەمنى ئارامىدا قويماي، ئاخشام بىزنىڭ ئۆيگىمۇ بېسىپ كىرىپ، قاتتىق قورقۇتۇۋەتتى خۇددى قاراقچىلاردەك، ئۇ ئىشلارنى كېچىسى قىلماي، كۈندۈزى قانۇن – تەرتىپ بويىچە ئېلىپ بارسىمۇ بولاتتىغۇ؟
– سىلىنىڭ ئۆيدىن بىرەرسىنى تۇتقۇن قىلمىدىمۇ؟-سورىدى ئۇنىڭ يېنىدىكى ئورۇقراق كەلگەن يەنە بىر ئايال.
-ياق، بالىلار ئۆيدە يوق ئىدى. ئۇچۇرما بولۇپ چىقىپ كەتكەن. بىزنىڭ ئادەم تىلسىز تۇرسا، ئۇنى تۇتۇپ، ئىشارەت بىلەن سوراق قىلاتتىمۇ؟
-ھە-ئە، مۇنداق دېسىلە؟-دېدى قۇلاق موللىسى دەپ تونۇلغان باشقا بىر ئايال سۆز ئېچىپ-دېمىسىمۇ، بۇ زاماندا تىلسىز بولۇپ قېلىشمۇ پايدىلىق بولۇپ قالدى. ئاڭلىشىمچە، ئەمدى كىشىلەرنىڭ ئىلگىرى قىلغان گەپ – سۆزلىرىمۇ گۇناھكار بولۇپ قېلىشقا سەۋەبچى بولۇپ قالىدىكەن. ھەممە ئادەمنىڭ ئىدىيە-قاراشلىرى تەكشۈرۈلۈپ، «ئىدىيەسى چاتاق »دەپ قارالغانلار، ھازىر يېڭىدىن قۇرۇلغان: «كەسپى قايتا تەربىيەلەش مەركىزى »گە ئېلىپ كېتىلىدىكەن.
قۇلىقىنى دىڭ تۇتۇپ، ئاياللارنىڭ مۇنازىرىسىنى ئاڭلاۋاتقان مەمەت قارىنىڭ يۈرىكى غۇژژىدە قىلىپ، ئاققاندەك بولۇپ كەتتى. ئەخمەت مەزىنىنىڭ ئوغلى ئابدۇللا قارى بەلكى شۇ يەرگە ئېلىپ كېتىپ كېتىلگەن بولۇشى مۇمكىن ئىدى. شۇنداق بولغاندا، ئەخمەت مەززىنىڭ ئوغلىنى بىر كۆرۈۋېلىش ياكى ئۇنىڭ قايتىپ كېلىش ئېھتىماللىقى يوققا چىققان بولاتتى. بەلكى ئۇنداق بولماس، يەنىلا مەن ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېنىق ئۇقۇپ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئەخمەت مەزىنگە خەۋەر بېرەي-دەپ ئويلاپ، سىياسىي قانۇن كومىتېتى كادىرىنىڭ ئېلىپ كەلگەن خەۋىرىنى كۈتمەكچى بولدى.
چۈشتىن كېيىن بولغان ۋاقىت ئىدى. خېرىدارلارنىڭ نانلىرىمۇ يېقىلىپ بولدى. مەمەت قارى كادىرنى ساقلىغاچ، بىر خېرىدارى قالدۇرۇپ قويۇپ كەتكەن گۆش ناننى ئوشتۇپ، شاگىرتى بىلەن يەپ ئولتۇراتتى. سىرتتىن بىرسىنىڭ ئۇنى چاقىرغان ئاۋازى ئاڭلاندى: مەمەت قارى سىرتقا چىقسىلا، سىلىگە جىددىي خەۋەر ئېلىپ كەلدىم.
-ھە، مانا! مەن چىقتىم-دەپ، مەمەت قارى سىرتقا چىقىۋىدى، ئۇ كادىر مەمەت قارىنى چەترەك بىر جايغا كېلىشكە شەرەت قىلدى. ئۇنىڭ چىرايى ناھايىتى جىددىي ۋە روھسىز ئىدى. ئۇ مەمەت قارىغا يېقىن كېلىپ پەس ئاۋازدا مۇنداق دېدى: مەمەت قارى ھېچكىمگە دېمىسىلە!ئابدۇللا قارى يېڭىدىن قۇرۇلغان: «كەسپىي قايتا تەربىيەلەش مەركىزى» دېگەن يەرگە سولىنىپتۇ. ئۇنىڭ ئىشى چاتاق، ئەڭ ئاز ئىككى يىلغىچە ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشكە مۇمكىن بولمايدىكەن.
-نېمىشقا ئەمدى؟-دېدى مەمەت قارى ئۇنىڭ چىرايىغا قاراپ بىر ئىشنى چۈشەنمىگەندەك بولۇپ، ئىلگىرى تۈرمىگە سولانغانلار بىلەنمۇ بېرىپ يوقلىغىلى، كۆرۈشكىلى بولاتتىغۇ؟
-ھەي، مەمەت قارى! سىلى ھازىرقى ۋەزىيەتنى چۈشەنمەيلا، بۇ يېڭىدىن قۇرۇلغان «كەسپىي قايتا تەربىيەلەش مەركىزى »دېگەن يەر-پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىۋاسىتە يوليورۇقى بىلەن قۇرۇلغان ئالاھىدە بىر ئورۇندۇر. ئۇنىڭ قائىدە تۈزۈم ۋە ئىجرائاتلىرى ناھايىتى چىڭ بولۇپ، ھېچكىم ئۇنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشالمايدۇ. بولۇپمۇ بىز يەرلىكلەر: بۇ يەرگە كىم قامالدى؟ نېمە سەۋەبتىن قامالدى؟ قانداق تەربىيەلىنىدۇ ؟ دېگەندەك ئىشلارنى سۈرۈشتۈرۈشكە، ئۇ يەرگە بېرىپ، بىرەرسى بىلەن كۆرۈشۈشكە رۇخسەت قىلىنمايدىكەنمىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھازىر بارلىق «دىنىي ئەسەبىي ئۇنسۇرلار» ئالدىدىن تۇتۇپ تەربىيەلەش ئوبيېكتى قىلىنىدىكەن. ئىلگىرى جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەرمۇ يەنە قايتىدىن تۇتۇلۇپ، قايتا تەربىيەلەش ئېلىپ بېرىلىدىكەن. شۇڭا قېيىنئاتىلىرىغىمۇ دەپ قويسىلا، دىنىي ئىبادەتكە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنىڭ ھېچ بىرسىنى قىلمىسۇن. مەسچىتلەرگە كەلمىسۇن ياكى باشقىلارنىڭ ئۆلۈم-يېتىم ئىشلىرىغا ئارىلاشمىسۇن. بولمىسا يەنە قايتىدىن تۇتقۇن قىلىنىشى مۇمكىن! بۇنىڭدىن كېيىن مېنى ئىزدەپ كەلمىسىلە، بىزنىڭ ۋەزىپىمىز بەك ئېغىرلىشىپ كەتتى. 24 سائەت دىجورنىلىقتا تۇرۇشنى باشلايدىكەنمىز. ۋەزىيەت بەك جىددىي، ئۆزلىرىگىمۇ دىققەت قىلسىلا!
مەمەت قارى بۇ شۇم خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ كۆڭلى بىر قىسىملا بولۇپ قالدى. ئۇ دەرھال دۇكانغا قايتىپ كىرىپ، شاگىرتىغا: دۇكاننى تازىلاپ، سۈپۈرۈپ تاقىۋېتىشنى بۇيرۇپ، ئۇدۇل چوڭ ئۆيگە قايتىپ كەلدى. ئۇ ئۆيگە كىرىپ سالامدىن كېيىن، قېيىنئانىسى سارىخان تەييارلاپ قويغان داستىخاندا چاي ئىچكەچ ئولتۇرۇپ، قېيىنئاتىسى سەمەت قارىغا شۇم خەۋەرنى يەتكۈزدى. بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان سەمەت قارى نېمە دېيىشنى بىلەلمەي، بېشىنى چايقىغىنىچە، خەۋەرگە ئىشەنمىگەندەك خېلى ئۇزاق تېڭىرقاپ ئولتۇرۇپ كەتتى-دە، ئاخىرى بىر قارارغا كېلىپ:
-يۈرىسىلەر ئوغلۇم! مەيلى قانداقلا بولسۇن، بۇ خەۋەرنى ئەخمەت مەزىنگە يەتكۈزۈپ، ئۇنى خاتىرجەم قىلايلى! ئۇنىڭ بىر نەچچە كۈنلۈكتە ۋاقتى قالغاندەك قىلىدۇ، ئۇ دۇنياغا بولسىمۇ خاتىرجەم كەتسۇن.
– بولىدۇ، ماقۇل ئاتا!–دەپ، مەمەت قارى قېيىنئاتىسىغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ بىلەن يېقىن قوشنىسى ئەخمەت مەززىنىڭ ئۆيىگە چىقتى:
– ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! تىنچ ئامان تۇرۇشۇپلا؟
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام! تىنچ-ئامان كېلىشلە-مەزىن ئاخۇن سىلىنىڭ يوللىرىغا قاراپ، كۆزى تۆت بولۇپ كەتكەن ئىدى دەپ، ئۇنىڭ مومىيى مېھمانلارنى قارشى ئالدى.
مەزىن ئاخۇن نەچچە كۈن ئىلگىرىكىدەكلا يوتقان-كۆرپىگە يۆگىنىپ، خۇددى سەكراتقا چۈشۈپ قالغان ئادەمدەك، مىدىر-سىدىر قىلماي ياتاتتى. ئۇ سەمەت قارىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، كۆزىنى پاللىدە ئېچىپ، سالىمىنى قايتۇردى. سەمەت قارى ئارتۇق تۈزۈت قىلىپ ئولتۇرماي ئۇدۇللا گەپنى باشلىدى: مەزىن ئاخۇنۇم، ئابدۇللا قارنىڭ خەۋىرىنى ئالدۇق. ئوغۇللىرى كۇچا شەھىرىدە ھۆكۈمەت تەرىپىدىن قۇرۇلغان: «كەسپىي قايتا تەربىيەلەش مەركىزى»دېگەن مەكتەپكە قايتا تەربىيەلىنىش ئۈچۈن ئوقۇشقا ئەۋەتىلىپ، مۇقىم ئوقۇۋېتىپتۇ.
– ئۇنداق بولسا، نېمىشقا كەچتە ئۆيگە كەلمەيدۇ؟ ھەپتە ئاخىرىدىمۇ كەلمىدىغۇ؟
ئەخمەت مەزىننىڭ تۇيۇقسىز سورىغان سوئالىغا، سەمەت قارى نېمە دەپ جاۋاب بېرىشنى بىلەلمەي شۇ، شۇ-دەپ، كېكەچلەپ تۇرۇپ قېلىۋىدى، مەمەت قارى گەپكە ئارىلىشىپ:
-بەلكى، تەربىيەلىنىش ۋاقتى تۈگىگەندە بىراقلا قايتىپ كېلىشى مۇمكىن! مەزىن ئاخۇنۇم، ئۇنىڭغىچە مەن بىر بېرىپ، يوقلاپ كېلەي دەپ ئويلاۋاتىمەن. سىلەر خاتىرجەم بولسىلا! بىز ئابدۇللا قارىنىڭ ئىشىنى سۈرۈشتۈرۈپ تورىمىز. ئوقۇشى تۈگىسىلا، ئۇ چوقۇم قايتىپ كېلىدۇ-دەپ قوشۇمچە قىلىۋىدى. ئەمما ئەخمەت مەزىن يەنىلا بېشىنى چايقاپ قايىل بولمىدى. ئۇ يەنە پەس ئاۋازدا: ئوغلۇم، ھېچقانداق مەكتەپكە: كېچىسى كېلىپ تۇتقۇن قىلىپ، مەجبۇرىي ئېلىپ بارمايدىغاندۇ؟ بۇ بىر ياخشىلىقنىڭ ئالامىتى ئەمەس! خەير! ئوغلۇمنى ئاللاھقا تاپشۇردۇم. ئاندىن قالسا سىلىگە، خوش-خەۋەرلىرىنى كۈتىمەن.
شۇنىڭدىن كېيىن، ئەخمەت مەزىننىڭ كۆزى ئېچىلمىدى. ئۇنىڭ ھالى بەكمۇ تۆۋەن ئىدى. سەمەت قارى بىلەن مەمەت قارى بىردەم تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن، ئەخمەت مەزىننىڭ ئايالىغا قارىدى. موماي ئۇلارغا: ھەرقايسىلىرىنىڭ بىزگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىڭلىگە رەھمەت! ئاللاھ سىلەردىن رازى بولسۇن. ئەمدى مەن سىلەرنى ئۇزىتىپ قوياي، بىر ئىش بولسا، ئارىلىق يىراق بولمىغاندىكىن، سىلەرگە خەۋەر قىلىمەن دەپ، ئۇلارنى ئۇزىتىپ قويۇشتى.
ئەتىگەندىلا سەمەت قارى دەرۋازىنىڭ ئەنسىز ھالدا ئۇرۇلۇشى بىلەن ئويغىنىپ، دەرۋازىنى ئېچىپ قارىۋىدى، ئىشىكنى ئۇرغان ئەخمەت مەزىننىڭ ئايالى بولۇپ، ئۇ بېشىغا ئاق رومال ئارتىۋالغان، كۆزى ياشقا تولغان ئىدى: قارىم، مەزىن ئاخۇنۇم ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا سەپەر قىلدى. ئەمدى ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى سىلىنىڭ ئۆزلىرى باش بولۇپ بىر تەرەپ قىلىپ بېرىشلىرىنى سورايمەن-دېدى تۆۋەن ئاۋازدا ئۆتۈنۈش بىلەن.
-بولىدۇ! پەزىلىخان سىلەر چىقىپ تۇرسىلا، مەن ھازىرلا جامائەتكە خەۋەر قىلىۋېتىپ، سارىخاننى ئېلىپ چىقىمەن.
سەمەت قارى قوشنا-قولۇم بولۇپ، پۈتۈن كەنتتىكى يۈزگە يېقىن ئائىلىگە خەۋەر قىلىپ چىقتى. ئاندىن مومىيى سارىخاننى ئېلىپ، ئەخمەت مەزىننىڭ ئۆيىگە يېتىپ كەلدى.
بۈگۈن جۈمە كۈنى بولغانلىقى ئۈچۈن، «جىنازا چۈشۈرۈلىدۇ» دەپ ئويلاپ، يەتمىشكە يېقىن ئادەم يىغىلغانىدى. سەمەت قارى خەۋەر قىلغان ئائىلىلەرنىڭ ئىچىدە كەنت سېكرېتارى ۋە مۇدىرىمۇ بار ئىدى. كەنت سېكرېتارى قولىدا بىر تال ھۆججەتنى كۆتۈرۈۋالغان بولۇپ، ئۇنىڭ يېنىدا قوراللىق ئىككى نەپەر ۋەزىپىدىكى كەنت ساقچىسىمۇ تۇراتتى. سەمەت قارى: «بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم!»دەپ، قىرائەت قىلماقچى بولۇۋىدى، سېكرېتار سەپنىڭ ئالدىغا چىقىپ، ۋاقىرىغان ھالدا گەپ باشلاپ، ئۇنىڭ قىرائىتىنى ئۈزۈپ قويدى: جامائەت ئاڭلىمىدىم دېمەڭلار! ھازىر دەپنە ئىشلىرى توغرۇلۇق يېزىلىق ھۆكۈمەتتىن چۈشۈرۈلگەن مەخسۇس ھۆججەت بار، جىنازا نامىزى ئۈچۈن ئالاھىدە قائىدە-تۈزۈم بېكىتىلگەن. ئۇنى مەن ھازىر ئېلان قىلىمەن: بۇنىڭدىن كېيىن، مېيىت ئۇزىتىش ئىشلىرى شۇ بويىچە بولىدۇ. بۇ ھۆججەتتە شۇنداق دېيىلگەنكى: «توپلىشىپ چوڭ كۆلەملىك جىنازا نامىزى ئوقۇشقا بولمايدۇ. جىنازا نامىزىغا كەلگەنلەرنىڭ سانى ئوتتۇزدىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ. مېيىت ئۇزىتىش جەريانىدا خەتمە-قۇرئان قىلىشقا، تەبلىغ قىلىشقا، ھازا ئېچىپ يىغلاشقا، مېيىتنى زەرەتگارلىققا ئېلىپ بېرىشتا، تاۋۇتنى يولدا كۆتۈرۈپ مېڭىشقا بولمايدۇ. بارلىق جەريانلار كەنت ساقچىسىنىڭ نازارىتى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ».
كەنت سېكرېتارنىڭ سۆزىدىن كېيىن، جامائەت ئىچىدە غول-غۇلا كۆتۈرۈلدى. كىمنىڭ نېمە دېگەنلىكىنى ئۇققىلى بولمايۋاتاتتى. غول-غۇلا بارغانسېرى كۈچىيىپ بېرىۋاتاتتى. بەلكى بىر قارشىلىق كېلىپ چىقىشىمۇ مۇمكىندەك قىلاتتى. شۇ ئەسنادا سېكرېتار يەنە ۋارقىراپ: جامائەت پىكرىڭلار بولسا ئاراڭلاردىن بىر كىشى چىقىپ سۆزلىسۇن، ھەممە كىشىنىڭ قالايمىقان گەپ قىلىشىغا، ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىگە قارشى چىقىشىغا بولمايدۇ. قارشىلىق قىلغانلارغا ئېغىر جازا بېرىلىدۇ-دەپ ۋارقىرىدى. شۇنىڭدىن كېيىن غۇلغۇلا بىرئاز بېسىقتى. ھەممە ئادەم سەمەت قارىغا: قارىم نېمە دەركىن؟ دېگەندەك قىلىپ قارىشىۋاتاتتى. ھەممە ئادەمنىڭ ئۆزىگە سوئال نەزىرىدە قاراۋاتقانلىقىنى سەزگەن سەمەت قارى ئالدىغا چىقىپ، جامائەتكە ۋاكالىتەن، كەنت سېكرېتارىغا پىكىر بايان قىلدى: ھۆرمەتلىك سېكرېتار، ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتى بولسا، خەلقنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق ئۆرپ -ئادەت، قائىدە-يوسۇنلىرى بار! نېمىشقا ھۆكۈمەت بۇنى نەزەرگە ئالمايدۇ؟ جامائەتنىڭ بۇ يەرگە يىغىلىشتىكى مەقسىتى-پەقەت كەنتىمىزنىڭ ئۇزۇن يىللىق مەزىنى ئەخمەت مەزىننىڭ جىنازا نامىزىنى چۈشۈرۈش ۋە ئۇنى ئاخىرەتلىككە ئۇزىتىش، ئۇنىڭدىن باشقا مەقسىتى يوقتۇر. ئۇنداقكەن! نېمىشقا ئادەم سانىغا چەكلىمە قويۇسىلەر؟ بىزنىڭ دىنىمىزدا: «مېيىت نامىزىغا ئادەم قانچە كۆپ يىغلىسا، شۇنچە ساۋاب بولىدۇ. مېيىتنىڭ روھى خۇشاللىققا ئېرىشىپ، گۇناھى يېنىكلەيدۇ» دەپ يېزىلغان. شۇڭا ئادەم سانىغا چەكلىمە قويغىنىڭلار توغرا بولمايدۇ.
جامائەت ئىچىدە يەنە غول-غۇلا كۆتۈرۈشكە باشلىدى: قارىمنىڭ دېگەنلىرى توغرا، بەرھەقتۇر! بىز بۈگۈن بۇ يەرگە يىغىلغانلار سانىمىزنىڭ قانچىلىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھېچكىم كەتمەيمىز. مەنمۇ كەتمەيمەن! مەنمۇ كەتمەيمەن! دېگەن سادالار ياڭراشقا باشلىدى.
سېكرېتار مۇتتەھەملەرچە يەنە ۋارقىرىدى : 30دىن ئارتۇق ئادەم قاتنىشىشقا بولمايدۇ! ساندىن ئارتۇق ئادەملەر ھويلىدىن چىقىپ كېتىڭلار!
-ياق، كەتمەيمىز! مەن كەتمەيمەن، مەنمۇ كەتمەيمەن!
شۇ ئارىدا كەنت مۇدىرىمۇ ئوتتۇرىغا چىقىپ، خۇددى شاتۇتىغا ئوخشاش سېكرېتارنىڭ گېپىنى ئەينەن تەكرارلىدى. جامائەت بولسا، يەنە ئوخشاش قارشىلىقنى بېرىپ، ھېچكىمنىڭ بۈگۈنكى جىنازا نامىزىدىن قۇرۇق قېلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. كەسكىن قارشىلىق ھالىتى شەكىللەنگەن ئىدى. شۇ ئەسنادا سېكرېتار يېنىدا تۇرغان ئىككى قوراللىق ساقچىغا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، 30دىن ئارتۇق ئادەمنى سىرتقا چىقىرىپ، ھەيدىۋېتىشكە بۇيرۇق قىلدى. ئەمما ئادەملەر بىر-بىرىگە يېقىن تۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ تۇرۇۋالغاچقا، ئىككى ساقچىنىڭ ھېچكىمنى سىرتقا چىقىرىشقا كۈچى يەتمىدى.
سېكرېتار يەنە سۆز ئېلىپ، سەمەت قارىغا قارىتىپ: قارىم، سىلى گەپ قىلسىلا! بولمىسا، بۇ ئىشنىڭ مەسئۇلىيىتى سىلىگە ئارتىلىدۇ-دېۋىدى، سەمەت قارى بىردەممۇ ئويلىنىپ تۇرماستىن: سېكرېتار، مەن بۇ ئىشتا جامائەت تەرەپتە، جامائەتنىڭ رايىغا باقىمەن. سىلىمۇ شۇنداق قىلسىلا، جامائەتنى ھۆرمەت قىلسىلا! ئۆزلىرىنى سېكرېتار قىلىپ سايلىغانمۇ شۇلار، ئەمدى بولغاندا ئۇلارغا زوراۋانلىق قىلسىلا بولمايدۇ-دېدى مەردانىلىق بىلەن.
سېكرېتارنىڭ بېشىدىن چىلىق-چىلىق تەر تۆكۈلۈپ كەتتى. ئۇ ئەمدى ھېچكىمگە گېپىنى ئۆتكۈزەلمەيدىغانلىقىنى بىلىپ، يان تېلېفونىنى چىقىرىپ، تېلېفون قىلىشقا باشلىدى. ئۇ نامەلۇم بىر يەرگە خەلق ئۈستىدىن شىكايەت قىلىۋاتاتتى. بىر ئاش پىشىم ۋاقتى ئۆتۈلمەيلا، نۇرغۇن قوراللىق ساقچىلار كېلىپ، ئەخمەت مەزىننىڭ ھويلىسىنى قورشىۋالدى.
-مانا بۇ، توپىلاڭچىلارنىڭ باشلىقى دەپ، سەمەت قارىغا قول ئىشارىسى قىلدى سېكرېتار كەلگەن ساقچىلارغا، شۇنىڭ بىلەن يېڭى كەلگەن ساقچىلار يوپۇرۇلۇپ كېلىپ، سەمەت قارىمنى تۇتۇپ، قولىنى ئارقىغا قايرىپ باغلاپ، بېشىغا قارا خالتا كەيدۈرۈپ، ئېلىپ مېڭىشتى.
جامائەتنىڭ تېخىمۇ غەزىپى تېخىمۇ تاشماقتا ئىدى. بىر نەچچە كىشى ئېتىلىپ كېلىپ، ساقچىلارنىڭ ئالدىغا مېڭىۋىدى. كەلگەن ساقچىلارنىڭ باشلىقى ئاسمانغا قارىتىپ بىر پاي ئوق چىقىرىپ، ئۇلارنىڭ ئىلگىرىلىشىنى توسۇپ قويدى. قانلىق بىر قىرغىنچىلىق كېلىپ چىقىدىغاندەك قىلاتتى. مەمەت قارىنىڭمۇ مۇشتۇمى تۈگۈلگەن ئىدى. ناۋادا قولىدا قورال بولۇپ قالغان تەقدىردە، ئۇ ساقچى باشلىقىغا قارىتىپ ئېتىپ، ئۇنىڭ مېڭىسىنىڭ قېتىقىنى چىقىرىۋېتىدىغاندەك قىلاتتى. ئەمدى بۇ ئىشقا، ياشانغان مومايلار ئارىلاشتى. ئەخمەت مەزىننىڭ ئايالى جامائەت ئالدىغا كېلىپ: ئەل-جامائەت، قولۇم-قوشنىلار بىز سىلەردىن رازى، ئاللاھمۇ سىلەردىن رازى بولسۇن! مەن ئۆتۈنۈپ قالاي، ئەمدى سېكرېتارنىڭ دېگىنى بويىچە ئىش قىلايلى! رەھمەتلىك مەزىن ئاخۇنۇمنىڭ مېيىتىنى ئۇزىتىشقا 30 ئادەم بولسىمۇ يېتىدۇ. بىزدە: «نىيەتمۇ – ئەمەلدۇر» دەيدىغان گەپ بار! سىلەرنىڭ قىلغان نىيىتىڭلار بۇ جىنازا نامىزى ئۈچۈن مۇكەللەف بولىدۇ-دەپ، كۆز يېشى بىلەن خەلققە يېلىنىپ رەھمىتىنى بىلدۈردى.
شۇنىڭدىن كېيىن، جامائەت ئىچىدە غۇلغۇلا بېسىقتى. بىر قىسىم كىشىلەر قولىنى كۆتۈرۈپ قىسقا دۇئا قىلغاندىن كېيىن، سىرتقا مېڭىشتى. ئەمما، سەمەت قارى قويۇپ بېرىلمىگەچكە، مەمەت قارى ساقچىلارنىڭ ئالدىغا كېلىپ: مانا، ھەرقايسىلىرىڭلارنىڭ دېگىنى بويىچە جامائەتمۇ تارقىلىۋاتىدۇ. ئەمدى ئاتامنى قويۇپ بېرىشسىلە بولارمىكىن؟-دېدى ئۆزىنى ئاران تۇتۇۋېلىپ:
-سەن كىم؟ بۇ ئىشقا ئارىلاشما! قۇتراتقۇلۇق قىلغان بۇ قېرى ئەبلەخنى قويۇپ بەرمەيمىز!-دەپ ئۆكتەملىك بىلەن ۋارقىرىدى ساقچى باشلىقى-يوقال بۇ يەردىن! بولمىسا، سەنمۇ تۇتقۇن قىلىنىسەن.
سەمەت قارى ئەھۋالنىڭ جىددىلىكىنى بىلىپ، مەمەت قارىغا نەسىھەت قىلىپ مۇنداق دېدى: ئوغلۇم! سىلەر قايتىپ كەتسىلە، مەن بۇ ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن ئۆزۈم چىقىمەن. مەزىن ئاخۇننىڭ مېيىتىنى تۇپراققا بېرىپ بولغاندىن كېيىن، مەن ئۈچۈن بىر دۇئا قىلىپ قويسىلا، بالىلارغا ياخشى قارىسىلا، مەندىن ئەندىشە قىلمىسىلا، مەن ئۈچۈن دۇئا قىلىپ قويسىلا! ئاللاھ ساقلىسا، مەن يەنە ساق-سالامەت قايتىپ كېلىمەن.
مانا، سەمەت قارى يەنە تۇتقۇن قىلىندى. مەمەت قارى ھەرقانچە قىلىپمۇ، ئۇنى ساقچىلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇپ چىقالمىدى. شۇ تاپتا بۇ يەردە شۇنداق بىر ھەقىقەت ساداسى ياڭرىماقتا ئىدى: «كىم ئاللاھنىڭ يولىنى تۇتۇپ ماڭىدىكەن-ئۇ چوقۇم، بۇنىڭ ئۈچۈن قۇربانلىق بېرىشى، ئاللاھنىڭ پەرمانى بويىچە ئىش قىلىشى، ئاللاھ-تائالانىڭ قۇرئان كەرىمدە كۆرسەتكەن ئەمىر-پەرمانلىرىدىن، ئۇنىڭ پەيغەمبىرى ماڭغان يولىدىن تايماسلىقى، ئازغىنە دۇنيا مەئىشەتى ئۈچۈن، بىر نەچچە كۈنلۈك ھاياتى ئۈچۈن ئىمانى ۋە ۋىجدانىنى ساتماسلىقى كېرەكتۇر! مانا بۇ ھەقىقىي بىر مۆمىننىڭ خىسلىتىدۇر. شۇنداق كىشىلەرلا ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ مېھىر-شەپقىتىگە، جەننىتىگە نائىل بولغۇچىدۇر».
9 – باب
بۇ يىل يېڭى يىل ئاللىقاچان باشلىنىپ، قەھرىتان سوغۇق مەزگىلى ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما نېمىشقىكىن؟ قىش ئۇزىراپ، جۇت – شىۋىرغانلار بارغانسېرى ئەۋج ئېلىپ كېتىپ باراتتى. سەمەت قارى تۇتۇلۇپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ مومىيى سارىخانمۇ ئاغرىقچان بولۇپ قالدى. ئارزۇگۈلنىڭ غېمىنىڭ ئۈستىگە-غەم قوشۇلغان ئىدى. ئاتىسى سەمەت قارىنىڭ تۇتۇلۇپ كېتىشى، ياشىنىپ قالغان ئانىسىغا قاراش، قىزلىرى ماھىرە ۋە مۇنەۋۋەرنىڭ قوش تىللىق ئوقۇش ئىشلىرىدىكى قىيىنچىلىقلىرىنى قانداق ھەل قىلىش، ئوغلى شىرئېلىنىڭ ئاياق چىقىپ ماڭغاندىن كېيىنكى غەلۋىلىرى، تۈگىمەس ئۆي ئىشلىرى قاتارلىق ئاۋارىچىلىكلەر يەتمىگەندەك، بۈگۈن ئەتىگەندىلا «ئاھالىلەر كومىتېتى»دىن ئىككى كىشى كېلىپ، بۇ ئائىلىنىڭ نوپۇس دەپتىرىنى تەكشۈرگەندىن كېيىن، ئارزۇگۈلنىڭ قولىغا بىر پارچە ھۆججەتنى بېرىپ، ئۇنى ئوقۇپ چىقىشنى، ھەر دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەندە قوڭغۇراق چېلىنغان ھامان يېزا مەركىزىدىكى چوڭ مەيدانغا يىغىلىپ: «بايراق چىقىرىش مۇراسىمى»غا قاتنىشىش كېرەكلىكىنى ئۇقتۇرۇپ چىقىپ كەتكەنلىكى ئۇنى ئىنتايىن بىئارام قىلغان ئىدى.
«نېمە بولۇپ كەتتى بۇ جاھان دەپ ئويلىدى ئارزۇگۈل: مەسچىتلەر تاقالسا، جۈمە نامىزى ئوقۇش چەكلەنسە، نەزىر-چىراغ ئۆتكۈزۈشمۇ رۇخسەت بىلەن بولۇۋاتسا، ئۇنىڭغا قاتنىشىدىغان ئادەم سانى چەكلىنىۋاتسا، قۇرئان– كىتاب، تەسۋىي-جاينامازلار يىغىۋېلىنىۋاتسا، ئاياللارغا ھىجاب ئارتىش، ياغلىق چىگىش چەكلىنىۋاتسا، ئەمدى يەنە نېمە چەكلەنگەندۇ؟» دېگەننى خىيال قىلغاچ ھۆججەتنى قولىغا ئېلىپ، كۆز يۈگۈرتۈشكە باشلىدى. بۇ ھۆججەتتە تۆۋەندىكى قۇرلار ناھايىتى ئېنىق يېزىلغان ئىدى: «بارلىق پۇقرالار ئۆز مەسئۇلىيىتىنى تونۇپ، پارتىيە-ھۆكۈمەتكە بولغان سادىقلىقىنى كۆرسىتىشى، ئىلگىرى ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرى، سادىر قىلغان مەسىلىلىرىنى ئاكتىپلىق بىلەن پاش قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئىلگىرى مەسىلە سادىر قىلمىغانلىقىنى، ھازىرمۇ ھېچقانداق مەسىلىسىنىڭ يوقلۇقىنى ئىسپاتلىشى كېرەك!»
ئارزۇگۈل ھۆججەتنى ئوقۇپ، شۇ يەرگە كەلگەندە ئۇھ!-دەپ، بىر تىنىۋېتىپ، يەنە تۆۋەندىكى قۇرغا نەزەر سېلىۋىدى. ئۇنىڭ كۆزىگە مۇنداق قۇرلار چېلىقتى : «ھەركىم ئاگاھ بولغايكى، تۆۋەندىكىدەك مەسىلىلەر پۇقرالارنىڭ ئۆزلۈكىدىن پاش قىلىدىغان مەسىلىلەردۇر: يەر ئاستى مەخپىي قۇرئان كۇرسىغا بارغانلار، ئۆيدە قۇرئان-ھەدىس كىتابلىرىنى ئوقۇغان ياكى ساقلىغانلار، رامىزاندا روزا تۇتقانلار، تەشكىلسىز ھەجگە بارغانلار، يوشۇرۇن تەبلىغ ئاڭلىغانلار، چەتئەل رادىيوسىنى تىڭشىغانلار، تام ئاتلاپ چەتئەلنىڭ ئىنتېرنېت تورىغا كىرگەنلەر، ھەر قانداق بىر يوشۇرۇن ۋە بۆلگۈنچى تەشكىلاتلارغا قاتناشقانلار، پارتىيە-ھۆكۈمەت بىلەن ئىدىيەسى بىردەك بولمىغانلار، ئىككى يۈزلىمىچىلىك قىلىۋاتقانلار، ئىلگىرى جىنايەت ئۆتكۈزۈپ جازالانغانلار، دۆلەتنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە قارشى چىقىپ، ئارتۇق پەرزەنت كۆرگەنلەر، باشقىلارنىڭ مەسىلىسىنى كۆرۈپ تۇرۇپ پاش قىلمىغانلار ياكى يوشۇرغانلار، ئىلگىرى ھاراق ئىچىپ، ھازىر تۇيۇقسىز ئىچمەيدىغان بولۇپ قالغانلار، تاماكا چېكىشنى تاشلىغانلار….» ئارزۇگۈل ھۆججەت ئوقۇپ شۇ يەرگە كەلگەن چاغدا بېشى قېيىپ، كۆزى قاراڭغۇلىشىپ، داۋامىنى ئوقۇشقا جۈرئەت قىلالمىدى.
ئەتىگەن ناشتىلىقتا ئارزۇگۈل ئۆيدە نان ئازلاپ قالغانلىقىنى كۆرگەن ئىدى. بەلكى ناننى ئەتە ياقتۇرسىمۇ بولاتتى. ئەمما، بۈگۈن ئارزۇگۈلنىڭ نېمىشقىكىن؟ ئۆيدە تاماق ئېتىشكە رايى بارمىدى. ئۇ بۈگۈنلا نان ياقتۇرۇۋېتەيچۇ دەپ ئويلاپ، يېرىم خالتا ئۇندا خېمىر يۇغۇرۇپ، خېمىر بولۇشقا ئاز قالغاندا ناۋايخانىغا كەلدى.
مەمەت قارى تونۇر بېشىدا ئىدى. ئۇ ئېرىگە سالىمىنى بېرىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئىشارىتى بىلەن خېمىرنى كۆتۈرۈپ ئارقا تەرەپكە ئۆتتى. بەش-ئالتە ئايال ئۆزئارا پاراڭلاشقاچ، خېمىرلىرىنى زۇۋۇلا قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ پارىڭى تۈنۈگۈن-بۈگۈنلەردىن تارقىلىۋاتقان : «پۇقرالارنىڭ مەسىلە پاش قىلىشى» ھەققىدىكى ھۆججەت ئۈستىدە بولۇۋاتاتتى.
– بۈگۈن تارقىتىلغان يېڭى ھۆججەت، بەكلا قاملاشمىغان بىر ھۆججەتكەن – دەپ ئېغىز ئاچتى ئوتتۇرا ئوتتۇرا بوي، دىقماقراق كەلگەن بىر ئايال- ئۆزۈڭنىڭ مەسىلەڭنى-ئۆزۈڭ پاش قىل دېگەنمۇ گەپمۇ؟ نەدە ئۇنداق ئەخمەق ئادەم بار، ئۆزىنى-ئۆزى پاش قىلىدىغان! ئۆزىنى پاش قىلدى دېگەن گەپ – ئۆزىنى-ئۆزى تۇتۇپ بەرگەنلىك بىلەن ئوخشاش ئەمەسمۇ؟
– ۋاي شۇنى دېسىلە!-ئۆزۈمنىڭ مەسىلەمنى پاش قىلدىم دەپ، ئۇلارنىڭ ئالدىغا بارسىچۇ؟ ھە-ئە، ئوبدان بولۇپتۇ! دەپلا كومپيۇتېرغا خاتىرىلىۋالىدۇ-دە، نەچچە كۈندىن كېيىن: «بۇياققا كېلىڭ! مانا سىز مۇنداق جىنايەت ئۆتكۈزۈپسىز»دەپ، زىندانغا ئەكىرىپ كېتىپ، مەجبۇرى ئىقرار قىلدۇرۇپ، نەچچە ئون يىللىق جازا كېسىۋېتىشتىن يانمايدۇ بۇلار، ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئەخمەق ئىشنى قىلماسلىق كېرەك! دېدى ياشانغانراق، ئارقىسىغا قىلىپ ياغلىق چىگىۋالغان يەنە بىر ئايال،
-توغرا دېدىلە ئايخان ئاچا دېدى-ئورۇقراق، ئاقپىشماق كەلگەن يەنە بىر ئايال – ئۆتۈپ كەتكەن، باشقىلار بىلمىگەن ئىشلارنى ھەرگىزمۇ دېمەسلىك كېرەك! ئۇنىڭسىزمۇ ئۇلار بىزنىڭ بارلىق ئارخىپىمىزنى تۇرغۇزۇپ، كىم گۇمانلىق، كىم گۇمانلىق ئەمەس، كىمنىڭ دىنىي ئېتىقادى كۈچلۈك، كىمنىڭ ئەمەس، كىمنىڭ ئىدىيە-كۆز قارىشى قانداق؟ كىم نېمە دېگەن، نېمە يېگەن؟ دېگەندەك مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈۋېتىپتۇمىش ! ئۇزاق قالماي ئۇلار ھەركىمدىن بىرەر ئەيىب تېپىپ، «مانا بۇ يەرگە كېلىڭ! سىز جىنايەتچى ئىكەنسىز »دەپ، سولاپ قويۇشتىن باشلايدىغاندەك قىلىدۇ. بۇنداق قۇرۇق تۆھمەتكە قېلىشتىن خۇدايىم ساقلىسۇن!
يەنە دىققەت قىلىشلىمۇ؟-دېدى ھازىرغىچە گەپلەرگە ئارىلاشمىغان، ۋىجىككىنە كەلگەن يەنە بىر ئايال: ئۆزۈڭنىڭ مەسىلىسىنى پاش قىلمىساڭ -باشقىلارنىڭ مەسىلىسىنى پاش قىل! دەپتۇ. باشقىلارنىڭ مەسىلىسىنى پاش قىل دېگەن گەپ-چېقىمچىلىق قىل دېگەن گەپ. چېقىمچىلىق قىلىش – بىزنىڭ دىنىمىزدا ئېغىر گۇناھ ئىشتۇر! شۇڭا، ھەرگىزمۇ باشقىلارنى چېقىپ قويماسلىقىمىز كېرەك! ئۇۋالىغا ئۆزىمىز قالىمىز.
ئەمدى ھازىرغىچە ھېچ گەپكە ئارىلاشمىغان، بۇ يەردىكىلەرنىڭ ئىچىدە ھەممىدىن ياشراق كۆرۈنىدىغان ئەڭ ئاخىرقى بىر ئايال قالغان ئىدى. خۇددى ھەممە ئادەم بىر نەرسە دېمىسە، «ھېچنېمە بىلمەيدىكەن»دەپ قالمىسۇن دەپ ئويلىدىمۇ قانداق؟ ئۇ ئايالمۇ ئېغىز ئاچتى: ھەممىلىرى توغرا دېيىشىۋاتىلا، بىز چوڭلار ئاسانلىقچە بىر-بىرىمىزنى چېقىپ قويمايمىز ھەم چېقىپ قويماسلىقىمىز كېرەك! ئەمما ئاڭلاشتىلىمىكىن؟ ھازىر مەكتەپلەردە، بولۇپمۇ«پەرىشتىلەر باغچىسى»دا ئوقۇۋاتقان سەبىي بالىلارغىمۇ: ئاتا- ئاناڭلار ئۆيدە نېمە ئىش قىلىدۇ، ناماز ئوقۇمدۇ–ئوقۇمامدۇ؟ قۇرئان ئوقۇمدۇ –كىتابمۇ؟ روزا تۇتامدۇ-تۇتمامدۇ؟ دېگەندەك مەسىلىلەرنى پاش قىلىڭلار دەۋېتىپتۇمىش ! مانا ئىشنىڭ يامان يېرى-بۇ يەردە. كىچىك بالىلار قاچانمۇ يالغان گەپ قىلىپ باققان دەيسىلەر؟ مەن بۇنىڭدىن بەكمۇ ئەندىشە قىلىۋاتىمەن. مېنىڭمۇ كىچىك قىزىممۇ« پەرىشتىلەر باغچىسى»دا ئىدى، ھەپتە ئاخىرىدا ئۆيگە كېلىپ قالسا، ئۇنىڭغا: «ھېچنېمىنى بىلمەيمەن دەڭ!»دەپ، تەربىيە قىلايمىكىن دەپ ئويلاۋاتىمەن، توۋا قىلدىم، توۋا!
ئەڭ ئاخىرقى ئايالنىڭ گېپىنى ئاڭلىغان ئارزۇگۈلنىڭ يۈرىكى قارتتىدە قىلىپ قالدى. ئۇ ئىچىدە: «ئاپلا، مېنىڭ قىزلىرىمغىمۇ شۇنداق بېسىم بولغانمىدۇ؟ بوۋاڭلارنىڭ ياكى ئاتاڭلارنىڭ ئۆيدە قۇرئان ئوقۇغانلىقىنى پاش قىلىپ قويغانسىلەرمۇ؟ خۇدايىم ھەرگىزمۇ ئۇنداق قىلمىغانسىلەر!»-دەپ ئويلاپ، ئىچىدە قىسقا بىر دۇئا ئوقۇۋالدى.
ئەمدى گەپ قىلمىغان ئارزۇگۈلدىن باشقا ئايال قالمىغان ئىدى. ئۇمۇ ئۆزىدىن خۇدۈكسىرەپ، «باشقىلار مېنى گەپ قىلمايدىكەن. چېقىمچىلىق قىلىپ قويارمۇ؟-دەپ، گۇمانلىنىپ قالمىسۇن!» دېگەنلەرنى ئويلاپ، ئېغىز ئېچىشقا مەجبۇر بولدى: ھەممىلىرىنىڭ گەپلىرى توغرا-دېدى ئارزۇگۈل پەس ئاۋازدا-بۇ: «مەسىلە پاش قىلىش» دېگەن ئىش مېنىڭمۇ كاللامدىنمۇ ئۆتمەيدۇ. تېخى ئۆزۈڭدە بولمىسا، باشقىلارنىڭ مەسىلىسىنى پاش قىل دېگىنى – تېخىمۇ قاملاشمىغان ئىشتۇر. باشقىلارغا دۈشمەنلىك قىلىشتۇر. مەن ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئىشنى قىلمايمەن!
مەمەت قارى تونۇر بېشىدا ئولتۇرۇپ، ئاياللارنىڭ گېپىگە قۇلاق سېلىپ ئاڭلاۋاتاتتى. ئۇ ئارزۇگۈلنىڭمۇ بۇ مۇنازىرىگە ئارىلاشقانلىقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن: ئاپلا! دېگىنىچە تۇرۇپلا قالدى. ئۇنىڭچە بولغاندا، ئارزۇگۈل ئاياللارنىڭ بۇ مۇنازىرىسىگە ئارىلاشماسلىقى، ئۆزىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قويماسلىقى كېرەك ئىدى. چۈنكى، ئەتە-ئۆگۈن بۇ يەردە بۇلۇنغان گەپ-سۆزلەر چېقىمچىلار ئارقىلىق ئاھالىلەر كومىتېتى ياكى ساقچىلارنىڭ قۇلىقىغا يېتىپ بېرىشى مۇمكىن ئىدى. ناۋادا شۇنداق بولۇپ قالغان تەقدىردە، بۇ دۇكاننىڭ ئىگىسى بولغان مەمەت قارىنىڭ ئايالى ئارزۇگۈل، بولۇنغان گەپ-سۆزلەرنىڭ ئىگىسى بولۇپ قېلىشى ۋە بالاغا قېلىشى مۇمكىن ئىدى. شۇنداقتىمۇ مەمەت قارى بۇ ئىشنى ئارزۇگۈلنىڭ يۈزىگە سېلىپ ئۇنى خىجىل قىلىشنى ياكى ئۇنىڭ دەردىگە-دەرد قوشۇشنى خالىمىدى. ئۇ ئارزۇگۈل ۋە بالىلىرىنى بەكمۇ ياخشى كۆرەتتى.
خېرىدارلارنىڭ نانلىرى يېقىپ يېقىپ بولۇنغاندىن كېيىن، ئۇلار ئۇزاپ كېتىشتى. مەمەت قارى دۇكاننى تاقاش ئىشلىرى شاگىرتىغا تاپشۇرۇپ، ئارزۇگۈل بىلەن بىللە ئۆيگە قايتىپ كەلدى.
– مەمەت قارى ئاياللارنىڭ گەپ-سۆزلىرىدىن نېمىلەرنى ھېس قىلدىڭىز؟-سورىدى ئارزۇگۈل ئۆزىنىڭ ئەندىشىلىرىنى بىلدۈرۈپ، ئىشلار چاتاق بولىدىغاندەك تۇرىدۇ. مانا بۇ ھۆججەتنى ئۆزىڭىز كۆرۈپ بېقىڭ!-دەپ، ھۆججەتنى مەمەت قارىغا ئۇزاتتى. مەمەت قارى ھۆججەتنى باشتىن-ئاخىرغىچە تەپسىلىي ئوقۇپ چىقتى-دە، قوشۇمىسىنى تۇرۇپ: «ئەمدى بۇ ھۆكۈمەت، ئۆزۈڭنىڭ پۇت-قولىنى – ئۆزۈڭ باغلاپ، بىزنىڭ ئالدىمىزغا كەل!» دەپتۇ. بۇ نېمە دېگەن رەزىللىك، نېمە دېگەن ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەنلىك؟ بىز بۇ قاپقانغا ھەرگىزمۇ چۈشۈپ كەتمەسلىكىمىز كېرەك!
– توغرا دېدىڭىز، بىز چوڭلار بۇ ئىشقا ئالدىراپ-سالدىراپ، بىر نېمە دەپ، ئۆزىمىزنىڭ چاۋىسىنى – ئۆزىمىز چىتقا يايمايمىز، ئەمما چاتاق يېرى شۇكى، ئۇلار كىچىك، نارەسىدە بالىلارنىمۇ بۇ ئىشقا ئارىلاشتۇرۇۋېتۇمىش، ناۋادا بىزنىڭ قىزلىرىمىزدىن بىرەرسى-بىزنىڭ ئۆيدە قۇرئان ۋە ناماز ئوقۇغانلىقىمىزنى ياكى روزا تۇتقانلىقىمىزنى كىچىكلىك قىلىپ، دەپ قويۇپ سالسا، ئىشلار چاتاق بولارمىكىن؟
-ئۇنداقمۇ بولماس، ناۋادا شۇنداق بولۇپ قالسا، ئىشىمىزنىڭ چاتاق بولغىنى شۇ! قىزلار كەلگەندە، بىز ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتە نېمە دېگەن-دېمىگەنلىكىنى سۈرۈشتۈرۈپ باقايلى! ئۇنىڭدىن كېيىن، ئۇلارغا: بىزنىڭ ئەھۋالىمىزدىن ۋە ئۆيدىكى بولۇنغان ئىشلاردىن ھېچقانداق بىر ئىشنى باشقىلارغا دېمەسلىكنى ئۆگىتەيلى!
-بولىدۇ، ماقۇل!-دېدى ئارزۇگۈل مەمەت قارىنىڭ گېپىگە قوشۇلۇپ، يەنە ناۋايخانىدا قانداق گەپلەر بولۇۋاتىدۇ، قۇلاق سېلىپ قويارسىز! ناۋادا ھېلىقى سىياسىي قانۇن كادىرى ئۇچراپ قالسا، ئاتامنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتە قىلىپ باقارسىز؟ ھەر كۈنى چۈشۈمگە كىرىپ قېلىۋاتىدۇ. بىر يوقلاپ بېرىشنىڭ ئىمكانىيىتىنى قىلىپ باقساق بولاتتى. قېرىغان ئادەم ئۇ يەردە تاماقتا قىينىلىپ كېتىپ بارغاندۇ ھە-قاچان؟
– شۇنداق، ئەلۋەتتە قىينىلىدۇ. ئۇلارغا ئۆيدىكىگە ئوخشاش تاماقلار نەدە تۇرسۇن دەيسىز؟ قۇرۇق كۆكتات شورپىسى ياكى بىرەر تالدىن ھورنان بېرەرمىش! بۇ ئىشلار بىزنىڭ بېشىمىزغىمۇ كېلىپ قالمىسا بولاتتى؟-دېدى مەمەت قارى ئارزۇگۈلنىڭ ئەندىشىلىرىگە قوشۇلۇپ،
– ئىنشائاللاھ ئۇنداقمۇ بولماس، خۇدا بىزنى ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن!
مانا كەچ كىرىپ، ماھىرە مەكتەپتىن قايتىپ كەلدى. ئۇنىڭ روھى بەكمۇ چۈشكىن ئىدى.
– نېمە بولدى قىزىم؟ بىرەر يامان ئىش بولمىغاندۇ؟
ياق، ئاپا! ماڭا بولمىدى. ئەمما ساۋاقدىشىم زۇبەيدە دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېتىلدى. ئۇنىڭ بېشىدىن قان جىق چىقىپ كېتىپتۇ.
– نېمىشقا قىزىم؟ سورىدى ئارزۇگۈل بۇ ئىشتىن ئەجەبلىنىپ،
– زۇبەيدە ماتېماتىكا دەرسىنى ياخشى بىلىپ كەتمەيتتى. شۇڭلاشقا تاپشۇرۇقنى تازا توغرا ئىشلىيەلمەپتۇ. تۈنۈگۈن ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىمىز ئۇنى نېمىشقا تاپشۇرۇقنى ياخشى ئىشلىمىدىڭ؟-دەپ، تامغا ئۈستۈرۈۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن بېشىدىن قان چىقىپ كەتتى. بىز بەكمۇ قورقۇپ كەتتۇق. ئۇ مۇئەللىم بەك ئوسال، بىزنى دائىم تىللايدۇ.
– نېمە دەپ تىللايدۇ قىزىم؟
سىلەر بەك دۆت! نېمىشقا دۆلەت تىلىنى ياخشى بىلمەيسىلەر؟ دۆلەت تىلىنى بىلمىگەنلەر بۇ دۆلەتتە ياشىماسلىقى كېرەك!-دەپ تىللايدۇ.
– بېشىڭنى يەيدىغان!-دەپ، ئۇنىڭغا بولغان نەپرىتىنى بىلدۈردى ئارزۇگۈل – ئۆزلىرى نەمۇ-نەدىن كېلىپ، ئەمدى بولغاندا بىزنى: «دۆلەت تىلى بىلمەيدۇ » دەپ كەتكىنىنى قارىمامدىغان؟ بىزنىڭ تىلىمىز دۆلەت تىلىغا ئوخشىمىسا، ئەلۋەتتە ياخشى بىلمەيمىز-دە،
– بولدى قىلىڭ ئارزۇگۈل-دېدى مەمەت قارى بىرەر ئىشتىن ئەنسىرىگەندەك قىلىپ، ئەمدى بالىلىرىمىزغا باشقا چارە يوق، باشقا چىقىش يولىمۇ يوق! بولمىسا، كەلگۈسىدە ئۇلار ھاياتلىق يولى تاپالمايدۇ – دېدى خۇددى كەلگۈسىشۇناسلاردەك قەتئىيلىك بىلەن.
-سىزمۇ بولدى قىلىڭ! مەمەت قارى، بەك ئاشۇرۇۋېتىپ بارىسىز، كەلگۈسىنىڭ نېمە بولۇشىنى بىز بىلمەيمىز، ئاللاھ نېمىنى تەقدىر قىلسا، شۇ بولىدۇ – دېدى ئارزۇگۈل مەمەت قارىنىڭ ئاخىرقى گېپىگە قوشۇلمىغاندەك قىلىپ، ئاندىن گەپنى ئۆزىنىڭ مەقسىتىگە بۇراپ، ماھىرەدىن سورىدى:
-قىزىم، مۇئەللىمىڭلار بىرەر ھۆججەت ئوقۇپ بەردىمۇ، ئۇنىڭدا نېمە دەپتۇ؟ سىلەرگە بىرەر ۋەزىپە تاپشۇرۇلدىمۇ؟
-ياق، ئاپا! بىزگە ھۆججەت ئوقۇپ بەرمىدى. ئەمما، ھەر كۈنى سىنىپ مەسئۇلى بولغان مۇئەللىم بىزگە يېڭى – يېڭى گەپلەرنى ئۆگىتىپ: ئۇنداق قىلىڭلار، مۇنداق قىلماڭلار! بۇنى قىلىڭلار، ئۇنى قىلماڭلار!-دەپ، كاللىمىزنى قوچۇۋېتىپ بارىدۇ.
مەسىلەن: نېمىنى قىلىڭلار، نېمىنى قىلماڭلار دەيدۇ؟
ئۇلارنىڭ دەيدىغىنى شۇلار ئاپا: سىلەر يېڭىچە ئادەم بولۇڭلار! سىلەر جۇڭخۇا مىللىتى. جۇڭخۇا مىللىتى – جۇڭخۇانى سۆيۈشى كېرەك! قالاق، كونا ئۆرۈپ-ئادەتلەرنى تاشلاڭلار! ئاتا-ئاناڭلار قىلغان ئىشنى قىلماڭلار! ئۇلار بىلەن ئۇيغۇرچە گەپلەشمەڭلار، دۆلەت تىلىدا گەپلىشىڭلار! ناۋادا ئۇلار سىلەرنى دۆلەت تىلىدا گەپ قىلىشتىن توسسا ۋە چەكلىسە، بىزگە مەلۇم قىلىڭلار !
– ھەممىسى شۇمۇ قىزىم-سورىدى ئارزۇگۈل بىرئاز خاتىرجەم بولۇپ،
– ھە-ئە ئاپا! ئۇلارنى ھەر كۈنى بىزگە يېرىم سائەتتەك ۋاتىلداپ ئاڭلىتىدۇ.
مەمەت قارى بىلەن ئارزۇگۈل ماھىرەنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، بىرئاز خاتىرجەم بولدى. ئۇلار قىزى ماھىرە بىلەن ئۆيدە ئۇيغۇرچە گەپلەشسىمۇ، ئۇنىڭ خىتاي تىلىدا سورىغان سوئاللىرىغا چۈشەنگىنىچە جاۋاب بېرىپ، چۈشەنمىگەنلىرىنى مەكتەپكە بارغاندا مۇئەللىمدىن سوراڭ دەپ، تاپىلىغان ئىدى. ئەمما ئۇنىڭ سىڭلىسى مۇنەۋۋەر بىلەن دۆلەت تىلىدا گەپلىشىشنى توسۇپ باقمىدى. بۇ، ئۇلارنىڭ خىتاي تىلىنى ياخشى كۆرگەنلىكىدىن ئەمەس، بەلكى قىزلىرىنىڭ دۆلەت تىلىدا گەپلىشىشنى توسۇپ قويغان تەقدىردە، ئۇلارنىڭ-ئۇ تىلغا بولغان سەلبىي مۇئامىلىسىنى شەكىللەندۈرۈپ قويۇپ، مەكتەپتە ياخشى ئوقۇيالماي قالارمىكىن؟-دەپ، ئەندىشە قىلغانلىقىدىن ئىدى.
مانا بۈگۈن جۈمە كۈنى يېتىپ كەلدى. بۇ مەمەت قارىنىڭ كىچىك قىزى مۇنەۋۋەرنى، «پەرىشتىلەر باغچىسى»دىن ئۆيگە ئېلىپ كېلىدىغان كۈنى ئىدى. مەمەت قارى دۇكىنىدىكى خېرىدارلارنى ئۇزۇتۇپ بولۇپ، دۇكاننى يىغىشتۇرۇش ئىشىنى يەنىلا شاگىرتىغا تاپشۇرۇپ، بازاردىن ئازراق گۆش ۋە كۆكتات سېتىۋېلىپ، ئاندىن پەرىشتىلەر باغچىسىغا بېرىپ، مۇنەۋۋەرنى ئېلىپ، ئۆيگە قايتىپ كەلدى. مۇنەۋۋەر ناھايىتى ھارغىن كۆرۈنەتتى. ئۇ ئۆيگە كېلىپلا، مۈگدەپ قالغىلى باشلىدى. ئارزۇگۈل بۇنىڭدىن ئەندىشە قىلىپ:
– قورسىقىڭىز ئاچتىمۇ قىزىم؟-دەپ سورىدى مۇنەۋۋەردىن.
-ھە-ئە، ئاپا! قورسىقىم بەك ئېچىپ كەتتى. تامىقىڭىزنى ئىنتايىن سېغىندىم. سىز بۈگۈن قايسى تاماقنى ئەتتىڭىز؟ ھېلىقى: لا تاۋ زى(لەڭمەن) دېگەن تاماقنى سېغىندىم!
– ھە-ئە، لەڭمەننى دەمسىز قىزىم؟ لەڭمەننى سېغىنىپسىزدە، ئۇنداق بولسا مەن بىردەمدىلا سىزگە باسقان چۆپ قىلىپ، لەڭمەن ئېتىپ بېرەي–دەپ، يۇغۇرۇپ قويغان خېمىرنى ئۇن تاختىدا يېيىشقا باشلىدى. مەمەت قارى بولسا ئوغلى شىرئەلىنى ئويناتقاچ، قىزىغا سەپسېلىپ قارىدى: مۇنەۋۋەر ئىنتايىن ئورۇقلاپ كەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئانىسىنى تارتقان ئاپئاق يۈزى ساغۇچ كۆرۈنۈۋاتاتتى. خۇددى نەچچە كۈن ئۇخلىمىغان ئادەمدەك، كۆزى يۇمۇلۇپلا تۇراتتى. بۇ ئەھۋالدىن مەمەت قارىنىڭ ئىچى سىيرىلىپ كەتتى. ئۇ قۇچىقىدىكى ئوغلى شىرئەلىنى يەرگە ئوينىغىلى قويۇپ بېرىپ، قىزى مۇنەۋۋەرنى قۇچىقىغا ئېلىپ، بېشىنى سىلاپ، ئىلگىرى ئۇ ئۆزى ئۆگىنىۋالغان كوچا خەلق ناخشىسىدىن بىرنى بوش ئاۋازدا ئېيتىپ بېرىۋىدى، مۇنەۋۋەر ئاتىسىنىڭ قۇچىقىدىلا ئۇخلاپ قالدى.
تاماق پىشقان ئىدى. ئارزۇگۈل بىرىنچى قاچا تاماقنى ئۈستەل ئۈستىگە قويۇپ، مەمەت قارىغا قىزى مۇنەۋۋەرنى ئويغىتىشنى شەرەت قىلدى. مەمەت قارى مۇنەۋۋەرنى ئاستاغىنا نوقۇپ: قىزىم، تامىقىڭىز پىشىپتۇ. تامىقىڭىزنى يەۋېلىڭ!-دەپ، سىلىق ئويغاتتى.
مۇنەۋۋەر ئويغاندى. ئۇ ئۈستەلدىكى لەڭمەننى كۆرگەندىن كېيىنلا ئۇنىڭ چىرايىغا كۈلكە ئولاشتى. ئۇ بىر تەخسە لەڭمەننى بىر نەچچە مىنۇت ئىچىدە ئۇزۇن، ئۇزۇن سۈمۈرۈپ يەپ بولدى. ئەمما ئۇ، تاماققا تويمىغاندەك قىلاتتى. كۆزىنىڭ بىر ئۇچى يەنىلا تەخسىدە ئىدى.
– قىزىم! يەنە بىر قاچا يەمسىز؟-دەپ سورىدى ئارزۇگۈل قىزىنىڭ كۆزىنىڭ يەنىلا تەخسىدە ئىكەنلىكىنى سېزىپ، يېگۈڭىز بولسا، ھازىرلا سېلىپ بېرەي.
– ماقۇل، ئاپا! يەنە بىر تەخسە(لا، تاۋ، زى) سېلىپ بېرىڭ!-دېدى ئۇ پەس ئاۋازدا، سەبىي قىز ئۇيغۇرچە تاماقلارنى شۇ قەدەر ياخشى كۆرسىمۇ، ئەمما، ئىسمىنى ئۇنتۇلۇپ قېلىشقا باشلىغان ئىدى. ھەتتا ئۇيغۇرچە باشقا گەپلەرنىمۇ كېكەچلەپ، ئارانلا تېپىپ دەۋاتاتتى. ئارزۇگۈل باسما چۆپ قىلىپ، يەنە بىر تەخسە لەغمەننى مۇنەۋۋەرنىڭ ئالدىغا قويۇۋىدى، ئۇ ئىككىنچى تەخسە لەغمەننىمۇ بىردەمدىلا يەپ بولدى–دە، ئۇنىڭ يۈزىگە قىزىللىق پەيدا بولۇپ، كۆزى خۇمارلىشىشقا، چىرايى ئېچىلىشقا باشلىدى.
مانا! شۇ تاپتا مۇنەۋۋەر بىر غۇبارسىز سەبىي بالىغا، ئاتا-ئانىسىنىڭ مېھرى مۇھەببىتىگە قانغان، بىر ئائىلىنىڭ ئىللىقلىقىنى تېتىغان بەختلىك بىر پەرزەنتكە ئوخشىغان ئىدى. ئۇ ئەمدى كۈلسىمۇ، يىغلىسىمۇ بولاتتى. ئويناپ، غەلۋە قىلسىمۇ بولاتتى. كۆڭلىدە نېمە گەپ بولسا، شۇنى دېسىمۇ، ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭغا ھېچنېمە دېمەيتتى. مانا ئەمدى ئۇنىڭ: «پەرىشتىلەر باغچىسى»دىن يېنىپ، ئۆز ئۆيىگە كەلگەندىن كېيىنكى كۆڭۈل سۇنۇقلۇقىنىڭ سىرى ئاشكارا بولۇشقا باشلىدى – ئۇ ئۆز ئائىلىسىدىن مەجبۇرىي ئايرىۋېتىلىپ، ھېچقانداق مېھرى – مۇھەببەت بولمىغان، بالىلىق ھېسسىياتى تارتىۋېلىنغان، ھەممە نېمە مەجبۇرى شەكىلدە ئېلىپ بېرىلىدىغان بىر قەپەستە ئىدى.
مەمەت قارى ۋە ئارزۇگۈل بالىلىرىغا ئاتا-ئانىلىق مېھرىنى يەتكۈزگەنلىكىدىن ئىنتايىن خۇشال ئىدى. ئەمما ئۇلارنىڭمۇ كۆڭۈللىرى خاتىرجەم ئەمەس ئىدى. بالىلارغا مەكتەپتە بىرەر ئىش بولۇپ قالغانمىدۇ؟ ئاغرىپ قالغانمىدۇ ياكى ئۇرۇپ-خورلانغانمىدۇ؟ دېگەندەك ئەندىشىلەر كاللىسىدىن كەتمەيتتى. ئاخشام ئۇلار قىزى مۇنەۋۋەرنى ياخشى ئارام ئېلىۋالسۇن، ھەر قانداق گەپ بولسا، ئەتە ئەتىگەندە دېيىشەرمىز-دەپ ئويلاپ، ئۇنىڭدىن ھېچقانداق سوئالمۇ سورىمىغان ئىدى.
بۇ مەزلۇملارغىمۇ يېڭى بىر كۈن قۇچىقىنى ئاچتى. ئارزۇگۈل، مەمەت قارى ياققان چوڭ نان ۋە قېتىق-قايماقلار بىلەن ئەتىگەنلىك ناشتىلىق ھازىرلاپ تەييار قىلغانىدى. ئۇلار، ئاتا-ئانا ۋە بالىلار بىرلىكتە ئولتۇرۇپ ئىنتايىن خۇشال ھالدا ناشتىلىق قىلىشتى. مەمەت قارى داستىخانغا دۇئا قىلىشنى ئويلىدى-يۇ، ئەمما ئۇنىڭدىن ۋاز كەچتى. بۇ كۈنلەردە ھەر قانداق بىر دىنىي ئىبادەت قىلىش – ئەسەبىيلىك دەپ قارىلىپ چەكلەنگەن بولۇپ، دۇئا قىلىشمۇ شۇنىڭ جۈملىسىگە كىرەتتى. شۇنداق بولغاچقا، مەمەت قارى دۇئانى ئۆزى ئىچىدىلا قىلدى-دە، ئاخىر كاللىسىدىكى ئەندىشىسى پارتلاپ چىقىپ، قىزى مۇنەۋۋەردىن سوئال سوراشقا مەجبۇر بولدى.
– قىزىم: «پەرىشتىلەر باغچىسى» دا ئوقۇتقۇچىلار، سىزنى ئۇرۇپ-تىللىمىغاندۇ؟
-ياق، ئاتا! بۈگۈن مېنى تىللىمىدى. ئەمما دوستۇمنى تىللىغان ئىدى. ئۇ يىغلاپ كەتتى.
-ئۇنى نېمىشقا تىللىدى قىزىم؟
– مۇئەللىم گەپ قىلغاندا دىققەت قىلماي، مۈگدەپ قىلىپتۇ، ئاندىن مۇئەللىم ئۇنى ئۆرە تۇرغۇزۇپ: ئۆتكەن ھەپتە مەن دېگەن سوئالغا جاۋاب بەر! ئاتا-ئاناڭ، ئۆيدە ئىلگىرى قانداق ئەسەبىي ئىشلارنى قىلغان؟-دەپ سورىغان ئىدى. ئۇ دوستۇم بۇنىڭغا جاۋاب بېرەلمىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، مۇئەللىم ئۇنى تىللاپ كەتتى.
ھە-ئە، شۇنداقمۇ؟ قىزىم-دېدى مەمەت قارى كۆڭلىگە بىر شۈبھە كېلىپ: سىزدىنمۇ، شۇنداق سوئاللاردىن سورىدىمۇ؟
-ھە-ئە، ئاتا! مەندىنمۇ سورىغان ئىدى. مەن، مەن، دەپ، دەرھال جاۋاب بېرىشنىڭ ئورنىغا، پاڭڭىدە قىلىپ يىغلاپ كەتتى مۇنەۋۋەر. شۇ تاپتا ئۇنىڭ كۆڭۈل ئېكرانى: «پەرىشتىلەر باغچىسى»دا، مۇئەللىمنىڭ سورىغان سوئالىغا جاۋاب بەرگەن ۋاقتىغا كەتكەن ئىدى: ئالدىنقى ھەپتىنىڭ چارشەنبە كۈنى ئىدى. چۈشتىن كېيىنلىك ئىككى سائەتلىك مەجبۇرى خىتاي تىلى ئۆگىنىش دەرسى تۈگىگەندىن كېيىن، ئوقۇتقۇچى سىنىپتىكى بارلىق بالىلارنى ئۆرە تۇرغۇزۇپ قويۇپ سوئال سوراشقا باشلايدۇ: ئۆيدىكى ۋاقتىڭلاردا، ئاتا – ئاناڭلارنىڭ نېمە ئىش قىلغانلىقىنى كۆردۈڭلار؟ ناماز ئوقۇغانلىقىنى كۆردۈڭلارمۇ؟ ئۇلار قۇرئان ئوقۇدىمۇ؟ روزا تۇتتىمۇ؟ جۈمە نامىزىغا باردىمۇ؟
ئوقۇتقۇچىنىڭ بۇ سوئالىنى ئەمدىلا تېخى تۆت-بەش ياش ئەتراپىدىكى بالىلارنىڭ ھەممىسى ئاڭقىرىپ كېتەلمىگەن ئىدى. شۇنداقتىمۇ ئوقۇتقۇچى ھەر بىر ئوقۇغۇچىدىن ئايرىم، ئايرىم سوئال سوراپ جاۋاب بېرىشكە مەجبۇرلىغاچقا، بەزى بالىلار ئۆزىنىڭ ئېسىدە قالغانلىرىنى دېيىشكە مەجبۇر بولدى. ھېچقانداق جاۋاب بېرەلمىگەن بالىلار بولسا، ئۇرۇپ-تىللاندى ياكى ئۆرە تۇرغۇزۇپ قويۇلۇپ جازالاندى. بۇنىڭدىن قورقۇپ كەتكەن بالىلارنىڭ بەزىلىرى نېمىنى كۆرگەن بولسا، شۇنى دېيىشكە باشلىدى:
-مېنىڭ ئاتام ناماز ئوقۇغان.
مېنىڭ ئاپام قۇرئان ئوقۇغان.
مېنىڭ ئاكام روزا تۇتقان.
مېنىڭ بوۋام ئەزان توۋلايتتى.
مېنىڭ مومام ھۆكمەت ئېيتاتتى.
ئەمدى نۆۋەت مۇنەۋۋەرگە كەلگەن ئىدى. ئۇ ئوقۇتقۇچى تەرىپىدىن ئىسمى چاقىرىلىپ ئۆرە تۇرغۇزۇلدى. مۇنەۋۋەر قېنى سەن دېگىن، سەن ئۆيۈڭدە نېمىنى كۆرگەن؟
-مەن، مەن دېدى مۇنەۋۋەر دۇدۇقلاپ، ئاتامنىڭ ناماز ئوقۇغانلىقىنى كۆرگەن.
ئاپاڭچۇ؟ ئۇ نېمە ئىش قىلغان؟
ئاپام ئۆيدە چوڭ بىر كىتابنى ئوقۇغان.
بوۋاڭ بارمىدى، بوۋاڭنىڭ نېمە ئىش قىلغانلىقىنى كۆرگەن؟
ھە-ئە، بوۋام بار ئىدى. بوۋام ئەتىگەندە ئەزان توۋلايتتى، ئاندىن كېيىن مەسچىتكە باراتتى.
-ھە!ياخشى! ئاندىنچۇ؟ بوۋاڭ چوڭ ئاخۇن (موللام) ئوخشايدۇ. يەنە نېمە ئىشنى قىلدى؟
-بوۋام بالىلارنى ئوقۇتقان، ماڭىمۇ قۇرئان ئوقۇشنى ئۆگىتىپ قويغان ئىدى.
ھە، قېنى دېگىن! سەن قۇرئان ئوقۇشنى ئۆگەنگەنمۇ، ھازىرمۇ ئوقۇيالامسەن؟
ياق، ھازىر ئوقۇيالمايمەن. ئۇنتۇلۇپ قالدىم.
مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىنىڭ سوئالىغا يۇقىرىقىدەك جاۋاب بەرگەن ئىدى. ئۇ تېخى ئەمدىلا تۆت ياشتىن ئاشقان بىر سەبىي قىز بولغاچقا، يالغان گەپ قىلىشنى بىلمەيتتى. بۇ ئىشلار ئۈچۈن، ئاتا-ئانىسى ۋە بوۋىسىنىڭ بېشىغا قانداق كۈنلەر كېلىدىغانلىقىنى تېخىمۇ بىلمەيتتى.
مەمەت قارى ۋە ئارزۇگۈل مۇنەۋۋەرنىڭ پەرىشتىلەر باغچىسىدا ئوقۇتقۇچىسىنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەن يۇقىرىقى ھېكايىسىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، داڭ قېتىپ تۇرۇپ قېلىشتى. ئەمدى نېمە ئىشلار بولۇپ كېتەر؟ بېشىمىزغا قانداق كۈنلەر كېلەر؟-دەپ ئويلىدى مەمەت قارى، قىزىم مۇنەۋۋەردە گۇناھ يوق، ئۇ تېخى بىر سەبىي قىز، ئۇنىڭغا باشقىلار تەرىپىدىن ھەرنېمىنى قىلدۇرغىلى بولىدۇ. ئۇ ئۆزىدىن يۇقىرى بىر كۈچ تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلىدۇ. شۇنداقكەن باشقىلار تەرىپىدىن سوئال سورالغاندا، كىچىك بالا دېگەن كۆرگەن-بىلگەنلىرىنى دېمەي باشقا بىر ھېكايە توقۇيالايتتىمۇ ؟ بولۇپتۇ، ئەمدى بېشىمىزغا نېمە كەلسە، شۇنى كۆرەرمىز، بىزدە: «جان بار يەردە – قازامۇ بار »دېگەن گەپ بارغۇ؟ ئاللاھ نېمىنى ئىرادە قىلغان بولسا، شۇنى كۆرەرمىز!
شۇنداق قىلىپ، مەمەت قارى ئائىلىسىنىڭ ئىچكى ئەھۋالى، كىچىك قىزى مۇنەۋۋەر ئارقىلىق ئىگىلىنىپ، قارا تىزىملىككە ئېلىنغان ئىدى. ئەمدى ئۇلارنىڭ ھەر ۋاقىت تۇتۇلۇپ كېتىلىش ئېھتىمالى مەۋجۇت ئىدى. شۇنداقتىمۇ مەمەت قارى بۇنىڭدىن ئانچە بەك ئەندىشە قىلىپ كەتمىدى. ئۇ بۇنداق تۇيۇقسىز كېلىدىغان بالا-قازالارنى -«پېشانىمىزگە پۈتۈلگەنلىكتىن، شۇنداق بولىدۇ» دەپ قارايدىغانلا ساددا بىر دېھقان بالىسى بولغاچقا، ئالدىدا كېلىدىغان ئىشلارغا ئانچە بەكمۇ پەرۋا قىلىپ كەتمەيتتى. شۇڭا ئۇ: «قىزىم تېخى كىچىك، ئۇ باشقىلار تەرىپىدىن ئالداندى »دەپ قاراپ، ئۇنىڭغا ھېچقانداق تاپا-تەنىمۇ قىلمىدى. ئەكسىچە، ئۇنى ئىككى كۈنلۈك دەم ئېلىش ۋاقتىدا بارلىق مېھرىنى بېرىپ، نېمە يېگۈسى كەلسە، شۇ تاماقنى قىلىپ بېرىپ، ئىككى كۈنلۈك دەم ئېلىش ۋاقتى توشقاندا، ئۇنى يەنە مەجبۇرى ھالدا ئاتالمىش«پەرىشتىلەر باغچىسى»غا ئاپىرىپ قويدى.
مانا بۈگۈن يەنە تاڭ ئېتىپ، بارلىق ئىنسانلارغا كۈننىڭ سېرىقىنى كۆرۈش نېسىپ بولغان ئىدى. ئەپسۇس! قارا تەقدىر بەزى ئىنسانلارنىڭ ئاللاھ بەرگەن بۇ نېمىتىنىمۇ تارتىۋالماقتا ئىدى. مەمەت قارى ۋە ئارزۇگۈل «ئاھالىلەر كومىتېتى»نىڭ دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەندە، « بايراق چىقىرىش مۇراسىمى» غا قاتنىشىش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشىغا ئاساسەن، ئوغلى شېئىر ئېلىنى ئېلىپ، سائەت 7 دە يېزا مەركىزىدىكى بەلگىلەنگەن مەيدانغا يېتىپ كەلدى. مەيدانغا ناھايىتى نۇرغۇن كىشىلەر يىغىلغان ئىدى. يىغىلغان ئادەملەرنىڭ سانى ئېنىق بولمىسىمۇ، ئەمما قانچىلىك كىشى ئىكەنلىكىنى تەخمىنەن قىلىش مۇمكىن ئىدى. مەمەت قارىنىڭ مۆلچەرىچە، يىغىلغان ئادەم ئىككى مىڭدىن ئېشىپ كېتەتتى. ئادەملەر ئۆزئارا يېرىم مېتىردىن ئارىلىق قالدۇرۇپ، قاتار تىزىلىپ تۇرۇشتى. ئالدى ۋە يان تەرەپلەردە ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ خىزمەتچىلىرىدىن باشقا يەنە بىر مۇنچە ساقچىلارمۇ تۇراتتى. دەل سائەت 7 بولغاندا يۇقىرى ئاۋازلىق كانايدىن مۇزىكا ياڭراپ، ناخشا ئوقۇش باشلاندى. ناخشا خىتاي تىلىدا بولۇپ، ئانچە-مۇنچە خىتاي تىلى بىلگەن كىشىلەر ئۇنىڭ: «كوممۇنىستىك پارتىيە بولمىسا، يېڭى جۇڭگو بولمايتتى » دېگەن قىزىل ناخشا ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىشتى. مۇراسىم باشقۇرغۇچىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ھەممە كىشى كانايغا ئەگىشىپ، ناخشىنى ئارقا-ئارقىدىن ئۈچ قېتىم ئوقۇشتى. ئاندىن ناخشا ئوقۇش توختىتىلىپ، ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ بىر خىزمەتچىسى قولىدا يۇقىرى ئاۋازلىق كانىيىنى ئېچىپ قويۇپ، ئۈنلۈك ئاۋازدا بىر مۇنچە ئۈزۈندىلەرنى يادا ئوقۇدى. ھەر بىر ئۈزۈندىنىڭ ئاخىرىدا: «شى جىن پىڭ» دېگەن ئىسىم تەكرارلىناتتى دېمەك، بۇ -« شى جىن پىڭ ئۈزۈندىلىرىدىن تاللانمىلار »بولۇپ، مەيداندىكىلەرگە قايتا – قايتا تەكرار ئوقۇتۇلدى.
مۇراسىم باشلىنىپ، بىر سائەتكە يېقىن ۋاقىت ئۆتكەن ئىدى. ئۈزۈندە ئوقۇتۇشمۇ توختىتىلدى. شۇ ئەسنادا يەنە بىر مۇنچە ساقچىلار پەيدا بولدى. «ئاھالىلەر كومىتېتى»دىن كۆزئەينەكلىك، پاناق بۇرۇن بىرسى ئوتتۇرىغا چىقىپ، بىرمۇنچە كىشىنىڭ ئىسمىنى ئوقۇدى. ئۇنىڭ بىلەن بىللە چىققان بىر ئۇيغۇر ئايال ئىسىملارنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ قايتىدىن ئوقۇپ، بۇلارنىڭ مەيداندا قېلىپ، قالغانلارنىڭ تارقىلىپ كېتىشىنى ئۇقتۇردى.
ئىسمى ئوقۇلغانلار ئارىسىدا مەمەت قارى ۋە ئارزۇگۈلمۇ بار ئىدى. ئارزۇگۈل بىر پالاكەتنىڭ كېلىشىنى سېزىپ، مەمەت قارىغا: «ئەمدى نېمە ئىش بۇ؟» دېگەندەك قىلىپ قارىۋىدى، مەمەت قارىمۇ ئۇنىڭغا قاراپ: ئارزۇگۈل ئىش چاتاقتەك تۇرىدۇ، شىرئەلىنى قانداق قىلارمىز؟-دەپ، ئۇنىڭغا سوئال قويۇپ بولغۇچە، تۆت-بەش ساقچى ئۇلارغا ئېتىلغىنىچە كېلىپ، قولىنى ئارقىسىغا قىلىپ باغلاپ، بېشىغا قارا خالتا كەيدۈرۈپ قويۇشتى. شىرئەلى بولسا قورقۇپ كېتىپ، چىرقىراشقا باشلىدى. ئۇنى باشقا بىر ساقچى ئارزۇگۈلنىڭ قولىدىن يۇلۇپ ئېلىپ، ئايرىم بىر ماشىنىغا چىقاردى.
– بالامنى قايتۇرۇپ بېرىڭلار، ئۇنى نەگە ئېلىپ بارىسىلەر؟-دەپ، ۋارقىرىدى ئارزۇگۈل جېنىنىڭ بېرىچە، ئۇ تېخى كىچىك، ئۇنى ئاپامغا تاپشۇرۇپ بېرىڭلار !
– ۋارقىرىما !-دېدى بىر ساقچى ئۇنىڭغا ئۈنلۈك ئاۋازدا قوپاللىق بىلەن-بالاڭدىن ئەندىشە قىلما، ئۇ: «پەرىشتىلەر باغچىسى»غا تاپشۇرۇپ بېرىلىدۇ.
-ياق، مەن ئۇنى «پەرىشتىلەر باغچىسى»غا بەرمەيمەن. مېنىڭ ئۇنىڭغا قارايدىغانلا ئاپام بار. ئاپامغا تاپشۇرۇپ بېرىڭلار!-دەپ، ۋارقىرىدى ئارزۇگۈل ساقچىلارغا يالۋۇرۇپ،
-ياق، بولمايدۇ دېدۇقمۇ – بولمايدۇ!-دەپ، ۋارقىرىدى ساقچىلار يەنە-بۇ يۇقىرىنىڭ بۇيرۇقى، ھەر قانداق تۇتقۇنلارنىڭ بالىلىرى يىغىۋېلىنىپ، «پەرىشتىلەر باغچىسى»دا تەربىيەلىنىدۇ.
ئارزۇگۈل يەنە قارشىلىق قىلىپ ۋارقىرىماقچى بولۇۋىدى، يېنىدا تۇرغان يەنە بىر ساقچى ئۇنىڭ ئاغزىغا بىر قاتلانغان لاتىنى كەپلەپ قويۇپ، ئىتتەرگىنىچە بىر ساقچى ماشىنىسىغا چىقىرىپ ئېلىپ كېتىشتى. مەمەت قارىغىمۇ ھېچقانداق گەپ قىلىشقا رۇخسەت قىلمىدى. ئۇنىمۇ باشقا بىر ساقچى ماشىنىسىغا چىقىرىپ، ئەر-ئايال ئىككىسىنى ئايرىپ ئېلىپ كېتىشتى.
- باب
مەمەت قارى بىلەن ئارزۇگۈل ئايرىم-ئايرىم ئىككى جايغا قامالغانىدى. ئۇلار بىر-بىرسىنىڭ نەگە قامالغانلىقىنى بىلىشمەيتتى. ئۇنى بىلىش ئىمكانىيىتىمۇ يوق ئىدى. چۈنكى، ئۇلار تۇتقۇن قىلىنغاندىن باشلاپ، بارلىق ئىمكانىيەتتىن مەھرۇم قىلىنغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ گۇندىپايلار سورىغان سوئالغا جاۋاب بېرىشتىن باشقا ھېچقانداق بىر نەرسىنى سوراش ھوقۇقى ياكى ياكى بىلىش ئىمكانىيىتى يوق ئىدى. مەمەت قارىدەك مىليونلىغان تۇتقۇنلار سۇلانغان بۇ ئاتالمىش « كەسپىي قايتا تەربىيەلەش مەركىزى »دە، ئادەمنىڭ-ئادىمىيلىك سالاھىيىتى ئېلىپ تاشلانغان ئىدى. تۇتقۇن قىلىنغان مەزلۇملار، تۇتقۇن قىلغۇچى زالىملار تەرىپىدىن: «ھېچنېمە» قىلىپ قويۇلاتتى.
مەمەت قارى تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن تاكى نەچچە قات دەرۋازا ۋە ئىشىكلەردىن ئۆتكۈزۈۋېلىپ، يەر ئاستىدىكى بىر سوراقخانىغا ئېلىپ كېرىلىپ، ئارقىغا قىلىپ باغلانغان قولى يېشىلىپ، بېشىدىكى قارا خالتا ئېلىۋېتىلىپ، قاتتىق تۆمۈر ئورۇندۇققا ئولتۇرغۇزۇلغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ تۈرمىدەك بىر جايدا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالىدى. ئۇ قاپ-قارا بىر تۆمۈر ئورۇندۇققا پۇت–قولى مەھكەم چېتىپ باغلىنىپ، مىدىر-سىدىر قىلالماس قىلىپ قويۇلغاندىن كېيىن، سوئال-سوراق باشلاندى:
-ئىسمىڭ نېمە؟
– مەمەت قارى
-نوپۇستىكى ئىسمىڭ: مەمەت ھەسەن ئىكەنغۇ؟
-ھە-ئە، توغرا! ئىسىم فامىلەم – مەمەت ھەسەن.
-نېمىشقا سېنى قارى دەيدۇ؟سەن قۇرئان يادلىغان ھەقىقىي قارىمۇ؟
-ياق، مەن قۇرئان يادلىمىغان. پەقەت ئوقۇشنى ئۆگەنگەن. ئاتا-ئانام مېنى ئەركىلىتىپ، مەمەت دېگەن ئىسمىمنىڭ ئاخىرىغا «قارى»دەپ قوشۇپ چاقىرىپتىكەن. شۇنىڭدىن كېيىن، ھەممە كىشى مېنى شۇنداق چاقىرىدىغان بولغان. شۇڭا مېنى مەمەت قارى دېمىسە ھېچكىم تونۇمايدۇ.
-سېنىڭ پاش قىلىش ماتېرىيالىڭدا: سېنى قۇرئان ئوقۇغان، نامازغا ئوقۇيدۇ. روزا تۇتقان، جۈمەگە باراتتى دەپتىغۇ؟
– ھە-ئە، مەن قۇرئان ئوقۇدۇم. نامازمۇ ئوقۇدۇم. روزا تۇتتۇم. جۈمەگىمۇ باردىم. بۇلارنىڭ ھەممىسى مۇسۇلمانلار ئادا قىلىشقا تېگىشلىك پەرز-سۈننەت، ۋاجىپ ئەمەللىرى تۇرسا، مەن ئۇلارنى قىلمىسام بولاتتىمۇ؟
-ئەسلىدە، قىلمىغان بولساڭ ياخشى بولاتتى. ئۇلارنى قىلغىنىڭنى ئېتىراپ قىلغىنىڭمۇ، بىر ھېسابتا ياخشى بولدى. بىزنىڭ سوراق ئىشلىرىمىزنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەردىڭ. ئۆزۈڭنىمۇ تاياقتىن قۇتۇلدۇرۇپ قالدىڭ، سەن بىزنىڭ تايىقىمىزدىن قۇتۇلۇپ قالغان بىرنەچچە تەلەيلىكلەرنىڭ بىرسى. قېنى بۇنىڭغا قول قوي !
– ئۇ نېمە؟ نېمىشقا قول قويىمەن؟
-بۇ سېنىڭ ئۆزۈڭنىڭ بىر « ئەسەبىي ئۇنسۇر» ئىكەنلىكىڭنى ئېتىراپ قىلغان ئىقرارنامەڭ!
– ئۇنىڭغا قول قويسام، مېنى قويۇپ بېرەمسىلەر؟-دېدى مەمەت قارى ئۆزىنىڭ پەقەت دىنى ئەھكاملارنى ئىجرا قىلغانلىقى، ئۇنىڭ نورمال بىر ئىش ئىكەنلىكىنى ئويلاپ،
– ياق، بولمايدۇ. سەن بايا ئۆز جىنايىتىڭنى ئېتىراپ قىلدىڭغۇ؟
قايسى جىنايەتلەرنى دەيسىلەر؟
– ئۆزۈڭنىڭ بايام دېگەنلىرىڭچۇ؟-دەپ ۋارقىرىدى سوراقچىلار ئۇنىڭغا قوپاللىق بىلەن-ناماز ئوقۇغان، قۇرئان ئوقۇغان، جۈمەگە بارغان، روزا تۇتقانلىقىڭنىڭ ھەممىسى سېنىڭ جىنايى پاكىتلىرىڭ بولۇپ، ئۇلار دىنىي ئاشقۇنلۇقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان يامان قىلمىشلاردۇر. قېنى ياۋاشلىقچە بۇنىڭغا ئىمزا قوي! ئۇنىڭدىن كېيىن بىز سېنى « كەسپىي قايتا تەربىيەلەش مەركىزى »گە يوللايمىز. سەن ئۇ يەردە ئىككى يىللىق «ئىدىيە ئۆزگەرتىش تەربىيەسى»نى قوبۇل قىلىشىڭ كېرەك! ئەگەر ئىمزا قويمىساڭ، سېنى جىنايىتىنى ئېتىراپ قىلمىغانلار قاتارىدا ھېسابلاپ، ئېغىر تۈرمە جازاسىغا ھۆكۈم قىلىشىمىز مۇمكىن! قېنى قايسىسىنى تاللايسەن؟
مەمەت قارى ئېغىر تاللاشقا دۇچ كەلگەن ئىدى: «ئەگەر بۇ ئىقرارنامىگە قول قويمىسام، ئۇزاق مۇددەتلىك تۈرمە جازاسىغا ھۆكۈم قىلىۋېتىپ قالسا، تېخىمۇ چاتاق بولامدۇ نېمە؟»-دەپ ئويلىدى ئۇ. ئۇنىڭ بىر كۆزى ئارقىدا قالغان بولۇپ، سەبىي بالىلىرىنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولۇپ كەتكەنلىكى كاللىسىغا كىرىۋېلىپ، ئۇنى بەكمۇ بىئارام قىلماقتا ئىدى.
مەمەت قارى ئاخىرى بىر قارارغا كەلدى-دە، ئۆزىنىڭ توقۇپ چىقىرىلغان: «ئىقرارنامە»سىگە ئىمزا قويۇپ بەردى. شۇنىڭدىن كېيىن، مەمەت قارى سوراقخانىدىن ئېلىپ چىقىلىپ، يۇقىرى قەۋەتتىكى ئىشخانىغا ئېلىپ كىرىلدى. ئۇ يەردە ساقلاپ تۇرغان دوختۇرلار تەرىپىدىن ئۇنىڭ ئىككى بىلىكىدىن ئىككى قېتىمدىن قان ئېلىندى. كۆزىنىڭ مۈڭگۈز پەردىسى سۈرەتكە ئېلىندى. ئون مىنۇت ئەتراپىدا ئالدىن تەييارلاپ قويۇلغان ئىككى بەتلىك خەت ئوقۇتۇلۇپ، ئاۋاز چاستوتىسى ئېلىۋېلىندى. ئالدى تەرەپ، ئارقا ۋە يان تەرەپ بولۇپ، بىر نەچچە خىل شەكىلدە رەسىمگە تارتىلدى. ئاندىن بىر خىل نامەلۇم ئوكۇل ئۇرۇلۇپ، بىر تال دورا كۇمىلىچى مەجبۇرى ئىچۈرۈلدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ بىر خىل خامۇش بولۇپ قالغاندەك بولۇپ، ئۆزىچە بىر نەچچە قېتىم ھىجىيىپ، كۈلۈپ قويدى. ئۇنىڭدا: ئەتراپتىكى مۇھىتقا قارىتا ھېچقانداق بىر رېئاكسىيە كۆرۈلمىدى.
مانا شۇ تاپتا ئۇ، دوختۇر ۋە نازارەتچى گۇندىپايلارنىڭ سىنىقىدىن ئۆتكەندەك قىلاتتى. ئۇنىڭ ئەسلىدىكى بارلىق كىيىمى سالدۇرۇۋېلىنىپ، رەڭگى كۈل رەڭ بولغان، ئۈستىگە: «2005. نومۇر» چاپلانغان بىر خىل كىيىم كىيدۈرۈلۈپ قويۇلدى.
– ھەي، 2005. نومۇرلۇق، مەن بىلەن ماڭ!-دەپ، ئۇنى بىر گۇندىپاي ئارقىسىغا ئەگەشتۈرۈپ، يان تەرەپتىكى بىر بىناغا ئېلىپ چىقىپ، ئۇزۇن كارىدوردىكى بىر نەچچە تۆمۈر ئىشىكتىن ئۆتكۈزۈپ: مانا بۇ سەن دەرس ئوقۇيدىغان سىنىپ دەپ، تەخمىنەن 50 ئەتراپىدا تۇتقۇنلار ئولتۇرغان بىر دەرسخانىغا كىرگۈزۈپ قويۇشتى. ئۇ باشقا تۇتقۇنلار بىلەن بۇ يەردە خىتاي تىلى، كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ قائىدە–تۈزۈملىرى، قانۇن–سىياسەتلىرى، شى جىن پىڭ ئۈزۈندىلىرى دېگەنلەرنى ئۆگىنىشنى باشلىۋەتتى.
ئەمدى ئارزۇگۈلنىڭ تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىنكى ئەھۋالىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا كېلەيلى: قولى ئارقىسىغا قىلىپ باغلىنىپ، بېشىغا قارا خالتا كىيدۈرۈلۈپ تۇتقۇن قىلىنغان ئارزۇگۈل، نامەلۇم بىر جايغا ئېلىپ كېلىنىپ، بىر نەچچە تۆمۈر ئىشىكتىن ئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىن، يەر ئاستىدىكى بىر سوراقخانىغا ئېلىپ كىرىلدى. ئۇ قاپ-قارا ۋە مۇزدەك سوغۇق بىر تۆمۈر ئورۇندۇققا ئولتۇرغۇزۇلۇپ، پۇت-قولى ئۇنىڭغا چېتىپ باغلانغاندىن كېيىن، سوئال-سوراق باشلاندى:
-سېنى نېمىشقا بۇ يەرگە ئېلىپ كەلگەنلىكىمىزنى بىلەمسەن؟
-ياق، بىلمەيمەن-دەپ، جاۋاب بەردى ئارزۇگۈل سوراقچىلارنىڭ سوئالىدىن ھېچنېمىنى چۈشەنمىگەنلىكى ئۈچۈن،
-سەن بىر جىنايەتچى، دىنىي ئاشقۇنلۇقنى يۇقتۇرۇۋالغان، كاللاڭ دىنىي ئەسەبىيلىك بىلەن تولۇپ كەتكەن خەتەرلىك ئادەم. بىزنىڭ قولىمىزدا قىزىڭ پاش قىلغان دەلىل-ئىسپاتلار بار
-قانداق دەلىل–ئىسپاتلار ئۇ؟
-سەن قۇرئان ئوقۇيدىكەنسەن. ناماز ئوقۇپسەن، روزا تۇتۇپسەن. ئۇلارنىڭ ھەممىسى توغرىمۇ؟
ئارزۇگۈلمۇ خۇددى ئېرى مەمەت قارىغا ئوخشاش ئۆزى سۆيۈپ قىلغان ئىبادەتلىرىنى «ياق، مەن ئۇنداق قىلمىدىم، ئۇنداق ئىش يوق» دەپ يالغانلاشنى مۇۋاپىق كۆرمىدى-دە، ھە-ئە، مەن بۇلارنىڭ ھەممىسىنى قىلغان دەپ، سوراقچىنىڭ دېگەنلىرىنى ئېتىراپ قىلدى.
– ئۇنداق بولسا بۇنىڭغا قول قوي! بۇ سېنىڭ: «ئىقرارنامەڭ»دەپ، بىر پارچە جەدۋەلگە ئوخشاش تولدۇرۇلغان قەغەزنى ئۇنىڭغا سۇندى سوراقچى گۇندىپايلار
ئارزۇگۈل ئېرى مەمەت قارىغا ئوخشاش ئۇنىڭغا قارىتا سوئال قويۇپ، سوراقچىلار بىلەن مۇنازىرىلىشىشنى خالىمىدى. ئۇنىڭ نەزىرىدە، ئۇلار بىلەن مۇنازىرىلىشىش، خۇددى تۇخۇمنى تاشقا ئۇرغاندەك بىر ئىش ئىدى. ئۇلار مەزلۇملار ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچى زالىملار بولغاچقا، نېمىلا دېسە، ئۇلارنىڭ توغرا بولاتتى. مەزلۇملارنىڭ قىلغانلىرى ھەر قانچە ھەقلىق بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇلارنىڭ ئۆزىنى ئاقلاشلىرى بۇ يەردە ھېچنېمىگە ئەرزىمەيتتى.
ئارزۇگۈل قەغەزنى قولىغا ئالدىدى-دە، ئىمزا قويۇپ قايتۇرۇپ بەردى.
شۇنىڭدىن كېيىن سوراقچىلار، سوراقنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئارزۇگۈلنى ئىككىنچى قەۋەتتىكى بىر ئىشخانىغا ئېلىپ چىقىپ، ئۇ يەردە تۇتقۇنلارنى ساقلاپ تۇرغان دوختۇر ۋە ساقچىلارغا تاپشۇردى. ئۇلار ئارزۇگۈلنىڭ ئىككى بىلىكىدىن ئىككى قېتىم قان ئالدى. ئاندىن ئۇنىڭ كۆزىگە بىر پارچە ئاپپاراتنى توغرىلاپ، كۆز مۈڭگۈز پەردىسىنى سۈرەتكە ئالدى. ئىككى پارچە قەغەزگە يېزىلغان بىر تېكىستنى ئۈنلۈك ئوقۇتۇپ، ئاۋاز چاستوتىسىنىمۇ ئېلىۋالدى. يەنە ئۇنى ئالدى تەرەپ، ئارقا تەرەپ ۋە يان تەرەپتىن ھەر خىل شەكىلدە رەسىمگە تارتىپ، كومپيۇتېرغا سىكەننىر قىلىۋالدى. ئارقىدىن بىر كىچىك ئاپپاراتقا قولىنى قويدۇرۇپ، بارماق ئىزىنىمۇ ئېلىۋالدى. ئەڭ ئاخىرىدا ئۇنى باشقا بىر ئىشخانىغا ئېلىپ چىقىپ، توختىماي چۆرگۈلەيدىغان ئەينەكلىك چوڭ بىر ئاپپاراتنىڭ ئالدىغا ئەكېلىپ، ئۇنىڭ: ياق! مەن ئۇنداق قىلالمايمەن!-دەپ، قارشىلىق قىلغىنىغا قارىماستىن، مەجبۇرىي پۈتۈن كىيىم-كېچەكلىرىنى سالدۇرۇۋېتىپ، ئەينەكلىك ئاپپاراتنىڭ ئىچىگە كىرگۈزۈپ، بىر نەچچە مىنۇت ئايلاندۇرۇپ چۆرگىلەتكەندىن كېيىن، ئۇنى توختىتىپ، ئارزۇگۈلنى سىرتقا چىقىرىشتى. شۇ ئەسنادا ئۇنىڭ بېشى قېيىپ، كۆڭلى ئېلىشىپ، غەلىتە بىر خىل ھېسسىيات پەيدا بولۇپ قالدى. ھەتتا ئۇ ئۆزىنىڭمۇ كىم ئىكەنلىكىنى ئۇقمىغۇدەك دەرىجىدە خامۇشلىشىپ قالغان ئىدى.
شۇنىڭدىن كېيىن گۇندىپايلار ئارزۇگۈلگە ئۆز كىيىملىرىنى قايتۇرۇپ بەرمەستىن، ئۈستىگە: «1056.»دېگەن نومۇر بېسىلغان، كۈلرەڭ بىر خىل كىيىمنى كەيدۈرۈپ قويۇشتى. ئاندىن ئۇنى ئاشۇ نومۇر بىلەن چاقىرىپ، باشقا بىر بىناغا ئېلىپ چىقىپ، نۇرغۇن ئاياللار ئۈنلۈك ئاۋازدا دەرس ئوقۇۋاتقان بىر سىنىپقا ئەكىرىپ قويۇشتى. بۇ سىنىپتا تۇتقۇنلارنىڭ كاللىسىنىڭ يۇيۇلىشى ئۈچۈن دەرس ئۆتۈلۈۋاتقان بولۇپ، تۇتقۇن ئوقۇغۇچىلار بىر خىتاي مۇئەللىمگە ئەگىشىپ، «شى جىن پىڭ ئۈزۈندىلىرى »نى ئۈنلۈك توۋلاۋاتاتتى. ئارزۇگۈلمۇ ئۇلارغا ئەگىشىپ، ئاغزىغا كەلگىنىچە توۋلاشقا باشلىدى. ئۇ خامۇش بولۇپ قالغاچقا، ئۆزىنىڭ نېمە دەپ توۋلاۋاتقانلىقىنى بىلمەيۋاتقاندەك قىلاتتى.
ئەمدى گەپنى بۇ ئائىلىنىڭ تۇتقۇن قىلىنماي قالغان بىردىن-بىر ئەزاسى سارىخان مومايدىن ئاڭلايمىز: سارىخان موماي، مەمەت قارى ۋە ئارزۇگۈلنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئۇلارنىڭ بىر قوشنىسىنىڭ خەۋەر قىلىشى بىلەن بىلگەن ئىدى. بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، سارىخان موماينىڭ يۈرىكى غارتتىدە قىلىپ، ئورنىدىن قوزغىلىپ كەتكەندەك بولدى. ئۇ ئۆز يۈرەك پارىلىرىنىڭ ناھەق تۇتۇلغانلىقىدىن بەكمۇ غەزەپلەنمەكتە ئىدى. ناۋادا، شۇ تاپتا بىر سېھرىي كۈچ پەيدا بولۇپ، قولىغا قورال چىقىپ قالسا ئىدى، يۈرەك پارىلىرىنى تۇتقۇن قىلغان ئاشۇ ساقچى ۋە ئەمەلدارلارنىڭ مېڭىسىنى چۇۋۇپ، قېتىقىنى چىقىرىۋەتكەن بولاتتى. ئەپسۇس! ئۇ ھازىر ياشىنىپ قالغان بولۇپ، ئۆزىنىڭ ھاجىتىدىن-ئۆزى ئارانلا چىقاتتى. يول ماڭسىمۇ ئازراق مېڭىپلا ھېرىپ قالاتتى ۋە بىرئاز ئولتۇرۇپ دەم ئېلىۋېلىپ، ئاندىن يولىنى داۋاملاشتۇراتتى.
ئۇ:يا، بىسمىللاھ!-دەپ دەرس ئورنىدىن تۇرۇپ سىرتقا چىقتى. ئۇنىڭ مەقسىتى يېزىلىق ھۆكۈمەت ياكى ساقچى پونكىتىغا بېرىپ، بالىلىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن تۇتقۇن قىلغانلىقىنى، ھازىر نەدە ئىكەنلىكىنى سوراپ بىلىۋېلىش ئىدى. ئۇ بىر بېسىپ، ئىككى بېسىپ، يولدا نەچچە يەردە توختاپ دەم ئېلىپ، يېزىلىق ھۆكۈمەتكە يېتىپ كەلدى.
يېزىلىق ھۆكۈمەت بىناسى بۇرۇنقىغا قارىغاندا، باشقىچە ئۆزگىرىپ كەتكەن بولۇپ، چوڭ بىر تۆمۈر دەرۋازا بېكىتىلىپ، ئەتراپىغا نۇرغۇن كامېرا ئورنىتىلغان، دەرۋازا ئالدىدا ئىككى ساقچى كۆزەتچىلىك قىلىۋاتقان ئىدى. سارىخان موماي دەرۋازىدىن ئىچىگە كىرمەكچى بولۇۋىدى، ساقچىلار تەرىپىدىن توسۇۋېلىندى:
-ھەي، موماي! بۇ يەرگە نېمىشقا كەلدىلە؟-دەپ، ۋارقىرىدى ئۇزۇن تۇرا بىر ساقچى
– شۇ، كۈيئوغلۇم، قىزىم قايسى كۈندىكى بايراق چىقىرىش مۇراسىمىدىن كېيىن، تۇتۇلۇپ كېتىلگەن ئىكەن. ئۇلارنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلاي دېگەن ئىدىم.
– ھەي، موماي! بولمايدۇ. يەنە ۋارقىرىدى ئۇ ساقچى-سىلى خاتا يولغا مېڭىپ قېلىپلا! ھازىر ئۇنداق تۇتۇلغانلار ناھايىتى كۆپ، ھەممىسىلا ئېغىر گۇناھ ئۆتكۈزگەنلەر. شۇڭا، ئۇلارنى ئىزدەپ-سۈرۈشتۈرۈشكە بولمايدۇ. ھۆكۈمىتىمىز ئۇلارنى قايتىدىن تەربىيەلەپ، ئۆزگەرتىش ئۈچۈن يېڭىدىن قۇرۇلغان: «كەسپىي قايتا تەربىيەلەش مەركىزى »گە ئېلىپ بېرىپ ئوقۇتۇۋاتىدۇ.
– ھە-ئە، شۇنداقمۇ ئوغلۇم! سىلىنىڭ دېگەن ئۇ مەكتەپ قەيەردە؟ مەن ئۇلارنى يوقلاپ كېلەي دېگەن ئىدىم.
– بولمايدۇ دېدىمغۇ موما! ئۇلار ئوقۇۋاتقان مەكتەپكە ھېچكىمنى كىرگۈزمەيدۇ. ھەم سىرتقا چىقارمايدۇ.
ساقچىنىڭ جاۋابىدىن كېيىن، موماي كۆزىگە ياش ئېلىپ، يىغلاپ – تۇرۇپ، ئۇلارغا يالۋۇردى. شۇ ئەسنادا، دەرۋازىنىڭ ئىچىدىن يەنە بىر ئوتتۇرا بوي، يوغان قورساق كەلگەن بىر ساقچى چىقىپ، ئەھۋالنى بىلگەندىن كېيىن، سارىخان مومايغا ئۆزىچە نۇرغۇن تەربىيە قىلىپ، ئۇنىڭ ئۆيىگە قايتىپ كېتىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى. ئەمما، موماي قايتىپ كېتىشنى رەت قىلىپ، يەنىلا يىغلىغانچە تۇرۇۋەردى. ئاخىرىدا ئۇ ساقچىنىڭ ئىنسانلىق ھېسسىياتى قوزغالدى بولغاي، ئۇنىڭغا:يېڭىدىن قۇرۇلغان ئاتالمىش « كەسپىي قايتا تەربىيەلەش مەركىزى » نىڭ ئورنىنى دەپ بەردى.
موماي ئۇ يەرگە بارىمەن دەپ يولغا چىقىپ ئازراق مېڭىۋىدى، بىر كىرا ھارۋىسى كېلىپ قالدى. سارىخان موماي ھارۋىكەشنى توسۇپ، ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ بارىدىغان يېرىنى ئېيتىۋىدى، ھارۋىكەش ئۇنى ھارۋىسىغا چىقىرىپ، نىشانىغا يەتكۈزۈپ قويدى. موماي ساقچىلار مەكتەپ دېگەن يەرگە كەلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ كۆزىگە غەلىتە بىر جاي كۆرۈندى. بۇ جاي ھېچبىر مەكتەپكە ئوخشىمايتتى: يوغان تۆمۈر دەرۋازىلىق، دەرۋازا ئۈستىگە كۆزىتىش كامېراسى ئورنىتىلغان بولۇپ، ئەتراپى تىكەنلىك سىم بىلەن قورشالغان، دەرۋازا ئۈستىدىكى ئىككى مۇناردا، ئەسكەرلەر كۆزەتچىلىك قىلىۋاتقان ئىدى.
سارىخان موماي دەرۋازىنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئىچىگە كىرمەكچى بولدى. ئەمما، ئەسكەرلەر تەرىپىدىن توسۇۋېلىندى:
– ھەي، نەگە بارىسەن؟ دەپ خىتاي تىلىدا ۋارقىرىدى بىر ئەسكەر – بۇ يەرگە ھېچكىمنىڭ كىرىشىگە بولمايدۇ.
موماي ئەسكەرنىڭ نېمە دېگەنلىكىنى چۈشەنمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ، ئۆزىنىڭ مەقسىتى بويىچە مۇنداق دېدى:
– مېنىڭ قىزىم، كۈيئوغلۇم بۇ يەردە ئىدى. ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈۋالسام بولامدۇ؟
ئۇ خىتاي ئەسكەرمۇ سارىخان موماينىڭ گېپىنى چۈشەنمىگەن ئىدى. ئۇ قوپاللىق بىلەن ۋارقىراپ، ئاغزىنى بۇزۇپ، موماينى ئىتتەرگىنىچە قوغلىۋەتتى. سارىخان موماي ئۇ ئەسكەرنىڭ گېپىنى ئۇقالمىغان بولغاچقا، يەنە كۆزىگە ياش ئېلىپ، يىغا-زارە ئىچىدە ئاللاھتىن ئۇنىڭغا بالا تىلەپ، دۇئا قىلغاچ ئارقىسىغا قايتتى.
ئۇ ئەمدى نەگە بېرىشنى بىلەلمەيۋاتاتتى. « پەرىشتىلەر باغچىسى»غا بېرىپ، نەۋرىسى مۇنەۋۋەرنى ئىزدەپ باققۇسى كەلدى-يۇ، ئەمما ئۇ يەرنىڭمۇ نەدىلىكىنى بىلمەيتتى. چوڭ نەۋرىسى ماھىرەنىڭ مەكتىپىنىڭ نەدىلىكىنىمۇ بىلمەيتتى. كىچىك نەۋرىسى شىرئەلىنىڭ نەگە ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى تېخىمۇ بىلمەيتتى. ئۇ ئامالسىز يېزا مەركىزىدىن ئايرىلىپ كەنتكە قاراپ يول ئالدى. ئۇ ئۆيگە ئاز قالغاندا، بىر قوشنىسى ئۇچراپ ئەھۋالنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا كەنت سېكرېتارىدىن ئەھۋال ئۇقۇشۇپ، ئۇنىڭدىن تونۇشتۇرۇش خېتى ئېلىپ، ئاندىن بالىلىرىنىڭ ئىشىنى سۈرۈشتۈرۈپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلدى.
سارىخان موماي ئۇ قوشنىسىنىڭ تەۋسىيەسى بويىچە كەنت ئىشخانىسىغا يېتىپ كەلدى. بۇ يەردىمۇ بىر نەچچە ساقچى كۆزەتچىلىك قىلىۋاتاتتى. ئەمما ئۇلار شۇ يەرلىك بولغاچقا سارىخان موماينى تونۇپ، ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، بىرسى سېكرېتارنىڭ ئىشخانىسىغا كىرىپ كېتىپ، ئۇنى چاقىرىپ چىقتى. سېكرېتار چىققاندىن كېيىن، موماي يەنە كۆزىگە ياش ئېلىپ، ئۇنىڭدىن ئۆتۈندى: سېكرېتار، قىزىم، كۈيئوغلۇم ۋە نەۋرىلىرىمنىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى بىلىۋالاي دېگەن ئىدىم. ئۇلارغا ئاش-نان ئاپىرىپ بېرەي دەيمەن. بۇ ئىش ئۈچۈن بىر تونۇشتۇرۇش خېتى قىلىپ بەرگەن بولسىلا بولۇپتىكەن؟
-ياق، بولمايدۇ!-دەپ، قوپاللىق بىلەن رەت قىلدى سېكرېتار-سىلىنىڭ بالىلىرى ئېغىر جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەر قاتارىغا كىرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغىنى توغرا بولغان. ئۇلارنى ئىزدەپ يۈرمىسىلە! ئۇلار: «ئىككى يىللىق قايتا تەربىيەلىنىش مۇددىتى»نى تۈگەتكەندىن كېيىن قايتىپ كېلىدۇ.
– نېمىشقا قايتا تەربىيەلىنىدۇ؟ ئۇلارنىڭ بىر ئوبدان كەسپى تۇرسا، -دېدى سارىخان موماي بالىلىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن قايتا تەربىيەلىنىدىغانلىقىنى چۈشەنمەي،
-ئۇلار: «ئەسەبىي ئىدىيەلەر» بىلەن يۇقۇملانغان دېدى سېكرېتار قاپىقىنى تۈرۈپ-سىلەرنىڭ پۈتۈن ئائىلە بويىچە مەسىلەڭلار ئىنتايىن ئېغىر، ھەممىڭلار دىنىي ئاشقۇنلۇق بىلەن يۇقۇملانغان، ئەرلىرى سەمەت قارىمۇ، دىنىي تونغا ئورىنىۋېلىپ، پارتىيە-ھۆكۈمەت بىلەن قارشىلىشىپ، ھەر دائىم ۋەقە چىقىرىپ كەلدى. شۇڭلاشقا، تۇتقۇن قىلىنىپ تېگىشلىك جازاسىنى تارتتى. شۇنداقتىمۇ ئۇ ھازىر ئۆزىنىڭ گۇناھىغا تۆۋە قىلماستىن، يەنىلا ئەسەبىي ئىدىيەسىنى داۋاملاشتۇرۇپ، توپىلاڭ چىقارماقچى بولۇپ، تۈرمىدە جىنايەتچىلەر بىلەن بىللە توپلىشىپ ناماز ئوقۇغان. ئۇ تېخى يەنە نامازدا ئىماملىق قىلغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ساقچىلىرىمىزىڭ ئۇنىڭ قاتتىق ئەدىپىنى بەرگەن. ئۇ ھازىر ئېغىر كېسەل ئىكەن، بىزگە كەلگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئۇنىڭ بىر نەچچە كۈنلۈك ۋاقتى قالغان ئوخشايدۇ. سىلى ئۇنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرى ئۈچۈن تەييارلىق قىلىپ قويسىلا، بىز سىلىگە خەۋەر قىلىمىز.
سارىخان موماي سېكرېتاردىن بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ كۆز يېشىنى تۇتۇۋالالماي يىغلاپ كەتتى ۋە ئۇنىڭغا يالۋۇرۇپ: ئۇ ئادەم ئېغىر كېسەل بولغاندىكىن، دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ داۋالىساڭلار ياكى قويۇپ بەرسەڭلار بولمامدۇ؟-دېدى.
-ياق، بولمايدۇ!-دېدى كەنت سېكرېتارى يەنە قوپاللىق بىلەن ۋارقىراپ – ئۇ بىر جاھىل ئەسەبىي ئۇنسۇردۇر. ھەر دائىم ۋەقە پەيدا قىلىدۇ. ئىلگىرى بىر قېتىم كېپىللىككە قويۇپ بېرىلگەن ئىكەن، ئەمما ئۇ پارتىيە-ھۆكۈمەتنىڭ بۇ غەمخورلۇقىغا رەھمەت ئېيتىشتىن تۈگۈل، يەنە كېپىللىك مەزگىلىدە، جىنازا نامىزىنى باھانە قىلىپ، كادىر-ساقچىلار بىلەن جېدەللىشىپ، پارتىيەنىڭ دىنىي سىياسىتىگە قارشى چىققان، شۇڭا ئۇنىڭ بۇ قېتىم قويۇپ بېرىلىشى ناتايىن! سىلى ئەمدى بۇ ئىش ئۈچۈن ئاۋارە بولماي، ئۆيلىرىگە قايتىپ كېتىپ، تەييارلىقلىرىنى قىلسىلا! بولمىسا، قېرىغان جانلىرىدا سىلىنىڭمۇ جازالىنىپ باققۇلىرى كېلىۋاتامدۇ-يا؟ ياشىنىپ قېلىپلا، ئەگەر ئۇنداق بولمىغان بولسا، سىلىنىمۇ دەرھال قايتا تەربىيەلىنىشكە يوللاپ بەرگەن بولاتتىم.
سارىخان موماي شۇنىڭدىن كېيىن سېكرېتارغا قايتا ئېغىز ئاچمىدى. ئۇنىڭ كۆزى ياشقا تولغانىدى. شۇ تاپتا ئۇ تەك بىر ئۆزىلا يالغۇز قالغان بولۇپ، ئىنتايىن غېرىبلىق ھېس قىلماقتا ئىدى: «ئاھ خۇدا!-دېدى ئۇ ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىپ، -مۇشۇنداق ئېغىر كۈننى كۆرسەتكۈچە، مېنىڭمۇ جېنىمنى ئالساڭ بولماسمىدى؟ ئىنسانغا ئۆزىنىڭ يۈرەك باغرىنى يېرىپ چىققان چىققان بالىلىرىدىن، ئۆمۈرلۈك يولدىشىدىن ئايرىلىپ قېلىشتىنمۇ ئېغىر ئىش بولامدۇ؟ ئەمدى بۇ يالغۇزلۇققا قانداق چىدارمەن؟ يولدىشىم، سەمەت قارىنى ئۆز پاناھىڭدا ساقلىغايسەن! بالىلىرىمنى يەنە كۆرەلەرمەنمۇ؟ نەۋرىلىرىم نېمە بولۇپ كېتىپ بارىدىغاندۇ؟ سەبىيلەرنى ئۆزۈڭ قوغدىغايسەن، ئامىن!»
سارىخان موماي كەنت ئىشخانىسىدىن ئايرىلىپ، بىر بېسىپ، ئىككى بېسىپ، يولدا نەچچە يەردە ئولتۇرۇپ ئارام ئېلىپ دېگۈدەك، ئاخىرى ئۆيىگە يېتىپ كەلدى. ئۇ دەرۋازىنى ئېچىپ كىرىپ بولغۇچە نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ھەمراھ بولۇپ كېلىۋاتقان سۆيۈملۈك مۈشۈكى ئۇنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ كەلدى. ئۇ مومايغا چاپلىشىپ، سۇۋۇلۇپ، ئۇنىڭدىن ھال سورىماقچى بولغاندەك، بوش ئاۋازدا مىياڭلاپ قويدى:
-ھە، قەدىناسىم! ئاچ قالدىڭمۇ ياكى يالغۇزلۇقتىن زېرىكتىڭمۇ؟-دېدى ئۇنىڭغا دەردىنى تۆكمەكچى بولۇپ سارىخان موماي-خاپا بولما! قۇرۇق قول كېلىپ قالدىم. ساڭا: بەز ياكى گۆش پارچىسى ئەكېلىپ بېرىدىغان قەدىردان يولدىشىم سەمەت قارىم ھازىر يوق! يەنە تېخى ساڭا: ناننىڭ كۆيۈك قالدۇقلىرىنى ئەكېلىپ بېرىدىغان كۈيئوغلۇم مەمەت قارىمۇ يوق! سېنى ئەركىلىتىپ ئوينىتىدىغان نەۋرىلىرىممۇ يوق!
شۇ ئەسنادا مۈشۈك يەنە بىر نەچچىنى مىياڭلاپ، مومايغا خۇددى ئۆز شەپقەتچىسىگە قارىغان ئادەمدەك مېھىرلىك قارىۋىدى، بۇنىڭدىن بىر نەرسىنى ھېس قىلغان موماي يەنە ئۇنىڭغا قىلغان گېپىنى داۋاملاشتۇردى:
– ھە-ئە، ئۇلارنى نەگە كەتتى دەۋاتامسەن؟
ئۇنداق بولسا، قۇلىقىڭنى دىڭ تۇتۇپ ئاڭلا – مېنىڭ قەدىرلىك ھەمراھىم سەمەت قارىم، قىزىم، كۈيئوغلۇم ۋە نەۋرىلىرىم ھەممىسى قەپەسكە سولاپ قويۇلدى. ئۇلار ئۇ يەردە بەكمۇ قىينالماقتا، مېنىڭ ئۇلارنى يوقلاپ بېرىشىمغا يول قويۇشمىدى. نېمىشقا دەمسەن؟ ئۇلار پەقەت مۇسۇلمانلىق ئەمىرىنى بەجا كەلتۈرگەنلىكى ئۈچۈن ۋە پەقەت ئۇيغۇر بولغانلىقى ئۈچۈنلا شۇنداق ئاقىۋەتكە قالدى!
– مۇسۇلمان ياكى ئۇيغۇر بولۇش يامان ئىشمۇ دېدىڭما؟
– ياق، ئۇنداق ئەمەس! بىزنىڭ مۇسۇلمان ھەم ئۇيغۇر بولۇپ قېلىشىمىز ئاللاھنىڭ تەقدىر قىلىشىدىن بولغان ئىشتۇر! بىزنىڭ مۇسۇلمان بولۇپ قالغانلىقىمىز ئەسلىدە شەرەپلىك بىر ئىش ئىدى. چۈنكى، ئاللاھ ئۆزى ياخشى كۆرگەن كىشىلەرنىلا مۇسۇلمانلىققا نائىل قىلىدۇ. ئەمما، مۇسۇلمان بولمىغان باشقا كاپىر قەۋملەر، ئۇلارنى يامان كۆرىدۇ. گۇناھكار ھېسابلايدۇ. شۇڭلاشقا ئۇلارنى تۇتقۇن قىلىۋېلىشتى. شۇنىڭدىن كېيىن مۈشۈك پەس ئاۋازدا مىياڭلىغىنىچە جىم بولۇپ قالدى. بەلكى ئۇ، شۇ تاپتا ئۆزىنىڭ ئىنسان بولۇپ قالماي، مۈشۈك بولۇپ قالغانلىقىغا، ئاللاھقا شۈكرى ئېيتىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن ئىدى.
سارىخان موماينىڭ بۈگۈن چۈشى بۇزۇلۇپ قالدى. ئۇ چۈشىدە: «قەدىرلىك ھەمراھى، سەمەت قارىنىڭ بىر ياغاچ ئاتقا مىنىپ ئۇچۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ئىدى. بۇنىڭغا ھەيران قالغان سارىخان: قەدىرلىك يولدىشىم، نەگە ماڭدىلا؟-دەپ چاقىرغاندا، ئۇ جاۋاب بېرىپ: مەن باقى دۇنياغا ماڭدىم. ئۇ يەردە مېنى سوراقچىلار كۈتۈۋاتىدۇ!»-دېگىنىچە غايىب بولغان ئىدى.
سارىخان موماي كۆرگەن چۈشىنى ئەسلەپ يەنە يىغلاشقا باشلىدى. ئۇ قەدىرلىك ھەمراھىنىڭ ئاخىرەتكە سەپەر قىلغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى تەخمىن قىلغان ئىدى. دېگەندەك، كۈن چاشكا ۋاقتى بولار-بولمايلا كەنت كادىرلىرىدىن ئىككى كىشى كېلىپ، سەمەت قارىنىڭ تۈرمىدە جان ئۈزگەنلىكىنى، ئۇنىڭ دەپنە ئىشلىرىنى كەنتنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە قىلىدىغانلىقىنى، ھېچكىمنىڭ بۇ ئىشقا ئارىلاشسا بولمايدىغانلىقىنى، پەقەت ئۆزىنىڭ، سەمەت قارىنىڭ تۇپراق بېشىنى كۆرۈۋېلىشقا رۇخسەت قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
سارىخان موماي تېشىدا يىغلىسىمۇ، ئىچىدە ئاللاھقا زىكرى ئېيتىپ، سەمەت قارىم ئۈچۈن دۇئا قىلدى. ئۇنىڭ بۇنىڭدىن باشقا چارىسى يوق ئىدى. مەزلۇملارنىڭ كۆڭلى: پەقەت رەببىگە دۇئا قىلىش بىلەنلا ئەمىن تاپاتتى. قەدىرلىك ھەمراھىدىن مەڭگۈلۈككە ئايرىلغان، قىزى ۋە نەۋرىلىرىنى كۆرەلمەي ھەسرەت ئىچىدە قالغان سارىخان موماي يەنە بىر نەچچە كۈن ياشاپ، ئۇمۇ ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا سەپەر قىلدى. ئۇنىڭ ئۈچۈن يىغلايدىغان، ھازا تۇتىدىغان بالىلىرى بولمىغاچقا، پەقەت بىر نەچچە قوشنىلىرى ئۇنى يۇيۇپ-تاراپ دەپنە قىلىپ قويۇشتى.
ئەمدى گەپنى مەرھۇملارنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئاڭلايلى: ئارىدىن ئىككى يىلغا يېقىن ۋاقىت ئۆتكەن ئىدى. بۈگۈن ئارزۇگۈل ئاتالمىش« كەسپىي قايتا تەربىيەلەش مەركىزى»دىكى باشقۇرغۇچى گۇندىپايلار تەرىپىدىن چاقىرتىلدى.
-ھەي 1005-نومۇرلۇق-دەپ، ئارزۇگۈلنى چاقىرىپ، گەپ باشلىدى گۇندىپايلار باشلىقى – سېنى بىرنەچچە سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن 10 كۈن بويۇن بۇرۇن قويۇپ بېرىشنى مۇۋاپىق كۆردۇق:
بىرىنچىدىن، سەن« كەسپى تەربىيەلەش مەركىزى»دە ياخشى ئوقۇدۇڭ، دۆلەت تىلىنى ياخشى ئۆگەندىڭ، كوممۇنىستىك پارتىيە نىڭ قائىدە–مىزانلىرىنى، شى جىنپىڭ ئۈزۈندىلىرىنى، دۆلىتىمىزنىڭ قانۇن-سىياسەتلىرىنى تولۇق يادلاپ بېرەلىدىڭ. بۇ سېنىڭ بۇرۇنقى ئىدىيەڭنى ئۆزگىرىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئائىلىسىگە قوشۇلغانلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر.
ئىككىنچىدىن، سەن بۇ يەردىكى ۋاقتىڭدا ئاتا-ئاناڭ ۋاپات بولغان، سەن ئەمدى ئۇلارنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلىۋالساڭ بولىدۇ
. ئۈچىنچىدىن، سېنىڭ كىچىك قىزىڭ مۇنەۋۋەر كېسەل بولۇپ قالغان ئىكەن. ئۇ ھازىر دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتىدۇ. سېنىڭ ئۇنى يوقلاپ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشىڭغا رۇخسەت قىلىندى.
ئارزۇگۈل گۇندىپاينىڭ بۇ سۆزلىرىدىن كېيىن، ئۆزىنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىك گۇۋاھنامىسىنى تاپشۇرۇۋالدى. شۇ ئەسنادا ئۇنى قاتتىق يىغا تۇتۇۋاتاتتى. ئەمما تېخى لاگېردىن سىرتقا چىقىرىلمىغانلىقى ئۈچۈن ئۆزىنى تۇتۇۋالمىسا بولمايتتى. ھەتتا ئۇ، كۆز يېشىنى چىقىرىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمىدى.
– ئېرىم مەمەت قارىنىمۇ قويۇپ بېرەمسىلەر؟-دەپ سورىدى ئۇ، گۇندىپايلار باشلىقىدىن.
– بىز بىلمەيمىز-دېدى گۇندىپايلار پەيدا باشلىقى خىرقىرىغان ئاۋازدا، ئۇنى يېزىلىق ساقچى پونكىتى ياكى ئاھالىلەر كومىتېتىدىن سۈرۈشتۈرسەڭ بولىدۇ.
-قىزىمچۇ؟ قىزىم قايسى دوختۇرخانىدا ئىكەن؟
-ئۇنىمۇ بىز بىلمەيمىز، « پەرىشتىلەر باغچىسى»ياكى يېزىلىق ئاھالىلەر كومىتېتىدىن سورىساڭ بولىدۇ. ئەمدى ماۋۇ ئۈستۈڭدىكى نومۇرلۇق كىيىملىرىڭنى سېلىۋېتىپ، ئۆزۈڭنىڭ بۇرۇنقى كىيىملەرنى كىيىپ، دەرھال بۇ يەردىن چىقىپ كەت!-دەپ قوپاللىق بىلەن ئۇنى سىلكىشلىدى گۇندىپايلار باشلىقى ۋە يېنىدىكى يەنە بىر گۇندىپايغا ئۇنى ئېلىپ چىقىپ، ئۆيىگە يولغا سېلىپ قويۇشنى بۇيرۇدى.
ئارزۇگۈل، ئاتالمىش: «كەسپىي قايتا تەربىيەلەش مەركىزى»دىن چىقىپ ئۇدۇل ئاھالىلەر كومىتېتىغا كەلدى. ئۇ يەردىكى خىزمەتچىلەرنىڭ ئارزۇگۈلنىڭ قويۇپ بېرىلىدىغانلىقىدىن ئالدىن خەۋەردار بولۇپ، ئۇنىڭ كېلىشىنى ساقلاپ تۇرۇشقان ئىكەن. چۈنكى ئۇلار، ئارزۇگۈلنىڭ كىچىك قىزى مۇنەۋۋەرنىڭ قاتتىق ئاغرىپ قېلىپ، سەكراتقا چۈشۈپ قالغانلىقىدىن پايپېتەك بولۇشۇپ كەتكەن بولۇپ، ئۇنى ئۆز ئانىسىنى كۆرگەندىن كېيىن، بەلكى ياخشى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن!-دەپ ئويلاشقان، شۇنداقلا يەنە، ناۋادا مۇنەۋۋەر ئۆلۈپ كەتكەن تەقدىردە، مەسئۇلىيەتتىن قېچىشقا ئۇرۇنغان بولۇشى مۇمكىن ئىدى.
-قىزىڭ يېزىلىق دوختۇرخانا-بالىلار كېسەللىكلەر بۆلۈمىدە-دەپ ئۇقتۇرۇش قىلدى ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئارزۇگۈلگە-سەن دەرھال بېرىپ، ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغىن! ياخشى تاماق ئېلىپ بەرگىن! قىزىڭ نەچچە كۈن بولدى-ھېچنېمە يېمىدى. دوختۇرلارنىمۇ يېقىن كەلتۈرمەيدۇ. سەن ئۇنىڭغا تەربىيە قىلىپ، دوختۇرلارنىڭ داۋالىشىغا ياردەملەشكىن!-بولامدۇ؟
-ماقۇل، بولىدۇ! رەھمەت سىلەرگە. مەن قىزىمغا ياخشى قارايمەن، ئۇنىڭ داۋالىنىشىغا يېقىندىن ياردەملىشىمەن. سىلەر ئەنسىرىمەڭلار! ئەمما، مېنىڭ سورايدىغان يەنە بىر سوئالىم بار ئىدى. چوڭ قىزىم ماھىرە ھازىر نەدە؟ ئۇنىڭ خەۋىرىنى بەرگەن بولساڭلار، ئوغلۇم شىرئەلىچۇ؟
-ياق، ئۇلارنىڭ خەۋىرىنى ھازىر بېرەلمەيمىز-دېدى ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ مۇدىرى قوپاللىق بىلەن، سەن ئالدى بىلەن دوختۇرخانىغا بېرىپ، كىچىك قىزىڭغا ياخشى قارىغىن! كېيىن بىر گەپ بولسا، بىزگە كەلسەڭ بولىدۇ-دەپ، ئۇنى ئىتتىك دوختۇرخانىغا مېڭىشقا ئالدىراتتى.
ئارزۇگۈل ئاھالىلەر كومىتېتىدىن چىقىپ ئۇدۇل يېزىلىق دوختۇرخانىغا كەلدى ۋە بالىلار بۆلۈمىنى ئىزدەپ تېپىپ، سېسترا قىزلاردىن سورىۋىدى، ئۇنىڭ مۇنەۋۋەرنىڭ ئانىسى ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، دەرھال ئۇنى باشلاپ، كارىدورغىلا كارىۋات قويۇپ ياتقۇزۇپ قويۇلغان مۇنەۋۋەرنىڭ قېشىغا باشلاپ كەلدى. مۇنەۋۋەر ئورۇقلاپ بىر سۆڭەك-بىر تېرە بولۇپ قالغان بولۇپ، ھالى بەكمۇ خاراب ئىدى. ئۇ خۇددى يېڭى تۇغۇلغان كەپتەر باچكىسىدەك ئاغزىنى ماك، ماك ئېچىپ، ئىڭراپ ياتاتتى.
ئاھ، قىزىم!-دەپ، كارىۋاتقا تاشلاندى ئارزۇگۈل. ئۇنىڭ كۆزىدىن ياشلار تاراملاپ ئېقىشقا باشلىدى. ھوشىدىن كېتىشكە تاسلا قالغانىدى. ئەمما ئۇ چوڭلارغا خاس تەمكىنلىك بىلەن ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ، مۇنەۋۋەرنى قۇچىقىغا ئېلىپ يۈز-كۆزىگە سۆيدى، پۇرىدى. مەيدىسىگە چىڭ بېسىپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئانىلىق مېھرىنى قىزىنىڭ يۈرىكىگە ئۆتكۈزدى. كۆڭلىدىكى ئەڭ شېرىن سۆزلىرىنى ئۇنىڭ قۇلىقىغا پىچىرلىدى. شۇندىلا مۇنەۋۋەر كۆزىنى لاپ قىلىپ ئاچتى ۋە ئانىسىنى تونۇپ:
-ئاپا، ئاپا! بۇ سىزمۇ؟بوۋام- مومام نەدە؟ ئاتامچۇ؟ سىلەر نەگە كەتكەن ئىدىڭلار؟ بەك ئۇزاق بولدى مېنىڭ قېشىمغا كەلمىدىڭلار؟ مەن سىلەرنى بەكمۇ سېغىندىم. ئاتام نان يېقىۋاتامدۇ؟ ماڭا ئاتامنىڭ ياققان نېپىز نېنىدىن ئەكېلىپ بېرىڭچۇ؟-ئۆيدە:( لا، تاۋ، زى) لەڭمەن ئەتتىڭىزمۇ؟ ماڭا، ئۆيدە ئەتكەن لەغمەندىن ئەكېلىپ بېرىڭچۇ؟-دەپ، ئانىسىنىڭ ئۆز قولىدىن تاماق يېگۈسى بارلىقىنى ئىپادىلىدى.
بۇ ھالەتنى كۆرگەن سېسترا قىز ئاستا ئارزۇگۈلگە پىچىرلاپ-قىزىڭىز بىر ھەپتىدىن بۇيان ھېچقانداق تاماق يېمىدى، ھەتتا سۇمۇ ئىچمىگەن ئىدى. بىز ئۇنىڭغا ئاسما ئوكۇل سېلىپ، سۇ ماڭغۇزدۇق. بولمىسا، بۇ چاغقىچە ئۆلگەن بولاتتى. ئۇ سىزنىڭ تامىقىڭىزنى سېغىنغان ئوخشايدۇ. ئۇ ئەمدى تاماق يېمىسە، ھاياتى خەۋپ ئاستىدا قالىدۇ-دېدى.
ئارزۇگۈل شۇندىلا قىزىنىڭ ئۆز ئانىسىنىڭ قولىدىن تاماق يېگۈسى كەلگەنلىكىنى ھېس قىلىپ يەتتى-دە، سېستراغا سۇ ئەكېلىپ بەرگەن بولسىڭىز؟-دەپ، ئۆتۈنۈۋىدى، سېسترا قىز بىر ئىستاكان سۇ ئەكېلىپ بەردى. ئارزۇگۈل سۇنى ئىچۈرگەندىن كېيىن، مۇنەۋۋەرنىڭ كۆزى يەنە بىر ئاز ئېچىلغاندەك بولدى.
-ئانا قورسىقىم بەك ئېچىپ كەتتى-دەپ، ئاستا گەپ قىلىشقا باشلىدى مۇنەۋۋەر-ئاتام نان ياقتىمۇ؟ ئاشۇ ئاتام ياققان چوڭ ناندىن ئەكېلىپ بەرگەن بولسىڭىز؟
– بولىدۇ، قىزىم! مەن سىزگە ئاتىڭىز ياققان ناندىن ئەكېلىپ بېرەي، ھەم ئۆزۈم لەڭمەن ئېتىپ ئېلىپ كېلەي!-دەپ، قىزىنى ئاستا ياتقۇزۇپ قويۇپ، سېسترا قىز بىلەن گەپلىشىپ، ئۇنىڭغا تاپىلىغاندىن كېيىن بازارغا كەلدى.
ئۇ بازاردىن، بىرمۇ ناۋايخانىنى تاپالمىدى. كۆپىنچە ئاشخانىلارمۇ تاقىلىپ كەتكەن بولۇپ، پەقەت بىر بۇلۇڭدىلا كىچىك بىر ئاشخانا ئېچىلغاندەك قىلاتتى. ئارزۇگۈل ئۇ ئاشخانىغا كىرىپ، بىر قاچا لەڭمەن بۇيرۇتۇپ قويغاندىن كېيىن، يېقىن بىر قوشنىسىنىڭ دائىم نان يېقىپ يەيدىغانلىقىنى ئويلاپ، ئۇ قوشنىسىنىڭ ئۆيىگە كىرىۋىدى، دېگەندەك ئۇلار بىر نەچچە كۈن بۇرۇن يېقىپ قويغان نېنىدىن بىر تال ئارىيەت بېرىپ تۇردى.
ئارزۇگۈل نان بىلەن بۇيرۇتۇپ قويغان لەڭمەننى ئېلىپ كېلىپ، مۇنەۋۋەرنىڭ ئالدىغا قويۇۋىدى، ئۇنىڭ يۈزىدە كىچىككىنە بىر خۇشاللىق ئەكس ئېتىپ، كۈلگەندەك قىلدى-دە، لەڭمەننى ئېلىپ، بىردەمدىلا يەپ بولدى. ئاندىن كېيىن: ئاپا، ناننىمۇ يېگۈم كېلىۋاتىدۇ!-دەپ، ناننىمۇ قولىغا ئېلىپ، ئاپىسى قويۇپ بەرگەن بىر ئىستاكان سۇ بىلەن بىردەمدىلا يەپ بولدى.
قىش پەسلى تېخى ئۆتۈپ كەتمىگەنمىدى. ئەتىياز كىرىش ئالدىدا تۇرغان بولسىمۇ، ھاۋا يەنىلا سوغۇق ئىدى. شۇ تاپتا ئارزۇگۈلنىڭ يەنە بىر ھېس قىلغىنى: مۇنەۋۋەرنىڭ كىيىملىرىنىڭ ناھايىتىمۇ يېلىڭ ئىكەنلىكى، قىش مەزگىلىدىمۇ ئۇنىڭغا قىشلىق كىيىم كىيدۈرۈلمىگەنلىكى بولدى.
-قىزىم قىشلىق كىيىمىڭىز يوقمۇ؟-دەپ سورىدى ئارزۇگۈل- سىرتلارغا چىققاندا توڭلىدىڭىزمۇ؟
-ھە-ئە، ئاپا! بەك توڭلاپ كەتتىم. ئۇلار ماڭا قىشلىق كىيىم بېرىشمىدى. سىلەرمۇ ئەكېلىپ بەرمىدىڭلار؟ بەك ئۇزاق يوقاپ كەتتىڭلار !
ئارزۇگۈل قىزىنىڭ بۇ سوئالىغا نېمە دەپ جاۋاب بېرىشنى بىلەلمىدى. ئۇ كىچىككىنە بىر سەبىي بالىغا: مەن ئىككى يىلدىن بۇيان ئاتالمىش «كەسپى قايتا تەربىيەلەش مەركىزى»دېگەن مەكتەپتە تۇتۇپ تۇرۇلدۇم. مېنىڭ ھېچقانداق يەرگە چىقىشىمغا رۇخسەت قىلىنمىدى. مەن بىر قەپەستىكى قۇش ئىدىم، دېيەلىسۇنمۇ؟ ياق، ئۇ ھەرگىزمۇ ئۇنداق دېيەلمەيتتى! ئەگەر شۇنداق دېگەن تەقدىردە، نارەسىدە قىزنىڭ سەبىي قەلبى يەنە زېدىلىنىشى، چۈشىنەلمەسلىككە مۇپتىلا بولۇپ، قىينىلىپ كېتىشى مۇمكىن ئىدى.
مانا بىر ھەپتىدەك ۋاقىت ئۆتتى. مۇنەۋۋەر ئانىسى ئەكېلىپ بەرگەن تاماقنى ئىشتىھا بىلەن يەيدىغان، ئۇنىڭغا گەپ قىلىدىغان، ئۇنىڭدىن ھەر خىل سوئاللارنى سورايدىغان بولدى. ئۇنىڭغا يەنە بىرئاز كۈچ-قۇۋۋەت كىرگەن بولۇپ، كارىدوردا ئانىسى بىلەن بىللە مېڭىپ، سىرتقا چىقالايدىغان بولدى.
ئارزۇگۈل ئەمدى سېسترا قىز بىلەن سۆزلىشىپ، قىزىنى ئۆيىگە ئېلىپ كېتىشنى ئېيتىۋىدى، سېسترا قىز بۇنىڭغا ئۆزى بىر نەرسە دېيەلمەيدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن مۇنەۋۋەردىن بۇ يەرگە ئەكېلىپ قويغان ئاتالمىش: «پەرىشتىلەر باغچىسى»دىن سورىشى كېرەكلىكىنى، ئاندىن ئاھالىلەر كومىتېتىغا مەلۇم قىلىنىشى كېرەكلىكىنى ئېيتىۋىدى، مۇنەۋۋەر:شۇنداق قىلىڭ، مەن ساقلاپ تۇراي!-دەپ، ئۇنىڭ جاۋابىنى كۈتتى.
مۇنەۋۋەر سېسترا قىزنىڭ جاۋابىنى كۈتكەچ، ئۆيگە بېرىپ-كېلەي دەپ ئويلاپ، قىزىنىمۇ بىللە ئېلىپ كەتمەكچى بولۇۋىدى، سېسترا قىز ئۇنى توسۇپ:سىز قىزىڭىزنى ئۆزىڭىز خالىغانچە ئېلىپ چىقىپ كەتسىڭىز بولمايدۇ. بۇ قىز بىزگە ھاۋالە قىلىنغان. مەن رۇخسەت بېرەلمەيمەن، سىز ئۆزىڭىز بېرىپ-كېلىڭ!-دەپ، مۇنەۋۋەرنىڭ ئانىسى بىلەن بىللە سىرتقا چىقىشىغا رۇخسەت قىلمىدى.
مۇنەۋۋەر قىزىنى يەنە قۇچاقلاپ، يۈزىگە سۆيدى. ئۇنىڭ قۇلىقىغا پىچىرلاپ، ئۆزىنىڭ سىرتقا چىقىدىغان بىرئاز ئىشى بارلىقىنى ئېيتىۋىدى، قىزى:-ماقۇل ئاپا، مەن سىزنى ساقلاپ تۇراي! دەپ، ئۇنىڭغا رازىلىق بىلدۈردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ دوختۇرخانىدىن چىقىپ، ئۇدۇل ئۆيىگە كېلىپ، ئۆينى بىرەر قۇر تازىلاپ-تۈزەشتۈرۈپ چىقتى. ئۇ: «ئەتىگىچە قىزىم ماھىرەنى، ئوغلۇم شىرئەلىنى ئېلىپ كېلىپ قالسام، ئاتىسى مەمەت قارىنىڭ ۋاقتىمۇ توشۇپ قالدى. ئۇ قويۇپ بېرىلىپ قالسا، ئەمدى ئۆيىمىزدە خاتىرجەم ياشايمىز» دەپ ئويلىغان ئىدى.
«ئۆيدە قىلغان ھېساب-بازارغا توغرا كەلمەپتۇ» دېگەندەك، ئۇنىڭ ئويلىغانلىرى، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان بىر قۇرۇق خىيال ئىدى. شۇنداق تاتلىق خىيالنىڭ تۈرتكىسىدە ئارزۇگۈل ئاھالىلەر كومىتېتىغا بېرىپ، ئوغلى شىرئەلىنىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى، ئۇنى ئۆزىگە قايتۇرۇپ ئېلىپ كېتىشكە ئىجازەت بېرىلىشى كېرەكلىكىنى، قىزى ماھىرەنىڭ نەدە ئىكەنلىكى، ئېرى مەمەت قارىنىڭ قاچانلىققا قويۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى سورىۋىدى، ئاھالىلەر كومىتېتى مۇدىرى ئۇنىڭغا ئالىيىپ قاراپ قويۇپ: ئوغلىڭىز: «پەرىشتىلەر باغچىسى»دا ئوقۇۋاتىدۇ. ئۇنى ھازىرچە ئېلىپ كېتىشىڭىزگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ. ئۇنىڭ ئوقۇش مۇددىتى تېخى توشمىدى. ئۇ تاكى مەكتەپ يېشىغا يەتكۈچە شۇ يەردە ئوقۇشى كېرەك! پەقەت بېرىپ بىر قېتىم كۆرۈشىۋېلىشىڭىزغا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئېرىڭىز مەمەت قارى ھەققىدە تېخى ئۇقتۇرۇش يوق. يەنە بىر نەچچە كۈنلۈك ۋاقتى بار ئىكەن. قىزىڭىز ماھىرەنىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى بىز بىلمەيمىز. سىز جاۋاب ساقلاپ تۇرۇڭ، بىز سۈرۈشتۈرۈپ، ئاندىن سىزگە خەۋەر قىلىمىز-دەپ، ئۇنى ھەيدىگەندەك قىلىپ سىرتقا چىقىرىۋەتتى.
ئارزۇگۈلنىڭ قەلبى ئىنتايىن ئازابلانماقتا ئىدى. ئۇ، «كەسپىي قايتا تەربىيەلەش مەركىزى»دىن قويۇپ بەرگىلى بىر ھەپتىدىن ئاشقان بولسىمۇ، كىچىك قىزى مۇنەۋۋەردىن باشقا ئائىلە ئەزالىرىنى كۆرەلمەيۋاتاتتى. ئوغلى شىرئەلىنى بەكمۇ كۆرگۈسى كەلگەن ئىدى. ئۇنىڭ كاللىسىغا يەنە خىيال كىرىۋالدى: «تېخى ئىككى ياشقا توشمىغان ۋاقىتتىلا، ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىۋېتىلگەن بالام ھازىر نېمە بولۇپ كەتكەندۇ؟ قانچىلىك چوڭ بولغاندۇ؟ بىزنى ئۇنتۇپ كەتكەنمىدۇ؟ تېخى ئۇنىڭغا ئانا تىلى چىقىپ بولالمىغان ئىدى. پەرىشتىلەر باغچىسىدا-ئانا تىلىدا سۆزلەش ئىمكانىيىتى يوق!دەپ، ئاڭلىغان ئىدىم. بەلكى، ئۇنىڭغا: بىزگە يات بولغان دۆلەت تىلى چىقىپ، ئانا تىلىنى ئۇنتۇپ كەتكەن بولسا قانداقمۇ گەپلىشەرمەن؟ ئاھ خۇدا، مەزلۇملارغا ئۆزۈڭ رەھىم قىلغايسەن!»
ئەمدى ئارزۇگۈل قىلىۋاتقان خىياللىرىنى توختىتىپ، بىر بېسىپ، ئىككى بېسىپ دېگۈدەك، ئوغلى شىرئەلى ئوقۇۋاتقان. ئاتالمىش!« پەرىشتىلەر باغچىسى»نىڭ ئالدىغا كەلدى. ئۇ يەردە خىتاي مىللىتىدىن بولغان بىر كىشى كۆزەتچىلىك قىلىۋاتقان بولۇپ، ئارزۇگۈلنى كۆرۈپلا، ئۇنىڭ ئالدىنى توسۇپ: نېمىشقا كەلدىڭ، بۇ يەردە نېمە ئىشىڭ بار؟-دەپ، ۋارقىرىدى. ئارزۇگۈل ئۆزىنىڭ ئوغلىنىڭ مۇشۇ يەردە ئىكەنلىكىنى، ئۇنى كۆرۈشكە ئاھالىلەر كومىتېتىدىن رۇخسەت ئالغانلىقىنى ئېيتىۋىدى، ئۇ خىتاي گېلىنى قىرىپ: ئەييا، ئەييا!-دەپ، ۋايساپ قويغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا: سەن مۇشۇ يەردە ساقلاپ تۇر! دەپ، ئىچىگە كىرىپ كېتىپ، بىر ئاش پىشما ۋاقىتتىن كېيىن، بىر تەتەي ئايال بىلەن بىر ئوغۇل بالىنى يېتىلەپ چىقتى. ئۇ ئوغلىنى تونۇدى. ئۇ بالا-ئارزۇگۈلنىڭ ئوغلى شىرئەلى ئىدى. ئۇ خېلىلا بوي تارتىپ چوڭ بولۇپ قالغان بولۇپ، ئاتىسىغا ئوخشايدىغان قاپقارا قاشلىرى، قاڭشارلىق بۇرنى، ئانىسىغا ئوخشايدىغان ئاپئاق تېرىسى، بوتا كۆزى: «مانا مەن سىزنىڭ ئوغلىڭىز شىرئەلى»دېگەننى بىلدۈرۈۋاتاتتى.
-ئوغلۇم، مېنى تونۇدىڭىزمۇ؟-دەپ، ئۇنىڭ ئالدىغا ئىككى قولىنى ئېچىپ كېلىپ، قۇچاقلىماقچى بولۇپ كېلىۋىدى، شىرئەلى ھېچقانداق ھېسسىيات ئىپادىسى كۆرسەتمەستىن، جايىدا جىمجىت، بۇتتەك قارىغانچە تۇراتتى. ئارزۇگۈل يەنە گېپىمنى ئۇقالمىغان ئوخشايدۇ دەپ، مەن ئانىڭىز ئارزۇگۈل. سىز مېنىڭ ئوغلۇم شىرئەلى! بۇياققا كېلىڭ!-دېدى، ئەمما شىرئەلى يەنىلا جايىدا مىدىر-سىدىر، قىلماي جىم تۇرۇۋەردى. قارىغاندا، ئۇ ئۇيغۇرچىنى چۈشەنمىگەن بولۇپ، ئانىسى ئارزۇگۈلنىمۇ تونۇمايۋاتقاندەك قىلاتتى. ئارزۇگۈل ئۈچىنچى قېتىم ئېغىز ئاچتى: شىرئەلى ئوغلۇم!-مەن ئانىڭىز بولىمەن. سىز مېنىڭ ئوغلۇم شىرئەلىغۇ؟ مېنى تونۇمىدىڭىزمۇ؟
شىرئەلى ئەمدى ئۇياق-بۇياققا قاراپ، كاللىسىغا كەلگەن ھېسسىياتىنى بىلدۈرگەندەك قىلىپ، بىردە ئانىسىغا، بىردە يېنىدا تۇرغان ئوقۇتقۇچىسىغا قاراپ، ئاندىن ئېغىزى ئاچتى:( ۋو بۇ رېن شى نى ) مەن سېنى تونۇمىدىم.
– تونۇمىدىم؟ ئارزۇگۈل ھاڭ-تاڭ بولغانچە، پاڭڭىدە يىغلىۋەتتى. ئۇنىڭ قەلبى ئازابتىن ئۆرتىنىپ، قاتتىق ئاغرىماقتا ئىدى. ئۇ شۇ چاغدا خىيالىدا مۇنداق قىلماقچى بولغان ئىدى: «ئوغلىنىڭ ئالدىغا بېرىپ يۈرىكىنى يېرىپ كۆرسەتمەكچى، قېنىنى ئېقىتىپ، ئۇنىڭغا يېقىن ئەكېلىپ پۇراتماقچى، شۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ، ئۇنىڭ ئۆز ئانىسى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىماقچى ئىدى». ئۇ شۇ خىيالدا ئوغلى تەرەپكە قاراپ مېڭىۋىدى، شىرئەلى كەينىگە داجىپ، ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ئارقىسىغا ئۆتۈۋالدى. شۇ ئەسنادا ئۇ ئوقۇتقۇچى خىتاي تىلىدا گەپ قىلىپ: توختا، بولدى قىل! ئۇ سېنى تونۇمىغاندىن كېيىن، سەن ئۇنىڭ ئانىسى بولالمايسەن. ئەمدى ئۇنى بالام دېيىشىڭگە رۇخسەت يوق، بۇ يەردىن كەتكىن! بولمىسا، مەن ساقچى چاقىرىپ: «سېنى بىزنىڭ ئوقۇتۇش ئىشىمىزغا تەسىر يەتكۈزدى» دەپ، ئۇلارغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن. ئۇنىڭغا بىز بۇ يەردە خۇددى ئۆز ئاتا-ئانىسىدەك قاراۋاتىمىز، سەن ئۇنى يەنىلا بالام دەپ قارايدىغانلا بولساڭ، يەنە ئۈچ يىلدىن كېيىن كەلگىن، ئۇ بۇ يەردىكى ئوقۇشىنى تۈگەتكەندە، ئاندىن دۆلەتنىڭ رۇخسىتى بىلەن ئائىلىسىگە قايتسا بولىدۇ.
ئارزۇگۈلگە ئەمدى يەنە ئوغلى ھەققىدە ئېغىز ئېچىش، ئۇنىڭغا ئۆزىنى تونۇتۇش ئۈچۈن بىرەر ئىش قىلىش ئىمكانىيىتى قالمىغان ئىدى. ئۇ ئەمدى ئۈمىدىنى كەلگۈسىگە باغلاپ، ئۆز پۇشتىدىن بولغان ئوغلىغا قايتىدىن ئېرىشىش ئۈچۈن يەنە ئۈچ يىل كۈتۈشى كېرەك ئىدى.
ئەمدى ئارزۇگۈل چوڭ قىزى ماھىرە ئوقۇيدىغان مەكتەپكە كەلدى.
مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدا ياشانغانراق بىر ئەر كىشى بىلەن ئوتتۇرا ياش بىر ئايال كۆزەتچىلىك قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار ئىلگىرى مۇشۇ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان كىشىلەردەك كۆرۈنەتتى. ئارزۇگۈل ئۇلارغا سالام بەرگەندىن كېيىن، قىزىنىڭ مۇشۇ مەكتەپتە ئوقۇيدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكىلى كەلگەنلىكىنى ئېيتىۋىدى، ئايال كۆزەتچى خانىم ئۇنىڭدىن: قىزىڭىزنىڭ ئىسمى نېمە؟ بىز مەكتەپ ئىشخانىسىغا كىرىپ، مۇدىردىن سوراپ باقايلى! ئىلگىرى ئوقۇۋاتقان بالىلارنىڭ ھەممىسى بۇ يەردە يوق، بىر قىسىملىرى قوشماق تۇغقانلىرىغا بېرىۋېتىلگەن. سىزنىڭ قىزىڭىزنىڭمۇ بۇ يەردە بار-يوقلىقىنى بىلمەيمىز، ساقلاپ تۇرۇڭ دەپ، ئىچىگە كىرىپ كەتتى.
كۆزەتچى خادىمنىڭ گېپىنى ئاڭلىغان ئارزۇگۈلنىڭ يۈرىكى قارتتىدە، قىلىپ قالدى. بۇ قانداق گەپ دەپ ئويلىدى ئۇ ئىچىدە: «بىر ئىنساننىڭ بالىسىنى، ئاتا-ئانىسىدىن سورىماي تۇرۇپ، قوشماق تۇغقىنى دەپلا بېرىۋېتىدىغان ئىش بولامدۇ؟ ئۇ بىر ئادەم تۇرسا، ياكى ئېلىپ-ساتىدىغان مال بولمىسا؟ ئەگەر قىزىم ماھىرە شۇنداق تەقدىرگە يولۇقۇپ قالىدىغان بولسا، ئۇنى ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلالمايمەن! ئۇلاردىن قىزىمنى قايتۇرۇپ ئەكېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىمەن ياكى بولمىسا قانداقلا بولمىسۇن، بىر ئاماللارنى قىلىپ، ئۆزۈم ئىزدەپ تېپىپ، قايتۇرۇپ كېلىمەن».
ئارزۇگۈل خىيال دەرياسىغا غەرق بولۇپ مۇڭلىنىپ ئولتۇراتتى. كۆزەتچى خانىم چىقىپ، ئۇنىڭغا شۇم خەۋەر يەتكۈزدى: ئىسمىڭىز نېمە ئىدى؟-دەپ، سورىدى ئۇ ئايال ئارزۇگۈلدىن. ئاندىن كۆڭلى يېرىم ھالدا: ئەپسۇس! سىزگە خوش خەۋەر يەتكۈزەلمىدىم. مەكتەپ مۇدىرى ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن قىزىڭىز ماھىرەنى« قوشماق تۇغقانلىشىش پائالىيىتى»گە قاتناشتۇرغان ئىكەن. قوشماق تۇغقىنى بولغان ۋاڭ ئەپەندى ئۇنى ياقتۇرۇپ قېلىپ، ئۆزىگە بالا قىلىۋېلىشنى ئىلتىماس قىلغان چېغى، ئۇنىڭ ئىلتىماسى تەستىقلىنىپ، ۋاڭ ئەپەندىگە بالا قىلىپ بېرىلىۋېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ماھىرەنى ئۆزىنىڭ يۇرتى شەندۇڭ ئۆلكىسىگە ئېلىپ كېتىپتۇ.
ئارزۇگۈل بۇ شۇم خەۋەرنى ئاڭلاپ بېشى قايغاندەك بولۇپ، يەرگە يېقىلىپ چۈشكىلى تاسلا قالدى. ئۇنىڭغا پۈتۈن يەر شارى چۆرگۈلەۋاتقاندەك بىلىنىپ كەتتى كەتتى. كۆزى تورلىشىپ، ئاپئاق، ئاپئاق ئۇچقۇندىلار كۆرۈلۈشكە باشلىدى. ئۇ جايىدىلا ئولتۇرۇپ قالدى. شۇ ئەسنادا كۆزەتكۈچى خانىم ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ: ئارزۇگۈل ئورنىڭىزدا تۇرۇڭ، بۇ يەردە بىزنى ئۇزاق كاشىلا قىلسىڭىز بولمايدۇ! سىز ئەمدى بۇ يەردىن كېتىڭ!بولمىسا مەكتەپ ئىچىدىكى خىزمەتچىلەر، بىزنىڭ سىز بىللە تۇرغانلىقىمىزنى كۆرۈپ قالسا، كېيىن بىزگە ياخشى بولمايدۇ!-دېدى ئۆتۈنۈش بىلەن.
ئەمدى ئارزۇگۈل بۇ يەردىن كەتمىسە بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، بىر بېسىپ، ئىككى بېسىپ، يول ياقىسىنى بويلاپ مېڭىشقا باشلىدى. ئۇ نەگە بېرىپ، نەدە تۇرۇشنىمۇ بىلەلمەيۋاتاتتى. شۇ ئەسنادا يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بىر ھارۋىكەش ئارزۇگۈلنىڭ بۇ ھالىنى كۆرۈپ، ئۇنى چاقىرىپ ھارۋىسىغا چىقىرىۋالدى. بىردەم ماڭغاندىن كېيىن، ھېلىغىچە گەپ قىلمايۋاتقان ئارزۇگۈلگە قاراپ ھەيران بولغان ھارۋىكەش:
-خېنىم، نەگە باراتتىلە؟ ئۆيلىرى قەيەردە؟ يېزا مەركىزىگە يېقىنلىشىپ قالدۇق. شۇ يەردە چۈشۈپ قالاملا-ياكى باشقا يەرگە باراتتىلىمۇ؟-دەپ سورىغان ئىدى. ئارزۇگۈل شۇ چاغدىلا ئېسىگە كېلىپ، يېزا مەركىزىدە چۈشۈپ قالىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئارزۇگۈل يېزا مەركىزىدە چۈشۈپ قېلىپ، ئۇدۇل« ئاھالىلەر كومىتېتى»غا كەلدى. ئۇ ئىشخانىدىن كىرىپ ئېسىدە يوق: «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم»دېۋىدى، ھېچكىم ئۇنىڭغا سالام قايتۇرمىدى. شۇ چاغدىلا ئارزۇگۈل بىرئاز ئېسىگە كېلىپ، خىتايچە:( نىن، خاۋ) ياخشىمۇ سىزلەر؟ دەپ، دۆلەت تىلىدا سالام بېرىۋىدى. باشقىلار ئۇنىڭدىن كېيىن، سالام قايتۇردى.
-ھە-ئە، بىز ياخشى، نېمە ئىشىڭىز بار ئىدى؟-دەپ سورىدى ياشانغانراق بىر خىزمەتچى ئارزۇگۈلنى تونۇپ، – ئېرىڭىز مەمەت قارىنىڭ ئىشى ئۈچۈن كەلدىڭىزمۇ؟
-ھە-ئە، شۇ ئىش ئۈچۈن، بۈگۈن مەمەت قارىنىڭ ۋاقتى توشاتتى. ئۇ قويۇپ بېرىلگەن بولۇشى مۇمكىنمىدۇ؟-مەن ئالدىغا بېرىپ، ئۇنى ئېلىۋالاي دېگەن ئىدىم.
ئۇ خىزمەتچى ئايال چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ: مانا! ھېلىلا« كەسپىي قايتا تەربىيەلەش مەركىزى»دىن ئۇقتۇرۇش كەلدى. ئېرىڭىز مەمەت قارى ئۇ يەردە ياخشى ئوقۇماپتۇ، دۆلەت تىلى ۋە قانۇنلىرىنى ياخشى ئۆگەنمەپتۇ. ئىدىيە جەھەتتىن ئۆزگىرىش ئىپادىسى ياخشى بولماپتۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ بۇ يىل ئىككى يىللىق ۋاقتى توشقان بولسىمۇ، قويۇپ بېرىلمەيدىكەن. ئۇ ئەمدى ئىدىيەسى ئۆزگەرمىگەن جاھىل ئۇنسۇرلار قاتارىدا، ئۈرۈمچىدە قۇرۇلغان بىر نان زاۋۇتىغا ئىشلەش ئۈچۈن ئۈچۈن ئەۋەتىلىپتۇ. ئۇنىڭغا قارىغاندا سىز تەلەيلىك ئىكەنسىز! ئۆزىڭىزنىڭ ئىلگىرىكى خاتالىقىنى تونۇپ، ياخشى ئۆزگەرگەنلىكىڭىز ئۈچۈن مانا بىزنىڭ يېنىمىزدا تۇرۇۋاتىسىز، ئەمدى ئېرىڭىز يەنە ئىككى يىلغىچە ئۆيگە قايتىپ كېلەلمەيدۇ. ئەڭ ئاز ئىككى يىل ئىشلەپ، شۇ جەريانىدا قوشۇمچە ئوقۇپ، « ئەسەبىي ئىدىيە»سىنى ئۆزگەرتىشى كېرەك! بولمىسا، ئۇزاق مۇددەتلىك كېسىلىپ كېتىشى مۇمكىن.
ئارزۇگۈل بۇ گەپنى ئاڭلاپ، يۈرىكى گۈپۈلدەپ سوقۇپ كەتتى. ئەمدى ئۇ، ئۆز ئېرىنى، بالىلىرىنىڭ مېھرىبان ئاتىسىنى كۆرەلمەيدىغانلىقىنى ئويلاپ، يەنە ئازابلاندى. شۇ تاپتا ئۇ: «ئاھ خۇدا، ئاھ خۇدا!دەپ، ئاللاھقا ئىلتىجا قىلماقتا ئىدى: بىز مەزلۇملارغا ئۆزۈڭ باش پاناھ بولغايسەن! بىزنىڭ يىلتىزىمىز بولغان ئائىلىمىزنى ۋەيران قىلمىغايسەن! ئەۋلادىمىز بولغان پەرزەنتلىرىمىزنى ئۆزىمىزگە قايتۇرۇپ بەرگەيسەن! سەن ھەممىنى كۆرۈپ ۋە بىلىپ تۇرغۇچىسەن! بۇ زالىملارنىڭ بىزگە قىلمىغانلىرى قالمايۋاتىدۇ. ئائىلىمىزنى ۋەيران قىلدى. ئوماق پەرزەنتلىرىمىزنى بىزدىن ئايرىۋەتتى. ئۇلارنى دىنسىز-كىملىكسىز ئىنسانغا ئايلاندۇرۇپ، مىللىي روھىنى ۋە ئىنسانلىق ھوقۇقىنى تارتىپ ئېلىۋالماقچى بولۇۋاتىدۇ. سەن بۇنىڭغا يول قويمىغايسەن. شۇ زالىملارنى ئۆزۈڭ يەر بىلەن يەكسان قىلغايسەن! ئامىن، ئاللاھۇ ئەكبەر»!
ئارزۇگۈل ئەمدى ئۆزىنى ھەممە نېمىسىنى يوقاتقاندەك، توپتىن ئايرىلىپ قالغان يالغۇز بىر قۇشتەك ھېس قىلىشقا باشلىدى. ئۇنىڭ دەردىگە يېتىدىغان ھېچكىم قالمىغان ئىدى. ئاتا-ئانىسىنىڭ، ئۆزىنىڭ ئاتالمىش!«كەسپىي قايتا تەربىيەلەش مەركىزى»دىكى تۇتقۇنلۇق ۋاقتىدا ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى ئويلىسا، تېخىمۇ بەك ئازابلىناتتى. ئۇ ھازىر ئاتا-ئانىسىنىڭ تۇپراق بېشىنىڭ نەدە ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەيتتى: «ئۇنى چوقۇم مەھەللە ئىچىدە، ئۆزۈم ئىزدەپ تاپالايمەن. مەن چوقۇم تۇپراق بېشىغا بېرىپ ئۇلار ئۈچۈن بىر دۇئا قىلىۋېلىشىم، ئۇلارنىڭ روھىغا دۇئا قىلىپ، پەرزەنتلىرىم ۋە ئۇنىڭ ئاتىسى مەمەت قارىنىڭ ئائىلىمىزگە قايتىپ كېلىشى ئۈچۈن مەدەت ئېلىشىم كېرەك!» دەپ ئويلايتتى.
ئۇ ئاھالىلەر كومىتېتىدىن ئايرىلىپ، ئۇدۇل دوختۇرخانىدا قالغان قىزى مۇنەۋۋەرنىڭ يېنىغا كەلدى. مۇنەۋۋەر ئاپىسىنى كۆرۈپ، بەكمۇ خۇشال بولۇپ، ئۇنىڭ بوينىغا ئېسىلىپ سۆيۈپ كەتتى.
-ئاپا، ھېلىمۇ سىز ھايات ئىكەنسىز، مەن بۇنىڭدىن بەكمۇ خۇشال بولدۇم!- دېدى مۇنەۋۋەر ئاران تەستە ئۇيغۇرچە كەلىمىلەرنى دۇدۇقلاپ تۇرۇپ-ئەمدى مېنى ئۆيگە ئېلىپ كېتەمسىز؟ ئاتام قاچانلىققا كېلىدۇ؟ ناۋايخانىنى ئېچىۋاتامدۇ؟ ئاچام قەيەردە؟ ئۇكام شىرئەلى خېلى چوڭ بولۇپ قالدىمۇ؟
ئارزۇگۈل سەبىي قىزىنىڭ سوئالىغا نېمە دەپ جاۋاب بېرىشنى بىلەلمەي، بىر ھازا تۇرۇپ قالدى. كۆڭلى يېرىم بولۇپ كۆزىگە ياش كەلدى. ئۇ ئۆزىنى ئاران -ئاران تۇتۇۋالدى-دە، غەيرەت قىلىپ، قىزىنىڭ بېشىنى سىلاپ تۇرۇپ:
-قىزىم! مېنىڭ سىزنى ھازىرلا ئۆيگە ئېلىپ كەتكۈم بار، سىزدىن بىر دەقىقىمۇ ئايرىلغۇم يوق! ئەمما، سىز ئوقۇۋاتقان« پەرىشتىلەر باغچىسى»دىن، ئاندىن ئۇلارنى باشقۇرۇۋاتقان ھۆكۈمەتتىن رۇخسەت ئېلىشىمىز كېرەك ئىكەن. بولمىسا، سىزنى: «ئوقۇش تاشلاپ، ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلدى» دەپ جازالايدىكەن. شۇڭا ئۇلاردىن رۇخسەت سوراپ باقاي قىزىم! بولمىسا، توغرا بولمايدىكەن، ماقۇلمۇ؟-دېدى
-ماقۇل، ئاپا!سىز نېمە دېسىڭىز-شۇ بولسۇن!-دېدى مۇنەۋۋەر، ئاندىن ئاپىسىغا قاراپ كۈلۈمسىرەپ قويدى.
ئاھ، ئانىلىق مېھرى! سەن نېمە دېگەن ئۇلۇغ-ھە! پەرزەنتلەر ئۈچۈن سەن بىر روھى ئوزۇقسەن! ئۇنىڭغا خۇشاللىق ئېلىپ كەلگۈچى، مەنىۋى قۇدرەتسەن! سەن بولمىساڭ پەرزەنتنىڭ يۈزى كۈلمەيدۇ. قورسىقى تويمايدۇ. بەدىنى ئىسسىمايدۇ. سېنىڭ ئىشقىڭ، پەرزەنتىڭگە بولغان مېھرىڭ-ئاللاھ تەرىپىدىن قەلبىڭگە سىڭدۈرۈلگەندۇر. بۇ قەلب گويا بىر ئاتەشتۇر، ئۇ پەرزەنتى ئۈچۈن يېنىپ كۈل بولۇشقا رازىكى، ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قېلىشنى خالىمايدۇ. ئاھ، ئانىلىق مېھرى! سېنىڭ مۇقەددەسلىكىڭگە، ھېچنېمە توغرا كەلمەيدۇ. سەن پەرزەنتنىڭ ئاپىرىدە بولۇش ئۈچۈن ئاللاھ تەرىپىدىن بېرىلگەن مۇقەددەس روھسەن! شۇنىڭ ئۈچۈن بىر پەرزەنتكە نىسبەتەن ئېيتقان چاغدا ئاللاھتىن قالسىلا، سەن ئەڭ قۇدرەتلىكسەن!ئۇلۇغ سەن! ئاللاھ پەرزەنتلەرنى سېنىڭدىن مەھرۇم قېلىشتىن ساقلىسۇن!
ئارزۇگۈل سېسترانى ئىزدەپ تېپىپ، قىزى مۇنەۋۋەرنىڭ ئارزۇسىنى يەتكۈزدى. سېسترا قىز بولسا، بۇ ئىشنى ئۆزى قىلالمايدىغانلىقىنى، ئۇنى بۆلۈم باشلىقىغا دوكلات قىلىپ سوراپ بېقىشنى ئېيتتى ھەمدە ساقلاپ تۇرۇڭلار، مەن ھايال بولماي كېلىمەن!-دەپ، يۇقىرى قەۋەتكە چىقىپ كەتتى. ئارىدىن چارەك سائەت ئۆتمەيلا، سېسترا قىز چۈشۈپ: بۆلۈم باشلىقىمىز، ئاھالىلەر كومىتېتىغا خەۋەر بەردى. ئۇلار ھازىر سىلەر بىلەن سۆزلەشكىلى كېلىدىكەن-دەپ، بىر خىل مەيۈس ھالدا ئۇلارغا خەۋەر يەتكۈزۈپ، ئىشخانىسىغا كىرىپ كەتتى.
دېگەندەك، ئۇزاق قالمايلا ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ بىر خىزمەتچىسى، يېنىدا بىر قوراللىق ساقچىنى ئېلىپ يېتىپ كەلدى. «ئاھالىلەر كومىتېتى»نىڭ خىزمەتچىسى سالام قىلىشنىمۇ بىلمەيدىغان مۇردىدەك بىرسى بولۇپ، تۇرقىدىن كىبىرلىكى، مانا مەن دەپلا چىقىپ تۇراتتى. ئۇ ئارزۇگۈلگە خۇددى ۋارقىرىغاندەك يۇقىرى ئاۋازدا مۇنداق دېدى:
-قىزىمنى ئېلىپ كېتىمەن دەپسىزغۇ؟ بۇ ھەددىڭىز ئەمەس، دۆلەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە قىزىڭىز: «پەرىشتىلەر باغچىسى»دىكى ئوقۇشنى تاماملىشى، ئۇ يەردە دۆلەت تىلى ئۆگىنىپ، دۆلەت تىلىدا راۋان سۆزلىيەلەيدىغان ۋە ئوقۇيالايدىغان بولۇشى كېرەك! شۇندىلا قىزىڭىزنىڭ كەلگۈسى بەختى ئېچىلىدۇ. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ياراملىق بىر ئەزاسى بولالايدۇ. بۇنىڭغا ھېچكىمنىڭ قارشى چىقىشىغا بولمايدۇ.
-شۇ خاپا بولۇشمىغايلا! قىزىم ھازىر ئاغرىق بولغاندىن كېيىن، ئەتىگەنلىكى مەن ئاپىرىپ قويسام، كەچتە ئۆيگە قايتىپ كەلسە، كېسىلى تېخىمۇ ياخشى بولۇپ كېتەرمىكىن؟-دەپ ئويلىغان ئىدىم.
-ياق، بولمايدۇ!-دېدى ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ خادىمى يەنە كۆرەڭلىك بىلەن-مانا قىزىڭىز خېلى ياخشى بولۇپ قاپتۇ. ئۇنىڭ ھايات-ماماتى بىزنىڭ ئىلىكىمىزدە. ئاغرىپ قالسا، سىز كۆرگەندەك دوختۇرخانىغا ئۆزىمىز ئاپىرىپ قويىمىز. سىز دۆلەتنىڭ سىياسىتىگە قارشى چىقسىڭىز بولمايدۇ!
-مەن دۆلەتنىڭ سىياسىتىگە قارشى چىقماقچى ئەمەسمەن. ئەمما، قىزىم ئۇ يەردە قورسىقى تويغۇدەك تاماق يېيەلمەپتۇ، تاماققا كۆنەلمىگەن ئوخشايدۇ. كىيىمى يېلىڭ قىلىپتۇ، تېخى ياز كىرمىدى. مەن ئۆزۈم بىرەر قۇر پاختىلىق كىيىم تىكىپ بېرەي!-دېگەن ئىدىم.
-قۇرۇق گەپ قىلماڭ! بىز ئۇ يەردە بالىلارغا ھەر كۈنى گۈرۈچ شورپىسى، ھورنان دېگەندەك تاماقلارنى بېرىمىز، ھەتتا بەزىدە بېلىق قاتارلىق دېڭىز مەھسۇلاتلىرىدىمۇ تاماق قىلىپ بېرىدىغان ۋاقىتلارمۇ بولىدۇ. گۇناھ ئۆزىڭىزنىڭ قىزىڭىزدا، بەزى بالىلار ھازىرغىچە كاللىسىدا جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلالمايۋاتىدۇ. تاماقنى ھاراممۇ-ھالالمۇ؟-دەپ، شۈبھىلىنىپ كېلىۋاتقان بالىلارمۇ بار. ئۇنداقلاردىن نەچچىسى ئاچ قېلىپ ئۆلدى. بەلكى، سىزنىڭ قىزىڭىزمۇ ئاشۇنداق شۈبھىدە بولغانلارنىڭ بىرى بولۇشى مۇمكىن! سىز ئۇنىڭغا تەربىيە قىلىپ قويۇڭ! بولمىسا، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىدىن ياخشى ئوزۇق ئالالماي، كاللىسى ئېچىلمايدۇ. بىز ئۇنداق بالىلارنى ياخشى كۆرمەيمىز. ئەكېلىڭ بالىڭىزنى، بىز ھازىرلا ئۇنى «پەرىشتىلەر باغچىسى»غا ئېلىپ كەتمىسەك بولمايدۇ!-دېگىنىچە كېلىپ، قوپاللىق بىلەن مۇنەۋۋەرنى ئارزۇگۈلنىڭ قولىدىن تارتىپ ئالماقچى بولۇۋىدى، ئارزۇگۈل قىزىنى چىڭ قۇچاقلىۋېلىپ:قىزىم كېسەل ئىكەن. ئۇنىڭغا رەھىم قىلىڭلا! مەن ئۇنى بىر كۈن بولسىمۇ بېقىۋالاي!دەپ، يېلىنىپ باقتى.
-بولمايدۇ!-دېدى ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ خادىمى-قىزىڭىز بىزنىڭ كۆيۈمچان دوختۇرلىرىمىزنىڭ داۋالىشى بىلەن ساقايدى. ئارتۇق گەپ قىلماڭ، سىزنىڭ ئەمدى بۇ يەردە ئىشىڭىز تۈگىدى-دېدى ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ خادىمى، ئاندىن ئۆزى بىلەن بىللە كەلگەن ساقچىغا بۇيرۇق قىلىۋىدى، ئۇ ساقچى كېلىپ، مۇنەۋۋەرنى ئارزۇگۈلنىڭ قۇچىقىدىن تارتىپ ئېلىپ سۆرەشكە باشلىدى. مۇنەۋۋەر بار كۈچى بىلەن ئۇلارغا قارشىلىق قىلماقتا ئىدى. يىغلايتتى، ۋارقىرايتتى :
-جېنىم ئاپا، مېنى ئۆيگە ئېلىپ كېتىڭ؟ مەن «پەرىشتىلەر باغچىسى»غا بارمايمەن! ئۇلار مېنى ئۇردى، تىللىدى. قورسىقىمغا تويغۇدەك تاماق بەرمىدى. مەن ئۇلارنى ياخشى كۆرمەيمەن. جېنىم ئاپا! مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن، مېنى ئۆيگە ئېلىپ كېتىڭچۇ؟
ئارزۇگۈل، قىزى مۇنەۋۋەرنىڭ نالىسىغا چىدىمايۋاتاتتى. كۆزىگە لىققىدە ياش كەلدى. ئۇنىڭمۇ ۋارقىراپ، توۋلاپ باققۇسى كەلدى. ئەمما چوڭ بىر ئادەم بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇنداق قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايۋاتاتتى. ئۇ ئاھالىلەر كومىتېتى خادىمى بىلەن يەنە جېدەللەشمەكچى بولدى-يۇ، ئۇ نىيىتىدىن دەرھال ياندى. ئۇلارغا جېدەللىشىش تۈگۈل، ھەق-ئادالەتنى سۆزلەشمۇ ئاقمايدىغان بىر ئىش ئىدى. شۇڭا ئۇ، ئاچچىقىنى بېسىۋالمىسا بولمايتتى.
ئارزۇگۈل چىشنى-چىشلەپ تۇرۇپ، ئاھالىلەر كومىتېتى خادىملىرىغا ئاخىرقى قېتىم يالۋۇرۇپ باقماقچى بولۇپ ئېغىز ئاچتى: قىزىم تېخى كىچىك، ھېچنېمىنى چۈشەنمەيدۇ. ئۇنىڭغا رەھىم قىلساڭلار! مەن ئۆيگە ئېلىپ كېتىپ تېخىمۇ ياخشى بولغاندىن كېيىن، قايتۇرۇپ ئەكېلىپ بېرىمەن. ئارىلىقتا ئۇنىڭغا ئىدىيەۋى خىزمەت ئىشلەپ، تەربىيە ئېلىپ بارسام تېخىمۇ ياخشى بولمامدۇ؟
-ياق، بولمايدۇ-دەپ، قوپاللىق بىلەن ۋارقىرىدى ئاھالىلەر كومىتېتى خادىمى ئۇنىڭغا يەنە، شۇ ئەسنادا ھېلىقى ساقچى مۇنەۋۋەرنىڭ قولىدىن تارتىپ ئېلىپ ماڭماقچى بولدى، ئەمما، مۇنەۋۋەر يەنىلا قارشىلىق قىلىپ، ئارقىسىغا تىرەجەپ، ئانىسىغا يالۋۇراتتى: «ئاپا! مېنى ئۆيىمىزگە ئېلىپ كېتىڭ، مەن پەرىشتىلەر باغچىسىغا بارمايمەن!»
ئارزۇگۈل كۆزىدىكى ياشنى سۈرتۈۋېتىپ، مۇنەۋۋەرگە يېقىنلاپ كەلدى-دە، ئۇنىڭ يۈزىگە سۆيۈپ تۇرۇپ، قۇلىقىغا پىچىرلىدى: قىزىم! ئەمدى بولدى قىلىڭ، سىز: «پەرىشتىلەر باغچىسى»غا بېرىپ تۇرۇڭ، بولمىسا ئىككىلىمىزلا خاتالىق ئۆتكۈزگەن بولىمىز. مەن ئاچىڭىزنى ئېلىپ كېلىشىم كېرەك! ئۇ بىزدىن بەكلا يىراق يەرگە ئېلىپ كېتىلىپتۇ، ناۋادا مەن ئۇنى ئىزدەپ-تېپىپ، قايتۇرۇپ كەلمىسەم؟ ئۇنى مەڭگۈلۈككە يوقۇتۇپ قويۇشىمىز مۇمكىن! ئەمدى چۈشەندىڭىزمۇ قىزىم؟ ئوماق قىزىم، بىر مەزگىل چىداڭ! مەن سىزنى يەنە يوقلاپ كېلىمەن. «پەرىشتىلەر باغچىسى»دىكى ئوقۇشىڭىز تۈگىگەندىن كېيىن، مەن سىزنى ئۆيگە قايتۇرۇپ ئېلىپ كېلىمەن. بولامدۇ قىزىم؟شۇنىڭدىن كېيىن، مۇنەۋۋەرنىڭ يىغىسى بېسىقتى. ئۇ ئەمدى ئانىسىنىڭ ئۆتۈنۈشىدىن بەزى نەرسىلەرنى چۈشەنگەندەك بولۇپ، خۇددى ئانىسىنىڭ دەردىگە يەتمەكچى بولغاندەك بىردىنلا ئېغىزى ئاچتى:
– ئاپا، سىز ئاچامنى ئېلىپ كېلىڭ! ئاچامنى بەك كۆرگۈم كەلدى. مەن سىلەرنى ساقلايمەن. ئۇنىڭدىن كېيىن مېنىمۇ ئېلىپ كېتىڭ! مەن« پەرىشتىلەر باغچىسى»دا تۇرۇشنى خالىمايمەن. جېنىم ئاپا، چوقۇم مېنى ئېلىپ كېتىڭ!
– ماقۇل، جېنىم قىزىم! مەن سىز ئۈچۈن ھەر قانداق ئىشنى قىلىشقا تەييار، ھەتتا جېنىمنىمۇ پىدا قىلىشقا رازىمەن قىزىم! مەندىن خاتىرجەم بولۇڭ، مەن سىزنى چوقۇم ئۇ يەردىن ئېلىپ كېتىمەن. ئاچىڭىزنىمۇ، كېيىن ئۇكىڭىزنىمۇ قايتۇرۇپ كېلىمىز! ئاخىرىدا ئاتىڭىزمۇ قايتىپ كېلىدۇ. بىز چوقۇم ھەممىمىز بىر يەرگە جەم بولىمىز!
مانا بۇ ئارزۇگۈلنىڭ قىزى مۇنەۋۋەرگە قىلغان ئاخىرقى يۈرەك سۆزى ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن مۇنەۋۋەرنى، ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ خادىمى بىلەن ئۇنىڭ بىلەن بىللە كەلگەن ساقچى: «ماڭ دېسە، ماڭ!»-دەپ، مەجبۇرى ھالدا ئېلىپ كېتىشتى.
ئارزۇگۈلنىڭ كۆڭلى ئىنتايىن يېرىم ئىدى. ئۇ ئۆيىگە قايتىپ كېلىپ، ئۆزىنى تېخىمۇ يالغۇز ھېس قىلىشقا باشلىدى. يېنىدا ھېچكىم يوق ئىدى. ئاھ، خۇدا! دۇنيادا يالغۇزلۇقتىنمۇ يامان ئىش بولامدۇ؟ ئۇ ئۆز – ئۆزىگە سوئال قويۇپ، يەنە ئۆزى جاۋاب بېرىۋاتاتتى: «شۇنداق! يالغۇزلۇق ئىنسانغا يارىشىدىغان ئىش ئەمەس، ئاللاھ ئىنساننى جۈپتى بىلەن ياراتقان، ئاللاھ ئاۋۋال ئادەم ئاتىمىزنى ياراتقاندىن كېيىن، بىر-بىرىگە كۆڭلى يېقىن بولسۇن دەپ، ئۇنىڭ يۈرىكىگە ئەڭ يېقىن بولغان قوۋۇرغىسىدىن سۇندۇرۇپ ئېلىپ، ھاۋا ئانىمىزنى يارىتىپ، ئۇلارنى يالغۇزلۇقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، بىر جۈپ بولۇپ ياشاشقا نائىل قىلغان ئىكەن. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇلارغا پەرزەنت ئاتا قىلغان. پەرزەنتلەر ئاتا-ئانىسىنىڭ چەكسىز مېھىر بېرىپ، بارلىقىنى قۇربان قىلىپ، پەرۋىش قىلىپ بېقىشىنىڭ نەتىجىسىدە چوڭ بولۇپ، قاتارغا قوشۇلغان. كېيىن ئۇلار، چوڭلارنى بېقىپ ھەم ئۆز ئەۋلادلىرىنى كۆپەيتىپ، ئىناق ئائىلە ۋە ئورتاق بىر جەمئىيەتنى شەكىللەندۈرگەن، مانا بۇ-ئاللاھنىڭ ئادەمنى يالغۇز ياشاشقا ھارام قىلغانلىقىنىڭ ھېكمىتىدۇر. ئەي ئۇلۇغ، مېھرىبان ئاللاھ!مەن مۇشۇ ھېكمىتىڭگە ئىشىنىمەن، شۇ ھېكمىتىڭنى مەندەك بىر يالغۇز قالغان مەزلۇم بەندەڭگىمۇ كۆرسەتكەيسەن! مېنى يالغۇز قويمىغايسەن، پۈتۈن ئائىلىمىزنىڭ جەم بولۇشىغا ئۆزۈڭ ياردەمچى بولغايسەن، ئامىن!»
يالغۇزلۇقتىنمۇ قانداق؟ ئارزۇگۈل كېچىچە قالايمىقان چۈش كۆرۈپ، ياخشى ئۇخلىيالمىدى. ئۇ چۈشىدە: «ئاق روماللىق بىر ئايالنىڭ ئۆزىنى چاقىرىپ: قىزىم! بىزنى يالغۇز تاشلاپ قويدىڭىز، يوقلاپ كەلمىدىڭىز؟ بىز سىزنىڭ دۇئايىڭىزغا موھتاج!» دەۋاتقان بىر خىل ئاۋازنى ئاڭلىغاندەك بولدى.
بۇ ئۇنىڭ ئاخشام يالغۇزلۇق ھېس قىلىپ، ئۇزاققىچە ئۇخلىيالماي، كېيىن سەھەر ۋاقتىدا قاتتىق ئۇخلاپ كېتىپ، كۆرگەن چۈشى ئىدى. ئۇ خوراز چىللىشى بىلەنلا ئويغىنىپ كېتىپ، كۆرگەن چۈشىنى ئەسلىدى. چۈشىدىكى ئاق روماللىق ئايالنىڭ-ئۆزىنىڭ ئانىسى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلدى-دە، چىراغنىمۇ ياقماستىن، يوشۇرۇن تەرەت ئېلىپ، ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇدى. ئۇنىڭدىن كېيىن، ئۆزى بىلگەن بىر مۇنچە ئايەتلەرنى ئوقۇپ، ئاتىسى ۋە ئانىسىنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا قىلدى.
ئارزۇگۈل ئانىسىنى چۈشىدە كۆرگەنلىكىدىن بەكمۇ خۇشال بولدى. ئۇ خىيالىدا: «ئانامنىڭ روھى مېنى يۆلەيدىغان ئوخشايدۇ! مەن ئەمدى ئۇنىڭ تۇپراق بېشىغا بېرىپ، ئانامنىڭ قەبرىسىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەچ، دۇئا قىلىپ كېلەي!»دەپ، ئويلىدى-دە، ئاتا-ئانىسى تۇرغان لەڭگەر كەنتىگە يېتىپ كېلىپ، ئانىسىنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى قىلغان بولۇشى مۇمكىن! دەپ تەخمىن قىلغان، ئۇلارنىڭ ئۆيىگە ئىككى ئۆي ئارىلىقتىكى قوشنا ئۆيدە ئولتۇرىدىغان زورىخان ئىسىملىك ئايالنى ئىزدەپ تېپىپ، ئۇنىڭدىن ئانىسىنىڭ قەبرىسىنىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى سورىۋىدى، ئۇ ئايال ئېنىق بەلگىسى بىلەن رەھمەتلىك سارىخان موماينىڭ قەبرىسىنىڭ ئورنىنى دەپ بەردى.
ئارزۇگۈل ئەتىگەندىلا قەبرىستانلىققا يېتىپ كېلىپ، يېڭى دۆۋىلەنگەن، تېخى تولۇق قۇرۇپ كەتمىگەن توپىغا ۋە ھېلىقى ئايال دەپ بەرگەن بەلگىگە ئاساسەن ئانىسىنىڭ قەبرىسىنى ئىتتىكلا ئىزدەپ تاپتى. ئۇنىڭ كۆزىدىن تارام -تاراملاپ ياشلار تۆكۈلۈشكە باشلىدى. ئۇ بار ئاۋازى بىلەن ئانىسىغا خىتاب قىلىۋاتاتتى«: ئاھ، ئانا. جېنىم ئانا! مەن سىزنىڭ ئاخىرەتلىكىڭىزگە كېلەلمىدىم، نامىزىڭىزدا يېنىڭىزدا بولالمىدىم، يۈزىڭىزنى كۆرەلمىدىم بەدىنىڭىزگە بىر چۆگۈن سۇ قۇيۇپ يۇيالمىدىم، مېنى كەچۈرگەيسىز ئانا! مەن ئۇ چاغدا قەپەسكە سولاپ قويۇلغان بىر قۇش ئىدىم. سىزنىڭ-ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا كەتكەنلىڭىزنى ماڭا خەۋەر قىلىشمىدى. ئەگەر مېنىڭ خەۋىرىم بولغان بولسا ئىدى، قەپەسنى چېقىپمۇ بولسا كېلەر ئىدىم. مېنى كەچۈرۈڭ جېنىم ئانا! مانا ئەمدى مەن يېنىڭىزدا تۇرۇپتىمەن، مەن سىزنىڭ ياردىمىڭىزگە موھتاج! مەن ئۈچۈن پەرىشتىلەرگە مۇراجىئەت قىلىپ، ئۇلارنى ياردەمگە ئەۋەتىڭ! مەن ئۇلارنىڭ ياردىمىگە موھتاج، بۇ زالىملار مېنىڭ قىزىم ماھىرەنى يوقىتىۋېتىشتى. مەن ئۇنى تاپمىسام بولمايدۇ!».
شۇ ئەسنادا كۆكتىن بىر سادا ياڭرىدى: «ئەي، مەزلۇم ئانا! مانا مەن پەرىشتىلەرنىڭ ۋەكىلى، ئاللاھ سېنىڭ دۇئايىڭنى قوبۇل قىلدى. مەرھۇم ئاناڭ ھازىر جەننەتتە پەرىشتىلەر بىلەن بىللە تۇرۇۋاتىدۇ. ئۇ پەرىشتىلەرگە يالۋۇردى. مانا مەن ئۇلارنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە ساڭا گەپ قىلىۋاتىمەن. سەن قىزىڭنى تاپالايسەن! يولغا چىققىن، بىز ساڭا ھەمراھ بولىمىز»!
ئارزۇگۈل بۇ كۆكتىن كەلگەن سادادىن ناھايىتىمۇ ھاياجانلاندى. ئۇ شۇ تاپتا يەنە، ئاللاھقا نىدا قىلماقتا ئىدى: «ئاھ، خۇدا! مېنىڭ نالەمگە قۇلاق سېلىپ، پەرىشتىلەرگە بۇيرۇق قىلغانلىقىڭدىن بەكمۇ خۇشال بولدۇم. مەن ساڭا قانچىلىك رەھمەت ئېيتساممۇ ئەرزىيدۇ. مەن سېنىڭ رەھىمدىللىكىڭنى كىچىكىمدىن تارتىپ بىلەتتىم. سەن مەرھەمەتلىكلەرنىڭ ئەڭ مەرھەمەتلىكىسەن! مەرھەمىتىڭنى بەندىلىرىڭدىن ئايىمايسەن! مانا سەن ھازىر ماڭىمۇ ئۆز مەرھەمىتىڭنى بېغىشلىدىڭ. مەن ئەمدى قىزىمنى تاپالايدىغانلىقىمغا ئىشىنىمەن. ئاھ، خۇدا! ماڭا يەنىمۇ كۆپ مەرھەمەت ئاتا قىلغايسەن! قىزىمنى، ئېرىمنى، ئوغلۇمنى تېپىشىمغا، ئۇلار بىلەن قايتا جەم بولۇشۇمغا نېسىپ قىلغايسەن، ئامىن!»
مانا! ئارزۇگۈل قىزىنى ئىزدەپ يولغا چىقتى. ئۇنىڭغا پەرىشتىلەر ئارقىلىق ئاللاھ تەرىپىدىن بېشارەت بېرىلگەچكە، بۇ سەپىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىدىغانلىقىغا چەكسىز دەرىجىدە ئىشىنەتتى. ئەلۋەتتە! ئۇنىڭ سەپىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىدىغانلىقىغا ھەركىم ئىشىنىدۇ. ئۇ چوقۇم قىزىنى تاپالايدۇ. چۈنكى ئۇ، بىر مەزلۇم بولۇش سۈپىتى بىلەن ئاللاھنىڭ مەرھەمىتىگە ئېرىشكۈسىدۇر. ئاللاھ! ھەر قاچان مەزلۇملارغا مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر، ئۇلارنىڭ مەدەتكارىدۇر!
10 – باب
مەمەت قارى بىلەن ئارزۇگۈل ئايرىم-ئايرىم ئىككى جايغا قامالغانىدى. ئۇلار بىر-بىرسىنىڭ نەگە قامالغانلىقىنى بىلىشمەيتتى. ئۇنى بىلىش ئىمكانىيىتىمۇ يوق ئىدى. چۈنكى، ئۇلار تۇتقۇن قىلىنغاندىن باشلاپ، بارلىق ئىمكانىيەتتىن مەھرۇم قىلىنغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ گۇندىپايلار سورىغان سوئالغا جاۋاب بېرىشتىن باشقا ھېچقانداق بىر نەرسىنى سوراش ھوقۇقى ياكى ياكى بىلىش ئىمكانىيىتى يوق ئىدى. مەمەت قارىدەك مىليونلىغان تۇتقۇنلار سۇلانغان بۇ ئاتالمىش « كەسپىي قايتا تەربىيەلەش مەركىزى »دە، ئادەمنىڭ-ئادىمىيلىك سالاھىيىتى ئېلىپ تاشلانغان ئىدى. تۇتقۇن قىلىنغان مەزلۇملار، تۇتقۇن قىلغۇچى زالىملار تەرىپىدىن: «ھېچنېمە» قىلىپ قويۇلاتتى.
مەمەت قارى تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن تاكى نەچچە قات دەرۋازا ۋە ئىشىكلەردىن ئۆتكۈزۈۋېلىپ، يەر ئاستىدىكى بىر سوراقخانىغا ئېلىپ كېرىلىپ، ئارقىغا قىلىپ باغلانغان قولى يېشىلىپ، بېشىدىكى قارا خالتا ئېلىۋېتىلىپ، قاتتىق تۆمۈر ئورۇندۇققا ئولتۇرغۇزۇلغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ تۈرمىدەك بىر جايدا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالىدى. ئۇ قاپ-قارا بىر تۆمۈر ئورۇندۇققا پۇت–قولى مەھكەم چېتىپ باغلىنىپ، مىدىر-سىدىر قىلالماس قىلىپ قويۇلغاندىن كېيىن، سوئال-سوراق باشلاندى:
-ئىسمىڭ نېمە؟
– مەمەت قارى
-نوپۇستىكى ئىسمىڭ: مەمەت ھەسەن ئىكەنغۇ؟
-ھە-ئە، توغرا! ئىسىم فامىلەم – مەمەت ھەسەن.
-نېمىشقا سېنى قارى دەيدۇ؟سەن قۇرئان يادلىغان ھەقىقىي قارىمۇ؟
-ياق، مەن قۇرئان يادلىمىغان. پەقەت ئوقۇشنى ئۆگەنگەن. ئاتا-ئانام مېنى ئەركىلىتىپ، مەمەت دېگەن ئىسمىمنىڭ ئاخىرىغا «قارى»دەپ قوشۇپ چاقىرىپتىكەن. شۇنىڭدىن كېيىن، ھەممە كىشى مېنى شۇنداق چاقىرىدىغان بولغان. شۇڭا مېنى مەمەت قارى دېمىسە ھېچكىم تونۇمايدۇ.
-سېنىڭ پاش قىلىش ماتېرىيالىڭدا: سېنى قۇرئان ئوقۇغان، نامازغا ئوقۇيدۇ. روزا تۇتقان، جۈمەگە باراتتى دەپتىغۇ؟
– ھە-ئە، مەن قۇرئان ئوقۇدۇم. نامازمۇ ئوقۇدۇم. روزا تۇتتۇم. جۈمەگىمۇ باردىم. بۇلارنىڭ ھەممىسى مۇسۇلمانلار ئادا قىلىشقا تېگىشلىك پەرز-سۈننەت، ۋاجىپ ئەمەللىرى تۇرسا، مەن ئۇلارنى قىلمىسام بولاتتىمۇ؟
-ئەسلىدە، قىلمىغان بولساڭ ياخشى بولاتتى. ئۇلارنى قىلغىنىڭنى ئېتىراپ قىلغىنىڭمۇ، بىر ھېسابتا ياخشى بولدى. بىزنىڭ سوراق ئىشلىرىمىزنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەردىڭ. ئۆزۈڭنىمۇ تاياقتىن قۇتۇلدۇرۇپ قالدىڭ، سەن بىزنىڭ تايىقىمىزدىن قۇتۇلۇپ قالغان بىرنەچچە تەلەيلىكلەرنىڭ بىرسى. قېنى بۇنىڭغا قول قوي !
– ئۇ نېمە؟ نېمىشقا قول قويىمەن؟
-بۇ سېنىڭ ئۆزۈڭنىڭ بىر « ئەسەبىي ئۇنسۇر» ئىكەنلىكىڭنى ئېتىراپ قىلغان ئىقرارنامەڭ!
– ئۇنىڭغا قول قويسام، مېنى قويۇپ بېرەمسىلەر؟-دېدى مەمەت قارى ئۆزىنىڭ پەقەت دىنى ئەھكاملارنى ئىجرا قىلغانلىقى، ئۇنىڭ نورمال بىر ئىش ئىكەنلىكىنى ئويلاپ،
– ياق، بولمايدۇ. سەن بايا ئۆز جىنايىتىڭنى ئېتىراپ قىلدىڭغۇ؟
قايسى جىنايەتلەرنى دەيسىلەر؟
– ئۆزۈڭنىڭ بايام دېگەنلىرىڭچۇ؟-دەپ ۋارقىرىدى سوراقچىلار ئۇنىڭغا قوپاللىق بىلەن-ناماز ئوقۇغان، قۇرئان ئوقۇغان، جۈمەگە بارغان، روزا تۇتقانلىقىڭنىڭ ھەممىسى سېنىڭ جىنايى پاكىتلىرىڭ بولۇپ، ئۇلار دىنىي ئاشقۇنلۇقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان يامان قىلمىشلاردۇر. قېنى ياۋاشلىقچە بۇنىڭغا ئىمزا قوي! ئۇنىڭدىن كېيىن بىز سېنى « كەسپىي قايتا تەربىيەلەش مەركىزى »گە يوللايمىز. سەن ئۇ يەردە ئىككى يىللىق «ئىدىيە ئۆزگەرتىش تەربىيەسى»نى قوبۇل قىلىشىڭ كېرەك! ئەگەر ئىمزا قويمىساڭ، سېنى جىنايىتىنى ئېتىراپ قىلمىغانلار قاتارىدا ھېسابلاپ، ئېغىر تۈرمە جازاسىغا ھۆكۈم قىلىشىمىز مۇمكىن! قېنى قايسىسىنى تاللايسەن؟
مەمەت قارى ئېغىر تاللاشقا دۇچ كەلگەن ئىدى: «ئەگەر بۇ ئىقرارنامىگە قول قويمىسام، ئۇزاق مۇددەتلىك تۈرمە جازاسىغا ھۆكۈم قىلىۋېتىپ قالسا، تېخىمۇ چاتاق بولامدۇ نېمە؟»-دەپ ئويلىدى ئۇ. ئۇنىڭ بىر كۆزى ئارقىدا قالغان بولۇپ، سەبىي بالىلىرىنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولۇپ كەتكەنلىكى كاللىسىغا كىرىۋېلىپ، ئۇنى بەكمۇ بىئارام قىلماقتا ئىدى.
مەمەت قارى ئاخىرى بىر قارارغا كەلدى-دە، ئۆزىنىڭ توقۇپ چىقىرىلغان: «ئىقرارنامە»سىگە ئىمزا قويۇپ بەردى. شۇنىڭدىن كېيىن، مەمەت قارى سوراقخانىدىن ئېلىپ چىقىلىپ، يۇقىرى قەۋەتتىكى ئىشخانىغا ئېلىپ كىرىلدى. ئۇ يەردە ساقلاپ تۇرغان دوختۇرلار تەرىپىدىن ئۇنىڭ ئىككى بىلىكىدىن ئىككى قېتىمدىن قان ئېلىندى. كۆزىنىڭ مۈڭگۈز پەردىسى سۈرەتكە ئېلىندى. ئون مىنۇت ئەتراپىدا ئالدىن تەييارلاپ قويۇلغان ئىككى بەتلىك خەت ئوقۇتۇلۇپ، ئاۋاز چاستوتىسى ئېلىۋېلىندى. ئالدى تەرەپ، ئارقا ۋە يان تەرەپ بولۇپ، بىر نەچچە خىل شەكىلدە رەسىمگە تارتىلدى. ئاندىن بىر خىل نامەلۇم ئوكۇل ئۇرۇلۇپ، بىر تال دورا كۇمىلىچى مەجبۇرى ئىچۈرۈلدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ بىر خىل خامۇش بولۇپ قالغاندەك بولۇپ، ئۆزىچە بىر نەچچە قېتىم ھىجىيىپ، كۈلۈپ قويدى. ئۇنىڭدا: ئەتراپتىكى مۇھىتقا قارىتا ھېچقانداق بىر رېئاكسىيە كۆرۈلمىدى. شۇ تاپتا ئۇ، دوختۇر ۋە نازارەتچى گۇندىپايلارنىڭ سىنىقىدىن ئۆتكەندەك قىلاتتى. ئۇنىڭ ئەسلىدىكى بارلىق كىيىمى سالدۇرۇۋېلىنىپ، رەڭگى كۈل رەڭ بولغان، ئۈستىگە: «2005 -»نومۇر چاپلانغان بىر خىل كىيىم كەيدۈرۈلۈپ قويۇلدى.
– ھەي« 2005-»نومۇرلۇق، مەن بىلەن ماڭ !-دەپ، ئۇنى بىر گۇندىپاي ئارقىسىغا ئەگەشتۈرۈپ، يان تەرەپتىكى بىر بىناغا ئېلىپ چىقىپ، ئۇزۇن كارىدوردىكى بىر نەچچە تۆمۈر ئىشىكتىن ئۆتكۈزۈپ: مانا بۇ سەن دەرس ئوقۇيدىغان سىنىپ دەپ، تەخمىنەن 50 ئەتراپىدا تۇتقۇنلار ئولتۇرغان بىر دەرسخانىغا كىرگۈزۈپ قويۇشتى. ئۇ باشقا تۇتقۇنلار بىلەن بۇ يەردە خىتاي تىلى، كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ قائىدە–تۈزۈملىرى، قانۇن–سىياسەتلىرى، شى جىن پىڭ ئۈزۈندىلىرى دېگەنلەرنى ئۆگىنىشنى باشلىۋەتتى.
ئەمدى ئارزۇگۈلنىڭ تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىنكى ئەھۋالىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا كېلەيلى: قولى ئارقىسىغا قىلىپ باغلىنىپ، بېشىغا قارا خالتا كىيدۈرۈلۈپ تۇتقۇن قىلىنغان ئارزۇگۈل، نامەلۇم بىر جايغا ئېلىپ كېلىنىپ، بىر نەچچە تۆمۈر ئىشىكتىن ئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىن، يەر ئاستىدىكى بىر سوراقخانىغا ئېلىپ كىرىلدى. ئۇ قاپ-قارا ۋە مۇزدەك سوغۇق بىر تۆمۈر ئورۇندۇققا ئولتۇرغۇزۇلۇپ، پۇت-قولى ئۇنىڭغا چېتىپ باغلانغاندىن كېيىن، سوئال-سوراق باشلاندى:
-سېنى نېمىشقا بۇ يەرگە ئېلىپ كەلگەنلىكىمىزنى بىلەمسەن؟
-ياق، بىلمەيمەن-دەپ، جاۋاب بەردى ئارزۇگۈل سوراقچىلارنىڭ سوئالىدىن ھېچنېمىنى چۈشەنمىگەنلىكى ئۈچۈن،
-سەن بىر جىنايەتچى، دىنىي ئاشقۇنلۇقنى يۇقتۇرۇۋالغان، كاللاڭ دىنىي ئەسەبىيلىك بىلەن تولۇپ كەتكەن خەتەرلىك ئادەم. بىزنىڭ قولىمىزدا قىزىڭ پاش قىلغان دەلىل-ئىسپاتلار بار
-قانداق دەلىل–ئىسپاتلار ئۇ؟
-سەن قۇرئان ئوقۇيدىكەنسەن. ناماز ئوقۇپسەن، روزا تۇتۇپسەن. ئۇلارنىڭ ھەممىسى توغرىمۇ؟
ئارزۇگۈلمۇ خۇددى ئېرى مەمەت قارىغا ئوخشاش ئۆزى سۆيۈپ قىلغان ئىبادەتلىرىنى «ياق، مەن ئۇنداق قىلمىدىم، ئۇنداق ئىش يوق» دەپ يالغانلاشنى مۇۋاپىق كۆرمىدى-دە، ھەئە، مەن بۇلارنىڭ ھەممىسىنى قىلغان دەپ، سوراقچىنىڭ دېگەنلىرىنى ئېتىراپ قىلدى.
– ئۇنداق بولسا بۇنىڭغا قول قوي! بۇ سېنىڭ: «ئىقرارنامەڭ»دەپ، بىر پارچە جەدۋەلگە ئوخشاش تولدۇرۇلغان قەغەزنى ئۇنىڭغا سۇندى سوراقچى گۇندىپايلار
ئارزۇگۈل ئېرى مەمەت قارىغا ئوخشاش ئۇنىڭغا قارىتا سوئال قويۇپ، سوراقچىلار بىلەن مۇنازىرىلىشىشنى خالىمىدى. ئۇنىڭ نەزىرىدە، ئۇلار بىلەن مۇنازىرىلىشىش، خۇددى تۇخۇمنى تاشقا ئۇرغاندەك بىر ئىش ئىدى. ئۇلار مەزلۇملار ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچى زالىملار بولغاچقا، نېمىلا دېسە، ئۇلارنىڭ توغرا بولاتتى. مەزلۇملارنىڭ قىلغانلىرى ھەر قانچە ھەقلىق بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇلارنىڭ ئۆزىنى ئاقلاشلىرى بۇ يەردە ھېچنېمىگە ئەرزىمەيتتى.
ئارزۇگۈل قەغەزنى قولىغا ئالدىدى-دە، ئىمزا قويۇپ قايتۇرۇپ بەردى.
شۇنىڭدىن كېيىن سوراقچىلار، سوراقنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئارزۇگۈلنى ئىككىنچى قەۋەتتىكى بىر ئىشخانىغا ئېلىپ چىقىپ، ئۇ يەردە تۇتقۇنلارنى ساقلاپ تۇرغان دوختۇر ۋە ساقچىلارغا تاپشۇردى. ئۇلار ئارزۇگۈلنىڭ ئىككى بىلىكىدىن ئىككى قېتىم قان ئالدى. ئاندىن ئۇنىڭ كۆزىگە بىر پارچە ئاپپاراتنى توغرىلاپ، كۆز مۈڭگۈز پەردىسىنى سۈرەتكە ئالدى. ئىككى پارچە قەغەزگە يېزىلغان بىر تېكىستنى ئۈنلۈك ئوقۇتۇپ، ئاۋاز چاستوتىسىنىمۇ ئېلىۋالدى. يەنە ئۇنى ئالدى تەرەپ، ئارقا تەرەپ ۋە يان تەرەپتىن ھەر خىل شەكىلدە رەسىمگە تارتىپ، كومپيۇتېرغا سىكەننىر قىلىۋالدى. ئارقىدىن بىر كىچىك ئاپپاراتقا قولىنى قويدۇرۇپ، بارماق ئىزىنىمۇ ئېلىۋالدى. ئەڭ ئاخىرىدا ئۇنى باشقا بىر ئىشخانىغا ئېلىپ چىقىپ، توختىماي چۆرگۈلەيدىغان ئەينەكلىك چوڭ بىر ئاپپاراتنىڭ ئالدىغا ئەكېلىپ، ئۇنىڭ: ياق! مەن ئۇنداق قىلالمايمەن!-دەپ، قارشىلىق قىلغىنىغا قارىماستىن، مەجبۇرىي پۈتۈن كىيىم-كېچەكلىرىنى سالدۇرۇۋېتىپ، ئەينەكلىك ئاپپاراتنىڭ ئىچىگە كىرگۈزۈپ، بىر نەچچە مىنۇت ئايلاندۇرۇپ چۆرگىلەتكەندىن كېيىن، ئۇنى توختىتىپ، ئارزۇگۈلنى سىرتقا چىقىرىشتى. شۇ ئەسنادا ئۇنىڭ بېشى قېيىپ، كۆڭلى ئېلىشىپ، غەلىتە بىر خىل ھېسسىيات پەيدا بولۇپ قالدى. ھەتتا ئۇ ئۆزىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنىمۇ ئۇقمىغۇدەك دەرىجىدە خامۇشلىشىپ قالغان ئىدى.
شۇنىڭدىن كېيىن گۇندىپايلار ئارزۇگۈلگە ئۆز كىيىملىرىنى قايتۇرۇپ بەرمەستىن، ئۈستىگە: «1056.»دېگەن نومۇر بېسىلغان، كۈلرەڭ بىر خىل كىيىمنى كەيدۈرۈپ قويۇشتى. ئاندىن ئۇنى ئاشۇ نومۇر بىلەن چاقىرىپ، باشقا بىر بىناغا ئېلىپ چىقىپ، نۇرغۇن ئاياللار ئۈنلۈك ئاۋازدا دەرس ئوقۇۋاتقان بىر سىنىپقا ئەكىرىپ قويۇشتى. بۇ سىنىپتا تۇتقۇنلارنىڭ كاللىسىنىڭ يۇيۇلىشى ئۈچۈن دەرس ئۆتۈلۈۋاتقان بولۇپ، تۇتقۇن ئوقۇغۇچىلار بىر خىتاي مۇئەللىمگە ئەگىشىپ، «شى جىن پىڭ ئۈزۈندىلىرى »نى ئۈنلۈك توۋلاۋاتاتتى. ئارزۇگۈلمۇ ئۇلارغا ئەگىشىپ، ئاغزىغا كەلگىنىچە توۋلاشقا باشلىدى. ئۇ خامۇش بولۇپ قالغاچقا، ئۆزىنىڭ نېمە دەپ توۋلاۋاتقانلىقىنىمۇ بىلمەيتى.
ئەمدى گەپنى بۇ ئائىلىنىڭ تۇتقۇن قىلىنماي قالغان بىردىن-بىر ئەزاسى سارىخان مومايدىن ئاڭلايمىز: سارىخان موماي، مەمەت قارى ۋە ئارزۇگۈلنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئۇلارنىڭ بىر قوشنىسىنىڭ خەۋەر قىلىشى بىلەن بىلگەن ئىدى. بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، سارىخان موماينىڭ يۈرىكى غارتتىدە قىلىپ، ئورنىدىن قوزغىلىپ كەتكەندەك بولدى. ئۇ ئۆز يۈرەك پارىلىرىنىڭ ناھەق تۇتۇلغانلىقىدىن بەكمۇ غەزەپلەنمەكتە ئىدى. ناۋادا، شۇ تاپتا بىر سېھرىي كۈچ پەيدا بولۇپ، قولىغا قورال چىقىپ قالسا ئىدى، يۈرەك پارىلىرىنى تۇتقۇن قىلغان ئاشۇ ساقچى ۋە ئەمەلدارلارنىڭ مېڭىسىنى چۇۋۇپ، قېتىقىنى چىقىرىۋەتكەن بولاتتى. ئەپسۇس! ئۇ ھازىر ياشىنىپ قالغان بولۇپ، ئۆزىنىڭ ھاجىتىدىن-ئۆزى ئارانلا چىقاتتى. يول ماڭسىمۇ ئازراق مېڭىپلا ھېرىپ قالاتتى ۋە بىراز ئولتۇرۇپ دەم ئېلىۋېلىپ، ئاندىن يولىنى داۋاملاشتۇراتتى.
ئۇ:يا، بىسمىللاھ!-دەپ دەرس ئورنىدىن تۇرۇپ سىرتقا چىقتى. ئۇنىڭ مەقسىتى يېزىلىق ھۆكۈمەت ياكى ساقچى پونكىتىغا بېرىپ، بالىلىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن تۇتقۇن قىلغانلىقىنى، ھازىر نەدە ئىكەنلىكىنى سوراپ بىلىۋېلىش ئىدى. ئۇ بىر بېسىپ، ئىككى بېسىپ، يولدا نەچچە يەردە توختاپ دەم ئېلىپ، يېزىلىق ھۆكۈمەتكە يېتىپ كەلدى.
يېزىلىق ھۆكۈمەت بىناسى بۇرۇنقىغا قارىغاندا، باشقىچە ئۆزگىرىپ كەتكەن بولۇپ، چوڭ بىر تۆمۈر دەرۋازا بېكىتىلىپ، ئەتراپىغا نۇرغۇن كامېرا ئورنىتىلغان، دەرۋازا ئالدىدا ئىككى ساقچى كۆزەتچىلىك قىلىۋاتقان ئىدى. سارىخان موماي دەرۋازىدىن ئىچىگە كىرمەكچى بولۇۋىدى، ساقچىلار تەرىپىدىن توسۇۋېلىندى:
-ھەي، موماي! بۇ يەرگە نېمىشقا كەلدىلە؟-دەپ، ۋارقىرىدى ئۇزۇن تۇرا بىر ساقچى
– شۇ، كۈيئوغلۇم، قىزىم قايسى كۈندىكى بايراق چىقىرىش مۇراسىمىدىن كېيىن، تۇتۇلۇپ كېتىلگەن ئىكەن. ئۇلارنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلاي دېگەن ئىدىم.
-ھەي، موماي! بولمايدۇ. يەنە ۋارقىرىدى ئۇ ساقچى-سىلى خاتا يولغا مېڭىپ قېلىپلا! ھازىر ئۇنداق تۇتۇلغانلار ناھايىتى كۆپ، ھەممىسىلا ئېغىر گۇناھ ئۆتكۈزگەنلەر. شۇڭا، ئۇلارنى ئىزدەپ-سۈرۈشتۈرۈشكە بولمايدۇ. ھۆكۈمىتىمىز ئۇلارنى قايتىدىن تەربىيەلەپ، ئۆزگەرتىش ئۈچۈن يېڭىدىن قۇرۇلغان: «كەسپىي قايتا تەربىيەلەش مەركىزى »گە ئېلىپ بېرىپ ئوقۇتۇۋاتىدۇ.
-ھەئە، شۇنداقمۇ ئوغلۇم! سىلىنىڭ دېگەن ئۇ مەكتەپ قەيەردە؟ مەن ئۇلارنى يوقلاپ كېلەي دېگەن ئىدىم.
-بولمايدۇ دېدىمغۇ موما! ئۇلار ئوقۇۋاتقان مەكتەپكە ھېچكىمنى كىرگۈزمەيدۇ ھەم سىرتقا چىقارمايدۇ.
ساقچىنىڭ جاۋابىدىن كېيىن، موماي كۆزىگە ياش ئېلىپ، يىغلاپ تۇرۇپ، ئۇلارغا يالۋۇردى. شۇ ئەسنادا، دەرۋازىنىڭ ئىچىدىن يەنە بىر ئوتتۇرا بوي، يوغان قورساق كەلگەن بىر ساقچى چىقىپ، ئەھۋالنى بىلگەندىن كېيىن، سارىخان مومايغا ئۆزىچە نۇرغۇن تەربىيە قىلىپ، ئۇنىڭ ئۆيىگە قايتىپ كېتىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى. ئەمما، موماي قايتىپ كېتىشنى رەت قىلىپ، يەنىلا يىغلىغانچە تۇرۇۋەردى. ئاخىرىدا ئۇ ساقچىنىڭ ئىنسانلىق ھېسسىياتى قوزغالدى بولغاي، ئۇنىڭغا:يېڭىدىن قۇرۇلغان ئاتالمىش « كەسپىي قايتا تەربىيەلەش مەركىزى » نىڭ ئورنىنى دەپ بەردى.
موماي ئۇ يەرگە بارىمەن دەپ يولغا چىقىپ ئازراق مېڭىۋىدى، بىر كىرا ھارۋىسى كېلىپ قالدى. سارىخان موماي ھارۋىكەشنى توسۇپ، ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ بارىدىغان يېرىنى ئېيتىۋىدى، ھارۋىكەش ئۇنى ھارۋىسىغا چىقىرىپ، نىشانىغا يەتكۈزۈپ قويدى. موماي،ساقچىلار«مەكتەپ دېگەن يەر»گە كەلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ كۆزىگە غەلىتە بىر جاي كۆرۈندى. بۇ جاي ھېچبىر مەكتەپكە ئوخشىمايتتى: يوغان تۆمۈر دەرۋازىلىق، دەرۋازا ئۈستىگە كۆزىتىش كامېراسى ئورنىتىلغان بولۇپ، ئەتراپى تىكەنلىك سىم بىلەن قورشالغان، دەرۋازا ئۈستىدىكى ئىككى مۇناردا، ئەسكەرلەر كۆزەتچىلىك قىلىۋاتقان ئىدى.
سارىخان موماي دەرۋازىنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئىچىگە كىرمەكچى بولدى. ئەمما، ئەسكەرلەر تەرىپىدىن توسۇۋېلىندى:
- ھەي، نەگە بارىسەن؟دەپ، خىتاي تىلىدا ۋارقىرىدى بىر ئەسكەر-بۇ يەرگە ھېچكىمنىڭ كىرىشىگە بولمايدۇ. موماي ئەسكەرنىڭ نېمە دېگەنلىكىنى چۈشەنمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ، ئۆزىنىڭ مەقسىتى بويىچە مۇنداق دېدى:
-مېنىڭ قىزىم، كۈيئوغلۇم بۇ يەردە ئىدى. ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈۋالسام بولامدۇ؟
ئۇ خىتاي ئەسكەرمۇ سارىخان موماينىڭ گېپىنى چۈشەنمىگەن ئىدى. ئۇ قوپاللىق بىلەن ۋارقىراپ، ئاغزىنى بۇزۇپ، موماينى ئىتتەرگىنىچە قوغلىۋەتتى. سارىخان موماي ئۇ ئەسكەرنىڭ گېپىنى ئۇقالمىغان بولغاچقا، يەنە كۆزىگە ياش ئېلىپ، يىغا-زارە ئىچىدە ئاللاھتىن ئۇنىڭغا بالا تىلەپ، دۇئا قىلغاچ ئارقىسىغا قايتتى.
ئۇ ئەمدى نەگە بېرىشنى بىلەلمەيۋاتاتتى. پەرىشتىلەر باغچىسى»غا بېرىپ، نەۋرىسى مۇنەۋۋەرنى ئىزدەپ باققۇسى كەلدى-يۇ، ئەمما ئۇ يەرنىڭمۇ نەدىلىكىنى بىلمەيتتى. چوڭ نەۋرىسى ماھىرەنىڭ مەكتىپىنىڭ نەدىلىكىنىمۇ بىلمەيتتى. كىچىك نەۋرىسى شىرئەلىنىڭ نەگە ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى تېخىمۇ بىلمەيتتى. ئۇ ئامالسىز يېزا مەركىزىدىن ئايرىلىپ كەنتكە قاراپ يول ئالدى. ئۇ ئۆيىگە ئاز قالغاندا، بىر قوشنىسى ئۇچراپ ئەھۋالنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا كەنت سېكرېتارىدىن ئەھۋال ئۇقۇشۇپ، ئۇنىڭدىن تونۇشتۇرۇش خېتى ئېلىپ، ئاندىن بالىلىرىنىڭ ئىشىنى سۈرۈشتۈرۈپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلدى.
سارىخان موماي ئۇ قوشنىسىنىڭ تەۋسىيەسى بويىچە كەنت ئىشخانىسىغا يېتىپ كەلدى. بۇ يەردىمۇ بىر نەچچە ساقچى كۆزەتچىلىك قىلىۋاتاتتى. ئەمما ئۇلار شۇ يەرلىك بولغاچقا سارىخان موماينى تونۇپ، ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، بىرسى سېكرېتارنىڭ ئىشخانىسىغا كىرىپ كېتىپ، ئۇنى چاقىرىپ چىقتى. سېكرېتار چىققاندىن كېيىن، موماي يەنە كۆزىگە ياش ئېلىپ، ئۇنىڭدىن ئۆتۈندى: سېكرېتار، قىزىم، كۈيئوغلۇم ۋە نەۋرىلىرىمنىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى بىلىۋالاي دېگەن ئىدىم. ئۇلارغا ئاش-نان ئاپىرىپ بېرەي دەيمەن. بۇ ئىش ئۈچۈن بىر تونۇشتۇرۇش خېتى قىلىپ بەرگەن بولسىلا بولۇپتىكەن؟
-ياق، بولمايدۇ!-دەپ، قوپاللىق بىلەن رەت قىلدى سېكرېتار-سىلىنىڭ بالىلىرى ئېغىر جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەر قاتارىغا كىرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغىنى توغرا بولغان. ئۇلارنى ئىزدەپ يۈرمىسىلە! ئۇلار: «ئىككى يىللىق قايتا تەربىيەلىنىش مۇددىتى»نى تۈگەتكەندىن كېيىن قايتىپ كېلىدۇ.
– نېمىشقا قايتا تەربىيەلىنىدۇ؟ ئۇلارنىڭ بىر ئوبدان كەسپى تۇرسا-دېدى سارىخان موماي بالىلىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن قايتا تەربىيەلىنىدىغانلىقىنى چۈشەنمەي،
-ئۇلار: «ئەسەبىي ئىدىيەلەر» بىلەن يۇقۇملانغان دېدى سېكرېتار قاپىقىنى تۈرۈپ-سىلەرنىڭ پۈتۈن ئائىلە بويىچە مەسىلەڭلار ئىنتايىن ئېغىر، ھەممىڭلار دىنىي ئاشقۇنلۇق بىلەن يۇقۇملانغان، ئەرلىرى سەمەت قارىمۇ، دىنىي تونغا ئورىنىۋېلىپ، پارتىيە-ھۆكۈمەت بىلەن قارشىلىشىپ، ھەر دائىم ۋەقە چىقىرىپ كەلدى. شۇڭلاشقا، تۇتقۇن قىلىنىپ تېگىشلىك جازاسىنى تارتتى. شۇنداقتىمۇ ئۇ ھازىر ئۆزىنىڭ گۇناھىغا تۆۋە قىلماستىن، يەنىلا ئەسەبىي ئىدىيەسىنى داۋاملاشتۇرۇپ، توپىلاڭ چىقارماقچى بولۇپ، تۈرمىدە جىنايەتچىلەر بىلەن بىللە توپلىشىپ ناماز ئوقۇغان. ئۇ تېخى يەنە نامازدا ئىماملىق قىلغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ساقچىلىرىمىزىڭ ئۇنىڭ قاتتىق ئەدىپىنى بەرگەن. ئۇ ھازىر ئېغىر كېسەل ئىكەن، بىزگە كەلگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئۇنىڭ بىر نەچچە كۈنلۈك ۋاقتى قالغان ئوخشايدۇ. سىلى ئۇنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرى ئۈچۈن تەييارلىق قىلىپ قويسىلا، بىز سىلىگە خەۋەر قىلىمىز.
سارىخان موماي سېكرېتاردىن بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ،كۆز يېشىنى تۇتۇۋالالماي يىغلاپ كەتتى ۋە ئۇنىڭغا يالۋۇرۇپ: ئۇ ئادەم ئېغىر كېسەل بولغاندىكىن، دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ داۋالىساڭلار ياكى قويۇپ بەرسەڭلار بولمامدۇ؟-دېدى.
-ياق، بولمايدۇ!-دېدى كەنت سېكرېتارى يەنە قوپاللىق بىلەن ۋارقىراپ- ئۇ بىر جاھىل ئەسەبىي ئۇنسۇردۇر. ھەر دائىم ۋەقە پەيدا قىلىدۇ. ئىلگىرى بىر قېتىم كېپىللىككە قويۇپ بېرىلگەن ئىكەن، ئەمما ئۇ پارتىيە-ھۆكۈمەتنىڭ بۇ غەمخورلۇقىغا رەھمەت ئېيتىشتىن تۈگۈل، يەنە كېپىللىك مەزگىلىدە، جىنازا نامىزىنى باھانە قىلىپ، كادىر-ساقچىلار بىلەن جېدەللىشىپ، پارتىيەنىڭ دىنىي سىياسىتىگە قارشى چىققان، شۇڭا ئۇنىڭ بۇ قېتىم قويۇپ بېرىلىشى ناتايىن! سىلى ئەمدى بۇ ئىش ئۈچۈن ئاۋارە بولماي، ئۆيلىرىگە قايتىپ كېتىپ، تەييارلىقلىرىنى قىلسىلا! بولمىسا، قېرىغان جانلىرىدا سىلىنىڭمۇ جازالىنىپ باققۇلىرى كېلىۋاتامدۇ-يا؟ ياشىنىپ قېلىپلا، ئەگەر ئۇنداق بولمىغان بولسا، سىلىنىمۇ دەرھال قايتا تەربىيەلىنىشكە يوللاپ بەرگەن بولاتتىم.
سارىخان موماي شۇنىڭدىن كېيىن سېكرېتارغا قايتا ئېغىز ئاچمىدى. ئۇنىڭ كۆزى ياشقا تولغانىدى. شۇ تاپتا ئۇ تەك بىر ئۆزىلا يالغۇز قالغان بولۇپ، ئىنتايىن غېرىبلىق ھېس قىلماقتا ئىدى: «ئاھ خۇدا!-دېدى ئۇ ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىپ، -مۇشۇنداق ئېغىر كۈننى كۆرسەتكۈچە، مېنىڭمۇ جېنىمنى ئالساڭ بولماسمىدى؟ ئىنسانغا ئۆزىنىڭ يۈرەك باغرىنى يېرىپ چىققان چىققان بالىلىرىدىن، ئۆمۈرلۈك يولدىشىدىن ئايرىلىپ قېلىشتىنمۇ ئېغىر ئىش بولامدۇ؟ ئەمدى بۇ يالغۇزلۇققا قانداق چىدارمەن؟ يولدىشىم، سەمەت قارىنى ئۆز پاناھىڭدا ساقلىغايسەن! بالىلىرىمنى يەنە كۆرەلەرمەنمۇ؟ نەۋرىلىرىم نېمە بولۇپ كېتىپ بارىدىغاندۇ؟ سەبىيلەرنى ئۆزۈڭ قوغدىغايسەن، ئامىن!»
سارىخان موماي كەنت ئىشخانىسىدىن ئايرىلىپ، بىر بېسىپ، ئىككى بېسىپ، يولدا نەچچە يەردە ئولتۇرۇپ ئارام ئېلىپ دېگۈدەك، ئاخىرى ئۆيىگە يېتىپ كەلدى. ئۇ دەرۋازىنى ئېچىپ كىرىپ بولغۇچە نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ھەمراھ بولۇپ كېلىۋاتقان سۆيۈملۈك مۈشۈكى ئۇنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ كەلدى. ئۇ مومايغا چاپلىشىپ، سۇۋۇلۇپ، ئۇنىڭدىن ھال سورىماقچى بولغاندەك، بوش ئاۋازدا مىياڭلاپ قويدى:
-ھە، قەدىناسىم! ئاچ قالدىڭمۇ ياكى يالغۇزلۇقتىن زېرىكتىڭمۇ؟-دېدى ئۇنىڭغا دەردىنى تۆكمەكچى بولۇپ سارىخان موماي-خاپا بولما! قۇرۇق قول كېلىپ قالدىم. ساڭا: بەز ياكى گۆش پارچىسى ئەكېلىپ بېرىدىغان قەدىردان يولدىشىم سەمەت قارىم ھازىر يوق! يەنە تېخى ساڭا: ناننىڭ كۆيۈك قالدۇقلىرىنى ئەكېلىپ بېرىدىغان كۈيئوغلۇم مەمەت قارىمۇ يوق! سېنى ئەركىلىتىپ ئوينىتىدىغان نەۋرىلىرىممۇ يوق!
شۇ ئەسنادا مۈشۈك يەنە بىر نەچچىنى مىياڭلاپ، مومايغا خۇددى ئۆز شەپقەتچىسىگە قارىغان ئادەمدەك مېھىرلىك قارىۋىدى، بۇنىڭدىن بىر نەرسىنى ھېس قىلغان موماي يەنە ئۇنىڭغا قىلغان گېپىنى داۋاملاشتۇردى:
ھە-ئە، ئۇلارنى نەگە كەتتى دەۋاتامسەن؟
ئۇنداق بولسا، قۇلىقىڭنى دىڭ تۇتۇپ ئاڭلا: مېنىڭ قەدىرلىك ھەمراھىم سەمەت قارىم، قىزىم،كۈيئوغلۇم ۋە نەۋرىلىرىدىن تارتىپ ھەممىسىلا قەپەسكە سولاپ قويۇلدى. ئۇلار ئۇ يەردە بەكمۇ قىينالماقتا، مېنىڭ ئۇلارنى يوقلاپ بېرىشىمغا يول قويۇشمىدى. نېمىشقا دەمسەن؟ ئۇلار پەقەت مۇسۇلمانلىق ئەمىرىنى بەجا كەلتۈرگەنلىكى ئۈچۈن ۋە پەقەت ئۇيغۇر بولغانلىقى ئۈچۈنلا شۇنداق ئاقىۋەتكە قالدى!
مۇسۇلمان ياكى ئۇيغۇر بولۇش يامان ئىشمۇ دېدىڭما؟
– ياق، ئۇنداق ئەمەس! بىزنىڭ مۇسۇلمان ھەم ئۇيغۇر بولۇپ قېلىشىمىز ئاللاھنىڭ تەقدىر قىلىشىدىن بولغان ئىشتۇر. بىزنىڭ مۇسۇلمان بولۇپ قالغانلىقىمىز ئەسلىدە شەرەپلىك بىر ئىش ئىدى. چۈنكى، ئاللاھ ئۆزى ياخشى كۆرگەن كىشىلەرنىلا مۇسۇلمانلىققا نائىل قىلىدۇ. ئەمما، مۇسۇلمان بولمىغان باشقا كاپىر قەۋىملەر، ئۇلارنى يامان كۆرىدۇ. گۇناھكار ھېسابلايدۇ. شۇڭلاشقا ئۇلارنى تۇتقۇن قىلىۋېلىشتى. شۇنىڭدىن كېيىن مۈشۈك پەس ئاۋازدا مىياڭلىغىنىچە جىم بولۇپ قالدى. بەلكى ئۇ، شۇ تاپتا ئۆزىنىڭ ئىنسان بولۇپ قالماي، مۈشۈك بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھقا شۈكرى ئېيتىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن ئىدى.
سارىخان موماينىڭ بۈگۈن چۈشى بۇزۇلۇپ قالدى. ئۇ چۈشىدە: «قەدىرلىك ھەمراھى، سەمەت قارىنىڭ بىر ياغاچ ئاتقا مىنىپ ئۇچۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ئىدى. بۇنىڭغا ھەيران قالغان سارىخان: قەدىرلىك يولدىشىم، نەگە ماڭدىلا؟-دەپ چاقىرغاندا، ئۇ جاۋاب بېرىپ: مەن باقى دۇنياغا ماڭدىم. ئۇ يەردە مېنى سوراقچىلار كۈتۈۋاتىدۇ!»-دېگىنىچە غايىب بولغان ئىدى.
سارىخان موماي كۆرگەن چۈشىنى ئەسلەپ يەنە يىغلاشقا باشلىدى. ئۇ قەدىرلىك ھەمراھىنىڭ ئاخىرەتكە سەپەر قىلغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى تەخمىن قىلغان ئىدى. دېگەندەك، كۈن چاشكا ۋاقتى بولار-بولمايلا كەنت كادىرلىرىدىن ئىككى كىشى كېلىپ، سەمەت قارىنىڭ تۈرمىدە جان ئۈزگەنلىكىنى، ئۇنىڭ دەپنە ئىشلىرىنى كەنتنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە قىلىدىغانلىقىنى، ھېچكىمنىڭ بۇ ئىشقا ئارىلاشسا بولمايدىغانلىقىنى، پەقەت ئۆزىنىڭلا سەمەت قارىنىڭ تۇپراق بېشىنى كۆرۈۋېلىشقا رۇخسەت قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
سارىخان موماي تېشىدا يىغلىسىمۇ، ئىچىدە ئاللاھقا زىكرى ئېيتىپ، سەمەت قارى ئۈچۈن دۇئا قىلدى. ئۇنىڭ بۇنىڭدىن باشقا چارىسى يوق ئىدى. مەزلۇملارنىڭ كۆڭلى: پەقەت رەببىگە دۇئا قىلىش بىلەنلا ئەمىن تاپاتتى. قەدىرلىك ھەمراھىدىن مەڭگۈلۈككە ئايرىلغان، قىزى ۋە نەۋرىلىرىنى كۆرەلمەي ھەسرەت ئىچىدە قالغان سارىخان موماي يەنە بىر نەچچە كۈن ياشاپ، ئۇمۇ ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا سەپەر قىلدى. ئۇنىڭ ئۈچۈن يىغلايدىغان، ھازا تۇتىدىغان بالىلىرى بولمىغاچقا، پەقەت بىر نەچچە قوشنىلىرى ئۇنى يۇيۇپ-تاراپ دەپنە قىلىپ قويۇشتى.
ئەمدى گەپنى مەرھۇملارنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئاڭلايلى: ئارىدىن ئىككى يىلغا يېقىن ۋاقىت ئۆتكەن ئىدى. بۈگۈن ئارزۇگۈل ئاتالمىش« كەسپىي قايتا تەربىيەلەش مەركىزى»دىكى باشقۇرغۇچى گۇندىپايلار تەرىپىدىن چاقىرتىلدى.
-1056. نومۇرلۇق-دەپ، ئارزۇگۈلنى چاقىرىپ گەپ باشلىدى گۇندىپايلار باشلىقى- سېنى بىرنەچچە سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن 10 كۈن بويۇن بۇرۇن قويۇپ بېرىشنى مۇۋاپىق كۆردۇق:
بىرىنچىدىن، سەن« كەسپى تەربىيەلەش مەركىزى»دە ياخشى ئوقۇدۇڭ، دۆلەت تىلىنى ياخشى ئۆگەندىڭ، كوممۇنىستىك پارتىيە نىڭ قائىدە–مىزانلىرىنى، شى جىنپىڭ ئۈزۈندىلىرىنى، دۆلىتىمىزنىڭ قانۇن-سىياسەتلىرىنى تولۇق يادلاپ بېرەلىدىڭ. بۇ سېنىڭ بۇرۇنقى ئىدىيەڭنى ئۆزگىرىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئائىلىسىگە قوشۇلغانلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر.
ئىككىنچىدىن، سەن بۇ يەردىكى ۋاقتىڭدا ئاتا-ئاناڭ ۋاپات بولغان، سەن ئەمدى ئۇلارنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلىۋالساڭ بولىدۇ
ئۈچىنچىدىن، سېنىڭ كىچىك قىزىڭ مۇنەۋۋەر كېسەل بولۇپ قالغان ئىكەن. ئۇ ھازىر دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتىدۇ. سېنىڭ ئۇنى يوقلاپ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشىڭغا رۇخسەت قىلىندى.
ئارزۇگۈل گۇندىپاينىڭ بۇ سۆزلىرىدىن كېيىن، ئۆزىنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىك گۇۋاھنامىسىنى تاپشۇرۇۋالدى. شۇ ئەسنادا ئۇنى قاتتىق يىغا تۇتۇۋاتاتتى. ئەمما تېخى لاگېردىن سىرتقا چىقىرىلمىغانلىقى ئۈچۈن ئۆزىنى تۇتۇۋالمىسا بولمايتتى. ھەتتا ئۇ، كۆز يېشىنى چىقىرىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمىدى.
– ئېرىم مەمەت قارىنىمۇ قويۇپ بېرەمسىلەر؟-دەپ سورىدى ئۇ، گۇندىپايلار باشلىقىدىن.
– بىز بىلمەيمىز-دېدى گۇندىپايلار پەيدا باشلىقى خىرقىرىغان ئاۋازدا، ئۇنى يېزىلىق ساقچى پونكىتى ياكى ئاھالىلەر كومىتېتىدىن سۈرۈشتۈرسەڭ بولىدۇ.
-قىزىمچۇ؟ قىزىم قايسى دوختۇرخانىدا ئىكەن؟
-ئۇنىمۇ بىز بىلمەيمىز، « پەرىشتىلەر باغچىسى»ياكى يېزىلىق ئاھالىلەر كومىتېتىدىن سورىساڭ بولىدۇ. ئەمدى ماۋۇ ئۈستۈڭدىكى نومۇرلۇق كىيىملىرىڭنى سېلىۋېتىپ، ئۆزۈڭنىڭ بۇرۇنقى كىيىملىرىڭنى كىيىپ، دەرھال بۇ يەردىن چىقىپ كەت!-دەپ قوپاللىق بىلەن ئۇنى سىلكىشلىدى گۇندىپايلار باشلىقى ۋە يېنىدىكى يەنە بىر گۇندىپايغا ئۇنى ئېلىپ چىقىپ، ئۆيىگە يولغا سېلىپ قويۇشنى بۇيرۇدى.
ئارزۇگۈل، ئاتالمىش: «كەسپىي قايتا تەربىيەلەش مەركىزى»دىن چىقىپ ئۇدۇل ئاھالىلەر كومىتېتىغا كەلدى. ئۇ يەردىكى خىزمەتچىلەرنىڭ ئارزۇگۈلنىڭ قويۇپ بېرىلىدىغانلىقىدىن ئالدىن خەۋەردار بولۇپ، ئۇنىڭ كېلىشىنى ساقلاپ تۇرۇشقان ئىكەن. چۈنكى ئۇلار، ئارزۇگۈلنىڭ كىچىك قىزى مۇنەۋۋەرنىڭ قاتتىق ئاغرىپ قېلىپ، سەكراتقا چۈشۈپ قالغانلىقىدىن پايپېتەك بولۇشۇپ كەتكەن بولۇپ، ئۇنى ئۆز ئانىسىنى كۆرگەندىن كېيىن، بەلكى ياخشى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن!-دەپ ئويلاشقان، شۇنداقلا يەنە، ناۋادا مۇنەۋۋەر ئۆلۈپ كەتكەن تەقدىردە، مەسئۇلىيەتتىن قېچىشقا ئۇرۇنغان بولۇشى مۇمكىن ئىدى.
-قىزىڭ يېزىلىق دوختۇرخانا-بالىلار كېسەللىكلەر بۆلۈمىدە-دەپ ئۇقتۇرۇش قىلدى ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئارزۇگۈلگە-سەن دەرھال بېرىپ، ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغىن! ياخشى تاماق ئېلىپ بەرگىن! قىزىڭ نەچچە كۈن بولدى-ھېچنېمە يېمىدى. دوختۇرلارنىمۇ يېقىن كەلتۈرمەيدۇ. سەن ئۇنىڭغا تەربىيە قىلىپ، دوختۇرلارنىڭ داۋالىشىغا ياردەملەشكىن -بولامدۇ؟
-ماقۇل، بولىدۇ! رەھمەت سىلەرگە. مەن قىزىمغا ياخشى قارايمەن، ئۇنىڭ داۋالىنىشىغا يېقىندىن ياردەملىشىمەن. سىلەر ئەنسىرىمەڭلار! ئەمما، مېنىڭ سورايدىغان يەنە بىر سوئالىم بار ئىدى. چوڭ قىزىم ماھىرە ھازىر نەدە؟ ئۇنىڭ خەۋىرىنى بەرگەن بولساڭلار، ئوغلۇم شىرئەلىچۇ؟
-ياق، ئۇلارنىڭ خەۋىرىنى ھازىر بېرەلمەيمىز-دېدى ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ مۇدىرى قوپاللىق بىلەن، سەن ئالدى بىلەن دوختۇرخانىغا بېرىپ، كىچىك قىزىڭغا ياخشى قارىغىن! كېيىن بىر گەپ بولسا، بىزگە كەلسەڭ بولىدۇ-دەپ، ئۇنى ئىتتىك دوختۇرخانىغا مېڭىشقا ئالدىراتتى.
ئارزۇگۈل ئاھالىلەر كومىتېتىدىن چىقىپ ئۇدۇل يېزىلىق دوختۇرخانىغا كەلدى ۋە بالىلار بۆلۈمىنى ئىزدەپ تېپىپ، سېسترا قىزلاردىن سورىۋىدى، ئۇنىڭ مۇنەۋۋەرنىڭ ئانىسى ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، دەرھال ئۇنى باشلاپ، كارىدورغىلا كارىۋات قويۇپ، ياتقۇزۇپ قويۇلغان مۇنەۋۋەرنىڭ قېشىغا باشلاپ كەلدى. مۇنەۋۋەر ئورۇقلاپ بىر سۆڭەك-بىر تېرە بولۇپ قالغان بولۇپ، ھالى بەكمۇ خاراب ئىدى. ئۇ خۇددى يېڭى تۇغۇلغان كەپتەر باچكىسىدەك ئاغزىنى ماك، ماك ئېچىپ، ئىڭراپ ياتاتتى.
ئاھ، قىزىم!-دەپ،كارىۋاتقا تاشلاندى ئارزۇگۈل، ئۇنىڭ كۆزىدىن ياشلار تاراملاپ ئېقىشقا باشلىدى. ھۇشىدىن كېتىشكە تاسلا قالغانىدى. ئەمما ئۇ چوڭلارغا خاس تەمكىنلىك بىلەن ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ، مۇنەۋۋەرنى قۇچىقىغا ئېلىپ يۈز-كۆزىگە سۆيدى، پۇرىدى. مەيدىسىگە چىڭ بېسىپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئانىلىق مېھرىنى قىزىنىڭ يۈرىكىگە ئۆتكۈزدى. كۆڭلىدىكى ئەڭ شېرىن سۆزلىرىنى ئۇنىڭ قۇلىقىغا پىچىرلىدى. شۇندىلا مۇنەۋۋەر كۆزىنى لاپ قىلىپ ئاچتى ۋە ئانىسىنى تونۇپ:
-ئاپا، ئاپا! بۇ سىزمۇ؟بوۋام- مومام نەدە؟ ئاتامچۇ؟ سىلەر نەگە كەتكەن ئىدىڭلار؟ بەك ئۇزاق بولدى مېنىڭ قېشىمغا كەلمىدىڭلار؟ مەن سىلەرنى بەكمۇ سېغىندىم. ئاتام نان يېقىۋاتامدۇ؟ ماڭا ئاتامنىڭ ياققان نېپىز نېنىدىن ئەكېلىپ بېرىڭچۇ؟-ئۆيدە:( لا، تاۋ، زى) لەغمەن ئەتتىڭىزمۇ؟ ماڭا، ئۆيدە ئەتكەن لەغمەندىن ئەكېلىپ بېرىڭچۇ؟-دەپ، ئانىسىنىڭ ئۆز قولىدىن تاماق يېگۈسى بارلىقىنى ئىپادىلىدى.
بۇ ھالەتنى كۆرگەن سېسترا قىز ئاستا ئارزۇگۈلگە پىچىرلاپ-قىزىڭىز بىر ھەپتىدىن بۇيان ھېچقانداق تاماق يېمىدى، ھەتتا سۇمۇ ئىچمىگەن ئىدى. بىز ئۇنىڭغا ئاسما ئوكۇل سېلىپ، سۇ ماڭغۇزدۇق. بولمىسا، بۇ چاغقىچە ئۆلگەن بولاتتى. ئۇ سىزنىڭ تامىقىڭىزنى سېغىنغان ئوخشايدۇ. ئۇ ئەمدى تاماق يېمىسە، ھاياتى خەۋپ ئاستىدا قالىدۇ-دېدى.
ئارزۇگۈل شۇندىلا قىزىنىڭ ئۆز ئانىسىنىڭ قولىدىن تاماق يېگۈسى كەلگەنلىكىنى ھېس قىلىپ يەتتى-دە، سېستراغا سۇ ئەكېلىپ بەرگەن بولسىڭىز؟-دەپ، ئۆتۈنۈۋىدى، سېسترا قىز بىر ئىستاكان سۇ ئەكېلىپ بەردى. ئارزۇگۈل سۇنى ئىچۈرگەندىن كېيىن، مۇنەۋۋەرنىڭ كۆزى يەنە بىر ئاز ئېچىلغاندەك بولدى.
-ئانا قورسىقىم بەك ئېچىپ كەتتى-دەپ، ئاستا گەپ قىلىشقا باشلىدى مۇنەۋۋەر-ئاتام نان ياقتىمۇ؟ ئاشۇ ئاتام ياققان چوڭ ناندىن ئەكېلىپ بەرگەن بولسىڭىز؟
– بولىدۇ، قىزىم! مەن سىزگە ئاتىڭىز ياققان ناندىن ئەكېلىپ بېرەي، ھەم ئۆزۈم لەغمەن ئېتىپ ئېلىپ كېلەي!-دەپ، قىزىنى ئاستا ياتقۇزۇپ قويۇپ، سېسترا قىز بىلەن گەپلىشىپ، ئۇنىڭغا تاپىلىغاندىن كېيىن بازارغا كەلدى.
ئۇ بازاردىن، بىرمۇ ناۋايخانىنى تاپالمىدى. كۆپىنچە ئاشخانىلارمۇ تاقىلىپ كەتكەن بولۇپ، پەقەت بىر بۇلۇڭدىلا كىچىك بىر ئاشخانا ئېچىلغاندەك قىلاتتى. ئارزۇگۈل ئۇ ئاشخانىغا كىرىپ، بىر قاچا لەغمەن بۇيرۇتۇپ قويغاندىن كېيىن، يېقىن بىر قوشنىسىنىڭ دائىم نان يېقىپ يەيدىغانلىقىنى ئويلاپ، ئۇ قوشنىسىنىڭ ئۆيىگە كىرىۋىدى، دېگەندەك ئۇلار بىر نەچچە كۈن بۇرۇن يېقىپ قويغان نېنىدىن بىر تال ئارىيەت بېرىپ تۇردى.
ئارزۇگۈل نان بىلەن بۇيرۇتۇپ قويغان لەغمەننى ئېلىپ كېلىپ، مۇنەۋۋەرنىڭ ئالدىغا قويۇۋىدى، ئۇنىڭ يۈزىدە كىچىككىنە بىر خوشاللىق ئەكس ئېتىپ، كۈلگەندەك قىلدى-دە، لەغمەننى ئېلىپ، بىردەمدىلا يەپ بولدى. ئاندىن كېيىن: ئاپا، ناننىمۇ يېگۈم كېلىۋاتىدۇ!-دەپ، ناننىمۇ قولىغا ئېلىپ، ئاپىسى قويۇپ بەرگەن بىر ئىستاكان سۇ بىلەن بىردەمدىلا يەپ بولدى.
قىش پەسلى تېخى ئۆتۈپ كەتمىگەنمىدى. ئەتىياز كىرىش ئالدىدا تۇرغان بولسىمۇ، ھاۋا يەنىلا سوغۇق ئىدى. شۇ تاپتا ئارزۇگۈلنىڭ يەنە بىر ھېس قىلغىنى: مۇنەۋۋەرنىڭ كىيىملىرىنىڭ ناھايىتىمۇ يېلىڭ ئىكەنلىكى، قىش مەزگىلىدىمۇ ئۇنىڭغا قىشلىق كىيىم كەيدۈرۈلمىگەنلىكى بولدى.
-قىزىم قىشلىق كىيىمىڭىز يوقمۇ؟-دەپ سورىدى ئارزۇگۈل- سىرتلارغا چىققاندا توڭلىدىڭىزمۇ؟
-ھە-ئە، ئاپا! بەك توڭلاپ كەتتىم. ئۇلار ماڭا قىشلىق كىيىم بېرىشمىدى. سىلەرمۇ ئەكېلىپ بەرمىدىڭلار؟ بەك ئۇزاق يوقاپ كەتتىڭلار !
ئارزۇگۈل قىزىنىڭ بۇ سوئالىغا نېمە دەپ جاۋاب بېرىشنى بىلەلمىدى. ئۇ كىچىككىنە بىر سەبىي بالىغا: مەن ئىككى يىلدىن بۇيان ئاتالمىش «كەسپى قايتا تەربىيەلەش مەركىزى»دېگەن مەكتەپتە تۇتۇپ تۇرۇلدۇم. مېنىڭ ھېچقانداق يەرگە چىقىشىمغا رۇخسەت قىلىنمىدى. مەن بىر قەپەستىكى قۇش ئىدىم، دېيەلىسۇنمۇ؟ ياق، ئۇ ھەرگىزمۇ ئۇنداق دېيەلمەيتتى! ئەگەر شۇنداق دېگەن تەقدىردە، نارەسىدە قىزنىڭ سەبىي قەلبى يەنە زېدىلىنىشى، چۈشىنەلمەسلىككە مۇپتىلا بولۇپ، قىينىلىپ كېتىشى مۇمكىن ئىدى.
مانا بىر ھەپتىدەك ۋاقىت ئۆتتى. مۇنەۋۋەر ئانىسى ئەكېلىپ بەرگەن تاماقنى ئىشتىھا بىلەن يەيدىغان، ئۇنىڭغا گەپ قىلىدىغان، ئۇنىڭدىن ھەر خىل سوئاللارنى سورايدىغان بولدى. ئۇنىڭغا يەنە بىراز كۈچ-قۇۋۋەت كىرگەن بولۇپ، كارىدوردا ئانىسى بىلەن بىللە مېڭىپ، ئاستا-ئاستا ئەسلىگە كېلىۋاتاتتى.
ئارزۇگۈل ئەمدى سېسترا قىز بىلەن سۆزلىشىپ، قىزىنى ئۆيىگە ئېلىپ كېتىشنى ئېيتىۋىدى، سېسترا قىز بۇنىڭغا ئۆزى بىر نەرسە دېيەلمەيدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن مۇنەۋۋەرنى بۇ يەرگە ئەكېلىپ قويغان ئاتالمىش: «پەرىشتىلەر باغچىسى»دىن سورىشى كېرەكلىكىنى، ئاندىن ئاھالىلەر كومىتېتىغا مەلۇم قىلىنىشى كېرەكلىكىنى ئېيتىۋىدى، ئارزۇگۈل:«شۇنداق قىلىڭ، مەن ساقلاپ تۇراي!-»دەپ، ئۇنىڭ جاۋابىنى كۈتتى.
ئارزۇگۈل سېسترا قىزنىڭ جاۋابىنى كۈتكەچ، ئۆيگە بېرىپ-كېلەي دەپ ئويلاپ، قىزىنىمۇ بىللە ئېلىپ كەتمەكچى بولۇۋىدى، سېسترا قىز ئۇنى توسۇپ:سىز قىزىڭىزنى ئۆزىڭىز خالىغانچە ئېلىپ چىقىپ كەتسىڭىز بولمايدۇ. بۇ قىز بىزگە ھاۋالە قىلىنغان. مەن رۇخسەت بېرەلمەيمەن، سىز ئۆزىڭىز بېرىپ-كېلىڭ!-دەپ، مۇنەۋۋەرنىڭ ئانىسى بىلەن بىللە سىرتقا چىقىشىغا رۇخسەت قىلمىدى.
ئارزۇگۈل قىزىنى يەنە قۇچاقلاپ، يۈزىگە سۆيدى. ئۇنىڭ قۇلىقىغا پىچىرلاپ، ئۆزىنىڭ سىرتقا چىقىدىغان بىراز ئىشى بارلىقىنى ئېيتىۋىدى، قىزى:-ماقۇل ئاپا، مەن سىزنى ساقلاپ تۇراي! دەپ، ئۇنىڭغا رازىلىق بىلدۈردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ دوختۇرخانىدىن چىقىپ، ئۇدۇل ئۆيىگە كېلىپ، ئۆينى بىرەر قۇر تازىلاپ-تۈزەشتۈرۈپ چىقتى. ئۇ: «ئەتىگىچە قىزىم ماھىرەنى، ئوغلۇم شىرئەلىنى ئېلىپ كېلىپ قالسام، ئاتىسى مەمەت قارىنىڭ ۋاقتىمۇ توشۇپ قالدى. ئۇ قويۇپ بېرىلىپ قالسا، ئەمدى ئۆيىمىزدە خاتىرجەم ياشايمىز» دەپ ئويلىغان ئىدى.
«ئۆيدە قىلغان ھېساب-بازارغا توغرا كەلمەپتۇ» دېگەندەك، ئۇنىڭ ئويلىغانلىرى، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان بىر قۇرۇق خىيال ئىدى. شۇنداق تاتلىق خىيالنىڭ تۈرتكىسىدە ئارزۇگۈل ئاھالىلەر كومىتېتىغا بېرىپ، ئوغلى شىرئەلىنىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى، ئۇنى ئۆزىگە قايتۇرۇپ ئېلىپ كېتىشكە ئىجازەت بېرىلىشى كېرەكلىكىنى، قىزى ماھىرەنىڭ نەدە ئىكەنلىكى، ئېرى مەمەت قارىنىڭ قاچانلىققا قويۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى سورىۋىدى، ئاھالىلەر كومىتېتى مۇدىرى ئۇنىڭغا ئالىيىپ قاراپ قويۇپ: ئوغلىڭىز: «پەرىشتىلەر باغچىسى»دا ئوقۇۋاتىدۇ. ئۇنى ھازىرچە ئېلىپ كېتىشىڭىزگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ. ئۇنىڭ ئوقۇش مۇددىتى تېخى توشمىدى. ئۇ تاكى مەكتەپ يېشىغا يەتكۈچە شۇ يەردە ئوقۇشى كېرەك! پەقەت بېرىپ بىر قېتىم كۆرۈشىۋېلىشىڭىزغا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئېرىڭىز مەمەت قارى ھەققىدە تېخى ئۇقتۇرۇش يوق. يەنە بىر نەچچە كۈنلۈك ۋاقتى بار ئىكەن. قىزىڭىز ماھىرەنىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى بىز بىلمەيمىز. سىز جاۋاب ساقلاپ تۇرۇڭ، بىز سۈرۈشتۈرۈپ، ئاندىن سىزگە خەۋەر قىلىمىز-دەپ، ئۇنى ھەيدىگەندەك قىلىپ سىرتقا چىقىرىۋەتتى.
ئارزۇگۈلنىڭ قەلبى ئىنتايىن ئازابلانماقتا ئىدى. ئۇ، «كەسپىي قايتا تەربىيەلەش مەركىزى»دىن قويۇپ بەرگىلى بىر ھەپتىدىن ئاشقان بولسىمۇ، كىچىك قىزى مۇنەۋۋەردىن باشقا ئائىلە ئەزالىرىنى كۆرەلمەيۋاتاتتى.ئوغلى شىرئەلىنى بەكمۇ كۆرگۈسى كەلگەن ئىدى. ئۇنىڭ كاللىسىغا يەنە خىيال كىرىۋالدى: «تېخى ئىككى ياشقا توشمىغان ۋاقىتتىلا، ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىۋېتىلگەن بالام ھازىر نېمە بولۇپ كەتكەندۇ؟ قانچىلىك چوڭ بولغاندۇ؟ بىزنى ئۇنتۇپ كەتكەنمىدۇ؟ تېخى ئۇنىڭغا ئانا تىلى چىقىپ بولالمىغان ئىدى. پەرىشتىلەر باغچىسىدا-ئانا تىلىدا سۆزلەش ئىمكانىيىتى يوق!دەپ، ئاڭلىغان ئىدىم. بەلكى، ئۇنىڭغا: بىزگە يات بولغان دۆلەت تىلى چىقىپ، ئانا تىلىنى ئۇنتۇپ كەتكەن بولسا قانداقمۇ گەپلىشەرمەن؟ ئاھ خۇدا، مەزلۇملارغا ئۆزۈڭ رەھىم قىلغايسەن!»
ئەمدى ئارزۇگۈل قىلىۋاتقان خىياللىرىنى توختىتىپ، بىر بېسىپ، ئىككى بېسىپ دېگۈدەك، ئوغلى شىرئەلى ئوقۇۋاتقان. ئاتالمىش!« پەرىشتىلەر باغچىسى»نىڭ ئالدىغا كەلدى. ئۇ يەردە خىتاي مىللىتىدىن بولغان بىر كىشى كۆزەتچىلىك قىلىۋاتقان بولۇپ، ئارزۇگۈلنى كۆرۈپلا، ئۇنىڭ ئالدىنى توسۇپ: نېمىشقا كەلدىڭ، بۇ يەردە نېمە ئىشىڭ بار؟-دەپ ۋارقىرىدى. ئارزۇگۈل ئۆزىنىڭ ئوغلىنىڭ مۇشۇ يەردە ئىكەنلىكىنى، ئۇنى كۆرۈشكە ئاھالىلەر كومىتېتىدىن رۇخسەت ئالغانلىقىنى ئېيتىۋىدى، ئۇ خىتاي گېلىنى قېقىپ: ئەييا، ئەييا!-دەپ، ۋايساپ قويغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا:«سەن مۇشۇ يەردە ساقلاپ تۇر» دەپ، ئىچىگە كىرىپ كېتىپ، بىر ئاش پىشما ۋاقىتتىن كېيىن، بىر تەتەي ئايال بىلەن بىر ئوغۇل بالىنى يېتىلەپ چىقتى. ئۇ ئوغلىنى تونۇدى. ئۇ بالا-ئارزۇگۈلنىڭ ئوغلى شىرئەلى ئىدى. ئۇ خېلىلا بوي تارتىپ چوڭ بولۇپ قالغان بولۇپ، ئاتىسىغا ئوخشايدىغان قاپقارا قاشلىرى، قاڭشارلىق بۇرنى، ئانىسىغا ئوخشايدىغان ئاپئاق تېرىسى، بوتا كۆزى: «مانا مەن سىزنىڭ ئوغلىڭىز شىرئەلى»دېگەننى بىلدۈرۈۋاتاتتى.
-ئوغلۇم، مېنى تونۇدىڭىزمۇ؟-دەپ، ئۇنىڭ ئالدىغا ئىككى قولىنى ئېچىپ كېلىپ، قۇچاقلىماقچى بولۇپ كېلىۋىدى، شىرئەلى ھېچقانداق ھېسسىيات ئىپادىسى كۆرسەتمەستىن، جايىدا جىمجىت، بۇتتەك قارىغانچە تۇراتتى. ئارزۇگۈل يەنە گېپىمنى ئۇقالمىغان ئوخشايدۇ دەپ، مەن ئانىڭىز ئارزۇگۈل بولۇمەن سىز مېنىڭ ئوغلۇم شىرئەلىغۇ؟ بۇياققا كېلىڭ!-دېدى، ئەمما شىرئەلى يەنىلا جايىدا مىدىر-سىدىر قىلماي جىم تۇرۇۋەردى. قارىغاندا، ئۇ ئۇيغۇرچىنى چۈشەنمىگەن بولۇپ، ئانىسى ئارزۇگۈلنىمۇ تونۇمايۋاتقاندەك قىلاتتى. ئارزۇگۈل ئۈچىنچى قېتىم ئېغىز ئاچتى: شىرئەلى ئوغلۇم!-مەن ئانىڭىز بولىمەن. سىز مېنىڭ ئوغلۇم شىرئەلىغۇ؟ مېنى تونۇمىدىڭىزمۇ؟
شىرئەلى ئەمدى ئۇياق-بۇياققا قاراپ، كاللىسىغا كەلگەن ھېسسىياتىنى بىلدۈرگەندەك قىلىپ، بىردە ئانىسىغا، بىردە يېنىدا تۇرغان ئوقۇتقۇچىسىغا قاراپ، ئاندىن ئېغىزى ئاچتى:( ۋو بۇ رېن شى نى ) مەن سېنى تونۇمىدىم.
– تونۇمىدىم؟ ئارزۇگۈل ھاڭ-تاڭ بولغانچە، پاڭڭىدە يىغلىۋەتتى. ئۇنىڭ قەلبى ئازابتىن ئۆرتىنىپ، قاتتىق ئاغرىماقتا ئىدى. ئۇ شۇ چاغدا خىيالىدا مۇنداق قىلماقچى بولغان ئىدى: «ئوغلىنىڭ ئالدىغا بېرىپ يۈرىكىنى يېرىپ كۆرسەتمەكچى، قېنىنى ئېقىتىپ، ئۇنىڭغا يېقىن ئەكېلىپ پۇراتماقچى، شۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ، ئۇنىڭ ئۆز ئانىسى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىماقچى ئىدى». ئۇ شۇ خىيالدا ئوغلى تەرەپكە قاراپ مېڭىۋىدى، شىرئەلى كەينىگە داجىپ، ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ئارقىسىغا ئۆتۈۋالدى. شۇ ئەسنادا ئۇ ئوقۇتقۇچى خىتاي تىلىدا گەپ قىلىپ: توختا، بولدى قىل! ئۇ سېنى تونۇمىغاندىن كېيىن، سەن ئۇنىڭ ئانىسى بولالمايسەن. ئەمدى ئۇنى بالام دېيىشىڭگە رۇخسەت يوق، بۇ يەردىن كەتكىن! بولمىسا، مەن ساقچى چاقىرىپ: «سېنى بىزنىڭ ئوقۇتۇش ئىشىمىزغا تەسىر يەتكۈزدى» دەپ، ئۇلارغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن. ئۇنىڭغا بىز بۇ يەردە خۇددى ئۆز ئاتا-ئانىسىدەك قاراۋاتىمىز، سەن ئۇنى يەنىلا بالام دەپ قارايدىغانلا بولساڭ، يەنە ئۈچ يىلدىن كېيىن كەلگىن، ئۇ بۇ يەردىكى ئوقۇشىنى تۈگەتكەندە، ئاندىن دۆلەتنىڭ رۇخسىتى بىلەن ئائىلىسىگە قايتسا بولىدۇ.
ئارزۇگۈلگە يەنە ئوغلى ھەققىدە ئېغىز ئېچىش، ئۇنىڭغا ئۆزىنى تونۇتۇش ئۈچۈن بىرەر ئىش قىلىش ئىمكانىيىتى قالمىغان ئىدى. ئۇ ئەمدى ئۈمىدىنى كەلگۈسىگە باغلاپ، ئۆز پۇشتىدىن بولغان ئوغلىغا قايتىدىن ئېرىشىش ئۈچۈن يەنە ئۈچ يىل كۈتۈشى كېرەك ئىدى.
ئەمدى ئارزۇگۈل چوڭ قىزى ماھىرە ئوقۇيدىغان مەكتەپكە كەلدى. مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدا ياشانغانراق بىر ئەر كىشى بىلەن ئوتتۇرا ياش بىر ئايال كۆزەتچىلىك قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار ئىلگىرى مۇشۇ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان كىشىلەردەك كۆرۈنەتتى. ئارزۇگۈل ئۇلارغا سالام بەرگەندىن كېيىن، قىزىنىڭ مۇشۇ مەكتەپتە ئوقۇيدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكىلى كەلگەنلىكىنى ئېيتىۋىدى، ئايال كۆزەتچى خانىم ئۇنىڭدىن: قىزىڭىزنىڭ ئىسمى نېمە ئىدى؟ بىز مەكتەپ ئىشخانىسىغا كىرىپ، مۇدىردىن سوراپ باقايلى! ئىلگىرى ئوقۇۋاتقان بالىلارنىڭ ھەممىسى بۇ يەردە يوق، بىر قىسىملىرى قوشماق تۇغقانلىرىغا بېرىۋېتىلگەن. سىزنىڭ قىزىڭىزنىڭمۇ بۇ يەردە بار-يوقلىقىنى بىلمەيمىز، ساقلاپ تۇرۇڭ دەپ، ئىچىگە كىرىپ كەتتى.
كۆزەتچى خادىمنىڭ گېپىنى ئاڭلىغان ئارزۇگۈلنىڭ يۈرىكى قارتتىدە، قىلىپ قالدى. بۇ قانداق گەپ دەپ ئويلىدى ئۇ ئىچىدە: «بىر ئىنساننىڭ بالىسىنى، ئاتا-ئانىسىدىن سورىماي تۇرۇپ، قوشماق تۇغقىنى دەپلا بېرىۋېتىدىغان ئىش بولامدۇ؟ ئۇ بىر ئادەم تۇرسا، ياكى ئېلىپ-ساتىدىغان مال بولمىسا؟ ئەگەر قىزىم ماھىرە شۇنداق تەقدىرگە يولۇقۇپ قالىدىغان بولسا، ئۇنى ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلالمايمەن! ئۇلاردىن قىزىمنى قايتۇرۇپ ئەكېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىمەن ياكى بولمىسا قانداقلا بولمىسۇن، بىر ئاماللارنى قىلىپ، ئۆزۈم ئىزدەپ تېپىپ، قايتۇرۇپ كېلىمەن».
ئارزۇگۈل خىيال دەرياسىغا غەرق بولۇپ مۇڭلىنىپ ئولتۇراتتى. كۆزەتچى خانىم چىقىپ، ئۇنىڭغا شۇم خەۋەر يەتكۈزدى: ئىسمىڭىز نېمە ئىدى؟-دەپ، سورىدى ئۇ ئايال ئارزۇگۈلدىن. ئاندىن كۆڭلى يېرىم ھالدا:ئەپسۇس !سىزگە خۇشخەۋەر يەتكۈزەلمىدىم.مەكتەپ مۇدىرى ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن قىزىڭىز ماھىرەنى« قوشماق تۇغقانلىشىش پائالىيىتى»گە قاتناشتۇرغان ئىكەن. قوشماق تۇغقىنى بولغان ۋاڭ ئەپەندى ئۇنى ياقتۇرۇپ قېلىپ، ئۆزىگە بالا قىلىۋېلىشنى ئىلتىماس قىلغان چېغى، ئۇنىڭ ئىلتىماسى تەستىقلىنىپ، ۋاڭ ئەپەندىگە بالا قىلىپ بېرىلىۋېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ماھىرەنى ئۆزىنىڭ يۇرتى شەندۇڭ ئۆلكىسىگە ئېلىپ كېتىپتۇ.
ئارزۇگۈل بۇ شۇم خەۋەرنى ئاڭلاپ بېشى قايغاندەك بولۇپ، يەرگە يېقىلىپ چۈشكىلى تاسلا قالدى. ئۇنىڭغا پۈتۈن يەر شارى چۆرگۈلەۋاتقاندەك بىلىنىپ كەتتى. كۆزى تورلىشىپ، ئاپئاق، ئاپئاق ئۇچقۇندىلار كۆرۈلۈشكە باشلىدى. ئۇ جايىدىلا ئولتۇرۇپ قالدى. شۇ ئەسنادا كۆزەتكۈچى خانىم ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ: ئارزۇگۈل ئورنىڭىزدا تۇرۇڭ، بۇ يەردە بىزنى ئۇزاق كاشىلا قىلسىڭىز بولمايدۇ! سىز ئەمدى بۇ يەردىن كېتىڭ!بولمىسا مەكتەپ ئىچىدىكى خىزمەتچىلەر، بىزنىڭ سىز بىللە تۇرغانلىقىمىزنى كۆرۈپ قالسا، كېيىن بىزگە ياخشى بولمايدۇ!-دېدى ئۆتۈنۈش بىلەن.
ئەمدى ئارزۇگۈل بۇ يەردىن كەتمىسە بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، بىر بېسىپ، ئىككى بېسىپ، يول ياقىسىنى بويلاپ مېڭىشقا باشلىدى. ئۇ نەگە بېرىپ، نەدە تۇرۇشنىمۇ بىلەلمەيۋاتاتتى. شۇ ئەسنادا يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بىر ھارۋىكەش ئارزۇگۈلنىڭ بۇ ھالىنى كۆرۈپ، ئۇنى چاقىرىپ ھارۋىسىغا چىقىرىۋالدى. بىردەم ماڭغاندىن كېيىن، ھېلىغىچە گەپ قىلمايۋاتقان ئارزۇگۈلگە قاراپ ھەيران بولغان ھارۋىكەش:
-خېنىم، نەگە باراتتىلە؟ ئۆيلىرى قەيەردە؟ يېزا مەركىزىگە يېقىنلىشىپ قالدۇق. شۇ يەردە چۈشۈپ قالاملا-ياكى باشقا يەرگە باراتتىلىمۇ؟-دەپ سورىغان ئىدى. ئارزۇگۈل شۇ چاغدىلا ئېسىگە كېلىپ، يېزا مەركىزىدە چۈشۈپ قالىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئارزۇگۈل يېزا مەركىزىدە چۈشۈپ قېلىپ، ئۇدۇل« ئاھالىلەر كومىتېتى»غا كەلدى.ئۇ ئىشخانىدىن كىرىپ ئېسىدە يوق: «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم»دېۋىدى، ھېچكىم ئۇنىڭغا سالام قايتۇرمىدى. شۇ چاغدىلا ئارزۇگۈل بىرئاز ئېسىگە كېلىپ، خىتايچە:( نىن، خاۋ) ياخشىمۇ سىزلەر؟ دەپ، دۆلەت تىلىدا سالام بېرىۋىدى. باشقىلار ئۇنىڭدىن كېيىن، سالام قايتۇردى.
-ھە-ئە، بىز ياخشى، نېمە ئىشىڭىز بار ئىدى؟-دەپ سورىدى ياشانغانراق بىر خىزمەتچى ئارزۇگۈلنى تونۇپ، – ئېرىڭىز مەمەت قارىنىڭ ئىشى ئۈچۈن كەلدىڭىزمۇ؟
-ھە-ئە، شۇ ئىش ئۈچۈن، بۈگۈن مەمەت قارىنىڭ ۋاقتى توشاتتى. ئۇ قويۇپ بېرىلگەن بولۇشى مۇمكىنمىدۇ؟-مەن ئالدىغا بېرىپ، ئۇنى ئېلىۋالاي دېگەن ئىدىم.
ئۇ خىزمەتچى ئايال چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ: مانا! ھېلىلا« كەسپىي قايتا تەربىيەلەش مەركىزى»دىن ئۇقتۇرۇش كەلدى. ئېرىڭىز مەمەت قارى ئۇ يەردە ياخشى ئوقۇماپتۇ، دۆلەت تىلى ۋە قانۇنلىرىنى ئۆگەنمەپتۇ. ئىدىيە جەھەتتىن ئۆزگىرىش ئىپادىسى ياخشى بولماپتۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ بۇ يىل ئىككى يىللىق ۋاقتى توشقان بولسىمۇ، قويۇپ بېرىلمەيدىكەن. ئۇ ئەمدى ئىدىيەسى ئۆزگەرمىگەن جاھىل ئۇنسۇرلار قاتارىدا، ئۈرۈمچىدە قۇرۇلغان بىر نان زاۋۇتىغا ئىشلەش ئۈچۈن ئۈچۈن ئەۋەتىلىدىكەن. ئۇنىڭغا قارىغاندا سىز تەلەيلىك ئىكەنسىز! ئۆزىڭىزنىڭ ئىلگىرىكى خاتالىقىڭىزنى تونۇپ، ياخشى ئۆزگەرگەنلىكىڭىز ئۈچۈن مانا بىزنىڭ يېنىمىزدا تۇرۇۋاتىسىز، ئەمدى ئېرىڭىز يەنە ئىككى يىلغىچە ئۆيگە قايتىپ كېلەلمەيدۇ. ئەڭ ئاز ئىككى يىل ئىشلەپ، شۇ جەريانىدا قوشۇمچە ئوقۇپ، « ئەسەبىي ئىدىيە»سىنى ئۆزگەرتىشى كېرەك! بولمىسا، ئۇزاق مۇددەتلىك كېسىلىپ كېتىشى مۇمكىن.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ، ئارزۇگۈلنىڭ يۈرىكى گۈپۈلدەپ سوقۇپ كەتتى. ئەمدى ئۇ، ئۆز ئېرىنى، بالىلىرىنىڭ مېھرىبان ئاتىسىنى كۆرەلمەيدىغانلىقىنى ئويلاپ، يەنە ئازابلاندى. شۇ تاپتا ئۇ: «ئاھ خۇدا، ئاھ خۇدا!دەپ، ئاللاھقا ئىلتىجا قىلماقتا ئىدى:« بىز مەزلۇملارغا ئۆزۈڭ باش پاناھ بولغايسەن! بىزنىڭ يىلتىزىمىز بولغان ئائىلىمىزنى ۋەيران قىلمىغايسەن! ئەۋلادىمىز بولغان پەرزەنتلىرىمىزنى ئۆزىمىزگە قايتۇرۇپ بەرگەيسەن! سەن ھەممىنى كۆرۈپ ۋە بىلىپ تۇرغۇچىسەن! بۇ زالىملارنىڭ بىزگە قىلمىغانلىرى قالمايۋاتىدۇ. ئائىلىمىزنى ۋەيران قىلدى. ئوماق پەرزەنتلىرىمىزنى بىزدىن ئايرىۋەتتى. ئۇلارنى دىنسىز-كىملىكسىز ئىنسانغا ئايلاندۇرۇپ، مىللىي روھىنى ۋە ئىنسانلىق ھوقۇقىنى تارتىپ ئېلىۋالماقچى بولۇۋاتىدۇ. سەن بۇنىڭغا يول قويمىغايسەن. شۇ زالىملارنى ئۆزۈڭ يەر بىلەن يەكسان قىلغايسەن! ئامىن، ئاللاھۇ ئەكبەر»!
ئارزۇگۈل ئەمدى ئۆزىنىڭ ھەممە نېمىسىنى يوقاتقاندەك، توپتىن ئايرىلىپ قالغان يالغۇز بىر قۇشتەك ھېس قىلىشقا باشلىدى. ئۇنىڭ دەردىگە يېتىدىغان ھېچكىم قالمىغان ئىدى. ئاتا-ئانىسىنىڭ، ئۆزىنىڭ ئاتالمىش!«كەسپىي قايتا تەربىيەلەش مەركىزى»دىكى تۇتقۇنلۇق ۋاقتىدا ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى ئويلىسا، تېخىمۇ بەك ئازابلىناتتى. ئۇ ھازىر ئاتا-ئانىسىنىڭ تۇپراق بېشىنىڭ نەدە ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەيتتى: «ئۇنى چوقۇم مەھەللە ئىچىدە، ئۆزۈم ئىزدەپ تاپالايمەن. مەن چوقۇم تۇپراق بېشىغا بېرىپ ئۇلار ئۈچۈن بىر دۇئا قىلىۋېلىشىم، ئۇلارنىڭ روھىغا دۇئا قىلىپ، پەرزەنتلىرىم ۋە ئۇنىڭ ئاتىسى مەمەت قارىنىڭ ئائىلىمىزگە قايتىپ كېلىشى ئۈچۈن مەدەت ئېلىشىم كېرەك!» دەپ ئويلايتتى.
ئۇ ئاھالىلەر كومىتېتىدىن ئايرىلىپ، ئۇدۇل دوختۇرخانىدا قالغان قىزى مۇنەۋۋەرنىڭ يېنىغا كەلدى. مۇنەۋۋەر ئاپىسىنى كۆرۈپ، بەكمۇ خۇشال بولۇپ، ئۇنىڭ بوينىغا ئېسىلىپ سۆيۈپ كەتتى.
-ئاپا، ھېلىمۇ سىز ھايات ئىكەنسىز، مەن بۇنىڭدىن بەكمۇ خۇشال بولدۇم!- دېدى مۇنەۋۋەر ئاران تەستە ئۇيغۇرچە كەلىمىلەرنى دۇدۇقلاپ تۇرۇپ-ئەمدى مېنى ئۆيگە ئېلىپ كېتەمسىز؟ ئاتام قاچانلىققا كېلىدۇ؟ ناۋايخانىنى ئېچىۋاتامدۇ؟ ئاچام قەيەردە؟ ئۇكام شىرئەلى خېلى چوڭ بولۇپ قالدىمۇ؟
ئارزۇگۈل سەبىي قىزىنىڭ سوئالىغا نېمە دەپ جاۋاب بېرىشنى بىلەلمەي، بىر ھازا تۇرۇپ قالدى. كۆڭلى يېرىم بولۇپ كۆزىگە ياش كەلدى. ئۇ ئۆزىنى ئاران -ئاران تۇتۇۋالدى-دە، غەيرەت قىلىپ، قىزىنىڭ بېشىنى سىلاپ تۇرۇپ:
-قىزىم! مېنىڭ سىزنى ھازىرلا ئۆيگە ئېلىپ كەتكۈم بار، سىزدىن بىر دەقىقىمۇ ئايرىلغۇم يوق! ئەمما، سىز ئوقۇۋاتقان« پەرىشتىلەر باغچىسى»دىن، ئاندىن ئۇلارنى باشقۇرۇۋاتقان ھۆكۈمەتتىن رۇخسەت ئېلىشىمىز كېرەك ئىكەن. بولمىسا، سىزنى: «ئوقۇش تاشلاپ، ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلدى» دەپ جازالايدىكەن. شۇڭا ئۇلاردىن رۇخسەت سوراپ باقاي قىزىم! بولمىسا، توغرا بولمايدىكەن، ماقۇلمۇ؟-دېدى
-ماقۇل، ئاپا!سىز نېمە دېسىڭىز-شۇ بولسۇن!-دېدى مۇنەۋۋەر، ئاندىن ئاپىسىغا قاراپ كۈلۈمسىرەپ قويدى.
ئاھ، ئانىلىق مېھرى! سەن نېمە دېگەن ئۇلۇغ-ھە! پەرزەنتلەر ئۈچۈن سەن بىر روھى ئوزۇقسەن! ئۇنىڭغا خۇشاللىق ئېلىپ كەلگۈچى، مەنىۋى قۇدرەتسەن! سەن بولمىساڭ پەرزەنتنىڭ يۈزى كۈلمەيدۇ. قورسىقى تويمايدۇ. بەدىنى ئىسسىمايدۇ. سېنىڭ ئىشقىڭ، پەرزەنتىڭگە بولغان مېھرىڭ-ئاللاھ تەرىپىدىن قەلبىڭگە سىڭدۈرۈلگەندۇر. بۇ قەلب گويا بىر ئاتەشتۇر، ئۇ پەرزەنتى ئۈچۈن يېنىپ كۈل بولۇشقا رازىكى، ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قېلىشنى خالىمايدۇ. ئاھ، ئانىلىق مېھرى! سېنىڭ مۇقەددەسلىكىڭگە، ھېچنېمە توغرا كەلمەيدۇ. سەن پەرزەنتنىڭ ئاپىرىدە بولۇش ئۈچۈن ئاللاھ تەرىپىدىن بېرىلگەن مۇقەددەس روھسەن! شۇنىڭ ئۈچۈن بىر پەرزەنتكە نىسبەتەن ئېيتقان چاغدا ئاللاھتىن قالسىلا، سەن ئەڭ قۇدرەتلىكسەن!ئۇلۇغ سەن! ئاللاھ پەرزەنتلەرنى سېنىڭدىن مەھرۇم قېلىشتىن ساقلىسۇن!
ئارزۇگۈل سېسترانى ئىزدەپ تېپىپ، قىزى مۇنەۋۋەرنىڭ ئارزۇسىنى يەتكۈزدى. سېسترا قىز بولسا، بۇ ئىشنى ئۆزى قىلالمايدىغانلىقىنى، ئۇنى بۆلۈم باشلىقىغا دوكلات قىلىپ سوراپ بېقىشنى ئېيتتى ھەمدە ساقلاپ تۇرۇڭلار، مەن ھايال بولماي كېلىمەن!-دەپ، يۇقىرى قەۋەتكە چىقىپ كەتتى. ئارىدىن چارەك سائەت ئۆتمەيلا، سېسترا قىز چۈشۈپ: بۆلۈم باشلىقىمىز، ئاھالىلەر كومىتېتىغا خەۋەر بەردى. ئۇلار ھازىر سىلەر بىلەن سۆزلەشكىلى كېلىدىكەن-دەپ، بىر خىل مەيۈس ھالدا ئۇلارغا خەۋەر يەتكۈزۈپ، ئىشخانىسىغا كىرىپ كەتتى.
دېگەندەك، ئۇزاق قالمايلا ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ بىر خىزمەتچىسى، يېنىدا بىر قوراللىق ساقچىنى ئېلىپ يېتىپ كەلدى. «ئاھالىلەر كومىتېتى»نىڭ خىزمەتچىسى سالام قىلىشنىمۇ بىلمەيدىغان مۇردىدەك بىرسى بولۇپ، تۇرقىدىن كىبىرلىكى، مانا مەن دەپلا چىقىپ تۇراتتى. ئۇ ئارزۇگۈلگە خۇددى ۋارقىرىغاندەك يۇقىرى ئاۋازدا مۇنداق دېدى:
-قىزىمنى ئېلىپ كېتىمەن دەپسىزغۇ؟ بۇ ھەددىڭىز ئەمەس، دۆلەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە قىزىڭىز: «پەرىشتىلەر باغچىسى»دىكى ئوقۇشنى تاماملىشى، ئۇ يەردە دۆلەت تىلى ئۆگىنىپ، دۆلەت تىلىدا راۋان سۆزلىيەلەيدىغان ۋە ئوقۇيالايدىغان بولۇشى كېرەك! شۇندىلا قىزىڭىزنىڭ كەلگۈسى بەختى ئېچىلىدۇ. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ياراملىق بىر ئەزاسى بولالايدۇ. بۇنىڭغا ھېچكىمنىڭ قارشى چىقىشىغا بولمايدۇ.
-شۇ خاپا بولۇشمىغايلا! قىزىم ھازىر ئاغرىق بولغاندىن كېيىن، ئەتىگەنلىكى مەن ئاپىرىپ قويسام، كەچتە ئۆيگە قايتىپ كەلسە، كېسىلى تېخىمۇ ياخشى بولۇپ كېتەرمىكىن؟-دەپ ئويلىغان ئىدىم.
-ياق، بولمايدۇ!-دېدى ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ خادىمى يەنە كۆرەڭلىك بىلەن-مانا قىزىڭىز خېلى ياخشى بولۇپ قاپتۇ. ئۇنىڭ ھايات-ماماتى بىزنىڭ ئىلىكىمىزدە. ئاغرىپ قالسا، سىز كۆرگەندەك دوختۇرخانىغا ئۆزىمىز ئاپىرىپ قويىمىز. سىز دۆلەتنىڭ سىياسىتىگە قارشى چىقسىڭىز بولمايدۇ!
-مەن دۆلەتنىڭ سىياسىتىگە قارشى چىقماقچى ئەمەسمەن. ئەمما، قىزىم ئۇ يەردە قورسىقى تويغۇدەك تاماق يېيەلمەپتۇ، تاماققا كۆنەلمىگەن ئوخشايدۇ. كىيىمى يېلىڭ قىلىپتۇ، تېخى ياز كىرمىدى. مەن ئۆزۈم بىرەر قۇر پاختىلىق كىيىم تىكىپ بېرەي!-دېگەن ئىدىم.
-قۇرۇق گەپ قىلماڭ! بىز ئۇ يەردە بالىلارغا ھەر كۈنى گۈرۈچ شورپىسى، ھورنان دېگەندەك تاماقلارنى بېرىمىز،چوشقا گۆشى ھەتتا بەزىدە بېلىق قاتارلىق دېڭىز مەھسۇلاتلىرىدىمۇ تاماق قىلىپ بېرىدىغان ۋاقىتلارمۇ بولىدۇ. گۇناھ ئۆزىڭىزنىڭ قىزىڭىزدا، بەزى بالىلار ھازىرغىچە كاللىسىدا جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلالمايۋاتىدۇ. تاماقنى ھاراممۇ-ھالالمۇ؟-دەپ، شۈبھىلىنىپ كېلىۋاتقان بالىلارمۇ بار. ئۇنداقلاردىن نەچچىسى ئاچ قېلىپ ئۆلدى. بەلكى، سىزنىڭ قىزىڭىزمۇ ئاشۇنداق شۈبھىدە بولغانلارنىڭ بىرى بولۇشى مۇمكىن! سىز ئۇنىڭغا تەربىيە قىلىپ قويۇڭ! ئۇ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىدىن ياخشى ئوزۇق ئالمىغاچقا، كاللىسى ئېچىلمايۋاتىدۇ. بىز ئۇنداق بالىلارنى ياخشى كۆرمەيمىز. ئەكېلىڭ بالىڭىزنى، بىز ھازىرلا ئۇنى «پەرىشتىلەر باغچىسى»غا ئېلىپ كەتمىسەك بولمايدۇ!-دېگىنىچە كېلىپ، قوپاللىق بىلەن مۇنەۋۋەرنى ئارزۇگۈلنىڭ قولىدىن تارتىپ ئالماقچى بولۇۋىدى، ئارزۇگۈل قىزىنى چىڭ قۇچاقلىۋېلىپ:قىزىم كېسەل ئىكەن. ئۇنىڭغا رەھىم قىلىڭلا! مەن ئۇنى بىر كۈن بولسىمۇ بېقىۋالاي!دەپ، يېلىنىپ باقتى.
-بولمايدۇ!-قىزىڭىز بىزنىڭ كۆيۈمچان دوختۇرلىرىمىزنىڭ داۋالىشى بىلەن ساقايدى. ئارتۇق گەپ قىلماڭ، سىزنىڭ ئەمدى بۇ يەردە ئىشىڭىز تۈگىدى-دېدى ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ خادىمى. ئاندىن ئۆزى بىلەن بىللە كەلگەن ساقچىغا بۇيرۇق قىلىۋىدى، ئۇ ساقچى كېلىپ، مۇنەۋۋەرنى ئارزۇگۈلنىڭ قۇچىقىدىن تارتىپ ئېلىپ سۆرەشكە باشلىدى. مۇنەۋۋەر بار كۈچى بىلەن ئۇلارغا قارشىلىق قىلماقتا ئىدى. يىغلايتتى، ۋارقىرايتتى :
-جېنىم ئاپا، مېنى ئۆيگە ئېلىپ كېتىڭ؟ مەن «پەرىشتىلەر باغچىسى»غا بارمايمەن! ئۇلار مېنى ئۇردى، تىللىدى. قورسىقىمغا تويغۇدەك تاماق بەرمىدى. مەن ئۇلارنى ياخشى كۆرمەيمەن. جېنىم ئاپا! مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن، مېنى ئۆيگە ئېلىپ كېتىڭچۇ؟
ئارزۇگۈل، قىزى مۇنەۋۋەرنىڭ نالىسىغا چىدىمايۋاتاتتى. كۆزىگە لىققىدە ياش كەلدى. ئۇنىڭمۇ ۋارقىراپ، توۋلاپ باققۇسى كەلدى. ئەمما چوڭ بىر ئادەم بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇنداق قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايۋاتاتتى. ئۇ ئاھالىلەر كومىتېتى خادىمى بىلەن يەنە جېدەللەشمەكچى بولدى-يۇ، ئۇ نىيىتىدىن دەرھال ياندى. ئۇلارغا جېدەللىشىش تۈگۈل، ھەق-ئادالەتنى سۆزلەشمۇ ئاقمايدىغان بىر ئىش ئىدى. شۇڭا ئۇ، ئاچچىقىنى بېسىۋالمىسا بولمايتتى.
ئارزۇگۈل چىشنى-چىشلەپ تۇرۇپ، ئاھالىلەر كومىتېتى خادىملىرىغا ئاخىرقى قېتىم يالۋۇرۇپ باقماقچى بولۇپ ئېغىز ئاچتى: قىزىم تېخى كىچىك، ھېچنېمىنى چۈشەنمەيدۇ. ئۇنىڭغا رەھىم قىلساڭلار! مەن ئۆيگە ئېلىپ كېتىپ تېخىمۇ ياخشى بولغاندىن كېيىن، قايتۇرۇپ ئەكېلىپ بېرىمەن. ئارىلىقتا ئۇنىڭغا ئىدىيەۋى خىزمەت ئىشلەپ، تەربىيە ئېلىپ بارسام تېخىمۇ ياخشى بولمامدۇ؟
-ياق، بولمايدۇ-دەپ، قوپاللىق بىلەن ۋارقىرىدى ئاھالىلەر كومىتېتى خادىمى ئۇنىڭغا يەنە، شۇ ئەسنادا ھېلىقى ساقچى مۇنەۋۋەرنىڭ قولىدىن تارتىپ ئېلىپ ماڭماقچى بولدى، ئەمما، مۇنەۋۋەر يەنىلا قارشىلىق قىلىپ، ئارقىسىغا تىرەجەپ، ئانىسىغا يالۋۇراتتى: «ئاپا! مېنى ئۆيىمىزگە ئېلىپ كېتىڭ، مەن پەرىشتىلەر باغچىسىغا بارمايمەن!»
ئارزۇگۈل كۆزىدىكى ياشنى سۈرتۈۋېتىپ، مۇنەۋۋەرگە يېقىنلاپ كەلدى-دە، ئۇنىڭ يۈزىگە سۆيۈپ تۇرۇپ، قۇلىقىغا پىچىرلىدى: قىزىم! ئەمدى بولدى قىلىڭ، سىز: «پەرىشتىلەر باغچىسى»غا بېرىپ تۇرۇڭ، بولمىسا ئىككىلىمىزلا خاتالىق ئۆتكۈزگەن بولىمىز. مەن ئاچىڭىزنى ئېلىپ كېلىشىم كېرەك! ئۇ بىزدىن بەكلا يىراق يەرگە ئېلىپ كېتىلىپتۇ، ناۋادا مەن ئۇنى ئىزدەپ-تېپىپ، قايتۇرۇپ كەلمىسەم؟ ئۇنى مەڭگۈلۈككە يوقۇتۇپ قويۇشىمىز مۇمكىن! ئەمدى چۈشەندىڭىزمۇ قىزىم؟ ئوماق قىزىم، بىر مەزگىل چىداڭ! مەن سىزنى يەنە يوقلاپ كېلىمەن. «پەرىشتىلەر باغچىسى»دىكى ئوقۇشىڭىز تۈگىگەندىن كېيىن، مەن سىزنى ئۆيگە قايتۇرۇپ ئېلىپ كېلىمەن. بولامدۇ قىزىم؟شۇنىڭدىن كېيىن، مۇنەۋۋەرنىڭ يىغىسى بېسىقتى. ئۇ ئەمدى ئانىسىنىڭ ئۆتۈنۈشىدىن بەزى نەرسىلەرنى چۈشەنگەندەك بولۇپ، خۇددى ئانىسىنىڭ دەردىگە يەتمەكچى بولغاندەك بىردىنلا ئېغىزى ئاچتى:
– ئاپا، سىز ئاچامنى ئېلىپ كېلىڭ! ئاچامنى بەك كۆرگۈم كەلدى. مەن سىلەرنى ساقلايمەن. ئۇنىڭدىن كېيىن مېنىمۇ ئېلىپ كېتىڭ! مەن« پەرىشتىلەر باغچىسى»دا تۇرۇشنى خالىمايمەن. جېنىم ئاپا، چوقۇم مېنى ئېلىپ كېتىڭ!
– ماقۇل، جېنىم قىزىم! مەن سىز ئۈچۈن ھەر قانداق ئىشنى قىلىشقا تەييار، ھەتتا جېنىمنىمۇ پىدا قىلىشقا رازىمەن قىزىم! مەندىن خاتىرجەم بولۇڭ، مەن سىزنى چوقۇم ئۇ يەردىن ئېلىپ كېتىمەن. ئاچىڭىزنىمۇ، كېيىن ئۇكىڭىزنىمۇ قايتۇرۇپ كېلىمىز! ئاخىرىدا ئاتىڭىزمۇ قايتىپ كېلىدۇ. بىز چوقۇم ھەممىمىز بىر يەرگە جەم بولىمىز!
مانا بۇ ئارزۇگۈلنىڭ قىزى مۇنەۋۋەرگە قىلغان ئاخىرقى يۈرەك سۆزى ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن مۇنەۋۋەرنى، ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ خادىمى بىلەن ئۇنىڭ بىلەن بىللە كەلگەن ساقچى: «ماڭ دېسە، ماڭ!»-دەپ، مەجبۇرى ھالدا ئېلىپ كېتىشتى.
ئارزۇگۈلنىڭ كۆڭلى ئىنتايىن يېرىم ئىدى. ئۇ ئۆيىگە قايتىپ كېلىپ، ئۆزىنى تېخىمۇ يالغۇز ھېس قىلىشقا باشلىدى. يېنىدا ھېچكىم يوق ئىدى. ئاھ، خۇدا! دۇنيادا يالغۇزلۇقتىنمۇ يامان ئىش بولامدۇ؟ ئۇ ئۆز – ئۆزىگە سوئال قويۇپ، يەنە ئۆزى جاۋاب بېرىۋاتاتتى: «شۇنداق! يالغۇزلۇق ئىنسانغا يارىشىدىغان ئىش ئەمەس، ئاللاھ ئىنساننى جۈپتى بىلەن ياراتقان، ئاللاھ ئاۋۋال ئادەم ئاتىمىزنى ياراتقاندىن كېيىن، بىر-بىرىگە كۆڭلى يېقىن بولسۇن دەپ، ئۇنىڭ يۈرىكىگە ئەڭ يېقىن بولغان قوۋۇرغىسىدىن سۇندۇرۇپ ئېلىپ، ھاۋا ئانىمىزنى يارىتىپ، ئۇلارنى يالغۇزلۇقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، بىر جۈپ بولۇپ ياشاشقا نائىل قىلغان ئىكەن. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇلارغا پەرزەنت ئاتا قىلغان. پەرزەنتلەر ئاتا-ئانىسىنىڭ چەكسىز مېھىر بېرىپ، بارلىقىنى قۇربان قىلىپ، پەرۋىش قىلىپ بېقىشىنىڭ نەتىجىسىدە چوڭ بولۇپ، قاتارغا قوشۇلغان. كېيىن ئۇلار، چوڭلارنى بېقىپ ھەم ئۆز ئەۋلادلىرىنى كۆپەيتىپ، ئىناق ئائىلە ۋە ئورتاق بىر جەمئىيەتنى شەكىللەندۈرگەن، مانا بۇ-ئاللاھنىڭ ئادەمنى يالغۇز ياشاشقا ھارام قىلغانلىقىنىڭ ھېكمىتىدۇر. ئەي ئۇلۇغ، مېھرىبان ئاللاھ!مەن مۇشۇ ھېكمىتىڭگە ئىشىنىمەن، شۇ ھېكمىتىڭنى مەندەك بىر يالغۇز قالغان مەزلۇم بەندەڭگىمۇ كۆرسەتكەيسەن! مېنى يالغۇز قويمىغايسەن، پۈتۈن ئائىلىمىزنىڭ جەم بولۇشىغا ئۆزەڭ ياردەمچى بولغايسەن، ئامىن!»
يالغۇزلۇقتىنمۇ قانداق؟ ئارزۇگۈل كېچىچە قالايمىقان چۈش كۆرۈپ، ياخشى ئۇخلىيالمىدى. ئۇ چۈشىدە: «ئاق روماللىق بىر ئايالنىڭ ئۆزىنى چاقىرىپ: قىزىم! بىزنى يالغۇز تاشلاپ قويدىڭىز، يوقلاپ كەلمىدىڭىز؟ بىز سىزنىڭ دۇئايىڭىزغا موھتاج!» دەۋاتقان بىر خىل ئاۋازنى ئاڭلىغاندەك بولدى.
بۇ ئۇنىڭ ئاخشام يالغۇزلۇق ھېس قىلىپ، ئۇزاققىچە ئۇخلىيالماي، كېيىن سەھەر ۋاقتىدا قاتتىق ئۇخلاپ كېتىپ، كۆرگەن چۈشى ئىدى. ئۇ خوراز چىللىشى بىلەنلا ئويغىنىپ كېتىپ، كۆرگەن چۈشىنى ئەسلىدى. چۈشىدىكى ئاق روماللىق ئايالنىڭ-ئۆزىنىڭ ئانىسى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلدى-دە، چىراغنىمۇ ياقماستىن، يوشۇرۇن تەرەت ئېلىپ، ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇدى. ئۇنىڭدىن كېيىن، ئۆزى بىلگەن بىر مۇنچە ئايەتلەرنى ئوقۇپ، ئاتىسى ۋە ئانىسىنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا قىلدى.
ئارزۇگۈل ئانىسىنى چۈشىدە كۆرگەنلىكىدىن بەكمۇ خۇشال بولدى. ئۇ خىيالىدا: «ئانامنىڭ روھى مېنى يۆلەيدىغان ئوخشايدۇ! مەن ئەمدى ئۇنىڭ تۇپراق بېشىغا بېرىپ، ئانامنىڭ قەبرىسىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەچ، دۇئا قىلىپ كېلەي!»دەپ، ئويلىدى-دە، ئاتا-ئانىسى تۇرغان لەڭگەر كەنتىگە يېتىپ كېلىپ، ئانىسىنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى قىلغان بولۇشى مۇمكىن! دەپ تەخمىن قىلغان، ئۇلارنىڭ ئۆيىگە ئىككى ئۆي ئارىلىقتىكى قوشنا ئۆيدە ئولتۇرىدىغان زورىخان ئىسىملىك ئايالنى ئىزدەپ تېپىپ، ئۇنىڭدىن ئانىسىنىڭ قەبرىسىنىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى سورىۋىدى، ئۇ ئايال ئېنىق بەلگىسى بىلەن رەھمەتلىك سارىخان موماينىڭ قەبرىسىنىڭ ئورنىنى دەپ بەردى.
ئارزۇگۈل ئەتىگەندىلا قەبرىستانلىققا يېتىپ كېلىپ، يېڭى دۆۋىلەنگەن، تېخى تولۇق قۇرۇپ كەتمىگەن توپىغا ۋە ھېلىقى ئايال دەپ بەرگەن بەلگىگە ئاساسەن ئانىسىنىڭ قەبرىسىنى ئىتتىكلا ئىزدەپ تاپتى. ئۇنىڭ كۆزىدىن تارام -تاراملاپ ياشلار تۆكۈلۈشكە باشلىدى. ئۇ بار ئاۋازى بىلەن ئانىسىغا خىتاب قىلىۋاتاتتى«: ئاھ، ئانا. جېنىم ئانا! مەن سىزنىڭ ئاخىرەتلىكىڭىزگە كېلەلمىدىم، نامىزىڭىزدا يېنىڭىزدا بولالمىدىم، يۈزىڭىزنى كۆرەلمىدىم بەدىنىڭىزگە بىر چۆگۈن سۇ قۇيۇپ يۇيالمىدىم، مېنى كەچۈرگەيسىز ئانا! مەن ئۇ چاغدا قەپەسكە سولاپ قويۇلغان بىر قۇش ئىدىم. سىزنىڭ-ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا كەتكەنلىڭىزنى ماڭا خەۋەر قىلىشمىدى. ئەگەر مېنىڭ خەۋىرىم بولغان بولسا ئىدى، قەپەسنى چېقىپمۇ بولسا كېلەر ئىدىم. مېنى كەچۈرۈڭ جېنىم ئانا! مانا ئەمدى مەن يېنىڭىزدا تۇرۇپتىمەن، مەن سىزنىڭ ياردىمىڭىزگە موھتاج! مەن ئۈچۈن پەرىشتىلەرگە مۇراجىئەت قىلىپ، ئۇلارنى ياردەمگە ئەۋەتىڭ! مەن ئۇلارنىڭ ياردىمىگە موھتاج، بۇ زالىملار مېنىڭ قىزىم ماھىرەنى يوقىتىۋېتىشتى. مەن ئۇنى تاپمىسام بولمايدۇ!».
شۇ ئەسنادا كۆكتىن بىر سادا ياڭرىدى: «ئەي، مەزلۇم ئانا! مانا مەن پەرىشتىلەرنىڭ ۋەكىلى، ئاللاھ سېنىڭ دۇئايىڭنى قوبۇل قىلدى. مەرھۇم ئاناڭ ھازىر جەننەتتە پەرىشتىلەر بىلەن بىللە تۇرۇۋاتىدۇ. ئۇ پەرىشتىلەرگە يالۋۇردى. مانا مەن ئۇلارنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە ساڭا گەپ قىلىۋاتىمەن. سەن قىزىڭنى تاپالايسەن! يولغا چىققىن، بىز ساڭا ھەمراھ بولىمىز»!
ئارزۇگۈل بۇ كۆكتىن كەلگەن سادادىن ناھايىتىمۇ ھاياجانلاندى. ئۇ شۇ تاپتا يەنە، ئاللاھقا نىدا قىلماقتا ئىدى: «ئاھ، خۇدا! مېنىڭ نالەمگە قۇلاق سېلىپ، پەرىشتىلەرگە بۇيرۇق قىلغانلىقىڭدىن بەكمۇ خ خوشال بولدۇم. مەن ساڭا قانچىلىك رەھمەت ئېيتساممۇ ئەرزىيدۇ. مەن سېنىڭ رەھىمدىللىكىڭنى كىچىكىمدىن تارتىپ بىلەتتىم. سەن مەرھەمەتلىكلەرنىڭ ئەڭ مەرھەمەتلىكىسەن! مەرھەمىتىڭنى بەندىلىرىڭدىن ئايىمايسەن! مانا سەن ھازىر ماڭىمۇ ئۆز مەرھەمىتىڭنى بېغىشلىدىڭ. مەن ئەمدى قىزىمنى تاپالايدىغانلىقىمغا ئىشىنىمەن. ئاھ، خۇدا! ماڭا يەنىمۇ كۆپ مەرھەمەت ئاتا قىلغايسەن! قىزىمنى، ئېرىمنى، ئوغلۇمنى تېپىشىمغا، ئۇلار بىلەن قايتا جەم بولۇشۇمغا نېسىپ قىلغايسەن، ئامىن!»
مانا! ئارزۇگۈل قىزىنى ئىزدەپ يولغا چىقتى. ئۇنىڭغا پەرىشتىلەر ئارقىلىق ئاللاھ تەرىپىدىن بېشارەت بېرىلگەچكە، بۇ سەپىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىدىغانلىقىغا چەكسىز دەرىجىدە ئىشىنەتتى. ئەلۋەتتە! ئۇنىڭ سەپىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىدىغانلىقىغا ھەركىم ئىشىنىدۇ. ئۇ چوقۇم قىزىنى تاپالايدۇ. چۈنكى ئۇ، بىر مەزلۇم بولۇش سۈپىتى بىلەن ئاللاھنىڭ مەرھەمىتىگە ئېرىشكۈسىدۇر. ئاللاھ! ھەر قاچان مەزلۇملارغا مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر، ئۇلارنىڭ مەدەتكارىدۇر!
