پىشقەدەم شائىر، جامائەت ئەربابى ئەخمەت ئىگەمبەردى ۋاپات بولدى

شائىر، ئىنقىلابچى، جامائەت ئەربابى ھۆرمەتلىك ئەخمەت ئىگەمبەردى – نىجادى ئەپەندىنىڭ مۇسىبەت خەۋىرىنى ئاڭلاپ چوڭقۇر قايغۇردۇق. بىز يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسى نامىدىن مەرھۇمنىڭ ئائىلە – تاۋاباتلىرىغا سەۋر، مەرھۇمغا فىردەۋس جەننەت تىلەيمىز!
مەرھۇم ئۇيۇشمىنىڭ تەرجىمە تەھرىر گۇرۇپپىسى قۇرۇلغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپ، بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن بىر تۈركۈم ئەسەرلىرىنى توپلاپ، تەھرىرلەپ ئۇيۇشما نامىدىن نەشر قىلدۇرغۇسى بارلىقىنى ئېيتقان ئىدى. بىزمۇ بۇ بىر يۈرۈش ئەسەرلەرگە قولىمىزدىن كېلىشىچە كۈچەپ سۈپەتلىك نەشر قىلىشقا تىرىشتۇق. مەرھۇمنىڭ ئۆمۈرىنىڭ ئاخىرىدىكى بىر ئارزۇسىنى بولسىمۇ ئىككى يىل مۇقەددەم روياپقا چىقارغان بولدۇق.
مەرھۇم ئىستىداتلىق شائىر بولۇپلا قالماي، مىللەتنىڭ ھەق دەۋاسى ئۈچۈن يېرىم ئەسىردىن كۆپراق ھاياتىنى مۇجادىلە ئىچىدە ئۆتكۈزدى. ئۆزىنىڭ نۇرغۇنلىغان پۇبلىستىك ماقالىلىرى ئارقىلىق دۇنيا سىياسىتى ۋە خەلقئارا ۋەزىيەتنى توغرا تەھلىل قىلىپ، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نېمە پايدىلىق بولسا شۇنى قىلىشقا، مىللىتىنى ئويغىتىشقا تىرىشتى.
بىز مەرھۇمنى چوڭقۇر قايغۇ ئىچىدە ئەسلەيمىز!
— دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسى
2026 – يىلى 19- ئاپرېل
