تۈرمىدىكى ئۇيغۇر يازغۇچى پەرھات تۇرسۇن 2022-يىللىق شېۋىتسيە تۇچولسكى ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرشتى. ختتاي تەرىپىدىن ئۆز مىللى كىملىكى ۋە ئەدەبى ئەمگەكلىرى سەۋەبلىك قاماققا ئىلىنغان تونۇلغان ئۇيغۇر يازغۇچى، ئۇيغۇر كىلاسسك ئەدەبىيات پەنلىرى دوكتۇرى پەرھات تۇرسۇن 30-سىنتەبىر كۈنى شېۋتسيەنىڭ تۇچولسكى مۇكاپاتىغا ئېرشكەن. مەزكۇر مۇكاپاتنىڭ پەرھات تۇرسۇنغا بىرىلىش سەۋەبىگە مۇنداق يېزىلغان: «مەدەنى چەكلىمىلەر ۋە ئېتنىك-سياسى باشتۇرۇشلارغا قارىماستىن، ئنسان ھاياتى تەجرىبىسنى ئاز سانلىق نۇقتسدىن ناھايتى تەبئى ۋە چوڭقۇر، تەسرلىك ھالدا ئېپادىلەپ بەرگەنلىكى، ئەدەبىيات ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈچلۈك ئاۋاز بولغانلىقى ئۈچۈن، پەرھات تۇرسۇنغا 2022-يىللىق تۇچولسكى مۇكاپاتى بېرىلدى.» مەزكۇر تۇچولسكىي مۇكاپاتى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ياكى سۈرگۈنگە مەجبۇرلانغان يازغۇچى ياكى…