مەزلۇملار ۋە زالىملار (رومان) — ئۆمەر ئىمىن 2-قىسىم

مەزلۇملار ۋە زالىملار
(2-قىسىم)
1-باب
ۋاڭ خەلق گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدە تېررورچىلارغا ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىش جازاسى بېرىلدى» ماۋزۇسىدىكى خەۋەرنى ئوقۇۋېتىپ، يۈزلىرى قىزىرىپ، ئۆزىچە ئۇلارغا ئاچچىقلانغاندەك بولۇپ، گېزىتنى پۇرلاپ تاشلىۋەتمەكچى بولدىيۇ، يەنە توختاپ قالدى. ئۇ «بۇ تېررورچىلار كىملەر بولغىيدى؟» دېگەننى بىلىپ باقماقچى بولۇپ، گېزىتنىڭ داۋامىنى ئوقۇشقا باشلىدى:«تېررورچىلار ئۆزلىرىنىڭ ئەۋزەل خىزمەت ئورنىدىن پايدىلىنىپ، ياش-ئۆسمۈرلەرگە زەھەرلىك قولىنى سۇنۇپ، ئالىي ۋە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇشلۇقىدىكى ئەدەبىيات دەرسلىكىگە مىللىي بۆلگۈنچىلىكنى تەرغىب قىلىدىغان ئەسەرلەرنى كىرگۈزۈپ، ياش-ئۆسمۈرلەرنى زەھەرلەپ، دۆلىتىمىزنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان) نى جۇڭگونىڭ قوينىدىن ئايرىپ چىقىپ، مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇش ئارقىلىق، دۆلىتىمىزنى پارچىلىماقچى بولدى. ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشى دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزۈش قىلمىشىغا ياتىدىغان ئېغىر جىنايەت بولۇپ، بۇ جىنايەتنى سادىر قىلغان: شىنجاڭ مائارىپ نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ساتتار ساۋۇت، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى تاشپولات تېيىپ، تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى خالمۇرات غوپۇر قاتارلىقلارغا ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئۆلۈم جازاسى بېرىلدى».
ۋاڭ بۇ خەۋەرنىڭ تەپسىلاتىنى ئوقۇپ، ئۆزىچە چۆچۈپ كەتكەندەك بولدى-دە، خۇددى بۇ ۋەقەنى ئۆزىگە ئۇرۇلغان بىر شاپىلاقتەك ھېس قىلىپ، ناھايىتى جىددىيلەشكەن ھالەتتە ئۆينىڭ ئۇ تەرىپىدىن بۇ تەرىپىگە توختىماي مېڭىپ، ئۆزىگىمۇ چۈشىنىشلىك بولمىغان ھالدا: «نېمىشقا ئۇلار بۇنداق قىلىدۇ؟ نېمىشقا دۆلەتنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىنى پارچىلىماقچى بولىدۇ؟ ئەييا، ئەييا! » دەپ بەكلا ۋايساپ كەتتى.
ۋاڭ ئۇلارغا ئارتىلغان جىنايەتتىكى ئەڭ مۇھىم نۇقتا بولغان: «جۇڭگونىڭ بىرلىكىنى پارچىلاپ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇش» دېگەن قۇرلارنى ئويلاپ، ئۆزىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۇچا شەھىرىنىڭ ئۈچئۆستەڭ يېزىسىغا جايلاشقان «166-پىيادىلەر قىسمى» دا ئەسكەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتۈۋاتقان ۋاقتىدىكى، بىر قېتىملىق سىياسىي ئۆگىنىش يىغىنىدا، ھەربىي قىسىم سىياسىي كومىسسارىنىڭ مۇنداق دېگەن سۆزىنى ئېسىگە ئالدى: «سىلەرنىڭ چېگرا رايوننى قوغداش ۋەزىپەڭلار ناھايىتى مۈشكۈل ۋە شەرەپلىكتۇر. خەلق ئازادلىق ئارمىيەمىز 1949-يىلى شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان) نى تىنچلىق بىلەن ئازاد قىلغاندىن بۇيان، نۇرغۇن بوران-چاپقۇنلارغا دۇچ كەلدى. ئەمما، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ قەھرىمان جەڭچىلىرى ئۇنىڭغا قىلچىلىك تىز پۈكمەي، باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلىپ، شەرقىي تۈركىستانچى ئۇنسۇرلارنىڭ شىنجاڭنى ۋەتەندىن بۆلۈپ چىقىپ كەتمەكچى بولغان قارا نىيىتىنى بىتچىت قىلدى. خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى بۇنىڭ ئۈچۈن ناھايىتى ئېغىر بەدەللەرنى تۆلىدى. نۇرغۇن قېتىملىق توپىلاڭلارنى باستۇردى. سىلەر تۇرۇۋاتقان جەنۇبى شىنجاڭ رايونى بولسا، ۋەتەننى قوغداپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ ئالدىنقى سېپىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەر ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ، جاپا-مۇشەققەتكە چىداپ، مىللىي بۆلگۈنچىلەرنى تولۇق يوقىتىش ئۈچۈن ئاداققىچە كۈرەش قىلىشىڭلار لازىم».
ۋاڭ سىياسىي كومىسسارنىڭ بۇنىڭدىن ئوتتۇز نەچچە يىل بۇرۇنقى بۇ سۆزىنى ئەسلەپ: «ئەييا، ئەييا! مىللىي بۆلگۈنچى ئۇنسۇرلار نېمە دېگەن كۆپ؟ نەدىن پەيدا بولىدىغاندۇ؟ ئۇلارنى نېمىشقا ھازىرغىچە يوقىتالمايمىز؟ » دەپ ئۆز-ئۆزىگە كايىپ كېتىۋاتاتتى، چاي دەملەپ ئېلىپ چىققان ئايالى يولدىشىنىڭ بۇ ئەھۋالىنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا :
-لاۋ ۋاڭ نېمىگە بۇنچىۋالا كايىپ كېتىۋاتىسىز؟-دەپ سوئال قويۇۋىدى، ئۇ يەنە ئاچچىقلانغان ھالدا چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ، ئايالىغا مۇنداق جاۋاب بەردى:
-بۇ مىللىي بۆلگۈنچىلەرنى تەلتۆكۈس يوقىتىش ئۈچۈن ئۇلارنى مىلتىق، پىلىموتلار بىلەن ئېتىپ، قىرىپ تۈگىتىش كېرەك! ھازىر دۆلىتىمىز بۇ ئىشتا بەك بوشاڭلىق قىلىۋاتىدۇ. نېمىشقا ئۇلارغا مائارىپ ئورۇنلىرىدا ۋە مەكتەپلەردە ھوقۇق بېرىدۇ، ئۇلارنى ئۆز تىلىدا ئوقۇتۇشقا يول قويىدۇ؟
-سىزچە قانداق قىلسا بولاتتى؟-ئۇلار يا بىزگە ئوخشاش خىتاي مىللىتىدىن بولمىسا، شۇڭا ئۇلارغا خۇددى ئايرىم بىر دۆلەتتەك: «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى» دەپ، ئۆزىنى-ئۆزى باشقۇرىدىغان ئۆلكە دەرىجىلىك ئاپتونومىيەلىك رايون قۇرۇپ بېرىلگەن ئىكەنغۇ؟ ئۇنداقكەن ئۇلار ئۆز تىلىنى بىلمىسە، ئۆز تىلىدا ئوقۇمىسا، ئۇ ھالدا قانداقمۇ مىللىي ئاپتونوم رايون بولۇپ تۇرالايدۇ؟-دەپ، ۋاڭنىڭ كۆزىگە قارىدى ئۇنىڭ ئايالى ئۆزىنىڭ ئانچە-مۇنچە سىياسەت بىلىدىغانلىقىنى كۆز-كۆز قىلىپ،
-ئەييا، ئەييا! سەن سىياسەت بىلمەيدىكەنسەن!-دەپ ۋايساپ كەتتى يەنە ۋاڭ ئايالىغا كۆزىنى چەكچەيتىپ قاراپ،-بىزنىڭ ئۇلۇغ داھىيمىز ماۋ زېدۇڭ ئەينى ۋاقىتتا: «سوتسىيالىزمنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى – كوممۇنىزمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتۇر، كوممۇنىزمدا دىن، مىللەت، دۆلەت دېگەن نەرسە مەۋجۇت بولمايدۇ!» دەپ ئېيتمىغانمىدى؟
-ئۇغۇ شۇنداق! مەنمۇ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان،-دېدى ئايال ۋاڭ يەنە ئۆزىنىڭ خېلى نەرسە بىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىمەكچى بولۇپ-دۆلىتىمىز ھازىر تېخى كوممۇنىزمنى قۇرۇپ بولماي تۇرۇپلا، «دۆلىتىمىز – جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى» دا ماڭىدۇ دەپ، سوتسىيالىزمغىمۇ ئوخشىمايدىغان، كاپىتالىزمغىمۇ ئوخشىمايدىغان، قاملاشمىغان بىر سىياسەتنى يولغا قويۇۋاتىدۇ، تېخى ئۇلار بۇنى ماختاپ: «جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ھەممىدىن ئەۋزەل» دېيىشىۋاتىدۇ، ئەمما سوتسىيالىزم – جۇڭگودا بىر خىل، سوۋېت ئىتتىپاقىدا بىر خىل، چاۋشيەن (شىمالىي كورېيە) دە بىر خىل بولاتتىمۇ؟ ئەگەر ئۇنداق بولسا، كوممۇنىزمنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى دېگەن بىر خام-خىيال بولۇپ قالمامدۇ؟
-ئەييا، ئەييا! ئاغزىڭنى يۇم!-دەپ كايىپ كەتتى ۋاڭ ئايالىغا،-كوممۇنىزمنى پەقەت جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىلا ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن دۆلىتىمىز ھازىرقىدەك جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا مېڭىپ، ئىقتىسادىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ، دۇنيادا ئالدىنقى قاتارغا ئۆتكەندىن كېيىن، قايتىدىن پىرولېتارىيات دىكتاتۇرىسىنى يولغا قويۇپ، دۆلىتىمىزدىكى باشقا مىللەتلەرنىڭ تىلىنى، دىنىنى،ئۆرپ-ئادەتلىرىنى چەكلەپ، مىللىي پەرقلەرنى يوقىتىشىمىز كېرەك! ئەگەر ئۇلار قارشىلىق قىلسا، مىلتىق-پىلىموتلار بىلەن ئېتىپ، قىرىپ تۈگىتىشىمىز كېرەك!
-ئەييا، ئەييا! لاۋ ۋاڭ،-دەپ كۆزى چەكچىيىپ كەتتى ئايال ۋاڭ-ئۇنداق قىلىشقا بولامدۇ؟ تىنچ-جىمجىت تۇرغان بىر خەلقنى مىلتىق بىلەن قىرىپ، ئېتىپ ئۆلتۈرگەندە خەلقئارادا ئۇنىڭغا قارشىلىق كېلىپ چىقمامدۇ؟ دۆلىتىمىزنىڭ يۈزى تۆكۈلۈپ كەتمەمدۇ؟
-ھەي ئەخمەق!-دېدى ۋاڭ ئايالىغا ۋارقىرىغاندەك گەپ قىلىپ،-سېنىڭ ئاشۇ گېپىڭمۇ-گەپمۇ؟ خەلقئارادىن نېمە قارشىلىق كېلىپ چىقاتتى؟ ھېچقانداق قارشىلىق كېلىپ چىقمايدۇ. ئاڭلىسام چەتئەللەردىكى بىر قىسىم شەرقىي تۈركىستانچى ئۇنسۇرلار خىتاي كونسۇلى ئالدىدا نامايىش قىلارمىش! ب د ت غا شىكايەت قىلارمىش! ھەتتا، ھازىر ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە كىرىپ شىكايەت قىلىدىغان دەرىجىگە بېرىپ يېتىپتىمىش! شۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇلارغا ھېسداشلىقىنى بىلدۈرۈۋېتىپتىمىش! ئەمما، ئۇلار بۇنىڭلىق بىلەنمۇ بىزنى ھېچنېمە قىلالمايدۇ.
-نېمىشقا ھېچنېمە قىلالمايدۇ؟-سورىدى ئايال ۋاڭ، قېرى ۋاڭنىڭ ئۇ گەپلىرىگە تازا ئىشەنمىگەندەك قىلىپ.
-ئەلۋەتتە قىلالمايدۇ-دە، چۈنكى، چەتئەللىكلەر دۆلىتىمىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا، زېمىن پۈتۈنلۈكىمىزگە ئارىلىشالمايدۇ. ئۇنداق قىلسا ئۇلار بىزنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغان بولىدۇ. بۇ خەلقئارا قانۇنغا خىلاپتۇر. شۇڭا ئۇلارنىڭ بىزگە دەيدىغان گېپى پەقەتلا: «جۇڭگودا كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاڭلار! ئۇيغۇرلارنىڭ، تىبەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىڭلار» دەيدۇ شۇ! ئەمما بىز: ھەئە، ماقۇل، شۇنداق قىلايلى!-دەپ قويىمىزدە، قۇلىقىمىزنى يوپۇرۇۋېلىپ، كۆزىمىزنى يۇمۇۋېلىپ، يەنە ئىچكى جەھەتتە قىلىدىغان ئىشىمىزنى قىلىۋېرىمىز، بۇ بولسا بىزنىڭ دانا ئەجدادلىرىمىزدىن قالغان، ماقۇل دەپ قويۇپ، ئۆزى بىلگەننى قىلىۋېرىدىغان: «داپشاقلىق قىلىش ھىيلىسى» بولۇپ،«36 تەدبىر» ىمىزدىكى ئەڭ مۇھىم تەدبىرلەرنىڭ بىرىدۇر. شۇڭا بىز، بۇ تەدبىر بويىچە: بىرەر ۋەقە يۈز بەرگەندە، ئۇنى بارلىق ۋاستىلارنى قوللىنىپ، باستۇرۇپ يوقىتىمىز، ئاندىن كېيىن بۇنىڭغا قارىتا باشقىلار نېمە دېسە-دەۋەرسۇن دەپ،«كۆزىمىز كۆرمەس، قۇلىقىمىز تۇيماس» بولۇۋالىمىز، بۇنىڭ پايدىسى شۇكى، باشقىلارنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرايدىغان بىر ئىش قىلغاندا-شۇ ئىشنى قىلىپ بولۇپلا، قۇلىقىمىزنى يوپۇرۇۋېلىپ، گاس-گاچا بولۇۋېلىپ، ھېچكىمنىڭ گېپىنى ئاڭلىمايمىز. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىش ۋاقىت ئۆتكەنسېرى ھېچ تەكىتلەنمەيدىغان، ھېچكىم دىققەت قىلمايدىغان ئادەتتىكى بىر ئىشقا ئايلىنىپ بولىدۇ.
-ناۋادا تۈركىيە ياكى باشقا مۇسۇلمان دۆلەتلەر بىلىپ قېلىپ، ئۇلار بۇ ئىشقا ئارىلاشسىچۇ؟ -ئۇنىڭمۇ كارايىتى چاغلىق، تۈركىيە ۋە مۇسۇلمان دۆلەتلىرى ھازىر بىزنىڭ كۆپ ئارقىمىزدا قالدى. ئۇلار بىزنىڭ ئىلغار پەن-تېخنىكىمىزغا، ئەرزان باھالىق تاۋارلىرىمىزغا موھتاج. بىز ئۇلارغا ئەرزان تاۋارلىرىمىزنى ئېكسپورت قىلىپ، قىممەتلىك كان-بايلىقلىرىنى سېتىۋالىمىز، يەنە بىر جەھەتتىن بولسا «ئىقتىسادى جەھەتتىن مەبلەغ سالىمىز» دېگەن كوزىرنى قوللىنىپ، قوش پايدا ئالىمىز. بۇنىڭدا بىر تەرەپتىن ئۇلارغا مەبلەغ سېلىپ، زاۋۇت، كان-كارخانىلارنى قۇرۇپ، تاۋار ئىشلەپچىقىرىپ يەنە ئۇلارنىڭ ئۆزىگە ساتىمىز، ئاندىن يەنە ئۇلارنىڭ باشلىقلىرىنى ئەپلەپ-سەپلەپ، پارا بېرىپ قولغا كەلتۈرۈۋالىمىز. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ھەرقانچە بىر قانداش، بىر دىنداش بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ دەرد-ئەلەملىرىنى تىڭشىمايدۇ.
-ھە، شۇنداقمۇ؟ بىزنىڭ بۇ دانا ئەجدادلىرىمىزدىن قالغان «36 تەدبىر» مىزنىڭ پايدىسى كۆپ ئىكەن-ھە! شۇڭا بىز ئۇ تۇپراقنى ئاسانلا قولغا كەلتۈرۈۋالغان ئىكەنمىز-دېدى ئايال ۋاڭ ئېرىگە قايىل بولغاندەك بولۇپ،
-ھەببەللى، شۇنداق! شۇڭا ئەينى ۋاقىتتا، ئۇ ئىسيانكارلار غۇلجىدا: «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» قۇرىمىز دەپ، 40 مىڭغا يېقىن ئەسكەر بىلەن قۇرۇپ چىققان جۇمھۇرىيىتىمۇ بىزنىڭ «36 تەدبىر» نى ئىشقا سالغانلىقىمىز ئۈچۈن مەغلۇپ بولدى. ئەمدى بولغاندا ئۇنى قانداق قۇرۇپ چىقالىسۇن؟ ھازىر بىز ھەممە جەھەتتە ئۇلاردىن ئۈستۈن ئورۇندا تۇرۇۋاتىمىز، ئەگەر ئۇلار يەنە: «مۇستەقىل دۆلەت قۇرىمىز»دەپ، قارشىلىق قىلىدىغان بولسا، بىز ئۇلارنى قوراللىق باستۇرۇپ، يىلتىزىدىن قىرىپ تۈگىتىۋېتەلەيمىز!
-مەن ئەجەب ئاڭلىماپتىكەنمەن، ئۇلارنىڭمۇ ئەسكىرى بولغانمۇ؟
-ھەئە، ئۇلارنىڭمۇ ئەسكىرى بولغان ئىكەن! 1949يىلى توپىلاڭچىلار ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ نىلقا ناھىيەسىدە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، نىلقا ناھىيەسىنى ئىگىلىۋالغان ئىكەن، كېيىن ئۇلار سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپنىڭ قوللىشى بىلەن پۈتۈن غۇلجا تەۋەسى ۋە شىمالدىكى ئۈچ ۋىلايەتنى ئىگەللىۋېلىپ، گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئاجىزلىقىدىن پايدىلىنىپ، غۇلجا شەھىرىنى پايتەخت قىلغان: «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى » نى قۇرۇپ چىققان ئىكەن.
-ئۇنداقتا، ئۇلار نېمىشقا مۇستەقىل دۆلەت بولالمىدى؟
-ئەلۋەتتە ئۇلار مۇستەقىل دۆلەت بولالمايتتى، چۈنكى بىز خۇاشيا ئەۋلادلىرى-ئۆزىنى: «بىز تۈرك» دەيدىغان بۇ ياۋايى قەۋىملەرنىڭ باش كۆتۈرۈشىگە ئەزەلدىن يول قويغان ئەمەس، ئۇلار بىزنىڭ ئەزەلىي ۋە ئەبەدىي دۈشمىنىمىزدۇر. چۈنكى، ئۇلار بىزنىڭ تارىخىي دۈشمىنىمىز بولغان ھونلارنىڭ ئەۋلادلىرى بولۇپ، بىز خۇئا-شا ئەۋلادلىرى ئۇلار بىلەن نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان ئۇرۇش قىلىپ، كۆپ زىيان تارتقان ئىدۇق. ئۇلار ھەدىسىلا، شىمالىي چېگرىدىن-ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە بېسىپ كىرىپ، بىزنىڭ يىپەك-شايىلىرىمىزنى، چىرايلىق قىزلىرىمىزنى بولاپ-تالاپ، ئارامچىلىق بەرمىگەن ئىدى. چۈنكى، ئۇ چاغدا بىز خۇئاشىيا ئەۋلادلىرى تارقاق، نەچچىگە بۆلۈنۈپ كەتكەن بەگلىكلەردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، كۈچلۈك بىر ھاكىمىيىتىمىز بولمىغان ئىدى. كېيىن بۈيۈك بوۋىمىز خەن ۋۇدى زامانىغا كەلگەن چاغدا، بىز ھونلار ئۈستىدىن غالىپ كەلگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار شىمالدىكى بىپايان يايلاقلىرىنى تاشلاپ، غەربىي ئاسىيا ۋە ياۋروپاغا كۆچۈشكە مەجبۇر بولغان ئىدى. ئەمدى بىز خۇئاشىيا ئەۋلادلىرى ئويغاندۇق، كۈچەيدۇق. ئۇلار بىزنىڭ ئارقىمىزدا قالدى. شۇڭلاشقا بىز ئۇلارنىڭ مۇستەقىل بولۇپ كۈچىيىپ، تارىختىكى ئەجدادلىرىنى ئۈلگە ئېلىپ، يەنە بىزگە پاراكەندىچىلىك قىلىشىغا يول قويساق بولمايدۇ. شۇڭا، چىڭ سۇلالىسىنى ئاغدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىنگونى قۇرغان سۇن جۇڭسەن ئەپەندىمۇ ئۇلارنىڭ: «مۇستەقىل دۆلەت بولۇپ، ئايرىلىپ چىقىشى» غا يول قويمىغان ئىكەن. سۇن جۇڭسەن ئەپەندى ھەقىقەتەن دانالىق بىلەن ئىش قىلىپ، يىراققا نەزەر سېلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ زېمىنىنى كېڭەيتىپ، ھازىرقى دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىغا ئۇل سالغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن دۆلىتىمىز جۇڭگو ئىلگىرىكىدىن نەچچە ھەسسە كەڭرى بىر تۇپراققا ئىگە بولغان ئىدى. ئەمما كېيىن ئۇنىڭ ۋارىسلىرى بولغان جياڭ جىيېشى ھۆكۈمىتى ياپونغا قارشى ئۇرۇشتا پاسسىپ ھالەتكە چۈشۈپ قېلىپ، چىرىكلىشىپ ئاجىزلىشىپ كەتكەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئۇ بۆلگۈنچى ئۇنسۇرلار توپىلاڭ چىقىرىپ، مۇستەقىل دۆلەت دۆلەت قۇرۇپ، شىنجاڭنى جۇڭگونىڭ قوينىدىن ئايرىپ چىقىپ كەتمەكچى بولۇشقان ئىدى.
-ھەي، ئەبگا گومىنداڭچىلار-دەپ ئاغزىنى بۇزۇپ، گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلەشكە باشلىدى ئايال ۋاڭ-جاڭ جېشى دېگەن ھەقىقەتەن ئىقتىدارسىز بىر ئادەم ئىكەنتۇق، ئەگەر كوممۇنىستىك پارتىيە بولمىغان بولسا ياپونلار جۇڭگونى بېسىۋېلىپ، بۆلگۈنچىلەرگە تۇپرىقىمىزنى بۆلۈپ بېرىۋەتكەن بولاتتى. ھېلىمۇ ياخشى دانا داھىيمىز ماۋ زېدۇڭ گومىنداڭچىلارنى مەغلۇپ قىلىپ، توپىلاڭچىلارنىڭ مۇستەقىل دۆلەت بولۇشىغا يول قويماي، چېگرا رايوننى تىنچلاندۇرۇپتىكەن!
-توغرا دېدىڭ-ئەمما دەپ، ئايالىنىڭ پىكرىنى ئانچە بەك ئېتىبارغا ئېلىپ كەتمەي يەنە سۆزگە كىرىشتى قېرى ۋاڭ: ئەگەر سوۋېتلەر ئىتتىپاقى بۆلگۈنچىلەرنى داۋاملىق قوللاپ، شىنجاڭنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئوخشاش بىر جۇمھۇرىيەت بولۇشىغا يول قويغان بولسا، ئىشىمىز چاتاق بولاتتى. ئەمما كېيىن ۋەزىيەت بىزنىڭ پايدىمىزغا قاراپ ئۆزگەردى. ياپونىيە مىللىتارىستلىرى ئامېرىكىنىڭ ھاۋاي ئارىلىغا ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن، ئامېرىكا جاھانگىرلىكى ياپونىيەنىڭ ئىككى ئارىلىغا ئاتوم بومبىسى تاشلاپ، ئۇلارنى تەسلىم قىلدۇردى. شۇنىڭدىن كېيىن، گومىنداڭ ئەسكەرلىرى ياپونىيەدىن قېلىپ قالغان قورال ۋە ئىقتىسادىي بايلىقلاردىن پايدىلىنىپ كۈچەيدى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بىر نەچچە قېتىم سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، شىنجاڭنىڭ:«جۇڭگونىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى» ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنى قوللاشنى توختىتىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، سوۋېت تەرەپنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈردى.ئاندىن سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بىرلىشىپ، بۆلگۈنچىلەرنىڭ پۈتۈن شىنجاڭنى ئېگەللەپ، مۇستەقىل دۆلەت قىلىپ قۇرۇۋېلىشىغا يول قويماي، بۆلگۈنچىلەرنى ئۇرۇش توختىتىشقا مەجبۇرلاپ، توپىلاڭچىلارنىڭ 40 مىڭ كىشىلىك ئارمىيەسىنى ماناس دەرياسى بويىدا توختىتىپ قويدى. ئاندىن كېيىن، گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ دانا گېنېرالى جاڭ جىجۇڭ شىنجاڭغا بېرىپ: «بىز شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىرى» دەۋالغان ئەخمەتجان قاسىمى باشچىلىقىدىكى 3 كىشىلىك ۋەكىل بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئۇلار بىلەن «11 ماددىلىق تىنچلىق بېتىم»ى ئىمزالىدى.شۇنىڭ بىلەن جاڭ جىجۇڭ ئۆزى بىرىنچى رەئىس بولۇپ، ئۇلارنى قورچاق ئەمەلدارلىققا تەيىنلىدى. بۇ جەھەتتىن ئېيتقاندا جاڭجېشىنىمۇ يەنىلا خۇاشىيا مىللىتىنىڭ مەنپەئەتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغان دېيىشكە بولىدۇ.
-ھە، شۇنداقمۇ؟-دېدى ئايال ۋاڭ ئەجەپلەنگەن ھالدا ئېرىگە قاراپ، ئۇلار ئەينى ۋاقىتتا، شۇنچىلىك بوشاڭ گومىنداڭچىلارغا تەڭ كېلەلمىگەن يەردە، كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ دانا رەھبەرلىرى قۇرۇپ چىققان ئازادلىق ئارمىيىمىزگە قانداقمۇ تەڭ كېلەلىسۇن؟
-مانا ئەمدى كاللاڭ ئىشلەشكە باشلىدى،-دېدى ۋاڭ ئايالىغا قاراپ ۋە سۆزىنى داۋام قىلدى-ئەلۋەتتە، ئۇلار بىزنىڭ ئازادلىق ئارمىيىمىزگە تەڭ كېلەلمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزنىڭ يېقىن دوستىمىز سوۋېت ئىتتىپاقى ئۇلارنىڭ: «سوۋېت سوتسىيالىستىك ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتى» گە تەۋە بولۇشنى ئارزۇ قىلىپ قۇرماقچى بولغان: «ئۇيغۇرىستان جۇمھۇرىيىتى» قۇرۇشىغا رۇخسەت قىلمىغان. چۈنكى سوۋېت ئىتتىپاقىمۇ شىنجاڭنىڭ جۇڭگوغا تەۋە بولۇشنى ئارزۇ قىلاتتى. شۇنداقلا پارتىيىمىزنىڭ كۈچلۈك تەلىپى ۋە دوستلۇق كۆرسىتىشى ئارقىسىدا، ئۇلار بىزنىڭ تەلىپىمىزنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن 1949-يىلى 10-ئايدا خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى شىنجاڭغا بېسىپ كىرىپ، تىنچىماس بۇ رايوننى تىنچ يول بىلەن ئازاد قىلدى.
-شۇنداقمۇ؟ ئۇ يەردىكى گومىنداڭچىلار ۋە يەرلىك ئىسيانچىلار خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىگە قارشى چىقمىدىمۇ؟
-قارشى چىققان بولسىمۇ نېمە قىلالايتتى؟-دەپ، كۆرەڭلىك بىلەن ئايالىغا چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى ۋاڭ-گېنېرال تاۋ سىيۇ باشچىلىقىدىكى 100 مىڭ كىشىلىك گومىنداڭ ئارمىيىسى خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىگە تېلېگرامما يوللاپ، ھەقىقەتكە قايتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. شۇنىڭ بىلەن گومىنداڭچىلاردىن ھېچقانداق بىر قارشىلىق كەلمىگەن. ئەمدى يەرلىك ئىسيانچىلارغا كەلسەك: غۇلجىدىكى ئۆزلىرىنى «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» دەۋالغان توپىلاڭچىلار سوۋېت ئىتتىپاقى بېرىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دۆلەت قۇرۇش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ھارپىسىدا، سىتالىن بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەركىبى قىسمىدىكى بىر جۇمھۇرىيەت بولۇش ئارزۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىكەن.لېكىن، ستالىن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇلارغا جۇڭگونىڭ بىر پارچىسى بولۇپ قوشۇلۇش ھەققىدە يوليورۇق بەرگەن. ئەمما، ئۇلار ئۇنى قوبۇل قىلمىغانمۇ قانداق؟ ستالىن بىلەن ئۇلار ئوتتۇرىسىدا تالاش-تارتىش كېلىپ چىققانمىش! كېيىن ئۇلار ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىست پارتىيەسى رەھبەرلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن بېيجىڭغا ماڭغاندا، ئايروپىلان سىبىرىيە تەۋەسىگە كىرگەندە قازاغا ئۇچراپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆلگەن. كېيىن ئۇلارغا ۋاكالىتەن غۇلجىدا قۇرۇلغان ھۆكۈمەتنىڭ مائارىپ مىنىستىرى سەيپىدىن ئەزىز دېگەن كىشى بېيجىڭغا كېلىپ، خىتاي دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمىغا قاتناشقان ۋە شىنجاڭنىڭ ئەبەدى خىتاي دۆلىتىگە تەۋە بولىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. پەقەت شىمالدىكى ئالتاي ۋىلايىتىگە ۋالىي بولغان ئوسمان باتۇر دېگەن ئىسيانچى ۋە قۇمۇل تەرەپتىكى يولۋاس، ئەبەيدۇللا دېگەندەك بىر قىسىم ئىسيانچىلار قارشىلىق بىلدۈرگەن. كېيىن ئۇلار خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى تەرىپىدىن تەلتۆكۈس يوقىتىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئاخىرىدا خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى ھېچقانداق قارشىلىققا ئۇچرىمايلا غەلىبە بىلەن ئۈرۈمچىگە كىرىپ، شىنجاڭنى دۆلىتىمىزنىڭ ئىگىدارچىلىقىغا قايتىدىن ئۆتكۈزۈۋالغان.
-ۋاڭنىڭ ئايالى ئۇنىڭغا قاراپ بىر نەرسە دېمەكچى بولۇپ ئاغزىنى ئېچىۋىدى، ۋاڭ:
-ھە، نېمە دېمەكچى ئىدىڭ؟ مەن سېنىڭ نېمە دېمەكچى ئىكەنلىكىڭنى ئوبدان بىلىمەن. سەن بىزنىڭ خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى قالتىسكەن دېمەكچىغۇ ھەقاچان؟
-ھەئە، شۇنداق، دېمەكچى ئىدىم!
-توغرا دېدىڭ، كۆرەڭلىك بىلەن يەنە سۆزلەشكە باشلىدى ئۇ-خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى ھەقىقەتەن قالتىس ئىدى. مەن شۇڭا، ئۆز ۋاقتىدا ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ بىر ئەسكىرى بولغانلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن!
-ھەئە، شۇنداقمۇ، سىز قەيەردە ئەسكەر بولغان ئىدىڭىز؟ ئۇنداقتا كېيىن نېمىشقا بۇ كىچىك بىر زاۋۇتتا ئىشچى بولۇپ قالدىڭىز؟-دەپ سورىدى ئۇنىڭدىن يەنە ئايال ۋاڭ،
-ھەي، نېمىسىنى دەيسەن؟-دېدى ئۇ خوتۇنىغا ھەسرەت بىلەن بىر قارىۋېتىپ، ئاندىن ئۆزىنىڭ مۇدھىش بىر قارا تارىخىنى سۆزلەپ بەردى: مەن 1986-1987-يىللىرىدا شىنجاڭنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ كۇچا ناھىيەسىگە(كېيىن شەھەر قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن) تەۋە 166-ھەربىي قىسىمدا ئەسكەر بولۇپ تۇرغان ئىدىم. ئەسكەرلىك ۋاقتىمنىڭ توشىدىغانغا بىر يىل قالغان ۋاقىت ئىدى. بىز ھەر كۈنى چوشقا گۆشى بىلەن گۈرۈچ دۈملەپ ئېتىلىدىغان بىر خىل تاماقتىن بەكمۇ زېرىككەن ئىدۇق. بىر كۈنى مەن بىر سەپدىشىم بىلەن دالادا ۋەزىپە ئىجرا قىلىپ قايتىپ كېلىۋاتاتتۇق. يولدا ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ئۆيلىرى بار مەھەللىگە كەلدۇق، شۇنداق قارىسام بىر باغلىق ھويلىدا نۇرغۇن توخۇلار دانىلاۋاتقان ئىكەن، مەن باغنىڭ چىت تېمىدىن تۆشۈك ئېچىپ، ھويلىغا كىردىم ۋە بىر تال توخۇنى قوغلاپ يۈرۈپ تۇتۇپ گېلىدىن بوغۇپلا ئۆلتۈردۈم-دە، ئۇنى ئولجا ئېلىپ ماڭدىم، شۇ ئەسنادا ھاشار ئەمگىكىدىن ئۆيگە قايتىپ كەلگەن دېھقان :
-ھەي! قاراقچى نېمە قىلىۋاتىسەن؟ ئۇ توخۇ مېنىڭ تۇرسا، نېمىشقا ئۇنى بوغۇپ ئۆلتۈرىسەن؟ نېمىشقا ئېلىپ قاچىسەن؟ دېگەنچە ئارقامدىن قوغلاپ كەلدى. مەن يۈگۈرگەنچە، ئۇنىڭ بېغىدىن قېچىپ چىقىپ، ماشىنىنىڭ ئارقا كوزۇپىغا چىقىۋالدىم، ئۇ ئۇيغۇر دېھقان ئارقامدىن قوغلاپ كېلىپ، ماشىنىنىڭ كۇزۇپكىسىغا ياماشتى. ئۇ توختىماي: ھەي قاراقچى ئەسكەر، مېنىڭ توخامنى قايتۇرۇپ بەر،-دەپ ۋارقىراۋاتاتتى.توساتتىن ئۇ كوزۇپقا يامىشىپ چىقىشقا باشلىدى. مېنىڭ قاتتىق ئاچچىقىم كەلدى-دە، ماشىنا كوزۇپىدىكى چاقنى ئالماشتۇرۇشتا ئىشلىتىدىغان يوغان بىر كۆتەكنى ئېلىپ، كاللىسىغا بىرنى ئۇردۇم، ئۇ ماشىنىدىن پوككىدە يەرگە چۈشتى ۋە خىرقىرغانچە جايىدىلا جان بەردى. بىز يەنە بىر سەپدىشىم بىلەن ئارقا-ئالدىغىمىزغا قارىماي ھەربىي قىسىمغا قېچىپ بېرىپ، ھېچ ئىش بولمىغاندەك ياتاققا كىرىپ يېتىۋالدۇق. مەن ئىنتايىن قورقۇپ كەتكەن ئىدىم. ئۇيغۇر دېھقانلىرى ئىسيان قىلىپ، ھەربىي قىسىمغا باستۇرۇپ كېلەرمۇ؟ مېنى تۇتۇۋېلىپ ئۆلتۈرۈۋېتەرمۇ؟-دەپ، بەكمۇ ئەنسىرىگەن ئىدىم. ئەمما ئۇلار ئۇنداق قىلالمىدى.
-ھەي، قالتىس ئىش قىلىپتىكەنسىز!-دەپ ئېرىگە قارىدى ئايالى ۋە يۇمۇق كۆزىنى چىمچىلاتقانچە يەنە سوئال سوراشقا باشلىدى: ئاندىن كېيىن قانداق بولدى؟
-قانداق بولاتتى؟-دېدى ۋاڭ كۆزىنى ئايالىغا تىككەنچە مەغرۇرلۇق بىلەن: ئۇيغۇر دېھقانلىرى بىزنىڭ قىسمىمىز تۇرۇشلۇق ئورۇنغا كېلىشكە جۈرئەت قىلالمىدىمۇ قانداق؟ ئۇلار جەسەتنى كۆتۈرۈپ، يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئەرز قىلىپتۇ؟ ئۇلار ئەرزىدە:« مېنى تۇتۇپ بەرسۇن، ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلسۇن!» دەپتىمىش، ئەمما يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ كادىرلىرى ئۇلارنىڭ بۇ تەلىپىنى رەت قىلىپ، ئۇلارغا : بۇ ئىشنىڭ قەستەن قىلىنغانلىقىغا ئائىت ئىسپات يوقلۇقىنى، بۇنىڭ بىر قازايى-تەقدىر ئىكەنلىكىنى، شۇڭا دېھقانلارنىڭ ئەرز قىلىپ، بۇ ئىشتىن چوڭايتسا بولمايدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ پارتىيە-ھۆكۈمەتكە ئىشىنىشى كېرەكلىكى، كادىر ساقچىلارنىڭ گېپىنى ئاڭلاش توغرىسىدا جىق تەربىيە قىلىپتۇ، ئەمما، دېھقانلار يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ بۇ تەلىپىنى قوبۇل قىلماي، شەھەرلىك ھۆكۈمەتكە بېرىپ ئەرز قىلماقچى بولغان ئىكەن،
-ھە، شۇنداقمۇ؟-ئۇلار تېخى يۇقىرىغا بېرىپ ئەرز شىكايەت قىلماقچى بولغانمۇ، ئۇلارنىڭ ئەرزىنى كىممۇ تىڭشايتتى؟
-ھەئە، شۇنداق! دەپ، مۇشتۇمىنى تۈرۈپ، يۇقىرى كۆتۈرگەندەك قىلىپ، ئۈنلۈك ئاۋازدا گېپىنى داۋاملاشتۇردى ۋاڭ،-ئۇيغۇر دېھقانلىرى ئەسلى ناھايىتى ياۋاش ھەم بەكمۇ نادان ئىدى. ئەمما ئۇلارنى شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئۈچئۆستەڭ يېزىسىغا ئۈرۈمچىدىن كەلگەن «ئۈرۈمچى ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي نەزەرىيە فاكۇلتېتى» نىڭ يامان نىيەتلىك، بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەسى بىلەن زەھەرلەنگەن، مىللىي ئۆچمەنلىكى كۈچلۈك بولغان بەزى ئوقۇغۇچىلىرى ئۇلارنى جەسەتنى كۆتۈرۈپ شەھەرگە بېرىپ، نامايىش قىلىشقا كۈشكۈرتكەن ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن دېھقانلار شەھەرگە مېڭىشقا تەمشەلگەندە، يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ سېكرىتارى داۋۇت دېگەن كىشى يېزىدىكى پۈتۈن كادىر-ساقچىلارنى يىغىپ، دېھقانلارنى قورشىۋېلىپ، مىدىر-سىدىر قىلغۇزماپتۇ، ئاندىن ئۇلارغا شەھەرگە بېرىپ ئەرز قىلماسلىققا، نامايىش قىلماسلىققا، نەسىھەت قىلىپتۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، ھەربىي قىسىم بىلەن سۆزلىشىۋاتقانلىقىنى، مېنى تۇتۇپ جازالايدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئۆلگۈچىنىڭ ئائىلىسىگە مەلۇم مىقداردا تۆلەم تۆلەپ بېرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلىپ، دېھقانلارنى ئالدام خالتىسىغا چۈشۈرۈپ، ئاخىرىدا شەھەرگە بېرىپ ئەرز قىلماسلىققا، نامايىش قىلماسلىققا كۆندۈرۈپ، مەجبۇرىي ھالدا تارقىتىۋېتىپتۇ.
-ۋاڭ نىڭ بۇ چۈشەندۈرۈشىنى ئاڭلىغان ئايالى يەنە كۆزىنى ئويناتقانچە گەپ كوچىلاشقا باشلىدى-ئۇ داۋۇت سېكرېتار دېگەن ھەقىقەتەن پارتىيەگە سادىق كادىر ئىكەن، ئەگەردە ئۇ بولمىغان بولسا، دېھقانلار شەھەرگە بېرىپ نامايىش قىلىپ، ئىشنى چوڭايتىۋېتىپ، جەمىيەتتە مالىمانچىلىق ياكى توپىلاڭ يۈز بەرگەن بولسا، ھەربىي قىسىم سىزنى تۇتۇپ جازالاشقا مەجبۇر بولۇپ قالغان بولسا، قانداق يامان ئاقىۋەت كېلىپ چىققان بولاتتى-ھە؟-دەپ، يەنە قېرى ۋاڭنىڭ كۆزىگە قارىدى.
-بەلكىم ئۇنداق بولۇشى ناتايىن ئىدى،-دەپ، ۋاڭ يەنە ئايالىغا قاراپ، خۇددى دەرس سۆزلىگەندەك چۈشەندۈرۈشكە كىرىشتى-چۈنكى،كۇچا ناھىيەسى ۋە ئۈچئۆستەڭ يېزىلىق بىرلىك سەپ بۆلۈمى ھەممە ئىشنى پارتىيەنىڭ يوليورۇقى بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ نامايىش قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئۇلارنى بېسىقتۇرۇشتا مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئىدى. مانا بۇ ئىشمۇ بىزنىڭ پارتىيەمىزنىڭ دانالىقىدىن بولغاندۇر.
-بىرلىكسەپ بۆلۈمى دېگەن نېمە ئىش قىلىدۇ؟-دەپ، سورىدى ئايال ۋاڭ ئېرىدىن.
-سەن ئاڭلىمىغانمۇ؟ كوممۇنىستىك پارتىيە كومىتېتى قۇرۇپ چىققان:«بىرلىك سەپ بۆلۈمى» دېگەن ناھايىتى مۇھىم ئورگاندۇر. بۇ ئورگان تا مەركەزدىن باشلاپ-ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ناھىيە، يېزىلارغىچە قۇرۇلغاندۇر. بۇ ئورگاندىكى كادىرلار ھەر قاچان خەلق ئىچىگە چۆكۈپ: «خەلق ئاممىسى،پارتىيە-ھۈكۈمەت ئۈستىدىن قانداق پىكىرلەرنى قىلىۋاتىدۇ؟ جەمىيەتتە قانداق ئىشلار بولىۋاتىدۇ؟ قانداق كىشىلەر، قانداق يامان ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقىشى مۇمكىن؟ كىم پاتىيەگە قارشى ئەكسىيەتچى پىكىرلەرنى قىلىۋاتىدۇ. كىم دىنىي تونغا ئورىنىۋالغان جاھىل ئۇنسۇر، كىم پارتىيەنى سۆيىدىغان ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زات؟ دېگەندەك ئەھۋاللارنى ئىگەللەپ چىقىپ، قانداق قىلغاندا پارتىيەگە قارشى پىكىرلەرنىڭ چىقىشىنى توسقىلى بولىدۇ؟ دىنى زات ۋە جامائەت ئەرباپلىرىنى قانداق قىلغاندا پارتىيەگە خىزمەت قىلدۇرغىلى بولىدۇ. ئۇلارنى قانداق باشقۇرۇشى كېرەك؟» دېگەندەك دوكلات ۋە ئۇچۇرلارنى تەييارلاپ، پارتىيە سېكرېتارىغا يەتكۈزۈپ تۇرىدۇ. ناۋادا بىرەر ۋەقە چىقىپ قالسا، ئۇلار ئالدىنقى سەپكە بېرىپ خىزمەت قىلىدۇ. ئاكتىپ كىشىلەرنى، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنى قولغا كەلتۈرۈپ، شۇلار ئارقىلىق ۋەقەنى جىمىقتۇرىدۇ ۋە خەلقنى كونترول قىلىدۇ.
-ھە، مۇنداق دەڭ،-دەپ يەنە ئېرىگە سوئال قويدى ئايال ۋاڭ،-ئەگەردە داۋۇت سېكرىتاردەك ئاكتىپ پارتىيە كادىرلىرى ۋە بىرلىك سەپ بۆلۈمىدىكى كادىرلار بولمىغان بولسا، دېھقانلار ئىسيان قىلىپ، قالايمىقانچىلىك كېلىپ چىققان بولسا، ئۇ چاغدا سىزنىڭ ئىشىڭىز يۇقىرىغا يوللىنىپ، جازالىنىپ كېتىشىڭىز مۇمكىنمىدى؟
ۋاڭ ئايالنىڭ بۇ سوئالىدىن خاپا بولغاندەك قىلىپ، يەنە ۋارقىرىغاندەك قىلىپ سۆزلەپ كەتتى:-ناتايىن، مۇمكىن ئەمەس! بۇ يەرنىڭ دېھقانلىرى ئەسلىدە ناھايىتى ياۋاش بولۇپ، ئۆزىنىڭ يەرلىك كادىر ۋە موللىلىرىنىڭ گېپىنى ئاڭلايدىكەنتۇق، بىزنىڭ دانا پارتىيەمىز بۇ نۇقتىنى بىلگەچكە، ئۇلاردىن ناھايىتى ئەپچىللىك بىلەن پايدىلانغان. بۇ قېتىمقى ۋەقەدىمۇ پارتىيىگە سادىق يەرلىك كادىرلار ۋە دىنىي زاتلاردىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئۇلارنىڭ خىزمەت ئىشلىشى بىلەن دېھقانلارنىڭ قارشىلىق قىلىش ئېھتىمالى يوققا چىقىرىلدى. مانا بۇ بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىزنىڭ دانا تەدبىرلىرىنىڭ كارغا كەلگەنلىكىدىندۇر. بىزنىڭ «36 تەدبىر» ىمىزدە:«ئۆز گۆشىنى-ئۆز يېغىدا قورۇش »دەيدىغان بىر تەدبىرىمىز بار. پارتىيەمىز ھازىر پۈتۈن چېگرا رايونلىرىدا مۇشۇ تەدبىر ئارقىلىق جەمىيەتنى كونترول قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىنمۇ شۇنداق قىلىدۇ. بىز مۇشۇنداق دانا تەدبىرلەردىن پايدىلىنىدىغانلا بولساق، ياۋايى مىللەت بولغان بۇ ئۇيغۇرلار ھەر دائىم بىزنىڭ ئالدام خالتىمىزغا چۈشۈپ كېتىۋېرىدۇ. بىزنىڭ مۇشۇنداق دانا تەدبىرلىرىمىزلا بولىدىكەن، دۆلىتىمىزنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىنى ۋە شىنجاڭنىڭ ئەبەدى ئەمىنلىكىنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز!
-ھەئە، مۇنداق دەڭ! شۇنداق قىلىپ، بىز ئەجدادلىرىمىزنىڭ دانا تەدبىرلىرىنى ئىشقا سېلىپ، نادانلارنى ھەر-خىل ھىيلە-مىكىرلەر بىلەن ئالداپ باشقۇرالايمىزكەندە؟
-ئەلۋەتتە شۇنداق! بىز ئەجدادلىرىمىزنىڭ بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن دانا تەدبىرلىرىنى ئىشقا سالساقلا،بىز بۇ ياۋايىلارنى قوي-پادىلارنى باشقۇرغاندەكلا باشقۇرالايمىز! ئۇلار ھەر زامان بىزنىڭ ئالدام خالتىمىزغا چۈشىۋېرىدۇ. بىز ئۇلارغا ھەرگىزمۇ باراۋەرلىك، ھەق-ھوقۇق بەرمەيمىز. ناۋادا مەنمۇ ئەمەلدار بولۇپ قالغان بولسام، ئەجدادلىرىمىزنىڭ دانا تەدبىرلىرىدىن پايدىلىنىپ، بۇ ياۋايىلار يۇرتىنى باشقۇرۇشتا بىر بىر كىشىلىك ھەسسەمنى قوشقان بولاتتىم.
ۋاڭنىڭ ئايالىنىڭ كۆزى يەنە چەكچىيىپ كەتتى: ئەمەلدار بولغان بولسام دەيسىزغۇ؟ سىز بىر ئادەم ئۆلتۈرگەن قاتىل تۇرسىڭىز، سىزنى كوممۇنىستىك پارتىيە ئەمەل بېرىپ، چوڭ كادىر قىلاتتىمۇ؟ جازالىمىغانغا خوش بولسىڭىز بولغۇدەك، ئەگەر سىزنى« ئادەم ئۆلتۈردى» دەپ،جازالاپ ئۆلۈم جازاسى بەرگەن بولسا ياكى مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان بولسا قانداق قىلاتتىڭىز؟
-ۋاڭ يەنە كۆزىنى چەكچەيتىپ، يەنە ئايالىنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىشكە مەجبۇر بولدى:
-ھەرگىزمۇ ئۇنداق بولمايتتى. چۈنكى، مەن ئۇنى ھەقىقەتەن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈشنى نىيەت قىلمىغان ئىدىم. ئۇ كۆتەك بېشىغا تېگىش بىلەن كاللىسى يېرىلىپ ئۆلدى. ئەمما مەن سەپدىشىم بىلەن:« ئۇ بىزگە ھۇجۇم قىلدى، ماشىنىمىزنىڭ ئالدىنى توستى، بىز توخۇنى باشقا يەردىن پۇلغا ئالغان ئىدۇق»دەپ،ئىككىمىز گېپىمىزنى بىر قىلىۋېلىپ، جىنايىتىمىزدىن تېنىۋالغان ئىدۇق. قىسىم رەھبەرلىرى ھەر قانچە قىلىپمۇ بىزنى ئىقرار قىلدۇرالمىدى. كېيىن ئۇلار: بىزنى جىنايىتىمىزنى ئېتىراپ قىلىپ، تۆۋەنامە يېزىشقا، ئەگەر شۇنداق قىلسا، جازالىمايدىغانلىقىغا ۋەدە بەرگەن ئىدى. ئەمما مەن قىسىم رەھبەرلىرىنىڭ بۇ سۆزلىرىگە ئالدانمىدىم ۋە جىنايىتىمنى ئېتىراپ قىلمىدىم. ئاخىرىدا ئۇلار ماڭا:«جىنايىتىم»نى بوينۇمغا ئالغۇزالماي، ماڭا قويغان گۇناھى: «پارتىيە-ھۆكۈمەتنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنمىدى. ماسلاشمىدى »دېگەندىن ئىبارەت بولدى-دە، مۇددەتتىن بىر يىل بۇرۇن ئەسكەرلىكتىن قايتۇرۋېتىشتى. شۇنىڭ بىلەن مەن يۇرتۇمغا قايتىپ كەلدىم. دادام، ئاپام مەندىن خاپا بولۇپ:« نېمىشقا ھەربىي قىسىمدا ياخشى خىزمەت ئىشلەپ، پارتىيە ئەزالىقىغا ئۆتۈپ، نەتىجە يارىتىپ كەلمىدىڭ؟»-دەپ تەنقىد قىلغان ئىدى. ئەمما مەن بۇ ئىشنى قەستەنگە قىلمىغانلىقىمنى، ئۇنىڭ مېنىڭ ماشىنامنى توسۇپ، يول مېڭىشىمغا توسقۇنلۇق قىلغانلىقىنى ئېيتىپ، ئۇلارنىمۇ ئالداپ ئۆتكۈزۈۋەتتىم. شۇنىڭ بىلەن دادام ئۆزىنىڭ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىدىكى خىزمەت قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ، مېنى بۇ زاۋۇتقا رەسمىي ئىشچىلىققا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدى.
-ناۋادا ئۇ ئىش (قاتىللىق ۋەقەسى) بولمىغان بولسا، قانداق قىلاتتىڭىز؟-دەپ سورىدى ئايالى ئېرىنىڭ ھىلە-مىكىرلىرىنىڭ كۆپلىكىگە ھەيران قېلىپ،
-ئەگەر بۇ ئىش بولمىغان بولسا، ھەربىي قىسىمدا ئەسكەرلىكنى تولۇق تۈگىتىپ، ھەم شۇ جەرياندا پارتىيە ئەزالىقىغا ئىلتىماس قىلىپ، پارتىيە ئەزالىقىغا ئۆتەتتىم-دە،شىنجاڭدا قېلىشنى ئىلتىماس قىلىپ، پارتىيە-ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ بىرەرسىدە خىزمەت كۆرسىتىپ، يۇقىرى مەنسەپ تۇتقان بولاتتىم. ناۋادا قىسىمدا ئەمەل تۇتۇپ قالغان بولسام، پولكونىك ياكى گېنېراللىققىچە ئۆسۈپ قېلىشىممۇ مۇمكىن ئىدى. ئەگەر مەن ھەربىي قىسىمدا يۇقىرى دەرىجىلىك مەنسەپكە ئىگە بولغان بولسام، ئۇ يەردە خىزمەت كۆرسىتىپ، بۇ ۋاقىتقىچە چوڭ ئەمەل تۇتقان بولاتتىم.
-ئايال ۋاڭ، ئېرىنىڭ بۇ گېپىگە قىزىقىپ، يەنە ئۇنىڭدىن سورىدى: قانداق خىزمەت كۆرسىتەتتىڭىز؟
ۋاڭ بۇ قېتىممۇ ئاۋازىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، خۇددى ئۆزىدىن پەخىرلەنگەندەك ھېسسىياتتا مۇنداق دېدى:
-ناۋادا مەن ئۆسۈپ، پولىك كوماندىرى ياكى گېنېرال بولۇپ قالغان بولسام، ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ بارىن يېزىسىدا كېلىپ چىققاندەك بىرەر ۋەقە كېلىپ چىققان تەقدىردە، مەن بارلىق ئىقتىدارىمنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەسكەرلىرىمنى باشلاپ، ئىسيانچىلارنى قىرىپ تاشلىغان بولاتتىم-دە، تېخىمۇ يۇقىرى مەنسەپكە ئېرىشىپ، مەركەزگىچە ئۆسۈپ، بېيجىڭدا يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلاردا خىزمەت قىلغان بولاتتىم.
-ۋاڭنىڭ ئايالى بۇ قېتىم ئېرىگە باشقىچە بىر نەزەردە قاراپ كەتتى، بەلكى ئۇ كاللىسىدا:« مېنىڭ ئېرىم ھەقىقەتەن دانا ئەجدادلىرىمىزنى دورىغانمۇ نېمە؟ ناۋادا ئۇ ھەربىي قىسىمدىكى ۋاقتىدا، قاتىللىق ۋەقەسىنى كەلتۈرۈپ چىقارماي، ئىنتىزامغا بويسۇنۇپ، كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىقىغا كىرىۋالغان بولسا، بەلكى بوۋاققىچە گېنېرالىققىچە ئۆسكەن، ھەتتا مەركەزدە چوڭ ئەمەل تۇتقان بولسا،بىزمۇ بېيجىڭدەك چوڭ شەھەردە ياشىغان بولاتتۇق، ھەشەمەتلىك ساراي ۋە لۈكسۇس ماشىنىلىرىمىز بولغان بولاتتى»دەپ، خىيال ئىچىگە غەرق بولۇپ كېتىۋاتاتتى. توساتتىن ئۇلارنىڭ ئىشىك قوڭغۇرىقى چېلىندى. ئايال ۋاڭ سائىتىگە قاراپ ئوغلىنىڭ كېلىدىغان ۋاقتىنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى پەمىلىدى-دە، ئوغلىمىز كەلگەن بولۇشى مۇمكىن!-دەپ ئىشىكنى ئېچىش ئۈچۈن سىرتقا ماڭدى.
2- باب
ئايال ۋاڭ ئىشىكنى ئاچقاندىن كېيىن ياش بىر بالا كىرىپلا: «دادا، ئاپا، مەن خىزمەت تاپتىم، بەك ياخشى خىزمەت ئىكەن!»دەپ، خوشاللىقتىن ھاياجىنىنى باسالمىغان ھالدا سۆزلەپلا كەتتى. ئۇزاق ۋاقىتتىن بۇيان خىزمەت تاپالماي، ئىشسىز يۈرگەن ئوغلىنىڭ ئەمدى ئاسانلا خىزمەت تاپالىغانلىقىغا ھەيران قېلىشقان ئەر ۋە ئايال ۋاڭلار يۈگۈرگەنچە كېلىشىپ، ئوغلىنى قۇچاقلىغانچە تەبرىكلىشىپ كېتىشتى ۋە ھەر ئىككىلىسىلا تەڭلا ئېغىز ئېچىپ: شىئاۋ ۋاڭ،قانداق خىزمەت تاپتىڭ بالام، ئۇ خىزمەتنىڭ ئورنى قەيەردە ئىكەن؟-دەپ سوراشتى. شىئاۋ ۋاڭ خۇددى دادىسىغا ئوخشاش ئوتتۇرا بوي، قىسىق كۆز، غورا قاپاق، چاسا يۈزلۈك كەلگەن، ياش تۇرۇپلا سەمىرىپ كەتكەن بولۇپ، ئاۋازى خۇددى خىقىرغاندەك غاراڭ-غۇرۇڭ چىقاتتى. شىئاۋ ۋاڭ ئۆزىنىڭ خىزمەت تاپقانلىقىدىن بەكمۇ ھاياجانلىنىپ كەتكەن بولۇپ، ئاتا-ئانىسىغا خۇددى كىچىك بالىدەك ئەركىلەپ تۇرۇپ جاۋاب بېرىشكە باشلىدى:
-مەن ناھايىتى شەرەپلىك بىر خىزمەت تاپتىم. ساقچىلىق خىزمىتى، مائاش ۋە تەمىناتلىرىمۇ ئالاھىدە يۇقىرى ئىكەن. ئەر-ئايال ۋاڭلار يەنە تەڭلا سوراشتى:
-ئورنى نەدە ئىكەن؟ مۇشۇ يەردىمۇ ياكى باشقا ئۆلكىدىمۇ؟
-باشقا ئۆلكىدە،
-قايسى ئۆلكىدە، جەنۇبتىمۇ، شىمالدىمۇ؟-دەپ، جىددىيلەشكەن ھالدا سوراشتى يەنە ئەر ئايال ۋاڭلار تەڭلا، شىئاۋ ۋاڭ دادىسىغا قاراپ جاۋاپ بەردى:
-بىزدىن بەكمۇ ئۇزاق بولغان، سەن ئەينى ۋاقىتتا ھەربىي قىسىمدا ۋەزىپە ئۆتىگەن: « شىنجاڭ »دېگەن يەردە
– (خاۋدا، خېن خاۋدا) يەنى ياخشى، بەك ياخشى دەپ، باش مالتىقىنى چىقىرىپ ناھايىتى ئۈنلۈك ئاۋازدا ۋاقىراپ كەتتى ۋاڭ: (شىنجاڭ، ئاقسۇ، كۇچا شى خېن خاۋدې) يەنى شىنجاڭنىڭ ئاقسۇ، كۇچا دېگەن جايلىرى بەك ياخشى جايلار، مەن ئۇ جايلارنى بەك ياخشى كۆرىمەن. مېنىڭ ئاياغ ئىزلىرىم قالغان جاي،-دەپ ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي، ئۆينىڭ ئۇ تەرىپىدىن-بۇ تەرىپىگە مېڭىپ، يەنە بىر نەرسە دېمەكچى بولىۋىدى، تۇيۇقسىزلا ئۇنىڭ گېلى خىرقىراپ بوغۇلۇپ قالدى.ئايال ۋاڭ دەرھال يېتىپ كېلىپ: لاۋ ۋاڭ، سىزگە نېمە بولدى؟-دەپ، ئۇنى يۆلەپ ئېلىپ كېلىپ، ئاستا ساپاغا ئولتۇرغۇزۇۋالدى.
ئەسلىدە ئۇنىڭ گېلىنىڭ بوغۇلۇپ قېلىشىدىكى سەۋەب بولسا: ئۇنىڭ ئېسىگە كۇچا ئۈچ ئۆستەڭ دېكى ھەربىي قىسىمدا تۇرۇۋاتقان ۋاقتىدىكى قىلغان «قاتىللىق جىنايىتى» ئېسىگە كېلىپ قالغان بولۇپ، قېرى ۋاڭ بىر قانچە مىنۇت جىم ئولتۇرۋالغاندىن كېيىن، ئاغزىدىن سېسىق يۇندىدەك سۆزلەرنى ئېقىتىشقا باشلىدى: تامادى، سىنكو، دا سى لا، ۋې يۇ ئېر زو ( ئاناڭنى،ئۆلتۈرۈۋېتىمەن، ئۇيغۇرلارنى…..)
ئايال ۋاڭ ئېرىگە قاراپ: كىمنى تىللاۋاتىسىز؟-دەپ سورىۋىدى، قېرى ۋاڭ چىشىنى غۇچۇرلىتىپ، كۆزىنى ئالايىتقان ھالدا،يەنە يۇقارقىدەك ئاغزىنى بۇزۇپ ۋاقىراپ كەتتى: بۇ چاغدا ئۇنىڭ كۆزى قىپقىزىل قانغا تولغاندەك قىزىرىپ كەتكەن بولۇپ، خۇددى:« مەن ئۇ يەردە قان ئىچكەن ئىدىم، ئەمدى بۇ قاننى ئوغلۇم ئىچىدۇ، ئۇ چۇقۇم قان ئىچىشى كېرەك» دېگەندەك رەزىل خىياللارنى قىلىپ، ئوغلىنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ قاراپ قالغانىدى.
بۇ غەلىتىلىكنى كۆرگەن ئايال ۋاڭ ئوغلىنى دادىسىنىڭ يېنىغا ئولتۇرغۇزدى:
-ھەئە، مانا ئوغلىڭىز، ئۇنىڭغا گېپىڭىز بارمىدى؟ ئەمدى دەڭ!-دەپ، ئۆزىمۇ ساپاغا كېلىپ، ئەمدى ئۇ ئوغلۇمغا نېمە دەيدىغاندۇ دېگەندەك قىلىپ،قېرى ۋاڭغا تىكىلىپ قارىدى. قېرى ۋاڭ بىر ئىستاكان سۇنى كۆتۈرۈپ ئىچىۋەتكەندىن كېيىن، ئوغلىغا قاراپ سۆزلەشكە باشلىدى:
– شاۋ ۋاڭ، ئوغلۇم؟ بۇ ئىشىڭ راستمۇ؟ سەن ھەقىقەتەن شىنجاڭغا بارامسەن؟ ئۇ يەرگە سەندىن باشقا يەنە بارىدىغانلار بارمىكەن؟ قانچىلىك ئادەم ساقچىلىققا قوبۇل قىلىنىپتۇ؟ خىزمەت توختامى تۈزۈپ بولدۇڭلارمۇ؟
دادىسىنىڭ بۇ قەدەر ھاياجانلىنىپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەن شياۋ ۋاڭ ھەيران بولغان ھالدا:
-دادا،بۇ ئىش ھەققىدە بىرەر نەرسە دېمەكچىمۇ سىز؟ ياكى مېنىڭ ئۇ يەرگە بېرىشىمغا قوشۇلمامسىز؟-دەپ سورىدى ئۇنىڭدىن،
-ياق، ئەلۋەتتە قوشۇلىمەن. مېنىڭ بىلمەكچى بولغىنىم، ئۇ يەرگە بارىدىغان ئادەم سانى قانچىلىككەن؟قانچە جىق ئادەم بارسا،شۇنچە ياخشى بولاتتى.شۇنى بىلمەكچى ئىدىم.
-ھەئە،شۇنداقمۇ، قوبۇل قىلىنىدىغان ساقچىلارنىڭ سانىنى دەمسىز؟-بەك جىق دادا، بۇ قېتىم شىنجاڭغا قوبۇل قىلىنىدىغان ساقچىلارنىڭ سانى 150 مىڭ ئىكەن. شۇڭا كىملا بارسا، ئۇدۇللۇق ئېلىۋاتىدۇ.شۇ ھامانلا خىزمەت توختامى تۈزۈۋاتىدۇ:« مانا بۇ مېنىڭ خىزمەت توختامىم» دەپ، بىر پارچە جەدۋەلنى دادىسىغا سۇندى
-ھەئە، شۇنداقمۇ؟ ئىش ئەسلى مۇنداقكەندە، بەك ياخشى بولۇپتۇ، مەن تېخى ئاز ئادەم بېرىپ قېلىپ، ئۇ ياۋايىلارنى تىنجىتىش ئىشلىرىنى ياخشى قىلالماي قالارمىكىن دەپ، ئەنسىرىگەن ئىدىم. بەك ياخشى بولۇپتۇ ئوغلۇم. قانچە جىق ساقچى بولسا، شۇنچە ياخشى، بىز ئۇلارنى كۆپلەپ تۇتۇپ-سولاپ، مىدىر-سىدىر قىلالماس قىلىپ قويۇشىمىز كېرەك! بولمىسا ئۇلار:«مۇستەقىل بولىمىز»دەپ، ئىسيان كۆتۈرىدۇ. قېرى ۋاڭنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلىغان ئايال ۋاڭنىڭ كۆزلىرى چەكچىيىپ كەتتى ۋە جىددىيلەشكەن قىياپەتتە ئېرىدىن سورىدى:
– 150 مىڭ ساقچى بەك جىق ئەمەسمۇ؟ ئۇ قەدەر جىق ساقچىنى ئۇ يەرگە ئېلىپ بېرىپ نېمە قىلىدىكەن؟ ئۇ يەردە ئۇرۇش يۈز بېرىپتىمۇ؟ ئەگەر ئۇرۇش يۈز بەرگەن بولسا، بىزنىڭ ئوغلىمىز ئەڭ ياخشىسى بارمىغىنى ياخشى، ئۇرۇش بولۇپ قالسا، ھەر ئىككىلا تەلەپتىن ئۆلۈش-يارىلىنىش بولىدىغۇ؟ شىئاۋ ۋاڭ بىزنىڭ يالغۇز ئوغلىمىز تۇرسا؟
-ياق، تېخى ئۇرۇش بولمىدى، ئەمما مېنىڭ ئۆتكەندە، مەركەزدىكى بىر سەپدىشىمدىن ئاڭلىشىمچە، شىنجاڭدا 2014-يىلدىن باشلاپ-2016-يىلىغىچە؛« قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى» ئېلىپ بېرىلىپ، نەچچە يۈز مىڭ كىشى تۇتقۇن قلىنىپ، تۈرمىگە تاشلىنىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەردىكى توپىلاڭچىلار خېلى بېسىقىپ، جەمىيەت بىراقلا تىنجىغانمىش!
-ئۇنداق بولسا بۇنچىۋالا كۆپ ساقچىلار نېمىگە لازىم بولار ياكى ئالدىمىزدا ئۇرۇش كېلىپ چىقامدۇ-يا؟
-ياق، ئۇرۇش كېلىپ چىقىشى ناتايىن-دەپ، ئايالىنى بەزلەشكە باشلىدى ۋاڭ خۇددى ئۆزىنى ھەممە نېمىدىن خەۋەرداردەك كۆرسىتىپ-بەلكى يەنە كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن ئېلىپ بېرىلىشى مۇمكىن!
-شۇنداقتىمۇ ھېلىقى مەركەزدىكى ئەمەلدار سەپدىشىڭىزدىن سوراپ باقمامسىز، ناۋادا راستلا ئۇرۇش بولۇپ قالسا ئوغلىمىزدىن ئايرىلىپ قالمايلى يەنە؟ ۋاڭ ئايالىنى خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈن تېلېفون تۇرۇپكىسىنى قولىغا ئالدى-دە، مەلۇم بىر نومۇرنى بېسىپ،تېلېفوننى چۆرۈۋىدى، شۇ ھامان قارشى تەرەپتىن سادا كەلدى
-ۋەي، ۋەي! ۋاڭ يولداشمۇ؟
ھەئە، مەن شۇ،
-بىر ئىشىڭ بارمىدى؟
-ھەئە، سورايدىغان بىر گەپ بار ئىدى. مېنىڭ ئوغلۇم شىنجاڭغا ساقچىلىققا قوبۇل قىلىنىپتۇ، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ناھايىتى كۆپ ساندا ساقچى قوبۇل قىلىنىپتىمىش، ئۇ يەردە بىرەر چوڭ ئۇرۇش بولامدۇ قانداق؟
-ياق، ياق، ھازىرچە ئۇ يەردە چوڭ ئۇرۇش بولۇشى ناتايىن. ئەمما باش سېكرىتار شى جىنپىڭ نىڭ شىنجاڭ سىياسىتىدە ئۆزگىرىش بولىدىغاندەك قىلىدۇ .
-قانداق سىياسەت ئۇ؟ قامداق ئۆزگىرىدىكەن،قىسقىچە دەپ بېرەلەمسەن؟
-ئەلۋەتتە دەپ بېرەلەيمەن. تېخى بىز تۈنۈگۈنلا بىر سىياسىي ئۆگىنىشتە: «باش نىشاننى چۆرىدەپ، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ۋە تەربىيەلەپ ئۆزگەرتىش» ماۋزۇسىدىكى مەركىزى كومتېتنىڭ دوكلاتىنى ئۆگىنىش قىلدۇق. دوكلاتتا :« ھەر مىللەت كادىر ۋە ساقچىلىرى ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنىڭ يېڭى سىياسىتى ۋە باش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن قەتئىي بوشاشماي كۈرەش قىلىشى كېرەك! چۈنكى، ئۇيغۇر رايونىدا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئارقا-ئارقىدىن تېررورلۇق، زوراۋانلىق ۋەقەلىرى يۈز بەردى. بۇ تېررورلۇق، زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەكلا -دىنىي ئاشقۇنلار ۋە ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى سىڭىپ كەتكەن كىشىلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ جىنايى قىلمىشلىرى دۆلىتىمىزنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەھدىت شەكىللەندۈردى» دېيىلگەن. دوكلاتتا يەنە رەئىسىمىز شى جىنپىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەن چاغدا مۇنداق دېگەن ئىكەن:« شىنجاڭدىكى(شەرقىي تۈركىستان) تېررورلۇقنىڭ ھەرىكەت مەنبەسى بۆلگۈنچىلىك، ئىدىيىۋى مەنبەسى بولسا-دىنىي ئەسەبىيلىكتۇر، بىز دۆلىتىمىزنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە چېگرا رايوننىڭ ئۇزاق مۇددەت ئەمىنلىكى ئۈچۈن بۆلگۈنچىلىك ۋە ئەسەبىلىككە قاتتىق زەربە بېرىپ، ئۇنى تۈپ يىلتىزىدىن يوقۇتىشىمىز كېرەك! بۇنىڭ ئۈچۈن دىنىي ئاشقۇنلۇق ۋە ئەسەبىيلىك بىلەن زەھەرلەنگەن گۇمانلىق، ئىككى يۈزلىمىچى ئۇنسۇرلارنى يىغىپ، قايتىدىن تەربىيەلەش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ رادىكال ئىدىيىسىنى تۈپ يىلتىزىدىن ئۆزگەرتىپ،ئۇلارنى ھەقىقى جۇڭخۇئا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسىگە قوشۇۋېتىشىمىز كېرەك»!
-ۋەي، ۋەي، ئاڭلاۋاتامسىز يولداش لاۋ ۋاڭ؟
-ھەئە، ئاڭلاۋاتىمەن، ئەمدى ئۇ سىياسەتنى قاچاندىن باشلاپ ئىجرا قىلىدىكەن؟
-ھەي، يولداش لاۋ ۋاڭ، گېپىمنىڭ داۋانى ئاڭلاڭ ئەمسە-پارتىيەمىز بۇ سىياسەتنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن ھازىر « كەڭ كۆلەملىك قايتا تەربىيەلەش ئېلىپ بېرىش» ھەققىدە پىلان-پروگراممىلارنى تۈزۈۋاتىدۇ. بۇنىڭغا قاتناشقۇچىلار، يېتەكچىلىك قىلغۇچىلار تەربىيەلىنىۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن يەنە مەركىزىي ھۆكۈمەت تىبەت ئاپتونوم رايونىنىڭ سېكرېتارى چېن چۈئەن گو نى شىنجاڭغا پارتىيە سېكرىتارى قىلىپ يۆتكەشنى قارار قىلدى. شۇنداقلا ئۇنىڭغا كەڭ كۆلەمدە مالىيە ئاجرىتىلدى. كۆپ مىقداردا قورال ياراق، ئېلېكترونلۇق سايمانلار، كامېرا، كويزا-كىشەن قاتارلىقلارنى سېتىۋېلىش ۋە زور ساندىكى ساقچى قوشۇنى قۇرۇپ چىقىش قارار قىلىندى
-شۇنداقمۇ؟ بۇ بەك ياخشى بولۇپتۇغۇ؟-مېنىڭ پەرىزىممۇ توغرا چىقتى. ئوغلۇممۇ تېخى بۈگۈنلا ساقچىلىققا قوبۇل قىلىنىپ، خىزمەت توختامى تۈزەپ كەلدى. بۇ شەرەپلىك خىزمەتنى ئوغلۇمنىڭ جايىدا قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن!
-لاۋ ۋاڭ، بەك ياخشى بوپتۇ، مانا سىز ئۆزىڭىزگە ئىزباسار بولىدىغان ئوغۇل تەربىيەلەپسىز، ئەمدى سىز قىلالمىغان ئىشلارنى ئوغلىڭىز قىلىشى مۇمكىن!-بىلەمسىز؟ -ۋاڭ فامىلىلىكلەر ئىلگىرى شىنجاڭنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە تىنجىتىشتا چوڭ تۆھپىلەرنى قوشقان ئىدى. مەسىلەن ئالساق: گېنېرال ۋاڭجېن ئەينى ۋاقىتتا خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنى شىنجاڭغا باشلاپ كىرىپ، يەرلىك بۆلگۈنچى ئۇنسۇرلارنىڭ شىنجاڭ(شەرقى تۈركىستان)نى مۇستەقىل قىلىش خىيالىنى تارمار قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئارمىيەسىنى – ئازادلىق ئارمىيەنىڭ 5-كورپۇسى نامى بىلەن ئالداپ، كېيىن ئاستا-ئاستا تارقىتىۋېتىپ، بۆلگۈنچىلەرنىڭ خورىكىنى تۆۋەنگە چۈشۈرگەن ئىدى. كېيىن ئۇ يەنە گومىنداڭنىڭ قالدۇق ئارمىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جۇڭگۇلۇق ئەسكەرلەردىن تەشكىل تاپقان ئىشلەپچىقىرىش قۇرلۇش ئەترىتى»نى قۇرۇپ چىقىپ، چېگرا رايوننى كونترول قىلىشنىڭ مۇستەھكەم ئاساسى بازىسىنى قۇرۇپ چىقتى،شۇنىڭ بىلەن بۆلگۈنچىلەرنىڭ پۇت-قولى باغلىنىپ، مىدىر-سىدىر قىلالماس ھالغا كەلدى. مۇشۇ خىزمەتلىرى ئۈچۈن ئۇ مەركەزگە مۇئاۋىن رەئىس بولۇپ يۆتكۈلۈپ، ئورنىغا ۋاڭ ئېن ماۋ تەيىنلەندى، ئۇمۇ يولداش ۋاڭجېن نىڭ ئىزىنى بېسىپ، شىنجاڭدا نۇرغۇن توپىلاڭلارنى باستۇردى. بولۇپمۇ ئۇنىڭ دانا داھىيمىز ماۋزېدۇڭ قوزغىغان مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدا، سىنىپى كۈرەشنى تۇتقا قىلىپ ئىلىپ بارغان خىزمەتلىرى ئالاھىدە ئورۇندا تۇرىدۇ. يولداش ۋاڭ ئېن ماۋ بۇ مەزگىلدە بىر تەرەپتىن سۆۋۈت شىيۇجۇڭچىللىرىغا قارشى قارشى كۈرەش قىلىپ، چېگرا رايوننى مۇستەھكەم قوغدىغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن سوتسىيالىزم تۈزۈمگە قارشى بولغان سىنىپى دۈشمەنلەر،چەتئەلگە باغلانغان، ئاينىغان بۇزۇق ئۇنسۇرلارغا قاتتىق زەربە بېرىپ،«ئىشلەپچىقىرىش قۇرلۇش ئارمىيەسى» نى تەرەققى قىلدۇرۇپ، بۇ ئارقىلىق نۇرغۇنلىغان چوڭ-كىچىك توپىلاڭلارنى باستۇرۇپ، شىنجاڭدا سوتسىيالىزىمنىڭ غەلىبىسىنى مۇستەھكەملەپ، ئاجايىپ خىزمەتلەرنى قىلغان،چوڭ نەتىجىلەرنى قولغا كۆتۈرگەن ئىدى.
-توغرا، دېدىڭىز خۇ يولداش-مەنمۇ ئۆز ۋاقتىدا ئەسكەر بولغان ۋاقتىمدا ناھايتىمۇ چوڭ ئىشلارنى قىلىشنى ئارزۇ قىلاتتىم. ئۇ ئارزۇيۇمنىڭ پەقەت مىليوندىن بىرىمۇ ئەمەلگە ئاشمىدى. مەن ئەسلىدە ئۇ يەردە خىزمەت كۆرسۈتۈپ، مەرتىۋە جەھەتتىن كۆتۈرۈلۈپ، ھەربىي ساھەدە ئىشلىمەكچى بولشان ئىدىم. ئەگەردە بىرەر توپىلاڭ بولۇپ قالغان بولسا، مەن ئەسكەرلەرنى باشلاپ چىقىپ، توپىلاڭچىلارنى قىرىپ تاشلىغان بولاتتىم.
-توغرا دېدىڭىز لاۋ ۋاڭ-ئەسكەرلەرنىڭ ۋەزىپىسى شۇنداق بولۇشى كېرەك. بىزنىڭ باتۇر خەلق ئازادلىقى ئارمىيەمىز شىنجاڭدا چوڭ-چوڭ ئىشلاردا قىلدى. چېگرا رايوننى قوغداش ئۈچۈن زور تۆھپە قوشتى. شىنجاڭدا قانداقلا بىر يەردە توپىلاڭ چىقسۇن، خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى ئالدىنقى سەپكە ئاتلىنىپ، توپىلاڭچىلارغا قىلچە رەھىم قىلماي باستۇردى. مەسىلەن:پەقەت بىرلە مىسال ئالساق، 1990-يىلى ئاقتۇ ناھىيىسىنىڭ بارىن يېزىسىدا، دىنى تونغا ئورىنىۋالغان بۆلگۈنچى ئۇنسۇرلار قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، يېزىلىق ھۆكۈمەتكە باستۇرۇپ كىرىش دەرىجىسىگە يېتىپ بارغان ئىدى. مەركىزىي پارتىيە كومىتېتى دەل ۋاقتىدا توغرا قارار چىقىرىپ، 20 مىڭدىن-30مىڭغا قەدەر ئەسكەرلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ، توپىلاڭچىلار بىلەن قانلىق كۈرەش قىلىپ، بارىندىكى توپىلاڭچىلارنىڭ بىرىنىمۇ قويماي يوقاتتى.
-ھەئە، شۇنداقمۇ خۇ يولداش؟ ئۇ ئىشقا كىم يېتەكچىلىك قىلغان؟
-بۇنىڭغا ئەينى ۋاقىتتىكى شىنجاڭ پارتىكوم سېكرىتارى سۇڭ خۇئەنلىياڭ يېتەكچىلىك قىلغان ئىدى.
-ھەئە شۇنداقمۇ، مەن تېخى بارىن توپىلىڭىنى بىزنىڭ شەندۇڭلۇق ۋاڭ لوچيەن تىنجىتىپ-بېسقتۇردى دەپ، ئويلاپتىكەنمەن؟
-ياق، بۇ ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى ئىشلار ئىدى. ئۇ چاغدا تېخى ۋاڭ لېچۈئەن شەندۇڭدىن شىنجاڭغا يۆتكىلىپ كەلمىگەن ئىدى. ئېسىمدە قېلىشىشىمچە، ئۇ شۇنىڭدىن بىر نەچچە يىل كېيىن مۇئاۋىن سېكرىتارلىققا تەيىنلەنگەن، كېيىن يەنە سۇڭ خەنلىياڭ نىڭ ئورنىغا باش سېكرىتارلىققا ئۆستۈرۈلگەن.
-ھەئە شۇنداقمۇ؟-مەن تېخى ئۇنى ۋاڭ لېچۈئەن دەۋرىدە بولغان ئىشلار دەپ ئويلاپتىمەن. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، ۋاڭ لېچۈئەنمۇ شىنجاڭدا تېررورچى-بۆلگۈنچىلەرنى قاتتىق باستۇرۇپ، چوڭ خىزمەت كۆرسەتكەنمىش! بۇ توغرىمۇ؟
-دېگىنىڭىز توغرا، يولداش ۋاڭ لېچۈئەن ئەينى ۋاقىتتا نۇرغۇن تېررورلۇق ۋەقەلىرىنى باستۇرغان. ئەڭ ئاخىرىدا 2009-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى ئۈرۈمچىدە چوڭ قالايمىقانچىلىق يۈز بەرگەندە ئۇ ناھايىتى كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ، زور تۈركۈمدىكى ئارمىيە-ساقچىلارنى ئىشقا سېلىپ، توپىلاڭنى بېسىقتۇرۇپ، چېگرا رايوننىڭ ۋەزىيىتىنى تېزلا بېسىقتۇرغان ئىدى. ئۇنىڭ چېگرا رايون ئۈچۈن كۆرسەتكەن خىزمىتىمۇ ئالاھىدە ئورۇندا تۇرىدۇ. شۇڭا، مەركەز ئۇنى ئالاھىدە ئۆستۈرۈپ، مەركىزىي كومىتېتقا ئېلىپ كەتتى. ئۇنىڭ ئورنىغا جاڭ چۈنشىيەن ۋەزىپىگە تەيىنلەندى.
-ھەئە، بىلدىم، چۈشەنچە بەرگىنىڭىزگە رەھمەت خۇ يولداش،- دېدى ۋە ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىپ ئايالىغا قارىدى قېرى ۋاڭ. ئايال ۋاڭ ئۆزىنىڭ يۇرتلىقى، شەندۇڭلۇق ۋاڭ لېچۈئەن نىڭ مەركەزگە ئۆستۈرۈلۈپ يۆتكەلگەنلىكىگە نارازى بولغاندەك، چىرايىنى غەلىتە پۈرۈشتۈرگەنچە:
-ۋاڭ لېچۈئەن يۆتكىلىپ كەتمىگەن بولسا، ئۆز يۇرتلۇقىمىز بولغاندىكىن، ئوغلىمىز ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى بولمامتى-ھە! -دېدى ئېرىگە قاراپ،
-ئۇغۇ شۇنداق بولاتتى، بىز خەنزۇلاردا، قەيەردە بولسا-بولسۇن، دۆلەتنىڭ مەنپەتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويغاندىن باشقا، ئۆزىنىڭ يۇرتلۇقلىرىنى يېنىغا تارتىدىغان ئادەت بار. ئەگەر ۋاڭ لېچۈئەن ھازىرمۇ ئۇ يەردە سېكرېتار بولۇپ تۇرغان بولسا، ئوغلىمىز ئۈچۈن بەكمۇ ياخشى بولاتتى. ئۇ ئوغلىمىزنىڭ، ئۆزىنىڭ بىر يۇرتلىقى ئىكەنلىكىنى ئۇقسا، بەلكى ئۇ ئۇنىڭغا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىپ، تېز ئۆستۈرۈشكە ئىمكان يارىتىپ بەرگەن بولاتتى. ئەپسۇس، بۇ پۇرسەت بىزگە نېسىپ بولماي قالدى، ئەمما بىز ئۈمۈدسىزلەنمەسلىكىىمىز كېرەك!
-ئەييا، ئەييا-دېدى ئايال ۋاڭ ئېرىگە قاراپ-ئەمدىلەكتە جاڭ چۈن شەن نىمۇ يۆتكىۋېتىپتۇغۇ؟ ئۇ بەلكى شىنجاڭنى باشقۇرۇش ۋەزىپىسىنى ياخشى قىلالمىدىمۇ قانداق؟ خاتالىق ئۆتكۈزگەنمىدىمۇ-يا؟
-ئەييا، ئەييا، ئۇنداق بولۇشى ناتايىن، ئۇنىمۇ:« بەك قاقباش» دەپ ئاڭلىغانىدىم. ئۆزىنى يۇمشاق قول كۆرسۈتۈش ئۈچۈن «قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش كېرەك»دېگەننى كۆتۈرۈپ چىقىپ، ئەمەلىيەتتە يەنىلا كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ باستۇرۇش سىياسىتىنى ئىجرا قىلىپ،«100 كۈنلۈك قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى»نى بىر نەچچە يىل توختاتماي، قەتئىيلىك بىلەن ئېلىپ بېرىپ، چوڭ ئىشلارنى قىلغانمىش،
-قانداق چوڭ ئىشلارنى قىلغاندۇ؟ يولداش خۇدىن بىر سوراپ باقامسىز؟
-بولىدۇ سوراپ باقاي،
-ۋەي، ۋەي يولداش خۇ، جاڭ چۈنشىيەن شىنجاڭنىڭ سېكرېتارلىقىدىن نېمە ئۈچۈن يۆتكىۋېتىلدى؟ بىرەر خاتالىق ئۆتكۈزمىگەندۇ؟
-ھە، بۇنىمۇ بىلمەكچى بولۇۋېتىپسىز-دە، ئۇنداق بولسا ئۇنىمۇ دەپ بېرەي-يولداش جاڭ چۈنشيەن شىنجاڭنى باشقۇرۇشتا ناھايىتى چوڭ تۆھپە قوشتى. ئۇ شىنجاڭغا سېكرىتار بولۇپ كەلگەن 2014-يىلىدىن باشلاپ 2016-يىلغىچە ئۇدا ئۈچ يىللىق قاتتىق زەربە بېرىش دولقۇنىنى قوزغاپ، نۇرغۇن بۆلگۈنچى ۋە تېررورچىلارنى يوقاتتى.
-ئۇ بەك توغرا قىلىپتۇ. ئەگەر مەنمۇ شىنجاڭدا قالغان بولسام، ئەسكەرلەرنىڭ كوماندىرى بولۇپ قالغان بولسام، ئۇ چاغدا پۈتۈن بۆلگۈنچى ۋە تېرورچىلارنى ئەر-ئايال، چوڭ-كىچىك دېمەي قىرغىن قىلىپ، ئۇلارنى ئىككىنچى باش كۆتىرەلمەس قىلىۋەتكەن بولاتتىم.
-توغرا، دەيسىز لاۋۋاڭ-بىز خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى ۋە ساقچى قىسىملىرى، چېگرا رايونىنى قوغداشتا قىلچىلىك بىخەستىلىك قىلساق بولمايدۇ. ھەر قانداق بىر يەردە ۋەقە چىقىدىكەن-بىز خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنى ئىشقا سېلىپ، توپىلاڭنى دەل ۋاقتىدا ۋە تولۇق بېسىقتۇرۇشىمىز، توپىلاڭچىلارغا رەھىم قىلماستىن، ھەممىسىنى قىرىپ تاشلىشىمىز كېرەك! شۇنداق قىلغاندىلا چېگرا رايونىنى تىنچلاندۇرغىلى بولىدۇ.
-لاۋ ۋاڭ سىزنىڭ ئوغلىڭىزمۇ ئەسكەر بولغانمىدى؟
-ھەئە، ئەسكەر بولغان ئىدى. ئەمما خەينەندىكى دېڭىز ئارمىيە قىسمىدا تۇرغان، شىنجاڭدا تۇرمىغان، ئەمما مەن ئۇنىڭغا شىنجاڭ ھەققىدە كۆپ نەرسىلەرنى سۆزلەپ بەرىم، ئۇ شىنجاڭغا بەكمۇ قىزىقىدۇ.
-ئۇنى ناھايىتى توغرا قىلىپسىز، شىنجاڭ ناھايىتىمۇ چوڭ، گۈزەل بىر جاي، ئەمما ئىقلىم كىلىماتىدا شىمالىي بىلەن جەنۇپنىڭ زور پەرقى بار. جەنۇبتا ھاۋا ئىللىق، ياز ئۇزاق، قىش قىسقا بولىدۇ. شىمالدا بولسا ھاۋا بىرئاز سالقىن، قىش ئۇزاق، ياز قىسقا بولىدۇ. سىزنىڭچە دېڭىز ئارمىيە قىسمىدا ۋەزىپە ئۆتىگەنلەر ئۇ يەرگە كۆنەلەرمۇ؟
-چوقۇم كۆنىدۇ. مەن ئامال بار، ئوغلۇمنى ئۆزۈم تۇرغان ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ كۇچا شەھىرىگە بېرىپ،خىزمەت ئىشلىشىنى ئويلىشىۋاتىمەن. ئۇ جاينىڭ ھاۋاسى قۇرغاق ۋە ئىسسىق، بىز شەندۇڭلۇقلار ئۇ يەرگە ئاسانلا كۆنۈپ كېتەلەيمىز.
-توغرا، دەيسىز، شىنجاڭنىڭ جەنۇبىي قىسمى-يازدا ئىسسىق ۋە قۇرغاق، قىشتا ئانچە سوغۇق بولمىغاچقا، بىز خەنزۇلار شىمالغا قارىغان چاغدا، جەنۇبقا ئاسانراق كۆنەلەيمىز، ئەمما ئۇ يەرنىڭ ئىنسانلىرى بەكمۇ قالاق، ئىنتايىن خۇراپىي بولۇپ، ئاشقۇن ۋە ئەسەبىي ئىدىيە بىلەن يۇقۇملانغاندۇر. شۇڭا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تەربىيىلەپ-ئۆزگەرتىش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى جەنۇبى شىنجاڭغا قاراتماقچى، ئوغلىڭىزنىڭ شىنجاڭغا ساقچىلىققا بېرىپ، بۇ شەرەپلىك ۋەزىپىنى قىلماقچى بولغانلىقى پەخىرلىنىشقا تېگىشلىك ئىشتۇر. مەن ئۇنى قوللايمەن. كەلگۈسىدە ئۇ يەردە خىزمەت كۆرسىتىپ، نەتىجە ياراتسا،ئۇنى ئۆستۈرۈپ،مەركەزگە يۆتكەپ كېلىشىمىز مۇمكىن!
-رەھمەت خۇ يولداش. ئۇنىڭ ئۈچۈن مەن سىزنىڭ ياردىمىڭىزگە مۇھتاجمەن! مەن ئوغلۇمنىڭ چېگرا رايوننى تىنجىتىش خىزمىتىگە، بولۇپمۇ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يېقىندا ئوتتۇرىغا قويغان:« باش نىشاننى چۆرىدەپ، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ۋە تەربىيلەپ ئۆزگەرتىش» خىزمىتىگە بار كۈچى بىلەن خىزمەت قىلىشى كېرەكلىكى ھەققىدە تەربىيە ئىشلەيمەن.
-شۇنداقمۇ؟ بۇ تولىمۇ ياخشى گەپ، پارتىيەمىز ھازىر سىزنىڭ ئوغلىڭىزدەك پىداكار ئەزىمەتلەرگە مۇھتاجدۇر. ئەگەر ئوغلىڭىز چېگرا رايوندا ياخشى ئىشلەپ، خىزمەت كۆرسەتسە، مەن ئۇنى ئەينى ۋاقىتتا تىبەت ئاپتونوم رايونىدا بىللە ئىشلىگەن خىزمەتدىشىم، ھازىر«يېڭى چگرا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» غا سېكرىتار قىلىپ تەيىنلەنگەن چېن چۈەنگوغا ئۆزۈم بىۋاسىتە تونۇشتۇرىمەن. شۇنىڭ بىلەن ئوغلىڭىز چېگرا رايوندا يۇقىرى مەنسەپكە ئېرىشىپ، كەلگۈسىدە مەركىزىي ھۆكۈمەتكە يۆتكىلىپ، مۇھىم خىزمەتلەرگە قويۇلۇشى مۇمكىن!
-كۆپ رەھمەت يولداش خۇ، ئۇنداق بولسا، بىز سىزنىڭ شەپقىتىڭىزنى كۈتىمىز،
-بولىدۇ. ئۇنداق بولسا ئالاقىلىشىپ تۇرايلى، خاتىرجەم بولۇڭ.
-بولىدۇ ماقۇل، خەيرى-خوش،يەنە كۆرۈشىمىز!
ۋاڭنىڭ گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ كەتكەن ئىدى. ئۇ ئۆيدە ئۇ تەرەپتىن-بۇ تەرەپكە مېڭىپ : بەك ياخشى بولدى، بەك ياخشى بولدى. مانا ئوغلىمىزنىڭ بەختى ئېچىلىدىغان بولدى-دەپ،خۇددى بىرسى بىلەن دىئالوگ قىلىشىۋاتقاندەك سۆزلەپلا كەتتى. ئايال ۋاڭنىڭمۇ چىرايى باشقىدىن ئېچىلىپ، قىسىق كۆزلىرى-قورۇق بېسىپ كەتكەن تېرىلىرى ئارىسىدا خۇددى تورغا ئېلىنىپ، تۈگۈلۈپ قالغان كۆمۈتىدەك كىچىكلەپ، يۇمۇلۇپ كېتىشكە ئازلا قالغانىدى.
– بۇ بەك ياخشى بولدى. ئەگەر راستلا ئوغلىمىز شىنجاڭدا خىزمەت كۆرسىتىپ، چېن چۈەنگو دېگەن سېكرېتارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىپ قالىدىغان بولسا، ئوغلىمىزنىڭ ئامىتى كەلگىنى شۇ ئەمەسمۇ؟-دېدى ئايال ۋاڭمۇ قېرى ۋاڭنىڭ پىكىرىنى قۇۋۋەتلەپ.
-شۇنداق، ئەگەر ئۇ كېيىن چېن سېكرېتارنىڭ ياقتۇرۇشىنى قولغا كەلتۈرىۋالسا، ئۇنىڭ ئىشى ئوڭدىن كەلگىنى شۇ، ئۇ شىنجاڭدىكى خىزمىتىدىن ئۆستۈرۈلۈپ، ھەتتا مەركەزگە يۆتكىلىدىغان پۇرسەتكە ئىگە بولالايدۇ .
-چېن چۈئەنگو نەلىك ئادەم، مەركەز نېمىشقا ئۇنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا يۆتكىگەندۇ؟ -دەپ،ئۇنىڭ كېلىپ چىقىشىنى بىلىۋالماقچى بولغاندەك سورىدى ئايال ۋاڭ يەنە،
-ئاڭلىشىمچە، ئۇ خېنەنلىك ئىكەن، ئۇمۇ ئۆز ۋاقتىدا ماڭا ئوخشاش ھەربىي سەپتە خىزمەت ئۆتىگەنمىش، ئۇ مەركىزى پارتىيە مەكتەپتە ئوقۇپ، پارتىيەنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىپ، يۇقىرى مەنسەپكە ئىگە بولغان. خېنەن ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى بولغانكەن، كېيىن مەركىزىي ھۆكۈمەت ئۇنى مەخسۇس ئالاھىدە ۋەزىپە بىلەن تىبەت ئاپتونوم رايونىغا باش سېكرىتار قىلىپ يۆتكىگەن ئىكەن.
-ئۇ قانداق ئالاھىدە ۋەزىپە-دەپ سورىدى ئايال ۋاڭ ئېرىنىڭ كۆزىگە قاراپ،
-قانداق ۋەزىپە بولاتتى، ئىسيانچى تىبەتلەرنى باستۇرۇش، كونترول قىلىش ۋە تىزگىنلەش ۋەزىپىسى بولۇشى كېرەك! ئاڭلىشىمچە، چېن چۈئەن گو تىبەت ئاپتونوم رايونىغا سېكرىتار بولۇپ بارغاندىن كېيىن، ناھايىتى قاتتىق قوللۇق بىلەن يېڭى-يېڭى سىياسەتلەرنى تۈزۈپ، پۈتكۈل تىبەت دائىرىسىدە كەڭ كۆلەمدە ئومۇملاشتۇرغانمىش، تىبەتلەرنىڭ بىر قانچە قېتىملىق چوڭ ئىسيانلىرىنى باستۇرۇپ، ھېچقانداق قارشىلىق قىلالمايدىغان ھالەتكە كەلتۈرگەنمىش، تەشۋىقات ۋە مائارىپ خىزمىتىنى چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت تىلىنى ھەر يەردە ئومۇملاشتۇرغانمىش، دۆلەت تىلى بىلمىگەنلەرگە ھېچقانداق ئېتىبار بېرىش يولىنى تۇتماي، ئۇلارنى مەجبۇرىي مەكتەپلەرگە ئەۋەتىپ، دۆلەت تىلىنى ئۆگەتكەنمىش، ئۆگىنىشنى خالىمىغانلارنى خىزمىتىدىن ھەيدەپ، چەت يېزا-قىشلاقلارغا سۈرگۈن قىلغانمىش! قارشىلىق قىلغانلارنى:« پارتىيەنىڭ سىياسىتىگە قارشى چىقتى»-دەپ، ئەمگەك بىلەن تەربىيەلەش لاگېرلىرىغا ئەۋەتكەنمىش، تىبەت بالىلىرىنى كوللېكتىپ ھالدا ياتاقلىق مەكتەپلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارغا دۆلەت تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، جۇڭخۇئا مەدەنىيىتى بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇپ، لاما دىنىنى ياقتۇرمايدىغان، ئەكسىچە، جۇڭخۇئا مەدەنىيىتىگە قىزىقىدىغان قىلىپ تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈپ چىققانمىش!
-شۇنداقمۇ؟ بۇ چېن چۈئەنگو دېگەن ئادەم قالتىس ئىكەندە، ئۇ شىنجاڭدىمۇ، ئەينى تىبەتتە يولغا قويغان سىياسەتلىرىنى ئىجرا قىلسا، ئۇ يەرنىمۇ تىنجىتىپ، بۆلگۈنچىلەرنىڭ تازا ئەدىپىنى بەرگەن بولاتتى.
-ئەلۋەتتە شۇنداق قىلىش كېرەك! مەن ئوغلىمىز شياۋ ۋاڭنىڭ بۇ ئىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىنى سەرپ قىلىشنى، مەن قىلالمىغان ئىشلارنى ئۇنىڭ قىلىشىنى، دۆلەتنىڭ قاتتىق زەربە بېرىش سىياسىتىگە يېقىندىن ماسلىشىپ ۋە بار كۈچى بىلەن بىلەن خىزمەت قىلىپ، پىرولېتارىيات دىكتاتۇرىسىنى قەتىيلىك بىلەن ئىجرا قىلىپ، ياراملىق كوممۇنىزم جەڭچىلىرىدىن بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئۇ بۇ گەپنى دەۋاتقاچ ئوغلىغا تىكىلىپ قارىدى-دە، ئاندىن ئۇنى يېنىغا ئولتۇرغۇزۇپ تەربىيە قىلىشقا باشلىدى:-ئوغلۇم، سېنىڭ شىنجاڭغا ساقچىلىققا بېرىشقا تىزىملاتقانلىقىڭدىن مەن بەكمۇ خۇشال بولدۇم. مەن قىلالمىغان ئىشلارنى ئەمدى سەن قىلىشىڭ كېرەك!
-قانداق ئىشلار ئۇ؟-دەپ دادىسىغا ئەجەبلەنگەن ھالدا قارىدى شىئاۋ ۋاڭ،
-ئوغلۇم سەن بىلىشىڭ كېرەك: ساقچىلىق خىزمىتى شەرەپلىك بىر خىزمەت، سەن خىزمەت جەريانىدا جىنايەتچىلەرگە قىلچىلىك رەھىم قىلماسلىقىڭ كېرەك. سەن قانچە قاتتىق قول ۋە رەھىمسىز بولساڭ، شۇنچە كۆپ خىزمەت كۆرسىتەلەيسەن. قىلچىلىك بوشاڭلىق قىلساڭ بولمايدۇ. شۇنداق قىلغاندىلا، سەن پارتىيە-ھۆكۈمەتنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقالايسەن ۋە خىزمەت كۆرسىتەلەيسەن. شۇنىڭ بىلەن رەھبەرلەرگە ياراپ قالساڭ، كېيىنچە يۇقىرى مەنسەپلەرگە ئۆستۈرىدۇ. سەن ئۇ يەردە يۇقىرى مەنسەپكە ئۆسكەندىن كېيىن، ئابرويىڭمۇ ئۆسىدۇ. پۇل-مال توپلىيالايسەن. ئاخىرىدا يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت قۇرىسەن-دە، مەركەزدىن چوڭ كادىرلار كەلگەن چاغدا ئۇلار ئۈچۈن ئايىماي پۇل خەجلەيسەن، ئۇنىڭدىن كېيىن سەن مەركەزدىكى رەھبەرلەرنىڭ نەزىرىگە ئېلىنىسەن. مەن بۇ تەرەپتىن مەركەزدىكى بۇرۇنقى سەپداشلىرىم بىلەن سېنىڭ ھەققىڭدە كۆرۈشۈپ تۇرىمەن. گەپ بۇ يەرگە كەلگەندە، قېرى ۋاڭ گېلىنى بىر قېقىۋېتىپ، يەنە سۆزىنى داۋام قىلدى-ھەممىدىن مۇھىمى، سەن خىزمەت كۆرسىتىپ تۆھپە يارىتىشىڭ كېرەك! ھېچقانداق خىزمەت كۆرسەتمەي تۇرۇپ، يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنغا ئۆسكىلى بولمايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن سەن ھەرقانداق ۋەزىپىنى ئورۇنلاشتىن باش تارتماسلىقىڭ، بىر ۋەزىپە چۈشسە، سەن ئۇنى نەچچە ھەسسە ئاشۇرۇپ ئورۇنلىشىڭ، گۇمانلىق ئادەملەرنى تۇتۇپ سولاشتىن، ئۇنى قىيناپ ئىقرار قىلدۇرۇشتىن، ھەتتا قىيناش جەريانىدا، جىنايەتچىلەرنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىدىن قورقساڭ بولمايدۇ. ئۇلار سېنىڭ ئۈچۈن بىر چۈمۈلىچىلىك ئورۇندا بولۇشى كېرەك، سەن ئۇلارنى ھەر قاچان يەنچىپ، دەسسىيەلىشىڭ كېرەك! شۇنداق، قىلغاندىلا يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە ئورگانلىرىغا مەنسەپكە قويۇلىسەن، ئاندىن كېيىن ئاستا-ئاستا بېيجىڭدىكى مەركەز دەرىجىلىك ئورۇنلارغا ئۆستۈرۈلىسەن، بۇ مېنىڭ سەندىن كۈتىدىغان ئەڭ چوڭ ئۈمىدىم!
-بولىدۇ دادا بولىدۇ،-دېدى شياۋ ۋاڭ دادىسىغا تىكىلىپ قاراپ، ھەمدە خۇددى قەسەم قىلغاندەك ۋەدە بېرىشكە باشلىدى : مەن چۇقۇم سىزنىڭ ئۈمىدىڭىزنى ئاقلايمەن! شىنجاڭدا سادىقلىق بىلەن خىزمەت قىلىپ، پارتىيە-ھۆكۈمەتنىڭ مەندىن كۈتكەن ئۈمىدىنى ئاقلاش ئۈچۈن قار-يامغۇردىن قورقمايمەن. رەھبەرلىك ئوتقا كىر دېسە-ئوتقا، سۇغا كىر دېسە-سۇغا كىرىمەن. تېررورچى ۋە بۆلگۈنچىلەر بىلەن جان تىكىپ كۈرەش قىلىمەن. چېگرا رايوننى قوغداش خىزمىتىنىڭ ئالدىنقى سېپىدىن ئورۇن ئېلىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن ئۈستۈمگە چۈشكەن ھەر قانداق ۋەزىپىدىن باش تارتمايمەن. ئىسيانچىلارغا قىلچىلىك رەھىم قىلمايمەن.
– (خاۋ، خاۋدې، ) ياخشى، بەك ياخشى-دەپ چاۋاك چېلىپ كەتتى قېرى ۋاڭ ئوغلىغا، ئاندىن ئۇنى ئۈستەلگە تەكلىپ قىلىپ ئايالىغا قورۇما قورۇپ چىقىشنى بۇيرۇدى ھەمدە ئۆزى ئۇزۇندىن بىرى ساقلاۋاتقان بىر بەيياڭ ماركىلىق ئاق ھاراقنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، ئۈستەلگە قويدى. ئايال ۋاڭ قورۇمىنى قورۇپ چىققاندىن كېيىن، ئۇلار: (گەنبەي، گەنبەي) خوش، كۆتىرەيلى-دەپ ھاراق ئىچىشىپ، خۇددى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئارزۇسىغا يەتكەن ئادەمدەك ۋاقىرىشىپ-جاقىرىشىپ، ئائىلە زىياپىتى ئۆتكۈزۈشتى. بەلكى بۇ كىچىك ۋاڭنىڭ يىراق سەپىرى ئۈچۈن ئەڭ ئاخىرقى ئۇزىتىش زىياپىتى ئىدى.
3-باب
كىچىك ۋاڭ ئالاھىدە ئايروپىلان بىلەن ئۈرۈمچىگە ئېلىپ مېڭىلماقتا ئىدى. ئۇ ئولتۇرغان ئايروپىلان ئادەملەر بىلەن لىق تولغان بولۇپ، ئولتۇرغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا تەڭتۇش دېگۈدەك ياشتىكى كىشىلەردىن تەركىب تاپقان ئىدى. ھەممىسىلا يېڭى تىكتۈرۈلگەن ساقچى فورمىسى كىيىۋالغان بولۇپ، خۇددى بىر يەرگە ئالاھىدە ۋەزىپە ئۈچۈن كېتىپ بارغان قوشۇندەك جىددىي ھالەتتە ئولتۇرۇشقان ئىدى. ئۇ تەخمىنەن 6 سائەتلىك بولغان بۇ ئۇزۇن سەپەردە ھېرىپ، چارچىدىمۇ قانداق ئەتراپتىكى كىشىلەرگە قاراشقا باشلىدى. ئۇ ئولتۇرغانلاردىن بىر قانچىسىنى تونۇغاندەك قىلدى. ئۇ ئولتۇرغان يېرىدىكى قارشى تەرەپنىڭ، چەت تەرىپىدە ئولتۇرغان جاڭ ئىسىملىك بىر ساۋاقدىشىنى كۆردى-دە، ئۇنىڭغا ئۈنلۈك ئاۋازدا ۋارقىراپلا كەتتى. سەل ئۇزاقراقتا تۇرغان ئايروپىلان كۈتكۈچىسى ئۇنىڭغا قاراپ ۋارقىرىماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى. جاڭ مۇ كىچىك ۋاڭنى تونۇدى. ئۇمۇ ۋاڭغا ئوخشاشلا ۋارقىراپ گەپ قىلماقچى بولۇۋىدى، كۈتكۈچىلەر ئۇنىمۇ ۋارقىرىماسلىققا، ئايروپىلاندا ئۈنلۈك گەپلەشمەسلىككە ئاگاھلاندۇرۇپ توختىتىشتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار ئايروپىلاندا ئۆزئارا بىر-بىرسىگە شەرەتلىشىپ، خۇددى بىر مەقسەت ئۈچۈن يولغا چىققان سەپەرداشلاردەك، بۇ سەپەردە بىللە بولۇپ قالغانلىقىدىن مەمنۇن بولۇۋاتقانلىقىدەك ئالامەتلەرنى ئىپادىلىشىپ كېتىشتى.
كىچىك ۋاڭ ئولتۇرغان ئايروپىلان تەخمىنەن ئالتە سائەت ئۇچقاندىن كېيىن، شىنجاڭنىڭ پايتەختى ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلدى. يېڭى ساقچىلىققا قوبۇل قىلىنغان بۇ كەلگۈندىلەرنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن نۇرغۇن ساقچى ۋە ئەمەلدارلار ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىققان ئىدى. ئۇلارنى ھەشەمەتلىك ياسالغان ھەر خىل چوڭ-كىچىك ماشىنىلار بىلەن كۈتۈۋېلىپ، ئېسىل مېھمانخانىلارغا ئورۇنلاشتۇردى. ئۇ يېڭى ساقچىلار ئىككى ئۈچ كۈندەك مېھمانخانىلاردا يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ تەكشۈرۈش ۋە ۋەزىپە تەقسىم قىلىشىنى كۈتۈش بىلەن ئۆتتى. كىچىك ۋاڭ بولسا، جاڭ ئىسىملىك ساۋاقدىشى بىلەن ئۆزلىرى تەلەپ قىلىشىپ، بىر ياتاققا ئورۇنلاشتى.
ۋاڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ساۋاقدىشى جاڭغا، ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن شىنجاڭدا ساقچىلىق خىزمىتى قىلىش قىلىش ئۈچۈن كەلگەنلىكى توغرىسىدىكى مەقسەتلىرىنى بايان قىلدى ۋە ئۇنىڭدىنمۇ نېمە مەقسەت بىلەن بۇ يەرگە كەلگەنلىكىنى سورىدى. جاڭ بولسا، ۋاڭغا مۇنداق جاۋاب بەردى:
– مېنىڭ شىنجاڭغا ساقچىلىققا ئورۇنلىشىمدىكى مەقسىتىم شۇكى، بىرىنچىدىن بىزگە يۇقىرى دەرىجىدە مائاش بېرىلىدىكەن. ئىككىنچىدىن، ھەر خىل تەمىنات-يەنە ئاتا-ئانىسىنى يوقلاش ۋە چاغان مەزگىلىدە تۇغقان يوقلاش ئۈچۈن مەخسۇس ئالاھىدە كاماندىراپكا پۇلى بېرىلىدىكەن. ئاندىن قالسا مەخسۇس تۇرالغۇ ئۆي بىلەن تەمىنلىنىدىكەنمىز. بىزنىڭ يەنە بۇ يەردە خىزمەت كۆرسىتىپ يۇقىرىغا ئۆرلەش پۇرسىتىمىز بولىدىكەن. يەنە تېخى بىز خالىساق يەرلىك ئۇيغۇر قىزلىرى بىلەن ئۆيلىنەلەيدىكەنمىز، ئاڭلىسام يەرلىك ئۇيغۇر قىزلىرى بەكمۇ چىرايلىق ئىمىش، مېنىڭ بىر ئۇيغۇر قىزى بىلەن ئۆيلىنىپ كېيىنچە ئىچكىرى ئۆلكىگە ئېلىپ كېتىپ ياشىغۇم بار.
جاڭنىڭ گېپىنى ئاڭلىغان ۋاڭنىڭ كۆزى چەكچىيىپ كەتتى. چۈنكى، جاڭنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ خىزمەت قىلىشتىكى مەقسىتى ئۇنىڭ بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشاپ كەتمەيتتى. ۋاڭ ئۇنىڭغا: سەن شەخسى مەنپەئەت، مائاش ۋە يۇقىرى ئىمتىيازغا ئېرىشىش ئۈچۈن بۇ يەرگە خىزمەت قىلىش قىلىشقا كەلگەنمىدىڭ؟ دېمەكچى بولدىيۇ ئەمما، گېپىنى ئىچىگە يۈتۇۋەتتى. چۈنكى، ئۇمۇ يۇقىرى مائاشقا ۋە خىزمەتتىكى يۇقىرى ئۆرلەش پۇرسەتلىرىگە قىزىقاتتى.
ئىچكىرىدىن شىنجاڭغا بۇ قېتىم ساقچىلىققا قوبۇل قىلىنىپ كەلگەنلەرگە ئاللىقاچان ساقچىلىق فورمىسى تارقىتىپ بېرىلگەن بولۇپ، ھەقسىز ياتاق ۋە تاماق بىلەن تەمىنلىنىۋاتاتتى. ئالدىنالا بىرىنچى ئايلىق مائاشىمۇ بېرىلگەن ئىدى. ۋاڭ شۇ كۈنىلا ئالغان مائاشىغا، ھاراق، تاماكا قاتارلىق نەرسىلەرنى سېتىۋېلىپ، جاڭغا ۋە باشقا ياتاقداشلىرىغا بىر قاپتىن تاماكا سوۋغا قىلدى. ھاراق قويۇپ مېھمان قىلدى. ئۇ بۇنداق مەردلىك قىلىش ئارقىلىق باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇپ، ھازىردىن باشلاپلا مۇناسىۋەت تورى قۇرۇشقا باشلىغاندەك قىلاتتى. جاڭ بولسا تۇنجى قېتىم بۇنچىلىك جىق پۇلنى كۆرۈپ باققان بولۇپ، بۇ قەدەر يۇقىرى مائاش بىلەن ئەتە-ئۆگۈنلا باي بولۇپ، تىقىلىپ كېتىدىغاندەك ھېس قىلىپ، كۆزلىرى خۇشاللىقتىن چاچراپ چىقىپ كېتىدىغاندەك پۇلتىيىپ كەتكەن ئىدى. جاڭ ئۆزىگە بىر نەچچە كۈن يەتكۈدەكلا پۇلنى ئېلىپ قېلىپ، قالغىنىنى ئۆزى ئىچكىرىدە بۇ يەرگە كېلىشتىن بۇرۇن مەخسۇس ئاچتۇرغان بانكا ھېسابىغا ياتقۇزۇۋەتتى. «ئۆچكە جاڭگال چۈشەيدۇ، توخۇ داڭگال» دېگەندەك ئۇ شۇنداق خىياللارنى قىلىشقا باشلىدى: « پاھ، بۇ نېمە دېگەن ياخشى خىزمەت-ھە! مانا ھېلىتىنلا ھەقسىز تاماق، ياتاق بىلەن تەمىنلىنىۋاتىمەن. بىرىنچى ئايدىلا ئون مىڭ يۈەن مائاشقا ئېرىشتىم. كېيىنچە بۇ مائاشىم ئۆسۈشى مۇمكىن، مۇشۇنداق بولغاندا مەن بۇ يەردە ناھايىتى جىق پۇل تېپىپ، باي بولۇپ كېتىدىغاندەك قىلىمەن. مەن بۇ پۇللارنى يىغىپ نەچچە مىليونغا يەتكۈزگەندىن كېيىن، يۇرتۇمغا بېرىپ ھەشەمەتلىك سارايلارنى سالدۇرىمەن. ئەگەر خالىسام بىر ئۇيغۇر قىزى بىلەن توي قىلىپ، ئۇنى ئىچكىرىگە ئېلىپ كېلىپ، خۇددى بۇرۇنقى خان-پادىشاھلاردەك ھەشەمەتلىك تۇرمۇش كەچۈرىمەن!» جاڭنىڭ خىيال ئىچىگە غەرق بولۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەن ۋاڭ ئۇنى نوقۇپ: ئەييا، شىياۋ جاڭ، نېمىنى خىيال قىلىۋاتىسەن؟ ھېلىتىنلا ئاتا-ئاناڭنى سېغىنىپ كەتتىڭمۇ؟ -دەپ سورىدى ئۇنىڭدىن.
-ياق تېخى يۇرتنى سېغىنمىدىم-دېدى ئويلىنىپ تۇرۇپ كېتىپ، ئاندىن مۇنداق دېدى: بىز نېمىشقا بۇرۇنراق بۇ يەرگە كەلمىدۇق؟ نېمىشقا ئىلگىرى شىنجاڭغا ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن ساقچى قوبۇل قىلمىغان ئىدى. بىر نەچچە يىل خىزمەت تاپالماي، ئىشسىز يۈرگەن ئىدىم، مانا ئەمدى بۇ بەك ياخشى بولدى. ياخشى تەمىنات، يۇقىرى مائاشقا ئېرىشتىم. كوممۇنىستىك پارتىيەگە نېمە دەپ رەھمەت ئېيتىشنى بىلەلمەيۋاتىمەن؟
-ئالدىرىما، شىياۋجاڭ-دېدى ۋاڭ ئۇنىڭغا قوشۇمچە قىلىپ-بىزگە تېخى ئالدىمىزدا نى، نى پۇرسەتلەر كېلىدۇ. مائاشىمىز نەچچىگە قاتلىنىدۇ. خىزمەت كۆرسىتىپ، يۇقىرى ئىمتىيازغا ئېرىشىمىز، جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى ياكى دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ ئالاھىدە ئەترەتلىرىگە تاللىنىپ قالساق، تەلىيىمىزنىڭ كەلگىنى شۇ، ئەگەر شۇنداق بولۇپ قالىدىغانلا بولسا، بىزنىڭ خىزمەت كۆرسىتىدىغان پۇرسىتىمىز كەلدى دېگەن گەپ، بىز ئۇ چاغدا قاتتىق ئىشلەپ، خىزمەت كۆرسىتىپ، پۇل تېپىپ، باي بولۇپلا قالماي، بەلكى قولىمىز نەگە سۇنسا، شۇ يەرگە يېتىدىغان ئەمەلدارلاردىن بولۇپ قالىمىز، ئاندىن خالىساق ئىچكىرىگە يۆتكىلىپ كېتىمىز، خالىساق شىنجاڭدا قېلىپ، كوممۇنىستىك پارتىيە ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، شىنجاڭنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن تۆھپە قوشىمىز! -جاڭ، ۋاڭنىڭ بۇ دەبدەبىلىك گەپ-سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا باشقىچە قاراشقا باشلىدى ۋە سورىدى: قانداق قىلغاندا بىز ئۇ قەدەر تېز ھوقۇق ۋە ئىمتىيازغا ئېرىشەلەيمىز؟
-ئۇنىڭدىن غەم قىلما! -دېدى ۋاڭ، ساۋاقدىشى جاڭغا تىكىلىپ قاراپ-بۇنىڭ ئۈچۈن بىز تاپشۇرۇلغان ۋەزىپىنى تولۇق ئورۇنداپلا قالماي، ئۇنى نەچچە قاتلاپ ئورۇنداپ، قاتتىق قوللۇق بىلەن بۆلگۈنچى ۋە ئەسەبىي ئۇنسۇرلارغا زەربە بېرىپ، كۆپلەپ جىنايەتلەرنى پاش قىلىشىمىز، جىنايەتچىلەرنى ئىقرار قىلدۇرۇشىمىز ۋە ئۇلارنى تۆۋە قىلدۇرۇشىمىز كېرەك! شۇنداق، قىلغاندىلا بىز پارتىيەنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقالايمىز ھە ئۆزىمىزمۇ يۇقىرى مەنسەپكە ئېرىشەلەيمىز.
– ھە، شۇنداقمۇ؟ -دېدى جاڭ، ساۋاقدىشى ۋاڭنىڭ سۆزلىرىگە قايىل بولغاندەك قىلىپ-ئۇنداق بولسا بۇمۇ تەس ئىش ئەمەسكەنغۇ؟ بىزگە بۇ يەردە ھۆكۈمەت دەستەك بولۇپ، ھەر خىل قورال-ياراغ، ئىلغار جازالاش ئۈسكۈنىلىرىنى تارقىتىپ بەرگەندىن كېيىن، ئەلۋەتتە ۋەزىپىنى ئاشۇرۇپ ئورۇنلايمىز-دە.
جاڭنىڭ گېپى تۈگىگەندىن كېيىن، ۋاڭ ئۇنىڭغا يەنە غەلىتە بىر قاراپ قويۇپ قوشۇمچە قىلدى، -بۇنىڭ ئۈچۈن قانداق قىلىمىز بىلەمسەن، بىز بۇ ياۋايىلارغا قىلچىلىك رەھىم قىلماسلىقىمىز لازىم. ئۇلارنى تۇتقاندا بېشىغا خالتا كىيدۈرۈپ، قولىنى ئاغرىتىپ باغلايمىزدە، رېزىنكە كالتەك ۋە توك كالتەكلىرىمىزنى ئىشقا سېلىپ راسا ئۇرىمىز، ھەتتا ئۇلار بىزنىڭ تاياق-توقماقلىرىمىزدىن كەلگەن زەربىدىن ئۆلۈپ كەتسىمۇ كارىمىز بولماسلىقى كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا بىز يۇقىرىنىڭ مۇكاپاتلىشىغا سازاۋەر بولۇپلا قالماي، بەلكى يەرلىك بۆلگۈنچى ۋە تېررورچىلارنى تەلتۆكۈس يوقىتىش مەقسىتىگە يېتەلەيمىز.
-ھە، شۇنداقمۇ-دېدى جاڭ ۋاڭغا ھەيرانلىق بىلەن قاراپ،-جىنايەتچى تۇتقۇنلارنى ئۆلتۈرىۋەتسەكمۇ بولارمۇ؟ يۇقىرىدىن بۇنى چەكلىمەمدۇ؟ ياكى بىزنى چەكتىن ئاشۇرۋەتتى دەپ جازا بەرمەمدۇ؟
-ياق،جازا بەرمەيدۇ.-دەپ كۆزىنى چەكچەيتكەنچە سۆزىنى داۋام قىلدى ۋاڭ-مەن ھازىرغىچە ھېچكىمدىن: «ساقچىلارنىڭ خىزمەت دائىرىسىگە چەكلىمە قويۇلىدۇ » دېگەن بىر گەپنى ئاڭلاپ باقمىدىم، ئەكسىچە، بىزگە قاتتىق قول بولۇشىمىز تەلەپ قىلىنىدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز جىنايەتچىلەرگە ناھايىتى قاتتىق قول بولۇشىمىز كېرەك ئىكەن. ئۇلارنى جازالىغان ۋاقىتتا ئۆلۈپ كېتىشى ياكى مېيىپ بولۇپ قېلىشىنى قەتئىي ئويلىماسلىقىمىز كېرەك ئىكەن. ئەگەر ئۆلۈپ كەتسە خىزمەت جەريانىدا قارشىلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن يوللۇق قوغدىنىلغان بولۇپ ھېسابلىنىدىكەنمىز. بىزگە ھېچقانداق مەسۇلىيەت ئارتىلمايدىكەن.
ۋاڭنىڭ بۇ سۆزىنى ئاڭلىغان جاڭنىڭ گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ كەتتى-دە، بۇ بەك ياخشى ئىكەن، بىزنىڭ خىزمىتىمىز بەكمۇ قولاي ئىكەن. سەن ماڭا بۇ ئىشلارنى ناھايىتىمۇ ياخشى دەپ بەردىڭ،بۇنىڭ ئۈچۈن ساڭا رەھمەت ئېيتىمەن! دېدى-دە، سىرتقا چىقىپ ھايال ئۆتمەيلا بىر قانچە قاپ تاماكا ۋە بىر بوتۇلكا ھاراقنى كۆتۈرۈپ كىرىپ، ۋاڭنى مېھمان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭغا ئارقا-ئارقىدىن ھاراق قويۇپ بەردى ۋە ئۆزىمۇ ئىچتى. ئۇلار خۇددى غەلىتە بىر خىل سۆز ئويۇنى ئويناپ، خۇددى پات يېقىندا بىر چوڭ غەلبىنى تەبرىكلىشىدىغان ئەسكەرلەردەك ۋاقىرىشىپ، جارقىرىشىپ، تاڭ ۋاقتى بولغۇچە تاماشا قىلىشتى.
ئىچكىرىدىن يېڭىدىن قوبۇل قىلغان بۇ ساقچىلار ئىككى كۈنلۈك ياتاق ۋە مېھمانلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش، كۈتۈۋېلىش زىياپىتىدىن كېيىن، يېڭىدىن ئۇقتۇرۇش تاپشۇرۇۋالدى. ئۇقتۇرۇشتا دېيىلىشىچە، ئۇلارغا ئەتىسى كۈنىدىن باشلاپ، ئىككى ھەپتىلىك جىددىي سىياسىي ۋە كەسپىي جەھەتتىن ئۆگىنىش كۇرسى ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن. بۇ ئۆگىنىش قەتئىي مەخپىي بولۇپ، سىرتقا ئاشكارىلاشقا، ھېچكىمگە دېيىشكە بولمايدىكەن. بۇ جەرياندا ساقچىلارنىڭ سىرتقا چىقىپ شەخسى مەشغۇلات قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدىكەن. ئۇلارغا ياتاقتىن باشقا ئىشلار ئۈچۈن ئالاھىدە مۇلازىمەت خادىملىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ھەرقانداق شەخسى ئېھتىياجى مۇلازىمەتچىلەر تەرىپىدىن قامدىلىدىكەن.
مانا ئىچكىرىدىن يېڭىدىن ساقچىلىققا قوبۇل بولغان ساقچىلارنىڭ ئىككى ھەپتىلىك ئۆگىنىشى ئاخىرقى كۈنىگە قەدەم قويۇپ قالغان ئىدى. كۇرس يېتەكچىسى ئۇلارغا بۈگۈن شىنجاڭ پارتكومىنىڭ سېكرېتارى چېن چۈئەن گونىڭ بۇ قېتىملىق كۇرسنىڭ ئاخىرلىشىش مۇناسىۋىتى بىلەن كېلىپ مۇھىم نۇتۇق سۆزلەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. ئۇلار بۈ خەۋەرنى ئاڭلاپ، ھاياجان ئىچىدە ئۇنىڭ كېلىشىنى كۈتۈشكە باشلىدى.
ئەتىگەنلىك ناشتىلىقتىن كېيىن، كەلگۈندى ساقچىلارنىڭ ھەممىسى ئۆگىنىش زالىغا كىرىپ ئولتۇرۇشتى. ھەممىسىنىڭ قولىدا بىردىن قەلەم ۋە خاتىرە دەپتەر تۇراتتى. سائەت 8 يېرىم بولغاندا ئۆگىنىش كۇرسىنىڭ يېتەكچىلىرىدىن بىرسى كۇرسانتلىرىغا قاراپ: كەلدى، كەلدى، سېكرېتار چېن چۈئەن گو كەلدى دەپ ئۇقتۇرۇش قىلدى.
دېگەندەك، پېشانىسى كەڭرى ۋە يۈزى ياپىلاق كەلگەن، قاپاقلىرى ئىششىپ كەتكەندەك كۆرۈنىدىغان، كۆز قارىچۇقى توختىماي ئۇياق-بۇياققا ئويناپ تۇرۇشىدىن ھەييارلىقى مانا مەن دەپلا چىقىپ تۇرىدىغان ئوتتۇرا بوي بىر كىشى سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جۇ خەيلۇن بىلەن بىللە يەنە بىر نەچچە قورچاق ئەمەلدارنى ئەگەشتۈرۈپ زالغا كىرىپ كەلدى. كۇرسانتلارنىڭ ھەممىسى ئورنىدىن تۇرۇپ چاۋاك چېلىپ، ئۇنى قارشى ئېلىشتى. پارتىيە سېكرېتارى چېن چۈئەن گو كۇرسانتلارغا قاراپ: يولداشلا ياخشىمۇ دەپ، خىتايچە سالام بېرىۋەتكەندىن كېيىن نۇتقىنى باشلىدى:
– يولداشلار، سىلەر شىنجاڭنىڭ شەرەپلىك مېھمانلىرى بولىسىلەر، سىلەرنىڭ بۇ شەرەپلىك ۋەزىپە ئۈچۈن شىنجاڭغا كەلگىنىڭلارنى قارشى ئالىمەن. سىلەرنى ئىنتايىن شەرەپلىك ۋە ئېغىر بىر ۋەزىپە كۈتۈپ تۇرماقتا. ئۇ بولسىمۇ: شىنجاڭدا دىنىي ئاشقۇنلۇق، تېررورلۇق ۋە بۆلگۈنچىلىك تىن ئىبارەت ئۈچ خىل كۈچنىڭ بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىنى يوقىتىشتىن ئىبارەتتۇر. بىز يولداش شى جىن پىڭ ئوتتۇرغا قويغان « باش نىشاننى چۆرىدەپ، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ۋە قايتا تەربىيەلەپ ئۆزگەرتىش سىياسىتى» نى كەڭ كۆلەمدە يولغا قويۇپ، ئىدىيە جەھەتتىن زەھەرلەنگەن، ئاشقۇن ۋە ئەسەبىي كىشىلەرنى يىغىپ توپلاپ، قايتىدىن تەربىيە ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ كاللىسىنى يۇيۇپ-تازىلاپ، يېڭىدىن ئادەم قىلىپ چىقىشىمىز لازىم. بۇنىڭ ئۈچۈن مۇھىم نۇقتىنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك كادىرلار ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئائىلىلەرگىچە كىرىپ ئەھۋال ئىگىلەش كېرەك. شەھەر-ناھىيەلەردىكى كوچىلاردا ھەر بەش يۈز مېتىرنى ئاساس قىلىپ تەكشۈرۈش پونكىتلىرى قۇرۇپ چىقىلىشى كېرەك. شۇنداقلا بۇ تەكشۈرۈش پونكىتلىرى مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ ھەقىقىي ئالدىنقى سەپ قاراۋۇلخانىسى بولۇشى، جەمئىيەتتە تورلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئادەتتىكى رايونلاردا ئۈچ مىنۇتتا، نۇقتىلىق ئورۇنلاردا بولسا، بىر مىنۇتتا بايقالغان مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش چەمبىرىكى ھاسىل قىلىشىمىز كېرەك.
ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەن گو گېلىنى قىرىپ، بىر ئىستاكان سۇنى ئىچىۋېتىپ، يەنە سۆزىنى داۋام قىلدى:-قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش جەھەتتە يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى شەكىللەندۈرۈشىمىز كېرەك. يۇقىرى بېسىم ۋە چۆچۈتۈش ھالىتىنى داۋاملىق ساقلاپ، زوراۋان تېررورچىلارغا كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ، ۋەقە يۈز بېرىشتىن بۇرۇن بايقاپ ۋە زەربە بېرىپ، تەلتۆكۈس يوقىتىپ، ئۇلارنى تۈپ يىلتىزىدىن قۇرۇتۇۋېتىشىمىز كېرەك!
پارتىيە سېكرىتارى چېن چۈئەنگونىڭ سۆزى تۈگىگەندىن كېيىن، رايونلۇق پارتكوم سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى جۇ خەيلۈن سۆز ئېلىپ مۇنداق دېدى: يولداشلار يۇقىرىدا رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگونىڭ سۆزىنى ئاڭلىدىڭلار، بۇنى مەھكەم ئېسىڭلاردا ساقلىشىڭلار كېرەك ھەم ئۇنى قەتئىيلىك بىلەن ئىجرا قىلىشىڭلار كېرەك! -دەپ بولۇپ گېلىنى قېقىۋەتكەندىن كېيىن، سۆزىنى يەنە داۋام قىلدى-مەن شۇنى تەكىتلەيمەنكى، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى-دۆلىتىمىزنىڭ بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم مەسىلىدۇر. ئىلگىرى شىنجاڭدا ئارقا-ئارقىدىن تېررورلۇق ۋەقەلىرى يۈز بەرگەن ئىدى. رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىلگىرىكى سابىق سېكرىتار جاڭ چۇنشەن نىڭ رەھبەرلىكىدە 2014-يىلىدىن باشلاپ، تۆت يىللىق قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلدى. بۇ تۆت يىل جەرياندا قاتتىق زەربە بېرىش دولقۇنى ئارقىلىق مىللىي بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەسىنى تەرغىب قىلىپ، زوراۋانلىق بىلەن شۇغۇللانغان ۋە ئۇنىڭغا چېتىلغانلارغا ئومۇميۈزلۈك زەربە بېرىلىپ بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ قورسىقىدا غۇمى بارلىقى ئاشكارىلاندى. ئۇلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرىگە بېرىلگەن جازانىڭ ھەقلىقلىقىنى ئىدىيە جەھەتتىن قوبۇل قىلالمايۋاتقانلىقى ۋە ھۆكۈمەتكە دۈشمەنلىك نەزىرىدە قاراۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا چىقماقتا، شۇڭا تەربىيەلەش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئەسەبىي ئىدىيەسىنى ئۆزگەرتىش زۆرۈر بولماقتا، بۇنىڭ ئۈچۈن بىز پەقەت خاتالاشقانلارنىمۇ تۇتۇپ ئېلىپ كېلىپ تەربىيەلەش ئېلىپ بارماستىن، بەلكى تېخى خاتالاشمىغان بولسىمۇ، ئەمما گۇمانلىق دەپ قارالغانلارنىڭ ھەممىسىنى تۇتقۇن قىلىشىمىز كېرەك، ئەگەر ئۇنداق قىلمىساق ئۇلارنىڭ توپلىشىپ ۋەقە سادىر قىلىشى، تۇتۇلغان ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ئۈچۈن ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى قوزغىشى ۋە ئاخىرىدا شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىغا ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىشى مۇمكىن.
جۇ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە سۆزىنى توختىتىپ گېلىنى قېقىۋېتىپ، بىر ئىستاكان سۇ ئىچىۋەتكەندىن كېيىن، سۆزىنى داۋام قىلىپ، يەنە مۇنداق دېدى:-يولداشلار سىلەر بىلىسىلەر، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش بىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان ۋەزىپىمىزدۇر. بىزنىڭ ئىلگىرى قاتتىق زەربە بېرىش دولقۇنىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەرنى مۇستەھكەملىشىمىز-ۋەزىيەتنىڭ جىددىي تەقەززاسىدۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن مۇنداق ئىككى تۈرلۈك ئىشنى جىددىي تۇتۇپ ئېلىپ بېرىشىمىز كېرەك!
بۇنىڭ بىرىنچىسى، بىز ئىلگىرى جىنايەت ئۆتكۈزگەن، ھازىرمۇ جىنايەت ئۆتكۈزۈۋاتقان ۋە كەلگۈسىدە جىنايەت ئۆتكۈزۈش ئېھتىمال بولغان بارلىق كىشىلەرنى قاتتىق جازالىشىمىز لازىم! ئىككىنچىدىن، تېخى جىنايەت ئۆتكۈزمىگەنلەرنى بولسا، ئۇنىڭ جەمئىيەتكە بولغان كۆز قارىشى ۋە ئوي-خىياللىرىنى ئېنىقلاپ چىقىش ئارقىلىق قايتىدىن تەربىيەلەش ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئەسەبىي ئىدىيەسىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىشىمىز لازىم. مۇشۇ ئىككى تەدبىر تەڭ ئېلىپ مېڭىلغاندىلا، بىز چېگرا رايوننىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، باش سېكرېتارى شى جىن پىڭ تەكىتلىگەن: «شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت باش نىشان» نى ئىشقا ئاشۇرالايمىز!
ئۇنىڭ سۆزى تۈگىگەندىن كېيىن. باشقا ئەمەلدار ۋە كۇرسانتلار چاۋاك چېلىشىپ ئۇنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. يەرلىك قورچاق ئەمەلدارلارغا سۆزلەش پۇرسىتى بېرىلمىدىمۇ قانداق، ھېچقايسىسى نۇتۇق سۆزلىمەي، باش لىڭشىتىپ ۋە چاۋاك چېلىشىپ بېرىشتى. پەقەت سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارى شىرزات باۋۇدۇن جۇ نىڭ نۇتقىنى ئانچە قوللاپ كەتمەمدۇ قانداق، تازا قىزغىن ئەمەس بولۇپ، باشقا بىر نېمىنى خىيال قىلىۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى. بەلكى ئۇ: « بۇ يېڭى سىياسەت قانداقمۇ توغرا بولسۇن؟ خاتالاشقان ۋە تېخى خاتالاشمىغانلارنىمۇ تۇتقۇن قىلىش قانۇنغا ئۇيغۇن كېلەمدۇ؟ بۇنداق بولغاندا پۈتۈن بىر مىللەت تۇتقۇن ئوبيېكتى قىلىنغان بولمامدۇ؟» دېگەننى خىيالىدىن ئۆتكۈزۈۋاتقاندەك قىلاتتى.
تەخمىنەن ئىككى سائەتكە يېقىن داۋاملاشقان يىغىن-رەھبەرلەرنىڭ يېڭى قوبۇل قىلغان ساقچىلارنى ئاغزاكى تەقدىرلىشى بىلەن ئاخىرلاشتى. رايونلۇق پارتىيە سېكرېتارى چېن كەتكەندىن كېيىن، يېڭى ساقچىلار ئۇنىڭ سۆزىنى بىر سائەتكە يېقىن ئۆگىنىش قىلدى. ئاندىن، چۈشلۈك تاماققا قويۇپ بېرىلىپ، چۈشتىن كېيىن ساقچىلارنىڭ ھەر قايسى ۋىلايەت، شەھەر، ناھىيەلەرگە ۋەزىپىگە تەقسىم قىلىنىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇش قىلىندى.
چۈشلۈك تاماقمۇ يېيىلىپ بولۇندى. چۈشتىن كېيىنلىك ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ باشلىنىدىغانغا يەنە يېرىم سائەتتەك ۋاقىت بار ئىدى، ۋاڭ بىلەن جاڭ ياتاقتا ئولتۇرۇپ ئۆزىنىڭ نەگە بېرىشى ھەققىدە مەسلىھەتلىشىشكە باشلىدى. جاڭ ئالدى بىلەن سۆز باشلاپ،ۋاڭ دىن سورىدى:-قەيەرگە باراي دەۋاتىسەن؟
-مەن جەنۇبىي شىنجاڭغا، بولۇپمۇ ئاقسۇ ياكى كۇچاغا بېرىشنى تەلەپ قىلماقچى، بۇ دادامنىڭ ئارزۇسىدۇر. دادام ئەينى ۋاقىتتا كۇچادا تۇرۇشلۇق ئازادلىق ئارمىيە قىسمىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن ئىكەن، ئەپسۇس نۇرغۇن ئارمانلىرىنى ئىشقا ئاشۇرالماي قىسىمدىن ئايرىشقا مەجبۇر بولۇپتۇ. ئەگەر ئۇنداق بولمىغان بولسا، ئۇ توپىلاڭچىلار بىلەن بولغان كۈرەشكە قاتنىشىپ، خىزمەت كۆرسەتمەكچى بولۇپتىكەن،ئەپسۇس! ئۇنىڭڭ بۇ ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشماپتۇ.
– نېمىشقا ئەمەلگە ئاشماپتۇ؟-دەپسورىدى جاڭ ئەجەپلىنىپ ۋاڭدىن.
-ۋاڭ كۆزىنى بىر چىمچىقلىتىۋېتىپ، كىچىككىنە بىر خاتالىق سەۋەبىدىن بولۇپتىكەن-دەپ، دادىسىنىڭ بىر ئۇيغۇر دېھقاننى ئۆلتۈرگەن قاتىللىق ھېكايىسىنى سۆزلەپ بەردى. ئاندىن سۆزىنى شۇنداق داۋام قىلدى:
-ئۇ چاغنىڭ شارائىتىدا ئۇ ئىشنى «مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلە»دەپ قارىلىپ، دادامنى ئەسكەرلىكتىن چېكىندۈرۈپتىكەن، ئەگەر بۇ ئىش بولمىغان بولسا دادام چوڭ خىزمەت كۆرسۈتۈپ، يۇقۇرى مەنسەپكە ئېرىشىشكە نىيەت باغلىغان ئىكەن.
-داداڭغا جازا بېرىلمەپتىمۇ؟-دەپ سورىدى جاڭ،ۋاڭنىڭ چۈشەندۈرىشىدىن ئەجەپلىنىپ.
-ياق، دادام جىنايەت ئۆتكۈزمىگەن تۇرسا، نېمىشقا جازا بەرسۇن؟ پەقەتلا ئەسكەرلىكتىن چېكىندۈرۈلۈپ، يۇرتىمىزغا قايتۇرۇلۇپتىكەن شۇ! چۈنكى، دادام: « مەن ئۆزەمنى يوللۇق قوغدىغان» دەپ، چىڭ تۇرۇپتىكەن، ئەمما ئەينى ۋاقىتتا شۇ يەردە پىراكتىكا قىلىپ تۇرىۋاتقان شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي نەزەرىيە فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىدىن بەزىلىرى دېقانلارنى چوڭ نامايىش ئېلىپ بېرىشقا كۈشكۈرتكەن ئىكەن، شۇنىڭ بىلەن دېھقانلار شەھەرگە كىرىپ نامايىش قىلماقچى بولۇپتۇ، بۇنىڭدىن ۋەقە چوڭىيىپ كەتمىسۇن دەپ ئەنسىرىگەن يەرلىك پارتىيە كومتېتى بىلەن ھەربىي قىسىم، دادامنى ھەربى سەپتىن قايتۇرۇشقا مەجبۇر بولۇپتۇ، دېھقانلارغا :«دادامنى قانۇن بويىچە جازالايمىز، پارتىيە-ھۈكۈمەتكە ئىشىنىڭلار» دەپ ۋەدە بېرىپ قويۇپ، ئازراق تۆلەم بىلەن بۇ ئىشنى بېسىقتۇرۇپتۇ.
-بۇ قانداق بولغىنى؟ بۇ ئىش ياخشى بولماپتۇ؟ خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى توپىلاڭچىلارغا مۇشۇنداق تاقابىل تۇرمىسا، ئۇلار توپىلاڭ چىقارماي قالامدۇ؟ ئەسلىدە داداڭنى مۇكاپاتلىشى كېرەك ئىكەنغۇ؟
-توغرا دېدىڭ، ئەسلىدە دادامغا مۇكاپات بېرىلىشى كېرەك ئىدى. ئۇ چاغدىكى چېگرا رايون سىياسىتىدە: مىللەتلەر ئىتيپاقلىقىغا زىيانلىق ئىشلار چەكلىنىپ، جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلغان ئىكەن. ئۇنداق بولمىغاندا بەلكى، دادامغا ھېچقانداق چارە كۆرۈلمىگەن بولاتتى.
جاڭ خۇددى ئاچچىقلانغاندەك قىلىپ، ۋاڭ نىڭ سۆزىگە قوشۇمچە قىلدى،-ئوقۇغۇچى دېگەننىڭ ئىدىيىسى ھەقىقەتەن چاتاق بولىدۇ، بولۇپمۇ شىنجاڭدىكى مىللىي ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيىسىنى بەكلا چاتاق دەپ ئاڭلىدىم. ئۇلار ئىلگىرى بىر نەچچە قېتىم نامايىش قىلىپ، پارتىيە-ھۆكۈمەتكە بولمىغۇر تەلەپلەرنى قويغانمىش، ئۇلار 1988-يىلىدىكى بىر قېتىملىق نامايىشتا: « خەنزۇلارنى ئىچكىرىگە قايتىپ كەتسۇن، كۆچمەن كۆچۈرلمىسۇن، مىللىي كەمسىتىش توختۇتۇلسۇن، شىنجاڭغا ھەقىقىي ئاپتونومىيە بېرىلسۇن!» دېگەندەك سىياسىي خاھىشى ناھايىتى ئېغىر بولغان تەلەپلەرنى قويۇپتىكەنمىش، كېيىن چېگرا رايونلۇق پارتكوم بۇ يامان ئوقۇغۇچىلارنىڭ باشچىلىرىنى ئوقۇشتىن قوغلاندى قىلىپتۇمىش!
-دېمىسىمۇ توغرا قىلىپتۇ.-دېدى ۋاڭ،ساۋاقدىشى جاڭنىڭ سۆزىنى قۇۋۋەتلەپ، ئەسلىدە ئۇلارنى قوراللىق باستۇرۇش كېرەك ئىدى. ئۆز ۋاقتىدا 1989-يىلىدىكى تىئەنمىن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنى ھۆكۈمىتىمىز تانكا، مىلتىقلار بىلەن باستۇرۇپ يوقاتمىدىمۇ؟ ئەگەر ئۇنداق قىلمىغان بولسا ئىدى، ھازىرقى كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ ھۆكۈمرانلىقى مەۋجۇت بولۇپ تۇرارمىدى؟ ئوقۇغۇچى دېگەنگىمۇ قىلچىلىك سەل قاراشقا بولمايدۇ. ئەگەردە بۇنىڭدىن كېيىن ئوقۇغۇچىلار نامايىشى بولىدىغان بولسا، مەن ئۇلارغا بولغان باستۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئالدىنقى سېپىگە بارىمەن. ئۇلارنى قىلچە رەھىم قىلماي تۇتقۇن قىلىمەن، ئەگەر قارشىلىق قىلسا، قورالىمنى ئىشقا سېلىپ، بىرىنىمۇ قويماي قىرىپ تاشلايمەن.
-چوقۇم شۇنداق قىلىشىمىز كېرەك!-دېدى جاڭ مۇ، ۋاڭ نىڭ سۆزىگە ئەگىشىپ-ئوقۇغۇچىلارنىلا ئەمەس، ھەتتا ئۇلارنىڭ ئىدىيەسىنى زەھەرلىگەن ئوقۇتقۇچىلارنىمۇ تۇتۇپ كېلىپ، جازالىشىمىز ۋە قايتا تەربىيەلەش ئېلىپ بېرىشىمىز كېرەك! بولمىسا ئۇلار يەنە قالايمىقانچىلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن!
ۋاڭ بىلەن جياڭنىڭ سۆھبىتى مۇشۇ تەرىقىدە خېلى ئۇزاق داۋاملاشقاندىن كېيىن. ئۇلار سائىتىگە قارىشىپ: ۋاقىت توشۇپ قاپتۇ، تەقسىمات يىغىنىغا بارايلى دېيىشىپ، ياتاقتىن چىقىپ، چوڭ بىر زالغا كىرىپ كېلىشتى. زالغا ساقچى فورمىسى كىيگەن نۇرغۇن كەلگۈندىلەر كەلگەن بولۇپ، ئۇلار بىر-بىرىنى قىستىشىپ دېگۈدەك، جىددىلىك ئىچىدە ئورۇندۇقلارغا كېلىپ ئولتۇرۇشتى. بىر قىسىملىرى بولسا، ئورۇن تەگمىگەچكە بولۇڭ-بۇلۇڭلاردا قىستىلىشىپ ئۆرە تۇرۇشقان مەجبۇر بولدى. زالنىڭ يۇقىرى تەرىپىگە ئۈچ دانە ئۈستەل قويۇلغان كومپيۇتېر ۋە قانداقتۇر بىر تۈپلەنگەن ھۆججەتلەرنى ئالدىغا قويۇۋېلىشقا تۆت خىتاي ئەمەلدارى ئولتۇرۇشاتتى. كەلگۈندى ساقچىلار ئورۇن ئېلىشىپ بولۇشقاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى، ئوتتۇرا بوي، سېمىز كەلگەن، بوغۇق ئاۋازدا سۆزلەيدىغان بىرسى سۆزىنى باشلىدى: يولداشلار ياخشىمۇ سىلەر؟ شىنجاڭغا خوش كەلدىڭلار، سىلەرنى شەرەپلىك بىر ۋەزىپە كۈتمەكتە. ئۇ بولسىمۇ باش سېكرېتار شى جىنپىڭ نىڭ: «باش نىشاننى چۆرىدەپ، ئەسەبىي ئۇنسۇرلارنى ئىدىيە جەھەتتىن تەربىيەلەپ ئۆزگەرتىش» تىن ئىبارەت يوليورۇقىنى تېزدىن ئەمەلىيلەشتۈرۈشتۇر، بىز بۇنى «مۇقەددەس ۋەزىپە» دەپ بىلىپ، دەرھال باشلىشىمىز كېرەك. بۇ بىزنىڭ نۆۋەتتىكى ئەڭ جىددىي قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم نىشانىمىزدۇر، بۇنىڭ ئۈچۈن ھەممىڭلار خۇددى ئۇرۇشقا تەييار بولغاندەك تەييار بولۇشۇڭلار، شىنجاڭنىڭ ئەبەدى ئەمىنلىكى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشۇشۇڭلار كېرەك! يولداشلار شۇنداق قىلىشقا تەييارمۇ سىلەر؟
-بىز تەييار!-دەپ ۋارقىراشتى زالدا ئولتۇرۇشقان كەلگۈندى ساقچىلار.
ۋاڭ بەكمۇ ھاياجانلىنىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇ يەنە بىر قېتىم ۋارقىراي دەپ ئېغىزىنى ئېچىشىغا، سەھنىدە ئولتۇرغانلاردىن يەنە بىرسىنىڭ خىرقىراق ئاۋازى ئاڭلاندى: يولداشلار يۇقىرىدا جۇ سېكرېتارنىڭ سۆزىنى ئاڭلىدىڭلار، مەن ئۇنىڭ سۆزىنى قۇۋۋەتلەيمەن. ئەمدى بىزنىڭ يىغىن كۈن تەرتىپى بويىچە قىلىدىغان ئىشىمىز بولسا، ھەر قايسى جايلارغا خىزمەت تەقسىماتى ئېلىپ بېرىشتۇر. بۇ بىرىنچى قېتىملىق خىزمەت تەقسىماتىغا ھەرقايسىڭلار چوقۇم ۋە شەرتسىز بويسۇنۇشۇڭلار كېرەك. چۈنكى بۇ خىزمەت تەقسىماتى ھەر قايسى جايلاردا ئېلىپ بېرىلىدىغان خىزمەت تۈرى، رايونلارنىڭ بىخەتەرلىك دەرىجىسى ۋە ھەر بىر كىشىنىڭ كونكرېت ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، ساقچى ئوبيېكتلىرىنىڭ شەخسى ئارخىپى بىردىن-بىردىن تەكشۈرۈپ چىقىلىپ بېكىتىلدى. ئىلگىرى جامائەت خەۋپسىزلىكى ساھەسىدە خىزمەت قىلغانلار بىلەن دۆلەتنىڭ ھەربىي قىسىملىرىدا ۋەزىپە ئۆتىگەنلەر چوڭ شەھەرلەرگە ۋە مۇھىم جايلارغا ۋەزىپىگە قويۇلدى. شۇڭا ھېچكىمنىڭ «مەن ئۇ يەرگە بارىمەن، مەن بۇ يەرگە بارمايمەن، مەن ئاۋۇ ئىشنى قىلىمەن، مەن ماۋۇ ئىشنى قىلمايمەن» دەيدىغان تاللاش ھوقۇقى بولمايدۇ. رايون ۋە خىزمەت تاللاش-كېيىن كۆرسەتكەن خىزمەت نەتىجىسىگە ئاساسەن بەلگىلىنىدۇ. مەن ھازىر جەدۋەللەشتۈرۈلگەن خىزمەت تەقسىماتىنى تارقىتىمەن، ھەر قايسىڭلار ئۆچرەتتە تۇرۇپ خىزمەت تەقسىماتى قىلىنغان جەدۋەللەرنى ئېلىۋېلىشىڭلار كېرەك!
ۋاڭ بىلەن جاڭ ھەر ئىككىلىسى ئۆچرەتتە تۇرۇپ، خىزمەت تەقسىمات جەدۋىلىنى ئېلىشتى. جەدۋەلدىن مەلۇم بولدىكى، ھەر ئىككىلىسىلا ئۈرۈمچى شەھىرىگە خىزمەتكە تەقسىم قىلىنغان بولۇپ، ئۇلار ئەتە ئەتىگەن «سىياسىي قانۇن كومىتېتى» غا بېرىپ خىزمەتكە ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەكلىكى ئۇقتۇرۇلغان ئىدى. ۋاڭ نىڭ جەنۇبىي چېگرا رايونىغا بېرىپ خىزمەت قىلىش ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشمىغان ئىدى.
جاڭ ۋاڭغا «قانداق قىلىمىز؟» دېگەندەك قىلىپ قارىۋىدى، ۋاڭ قاپىقىنى تۈرۈپ بىر نېمىگە خاپا بولغاندەك، ئېغىزىنى كالچايتقان ھالدا مۇنداق دېدى :
-مەيلى، بۇ قېتىم تەقسىماتقا بويسۇنايلى، چۈنكى پارتىيە كومىتېتىنىڭ بىزنى ئۈرۈمچىدەك مەركىزى شەھەرگە ئېلىپ قېلىشىدا، بىزنىڭ ئەسكەر تەربىيەسى كۆرگەن ئالاھىدىلىكىمىزنى كۆزدە تۇتقاندىن باشقا، بىزگە مۇھىم ۋەزىپە بېرىلىدىغانلىقىنىڭ ئالامىتىدۇر. بۇ بولسا بىزنىڭ خىزمەت كۆرسىتىدىغان پۇرسىتىمىزنىڭ چوڭ ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
ۋاڭنىڭ جاۋابىنى ئاڭلىغان جاڭ، ئۇنىڭغا قايتۇرۇپ بىر نەرسە دېمىدى،بۇ بەلكى ئۇنىڭ سۆزىگە ھۆرمەت قىلغانلىقىنىڭ ۋە قوشۇلغانلىقىنىڭ ئىپادىسى ئىدى. ئەمما تېخى ئۇلارنىڭ قايسى بۆلۈم، قايسى ئورۇندا ئىش باشلايدىغانلىقى تېخى ئايدىڭ ئەمەس بولۇپ، بەلكى ئەتىسى بەلگىلىنىدىغان خىزمەت ئورنى ئۇلارنىڭ شۇم تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك رەزىل كەچۈرمىشى ۋە پىشانىسىگە جىنايەت تامغىسى بولۇپ بېسىلىدىغان بىر قانخورلىق جەريانى ئىدى.
4-باب
ۋاڭ بىلەن جاڭ بۈگۈن بىرلىكتە شىنجاڭ چېگرا رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سىياسىي قانۇن كومىتېتىغا خىزمەت تەقسىماتىنى ئېلىۋېلىش ئۈچۈن كېلىشتى. ئۇلار، ئالدىنقى كۈنى تارقىتىپ بېرىلگەن كارتىلىرىنى ئېلىپ قاتمۇ-قات قويۇلغان قاراۋۇللارغا كۆرسىتىپ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئىچىگە كىرىشتى. بىنا ئىچىدە نۇرغۇنلىغان كەلگۈندى ساقچىلار بىرلىرىنىڭ ئۆزلىرىنى چاقىرىشنى كۈتۈۋاتقان بولۇشى كېرەك. كارىدورنىڭ يان تەرەپلىرىدىكى ئىشىكلەرنىڭ ئالدىدا قولىدا بىر پارچە نومۇر بېسىلغان قەغەزنى كۆتۈرۈپ، ئۇيان-بۇيانغا قاراپ تۇرۇشاتتى. پات-پات بەزى ئىشىكلەرنىڭ ئىشىكى ئېچىلىپ، نومۇر بويىچە كەلگۈندى ساقچىلار چاقىرىلىۋاتاتتى.
ۋاڭ بىلەن جاڭغا نومۇر بېرىلمىگەن بولۇپ، كارىدوردا قايسى ئىشخانىغا كىرىشنى بىلەلمەي ئۇيان بۇيانغا قاراپ كېتىۋاتاتتى. كارىدورنىڭ ئاخىرى تەرەپتىكى ئۇدۇل ئىشىكتىن بىرسى چىقىپ، ھەربىي سەپتىن قايتقانلار بۇ بۇ يەرگە كېلىڭلار! -دەپ چاقىردى. ۋاڭ بىلەن جاڭ ئۇ ئاۋاز چىققان ئىشىك تەرەپكە قاراپ ماڭدى. ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن يەنە نۇرغۇن ساقچى كاندىداتلىرى تىزىلىپ كېلىشتى.
ئۇلار چاقىرىلغان ئىشىكتىن كىرگەندىن كېيىنكى بىرىنچى ئۆي چوڭ زال بولۇپ، بىردەمدىلا زالغا كاندىدات ساقچىلار لىق تولۇپ كەتتى. قارىغاندا ھەربىي سەپتىن قايتقانلارمۇ ئاز ئەمەستەك قىلاتتى. ئۇلارنىڭ ئايرىم چاقىرىلىشىدا، بەلكى باشقىچە بىر ئۇلاشتۇرۇش باردەك قىلاتتى: شىياۋ ۋاڭ، سىز كىرىڭ!-دەپ ياش بىر ئايالنىڭ چاقىرىشى بىلەن ۋاڭ ئىچكىرىدىكى بىر ئىشخانىغا كىردى.
-ھە، شىياۋ ۋاڭ، سىز بولامسىز؟ كېلىڭ، ئولتۇرۇڭ-دېدى ئوتتۇرا بوي، سەمىرىپ قورساق سېلىپ كەتكەنلىكتىن كۆزلىرى كىچىكلەپ، خۇددى چاشقاننىڭ كۆزىچىلىكلا كىچىككىنە كۆزى بار بىرسى ھىجايغانچە ئۇنىڭغا قول ئۇزارتىپ:
-يولداش شىئاۋ ۋاڭ سىزنى قارشى ئالىمىز-ھاردۇقۇڭلار چىقىپ قالدىمۇ؟ ئارخىپىڭىزغا قارىسام، سىز ھەربىي سەپتە خىزمەت ئۆتەپتىكەنسىز،پارتىيە ئەزاسى ئىكەنسىز، ھەتتا دادىڭىزمۇ ھەربىي سەپتە خىزمەت ئۆتىگەن ئىكەن، ئائىلە بويىچە شەرەپلىك ئائىلە ئىكەنسىلەر، بىز سىلەردەك ھەربىي سەپتە خىزمەت ئۆتىگەنلەرگە ئالاھىدە ئېتىبار بىلەن قاراپ، مەلۇم ۋەزىپىلەرگە تەقسىم قىلماقچى بولىۋاتىمىز، سىزدىن سورايدىغان يەنە بىر سوئالىم شۇكى-دېدى ئۇ چاشقان كۆز ئادەم، كۆزىنى نەچچە قېتىم چىمچىقلىۋاتقاندىن كېيىن-سىز ساقچى ياكى جامائەت بىخەتەرلىك تارماقلىرىدا ئىشلەپ باققانمۇ؟
-ياق، باشلىق-مېنىڭ ساقچىلىق خىزمىتى جەھەتتە تەجرىبەم يوق، مەن يۇرتۇمدا ئىش كۈتىۋاتقان ئىدىم. ئەمما ساقچىلىق خىزمىتىنى ناھايىتى شەرەپلىك بىر خىزمەت دەپ بىلىمەن. دادام ماڭا شىنجاڭدا قانداق قىلغاندا ياخشى خىزمەت قىلغىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە جىق نەرسىلەرنى سۆزلەپ بەرگەن ئىدى.
-ھە،شۇنداقمۇ، دادىڭىز ساقچىلىق خىزمىتى قىلامتى؟
-ياق، ساقچىلىق خىزمىتى قىلمىغان. ئەمما زاۋۇتنىڭ قوغداش بۆلۈمىدە خېلى ئۇزاق مەزگىل ئىشلىگەن. قانداق بولغاندا قوغداش خىزمىتى ياخشى قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە دادام شىنجاڭنىڭ كۇچا شەھىرىدە ئەسكەرلىك ۋەزىپىسىدىن ئۆتىگەن ئىكەن، ئۇ يەرنىڭ ئىلمى-تەلىمىنى، يەرلىك خەلقنىڭ خۇي-پەيلىنى ياخشى بىلىدۇ، بۇ ھەقتە ماڭا جىق نەرسىلەرنى سۆزلەپ بەرگەن ئىدى.
-ياخشى، بەك ياخشى!-دېدى باشلىق خىتاي كۆزىنى يەنە بىر نەچچە قېتىم چىمچىقلىۋېتىپ،-دادىڭىزنىڭ شىنجاڭ ھەققىدە سىزگە سۆزلەپ بەرگەنلىرى ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە سىزگە جىق ئەسقاتىدۇ. خىزمەتنى ياخشى ئىشلىشىڭىزگە پايدىسى بولىدۇ. ئەمدى سىزدىن ئاخىرقى سورايدىغان سوئال شۇ: سىز كومپيۇتېر جەھەتتىمۇ مەلۇماتقا ئىگىمۇ؟
-ئاز-تولا مەلۇماتقا ئىگىمەن!-دېدى ۋاڭ كۆزىنى چەكچەيتىپ، ئەمما مېنىڭ دوستۇم جاڭ كومپيۇتېر ساھەسىدە بىلىم ئاشۇرغان. ئۇنىڭ كومپيۇتېر تېخنىكىسىدا بىلىمى يۇقىرى.
-ھە، شۇنداقمۇ؟ ئۇنداق بولسا ئۇنىمۇ چاقىرايلى-دەپ سېكرىتارىغا قارىۋىدى، سېكرىتار ئايال، جاڭنىمۇ باشلىقنىڭ ئىشخانىسىغا چاقىرىپ كىردى:
ھە، سىز يولداش جاڭ بولامسىز؟-دېدى ئۇ ئۆزىنى باشلىق دېۋالغان چاشقان كۆز ئادەم ئۇنىڭغا تىكىلىپ قاراپ، شاۋ ۋاڭ سىزنى كومپيۇتېر ساھەسىدە بىلىمى يۇقىرى دەپ تونۇشتۇرغان ئىدى، كومپيۇتېردا مەخسۇس ئوقۇغانمىدىڭىز؟
-ھە، ئەسكەرلىكتىن تۈگەتكەندىن كېيىن بىر يىل كومپىيوتېر كۇرسىدا مەخسۇس ئوقۇغانمەن.
-بەك ياخشى، بەك ياخشى بولۇپتۇ. بىزگە سىزدەك كومپيۇتېر، ساھەسىدە بىلىملىك ئىنسانلار، جىددىي لازىم بولىۋاتىدۇ. بىز دۆلەت بىخەتەرلىك نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ بىر گەۋدىلەشكەن «بىرلەشمە جەڭ قىلىش سۇپىسى» يەنى ساندان قۇرۇپ چىقماقچىىمىز. ئۇنىڭغا پۈتۈن ئاھالىنىڭ ئۇچۇرلىرى توپلانماقچى، ئۇ ئۇچۇرلارنى رەتلەپ، تۈرگە ئايرىش خىزمەتلىرى بەكمۇ چوڭ كۈچ تەلەپ قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ساھەگە يېڭىدىن ساقچىلىققا قوبۇل قىلىنغان يولداشلاردىن خېلى كۆپ ئادەم قوبۇل قىلىشنى ئويلىشىۋاتىمىز. سىزنىڭ بۇ ساھەدە ياخشى ئىشلىيەلەيدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن. ئىشلەشنى خالامسىز؟
باشلىقىدىن بۇ گەپنى ئاڭلىغان جاڭنىڭ گۈل-قەقەلىرى ئېچىلىپ كەتكەن ئىدى. ئۇ «ماڭا چوڭ بىر ئامەت كېلىۋاتىدۇ، مەن بۇ پۇرسەتنى قولدىن بەرمەسلىكىم كېرەك، پۇرسەت غەنىمەتتۇر، پۇرسەتنى چىڭ تۇتقاندىلا كۆزلىگەن مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ»دەپ ئويلىدى-دە، باشلىقنىڭ سۆزىگە دەرھال ماقۇللۇقىنى بىلدۈردى:
-ئەلۋەتتە خالايمەن. مەن پارتىيەمىزنىڭ نۆۋەتتىكى شىنجاڭدا يولغا قويماقچى بولغان جىددى سىياسىتىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن ھەر قانداق خىزمەتكە تەييار.
-بەللى! بەللى يارايسىز! شياۋجاڭ-دېدى باشلىق ئۇنىڭ قولىنى سىقىپ: مانا،ھەممە ساقچىلاردا سىلەردىكىدەك روھ بولىدىغانلا بولسا، بىز پارتىيەنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقىپ، دۆلىتىمىزنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدىيالايمىز ۋە چېگرا رايوندا مەڭگۈ ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرالايمىز. ئاخىرىدا سىلەرگە دەيدىغىنىم شۇكى،سىلەرنىڭ خىزمەت قىلىش ئىرادەڭلارنى تەقدىرلەشكە ئەرزىيدۇ. بۇنىڭدا ھېچقانداق مەسىلە يوقتۇر، ئەمما سىلەرنىڭ ساقچىلىق ساھەسىدە تەجرىبەڭلارنىڭ بولماسلىقى، سىلەرنى مۇھىم ۋەزىپىگە قويۇشتا چەكلىمە ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئۈچۈن سىلەرگە مەن بىر چارە ئويلاپ قويدۇم، ئۇ بولسىمۇ-ئىككى ھەپتىلىك تەجرىبە ئۆگىنىش پراكتىكىسى قىلىشتۇر. سىلەرنىڭ بۇ پىراكتىكاڭلار ئىككى ھەپتە ئۈرۈمچى تۈرمە شەھەرچىسىدە بولىدۇ. سىلەر بۇ يەرلەردە پىشقان تەجىربىلىك گۇندىپايلاردىن: جىنايەت گۇماندارلىرىنى قانداق ئىقرار قىلدۇرۇش، قانداق بويسۇندۇرۇپ تىز پۈكتۈرۈش، قانداق ئەدىبىنى بېرىش ۋە قانداق جىنايەت قالپىقى تەييارلاش تاكتىكىلىرىنى ئۆگىنىسىلەر. سىلەرنىڭ بۇ ئىككى ھەپتىلىك تەجرىبە ۋاقتىڭلار بىر يىللىق خىزمەت تارىخى قىلىپ ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن سىلەرنى ھەر قانداق بىر ۋەزىپىگە قويۇش ئىمكانىيىتى يارىتىلىدۇ. سىلەرچە قانداق؟
-بولىدۇ باشلىق، بىز سىزنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىڭىزغا بويسۇنىمىز، ھەر قانداق ۋەزىپىگە تەييارمىز!-دەپ ئىپادىسىنى بىلدۈرۈشتى ۋاڭ بىلەن جاڭ تەڭلا باشلىقنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بويسۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ.
-ھەئە، ئۇنداق بولسا، سىلەر بۈگۈن قايتىپ دەم ئالغاچ، تۇرمۇش ئورۇنلاشتۇرىشىنى قىلىۋېلىپ، ئەتە ئەتىگەن كېلىڭلار. مەن سىلەرگە مەخسۇس يېتەكچى ئورۇنلاشتۇرۇپ، بارىدىغان يېرىڭلارغا يولغا سالىمەن!-دەپ چىشى تۈلكىدەك ھىجايغانچە ئۇلارنى ئۇزىتىپ قويدى.
ۋاڭ بىلەن جاڭ بۈگۈنكى سىياسىي قانۇن كومىتېتى مۇئاۋىن باشلىقىنىڭ تونۇشتۇرۇش سۆھبىتىدىن كېيىن ياتاقلىرىغا قايتىپ كەلدى. ئۇلار بەكمۇ خوشال ئىدى. ئىككى ھەپتىلىك تەجرىبە ئۆگىنىش پراكتىكىسىنىڭ-بىر يىللىق خىزمەت سىتاجىغا ھېسابلىنىشى ئۇلارنى ئالاھىدە خوشال قىلغان ئىدى. ئۇلار يەنە ماگىزىنغا بېرىپ ھاراق، تامكا سېتىۋېلىپ ئۆزلىرىنىڭ بىر يىللىق خىزمەت تارىخىغا ئېرىشكەنلىكىنى تەبرىكلىمەكچى بولۇشتى.
ئۇلار سېتىۋالغان ھاراق، گازىر-پۇرچاق ۋە تەييار سەيدىن تەركىب تاپقان زاكۇسكالىرىنى ئۈستەل ئۈستىگە قويۇشۇپ، بىر-بىرسىگە ھاراق تۇتقاچ ئۆزئارا سۆھبىتىنى باشلىدى: شىياۋ جاڭ ئاڭلىدىڭمۇ؟-دەپ، ئۇنىڭدىن گەپ ئالماقچى بولۇپ سۆزىنى باشلىدى ۋاڭ: ئۇ مۇئاۋىن باشلىق تۈرمە شەھەرچىسى دەيدىغۇ؟-ئادەتتە ئۇ تۈرمىنى-تۈرمە دېمەي، نېمىشقا تۈرمە شەھەرچىسى دەيدۇ؟ شۇنىڭغا قارىغاندا بۇ شەھەرنىڭ يېرىمى ياكى ئۈچتىن بىرى تۈرمىلەردىن تەركىب تاپىدىغان ئوخشىمامدۇ؟
بەلكى شۇنداق بولۇشىمۇ مۇمكىن،-دېدى جاڭ ۋاڭنىڭ سۆزىگە قوشۇمچە قىلىپ،-ئەگەر ئۇنداق بولمىغۇدا بۇ قەدەر چوڭ رايوننى قانداقمۇ باشقۇرغىلى بولسۇن؟ تېررورچىلارنى قانداقمۇ يوقاتقىلى بولسۇن؟ ئاڭلىسام، ئۇيغۇر دېگەن بۇ ياۋايىلار ناھايىتىمۇ قارام ۋە جېدەلخور خەلق ئىكەن، ئۇلارنى ئاشۇنداق تۇتۇپ-سولاپ ۋە قىرغىن قىلىپ تۇرمىسا، ئىسيان چىقارغىلى ئاران تۇرىدىكەن. شۇڭا مەن بۇنداق جىق تۈرمىلەرنىڭ بولۇشىنى، پارتىيەنىڭ دانا سىياسىتىدىن بولغان دەپ قارايمەن.
ۋاڭ، جاڭنىڭ كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ سىياسىتىدىن ئانچە-مۇنچە خەۋەردار ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، ھەيران قالغان ھالدا ئۇنىڭغا بىر قاراپ قويۇپ شۇنداق دېدى-توغرا، دېدىڭ شاۋ جاڭ، پارتىيەمىز شىنجاڭدا مۇشۇنداق قاتتىق قوللۇق بىلەن باشقۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ،كەڭ كۆلەمدە تۇتۇش-سولاش ۋە قاتتىق جازالاش ھەرىكىتىنى چىڭ تۇتقاندىلا، چېگرا رايوننىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاپ،جەمىيەتنى تىنچلاندۇرغىلى بولىدۇ، بىز بۇنىڭ ئۈچۈن پارتىيەنىڭ بۇ دانا سىياسىتىگە ئەگىشىپ، ئۇنىڭ تېخىمۇ قاتتىق ئىجرا بولۇشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىمىز كېرەكتۇر!
ۋاڭ بىلەن جاڭ ئاشۇنداق بىر-بىرىنى تەبرىكلىشىپ ۋە سىياسەت ھەققىدە سۆزلىشىپ، خېلى ئۇزاققىچە ئىچىشىپ ئولتۇرۇشتى.ئۇلار قاچان ئۇخلىغانلىقىنى ئۆزلىرىمۇ بىلمەيتتى.ئۇلار ئەتىگەندىكى ۋاراڭ-چۇرۇڭ ئاۋازىدىن ئويغىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ بەك ئۇزاق ئۇخلاپ كېتىپ، ناشتىلىققا كەچ قالغانلىقىنى بىلىشتى-دە، يۈز-كۆزىنى يۇمايلا چىقىپ، چالا-بۇلا ناشتىلىق قىلىپ، سىياسىي قانۇن كومىتېتى بىناسى تەرەپكە قاراپ يولغا چىقتى. ئۇلار تۈنۈگۈن دېيىشكىنى بويىچە سىياسىي قانۇن كومىتېتى مۇئاۋىن باشلىقىنىڭ دېگەن ۋاقتىغا ئۈلگۈرۈپ بېرىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئاكتىپ خىزمەتچىلەردىن ئىكەنلىكى، ۋاقىت-تۈزۈمگە رىئايە قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ قويۇشماقچى بولۇشقان ئىدى. ئەمما ئۇلار بۈگۈن بەك ئۇزاق ئۇخلاپ كەتكەنلىكتىن، ھەر قانچە ئالدىرىسىمۇ دېگەن ۋاقىتقا ئۈلگۈرەلمەي كېچىكىپ قېلىشقان ئىدى.
ئۇلار يېتىپ كەلگەندە ئاللىقاچان ۋاقىت توشۇپ كەتكەن بولۇپ، مۇئاۋىن باشلىق ئۇلارنى ساقلاپ، تىت-تىت بولۇپ تۇرغان ئىدى. ئۇلار مۇئاۋىن باشلىقىنى كۆرۈپلا ئالدىغا يۈگۈرگەندەك بارغانچە قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭدىن كېچىكىپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئەپۇ سوراشتى.
-ھېچقىسى يوق!-دېدى مۇئاۋىن باشلىق قاپىقىنى تۈرگەندەك قىلىپ ئۇلارغا قاراپ، بىرىنچى قېتىم بولغاندىن كېيىن، بۇ يەرنى تاپالماي تېڭىرقاپ قالغانسىلەر ھەقاچان؟ شۇنداق بولسىمۇ بەك ئۇزاق كېچىكمىدىڭلار. مانا بۇ كىشى «شەھەرلىك تۈرمە باشقۇرۇش ئىدارىسى» نىڭ مۇدىرى-ياڭ مۇدىر بولىدۇ. ئۇ سىلەرنى تۈرمە شەھەرچىسىىگە ئېلىپ بېرىپ، ئىككى ھەپتىلىك خىزمەت پراكتىكىسىغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ!-دەپ، پاكىنەك كەلگەن، سەمرىپ كۆتەكتەك يوغىناپ كەتكەن بىر خىزمەتچىسىنى ئۇلارغا تونۇشتۇردى.
ئۇلار مۇدىرنىڭ ماشىنىسىغا چىقىپ يولغا چىقىشتى. يولدا ماڭغاچ مۇدىر ئۆزىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: مەن سىياسىي قانۇن كومىتېتى تۈرمە باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولىمەن. ئىسمىم ياڭ، شىنجاڭغا كەلگىلى 20 يىلدىن ئاشتى. مول خىزمەت تەجىربىسىگە ئىگىمەن. بۇنىڭدىن كېيىن بىر ئىش بولسا، خىزمەت جەھەتتە ئېھتىياجىڭلار چۈشسە مېنى ئىزدىسەڭلار بولىدۇ. ھەر قانداق ئىشىڭلارغا ياردەم قىلىشقا تەييارمەن. « تۈرمە شەھەرچىسى»گە بېرىشقا يەنە ئازراق ۋاقتىمىز بار، ئۇنىڭغىچە مەن سىلەرگە ئەھۋالنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي. ئۈرۈمچى ئارانلا تۆت مىليوندەك ئاھالىسى بولغان ئوتتۇرا تىپتىكى شەھەر بولغان بىلەن، ئەمما تۈرمىلىرىمىز يېتەرلىك بولۇپ، بۇ تۈرمىلەر ئىلگىرى كېيىن سېلىنغان ۋاقتىغا قاراپ: بىرىنچى، ئىككىنچى، ئۈچىنچى، تۆتىنچى، بەشىنچى، ئالتىنچى، يەتتىنچى تۈرمىگە بۆلۈنۈپ، جەمىي 7 چوڭ تۈرمىلەردىن تەشكىل تاپقان. يەنە ئۇنىڭغا يېڭىدىن سېلىنىۋاتقان، پۈتۈنلەي يەر ئاستىغا جايلاشقان مەخپى ئورۇندىكى 3 تۈرمىنى قوشقاندا جەمىي تۈرمە سانى 10غا يېتىدۇ.
-ۋاي-ۋۇي، تۈرمىلەر ھەقىقەتەن بەك جىق ئىكەن، بۇ بەك ياخشى بولۇپتۇ!-دېدى ۋاڭ،ياڭ مۇدىرنىڭ سۆزىنى قۇۋۋەتلىگەندەك قىلىپ، ئەمما نېمىشقا بۇ تۈرمىلەرنى «تۈرمە شەھەرچىسى»دەيمىز؟ شەھەر دېگەندە ئادەملەر ئەركىن-ئازادە ياشايدىغان تۇرسا؟-دەپ، سورىدى ئۇنىڭدىن، بۇ تۈرمىلەرنىڭ« تۈرمە شەھەرچىسى»دەپ ئاتىلىشىدىكى سەۋەپنى چۈشەنمىگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ،
-ئەييا،بۇنى چۈشەنمەپسىزدە، ئۇنداق بولسا، مەن بۇنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ قوياي دەپ،سۆزىنى داۋام قىلدى تۈرمە باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى-ئۈرۈمچىدە تۈرمىلەر ئاساسى جەھەتتىن بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرۇلۇپ سېلىنغان. مەن دەسلەپ ھەربىي سەپتىن قايتىپ، شىنجاڭغا كەلگەندە، تۈرمىلەردە گۇندىپايلىق خىزمىتى قىلىش بىلەن ئىش باشلىغان ئىدىم. ھازىرغىچە ھەممە تۈرمىدە دېگۈدەك ئىشلەپ باقتىم. شۇڭا بۇ تۈرمىلەرنىڭ ئەھۋالىنى بەش قولدەك بىلىمەن: بىرىنچىدىن-يەتتىنچىگىچە بولغان تۈرمىلەرنىڭ ھەممىسى بىرلا رايونغا مەركەزلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇلارنى پەقەت پاسىل تام ۋە يوللارلا ئايرىپ تۇرىدۇ. ئىككىنچى قاماقخانا يەنى ۋاقىتلىق تۇتۇپ تۇرۇش ئورنى (ئەرزەن-كەن شو سو) مۇ ئانچە يىراق ئەمەس، پەقەت بۇلاردىن ئازراقلا ئۇزاقتا، ئەمما ئۇنىمۇ ئايرىم دېگىلى بولمايدۇ. چۈنكى بارلىق تۈرمىلەر بىىلەن قاماقخانىلار بىر چەمبەرنىڭ سىملىرىدەك بىر-بىرىگە باغلانغان بولۇپ، يەر ئاستى يولى ئارقىلىق بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرۇلغاندۇر. يەر ئۈستىدە بولسا بارلىق تۈرمىلەر-تور-ئىنتېرنېت، تېلېفۇن، كامېرا قاتارلىق ئالاقىلىشىش ۋاستىلىرى ئارقىلىق بىر-بىرىگە باغلانغان بولۇپ، بىر-بىرى بىلەن تىز سۈرئەتتە ئالاقە ئورنىتىلىپ، بىر مەركەزدىن قوماندانلىق ۋە نازارەت قىلىنىپ باشقۇرۇلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئۇنى:«تۈرمە شەھەرچىسى»دەيمىز. ئەمدىغۇ چۈشەنگەنسىز؟
ھە، چۈشەندىم،-دەپ، قايللىقىنى بىلدۈردى ۋاڭ،ياڭ مۇدىرنىڭ سۆزىگە ھەيران قالغان ھالدا-قالتىسكەن، سىلەرنىڭ بۇ تاكتىكاڭلار ھەقىقەتەن مېنى ھەيران قالدۇردى. بۇنداق مەخسۇس تۈرمە شەھەرچىسى بولغان يەردە ھەر قانداق جىنايەتچىنىڭ توردىن چۈشۈپ قېلىشى، قېچىپ قۇتۇلۇشى مۇمكىن ئەمەستۇر.
ئۇلار ئالاھازەل يېرىم سائەتتەك يول ماڭغان ئىدى :ھە، مانا! «تۈرمە شەھەرچىسى»گە يېتىپ كەلدۇق، ئەتراپقا نەزەر سېلىپ قاراڭلار، بۇ يەر قانداقراق ئىكەن؟-دەپ، ئۇلارغا سوئال قويدى تۈرمە باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇدىرى ياڭ، شۇنىڭ بىلەن ۋاڭ بىلەن جاڭ تەڭلا بويۇنلىرىنى سوزۇشۇپ ئەتراپقا قاراشتى: ياڭ مۇدىرنىڭ دېگىنىدەك، يوللاردا ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن كېتىۋاتقان بىرمۇ ئادەم كۆرۈنمەيتتى. ماگازىن ۋە تاللا بازارلىمۇ يوق تۇراتتى. بىنا-ئۆيلەرنىڭ دەرىزىسى قېلىن پولات تاياقچىلىرى بىلەن توسۇۋېتىلگەن ئىدى. ئەتراپ ئېگىز تاملار بىلەن قورشالغان، ئۈستىگە تىكەنلىك سىم ئورنىتىلغان، ھەر دوقمۇشتا بىردىن كۆزىتىش مۇنالىرى تىكلەنگەن بولۇپ، كىشىنىڭ تېنىنى شۈركەندۈراتتى. ھەر بىر كۆزىتىش مۇنارلىرىدا ئىككىدىن-تۆتكىچە ئەسكەرلەر مىلتىق-پىلىموتلارنى تىكلەپ، خۇددى ئولجا كۈتۈپ ماراپ تۇرغان چاشقانلاردەك، ئەتراپنى كۆزىتىشىپ تۇراتتى.
ئۇلار ئادىمىزاتسىز يولدا بىر نەچچە قېتىم ئايلانغاندىن كېيىن، يوغان بىر قارا دەرۋازىنىڭ ئالدىغا كېلىپ ماشىنىنى شىپپىدە توختاتقان ياڭ مۇدىر يەرگە چۈشۈپ، ئىچىگە كىرمەستىن سىرىتتىلا:
-مانا بۇ بىرىنچى تۈرمە،-دېدى چۈشەندۈرۈش بېرىپ،مەن ئەڭ دەسلەپ ئىشلىگەن تۈرمە مۇشۇ. بۇ تۈرمىدە ئاساسلىقى سىياسى مەھبۇسلار قامالغان.خەلقئاراغا تونۇلغان ئەڭ چوڭ سىياسى مەھبۇس ئىلھام توختىمۇ مۇشۇ تۈرمىگە قامالغان.قالغانلىرىنىڭ ئاساسلىق قىسمى: دوكتۇر-پىرافىسسور، يازغۇچى-شائىر، ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلاردىن تەشكىل تاپقان،شۇڭلاشقا بۇ تۈرمىدە بولىدىغان ئىشلارنىڭ سەزگۈرلىكى بەك يۇقۇرى،خەلقئارانىڭ نەزىرى بۇ يەردە،شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەرنىڭ بۇ يەردە پىراكتىكا قىلىشىڭلارنى ئانچە ئۇيغۇن كۆرمەيمەن.ناۋادا بۇ يەردە ئۆلۈم-يېتىم ھادىسىسى كېلىپ چىقسا،تېزلا باشقىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ قويىدۇ.
-مەيلى ئۇنداق بولسا،سىز نېمە دېسىڭىز،شۇ بولسۇن،تۈرمە جىق بولغاندىن كېيىن قايسىسىدىن باشلىساق بولىۋېرىدۇ.-دەپ جاۋاپ بېرىشتى ۋاڭ بىلەن جاڭ،
-ئۇنداق بولسا، مەن بىلەن يۈرۈڭلار!-دەپ،ئۇلارنى ئېلىپ، 5 مىنۇتتەك مېڭىپلا يەنە بىر يوغان دەرۋازىنىڭ ئالدىغا كېلىپ ماشىنىسىنى توختاتتى-دە يەرگە چۈشكەندىن كېيىن ئۇ ئىككىسىگە قاراپ:
-مانا بۇ ئىككىنچى تۈرمە-مەخسۇس ئاياللار تۈرمىسىدۇر،-دېدى ياڭ مۇدىر،بۇ يەرگە مەخسۇس ئايال جىنايەتچىلەر قامالغان.شۇڭا بۇ يەردە ئاساسلىقى ئايال گۇندىپايلار خىزمەت قىلىدۇ.شۇڭا سىلەرنىڭ بۇ تۈرمىدە ئىشلىشىڭلار مۇۋاپىق ئەمەستۇر.ئەڭ ياخشىسى سىلەر خىزمەتنى ئۈچىنچى تۈرمىدىن باشلاڭلار دەپ، ئۇلارنى باشلاپ،يەنە ئازراق ئايلىنىپ ماڭغاندىن كېيىن،يوغان بىر قارا دەرۋازىنىڭ ئالدىغا كېلىپ توختىدى-دە، ماشىنىدىن چۈشۈپلا،تونۇشتۇرۇشنى باشلىدى: مانا بۇ بولسا ئۈچىنچى تۈرمە-مەن ئۇزاق مەزگىل ئىشلىگەن جايدۇر.بۇ يەردە مەن تەربىيەلىگەن نۇرغۇن گۇندىپايلار بار. سىلەر خىزمەتنى مۇشۇ يەردىن باشلىساڭلار ياخشى بولىدۇ.چۈنكى،بۇ تۈرمىگە ئاساسلىقى ئىجتىمايى جىنايەتچىلەر قامالغان،مەلۇم ساندا سىياسى جىنايەتچىلەر مۇ بار.ئۇلارنى خالىغانچە سوراق قىلساڭلار، قارشىلىق قىلىپ،ياۋاش بولمىغانلارنىڭ خالىغانچە ئەدىۋىنى بەرسەڭلىمۇ بولىدۇ.بۇ جىنايەتچىلەر تاياق-توقماققا كۆنۈپ كېتىشكەن،شۇڭا ئۇلارغا رەھىم قىلماسلىق كېرەك! ئۆلۈم-يېتىم ھادىسىسى كېلىپ چىقسىمۇ كارايىتى چاغلىقتۇر. سىلەرچە قانداق؟
-بولىدۇ باشلىق، بەك ياخشى چۈشەندۈرۈش بەردىڭىز، بىز ئىشنى مۇشۇ يەردىن باشلايلى دېدى ئىككىسى قوشۇلغانلىقىنى بىلدۈرۈشۈپ.
-قېنى ئۇنداق بولسا، مەن بىلەن مېڭىڭلار!-دەپ ۋاڭ بىلەن جاڭنى باشلاپ دەرۋازا ئالدىغا كېلىپ،قاراۋۇلغا كېنىشكىسىنى كۆرسىتىۋىدى، قاراۋۇللار غاچچىدە چاس بېرىپ، تۈرمە ئىشىكىنى ئۇلارغا ئېچىپ بەردى.
زالىملار قارا دەرۋازىدىن ئۈتۈپ، ئىچىگە كىرگەندىن كېيىن كەڭ كەتكەن ھويلىدا قەۋەتلىك ۋە قەۋەتسىز بولۇپ 7-8 دەك بىنا ئۇلارنىڭ كۆزىگە كۆرۈندى.ياڭ مۇدىر ئۇلارنى 4 قەۋەتلىك،كونىراق بىنانىڭ ئىچىىدىكى بىر ئىشخانىغا ئېلىپ كىردى. ئىشخانىدا ئوتتۇرا بوي كەلگەن، سەمرىپ قورساق سېلىپ كەتكەن، خىرقىراپ تۇرۇپ گەپ قىلىدىغان كۆزەينەكلىك بىرسى ئۇلارنى كۈتۈۋالدى:
-ياخشىمۇ سىز؟ ما سوجاڭ-دېدى ياڭ مۇدىر ئۇنىڭغا سالام بېرىپ-مەن بۈگۈن سىزگە ئالاھىدە بىر ئىشنى تاپشۇرۇش ئۈچۈن كەلدىم، مانا بۇ ئىككى كىشى ئىچكىرى ئۆلكىدىن يېڭى كەلگەن ساقچىلار، ئۇلارغا ئىككى ھەپتە تۈرمە شەھەرچىسىدە خىزمەت پىراكتىكىسى قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئالدى بىلەن سىزنىڭ باشقۇرۇشىڭىزدىكى بۇ تۈرمىدە چېنىقىپ، سىزدىن جىنايەتچىلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلىش ۋە ئۇلارنى قانداق بويسۇندۇرۇش ھەققىدە تەلىم ئالسۇنمىكىن دەيمەن،سىزچە قانداق؟
-بولىدۇ،چاتاق يوق،-دېدى ئۈچىنچى تۈرمىنىڭ باشلىقى ھىجايغانچە ياڭ مۇدىرغا خوشامەت قىلىپ-بۇ ئىش بەك ياخشى بولۇپتۇ، قېنى كېلىڭلار، ئولتۇرۇڭلار! سىلەر شىنجاڭدا مۇقىملىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تايانچ كۈچلىرى، مەن سىلەرگە بۇ يەردە قانداق ئىشلارنىڭ قىلىنىدىغانلىقى ۋە جىنايەتچىلەرنى قانداق بويسۇندۇرۇش ھەققىدە جىق تاكتىكىلىق بىلىملەرنى ئۆگىتىپ قويىمەن. ئۇنىڭدىن كېيىن سىلەر ھەر قانداق تۈرمە ياكى لاگېرلاردا بىمالال خىزمەت قىلىپ كېتەلەيسىلەر!
-بولىدۇ، رەھمەت سىزگە-بىز بۇ ئىشلارنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئۆگىنىشكە تەييارمىز دەپ، ئىككى كەلگۈندى ساقچى تۈرمە مۇدىرىگە خوشامەتلەرچە ھىجىيىپ قويۇشتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلارنى ئېلىپ كەلگەن تۈرمە باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇدىرى خوشلىشىپ،ئۇلاردىن ئايرىلدى.
-ما مۇدىر-دېدى ساقچىلاردىن بىرى بولغان ۋاڭ سۆز ئېچىپ: تۈرمىگە ئادەتتە جازاسى بېكىتىلىپ بولغان جىنايەتچىلەر ئېلىنىپ كېلىشى كېرەك ئىدىغۇ؟ ئۇنداقتا ئۇلارنى يەنە سوراق قىلىشنىڭ ھاجىتى بارمۇ؟
-ئۇ دېگىنىڭىزمۇ توغرا،-دېدى ئۈچىنچى تۈرمىنىڭ مۇدىرى چۈشەنچە بېرىپ-ئادەتتە بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىنگەن كۆپىنچە جىنايەتچىلەرنىڭ جازاسى بېكىتىلىپ، ھۆكۈم ئېلان قىلىنغان بولىدۇ، ئەمما بۇ ئۇلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى جازاسى ئەمەس، چۈنكى ئۇلار قاماقخانىدىكى(ۋاقىتلىق تۇتۇپ تۇرۇش ئورنى) سوراقلاردا تولۇق ئىقرار قىلمىغان ۋە جىنايىتىنى تەلتۆكۈس بوينىغا ئېلىپ، ئۆزىنى ھەقىقى بىر جىنايەتچى ھېسابلىمىغان ۋە روھىي جەھەتتىن تېخى تولۇق بويسۇنمىغان بولىدۇ. بۇ دېگەنلىك-جىنايەتچىلەر تېخىچە پىرولېتارىيات دىكتاتۇرىسىنىڭ تەمىنى تېتىمىدى،بىزگە تولۇق بوي سۇنمىدى دېگەنلىكتۇر. شۇڭا بىز ئۇلارنى بۇ يەردە پات-پات قايتىلاپ سوراق قىلىپ، جىنايىتىنى ئېغىرلىتىپ، روھى ۋە جىسمانىي جەھەتتىن خورىتىپ، پىرولېتارىيات دىكتاتۇرىسىنىڭ كۈچىنى كۆرسىتىپ تۇرۇشىمىز كېرەك! شۇنداق قىلغاندىلا، ئۇلارنى يەنە جىنايەت ئۆتكۈزىدىغان ۋە قارشىلىق قىلىدىغان ھالىتىدىن ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئۇلارغا قىلچىلىك رەھىم قىلماسلىقىمىز كېرەك، ئەمدى چۈشەنگەنسىلەر؟
-چۈشەندۇق، چۈشەندۇق-دەپ ئىككى كەلگۈندى ساقچى تەڭلا باش لىڭشىتىپ، ما مۇدىرنىڭ سۆزىنىڭ توغرىلىقىنى ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ماختاشتى
ئۈچىنچى تۈرمىنىڭ مۇدىرى بۇ ئىككى يېڭى ساقچىنى بىنانىڭ ئاستىدىكى قەۋىتىگە باشلاپ چۈشتى ۋە چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى : مانا بۇ كامېر بولسا-يەر ئاستى سوراقخانادۇر. سىلەر كۆرگىنىڭلاردەك ئۇنىڭدا بارلىق قىيناش ئەسۋابلىرى تەييارلانغان، ھەرقانداق جىنايەتچىلەر بۇ يەردىن جىنايىتىنى ئىقرار قىلماي تۇرۇپ تىرىك چىقالمايدۇ-دەپ تۈرمىنىڭ ئىچىدىكى جازا قوراللىرىنى ئۇلارغا كۆرسەتتى. بۇ ئىككى ياش زالىمغا تۈرمىنىڭ تاملىرىغا ئېسىلغان كويزا-كىشەن، تۆمۈر زەنجىر، تۆمۈر كالتەك، رېزىنكە كالتەك، توك كالتىكى قاتارلىق جازا قوراللىرى كۆرۈندى. سوراقخانىنىڭ قاق ئوتتۇرسىدا بولسا قاپقارا سىرلانغان، بىر قارا تۆمۈر ئورۇندۇق تۇراتتى. تۈرمە مۇدىرى: قانداقراقكەن؟ -دېگەندەك سوئال نەزىرىدە ئۇلارغا قارىۋىدى، بۇ ئىككى ساقچىنىڭ چىرايىدا ھېچقانداق بىر ھېسسىياتنى كۆرمىدى. ئۇلار خۇددى ئەزەلدىنلا يۈرىكى يوق تۇغۇلغاندەك ۋە بىر ۋەھشى مەخلۇقلاردەك كۆزلىرىنى چەكچەيتىشىپ، قاراپ تۇراتتى
ئۈچىنچى تۈرمىنىڭ مۇدىرى خۇددى بىر ئولجا ئالدىدا ۋەھشىيلىشىپ كەتكەن يىرتقۇچ ھايۋاندەك كۆرەڭلەپ كەتكەن ئىدى. ئۇ مۇغەمبەرلىك بىلەن ئىككى ياش ساقچىغا قاراپ:-ئەمدى سىلەر ھازىردىن باشلاپ،ئەمەلىي سوراق جەرياننى كۆرۈشۈڭلار ۋە سوراققا بىۋاسىتە قاتنىشىشىڭلار كېرەك!بولمىسا كۆزۈڭلار تازا پىشمىغان، يۈرىكىڭلار تېخىچە قاتمىغان بولۇپ قالىدۇ-دە، كېيىنكى خىزمەتتە بوشاڭلىق قىلىپ، خاتالىق سادىر قىلىپ قويۇشۇڭلار مۇمكىن! شۇڭا بىز ھازىرلا بىر ئەمەلىي سوراق جەريانىنى كۆرۈپ چىقايلى دېگەنچە يانفونىنى ئېلىپ، بىرسىگە تېلېفون قىلىپ: ھېلىقى يېڭىدىن تۇتۇپ كېلىنگەن سىياسىي جىنايەتچىنى ئېلىپ چۈشۈڭلار!-دەپ بۇيرۇق قىلىۋىدى. ئىككى گۇمدىپاي پۇت-قولى چەمبەرچاس باغلانغان ياش بىر بالىنى يۇقىرىقى قەۋەتتىكى كامېردىن-يەر ئاستى قەۋەتتىكى سوراقخانىغا ئېلىپ چۈشتى.
ئىككى گۇندىپار ياش بالىنى سوراقخانىغا ئېلىپ كىرىپ، قارا ئورۇندۇققا پۇت قولىنى چېتىپ باغلاپ، مىدىر-سىدىر قىلالمايدىغان قىلىپ قويۇشتى ۋە سوراق قىلىشنى باشلىدى :جىنايىتىڭنى ئىقرار قىل!
-مەن قاماقخانىدىكى ۋاقتىمدا بارلىق جىنايىتىمنى ئىقرار قىلىپ بولغان ئىدىم. شۇڭا ماڭا 15 يىللىق جازا بېرىلگەن.
-يالغان گەپ قىلىۋاتىسەن، سەن جىنايىتىڭنى تولۇق ئىقرار قىلماپسەن، شۇڭا ساڭا يېنىك جازا بېرىلىپ قاپتۇ، ئەسلىدە ساڭا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىشى كېرەك ئىدى.
-ياق، مەن ھەممىنى ئىقرار قىلىپ بولغان، ئەمدى يەنە ئىقرار قىلىدىغان ھىچنېمە قالمىدى .
-بار، سەن ئاران بىر باشلىقىڭنىلا ئىقرار قىلىپسەن، باشقا ياردەمچى باشلىق ۋە باشقا ئەزالىرىڭنى تولۇق ئىقرار قىلماپسەن؟ بىزنىڭ ئىگەللىشىمىزچە، سېنىڭ تەشكىلاتىڭدا مىڭغا يېقىن ئەزا بار ئىكەن. سەن باشقا بىرمۇ ئەزانى تونۇمامسەن، نېمىشقا ئۇلارنى ئىقرار قىلمايسەن؟
-ياق، تونۇمايمەن، مېنى بىرلا كىشى تەشكىلاتقا ئەزالىققا قوبۇل قىلغان ئىدى. مەن ئۇنىلا كۆرگەن. ئۇنىڭ بۇيرۇقى بويىچىلا ئىش قىلغان. شۇڭا باشقا ھېچكىمنى تونۇيمەن. ئۇ ماڭا باشقا ئەزالارنى تونۇشتۇرمىغان ئىدى…
-ھەي، يالغان گەپ قىلىۋاتىسەن!-دېدى گۇندىپاي ۋە رېزىنكە كالتەكنى ئېلىپ ئۇنىڭ دۈمبىسىگە، ۋە بېقىنلىرىغا بىر نەچچىنى ئۇرۇۋەتتى. ياش مەھبۇس شۇ ھامان ھوشىدىن كەتتى، ئەمما ئۇلار بۇنىڭ بىلەنلا بولدى قىلىشمىدى. ئىككىنچى گۇندىپاي بىر چېلەك سوغۇق سۇنى ئېلىپ كېلىپ، مەھبۇسنىڭ بېشىغا چاچقاندىن كېيىن، ئازراق ھوشىغا كېلىۋىدى، ئۇ قولىغا رېزىنكە كالتەكنى ئېلىپ، مەھبۇسنىڭ كاللىسىغا ئارقا-ئارقىدىن بەش-ئالتىنى ئورىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن ياش مەھبۇسنىڭ بېشىدىن ئوقتەك قان چىقىپ كەتتى. ئەمما ئۇ بۇ قېتىم ھوشىدىن كەتمىگەن ئىدى. ئەكسىنچە قاتتىق غەزەپكە كەلگەن ئىدى. ئۇ ئاغزىغا سىرغىپ چۈشكەن قاننى شالاپپىدە قىلىپ، ئۆزىنى ئۇرغان گۇندىپاينىڭ يۈزىگە تۈكۈرۈۋەتتى. ئۇ گۇندىپاي: ئەييا، ئەييا!-دەپ ۋاقىرىغانچە يۈزىدىكى قاننى سۈرتىۋېتىپ، يان تەرەپتىكى توك كالتىكىنى ئالدى-دە، ياش مەھبۇسنىڭ پۈتۈن بەدىنىگە يېقىشقا باشلىدى. ۋاڭ بىلەن جاڭمۇ قوللىرىغا بىردىن توك كالتىكى ئېلىپ كېلىپ، گۇندىپاي بىلەن تەڭ ياش مەھبۇسنىڭ مەيدە تەرىپىگە بىر نەچچە قېتىمدىن يېقىۋېتىشتى ۋە پۇت-قولىنى ئىشقا سېلىپ ئۇرۇشقا باشلىدى. ئۇزاق قالماي ياش مەھبۇسنىڭ بېشى تۆۋەنگە ساڭگىلاپ، تىلى ئاغزىدىن چىقىپ قالدى. ئەمدى گۇندىپاي ئۇلارنى ئۇرۇشتىن توختىتىپ قويۇپ، ياش مەھبۇسنى-تىرىكمۇ-ئۆلدىمۇ؟ دېگەننى سىناپ باقماقچى بولغاندەك،ئۇنىڭ يۈرىكىگە قۇلىقىنى تۇتۇپ تىڭشىۋىدى، ئۇنىڭدىن ھېچقانداق تىنىق كەلمىدى.ئۇ گۇندىپاي ياش مەھبۇسسنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدى-دە، ئىككى ساقچىغا قاراپ:-ئەييا ئەييا، ئۇ ئۆلۈپتۇ، ئەمدى ئۇرمىساقمۇ بولىدۇ!-دەپ، ياش مەھبۇسنى پۇتىدىن سۆرىگەنچە ئېلىپ چىقىپ كەتتى.
ئىككى كەلگۈندى ساقچى ۋاڭ بىلەن جاڭ خۇددى چوڭ بىر ئۇرۇشتا غەلىبە قىلغاندەك خوشاللىققا تولغان بولۇپ، ھىڭگاڭ چىشلىرىنى چىقىرىشىپ ھىجايغانچە، تۈرمە باشلىقىنىڭ ئىشخانىسىغا كىرىپ، ئۆزلىرىنىڭ غەلبىسىدىن خەۋەر بېرىشتى.
-تەبرىك، تەبرىكلەر بولسۇن!-دەپ ۋاقىراپ كەتكىلى تاس قالدى تۈرمە باشلىقى،-مانا بىرىنچى قېتىمدىلا سىلەر غەلبە قىلدىڭلار، سوراقنى غەلبىلىك تاماملاپ، بىر سىياسىي جىنايەتچىنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلىدىڭلار، بۇ سىلەر ئۈچۈن چوڭ بىر نەتىجىدۇر. مەن بۇ نەتىجىنى سىياسىي قانۇن كومىتېتىغا يوللايمەن.ئەمدى يۈرۈڭلار،بىز مەخسۇس كادىرلار ئاشخانىسىغا چىقىپ زىياپەت قىلايلى!-دەپ، ئۇلارنى باشلاپ تۈرمە ئاشخانىسىغا چىقىپ، مەخسۇس تاماقلاردىن بۇيرۇتۇپ، ئۆزلىرىنىڭ بۈگۈنكى غەلبىسىنى تەبرىكلىگەچ، ئۆزئارا بىر-بىرىگە ھاراق سۇنۇشۇپ، بىر نەچچە بوتۇلكىنى بوشىتىپ ئىچىشىپ، زىياپەتنى ئاخىرلاشتۇردى. شۇنىڭدىن كېيىن تۈرمە باشلىقى ئۇلارنىڭ بۈگۈنكى خىزمەت نەتىجىسىنى ئالاھىدە دوكلات قىلىپ، سىياسىي قانۇن كومىتېتىغا يوللاپ، ئۇلارنى ئۇزىتىپ قويدى.
ۋاڭ بىلەن جاڭ شىنجاڭغا كېلىپ،تۇنجى خىزمەت كۈنىدىلا، تۈرمىدىكى سوراق جەريانىدا قىلىنىدىغان ۋەھشىيانە قىيناش ئارقىلىق ئادەم ئۆلتۈرۈشتەك بىر قاتىللىق ۋەقەسىگە قاتنىشىپ، رەسمىي قاتىللارغا ئايلانغانىدى. ئۇلار قاتىللارغا ئايلانغان بولسىمۇ،جازالىنىشنىڭ ئورنىغا، سىياسىي قانۇن كومىتېتى تۈرمە باشقۇرۇش ئىدارىسى تەرىپىدىن مۇكاپاتلاندى. تۈرمە باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئۇلارغا تېخى ماددىي مۇكاپات بېرىپ، مەيدىسىگە مېدال ئېسىپ قويۇشقا ئۈلگۈرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ خىزمەت نەتىجىسىنى «ئالاھىدە تۆھپە»سۈپىتىدە دوكلات قىلىپ، يۇقىرىغا يوللاپ قويدى.
سىياسىي قانۇن كومىتېتى تۈرمە باشقۇرۇش ئىدارىسى مۇدىرى ئاللىقاچان قاتىللار قاتارىغا قوشۇلۇپ بولغان ئىككى ياش ساقچى-ۋاڭ بىلەن جاڭنى ئېلىپ 5-تۈرمىگە قاراپ يولغا چىقتى. ئۇ يولدا كېتىۋاتقاچ بۇ ئىككى پىراكتىكانت ساقچىغا بەشىنچى تۈرمە ھەققىدە بەزى نەرسىلەرنى سۆزلەپ بېرىشنى ئويلاپ، گەپ باشلىدى : بۈگۈن سىلەر خىزمەت قىلىدىغان 5-تۈرمە بولسا، تۈرمە شەھەرچىسىدىكى كۆلەم دائىرىسى ئەڭ چوڭ ۋە شىنجاڭغا مەشھۇر بولغان تۈرمىدۇر. چۈنكى بۇ تۈرمىگە دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت شەكىللەندۈرگەن تېرورچى-بۆلگۈنچىلەر ۋە ئادەم ئۆلتۈرگەن قاتىللار قامالغاندۇر. شۇڭلاشقا، بۇ تۈرمە ناھايىتى قاتتىق باشقۇرۇلىدۇ. ساقچى ۋە گۇندىپايلارمۇ دۆلەتكە ناھايىتى پىداكار بولۇپ، جان تىكىپ خىزمەت قىلىدۇ. مەن ئۆز ۋاقتىدا بۇ تۈرمىدىمۇ بىر يىلدىن ئارتۇق گۇندىپاي بولۇپ خىزمەت قىلغان ئىدىم. بۇ جەرياندا نۇرغۇن ئىشلارنى باشتىن كەچۈردۈم. بىر قانچە قېتىم سىياسىي جىنايەتچىلەردىن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان بەزىلىرى قارشىلىق قىلىپ، مېنىڭ قورالىمنى تارتىۋالماقچى بولغان ئىدى. مەن ئۇلار بىلەن كەسكىنلىك بىلەن ئېلىشىپ، بىر نەچچىسىنى ئېتىپ تاشلىدىم. شۇنىڭدىن كېيىن ماڭا سىياسىي قانۇن كومىتېتىدىن شەرەپ مېدالى بېرىلدى ۋە ئەمىلىم ئۆستۈرۈلدى. 5-تۈرمىدە بۇنداق ۋەقەلەر ھەر دائىم بولۇپ تۇرىدۇ، شۇڭا سىلەر قاتتىق سەگەك بولۇشۇڭلار لازىم!
ئۈچ زالىم نىشانىغا يېتىپ كەلگەن ئىدى. تۈرمىگە باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇدىرى خىزمەت كارتىسىنى قاراۋۇلغا كۆرسىتىۋىدى. تۆمۈر دەرۋازا غاچىلداپ ئېچىلدى. ئاندىن ئۇلار دەرۋازىدىن ئىچىگە كىرىپ، 5 قەۋەتلىك بىر بىنانىڭ ئالدىدا ماشىنىدىن چۈشۈپ، بىنانىڭ كىرىش ئىشىكى ئالدىغا كېلىشىگە، ئىچىدىن ئىككى گۇندىپاي چىقىپ، ئۇلارغا خۇشامەتلەرچە مۇئامىلە قىلىپ كۈتۈۋېلىشتى .
-ھە، ياخشىمۇ سىلەر يولداشلار؟-دەپ گىدەيگەنچە سۆز باشلىدى تۈرمە باشلىقى-مەن سىلەرگە ئالدىن خەۋەر قىلىپ قويغاندەك، بۇ ئىككى ياش ساقچىنى بۇ يەردە پراكتىكا خىزمىتى قىلىشقا ئېلىپ كەلدىم. بۇلار سىلەرنىڭ خىزمەت تەجرىبەڭلەرنى ئۆگەنمەكچى، سىلەرنىڭ ئۇلارغا يېقىندىن ياردەمدە بولۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
-بولىدۇ، بولىدۇ! بەك ياخشى بولۇپتۇ، بىز ئۇلارغا بارلىق ئىمكانىيىتىمىز بىلەن ياردەم قىلىپ، ئەمەلىي خىزمەت تەجرىبىلىرى بىلەن تونۇشتۇرىمىز، ئۇلار بۇ يەردە بىر ئىككى كۈننىڭ ئىچىدىلا مول خىزمەت تەجىربىسى توپلىيالايدۇ. سىز خاتىرجەم بولۇڭ!-دەپ، تەڭلا ماقۇللۇق بىلدۈرۈشتى. قارىغاندا بۇ ئىككى گۇندىپاي 5-تۈرمىنىڭ باشلىقلىرىدەك قىلاتتى.
ئىككى ئەمەلدار گۇندىپاي، بۇ يېڭى كەلگەن ئىككى قاتىل ساقچىنى ئېلىپ، بىنانىڭ ئىچىگە باشلاپ كىردى. بۇ بىنا بەكمۇ چوڭ بولۇپ، ئۇزۇن كەتكەن كارىدورنىڭ ئىككى ئېپى يېنىدا تۆمۈر ئىشىكلىك نۇرغۇن كامېرلار كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى. ھەربىر كامېرنىڭ ئىشىكى ئۈستىگە كۆزىتىش كامېرالىرى ئورنىتىلغان بولۇپ، ھەر ئون بەش مېتىردا بىردىن قوراللىق گۇندىپايلار كامېرلارنى نازارەت قىلىۋاتقاندەك، جىددىيلىك ئىچىدە ھەر تەرەپكە قارىشىپ تۇراتتى. قارىغاندا، بۇ بىنانىڭ كامېرلىرىدىكى مەھبۇسلار ھەقىقەتەن بەكمۇ خەتەرلىك كىشىلىرىدەك قىلاتتى.
-بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى دىنى تونغا ئورىنىۋېلىپ،جىھات قىلىمىز دەپ، تېرورلىق بىلەن شۇغۇللانغان خەتەرلىك كىشىلەردۇر، بەزىلىرى ئاللىقاچان ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ بولغان، جازاسى پات يېقىندا ئىجرا قىلىنىدۇ دەپ، ئېغىز ئاچتى ئوتتۇرا بوي كەلگەن كۆزەينەكلىك گۇندىپاي باشلىق-شۇڭا ئۇلار 24 سائەت قاتتىق نازارەت قىلىنىدۇ. سىرتقا چىقىرىلمايدۇ. ئۇلارنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە، ئەمما بىزمۇ ئۇلارنى بوش قويمايمىز، يۈرۈڭلار! مانا ئالدىمىزدىكى ئىشىكنى كۆردۈڭلارمۇ-بىز بۇ يەردىن سىرتقا چىقساقلا شۇنداق بىر مەنزىرە كۆز ئالدىڭلارغا كېلىدۇكى، بىزنىڭ پىرولېتارىيات دىكتاتۇرىمىزنىڭ كارامىتىنى كۆرىسىلەر!-دەپ، ئۇلارنى سىرتقا باشلاپ چىقتى .
بۇ بىناغا تۇتاشقان كەڭ بىر ھويلا بار بولۇپ، ئۇنىڭ بىر تەرىپىدە يېرىم تولدۇرۇلغان غەلىتە بىر سۇ كۆلچىكى تۇراتتى. يەنە بىر تەرپىگە بولسا، بىرمۇنچە كىچىك كاتەك شەكلىدىكى كامارلاردا بۆرىگە ئوخشايدىغان يوغان، يوغان ئىتلار خۇددى ھازىرلا چىشلەيدىغاندەك ئەلپازدا ھۈرپىيىشىپ تۇراتتى. سۇ كۆلچىكىنىڭ ئوتتۇرىسىغا قاتار-قاتار تۈۋرۈكلەر قادالغان، تۈۋرۈك ئۈستىگە لىم ياغاچلار ئورنىتىلغان بولۇپ، نۇرغۇن ئارقان-تانىلار تۆۋەنگە ساڭگىلىتىپ باغلاپ قويۇلغان ئىدى. بۇ ئارقانلارنىڭ بىر قىسمىغا قولىنى ئارقىسىغا قىلىپ باغلانغان ئالتە مەھبۇس يېرىمى سۇغا چىلاقلىق ھالەتتە ئېسىقلىق تۇراتتى. ئېسىپ قويۇلغان مەھبۇسلارنىڭ بېشى تۆۋەنگە ساڭگىلاپ قالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆلۈك ياكى تىرىكلىكىنى بىر قاراپلا بىلگىلى بولمايتتى. ئۇ ھالەتنى كۆرگەن ۋاڭ بىلەن جاڭنىڭ كۆزلىرى چەكچىيىپ كېتىشتى. ئۇلار بۇ تۈرمىلەردە سوراقخانىدىن باشقا، يەنە ھەر خىل دەھشەتلىك قىيناش ئۇسۇللىرىنىڭ بارلىقىنى كۆرۈپ، ھەيرانلىقىنى يوشۇرالماي قالغان ئىدى.
ۋاڭ كۆزلىرىنى غەلىتە پۈرۈشتۈرگەنچە، گۇندىپاي باشلىقتىن سورىدى :
-ئۇلار نېمىشقا سۇغا چىلاپ قويۇلىدۇ؟
بۇ بىر ئۇلارغا بېرىلگەن جازا دەپ چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى ئۇ-ئېسىپ قويۇلغان بۇ جىنايەتچىلەر بولسا،تۈرمىدە قائىدىسىگە بويسۇنماي، ئۆزى خالىغانچە ئىبادەت قىلماقچى، ناماز ئوقۇماقچى بولۇشقان، قانچە قېتىم ئاگاھلاندۇرۇش بولسىمۇ ئۇنىڭغا بويسۇنمىغان، شۇڭلاشقا ئۇلار سۇغا چىلاپ قويۇش جازاسىغا مەھكۇم قىلىندى. جىنايەتچىلەر ئۇزاق ۋاقىت سۇغا چىلاپ قويۇلغاندا، ئۇلارنىڭ بەدىنى بوشاپ، تېنى ئاجىزلىشىپ، روھىي جەھەتتىن ئېغىر بېسىمغا دۇچ كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاخىرىدا توۋا قىلىپ، بۇرۇن ئىقرار قىلمىغان جىنايەتلىرىدىن تارتىپ، ھەممىنى ئىقرار قىلىدۇ ياكى مۇشۇ پېتى جان بېرىدۇ.
-ۋاي قالتىسكەن، قالتىسىكەن!-دەپ تۈرمە باشلىقى گۇندىپاينى ماختاپ كېتىشتى بۇ ئىككى كەلگۈندى ساقچى، ئاندىن ئۇنىڭ كۆزىگە قاراپ: بىز بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك يەنە قانداق كارامەتلەر بار دەپ سوراشتى:
-كارامەتنىڭ چوڭىنى ئەمدى كۆرىسىلەر!-دەپ، ئۆزى بىلەن ئۆزى ماختانغانچە ئىككى ساقچىنى كامېرلار جايلاشقان بىنا ئىچىگە ياندۇرۇپ كېلىپ، كارىدورنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان بىر ئىشىكتىن ئۇلارنى ئۆتكۈزۈپ، ھېچقانداق دېرىزىسى بولمىغان ئۇزۇنچاق شەكىللىك بىر كارىدورغا باشلاپ كەلدى. بۇ يەردە ئۇلارنىڭ كۆزىگە سول تەرەپكە قارىتىپ سېلىنغان ئون نەچچە يەردە تۆمۈر ئىشىكلىك پاكار كامېرلار چېلىقتى. تۈرمە باشلىقى ئاچقۇچنى شاراقلىتىپ كامېرلاردىن بىرسىنى ئېچىپ، ئۇنىڭ ئىچىنى كۆرسىتىپ چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى: مانا بۇ قاراڭغۇ كامېر بولىدۇ. ئۇزۇنلۇقى ئىككى مېتىر، ئېگىزلىكى سەكسەن سانتىمېتىر كېلىدۇ. بۇنىڭدا يا ھېچقانداق دېرىزە يوق ياكى چىراقمۇ يوق، شۇڭلاشقا بىز ئۇنى «ئۆلۈم كامېرى»دەپ ئاتايمىز. بۇ يەرگە ئىنتىزامغا بويسۇنمىغان، ئۆزى خالىغان ئىشنى قىلىشقا ئۇرۇنغان،ئىچىدە ئايەت ئوقۇغان ۋە تەييىمام بىلەن مەخپىي ناماز ئۆتىگەن ياكى تۈرمە قائىدىسىگە بويسۇنماستىن، باشقىلار بىلەن جېدەل قىلغان خورىكى يامان جىنايەتچىلەر بىر ھەپتىدىن- ئىككى ھەپتىگىچە سولاپ قويۇلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئۆلىدۇ. ئۆلمىگەنلىرى بولسا، گۇناھىغا توۋا قىلىپ، ياۋاش جىنايەتچىلەرگە ئايلىنىدۇ.
-ۋاي، بۇمۇ قالتىسكەن دەپ، گۇندىپاي باشلىقنى ماختاپ كېتىشتى ئىككى ساقچى، ئاندىن: بۇ يەردە ئۆلگەنلەرنى قانداق بىر تەرەپ قىلىسىلەر؟-دەپ سوراشتى. گۇندىپاي باشلىق چىرايىنى پۈرۈشتۈرگەن ھالدا مۇنداق جاۋاب بەردى : بۇرۇن ئۇلارنىڭ ئۆلۈكلىرىنى ئىتلىرىمىزغا يەم ئورنىدا تاشلاپ بېرىشەتتۇق. كېيىن ئىتلارمۇ بۇلارنىڭ بەدىنىدىن تۈزۈك گۆش چىقمىغاچقا، يېمەيدىغان بولۇۋېلىشتى. ھازىر بىز ئۇلارنى تۈرمە دوختۇرخانىسىغا يوللاپ بېرىمىز. ئۇلار تېخى تولۇق جېنى چىقمىغان مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى ئېلىۋېلىپ، ئورگان كۆچۈرۈش ئورگانلىرىغا سېتىپ كىرىم قىلىدۇ. بۇ كىرىملەردىن يىل ئاخىرىدا گۇندىپايلارغا مۇكاپات تارقىتىپ بېرىمىز، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ خىزمەت قىلىش ئاكتىپلىقى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، ياخشى خىزمەت قىلىدىغان بولىدۇ.
ۋاڭ بىلەن جاڭ يېڭى،يېڭى ئىشلارنى كۆرۈپ تېخىمۇ ھەيران قېلىشماقتا ئىدى. ئۇلار گۇندىپاي باشلىققا: ئەمدى بىز كۆرىدىغان يەرلەر تۈگىدىمۇ؟-دېگەندەك قارىۋىدى، ئۇ گىدەيگەنچە چەپ كۆزىدە قاراپ قويۇپ سۆز ئاچتى:
-ياق، تېخى تۈگىمىدى. يەنە بار، ئارقامدىن مېڭىڭلار-دەپ، ئۇلارنى باشلاپ كارىدورنىڭ ئالدى تەرەپتىكى، ئىشىكىگە نومۇر يېزىلمىغان بىر قارا ئىشىكتىن ئۆتكۈزۈپ، پەقەتلا ئىككى مەھبۇس سولاپ قويۇلغان بىر كامېرغا ئېلىپ كىردى. بۇ كامېردا پەقەت بىر-بىرىنى تىللىشىپ، ئۇرۇشىۋاتقان ئىككىلا مەھبۇس بار بولۇپ، كامېرنىڭ ئۈستى تەرىپىدە بىر نەچچە يەردە ئادەمنى باغلاپ ئاسىدىغان سىم تانا ساڭگىلاقلىق تۇراتتى. بۇلار-دەپ چۈشەندۈرۈشىگە كىرىشتە گۇندىپاي باشلىق-ئەقلىدىن كېتىپ قالغانلاردۇر. ئۇلار مۇشۇنداق ئەتىدىن-كەچكىچە باشقىلار بىلەن جېدەل قىلىشىدۇ، شۇڭا ئايرىم سولاپ قويۇلدى .
-ئۇلار بۇنداق ئۇرۇشىۋەرسە بىر-بىرىنى يارىلاندۇرۇپ ياكى ئۆلتۈرۈپ قويمامدۇ؟ ئۇنىڭدىن قويۇپ بەرگەن ياخشى ئەمەسمۇ؟ ئۇلارنى بىكاردىن-بىكار ئاش-نان بېرىپ باققۇچە؟-دېدى ساقچىلاردىن ۋاڭ بۇ ئىشقا ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ-ياكى ئۇلارنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتۈپ، راست ساراڭ بولسا، ساراڭلار دوختۇرخانىسىغا ئۆتكۈزۈپ بەرسەڭلار بولمامدۇ؟
يەنە بىر ساقچى جاڭ مۇ بۇنىڭغا ئىپادە بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى : مېنىڭچە ئۇلاردىن دوختۇرخانىدا تەكشۈرۈپ ئاۋارە بولۇشنىڭ ھاجىتى يوق؟ ئۇلار تېخى ياش ئىكەن، ئادەمنىڭ كاللىسى ساراڭ بولسىمۇ، ئىچكى ئورگانلىرى ساق بولىدۇ. شۇڭا، ئۇلارنىڭ بىر-بىرىنى ئۆلتۈرۈۋېتىشىنى كۈتۈپ تۇرماستىن ۋاقتىدا جېنىنى ئېلىپ، ئاۋارىچىلىقلاردىن قۇتۇلۇش كېرەك!
-بەللى، بەللى! جاڭ ئەپەندى-دەپ ئۇنى ماختاپ كەتتى گۇندىپاي باشلىق-سىز موللا تاپقاق ۋۇيۇڭ ئەپەندىنىڭ ئۆزى ئىكەنسىز ئەمەسمۇ؟ بىزمۇ دەل سىز ئويلىغاندەك ئۇلارنىڭ ئىچكى ئورگانلىرىدىن پايدىلىنىشنى كۆزلەپ، قويۇپ بەرمىگەن ئىدۇق. ئۇلار ئۇزاق قالماي بىر-بىرىنى ئۆلتۈرۈشىدۇ ياكى ئاچلىق ۋە ھېرىپ-چارچاشتىن كېسەل بولۇپ، يېرىم جان ھالەتكە كېلىپ قالىدۇ. بىز شۇ ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ، ئۇلارنى ئاخىرەتكە يوللايمىزدە، ئورگانلىرىنى ئېلىۋالىمىز…
زالىملار شۇ گەپنى دېيىشىۋاتقاندا ھېلىقى بىر ئۆيگە سولاپ قويۇلغان ئىككى ساراڭ مەھبۇس بىر-بىرىسى بىلەن قاتتىق ئۇرۇشۇپ كېتىشتى.
-بۇلارنى بۇنداق قويۇپ بېرىشكە بولمايدۇ!-دېدى ۋە گۇندىپاي باشلىق تەكەببۇرلەرچە گېدىيىپ قويدى. ئاندىن كارىدوردا تۇرغان ئىككى گۇندىپاينى چاقىرىپ ئۇلارغا : بۇلارنىڭ ئەدىپىنى بېرىپ قويۇڭلار!-دەپ بۇيرۇق قىلىۋىدى، ئىككى گۇندىپاي ئۇلارنى قولىدىكى كالتەكلەر بىلەن ئۇرۇپ، جىمىقتۇرغاندىن كېيىن، قوللىرىنى ئارقىسىغا قىلىپ، تورۇستا ساڭگىلاقلىق تۇرغان تانىغا باغلاپ، ئېسىپ قويۇشتى.
-سىلەرنى تەبرىكلەيمەن!-دېدى گۇندىپاي باشلىق بۇ ئىككى ساقچىغا قاراپ:-مانا بۈگۈن ناھايىتى جىق تەجرىبە ئۆگەندىڭلار. بۇ-بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمىتىڭلار ئۈچۈن ناھايىتى پايدىلىقتۇر. كۆرگىلىنىڭلاردەك، بىز مۇشۇنداق قاتتىق قول بولغاندىلا جىنايەتچىلەرنى بويسۇندۇرالايمىز، شۇڭا سىلەرمۇ ھەر ۋاقىت قاتتىق قول بولۇشۇڭلار كېرەك، ئۇلارغا قىلچىلىك رەھىم قىلىشقا بولمايدۇ.
-باشلىق!-دېدى ۋاڭ يەنە ئېغىز ئېچىپ: سىلەرنىڭ 5-تۈرمە قالتىس ئىكەن، باشقا تۈرمىلەرمۇ ئوخشاشمۇ؟ بىزگە تېخى ھەممە تۈرمىلەرنى كۆرسەتمىدىڭىز، 4-تۈرمىدىن ئاتلاپ ئۆتۈپ كەتتۇق. ئۇنىڭ ئارقىسىدىكى بەشىنچى، ئالتىنچى، يەتتىنچى، تۈرمىلەرچۇ؟ ئۇنىڭدىن باشقا يەنە قاماقخانا(كەن شو سو-ۋاقىتلىق تۇتۇپ تۇرۇش ئورنى) دىن بىر نەچچە يەردە بار دەۋاتاتتىڭىز، بىز ئۇ يەردىكى ئەھۋاللارنىمۇ ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرۈپ، خىزمەت تەجرىبىسى توپلىساق تېخىمۇ ياخشى بولارمىكىن دەپ ئويلاۋاتىمىز؟
-ھە، ئەلۋەتتە بولىدۇ، يولداش ۋاڭ! سىزنىڭ دېگىنىڭىزدەك، بۇ تۈرمە شەھەرچىسى ھەقىقەتەن بىر قاتار تۈرمىلەر جايلاشقان بەك چوڭ جاي، سىلەرنى بىۋاسىتە 5-تۈرمىگە ئېلىپ كېلىشىمدىكى سەۋەب شۇكى، تۆتىنچى تۈرمە ئىلگىرىمۇ دېگىنىمدەك،3-تۈرمە بىلەن ئاساسەن ئوخشاش ھەم نورمال دەرىجىدىكى تۈرمىلەرنىڭ بىرسى، تۈرمىلەرنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ چوڭى ۋە ئەڭ قاتتىق باشقۇرۇلىدىغىنى بولسا 5-تۈرمىدۇر، چۈنكى يۇقۇرىدا دېگىنىمدەك، ئۇ يەرگە ئەڭ ئېغىر جىنايەت ئۆتكۈزگەن جىنايەتچىلەر، دىنى ئەسەبىي ئۇنسۇرلار ۋە دۆلەتكە قارشى چىققان تېرورچى-بۆلگۈنچى ئۇنسۇرلار سولانغان. شۇڭا سىلەر بۈگۈنكىدەك 5-تۈرمىدە بېشىڭلاردىن ئۆتكۈزگەن خىزمەت-تەجرىبەڭلار بىلەن بىلەن ھەر قانداق تۈرمىدە ياخشى خىزمەت قىلىپ كېتەلەيسىلەر. ئەمدى 6-ۋە 7-تۈرمىگە كەلسەك،ئۇلار يېڭىدىن قۇرۇلغان نورمال چوڭلۇقتىكى تۈرمىلەر بولۇپ،بىرسى ئۆسمۈرلەر،يەنە بىرسى كادىرلار تۈرمىسىدۇر. سىلەرنىڭ يەنە بىر نەچچە كۈنلۈك خىزمەت ۋاقتىڭلار قالدى. ئەمدى سىلەر ئەتىدىن باشلاپ، ئەرزەندىكى كەن شو سو( ۋاقىتلىق تۇتۇپ تۇرۇش ئورنى)دا بىر نەچچە كۈن خىزمەت قىلىڭلار، ئۇ يەردە تېخىمۇ ياخشى خىزمەت تەجرىبىسى ھاسىل قىلالايسىلەر، چۈنكى ۋاقىتلىق تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدىكى جىنايەتچىلەرنىڭ تېخى جىنايى جازاسى بېكىتىلمىگەن سوراق مەزگىلى بولغاچقا، ئۇلار قانچە قېتىملاپ ھەر خىل جازالاش ئۇسۇللىرى بىلەن سوراق قىلىنىدۇ. مانا بۇ سىلەر ئۈچۈن تېخىمۇ قىزىقارلىق ۋە ئۈنۈملۈك خىزمەت بولىدۇ. بۇنىڭغا نېمە دەيسىلەر؟
-بەك ياخشى مۇدىر، سىزنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىڭىزغا بويسۇنىمىز!-دېيىشتى ۋاڭ بىلەن جاڭ، تۈرمە مۇدىرغا ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈشلىرىدىن رازى بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خوشامەتچىلىك بىلەن يالغاندىن رەھمەت ئېيتىپ خوشلاشتى: يەنە كۆرۈشىمىز!
-خوش ئەمىسە، ياڭ مۇدىرغا سالام دەڭلار. مەن سىلەرنىڭ خىزمىتىڭلارنىڭ نەتىجىسىدىن ياخشى خۇلاسە چىقىرىپ، ئۇنىڭغا ئۇچۇر ئەۋەتىمەن.
زالىم ساقچىلار ئۈچۈنمۇ يەنە تاڭ ئاتقان ئىدى. ئەمما ئۇلار ھەر دائىم ئۆز تەبىئىتىگە كۆرە ھەرىكەت قىلغاندەك، قىزىل قاننى ئەسلىتىدىغان كۈن قىزىللىقىدا ئويغۇناتتى. نېمىشقىكىن ئۇلار يېڭى تاڭنى نورمال ئىنسانلاردەك پاك نىيەت بىلەن كۈتۈۋالماستىن، ھەر خىل شۇم پىلانلارنى قۇرۇپ ۋە بولمىغۇر خىياللارنى قىلىپ كۈتۈۋالاتتى. ئۇلار ئويغانغان شۇ مىنۇت،شۇ سائەتتىن باشلاپ، كىمنى بوزەك قىلىش، كىمدىن نەپ ئېلىپ، كىمگە زىيان سېلىشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، نامەردلەرچە شۇم نىيەت بىلەن خىزمەت باشلايتتى.
ۋاڭ بىلەن جاڭ ناشتىلىقىنى قىلىپ بولۇشقاندىن كېيىن، يەنە تۈرمە باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرىنىڭ ئىشخانىسىغا كېلىپ، 5-تۈرمە باشلىقىنىڭ سالىمىنى يەتكۈزگەچ، ئۆز خىزمەتلىرىدىن دوكلات قىلىشتى.
-بەك ياخشى بولۇپتۇ،-دېدى تۈرمە باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇدىرى ئۇلاردىن ماختاپ،- ياڭ مۇدىر ئۈلۈشكۈن ماڭا سىلەرنىڭ نەتىجىلىك خىزمىتىڭلاردىن مەلۇمات بەرگەن ئىدى، يارايسىلەر! سىلەر ھەقىقەتەن خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ روھىدىن ياخشى ئۆگىنىپسىلەر، خىزمىتىڭلار ناھايىتى ئۇتۇقلۇق بولۇپتۇ، مەن سىلەرنى تەقدىرلەيمەن ھەمدە سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇدىرىغا خىزمىتىڭلار ھەققىدە دوكلات قىلىمەن. ئەمدى ئاخىرقى ئىككى كۈنۈڭلىدە يەنە تۈرمىلەردە خىزمەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇشنى خالامسىلەر؟
-ھەئە، ياڭ مۇدىر بىزگە ئاخىرقى ئىككى كۈنىمىزدە ئەرزەن (2-بېكەت) دىكى ۋاقىتلىق تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدا خىزمەت پراكتىكىسى قىلىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى. شۇڭا بىز ئۇ يەرگە بارساقمىكىن دەيمىز.
-ئۇ توغرا دەپتۇ، ۋاقىتلىق تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا ھەر كۈنى يېڭى-يېڭى جىنايەتچىلەر ۋە گۇماندارلار تۇتۇپ كېلىنىدۇ. ئۇلارنى سوراق قىلىش بەكمۇ كۆڭۈللۈك بولىدۇ. سىلەرگە مۇۋەپپەقىيەت تىلەيمەن. مېنىڭ شوپۇرۇم سىلەرنى ئاپىرىپ قويسۇن، يەنە كۆرۈشىمىز!
ئىككى زالىم ساقچى تۈرمە باشقۇرۇش بۆلۈمى مۇدىرىنىڭ ماشىنىسىغا ئولتۇرۇپ، ئەرزەن(ئىككىنچى بېكەت)دەپ ئاتىلىدىغان ۋاقىتلىق تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا يېتىپ كېلىشتى. ئەرزەن-ئىككىنچى بېكەتكە يانداش سېلىنغان بۇ ۋاقىتلىق تۇتۇپ تۇرۇش ئورنى(قاماقخانا) ئۈرۈمچنىڭ يېڭىشەھەر رايونىدىكى تۈرمە شەھەرچىسى جايلاشقان جەنۇبىي قەشقەر يولىغا ئانچە يىراق بولمىغان جايدا بولۇپ، ئۇمۇ بىر غايەت چوڭ تۈرمە ئىدى. ئۇنىڭغا يېڭى تۇتۇلغانلار، ۋاقىتلىق تۇتۇلۇپ، تېخى جازاسى بېكىتىلمىگەنلەر قامىلاتتى.
قاراۋۇللارنىڭ يوغان قارا دەرۋازىنى ئېچىپ بېرىشى بىلەن، شوپۇر ئىككى زالىم ساقچىنى ماشىنا بىلەن ھەيدەپ ئىچىگە ئېلىپ كىرىشتى. ئۇلار ماشىنىدىن چۈشۈشىگىلا بىنا ئىچىدىن ئىككى گۇندىپاينى ئەگەشتۈرۈپ ئوتتۇرا ياشلىق، سەمىرىپ قورساق سېلىپ كەتكەن، كۆزەينەكلىك بىرسى ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ قارشى ئالدى:
-ياخشى تۇردۇڭلارمۇ يولداشلار، مەن لى سوجاڭ بولىمەن. ياڭ مۇدىر ماڭا سىلەرنىڭ كېلىدىغانلىقىڭلارنى خەۋەر قىلغان ئىدى. سىلەرنىڭ كەلگىنىڭلار بەك ياخشى بولدى، قېنى ئىچىگە قەدەم تەشرىپ قىلىڭلار!-دەپ،ۋاڭ بىلەن جاڭ نى بىنانىڭ ئىچىگە باشلاپ كىردى. ئۇلار بىنا ئىچىگە كىرىپلا ئۆز كۆزلىرىگە ئىشەنمەي قالدى. كەڭ كەتكەن كارىدوردا نۇرغۇن تۆمۈر ئىشىكلىك كامېرلار بولۇپ، ھەر بىر ئىشىك ئۈستىگە كامېرا ئورنىتىلغان ئىدى. ئىشىكلەردە كونا پاسوندىكى ئىشىكلەر ئېلىۋېتىلىپ، ئاپتوماتىك ئېچىلىپ، يېپىلىدىغان زامانىۋى ئىشىكلەر بېكىتىلگەن بولۇپ، بىر مەركەزدىن كوماندا ئارقىلىق باشقۇرۇلىدىغاندەك قىلاتتى.بۇ كامېرلارنىڭ ئىشىك دېرىزىلىرىدىن چىۋىن-پاشىلارمۇ ئۇچۇپ ئۆتەلمەيدىغاندەك قىلاتتى.
بۇ بىنادا قانچە كامېر بار، قانچىلىك ئادەم سولىغىلى بولىدۇ؟-دەپ ھەيران قالغان ھالدا سورىدى ۋاڭ كۆزىنى ھەر تەرەپكە چەكچەيتىپ قارىۋەتكەندىن كېيىن جاۋاب بەردى مۇدىر-بۇ بىنادا ھەر بىر تەرەپتە ئەللىكتىن، جەمىي يۈز كامېر بار، ئۈستىدىكى قەۋەتتىمۇ ئوخشاش، بىنادىكى پۈتۈن كامېرلارغا تەخمىنەن ئىككى مىڭ ئەتراپىدا جىنايەتچىنى سولىغىلى بولىدۇ. بۇنداق بىنادىن بۇ « تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزى» مىزدە، جەمىي ئالتىسى بار. ھازىر تۇتۇلۇۋاتقانلار ناھايىتى كۆپ بولغاچقا، ھەر بىر بىنادىكى كامېرلارغا 2 مىڭدىن-3 مىڭگىچە جىنايەتچى سولىنىۋاتىدۇ. شۇنداق بولغاندا،پۈتۈن مەركىزىمىزدە 30 مىڭگە يېقىن جىنايەتچى سولاقلىق دېگەن گەپ، ئەمما بۇمۇ ئېھتىياجنى قاندۇرالمايۋاتىدۇ. ھەر كۈنى يېڭى، يېڭى جىنايەتچى ۋە گۇماندارلار تۇتۇپ كېلىنىۋاتقان بولغاچقا سوراقنى تېز، تېز قىلىپ، ئىقرار قىلدۇرىدىغانلارنى ھەر خىل ۋاسىتىلار بىلەن تېزرەك ئىقرار قىلدۇرۇپ، تۈرمە شەھەرچىسىگە يۆتكەۋاتىمىز، شۇڭا ۋەزىپىمىز بەك ئېغىرلىشىپ كېتىۋاتىدۇ. سىلەرنىڭ كەلگىنىڭلار بەك ياخشى بولدى. بۈگۈنلا خىزمىتىڭلارنى باشلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
-بولىدۇ، بىز خىزمەتنى دەرھال باشلايلى! قېنى ئەمىسە بىزنى باشلاڭ، سوراقخانا قەيەردە؟ بارلىق قوراللار تەيياردۇ ھەقاچان؟ جىنايەتچىلەر كەلتۈرۈلسۇن!-دېدى يەڭلىرىنى تۈرۈشۈپ، شۇ ئەسنادا ئۇلارنىڭ كۆزلىرىگە بىر خىل قىزىللىق پەيدا بولغان بولۇپ، بىز بولساق-بىر قانخورلار دېگەننى ئىپادىلەۋاتقاندەك قىلاتتى.
ئىككى زالىم ساقچى «تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزى» مۇدىرىنىڭ يول باشلىشى بىلەن ئاستىنقى قەۋەتكە چۈشۈپ سوراقخانىغا كىرىشتى. دېگەندەك، سوراقخانىدا ھەر خىل جازالاش ۋاسىتىلىرىنىڭ ھەممىسى تەييار بولۇپ، كىشىنىڭ تېنىنى شۈركەندۈرەتتى. ھايال ئۆتمەيلا ئىككى گۇندىپاي ئىككى جىنايەتچىنى غۇلىدىن ئىتتىرگەنچە سوراقخانىغا ئېلىپ كىرىشتى. ئۇلارنىڭ پۇت-قولىدىكى كويزا-كىشەنلەر چىقىرىلغاندىن كېيىن، سوراقخانىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى قاپقارا تۆمۈر ئۇرۇندۇققا پۇت-قولى باغلىنىپ ئولتۇرغۇزۇلدى.
جىنايەتچىنىڭ بىرى ئاق يۈزلۈك، قاڭشارلىق، قويۇق ساقاللىق كىشى بولۇپ قارىغاندا، ئۇيغۇردەك قىلاتتى، يەنە بىرى بولسا كوسا كەلگەن، قىسىق كۆز، ئوتتۇرا بوي كىشى بولۇپ، ئۇنىڭ خىتايمۇ ياكى تۇڭگان ئىكەنلىكىنى ئۇققىلى بولمايتتى. ئىككى زالىم ساقچى سوراقنى باشلىۋەتتى:
-ئىسمىڭ نېمە؟
-ماھىر.
-فامىلەڭچۇ؟
-ئەمەت.
-مىللىتىڭ نېمە؟
-ئۇيغۇر.
-سېنىڭ ئىسمى نېمە؟-دەپتەڭلا سوراقنى باشلىۋەتتى يەنە بىر سوراقچى جاڭمۇ.
-ئىسمىم جيەنچىڭ
-فامىلەڭچۇ؟
-فامىلەم ما
-مىللىتىڭ نېمە؟
-مىللىتىم-تۇڭگان.
ئەسلىدە ئۇلارنىڭ تەرجىمالى ۋە تۇتۇلۇش سەۋەبى ئاللىقاچان كومپيۇتېرغا ئېلىنىپ، خاتىرلەنگەن بولۇپ، بۇ زالىم سوراقچىلار خۇددى ئۇنىڭغا ئىشەنمىگەندەك قايتىدىن سوراۋاتاتتى. سوراقچىلارنىڭ كۆزلىرى خۇددى ئالۋاستىنىڭ كۆزىدەك قىزىرىپ كەتكەن بولۇپ، كۆز قارچۇقىدا دوزاقنىڭ ئوتىدەك بىر ئوت يالقۇنى يېلىنجاۋاتقاندەك قىلاتتى. بىرىنچى سوراقچى ۋاڭ بىردىنلا ۋاقىراشقا باشلىدى:
-جىنايىتىڭنى ئىقرار قىل! بولمىسا بۇ يەردىن ئۆلۈكۈڭ چىقسا چىقىدۇكى، تىرىكىڭ چىقمايدۇ. ما بىلەن ماھىر: سەن باشلامسەن مەنمۇ؟-دېگەندەك، بىر-بىرسىگە قارىشىپ تۇراتتى. ۋاڭ بىردىنلا ما غا قاراپ ۋاقىردى:
-ھەي، سەن گەپ قىل، بىر كىلو خىرويىننى نەدىن ئېلىپ كەلدىڭ؟
-مەن، مەن ئېلىپ كەلمىدىم. ئۇنى خوجايىنىم ئىچكىرىدىن ئېلىپ كەلگەن.
-ئۇنىڭ ئىسم-فامىلىسى نېمە؟ نەدە تۇرىدۇ؟
ئۇنىڭ ئىسمىمۇ : ما، مەن ئۇنى ما خوجايىن دەپلا بىلىمەن.باشقىسىنى بىلمەيمەن.
-ئۇ نەدە ئولتۇرىدۇ؟ تېلېفون نومۇرى بارمۇ؟
-ياق، نەدە ئولتۇرىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن. تېلېفون نومۇرىسىمۇ يوق، ماڭا دەپ بەرمىگەن ئىدى.
-ئۇ ھازىر ئۈرۈمچىدىمۇ؟ ياكى باشقا يەرگە كەتتىمۇ؟
-بىلمەيمەن. ئۇ تۇرىدىغان يېرىنى ماڭا قەتىئى دېمەيتتى.
-سەن ئۇنىڭ بىلەن شىرىكمىتىڭ؟
-ياق، مەن دېگىنىمدەك، ئۇ خوجايىن ئىدى. مەن ئۇنىڭغا ۋەكالىتەن باشقا ئارىچى تېپىپ،سېتىپ بەرسەم ماڭا پايدا بېرەتتى .
-ئۇنداق بولسا،ساڭا ۋەكالىتەن سېتىپ بېرىدىغان ئۇ ئارىچى دەللال كىم؟
-مانا بۇ ماھىر، ئۇ ماڭا ۋەكالىتەن خىروئىنلارنى يوشۇرۇن سېتىپ، پۇل قىلىپ بېرەتتى، مەن ئۇنىڭغا گىرام بېشىغا 50 سومدىن پايدا بېرەتتىم.
-ئۇ كىملەرگە ساتاتتى، ساڭا ئېيتتىمۇ؟
-ياق،كىمگە ساتقىنىنى ماڭا دېمەيتتى. ئۇنىڭ ئۆزىدىن سوراڭلار!
-ھەي، ماھىر!-دەپ ۋاقىرىدى ئىككىنچى سوراقچى جاڭ-ئاڭلىدىڭمۇ؟ – ما نىڭ دېگەنلىرىنى، سەن ئۇنىڭدىن ئالغان خىروئىنلارنى كىملەرگە ساتتىڭ؟ ھەممىسىنى بىردىن-بىردىن ئىقرار قىل! قىلچىلىك يالغان گەپ قىلساڭ بولمايدۇ. ئەگەر يالغان گەپ قىلىپ، تولۇق ئىقرار قىلمىساڭ، ئېغىر جازالىنىسەن. ما بىلەن بىرلىكتە ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىشىڭ مۇمكىن!
-مەن ئىقرار قىلاي، مەن ئىقرار قىلاي! گۇناھىمنى كەچۈرۈڭلار-دەپ تىترەپ تۇرۇپ ئىقرار قىلىشقا باشلىدى ماھىر-ئۇنىڭغا خىرويىنلارنى سېتىپ پۇل قىلىپ بەرگىنىم راست، بۇ مېنىڭ جان بېقىش ئۈچۈن قىلىۋاتقان تىجارەت يولۇم ئىدى. مەن ھەرگىز باشقىلارنى زەھەرلەش ئۈچۈن قىلمىدىم. مەن ساتقانلارنىڭ ھەممىسى يەنە چەكمىسە ئۆلىدىغان، خۇمارى تۇتقاندا چىدىمايدىغان كونا چېكەرمەنلەردىن ئىدى
-مەيلى، ئۇلار نېمە بولسا بولسۇن؟ ئىسىملىرى بىلەن بىردىن بىردىن مەلۇم قىلىشىڭ كېرەك!
-مەن ئالغانلارنىڭ ئىسمىنى بىلمەيتتىم
-بىلمىسەڭ ئۇلارنى قانداق تاپتىڭ؟
-شۇ،ئۇلارنىڭ چېكىدىغانلىقىنى بۇرۇندىن بىلەتتىم.
-ئۇنداق بولسا،سەن ئۇلارنىڭ ئىسمىنى چۇقۇم بىلىسەن. ئىسىملىرىنى ئېنىق دېگىن!
-ياق، بىلمەيتتىم.
-بىلمەمسەن؟ ئۇنداق بولسا، بىزنىڭ جازا قوراللىرىمىز سېنىڭ بىلىدىغانلىقىڭنى ھازىرلا ئاشكارىلايدۇ-دېدى جاڭ ھەمدە توك كالتىكىدىن بىرنى ئېلىپ، ماھىرنىڭ بېقىنلىرىغا، دۈمبىلىرىگە بىر نەچچە قېتىم يېقىۋەتتى. ئۇنىڭ بەدەنلىرى بىردەمدىلا خۇددى يىلان چېقىۋالغاندەك ئىشىپ چىقىپ، چىقىرىغانچە ھوشىدىن كەتتى.
ماھىرنىڭ ھوشىدىن كەتكەنلىكىنى كۆرگەن ما نىڭ قورققىنىدىن كۆزلىرى ئالاق-جالاق بولۇپ كەتكەن ئىدى. بۇنى كۆرگەن ۋاڭ، ئۇنىڭغا ۋاقىردى:
-سەن ھازىرغىچە قانچىلىك خىرويىن ساتتىڭ؟
-شۇ، مۇشۇ بىرىنچى قېتىملىقى، مەن بۇندىن بۇرۇن بۇ ئىشنى قىلمىغان ئىدىم!
-يالغان گەپ قىلما، زادى قانچە قېتىم، قانچىلىك ساتتىڭ؟
-ياق. مەن ئىلگىرى خىرويىن ساتمىغان…
-يالغان گەپ قىلىۋاتىسەن!-دەپ ۋاقىردى ۋاڭ ۋە توك كالتىنى ئېلىپ، ما نىڭ دۈمبە ۋە بېقىنلىرىغا بىر نەچچىنى يېقىۋىدى، ئۇمۇ چىقىرغانچە ھوشىدىن كەتتى.
ۋاڭ بىلەن جاڭ بىر-بىرىگە قاراپ، ئۆزىنىڭ بۇ قېتىمقى سوراقتىكى غەلبىللىرىنى تەبرىكلىشىپ،(سىلا) ئۆلدى، ئۆلدى دېيىشىپ، قاتتىق ۋاقىرىشىپ كېتىشتى.
زالىم ساقچىلارنىڭ قاتتىق ۋاقىراشقان ئاۋازىنى ئاڭلىغان كارىدوردىكى گۇندىپايلاردىن بىر نەچچىسى يۈگۈرۈشكەنچە سوراقخانىغا كىرىپ كېلىشتى. ئىككى زالىم گۇندىپايلاغا قاراپ، سى لا، ئۇ ئۆلدى دەپ، يەنە ۋارقىرىماقچى بولۇۋىدى، گۇندىپايلار: توختاڭلار-دەپ، ئۇلارنى توختىتىپ قويۇپ، ئىككى مەھبۇسنىڭ يېنىغا بېرىپ، يۈرەكلىرىنى تىڭشاپ، بوش تىنىقلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇلارنىڭ تېخى ئۆلمىگەنلىكىنى ئۇقۇپ،ئۇ ئىككى ساقچىغا قاراپ مۇنداق دېدى : ئۇلار تېخى ئۆلمەپتۇ، ھاياتىكەن. سوراقنىڭ داۋامىنى قىلىشىڭلار كېرەك. ئۇلارنىڭ بەدىنىگە سوغۇق سۇ چېچىپ ھوشىغا كەلتۈرۈپ. ئۇنىڭدىن كېيىن سوراقنى يەنە داۋام قىلساڭلار بولىدۇ-دەپ چىقىپ كېتىشتى.
ئەسلىدە بۇ ئىككى زالىم ساقچى تەجىربىسىزلىكتىن ئۇلارنى « ئۆلدى، ئەمدى سوراقنى تاماملىساق بولىدۇ»دەپ ئويلاپ قالغان ئىدى. ئەمەلىيەتتە ئۇ ئىككى مەھبۇس پەقەت ھوشىدىن كەتكەن بولۇپ، تېخى ھايات ئىدى. كونا گۇندىپايلار تەجرىبىلىك بولغاچقا ئۇلارنىڭ ئۆلگەن-ئۆلمىگەنلىكىنى تەكشۈرۈپ بىلىۋېلىشقان ئىدى. ئۇلارنىڭ ئىش ئۆگىتىشى بويىچە ئىككى ساقچى مەھبۇسلارنىڭ بەدىنىگە بىر نەچچە چېلەكتىن سۇ قويۇپ، ئۇلارنى ھوشىغا كەلتۈرگەندىن كېيىن، سوراقنى يەنە باشلىدى: سوراقچىلار بۇ قېتىم باشتىلا توك كالتىكىنى قولىغا ئېلىۋېلىشقان بولۇپ،مەھبۇسلارنى ھازىرلا توك كالتەككە تۇتىدىغاندەك قىلاتتى. قورقۇپ كەتكەن ما ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ ئىقرارىنى باشلىدى :
-ئەمدى ئۇرماڭلار، ئەمدى ئۇرماڭلار، مەن ئىقرار قىلاي. مەن «خوجايىن» دېگەن ئۇ ئادەم ئۈرۈمچىگە كەلسە، يەنە مېنى ئىزدەيدۇ. بىزنىڭ مەخپىي كۆرۈشىدىغان يېرىمىز بار. بىز ئۇ يەرگە تاماق يېمەكچى بولغان خېرىدار قىياپىتىدە كىرىپ، رېستوراننىڭ ئارقا تەرىپىدىكى قازناق ئۆيىدە كۆرۈشۈپ، ھەممە ئىشنى پۈتتۈرەتتۇق، ئۇ يەر بولسا پالانى كوچىدىكى، پالانى نومۇرلۇق رېستوران-يەنى ما پامىلىلىك بىر خانىمنىڭ بەنشىرخانىسى دەپ، خوجايىنى بىلەن كۆرۈشىدىغان يەرنىڭ ئادرېسىنى تولۇق دەپ بەردى، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ زالىملارنىڭ تايىقىدىن ۋە ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويۇشىدىن ۋاقىتلىق بولسىمۇ قۇتۇلغان بولدى.
ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئىككى زالىم ساقچى قولىدا توك كالتىكىنى كۆتۈرگەنچە ماھىرنىڭ قېشىغا كېلىپ، ئۇنىڭغا دەۋەيلەپ ھەيۋە قىلىۋىدى، ماھىرمۇ قورقۇپ كەتكەنلىكىدىن:
-مەن ئىقرار قىلاي، ئىقرار قىلاي!-دەپ ئىقرار قىلىشنى باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەمەت، ئەخمەت. ئازات، غالىپ….. غوپۇر دېگەندەك يىگىرمە نەچچە كىشىنىڭ تىزىملىكىنى ئۇلارغا تاپشۇردى.
ئىككى زالىم ساقچى بۇ قېتىملىق سوراقتىمۇ نەتىجىگە ئېرىشكەن بولۇپ، جىنايەتچىلەر ئۆزىنىڭ قىلمىشلىرىنى تولۇق ئىقرار قىلغانىدى. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان قاماقخانىنىڭ باشلىقى ئۇلاردىن ناھايىتىمۇ خوشال بولۇپ، ئالاھىدە نەتىجە ياراتقان قىلىپ، ئۇلارنىڭ تۆھپىسىنى سىياسىي قانۇن كومىتېتىغا يوللاپ بەردى ھەمدە ئۇ ئىككى زالىمنى ھاراق بىلەن كاتتا زىياپەت قىلىپ ئۇزىتىپ قويدى .
ۋاڭ بىلەن جاڭنىڭ تۈرمە ۋە قاماقخانىلاردىكى ئىككى ھەپتىلىك پراكتىكا خىزمىتى ئاياغلاشقان ئىدى. ئۇلار ئاخشام زىياپەتتىن قايتىپ كەلگەندە، مەست ھالەتتە بولۇپ، ئۇزاققىچە قۇرۇق پاراڭ سېلىشىپ، كەچ ئۇخلىغان بولغاچقا، ۋاقچە ئورنىدىن تۇرۇپ، ناشتا قىلىشقا ئۈلگۈرەلمەي، بىر ئىستاكان سۇ ئىچىۋېلىپ، ئاخشام پۇتىنى سۈرتكەن لۆڭگىدە يۈز-كۆزىنى چالا-بۇلا سۈرتۈپلا، سىياسىي قانۇن كومىتېتىغا كېلىشتى.
تۈرمە باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئۇلارنى ساقلاپ تۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ نەتىجىللىرىدىن ئالدىنىلا خەۋەر تاپقان مۇدىر، رازىمەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن دەملەنگەن يېشىل چايلاردىن قويۇپ، ئەھۋال سورىدى. ئاندىن ئۇلارنى ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ: بىر ھەپتە جەريانىدىكى پراكتىكا خىزمىتىڭلارنىڭ ناھايىتىمۇ نەتىجىلىك بولغانلىقىدىن خەۋەر تاپتۇق، بىزنىڭ ئىشەنچىمىزگە ئېرىشتىڭلار،سىلەرنى سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جۇ باشلىق ساقلاۋاتىدۇ، بەلكى سىلەرگە ئالاھىدە ۋەزىپە تاپشۇرۇلىشى مۇمكىن!-دەپ، ئۇلارنى ئېلىپ جۇ مۇدىرىنىڭ ئىشخانىسىغا چىقىشتى
-ياخشى تۇردۇڭلارمۇ؟ يولداشلار!-دەپ گەپ باشلىدى جۇ مۇدىر ئۇلارنى ئالاھىدە قارشى ئېلىپ-سىلەرنىڭ بۇ ئىككى ھەپتىدىن بۇيان ناھايىتى نەتىجىلىك خىزمەت قىلغانلىقىڭلارنى ئاڭلىدىم، بۇ بىر تەبرىكلەشكە تېگىشلىك چوڭ ئىشتۇر. بىز ھازىر سىلەردەك قابىلىيەتلىك ياش خىزمەتچىلەرگە بەكمۇ ئېھتىياجلىق، ئالدىمىزدا ناھايىتى جىددىي ۋەزىپىلەر بىزنى كۈتۈپ تۇرماقتا، شۇڭا سىلەرنىڭ بىر يىللىق خىزمەت ئىستاجىڭلار ئاللىقاچان بېكىتىلىپ بولدى. ھەمدە مائاشىڭلار ئۆستۈرۈلۈپ، باشقارما دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ مائاشىغا تەڭلەشتۈرۈلدى.ئەمدى سىلەر مۇھىم ۋەزىپىگە تەيىنلەنمەكچى، بۇنىڭغا قانداق قارايسىلەر؟
-بەك ياخشى، بەك ياخشى دېيىشتى ئىككىسى بىردەكلا ئۆزلىرىنىڭ، بۇ ئىشقا قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بىز ھەر قانداق ۋەزىپىگە تەييارمىز، شىنجاڭنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش بىزنىڭ مۇقەددەس بۇرچىمىزدۇر. باش سېكرىتار شى جىن پىڭ نىڭ يوليورۇقلىرىنى ئىجرا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئەدەبىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن بارلىق كۈچىمىز بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز!
-ئۇنداق بولسا بەك ياخشى، سىلەر بۈگۈن قايتىپ دەم ئېلىڭلار، مەن چېن سېكرىتار بىلەن كۆرۈشۈپ، سىلەرنىڭ ۋەزىپىگە تەيىنلەش ئۇقتۇرۇشىڭلارنى تەستىقلىتىپ، ئەتىگىچە تەييار قىلىمەن، ئەتە ئەتىگەن سائەت 8دە كۆرۈشەيلى! خەير-خوش!
ۋاڭ بىلەن جاڭ بۈگۈن بەكلا خوشال ئىدى. ئىككى ھەپتىلىك زالىملارچە قىلىنغان خىزمىتى ئۈچۈن بىر يىللىق خىزمەت تارىخىغا ئېرىشىش ئۇلارنى مەستخۇش قىلىپ قويغىلى تاسلا قالغان ئىدى. ئۇلار ئاسماندىن چۈشكەندەك كەلگەن بۇ ئامەتنى تەبرىكلەش ئۈچۈن ئالاھىدە رۇخسەت بىلەن سىرتقا چىقىپ، ھاراق-تاماكا دېگەندەك نەرسىلەرنى سېتىۋېلىپ، ياتىقىدا زىياپەت ئۈستىلى تەييارلاشتى. ئۇلارنىڭ زىياپىتى باشلىنىشتىن بۇرۇن تۇيۇقسىز ۋاڭنىڭ قول تېلېفونى جىرىڭلاپ، ئائىلىسىدىن تېلېفون كېلىپ قالدى :
-ۋەي، شاۋ ۋاڭ ياخشىمۇ سەن؟ تىنچلىقمۇ؟ بۇ بىر ھەپتىدىن بۇيان نېمە ئىشلارنى قىلدىڭ؟ تېلېفونمۇ قىلمىدىڭغۇ؟ تېلېفون قىلىۋاتقان قېرى ۋاڭ بولۇپ، ئۇ ئوغلى شاۋ ۋاڭنىڭ بىر ھەپتىدىن بۇيان تېلېفون قىلمىغانلىقىدىن ئەنسىرەپ، ئۇنىڭغا بىرەر ئىش بولغانمىدۇ؟ بۆلگۈنچىلەر بىلەن بولغان كۈرەشتە، يارلانغانمىدۇ ياكى قۇربان بولغانمىدۇ؟ -دەپ ئويلاپ قالغان ئىدى.
-ۋەي، دادا، مەن بۇ بۇ ھەپتىدىن بۇيان بەك ئالدىراش بولۇپ كەتتىم. چوڭ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۈم. شۇڭا تېلېفون قىلالماي قالدىم،كەچۈرىسىلەر!
-قانداق نەتىجە ئۇ؟-دەپ سورىدى قېرى ۋاڭ ئوغلىنىڭ شۇنچە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە چوڭ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىگە ھەيران قېلىپ،
-شۇ چوڭ نەتىجە دادا، بىز بۇ 2 ھەپتىدىن بۇيان ئۈرۈمچى تۈرمە شەھەرچىسىدىكى تۈرمە ۋە قاماقخانىلاردا ئەمەلىي خىزمەت ئارقىلىق تەجرىبە ھاسىل قىلىش پىراكتىكىسى قىلغان ئىدۇق، خىزمەت جەريانىدا بىر نەچچە چوڭ دېلونى پاش قىلدۇق، بىر نەچچە تېرورچىنى ئۇ دۇنياغا يوللىدۇق….
-نېمە دېدىڭ، تۈرمە شەھەرچىسى دېگەن نېمە ئىكەن ئۇ؟ تېررورچىلار بىلەن ئۇرۇش قىلدىڭلارمۇ؟ ھەيران قالغان ھالدا سورىدى ۋاڭ ئوغلى شياۋ ۋاڭدىن.
-بۇ ئۈرۈمچى دېگەن شەھەردە نۇرغۇن تۈرمە ۋە قاماقخانىلار بار ئىكەن، ئۇلار بىر يەرگە مەركەزلەشتۈرۈلۈپ باشقۇرۇلىدىغان بولغاچقا، « تۈرمە شەھەرچىسى»دەپ ئاتىلىدىكەن، مېنىڭ دېگىنىم-مۇشۇ تۈرمە شەھەرچىسى دادا.
-ھە، شۇنداقمۇ،بەك ياخشى ئىش بولۇپتىغۇ، بىر نەچچە تېررورچىنى ئۆلتۈردۇق دېدىڭمۇ؟ ئۇ تېررورچىلار بىلەن ئۇرۇشۇپ قىلغانمىدىڭلار؟
-ياق، دادا! ئۇرۇش قىلمىدۇق. نۇرغۇن تېررورچىلار تۇتۇلغان ئىكەن، بىز ئۇلارنى سوراق قىلدۇق. بىرىنچى كۈنىدىكى سوراقتىلا بىر تېررورچى بىزنىڭ قىيناشلىرىمىزغا بەرداشلىق بەرمەي ئۆلۈپ كەتتى.
-ئۆلۈپ كەتتى دېدىڭما؟ سىلەرگە بىرەر مەسۇلىيەت ئارتىلمىدىمۇ؟
-ياق، دادا! بىزگە ھېچقانداق مەسئۇلىيەت ئارتىلمىدى، بۇ يەردىكى تۈرمىلەردە قىيناپ سوراق قىلىش بولماي تۇرۇپ، جىنايەتچىلەرنى ئىقرار قىلدۇرغىلى بولمايدىكەن. شۇڭلاشقا، سوراق جەريانىدا بەزىلىرى ئۆلۈپ كېتىدىغان ئىش نورمال دەپ قارىلىدىكەن، گۇندىپاي ۋە خىزمەتچىلەرگە ھېچقانداق مەسئۇلىيەت ئارتىلمايدىكەن.
-ھە، شۇنداقمۇ؟ ئۇنداق بولسا تېخىمۇ جىق تېرورچىلارنىڭ ئەدىبىنى بېرىڭلار، قەتئىي رېھىم قىلماڭلار! بولمىسا، تېررورچىلارنى يوقاتقىلى بولمايدۇ.
-بولىدۇ، يەنە بىر خۇشخەۋەر دادا : بىزگە بىر ھەپتىلىك خىزمەت تەجرىبىمىز ئۈچۈن بىر يىللىق خىزمەت سىتاجى بېرىلدى. كۆرسەتكەن خىزمىتىمىز ئۈچۈن چوڭ مۇكاپات بېرىلدىكەن.ئۇنىڭدىن باشقا تېخى بىزنى يېڭىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلىمەكچى بولىۋاتىدۇ. مائاشىمىزغا-باشقارما دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ مائاشى قوشۇلدى.
-بۇ قالتىس ئىش بولۇپتۇ؟ ئۇنداق بولسا،سېنى تەبرىكلەيمەن ئوغلۇم! تېخىمۇ ياخشى خىزمەت قىلىڭلار، مەن قىلالمىغان ئىشلارنى سەن چوقۇم قىلالايسەن ئوغلۇم، مەن سېنىڭدىن شۇنى كۈتىمەن، يەنە كۆرۈشىمىز!
ۋاڭ نىڭ دادىسى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەندە قىلىشقان گەپلىرىنى ئاڭلاپ تۇرغان جاڭمۇ ھاياجانلىنىپ كەتتىمۇ قانداق؟ ئارقىدىنلا ئائىلىسىگە تېلېفون ئېلىپ دادىسى بىلەن گەپلەشتى. ئۇ تېلېفوندا خۇددى ۋاڭغا ئوخشاش بارلىق خىزمەت نەتىجىلىرىنى دوكلات قىلدى ۋە ئۇنىڭدىن ئەمدى قانداق قىلىش توغرۇلۇق مەسلىھەت سورىۋىدى، ئۇنىڭغا كۈتۈلمىگەن جاۋاب كەلدى: دىققەت قىل ئوغلۇم،-دېدى ئۇنىڭ دادىسى،-ئۇ شىنجاڭ ئەسلىدە بىزنىڭ زېمىنىمىز ئەمەس، ئۇيغۇرلارنىڭ زېمىنى، ئۇ يەردىكى بۆلگۈچىلەر ھەر قاچان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن! ئۇلار ھېچقاچان بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىنى توختاتقان ئەمەس، ۋاقتى كەلسە يەنە قوراللىق قوزغىلاڭ قىلىشى مۇمكىن! ئاڭلىسام ئۇلار: ھەر نەچچە يىلدا بىر توختىماي قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ تۇرىدىكەن. ئىلگىرىمۇ نەچچە ئون قېتىم قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپتىكەنمىش! ئەگەر شۇنداق بولۇپ قالغاندا، قاتتىق دىققەت قىل! ئۇرۇش بولۇپ قالسا، سەپنىڭ ئالدىغا ئۆتۈۋالما، ھەددىدىن زىيادە ئاكتىپلىق قىلىپ كەتمە، چۈنكى ئۇرۇش دېگەندە ھەر ئىككى تەرەپتىن ئۆلۈش-يارىلىنىش بولىدۇ. سەن بىزنىڭ بىردىنبىر ئوغلىمىز. سېنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىڭنى ھەرگىزمۇ خالىمايمىز، بىزنى ئارماندا قويما،سەن بولمىساڭ،بىز ھاياتىمىزنىڭ ئاخىرقى ۋاقىتلىرىدا باققۇچىسىز قالىمىز، گېپىمنى قۇلىقىڭدا مەھكەم ساقلا ئوغلۇم، خەيرى-خوش، يەنە كۆرۈشىمىز!
5-باب
بۈگۈن دۈشەنبە كۈنى ئىدى، ۋاڭ بىلەن جاڭ سىياسىي قانۇن كومىتېتىغا بارىدىغان بولغاچقا، ئەمدى يەنە كەچ قالمايلى دېيىشىپ،ئالدىراپ-سالدىراپلا ئەتىگەنلىك ناشتىلىقىنى قىلىشتى-دە، نىشانىغا قاراپ يولغا چىقتى. ئۇلار يولدا كېتىۋاتقاچ پات-پات بىر بىرىگە قارىشىپ قوياتتى. قارىغاندا، ئۇلارنىڭ قورسىقىدا بىرسى-بىرسىدىن يوشۇرۇۋاتقان بىرەر ئىش باردەك قىلاتتى. بەلكى ئۇلار:« مەن قانداق ۋەزىپىگە تەيىنلىنەرمەن؟ ئۇ قانداق ۋەزىپىگە تەيىنلىنەر؟ ياكى مەن تەيىنلەنمەي، ئۇ تەيىنلىنىپ قالارمۇ؟»-دەپ ئەندىشە قىلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن ئىدى. ئۇلار سىياسىي قانۇن كومىتېتىغا يېتىپ كېلىپ، تۈرمە باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ ئىشخانىسىغا كىرىشتى. بۆلۈم مۇدىرى ئۇلارنى بۇرۇنقىدەكلا قىزغىن قارشى ئېلىپ ئەھۋال سورىغاندىن كېيىن، ئۇلارنى تېخى تەيىنلەنمىگەن ۋەزىپىسى ئۈچۈن تەبرىكلىدى. ئاندىن ئۇلارنى سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جونىڭ ئىشخانىسىغا ئېلىپ چىقتى.
«سىياسىي قانۇن كومىتېتى»نىڭ مۇدىرى جۇ ئۇلار بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ بولغاندىن كېيىن، ئۇلارنى ساپاغا ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىپ، ئاندىن قولىدا كۆتۈرۈۋالغان ئىككى پارچە ھۆججەتنى ئېلىپ،بىر قۇر قاراپ چىققاندىن كېيىن، ئۇنى ساقچىلارغا سۇنۇپ بېرىپ، خۇددى ئۇلارغا دەرس بېرىۋاتقاندەك سۆزلەشكە باشلىدى:
-مانا بۇ،سىلەرنىڭ ۋەزىپىگە تەيىنلىنىش ئۇقتۇرۇشۇڭلار : سىز شياۋ ۋاڭ داۋانچىڭدىكى كەسپىي قايتا تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىقىغا تەيىنلەندىڭىز، سىز شياۋجاڭ ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايونىدىكى،«ئالاھىدە ساقچى ئەترىتى»نىڭ شۇنداقلا قوشۇمچە يەنە بىرىنچى«خەلققە قولايلىق ساقچى پونكىتى»نىڭ مۇدىرلىقىغا تەيىنلەندىڭىز، سىلەرنى تەبرىكلەيمەن. سىلەر ئالدىنقى ھەپتىدە ئۈرۈمچى « تۈرمە شەھەرچىسى»دە ئەمەلى خىزمەت تەجىربىسىنى باشتىن كەچۈرۈپ، سىناقتىن مۇۋەپپىقيەتلىك ئۆتتۈڭلار! ھازىر پارتىيىمىز شىنجاڭدا سىياسىي ۋەزىيەتنى مۇقىملاشتۇرۇشتۇرۇپ، ئەبەدى ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن سىلەردەك ياش، ئىقتىدارلىق كادىرلارغا مۇھتاج بولماقتا، سىلەر بىلىسىلەر! شىنجاڭدا يولداش چېن چۈئەن گوكومۇنىستىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ سېكرىتارى بولۇپ تەيلەنگەندىن بۇيان، ئىشلار باشقىچە بولماقتا. چېن سېكرىتار باش سېكرىتار شى جىن پىڭ نىڭ ئالاھىدە يوليورۇقى بىلەن تىبەت ئاپتونوم رايونىدا يولغا قويغان:« مېڭە يۇيۇش ھەرىكىتى»نى بۇ يەردىمۇ كەڭ كۆلەمدە قاناش يايدۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن، خۇددى تىبەتتە ئېلىپ بېرىلغاندەك قاتتىق ۋە يۇمشاق ۋاستىدىن تەڭ پايدىلىنىدۇ. بۇ يەردە قاتتىق ۋاستە دېگىنىمىز-خۇددى سىلەر بىر ھەپتىدىن بۇيان ئەمەلىي خىزمەت تەجرىبىسى جەريانىدا كۆرگىنىڭلاردەك ئىلگىرى بۇ رايوندا قۇرۇلغان:«تۈرمە، ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مەيدانى، قاماقخانا، ۋە ۋاقىتلىق تۇتۇپ تۇرۇش مەركەزلىرى، كەسپىي قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرى، خەلققە قولايلىق ساقچى پونكىتى» قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇلار تېرورلۇققا قارشى تۇرۇپ، خەلقنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشتا ئىنتايىن ئۈنۈملۈك خىزمەتلەرنى ئىشلىمەكتە. پارتىيىمىز يۇقارىقىدەك قاتتىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ چېگرا رايوننىڭ ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ نەتىجىلىرى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈلمىگەن بولغاچقا، ئۇنىڭدا مەلۇم نۇقسانلار كۆرۈلمەكتە. شۇنىڭ ئۈچۈن مەركەزنىڭ بىر تۇتۇش ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە مەخسۇس مەبلەغ ئاجرىتىشى بىلەن يۇمشاق ۋاستىنىمۇ تەڭ ئىشقا سېلىش قارار قىلىندى. بۇ يۇمشاق ۋاسىتە دېگىنىمىز-بىز ھازىر قوللىنىۋاتقان ئېلېكترون ۋە بىئولوگىيە تېخنىكىسىدىن ۋۇجۇدقا كەلگەن:« بىر گەۋدىلەشكەن بىرلەشمە جەڭ قىلىش سۇپىسى» يەنى چوڭ سانداننى كەڭ كۆلەمدە قوللىنىشتۇر.
ئۇ گېلىنى قىرىپ، بىر يۆتىلىۋەتكەندىن كېيىن يەنە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق چۈشەنچە بەردى: ئۇ « بىر گەۋدىلەشكەن بىرلەشمە جەڭ قىلىش سۇپىسى»بولسا، بىر سانلىق مەلۇمات ئامبىرى بولۇپ، ئۇنىڭغا نەچچە مىليون ئادەمنىڭ ئۇچۇرى توپلانغان بولىدۇ. مۇشۇ ئۇچۇرلار ئاساسىدا ئادەملەرنىڭ ئىشەنچىلىك ياكى ئىشەنچىلىك ئەمەسلىكى ھەمدە گۇمانلىق ئىكەنلىكى ئاپتوماتىك ھالدا بېكىتىلىپ چىقىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن خەتەرلىك ئۇنسۇرلار ۋە ئىككى يۈزلىمىچىلەر مانا مەن دەپلا ئوتتۇرىغا چىقىدۇ-دە، بىزنىڭ خىزمىتىمىز تېخىمۇ ئاسانلىشىدۇ. شۇنداقتىمۇ دەپ يەنە سۆزىنى داۋام قىلدى ئۇ: تېخىمۇ قولايلىق بولۇش ئۈچۈن يېڭىدىن بىر:«ساقچى ئەپ»ئى ياساپ چىقىلدى. ھەمدە ئۇ ئەپنى قانداق ئىشلىتىش ۋە ئەمەلى تەجرىبە قىلىش كۇرسى ئورۇنلاشتۇرۇلدى. سىلەردەك يېڭىدىن ساقچىلىققا قوبۇل قىلىنغان ۋە ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەنلەر بۇ كۇرسىغا قاتنىشىپ،نەزىرىيە ئۆگىنىشىڭلار ۋە ئەمەلىي مەشىقنى باشتىن كەچۈرۈشىڭلار كېرەك! سىلەرچە بولامدۇ؟-دەپ ئۇلارغا سىناق نەزىرىدە قارىۋىدى، ۋاڭ بىلەن جاڭ ئۆزلىرىنىڭ بۇ كۇرسقا قىزغىنلىق بىلەن قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.
-ئۇنداق بولسا-دېدى جۇ ئۇلارغا قاراپ: كۇرس ئەتە باشلىنىدۇ ۋە مۇتلەق مەخپى ئېلىپ بېرىلىدۇ. ساقچىلاردىن باشقا ھېچقانداق بىر كىشىنىڭ بۇنى بىلىپ قېلىشىغا بولمايدۇ. سىلەر ھازىر قايتىپ، چۈشتىن كېيىن ياخشى تەييارلىق قىلىپ، ئەتە كۇرسقا ۋاقتىدا كېلىڭلار! خىزمىتىڭلەرگە مۇۋەپپەقىيەت تىلەيمەن. يەنە كۆرۈشىمىز!
ۋاڭ بىلەن جاڭ بۈگۈن بەكمۇ خوشال ئىدى، ئۇلار بۈگۈن باشقىچە سەگەكلىشىپ كەتكەن بولۇپ، ئەتىگەندىلا ئورنىدىن تۇرۇشۇپ، چىشنى چوتكىلاپ، يۈز-كۆزىنى يۇيۇشقاندىن كېيىن، بالدۇرلا ناشتىلىق قىلىشىپ، سائەت 8 بولماستىنلا سىياسىي قانۇن كومىتېتىغا كېلىپ، كۇرسىنىڭ باشلىشىنى كۈتۈپ تۇرۇشتى. كۇرس چوڭ بىر زالغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، زالدا ھەر خىل زامانىۋى ئۈسكۈنىلەر، ئېلېكترونلۇق ئەسۋابلار قاتار تىزىۋېتىلگەن ئىدى. زالنىڭ ئوتتۇرىسىغا چوڭ بىر ئېكران قويۇلغان ئىدى. ئىكراننىڭ ئۈستى قىسمىدە بولسا، «بىر گە ۋدىلەشكەن بىرلەشمە جەڭ قىلىش سۇپىسى» دېگەن باش ماۋزۇ يېزىلغان بولۇپ، كاتەكچىلەرگە ئايرىلغان جەدۋەلنىڭ ئۈستى قىسمىغا خىتايچە قىسقا جۈملىلىك خەتلەر يېزىلغان، يان تەرەپكە بولسا يۇقىردىن-تۆۋەنگە قىلىپ، نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ باش سۈرەتلىرى چىقىرىلىپ قويۇلغان ئىدى .
سائەت 8 بولۇشى بىلەن تەڭ زالغا سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جۇ 30 ياشلار ئەتراپىدىكى كۆزەينەكلىك بىر كىشىنى باشلاپ كىرىپ كەلدى ۋە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئۈستەلنىڭ يېنىغا كېلىپ، يولداشلار ياخشىمۇ سىلەر؟-دەپ، خىتايچە سالام بەرگەندىن كېيىن، باشلاپ كىرگەن ئۇ كىشىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ كىشى تاڭ مۇئەللىم بولىدۇ. بېيجىڭدىن ئەۋەتىلگەن يۇمشاق دېتال ئىنژېنېرى، ئۇ سىلەرگە:« بىر گەۋدىلەشكەن بىر لەشمە جەڭ قىلىش سۇپىسى» ھەققىدە دەرس بېرىدۇ. كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.-دەپ، ئۆزىمۇ ئالدىدىكى بىر بوش ئورۇندۇققا كېلىپ ئولتۇردى.
ئىنژېنېر مۇئەللىم كۇرسانتلارغا سالام بېرىپ بولغاندىن كېيىن، قولىدىكى تىزگىنەكنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، ھەممىڭلار بۇ جەدۋەلگە قاراڭلار-دەپ. يۇقىرى تەرەپنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ دەرسىنى باشلىدى :
-مانا بۇ جەدۋەل ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونىنىڭ نوپۇس تىزىملىكى بولىدۇ. تەڭرىتاغ رايونىدا جەمىي 50 مىڭ ئاھالە ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى 30 مىڭ ئاھالە ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك مىللەتلەردىندۇر. ئىنژېنېر مۇئەللىمنىڭ قولىدىكى تىزگىنەك جەدۋەلنىڭ بىرىنچى كاتەكچىللىرىگە قارىتىلدى ۋە ئۇ بىرىنچى كاتەكچىدىكى جۈملىنى ئوقۇدى:بىرىنچى كاتەكچىدىكى: ئىشەنچىسىزلەر، ئىككىنچى كاتەكچىدىكى : ئادەتتىكىلەر. ئۈچىنچى كاتەكچىدىكى: ئىشەنچىلىكلەر. ئاندىن مۇئەللىم تىزگىنەكنى توختىتىپ تۇرۇپ،يەنە داۋامىنى چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى:مانا بۇ 30 مىڭ ئاھالە يۇقارقىدەك ئۈچ دەرىجىگە ئايرىلغاندۇر. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى قىزىل چىكىت قويۇلغان 17 مىڭ كىشى ئىشەنچسىز كىشىلەردۇر. سېرىق چېكىت قويۇلغان تەخمىنەن 10 مىڭ كىشى ئادەتتىكىلەردۇر. پەقەت يېشىل چېكىت قويۇلغان 3 مىڭ كىشىلەر ھازىرچە ئىشەنچلىك دەرىجىسىگە كىرىدۇ.
ئىنژېنېر مۇئەللىم ئەمدى كۇرسانتلار تەرەپكە قاراپ يەنە سۆزىنى داۋام قىلدى: بۇ كاتەكچىگە ئايرىلغان دەرىجىلەر نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ بىلەمسىلەر؟ تۆۋەندە ئولتۇرغان كۇرسانتلارنىڭ ھېچقايسىسىدىن جاۋاب چىقمىغاندىن كېيىن، مۇئەللىم ئۆزى چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى: قىزىل چېكىت قويۇلغان بۇ 17 مىڭ ئىشەنچىسىز كىشى ئاللىقاچان تۇتۇلدى ۋە تۇتۇلۇۋاتىدۇ. يەنە تۇتۇلماي قالغانلىرى بولسا، بۈگۈن-ئەتىنىڭ ئىچىدە تۇتۇلۇشى كېرەك!
ئەمدى بىر نەرسىنى چۈشەنگەندەك قىلغان كۇرسانتلاردىن بىرسى قولىنى كۆتۈرۈپ تۇرۇپ سوئال سورىدى:
-سېرىق چىكىت قويۇلغان ئادەتتىكىلەر قانداق بولىدۇ؟
مۇئەللىم جاۋاب بەردى:
-ئۇلار داۋاملىق كۆزىتىلىدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرى تولۇق ئېلىنمىغان ۋە د، ن نا، سى تولۇق ئانالىز قىلىنمىغان بولۇشى مۇمكىن، ناۋادا سانلىق مەلۇماتلار تولۇق خاتىرىلەنگەن ئەھۋالدا ئۇلاردىن يەنە نەچچە مىڭ كىشى:« ئىشەنچسىز»بولۇپ چىقىشى مۇمكىن! ئۇ ئەھۋالدا ئۇلارمۇ دەرھال تۇتقۇن قىلىنىدۇ
-ھەممىسىنىڭ د، ن، ئا، ئاسى ئېلىنغانمۇ؟-دەپ سورىدى چۈشەنمىگەنلەردىن بىرسى قولىنى كۆتۈرۈپ، ئىنژېنېر مۇئەللىم يەنە جاۋاب بەردى :
-ھەئە، ھەممىسىنىڭ د، ن، ئا، سى ئېلىنغان. ئېلىنماي قالغانلىرى بولسا ئەمدى ئېلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ د، ن، ئا سى ئانالىز قىلىنىپ، قان تىپى تۇرغۇزۇپ چىقىلغاندىن كېيىن، ئالاھىدە ئەھۋال ئۈچۈن ساقلىنىدۇ ھەمدە ئورگان كۆچۈرۈش مەركىزىگە يوللاپ بېرىلىدۇ.
-ھە، چۈشەندۇق!-دەپ، بېشىنى كۆتۈرۈپ توۋلاشىتى كۇرسانىتلار، ئاندىن يەنە بىر كۇرسانىت قول كۆتۈرۈپ ئىنژېنېر مۇئەللىمدىن سورىدى: ئىشەنچلىك دەپ قارالغانلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىنىدۇ؟ ئۇلارغا داۋاملىق ئىشىنەمدۇق، ئۇلار ھېچقاچان تۇتقۇن قىلىنمامدۇ؟
-مۇئەللىم ئۇ سوئال سورىغۇچى ساقچىغا ئالايغاندەك قاراپ قويۇپ جاۋاپ بەردى: ئاۋال ئۇلارغا نورمال مۇئامىلە قىلىنىپ، تور كەڭ يېيىپ قويۇلىدۇ. بىز خەن مىللىتىنىڭ ئۇدۇمىدا، ياتلارغا ئىشىنىشى مەۋجۇت ئەمەستۇر، بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىزنىڭ مۇنداق بىر دانا قارىشى بار:«بىزدىن بولمىغانلار – جىن-شەيتانلاردۇر». يەنى بىزدىن بولمىغانلارنىڭ ئىدىيەسى، مەڭگۈ بىز بىلەن بىردەك بولمايدۇ. شۇڭا ئۇلار ھېچقاچان تۇتقۇن قىلىنمايدۇ دېگەن گەپ يوق، ئۇلار پەقەتلا ۋاقىتلىق تۇتقۇن قىلىنمايدۇ، ئەمما داۋاملىق كۆزىتىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى: بىر گەۋدىلەشكەن بىرلەشمە جەڭ قىلىش سۇپىسى» نىڭ باھالىشىغا باغلىق بولىدۇ. ناۋادا ئۇلارنىڭ بىرەر مەخپىي ئىشلىرى ياكى ئىلگىرى ئۆتكۈزگەن جىنايەتلىرى بايقىلىپ قالغان تەقدىردە، بىرلەشمە جەڭ قىلىش سۇپىسى ئاپتوماتىك ھالدا سىگنال بېرىپ، ئۇنىڭ قىلمىش دەرىجىسى بېكىتىلىدۇ-دە، دەرھال تۇتقۇن قىلىنىدۇ.
-ھە، چۈشەندۇق-دەپ كۆپىنچە كۇرسانىت ساقچىلار ئۆزلىرىنىڭ ئىپادىسىنى بىلدۈرۈشتى. ئەمما تېخى تولۇق چۈشەنمىگەنلەرمۇ يەنە چىقتى. ئارىدىن بىر كۇرسانت ساقچى قول كۆتۈرۈپ مۇنداق سوئال سورىدى: بۇ كىشىلەر نېمىگە ئاساسەن بۇنداق دەرىجىلەرگە ئايرىلغان، بىز ئۇلارنىڭ ئىشەنچلىك ياكى ئىشەنچلىك ئەمەسلىكىنى قانداق بىلىمىز؟
مۇئەللىم چىرايىنى غەلىتە پۈرۈشتۈرگەنچە ئۇ سوئالنىڭمۇ جاۋابىنى بەردى:
-بىزنىڭ : «بىر گەۋدىلەشكەن بىرلەشمە جەڭ قىلىش سۇپىسى» دا كىشىلەرنى دەرىجگە ئايرىيدىغان ئاساس ۋە سەۋەبلەر ئېنىق بېكىتىلگەن. ناۋادا بىرەر كىم ۋە ئۇنىڭ قىلغان ھەركەتلىرى بۇ بۇ ئاساسلارنىڭ بىرەرسىگە چۈشۈپ قالسا، ئاپتوماتىك ھالدا ئۇنىڭغا بەلگە قويۇلىدۇ-دە ئۇمۇ تۇتقۇن قىلىنىدۇ.-دەپ، ئۇ سەۋەپ ۋە ئاساسلارنى ئېكرانغا چىقىرىپ ئوقۇپ بەردى:
1-شۇ كىشىنىڭ كىملىكى
2-پاسپورتىنىڭ بار-يوقلىقى
3-چەتئەل بىلەن بولغان ئالاقىسىنىڭ بار-يوقلىقى
4- ئۈچ ئەۋلات كىملىك خاتىرىسى
5-ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت دائىىسى
6-تۇققانچىلىق مۇناسىۋەت دائىسى
7- دىنى ئېتىقات ئەھۋالى
8 – سىياسى كۆزقارشى
9- ئەدلىيە خاتىرىسى (ئىلگىرى جازالانغۇچى ياكى جازالىمىغانلىقى)
10-قىلغان ئەكسىيەتچى گەپ-سۆز ۋە يازغان ئەسەرلىرى
ئىنژېنېر مۇئەللىمنىڭ دەرسى تۈگىگەندىن كېيىن، سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ مۈدىرى جۇ ئوتتۇرىغا چىقىپ، كۆزلىرىنى ئويناتقان ھالدا كۇرسانىت ساقچىلارغا بىر قۇر قارىۋەتكەندىن كېيىن، سۆزىنى باشلىدى : يولداشلار مۇئەللىمنىڭ دەرسىنى ھەممىڭلار چۈشەندىڭلارمۇ؟
-چۈشەندۇق!- دەپ ۋاقىراشتى كۇرسانىت ساقچىلار بىردەك ئاۋازدا.
-ئۇنداق بولسا،- دەپ سۆزىنى داۋام قىلدى جۇ-مەن ئىشەنچسىز كىشىلەرنىڭ تۇتۇلۇشقا ئاساس بولىدىغان سەۋەبلەردىن بىرسى بولغان، قىلغان گەپ-سۆز ۋە يازغان ئەسەرلىرى ئەسەرلىرى سەۋەبىدىن تۇتقۇن قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە سىلەرگە قىسقىچە سۆزلەپ ئۆتۈشنى مۇۋاپىق كۆرىمەن: مەن كىچىك ۋاقتىمدىلا شىنجاڭغا كېلىپ، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ قارغىلىق ناھىيىسىگە ماكانلاشقان ئىدىم. شۇ يەردە ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدا چوڭ بولدۇم. ئۇيغۇرچە مەكتەپتە ئوقۇدۇم. ئۇلارنىڭ تىلىنى ئۆگەندىم. بۇنىڭ سەۋەبى نېمە ئۈچۈن بىلەمسىلەر؟ سەۋەب شۇكى: ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكى سىرىنى بىلىۋېلىش ئۈچۈن ئىدى. مېنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگەنگىنىمنىڭ ھەقىقەتەن پايدىسى بولدى. ئۇيغۇرلارنىڭ بىز خەنزۇلارنى كۆزگە ئىلمايدىغان ۋە تىللايدىغانلىقىنى شۇنىڭدىن كېيىن بىلىۋالدىم. ئۇلار مېنى ھېچقاچان كۆزگە ئىلمايتتى. ئىسمىمنى:«جۇ» دەپ، چاقىرىشنىڭ ئورنىغا بەزى ۋاقتىدا: «چوشقا» دەپمۇ قوياتتى. كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئىسمىمنى چاقىرماي، «ھەي خىتاينىڭ بالىسى» دەپ بەكمۇ غورۇرۇمغا تېگەتتى. ئەمما مەن ئۇ چاغلاردا كىچىك، ئاتا-ئانام يېنىمدا بولمىغاچقا، ئۇلار بەرگەن ئاش-نان بىلەن جان باققانلىقىم ئۈچۈن ھېچنېمە دېيەلمەيتتىم. ئەمما، ئىچىمدە:«خەپ، توختاپ تۇرۇش! ھامان بىر كۈنى مۇشۇ ئىشلىرىڭ ئۈچۈن ئۆچ ئالماي قويمايمەن. سەنلەرنىمۇ، خۇددى ماڭا قىلغىنىڭدەك ئادەم قاتارىدا كۆرمەي، قىينايمەن» دەپ ئويلايتتىم. مانا ھازىر كۆرۈۋاتىسىلەر، پۇرسەت بىزگە كەلدى. بىز ئۇلاردىن ئۈستۈن ئورۇنغا ئۆتتۇق. ئۇلار بىزنىڭ ئالدىمىزدا ھېچنېمە ئەمەس. ھازىر مەن كوچىغا چىقىپ بىر ئۇيغۇرنىڭ كاچىتىغا بىر مۇشت سالساممۇ، ئۇ ماڭا تىكىلىپ قارىيالمايدۇ. ھازىر دەۋر ئۆزگەردى. بىز جۇڭخۇئا مىللىتى تەرەققىي قىلىپ، قەد كۆتۈردۇق. ئۇزاق قالماي دۇنيا بىزنىڭ قولىمىزغا ئۆتىدۇ. بىز دۇنيانىڭ خوجايىنى بولىمىز! ئۇ چاغدا ئۇيغۇر دېگەن بۇ مىللەت يەر يۈزىدىن يوقىتىلىدۇ.
ئەمدى ئاساسلىق گەپكە كەلسەك دەپ، گېلىنى قېقىۋېتىپ سۆزىنى داۋام قىلدى جۇ-بەزى ئۇيغۇرلار ئاغزىغا كەلگەنچە سۆزلەيدۇ «شىنجاڭ» دېگەن ئىسىمنى قوبۇل قىلماي، بۇ يەرنىڭ ئىسمى: «شەرقىي تۈركىستاندۇر. شەرقىي تۈركىستان-بۇرۇن مۇستەقىل دۆلەت بولغان، ئۇيغۇرلار مۇستەقىل دۆلەت بولۇشىمىز كېرەك!» دەپ جۆيلۈيدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ ئۇخلاپ چۈشىدۇر. شۇڭا بىز مۇشۇنداق قالايمىقان گەپ قىلغان ئۇيغۇرلارنى-مۇشۇ گەپ سۆزلىرى ئۈچۈن ئىشەنچسىزلەر قاتارىغا ئېلىپ، تۇتقۇن قىلىۋاتىمىز ۋە داۋاملىق تۇتقۇن قىلىمىز .
ئەمدى يازغان ئەسەرلىرى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىش مەسىلىسىگە كەلسەك،بۇ بەكمۇ مۇھىمدۇر، بەزى ئۇيغۇرلار ئۆزىنى مەن ئاتالمىش تارىخچى دەۋېلىپ، ئەكسىيەتچى كىتابلارنى يېزىپ، جۇڭگو تارىخچىلىرى يېزىپ چىققان:«شىنجاڭ تارىخى» نى بۇرمىلاپ،خەلقنى زەھەرلىدى. شىنجاڭنىڭ ئەزەلدىن جۇڭگوغا تەۋە ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلدى. ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇپ ياشىغان دەپ، يالغان تارىخ ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، جۇڭگونى پارچىلاش ئۈچۈن ئىدىيىۋى ئاساس تەييارلاپ، قالايمىقانچىلىق چىقىرىشقا ئۇرۇندى. بۇلارنىڭ ئاساسلىق ۋەكىلى بولسا، تۇرغۇن ئالماس ۋە ئۇ يازغان:« ئۇيغۇرلار، قەدىمكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى، ھۇنلارنىڭ قىسقىچە تارىخىي»ناملىق ئۈچ كىتاپتۇر. ئۇ،بۇ كىتابلىرىدا ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇپ ياشىغان، جۇڭگوغا تەۋە بولغان ئەمەس، جۇڭگولۇقلار بولسا، شەرقىي تۈركىستانغا، كېيىن كۆچۈپ كەلگەن كۆچمەن خەلقتۇر» دەپ قارايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، پارتىيە ۋە ھۆكۈمىتىمىز ئۇنىڭ بۇ ئەكسىيەتچىل خاتالىقلىرىنى ۋاقتىدا بايقاپ،بۇ ئۈچ كىتاپنى چەكلىدى ۋە تۇرغۇن ئالماسنىڭ ياشىنىپ قالغانلىقىنى نەزەرگە ئېلىپ، مىرزا قاماققا ئېلىپ جازالىغان ئىدى. مېنىڭچە بولسا ئۇنىڭغا بېرىلگەن بۇ جازا بەك يېنىك بولۇپ قالغان، ئەسلىدە ئۇنى دەرھال ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىپ، ئېتىپ تاشلىشىمىز كېرەك ئىدى. كېيىن ئۇ ئۆز ئەجىلى بىلەن ئۆلۈپ كەتتى. بىز ئەمدى بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئۆلىكىنى كولاپ چىقىرىپ، كۈرەش قىلىشىمىز ۋە باشقىدىن جازا ھۆكۈم قىلىپ، سۆڭىكىنى كۆيدۈرۈپ تاشلىشىمىز كېرەك! شۇنداق قىلغاندىلا ئۇنىڭ قالدۇرغان روھى زەھەرلىرىنى تازىلاپ، كېيىن يېتىشىپ چىققان ئىزباسار مىللىي بۆلگۈنچىلەرگە ئىبرەت قىلغىلى بولىدۇ.
جۇ كۇرسانت ساقچىلارغا بىر قۇر قارىۋەتكەندىن كېيىن، ئۆزىچە ئاجايىپ چوڭ بىر نەزەرىيەنى سۆزلەۋاتقاندەك، بىر گېدىيىپ قويۇپ، سۆزىنى داۋام قىلدى: مىللىي بۆلگۈنچىلىك بولغان كۈرەش ھازىرمۇ داۋام قىلماقتا ۋە مەڭگۈ داۋام قىلىدۇ. تۇرغۇن ئالماسنىڭ ۋارىسلىرى ۋە شۇ قاتاردىكى زەھەرلىك ئىدىيە بىلەن يۇقۇملانغان نۇرغۇن زىيالىلار مەۋجۇت. ئۇلار 80–ۋە 90-يىللاردىكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، مەتبۇئات ئەركىنلىكىنىڭ بوشىتىلىش مەزگىلىدىن پايدىلىنىپ، ئەكسىيەتچى مەزمۇنلار بىلەن تولغان نۇرغۇن رومان، ھېكايە ۋە شېئىرلارنى يېزىپ، خەلقنى زەھەرلىدى. ئەمدى ئۇلاردىن ھېساب ئالىدىغان زامان كەلدى. مەن ھازىر تېخى تۇتۇلماي توردىن چۈشۈپ قالغان بىر قىسىم ئەكسىيەتچى زىيالى ۋە يازغۇچىلارنىڭ تىزىملىكىنى تەييارلاپ قويدۇم، بۈگۈن كېچە ئۇلارنى تۇتۇش ئۈچۈن چوڭ ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلىدۇ. شۇڭا بۈگۈن چۈشتىن كېيىن داۋاملىشىدىغان «بىر گەۋدىلەشكەن بىرلەشمە جەڭ قىلىش سۇپىسى» دەرسىنى ئەتىگە قالدۇرۇپ، سىلەرنى چۈشتىن كېيىن دەم ئېلىشقا قويۇپ بەرمەكچى بولۇۋاتىمىز، سىلەر ياتاقلىرىڭلاردا ياخشى دەم ئېلىپ ئاخشاملىققا ئېلىپ بېرىلىدىغان مەخپىي ھەرىكەت ئۈچۈن تەييار بولۇپ تۇرۇشۇڭلار كېرەك! سىلەرنى بىز ھەر قايسى ساقچى پونكىتلىرىنىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلىش گۇرۇپپىسىغا تەقسىم قىلماقچىمىز. ھەرىكەتتىن بۇرۇن سىلەرگە مەخسۇس ئۇقتۇرۇش قىلىنىدۇ!
ۋاڭ بىلەن جاڭ بۈگۈن يەنە باشقىچە ھاياجاندا ئىدى. ئۇلارنىڭ « كېچىلىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى» گە بولغان قىزىقىشى بەكمۇ يۇقىرى ئىدى. ئۇلار چۈشلۈك زىياپەت ئۈچۈن بېرىلگەن تاماقلىرىنى يەپ بولغاندىن كېيىن، ياتاقلىرىغا كىرىپ، بىر نەچچە سائەت ئۇخلىشىۋالدى-دە، ئاندىن سىرتقا چىقىپ ھاراق-تاماكا ئېلىپ كىرىپ، ئۆز-ئارا قۇرۇق پاراڭ قىلىشىپ، ھەرىكەت ۋاقتىنىڭ يېتىپ كېلىشىنى كۈتۈپ تۇرۇشتى.
مانا سائەت 12 بولۇشىغىلا، ئۇلارنىڭ ياتاقلىرىنىڭ ئالدىدا قارا رەڭلىك ماشىنىلار پەيدا بولۇپ، ھەرقايسى گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنگەن ساقچىلارنى ئېلىپ، كېچىدىكى تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى ئۈچۈن ئاتلاندى. ۋاڭ بىلەن جاڭ تەڭرىتاغ رايونلۇق بىرىنچى ساقچى پونكىتىنىڭ كېچىدە تۇتقۇن قىلىش ئەترىتىگە تەقسىم قىلىنغانىدى. كېچىدە تۇتقۇن قىلىش ئەترىتىنىڭ باشلىقى ئۇلارغا قىسقىچە چۈشەنچە بېرىپ: بۈگۈن ئاخشام بىز سائەت 12-04كىچە ئىككى سائەتلىك جىددىي تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارىمىز، بۇ 4 سائەت ئىچىدە، مانا ماۋۇ تىزىملىكتە يېزىلغان 30 كىشىنى تۇتقۇن قىلىشىمىز كېرەك، سىرىتتا بىنانىڭ كارىدورلىرىدا ئۈنلۈك ۋاراڭ-چۇرۇڭ قىلىشقا بولمايدۇ. ئاۋۋال تۇتقۇن قىلىش ئوبيېكتى بولغان ئۆينىڭ ئىشىكىنى قاقىمىز. ئەگەر، ئۈچ قېتىم قېقىلغىچە ئىشىك ئېچىلمىسا، ئىشىكنىڭ قۇلۇپىنى بۇزۇپ ئېچىپ كىرىپ تۇتقۇن قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز!-دېدى كۆزىنى ئالا-چەكمەن قىلىپ، ئاندىن ماشىنىنى ھەيدەشكە بۇيرۇق بېرىپ يولغا چىقىشتى
كېچىدە تۇتقۇن قىلىش ئەترىتى تەخمىنەن ئون بەش مىنۇتتەك يول بولغاندىن، كېيىن بىر يولدىن قايرىلىپ ئېگىز بىر بىنانىڭ ئالدىدا توختىدى. مانا بۇ 2- نومۇرلۇق بىنادا، بىز تۇتۇشقا تېگىشلىك ئۈچ كىشى بار-دېدى ئەترەت باشلىقى قول ئاستىدىكىلەرگە بوش ئاۋازدا، شۇنىڭدىن كېيىن، ئوڭ قىلىش ئەترىتىدىكى بارلىق ساقچىلار ماشىنىدىن چۈشۈپ،قاراۋۇلغا ئىشىكىنى ئاچتۇرۇپ، تۇتقۇن ئوبيېكتىنىڭ ئىشىك قوڭغۇرىقىنى باستى. بىر قېتىم بېسىلدى، ئىككىنچى قېتىم بېسىلدى، ئۈچىنچى قېتىم بېسىلدى، ئەمما ئىشىك ئېچىلمىدى. ئۇلار مەخسۇس قۇلپا بۇزغۇچى ئەسۋاب بىلەن ئىشىك قۇلۇپىنى بىر نەچچە قېتىم تولغىدى. ئاندىن كۈچەپ بىر ئىتتىرىۋىدى. ئىشىك ۋالاققىدە ئېچىلدى. تۇتقۇن قىلىنغان كىشى ئۇخلاش كىيىمى بىلەنلا ئورنىدىن تۇرغان بولۇپ،نېمە بولغانلىقىنى ئاڭقىرالمىغان ھالدا: نېمە بولدى؟ بۇ كېچىدە نېمە ئىشىڭلار بار؟ مەن گۇناھسىز، نېمىشقا مېنى تۇتقۇن قىلىسىلەر، قايسى قانۇنىڭلارغا ئاساسەن تۇتماقچى؟-دەپ، ۋاقىرىۋىدى، تۇتقۇن قىلىش ئەترىتىنىڭ باشلىقى:
-«ئاغزىڭنى يۇم »دەپ، يۈگۈرگەنچە كېلىپ، ئۇنىڭ ئاغزىغا بىر تال لۆڭگىنى قاتلاپ تىقىپ قويۇپ، باشقا ساقچىلىرىغا بۇيرۇق چۈشۈردى. شۇنىڭ بىلەن ياردەمچى ساقچىلار يوپۇرۇلۇپ كېلىپ، تۇتقۇن ئوبيېكتىنىڭ قولىغا كويزا سېلىپ، پۇتىغا كىشەن تاقىدى، ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىنلا ۋاڭ بىلەن جاڭمۇ يوپۇرۇلۇپ كېلىپ، قولىدىكى قارا خالتىدىن بىرنى تۇتقۇننىڭ بېشىغا كىيدۈردى. ھايت-ھۇيت تۈگىگىچە بىر بىنادىن ئۈچ كىشى مۇشۇ تەرىقىدە تۇتقۇن قىلىنىپ، ئېلىپ مېڭىلدى.
شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار يەنە بىر بىناغا بېرىپ تۆت كىشىنى تۇتقۇن قىلدى، ئاندىن يەنە ئىككى بىنا ئاتلاپ ئۆتۈپ، ئۇ بىر بىنادىنلا بەش كىشىنى تۇتقۇن قىلدى. شۇنداق قىلىپ 4 سائەتكە بارمىغان ۋاقىت ئىچىدە ئۇلار جەمىي ئوتتۇز كىشىنى تۇتقۇن قىلىپ، تىقمۇ-تىقماق قىلىپ، ئۈچ ماشىنىغا بېسىپ ئېلىپ ماڭدى.
ۋاڭ بىلەن جاڭ كېچىدە تۇتقۇن قىلىش ئەترىتىنىڭ باشلىقىنىڭ ماشىنىسىغا چىققان بولۇپ، نېمىشقىكىن بۇ ماشىنىغا تۆت ئادەم بېسىلغان ئىدى. ۋاڭ يولدا ماڭغاچ ئۇنىڭدىن سورىدى :
-بۇلار كىملەر؟ جۇ مۇدىر دېگەن ھېلىقى ئۆزلىرىنى زىيالىلار دەۋالىدىغان ئوقۇتقۇچى، يازغۇچى، شائىرلار شۇمۇ؟
-ھەئە، بۇلار ئۇزۇندىن بۇيان بىزنىڭ مائاشىمىزنى ئېلىپ، نېنىمىزنى يەپ، تۇزكورلۇق قىلغان ئىككى يۈزلىمىچى كىشىلەردۇر!-دېدى ئەترەت باشلىقى تۇتقۇنلارغا ئالايغانچە بىر قۇر قارىۋەتكەندىن كېيىن، ئاندىن، تىزىملىكنى قولىغا ئېلىپ قاراپ : مانا بۇ ئوڭ تەرەپتىكى ئىككى كىشىنىڭ بىرىنىڭ ئىسمى يالقۇن رۇزى. يەنە بىرىنىڭ ئىسمى ۋايىتجان ئوسمان ئىكەن. ئۇلار مائارىپ نازارىتىنىڭ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ، مەكتەپلەرنىڭ دەرسلىكلىرىنى تۈزۈش، رەتلەش، بېكىتىش بۆلۈمىنىڭ كادىرلىرى ئىكەن، سول تەرەپتىكىلەردىن بولسا ئالدىنقىسىنىڭ ئىسمى: نۇرمەمەت ئۆمەر ئىكەن، تەخەللۇسىنى :« ئۇچقۇن»دەپتۇ. شىنجاڭ فىداگوكا ئۇنۋېرستىتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئىكەن. يەنە بىرسىنىڭ ئىسمى: ئەكرەم مەمەت ئىكەن، ئۇ ئۈرۈمچى مائارىپ ئىنىستۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، ئىلگىرى تۈركىيەدە ئوقۇغان ئىكەن.
ۋاڭ بىلەن جاڭ ئەترەت باشلىقى ساقچىنىڭ تۇتقۇنلار ھەققىدىكى قىسقىچە تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئىككىسى تەڭلا تۇتقۇنلارنى چايناپ پۈركۈۋەتكۈسى كېلىپ كەتكەندەك ئۇلارغا كۆزلىرىنى چەكچەيتكەنچە ئالىيىپ بىر قاراپ قويۇپ، يەنە ئۇنىڭدىن سورىدى: ئەترەت باشلىقى بۇلارنى ھازىرلا سوراق قىلىشنى باشلامدۇق؟
-ھەئە، قېنىڭلار قىزىپ كېتىۋاتامدۇ قانداق؟-دېدى ئەترەت باشلىقى سائىتىگە قارىۋەتكەندىن كېيىن-بىزنىڭ بۈگۈن كېچىلىك تۇتقۇن قىلىش ئىشىمىز ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ۋە بالدۇر تاماملاندى. پىلانلانغان ئىشتىن چۈشۈش ۋاقتىمىزغا يەنە بىر سائەت بار ئىكەن. شۇنداقتىمۇ بىز بۇ تۆت گۇماندارنىڭ ھەممىسىنى سوراق قىلىپ بولالمايمىز، پەقەت ئوڭ تەرەپتىكى ئىككىسىنى بىرىنچى قېتىملىق سوراققا تارتىپ، ئۇلارنىڭ سوراق پوزىتسىيىسىگە قاراپ باقايلى. ئەھۋالغا قاراپ داۋامىنى ئەتە كۈندۈزى قىلساقمۇ بولىدۇ .
تۇتقۇنلارنى ئېلىپ ماڭغان ساقچى ماشىنىسى ھايال ئۆتمەيلا، ساقچى پونكىتىغا يېتىپ كەلدى. تۇتقۇنلار ماشىنىدىن چۈشۈرۈلۈپ ساقچى پونكىتى بىناسىنىڭ يەر ئاستى قېتىدىكى سوراقخانىغا ئېلىپ كىرىلدى. بۇ يەردە بىر نەچچە كامېر ۋە سوراقخانا بار بولۇپ،«ئەتە كۈندۈزى سوراق قىلىنىدۇ»دەپ بېكىتىلگەن ئىككى تۇتقۇن كامېرلارغا سولاپ قويۇلدى. بۈگۈنكى سوراق قىلىنىش ئوبيېكتى قىلىنغان يالقۇن رۇزى بىلەن ۋايىتجان ئوسمان بىر سوراقخانىغا ئېلىپ كىرىلىپ، ئايرىم-ئايرىم ئىككى يولۋاس ئورۇندۇققا ئولتۇرغۇزۇلۇپ، پۇت قولى مەھكەم باغلاپ،مىدىر-سىدىر قىل قىلالمايدىغان قىلىپ قويۇشتى-دە، رەسمىي سوراق باشلاندى :
-جىنايىتىڭنى ئىقرار قىلىش؟
-قايسى جىنايىتىمىزنى ئىقرار قىلىمىز؟ بىز جىنايەت ئۆتكۈزمىدۇق!-دەپ، تەڭلا جاۋاب بېرىشتىن ئىككى بىگۇناھ تۇتقۇن تېڭىرقىغان ھالدا.
-سىلەر چوڭ جىنايەت ئۆتكۈزدۈڭلار، دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزۈڭلار!-دەپ ۋاقىرىدى ئالاھىدە ساقچى ئەترىتىنىڭ باشلىقى، تۇتقۇنلار ئۇنىڭ گېپىدىن ھەيران قالغانىدى. ئۇلار ئىككىسى بىر-بىرىگە قارىشىپ، بىردەم تېڭىرقاپ تۇرۇپ قالغاندىن كېيىن جاۋاب بەردى: بىز دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان ھىۋقانداق ئىش قىلمىدۇق، تەشكىلات قۇرمىدۇق، نامايىش قىلمىدۇق، قوزغىلاڭ كۆتەرمىدۇق، ئۇنداقكەن قانداقسىغا دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزگەن بولىمىز؟
ساقچى پونكىتىنىڭ باشلىقى ئۇلارنىڭ ھەقلىق بولغان كۈچلۈك سوئاللىرىغا قايتۇرۇپ جاۋاب بېرىلمەستىن، قولىغا ئۇلار ھەققىدە ئالدىنئالا تەييارلاپ قويۇلغان جىنايەتكە سەۋەب قىلىنغان بېكىتىلمىسىنى ئېلىپ ئوقۇشقا كىرىشتى:« يالقۇر رۇزى، ۋايىتجان ئوسمان قاتارلىقلار مائارىپ نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى ساتتار ساۋۇتنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئۆزئارا تىل بىرىكتۈرۈپ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ تەجرىبە دەرسلىكى تۈزۈش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، چەتئەل يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى دەرسلىك كىتابلارغا كىرگۈزۈپ، غەرب ئەركىن پىكىر ئېقىمىنى ۋە تۈرك مىللەتچىلىك ئىدىيىسىنى تەشۋىق قىلىپ، جۇڭخۇئا مەدەنىيىتىنى كۆزگە ئىلماي، مىللىي ھېسسىياتنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ئۇرۇنغان. بۇ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ئېغىر جىنايى قىلمىش بولۇپ، گۇناھكارلار ئېغىر جازالىنىشى كېرەكتۇر، شۇڭا يالقۇن رۇزى ۋە ۋايىتجان ئوسمانلار تەپتىش ئورۇنلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، سوتنىڭ جازا ھۆكۈم قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىلىشى كېرەك!»
ساقچى باشلىقىنىڭ ئوقۇپ بەرگەن بۇ ھۆكۈم خاراكتىرلىك ئۇقتۇرۇشىنى ئاڭلىغان يالقۇن رۇزى بىلەن ۋايىتجان بىر-بىرىگە قارىشىپ ھەيرانلىقىنى يوشۇرالماي قېلىشتى. شۇ ئەسنادا يالقۇن روزىنىڭ كاللىسىغا ئۆزى ۋە باشقىلار بىلەن بىرلىكتە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئەدەبىيات دەرسلىكىنىڭ ئىككىنچى قىسمىغا كىرگۈزۈلگەن مۇنۇ بىر قىسقا ھېكايە ئېسىگە كەلدى: « ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلى بولۇپ، تۈركىيە تەرەپ بولۇپ قېتىلغان ئانتانتا دۆلەتلىرى ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپ، زور چىقىمغا ئۇچرايدۇ. پۇرسەتتىن پايدىلانغان ئەنگلىيە باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە ئارمىيە تۈركىيەگە ئەسكەر كىرگۈزۈپ، ئوسمانلى ئىمپراتۇرىلىقىنى نۇرغۇن تەڭسىز شەرتناملارغا قول قويۇشقا مەجبۇرلاپ، پۈتۈن تۈركىيە زېمىنىنى بېسىۋېلىشقا ئۇرۇنىدۇ. بۇنىڭغا قارىتا تۈركىيە ھەربىي تەرەپ قاتتىق قارشىلىق بىلدۈرىدۇ. بۇنداق قارشىلىق قىلغۇچى قوماندانلارنىڭ بىرسى مۇستاپا كامال ئاتا تۈرك ئىدى.تۈرك ئارمىيەسى مۇستاپا كامالنىڭ يېتەكچىلىكىدە،ئەنگلىيە بىرلەشمە ئارمىيىسىگە قارشى پۈتۈن سەپ بويىچە قوزغىلىپ ئۇرۇشقا ئاتلىنىدۇ.
بىر كۈنى مۇستاپا كامال قوشۇنلارنىڭ تەييارلىق ئەھۋالىنى كۆزدىن كۆچۈرۈپ كېتىۋاتقان چاغدا، قاتتىق يامغۇر يېغىپ كېتىدۇ. شۇ ئەسنادا مۇستاپا كامال يولدا ياغاچ ھارۋىنى ھەيدەپ كېتىۋاتقان بىر ئايالنىڭ بالىسىنى يامغۇردىن دالدا قىلىپ، ئۈستىگە يامغۇرلۇق ياكى بىرەر پارچە لاتا يېپىپ قويماستىن ئەكسىچە باشقا بىر نەرسىگە چوڭ بىر ئەدىيالنى يۆگەپ، ئېلىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ. مۇستاپا كامال بۇنىڭدىن ھەيران قېلىپ، ئۇ ئايالنىڭ ئالدىغا كېلىپ سورايدۇ: ھۆرمەتلىك خانىم بۇ ھارۋىدىكى يۆگەپ قويغىنىڭىز نېمە؟ نېمىشقا بالىڭىزنى يۆگەپ، يامغۇردىن دالدا قىلماستىن ئۇنى يۆگەپ ئېلىپ مېڭىۋاتىسىز؟
ئۇ ئايال مۇستاپا كامالنىڭ سوئالىغا مەردانىلىق بىلەن مۇنداق جاۋاب بېرىدۇ:
– مەن يۆگەپ قويغان بۇ نەرسە ھەربىي قورال-ياراقتۇر. ئۇنى يامغۇردىن مۇداپىئە قىلىپ ياخشى ساقلىمىسام، ئۇرۇشتا كارغا كەلمەي قالسا، مەن ئۇنىڭ زىيىنىنى تۆلەپ بولالمايمەن. ۋەتىنىمىز مۇنقەرىزلىككە بوغۇلىدۇ.بۇ بالا بولسا مېنىڭ يۈرەك باغرىمنى يېرىپ چىققان پەرزەنتىم. ناۋادا ئۇ ئاغرىق-سىلاق بولۇپ قالسا ياكى ئۆلۈپ كەتسە، مەن بۇنداق بالىدىن يەنە تۇغۇۋالالايمەن.ئەمما، ۋەتەن مۇنقەرىز بولۇپ قالسا، ئۇنى قۇتقۇزۇش تەس بولىدۇ.-دەپ جاۋاب بېرىدۇ. بۇنى ئاڭلىغان مۇستاپا كامال ئىنتايىن تەسىرلەنگەن ھالدا ياندىكى قوماندان ۋە ئەسكەرلىرىگە شۇنداق دەيدۇ: مانا مۇشۇ ئايالدەك ئىنسانلىرى بولغان مىللەت ھەرگىزمۇ باشقا مىللەتلەرگە قۇل بولۇپ قالمايدۇ.
ۋايىتجان ئوسمان بولسا ساقچى باشلىقىنىڭ گېپىدىن كېيىن ئويلىنىپ:« بۇلار بەلكى،دەرسلىك كىتاپلاردىن قۇسۇر تېپىشقان ئوخشايدۇ! ئەگەردە مېنىڭ يازغان شېئىرلىرىمدىن قۇسۇر تېپىۋېلىشسا، جىنايىتىم تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ ئېغىرلىشىپ كېتەرمۇ قانداق؟»-دەپ ئويلىنىپ تۇراتتى. ساقچى باشلىقى خۇددى ئۇنىڭ خىيالىنى بىلىپ قالغاندەك: ھەرقايسىڭلارنىڭ يازغان شېئىر، ماقالىلىرىدىمۇ ئېغىر مىللىي خاھىش مەۋجۇتتۇر، يازغان شئېر-ماقالىلىرىڭلارمۇ يەنە تەكشۈرۈپ قايتا باھالىنىدۇ!-دېدى ۋە ۋايىتجان ئوسمانغا ئالىيىپ قاراپ قويدى. شۇ چاغدا ۋايىتجان ئوسماننىڭ نەچچە يىل بۇرۇن يازغان مۇنۇ شېئىرى ئېسىگە كەلدى:
ئاگاھلاندۇرۇش!
بۇ يەردە ئۇرۇش بولماسمىش!
بۇ يەردە مېڭىشقا بولماسمىش!
بۇ يەردىن يېنىشقا بولماسمىش!
ئاسماندا ئەزەلدىن بۇ گەپ يوق،
يۇلتۇز بول بالام!
بۇ يەردە كۈلۈشكە بولماسمىش!
بۇ يەردە كۆرۈشكە بولماسمىش!
بۇ يەردىن ئۆتۈشكە بولماسمىش!
ئورماندا ئەزەلدىن بۇ گەپ يوق،
قۇش بول بالام!
بۇ يەردە سۆزلەشكە بولماسمىش!
بۇ يەردە كۈيلەشكە بولماسمىش!
بۇ يەردە سۆزلەشكە بولماسمىش!
بۇلاقتا ئەزەلدىن بۇ گەپ يوق،
دەريا بول بالام!
كۈلپەتتىن قان يىغلاشنى
دىلنى ھەسرەت چۇغلاشنى
پاك ۋىجداننى بۇلغاشنى
ھېچكىم مەنئىي قىلمىغان!
ئەگەر چىداپ ئۆتمەكچى بولساڭ،
ئادەم بول بالام!
بۇ ئىككى تۇتقۇن زىيالىي ئۆز خىياللىرى بىلەن جىم تۇرۇپ قالغانىدى. ساقچى باشلىقى بىر ۋاراقتىن قەغەزنى ئۇلارنىڭ ئالدىغا تاشلاپ: بۇنىڭغا ئىمزا قويۇش!-دەپ ۋاقىرىدى. تۇتقۇن زىيالىلار ناھايىتى تەمكىن كۆرۈنەتتى. ساقچى باشلىقىنىڭ ۋارقىرىشىدىن ھودۇقۇپ قېلىشمىدى، شۇنداقلا ھېچ قورقۇپمۇ كەتمىدى. چۈنكى ئۇلارباسقۇنچىلارنىڭ خاراكتېرىنى ناھايىتى ئوبدان بىلەتتى: «يوق يەردىن باھانە تېپىپ، پاكىت ئويدۇرۇپ چىقىش، يالغاننى-راستقا ئايلاندۇرۇپ دەسمايە قىلىش، زوراۋانلىق قىلىش ۋە قورقۇتۇش، بىگۇناھ ئىنسانلارغا جىنايەت ئارتىپ-جازالاش، ھەتتا قىيناپ ئۆلتۈرۈش-ئۇلارنىڭ باشقىلارنى بوي سۇندۇرۇشتىكى ئادالەتسىز مىزانى ۋە قان-قېنىغا سىڭىپ كەتكەن جىنايى قىلمىشلىرى ئىدى ».
جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرىۋاتاتتى. تۇتقۇن زىيالىلارنىڭ ئالدىنئالا تەييارلاپ قويۇلغان ئىقرارنامىگە تېخىچە قول قويماي تۇرغانلىقىنى كۆرگەن ۋاڭ بىلەن جاڭ قولىغا بىر تالدىن كاتەكنى ئېلىپ، ئۇلارنى ئۇرۇش ئۈچۈن ئالدىغا مېڭىۋىدى، ساقچى باشلىقى بىر بۇيرۇق بىلەن ئۇلارنى توختىتىپ قويدى. ئۇنىڭ بۇ زالىملارنىڭ مەزلۇملارغا قىلماقچى بولغان زۇلۇمىنى نېمە ئۈچۈن توختىتىپ قويغانلىقىنى تېخى بىلگىلى بولمايتتى. قارىغاندا ئۇ:« بۇلارنى ئۇرۇپ-قىيناش ھاجەتسىز، ئۇلار زىيالىي بولغاندىن كېيىن دانا كېلىدۇ. ئۇلار چۇقۇم تاياق-توقماقسىزمۇ ئۆزلىكىدىن ئىمزا قويىدۇ»دەپ، ئويلاۋاتقان بولۇشى مۇمكىن ئىدى. دېگەندەك ئۇنىڭ پەرزى توغرا بولۇپ چىقتى. يالقۇت رۇزى بىلەن ۋايىتجان ئوسمان بىر-بىرىگە قارىشىۋەتكەندىن كېيىن، ئۆزئارا كۆز ئىشارىتى قىلىشىپ، ئالدىن تەييارلانغان ئىقرارنامىگە قارشىلىقسىزلا ئىمزا قويۇپ بېرىشتى.
شۇنىڭ بىلەن بۈگۈنكى سوراق ئاخىرلاشقان ئىدى. تۇتقۇن زىيالىلار يولۋاس ئورۇندۇقىدىن بوشىتىلىپ باشقا بىر كامېرغا ئېلىپ چىقىپ سولاپ قويۇلدى. سوراقچىلار ئىشتىن چۈشۈپ قايتىش ئالدىدا تۇراتتى. توساتتىن ۋاڭ چىرايىنى پۈرۈشتۈرگەن ھالدا ساقچى باشلىقىدىن سورىدى: باشلىق، بۈگۈن بەك رەھىمدىل بولۇپ كەتتىڭىزمۇ قانداق؟ ئۇلارنىڭ تازا بىر ئەدىۋىنى بېرىپ قويۇش كېرەك ئىدى. قېنىم قىزىپ، قولۇمدىكى كالتەك بىلەن تازا بىر ئۇراي دەپ تۇرۇۋىدىم، ئۇنىڭغا رۇخسەت قىلماي قالدىڭىز، بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟
ساقچى باشلىقى خىرىلداپ گېلىنى بىر قېقىۋەتكەندىن كېيىن جاۋاب بەردى : يولداشلار، سىلەر شىنجاڭغا كەلگىلى ئانچە ئۇزاق بولمىدى. خىزمەتتىكى قىزغىنلىقىڭلارنى چۈشىنىمەن، ئەمما بۇ يەردە مۇھىم بىر نەرسە سىلەرنىڭ ئۇلارنى ئۇرۇشۇڭلاردىن توسۇشۇمغا مەجبۇر قىلدى. ئۇ بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلاردىن چىققان داڭلىق يازغۇچى ۋە شائىر بولۇشى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ جۇڭگو ۋە چەتەللەرگىچە نامىنىڭ تونۇلۇپ كەتكەن مەشھۇر كىشىلەر ئىكەنلىكىدۇر. بۇنداق كىشىلەرنى ئالدىراپ ئۇرۇپ-قىيناشقا ياكى ئۆلتۈرۈپ قويۇشقا بولمايدۇ. شۇڭلاشقا، بۇلارنىڭ يېتەكچىسى-مائارىپ نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى ساتتار ساۋۇت ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان بولسىمۇ، تېخىچە ئىجرا قىلىنمايۋاتىدۇ. بەلكى مەڭگۈ ئىجرا قىلىنماسلىقى مۇمكىن! بۇ دۆلىتىمىزنىڭ خەلقئارادىكى دېموكراتىك دۆلەتلەردىن ۋە ئىنسان ھەقلىرىنى قوغداش تەشكىلاتلاردىن ئېھتىيات قىلغانلىقى، شۇنداقلا ئۇلار تەرىپىدىن:« ئىنسان ھوقۇقىغا خىلاپلىق قىلىش» بىلەن ئەيىبلىنىپ، دۇنيادىكى ئوبرازىمىزنىڭ چۈشۈپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈندۇر.
«كېچىلىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى»گە قاتناشقان ۋاڭ بىلەن جاڭ ھېرىپ، چارچاپ كەتكەنلىكتىن ئەتىگەن ناشتىلىققىمۇ چىقىشماي ئۇخلاپ كېتىشكەن ئىدى. كۇرسانتلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ كېچىلىك تۇتقۇن قىلىشقا قاتناشقانلىقىنى نەزەرگە ئالغان كۇرس مەسئۇلى، بۈگۈنكى كۇرسنى چۈشتىن كېيىنگە ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، ساقچىلار چۈشتىن بۇرۇن ناشتىلىقلىرىنى قىلىشىپ، ئۆز ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولۇشتى. شۇ ئارىدا ئۇلارنىڭ تېلېفونىغا ئۇچۇر كەلگەن بولۇپ، ئۇچۇردا :«بۈگۈنكى دەرس سائەت بىردە باشلىنىدۇ» دېيىلگەن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن كۇرسانىت ساقچىلار چۈشلۈك تاماقلارنى بالدۇرلا يېيىشىپ، سائەت بىر بولۇشىغىلا دەرسخانىغا كېلىپ ئورۇن ئېلىپ، ئىنژېنېر مۇئەللىمنىڭ كېلىپ دەرس باشلىشىنى كۈتۈپ تۇرۇشتى .
سائەت بىر بولۇشىغىلا قوڭغىراق چېلىنىپ، زالدىكى ۋاراڭ-چۇرۇڭ بېسىقتى. ئىنژېنېر مۇئەللىممۇ يېتىپ كەلگەن ئىدى. ئۇ ئۆزى بىلەن بىللە كۆتۈرۈپ كەلگەن كومپيۇتېرنى دەرس ئۈستىلى ئۈستىگە قويۇپ، ئېلېكترونلۇق ئېكرانغا چاتقاندىن كېيىن، تىزگىنەكىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، بۈگۈن ئۆتۈلىدىغان دەرسنىڭ تېمىسىنى ئېكرانغا چۈشۈردى. ئېكراندا:« بىر گەۋدىلەشكەن بىرلەشمە جەڭ قىلىش سۇپىسىنىڭ سىغىمچانلىقى ۋە ئۇنىڭغا قاچىلانغان ئۇچۇرلار ھەققىدە چۈشەندۈرۈش» دېگەن باش ماۋزۇ كۆرۈندى. باش ماۋزۇنىڭ ئاستىدا نۇرغۇن كاتەكچىلەرگە بۆلۈنگەن تەپىسىلى مەزمۇنلارمۇ كۆرۈنۈپ تۇراتتى .
ئىنژېنېر مۇئەللىم تىزگىنەكنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ تۇرۇپ دەرسنى باشلىدى : يولداشلار بىزنىڭ بۇ «بىر گەۋدىلەشكەن بىرلەشمە جەڭ قىلىش سۇپىسى»نىڭ سىغىمچانلىقى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، ئۇنىڭدا نەچچە مىليون ئادەمنىڭ ئۇچۇرىنى يىغىپ ساقلىغىلى بولىدۇ. مۇشۇنداق چوڭ ھەجىملىك سىستېمىنى، بىز ھازىر سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، يىغىنچاقلاپ بىر« ئەپ» ھالىتىگە كەلتۈردۇق، بۇ ئەپ:« ساقچى يانفون ئەپى» دەپ ئاتىلىدۇ. مانا بۇ قولۇمدىكى كارتا!-دېدى ئىنژېنېر مۇئەللىم بىر تېلېفون كارتىسىغا ئوخشايدىغان كارتىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ،-يانفون ئېپىنىڭ كىچىكلىتىپ چىپكە ئايلاندۇرۇلغان ئۆرنىگىدۇر. بۇ كارتىغا پۈتۈن بىرلەشمە جەڭ قىلىش سۇپىسىنىڭ ئۇچۇرلىرى قاچىلانغان. بۇ كارتىلار كۇرس ئاخىرىدا سىلەرگە تارقىتىپ بېرىلىدۇ ئۇنىڭدىن كېيىن، سىلەر مۇشۇ يانفون ئېپى ئارقىلىقلا ئىز قوغلاپ بارلىق گۇمانلىق تېررورچىلارنى نازارەت ئاستىغا ئالالايسىلەر ۋە تۇتقۇن قىلالايسىلەر!
مانا بۇ تۆۋەندىكى جەدۋەلدە «ساقچى يانفون ئەپ»ىغا قاچىلانغان تۇتۇش ۋە نازارەت قىلىش ئۆلچىمىنىڭ شەرتلىرى يېزىلغان، مانا ئۇ ئېكراندىكى جەدۋەل ئۇنىڭغا يىغىلغان ئۇچۇرلارنىڭ تەپسىلىي مەزمۇنىنى بىزگە كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ-دەپ، تىزگىنەكنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، جەدۋەلدىكى مەزمۇنلارغا توغرىلىدى :
شەخسنىڭ ھاياتى ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرى، كىملىكى، يانفونى ۋە ئىنتېرنېت ئالاقىسى، d. n. a(دې ئېن ئا)سى، بانكا كارتىسى، سۇغۇرتا كارتىسى، گاز سېتىۋېلىش كارتىسى، شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ۋە تىزىملاتقان ماشىنىسى، خىزمەت ياكى ئوقۇغۇچىلىق كېنىشكىسى، تۇرۇۋاتقان شەھەر، مەھەللە، ئۆي ئادرېسى، ئائىلىدىكى نوپۇس سانى، توي قىلغان ياكى قىلمىغانلىقى، پىلانلىق تۇغۇتقا رىئايە قىلىش ئەھۋالى، داۋالىنىش كارتىسى ۋە ھازىرقى سالامەتلىك ئەھۋالى، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئەھۋالى ۋە ئۈچ ئەۋلاد ئەجدادنىڭ تارىخى، ئەدلىيە خاتىرىسى، شۇنداقلا يەنە كىشىلەرنىڭ قان تىپىدىن، بوي ئېگىزلىكىگىچە، ئەتراپىدىكى دىنىي مۇھىتتىن ئۇلارنىڭ سىياسىي قىياپىتىگىچە بولغان بارلىق ئۇچۇرلار-مانا مۇشۇ ئېكراندا كۆرۈنۈۋاتقان «بىر گەۋدىلەشكەن بىرلەشمە جەڭ قىلىش سۇپىسى» غا قاچىلانغاندۇر.شۇنداقلە ئۇ كىچىكلىتىلىپ،«ساقچى يانفون ئەپ»گە ئايلاندۇرۇلغاندۇر.بۇ ئارقىلىق شىنجاڭدىكى ھەر بىر ئادەمنىڭ ئىزى قوغلىنىپ، نازارەت ئاستىغا ئېلىنىدۇ.
-مانا بۇ كارتا دەپ داۋام قىلدى ئۇ يەنە بىر تېلېفون كارتىسىغا ئوخشايدىغان كىچىك بىر كارتىنى كۆرسىتىپ-« ساقچى يانفون ئەپ»ىنىڭ كىچىكلىتىلگەن شەكلىدۇر. سىلەر ئەمدى مۇشۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، ئىز قوغلاش ئارقىلىق ھەر قانداق بىر گۇمانلىق ئۇنسۇر ۋە جىنايەتچىلەرنى تۇتالايسىلەر، مانا بۇ زامانىۋى تېخنىكىنىڭ كارامىتى بولۇپ،بۇ ئاسمانغا تور-يەرگە قاپقان قۇرغاندىنمۇ نەچچە ھەسسە كۈچلۈك بىر قورالدۇر.
ئىنژېنېر مۇئەللىمنىڭ بۇ چۈشەندۈرۈشلىرىدىن كېيىن كۇرسانت ساقچىلار دەرسخانا بولۇشىغا قارىماي قوللىرىنى كۆتۈرۈپ ئۇزاقتىن ئۇزاق چاۋاك چېلىشىپ كېتىشتى. ھەمدە بىر-بىرىگە قارىشىپ:«مانا ئەمدى ئىشىمىز ئاسانلىشىپتۇ، يۇقىرىدىن بۇيرۇق كېلىشى كېرەك، پالانى يەردە بىر ئىش يۈز بېرىپتۇ. ئۇ يەرگە بېرىپ قورشاپ تۇتۇش ۋە تىنتىش ئېلىش ئېلىپ بېرىشىمىز كېرەك دەپ يۈرمەيدىكەنمىز، ھەممە ئىشنى تېلېفوندىلا قىلغىلى بولىدىكەن. ھەردائىم ۋەقەدىن ئالدىنالا خەۋەر تاپالايدىكەنمىز، گۇمانلىق ئۇنسۇرلار چاڭگىلىمىزدىلا دېگەن گەپ ئىكەن، ئۇنداق بولغاندىن كېيىن، تېررورچى ئۇنسۇرلار ۋە خەتەرلىك جىنايەتچىلەرنى ھايت-ھۇيت دېگۈچىلا قولغا چۈشۈرەلەيدىكەنمىز، بۇ ساقچى يانفون ئەپى بەك قالتىسكەن، ھەقىقەتەن ئىشقا يارايدىكەن!»دېيىشىپ، گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ كېتىشتى.
دەرسخانىدىكى بۇ ۋاراڭ-چۇرۇڭ ۋە تەرتىپسىزلىكنى كۆرگەن ئىنژېنېر مۇئەللىم ئۆزىمۇ ھېرىپ كەتتىمۇ قانداق؟ كۇرسانىت ئوقۇغۇچىلارنى 15 مىنۇت تەنەپپۇس قىلىشقا قويۇپ بەردى. تەنەپپۇس ۋاقتىدا كۇرسانىت ساقچىلار ئۆزئارا خۇددى چوڭ بىر ئەڭگۈشتەرنى تېپىۋالغاندەك يۇقىرى ئاۋازدا پاراڭلىشىپ كېتىشتى. ۋاڭ بىلەن جاڭمۇ بىر-بىرى بىلەن مۇنازىرىلىشىۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ مۇنازىرىسىنىڭ مەزمۇنىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلگىلى بولمىسىمۇ، ئەمما مۇنداق تەخمىنەن قىلىشقا بولاتتى:« مانا ئىش ئەمدى باشقىچە بولىدىغان بولدى. بىزگە چوڭ ئىمكانىيەت تۇغۇلدى، ئەمدى بىز تېخنىكىنىڭ كۈچىدىن پايدىللىنىپ، بۇ ياۋايى تېرورچىلارنى تۇتۇش ۋە قاماشنى تېخىمۇ ئاسان ۋە تېزلىكتە قىلالايدىكەنمىز. كېچە-كۈندۈز ئىز قوغلاپ، قاتتىق زەربە بېرەلەيدىكەنمىز، پۇرسەت ئەمدى كېلىپتۇ. بۇ پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي، تۆھپە كۆرسىتىپ، يۇقىرىنىڭ تەقدىرلىشىگە ئېرىشىپ، ئۆز ئورنىمىزنى تىكلىشىمىز كېرەك!»
تەنەپپۇس ۋاقتى توشقان ئىدى. كۇرسانىت ساقچىلار جايلىرىغا كېلىپ ئولتۇرۇشتى. ئىنژېنېر مۇئەللىم ئېكرانلىق دوسكىنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئەتراپقا بىر قۇر قارىۋەتكەندىن كېيىن:
-يولداشلار! مەن ھازىر سىلەرگە:«ساقچى يانفون ئەپ»ىنىڭ كارامىتىنى كۆرسىتىمەن، بىر ئەمەلىي مەشغۇلات تەجرىبىسى ئېلىپ بارىمىز، ھەممىڭلارنىڭ كۆڭۈل قويۇپ كۆرۈشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن!-دەپ، ئۈستەل ئۈستىدىكى ھېلىقى كارتىنى ئېلىپ يانچۇقىدىن يانفوننى چىقىرىپ، كارتىنى يانفونىغا سالدى-دە، ئاندىن ئۇنى ئېكرانىغا باغلاپ، بىر قاتار يانفون نومۇرلىرىنى چىقىرىپ، چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى : بىز بۇ يانفون ئېپىدە ئاساسلىقى، كىشىلەرنىڭ تېلېفونى (يانفۇنى) قاتناش قورالى ۋە كىملىك كارتىسى ئارقىلىق ئىز قوغلايمىز، دۇنيانىڭ قانداق يېرىدە بولسا-بولسۇن،كىشىلەرنىڭ تۇرغان يېرىنى بىلىۋالالايمىز. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە كىشىلەرنىڭ توك ئىشلىتىشى خاتىرىسى، ماشىنىغا ماي قاچىلاش ۋە بارىدىغان گاز پونكىتلىرىگىچە ئىز قوغلاپ تەكشۈرگىلى بولىدۇ. مانا بۇ جەدۋەلدىكى تېلېفون نومۇرلىرىغا قاراڭلار. بۇ نومۇرلارنىڭ ھەممىسى ساقچى يانفون ئېپىگە قاچىلانغان بولىدۇ. بىز شۇ نومۇرلارنى ئەپكە باغلايمىزدە، مەزكۇر كىشىنىڭ كىم بىلەن سۆزلىشىۋاتقانلىقى، نەدە ئىكەنلىكى، نەگە كېتىۋاتقانلىقى، نېمە دېيىشكەنلىكىنىڭ ھەممىسى مانا مەن دەپلا چىقىدۇ. مانا بۇ جەدۋەلدىكى قىزىل چېكىت قويۇلغانلار ئۆزلىرىنىڭ تېلېفوندا دېيىشكەن گۇمانلىق قىلمىشلىرى ۋە گەپ-سۆزلىرى سەۋەبىدىن ئاللىقاچان تۇتۇلغانلاردۇر. مەسىلەن: مانا بۇ ئەخمەت مەمەت دېگەن كىشىنىڭ يانفون خاتىرىسى، دەپ ئۇنىڭ يانفون نومۇرىنى نومۇرىنى بېسىپ ئېچىۋىدى، ئەخمەتنىڭ ئىلگىرى سۆزلەشكەن، يۈرەك بەرگەن ۋە ئىنكاس يازغان خاتىرىلىرىنىڭ ھەممىسى كۆرۈندى. ئىنژېنېر مۇئەللىم ئۇ خاتىرىگە قاراپ: مانا بۇ ئەخمەت دېگەن كىشى بىر تىجارەتچى، ئۇ يۈز قېتىمغا يېقىن «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم»دېگەن، قۇرئاننى چۈشۈرۈپ ئوقۇغان، تەبلىغ ئاڭلىغان، تۈركىيە ناخشىلىرىنى تىڭشىغان، مىللىي خاھىشى كۈچلۈك ئىنكاسلارنى يازغان….شۇڭا بۇ گۇمانلىق كىشى بولۇپ،دەرھال تۇتقۇن قىلىنىشى كېرەك!
ئىنژېنېر مۇئەللىم تىزگىنەكنى سېرىق چىكىت قويۇلغان بىر نومۇرنىڭ ئۈستىگە توغرىلاپ، بېسىپ ئېچىۋىدى، يەنە بىرسىنىڭ، يانفون خاتىرىسى ئېكراندا كۆرۈندى. مانا بۇ سېرىق چېكىت قويۇلغان كىشى دەپ، چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى ئىنژېنېر مۇئەللىم،-بۇ تېخى تۇتقۇن قىلىنمىغان بىر ئوقۇتقۇچىدۇر. ئۇ ئوقۇتقۇچى بولۇشىغا قارىماي، ھاراق ئىچمەيدۇ، تاماكا چەكمەيدۇ. ئۇنىڭ تېلېفونىدا ھازىرغىچە چەكلەنگەن گەپ-سۆز ۋە ئىنكاسلار كۆرۈلمىدى. ئۇ ئۆيىدىن تالاغا چىقماي، دائىم كىتاب ئوقۇيدۇ. ئۇنىڭ كىتابلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك دۆلەت تىلىدىكى كىتابلاردۇر. ئۇ بەلكى ئىلگىرى ئۇيغۇرچە چەكلەنگەن كىتابلارنى ئوقۇغان، ئەمما ھازىر يوشۇرۇپ قويغان بولۇشى مۇمكىن! ناۋادا ئۇ كىتابلار تېپىلىپ قالسا، ئۇمۇ ئىشەنچىزلار قاتارىغا كىرگۈزۈلۈپ، ئۇنىڭ سېرىق چىكىتى-قىزىل چېكىتكە ئاپتوماتىك ئالمىشىدۇ-دە، ئۇمۇ تۇتقۇن قىلىنىدۇ.
ئىنژېنېر مۇئەللىم تىزگىنەكنى باشقا بىر نومۇرغا يۆتكەپ بېسىۋىدى، يەنە بىر كىشىنىڭ سۆزلەشكەن ۋە يازغان ئىنكاسلىرى كۆرۈندى. مانا بۇ كىشى يېشىل چېكىت قويۇلغان كىشىدۇر، ئۇ بىر ئۇيغۇر بولسىمۇ، ئەمما كومپارتىيە ئەزاسى، كوممۇنىستىك پارتىيەنى قىزغىن سۆيىدۇ. ماددىي ئەشيا باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ پارتىيە سېكرېتارى، ئۇنىڭ يانفونىدا ھازىرغىچە ھېچقانداق گۇمانلىق گەپ-سۆز ۋە مىللىي خاھىشى كۈچلۈك ئىبارىلەر كۆرۈلمىدى. ئەمما ئۇمۇ داۋاملىق ئىز قوغلاپ، كۆزىتىلىدۇ.
ئىنژېنېر مۇئەللىم تىزگىنەكنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ، يەنە بىر كىشىنىڭ يانفون نومۇرىغا توغرىلاپ بېسىۋىدى، ئۇ كىشىنىڭ يانفون خاتىرىسى كۆرۈندى. ئىنژېنېر مۇئەللىم يەنە بۇ يانفون خاتىرىسىنى يۇقىرىدىن-تۆۋەنگە سىرىپ كۇرسانلارغا كۆرسىتىپ مۇنداق دېدى :«مانا بۇ كىشى بىر شەخسى شىركەت قۇرغان كارخانىچى، ئۇنىڭ شەخسى ماشىنىسى بار بولۇپ. دائىم ماشىنا ھەيدەپ سىرىتقا چىقىدۇ. مانا ھازىر ئۇ ئۆيدە ئەمەس، باشقا بىر يەرگە كېتىۋاتىدۇ. مانا ھازىر ئۇ ماي قاچىلاش پونكىتىغا يېقىنلاشتى، قارىغاندا ئۇ ماشىنىسىغا ماي قاچىلايدۇ»دەپ، بىر مىنۇتتەك ئۇنىڭ ماي قاچىلاش پونكىتىغا كىرىۋاتقان كۆرۈنۈشىنى كۆرسەتتى. ئۇ ماشىنىسىغا ماي قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن، بانكا كارتىسىنى ئېلىپ پۇل تۆلىمەكچى بولۇپ،پىركازچىكنىڭ ئالدىغا كېلىپ، كارتىسىنى ئۇنىڭغا سۇندى. پىركازچىك كارتىنى ئېلىپ، ھېساب ماشىنىسىغا قويۇۋىدى، ئۇنىڭ كارتىسى تىت، تىت، قىلىپ سايراپ كەتتى. ئۇ كىشى ھەيران بولغان ھالدا:«نېمە بولدى؟»دەپ پىركازچىكتىن سورىۋىدى، پىركازچىك ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: سەن ئۆتكەندە باشقا بىر ماشىنىغا ماي قاچىلاپتىكەنسەن، بۈگۈن باشقا بىر ماشىنىغا ماي قاچىلاپسەن، بەلكى شۇنىڭدىن بولدى دەپ، ئۇنىڭغا غەلىتە قاراپ قويدى. ئۇزاق ئۆتمەيلا، ئىككى ساقچى كېلىپ، ئۇ كارخانىچى كىشىنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى.
مانا كۆردۈڭلار-دەپ بېشىنى ئېگىز قىلىپ گېدەيگەنچە كۇرسانت ساقچىلارغا قاراپ ئىنژېنېر مۇئەللىم سۆزلەشكە باشلىدى: مانا بۇ يۇقىرىدا كۆرگىنىڭلار:«ساقچى يانفون ئەپى»نىڭ كارامىتىدۇر. كۇرس ئاخىرلاشقاندا ھەممىڭلارغا بۇ كارتىلاردىن تارقىتىپ بېرىلىدۇ. يەنە بىر-ئىككى كۈن سەۋر قىلىپ تۇرۇڭلار، مېنىڭچە بولغاندا مەن سىلەرگە ھازىرلا تارقىتىپ بېرەتتىم، ئەمما بۇ يۇقىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى دەپ، چۈشەندۈرۈش قىلىپ تۇرۇۋاتاتتى. توساتتىن ئۇنىڭ يانفودى جىرىڭلاپ، بىرسى بىلەن سۆزلىشىپ:«ياخشى، ياخشى، بىز ساقلايمىز!»دەپ، يانفۇنىنى ئېتىۋەتكەندىن كېيىن كۇرسانت ساقچىلارغا قاراپ: ھازىر بۈگۈنكى دەرسىمىز ئاخىرلىشىش باسقۇچىغا كىرىپ قالدى. دەرس ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن جۇ مۇدىر كېلىپ سىلەرگە يەنە بەزى نەرسىلەر توغرىسىدا ئىزاھات بېرىپ ئۆتۈشى كېرەك ئىكەن. بىردەم تەخىر قىلىپ تۇرۇڭلار!-دەپ، ئېكراننى ئۆچۈرۈپ دەرس ماتېرىياللىرىنى يىغىشتۇرۇشقا باشلىدى
ھايال ئۆتمەي «سىياسىي قانۇن كومىتېتى»نىڭ مۇدىرى جۇ كېلىپ: يولداشلار ياخشىمۇ سىلەر؟_دەپ، پەقەت بىر ئېغىزلا سالام بېرىپ بولغاندىن كېيىن،سۆزىنى باشلىدى: يولداشلار، بۈگۈنكى دەرس قانداق بولدى؟ كۇرسانت ساقچىلارنىڭ ھەممىسى بىردەك يۇقىرى ئاۋازدا جاۋاب بېرىشتى :
-دەرس بەك ياخشى بولدى، بۇ دەرستە بىز ئۆگەنگەن«ساقچى يانفون ئەپى»نىڭ خىزمىتى قالتىسكەن. بىز ئۇنى ياخشى ئۆگىنىۋالدۇق. ھازىردىن باشلاپ بۇنى بىز ئەڭ ياخشى دەرىجىدە ئىشلىتىپ تېررورچىلارغا قاتتىق زەربە بېرىمىز!-دەپ، ئېغىزدىن-ئېغىزغا تەگمەي ماختىشىپ كېتىشتى. بۇنى ئاڭلىغان جۇ مەغرۇرلانغان قىياپەتتە گېدىيىپ قويۇپ يەنە سۆزىنى داۋاملاشتۇردى: يولداشلار! مانا بۈگۈنكى دەرسىنى بولۇپمۇ «ساقچى يانفون ئەپى»نىڭ كارامىتىنى ئۆز كۆزۈڭ بىلەن كۆرۈپ، قۇلىقىڭلار بىلەن ئالدىڭلار.بىزنىڭ بۇ « بىر گەۋدىلەشكەن بىرلەشمەي جەڭ قىلىش سۇپىسى» نىڭ كىچىكلىتىلگەن شەكلى بولغان« ساقچى يانفون ئەپى» ئەمدى ئۆزىنىڭ رولىنى سىلەرنىڭ قولۇڭلار بىلەن ۋۇجۇدقا چىقىرىشى كېرەك. بىز بۇ «ئەپ» كە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقتىن تارتىپ-بوۋاي-مومايلارغىچە، قان تىپىدىن-بوي ئېگىزلىكىگىچە بولغان 36 خىل ئادەمنىڭ شەخسى ئۇچۇرىنى توپلايمىز. ھەتتا بۇ «ئەپ» كە يەنە يانفون ئىشلىتىشنى توختاتقانلار، قولۇم-قوشنىلىرى بىلەن باردى كەلدى-قىلمىغانلار، مەكتەپ ۋە مەسچىتلەرگە ئىئانە يىغقانلار، ئىلگىرى ھاراق ئىچىپ، كېيىن تاشلىغانلاردىن تارتىپ، ھەر قانداق بىر غەيرىي ھەرىكەت قىلغانلارنىڭ ئۇچۇرىمۇ يىغىلىدۇ.
-يولداشلار دەپ سۆزىنى داۋام قىلىدى ئۇ-سىلەرنى ئالدىڭلاردا جاپالىق ۋەزىپىلەر كۈتۈپ تۇرماقتا، زوراۋان تېررورچى ۋە دىنىي ئەسەبىي ئۇنسۇرلارنى يوقىتىش يەنىلا ئۇزۇن مۇددەت داۋام قىلىدىغان بىر خىزمەتتۇر، باش سېكرېتار شى جىن پىڭ نىڭ 2014-يىلى شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان:«شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش جەھەتتە قىلغان سۆزى»نىڭ روھىنى بارلىق كۈچىمىز بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن، ھەر قانداق ۋاستىدىن پايدىلىنىپ، سىلەر ھازىر ئۆگىنىۋاتقاندەك ئىلغار يېڭى تېخنىكىلارنىڭ ياردىمى بىلەن، ھەر قانداق بىر گۇمانلىق كىشىنى كۆزدىن ساقىت قىلىپ قويماسلىقىمىز، ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئالدىنالا كۆزىتىپ، ۋەقە چىقىرىشتىن بۇرۇن تۇتقۇن قىلىپ، چوڭ ئىش چىقىرىپ قويۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز كېرەك! يولداشلار سىلەر قاتنىشىۋاتقان:« بىر گەۋدىلەشكەن بىرلەشمە جەڭ قىلىش سۇپىسى توغرىسىدىكى ئۆگىنىش كۇرسى» ئىككىنچى كۈنىگە قەدەم قويدى. نەزىريە ئۆگىنىشنى ئەمەلىي خىزمەت بىلەن بىرلەشتۈردۈڭلار. مول بىلىم ۋە تەجرىبىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىڭلارغا ئىشىنىمەن. يەنىمۇ غەيرەت قىلىڭلار! مېنىڭ ئاخىرىدا دېمەكچى بولغىنىم، بۈگۈنكى نەزەرىيە دەرسى مۇشۇ يەردە توختىتىلىدۇ. ئەمدى سىلەر بېرىپ ياتاقلىرىڭلاردا ياخشى دەم ئالغاندىن كېيىن، يەنە«كېچىلىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى»گە قاتنىشىسىلەر، بىر قىسىم يولداشلار تۈنۈگۈنكى خىزمىتىدە مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن، بۈگۈنمۇ شۇنداق قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن! كېچىسى تۇتۇلغانلار ئىمكان بولسا، شۇ كېچىسىلا ياكى ئەتىسى سوراق قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ ھېسابى ئېلىنىشى كېرەك. شۇڭا بىر قىسمىڭلار قېلىپ، سوراق قىلىش ئىشىنى داۋام قىلدۇرساڭلامۇ بولىدۇ. ئەمما يەنىلا كۆپىنچىڭلار «كېچىلىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى»گە قاتنىشىشىڭلارنى مۇھىم دەپ قارايمەن. تۇتقۇنلارنى سوراق قىلىش ئۈچۈن قېلىپ قالىدىغانلار ئۆزۈڭلارنى مەلۇم قىلىپ، بىزگە بىلدۈرۈڭلار! كېچىلىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىگە قاتنىشىدىغانلار خىزمىتىڭلارنى «ئالاھىدە ساقچى ئەترىتى»نىڭ يېتەكچىلىكىدە داۋام قىلدۇرساڭلار بولىدۇ. خەيىر-خوش، يەنە كۆرۈشىمىز!
ۋاڭ بىلەن جاڭ ئۆزئارا مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن، بۈگۈنكى كېچىلىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىگە قاتناشماي، كېچە تۇتقۇن قىلىنغانلارنى سوراق قىلىشقا قاتنىشىنى قارار قىلىشىپ، « سىياسى قانۇن كومىتېتى»غا بېرىپ، كەچ سائەت 8 دىن باشلاپ، تۈنۈگۈن كېچە تۇتۇلغان-تۇتقۇنلارنى سوراق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويۇشتى-دە، ماگىزىنغا بېرىپ يەنە ھاراق-تامكا قاتارلىق ئەيىش-ئىشرەت بۇيۇملىرىنى سېتىۋېلىپ ياتاققا كىرىپ، ئىچىشىپ-چېكىشكەچ ۋاقىتنىڭ كېلىشىنى كۈتۈشكە باشلىدى .
كەچ سائەت 8 بولغان ئىدى، ۋاڭ بىلەن جاڭ ئالدىنقى كۈنى ئۆزى بىللە قاتناشقان ئالاھىدە ساقچى ئەترىتىگە كېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ تۇتقۇنلارنى سوراق قىلىش ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قويۇشقاندىن كېيىن، شۇ يەردىكى ئىككى ساقچىنىڭ ھەمراھلىقىدا يەر ئاستى قەۋەتكە چۈشۈپ، ئالدىنقى كۈنى سولاپ قويۇلغان ئىككى كىشىنى كامېردىن ئېلىپ چىقىپ، سوراقخانىغا ئەكىرىشتى-دە،«يولۋاس ئورۇندۇق» دەپ ئاتالغان قاپقارا تۆمۈر ئورۇندۇققا مىدىر-سىدىر قىلالمايدىغان قىلىپ، چېتىپ قويغاندىن كېيىن، سوراقنى باشلىدى : ئالدى بىلەن ئۇلار:«ئۇچقۇن» تەخەللۇسلۇق ئوقۇتقۇچىنى سوراق قىلماقچى بولۇشتى. ئۇچقۇن بۆلگۈنچىلىك گۇمانى بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان ئىدى، شۇڭلاشقا زالىم سوراقچىلار ئۇنى ئۇنىڭ ئىسمى ياكى ئۇنۋان بىلەن ئاتماستىن:ھەي بۆلگۈنچى»دەپ، ھەيۋە بىلەن ۋاقىراپ، سوراقنى باشلىدى :
-ھەي بۆلگۈنچى جىنايىتىڭنى ئىقرار قىل!
-نېمە جىنايىتىمنى ئىقرار قىلىمەن؟ مەن جىنايەت ئۆتكۈزمىدىم.
-نېمە، جىنايەت ئۆتكۈزمىدىم دەۋاتامسەن؟-ياخشىلىقچە ئىقرار قىل! مانا بىزدە پاكىت ئېنىق تۇرۇپتۇ، سەن بۆلگۈنچىلىكنى تەرغىب قىلغان كىتابلارنى تەرجىمە قىلىپ، قۇتراتقۇلۇق قىلماقچى بولغانسەن، بۇ جىنايەت ئەمەسمۇ؟
-قايسى كىتابنى دەيسىلەر؟ مەن تەرجىمە قىلغان ئۇ كىتابلار ئاشكارا نەشىر قىلىنغان، ھەرقايسى ئۆلكىلەردىكى كىتابخانىلاردا ھۆكۈمەتنىڭ رۇخسىتى بىلەن نەشر قىلىنىپ، ئوچۇق-ئاشكارا سېتىلغان كىتابلاردۇر. مەن شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ كىتابنى، خەنزۇچىدىن-ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان. بۇ قانداق جىنايەت بولسۇن؟
-سەن ئامېرىكىلىق يازغۇچى بېرزىننىسكى تەرىپىدىن يېزىلغان:«چوڭ شاھمات تاختىسى»دېگەن كىتابنى گەرچە خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلغان بولساڭمۇ، ئۇنىڭدىكى مەزمۇنلار دۆلىتىمىزنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئېغىر خەۋپ ئېلىپ كېلىدۇ. بۆلگۈنچىلىكنى تەرغىب قىلىدۇ .
-ياق، ئۇنداق ئەمەس، ئۇنىڭدا؛«خەلقئارالىق ۋەزىيەت ۋە تارىخى ۋەقەلەر» تەھلىل قىلغان.-دەپ جاۋاب قايتۇردى ئۇچقۇن،
-ھەي، ئۇنداق قۇرۇق گېپىڭنى قوي! ئۇ كىتابتا: ئامېرىكا مەدەنىيىتى كۆككە كۆتۈرۈلۈپ،جۇڭگو مەدەنىيىتى چەتكە قېقىلغان. ئامېرىكىنىڭ سىياسىي غەرىزى، يەنى جۇڭگونى پارچىلاش سۇيىقەستى تەرغىب قىلىنغان. سەن بۇنى خەلقى-ئالەمگە ئاشكارىلاپ، كىشىلەرنىڭ ئىدىيەسىنى زەھەرلىمەكچى بولدۇڭ، بۇ بىر ئېغىر جىنايەتتۇر!
-ياق، بۇ جىنايەت ئەمەس!-دەپ قارشىلىققا بىلدۈردى ئۇچقۇن-ئۇ كىتابتىكى قاراشلار ئاپتورنىڭ ئۆزىگە ئائىتتۇر. ئۇنى خەنزۇ تەرجىمانمۇ ئۆز پېتى تەرجىمە قىلغان. مەنمۇ ئۇنى خەنزۇ تىلىدىن مەزمۇنى بويىچە ئەينەن تەرجىمە قىلدىم. شۇنداق بولغانىكەن خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنسا جىنايەت بولماي، ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنسا جىنايەت بولامدۇ؟
-ئەلۋەتتە، ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنسا جىنايەت بولىدۇ، چۈنكى خىتايلار جۇڭگونى پارچىلاشنى مەقسەت قىلغان ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلار جۇڭگونى پارچىلاپ:« مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان دۆلىتى» قۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. شۇڭا سەن تەرجىمە قىلغان كىتابتا:«شەرقىي تۈركىستان» دېگەن ئاتالغۇنى ئۆز ئەينى كۆچۈرۈپ ئېلىپسەن، نېمىشقا ئۇنى شىنجاڭ (شىنجاڭ) دېمىدىڭ؟
-ئۇنداق ئەمەس، دەپ ئۇنىڭغىمۇ قارشىلىق بىلدۈردى ئۇچقۇن-مەن ھېچقاچان بۆلگۈنچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىپ باقمىدىم. ئۇيغۇرلار:« شەرقىي تۈركىستان دۆلىتى» قۇرغان دېگەن گەپنىمۇ مەن دېمىدىم.«شەرقىي تۈركىستان»دېگەن گەپنى كىتاب ئاپتورى بېررىزىنىستىكى ئۆزى دەپتۇ، خەنزۇ تەرجىمانمۇ شۇ بويىچە تەرجىمە قىلىپتۇ، شۇڭلاشقا مەنمۇ ئۇنى ئۆزگەرتسەم:« ئىلىمگە خىيانەت قىلغانلىق» بولىدۇ دەپ قاراپ، ئۆزگەرتمىدىم. شۇڭلاشقا مەندە گۇناھ يوقتۇر!
-گۇناھىڭ دەل مۇشۇ يەردە، سەن « شەرقىي تۈركىستان» دېگەن ئىسىمنى كىتابتا تىلغا ئالماسلىقلىقىڭ كېرەك ئىدى، بۇنى قىلغىنىڭ-سېنىڭ بۆلگۈنچىلىك خاھىشىنى تەرغىب قىلىش نىيىتىڭنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. بىز ھىچقاچان «شەرقىي تۈركىستان» دېگەن ئىسىمنى ئاڭلاشنى خالىمايمىز. «شەرقىي تۈركىستان» ئاتالغۇسىنى ئوچۇق-ئاشكارا جار سېلىش-دۆلىتىمىزنىڭ بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزىدۇ. شۇڭا ئۇ:«قانۇنغا خىلاپ قىلمىش»تۇر!
-ياق، ئۇنداق ئەمەس-دەپ قارشىلىق بىلدۈردى يەنە ئۇچقۇن،-ھۆكۈمەت تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان نۇرغۇن كىتابلاردا:« شەرقىي تۈركىستان ياكى شەرقىي تۈركىستان بۆلگۈنچىلىرى» دېگەن ئاتالغۇ ئۆز ئەينى بويىچە ئېلىنغان .
-ئۇ دېگەن باشقا ئىش،سېنىڭ ئۇيغۇرچە كىتاپلاردا يازغىنىڭ بولسا،بىر جىنايەتتۇر!- دەپ ۋاقىراشتى زالىم سوراقچىلار يەنە-ھۆكۈمەت نېمە دېسە بولىدۇ، ئەمما سەن دېسەڭ بولمايدۇ، بولۇپمۇ ئۇيغۇرچە كىتابلاردا :«شەرقىي تۈركىستان»دېگەن ئۇ ئاتالغىنى ئوچۇق-ئاشكارا يېزىش قاتتىق جىنايەت ھېسابلىنىدۇ.
-ياق، ئەمما،مەن-دەپ، ئۇچقۇن يەنە قارشىلىق بىلدۈرمەكچى بولۇۋىدى، زالىم ساقچىلار قوللىرىدىكى توك كالتىكىنى كۆتۈرگەنچە ئېتىلىپ كېلىپ، ئۇچقۇننىڭ دۈمبە ۋە بېقىنلىرى تەرەپكە كەينى-كەينىدىن 5-6 يېقىۋېتىشتى. ئوقۇتقۇچى ئۇچقۇن شۇ ھامان ھوشىدىن كەتتى.قاتتىق قارشىلىق ئىچىدە بولغان بۇ سوراقتىن كېيىن، زالىم ساقچىلارمۇ ھېرىپ-چارچاپ، ھالىدىن كەتكەن ئىدى. ئۇلار ئۆزئارا گەپلەشكەچ يېنىدىكى باشقا ساقچىنى چاي ئېلىپ كىرىشكە بۇيرۇپ قويۇپ، ئۇچقۇننىڭ ھوشىغا كېلىشىنى ساقلاپ ئولتۇرۇشتى. ياللانما ساقچى زالىم ساقچىلارغا چاي ئېلىپ كىرىپ، ئۇلار بىلەن بىردەم پاراڭلاشقاندىن كېيىن مۇنداق مەسلىھەت بەردى :
ئۇنىڭ ھوشىغا كېلىشنى ساقلاپ تۇرساق بەك ئۇزاق ۋاقىت كېتىدۇ، يەنە بىر گۇمانداردىن سوراق قىلىشقا ۋاقىت قالمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈچۈن بىز بۇ ئىشنى تېزرەك پۈتتۈرۈشىمىز كېرەك!
-قانداق پۈتتۈرىمىز؟-دەپ،سورىدى تەجىربىسى تېخى تولۇق پىشمىغان زالىملار.
-بىز ئىلگىرىكى قىلىۋاتقان ئۇسۇل بويىچە ئۇنىڭ ئىشىنى پۈتتۈرەيلى! مانا بۇ ئۇنىڭ ئالدىنئالا تەييارلاپ قويغان«ئىقرارنامە»سى دەپ، بىر پارچە قەغەزنى كۆتۈرۈپ كېلىپ، ئۇلارغا سۇندى ۋە شۇنداق دېدى: مەجبۇرىي قول قويدۇرىمىز!
-ھەئە،شۇنداقمۇ؟ ئۇنداق بولسا شۇنداق قىلايلى!-دەپ ئىككى زالىم ساقچىمۇ بۇنىڭغا قوشۇلۇشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىككى سوراقچىلار بىر تال قىزىل سۇرۇق قۇتىسىنى نەمدەپ كېلىپ، ئۇچقۇننىڭ قولىنى بوشىتىپ، سوزۇپ-تارتىپ دېگۈدەك ئۇنىڭ باش بارمىقىنى سۇرۇخقا تەگكۈزۈپ، ئالدىنالا تەييارلاپ قويۇلغان« ئىقرارنامە» قەغىزىگە باش بارمىقىنى باستۇردى-دە، ئاندىن ئۇنى يولۋاس ئورۇندۇقتىن بوشىتىپ، پۇت-قولىدىن سۆرىگەنچە كامېرغا ئېلىپ چىقىپ، ئۇنىڭ پۇت قولىغا قايتىدىن كويزا-كىشەن سېلىپ قويغاندىن كېيىن، داق يەرگىلا تاشلاپ قويۇپ، چىقىپ كېتىشتى .
زالىم سوراقچىلار ئەمدى ئۆزىگە:«يالقۇن تاغ»دەپ تەخەللۇس قويۇۋالغان ئىككىنچى تۇتقۇننى سوراق قىلماقچى بولۇشتى. سوراق باشلاشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ ئۇنىڭغا تۇرغۇزۇلغان دېلو ئارخىپىغا قاراپ چىقتى. ئۇنىڭغىمۇ ئالدىنالا بىر«ئىقرارنامە» تەييارلاپ قويۇلغان بولۇپ، ناۋادا ئۇ ئۆزلىگىدىن ئۇنىڭغا قول قويمىسا، خۇددى ئالدىنقى تۇتقۇنغا قىلغاندەك ھوشىدىن كەتكۈچە ئۇرۇپ، مەجبۇرىي قول قويدۇرۇلاتتى. شۇڭا ئۇلار سوراق ئوبيېكتىغا نېمە گۇناھ قويۇلۇپ، قانداق جىنايەت ئارتىلىدىغانلىقىنى ئالدىنالا بىلىۋېلىشى كېرەك ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭغا تۇرغۇزۇلغان ئەيىبنامەنى ئالدىنالا ئوقۇپ چىقماقچى بولۇپ،كۆز يۈگۈرتىشتى: جاۋابكار يالقۇنتاغ تۈركىيەدە ئوقۇغان بولۇپ، ئوقۇش جەريانىدا مەخپىي ھالدا جۇڭگوغا قارشى بۆلگۈنچىلىك پائالىيەتلەرگە قاتناشقان، تۈركىستانچى ئۇنسۇرلار بىلەن باردى-كەلدى قىلىشقان. ئۇ ئۆزىنى باشقىلارغا تونۇشتۇرغاندا:«مەن ئۇيغۇر، شەرقىي تۈركىستانلىق» دېگەن. يازغان ئىلمىي ماقالىسىدا تارىخىي پاكىتلارنى بۇرمىلاپ:«ئۇيغۇرلار تۈرك ئىرقىغا تەۋە مىللەتتۇر. ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى تۈرلۈك مىللەتلەرى مەدەنىيىتىنىڭ جەۋھىرىنى تەشكىل قىلغان، ئۇنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك (خىتاي) مەدەنىيىتى بىلەن ھېچقانداق بىر باغلىشى بولمىغان، ئۆز ئالدىغا خاسلىققا ئىگە ئايرىم بىر مەدەنىيەت ياراتقان خەلقتۇر»دەپ، ئۇيغۇرلارنىڭ جۇڭخۇئا مىللەتلىرى بىلەن بولغان باغلىنىشىنى ئىنكار قىلغان .
ۋاڭ بىلەن جاڭ«ئەيىبنامە»نى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ كېتىشتى. چۈنكى، ئۇلار يالقۇنتاغ نىڭ تۈركىيەدە ئوقۇغانلىقى ۋە بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانغانلىق قىلمىشىنى ئەڭ ئېغىر جىنايەت دەپ ھېسابلىغاندەك قىلاتتى. شۇ تاپتا ئۇلار ئەڭ چوڭ بىر جىنايەتچىنى قولغا چۈشۈرۈۋالغاندەك ھېسسىياتتا بولماقتا ئىدى. ئەمەلىيەتتە يالقۇنتاغ پەقەت تۈركىيەدە ئوقۇغانلىقى ئۈچۈنلا گۇمان بىلەن تۇتۇلغان ئىدى. ئۇنىڭ بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ھەققىدە ئۇلارنىڭ قولىدا ھېچقانداق بىر ئىسپات يوق بولۇپ، ئۇ «ئەيىبنامە»بولسا ئالدىنالا تەييارلاپ قويۇلغان بىر تۆھمەتتىن ئىبارەت ئىدى. زالىملارنىڭ ئەمدىكى ۋەزىپىسى بولسا بۇ تۆھمەتنى راستقا ئايلاندۇرۇش ئىدى .
ۋاڭ بېلەن جاڭ ھازىرقى پەپتتە، ئۆزلىرىنى خۇددى ئادەم ئۆلتۈرۈش ئالدىدا تۇرغان جاللاتلاردەك ھېس قىلىشماقتا ئىدى. ئۇلارنىڭ كۆزلىرى قانغا تولغان بولۇپ، چىرايىمۇ غەلىتە بىر مەخلۇققا ئوخشاپ قالماقتا ئىدى. ئۇلار كۆزلىرىنى ئالاق-جالاق قىلىشىقان ھاالدا ئېتىلىپ كېلىپ، يالقۇنتاغنى يولۋاس ئورۇندۇققا، پۇت-قولى مىدىرلىماس قىلىپ قويۇپ باغلىغاندىن كېيىن سوراقنى باشلىدى :
-جىنايىتىڭنى ئىقرار قىل!
-نېمە جىنايىتىمنى ئىقرار قىلىمەن؟ مەن جىنايەت ئۆتكۈزمىدىم!
-تۈركىيەدە ئۆتكۈزگەن جىنايەتلىرىڭنى دەۋاتىمىز، سەن تۈركىيەدە ئېغىر جىنايەت ئۆتكۈزۈپسەن، جۇڭگوغا قارشى ئەكسىيەتچى تەشكىلاتلارغا قاتنىشىپ، دۆلىتىمىزگە قارىتا بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتى پىلانلاپ، دۆلەتنى پارچىلىماقچى بولۇپسەن، بۇ جىنايەت ئەمەسمىكەن؟
-ياق، بۇ دېگىنىڭلار توغرا ئەمەس. مەن تۈركىيەدە پەقەت مەكتەپتە ئوقۇدۇم، جۇڭگو قارشى ھېچقانداق پائالىيەتلەرگە قاتناشمىدىم، ئىسپاتىڭلار بولسا كۆرسىتىڭلار!
-ھەي،سەن تېخى ئىسپات دەمسەن؟ بىزدە ئىسپات دېگەن جىق، ياخشىلىقچە ئىقرار قىل! بولمىسا، بىز سىزنى قانداق ئىقرار قىلدۇرۇشنى بىلىمىز!
-مەن قىلمىغان ئىشنى ئۈستۈمگە ئالالمايمەن، مەن ھېچقانداق جىنايەت ئۆتكۈزمىدىم. سىلەر ماڭا ئىشىنىڭلار!
-ياق، بىز ساڭا ئىشەنمەيمىز، چۈنكى سەن بىزدىن ئەمەس، سەن ئۆزۈڭنى-مەن ئۇيغۇر، شەرقىي تۈركىستانلىق دەپسەنغۇ؟
-ياق، ماڭا ئىشىنىڭلار، مەن ئۇيغۇر بولغاندىكىن-ئۆزۈمنى ئۇيغۇر دېدىم شۇ، شەرقىي تۈركىستانلىق دېمىدىم، تۈركلەر ئۆزلىرى ئۇيغۇرلارنى «شەرقىي تۈركىستانلىق» دەيدىكەن!
-ھە،مانا، ئىسپات ئوتتۇرىغا چىقتىغۇ؟ تۈركلەر سېنى«شەرقىي تۈركىستانلى» دېسە، ياق، مەن«شەرقىي تۈركىستانلىق» ئەمەس، مەن جۇڭگولۇق، جۇڭخۇئا مىللىتى دېمىدىڭمۇ؟
-ياق، كەچۈرۈڭلار، ئۇنداق دېمەپتىمەن، چۈنكى، مەن ئۇيغۇر بولغاندىكىن، مېنى-سەن ئۇيغۇرمۇ دېسە: ھەئە، مەن ئۇيغۇر دەپ جاۋاب بەرگەن ئىدىم. ئەمما،«شەرقىي تۈركىستانلىق» دېمىگەن ئىدىم…
-بىز ساڭا ئىشەنمەيمىز، بىزنىڭ ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىمىزغا قارىغاندا، تۈركىيەدىكى ھەممە ئۇيغۇرلار ئۆزىنى-«شەرقىي تۈركىستانلىق»دەيدىكەن. شۇڭا سەنمۇ چۇقۇم شۇنداق دېدىڭ!
-ياق،ئۇنداق دېمىدىم، ئىسپاتىڭلار بولسا كۆرسىتىڭلار!
-ھەي، ئىسپات دەمسەن؟ ئۇنداق بولسا ئىسپاتنى بىز ھازىرلا كۆرسىتىپ قويايلى!- دەپ، ۋاقىرىغانچە ئېتىلىپ كېلىپ، ئىككى زالىم ساقچى، ئىككى تەرەپتىن، يالقۇنتاغنىڭ بەدەنلىرىگە توك كالتىكنى ئارقا-ئارقىدىن تۆت-بەش قېتىم يېقىۋېتىشتى، ئاغرىققا بەرداشلىق بېرىلمىگەن يالقۇنى ھوشىدىن كېتىپ، بېشى تۆۋەنگە ساڭگىلاپ قالدى.
زالىم ساقچىلار ئۇنى ئۇرۇشتىن توختاپ، ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ،تىرىكمۇ-؟ئۆلدىمۇ دېگەندەك قىلىپ يۈرىكىنى تېشىپ باقتى.يالقۇنتاغ تېخى ئۆلمىگەن ئىدى. ئۇ زالىملار يەنە چىشىلىرىنى غۇچۇرلاتقانچە ياردەمچى ساقچىلارنى سۇ ئېلىپ كىرىشكە بۇيرۇپ، ئىككى چېلەك سۇ ئەكەلدۈرۈپ، ئۇنىڭ بېشىغا قويۇپ ھوشىغا كەلتۈردى-دە:بۇنىڭغا قول قوي!-دەپ، ئالدىنئالا تەييارلاپ قويغان ئىقرارنامىنى ئۇنىڭغا سۇندى. يالقۇتاغ ئۇنىڭغا قول قويۇشنى رەت قىلىۋىدى، زالىم ساقچىلار قوللىرىدىكى كالتەك بىلەن ئۇنىڭ بەدەنلىرى، بويۇن ۋە باشلىرىغا بەش-ئالتىنى ئۇرۇپ،يەنە ھوشىدىن كەتكۈزىۋەتىشتى. ئاندىن كېيىن، ئۇنىڭ قولىنى سوزۇپ ئەكىلىپ، سۇرۇخقا تەگكۈزۈپ، قەغەز ئۈستىگە باستۇرۇپ، مەجبۇرىي قول قويدۇرۇۋالدى.
يالقۇنتاغنىڭ بېشى تۆۋەنگە ساڭگىلاپ قالغانىدى. ئۇنىڭ كالتەك تەگكەن بەدەنلىرىدىن تېخىچە قان تامچىلاپ ئېقىۋاتاتتى. ئەمما ئۇنىڭ ئىڭراش ئاۋازىمۇ توختاپ قالغان بولۇپ، نەپەس ئېلىشىمۇ ئۈزۈلۈپ قالغاندەك قىلاتتى. بىر ياردەمچى ساقچى كېلىپ، ئۇنىڭ ئاغزىغا قۇلىقىنى تۇتۇپ تىڭشاپ باققاندىن كېيىن، بېشىنى چايقىغانچە زالىم ساقچىلارغا قاراپ: نەپىسى يوق، ئۇ ئۆلۈپتۇ!-دېۋىدى، زالىم ساقچىلار كۆزىنى مىتمۇ قىلىپ قويماستىن:-ھەئە! شۇنداقمۇ؟ ئۇنداق بولسا، ئۇنى ئېلىپ چىقىپ كېتىڭلار!-دەپ بۇيرۇق بېرىپ قويۇپ، ئۆزلىرىمۇ يۇقۇرىغا چىقىپ، ئالاھىدە ساقچى ئەترىتى باشلىقىغا بۈگۈنكى سوراق نەتىجىسىنى دوكلات قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ياتاقلىرىغا قايتىپ كېتىشتى.
ۋاڭ بىلەن جاڭ ياتاققا قايتىش يولىدا ماگېزىندىن ھاراق-تاماكا ۋە زاكۇسكىلارنى ئېلىۋالغان ئىدى. ئۆزلىرىچە بۈگۈنكى قاتىللىق قىلمىشىنى تەبرىكلەپ، تاماشا قىلماقچى بولۇپ تۇراتتى. توساتتىن ئۇنىڭ دادىسىدىن تېلېفون كېلىپ قالدى:
-ۋەي، شاۋ ۋاڭمۇ؟
-ھەئە، مەن شۇ، دادا بىر گەپ بارمىدى؟
-قانداق ئەھۋالىڭ ئوغلۇم؟ بىر قانچە كۈن بولدى تېلېفون قىلمىدىڭ؟ خىزمىتىڭلار قانداقراق بولىۋاتىدۇ؟ نېمە نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۈڭلار؟ شاۋ ۋاڭ دادىسىنىڭ ئارقا-ئارقىدىن سورىغان سوئاللىرىغا مەغرۇرانە قىياپەتتە جاۋاب بېرىشكە باشلىدى :
-خىزمىتىمىز بەك ياخشى كېتىۋاتىدۇ دادا، ئىككى ھەپتىلىك ئۆگىنىش كۇرسىمىز ئاخىرقى باسقۇچقا قەدەم قويدى. كۇرس ناھايىتى نەتىجىلىك بولىۋاتىدۇ. بەك قالتىسكەن دادا!
-بەك قالتىسكەن؟ نېمىنى قالتىسكەن دەۋاتىسەن ئوغلۇم، تازا چۈشەنمىدىم؟
-چۈشەنمىگەن بولساڭ،مەن چۈشەندۈرۈپ قوياي دادا،-مېنىڭ قالتىس ئىكەن دېگىنىم-بىزنىڭ ئىنژېنېر مۇئەللىم بىزگە دەرس قىلىپ ئۆتۈۋاتقان «بىر گەۋدىلەشكەن بىرلەشمە جەڭ قىلىش سۇپىسى» نىڭ كارامەتلىرىدۇر. بىز ھازىر ئۇنىڭ مەشغۇلات قائىدىسىنى ئۆگىنىۋاتىمىز، ئۇنىڭدىكى سانلىق مەلۇماتلار بىزگە ھەممە نېمىدىن مەلۇمات بىلدۈرۈپ، تېررورچى ۋە بۇزغۇنچى ئۇنسۇرلار ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى ھەر دائىم يەتكۈزۈپ تۇرىدىكەن. ۋەقە چىقىرىپ بۇزغۇنچىلىق قىلماقچى بولغانلار چاڭگىلىمىزدىلا كۆرۈنۈپ تۇرىدىكەن، بىز ئۇلارنى ئىز قوغلاپ، يەرگە كىرىپ كەتسە كوكۇلىسىدىن، ئاسمانغا چىقسا، تاپىنىدىن سۆرەپ چۈشۈپ، تۇتقۇن قىلىۋاتىمىز.
-ھە، شۇنداقمۇ؟-ئوغلۇم! بۇ بەك ياخشى بولۇپتۇ. قانداق ۋاقتىدا تۇتقۇن قىلىۋاتىسىلەر؟ ھازىر تۇتۇلۇپ بولغانلار قانچىلىك بولدى؟
-ھەر كېچىسى «تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى» ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ، يېرىم كېچىدە ھېچقانداق شەپە چىقارماستىنلا بېرىپ،گۇماندارلارنى تۇتۇپ ئەكىلىمىز، بەزىلىرىنى شۇ كېچىسى، بەزىلىرىنى ئەتىسى سوراق قىلىپ، تېزدىن دېلو تۇرغۇزۇپ، ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىپ، جازاسىنى بېرىۋاتىمىز. بۇ يەردە ئىشلەۋاتقىنىغا ئۇزۇن يىل بولغان خىزمەتداشلاردىن ئاڭلىشىمىزچە، ھازىرغىچە تۇتۇلغانلار بىر نەچچە مىليوندىن ئېشىپ كېتىپتىمىش!
-بەك ياخشى بولۇپتۇ ئوغلۇم. مېنىڭچىمۇ ئۇلارنىڭ ھەممىسى تۇتۇلىشى، بۆلگۈنچى-تېررورچىلار جازالىنىشى ۋە ئېتىپ تاشلىنىشى كېرەك!
-شۇنداق دادا، چۇقۇم شۇنداق قىلىمىز،شىنجاڭنىڭ سېكرىتارى چېن سېكرىتارمۇ شۇنداق دەپتۇ.
-قانداق دەپتۇ ئوغلۇم؟ چېن سېكرىتارنىڭ دېگەنلىرى بەكمۇ مۇھىم، ئۇنىڭ دېگەنلىرىنى قەتئىي ئىجرا قىلىڭلار!
-چېن سېكرىتار ئىلگىرى ئېچىلغان بىر يىغىندا شۇنداق دېگەن ئىكەن: مەيلى ئۇلار جىنايەت سادىر قىلغان بولسۇن ياكى بولمىسۇن، تۇتۇلۇشقا تېگىشلىكلەرنىڭ ھەممىسى تۇتۇلۇشى كېرەك! ئىككى يۈزلىمىچىلەرگە، زوراۋان تېررورچىلارغا قاتتىق زەربە بېرىشىمىز كېرەك! ۋەقە چىقىرىشتىن بۇرۇن ئۇلارنى يوقىتىشىمىز كېرەك!
-بەك توغرا دەپتۇ ئوغلۇم، چېن سېكرېتارنىڭ دېگەنلىرى بويىچە ئىش قىلساڭلار، تېررورچىلار ھېچقانداق ۋەقە چىقىرالمايدۇ. پارتىيە مەركىزى كومىتېتى ئۇنى بىكاردىن-بىكارغىلا شىنجاڭغا سېكرىتار قىلىپ ئەۋەتمىگەن، ئۇ تىبەت ئاپتونوم رايونىدا چوڭ ئىشلارنى قىلغان ئىكەن، شىنجاڭدىمۇ چۇقۇم چوڭ ئىشلارنى قىلىدۇ. چۈنكى ئۇ بەك قاتتىق قول ۋە پىرىنسىپچان كادىر ئىكەن. مەركىزىي كومىتېتنىڭ سىياسەتلىرىنى تولۇق ۋە ئۈزۈل-كېسىل ئىجرا قىلىشنى ئۆزىنىڭ بىرىنچى ۋەزىپىسى دەپ قارايدىكەن. ئوغلۇم! سەن ئىمكاننىڭ بارىچە تىرىشىپ خىزمەت قىلىپ، چېن سېكرىتارنىڭ نەزىرىگە ئېرىشكىن، شۇنداق قىلساڭلار كەلگۈسىدە ئۇ ساڭا كۆڭۈل بولۇشى مۇمكىن! شۇ چاغدىلا سېنىڭ ئىستىقبالىڭ ۋە يولۇڭ ئېچىلىدۇ. دېگەنلىرىمنى قەتئىي ئېسىڭدە تۇتقىن!
-بولىدۇ دادا، دېگەنلىرىڭىزنى قەتئىي ئېسىمدە تۇتىمەن. يەنە كۆرۈشىمىز!
ۋاڭ دادىسى بىلەن سۆزلىشىپ بولغاندىن كېيىن، ئۆزىچە مەغرۇرلىنىپ، گېدەيگەنچە جاڭغا غەلىتە قاراپ قويدى ۋە ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى، شياۋجاڭ سەنمۇ ئائىلىدىكىڭلار بىلەن سۆزلىشىپ، بۇ يەردىكى خىزمەتلىرىمىز ھەققىدە مەلۇمات بەرسەڭ بولمامدۇ؟ بەلكى ئۇلارمۇ ھازىرقى قىلىۋاتقان ئىشلىرىمىزنى ئاڭلىسا، چۇقۇم خوش بولۇپ كەتكەن بولاتتى!
-شۇنداقمۇ؟ دېدى جاڭ كۆزىنى چەكچەيتىپ، مەنغۇ بۇ ئىشلاردىن خەۋەر قىلىپ تۇرغۇم بار ئىدى، ئەمما مېنىڭ ئاتا-ئانام سىياسەتكە،بولۇپمۇ چېگرا رايون خەلقلىرىنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ئەھۋالىغا قىزىقمايدۇ. ئۇرۇش ۋە قالايمىقانچىلىقلاردىن بەكمۇ قورقىدۇ. شۇڭا ئۆز ۋاقتىدا مېنىڭ شىنجاڭغا ساقچىلىققا بېرىشىمغا ئانچە قىزىقمىغان ئىدى. مېنىڭ بىرەر خەتەرگە ئۇچراپ قېلىشىمدىن ئەندىشە قىلاتتى. ئۇلار چېگرا رايوندا ھەر دائىم قالايمىقانچىلىق ۋە ئۇرۇش كېلىپ چىقىش ئېھتىمالى يۇقىرى دەپ قارايتتى. مەن ئۇلارغا نۇرغۇن قېتىم يالۋۇرۇپ، ھازىرقى خىزمىتىمنىڭ ئېھتىياجى، مائاشىمنىڭ يۇقىرى بولىشى ۋە ئەمەل-مەنسەپكە ئېرىشىش ئۈچۈن چوقۇم ئۇ يەرگە بېرىشىم كېرەكلىكىنى ئېيتقانىدىم. شۇنداقتىمۇ ئۇلار ناھايىتى تەستە قوشۇلغان ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئۇلارغا بۇ يەردىكى ئەھۋاللارنى خەۋەر قىلمىسام ياخشى دەپ قارايمەن، بولمىسا ئۇلار مەندىن ئەندىشە قىلىپ قالىدۇ.
ۋاڭ،خىزمەتدىشى جاڭنىڭ كۈتۈلمىگەن بۇ جاۋابىدىن بىردەم مەڭدەپ تۇرۇپ قالدى-دە، ئاندىن ئۇنىڭغا قاراپ: مەيلى، ئەمىسە سېنىڭ ئائىلەڭ سىياسەتكە قىزىقمىسا، سەنمۇ ئۇنىڭغا كۆرە ئىش قىلساڭ بولىدۇ. ئەمما مېنىڭ دادام كونا ئەسكەر بولغاچقا، بۇ يەردىكى ئەھۋاللارغا، مېنىڭ خىزمىتىمگە بەكمۇ قىزىقىدۇ. شۇڭا مەن بۇ يەردىكى ئەھۋاللاردىن، قىلىۋاتقان ئىشلىرىمدىن ئۇلارغا خەۋەر بېرىپ تۇرمىسام بولمايدۇ.
-ھە، شۇنداقمۇ؟-دېدى جاڭ، ۋاڭغا قايىللىقىنى بىلدۈرگەندەك قاراپ،-سېنىڭ ئائىلەڭدىكىلەر سېنى قوللايدىكەن، بۇ سەن ئۈچۈن ياخشىدۇر. سەن بۇ جەھەتتە ماڭا قارىغاندا جىق تەلەيلىك ئىكەنسەن. مېنىڭ ئائىلەمدىكىلەر مېنى ئانچە بەك قوللاپ كەتمەيدۇ. شۇڭا مېنىڭ بەزىدە ئۇلارغا ئاچچىقىم كېلىدۇ. ئەمما ماڭا ئامال يوق. بەلكى كېيىنچە ئەمەل مەنسىپىم ئۆسۈپ قالسا ياكى جىقراق پۇلغا ئېرىشىپ، ئۇلارغا ئەۋەتىپ بەرسەم، ئاندىن ئۇلارنى قايىل قىلالىشى مۇمكىن، شۇڭا مەن ھەر دائىم بالدۇرراق ئەمىلىمنىڭ ئۆسۈشىنى، جىقراق پۇل تېپىشنى ئويلايمەن. ئاندىن ئىشلار باشقىچە بولۇشى مۇمكىن دەپ قارايمەن!
-بۇ گېپىڭمۇ توغرا!-دېدى ۋاڭ، ئۇنىڭ ئاخىرقى گەپلىرىگە قوشۇلغاندەك قىلىپ، ئەمدى بىز بىر ئاز كەيپ قىلايلى!-دەپ ئۇنىڭغا بىر رومكا ھاراق سۇندى، شۇ تەرىقىدە ئۇلار ئۆزئارا كۆڭۈل ئىزھار قىلىشىپ تاكى كۆزى تورلىشىپ ئۇيقۇسى كەلگۈچە كەيپ قىلىشتى-دە، ئاندىن ئۇخلاش ئۈچۈن يېتىشتى.
ۋاڭ بىلەن جاڭ ئاخشام كەچ ياتقاچقا ئەتىگەنلىك ناشتىغىمۇ چىقىشماي ئۇخلاپ كېتىشكەن ئىدى، ئۇلار يانفۇنىغا ئۇچۇر كەلگەندىلا ئويغىنىشىپ، ئورنىدىن تۇرۇشتى. ئۇلارنىڭ يانفونىغا: بۈگۈنكى دەرسنىڭ يەنە چۈشتىن كېيىن سائەت بىردە باشلىنىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر كەلگەن ئىدى. بەلگىلەنگەن ۋاقىت توشۇپ، دەرس باشلىنىش ئالدىدا تۇراتتى. كۇرسانىت ساقچىلار ھەممىسى دېگۈدەك ئورۇن ئېلىشىپ ئىنژېنېر مۇئەللىمنىڭ دەرس باشلىشىنى كۈتۈپ تۇراتتى. مانا، ئىنژېنېر مۇئەللىممۇ كىرىپ كەلدى. ئۇ دەرس ئۈستىلى ئالدىغا كېلىپ ئېلېكترونلۇق ئەسۋابلارنى بىر- بىرسىگە چاتقاندىن كېيىن، تېلېۋىزورغا ئوخشايدىغان چوڭ ئىكران ئېچىلدى. ئۇ تىزگىنەكنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، ئىكرانغا مۇنداق باش تېما ۋە تارماق تېمىدىكى خەتنى چۈشۈردى:« ئۆتكۈر كۆز قۇرۇلۇشى ۋە كۆزىتىش كامېرالىرىنىڭ فۇنكىسىيەسى».
-يولداشلار!-دەپ دەرسنى باشلىدى ئىنژېنېر مۇئەللىم:« ئۆتكۈر كۆز قۇرۇلۇشى-بىر گەۋدىلەشكەن بىرلەشمە جەڭ قىلىش سۇپىسى» نىڭ ئەڭ مۇھىم ھالقىسىدۇر. بىز بۇنىڭ بىلەن پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ ئىش-ھەرىكىتىنى كۆزىتەلەيمىز، ئىز قوغلىيالايمىز ۋە ھەتتا چىراي پەرقلەندۈرۈش دېتالى ئارقىلىق، كىمنىڭ قايسى مىللەت ئىكەنلىكىنى ئايرىپ چىقىرالايمىز. چىراي ئىپادىسىدىكى ئۆزگىرىش ئارقىلىق كىمنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى، نېمە قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلەلەيمىز، مانا بۇ كامېراغا قاراڭلار ئۇ بىزنىڭ بىرلەشمە جەڭ قىلىش سۇپىمىزغا بىۋاستە باغلانغاندۇر،-دەپ بىر كامېرانىڭ توغرىلاپ قويۇلغان يېرىدىكى كۆرۈنۈشنى كۆرسىتىپ چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى ئىنژېنېر مۇئەللىم :مانا بۇ كۆزىتىش كامېراسى كۆپ خىل ئىقتىدارغا ئىگە بولۇپ، ئۇ چىراي تونۇشتىن باشقا، يەنە تەكشۈرگۈچىلۈك رولىنى ئوينايدۇ. مانا ماۋۇ، بۇ ھازىر كۆرۈۋاتقىنىڭلار تەڭرىتاغ رايونىدىكى 19. نومۇرلۇق بىنانىڭ ئالدىغا ئورنىتىلغان كامېرادىكى كۆرۈنۈشتۇر.-دەپ، تىزگىنەكنى يەنە بىر قېتىم بېسىۋىدى، ساقاللىق بىر كىشىنىڭ بىناغا كىرىپ كېتىۋاتقان سۈرىتى كۆرۈندى. ئارقىدىنلا ئېكراننىڭ يان تەرىپىگە، ئۇ كىشىنىڭ يانفون نومۇرى، كىملىكى، بانكا كارتىسى، سۇغۇرتا كارتىسى، خىزمەت ئورنى، بويىنىڭ ئېگىز-پاكارلىقى قاتارلىق بىر قاتار ئۇچۇرلىرىمۇ چىقتى. ئىنژېنېر مۇئەللىم تىزگىنەكنى يەنە ھەرىكەتلەندۈرۈپ ساقاللىق ئۇ كىشىنىڭ يانفون نومۇرىغا توغرىلاپ، بېسىۋىدى، قىزىل چېكىت كۆرۈنۈپ، تىت، تىت، تىت قىلغان ئاۋاز چىقىرىپ سايراپ كەتتى .
ئىنژېنېر مۇئەللىم كۇرسانىت ساقچىلارغا قاراپ سۆزىنى داۋام قىلدى-ھە. بۇ قىزىل چېكىتنىڭ سايرىشىدىن شۇ نەرسە ئېنىق بولدىكى، بۇ ئىشەنچسىز كىشى بولۇپ، دەرھال تۇتۇلۇشى كېرەك! مۇئەللىم تىزگىنەكنى يەنە ھەرىكەتلەندۈرۈپ كامېراغا چۈشكەن باشقا كىشىنىڭ يۈزىگە توغرىلىۋىدى، ئېكرانغا: خىتايچە: ۋېي يۇ ئېر زۇ (ئۇيغۇر) دېگەن خەت كۆرۈندى. كامېرادا ئەكس ئەتكەن يۈز شەكلىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا-دېدى ئۇ يەنە چۈشەندۈرۈشنى داۋام قىلىپ،بىناغا كىرىپ-چىقىۋاتقان بۇ كىشىلەرنىڭ كۆپ ساندىكىللىرى ئۇيغۇر ئىكەن، بۇ بىنادا خەنزۇلار ئاساسەن يوق بولۇپ، پۈتۈن بىنادا ئاساسەن ئۇيغۇرلار ئولتۇرىدىكەن. ئۇ يەنە تىزگىنەكنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، ئۇ بىناغا كىرىپ چىقىۋاتقان يەنە بىر كىشىگە توغرىلىۋىدى، ئۇنىڭمۇ كىملىكى قاتارلىق بىر قاتار سانلىق مەلۇماتلىرى ئېكراندا كۆرۈندى: مانا بۇ كىشى خەنزۇ ئىكەن. دېمەك بۇ بىنادا بىر نەچچە خەنزۇلارمۇ بار ئىكەن!-ئۇ يەنە تىزگىنەكنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، يەنە بىر ياش بالىنىڭ يۈزىگە توغرىلىۋىدى، ئېكراندا خىتايچە: ۋېي يۇ ئېر زۇ (ئۇيغۇر) دېگەن خەت كۆرۈندى،چىراي تېخنىكا تونۇش تېخنىكىسىنىڭ ئايرىشىغا قارىغاندا، بۇ ئادەممۇ ئۇيغۇر ئىكەن. ئۇ دائىم بۇ بىناغا كىرىپ چىقىدىكەن. بەلكى ئۇ، دىنىي دەرس ئوقۇۋاتقان تالىپ بولۇشى مۇمكىن.-دەپ تىزگىنەكنى يەنە بىر ھەرىكەتلەندۈرۈۋىدى، ئۇ ياش بالىنىڭ يانفون نومۇرى قاتارلىق بىر قاتار ئۇچۇرلىرى ئېكراننىڭ يان تەرپىدە كۆرۈندى ۋە تەڭلا قىزىل چېكىت كۆرۈنۈپ، تىت،تىن، تىت قىلىپ، تىتىتلاپ سايراشقا باشلىدى. -ھە، مانا بۇ تالىپمۇ ئىشەنچسىز كىشىلەردىن بىرى ئىكەن. ئۇمۇ دەرھال تۇتقۇن قىلىنىشى كېرەك.
ئىنژېنېر مۇئەللىم تىزگىنەكنى يەنە ھەرىكەتلەندۈرۈپ، ئارقا-ئارقىدىن بىر نەچچە ياش بالىلارنىڭ ئۈستىگە توغرىلىۋىدى، يەنىلا ئوخشاش ئالامەت كۆرۈلدى. مانا كۆردۈڭلارمۇ؟-دېدى ئۇ يەنە-بۇلارمۇ ئىشەنچىسىز كىشىلەر، بۇلارنىڭ ھەممىسى يوشۇرۇن دىنى تەلىم ئېلىۋاتقان تالىپلاردەك قىلىدۇ. ئۇلارمۇ تۇتقۇن قىلىنىشى كېرەك!
ئىنژېنېر مۇئەللىم ئېكراندىن ئۆزىنى بۇراپ، تۆۋەندىكى كۇرسانىت ساقچىلارغا قاراپ سۆزىنى داۋام قىلدى-بۈگۈن ئاخشام سىلەرگە ئېغىر ۋەزىپە چۈشىدىغان بولدى. بۇ بىنادىكى ساقاللىق كىشىلەر-دىنىي ئەسەبىي ئۇنسۇرلاردۇر.ئۇلار بەلكى قارشىلىق قىلىپ قېلىشى مۇمكىن! ئەگەر ئۇلار قارشىلىق قىلىپ قالسا،ئۇلارنى ئېتىپ تاشلىشىمىز كېرەك! ئىنژېنېر مۇئەللىمنىڭ بۈگۈنكى دەرستىكى ئاخىرقى سۆزى:«ئېتىپ تاشلىنىشى كېرەك» دېگەن جۈملە بىلەن ئاخىرلاشقان ئىدى. ئۇ ئېكراندىكى كۆرۈنۈشنى توختىتىپ قويۇپ تۇرۇپ، كۇرسانت ساقچىلارغا قاراپ مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى ئۆتكۈر كۆز قۇرۇلۇشى ۋە ئەقلى ئىقتىدارلىق كامېرالارنىڭ ئىشلەش فۇنكسىيىسى ھەققىدە سورايدىغان سوئالىڭلار بولسا، سورىساڭلار بولىدۇ. چۈشەنمىگەن نۇقتىلار بولسا، مەن ئۇنى قايتا چۈشەندۈرۈپ قويۇشقا تەييارمەن .
كۇرسانىت ساقچىلار خۇددى تەنەپپۇس ۋاقتى بولغاندەك، بىردەم ئۆزئارا ۋاراڭ -چۇرۇڭ قىلىشقاندىن، كېيىن ئارقا ئارقىدىن-قولغا كۆتۈرۈپ سوئال سوراشقا باشلىدى: بۇ ئەقلىي كامېرالار چەت ئەلدىن كىرگۈزۈلگەنمۇ ياكى دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەنمۇ؟نېمىشقا شىنجاڭدا ھەممىلا يەرگە كامېرا ئورنىتىلىدۇ؟
-ئەلۋەتتە! بۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق كامېرالار دۆلىتىمىزدە قۇرۇلغان:داخۇا،خەيكاڭ، ھېكۋىجىن شىركەتلرىدە ئىشلەنگەن. ھازىر بىز ئوپتىكا، پوتۇ سۈرەت ۋە كامېرا تېخنىكىسى جەھەتتە دۇنيادا ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىمىز،خەيكاڭ شىركىتىدە ئىشلەنگەن ئەقلىي ئىقتىدارلىق كامېرالار، ئامېرىكا، ياۋروپا ۋە ئوكيانىيە قىتئەسىدىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرگە ئېكسپورت قىلىنىۋاتىدۇ. ئەمدى ئاخىرقى سوئال بولغان «نېمىشقا ھەممىلا يەرگە ئەقلىي ئىقتىدارلىق كامېرالار ئورنىتىلىدۇ» دېگەن سوئالنىڭ جاۋابى مۇنداق: يۇقارقى دەرسىمىزدە سىلەر كۆرگىنىڭلاردەك ئەقلىي ئىقتىدارلىق كامېرالار بولسا، دۆلىتىمىزنىڭ ئۆتكۈر كۆز قۇرۇلۇشى تۈرىنىڭ جان تومۇرىدۇر.شۇڭلاشقا دۆلىتىمىز نۇرغۇن مەبلەغ سېلىپ، چېگرا رايوننىڭ پۈتۈن يېزا-قىشلاق ۋە شەھەرلىرىدىكى ئاساسلىق كوچا بىنا، مەكتەپ، دوختۇرخانا، مەسچىت، چىركاۋ، بۇتخانا قاتارلىق ئىبادەت جايلىرىغىنىڭ ھەممىسىگە كامېرا ئورنىتىشنى قارار قىلدى. بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق كامېرالار يەر يۈزىدىكى ھەر قانداق مىدىرىغانلىكى جانلىقنى كۆزىتىپ، سۈرەتكە ئېلىپ، ئۇنىڭ ھەرىكىتىنى ئانالىز قىلالايدۇ. ئادەملەرنىڭ مىللەت تەۋەلىكىنى ئايرىيالايدۇ. چىراي ئىپادىسىگە قاراپ ئانالىز قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭ نېمە قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقىدىن ئالدىن بېشارەت بېرەلەيدۇ. بىز مۇشۇ ئالاھىدىلىكلىرىدىن پايدىلىنىپ نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ئالدىن بايقىدۇق، نۇرغۇن گۇمانلىق تېررورچى ئۇنسۇرلار ھەرىكەت قىلىشتىن بۇرۇنلا قولغا چۈشتى. شۇنىڭ بىلەن تېررورچى ئۇنسۇرلارنىڭ ھەيۋىسى يەرگە ئۇرۇلۇپ، ئۇلار ھېچقانداق بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىنى قىلالمىدى. جەمىيىتىمىز تىنچلاندى. ھازىر شىنجاڭدا يۈز كۈندىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان، ھېچقانداق تېررورلۇق ۋەقەسى يۈز بەرمىدى.
يەنە بىر كۇرسانت ساقچى مۇنداق سورىدى : ئەقلىي ئىقتىدارلىق كامېرا نەگە باغلىنىدۇ؟ ئۇنىڭدىكى ئۇچۇرلارغا بىز قانداق ئېرىشىمىز؟
-بۇ ناھايىتى مۇھىم سوئال بولدى!-دەپ جاۋاب بەردى ئىنژېنېر مۇئەللىم،-بۇ كامېرالار شۇنىڭ ئۈچۈن ئەقلىي ئىقتىدارلىق بولغانكى ئۇنىڭغا ۋىلان (سىمسىز ئىنتېرنەت باغلىنىشى) ئورنىتىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدىكى ئۇچۇرلار تور ئارقىلىق ئاپتوماتىك ھالدا «بىر گەۋدىلەشكەن بىرلەشمە جەڭ قىلىش سۇپىسى ۋە ساقچى يانفون ئەپى» لىرىگە ئاپتوماتىك يەتكۈزۈلۈپ، بىزنىڭ ھەر قانداق بىر ئادەمنى كۆزىتىش ۋە ئۇنىڭ ھەرىكىتىنى ئانالىز قىلىشىمىزغا قولايلىق يارىتىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن گۇمانلىق كىشىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ھەرىكىتى دەرھال بايقىلىپ، ۋەقە چىقىشنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ ۋە تېزدىن بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
ئۈچىنچى بولۇپ، بىر كۆزئەينەكلىك ساقچى مۇنداق سوئال سورىدى : ئەقلىي ئىقتىدارلىق كامېرالارنىڭ زوراۋان-تېررورچىلار تەرىپىدىن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراش ئېھتىمالى بارمۇ، بىز ئۇنى قانداق قوغدايمىز؟
-بۇمۇ مۇھىم سوئال بولدى!- دەپ سۆزىنى داۋام قىلدى مۇئەللىم-ئەقلىي ئىقتىدارلىق كۈزۈتىش كامېرالىرىمۇ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى مۇمكىن! بۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئۇنىڭ مەخپىي شىپرىسى ۋە تېخنىكىسىنى قەتئىي مەخپىي تۇتۇشىمىز كېرەك. ئۇنى بېكىتكەندە ئېگىز ۋە ئالاھىدە قىلىپ ياسالغان تۈۋرۈكلەرگە ئورنىتىپ، بۇزغۇنچى ئۇنسۇرلارنىڭ ئاسانلىقچە يېقىنلاشقىلى بولمايدىغان قىلىشىمىز لازىم، يەنە بىر ئېھتىماللىق زوراۋان تېررورچىلار ئەقلى ئىقتىدارلىق كامېرالارغا كېلىدىغان توك مەنبەسىنى ئۈزۈۋېتىشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز بۇنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىشىمىز لازىم. شۇنداق قىلساقلا بىزنىڭ بۇ ئۆتكۈر كۆز قۇرۇلۇشىمىزنىڭ جان تومۇرى بولغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق كامېرالار بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىمايدۇ. ئەمدى ئەقلىي ئىقتىدارلىق كامېرالارنى قانداق قوغدايمىز دېگەن مەسىلىگە كەلسەك بىرىنچىدىن، ئۇ ئۆزىنى-ئۆزى قوغدايدۇ، شۇنداقلا بىز ساقچىلارنىڭمۇ ئۇنى قوغداش ۋەزىپىمىز باردۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن، دوقمۇش دوقمۇش ۋە مەھەللە بىنالاردا مەخسۇس ساقچى پۇنكىتلىرى قۇرۇلىدۇ ۋە قاراۋۇللار تۇرغۇزۇلىدۇ.
– ئەمدى سوئالىڭلار تۈگىگەن بولسا،-دەپ بۈگۈنكى كەچلىك ئورۇنلاشتۇرۇش ھەققىدە گەپ قىلدى ئىنژېنېر مۇئەللىم،-ئەسلىدە بۈگۈنمۇ جۇ مۇدىر ئۆزى كېلىپ ئورۇنلاشتۇرۇش قىلماقچى ئىدى. لېكىن رايونلۇق پارتكومدا مۇھىم بىر يىغىن بولۇپ قالغاچقا ئۇ كېلەلمىدى، شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئۇنىڭ ھاۋالە سۆزىنى سىلەرگە يەتكۈزمەكچىمەن: ئۇنىڭ ماڭا دېيىشىچە، بۈگۈنكى دەرس مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملانغاندىن كېيىن، كۇرسانىت ساقچىلار خۇددى ئالدىنقى كۈنى ئېلىپ بارغان ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئوخشاش يەنە بۈگۈنكى«كېچىلىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى»گە ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىشى كېرەك، تۇتۇلغانلار شۇ كۈنىلا ياكى كېچىككەندە ئەتىسى سوراققا تارتىلىپ، جازالىنىشقا تېگىشلىكلەر ئېغىر جازالىنىشى، تەربىيەلىنىشكە تەربىيىلىنىشكە تېگىشلىكلەر دەرھال « كەسپىي قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرى»گە ئەۋەتىلىشى كېرەك ئىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەممىڭلار دەرستىن چۈشكەندىن كېيىن قانداق قىلىشىڭلارنى ئۆزۈڭلار ئويلىشىپ، جۇ مۇدىرنىڭ كاتىپىغا بىلدۈرۈڭلار ياكى بولمىسا ئىلگىرى تەقسىم قىلىنغان ئالاھىدە ساقچى ئەترىتىدىكى باشلىقلارغا بىلدۈرسەڭلارمۇ بولىدۇ. ئۇنداق بولسا، خەير خوش! بالدۇرراق دەم ئېلىپ، ۋاقتىدا ۋەزىپىڭلارنى ئورۇنلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
ۋاڭ بىلەن جاڭ دەرستىن چىققاندىن كېيىن كەچلىك تامىقىنى بالدۇرلا يېيىشىپ، سىرىتقا چىقتى-دە، يېمەكلىكلەر دۇكىنىدىن يەنە ھاراق-شاراپ، تاماكا دېگەندەك نەرسىلەرنى سېتىۋېلىپ ياتىقى غا قايتىپ كېلىپ، زاكۇسكا تەييارلاپ، ھاراقنى قويۇپ ئىچىشكەچ، بۈگۈنكى دەرس ھەققىدە بىردەم تالاش-تارتىش قىلغاندىن كېيىن، ئۆزلىرىنىڭ بۈگۈنكى كەچلىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىگە قاتنىشىدىغانلىقىنى قارار قىلىشىپ، ئالدىنقى كۈنى ئۆزلىرى ۋەزىپە ئۆتىگەن ئالاھىدە ساقچى پونكىتىغا بۈگۈنكى «كېچىلىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى» گە قاتنىشىدىغانلىقىغا ئالدىن خەۋەر بېرىپ قويۇشتى.
مانا سائەت 12 بولۇشقا ئون مىنۇت قالغان چاغدا ۋاڭ بىلەن جاڭ ئالاھىدە ساقچى پونكىتىغا يېتىپ كېلىشتى. ئالاھىدە ساقچى پونكىتىنىڭ ھويلىسىدا ئون نەچچە ماشىنا تەييار قىلىپ قويۇلغان ئىدى. قارىغاندا بۈگۈنكى كەچلىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىنىڭ كۆلىمى بىر ئاز چوڭدەك قىلاتتى. ۋاڭ بىلەن جاڭ ساقچى بىناسى ئىشخانىسىغا كىرىپ پونكىت باشلىقىغا ئۆزلىرىنىڭ كەلگەنلىكىنى مەلۇم قىلىشتى.
-بەك ياخشى، بەك ياخشى بولدى!- دەپ ھىجايغانچە ئۇلارنى قارشى ئالدى ساقچى پونكىتىنىڭ باشلىقى،-سىلەرنىڭ بۈگۈنكى «كېچىلىك تۇتقۇن ھەل قىلىش ھەرىكىتى» گە قاتنىشىدىغانلىق خەۋىرىڭلارنى ئاڭلاپ بەكمۇ خۇشال بولدۇم. سىلەرنىڭ بولۇشۇڭلار كۈچىمىزگە-كۈچ قاتىدۇ، بۈگۈنكى كېچىلىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىمىز بەك مۇھىمدۇر، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇقىردىن چۈشۈرۈپ بەرگەن سانمۇ يۇقىرى بولغاچقا، ۋەزىپىنى تاماملىيالماي قالارمىزمىكىن دەپ ئەنسىرىگەن ئىدىم. سىلەر كېلىپ بەك ياخشى بولدى!
ئالاھىدە ساقچى ئەترىتى باشلىقىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغان ۋاڭ بىلەن جاڭ بىر -بىرىگە ھەيرانلىقتا قارىشىپ قېلىشتى ۋە ساقچى پونكىتى باشلىقىدىن سورىدى: بۈگۈنكى كېچىلىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىمىزدە قانچىلىك ئادەم تۇتۇلۇشى كېرەك، قايسى رايوندا تۇتقۇن قىلىش ئېلىپ بارىمىز؟
-بۈگۈن بىزنىڭ ساقچى پونكىتىغا چۈشۈرۈلگەن ئادەم تۇتۇش ۋەزىپىمىز ئىككى يۈز نەپەر-دېدى ئۇلارغا جاۋاب بەرگەن ساقچى پونكىتىنىڭ باشلىقى ۋە جىددىلەشكەن ھالدا سۆزىنى داۋام قىلدى،-بىزنىڭ بۈگۈنكى تۇتقۇن قىلىش رايونى ئۈرۈمچىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان تەڭرىتاغ رايونىدۇر. تۇتقۇن قىلىش ئوبيېكتىمىز بولسا،بىر قىسىم دىنىي ئەسەبىلىكنى تەرغىب قىلغۇچى جاھىل ئۇنسۇرلاردۇر. ئۇلار بىزگە قارشىلىق بىلدۈرۈپ قېلىش ئېھتىمالىمۇ يۇقىرى شۇنىڭ ئۈچۈن، بىز بۇ قېتىمقى ھەرىكەتنى يېرىم كېچىدە ھېچكىمگە تۇيدۇرماستىن، ناھايىتى مەخپىي ۋە قاتتىق تەدبىرلەر بىلەن ئېلىپ بېرىشىمىز كېرەك. ھەممە ساقچىلارنىڭ يانلىرىدا بىردىن تاپانچا بولغاندىن سىرت قوللىرىدا قىسقا مازۇرلۇق ئاپتومات، زاپاس كويزا-كىشەن ۋە كۆزدىن ياش ئاققۇزۇش بومبىسى بولۇشى كېرەك. ناۋادا بىرەر قارشىلىق كېلىپ چىقسا، دەرھال ياش ئاققۇزۇش بومبىسىنى تاشلىغاندىن كېيىن، قارشىلىق قىلغۇچىلار تۇتۇپ باغلىنىشى، ناۋادا تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىگە بويسۇنماي يەنىلا قارشىلىق قىلىدىغانلار چىقسا، ئۇلار ئېتىپ تاشلانسا بولىدۇ.
دەل كېچە يېرىم بولغاندا ئون نەچچە ماشىنا بىراقلىق قوزغالدى. ۋاڭ بىلەن جاڭ ئىككىسى بىر گۇرۇپپىغا بۆلۈنگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ نىشانى تەڭرىتاغ رايونىدىكى 19-نومۇرلۇق بىنادا ئولتۇرىدىغان دىنىي ئەسەبىي ئۇنسۇرلارنى تۇتۇش ئىدى. ئىككى ماشىنىلىق ساقچىلار 19-نومۇرلۇق بىنانىڭ ئالدىغا كېلىپ توختىدى-دە، ماشىنىنىڭ چىرىغىنى ئۆچۈرۈپ قويۇپ، ھېچقانداق سىگنال بەرمەستىن، بىنانىڭ ئىشىكىنى ئۆزلىرى مەخپىي ساقلايدىغان نامەلۇم بىر خىل ئاچقۇچ بىلەن ئېچىپ كىرىپ، ئۈچىنچى قەۋەتتىكى بىر ئۆينىڭ ئىشىكىنى چەكتى: ئىشىكنى ئاچ! بىز ساقچى، سەندىن سورايدىغان گەپ بار.ئىشىك دەرھال ئېچىلمىدى، ئەمما ئىچىدىن بىرسى چىراقنى ياندۇرۇپ،ئىشىك تەرەپكە قاراپ كېلىۋاتقاندەك قىلاتتى، ساقچىلار يەنە ۋاقىرىدى: ئىشىكنى ئاچ! بولمىسا،بىز ھازىرلا ئىشىكنى چېقىپ كىرىمىز دەپ، ئىشىكنى بۇزماقچى بولۇپ، قاتتىق ئىتتىرىۋاتاتتى. ئىشىك ئۆي ئىگىسى تەرىپىدىن ئېچىلىپ، ياشانغان بىر كىشىنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى :
-مانا،مەن كەلدىم. نېمە ئىشىڭلار بار؟ ئىشىڭلار بولسا كۈندۈزى كەلسەڭلار بولمامدۇ؟ مېنى نېمىشقا كېچىسى تۇتقۇن قىلماقچى بولۇۋاتىسىلەر؟
ساقچىلار ئۇنىڭ گېپىگە جاۋاب بەرمىدى. ھەمدە خۇددى بىر تېرورچىنىڭ ئۆيىگە بېسىپ كىرگەندەك، ئۆينىڭ ھەممە يېرىنى ئاختۇرۇپ ئوڭتەي-توڭتەي قىلىۋەتتى. پۈتۈن كىتاب ئىشكاپلىرىدىكى كىتابلارنى يەرگە تاشلاپ، ئىشكاپنىڭ ئالدى-ئارقىسى ھەممە يەرنى ئاختۇرۇپ چىقتى. ھېچقانداق گۇمانلىق نەرسىلەرنى تاپالمىغاندىن كېيىن، ئۇ ياشانغان كىشى ئۆزى تەرجىمە قىلغان، قۇرئان كېرىم ۋە ھەدىس كىتابلىرىنىڭ ئۈستىگە دەسسىگەنچە يوپۇرۇلۇپ كېلىپ، ياشانغان كىشىنى دۈمبىسىدىن ئىتتىرگەنچە يەرگە بېسىۋالدى-دە، ئاندىن كاللىسىغا قارا خالتا كىيدۈرۈپ، قولىغا كويزا سېلىپ ئېلىپ مېڭىشتى.
ساقچىلار بۇ بىنادىكى بىرىنچى كىشىنى تۇتقۇن قىلىپ بولغاندىن كېيىن، يۇقىرى قەۋەتكە چىقىپ، ئالدىن نىشانلانغان، چىرىقى تېخى ئۆچۈرۈلمىگەن يەنە بىر ئۆينىڭ ئىشىكىنى قاقتى: ئىشىكنى ئاچ! بىز ساقچى، سەندىن سورايدىغان گەپ بار. ئىشىك ئېچىلمىدى. ساقچىلار يەنە ۋاقىرىدى: ئىشىكنى دەرھال ئېچىش! بولمىسا، بىز ھازىرلا ئىشىكنى بۇزۇپ كىرىمىز، ئىشىك يەنە ئېچىلمىدى. گوروپپا باشلىقى ساقچى قۇلىقىنى ئىشىككە يېقىپ ئۆي ئىچىنى تىڭشىۋىدى، ئۆيدە بىردىن جىق كىشى بولسا كېرەك، بىر نەچچە كىشىنىڭ ئۆزئارا پاراڭلاشقان ئاۋازى ئاڭلانغاندەك قىلدى. شۇنىڭ بىلەن گوروپپا باشلىقى ساقچى جىددىلەشكەن ھالدا قول چوماقچىلىرىغا بۇيرۇق چۈشۈردى:
-ئىشىكنى بۇزۇڭلار، بىراقلا باستۇرۇپ كىرىمىز، تېررورچىلارنىڭ ئۇۋىسىنى قولغا چۈشۈردۇق. باشلىقنىڭ بۇيرۇقىدىن كېيىن، ساقچىلار ئىشىكنىڭ ئىچىدىن ئېچىلىشىنى كۈتمەستىن ئىشىكنىڭ قۇلۇپىنى چېقىپ ئۆيگە باستۇرۇپ كىردى. ئۆي ئىچىدە تۆت نەپەر ياش تالىپ ھەيرانلىقتا ئىشىك تەرەپكە قاراپ تۇرۇشاتتى.
-قولۇڭنى كۆتۈرۈش، قىمىرلاشما!-دەپ ۋاقىرىدى ساقچىلار ئۇلارغا-قىمىر قىلىشساڭ ئېتىپ تاشلايمىز، ياش تالىپلار قولىنى كۆتۈرۈپ تۇرۇپ بەردى، چۈنكى، ئۇلارنىڭ قولىدا قارشىلىق قىلىدىغان ھېچقانداق قورال ياكى بىرەر ئەسۋاب يوق ئىدى.قارىغاندا ئۇلار بىرەر ئايەت ياكى ھەدىسى ھەققىدە مۇنازىرە قىلىۋاتقان بولسا كېرەك؟ ھەممىسىنىڭ قولىدا بىردىن كىتاب تۇراتتى. قاراقچى ساقچىلار ئۇلارنىڭ قولىدىكى كىتابلارنى تارتىۋېلىپ بېشىغا، قارا خالتا كىيدۈرۈپ،قولىغا كويزا سالدى ۋە ئىتتىرگەنچە ئېلىپ چىقىپ، ھېلىقى ياشانغان كىشى بېسىلغان ماشىنىغا باستى-دە،بىرلىكتە ئېلىپ مېڭىشتى.
تۇتقۇنلار ئالاھىدە ساقچى پونكىتىغا ئېلىپ كېلىنىپ، يەر ئاستىدىكى كامېرلارغا سولاپ قويۇلغاندىن كېيىن، ساقچىلار يەنە كەچلىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن، باشقا بىر بىناغا يېتىپ كېلىپ، بۇ بىنادىنمۇ بىراقلا ئونغا يېقىن كىشىنى تۇتۇپ ئېلىپ چىقىشتى. ئۇنىڭ ئارقىدىن يەنە باشقا بىر بىناغا بېرىپ، بۇ بىنادىنمۇ جەمىي ئون بەشكە يېقىن كىشىنى تۇتۇپ چىقتى. ئۇلارنىڭ تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى داۋاملاشقانغا تۆت سائەتچە بولۇپ قالغانىدى. تاڭ سۈزۈلىدىغانغا يېقىنلىشىپ قالغان بولۇپ،يېقىن ئەتراپتىكى بىنالاردىكى ئۆيلەرنىڭ چىرىقى يېقىلىپ، ھەرىكەت كۆرۈلۈشكە باشلىدى. شۇنىڭدىن كېيىنلا ساقچىلار بۈگۈنكى «كېچىلىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى»نى توختىتىپ،ئالاھىدە ساقچى ئەترىتى پونكىتىغا قايتىپ كەلدى. ئۇلارنىڭ بۈگۈنكى كېچىلىك تۇتقۇن قىلىش ۋەزىپىسى ئاخىرلاشقان ئىدى. كۇرسانىت ساقچىلار« كېچىلىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى»گە قاتناشقانلىقى ئۈچۈن بۈگۈنكى دەرس كېيىنكى كۈنگە قاالدۇرۇلغان ئىدى.شۇڭا ئۇلار چۈشكىچە ئۆز ئىختىيارى پائالىيەت قىلىش ھەم دەم ئېلىش ئۈچۈن قويۇپ بېرىلدى.
ۋاڭ بىلەن جاڭ سائەت 11 گىچە ئارام ئالغاندىن كېيىن ناشتىلىقىنى قىلىشىپ بولۇپلا ئالاھىدە ساقچى ئەترىتى پونكىتىغا يېتىپ كېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ تۈنۈگۈن يېرىم كېچىدە تۇتقۇن قىلىنغانلارنى سوراق قىلىش ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى خەۋەر قىلىشتى. ساقچى پونكىتىنىڭ باشلىقى ئۇلارنىڭ سوراق قىلىش مەشغۇلاتى ئۈچۈن كەلگىنىنى ئاڭلاپ بەكمۇ خۇشال بولۇپ كەتتى. ئۇ ئالايىتەن بۇ ئىككى كەلگۈندى ساقچىنىڭ ئالدىغا چىقىپ: ئۇلارنى ئۆز ئىشخانىسىغا تەكلىپ قىلدى. ئالاھىدە ساقچى ئەترىتى پونكىتىنىڭ باشلىقى بەكلا ئۇيقۇسىز قالغانمۇ قانداق؟ كۆزلىرى قىزىپ قاپاقلىرى ئىششىپ كەتكەن ئىدى. ئۇ ئىككى كەلگۈندى ساقچىغا بىر تالدىن تاماكا تۇتاشتۇرۇپ بەرگەندىن كېيىن، سۆزىنى باشلىدى:
-سىلەرنىڭ بۈگۈن بالدۇر كەلگىنىڭلار بەك ياخشى بولدى.بۇ سىلەرنىڭ خىزمەتتىكى ئاكتىپچانلىقىڭلارنى ئىپادىلەيدۇ. ھازىر بۇ ئالاھىدە ساقچى پونكىتىمىزدىكى خىزمەتلەر بەكمۇ ئالدىراش بولۇپ كېتىپ بارىدۇ. يېتىشپ بولالمايۋاتىمىز، ناھايىتى كۆپ ئادەملەر تۇتقۇن قىلىنغاچقا ئۇلارنى ۋاقتىدا سوراق قىلىپ، ئىقرار قىلدۇرۇلغاندىن كېيىن، جازاغا ھۆكۈم قىلىش ياكى «كەسپىي قايتا تەربىيەلەش مەركىزى» گە ئەۋەتىش خىزمىتى-بىزنى بەكمۇ چارچىتىپ، بېشىمىزنى ئاغرىتىپ كېتىپ بارىدۇ. ئەمدى سىلەر بىزنىڭ ئىشىمىزنى يېنىكلەشتۈرۈپ، كۈچىمىزگە كۈچ قوشىدىغان بولدۇڭلار، مەن سىلەرگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن ھەمدە يۇقىرىغا سىلەرنىڭ خىزمەتتىكى ئاكتىپچانلىقىڭلارنى بىلدۈرۈپ، مەخسۇس دوكلات يوللايمەن.سىلەرنىڭ مۇمكىن بولسا، مۇشۇ ئالاھىدە ساقچى پونكىتىغا كېلىپ خىزمەتكە چۈشۈشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. ھازىر چۈشلۈك دەم ئېلىش ۋاقتىغا ئاز قالدى، مەن سىلەرنى چۈشتە ئالاھىدە زىياپەتكە تەكلىپ قىلىمەن. بىللە تاماق يېيىشىپ كۈچىمىزگە-كۈچ قوشايلى! سوراق قىلىش خىزمىتىنى چۈشتىن كېيىن باشلىساڭلارمۇ بولىدۇ.
ئالاھىدە ساقچى پونكىتى باشلىقىنىڭ ماختاشلىرى ئالدىدا، ھىڭگاڭ چىشلىرىنى چىقىرىپ ھىجىيىشىپ كەتكەن بۇ ئىككى كەلگۈندى ساقچى ئۇنىڭغا چۈشلۈك زىياپەت تامىقى ئورۇنلاشتۇرغانلىقىغا ئارقا-ئارقىدىن رەھمەت ئېيتىشىپ: ئۆزلىرىنىڭ ھەر قانداق خىزمەت ئۈچۈن تەييار ئىكەنلىكىنى. ناۋادا يۇقىرىدىن بۇ ساقچى پونكىتىغا تەقسىم قىلىنسا كېلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.
چۈشلۈك زىياپەت ۋاقتىدا ۋاڭ بىلەن جاڭ ساقچى پونكىتى باشلىقى بىلەن يېيىشتى، ئىچىشتى. شۇ ئارىدا ئۇلار ئۆزئارا، بىر-بىرىنىڭ ئىسىم فامىلىسى ۋە يۇرتى قاتارلىقلارنى سورىشىپ تەپسىلىي تونۇشۇپ چىقتى. مېنىڭ فامىلەممۇ ۋاڭ دەپ سۆزىنى باشلىدى ئالاھىدە ساقچى پونكىتىنىڭ باشلىقى-مەن ئەسلى شەندۇڭلۇق بولىمەن. يۇرتۇمدا ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ ئۆتەلمەي قالغان ئىدىم، كېيىن ھەربىي سەپكە قاتناشتىم. ھەربىي سەپنى ئىككى يىل ئىچىدە تاماملىغاندىن كېيىن شىنجاڭغا كېلىپ،ساقچىلىق خىزمىتىگە ئورۇنلاشتىم. ئۇ چاغدىكى شىنجاڭنىڭ پارتىيە سېكرىتارى بىزنىڭ شەندۇڭلۇق ۋاڭ لېچۈئەن بولغاچقا،ناھايىتىمۇ كۆپ شەندۇڭلۇق ياشلار كېلىپ ئىشقا ئورۇنلاشقان ئىدۇق، ئۇزاق ئۆتمەي بىز ۋاڭ سېكرىتارنىڭ نەزىرىگە چۈشۈپ، ئورنىمىز يۈكسەلدى. خىزمىتىمىز ئۆستۈرۈلۈپ ھەر خىل ۋەزىپىلەرگە قويۇلدۇق، ئۇ ھەقىقەتەن ئۆز يۇرتلۇقلىرىنى قەدىرلەيدىغان سېكرىتار ئىدى. ئۇنىڭ ياردىمىدە،كۆپلىگەن شەندۇڭلۇقلار شىنجاڭغا كېلىپ مۇھىم خىزمەتلەرگە ئورۇنلاشتى ۋە ھەر خىل ۋەزىپىلەرگە قويۇلدى. ئۇ ئۆزىمۇ قالتىس كەسكىن رەھبەر ئىدى. 2009-يىلىدىكى «بەشىنچى ئىيۇل ۋەقەسى»نى باستۇرۇشتا باشلامچى بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئەسكەر-ساقچىلارنى ئىشقا سېلىپ نۇرغۇن تېرورىست ۋە بۆلگۈنچىلەرنى ئېتىپ تاشلىدى. نەچچە ئون مىڭ نامايىشچىلارنى تۇتقۇن قىلىپ، ۋەقەنى ئۆز ۋاقتىدا بېسىقتۇردى. ئۇنىڭ بۇ خىزمىتى ئۈچۈن مەركىزى كومىتېت تەرىپىدىن ئالاھىدە تەقدىرنامە بېرىلدى.
ئەپسۇس، ئۇ داۋاملىق بۇ يەردىكى ۋەزىپىسىدە تۇرغان بولسا، تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، چېگرا رايوننىڭ مۇقىملىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن چوڭ تۆھپە قوشقان بولاتتى. كېيىن ئۇ ئالدىنقى نۆۋەتلىك باش سېكرىتار جاڭ زې مىن نىڭ نەزىرىگە چۈشۈپ مەركەزگە يۆتكەپ كېتىلدى.
ئالاھىدە ساقچى پونكىتى باشلىقىنىڭ سۆزىنى قۇلىقىنى دىڭ تۇتۇپ ئاڭلاشقان ۋاڭ بىلەن جاڭ نىڭ كۆزلىرى چەكچىيىپ كەتكەن ئىدى. ئۇلار يۇرتىدىكى ۋاقتىدا ئۇنىڭ نامىنى قەتئىي ئاڭلاپ باقمىغانلىقىنى ئېسىگە ئېلىىپ، باشلىقىدىن سورىدى:
-بىز سابىق ۋاڭ سېكرىتارنىڭ نامىنى ئاڭلاپ باقماپتىكەنمىز، ئۇ كىشى شەندۇڭدىمۇ بىرەر خىزمەت كۆرسەتكەنمۇ ياكى بىرەر چوڭ ئەمەل تۇتقانمۇ؟
-ياق، شەندۇڭدا ۋەزىپە ئۆتىگەن، ئەمما ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ئۇ خېبېي ئۆلكىسىدە مۇئاۋىن سېكرىتار بولغان ئىكەن. كېيىن شىنجاڭغا باش سېكرىتار قىلىپ يۆتكەپ كېلىنگەن. 2009-يىلى يۈز بەرگەن «5-ئىيۇل ۋەقەسى»دىن كېيىن ئۇنىڭ نامى ھەر يەردە تارقىلىشقا باشلىدى.
-ھە، شۇنداقمۇ؟-دەپ، بىر-بىرسىگە قاراشتى ۋاڭ بىلەن بىلەن جاڭ ئۇنىڭدىن ئۆزلىرىچە پەخىرلىنىۋاتقاندەك ئىپادىنى بىلدۈرۈپ، ئاندىن ۋاڭ ئېغىز ئاچتى:
-بىز شەندۇقلۇقلار قالتىس ئىقتىدارلىق ئىكەنمىز، شىنجاڭغا كەلگەن شەندۇڭلۇقلار دۆلىتىمىزنىڭ بىرلىكى ۋە گۈللەپ ياشنىشى ئۈچۈن چوڭ تۆھپە قوشۇپتىمىز، مانا سابىق ۋاڭ سېكرىتار بىلەن سىز-بۇنىڭ تىپىك نەمۇنىللىرىدىن ئىكەنسىلەر!
-ھە، شۇنداق!-دەپ ئىنكاس قايتۇردى ئالاھىدە ساقچى پونكىتىنىڭ باشلىقى-بىز شەندۇڭلۇقلار ھەم يۇرتۋاز كېلىمىز ھەم مىللەتچىلىكتىمۇ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىمىز، شۇڭا،بىز شىنجاڭدا جۇڭخۇئا مىللىتىنىڭ ئۈستۈنلۈكىنى بەرپا قىلىشتا ھەممىدىن ئالدىنقى ئورۇندا تۇرماقتىمىز، يەرلىك مىللەت بولغان ئۇيغۇر قاتارلىق بۇ ياۋايلارنى بويسۇندۇرۇشتا بىزدىن ئۇستىسى يوق، گەرچە سىچۈئەنلىكلەر بىزدىن سان جەھەتتە بىرئاز كۆپ بولسىمۇ،ئەمما ئەمەلىي ھوقۇق بېشىدا شەندۇڭلۇقلاردەك كۆپ ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار شىنجاڭدىكى توپىلاڭلارنى باستۇرۇش ۋە شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كۆرۈشىدە بىزچىلىك خىزمەت كۆرسىتەلمىدى. شۇڭا بىز شەندۇڭلۇقلار ئۆزىمىزدىن پەخىرلىنىشىمىز كېرەك!
-ھەئە، شۇنداق! بىز شەندۇڭلۇقلار ھەقىقەتەن شىنجاڭدا پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ يوليورۇقلىرىنى قەتئىي ئىجرا قىلىپ، ئۇلارنىڭ بىزدىن كۈتكەن ئۈمىدىنى ئاقلىدۇق. بۇنىڭدىن كېيىنمۇ شۇنداق قىلىشىمىز كېرەك! دەپ يەنە ئۆزىچە ئىپادىسىنى بىلدۈرۈپ كېتىشتى ۋاڭ بىلەن جاڭ، خۇددى باشلىقى ئۇلاردىن بىر نەرسىنى كۈتۈۋاتقاندەك ھېس قىلىشىپ،
-توغرا دەيسىلەر! بىز شەندۇڭلۇقلار شىنجاڭدا بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي ئىش قىلىشىمىز، تېررورچى ۋە بۆلگۈنچىلەر بىلەن قەتئىي كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك! شۇڭا، بىزنىڭ ئالدىمىزدا ئېغىر ۋەزىپە تۇرماقتا، ئەمدى بىز بۇ ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش ئۈچۈن جان تىكىپ كۈرەش قىلمىساق بولمايدۇ، مەن ئىككىڭلارنى بۇ ساھەدە قولىدىن ئىش كېلىدۇ دەپ قارايمەن، سىلەرنىڭ بۆلگۈنچى ۋە تېرورىتسلار بىلەن قەتتئىلىك بىلەن كۈرەش قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. شۇنداق قىلساڭلارلا سىلەر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە شەندۇڭلۇقلارنىڭ بىزدىن كۈتكەن ئۈمىدىنى ئاقلىيالايسىلەر، ئاندىن سىلەرنىڭ يولۇڭلار ئېچىلىدۇ. ئىستىقبالىڭلار پارلاق بولىدۇ، خۇددى ۋاڭ سېكرىتارغا ئوخشاش يۇقىرى مەنسەپكە ئىگە بولالايسىلەر!
-بولىدۇ، ۋاڭ باشلىق-دەپ، يەنە ئىپادە بىلدۈرۈشتى ۋاڭ بىلەن جاڭ-بىز چوقۇم شۇنداق قىلىمىز، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە سىزنىڭ كۈتكەن ئۈمىدىڭىزنى ئاقلايمىز، بۇ جەھەتتە سىز بىزگە يول باشچىلىق قىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز،
-بولىدۇ، شۇنداق قىلايلى! مانا بۈگۈندىن باشلاپ بىزنىڭ دوستلۇقىمىز باشلاندى دېدى ۋاڭ باشلىق، ئاندىن سائىتىگە قاراپ-ۋاقىت توشۇپ قاپتۇ، ئۇنداق بولسا چۈشتىن كېيىن قىلىدىغان ئىشىڭلارنى باشلاڭلار، سوراق جەريانىدا تۇتقۇنلارغا قىلچىلىك رەھىم قىلساڭلار بولمايدۇ. بارلىق قاتتىق ۋاستىلارنى قوللىنىپ، گۇناھىنى ئېتىراپ قىلدۇرۇپ، توۋا قىلدۇرۇشۇڭلار،ئاندىن تۈرمە ياكى «كەسپىي قايتا تەربىيەلەش مەركىزى»گە يوللاپ بېرىشىڭلار كېرەك!
-بولىدۇ باشلىق، بىز تۇتقۇنلارغا ھەرگىزمۇ رەھىمدىللىق قىلمايمىز.-دېدى ۋاڭ بىلەن جاڭ ئاخىرقى ئىپادىسىنى بىلدۈرۈپ:-خەيرى خوش! بىز ئىشقا چۈشۈپ كەتتۇق.
ۋاڭ بىلەن جاڭ، ئىككى يوللانما ساقچىنىڭ ھەمراھلىقىدا ساقچى پونكىتىنىڭ ئاستىنقى قەۋىتىگە چۈشۈپ، ئالدىنقى ئاخشىمى تۇتۇلغان ياش تالىپلاردىن بىرنى سوراقخانىغا ئېلىپ چىقىپ، يولۋاس ئورۇندۇققا ئولتۇرغۇزۇپ، پۇت-قولىنى مىدىر-سىدىر قىلالماس قىلىپ باغلاپ قويۇشتى-دە، ئاندىن سوراقنى باشلىدى :
-گۇناھىڭنى ئىقرار قىل!
-نېمە گۇناھىمنى ئىقرار قىلىمەن؟-ياندۇرۇپ سورىدى ياش تالىپ ھىچنېمىنى چۈشەنمەي.
-دىن دەرسى ئوقۇغانلىقتىن ئىبارەت ئېغىر گۇناھىڭنى ئىقرار قىل!
-دىن دەرسى ئوقۇغانلىق ئېغىر گۇناھ ئەمەس، دىنمۇ بىر ئىلىم، شۇڭا، رايونىمىزدا ئىسلام دىنىي ئىنىستىتۇتى قۇرۇلغانغۇ؟ بىزنىڭ ئۇستازىمىز مۇھەممەد سالىھ داموللاھاجىم ئۇ ئىنىستىتۇتنىڭ مۇدىرى بولىدۇ.
-ئۇ دېگەن بۇرۇنقى خاتا سىياسەتتىن بولغان دەپ، كۆرەڭلەرچە ۋاقىرىدى ۋاڭ،ياش تالىپ بالىغا،-ھازىر سىياسەت ئۆزگەردى. ھازىرقى سىياسەتتە دىن ئۆگىنىش-رادىكاللىق ۋە ئەسەبىيلىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
-ياق، ئۇنداق ئەمەس، دىن ئۆگىنىش رادىكاللىق ۋە ئەسەبىلىك ئەمەستۇر. ئەكسىچە، دىن ئۆگىنىش ۋە ئۆگىتىش-بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام تەكىتلىگەن سۈننەتلەرنىڭ بىرىدۇر. ئىنسانلار ئۆز دىنىنى ياخشى ئۆگەنگەندىلا، ئۆزىدە ئېسىل ئەخلاق-پەزىلەتنى يېتىلدۈرۈپ، ئىنسانلارنىڭ تىنچ ۋە باراۋەر ياشىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشالايدۇ.
-ھەي، خاتا گەپ قىلما، دىن بولسا، بىر زەھەرلىك ئەپيۇندۇر. كىم-دىن ئۆگىنىدىكەن، ئۇنىڭ كاللىسى رادىكاللىق بىلەن تولۇپ كېتىدۇ. سوتسىيالىزمغا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا،دۆلەتنىڭ بىرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ.
-ياق، ئۇنداق ئەمەس، دىن ھېچقاچان دۆلەت ئىشلىرىغا ئارىلاشقان ئەمەس، سوتسىيالىستىك تۈزۈمگىمۇ قارشى تۇرمايدۇ. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىمۇ بۇزغۇنچىلىق قىلمايدۇ. ئەكسىچە مىللەتلىرىنىڭ ئۆم-ئىناق ياشىشىنى تەكىتلەيدۇ.
-كاپشىما رادىكال ئۇنسۇر! سېنىڭ دىننى ئۆگىنىشتىكى مەقسىتىڭ باشقا، خەلقنى ئازدۇرۇش، دۆلەتنى پارچىلاش، سوتسىيالىستىك تۈزۈمگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش…
-ياق، ئۇنداق ئەمەس! بۇ سىلەرنىڭ دىننىڭ ماھىيىتىنى بۇرمىدىغانلىقىڭلاردۇر.
-كاپشىما! بىزنى بىلمەيدۇ دەۋاتامسەن؟-دەپ ۋاقىرىدى يەنە ۋاڭ تالىپ بالىغا، ئاندىن قولىدىكى بىر پارچە ئالدىن تەييارلانغان ئىقرارنامىنى تالىپ بالىنىڭ ئالدىغا تاشلىدى : گۇناھىڭنى ئېتىراپ قىل، بۇنىڭغا قول قوي! بولمىسا ئېغىر جازالىنىسەن!
-ياق، ئۇنداق ئەمەس، مېنىڭ دىننى ئۆگىنىشتىكى مەقسىتىم-دىننى چۈشىنىش ئۈچۈندۇر. شۇڭا مەندە گۇناھ يوق!-دەپ قول قويۇشنى رەت قىلدى تالىپ بالا.
شۇنىڭدىن كېيىن ۋاڭ بىلەن جاڭ غالجىرلارچە ئېتىلىپ كېلىپ، قولىدىكى توپ كالتىكىنى تالىپ بالىنىڭ بېقىنى، دۈمبىسى ۋە بويۇنلىرىغا ئارقا-ئارقىدىن بەش-ئالتە قېتىم يېقىۋەتتى. تالىپ بالا شۇ ھامان ھوشىدىن كەتتى. تالىپ بالىنىڭ ھوشىدىن كېتىشى زالىم ساقچىلارغا بىر پۇرسەت بولدى. ئۇلار تالىپ بالىلارنىڭ قولىنى بوشىتىپ، ئاندىن سوزۇپ ئەكىلىپ، سۇرۇخقا تەگكۈزۈپ نەمدىۋالغاندىن كېيىن، ئالدىن تەييارلاپ قويۇلغان ئىقرارنامىگە قول قويدۇرۇۋېلىشتى .
كەلگۈندى ساقچىلار بىرىنچى تالىپ قولىنى ئىقرار قىلدۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ئارقا-ئارقىدىن ئىككىنچى، ئۈچىنچى، تۆتىنچى بالىلارنىمۇ ئوخشاش ئۇسۇلدا سوراق قىلدى ۋە توك كالتىكى بىلەن ئۇرۇپ، ھوشىدىن كەتكۈزىۋەتكەندىن كېيىن، ئالدىن تەييارلاپ قويۇلغان ئىقرار نامىگە مەجبۇرىي قول قويدۇرۇۋالدى-دە، ئاندىن ئۇلارنىڭ دېلوسىنى تۇرغۇزۇپ چىقىپ، جازا ھۆكۈم قىلىش ئۈچۈن سىياسىي قانۇن كومىتېتىغا يوللاپ بېرىشتى.
ۋاڭ بىلەن جاڭ ئىككى سائەتكە يېقىن داۋاملاشقان سوراقتىن كېيىن ھېرىپ-چارچاپ كەتكەن بولۇپ، كۆزلىرى خۇددى قان ئىچىۋالغان ئالۋاستىنىڭ كۆزىدەك قىزىرىپ كەتكەن ئىدى. ناۋادا ئۇلار ئىنسان بولۇپ قالمىغان بولسا ئىدى، باياتىن بېرى سوراق قىلغان بىگۇناھ بالىلارنىڭ قانلىرىنى ئىچىپ، گۆشلىرىنى يەپ، سۆڭەكلىرىنى كۆكۈم تالقان قىلىۋەتكەن بولاتتى. ئۇلار زالىملىقىنى مۇشۇ پېتى داۋاملاشتۇرىۋەرسە، ئۇزاق قالماي ھەقىقىي بىر ئالۋاستىغا ئايلىنىپ كېتىشى مۇمكىندەك تۇراتتى.
ۋاڭ بىلەن جاڭ يېرىم سائەتتەك دەم ئېلىپ، ھاردۇقىنى چىقىرىۋالغاندىن كېيىن يەنە يەر ئاستى قەۋەتكە چۈشۈپ، ياشانغان بىر كىشىنى سوراقخانىغا ئېلىپ چىقتى-دە،يولۋاس ئورۇندۇققا ئۇنىڭ پۇت-قولىنى چېتىپ، مىدىر-سىدىر قىلالماس قىلىپ قويغاندىن كېيىن سوراقنى باشلىدى :
-جىنايىتىڭنى ئىقرار قىل!
-نېمە جىنايىتىمنى ئىقرار قىلىمەن-دېدى ياشانغان كىشى تېڭىرقاپ،مەندە جىنايەت يوق!
-نېمە جىنايىتىمنى ئىقرار قىلىمەن دەۋاتامسەن؟-دېدى ۋاڭ قولىدىكى:«ئالدىن تەييارلاپ قويۇلغان ئىقرارنامە»گە بىر قۇر قارىۋەتكەندىن كېيىن-سەن بىر دىنىي ئەسەبىي ئۇنسۇرسەن. سەن ھۆكۈمەت بەرگەن:«ئىسلام دىنى ئىنىستىتۇتى» نىڭ مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى توغرا ئىجرا قىلماي، نۇرغۇنلىغان تالىپلارغا ئۆزۈڭنىڭ سوتسىيالىستىك تۈزۈمگە قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت ئەكسىيەتچى ئىدىيەڭنى سىڭدۈردىڭ، دىنى رادىكاللىقنى تەشۋىق قىلدىڭ، قۇرئان-كېرىم ۋە ھەدىس-شېرىپلەرنى تەرجىمە قىلىپ، خەلقنىڭ ئىدىيىسىنى زەھەرلىدىڭ، بۇ بىر ئېغىر گۇناھتۇر!
-ياق گۇناھ ئەمەس!-دەپ ئېتىراز بىلدۈردى مۇھەممەت سالىھ داموللام-مەن ھۆكۈمەتنىڭ ئەينى ۋاقىتتا يول قويغان:« دىنىي ئەركىنلىك سىياسىتى»بويىچە ئىش كۆردۈم، دىندا نېمە دېيىلگەن بولسا،شۇنى تەشۋىق قىلدىم. قۇرئان كېرىم ۋە ھەدىس كىتاپلىرىنى تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلدۇرۇشىمۇ ئەينى ۋاقىتتا رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ رۇخسىتى بىلەن بولغان ئىدى. ئەمدىلىكتە نېمىشقا ئۇ خاتا ئىش بولۇپ قالسۇن؟
-ئۇ دېگەن بۇرۇنقى ئىشلار!-دەپ ۋاقىرىدى ۋاڭ مۇتىھەملىك بىلەن-بۇرۇن پارتىيەمىز ئىسلام دىنىنىڭ-سوتسىيالىستىك تۈزۈم ئۈچۈن خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى بايقىمىغان ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاددىي خەلقلەرگە قارىتا قىسمەن دىنىي ئەركىنلىك يولغا قويۇلغان. ئەمما، پارتىيە ئەزالىرى، ھۆكۈمەت كادىرلىرى ۋە ئوقۇتقۇچى ھەم ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلىشنى چەكلىگەن. ئۇنداقكەن، سېنىڭ ھۆكۈمەت قۇرغان بىر مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ۋە مۇدىرى بولۇپ تۇرۇقلۇق ئۆيۈڭدە قوشۇمچە تالىپ يېتىشتۈرگىنىڭ، دىنى كىتابلارنى تەرجىمە قىلىپ، خەلق ئاممىسىنى زەھەرلەپ، ئۇلارنى پارتىيە-ھۆكۈمەتتىن ئايرىپ تاشلىماقچى بولغىنىڭ، سوتسىيالىستىك تۈزۈمگە قارشى تۇرغانلىق بولماي نېمە؟
-ئۇنداق ئەمەس، سىلەر خاتا چۈشىنىۋاپسىلەر،-دەپ، يەنە قارشىلىق بىلدۈردى مۇھەممەت سالىھ داموللام-ئىسلام دىنى بىر تىنچلىق دىنىدۇر.ئۇنىڭدا ھېچقاچان سوتسىيالىستىك تۈزۈمگە قارشى تۇرۇڭلار، كاپىتالىستىك تۈزۈمنى ھىمايە قىلىڭلار دېگەن مەزمۇنلار يوق، ئەكسىچە خەلق ئاممىسىنى ئۇرۇش-تالاش قىلىشتىن توسۇپ، پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ تىنچلىق ئىچىدە، باراۋەر ۋە ئۆم-ئىناق بولۇپ ياشىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ.
-قۇرۇق گەپ قىلما!-دەپ ۋاقىرىدى ۋاڭ يەنە داموللامغا،-بىز سېنىڭ قۇرۇق گەپلىرىڭگە ئىشەنمەيمىز، سەن بىر «دىنى ئەسەبىي ئۇنسۇر». سەن ئەسلى قىياپىتىڭنى يوشۇرۇۋالغان «ئىككى يۈزلىمىچى»، چۈنكى، سەن مەكتەپتە ھېچقاچان كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ نەزەرىيىسىنى ۋە شى جىن پىڭ ئۈزۈندىلىرىنى تەشۋىق قىلىپ باقماپسەن؟شۇنداقلا سەن تەرجىمە قىلغان كىتابلاردا پارتىيە-ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتى ھەققىدە ھېچقانداق گەپ يوق ئىكەن؟ ھەمىشە ئىسلام دىنى ھەققىدىلا سۆزلەيدىكەنسەن؟ ئۇنداقكەن سەن دىنىي ئەسەبىي ئۇنسۇر بولۇپ ھېسابلىنىسەن. دىنىي ئەسەبىيلىك-ئېغىر بىر جىنايەتتۇر. قېنى ئەمدى جىنايىتىڭنى ئىقرار قىل! بۇنىڭغا قول قوي!-دەپ، ئالدىنالا تەييارلاپ قويغان ئىقرارنامىنى داموللامغا ئۇزاتتى .
-ياق، مەن ئۇنىڭغا قول قويالمايمەن. مەندە جىنايەت يوق!-دەپ، مۇھەممەت سالىھ داموللام ئىقرارنامىگە قول قويۇشنى رەت قىلدى .
-مەندە جىنايەت يوق دەۋاتامسەن؟ بىز ھازىرلا ساڭا:جىنايىتىڭنىڭ ئىسپاتىنى كۆرسىتىمىز قويۇمىز-دەپ جاڭغا ئىشارەت قىلىۋىدى، ئۇ بىر ئۈستەلدىكى قۇرئان كېرىمنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى بىلەن سەھۇل بۇخارى جەۋھەرلىرى ۋە قەستەلانى شەرھىي ناملىق ھەدىس كىتابىنى ئېلىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا ۋاقىردى: بۇ نېمە؟ مۇشۇنىڭ ئۆزى سېنىڭ:«دىنىي ئەسەبىي ئۇنسۇر» ئىكەنلىكىڭنىڭ ئىسپاتىدۇر. ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە بىزنىڭ ئىسپاتىمىز شۇكى،دەپ قولىدىكى داموللامنىڭ تالىپلىرىدىن بىرسىنىڭ مەجبۇرىي قىلدۇرۇلغان«ئىقرارنامە»سىنى ئېلىپ كېلىپ، ئۇنىڭ يۈزىگە ئاتتى ۋە بۇنى ئوقۇ-دېدى قوپاللىق بىلەن-بۇ ئىقرارنامىدە سېنىڭ تالىپ ئوقۇتقانلىقىڭغا ئائىت ئىسپات بارمىكەن-يوقمىكەن؟
-داموللامنىڭ كۆزەينىكى يوق بولغاچقا، ئۇ ئىقرارمىنى ئوقۇيالمىغان ئىدى. شۇنداقتىمۇ ئۇ،بۇنىڭ بىر مەجبۇرىي قىلدۇرغان ئىقرارنامە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى-دە،
-ھەئە، بار ئىكەن. مەن تالىپلارغا ئۆيدە قوشۇمچە دەرس بەرگەن ئىدىم. تالىپلارنىڭ دىن ئۆگىنىشى قانداق جىنايەت بولسۇن؟-دەپ سوئال قويۇپ، ئىقرارنامىگە قول قويۇشنى يەنە رەت قىلدى
-جىنايىتىڭنى ئىقرار قىلمامسەن؟ئۇنداق بولسا، بىز سېنى قانداق ئىقرار قىلدۇرۇشنى بىلىمىز-دەپ، ۋاڭ بىلەن جاڭ تەڭلا ۋاقىرىدى-دە، ئېتىلىپ كېلىپ، قولىدىكى توك كالتىكى بىلەن مۇھەممەت سالىھ داموللامنىڭ دۈمبە، بېقىنلىرى ۋە مەيدە-يۈرەك تەرەپلىرىگە ئالتە-يەتتە قېتىم ئۇرۇۋېتىشتى. شۇنىڭدىن كېيىن داموللام ھوشىدىن كەتتى.
كەلگۈندى ساقچى ۋاڭ بىلەن جاڭ داموللامنىڭ ھوشىدىن كەتكەن ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، ئالدىدىن تەييارلانغان ئىقرارلارنى ئېلىپ كېلىپ، ئۇنىڭ قولىنى سوزۇپ ئەكىلىپ، ئاندىن سۇرۇخقا تەگكۈزۈپ، قەغەز ئۈستىگە باستۇرماقچى بولۇۋىدى، داموللام قاتتىق ئاغرىقتىنمۇ قانداق؟ بىرلا سىلكىنىپ ھوشىغا كېلىپ قالدى:
-نېمە قىلىشىۋاتىسەن، ھوي ناكەستىلەر؟ مېنى بۇ قەغەزگە ئىمزا قويدۇرۇپ نېمە قىلماقچى؟-دەپ، قارشىلىق بىلدۈردى داموللام،
-تولا كاپشىما!-دەپ ۋاقىرىدى ۋاڭ-سەن بۇنىڭغا ئىمزا قويساڭ جىنايىتىڭنى ئېتىراپ قىلغان بولىسەن، ئەگەر ئىمزا قويمىساڭ، بۇ يەردىن سېنىڭ ئۆلۈكۈڭ چىقسا چىقىدۇكى، تىرىكىڭ چىقمايدۇ .
-مەيلى نېمە بولسا،بولسۇن؟ مەن ئىمزا قويمايمەن. مەندە گۇناھ يوق، مەن جىنايەتچى ئەمەس!-دەپ يەنە رەت قىلدى داموللام .
-ھىم،سەن جىنايەتچى ئەمەسما؟ ئۇنداق بولسا، بۇ نېمە؟-دەپ، مۇھەممەت سالىھ داموللامم ئىلگىرى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان:«قۇرئان كېرىمى بىلەن ھەدىس شېرىپ» كىتاپلىرىنى ئۇنىڭ ئالدىغا تاشلىدى.
-ھەي، ناكەستىلەر، ئاللانىڭ كىتابىغا ھۆرمەتسىزلىك قىلىشما!ئېغىر گۇناھ بولىدۇ!- دەپ ۋاقىرىدى داموللام ساقچىلارغا.
-ئاللاھنىڭ كىتابى دېدىڭمۇ؟ قايسى ئاللاھنىڭ كىتابى، سېنىڭ ئاللاھىڭ نەدە؟ قېنى بىزگە كۆرسەت!-دەپ ۋاقىرىدى يەنە بىر سوراقچى جاڭ مۇ داموللامغا ۋاقىراپ،
داموللام ئۇنىڭ بۇ سوئالىدىن شۇنداق غەزەپلەندىكى، كۆزىدىن ئوت چاقناپ كەتتى، ئۇ غەزەپ ئىچىدە ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەردى: ئاللاھنى سېنىڭدەك ئىمانسىزلار كۆرەلمەيدۇ، ئۇ ھەقىقەتەن مەۋجۇتتۇر. ئۇنىڭ مەۋجۇتلىقىنى بىز ئىمان ئېيتقان مۇسۇلمانلار قەلبىمىزدە ھېس قىلىمىز، شۇڭا، ئاللا ئىنساننىڭ قەلبىدە مەۋجۇت بولىدۇ.
-قەلبىدە؟ قەلبى دېگەن نېمە؟-دەپ سورىدى جاڭ قوشۇمچە سوراقچىلاردىن بولغان بىر ئۇيغۇر ساقچىدىن.
-قەلبى دېگىنى-مېنىڭ يۈرىكىمدە دېگىنىدۇر-دەپ چۈشەندۈردى ئۇ ئۇيغۇر ساقچى،
-ئاناڭنى!-سېنىڭ شۇ يۈرىكىڭنى قانداق قىلىدىغانلىقىمنى ھازىر كۆرىسەن!-دەپ ۋاقىرىغانچە ئېتىلپ كېلىپ،داموللامنىڭ يۈرەك قىسمىغا توك كالتىكىنى ئارقا-ئارقىدىن ئۈچ-تۆت قېتىم يېقىۋەتتى. داموللام يەنە ھوشىدىن كەتتى. ئۇنىڭ بېشى تۆۋەنگە ساڭگىلاپ قالغان ئىدى، پۇت-قولى يېنىك تىترەۋاتاتتى. ئاغزىدىن قان تەمچىپ چىقىۋاتاتتى. تىنىقى توختاپ قالغاندەك قىلاتتى. ياردەمچى ساقچىدىن بىرسى ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ، مەيدىسىگە قۇلىقىنى تۇتۇپ، يۈرەك سوقۇشنى تىڭشاپ كۆردىدە، ئەييا، ئەييا، ئۇ ئۆلۈپتۇ!-دەپ،جاڭغا قارىدى.
-ھەئە،شۇنداقمۇ؟-دېدى جاڭ كۆزىنى چەك چەكچەيتكەنچە-ياخشى بولۇپتۇ. ئەمدى ئۇنىڭ قولىنى ئىقرارنامىغا باستۇرۇۋېلىڭلار! ئاندىن ئۇنى ئېلىپ چىقىپ كېتىڭلار! ياردەمچى ساقچىلارغا بۇيرۇق بويىچە، ئۆزلىرىنىڭ قوللىرىدىكى توك كالتەكلىرىنى تامغا ئېسىپ قويۇپ،مۇھەممەت سالىھ داموللامنىڭ مۇبارەك جەسىتىنى سۆرەپ ئېلىپ چىقىپ چىقىپ كېتىشتى. قاتىل ساقچىلار ياردەمچى ساقچىلارنىڭ ئارقىسىدىن يۇقىرى قەۋەتكە چىقىپ، بۈگۈنكى سوراق قىلىش خىزمىتىدىكى نەتىجىللىرىنى ئالاھىدە ساقچى پونكىتىنىڭ باشلىقىغا دوكلات قىلدى.
ئالاھىدە ساقچى ئەترىتىنىڭ باشلىقى ئۇلارنىڭ قولىدىكى مەجبۇرىي قىلدۇرىلغان «ئىقرارنامە»نى كۆرۈپ، ھىجايغانچە ئۇلارنى ماختاپ: بەك ياخشى، بەك ياخشى بولۇپتۇ، مانا سىلەر خىزمىتىڭلاردا چوڭ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۈڭلار، مەن سىلەرنىڭ بۇ خىزمىتىڭلارنى يۇقىرىغا يوللايمەن. كېيىنكى خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشتا، بۇ ساقچى ئەترىتدە مەن بىلەن بىللە خىزمەت ئىشلىشىڭلارنى تەكلىپ قىلىمەن.-دېدى. ئاندىن ئۇلارغا بۈگۈنكى خىزمەت نەتىجىلىرىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن كەچتە ئىختىيارى پائالىيەت قىلىشنى، كېچىلىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىگە قاتناشمىسىمۇ بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. ئاخىرىدا بىر پارچە چەكنى تۇتقۇزۇپ، بۇنىڭ ئۆزىنىڭ بىر كىچىك مۇكاپاتى ئىكەنلىكىنى، كۆڭۈل ئېچىش ئۈچۈن سودا-سېتىق قىلىۋېلىشىنى ئېيتىپ، ئۇلارنىڭ دەم ئېلىشىغا رۇخسەت قىلدى.
ۋاڭ بىلەن جاڭ سىرتقا چىقىپ، زىياپەت ئۈچۈن ھاراق، تاماكا، تەييار قاچىلانغان كۆكتات قۇرۇلمىسى قاتارلىق نەرسىلەرنى سېتىۋالغاندىن كېيىن، ياتاقلىرىغا قايتىپ كېلىپ، كۆڭۈل ئېچىش ئۈچۈن ئولتۇرۇشتى. زىياپەت باشلىنىپ بىرئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇلار ئىچكەن ھاراقلىرىنىڭ تەسىردىنمۇ قانداق؟ ئۆزئارا تالاش-تارتىشقا چۈشۈپ كېتىشتى :
-مەن سوراق قىلىش خىزمىتىنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم،-دېدى ۋاڭ-بۇ ياۋايىلارنى سوراق قىلىش-خۇددى بىر كىنو كۆرگەندەكلا ئىش ئىكەن. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۆزلۈكىدىن گۇناھىنى ئىقرار قىلمايدىكەن، شۇڭا ئۇلارنى ئىقرار قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئۇرۇپ-يارىلاندۇرۇش ۋە ھوشىدىن كەتكۈزىۋېتىش ئەڭ ئاقىلانە چارە ئىكەن. ھەتتا بۈگۈنكى قېرى ئەبلەخنى ئۆلتۈرگەندەك ئۆلتۈرۈپ قويۇشمۇ ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئاچىدىكەن، سەنچە قانداق؟-دەپ سورىدى ئۇ جاڭغا قاراپ-سەن سوراق قىلىشنى ياقتۇردۇڭمۇ ياكى كېچىلىك تۇتقۇن قىلىشنىمۇ؟
-مەنمۇ سوراق قىلىشنى ياخشى كۆردۈم. كېچىلىك تۇتقۇن قىلىشنى ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمىدىم. چۈنكى، تۇتقۇنغا چىقىشتىن بۇرۇن ئادەمدە بىر خىل ئەندىشە پەيدا بولۇپ قالىدىكەن. ناۋادا تۇتقۇن قىلىنغۇچىلاردىن بىرەرسى قارشىلىق قىلىپ قالسا، ئۇ چاغدا ئۇلار بىلەن ئېلىشىشقا توغرا كېلىدۇ. بىزنىڭغۇ قوراللىرىمىز بار، قارشىلىق قىلغانلارنى دەرھال ئېتىپ تاشلىيالايمىز، ئەمما ئۇلارنىڭمۇ بىرەرسىدىن قورال چىقىپ قالسا، ئۇ چاغدا ئىشىمىز چاتاق بولىدۇ. ئۆزئارا ئېتىشىدىغان گەپ، بىز تەرەپتىنمۇ ئۆلۈش ياكى يارىلىنىش ئەھۋالى كېلىپ چىقىشى مۇمكىن، مانا بۇ ئادەمنى قورقۇتىدىكەن .
-ھە،شۇنداقمۇ؟-دېدى ۋاڭ توساتتىن ئۆزىنىڭ بۇ ئىشلارنى ئويلىمىغانلىقىنى ھېس قىلىپ-قارشىلىق قىلىدىغانلارمۇ چىقارمۇ؟ ئەمما مەن ھازىرغىچە ئاڭلاپ باقمىدىم، چۈنكى بۇ ياۋايىلارنىڭ ھېچقايسىسىدا قورال، ھەتتا پالتا-پىچاقمۇ يوق ئىكەن. ھۆكۈمىتىمىز ئۇلارنىڭ پىچاقلىرىنى زەنجىرلەپ، كوت بەلگىسى ئۇرۇپ، ئىگىسىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايدىغان قىلىپ قويۇپتۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ناۋادا بىرەرسى پىچاق كۆتۈرۈپ قارشىلىق قىلسا، بىز ئۇنى ئېتىپ تاشلاش ھوقۇقىغا ئىگە تۇرساق، بۇ قەدەر ئەنسىرەپ كېتىشنىڭ نېمە ھاجىتى؟
-ئۇغۇ شۇنداق-دېدى جاڭ-ئەمما،بىز كىمنىڭ، قاچان قارشىلىق قىلىدىغانلىقىنى ئالدىدىن بىلەلمەيمىز، بۇنداق ئەھۋالدا تۇيۇقسىز بىرەرسى تەرپىدىن قارشىلىق كېلىپ چىقسا، ھەر ئىككى تەرەپتىن ئۆلۈش ياكى يارىلىنىش كېلىپ چىقىدىغان گەپ، ناۋادا بىز قارشىلىق جەريانىدا يارلىنىپ مېيىپ بولۇپ قالساق، ياكى ئۆلۈپ كەتسەك، مەنسەپ ۋە پۇلنى دەپ بۇ يەرگە كېلىشىمىزنىڭ نېمە ئەھمىيىتى بولسۇن؟ شۇڭا مەن كېچىسى تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىگە ئانچە بەك قىزىقىپ كەتمەيمەن.
-بولۇپتۇ، ئۇنداق بولسا،-دېدى ۋاڭ،خىزمەتدىشى جاڭنىڭ باشقىچە پىكىردە بولۇۋاتقانلىقىغا ئانچە بەك قوشۇلمىغاندەك قىلىپ-يېڭى ۋەزىپىمىزنى تاپشۇرۇۋالساق، بەلكى كېچىسى تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىگە ئانچە كۆپ قاتناشماسلىقىمىز مۇمكىن. ناۋادا قاتىشىشقا توغرا كەلگەندىمۇ، رەت قىلماسلىقىمىز كېرەك. بولمىسا بىز يۇقىرىنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ قېلىشىمىز مۇمكىن!
بۇ دېگىنىڭمۇ توغرا دېدى جاڭ-جىددى ئەھۋالدا يۇقىرىنىڭ بۇيرۇقىنى رەت قىلغىلى بولمايدۇ. ئەمما، ئەھۋالغا قاراپ ئىش قىلىشىمىز كېرەك! پەرىزىمچە كۇرس ئاخىرلاشقاندا بىزگە بىرەر مۇھىم ۋەزىپە ياكى ئەمەل بېرىدىغاندەك قىلىدۇ، ئۇ چاغدا بىز بېرىلگەن ئەمىلىمىزگە قاراپ ئىش قىلىمىز، قول ئاستىمىزدىكى خىزمەتچىللىرىمىزنى ئالدىنقى سەپكە چىقىرىپ، ئۆزىمىز ئارقا سەپتە تۇرىمىز، بۇ چاغدا بىزگە ھىچقانچە چوڭ خەتەر كېلىپ چىقمايدۇ.
-ۋاڭ، جاڭ نىڭ بۇ ئاخىرقى پىكىرىگە بىرئاز قوشۇلغاندەك بولدى. ئەمما ئۇنىڭ ئوي-پىكرى،جاڭ نىڭكىدىن تامامەن باشقىچە ئىدى. شۇ ئەسنادا ئۇنىڭ چىرايىدا غەلىتە بىر كۈلكە پەيدا بولدى. شۇ تاپتا ئۇ خام بىر خىيال ئىچىگە كىرىپ كېتىۋاتاتتى:«ناۋادا يۇقىرى بىر مەنسەپكە ئېرىشىپ قالسام، ئامىتىمنىڭ كەلگىنى شۇدۇر. بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ تېخىمۇ يۇقۇرى ئۆرلەيمەن. بۇنىڭ ئۈچۈن يۇقىرىدىن چۈشكەن ھەر قانداق بۇيرۇقنى قەتئىيلىك بىلەن ئىجرا قىلىپ، خېيىم-خەتەرگە قارىماي ۋەزىپەمنى تولۇق ئادا قىلىمەن. بۆلگۈنچى-تېرورىستلار بىلەن قەتئىي كۈرەش قىلىپ، ئۇلارغا قىلچىلىك رەھىم قىلماي، زەربە بېرىمەن. ئادەم تۇتۇش دېگەن قانچىلىك ئىشتى؟ ئۇ مەن ئۈچۈن ئويۇننىڭ ئورنىدىكى بىر ئىشتۇر. تۇتقۇنلارنى سوراق قىلىشنى بەكمۇ ياقتۇرىمەن. ئۇلار مەن ئۇرغان تاياقنىڭ زەربىسىدىن ھوشۇدىن كەتكەندە ياكى ئۆلۈپ كەتكەندە بولسا، كۆڭلۈم بەكلا يايراپ كېتىدۇ. داداممۇ شۇنداق دەيتى: ئۇيغۇر دېگەن ياۋايىلارغا ھەرگىزمۇ رەھىم قىلما، پۇرسەت كەلگەندە تېرىسىنى تەتۈر سويۇپ، قېنىنى ئىچ! ئۇ توغرا دەيدۇ، مەن دادامنىڭ دېگەنلىرىنى قەتئىي ئېسىمدە تۇتىمەن. بۇ ئۇيغۇر دېگەن تېرورچى ۋە بۆلگۈنچىلەرگە قىلچىلىك رەھىم قىلمايمەن. ئۇلارنىڭ بىرىنىمۇ قويماي يوقۇتۇپ، دادامنىڭ مەندىن كۈتكەن ئۈمىدىنى ئاقلايمەن!
بۇ كېچە بۇ ئىككى زالىملار شەيتاننىڭ-خىيالىنى قىلىشىپ، ئۇزاق ئۇخلاپ كېتىشكەن ئىدى. ئۇلار ئويغانغاندا ئاللىقاچان كۈن چىقىپ بولغان بولۇپ، شەپەقنىڭ قىزغۇچ رەڭگى ئاستا-ئاستا سۈزۈلىۋاتاتتى. زالىم ساقچىلار ۋاڭ بىلەن جاڭ دەرسكە كېچىكىپ قالماسلىق ئۈچۈن يۈز-كۆزىنى چالا-بۇلا يۇيۇپلا، ناشتىلىقلىرىنى قىلىشىپ، كۇرسقا ئاران دېگۈدەك ئۈلگۈرۈپ يېتىپ كېلىشتى.
كۇرسانت ساقچىلار تولۇق دېگۈدەك كېلىپ، ئورۇنلىرىنى ئېلىپ ئولتۇرۇشقان ئىدى. ۋاڭ بىلەن جاڭ مۇ ئەڭ ئاخىرىدا كېلىپ، ئورۇنلىرىدا ئولتۇرۇشتى. ئىنژېنېر مۇئەللىم يېتىپ كەلدى-دە،دەرس ئىكرانىنىڭ ئالدىغا كېلىپ قولىدىكى كومپيۇتېرنى ئىكرانغا چېتىپ، تىزگىنەكنى ئۇيان-بۇيان ھەرىكەتلەندۈرۈپ، ئىكرانغا بىر خىل ئەسۋابنىڭ سىگىنال تارقىتىۋاتقان كۆرۈنۈشىنى، ئۇنىڭ يېنىدا بولسا مۇقىم تېلېفون ۋە ھەر خىل يانفونلارنىڭ سۈرىتىنى چىقىرىپ، ئاندىن بۈگۈنكى دەرسنىڭ تېمىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى: بۈگۈنكى دەرسىمىز مۇنداق ئىككى مەزمۇندا بولىدۇ-دەپ، تىزگىنلەكنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، ئىكرانغا چۈشۈرۈلگەن جۈملىنى ئوقىدى-بىرىنچى مەزمۇن بولسا، ئاۋاز سۈزگۈچ تېخنىكىسى ۋە كىشىلەرنىڭ ئاۋازىنى پەرقلەندۈرۈش ئۇسۇلى، ئىككىنچى مەزمۇن بولسا، تېلېفون ۋە يانفونلارنىڭ كونترول قىلىنىشى.
ئىنژېنېر مۇئەللىم خىرىلداپ گېلىنى قېقىپ، يەرگە بىر تۈكۈرىۋەتكەندىن كېيىن، تىزگىنەكنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، بىر خىل سىگنال تارقىتىۋاتقان ئەسۋابقا توغرىلىدى-دە، چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى: مانا بۇ ئاۋاز سۈزگۈچ ئاپپاراتى بولىدۇ. بۇ ئەسلى ئىسرائىلىيەنىڭ تېخنىكىسى بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى پەلەستىنلىك قوزغىلاڭچىلارنىڭ ئاۋاز چاستوتىسىنى سۈزۈۋېلىش ئارقىلىق ئۇلارنى تېلېفون ۋە يانفونلاردا گەپلەشكەندە ئاۋازىدىن تونۇۋېلىپ، كىم ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىغان ۋە ئۇنىڭ بارلىق دېيىشكەن گەپلىرىنى خاتىرىلىۋېلىپ، نېمە قىلماقچى بولغانلىقىنى ئالدىنالا ئۇقۇۋالغان. مانا ھازىر دۆلىتىمىزمۇ بىر نەچچە يىل ئىلگىرى بۇ تېخنىكىنى ئىسرائىلىيەدىن سېتىۋالغاندىن كېيىن، بىخەتەرلىك تارماقلىرىدا ئىشلىتىشكە باشلىدى. ھازىر بۇ تېخنىكا شىنجاڭدا كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلماقتا. بىزنىڭ ساقچى خادىملىرىمىز نۇرغۇنلىغان گۇمانلىق كىشىلەرنىڭ گەپلەشكەندە ئاۋازىنى مۇشۇ ئەسۋاب ئارقىلىق سۈزۈپ ئېلىۋالغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ كېيىنكى قېتىملىق تېلېفونىنى ئاڭلايدۇ-دە، ئۇنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلىۋالىدۇ. ھەمدە ئۇنىڭ قىلىشقان گەپلىرىنىڭ خەتەرلىك دەرىجىسى ئانالىز قىلىنىپ، كىم بىلەن گەپلەشكەنلىكى ۋە نېمە ئىش قىلماقچى بولغانلىقىنى ئالدىنالا بىلىۋېلىپ، ئۇنىڭ بارغان-تۇرغان جايىنى ئېنىقلاپ، ئۇلارغا قىلماقچى بولغان ھەرىكىتىدىن بۇرۇن چىكىت قويۇلىدۇ ۋە نازارەت ئاستىغا ئېلىنىدۇ. مىسال ئالساق-دەپ، تىزگىرەكنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ،ئىكراندىكى سۈرەتكە توغرىلىغاندىن كېيىن، مەلۇم بىرسىنىڭ ئۇيغۇرچە گەپ قىلغان ئاۋازىنى چىقىرىپ، تىزگىنەكنى توختىتىپ تۇرۇپ ئوقۇغۇچىلارغا قاراپ : مانا بۇ تېلېفوندا گەپ قىلىۋاتقان كىشى چەتەلدىكى مەلۇم بىر بۆلگۈنچى تەشكىلاتنىڭ تەشۋىقات بۆلۈمىدە ئىشلەيدىغان بۆلگۈنچى ئۇنسۇردۇر. ئىسمى ئۇيغۇر، مىللىتىمۇ ئۇيغۇر. ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنى ئاقسۇ شەھىرىدە، بۇ ئۇيغۇر ھەر دائىم ئائىلىسىگە تېلېفون قىلىدۇ، بىز بۇ ئاۋاز سۈزگۈچ ئەسۋابىنىڭ ياردىمىدە ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايمىز ۋە قارشى تەرەپ بىلەن نېمە دېيىشكەنلىكىنى خاتىرلىۋېلىپ،قانداق گەپ-سۆز قىلغانلىقىنى تەكشۈرىمىز. ئەگەردە ئۇيغۇرنىڭ قارشى تەرەپ بىلەن دېيىشكەن گەپلىرىدە بىرەر خەتەرلىك نۇقتىلار بايقالسا، ساقچىلار بېرىپ قارشى تەرەپنى دەرھال تۇتقۇن قىلىدۇ.
ئېنژېنېر مۇئەللىم تىلىنى شوراپ ئاغزىنى نەملىۋالغاندىن كېيىن، تىزگىنەكنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ ئىككىنچى مەزمۇنغا توغرىلىدى-دە، چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى: ھەممىڭلارنىڭ بىلگىنىدەك ئىلگىرى بىز مۇقىم تېلېفون ئىشلىتەتتۇق، نۇرغۇن كىشىلەر پوچتىخانا ۋە ئۆيلىرىگە قويۇلغان تېلېفون ئارقىلىق باشقىلار بىلەن رايونلار ئارا ۋە چەتەللەرگىچە سۆزلىشەتتى. شۇ چاغدىمۇ گۇمانلىق كىشىلەرنىڭ، بولۇپمۇ چەتەلدىكىلەرنىڭ ۋەتەنگە قىلغان تېلېفونلىرى ئاڭلىناتتى ۋە خاتىرىلىنىپ تەكشۈرۈلەتتى. بۇ ئىشلار ھازىرمۇ داۋام قىلىۋاتىدۇ.ئىنژېنېر مۇئەللىم گېلىنى قېقىۋېتىپ، يەنە چۈشەندۈرۈشنى باشلىدى: ھازىر پەن-تېخنىكا ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدى. دۆلىتىمىز ئالەم بوشلۇقى تېخنىكىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئۆزىمىز ئاسمانغا چىقارغان «سۈنىي ھەمرا» ئارقىلىق زامانىۋى ئالاقە قىلىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلدى. شۇنىڭ بىلەن خۇئاۋېي، ئالىي بابا قاتارلىق ئىلغار ئۇچۇر تېخنىكىسى شىركەتلىرىمىز تۈركۈملەپ ئەقىللىق يانفون ئىشلەپچىقارغاندىن كېيىن،ۋىچات، تىك توك (دويىن) قاتارلىق نۇرغۇن ئالاقىلىشىش ئەپلىرى بارلىققا كەلدى. گەرچە يانفون ئىشلىتىش ئومۇملىشىپ نەچچە يۈز مىليون ئادەم يانفونغا ئىگە بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ھەممىسى يەنىلا ئۇ يانفونىغا ئورنىتىلغان مەخپىي ئەپلەر ئارقىلىق تەكشۈرۈلىدۇ ۋە نازارەت قىلىنىدۇ .
-مانا قاراڭلار! دەپ تىزگىنەكنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، بىر يانفون نومۇرىغا توغرىلاپ بېسىۋىدى، ئىككى كىشىنىڭ ۋىچات ئارقىلىق قىلىشقان گەپلىرى ئاڭلاندى. ئىنژېنىر مۇئەللىم تىزگىنەكنى توختىتىپ تۇرۇپ يەنە چۈشەندۈرۈشنى داۋام قىلدى-مانا بۇ ئىككى كىشى ھازىر ئۆزئارا گەپلىشىۋاتىدۇ. ئەمما، بۇ ئىككى كىشىنىڭ دېيىشكەن گەپلىرى ئۇلارنىڭ يانفونىغا ئورنىتىلغان مەخپىي ئەپ ئارقىلىق خاتىرلىنىپ، تور ساقچىلىرى مەركىزىگە يوللىنىپ تۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ تور ساقچىلىرىمىز بۇ ئىككى كىشىنىڭ دېيىشكەن گەپلىرىنى تەكشۈرۈپ، دۆلەت بىخەتەرلىكىگە قارشى گەپلەر قىلىنغان بولسا، ئۇ ئىككى كىشىنى دەرھال نازارەت ئاستىغا ئالىدۇ ياكى تۇتقۇن قىلىدۇ.
ئىنژېنېر مۇئەللىم چۈشەندۈرۈشنى توختىتىپ ئالدى تەرەپكە قارىدى. كۇرسانىت ساقچىلار مۇئەللىمنىڭ چۈشەندۈرۈشلىرىگە قارىتا، ئۆزئارا تالاش-تارتىشقا چۈشۈپ كەتكەن ئىدى. قاتتىق ۋاراڭ-چۇرۇڭ بولۇپ كەتكەچكە، نېمە گەپ بولىۋاتقانلىقىنى ئۇقالمىغان ئىنژېنېر مۇئەللىم ئوقۇغۇچىلارغا قاراپ ۋارقىرىدى: نېمە دېيىشىۋاتىسىلەر؟ توختاڭلار! پىكىرىڭلار بولسا قول كۆتۈرۈپ مەندىن سوراڭلار!بۇ يەردە ئۆتۈلگەن دەرسنىڭ مەزمۇنلىرىنى سىرتقا ئاشكارىلاشقا قەتئىي بولمايدۇ. بۇنداق ئۈنلۈك ۋارقىرىساڭلار، سىرتتىكىلەر ئاڭلاپ قالمامدۇ؟
شۇنىڭدىن كېيىن كۇرسانىت ساقچىلار تالاش-تارتىشنى توختىتىپ، جىم بولۇشۇپ قالدى. ئىنژېنېر مۇئەللىم يەنە ئوقۇغۇچىلارغا قاراپ: مانا ئەمدى سوئالىڭلار بولسا قول كۆتۈرۈپ سوراڭلار.-دېدى. كۇرسانت ئوقۇغۇچىلار نېمە سوراشنى بىلەلمىدىمۇ قانداق؟ خېلى ئۇزاق جىمجىت بولۇپ كەتى. شۇ ئەسنادا كۆزەينەك تاقىۋالغان، ئىنچىكە، ئۇرۇق كەلگەن بىرسى قولىنى كۆتۈرۈپ مۇنداق سوئال سورىدى :
-ئۇ ئاۋازغا سۈزگۈچ ئاپپاراتى ئىسرائىلىيەدە ئىشلەنگەن تۇرسا، ئۇيغۇرلارنىڭ تىلىنى قانداق پەرقلەندۈرەلەيدۇ؟ ئۇنداق بولمىغاندا، بىز تېررورچى، بۆلگۈنچىلەرنى قانداق قولغا چۈشۈرەلەيمىز؟
-ھەئە، بۇمۇ ياخشى سوئال بولدى-دېدى ئىنژېنېر مۇئەللىم قاپىقىنى تۈرۈپ،بۇ ئاۋاز سۈزگۈچ گەرچە چەتئەلنىڭ بولسىمۇ، دۆلىتىمىز ئۇنى تەرەققى قىلدۇرۇپ، ئۇنىڭغا يەنە ئاپتوماتىك تەرجىمە قىلىش ئۈسكۈنىسىنى ئورناتقان بولغاچقا، ئۇ يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ھەر قاندىقىنىڭ تىلىنى پەرقلەندۈرۈپ، سۈزۈپ چىقالايدۇ.
ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە بىر ئوتتۇرا بوي كەلگەن،كۆزەينەكلىك بىرسى قول كۆتۈرۈپ مۇنداق سوئال سورىدى:
-ناۋادا بۆلگۈنچىلەر يانفونلارغا ئەپ ئورنىتىلغانلىقىنى بىلىۋېلىپ، يانفون ئىشلىتىشنى توختاتسا ياكى بۇ ئەپنىڭ فۇنكسىيىسىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىپ، ئىشلىمەس قىلىپ قويسا قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟
-ھازىر رايونىمىزدا يانفون ئىشلىتىش تېخى يۈز پىرسەنت ئومۇملىشىپ بولالمىدى. سەھرا ۋە تاغلىق رايونلاردىكى خەلق تېخى ئەقىللىق يانفون ئىشلىتىشنى بىلمەيدۇ. ئەمما، ھازىر ئۇ يەرلەرگىمۇ ئەقىللىق يانفونلار سېتىلىشقا باشلىدى. ئۇزاققا قالماي ئەقىللىق يانفوننى ئىشلىتىش يۈز پىرسەنت ئەمەلىيلىشىدۇ. ئۇ چاغدا بىز ھەممە ئادەمنىڭ يانفون ئىشلىتىشنى شەرت قىلىمىز، ناۋادا ئۇنى ئىشلىتىشنى رەت قىلغانلار ياكى توختاتقانلار چىقسا، بىز ئۇلارنى «ھۆكۈمەتنىڭ بىر تۇتاش سىياسىتىگە قارشى چىقتى» دەپ، جازالىشىمىز كېرەك. ئەگەر ئۇنداق بولمىغاندا بىز ئۇلارنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلەلمەي قالىمىزدە، قالايمىقانچىلىق چىقىرىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولمايدۇ. ئەمدى ئۇ مەخپىي ئەپنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىلىشىغا كەلسەك، بۇنىڭ ئېھتىماللىقى ناھايىتى تۆۋەندۇر. چۈنكى ئۇ مەخپىي ئەپكە قوشۇمچە ئۆزىنى قوغداش ئەسۋابى ئورنىتىلغان بولۇپ، ئەگەر بىرەر كىم ئۇنىڭغا چېقىلماقچى بولسا، ئۇ ئەسۋاب مەركىزى تور باشقۇرۇش ساقچىلىرىغا ئالدىن سىگنال بېرىدۇ-دە، ئۇ كىشى دەرھال تۇتقۇن قىلىنىدۇ.
شۇنىڭدىن كېيىن كۇرسانت ساقچىلاردىن يەنە قايتا سوئال سورايدىغانلار چىقمىدى. ئىنژېنېر مۇئەللىم يان تېلېفوننى ئېلىپ نامەلۇم بىرسىگە تېلېفون قىلىۋىدى، ئۇزاق قالماي سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جۇ يېتىپ كېلىپ، ساقچى كۇرسانىتلارغا:
-ياخشىمۇسىلەر دەپ، گېدەيگەنچە سالام بېرىپ بولغاندىن كېيىن، سۆزىنى باشلىدى: يولداشلار، جاپا تارتتىڭلار! سىلەرنىڭ ئىككى ھەپتىلىك تەربىيەلەش كۇرسى ۋە ئەمەلىيەتتىن پراكتىكا قىلىش، تەجرىبە ئۆگىنىش خىزمىتىڭلار بۈگۈن ئاخىرلىشىدۇ. مېنىڭچە سىلەر ناھايىتى مول بىلىمگە ئىگە بولدۇڭلار ۋە ئەمەلىي خىزمەت تەجرىبىسى توپلىدىڭلار. بۇ بۇندىن كېيىن سىلەرنىڭ ھەرقانداق خىزمەتنى قىلالايدىغانلىقىڭلارنىڭ، شىنجاڭنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشالايدىغانلىقىڭنى ئىسپاتىدۇ. بۇ نەتىجەڭلار ئۈچۈن مەن سىلەرنى تەبرىكلەيمەن. شۇنداقلا سىلەرگە بىر ئالاھىدە خوش خەۋەر يەتكۈزمەكچىمەن: بۈگۈن چۈشتىن كېيىن، چېگرا رايون پارتكومنىڭ سېكرىتارى-چېن سېكرىتار ئۆزى كېلىپ، مۇھىم يوليورۇق بېرىدۇ. ئاخىرىدا مۇشۇ يەردە ئولتۇرغانلاردىن ۋەزىپىگە تەيىنلەش ئېلىپ بارىدۇ. شۇڭلاشقا، ھەرقايسىڭلارنىڭ چۈشلۈك تاماقنى يەپ بولغاندىن كېيىن، بېيجىڭ ۋاقتى سائەت بىردە، كېچىكمەستىن كۇرس زالىغا يېتىپ كېلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. يەنە كۆرۈشىمىز!
چۈشتىن كېيىنكى پائالىيەتنىڭ بەلگىلەنگەن ۋاقتى توشۇپ،قوڭغۇراق چېلىندى. كۇرسانت ساقچىلار ۋاقىت توشۇشتىن بۇرۇن كېلىپ ئورۇنلىرىدا ئولتۇرۇشۇپ، چېن سېكرىتارنىڭ كېلىشىنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتۈش مەكتە ئىدى. چىن سېكرىتارمۇ ۋاقىتقا رىئايە قىلىدىغان كىشى بولسا كېرەك، ئېكرانلىق دوسكا يېنىدا ئىشىك تەرەپكە قاراپ تۇرغان ئىنژېنېر مۇئەللىمنىڭ: كەلدى، چىن سېكرىتار كەلدى دەپ، ئورنىدىن تۇرۇپ چوۋاق چېلىشى بىلەن تەڭ،، ياپىلاق يۈزلۈك، كەڭرى پېشانىسى خۇددى ئورانگۇتانىڭكىدەك پارقىرايدىغان، كۆزلىرى شەيتاننىڭكىدەك توختىماي ھەرىكەتلىنىپ تۇرىدىغان بىر كىشى، بىر نەچچە سادىق شايكىلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ، كۇرس زالىغا كىرىپ كەلدى.
ئەمەلدارلار ئالدىغا قويۇلغان يىغىن سەھنىسىدىن ئورۇن ئېلىپ ئولتۇرۇشقاندىن كېيىن، سىياسىي قانۇن كومىتېتنىڭ مۇدىرى جۇ مىكراپىنى قولغا ئېلىپ، يىغىننىڭ باشلانغانلىقىنى ئۇقتۇرۇش قىلىپ، شىنجاڭ پارتكومنىڭ سېكرېتارى چىننى سۆزگە تەكلىپ قىلدى. چىن مىكروفوننى قولغا ئېلىپ ۋارقىرىغاندەك ئۈنلۈك ئاۋازدا سۆزىنى باشلىدى : -يولداشلار ياخشىمۇ سىلەر؟ مەن سىلەرنى تەبرىكلەيمەن جۇ مۇدىرنىڭ ماڭا دوكلات قىلىشىغا، قارىغاندا، سىلەر ئىككى ھەپتىدىن بۇيان ھە نەزەرىيە دەرسى، ھە ئەمەلىي پراكتىكا قىلىش مەشىقنى باشتىن كۆچۈرۈپ، مول بىلىمى ۋە نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپسىلەر، مانا بۇ مېنىڭ جۇ مۇدىردىن ۋە ھەرقايسىڭلاردىن كۈتكەن ئۈمىدىم ئىدى. مېنىڭ ئۈمىدىمنى ئاقلىغانلىقىڭلاردىن بەكمۇ خۇشالمەن. ھەممىڭلار بىلىسىلەر بىز پەۋقۇلئاددە بىر دەۋردە تۇرىۋاتىمىز باش سېكرىتار شى جىن پىڭ نىڭ ئوتتۇرىغا قويغان:«شىنجاڭدا ئەبەدى ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش»تىن ئىبارەت باش نىشاننى تونۇپ ئېنىق تونۇپ يېتىشىمىز كېرەك! بۇنىڭ ئۈچۈن شىنجاڭدا ئۇزاقتىن بۇيان مەۋجۇت بولۇپ كېلىۋاتقان ئۈچ خىل كۈچ-يەنى دىنىي ئاشقۇنلار، مىللىي بۆلگۈنچىلەر ۋە تېررورچىلار بىلەن بولغان كۈرەشنى قەتىيلىك بىلەن قانات يايدۇرۇپ، ئۇلارنى تەلتۆكۈس يوقىتىپ شىنجاڭدا مەڭگۈلۈك خاتىرجەملىك ۋە مۇقىم ۋەزىيەت بەرپا قىلىشىمىز كېرەك! يولداشلار بىزنىڭ ئالدىمىزدىكى نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىپە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىم ۋەزىيەت بەرپا قىلىشتۇر. شۇڭا، بىز تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى ئىزچىل قانات يايدۇرۇپ، ھېچكىمگە رەھىم قىلماستىن، تەلتۆكۈس باستۇرۇش ئېلىپ بېرىشىمىز كېرەك، تېررورلۇقنىڭ مەنبەسى بولسا دىنى ئەسەبىيلىكتۇر. دىنىي ئەسەبىيلىكنى يوقىتىش ئۇزاق مۇددەتلىك ۋە كەسكىن بىر كۈرەش جەريانىدۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن : قاقشاتقۇچ زەربە بېرىشتە، يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلاش كېرەك، چۆچۈتۈش ھالىتىنى داۋاملىق ساقلاپ، زوراۋان تېررورچىلارغا كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ، قەتئىي زەربە بېرىپ، ئۇلارنى يىلتىزىدىن قۇرۇتۇش كېرەك! يولداشلار! بىز ھازىر باش سېكرىتار شى جىن پىڭ نىڭ«شىنجاڭ سىياسىتى»نى ھەقىقىي ئەمەلىلەشتۈرۈش ۋە مۇقىم ۋەزىيەت بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت ناھايىتى كەسكىن ۋە جىددى ۋەزىپىنى ئورۇنلاش ئالدىدا تۇرماقتىمىز، بۇ زور مەسئۇلىيەت ئالدىدا ناھايىتى كۆپ قىسىم كادىرلار ۋە ساقچى قوشۇنلىرىمىز- ئەسكەرلەر، ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىدىكىلەرگە ماسلىشىپ ھەرىكەت ئېلىپ بېرىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن ئىدىيە جەھەتتىن بىردەكلىكنى ساقلاپ، ئەمەلى نەتىجىنى قولغا كەلتۈردى. شۇنداقتىمۇ،بىر قىسىم ساقلانغان مەسىلىلەرمۇ يوق ئەمەس، بىر قىسىم مىللىي كادىرلاردا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن ئىدىيە جەھەتتىن بىرلىكنى ساقلاش جەھەتتە مەسىلە كۆرۈلدى. باش سېكرىتارنىڭ شىنجاڭ سىياسىتىنى ئىدىيەسىدىن ئۆتكۈزەلمىگەن، قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىگە سۇس قارايدىغان، دىنىي ئەسەبىي ئۇنسۇرلار بىلەن بولغان كۈرەشنى:«بەك ئاشۇرۇۋېتىلدى» دەپ قارايدىغان كادىرلار ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇنىڭ تىپىك مىسالى بولسا:« سىياسىي قانۇن كومىتېتى»نىڭ مۇئاۋىن مۈدىرى شىرزات باۋدۇندۇر. شىرزات باۋدۇننى بىز تېخى ياش بولۇشىغا قارىماي ئۆستۈرۈپ، مۇھىم ۋەزىپىلەرگە قويۇپ، ئۇنىڭدىن ۋاپادارلىق كۈتكەن ئىدۇق،ئەمما ئۇ ئەكسىنچە پارتىيەگە ۋاپاسىزلىق قىلدى.«باش سېكرىتار شى جىن پىڭ نىڭ شىنجاڭ سىياسىتىنى ئىدىيىسىدىن ئۆتكۈزەلمىدى ۋە ئۇنىڭغا قارشى چىقىپ، كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىشنىڭ«قانۇنى ئاساسى»نىڭ يوقلۇقىنى باھانە قىلىپ،ئۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلماقچى بولدى. شۇڭا بىز ئۇنى ھوقۇقىدىن ئېلىپ تاشلاپ، تەپتىش كومىتېتىغا تاپشۇرۇپ، ئۇنىڭ جىنايەتلىرىنى تەكشۈرۈپ چىقىپ، تېگىشلىك جازاسىنى بېرىشنى ئويلىشىۋاتىمىز، ئۇ ئېغىر جازالىنىشى كېرەك!ھازىر ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرمۇ تۇتقۇن قىلىندى. ئايالى يالغاندىن يۈرەك كېسىلى بۇلۇۋېلىپ، قۇتۇلماقچى بولغان ئىكەن. مەن يوليۇرۇق بېرىپ، دوختۇرغا بېرىشىغا قوشۇلمىدىم. ئۇنىڭغا رەھىم قىلماڭلار دېدىم. ئۇمۇ ئېغىر جازالىنىدۇ. ھەتتا بالىلىرىمۇ جازالىنىدۇ.
يولداشلار!-دەپ سۆزىنى داۋام قىلدى شىنجاڭ پارتكومىنىڭ سېكرىتارى چېن-بىز قىسقىغىنە بىر نەچچە ئاي ئىچىدە تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتە چوڭ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ،جەمىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغان بولساقمۇ، ئەمما ئۆز ئىچىمىزدە يەنە بىر قىسىم مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا چىقماقتا، ئۇ بولسىمۇ:«ئىككى يۈزلىمىچىلىك مەسىلىسى»دۇر. «سىياسىي قانۇن كومىتېتى»نىڭ مۇئاۋىن مۈدىرى شىرزات باۋدۇن يۇقىرى قاتلامدىن چىققان ئەڭ چوڭ ئىككى يۈزلىمىچىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ بىزنىڭ جازالىشىمىزغا ئۇچرىدى. بۇنداق يۇقىرى قاتلامدىكى ئىككى يۈزلىمىچىلەردىن يەنە مائارىپ نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى ساتتار ساۋۇت، تىببى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى خالمۇرات غوپۇر، ئۈرۈمچى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى تاشپولات تېيىپ قاتارلىقلارمۇ قولغا ئېلىنىپ، ئۇلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىپ، ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش قارار قىلىندى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ھەرقايسى ۋىلايەت،شەھەر-ناھىيەلەردىمۇ ئىككى يۈزلىمىچىلەر يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا. بىز يېقىندا ئۇلارغا ئۆزىنى مەلۇم قىلىش ۋە خاتالىقىنى تونۇپ، جازاسىنى قوبۇل قىلىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چۈشۈردۇق، بەزىلىرى ئۆزىنى مەلۇم قىلدى، ئەمما يەنە كۆپىنچىلىرى يوشۇرۇنۇپ، پۇرسەت كۈتۈپ تۇرماقتا، بىز ئۇلارنى ئۇزاق قىلماي تەلتۆكۈس تازىلاپ تۈگىتىمىز!
-يولداشلار!-دەپ، يەنە سۆزىنى داۋام قىلدى سېكرىتار چېن-بىز شىنجاڭدا «ئەبەدى ئەمىنلىك»نى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن غايەت زور مالىيە كۈچى ۋە كادىر-ساقچىلارغا مۇھتاج ئىدۇق. مالىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن باش سېكرىتار شى جىن پىڭ نىڭ بىۋاسىتە يوليورۇقى بىلەن مەركىزى ھۆكۈمەت غايەت زور مەبلەغ ئاجراتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە كادىر ۋە ساقچىلار مەسىلىسىنىمۇ ھەل قىلىپ بەردى. مانا سىلەر تۆۋەندە ئولتۇرغان ئەزىمەتلەر ئىچكىرىدىكى راھەت تۇرمۇشۇڭلاردىن ۋاز كېچىپ، شىنجاڭ نىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا كەلدىڭلار، ھەمدە بىر نەچچە ھەپتىلىك نەزىريە ئۆگىنىش ۋە ئەمەلىي تەجرىبىلەرنى بېشىڭلاردىن ئۆتكۈزۈپ، ھەر قانداق ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلىيالايدىغان سەۋىيىگە يەتتىڭلار. شۇنىڭ ئۈچۈن رايونىمىزدىكى جىددى ۋەزىيەتنىڭ ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ، بىز سىلەرنى مۇھىم ۋەزىپىلەرگە تەقسىم قىلىشنى قارار قىلدۇق. تۆۋەندە مەن ئىسىم تەرتىپى بويىچە ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەنلەرنىڭ خىزمەت ئورنى ۋە دەرىجىسىنى ئېلان قىلىمەن.
سېكرىتار چېن بىر ئىستاكان سوغۇق سۇ ئىچىۋېلىپ گېلىنى قېقىۋەتكەندىن كېيىن،يېڭىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەنلەرنىڭ ئىسلىمىنى ئېلان قىلدى. كۇرسانىت ساقچىلارنىڭ ھەممىسىگىلا تۈرمە، ئالاھىدە ساقچى ئەترىتى، خەلققە قولايلىق ساقچى پونكىتى، كەسپى قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرى ۋە ئاھالىلەر كومىتېتلىرىدا ھوقۇق بېرىلگەن بولۇپ، كۇرسقا قاتناشقان ئىككى يۈزگە يېقىن كىشىنىڭ ھەممىسىلا ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن ئىدى. شۇ قاتاردا ۋاڭ بىلەن جاڭغا مۇنداق ھوقۇق بېرىلگەنلىكى ئېلان قىلىندى: شياۋ ۋاڭ تەڭرىتاغ رايونلۇق ئالاھىدە ساقچى ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىقىغا،قوشۇمچە ئىتپاق يولىدىكى «خەلققە قولايلىق ساقچى پونكىتى» نىڭ مۇدىرلىقىغا تەيىنلەندى. شىئاۋجاڭ: داۋانچىڭدىكى «كەسپىي قايتا تەربىيىلەش مەركىزى»نىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىقىغا تەيىنلەندى.
تۆۋەندە ئولتۇرغان كۇرسانىت ساقچىلار خۇددى بىرسى ئالدىنالا ئورۇنلىشىپ قويغاندەك، چېن سېكرىتارنىڭ ۋەزىپە تەقسىماتى ئۇقتۇرۇشىنى ئېلان قىلىشى ئاخىرلىشىشى بىلەنلا، ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ ئۇزاق-ئۇزاق چاۋاك چېلىشىپ كېتىشتى. بۇ ئۇلارنىڭ يۇقىرى مەنسەپلەرگە تەيىنلەنگەنلىكى ئۈچۈن خوشال بولۇپ كەتكەنلىكىدىن چىقىۋاتقان خوشامەت چاۋىقى بولۇپ ھېسابلىناتتى. دېمىسىمۇ بۇ كەلگۈندى ساقچىلار شىنجاڭغا مەنسەپ تۇتۇش ۋە يۇقىرى مائاش ئېلىپ، بايلىق توپلاش ئۈچۈن كەلگەن پۇرسەتپەرەسلەر بولۇپ، ئۇلار توساتتىن كەلگەن بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، خىزمەت ئورنىدا نۇرغۇن جانلارنى قاقشىتىش، ھېساپسىز قانلارنى ئاققۇزۇش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ شەخسى ئارزۇسىنى قاندۇرماقچى بولۇشقان قانخور زالىملاردىن ئىبارەت ئىدى.
6-باب
ۋاڭ بىلەن جاڭ ئۆزلىرىگە ئادەتتىكى دەرىجىلىك بولسىمۇ بىر «مۇئاۋىن باشلىقلىق ئەمەلى»تەگكەنلىكىدىن بەكمۇ خوشال بولۇشۇپ كېتىشكە ئىدى. ئۇلار ھەپتە ئاخىرلىق دەم ئېلىش ئۈچۈن قويۇپ بېرىلگەن بولغاچقا، سىرىتقا چىقىرىپ ماگازىندىن ھاراق، تاماكا قاتارلىق نەرسىلەرنى سېتىۋېلىپ كېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئەمەل تاجى كىيگەنلىكىنى-ئۆزلىرى تەبرىكلىمەكچى بولۇشۇپ، ياتىقىدىلا زىياپەت ئۈستىلى تەييارلاپ، كەيپ-ساپاغا كىرىپ كېتىشتى. ئۇلار بىر نەچچە رومكا ئىچىشىپ تۇرۇشىغىلا ۋاڭ نىڭ يانفۇنى جىرىڭلاپ كەتتى.ئۇ كەلگەن تېلىفۇننى ئېلىپ ھاياجانلانغان ھالدا:
-دادا،ئاپا!ياخشىمۇ سىلەر؟ مەنمۇ سىلەرگە تېلىفون قىلىپ، بۈگۈنكى خوشاللىقىمنى بىلدۈرەي دەپ تۇرغان ئىدىم، مانا ئۆزۈڭلارلا تېلىفون قىلدىڭلار، بۇ بەك ياخشى بولدى-دەپ، يىڭ گاڭ چىىشلىرىنى چىقىرىپ، ھىجايقانچە دادىسى بىلەن تېلىفوندا گەپلىشىشكە باشلىدى: دادا،بىز بۈگۈن ئىككى ھەپتىلىك كۇرسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتۇردۇق، سېنىڭ كۈتكىنىڭدەك بۇ ئىككى ھەپتە جەريانىدا بىز ھەم نەزەرىيە بىلىمى ئۆگەندۇق ھەم ئەمەلىيەت تەجىربىسىنى باشتىن ئۆتكۈزۈپ، چوڭ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق. بىزنىڭ بۇ ئەمەلىي نەتىجىمىز ۋە ئىقتىدارىمىزنى كۆرگەن يۇقىرى قاتلام رەھبەرلىرى بىزگە ئالاھىدە مۇھىم ۋەزىپىلەرنى تاپشۇردى .
-قانداق مۇھىم ۋەزىپىلەر ئۇ بالام؟-دەپ سورىدى قېرى ۋاڭ تېلىفوندا ۋارقىرىغاندەك ئاۋاز بىلەن،
-دادا، بىزگە مۇھىم ئورۇنلاردىن ئەمەل بېرىلدى!
-قانداق ئەمەل ئۇ، ئىتتىكرەك دېمەمسەن؟
-ماقۇل دەي دادا-مەن ئالاھىدە ساقچى ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىقىغا ۋە قوشۇمچە بىر «خەلەققە قولايلىق ساقچى فونكىتى»نىڭ مۇدىرلىقىغا تەيىنلەندىم.
-بەك ياخشى بولۇپتۇ بالام، سېنى تەبرىكلەيمەن! مانا، چوڭ ئىشلارنى قىلىش يولۇڭ ئېچىلىپتۇ. ئەمدى بىرىنچى قەدەمنى ئېلىپسەن.بۇندىن كېيىن يولۇڭ داغدام ئېچىلىدۇ. مېنىڭ گېپىمنى ئېسىڭدە چىڭ تۇت!: ئۇ ئۇيغۇر دېگەن بۆلگۈنچىلەرگە قىلچىلىك رەھىم قىلما! تاپشۇرۇلغان ۋەزىپىلەرنى ئاشۇرۇپ ئورۇنلا! ھەر دائىم خىزمەت كۆرسىتىشكە تىرىشقىن. خىزمەت كۆرسەتمەي تۇرۇپ، ئەمىلىڭ ئۆسمەيدۇ.
-ماقۇل دادا، چوقۇم قولۇمدىن كېلىشىچە خىزمەت كۆرسىتىشكە تىرىشىمەن.
-ماقۇل ئەمىسە ئوغلۇم. خىزمەت نەتىجىلىرىڭنى ھەر داىم ماڭا بىلدۈرۈپ تۇرغىن. ئەمىلىڭنىڭ تېخىمۇ يۇقۇرى ئۆسۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن. يەنە كۆرۈشىمىز!
ۋاڭ دادىسى بىلەن گەپلىشىپ بولغاندىن كېيىن، پۇسسىدە بىر يەل قويىۋېتىپ، باياتىن بۇيان ئۇلارنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ تۇرغان ساۋاقدىشى جاڭغا قارىۋېدى، ئۇنىڭ ھېچقانداق ئىپادىسىز بىر ھالەتتە زاكاسكۇلاردىن ئېلىپ، ئاغزىنى كالچايتىپ چايناشنى داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ،بۇنىڭدىن ھەيران قالغان ۋاڭ ساۋاقدىشى جاڭدىن سورىدى :
-سېنىڭچە دادامنىڭ دېگەنلىرى توغرىمۇ؟
ئۇنىڭ سوئالىدىن ھەيران قالغان جاڭ مۇنداق جاۋاب بەردى: ئەلۋەتتە،خاتا دېگىلى بولمايدۇ، لېكىن ئەمەل-مەنسەپىنى دەپ ھەددىدىن زىيادە ئاشۇرۋەتسەكمۇ ياخشى بولماسمىكىن دەيمەن، ھېلىمۇ بىز قىسقىغىنە ئىككى ھەپتە ئىچىدىلا نۇرغۇن ئادەمنى تۇتۇپ، بەزىلىرىنى سوراق جەريانىدا ئۆلتۈرۈپ قويدۇق، ھېلىمۇ يۇقىرىدىن بۇنىڭغا كۆز يۇمۇپ، يول قويۇۋاتىدۇ، ئەگەر بۇ ئىش ئىچكىرىدە بولغان بولسا، بەلكى بىز جازاغا ئۇچراپ كېتىشىمىز مۇمكىن ئىدى. ئەمما بۇ يەردە سىياسەت باشقىچە ئىكەن. ئادەم ئۇرۇش، ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ھەر خىل باھانە سەۋەبلەر تەييار ئىكەن. ئەمما مەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇنىڭ ھېسابى بولۇپ قالارمىكىن دەپ ئەندىشە قىلىمەن.
-شۇنداقمۇ؟ دېدى ۋاڭ ساۋاقدىشى جاڭغا قاراپ؟-قانداق ھېسابى بولۇپ قالار، بىز دېگەن ئۈستۈن ئورۇندا تۇرساق، دۆلىتىمىز كۈچلۈك تۇرسا، يۇقىرىدىن بىزنى قوللاۋاتسا ئۇلار نېمىمۇ قىلالايتتى؟
-دېگىنىڭمۇ توغرا، ھازىرچە ئۇلار بىزگە ھېچقانداق قارشىلىق قىلالمايدۇ. ئەمما ئۆلمەي تىرىك قالغانلىرى كۈنلەرنىڭ بىرىدە تۈرمىدىن ساق چىقىپ قالسا، ياكى ۋەزىيەت ئۆزگىرىپ، ئۇلار قوزغىلىپ چىقىپ، چەت ئەللەرنىڭ قوللىشى بىلەن ھۆكۈمىتىمىزنى ئاغدۇرۇۋېتىپ قالسا، ئۇ چاغدا بىزگە چاتاق بولارمىكىن، ئىنتىقام ئېلىش ئۈچۈن بىزنى جازاغا تارتارمىكىن؟-دەپ ئەندىشە قىلىمەن.
-قۇرۇق ئەندىشە قىلىشىڭنىڭ ھاجىتى يوق-دېدى ۋاڭ قاپىقىنى تۈرۈپ-دۆلىتىمىز ھازىر ھەر قانداق ۋاقتىدىكىدىن كۈچلۈك ئورۇندا تۇرماقتا. ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلماقتا. ھەربىي قىسىملارغا غايەت زور مەبلەغ ئاجرىتىپ بېرىۋاتىدۇ. كەلگۈسىدە تەيۋەننى ئازات قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئامېرىكا جاھانگىرلىكىنى يېڭىپ، دۇنياغا ھاكىم بولىدۇ، ئۇ زامان كىممۇ بىزنىڭ دۆلىتىمىزگە قارشى چىقالىسۇن؟ ئۇ چاغدا ئۇيغۇر دېگەن ياۋايىلارغا: «ۋاي ھالىڭغا!» دەيدىغان زامان كېلىدۇ. ئۇ چاغدا بىز ئۇلارنى، خالىساق قۇل قىلىپ ئىشلىتىمىز، خالىساق ئۆلتۈرۈپ يوقىتىمىز، ئاياللىرىنى بولسا، دېدەكلىرىمىزگە ئايلاندۇرىمىز، خالىساق خوتۇن قىلىمىز، ئۇنىڭغا بوي سۇنمىسا جاجىسى ئۆلۈم بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.
-شۇنداق بولارمۇ؟-دېدى جاڭ ئۇنىڭ گەپلىرىگە ئانچە بەك ئىشىنىپ كەتمىگەندەك قىلىپ-ناۋادا بىز ئامېرىكا جاھانگىرلىكى ئۈستىدىن غەلىبە قىلالمىساق، ئۇلار بىزنىڭ ئۈستىمىزدىن غەلبە قىلىپ قالسا، ئو زا زامان بىزنىڭ ئىشىمىز چاتاق بولمامدۇ؟
-قانداق چاتاق بولىدۇ؟-دېدى ۋاڭ كۆزىنى چەكچەيتىپ،
-ناۋادا جۇڭگو، ئامېرىكىنى يېڭەلمەي قالسا دەپ چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى جاڭ- ئۆزىنىڭ پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ-ئۇ زامان ئامېرىكا،كوممۇنىست پارتىيەسىنى يوقۇتۇپلا قالماي، ئۇيغۇر، تىبەت ۋە موڭغۇللارنى كۈشكۈرتۈپ، ئۇلارنىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللاپ، قوزغىلاڭ قىلىشقا پۇرسەت يارىتىپ بەرسە، ئۇلار قوزغىلىپ چىقىپ، خەنزۇلارنى قىرىپ تاشلايدۇ ھەمدە بىزدىن ئىنتىقامىنى ئالماي قويمايدۇ. ئۇ چاغدا بىز قاچىدىغان يەر تاپالماي قالىمىز.
-مېنىڭچە ئۇنداق بولمايدۇ!-دەپ، جاڭنىڭ سۆزىگە قوشۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋاڭ-ناۋادا شۇنداق بولغان بولۇپ قالغان تەقدىردە، بىز ئايروپىلان، پويىز قاتارلىق زامانىۋى قاتناش قوراللىرى بىلەن تېزلا ئۆز يۇرتىمىزغا قېچىپ بېرىۋالالايمىز. ئۇ چاغدا بىزنى كىممۇ تاپالىسۇن؟
ۋاڭ بىلەن جاڭ خېلى ئۇزۇنراق مۇنازىرە قىلىشقان بولسىمۇ، ھېچقايسى بىر-بىرىنى قايىل قىلالمىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار سىياسى مۇنازىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ يېڭى تەيىنلەنگەن ۋەزىپىسى ھەققىدە سۆزلىشىشكە كىرىشتى :
-سەنمۇ ئاڭلىغاندەك،-دېدى ۋاڭ-دادام مېنىڭ مەنسەپكە تەيىنلىگەنلىكىمدىن بەكمۇ خوشال بولۇپ كەتتى. مەنمۇ خوشال بولدۇم، ئەمدى بىزگە پۇرسەت كەلدى. مەن بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، تېخىمۇ چوڭ خىزمەت كۆرسىتىمەن ۋە تېخىمۇ چوڭ مەنسەپكە ئېرىشىشكە تىرىشىمەن. سېنىڭچە قانداق؟ سەن قانداق قىلاي دەيسەن؟ مەنسەپكە تەيىنلەنگەنلىكىڭنى نېمىشقا ئائىلەڭگە خەۋەر قىلمايسەن؟
-مېنىڭچىمۇ بۇ ئىش ياخشى بولدى. بىزنىڭ«مۇئاۋىن دەرىجىلىك» بولىسىمۇ بىرەر يەرگە باشلىق بولغىنىمىز، كەلگۈسى ئىستىقبالىمىز ئۈچۈن پايدىلىقتۇر. ئەمدى ئىشىمىز ئاسانلىشىدۇ ۋە تېخىمۇ چوڭ خىزمەت كۆرسىتىش پۇرسىتىگە ئىگە بولالايمىز.بۇ جەھەتتىن ئېيتقاندا بەكلا خوشالمەن. ئەمما ئالدىراپ، ھازىرلا دادامغا خەۋەر قىلىشنى خالىمايمەن، چۈنكى، دادام تىجارەتچى بىر ئادەم. ئەمەل-مەنسەپ، سىياسىي دېگەنلەر بىلەن ئانچە بەك خۇشى يوق، مەن پەقەت ھەر ئايدا ئالغان مائاشىمدىن مەلۇم قىسمىنى ئەۋەتىپ بەرسەملا، ئاندىن ئۇ مەندىن خوشال بولىدۇ. مېنىڭ شىنجاڭغا كېلىشىمگىمۇ، ئۇ مېنى:«جىق مائاش ئالىدۇ» دەپ قارىغانلىقىدىن ئىدى. بولمىسا ھەرگىز مېنىڭ بۇ يەرگە كېلىپ ئىشلىشىمگە قوشۇلمايتتى.
-ھە، شۇنداقمۇ؟-دېدى ۋاڭ ساۋاقدىشى جاڭنىڭ گېپىگە ھەيران قېلىپ-سېنىڭ داداڭ غەلىتە ئادەم ئىكەن. ئەمەل مەنسەپ دېگەن-يۈز ئابروي دېگەن گەپ. ئەمەل-مەنسەپ تۇتۇپ، يۈز-ئابروي تاپقاندىلا باي بولغىلى بولىدۇ. سېنىڭ داداڭ نېمىشقا بۇنى چۈشەنمەيدۇ؟
-شۇنداق، دەپ چۈشەنچە بېرىشكە تىرىشتى جاڭ-مېنىڭ دادام تىجارەتچى بولغىنى ئۈچۈن، پۇلنىلا چۈشۈنىدۇ. سىياسىنى پەقەتلا چۈشەنمەيدۇ. ئەمەل-مەنسەپنى بولسا ۋاقىتلىق نەرسە،ئادەم ئۇنىڭدىن ھامان بىر كۈنى ئايرىلىپ قالىدۇ، ئۇ چاغدا ئۇنىڭ ئەھۋالى چاتاق بولىدۇ دەپ قارايدۇ.
ۋاڭ بىلەن جاڭنىڭ ھەپتە ئاخىرى مۇشۇنداق ئۆزئارا سىياسىي ئىستىقبال ۋە ئەمەل-مەنسەپ ئۈستىدە قۇرۇق تالاش-تارتىش قىلىپ ئۆتتى. گەرچە ھەر ئىككىلىسى شەرقىي تۈركىستانغا خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ،« شىنجاڭدا تېرورچىلارنى يوقىتىپ،ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلىمىز»دەپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي غەرەز ۋە ئىقتىسادىي مەنپەئەتىنى دەپ كەلگەن پۇرسەتپەرەس زالىملاردىن ئىبارەت ئىدى.
مانا بۈگۈن ھەپتىنىڭ 1-كۈنى ئىدى. ۋاڭ ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن تەڭرىتاغ رايونلۇق ئالاھىدە ساقچى ئەترىتىگە يېتىپ كېلىپ، ساقچى ئەترىتىنىڭ باشلىقىغا ئۆزىنىڭ خىزمەتكە چۈشۈش ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى بىلدۈرمەكچى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىشخانىسىغا كىرىپ ئۆزىنى مەلۇم قىلدى:
-ھە،كېلىڭ ئولتۇرۇڭ!-دەپ، ئۇنى ساپاغا تەكلىپ قىلدى ئالاھىدە ساقچى ئەترىتىنىڭ باشلىقى-سىزنىڭ ئالاھىدە ساقچى ئەترىتىگە مۇئاۋىن باشلىق بولۇپ تەيىنلەنگەنلىكىڭىزدىن بەكمۇ خوشال بولدۇم. مەن سىزنى ئۆزەمگە تەلەپ قىلىپ، يۇقىرىغا دوكلات سۇنغان ئىدىم، ئەترىتىمىزنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقىنىڭ ئەمەلى ئۆسۈپ يۆتكىلىپ كەتكەندىن كېيىن،بۇ ئورۇن بوش قېلىپ، خىزمەتنىڭ ئېغىرلىقى مېنىڭ ئۈستۈمگىلا چۈشكەن ئىدى. مەن سىزنىڭ قابىلىيىتىڭىزنى تونۇپ يەتكەچكە سىزنى ئالاھىدە تەكلىپ قىلدىم. سىز ھەقىقەتەن بىر ئەسكەردە بولۇشقا تېگىشلىك روھنى يېتىلدۈرۈپسىز، مەن شۇنى ھېس قىلدىمكى، سىز ئىككى ھەپتىلىك ئەمەلى پراكتىكا جەريانىدا ھەقىقەتەن بىر ساقچىدا بولۇشقا تېگىشلىك خىسلىتىڭىزنى جارى قىلدۇردىڭىز، بۆلگۈنچى ۋە تېرورچىلارغا قىلچىلىك رەھىمدىللىك قىلماي، ئۇلارنىڭ ئەدىپىنى بەردىڭىز، مانا بۇ پارتىيەمىزنىڭ خەلق ساقچىلىرىدىن كۈتكەن ئۈمىدىدۇر. ئەمدى ئۆز گېپىمىز كەلسەك دەپ گېلىنى قېقىۋەتكەندىن كېيىن سۆزىنى داۋام قىلدى ئالاھىدە ساقچى ئەترىتىنىڭ باشلىقى-نۆۋەتتە ئالاھىدە ساقچى ئەترىتىمىزنىڭ خىزمەتلىرى ناھايىتى جىددى بولۇپ كەتتى. بىز بىر تەرەپتىن كېچىلىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىنى جىددى ئېلىپ بېرىۋاتىمىز، يەنە بىر تەرەپتىن كوچا-مەھەللىنىڭ ئامانلىقىمۇ بىزنىڭ ئۈستىمىزگە يۈكلەندى. «خەلققە قولايلىق ساقچى پونكىتى» ناھايىتى مۇھىم ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ. ئەمما ئۇنىڭغا كادىر-ساقچىلىرىمىز يېتىشمەيۋاتىدۇ. شۇڭا سىزگە بۇ ئالاھىدە ۋەزىپىمۇ قوشۇمچە يۈكلەندى. سىزنىڭ بۇ ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن. سىز ئالدى بىلەن بىزگە تەقسىم قىلىنغان، ئىتتىپاق يولىدىكى« 10-خەلققە قولايلىق ساقچى پونكىتى » غا مەسۇل بولۇپ ئىشلەپ تۇرۇڭ، مەنمۇ بۇ ئىشتا سىزگە ھەمكارلىشىپ تۇرىمەن، مۇقىم ئىشخانىڭىز بىزنىڭ ئەترەتتە بولىدۇ. مۇھىم ئىشلارنى بىز بىرلىكتە قىلىمىز، ئۇنداق بولسا قېنى مەن بىلەن يۈرۈڭ، بىز «خەلققە قولايلىق ساقچى پونكىتى»غا بارايلى. بۇ يەردىكى ساقچىلىرىمىز بىلەن تونۇشۇپ خىزمەتنى ئۆتكۈزۈۋېلىڭ، ماڭدۇق ئەمىسە دەپ، ۋاڭ نى ئېلىپ، ماشىنا بىلەن ئىتتىپاق يولىدىكى «بىرىنچى خەلققە قولايلىق ساقچى پونكىتى» غا يېتىپ كېلىشتى.
ۋاڭ «خەلققە قولايلىق ساقچى پونكىتى» نىڭ ئىچىگە كىرىپ ھەيرانلىقتا ئەتراپتىكى ھەممە نەرسىگە بىر-بىرلەپ كۆز يۈگۈرتىشكە باشلىدى: بىر تەرەپتە كومپيۇتېر، يەنە بىر تەرەپتە بىر خىل توختىماي سىگنال بېرىپ تۇرىدىغان، نۇرغۇن كىچىك تەڭشىگۈچلىرى بولغان كۆزىتىش ئاپپاراتى، يەنە بىر نەچچە يانفونغا ئوخشايدىغان سۆزلىشىش ئاپپاراتى قاتارىسىغا قويۇلغان ئالاھىدە بىر مەنزىرە پەيدا بولدى. ئۇنى تخىمۇ ھەيران قالدۇرغىنى بولسا،تاملارغا ئېسىقلىق قىسقا ماۋزۇرلۇق ئاپتومات، تاپانچا، توك كالتىكى، كويزا-كىشەن…. دېگەندەك نەرسىلەر ئىدى. 6 نەپەر ساقچى كۆزلىرىنى چەكچەيتىشىپ، جىددى ھالەتتە قارىشىپ تۇراتتى. ھايال ئۆتمەيلا كۆزىتىش ئاپپاراتى توختىماي سىگنال بېرىشكە باشلىدى. ساقچىلار دەرھال سىرتقا چىقىپ ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلماقچى بولۇشتىيۇ،« باشقا بىرەر يوليورۇق بارمۇدۇ؟»-دەپ ئالاھىدە ساقچى ئەترىتى باشلىقىدىن سورىۋىدى، ئۇ ساقچىلارغا: دەرھال ۋەزىپەڭلارنى ئىجرا قىلىڭلار! ھەممىدىن مۇھىمى ۋەزىپە ئىجرا قىلىش، قالغان گەپنى كېيىنرەك دېيىشىمىز دەپ، ئۇلارغا بۇيرۇق بەردى. شۇنىڭ بىلەن ئىككى ساقچى ئىشىكتىن قۇيۇندەك چىقىپ كېتىشتى ۋە بىر نەچچە مىنۇت ئىچىدىلا بىر ياش بالىنى يانفونى بىلەن بىللە تۇتۇپ كېلىشتى. بىر نەچچە مىنۇت ۋاقىت ئۆتمەيلا كۆزىتىش ئاپپاراتى، يەنە سىگنال بېرىشكە باشلىۋىدى، ئىككى ساقچى بۇيرۇق كۈتۈپ تۇرماستىنلا، يەنە قويۇندەك سىرتقا چىقىپ كېتىپ، بىر نەچچە مىنۇت ئىچىدىلا، يەنە بىر ياش بالىنى يانفونى بىلەن بىللە تۇتۇپ كېلىشتى.
تۇتۇلغانلاردىن گەپ سورىماقچى بولۇپ،بىر ساقچى گەپ باشلاپ تۇرۇشىغا،كۆزىتىش ئاپپاراتى يەنە سىگنال بېرىپ كەتتى،ئاخىرقى ئىككى ساقچى يەنە قويۇندەك چىقىپ كېتىپ،بىردەمدىلا يەنە بىر ياش بالىنى تۇتۇپ ئېلىپ كېلىشتى.
شۇنداق قىلىپ،بىر نەچچە مىنۇت ئىچىدىلا ئارقا-ئارقىدىن تۇتۇپ كېلىنگەن ياش بالىلار ئۆزلىرىنىڭ نېمە سەۋەبتىن تۇتۇلغانلىقىغا ھەيران قېلىشىپ ئارقا-ئارقىدىن سوئال سوراشقا باشلىدى:
-مەندە گۇناھ يوق تۇرسا،نېمىشقا تۇتقۇن قىلىسىلەر؟
-يانفونىڭدا چاتاق بار ئىكەن!-دەپ جاۋاب بەردى بىر ساقچى ھەمدە ئۇنىڭ قولىدىن يانفوننى تارتىپ ئېلىپ،«كۈزۈتىش ئاپپاراتى»نىڭ ئۈستىگە قويۇۋىدى، قىرائەت قىلىنغان بىر ئايەت ئوقۇلدى. ئارقىدىن ئىككىنچى تۇتقۇن بالىنىڭ يانفوننى تارتىۋېلىپ،يەنە كۆزىتىش ئاپپاراتىنىڭ ئۈستىگە قويۇۋىدى، ئۇنىڭدىن تۈركچە بىر ناخشىنىڭ ساداسى ياڭرىدى. ئۇنىڭ ئارقىدىن ئۈچىنچى بالىنىڭ يانفونىنى قولىدىن تارتىۋېلىپ، كۆزىتىش ئاپپاراتىنىڭ ئۈستىگە قويۇۋىدى، ئۇنىڭدىن بىرسىنىڭ قۇرئاندىن تەبلىغ قىلىۋاتقان ئاۋازى ئاڭلاندى
شۇنىڭدىن كېيىن، ئالاھىدە ساقچى ئەترىتىنىڭ باشلىقىنىڭ ۋارقىرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى: بۇلارنى تۇتۇپ ئېلىپ مېڭىڭلار! يەر ئاستى كامېرغا سولاپ قويۇپ تۇرۇڭلار، ئۇزاق قالمايلا، ئۇلارنىڭ نېمە گۇناھ قىلغانلىقىنى ئىسپاتلىرى بىلەن كۆرسىتىپ قويىمىز!
ئالاھىدە ئەترىتى باشلىقىنىڭ سۆزى تۈگۈشى بىلەن بىلەنلا ياللانما ساقچىلار ئۈچ يىگىتنىڭ قولىغا كويزا سېلىپ، بېشىغا قارا خالتا كىيدۈرۈپ ئېلىپ مېڭىشتى. ۋاڭ ئارقا -ئارقىدىن بولۇۋاتقان بۇ تۇتقۇن قىلىشلارغا ھەيران قېلىپ، ئالاھىدە ساقچى ئەترىتى باشلىقىدىن سوئال سوراي دەپ تۇرۇۋىدى، شۇ ئەسنادا كۈزىتىش ئاپپاراتى يەنە سىگنال بېرىپ سايراپ كەتتى. ئالاھىدە ساقچى ئەترىتى باشلىقىنىڭ بۇيرۇق قىلىشى بىلەن يەنە ئىككى يوللانما ساقچى قويۇندەك چىقىپ كېتىپ، بىردەمدىلا يەنە بىر ياش بالىنى تۇتۇپ كېلىشتى. بۇ تۇتقۇن بالىنىڭ قولىدا ئۆزىنىڭ كىملىكىمۇ قانداق؟ بىر كىملىك تۇراتتى. ئۇ بالىمۇ ئالدىنقى بالىلارغا ئوخشاش سوئال سوراپ ئۆزىنىڭ گۇناھسىزلىقىنى ئاقلاشقا ئۇرۇنۇۋاتاتتى: مېنى نېمىشقا تۇتقۇن قىلىسىلەر، مەن گۇناھسىز؟
-نېمە بولۇپتۇ؟ مەسىلە ئۇنىڭ يانفونىدا ئەمەسمىكەن؟-دەپ سورىدى ئالاھىدە ساقچى ئەترىتىنىڭ باشلىقى ساقچىلاردىن.
-ياق،بۇنىڭ مەسىلىسى يانفونىدا ئەمەسكەن. ئۇ قارشى تەرەپتىكى بىر سودا سارىيىغا كىرمەكچى بولۇپتىكەن، كىملىكى سىگنال بېرىپ، سېرىق رەڭدە يېنىپتۇ، دېمەك،بۇ «گۇمانلىق ئۇنسۇر» بولۇشى مۇمكىندەك قىلىدۇ.
ئالاھىدە ساقچى ئەترىتىنىڭ باشلىقى: ئۇنى تەكشۈرۈپ بېقىڭلار!-دەپ بۇيرۇق قىلىۋىدى، ساقچىلار ئۇنىڭ كىملىكىنى ئېلىپ كۆزىتىش ئاپپاراتىنىڭ ئۈستىگە قويۇۋىدى، ئۇنىڭ بىر نەچچە ھەپتە بۇرۇن گۇمان بىلەن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى. شۇنىڭ بىلەن ساقچى ئۇنىڭدىن سورىدى: ھەي! سەن بىر ھەپتە بۇرۇن تۇتقىنى قىلىنىپتىكەنسەن، نېمە گۇناھ ئۆتكۈزگەن ئىدىڭ؟
-دېگىنىڭلار توغرا-دەپ جاۋاب بەردى ئۇ تۇتقۇن بالا-سىلەر مېنى ئۆتكەندە تۇتقۇن قىلغان ئىدىڭلار، ئەمما كېيىن تەكشۈرۈش ئارقىلىق مەندە «ھېچقانداق بىر جىنايەت يوق» بولغاچقا قويۇپ بەرگەن ئىدىڭلار، شۇنىڭدىن كېيىن كىملىكىمدە سېرىق رەڭلىك بەلگە پەيدا بولۇپ قالدى.
ئۇنىڭ جاۋابىنى ئاڭلىغان ياللانما ساقچى، ئالاھىدە ساقچى ئەترىتىنىڭ باشلىقىغا قانداق قىلىمىز؟-دېگەندەك قىلىپ قارىۋىدى، ئۇ: كىملىكىدىن چاتاق چىققان تۇتقۇن بالىغا ئالايغانچە قاراپ مۇنداق دېدى: ھەي! سەن ئىلگىرى گۇمان بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان ئىكەنسەن-دېمەك،سەن بىر گۇمانلىق ئادەم بولىسەن، ئەگەر كىملىكىڭ يەنە سايراپ كەتسە ئىشىڭ چاتاق بولىدۇ. يەنە تۇتقۇن قىلىنىشىڭ مۇمكىن!
ئالاھىدە ساقچى ئەترىتى باشلىقىنىڭ بۇ گېپىدىن ھەيران قالغان تۇتقۇن بالا مۇنداق دېدى:
-ئۇنداقتا، مەن سودا-سېتىق ياكى تىجارىتىمنى قىلىش ئۈچۈن سىرتقا چىقماي، ئۆيدىلا ئولتۇرامدىم؟
-ئەڭ ياخشىسى شۇنداق قىل! دەپ ۋاقىرىدى يەنە ئالاھىدە ساقچى ئەترىتىنىڭ باشلىقى-ئۆيۈڭدە ئولتۇر! سىرتقا چىقىپ، بىزنى ئاۋارە قىلما! بولمىسا يەنە تۇتقۇن قىلىنىسەن!
-ياق، ياق، دەپ ئۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈردى تۇتقان بالا-مەن بىر تىجارەتچى، ئۆز ئىشىمنى قىلمىسام بولمايدۇ. مەندە گۇناھ بولمىغاندىن كېيىن، سىلەر مېنىڭ جان بېقىش يولۇمنى توسۇپ قويساڭلار بولمايدۇ. ئۆيدە كىچىك بالىلىرىم بار.بۇنداق قىلساڭلار،ماڭا ناھەقچىلىك قىلىنغان بولمامدۇ؟
-ياق، بولمايدۇ!-دەپ،ھۆكۈرگەنچە ۋاقىرىدى يەنە ساقچى باشلىقى ئۇنىڭغا-سەن بىر قېتىم گۇمان بىلەن تۇتقۇن قىلىندىڭمۇ، ئىشىڭ چاتاق دېگەن گەپ، شۇڭا سەن سىرتقا چىقىپ ساقچىلارنىڭ كۆزىگە چېلىقىپ قالساڭ بولمايدۇ. ئەڭ ياخشىسى ئۆيۈڭدە ئولتۇرغىن!
-ياق، ياق، ئۇنداق قىلماڭلار! مەن تىجارەت قىلىشىم كېرەك. بولمىسا ئائىلەمنى قانداق باقىمەن؟-دەپ، يەنە ئۇلارغا يېلىنىۋىدى، ساقچى باشلىقى يەنە ھۆكۈرگەن ھالدا ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ: قانداق قىلىسەن؟ كېتىپ ئۆيۈڭدە ئولتۇرامسەن ياكى تۈرمىدە ياتقۇڭ بارمۇ؟-دەپ ۋارقىرىدى.
ياش تۇتقۇن بالىغا ئەمدى باشقا ئامال قالمىغان ئىدى، ئۇ يەنە بىر نەرسە دېمەكچى بولدى-يۇ، لېكىن ئويلىغانلىرىنى ئىچىگە يۈتىۋېتىپ-ماقۇل، مەن سىلەرنىڭ دېگىنىڭلاردەك قىلاي، شۇنداق قىلسام كىملىكىمگە ئۇرۇپ قويۇلغان سېرىق چېكىت ئاپتوماتىك ئۆچۈرۈلۈپ كېتەمدۇ ياكى سىلەر ئۆزۈڭلار ئۆچۈرۈۋاتامسىلەر؟
-بۇ نېمە دېگىنىڭ؟-دەپ، ۋاقىرىدى يەنە ئالاھىدە ساقچى ئەترىتىنىڭ باشلىقى-سېنىڭ كىملىكىڭگە چېكىت قويۇلدىمۇ،ئۇنى ئۆچۈرۈشكە ياكى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. بۇ سېنىڭ«گۇمانلىق ئادەم» ئىكەنلىكىڭنىڭ بەلگىسى. شۇڭا، سەن يەنىلا نازارەت قىلىنىش ئوبېكتى بولۇپ قىلىۋېرىسەن. ناۋادا بىرەر ھەرىكىتىڭ ياكى گەپ سۆزۈڭدىن چاتاق چىقىپ قالسا، سېنىڭ كىملىكىڭدىكى چىكىت ئاپتوماتىك بەلگە بېرىدۇ-دە، سەن شۇ ھامان تۇتقۇن قىلىنىسەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ ياخشىسى ھازىرچە ئۆيۈڭدىن چىقماي ئولتۇرغىنىڭ ياخشىدۇر.
تۇتقۇن بالا نېمىلا دېسە ئاقمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ساقچىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، ئۆيدە ئولتۇرۇش يولىنى تاللاشقا مەجبۇر بولدى. ئاخىرىدا ياللانما ساقچىلار-باشلىقىنىڭ بۇيرۇق بېرىشى بىلەن ئۇنى مۈرىسىدىن ئىتتىرگىنىچە سىرىتقا چىقىرىۋېتىشتى.
ئىشلار مانا مۇشۇنداق!-دەپ، ۋاڭغا يوليورۇق بېرىشكە كىرىشتى ئالاھىدە ساقچى ئەترىتىنىڭ باشلىقى يەنە: مۇشۇنداق كېچە-كۈندۈز جىددى ئىشلەيدىغان گەپ، بۇ يەردە تېررورچىلار ئاسماندىكى يۇلتۇزدىنمۇ كۆپتۇر، ئەمما بىزنىڭ ئىلغار كۆزىتىش، تىڭشاش ئاپپاراتلىرىمىز، يوللارنىڭ ھەر ھەر بىر بولۇڭ-پۇشقاقلىرىدىن تارتىپ-چوڭ سودا سارايلار، مەكتەپلەر ۋە دوختۇرخانىلىرىنىڭ ئالدى-ئارقىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان كامېرالىرىمىز-پۈتۈن ئەتراپنى 24 سائەت نازارەت قىلىپ تۇرىدۇ. شۇڭا ھەر قانداق بىر تېرورچى ۋە جىنايەت گۇماندارلىرى بىزنىڭ نازارىتىمىزدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.
-ھەئە، شۇنداقمۇ؟ كۆزىتىش كامېرالىنىمۇ بىز باشقۇرىمىزمۇ؟-دەپ سورىدى ۋاڭ ئالاھىدە ساقچى ئەترىتى باشلىقىدىن ئەجەبلەنگەن ھالدا،
-ئەلۋەتتە، يېقىن ئەتراپتىكىلىرىنى بىز باشقۇرىمىز، شۇنداقلا ئۇ مەركىزى ساندان «بىر گەۋدىلەشكەن بىرلەشمە جەنڭ قىلىش سۇپىسى» غىمۇ ئۇلاقلىق ھالەتتە تۇرىدۇ. بۇ كۆزىتىش كامېرالىرى بولسا،بىزنىڭ«ئۆتكۈر كۆز قۇرۇلۇشى»مىزنىڭ جان تومۇرىدۇر. بۇنىڭدىن ھېچقانداق ئادەم ئۆزىنى چەتكە ئالالمايدۇ.
-يەنە چۈشەنمىگەن سوئالىڭىز بارمۇ؟ بولمىسا،مەن ئىشخانامغا قايتاي-دەپ، ۋاڭ دىن سورىدى ئالاھىدە ساقچى ئەترىتىنىڭ باشلىقى.
-يەنە بىر سوئالىم بار باشلىق!-دەپ،دۇدۇقلىغانچە سورىدى ۋاڭ-سىز دېگەن ھېلىقى «يۇلتۇزدىنمۇ كۆپ دېگەن تېررورچىلار» نەدە؟ ئۇلارنى قانداق بىلەلەيمىز؟
-ھەي، بۇنى ياخشى سورىدىڭىز!-دەپ، چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى ئالاھىدە ساقچى ئەترىتىنىڭ باشلىقى،تېررورچى دېگەنلەر-ھازىر بىز تۇتقۇن قىلىۋاتقان«دىنىي ئەسەبىلىك ۋە بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەسى بىلەن زەھەرلەنگەن ئىشەنچىسىز كىشىلەردۇر».
-ھە، شۇنداقمۇ؟-دەپ يەنە سورىدى ۋاڭ، مەن تېخى قولىدا قورال ياكى پالتا-پىچاق كۆتۈرۈپ بىزگە قارشى چىققانلارنى«تېررورچى»دەيمىز دەپ، ئويلاپ قاپتىمەن.
-بۇ ئويلىغانلىرىڭىزمۇ توغرا، لېكىن تېرورچىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ قولىدا قورالى بولمايدۇ.ئەمما،«دۆلىتىمىزنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىش ئېھتىمالى بولغان گۇمانلىق ئۇنسۇرلارنىڭ ھەممىسى تېررورچىلاردۇر»، چۈنكى، ئۇلار دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە بىۋاسىتە زىيان يەتكۈزىدۇ.
-ئۇنداقتا،بىز ئۇلارنى ئېتىپ تاشلىساق بولامدۇ؟
-ئەلۋەتتە، ئۇلار قارشىلىق قىلماقچى بولسا قولىدا قورال بولسۇن ياكى بولمىسۇن،دەرھال ئېتىپ تارتىشىمىز كېرەك!
-ھە، ئەمدى چۈشەندىم باشلىق، ئەتراپىمىزدىكىلەرنىڭ ھەممىسى تېررورچى ئىكەندە؟
-شۇنداق، بىزدىن بولمىغانلارنىڭ ھەر قاندىقى ئىشەنچىسىز كىشىلەردۇر. ئۇلار قاچانكى دۆلىتىمىزگە تەھدىت بولىدىكەن، بىز ئۇلارنى« تېرورچى»ھېسابلايمىز ۋە ئۇلار بىلەن كەسكىنلىك بىلەن كۈرەش قىلىمىز، ئەمدى چۈشەنگەنسىز؟
-ھەئە،چۈشەندىم باشلىق، سىزگە رەھمەت!
-ھاجىتى يوق، بۇ ئىشلارنى چۈشەندۈرۈش مېنىڭ ۋەزىپەمدۇر، ئەمدى مەن بۇ يەردىن ئايرىلاي، ئىشخانىدىمۇ بىر مۇنچە ئىشلار مېنى كۈتۈپ تۇرىۋاتىدۇ. تۇتۇلغانلارنى سوراق قىلىپ، جازاسىنى بېكىتىش، لاگېر ياكى تۈرمىلارغا يوللاشمۇ بىر مۇنچە كۈچ تەلەپ قىلماقتا. شۇڭا مەن ھەر ۋاقىت بۇ يەردە بولالمايمەن. ئەمدى بۇ يەرنىڭ باشقۇرۇش ئىشلىرى سىزگە قالدى. ئارىلىقتا جىددى ئىشلار بولسا، مەن سىزنى چاقىرتىمەن. بولمىسا، ئۆزىڭىز كەلسىڭىزمۇ بولىدۇ. ھەر ۋاقىت كۆرۈشۈپ تۇرمىساق بولمايدۇ. يەنە كۆرۈشىمىز!
ئالاھىدە ساقچى ئەترىتىنىڭ باشلىقى ئىشخانىسىغا قايتىپ كەتتى. «خەلققە قولايلىق ساقچى پونكىتى»دىكى كۆزىتىش ئاپپاراتى توختىماي سايراپ تۇرماقتا ئىدى. ھەر چارەك سائەتتە بىر كىشى، ھەر سائەتتە ئۈچ-تۆت كىشى كۆزەتچى ساقچىلار تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈپ «يانفونۇڭدا مەسىلە بار»دېگەن باھانە بىلەن تۇتقۇن قىلىنىۋاتاتتى. مانا، چۈشلۈك دەم ئېلىش ۋاقتى بولغۇچە ئارلىقتىلار 20 ئادەم يانفۇن تەكشۈرۈشىدە تۇتۇلدى. تۇتۇلغانلار بېشىغا قارا خالتا كەيدۈرۈلۈپ، قولىغا كويزا سېلىنىپ، بەش-ئالتىدىن بىر قىلىنىپ، ساقچى ماشىنىسى ئارقىلىق ئالاھىدە ساقچى ئەترىتىنىڭ يەر ئاستى تۈرمىسىغا ئېلىپ كېتىلىۋاتاتتى.
ۋاڭ چۈشلۈك دەم ئېلىشتىن كېيىن يەنە خەلققە قولايلىق ساقچى پونكىتىدىكى خىزمىتىنى داۋاملاشتۇردى. كۆزىتىش ئاپپاراتى يەنىلا توختىماي سايراۋاتاتتى. بىر سائەتكە بارمايلا، يەنە ئۈچ-تۆت كىشى تۇتقۇن قىلىندى. تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن تۇتۇلغانلىقىنى بىلمىگەچكە، ساقچىلارغا سوئال قوياتتى ۋە ئۆزىنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، تۇتقۇندىن ئامان قېلىشقا تىرىشاتتى. ئەمما چۈشتىن كېيىن، تۇتقۇنلارنىڭ ئىچىدە ئوتتۇرا ياشلىق، بېشىنىڭ ئالدى تەرىپىدە چېچى بولمىغانلىقتىن، خۇددى مىس چەينەكتەك پارقىراپ تۇرىدىغان بىر كىشى ئۆزىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلارغا ھېچقانداق ئېتىراز بىلدۈرمەستىن جىم تۇراتتى. ئۇنىڭدىن ھەيران قالغان ۋاڭ ئۇنىڭ يانفونىنى دەرھال تەكشۈرۋىدى، ئۇنىڭ يانفونىدىن تۈركىيەگە يېزىلغان بىر مۇنچە ئېلېكترونلۇق خەتلەر ۋە بىر تۈركچە ناخشا ۋىدىئوسى چىقتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇ كىشىنىڭ يانلىرىنى ئاختۇرۇپ كىملىكى، پاسپورتى ۋە بىر قىسىم تۈرك زىيالىلىرى چۈشكەن بىر نەچچە پارچە رەسىم قاتارلىق نەرسىلەرنى تېپىۋالدى. ئاندىن ئۇنىڭ پاسپورتىغا قاراپ، تۈركىيەگە بارغاندا چېگرىدىن كىرگەن ۋاقتىدا تاموژنا خادىملىرى تەرىپىدىن بېسىلغان تامغىنى كۆردى-دە، ئۇ كىشى ئەمدى گەپ قىلاي دەپ، ئېغىز ئېچىپ بولغۇچە ئۇنىڭغا ھۆركىرەپ: ھەي، تېرورىست، سەن تۈركىيەگە نېمىشقا بارغان؟ كىملەر بىلەن كۆرۈشكەن؟…دېگەندەك بىرمۇنچە سوئاللارنى ياغدۇرۇپ، شۇ يەردىلا سوراق قىلىشقا كىرىشىپ كەتتى. ئۇ كىشى تەمكىن ھالدا ۋاڭ نىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى:
-مەن تۈركىيەگە «ئىلمىي زىيارەت» ئۈچۈن بارغان ئىدىم. چۈنكى مەن بىر «ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» غا تەكلىپ قىلىنغان ئىدىم. بۇنىڭغا بىزنىڭ مەكتەپ رەھبەرلىكىمۇ قوشۇلغان ئىدى!-دەپ، ئۆزىنىڭ بىر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ پروفېسسورى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ تۈركىيەگە بېرىشىنىڭ سىياسى بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈشكە ئۇرۇندى. ئەمما، ۋاڭ ئۇ كىشىنىڭ ھېچقانداق چۈشەندۈرۈشىگە قۇلاق سالماستىن، خۇددى چوڭ بىر جىنايەتچىنى تۇتۇۋالغاندەك ئۇنىڭغا كۆزلىرىنى چەكچەيتكەنچە خۇددى ھازىرلا ھۇجۇم قىلىدىغاندەك ئەلپازدە ھومىيىپ قاراپ :
-ھەي، تېررورچى، سەن تېخى ئۆزۈڭنى مەن گۇناھسىز دەۋاتامسەن؟-دەپ، ياللانما ساقچىلارغا بۇيرۇق چۈشۈردى :
-ئۇنى ئېلىپ مېڭىڭلار! دەرھال سوراق قىلىشىمىز كېرەك!
-خوپ، باشلىق.-دەپ، ئىككى ياللانما ساقچى ئېتىلىپ كېلىپ، پروفېسسورنىڭ بېشىغا قارا خالتا كىيدۈرۈپ، قولىغا كويزا سېلىپ، ساقچى ماشىنىسى بىلەن ئۆزى بىللە ئېلىپ ماڭدى.
ساقچى ماشىنىسى ھايت-ھۇيت دېگۈچىلا «ئالاھىدە ساقچى ئەترىتى» نىڭ بىناسىغا يېتىپ كەلدى-دە، تۇتقۇن قىلىنغان پروفېسسورنى ماشىنىدىن چۈشۈرۈپ، يەر ئاستى سوراقخانىغا ئېلىپ كىردى ۋە قارا تۆمۈر ئورۇندۇققا ئولتۇرغۇزۇپ،پۇت-قولىنى مەھكەم باغلىغاندىن كېيىن، يېڭى باشتىن سوراق قىلىشنى باشلىدى:
-جىنايىتىڭنى ئىقرارغا قىل!-دەپ ۋاقىرىدى ۋاڭ پروفېسسورغا.
-نېمە جىنايىتىمنى ئىقرار قىلىمەن؟ مەندە جىنايەت يوق-دەپ جاۋاب بەردى پروفېسسور.
-ھەي، مەندە جىنايەت يوق دەۋاتامسەن؟ تۈركىيەدە بۆلگۈنچىلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرگىنىڭ جىنايەت ئەمەسمىكەن، بىزدە ئىسپاتلار بار!
-قايسى بۆلگۈنچىلەرنى دەيسەن؟ مەن ئۇ يەردە ھىچبىر بۆلگۈنچىلەر بىلەن ئۇچراشمىدىم.
-خۇپسەنلىك قىلما، بىز سەن تۈركىيەدىكى ۋاقتىڭدا مەخپىي كۆرۈشكەن «شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى»دىكى بۆلگۈنچىلەرنى دەۋاتىمىز!
-ياق، مەن ئۇ بۆلگۈنچىلەر بىلەن كۆرۈشمىدىم. ئۇ يەردە پەقەت تۈرك زىيالىلىرى بىلەن سۆھبەتلەشتىم. «شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى»دىكى بۆلگۈنچىلەرنىڭ قارىسىنىمۇ كۆرمىدىم. ئۇلارمۇ مەن بار يەرگە كەلمىدى. چۈنكى بۇ بىر «بىر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئىدى.
-بۇلار تېرورست بولماي نېمە؟-دەپ، پروفېسسورنىڭ تۈرك زىيالىلىرى بىلەن چۈشكەن رەسىمنى كۆرسىتىپ ۋاقىرىدى ۋاڭ زەھەرخەندىلىك بىلەن-بۇ تۈركلەرنىڭ ھەممىسى جۇڭگوغا قارشى پانتۈركىست ئۇنسۇرلاردۇر. سېنىڭ ئۇلار بىلەن بىر يەردە ئولتۇرۇشۇڭنىڭ ئۆزىلا ئۇلار بىلەن تىل بىرىكتۈرگەنلىكىڭنىڭ ئىسپاتىدۇر.
-ياق، ئۇنداق ئەمەس!-دەپ قارشىلىق بىلدۈردى پروفېسسور-مەن ئۇ رەسىمدە بىللە تۇرغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى قەدىمقى تۈرك تارىخىي تەتقىقاتچىلىرىدۇر. ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى بىرەر سىياسىي پارتىيەگە تەۋە ئەمەس.شۇنداق بولغاچقا ئۇلارنىڭ پانتۈركىست بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. ئۇلار پەقەتلا ئىلىم پەن تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئىلمىي خادىملاردۇ.
-بۇنىڭغا قارا-دەپ ۋاقىرغانچە بىر ھۆججەتنى كۆتۈرۈپ كېلىپ، پروفېسسورنىڭ ئالدىغا تاشلىدى ۋاڭ، مەن ساڭا بۇنى ئوقۇپ بېرەي: ئامېرىكا، كانادا،ئەنگىليە، گېرمانىيە، تۈركىيە…. بۇ ھۆججەتتىكى تېررورلۇقنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىتىدىغان 27 دۆلەتنىڭ تىزىملىكىدە تۈركىيە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. شۇڭا، تۈركىيەگە بارغان ھەر قانداق بىر ئۇيغۇر-تېررورلۇقنىڭ تەسىرىنى ئۆزىگە يۇقتۇرۇپ كېلىدۇ. سەن تۈركىيەگە بارغانلىقىڭ ئۈچۈن تېرورلۇقنىڭ تەسىرىنى ئۆزۈڭگە يۇقتۇرۇۋالغانلىقىڭ ئېنىقتۇر. شۇڭا سەنمۇ بىر تېرورچى ھېساپلىنىسەن!
-ياق! مەن تېرورچى ئەمەس دەپ يەنىلا ئېتىراز بىلدى پروفېسسور-مەن بۇنى قوبۇل قىلالمايمەن، سىلەر ماڭا تۆھمەت قىلىۋاتىسىلەر!
-ھەي،سەن زادى گۇناھىڭنى ئېتىراپ قىلمامسەن؟ ئۇنداق بولسا، بىزدىن ياخشىلىق كۈتمە- دەپ ۋاقىرىدى ۋاڭ،ئاندىن بىر تال توك كالتىكىنى ئالغانچە ئېتىلىپ كېلىپ، پروفېسسورنىڭ بېقىنى ۋە دۈمبىسىگە بىلەن بەش-ئالتىنى ئۇرۇۋەتتى. توك كالتىكىنىڭ زەربىسىدە پروفېسسورنىڭ بېشى يېرىلىپ، بىر مۇنچە قان چىقىپ كەتتى ۋە ھوشىدىن كېتىپ، بېشى تۆۋەنگە ساڭگىلاپ قالدى.
ۋاڭ ياردەمچى ساقچىلارغا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ پروفېسسورنى قارا تۆمۈر ئورۇندۇقتىن بوشاتقۇزۇپ،كامېردىن بىرىگە ئېلىپ چىقىپ سولاپ قويدى-دە، ئاندىن يۇقىرىغا چىقىپ، ئالاھىدە ساقچى ئەترىتى باشلىقىنىڭ ئىشخانىسىغا كىردى
-خۇش كەلدىڭىز،-دەپ قارشى ئالدى ئۇنى ئالاھىدە ساقچى ئەترىتىنىڭ باشلىقى-«خەلققە قولايلىق ساقچى پونكىتى»دىكى خىزمەتلەر قانداقراق ئىكەن؟ بىرەر قىيىنچىلىق يوقتۇ؟
-ياخشى، رەھمەت سىزگە باشلىق!-دەپ خوشامەتلەرچە ھىجىيىپ سۆزىنى داۋام قىلدى ۋاڭ-خەلققە قولايلىق ساقچى پونكىتىنىڭ خىزمىتى بەك جىددى ئىكەن. مەن مۇشۇنداق جىددى خىزمەتلەرنى ياقتۇرىمەن. تېرورچى ۋە ئەسەبىي ئۇنسۇرلارنى ۋاقتىدا بايقاپ، بىرەر ۋەقە چىقىرىپ قويۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بىز مانا مۇشۇنداق جىددىي ئىشلىمىسەك بولمايدۇ. مانا بىز بۈگۈن يېرىم كۈندىلا يانفون تەكشۈرۈشى ئارقىلىق 30 غا يېقىن تېرورچىنى تۇتقۇن قىلدۇق.
-بەك ياخشى بولۇپتۇ، سىز ھەقىقەتەن پىداكارلىق بىلەن ئىشلەيدىغان ئىستىلغا ئىگە ياش ئىكەنسىز، مەن سىزنىڭ ئالاھىدە ساقچى ئەترىتىمىزگە رەھبەر بولۇپ كەلگەنلىرىڭىزدىن بەكمۇ خوشال بولماقتىمەن، قانداق قىيىنچىلىق بولسا دەۋېرىڭ؟ مەن سىزگە ياردەم قىلىشقا تەييار-دېدى ئەترەت باشلىقى ۋاڭنىڭ بۈگۈنكى تۇتقۇن قىلىش نەتىجىسىدىن ھەيران بولغانلىقىنى ئىپادىلەپ.
-مېنىڭ بىلمەكچى بولغىنىم شۇكى-دېدى ئۇ چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ-بۈگۈنكىدەك ھەر كۈنى 30-40 قىچە تېررورچىنى تۇتۇپ قولغا ئالساق، كېچىلىرى يەنە نەچچە يۈزلەپ گۇمانلىق ئۇنسۇرلار تۇتقۇن قىلىنىۋاتسا، ئۇلارنى ئىقرار قىلدۇرۇپ، سوتقا تارتىپ، جازا ھۆكۈم قىلىشقا ئىمكان بولارمۇ؟ بۇنىڭغا كۈچىمىز يېتىشەرمۇ دېمەكچىمەن.
-بۇ نېمە دېگىنىڭىز؟ كۈچىمىز يېتىشمەيدىغان ئىش بولمايدۇ. چۈنكى بىز بۇ تېررورچىلارغا بىردىن-بىردىن سوت ئېچىپ ئاۋارە بولۇپ يۈرمەيمىز، ھەر كۈنى تۇتۇلغاننى شۇ كۈننىڭ ئۆزىدە ئىقرار قىلدۇرۇپ بولالىساق، بىز ئەتىسىلا ئۇلارغا كوللېكتىپ سوت ھۆكۈمى تەييارلاپ چىقىپ، قولىغىلا تۇتقۇزۇپ قويىمىز، ئۇلارغا سوت ئېچىشنىڭ ھاجىتى يوق، چۈنكى ئۇلارنىڭ جىنايى پاكىتى ئېنىق، ئۇلار دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت شەكىللەندۈرگەن ئىكەن، بىزنىڭ ئۇلارغا جازا ھۆكۈم قىلىشىمىز قانۇنلۇقتۇر. دۆلىتىمىز ئالدىنقى يىلى چىقارغان «دۆلەت بىخەتەرلىكى قانۇنى» دا بۇ مەسىلە ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويۇلغانبولۇپ، ئۇ قانۇندا ئوچۇق قىلىپ:«كىمدە-كىم؟ دۆلەت بىخەتەرلىرىگە تەھدىت شەكىللەندۈرىدىكەن-ئۇ دۆلەتنىڭ دۈشمىنىدۇر» دېيىلگەن. ھېچقانداق يەردە دۈشمەنگە ئوچۇق سوت ئېچىلمايدۇ. ئۇلارنى خالىغىنىمىز بويىچە جازالايمىز ۋە يوقىتىمىز!
-دېگەنلىرىڭىز بەك توغرا! دېدى-ۋاڭ باشلىقىنى ماختاپ،دۆلەت بىخەتەرلىكى ھەممىدىن مۇھىمدۇر. تېررورچى ۋە دىنىي ئەسەبىي ئۇنسۇرلار دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت شەكىللەندۈرىدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ بىرىنىمۇ قويماي يوقىتىشىمىز كېرەك!
-ھەببەللى!-دېدى ئالاھىدە ساقچى ئەترىتىنىڭ باشلىقى ئۆزىنىڭ مۇئاۋىنى ۋاڭنى ماختاپ،-سىزنى مۇئاۋىن باشلىقلىققا تەلەپ قىلغانلىقىمنىڭ توغرا ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى. سىز مۇشۇنداق دادىللىق بىلەن ئىشلەپ، تېررورچىلار بىلەن بولغان كۈرەشنى قەتىئلىك بىلەن داۋاملاشتۇرسىڭىز، سىياسى ئىستىقبالىڭىز پارلاق بولىدۇ.
-رەھمەت باشلىق. ئەمدى مەن پونكىتقا قايتاي، بۇ چاغقىچە ساقچىلىرىمىز يەنە قانچىلىغان تېرورچىنى تۇتقۇن قىلىپ بولغان بولۇشى مۇمكىن، ئۇلارنى تېزدىن يۆتكەپ، ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلساق دەيمەن.
-ھە،مانا! قالتىس گەپ قىلدىڭىز-يارايسىز، مەن ئەتىلا خىزمەت خىزمەتتىكى ئاكتىپچانلىقىڭىزنى ۋە نەتىجىلىرىڭىزنى تونۇشتۇرۇپ، يۇقىرغا دوكلات ئەۋەتىمەن. يەنە سىزگە دەيدىغىنىم شۇكى، سىز بۈگۈندىن باشلاپ، ئەترىتىمىزدىكى بىنانىڭ ئۆزىدە قونۇپ قالسىڭىز بەك ياخشى بولاتتى. مەن سىزگە دەرھال بىر ياتاق تەييارلاپ بېرەي، ئەينى ۋاقىتتا مەنمۇ يېڭى ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەندە، مۇشۇ يەردە يېتىپ-قوپقان ئىدىم. چۈنكى، بىزنىڭ خىزمىتىمىز كېچە-كۈندۈز دېمەستىن، ناھايىتى جىددىلىك بىلەن داۋام قىلىۋاتىدۇ. مۇشۇنداق ئەھۋالدا تېخىمۇ كۆپ نەتىجە قازىنىش ئۈچۈن، سىزنىڭ ھەر دائىم خىزمەت ئورنىدا بولۇشىڭىز بەك پايدىلىقتۇر.
-بولىدۇ باشلىق، شۇنداق قىلاي! مەن پارتىيە مەركىزىي كومتېتى يەتمەكچى بولغان باش نىشان ۋە شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز خىزمەت قىلىشقا تەييارمەن.
-ئۇنداق بولسا دېدى ئالاھىدە ساقچى ئەترىتىنىڭ باشلىقى ھىجايغانچە ئۈتلەپ قويغان كاللىدەك ھىڭگاڭ چىشلىرىنى چىقىرىپ-سىز دەرھال «خەلققە قولايلىق ساقچى پونكىتى » غا بېرىپ، بۈگۈنكى كېچىلىك خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ، قايتىپ كېلىپ دەم ئېلىڭ! خالىسىڭىز ئاكتىپ ئىشلەۋاتقانلاردىن بىرەرسىنى كېچىلىك بەنزىگە (نۆۋەت) مەسئۇل قىلىپ قويسىڭىزمۇ بولىدۇ.
-بولىدۇ، باشلىق، خاتىرجەم بولۇڭ!-دېدى ۋاڭ-مەن ھەممە ئىشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ، ئۆزۈممۇ يەنە بىرەر-ئىككى سائەت ئىشلەپ ئۇنىڭدىن كېيىن قايتىپ كېلىشىم مۇمكىن. يەنە كۆرۈشىمىز!
ۋاڭ خەلققە قولايلىق ساقچى پونكىتىغا يەنە قايتىپ كەلدى. كۆزىتىش ئاپپاراتى يەنىمۇ توختىماي سىگنال بېرىۋاتاتتى. ھەر قېتىملىق سىگنالدىن كېيىن ئىككى ساقچى چىقىپ، بىر كىشىنى يانفونى بىلەن بىللە تۇتقۇن قىلىپ ئېلىپ كىرەتتى. ئىككى سائەتكە يېقىن ۋاقىت ئۆتكىچە بولغان ئارىلىقتا يەنە ئونغا يېقىن كىشى تۇتقۇن قىلىندى. تۇتقۇنلارنىڭ يانفونلىرى كۆزىتىش ئاپپاراتىنىڭ ئۈستىگە قويۇلۇۋىدى، ھەممىسىدىنلا تىت،تىت، تىت قىلغان ئاۋاز چىقتى. تەكشۈرگۈچى ساقچى ھەر بىر يانفوننىڭ ئىگىسىگە: يانفونىدىن مەسىلە چىققانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇرۇۋاتاتتى. بىرىنچى تۇتقۇننىڭ يانفونىدا: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئىككىنچى تۇتقۇننىڭ يانفونىدا: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ئۈچىنچى تۇتقۇننىڭ يانفونىدا: ئاللاغا ئامانەت.تۆتىنچى تۇتقۇننىڭ يانفونىدا: ئىنشائاللا! بەشىنچى تۇتقۇننىڭ يانفونىدا: ناماز ۋاقتىغا چاقىرغان ئەزان ئاۋازى. ئالتىنچى تۇتقۇننىڭ يانفونىدا:قىرائەت قىلىنغان قۇرئان ئايەتلىرى. يەتتىنچى تۇتقۇننىڭ يانفونىدا: ئامېرىكىدىكى بىرسىگە ئېنگىلىزچە يېزىلغان ئىلمىي ماقالە ۋە بىرسى بىلەن سۆزلەشكەن سۆز خاتىرىسى. سەككىزىنچى تۇتقۇننىڭ يانفونىدا: ئەرەبچە يېزىلغان بىر ئېلېكتىرونلۇق خەت. توققۇزىنچى تۇتقۇنىڭ يانفونىدا: تۈركىيەدىكى بىرسى بىلەن تۈركچە قىلىشقان سۆزىنىڭ خاتىرىسى قاتارلىقلار سۈزۈپ چىقىلغان بولۇپ، مانا بۇلار: يانفون ئىگىلىرىگە ئۇلارنىڭ«تۇتقۇن قىلىنىشنىڭ سەۋەبى»دەپ ئۇقتۇرۇلدى.
تۇتقۇنلار ئۆزىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش سەۋەبىنى ئۇققاندىن كېيىن ھەيرانلىقتا بىر-بىرسىگە قارىشىپ قېلىشتى. بەزىلىرىنىڭ چىرايى ئۆڭۈپ، قورقىۋاتقانلىقى ئىپادىلىنىپ چىقسا، بەزىللىرىنىڭ ئىپادىسىدە: «ئۆزىچە مەندە گۇناھ يوق، بەلكى بىر تەكشۈرۈلۈش ياكى سوئال-سوراقتىن كېيىن، قويۇپ بېرىلىشى مۇمكىن!»دەپ ئويلاۋاتقان بولسا كېرەك، ھېچقانداق ئەندىشە ئالامىتى كۆرۈلمەيۋاتاتتى. مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ ھەممىسى خىتاي دۆلىتىنىڭ« تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش سىياسىتى»نىڭ قۇربانلىرى بولۇپ، ئەمەلىيەتتە ھېچقايسىسى دۆلەت بىخەتەرلىكىگە ۋە جەمىيەت ئامانلىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان بىرەر ئەمەلىي ھەرىكەت قىلمىغان ئىدى.
كەچ كىرىپ قالغان ئىدى. ۋاڭ ئۆزىمۇ چارچاپ كەتكەن بولۇپ، ئۇ بۈگۈنكى خىزمىتىمنى مۇشۇ يەرگىچە قىلسام بولار!-دەپ ئويلىدى بولغاي، ساقچىلارغا: تۇتقۇنلارنى ئېلىپ مېڭىشنى بۇيرۇپ، ئۆزىمۇ بىر ماشىنىغا ئولتۇرۇپ ئالاھىدە ساقچى ئەترىتىنىڭ بىناسىغا كېلىپ، تۇتقۇنلارنى يەر ئاستى كامېرلارغا ئىككىدىن، ئىككىدىن قىلىپ سولاپ قويۇشتى. ۋاڭ كەچلىك تامىقىنى يەپ بولۇپ، ئالاھىدە ساقچى ئەتراپى ئەترىتىنىڭ باشلىقىغا ئۆزىنىڭ چۈشتىن كېيىنكى يېرىم كۈنلۈك خىزمىتىنى دوكلات قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭدىن بىر مۇنچە مەسلىھەت ۋە يول يورۇقلارنى ئاڭلىدى. ئاندىن ئۇ تەييارلاپ قويغان ياتاققا كىرىپ، چاي ئىچكەچ دەم ئالماقچى بولۇپ، ئەمدىلا ساپادا ئولتۇرۇشىغا،ئۇنىڭ يانفونى جىرىڭلىدى:
-ۋەي، ۋەي! شاۋۋاڭ قانداق ئەھۋالىڭ؟ بۈگۈن يېڭى ۋەزىپەڭنى باشلىغانلىقىڭ ئۈچۈن، سېنى ئاتايىن تەبرىكلەپ تېلېفونقىلدىم. يېڭى خىزمەت ئورنۇڭدا ئىشلار قانداقراق ئىكەن؟ ۋەزىپەڭنى ئورۇنلىيالىدىڭمۇ؟
-ھەئە، رەھمەت دادا! مەن بۈگۈن يېڭى ۋەزىپەمنى باشلىدىم، خىزمىتىم بەك ئۇتۇقلۇق بولدى. بىزنىڭ ئالاھىدە ساقچى ئەترىتىمىز، قوشۇمچە يەنە بىر «خەلققە قولايلىق ساقچى پونكىتى»غا مەسئۇل بولغان ئىكەن. مەن ھازىر شۇ يەرنىڭ بىرىنچى باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىمگە ئالدىم.
-ۋەي، ۋەي، ئوغلۇم! «خەلققە قولايلىق ساقچى پونكىتى» دېدىڭمۇ؟ ئۇ يەردە خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلامدىكەنسىلەر؟ ساقچىلار دېگەن دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى كېرەك ئىدىغۇ؟-دېدى قېرى ۋاڭ ئوغلىنىڭ نېمە دېگەنلىكىنى چۈشەنمەستىن.
-ياق،دادا! سەن چۈشەنمەپسەن،«خەلققە قولايلىق ساقچى پونكىتى»دېگىنىمىز-نورمالدا خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلمايدۇ، ئەكسىنچە، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن شەھەر، بازارلاردىكى يول ۋە كوچىلارنى نازارەت قىلىپ، ۋەقە چىقىرىش ئېھتىمالى بولغان گۇمانلىق ئۇنسۇرلارنى تۇتقۇن قىلىپ،بىرەر« تېرورلۇق ۋەقەسى» يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
-ھەئە،شۇنداقمۇ؟ ئوغلۇم! ئۇنداق بولسا، بەك ياخشى بولۇپتۇ،تۇتۇلغان تېرورچىلارغا قاماق جازاسى بەردىڭلارمۇ ياكى ئېتىپ تاشلىدىڭلارمۇ؟
-ياق، دادا! ئۇلارنى دەرھال ئېتىپ تاشلىمىدۇق، چۈنكى ئۇلار دۆلەت بىخەتەرلىكى ئۈچۈن تەھدىت شەكىللەندۈرگەن بىلەن ئەمما، تېخى ئەمەلىي ھەرىكەت ئېلىپ بارمىغان بولغاچقا، ئاۋال تەكشۈرۈپ، جىنايىتىگە ئىقرار قىلغۇزۇپ بولغاندىن كېيىن، جازا بېرىشكە باشلايمىز.
-ھەئە،شۇنداقمۇ؟ تېررورچىلار خېلى كۆپ تۇتۇلدىمۇ. ئۇلارغا قانداق جازا بېرىلىۋاتىدۇ؟
-ھەئە،دادا! تۇتۇلغانلار ناھايىتى كۆپ،بىز شىنجاڭغا كېلىشتىن ئىلگىرىلا تۇتقۇن قىلىنىش ئاللىقاچان باشلىنىپ بولۇپتىكەن. ھازىرمۇ كېچە-كۈندۈز دېمەي تۇتقۇن قىلىش ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. مەنمۇ بىر نەچچە قېتىملىق «كېچىلىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى» گە قاتناشتىم. بىزدىن ئىلگىرىكىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىرغىچە بىر نەچچە مىليون گۇمانلىق ئۇنسۇرلار تۇتقۇز قىلىنىپ بولۇپتىمىش! تۇتۇلغانلارنىڭ ئىچىدىكى تېخى جىنايەت ئۆتكۈزمىگەن، ئەمما ئىدىيەسى ساپ بولمىغان ۋە ئىشەنچىسىز دەپ قارالغانلارنى ئۇدۇللۇق«كەسپى قايتا تەربىيەلەش مەركىزى»گە يوللاپ بېرىۋاتىمىز، خاتالىق ئۆتكۈزگەنلەرگە ئەڭ تۆۋەن بولغاندا، بەش يىللىق 5-10 يىللىققىچە، يۇقىرى دەرىجىلىكلەرگە 20 يىلدىن يۇقىرى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىۋاتىمىز.
-بەك ياخشى بولۇپتۇ ئوغلۇم! تېررورچىلارنى «بىرەر ۋەقە چىقىرىش»تىن بۇرۇن تۇتۇپ يوقاتماقچى بولغانلىقىڭلار ئاجايىپ قالتىس تەدبىر ئىكەن. مېنىڭچە بولغاندا ئۇلارنى دەرھال ئېيتىپ تاشلاش كېرەك، مەن ساڭا دېگەنلىرىمنى قۇلىقىڭدا چىڭ تۇتقىن:« بۇ ئۇيغۇر دېگەن تېرورچىلارغا قىلچىلىك رەھىم قىلىشقا بولمايدۇ.»
-ماقۇل، دادا، قۇلىقىمدا چىڭ تۇتىمەن. بىر گەپ بولسا، ھەر دائىم تېلېفون قىلىپ تۇرغن، بولامدۇ؟، يەنە كۆرۈشىمىز!
ۋاڭ ئالاھىدە ساقچى ئەترىتى بىناسىدىكى يېڭى ياتىقىدا ئىدى. ئۇ بايا دادىسى بىلەن سۆزلىشىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ دېگەنلىرىنى ئويلاپ، تېخىمۇ روھلىنىپ كەتكەندەك بولۇپ قالدى.شۇڭا كەچ كىرىپ قالغان بولسىمۇ ئۇيقۇسى كەلمەيۋاتاتتى. ئۇنىڭ كاللىسىغا غەلىتە خىياللار كىرىۋالغان ئىدى:« مەن قانداق قىلىشىم كېرەك؟-دېدى ئۇ خىيالىدا ئۆزىگە-ئۆزى پىچىرلاپ: كىچىك بولسىمۇ بىر مۇئاۋىن دەرىجىلىك ئەمەلگە ئېرىشتىم، بۇ مېنىڭ يۇقىرىغا ئۆرلەش باسقۇچىدىكى بىرىنچى قەدەمنى باسقانلىقىم بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەمدى ئالغا ئىلگىرلەش ۋە يۇقىرىغا ئۆرلەش ئۈچۈن يولۇم ئېچىلدى.بۇ يولدا تېخىمۇ ئىلگىرلەش مېڭىش ئۈچۈن، چۇقۇم يەنە ئەمەلىي خىزمەت كۆرسىتىشىم، تېررورچىلار بىلەن بولغان كۈرەشنىڭ ئالدىنقى سېپىدە مۇستەھكەم تۇرۇپ، يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلار تاپشۇرغان ھەر قانداق ۋەزىپىنى نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئورۇنلىشىم كېرەك! دادامنىڭ دېگەنلىرى بەك توغرا، مەن ئۇنىڭ دېگەنلىرىنى ئېسىمدە چىڭ تۇتۇپ، بۇ ياۋايى تېررورچىلارغا قىلچىلىك رەھىم قىلماسلىقىم كېرەك! كۈندۈزى خەلققە قولايلىق ساقچى پونكىتىدا ۋەزىپىمنى تولۇق ئىجرا قىلساممۇ بولىدۇ، ئەمما بۇ يېتەرلىك بولمايدۇ. مەن چۇقۇم كېچىسىمۇ ئارام ئالماستىن ئىشلىشىم كېرەك،چۈنكى، يەر ئاستى كامېرلىرىمىزدا نۇرغۇن تۇتقۇنلار سوراق قىلىشىمىزنى كۈتۈپ تۇرىۋاتىدۇ. مەن چۇقۇم ئارام ئېلىشىمنى قويۇپ، ئۇلارنى بىر-بىرلەپ سوراق قىلىپ، ئىقرار قىلدۇرۇپ بولغاندىن، دېلوسىنى تۇرغۇزۇپ چىقىپ، بىر قىسمىنى ساۋاقدىشىم شياۋ جاڭ خىزمەت قىلىۋاتقان داۋانچىڭدىكى«كەسپىي قايتا تەربىيەلەش مەركىزى»گە ئەۋەتىپ بېرىشىم كېرەك! ئۇلارنىڭ سانى قانچە كۆپ بولسا،شۇنچە ياخشى بولۇشى مۇمكىن! يەنە بىر قىسملىرىنى بولسا كوللېكتىپ ھالدا جازا ھۆكۈم قىلىپ،يېڭى شەھەر رايونىدىكى تۈرمە شەھەرچىسىگە يوللاپ بېرىشىم كېرەك! ئۇلارنىڭمۇ سانى قانچە كۆپ بولسا شۇنچە ياخشى بولىدۇ دەپ ئويلايمەن، بەلكى ھەر كۈنى مىڭ ياكى ئىككى مىڭ، ھەتتا ئۇنىڭدىن كۆپ بولسىمۇ، مەيلى بىر قانچە مىڭدىن كۆپ كىشى تۇتقۇن قىلىنغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ مەسىلىسىنى تېزدىن بىر تەرەپ قىلسام، شۇنچە چوڭ خىزمەت كۆرسەتكەن بولىمەن. شۇنداق، مەن چۇقۇم شۇنداق قىلىمەن»!
ۋاڭ كاللىسىغا كىرىۋالغان غەلىتە خىيالدىن كېيىن، توساتتىن بېشى قىزىغاندەك بولۇپ، نېرۋىسى جىددىلىشىپ، ئەسەبىلىك بىلەن ياتىقىدىلا ۋاقىراپ كەتتى:« ئىقرار قىل، دەرھال ئىقرار قىل! ئەگەر ئىقرار قىلمايدىغان بولساڭ، بۇ يەردىن ئۆلۈكۈڭ چىقسا چىقىدۇكى، تىرىكىڭ چىقمايدۇ. ئىقرار قىل! شا،شا (ئۆلتۈرىمەن)، ئۇ قولىغا ۋال-ۋال قىلىپ چىرىقى يېنىپ تۇرىدىغان توك كالتىكىنى ئېلىۋالغان بولۇپ،ئۇ ئۆزى بىلەن ئۆزى گەپلەشكەنچە تاملارغا ئۇرۇپ يەنىلا: شا، شا!-دەپ ۋارقىراۋاتاتتى. توك كالتىكى تامغا تەگكەندىن كېيىن ئۇنىڭدىن ئوت يالقۇنلىرى چىقىپ، كارىدوردا خۇددى چاقماق چاققاندەك كۈچلۈك ئەكىس سادا پەيدا بولدى.
شۇ ئەسنادا كارىدوردا مۇھاپىزەتچىلىك قىلىۋاتقان بىر ساقچى ئۇنىڭ ئىشىكىنى قاقتى: باشلىق سىزگە بىرەر ئىش بولدىمۇ؟ قاتتىق ۋارقىرىغان ئاۋازىڭىز ئاڭلىنىپ كەتتى. مەن سىزدىن ئەنسىرەپ يېنىڭىزغا كەلگەن ئىدىم. ۋاڭ شۇ چاغدىلا ئېسىگە كېلىپ: ھېچقانداق ئىش بولمىدى. مەندىن ئەنسىرىمەڭلار، ھازىر سولاقتا قانچىلىك كىشى بار؟ سوراق قىلىش داۋاملىشىۋاتامدۇ؟-دەپ سورىدى ئۇنىڭدىن،
-ھازىر سولاقتا يۈزگە يېقىن كىشى بار. سوراق قىلىش داۋاملىشىۋاتىدۇ-دەپ جاۋاب بەردى مۇھاپىزەتچى-ھازىر سوراق قىلىنىشقا تېگىشلىك بولغان يۈزگە يېقىن تۇتقۇن بار. ئەمما، يەر ئاستىدا بىرلا سوراقخانا بولغاچقا، ساقچىلار نۆۋەت بىلەن ئىككىدىن-ئىككىدىن ئالمىشىپ سوراق قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ. قالغانلار «كېچىلىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى»گە چىقىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ.
-كېچىلىك تۇتقۇن قىلىشقا چىقىش ۋاقتىغا خېلى بارغۇ؟ سوراق قىلىش نۆۋىتىنى كۆپەيتىڭلار!-دېدى ۋاڭ قاپىقىنى تۈرۈپ-سوراقخانا يېتىشمىسە ئۇنى كۆپەيتىش كېرەك، ھازىرچە كامېرنىڭ ئۆزىدىلا سوراق قىلىپ تۇرساقمۇ بولىدۇ. سىز چىقىپ ساقچىلارنىڭ ھەممىسىگە ئۇقتۇرۇش قىلىڭ! چوڭ زالغا يىغىلسۇن، مېنىڭ ئۇلارغا ئۇقتۇرۇش قىلىدىغان مۇھىم گەپلىرىم بار!
چوڭ بىر زالغا تەخمىنەن 100 گە يېقىن ساقچى يىغىلغان ئىدى. ئۇلار يېڭى باشلىقى زالغا كىرىش بىلەنلا چاۋاك چېلىپ، قارشى ئېلىشتى. ۋاڭ زالنىڭ ئالدىغا قويۇلغان كىچىك مۇنبەرنىڭ ئالدىغا كېلىپ، مىكروفوننى قولىغا ئېلىپ ۋاقىراپ تۇرۇپ سۆزلەشكە باشلىدى: يولداشلار جاپا تارتتىڭلار! ھارمىغايسىلەر، مېنىڭ سىلەردەك باتۇر ئەزىمەتلەر بىلەن بىللە ئىشلەش پۇرسىتىگە ئىگە بولغانلىقىم مەن ئۈچۈن بىر شەرەپتۇر. ھەممىڭلار بىلگەندەك،بىزنىڭ بۇ ئالاھىدە ساقچى ئەترىتىمىزنىڭ خىزمىتى دۆلەت بىخەتەرلىكى ئۈچۈن بەكمۇ مۇھىمدۇر. بىز تېررورچىلار بىلەن كەسكىنلىك بىلەن كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك! ئۇلارغا قىلچىلىك رەھىم قىلىشقا بولمايدۇ. شىنجاڭ سېكرىتارى چېن چۈئەن گو ئېيتقاندەك: تۇتۇلۇشقا تېگىشلىكلەرنىڭ ھەممىسى تۇتۇلۇشى كېرەك، جازا بېرىشكە تېگىشلىكلەرنىڭ ھەممىسىگە جازا بېرىلىشى كېرەك! بۇنىڭ ئۈچۈن، بىزنىڭ كېچە ۋە كۈندۈز دېمەي خىزمىتىمىزنى جىددىي ئېلىپ بېرىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. نۆۋەتتە بىزنىڭ ئالاھىدە ساقچى ئەترىتىمىزدە ئادەم سانى كەملىك قىلىۋاتىدۇ، مەن ئالدىمىزدىكى بىر نەچچە كۈندە ئەترەت باشلىقى بىلەن سۆزلىشىپ،ساقچى قوشۇنىمىزنى يەنە نەچچە ھەسسە كۆپەيتىشنى يۇقىرىدىن تەلەپ قىلىمەن.
ئەترەت باشلىقىنىڭ ماڭا تاپىلغىنىغا قارىغاندا، بىزگە بۈگۈن كېچە ئەڭ ئاز بولغاندا 100 نەپەرگۇماندارنى تۇتقۇن قىلىش ۋەزىپىسى چۈشۈرۈلۈپتۇ. سائەت 12 بولۇشىغىلا« كېچىلىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى»نى باشلايمىز، يەنە ئىككى سائەتتەك ۋاقتىمىز بار ئىكەن. ھەممىڭلار بىردىن ياكى ئىككى-ئۈچتىن بولۇپ كامېرلارغا كىرىپ، ئاخشام ۋە بۈگۈن كۈندۈزى تۇتۇلغانلارنى سوراق قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇڭلار! سوراقنى قانچە تېز تۈگىتىپ، ئىقرارنامىنى تەييار قىلىپ بولالىساڭلار، جىنايەتچىلەرنى يوللاشقا تېگىشلىك يەرلىرىگە ۋاقتىدا يوللاپ بېرىۋەتسەك، ئەتىلىككە تۇتۇلىدىغانلار ئۈچۈن ئورۇن تەييارلاش ئىمكانىيىتى تۇغۇلغان بولاتتى. شۇڭا، كىمدە-كىم بۇ ۋەزىپىنى ۋاقتىدا ئورۇنلاپ،جىنايەتچىلەرنى ئىقرار قىلدۇرۇپ بولالىسا؟ بىز ئۇلارنى تەقدىرلەيمىز! قېنى ئۇنداق بولسا، سوراق قىلىشنى باشلاڭلار!
ساقچىلار ۋاڭنىڭ بەلگىلەپ بەرگىنى بويىچە، ئىككىدىن، ئۈچتىن بولۇپ گۇرۇپپا ھالىتىدە يەر ئاستى قەۋەتتىكى كامېرلارغا چۈشۈپ سوراق قىلىشنى باشلىۋەتتى. ۋاڭمۇ ساقچىلار بىلەن ساقچىلار بىلەن بىللە يەر ئاستى قەۋەتكە چۈشۈپ سوراق جەريانىنى نازارەت قىلدى. ياشانغان ساقاللىق بىر كىشىنى سوراقخانىدا ئىككى ساقچى قاپقارا ئورۇندۇققا ئولتۇرغۇزۇپ، چەمبەرچاس قىلىپ باغلىۋەتكەن بولۇپ،ئىككى گۇندىپاي قوللىرىدىكى ۋال-ۋۇل قىلىپ، چىرىقى يېنىپ تۇرغان توك كالتىكىنى دېۋەيلىگەن ھالدا سوراق قىلىۋاتاتتى:
-ئىقرار قىل، نېمىشقا مەسچىتكە رۇخسەتسىز كىردىڭ؟ نېمىشقا مەسچىتكە كىرىش كېنىشكىسى ئالمىدىڭ؟ رۇخسەتسىز مەسچىتكە كىرىپ ناماز ئوقۇشنىڭ ئېغىر جىنايەت ئىكەنلىكىنى بىلمەمسەن؟ ياشانغان بىر كىشى تەمكىنلىك بىلەن سوراقچىلارغا جاۋاب بېرىۋاتاتتى:
-ياق،بىلمەيمەن، ئەمما مېنىڭ قارىشىمچە مەسچىتكە كىرىپ ناماز ئوقۇش ئۈچۈن رۇخسەت ئېلىش ھاجەتسىزدۇر. چۈنكى، مەسچىت دېگەن ئاللاھنىڭ ئۆيى،شۇڭا، ئۇنىڭغا كىملا كىرسە بولىدۇغۇ؟
-نېمە دېدىڭ؟-دەپ ۋاقىرىدى سوراقچىلار، ئاللاھنىڭ ئۆيى دېدىڭمۇ؟
-ئاللاھنىڭ ئۆيى بۇ يەردە نېمە ئىش قىلىدۇ؟ بۇ يەردىكى ئۆيلەرنىڭ ھەممىسىنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى رەھبەرلىكىدىكى ئىشچىلار سىنىپى سالغان،
-مەسچىتنىمۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى سالغانمۇ؟ ئۇلار قايسى بىر مەسچىتكە پۇل بېرىپ باققان؟ ئۇنى بىلەمسەن؟-دەپ سورىدى ياشانغان تۇتقۇن سوراقچىدىن،
-ئۇنى بىلمەيمەن.-دېدى سوراقچى مۇتىھەملىك بىلەن ۋاقىراپ،-ئەمما، يەر دۆلەتنىڭ، ئۇنداق بولغاندىن كېيىن مەسچىتنى كىم سالسا-سالسۇن، يەنىلا دۆلەتكە تەۋە بولىدۇ. مەسچىتنى دۆلەت باشقۇرىدۇ.
-ياق، ئۇنداق ئەمەس! ھازىرغىچە بىزنىڭ يۇرتىمىزدا مەسچىتنى جامائەت باشقۇرۇپ كەلدى، چۈنكى مەسچىتىنى جامائەت ئۆزلىرى پۇل چىقىرىپ سالغان .
-تولا كاپشىما!-دەپ، ۋاقىرىدى سوراقچى-سېنىڭ رۇخسەتسىز مەسچىتكە كىرىشىڭ جىنايەتتۇر، دەرھال بۇ جىنايىتىڭنى بوينىغا ئال! بولمىسا، ھازىرلا ئەدىپىڭنى بېرىپ قويىمىز.
-مەيلى،نېمە قىلساڭلارمۇ قىلىڭلا! مەن:«مەسچىتكە كىرىپ ناماز ئوقۇش»نى جىنايەت دەپ قارىمايمەن!
شۇ ئەسنادا ھەر قايسى كامېرلاردىكى سوراق ئەھۋالىنى نازارەت قىلىۋاتقان ۋاڭ بۇ سوراقخانىغا كىرىپ كەلگەن بولۇپ،ياشانغان تۇتقۇننىڭ جاۋابىنى ئاڭلاپ، قاتتىق ۋاقىراپ كەتتى: دا س لا (ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈڭلار!) شۇنىڭ بىلەن سوراقچىلار قوللىرىدىكى توك كالتىكى بىلەن بوۋاينىڭ دۈمبە، بېقىنى ۋە مەيدىسىگە ئارقا ئارقىدىن 7-8 قېتىم ئۇرۇۋېتىشتى. شۇنىڭدىن كېيىن بوۋاي ھوشىدىن كېتىپ، بېشى تۆۋەنگە ساڭگىلاپ، كۆزلىرى يان تەرەپكە تارتىشىپ قالدى. بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىغان سوراقچىلار بوۋاينىڭ قولىنى تارتىپ ئەكىلىپ، سۇرۇخقا تەگكۈزۈپ ھۆللىۋالغاندىن كېيىن، ئالدىنالا تەييارلاپ قويغان ئىقرارنامىگە ئىمزا قويدۇرۇۋالدى-دە، ئاندىن بوۋاينى پۇتىدىن سۆرىگەنچە سوراقخانىدىن ئېلىپ چىقىپ كېتىشتى.
ۋاڭ سائىتىگە قاراپ بىردىنلا جىددىيلىشىپ كەتتى، تۈن ئاللىقاچان يېرىم كېچىگە يېقىنلاشقان بولۇپ، 12گە چارەك سائەتلا ۋاقىت قالغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ سوراقخانىدىن چىقىپ، كارىدوردا مېڭىپ يۈرۈپ، ھەر قايسى كامېرلاردا تۇتقۇنلارنى سوراق قىلىۋاتقان ساقچىلارغا: سوراق قىلىش ئاخىرلاشسۇن! تېزدىن يۇقىرىغا چىقىپ چوڭ زالدا بۇيرۇق كۈتۈپ تۇرۇڭلار!-دەپ، بىر نەچچە قېتىم ۋاقىرىۋەتكەندىن كېيىن، يۇقىرىغا چىقىپ، ئىشخانىسىغا كىرىپ، ئەمدى ئولتۇرۇشىغا ئۇنىڭ يانفونىغا ئارقا-ئارقىدىن سىگنال كېلىشكە باشلىدى. ئۇ يانفونىنى ئېچىپ قارىۋېدى، ساندان (بىر گەۋدىلەشكەن بىرلەشمە جەڭ قىلىش سۇپىسى) دىن ھەرقايسى ئالاھىدە ساقچى ئەترەتلىرىگە چۈشۈرۈلگەن، بۈگۈن كېچىدە تۇتۇلغانلارنىڭ تىزىملىكى كۆرۈندى. ئۇ كومپيۇتېرغا قاراپ ئولتۇرغان نۆۋەتچى كاتىپقا بۇيرۇق قىلىۋىدى، كاتىپ باسما ماشىنىسىنى ئېچىپ، بىردەمنىڭ ئىچىدىلا، بۈگۈن كېچە تۇتۇلىدىغانلار تىزىملىكىنى ئون نەچچە پارچە باسما قىلىپ چىقىرىپ بەردى. ۋاڭ تىزىملىكنى ئېلىپ، جىددىلەشكەن ھالدا زالىغا كىرىپ كەلدى. نەچچە سائەتتىن بېرى كامېرلاردا سوراق قىلىشقا قاتناشقان ساقچىلار ئىشىنى تۈگىتىپ، زالغا يىغىلغان ئىدى. ۋاڭ ساقچىلارنى 4-5 تىن قىلىپ گوروپپىلارغا ئايرىپ، ھەر بىر گوروپپىغا بىر پارچىدىن بۈگۈن كېچە تۇتۇلىدىغان تىزىملىكىنى تارقىتىپ، دەل سائەت 12 بولغاندا، ھەرىكەتنى باشلاڭلار!-دەپ بۇيرۇق چۈشۈردى.
ئەسلىدە ۋاڭ ئۆزىمۇ بىر گوروپپىغا قېتىلىپ، كېچىلىك تۇتقۇن قىلىشقا بىۋاسىتە قاتناشماقچى ئىدى. ئەمما ئۇ بەكمۇ چارچاپ كەتكەن بولۇپ،كۆزى يۇمۇلۇپ،ئۇيقۇ بېسىپ، كۆزىنى پەقەتلا ئاچالمايۋاتاتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۈگۈنكى كېچىلىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىگە قاتنىشىشتىن ۋاز كېچىپ، ياتاققا كىرىپ كارىۋاتقا تاشلاندى ۋە دەرھاللا ئۇيقۇغا كەتتى.
ئۇ قانچىلىك ۋاقىت ئۇخلىغان بولغىيتىكىن؟ بىر ۋاقىتتا قاتتىق ۋاقىرىغانچە ئويغىنىپ كەتتى، ئۇ ۋەھىمىلىك بىر چۈش كۆرگەن ئىدى. ئۇ قورقۇنچ ئىچىدە باياتىن كۆرگەن چۈشىنى ئەسلەشكە كىرىشتى: ۋاڭ چوڭ بىر ئەجدىھاغا ئايلىنىپ قالغانىدى، ئۇ ئۈزۈق ئىزدەپ، ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلىپ، باغمۇ-باغ، تاغمۇ-تاغ ئۇچۇپ، ئاخىرى غەرب تەرەپتىكى ئۈچ چوڭ تاغ تىزمىسى بىلەن ئورالغان چوڭ بىر دىيارغا كېلىپ قالىدۇ. بۇ دىياردىكى كۆز ئالدىدا پەيدا بولغان مەنزىرە ئۇنىڭ قاتتىق ئىشتىھاسى قوزغايدۇ. چۈنكى، بۇ يەرنىڭ ئەرلىرى گەۋدىلىك، سېمىز ۋە ئاق پىشماق كەلگەن، كېلىشكەن كىشىلەردىن بولۇپ، ئاياللىرى بولسا زىلۋا، بۇرۇنلىرى قاڭشارلىق، قاشلىرى قىياقتەك ئىنچىكە، كۆزلىرى جەرەننىڭكىدەك يوغان ۋە چىرايلىق ئىدى. ئۇلارنىڭ شەھەرلىرى ئاۋات،سودا-سېتىق-ئېتىز ئېرىق ئىشلىرى راۋاجلانغان بولۇپ، خەلق باياشات ئىچىدە، خوشال-خورام ياشايتتى. ئۇلارنىڭ ئۆز ئالدىغا پادىشاھى بولۇپ، تۈمەنلىگەن ئەسكەرلىرى بار ئىدى. ئۇ پادىشاھ دۆلەتنى ئادىل سوراپ، ئەلنى رازى قىلىپ، خەلقىنى ھەر قانداق بىر دۈشمەننىڭ تازاۋۇزچىلىقىدىن ساقلاپ كەلگەن ئىدى.
ئەجدىرھانىڭ بۇ قېتىم كەلگەن ۋاقتى پادىشاھنىڭ قوشنا بىر ئەلگە زىيارەتكە كەتكەن ۋاقتىغا توغرا كېلىدۇ. بۇ پۇرسەتنى غەنىمەت بىلگەن ئەجدىرھا تويماس قارنى ئۈچۈن كىشىلەرنى بىردىن،بىردىن دەم تارتىپ يېيىشكە باشلايدۇ. ئۇنىڭ قورسىقى زادىلا تويمايدىغان بولۇپ، بىر كۈندىلا نەچچە مىڭ كىشىنى دەم تارتىپ يەپ بولىدۇ. ئۇ ھەر كۈنى دېگۈدەك مىڭلاپ، ئون مىڭلاپ ئادەمنى دەم تارتىپ، شۈمۈرۈۋالىدۇ. خەلقنىڭ قاچالىغانلىرى قېچىپ، قاچالمىغانلىرى ئۇنىڭغا تۇتۇلۇپ، يەم بولۇشقا مەھكۇم بولىدۇ. قىسقىغىنا بىر نەچچە كۈن ئىچىدە ئۇ مىليونلىغان ئادەمنى دەم تارتىپ، قورسىقىغا سولىۋېلىپ، بىر باشتىن ھەزىم قىلىپ يېيىشكە باشلايدۇ. ئۇنىڭ قورسىقى بەكلا يوغان، نەپىسى تويماس بولۇپ، مىليونلىغان ئادەمنى دەم تارتىپ شۈمۈرۈۋالغان بولسىمۇ، يەنىلا تويمايۋاتاتتى.
بۇ پاجىئەلىك ئەھۋال بۇ يەردىن قوشنا ئەلگە قېچىپ بارغان كىشىلەر تەرىپىدىن ئۇ دۆلەتنىڭ پادىشاسىغا يەتكۈزۈلىدۇ. بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، دەرغەزەپكە كەلگەن پادىشاھ قوشۇنىنى باشلاپ مەملىتىگە قايتىپ كېلىدۇ ۋە ئەجدىرھا جايلاشقان تاغ باغرىغا بېرىپ: -ھەي، تاجاۋۇچى مەخلۇق، قارنى تويماس، نەپسى بالا ھايۋان! نېمە دەپ ئۆز مەملىكىتىڭدە ياشىماي، مېنىڭ مەملىكىتىمگە كېلىپ، ئادەملىرىمنى دەم تارتىپ يەيسەن؟ سەن بۇ ئىنسانلارنى ئىگە-چاقىسىز دەپ قالدىڭمۇ؟ ئاشۇ تويماس قارنىڭغا يۈتۈپ كەتكەن ئىنسانلارنىڭ ھەممىنى دەرھال چىقىرىپ بەر! بولمىسا، مەن تېنىڭنى ئىككى پارچە قىلىپ، قارنىڭنى چۇۋۇپ تاشلايمەن-دەپ ۋاقىرايدۇ.
پادىشاھنىڭ گېپىنى ئاڭلىغان ئەجدرىھا ئۇنىڭغا قىلچىمۇ پىسەت قىلماي، پادىشاھنىڭ ئەسكەرلىرىنىمۇ دەم تارتىپ، سۈمۈرۈشكە باشلايدۇ. نۇرغۇن ئەسكەرلەر ئەجدىرھانىڭ دەم تارتىشى بىلەن سۈمۈرۈلۈپ، ئۇنىڭ قارنىغا كىرىپ كېتىدۇ. ئۇ يەنە ئاغزىدىن ئوت چاچرىتىپ، پادىشاھنى كۆيدۈرۈپ تاشلىماقچى بولىدۇ.
پادىشاھ سەمەندەر تېرىسىدە ياسالغان، ئوتتا كۆيمەيدىغان قالقىنى ئارقىلىق ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىدۇ. بۇ چاغدا پادىشاھنىڭ بىر ئەقىللىق ۋەزىرى مۇنداق مەسلىھەت بېرىدۇ: پادىشاھ ئالىيلىرى، بۇ ئەھۋالىمىز بىلەن ئۇ ياۋۇز مەخلۇققا تەڭ كېلەلمەيدىغاندەك قىلىمىز، بىز بارلىق تۆمۈرچى ئۇستىلارنى يىغىپ، غايەت ئۇزۇنلۇقتا، ئەجدىرھانىڭ تېنىدىنمۇ ئۇزۇن بولغان نەيزە سوقتۇرايلى! ئۇنىڭدىن كېيىن، بىز ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرالايمىز-دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ تۆمۈرچى ئۇستىلارنى يىغىپ كېلىپ، ئەجدىھانىڭ تېنىدىنمۇ ئۇزۇن بولغان نەچچە گەز ئۇزۇنلۇقتىكى نەيزىدىن بىر جۈپ سوقتۇرۇپ، ئىككى پالۋاننى تاللاپ ئەجدىرھانىڭ قارنىنى يېرىپ، تېنىنى پارچە پارچە قىلىشقا ئەمىر قىلىدۇ. دېگەندەك،تاللاتقان ئىككى پالۋان نەچچە گەز ئۇزۇنلۇقتىكى نەيزە بىلەن ئەجدىرھاغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنىڭ ئوت چاچرىتىۋاتقان ئاغزىغا تىقىدۇ.شۇنىڭ بىلەن ئەجدىرھانىڭ تېنى ئىككى پارچە بولۇپ پارچىلىنىپ، ئۈچەي باغرى يەرگە تۆكۈلىدۇ. ئاندىن پالۋانلار قېلىچ بىلەن ئۇنىڭ ئۈچەي باغرىنى يارىدۇ. تورۇك، تورۇك قىلغان ئاۋاز بىلەن ئەجدىرھانىڭ قورسىقىدا تېخى ھەزىم بولماي ھايات قالغان نەچچە مىليونغا ئىنسانلار يېرىم جان ھالدا قۇتۇلۇپ چىقىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئەجدىھا نەسلىدىن بولغان مەخلۇقلار ئىككىنچى بۇ دىيارىغا ھۇجۇم قىلىپ كېلەلمەيدىغان بولىدۇ.
7 -باب
ئەمدى گەپنى ۋاڭ بىلەن بىللە ئىككى ھەپتىلىك ئۆگىنىش ۋە ئەمەلىي خىزمەت پراكتىكاسى قىلىش جەريانىدا تەقدىرلىنىپ ئەمەلگە ئېرىشكەن جاڭدىن ئاڭلايلى: جاڭ داۋانچىڭدىكى ئاتالمىش «كەسپىي قايتا تەربىيەلەش مەركىزى»نىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىقىغا تەيىنلەنگەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا مەخسۇس بىر خىزمەت ماشىنىسى ئاجرىتىپ بېرىلدى. ئۇ خىزمەت ماشىنىسى بىلەن ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۋېلىش داۋانچىڭغا قاراپ يولغا چىقتى. ئۇ ئىلگىرى داۋانچىڭغا بېرىپ باقمىغان بولغاچقا يانفونىدىكى يول كۆرسەتكۈچنى ئېچىپ، ئۇ كۆرسەتكەن ئادرېس بويىچە مېڭىۋاتاتتى. تەخمىنەن بىر سائەتكە يېقىن يول ماڭغاندىن كېيىن، يول كۆرسەتكۈچ ئۇنىڭ داۋانچىڭ بازىرىغا يېتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
داۋانچىڭ بازىرى ئۈرۈمچى ناھىيەسىگە قاراشلىق بىر ئالاھىدە رايون بولۇپ، ئۇ ئۈرۈمچى بىلەن توقسۇن ئارىسىدىكى بىر ئۆتەڭ ئىدى. ئۈرۈمچىدىن جەنۇبقا بارىدىغان چوڭ قاتناش يولى بۇ يەردىن ئۆتەتتى. شۇڭلاشقا داۋانچىڭ بىر يېزا بازىرى بولسىمۇ، خېلىلا ئاۋات بولۇپ، يوللارنىڭ ئىككى قاسنىقىغا قاتار قىلىپ سېلىنغان دۇكان ۋە ئاشخانىلار ئەتىگەنلىك تىجارىتىنى ئاللىقاچان باشلاپ بولغان ئىدى.بۇ يەردە سودا- تىجارەت خېلىلا راۋاجلانغاندەك قىلاتتى. تارىختىن بۇيان جاپاكەش ئۇيغۇر خەلقى بىنا قىلغان ۋە تۇڭگانلار بىلەن بىللە گۈللەندۈرگەن بۇ يېزا بازىرى ھازىر بىرەر كىچىك شەھەرچىلىك دەرىجىدە چوڭىيىپ كەتكەن بولۇپ، ئاھالە قۇرۇلمىسىدىمۇ زۆر ئۆزگىرىش بارلىققا كېلىپ، ساپلا خىتايلىشىپ كەتكەندەك قىلاتتى. يول قىرغاقلىرىدىكى ئاشخانىلاردا ئانچە-مۇنچە ئاق دوپپا كىيىۋالغان تۇڭگان ئۇستىلارنىڭ كىرىپ-چىقىۋاتقان ھەركەتلىرى كۆزگە چېلىقاتتى. ئاشخانىلارنىڭ ۋىۋىسكىلىرى ساپلا خىتاي تىلىدا يېزىلغان بولۇپ، ئۇيغۇرچە خەت يېزىلغان ۋىۋىسكىلار ھىچ يەردە كۆرۈنمەيتتى. جاڭ بۇ يەردە ئۇيغۇرلار بارمىدۇ-يوقمىدۇ؟ دېگەننى ئويلاپ، ئەتراپقا سىنچىلاپ قارىۋىدى، پەقەت بىرلا دۇكاندا بىر ئۇيغۇر ئۈستىنىڭ خىتايچە ۋاقىراپ،خېرىدار چاقىرىۋاتقان ئاۋازى ئاڭلاندى.چۈنكى، يوللاردا بىرەرمۇ ئۇيغۇر كۆرۈنمەيتتى.
جاڭ تېخى ناشتا قىلمىغان بولغاچقا بىر تۇڭگان ئاشخانىسىغا كىرىپ، كالا گۆشىدە قىلىنغان ئۈگرە بۇيرۇتۇپ كۈتۈپ ئولتۇردى.شۇ ئەسنادا ئۇنىڭغا چاي قويۇپ بېرىشكە كەلگەن كۈتكۈچى قىزغا پاقىدەك قاراپ، ئۇنىڭدىن سورىدى: بۇ يەردە ئۇيغۇرلار ياشىمامدۇ؟
-ياشايدۇ، ئىلگىرى خېلى كۆپ ئىدى، نېمە بولدىكىن؟ بۇ يىل توساتتىنلا ئازلاپ كەتتى.
-سىزنىڭچە ئۇلار باشقا يەرگە كۆچۈپ كېتىشكەنمىدۇ؟
-ئۇنى مەن بىلمىدىم،-دەپ ھەيرانلىقتا جاۋاب جاۋاب بەردى كۈتكۈچى قىز-بىزنىڭمۇ بىر قوشنىمىز ئۇيغۇر ئىدى، بىر نەچچە ئاي بولدى تۇيۇقسىزلا بىر كېچىدىلا يوقاپ كەتتى. ئۆيى ھازىرغىچە قۇلۇپلاقلىق تۇرىدۇ. نېمە بولغانلىقىنى بىز بىلەلمىدۇق.سىز بىرەر ئۇيغۇر نى ئىزدەمتىڭىز-دەپ سورىدى ئۇ قىز ھەيران بولغان ھالدا؟
-ياق، مەن بىرەرسىنى ئىزدىمەيمەن. ئەمما، بۇ يەردە قانچىلىك ئۇيغۇرنىڭ ياشايدىغانلىقىنى بىلىپ باقاي دېگەن ئىدىم.
-ھە، شۇنداقمۇ؟-دېگىنىمدەك، ئۇيغۇرلار ئىلگىرى خېلى جىق ئىدى. ھازىر بەكلا ئازلاپ كەتتى. دادامنىڭ دېيىشىچە،بىزنىڭ مەھەللىدىكى مەسچىتكىمۇ بىر نەچچىلا ئۇيغۇر بوۋاي ناماز ئوقۇغىلى كېلىدىكەن. ئىلگىرى مەسچىتكە دائىم كېلىۋاتقان ياش ۋە ئوتتۇرا ياش ئۇيغۇرلار ئاساسەن غايىب بولغانمىش!
جاڭ غايىب بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنغان بولۇش ئېھتىماللىقىنى ئاللىقاچان مۆلچەرلەپ بولدى. ئەمما ئۇ قىزغا بۇ ھەقتە ئېغىز ئېچىشنى خالىمىدى. كۈتكۈچى قىز ئۇنىڭغا يەنە چاي قۇيۇپ بەرمەكچى بولۇپ كېلىۋىدى، ئۇ: بولدى قۇيماڭ، ئەمدى ئىچمەيمەن دەپ، يېنىدىن پۇل چىقىرىپ يېگەن تاماقنىڭ پۇلىنى تۆلىۋەتتى-دە، ئاندىن سومكىسىدىن بىر ۋاراق خەرىتىنى چىقىرىپ، ئۇنىڭغا تەپسىلىي قاراشقا باشلىدى. ئۇنىڭ قاراۋاتقىنى داۋانچىڭنىڭ بازار ئىچىگە تەخمىنەن بىر نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتا بولغان ئاتالمىش «كەسپى قايتا تەربىيەلەش مەركىزى» ئىدى.
كۈتكۈچى قىز جاڭنىڭ نامەلۇم بىر يەرنى ئىزدەۋاتقانلارنى پەملەپ، ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ سورىدى: بىرەر يەرنى ئىزدەۋاتامسىز؟ مەن بۇ ئەتراپنى ياخشى بىلىمەن. ئەگەر بىلمىسىڭىز،مەندىن سورىسىڭىزمۇ بولىدۇ.
-ياق، ئۇ يەرنى باشقىلاردىن سورىماي ئۆزۈم تېپىشىم كېرەك!-دەپ ھودۇققانچە جاۋاپ بەردى ۋاڭ،
-نېمىشقا؟ سورىدى كۈتكۈچى قىز يەنە جاڭدىن-ھەر كىم بىر يەرنى بىلمىسە، باشقىلاردىن سورايدىغۇ؟
-ئەمما مەن سورىمىساممۇ، تاپالايمەن. قولۇمدا خەرىتە بار، مەن ئىزدەۋاتقان ئۇ يەر بولسا،يېڭى سېلىنغان بىر مەكتەپتۇر.
-مەكتەپ؟-دەپ،كۈتكۈچى قىز كاللىسىدىن توساتتىن چىقىپ كەتكەن سوئالنى تەكرارلاپ،داۋانچىڭنىڭ سىرتىدا مەكتەپ يوق ئىدى،سىز دېگەن ئۇ يەر-قانداق مەكتەپ بولغىدى؟ -دەپ سورىدى ئۇنىڭدىن،
-چوڭلار ئوقۇيدىغان مەكتەپ، يەر يېڭى سېلىنغان.-دەپ جاۋاپ بەردى جاڭ پەرۋاسىزلارچە،
-ھە، شۇنداقمۇ؟ مەنمۇ:«يېڭىدىن بىر مەكتەپ سېلىنىپتۇ»دەپ ئاڭلىدىم. ئەمما،ئۇ يەرنى باشقىلار:مەكتەپ ئەمەسكەن، تۈرمىگە ئوخشايدىكەن!-دېيىشىۋاتىدۇ. سىزچە بۇ گەپلەر توغرىمۇ؟
قىزنىڭ ئاخىرقى سوئالى جاۋاپسىز قالدى، چۈنكى،جاڭنىڭ چىرايى ئۇنىڭ سوئالىدىن كېيىن، بىر مەخپى ئىشى ئاشكارلىنىپ قالغان ئادەمدەك، تاتىرىپ كەتكەن ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ قولىدىكى خەرىتىنى قاتلاپ سومكىسىغا سېلىپ، كۈتكۈچى قىز بىلەن خوشلاشمايلا ئاشخانىدىن چىقىپ كەتتى.
جاڭ جىددىلىشىپ كەتكەن ئىدى. ئۇ ماشىنىسىغا چىقىپ يۇقىرى سۈرەتلىك تاشيول بىلەن بىرئاز ماڭغاندىن كېيىن، يەنە بىر قېتىم قولىدىكى خەرىتىگە قاراپ، يولدىن تەخمىنەن 2-3 كىلومېتىر نېرى تەرەپتە كۆرۈنىۋاتقان يوغان بىر بىنا تەرەپكە قاراپ يولىنى داۋام قىلدى.
جاڭ بىنانىڭ ئالدىغا يېتىپ كېلىپ، ئۆزىمۇ ھەيران قالدى. يېڭىدىن سېلىنىپ،مەكتەپ دەپ ئاتالغان بۇ يەر-ئېگىز تام بىلەن قورشالغان بولۇپ، بىنانىڭ ئۈستى تىكەنلىك سىم بىلەن ئورالغان ئىدى. ھەر بولۇڭدا بىردىن كۆزىتىش مۇنارىسى بولۇپ، قوراللىق ساقچىلار تۆت ئەتراپىغا مولۇندەك قارىشىپ،قوراللىرىنى دېۋەيلىشىپ تۇرۇشاتتى. ئۇ دەرۋازا ئالدىغا يېتىپ كەلگەندە، كۈزەتچى ساقچىلار تەرىپىدىن توسۇۋېلىندى. كۈزەتچى ساقچىلارنىڭ،ئۇنىڭ كېلىشىدىن خەۋىرى بولمىغان بولسا كېرەك،جاڭغا قوپال مۇئامىلە قىلىۋاتاتتى. بۇ مۇئامىلىدىن خاپا بولغان جاڭ چىرايىنى پۈرۈشتۈرگەن ھالدا يېنىدىن،ئۆزىنىڭ ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەنلىكى ھەققىدىكى ھۆججەتنى چىقىرىپ كۆرسىتىۋىدى، ئۇنى كۆرگەن كۆزەتچى ساقچىلار،بىردىنلا مۇئامىلىسىنى ئۆزگەرتىپ،قولىنى پېشانىسىگە ئېلىپ چاس بېرىپ، ئۇنىڭدىن ئارقا-ئارقىدىن ئەپۇ سوراپ كېتىشتى ۋە دەرۋازىنى ھاللاڭ ئېچىپ، جاڭنى ئىچكىرىگە باشلاپ، مەلۇم بىر بىنانىڭ ئالدىغا بېرىپ كۇنۇپكىنى بېسىۋىدى، ئوتتۇرا بويلۇق، سەمىرىپ قورساق سېلىپ كەتكەن، كۆزەينەك تاقىۋالغان جىرتاق كۆز بىر كىشى چىقىپ، جاڭنى كۈتۈۋالدى :
-خۇش كېلىپسىز جاڭ مۇئاۋىن باشلىق، قارشى ئالىمەن، سىزنىڭ مەن بىلەن بىللە ئىشلەشكە كەلگەنلىكىڭىزدىن بەكلا خوشال بولدۇم!
-تۈزۈت قىلماڭ ياڭ باشلىق، مەن تەجرىبىسىز بىر ياش، بىللە ئىشلەش جەريانىدا سىزدىن جىق نەرسىنى ئۆگەنمىسەم بولمايدۇ. سىزنىڭ تەربىيەلىشىڭىزگە مۇھتاجمەن!
-سىزمۇ تۈزۈت قىلماڭ.-دەپ كۆزەينىكىنى چىقىرىۋېتىپ جاڭغا تىكىلىپ قاراپ سۆزىنى داۋام قىلدى ياڭ باشلىق-مەن سىز توغرۇلۇق ئەۋەتىلگەن ماتېريالدىن ئەھۋالىڭىزنى بىلدىم. ئىلگىرى ئەسكەر بولغان ئىكەنسىز، شىنجاڭغا كەلگەندىن كېيىنمۇ نەزەرىيە ۋە ئەمەلى تەجرىبىلەرنى بېشىڭىزدىن ئۆتكۈزۈپ، يۇقىرىنىڭ تەقدىرلىشىگە ئېرىشىپسىز،بۇ سىزنىڭ ئالاھىدە قابىلىيەتلىك ئىكەنلىكىڭىزنىڭ ئىسپاتى. مەن سىزنىڭ ھەر قانداق ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن! ئەمدى سىزگە بىرىنچى بولۇپ دەيدىغىنىم شۇكى، بۇ يەر-بىر مەكتەپ يەنى «كەسپىي قايتا تەربىيەلەش مەركىزى» دېيىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ ھەر قانداق بىر ئادەمنى تىز پۈكتۈرىدىغان، كاللىسى قېتىپ كەتكەن رادىكال ئۇنسۇرلارنى ئۆزگەرتىپ، يېڭىچە ئادەم قىلىپ تەربىيەلەپ چىقىدىغان بىر پولات تاۋلاش ئوچىقىغا ئوخشىتىشقا بولىدۇ. خۇددى پولات تاۋلاش ئوچۇقىغا كۆمۈرنى قانچە كۆپ سېلىپ قىزىتىپ، يۇقىرى بېسىم ھاسىل قىلسىڭىز، شۇنچە كۆپ مېتال تاۋلىغىلى بولغىنىغا ئوخشاش، بۇ مەكتەپتە تەربىيەلىنىدىغانلارمۇ،يۇقىرى بېسىملىق نازارەت ئىچىدە تەربىيەلىنىپ،ئۆزگەرتىلىپ چىقىلىشى كېرەك!
-بەك مەنىلىك گەپ قىلدىڭىز باشلىق!-دەپ ماختىدى جاڭ ئۆزىدىن بىر دەرىجە يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدىغان باشلىقىغا خوشامەتلەرچە ھىجىيىپ-مەن سىزنىڭ بۇ قارىشىڭىزغا قوشۇلىمەن. ئىنسان دېگەن خۇددى بىر دەرەخكە ئوخشايدۇ ئۇنىڭ، ئەگرى-بۈگرى ئۆسۈپ قالغان شاخلىرىنى پۇتاپ، كېسىپ تۇرمىسا، ئۇنى تۈز ئۆستۈرگىلى بولمايدۇ. بۇ مەكتىپىمىزگە كەلگەن تەربىيەلەش ئوبيېكىتلىرىنىڭ ھەممىسى ئاشۇنداق ئەگرى-بۈگرى ئۆسۈپ قالغان شاخ-شۇمبىلاردۇر. ئۇلارنى ۋاقتىدا كېسىپ تاشلىمىساق، دەرەخنىڭ تۈز ئۆسۈپ، چوڭ بولۇشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.
-جاڭنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلىغان ياڭنىڭ گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ كەتتى ۋە مۇنداق دېدى:
-بەللى،بەللى! مۇشۇنداق ئەجدادلىرىمىزنىڭ بىزگە قالدۇرغان قىممەتلىك مىراسلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىشىمىز كېرەك! سىزنىڭ بۇ دېگىنىڭىز-دانا ئەجدادلىرىمىزدىن بىزگە قالغان:« 36 تەدبىر»نىڭ ئىچىدىكى مۇھىم تەدبىرنىڭ بىرىدۇر. ئەجدادلىرىمىز قەدىمدىن تارتىپ بۇنى،سېپىل سىرتىدىكى ياۋايى مىللەتلەرنى بويسۇندۇرۇشتا قوللىنىپ كەلگەن ئىكەن. كوممۇنىستىك پارتىيەمۇ جۇڭگودا ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەندىن كېيىن، بۇ تەدبىرنى كۆپ قېتىم باشقا مىللەتنى بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن سىناق قىلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازاندى. ھازىر پارتىيەمىزنىڭ شىنجاڭدا يولغا قويۇۋاتقان:«ئەبەدى ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش سىياسىتى»نىمۇ دەل مۇشۇ تەدبىر ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن دېيىشكە بولىدۇ.پارتىيەمىز ئىلگىرى بىر مەزگىل « مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىكى خاتالىقلارنى تۈزىتىمىز» دېگەن سەۋەب بىلەن باشقا مىللەتلەرگە زور دەرىجىدە كەڭچىلىك قىلىپ، سىياسەتنى بەكمۇ بوشىتىۋەتكەن ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ ياۋايىلار ئاينىپ،ئارتۇق شاخ- شۇمبىلارنى چىقىرىپ، دەرەخنىڭ تۈز ئۆسىشىگە، يەنى جۇڭخۇئا مىللىتىنىڭ ئىلگىرىلەپ تەرەققىي قىلىشىغا توسقۇن بولۇشقا باشلىدى. ئۇنىڭ مىساللىرىنى دېسەك: شىنجاڭدا 1990-يىلى بارىندا چوڭ كۆلەملىك قوراللىق قوزغىلاڭ يۈز بېرىپ،چېگرا رايوننىڭ بىخەتەرلىكىگە ئېغىر خەۋەپ ئېلىپ كەلگەن ئىدى. ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىككى قېتىملىق كەڭ كۆلەملىك نامايىشى ۋە نۇرغۇن جايلاردا يوشۇرۇن پارتىلىتىش خاراكتېرلىك تېرورلۇق ۋەقەلىرى يۈز بېرىپ،بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتى بەكمۇ ئاينىپ كەتكەن ئىدى.
كېيىن پارتىيەمىز ئۆزىنىڭ خاتالىقلىرىنى تونۇپ يەتتى، بولۇپمۇ پارتىيە مەركىزى كومتېتى 19-قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، ناھايىتى مۇھىم قارارلار ئېلىنىپ، شىنجاڭدا تىنچ مۇھىت بەرپا قىلىش ۋە ئەبەدى ئەمىنلىك ئورنىتىش ئۈچۈن ئۈچ خىل كۈچلەرگە قارشى ئۈزۈل-كېسىللىك بىلەن كۈرەش قىلىش سىياسىتى يولغا قويۇلدى. بۇ سىياسەتنىڭ نەتىجىسىدە، ئاشقۇن-دىنى ئەسەبى ئونسۇرلار، مىللىي بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەسىدە بولغانلار ۋە تېرورلۇق قىلماقچى بولغانلارغا كەڭ كۆلەمدە زەربە بېرىلدى. مانا بۇ پارتىيەمىزنىڭ نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى بىرلەشتۈرگەنلىكى يەنى كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ سىياسىتىنى-ئەجدادلىرىمىزنىڭ دانا تەدبىرلىرى بىلەن بىرلەشتۈرگەنلىكىنىڭ ئىپادىسىدۇر!
ئەمدى، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتكە كەلسەك،-دەپ،گېلىنى قېقىۋېتىپ، سۆزىنى داۋام قىلدى ياڭ مۇدىر-ھازىرقى سىياسى ھەركەت بولسا-ئۈزۈل-كېسىل زەھەرلىك ئۆت-چۆپلەرنى قىرقىپ تاشلاش باسقۇچىدۇر! بولۇپمۇ باش سېكرىتار شى جىن پىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت» باش نىشانغا يېتىش ئۈچۈن ھازىرقى سىياسەت يول قويۇلماقتا، يەنى باش سېكرىتارنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە ئېيتقان:«بۆلگۈنچى،تېرورچى ۋە دىنى ئەسەبىي ئۇنسۇرلارغا ئۈزۈل كېسىل زەربە بېرىپ، ئۇلارنى يىلتىزىدىن قىرىپ تاشلاش سىياسىتى»نى ئەمەلى ئىجرا قىلىش باسقۇچىغا كىردۇق. شۇڭا بىز،پارتىيەمىزنىڭ بۇ يېڭى سىياسىتىگە يېقىندىن ئەگىشىپ، تۇتۇلۇشقا تېگىشلىكلەرنىڭ ھەممىسىنى تۇتۇپ، يوقىتىشقا تېگىشلىكلەرنىڭ ھەممىسىنى يوقىتىپ، تەربىيەلەپ ئۆزگەرتىشكە تىگىشلىكلەرنىڭ ھەممىسىنى تەربىيەلەپ، ئۇلارنىڭ قېتىپ كەتكەن مىڭىسىنى يۇيۇپ ۋە يېڭىلاپ، كەسكىنلىك بىلەن ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنى ھەقىقى بىر«جۇڭخۇئا مىللىتى»گە ئايلاندۇرۇشىمىز-ئالدىمىزدىكى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە بولۇپ تۇرماقتا. شۇ ۋەجىدىن بىزنىڭ قىلىدىغان ئىشىمىز ناھايىتىمۇ كۆپ ۋە جاپالىقتۇر.بۇنىڭ ئۈچۈن، كېچە-كۈندۈز ئىشلىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ.
-ئەمدى ئەمەلى گەپكە كەلسەك-دەپ،جاڭغا قاراپ سۆزىنى داۋام قىلىدى يەنە ياڭ مۇدىر-سىز ئەڭ ئالدى بىلەن«كەسپى قايتا تەربىيەلەش مەركىزى»نىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى ۋە قىلىنىدىغان كۈندىلىك مۇھىم ئىشلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقىڭ! بۇنى مەن سىزگە قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي: بۇ لاگېرنىڭ جايلاشقان ئورنى-ئۈرۈمچى ناھىيەسىگە قاراشلىق داۋانچىڭ بازىرىغا تەۋە بىر جايدۇر. داۋانچىڭ بازىرى بىلەن ئارىلىقى تەخمىنەن 3 كىلومېتىر كېلىدۇ. بۇ ئەتراپتىكىلەر، بۇ يەرنىڭ لاگېر ئىكەنلىكىنى ئاساسەن بىلمەيدۇ ۋە بىلمەسلىكى كېرەك.بۇ يەر شۇنداق پەۋقۇللادە بىر يەرگە جايلاشقانكى، ئۈرۈمچى-قەشقەر تاشيولىغىمۇ ئارىلىقى خېلى ئۇزاق بولغاچقا ھېچكىم بۇ يەرنىڭ بىر لاگېر ئىكەنلىكىنى بايقىمايدۇ. ھازىرغىچە ھېچقانداق مۇخبىر ياكى چەتئەللىكلەر بۇ يەرگە كېلىپ باقمىدى. بىز بۇنداق ئىشلارنىڭ يۈ بېرىشىگە يول قويمىدۇق ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ يول قويماسلىقىمىز كېرەك! بۇ لاگېرنىڭ كۆلىمى خېلى چوڭ بولۇپ، 20 مىڭ كۋادرات مېتىر كېلىدۇ. كۆلىمى جەھەتتىن ئېيتقاندا شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ لاگېر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. سىغىمچانلىقىمۇ خېلى يۇقىرى، ئادەتتە «ئون مىڭ كىشى سىغىدۇ»دېيىلىدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ يەرگە سولانغانلار ئۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە كۆپتۇر. بەزى ۋاقىتتا تۇتۇلغانلارنىڭ كۆپلىكىدىن بۇ يەرگە سولانغان ئادەم سانى 50 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن ۋاقىتلارمۇ بار. مانا قاراڭ-دەپ دېرىزىنى ئېچىپ، قولى بىلەن ئىشارەت قىلىپ، قاتارىسىغا سېلىنغان 10بىنانى كۆرسەتتى: بۇ بىنانىڭ ھەر بىرسىگە نورمالدا ئىككى مىڭ ئادەم سىغىدىغان بولسىمۇ، ئەمما تۆت مىڭدىن-بەش مىڭغىچە ئادەم سولىنىۋاتىدۇ.
-ياڭ مۇدىر-دەپ سورىدى جاڭ ئۇنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ قاراپ: ئاڭلىشىمچە، داۋانچىڭدا ئانچە كۆپ ئۇيغۇرلار يوقمىش، ئۇلار نەدىن تۇتۇپ كېلىنگەن؟
-بۇ يەرگە سولانغانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۈرۈمچىدىن تۇتۇپ كېلىنگەن. تۇرپان، توقسۇنلاردىن تۇتۇپ كېلىنگەنلەرمۇ مەلۇم ساندا بار، ئەمما، ئاساسلىقى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەر قايسى ئالىي مەكتەپ،مەدىنيەت-سەنئەت،نەشىريات، گېزىت-ژۇرنال ۋە تەتقىقات ئورۇنلىرىدىن تۇتۇپ كېلىنگەن:«مەن ئۇيغۇرلارنىڭ زىيالىسى» دەيدىغان كاللىسى چاتاق كىشىلەردۇر. يەنە بىر قىسمى بولسا، دىنىي ئەسەبىي ئۇنسۇرلاردۇر. بۇ بىنالاردىن ئىككىسىگە مەخسۇس ئاياللار سولانغان، قالغان سەككىز بىناغا مەخسۇس ئەرلەر سولانغاندۇر. ئەمدى سىزگە بىنانىڭ تۈزۈلۈش ۋە مۇداپىئە ئەھۋالىنى كۆرسىتىپ چىقاي، مەن بىلەن مېڭىڭ-دەپ،جاڭنى ئەگەشتۈرۈپ ھەربىر قەۋەت ۋە كارىدورلارنى ئايلاندۇرۇپ چىقتى. ياڭنىڭ ئارقىسىدىن ئەگىشىپ ماڭغان جاڭنىڭ كۆزىگە ئاجايىپ غەلىتە مەنزىرە كۆرۈندى: ھەربىر قەۋەتنىڭ بۇلۇڭ-بۇلۇڭلىرىغا، كىرىش ۋە چىقىش ئېغىزلىرىغا كۆزىتىش كامېرالىرى قويۇلغان،كامېرلارغا تۆمۈر ئىشىكلەر ئورنىتىلغان بولۇپ، ئىككى-ئۈچ يەردىن قۇلۇپلاقلىق تۇراتتى. بۇ يەردىن ھېچكىم قېچىپ چىقىپ كېتەلمەيدۇ-دېدى ياڭ مۇدىر ماختىنىپ-بىزنىڭ قوغدىنىش تەدبىرلىرىمىز شۇنداق مۇستەھكەمكى، ھەتتا بۇ يەرگە كىرگەن ياكى چىققان قۇرۇت-قوڭغۇز، مۈشۈك-چاشقانلارمۇ بىزنىڭ كامېرالىرىمىزنىڭ نازارىتىدىن قېچىپ قۇتۇلامايدۇ.
ياڭ مۇدىر جاڭنى ئەگەشتۈرۈپ بىنانىڭ يەر ئاستى قەۋىتىگە چۈشۈشىگىلا بىر ياش بالىنىڭ: مەن ئىقرار قىلاي، مەن گۇناھىمنى ئۈستۈمگە ئالاي، ئەمدى مېنى ئۇرماڭلار!-دېگەن ئاۋازى ئاڭلاندى. بۇ بىنانىڭ يەر ئاستى سوراقخانىسىدىكى قىيناش ئازابىدىن چىقىۋاتقان، بىر ياش تۇتقۇننىڭ تاياق زەربىسىگە چىدىماي ۋارقىرىغان ئاۋازى ئىدى.
-بۇ يەرگە ئۆسمۈر بالىلارمۇ سولانغانمۇ؟-دەپ سورىدى جاڭ ھەيرانلىق ئىچىدە.
-شۇنداق!-دېدى ياڭ مۇدىر كۆزىنى چىمچىقلىتىپ، بۇ يەرگە ھەر خىل ياشتىكى گۇماندارلار سولانغان، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ كىچىكى 15 ياش، چوڭلىرى بولسا، 85 ياش ئەتراپىدا كېلىدۇ.
ئۇ ئۆسمۈرلەر نېمە سەۋەبتىن تۇتۇلغان بولغىيدى دەپ ئويلىغان جاڭ يەنە ياڭ مۇدىرىدىن سورىدى: ئۇ ئۆسمۈرلەر نېمە جىنايەت ئۆتكۈزگەن؟
-ئۆسمۈرلەرنىڭ جىنايىتى ئېغىر-دەپ جاۋاب بەردى ياڭ مۇدىر جاڭنىڭ كۆزىگە غەلىتە قاراپ قويۇپ،« 2000-يىللاردا تۇغۇلغان خەتەرلىك ئەۋلاتلار» بولغانلىقىدا،ئۇلارنىڭ تېخى كىچىك تۇرۇپلا كاللىسى زەھەرلەنگەن. چۈنكى، ئۇلار مەكتەپلەردە ئەز ئانا تىلىدا ئوقۇغان، مىللىي بۆلگۈنچىلىك خاھىشىدىكى ئويدۇرما تارىخ ۋە شېر-ھېكايىلەرنى ئوقۇغان، قۇرئان كۇرسىغا بارغان، ئاخشام-ئەتىسى يوشۇرۇن ھالدا موللىلاردىن دىنىي تەلىم ئالغان، بەزىلىرى بولسا ئاتا-ئانىسىدىن ناماز ئوقۇشنى ئۆگەنگەن، ئايەتلەرنى يادلىغان. شۇڭا ئۇلارنىڭ كاللىسى يۇيۇپ-تازىلىنىشى، بۇرۇنقى كونا ئىدىيەسى چىقىرىپ تاشلىنىشى لازىمدۇر. بولمىسا ئۇلار دۆلىتىمىزنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئېغىر تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ.
-توغرا دەيسىز،-دېدى جاڭ باشلىقىغا خوشامەتلەرچە ھىجىيىپ، دىنىي خۇراپاتلىق ۋە ئەسەبىي ئىدىيەلەر بىلەن بىلەن زەھەرلەنگەنلەرنىڭ كاللىسى چاتاق بولىدۇ. ئۇلارنىڭ كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ يولى بىلەن قارشىلىشىشى ئېھتىماللىقى ناھايىتى يۇقىرىدۇر. شۇڭا، ئۇلارنى تۇتقۇن قىلىپ، تەربىيەلەش ئارقىلىق كاللىسىدىكى زەھەرلىك ئىدىيەلەرنى يۇيۇپ چىقىرىپ تاشلاش-بىزنىڭ جىددى قىلىشقا تېگىشلىك ۋەزىپىمىزدۇر.
-ياڭ مۇدىرمۇ جاڭنىڭ سۆزىنى قۇۋۋەتلىگەندەك قىلىپ، بېشىنى لىڭشىتىپ قويدى. ئاندىن ئۇنى ئىشخانىسىغا ئېلىپ چىقىپ، مانا قاراڭ!-دەپ بىر ھۆججەتنى ئالدىغا قويۇپ،- بۇنى ئوقۇپ چىقىڭ! بۇ بولسا مەكتىپىمىز (كەسپىي قايتا تەربىيەلەش مەركىزى) نىڭ باشقۇرۇش قائىدە -تۈزۈملىرىدۇر.
جاڭ ھۆججەتنى قولىغا ئېلىپ ئۇنى بىر باشتىن ئوقۇشقا باشلىدى :
بىرىنچى: سائەت 06 دە تۇتقۇنلار مەجبۇرىي ئويغىتىلىپ، ئورنىدىن تۇرغۇزۇلىدۇ.
ئىككىنچى: سائەت 06 دىن سائەت 07 گىچە ناشتىلىق تاماق ئۈچۈن گۈرۈچ شورپىسى ۋە بىر تالدىن ھورنان بېرىلىدۇ.
ئۈچىنچى: سائەت 07 دىن 11گىچە، مېڭە يۇيۇش دەرسلىرى ئۆتۈلىدۇ. بۇنىڭدا-شى جىن پىڭ ئۈزۈندىلىرى ئوقۇتۇلىدۇ،دۆلەت قانۇنى، كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ يوليورۇق-كۆرسەتكۈچلىرى، تۇتقان يولى ۋە يېتىدىغان كەلگۈسى نىشانى يادقا ئالدۇرۇلىدۇ.
تۆتىنچى: سائەت 11 دىن 12 گىچە : ئۆتۈلگەن دەرسلەر تەكرار يادقا ئوقۇتۇلىدۇ ۋە تۇتقۇنلارنىڭ ۋەدىسى ئېلىنىدۇ. ئېلىنىدىغان ۋەدىلەر مۇنداق مەزمۇندا بولىدۇ : مەن جۇڭگولۇق، جۇڭگولۇق بولغانلىقىم ئۈچۈن پەخىرلىنىمەن. كوممۇنىستىك پارتىيە ھەممىدىن ئۇلۇغ ۋە قۇدرەتلىك. مەن ئۇنىڭ ئۈچۈن ھاياتىمنى بېغىشلايمەن. ياشىسۇن كوممۇنىستىك پارتىيە، تۈمەن مىڭ يىللار ياشىسۇن!
بەشىنچى: سائەت 12دىن 2 گىچە : چۈشلۈك تاماق يېيىش، تازىلىق قىلىش ۋە ھاجەتكە بېرىش پائالىيەتلىرى قىلىنىدۇ. ھەر بىر كىشىنىڭ ھاجەتكە بېرىش ۋاقتى ئىككى مىنۇت بولىدۇ. ئۇنىڭدىن ئۇزاق ئولتۇرۇشقا بولمايدۇ. تازلىق ۋە قاچا يۇيۇش ۋاقتى بەش مىنۇت بولىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن سائەت 2 بولغۇچە،تۇتقۇنلار تامغا قاراپ ئولتۇرغۇزۇلۇپ، ئۆزىنىڭ خاتالىقلىرى ھەققىدە ئويلىنىدۇ.
ئالتىنچى: سائەت 2دىن 4 كىچە : دۆلەت مارشى ۋە يەنە بىر نەچچە قىزىل ناخشىلار ئوقۇتۇلىدۇ. ئوقۇتۇلىدىغان قىزىل ناخشىلار مۇنۇلاردۇر :- (1. ) قوزغال قۇل بولۇشنى خالىمىغانلار، (2. ) جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى بولمىسا يېڭى جۇڭگو بولمايتتى……
يەتتىنچى: سائەت 4 تىن 6 گىچە: تۇتقۇنلار جىنايىتىنى ئېتىراپ قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئىككى قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، تامغا قاراپ ئولتۇرغۇزۇلىدۇ. ئاندىن جىنايىتىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى مۇنداق ئىپادىلەيدۇ : مەن بىر جىنايەتچى، مەن جىنايەت ئۆتكۈزدۈم، ھازىر مەن گۇناھىمنى تونۇپ يەتتىم، ئەمدى مەن توۋا قىلىمەن، بۇنىڭدىن كېيىن جىنايەت ئۆتكۈزمەيمەن، مېنىڭ بۇ يەرگە كېلىشىم جىنايىتىمنى تونۇش ئۈچۈن پايدىلىق بىر پۇرسەت بولدى. مەن ھازىر توغرا ئادەم بولۇش يولىغا قەدەم قويدۇم. بۇنىڭ ئۈچۈن مەن كوممۇنىستىك پارتىيەگە رەھمەت ئېيتىمەن.
سەككىزىنچى: سائەت 6 دىن 8 گىچە كەچلىك تاماق يېيىش، تازىلىق قىلىش ۋە ھاجەت قىلىش ۋاقتى بولىدۇ. تۇتقۇنلارنىڭ بۇ ۋاقىتتىكى پائالىيەتلىرى گۇندىپايلارنىڭ نازارىتى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. ھېچكىمنىڭ ئۆز ئالدىغا ھەرىكەت قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. كۈلۈشكە ياكى يىغلاشقىمۇ بولمايدۇ. تۇتقۇنلار تامىقىنى يەپ، تازىلىقىنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن، تام تەرەپكە قاراپ جىمجىت ئولتۇرغۇزۇلىدۇ.
توققۇزىنچى: سائەت 8 دىن 10 غىچە: تۇتقۇنلار كامېرغا سولىنىپ، يەنە مۇنداق پائالىيەتلەر قىلىنىدۇ: تۇتقۇنلار ئىككى قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، يۈزىنى تام تەرەپكە قارىتىپ تۇرغۇزۇلىدۇ ۋە قىلغان خاتا ئىشلىرىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئويلىنىش ئېلىپ بارىدۇ. بۇنىڭدا كىمدە كىم ئۆزلىرى ئىلگىرى قىلغان بىرەر خاتالىقلىرىنى تونۇپ يەتكەن بولسا ياكى ئېسىگە كەلگەن خاتا ئىشلىرى بولسا، ئەتىسى ئۇنى گۇندىپايلارغا مەلۇم قىلىدۇ.
ئونىنچى: سائەت 10 دىن 12 گىچە، تۇتقۇنلار تامغا قارىتىپ ئولتۇرغۇزۇلۇپ، يەنە بىر قېتىم ئۆزىنى چۈشىنىش، ئۆزى ھەققىدە ئويلاش، خاتالىقلىرىنى تونۇش ئۈچۈن جىم ئولتۇرۇپ ئويلىنىش قىلدۇرۇلىدۇ. بۇنىڭدا، تۇتقۇنلارنىڭ تونۇپ يەتكەن ياكى ئېسىگە كەلگەن خاتالىقلىرى بولسا ئۇنى كامېر باشلىقىغا مەلۇم قىلىدۇ.
ئون بىرىنچى: سائەت ئون ئىككىدىن باشلاپ كامېردىكى چىراق ئۆچۈرۈلمىگەن ھالدا، تۇتقۇنلاربىڭ ئوڭ تەرەپكە قاراپ، يېنىچە ئۇخلاشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما ھەر بىر تۇتقۇن بىر سائەتتىن ئۇخلىماي نۆۋەتچىلىك قىلىپ باشقا تۇتقۇنلارنى كۆزىتىدۇ. ھېچكىمنىڭ بىر-بىرى بىلەن گەپلىشىشىگە، رۇخسەتسىز ھاجەتكە بېرىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ.
جاڭ تۇتقۇنلارغا لاگېردا مەجبۇرىي قىلدۇرۇلغان پائالىيەت لىستىسىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، لاگېر باشلىقى ياڭغا قاراپ: بۇ تۇتقۇنلارنىڭ ھەممىسى سوراق قىلىنغانمۇ ياكى ئەمدى سوراق قىلىمىزمۇ؟-دەپ سورىدى.
-ياق، ئۇلار تېخى سوراق قىلىنمىغان، ئەمما ھەممىسى ئىشەنچىسىز ۋە گۇمانلىق ئۇنسۇرلاردۇر. شۇڭلاشقا ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ گۇناھىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇردۇر، بىز ئۇلارنىڭ تۇتۇلۇش سەۋەبىگە ئاساسەن ئىقرارنامىسىنى ئالدىنالا تەييارلاپ قويىمىزدە، ئۇلارغا قول قويدۇرساقلا بولىدۇ.
-ئۆزلىرىنىڭ گۇناھىنى ئۈستىگە ئالمىغان ياكى ئىقرارنامىگە قول قويۇشنى رەت قىلىدىغانلار چىقسا، قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟-دەپ سورىدى يەنە جاڭ ئەزۋەيلەپ،
-ئەگەر ئۇنداقلار چىقىپ قالغان تەقدىردە-دەپ، گېلىنى قېقىۋېتىپ داۋام قىلدى ياڭ-ئېغىر قىيىن-قىستاق ئاستىغا ئېلىنىشى، تاكى ئىقرار قىلىپ، گۇناھىنى ئېتىراپ قىلغۇچە سوئال سوراق قىلىنىشى كېرەك!
-ھەئە، بولىدۇ. توغرا دېدىڭىز باشلىق، چۇقۇم شۇنداق قىلىشىمىز كېرەك!-دەپ ياڭنىڭ سۆزىنى قۇۋۋەتلىدى جاڭ، ئاندىن ئۇنىڭدىن يەنە بىر نەرسە سوراي دەپ تۇرۇشىغا، غاقىرىغان ئاۋاز بىلەن لاگېر دەرۋازىسىدىن ئارقا-ئارقىدىن ئۈچ ئاپتوبۇس كىرىپ كەلدى. ئاپتوبۇسلارنىڭ ھەممىسىدە توشقۇچە تۇتقۇنلار بار ئىدى. بۇنى كۆرۈپ جىددىلەشكەن لاگېر باشلىقى ياڭ ئۆزىنىڭ مۇئاۋىن جانغا قاراپ:-يۈرۈڭ! بىز بۇ تۇتقۇنلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش قىلايلى، ئۇلارنى جىددى بىر تەرەپ قىلمىساق بولمايدۇ دەپ، سىرتقا ماڭغىلى ئورنىدىن تۇرۇۋىدى، جاڭ يەنە ئۇنىڭدىن سورىدى:
-ياڭ باشلىق، ئۇلار نەدىن تۇتۇپ كېلىنگەن، جەمى قانچە ئادەم بولۇشى مۇمكىن؟
-بۇلار ئاخشام كېچىدە ئۈرۈمچىدىن تۇتۇپ كېلىنگەن جىنايەتچىلەردۇر!-دەپ، جاۋاب بەردى ياڭ باشلىق جىددىلەشكەن ھالدا گازىر كۆزىنى قىسىپ تۇرۇپ،ئۇلارنىڭ سانى تەخمىنەن 500 ئەتراپىدا بولۇشى مۇمكىن! قارىمامسىز؟ ئاپتوبۇستا تىقمۇ-تىقماق ئادەم تۇرمامدۇ؟ ئەمدى ئۇلارنى كامېرلارغا سىغدۇرۇش بىر مەسىلە بولىدۇ. ھەممە كامېرلار جىنايەتچى بىلەن توشۇپ كەتكەن ئىدى، شۇنداقتىمۇ بىز ئۇلارنى بىر ئامال قىلىپ سىغدۇرۇشىمىز كېرەك!
-ھازىر بىر كامېردا قانچىلىك تۇتقۇن بار ئىدى باشلىق؟
-ھازىر بىر كامېردا 18دىن 20 گىچە تۇتقۇن سولاقلىق ئىدى. ئەمدى ئۇنىڭغا يەنە ئەڭ ئاز 5 تىن كىشىنى تولۇقلىما قىلىپ سولاشقا توغرا كېلىدۇ.
-ئۇنداق بولسا، شۇنداق قىلايلى باشلىق!-دەپ قوشۇلغانلىقىنى بىلدۈردى جاڭ ئۇنىڭ پىكىرىگە، شۇنىڭ بىلەن ئىككىسى يەنە يەتتە-سەككىز گۇندىپاينى ئەگەشتۈرۈپ، كەلگەن ئاپتوبۇسلارنىڭ يېنىغا بېرىپ، تۇتقۇنلارنى ئاپتوبۇستىن چۈشۈرۈشكە باشلىدى. تۇتقۇنلارنىڭ قولىغا، كويزا، پۇتىغا كىشەن سېلىنغان بولۇپ، بېشىغا قارا خالتا كەيدۈرۈلگەن ئىدى. ياڭنىڭ بۇيرۇقى بىلەن تۇتۇپ كېلىنگەنلەر ئەرلەر بويىچە بىر قاتارغا،ئاياللار بويىچە بىر قاتارغا تىزىلدۇرىلدى. ئاندىن جاڭ ئۇلارنى ساناپ چىقتى : ساناقتىن كېيىن تۇتقۇنلارنىڭ سانى:205 نەپەر ئايال، 350 نەپەر ئەر بولۇپ چىقتى.
بۇلارنى مۇنداق بۆلەيلى دېدى ياڭ قول ئاستىدىكى ئاستىدىكىلەرگە : ئاياللار بىناسى ئىككى بولغانلىقى ئۈچۈن ئاياللارنى يۈزدىن، ئىككى بىناغا بۆلۈپ سولايلى، ئەرلەرنى قىرىق ياكى ئەللىكتىن قىلىپ بۆلۈپ، قالغان سەككىز كامېرغا سولايلى!-دەپ بۇيرۇق چۈشۈردى.
جاڭ قول ئاستىدىكى ساقچىلارنى ئەر تۇتقۇنلارنى بۆلۈشكە بۇيرۇپ قويۇپ، ئۆزى ئالايىتەن ئاياللار قاتارىغا بېرىپ، ئۇلارنى ساناپ تۇرۇپ، يۈزدىن قىلىپ ئىككىگە بۆلدى. ئاندىن ئۇلارغا قاراپ:ئوڭغا بۇرۇلۇپ، 9 – ۋە 10 – بىناغا قاراپ مېڭىش!-دەپ خىتاي تىلىدا بۇيرۇق چۈشۈردى. ئەمما ئايال تۇتقۇنلارنىڭ كاللىسىدىكى قارا خالتا ئېلىۋېتىلمىگەن بولغاچقىمىكىن، ئۇلار بىر بولسا ئوڭغا، بىر بولسا سولغا مېڭىپ، كۆرسەتكەن جاينى تېپىپ ماڭالمايۋاتاتتى. بۇنى كۆرگەن جاڭ، ئالدىنقى كۈندىكى كامېرغا سولاش جەريانىدىكى تەجىربىسىنى ئېسىگە ئېلىپ: ئەڭ ئالدىدىكى بىرسىنىڭ كاللىسىدىكى خالتىنى ئېلىۋېتىپ،سەن باشلاپ ماڭ، باشقىلار ئۇنىڭغا ئەگەشسۇن! دەپ، بۇيرۇق چۈشۈردى. شۇنىڭ بىلەن تۇتقۇنلار خۇددى قوي پادىللىرىدەك ھەيدىلىپ بىنا ئىچىگە ئېلىپ كىرىلدى.
بىنانىڭ كارىدورىدا ئۇلارنى ئاق خالاتلىق ئىككى ئايال ۋە يەنە بىرنەچچە ئەر گۇندىپاي ساقلاۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ يېنىدا خۇددى بوتكا ئۆيگە ئوخشايدىغان ئەينەكلىك بىر ئەسۋاب تۇراتتى. تۇتقۇن ئاياللار بوتكا ئۆينىڭ ئالدىغا قاتار قىلىپ تۇرغۇزۇلدى. ئىككى سېستىرا ئايال كېلىپ ھەممىسىنىڭ كاللىسىدىكى قارا خالتىنى ئېلىۋەتكەندىن كېيىن، بوتكا ئۆينى كۆرسىتىپ، ئاياللارنىڭ ئۇنىڭ ئىچىدە سالامەتلىكىنىڭ تەكشۈرۈلىدىغانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن بارلىق كىيىملىرىنى سېلىۋېتىپ، يالىڭاچ ھالەتتە بولۇشىنى بۇيرۇق قىلدى،ئەمما شۇ ھامان قىيا-چىيا باشلاندى:
-ياق، مەن كىيىمىمنى سالمايمەن-نامەھرەم بولىدۇ. مۇشۇ بويىچە تەكشۈرۈڭلار-دېدى ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرغان ياشانغانراق بىر ئايال. ئۇ قاتتىق غەزەپكە كەلگەن بولۇپ، شۇ تاپتا بېشىغا نېمە كەلسە شۇنى كۆرمەكچى بولغاندەك قىلاتتى.
-كىيىمىڭنى چىقار، بۇنىڭ ئىچىگە كىر!-دەپ ۋاقىرىدى ئاق خالاتلىق دوختۇر گۇندىپايلار، ئەمما ئۇ ئايال يەنىلا بىر قەدەممۇ ئالدىغا چامدىمىدى.
-ئاناڭنى، دەپ ۋاقىرىدى بىر چەتتە قاراپ تۇرغان جاڭ ھەمدە گۇندىپايلارغا بۇيرۇق قىلدى : ئۇنىڭ كىيىمىنى مەجبۇرىي سالدۇرۇڭلار، ئۇ چوقۇم تەكشۈرۈلۈشى كېرەك!
شۇنىڭ بىلەن ئىككى ئەر گۈندىپاي كېلىپ، ئايال تۇتقۇننىڭ ئىككى قولىدىن تۇتۇپ ئارقىغا قايرىپ تۇتۇپ بەردى، ئايال گۇندىپايلار ئۇنىڭ كىيىملىرىنى سالدۇرۇپ سالدۇرۇشقا باشلىدى ۋە مەجبۇرىي ھالدا كۇساردىن باشقا ھەممە كىيىمنى چىقىرىپ تاشلىدى. ئايال تۇتقۇن قاتتىق قارشىلىق كۆرسىتىپ، يەرگە تۈگۈلۈپ يېتىۋالدى. دوختۇر گۇندىپارلار قانداق قىلىمىز؟ دېگەندەك قىلىپ جاڭغا قارىۋىدى. جاڭ ئېغىز ئېچىپ: مەيلى چوڭلىرى كۇسار بىلەن قالسۇن، ئەمما مەجبۇرىي تەكشۈرۈلۈشى كېرەك!-دەپ، بۇيرۇق قىلدى يەنە. شۇنىڭ بىلەن ئىككى ئايال دوختۇر گۇندىپاي ياشانغان ئايالنى مەجبۇرىي ئورنىدىن تۇرغۇزۇپ، ئىتتىرگەنچە ئەينەكلىك بوتكا ئۆيگە كىرگۈزدى. بوتكا ئۆي تەخمىنەن بىر مىنۇت ئەتراپىدا ئۆز جايىدا چۆرگىلەپ توختىغاندىن كېيىن،ئۇ تۇتقۇن ئايال سىرتقا چىقىرىلدى.سىرتقا چىقىپلا ئۇنىڭ بېشى قېيىپ، يەرگە يېقىلىپ چۈشتى. جاڭنىڭ بۇيرۇق قىلىشى بىلەن ئىككى گۇندىپا كېلىپ، ئۇ ئايالنى سۆرىگەنچە كامېرغا ئېلىپ كىرىپ،سولاپ قويۇشتى. بۇ ۋاقىتتا جاڭ تۇتقۇن ئاياللارنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ،قاتتىق ھەيۋە بىلەن قولىدىكى توك كالتىكىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ شۇنداق دېدى: ئەگەر كىمدە-كىم تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلماي قارشىلىق قىلىدىكەن، مانا بۇ كالتەك بىلەن قاتتىق ئۇرۇلىدۇ ۋە قارشىلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن ئېغىر جازالىنىدۇ.
شۇنىڭدىن كېيىن باشقا ئاياللار رەت تەرتىپى بويىچە مەجبۇرىي سىرتقى كىيىمنى سالدۇرۇلۇپ كۇسار بىلەنلا قالدۇرۇلدى-دە، ئەينەكلىك بوتكا ئۆيگە مەجبۇرىي كىرگۈزۈلۈپ، بىردىن-بىردىن تەكشۈرۈلۈپ چىقىرىلدى. ئارىدا يەنە بىر نەچچە قارشىلىق قىلغانلار چىقتى، ئەمما ئۇنىڭ تەقدىرىمۇ ئالدىنقى رەتتىكى ياشانغان ئايالغا ئوخشاش بولدى. قارشىلىق قىلغانلار ئىچىدە يېشى بەكلا كىچىك كۆرۈنىدىغان بىر قىز بولۇپ، قارىغاندا،16 ياشلارغا كىرگەندەك قىلاتتى. نۆۋەت ئۇ قىزغا كەلگەن چاغدا قاتتىق قارشىلىق كېلىپ چىقتى:
-ياق، مەن كىيىملىرىمنى سالمايمەن. مەندە ھېچقانداق كېسەل يوق. مەن بىر ساغلام قىز تۇرسام، نېمىشقا مېنى تەكشۈرەيسىلەر؟-دەپ جېنىنىڭ بارىچە يىغا-زار قىلىشقا باشلىدى ئۇ قىز، ئەمما ئۇنىڭ نالىسىغا ھىچكىم قۇلاق سالمىدى. ئەكسىنچە، ئىككى ئەر گۇندىپاينىڭ تۇتۇپ تۇرۇپ بېرىشى بىلەن ئايال دوختۇر گۇندىپايلار ئۇنىڭ پۈتۈن كىيىملىرىنى سالدۇرۇپ، مەجبۇرىي ھالدا ئەينەكلىك بوتكا ئىچىگە كىرگۈزىلدى.ئۇ قىز ئەينەكلىك بوتكىدىكى تەكشۈرۈشتىن چىققاندىن كېيىن بېشى قېيىپ، يېقىلىپ چۈشۈشكە تاسلا قېلىۋىدى، ئايال دوختۇر گۇندىپايلار كېلىپ، ئۇنى تۇتۇۋېلىشتى. ئەمما ئەر گۇندىپايلار ئۇنىڭغا ھاياسىزلەرچە قاراپ تاماشا قىلماقتا ئىدى.
بوتكا ئۆيدىكى تەكشۈرۈش تاماملانغاندىن كېيىن، بارلىق تۇتقۇنلاردىن يەنە مەجبۇرىي ھالدا ئىككى شىشىدىن قان ئېلىندى. ئاندىن ھەر بىر تۇتقۇنغا بىر تالدىن نامەلۇم بىر دورا كومىلىچى مەجبۇرىي ھالدا ئىچتۈرۈلدى. شۇنىڭدىن كېيىن تۇتقۇن ئاياللار قارشىلىق قىلىش ۋە ۋاقىراپ-جاقىراشتىن بېسىقىپ، جىمجىت بولۇپ قېلىشتى. تۇتقۇن ئاياللارنىڭ ھېچقايسىسىغا ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى كىيىمىنى كىيىشىگە رۇخسەت قىلىنمىدى، ئەكسىنچە كۈل رەڭلىك بىر خىل ئۈستىگە نومۇر بېسىلغان كىيىم تارقىتىپ بېرىلدى ۋە مەجبۇرىي كەيدۈرۈلگەندىن كېيىن، تۇتقۇنلار نومۇر بويىچە چاقىرىلىپ، ئېلىپ مېڭىلدى ۋە كامېرلارغا تەقسىم قىلىندى
-ھەي، 520-نومۇرلۇق، سەن بۇ كامېرغا كىرگىن!- دەپ، ۋاقىرىدى بىر گۇندىپاي تۇتقۇنلار ئىچىدىكى يېشى ئەڭ كىچىك بولغان ھېلىقى قىزنى ئىتتىرگەنچە،ئاندىن ئۇنى، ئىشىكى ئۈستىگە 2001-نومۇر يېزىلغان كامېرغا مەجبۇرىي كىرگۈزۈپ،سولاپ قويدى. ئۇ قىز كامېرنىڭ ئىچىگە كىرگەندىن كېيىن، پۇتىنى قويۇپ دەسسىگۈدەك يەر تاپالمىغىلى تاسلا قالدى. كىچىككىنە بىر كامېردا، ئۇ قىزدىن باشقا يەنە يىگىرمىگە يېقىن تۇتقۇنلار سولانغان ئىدى. تېڭىرقاپ قالغان قىز نېمە قىلىشنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالغانىدى، ئوتتۇرا ياشلىق بىر ئايال ئۇنىڭغا: ھەي، 520-نومۇرلۇق قىز،سىزمۇ بىزدەك تام تەرەپكە قاراپ ئولتۇرۇڭ، بولمىسا تۈزۈمگە خىلاپلىق قىلغان بولۇپ جازالىنىسىز-دېدى بوش ئاۋازدا،
-سىلەر نېمە قىلىۋاتىسىلەر؟-سورىدى قىز ھىچنېمىنى چۈشەنمەي،
-ھەي، 520-نومۇرلۇق قىز،بۇ يەردە سوئال سورىشىڭىزغا بولمايدۇ، بىز ھازىر جىم ئولتۇرۇپ،ئۆزىمىزنىڭ ئىلگىرى قىلغان خاتالىقلىرى ئۈستىدە ئويلىنىۋاتىمىز.
-نېمىشقا ئۇنداق قىلىسىلەر؟_دەپ سورىدى 520-نومۇرلۇق قىز يەنىلا بۇ ئىشنى چۈشەنمەي.
بۇ يەرنىڭ تۈزىمى شۇنداق-دەپ جاۋاب بەردى كامېر باشلىقى ئايال-تېز كېلىپ، خۇددى بىزدەك ئولتۇرۇڭ!، بولمىسا جىنايىتىڭىز ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ .
-مېنىڭ ھېچقانداق جىنايىتىم يوق!-دەپ، يەنە ئېغىز ئېچىپ گەپ قىلىۋىدى، شۇ ھامان كامېردىكى ئىكراندىن :«ھەي، سەن نېمە دەپ گەپ قىلىسەن، ئاغزىڭنى يۇم! بولمىسا جازالىنىسەن!»-دېگەن ئاۋاز ئاڭلاندى .
شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ قىزمۇ باشقا تۇتقۇنلارغا ئوخشاش تامغا قاراپ جىم ئولتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ جىنايىتى ئۈستىدە ئويلىنىشقا باشلىدى: ئۇنىڭ باشقا تۇتقۇنلارغا ئوخشاش تامغا قاراپ ئولتۇرۇپ،ئۇزاق ئويلىنىش ئارقىلىق ئېسىگە كەلگىنى: ئاتالمىش«خەلققە قولايلىق ساقچى پونكىتى»دىكى ساقچىلار تەرىپىدىن يانفونى تەكشۈرۈلۈپ تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇلاردىن:«مېنى نېمىشقا تۇتقۇن قىلىسىلەر؟» دەپ سورىغاندا، ئۇلارنىڭ بەرگەن مۇنداق جاۋاپ سۆزى ئېسىگە كەلدى:« سەن بىر دىنى ئەسەبىي ئۇنسۇر»!
مەن قانداقسىغا« دىنىي ئەسەبىي ئۇنسۇر» بولىمەن دەپ، يەنە ئويلىنىشقا باشلىدى ئۇ قىز: مەن قۇرئان ئوقۇشنى بىلمەيمەن، ناماز ئوقۇشنىغۇ ئانام ئۆگىتىپ قويغان ئىدى، ئەمما مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بولغاچقا تېخى نامازدىن باشلاپ بولالمىغان ئىدىم، رامىزاندا روزىمۇ تۇتۇپ باقمىدىم. بۇنىڭدىن باشقا مەن ياكى بېشىمغا رومال ئاتمىدىم ياكى ئۇزۇن كۆينەك كىيمىدىم، يانفونۇمدا تەبلىغمۇ ئاڭلىمىغان ئىدىم. قايسى قىلمىشىم مېنى»«دىنىي ئەسەبىي ئەنسۇر»دەپ، تۇققۇن قىلىنىشقا سەۋەب بولغاندۇ؟ قىز خېلى ئۇزاق ئويلاندى. شۇنداقتىمۇ يەنىلا ئۇنىڭ كاللىسىغا:«دىنىي ئەسەبىيلىك»كە ياتىدىغان بىرەر قىلمىشى كەلمەيۋاتاتتى.قىز يەنە ئويلاندى، ئاخىرى بوۋىسى بىلەن يانفوندا گەپلەشكەندە قىلغان مۇنۇ جۈملە ئېسىگە كەلدى:« ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بوۋا، ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام! قىزىم!دەپ سالاملىشىپ، بىرئاز ئەھۋاللاشقاندىن كېيىن، خوشلىشىدىغان چاغدا بوۋىسى: ئاللاغا ئامانەت قىزىم!»دېگەندە، قىزمۇ بوۋىسىغا جاۋابەن: ئاللاغا ئامانەت بوۋا»دەپ خوشلاشقان ئىدى.
مانا بۇ ئۇ قىزنىڭ بىر نەچچە ھەپتە ئاۋال يېزىدىكى بوۋىسى بىلەن يانفونىدا گەپلەشكەندە قىلىشقان:«كۆرۈشۈش ۋە خوشلىشىش سالىمى»ئىدى. بۇ سالاملىشىشمۇ ئادەتتىكىچە بىر قائىدە-يوسۇن بولۇپ، ئۇنىڭدا ھېچقانداق بىر دىنىي رادىكاللىق ياكى سىياسىي مەقسەت يوق ئىدى.
بۇ قىزنىڭ ئىسمى گۈلى بولۇپ، ئەمدىلا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئىككىنچى يىللىقىدا ئوقۇيتتى. ئۇ بۈگۈن ئەتىگەندە كوچىدا كېتىۋاتقاندا:«يانفونىڭدا چاتاق بار، تەكشۈرىمىز»دەپ تۇتقۇن قىلىنغاندىن بېرى، ھازىرغىچە بولغان ئارىلىقتا تېخى ناشتىلىقمۇ قىلمىغان ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇنىڭ بىلىكىدىن ئىككى قېتىم قان ئېلىنغاچقا، بەدىنى ئاجىزلىشىپ، بەكلا ھالسراپ كېتىۋاتاتتى. ئۇ يېقىلىپ قېلىشقا تاسلا قالغان ۋاقىتتا «جىم ئولتۇرۇپ ئويلىنىش ۋاقتى» توشۇپ، بىنانىڭ كارىدوردىن چېلىنغان بىر قوڭغۇراق ئاۋازىدىن كېيىن، كامېر باشلىقى ئايالنىڭ بۇيرۇق قىلىش بىلەن بارلىق تۇتقان ئاياللار بىردىن سۇلياۋ قاچىنى كۆتۈرۈشۈپ، ئۆچرەتكە تىزىلغان پېتى كامېردىن چىقىپ، كارىدوردىكى چوڭ ئۆچرەتكە قوشۇلدى. بارلىق كامېردىكى تۇتقۇنلار ئۆچرەتكە تىزىلىپ بولغاندىن كېيىن، گۇندىپايلار ۋارقىراپ: بىنادىن چىقىشقا ۋە لاگېر ئاشخانىسىنىڭ ئالدىدا ئۆچرەتتە تۇرۇپ، نۆۋەت بويىچە تاماقلىرىنى ئېلىشقا بۇيرۇدى.
تاماق ئېلىش نۆۋىتى گۈلىگە كەلگەنىدى، ئۇنىڭ قاچىسىغا بىر چۆمۈچ سۇيۇق كۆكتات شورپىسى ئۇسۇپ بېرىلدى ۋە قولىغا بىر تال ھورنان تۇتقۇزۇلدى. قورسىقى ھەددىدىن زىيادە ئېچىپ كەتكەنمىكىن گۈلى كۆكتات شورپىسىنى بىر سۈمۈرۈپلا توختىماستىن ئىچىۋەتتى، ئاندىن قولىدىكى كىچىككىنە ھورناننى ئىككى چىشلەپلا يەپ بولدى. ئەمما ئۇنىڭ قورسىقى ھىچقانچە تويمىغان ئىدى. باشقا بارلىق تۇتقۇن ئاياللار كەچلىك تامىقىنى يەپ بولۇشقاندىن كېيىن، يەنە ئۆچرەتكە تىزىلدى، ئەمما گۈلى ئۆچرەتكە تىزىلماستىن ئولتۇرۇپ تاماق يېگەن يېرىدە قاچىسىغا قاراپ، قېتىپ قالغاندەكلا ئولتۇراتتى. گۈلىنىڭ باشقا ئاياللار بىلەن قاتارغا تىزىلىپ ماڭمايۋاتقانلىقىنى كۆرگەن بىر گۇندىپ كېلىپ ئۇنىڭغا ۋارقىرىدى: ھەي 520-نومۇرلۇق، نېمانداق جايىڭدىلا ئولتۇرىسەن، قاتارغا تىزىلىپ ماڭمامسەن ياكى سېنىڭ بىزگە قارشىلىق قىلغۇڭ كېلىۋاتامدۇ؟
-مەن ماڭالمايمەن، قورسىقىم تويمىدى، كۈچۈم يوق، ماڭا يەنە ئازراق تاماق بېرىڭلار دەپ، گۇندىپايغا قارىماستىن جاۋاب بەردى گۈلى،.
-ياق، بولمايدۇ!-دەپ ۋاقىرىدى گۇندىپاي-ھەر قانداق مەھبۇسقا پەقەت بىر قاچىدىنلا تاماق بېرىلىدۇ. ھېچكىمگە ئالاھىدە مۇئامىلە قىلىنمايدۇ. سېنىڭ قورسىقىڭ تويمىسا، مېنىڭ نېمە كارىم، ئورنۇڭدىن تۇر! بولمىسا،ھازىرلا ئەدىبىڭنى بېرىپ قويىمەن.
-نېمە قىلساڭ-قىل، ئەمما ماڭا تويغىچە تاماق بەر!-دەپ؟ يەنىلا ئولتۇرىۋەردى گۈلى.
بۇنىڭدىن ئاچچىقلانغان گۇندىپاي يۈگۈرۈپ كېلىپ، ئۇنىڭ چېچىدىن تۇتقانچە سۆرەپ لاگېر ئىشخانىسىغا ئېلىپ كىردى.
-نېمە بولدى بۇنىڭغا، بىزگە قارشىلىق قىلدىمۇ؟-دەپ سورىدى جاڭ گۇندىپايدىن،
-ھەئە، ئۇ قورسىقىم تويمىدى!-دەپ يەردە ئولتۇرۋېلىپ، كامېرغا قايتىپ كېتىشنى رەت قىلدى گۈلى.
-ھە،شۇنداقمۇ؟-دېدى جاڭ گۈلىگە كۆزىنى چەكچەيتكەنچە قاراپ-سېنىڭ قورسىقىڭ تويمىسا،بىزنىڭ نېمە كارىمىز، بىز سېنى بۇ يەرگە باققىلى ئېلىپ كەلمىدۇق، باشقىلار قانچىلىك يېسە، سەنمۇ شۇنچىلىك يېيىشىڭ كېرەك، سېنىڭ ئۇنىڭغا قارشىلىق بىلدۈرۈش ھەققىڭ يوقتۇر .
-نېمىشقا ماڭا تويغۇدەك تاماق بەرمەيسىلەر؟ ئۇنداق بولمىسا، مېنى قويۇپ بېرىڭلار، مەن نېمە گۇناھ ئۆتكۈزدۈم!-دەپ، سورىدى گۈلى
-ھەي، سەن نېمە دەۋاتىسەن؟-دەپ ۋاقىرىدى جاڭ-بۇ مەكتەپتە ئوقۇيدىغانلار قويۇپ بېرەلمەيدۇ، سەن تېخى سوراق قىلىنمىدىڭ، سوراقتىن كېيىن سېنىڭ گۇناھىڭ بېكىتىلىدۇ، ئاندىن كونا كاللاڭنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئىككى يىللىق ئوقۇشنى تاماملىشىڭ كېرەك. ئاندىن سېنىڭ كاللاڭنىڭ بۇرۇنقىدىن پۈتۈنلەي يېڭىلىنىپ، «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئائىلىسى»نىڭ بىر ئەزاسىلىق سالاھىيەتنى ھازىرلىغانلىقىڭ ياكى ھازىرلىمىغانلىقىڭ باھالىنىپ چىقىلىدۇ،بۇنىڭ ئۈچۈن سەن يەنە بىزنىڭ ئىمتىھانىمىزدىن ئۆتەلىشىڭ شەرتتۇر. بولمىسا، سەن قويۇپ بېرىلىش تۈگۈل، ئەكسىنچە ئېغىر جازاغا مەھكۇم بولىسەن!
-ياق، مېنى سوراققا تارتىشىڭلارغا قوشۇلمايمەن.-دەپ يەنە قارشىلىق بىلدۈردى گۈلى-مېنى قويۇپ بېرىڭلار!چۈنكى، مەندە گۇناھ يوق. مەن بۇ يەردە ئوقۇشنى خالىمايمەن. كېلەر يىلى ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتكەندىن كېيىن، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇپ، بىرەر كەسىپ ئىگىسى بولۇپ، جەمىيەتكە چىقىپ ياشاشنى خالايمەن.
-ھەي!-دەپ يەنە ۋاقىرىدى جاڭ-سېنىڭدەك كاللىسىدا مەسىلىسى بارلارنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشىغا يول قويۇلمايدۇ، سەن ئەمدى ئۇ خام خىيالنى قىلما! سەن ئاۋال بىزنىڭ بۇ مەكتەپتە ئوقۇپ، كاللاڭنى يېڭىلىشىڭ كېرەك! بولمىسا،بۇ دۇنيادا ياشىيالىشىڭ مۇمكىن ئەمەس!
گۈلى نېمىلا دېسە ئاقمىدى. ئۇ ھازىر بارلىق ئەركىنلىكى تارتىۋېلىنغان قەپەزدىكى بىر قۇش ئىدى. ئەمدى ئۇنىڭ تەقدىرى، ئۇنى مۇشۇ قەپەزگە سولىۋالغانلار تەرىپىدىن بەلگىلىنەتتى.ئۇ غەزەپ ئىچىدە ئازاب چەكمەكتە ئىدى. ئۇ كۆزىنى يۇمىۋالدى. بېشى قايغاندەك بولىۋاتاتتى. كاللىسىغا گادىرىماچ خىياللار كىرىۋالدى:« ئەمدى مېنىڭ تەقدىرىم قانداق بولۇپ كېتەر، تېخى ئون گۈلۈمنىڭ بىرى ئېچىلمىغان سەبىي قىز تۇرسام، مۇشۇ زىنداندىلا ھاياتىم نابۇت كېتەرمۇ؟ نېمىشقا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيالمايمەن، نېمىشقا باشقىلاردەك ئەركىن ياشاش ھوقۇقىغا ئېرىشەلمەيمەن؟بۇنىڭ سەۋەبى نېمىدۇر؟» ئۇ ھەرقانچە قىلىپمۇ، ئۆزىنىڭ تېخى گۆدەك تۇرۇپلا، قارا تەقدىرگە مۇپتىلا بولۇپ قالغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى بىلەلمىدى، ئۇ تېخى ئاغزىدىن سۈت پۇراپ تۇرغان بىر سەبىي قىز بولغاچقا، ئۆزى تۇرىۋاتقان بۇ دىيارنىڭ ھەق-ناھەق ئاستى-ئۈستۈن قىلىۋېتىلگەن،ئىنسانلارنىڭ ئەركىنلىكى يوقىتىۋېتىلگەن، مەھكۇم بىر ئەل ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتى.
-ئېلىپ مېڭىڭلار! ئۇ سوراق قىلىنىشى كېرەك!-دەپ ۋارقىرىغان ئاۋازدىن چۆچۈپ كۆزىنى ئاچتى گۈلى، ئۇ ھوشىنى يىغىپ، جاڭغا بىر نەرسە دەي دەپ بولغۇچە، ئىككى گۇندىپاي كېلىپ، ئۇنى ئىتتىرىگەنچە ئېلىپ چىقىپ، سوراقخانىغا ئەكىرىپ، قاپ-قارا تۆمۈر ئورۇندۇققا پۇت قولىنى مەھكەم چېتىپ، مىدىر-سىدىر قىلىپ قىلالماس قىلىپ قويغاندىن كېيىن، سوراقنى باشلىدى :
-جىنايىتىڭنى ئىقرار قىل؟
-نېمە جىنايىتىمنى ئىقرار قىلىمەن؟
-سەن بىر دىننىي ئەسەبىي ئۇنسۇر، ئىدىيەڭ چاتاق.
-مېنىڭ كاللامدا تېخى ھېچقانداق ئىدىيە يوق، نېمىشقا مەندە يوق نەرسىنى بار قىلىپ، پۇتاق چىقىرىسىلەر؟
-بار، سېنىڭ كاللاڭ ئەسەبىلىك بىلەن زەھەرلەنگەن.
-قانداق زەھەرلەنگەن، نېمە ئىسپاتىڭلار بار؟
مانا بىزنىڭ ئىسپاتىمىز، سېنىڭ يانفونىڭدا خاتىرلىرىم ساقلىنىپ قالغان:«ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئاللاغا ئامانەت»دېگەن ئەسەبىي سۆزلەردۇر.
-ئۇلار قانداقسىغا ئەسەبىي سۆزلەر بولسۇن؟ بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئادەتتىكى سالاملىشىشلاردا ۋە تېلېفوندا باشقا بىرسى بىلەن گەپلەشكەندە ئىشلىتىلىدىغان ئادەتتىكى گەپلەرغۇ؟
-ياق، ئۇ ئادەتتىكى گەپ ئەمەس.-دەپ ۋاقىرىدى سوراقچى گۇندىپاي-ئۇ دېگەن دىنى ئەسەبىيلىكنىڭ ئىپادىسى «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم»دېيىش دىنىي ئاشقۇنلۇقنىڭ 75 خىل ئىپادىسىنىڭ ئىچىگە كىرىدۇ. «ئاللاھغا ئامانەت» دېگەن بولسا، سېنىڭ دىن بىلەن زەھەرلەنگەنلىكىڭنىڭ ئىپادىسىدۇر.
-ياق، ئۇنداق ئەمەس.-دەپ قارشىلىق بىلدۈردى گۈلى-«ئاللاغا ئامانەت-دېگەن گەپ -سېنى خۇداغا تاپشۇردۇم دېگەن گەپ، ئۇنىڭ ئەسەبىيلىك بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق،
-تولا كاپشىما!-دەپ ۋاقىرىدى سوراقچىلار-نېمىشقا بوۋاڭنى كوممۇنىستىك پارتىيەگە تاپشۇرماي، يوق بىر نەرسىگە تاپشۇرىسەن؟ بۇ دېگەن ئېغىر خۇراپاتلىقتۇر، ئەسەبىلىكنىڭ ئىپادىسىدۇر.
-مەيلى نېمە دېسەڭلا-دەڭلار. بوۋام ئىلگىرى ئۆزىنى كوممۇنىستىك پارتىيەگە تاپشۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئەزا بولۇپ كىرىپتىكەن، كېيىن ئۇ ئاغرىپ قالغاندا كوممۇنىستىك پارتىيە رەھبەرلىرى ئۇنى يوقلاپمۇ قويۇشمىدى، ھەتتا ئۇ ئېغىر كېسەل بولۇپ قالغاندا، كوممۇنىستىك پارتىيە قۇرغان دوختۇرخانا ئۇنى« ئوپېراتسىيە قىلىمىز»دەپ، نۇرغۇن پۇل تەلەپ قىلىشتى، شۇنىڭ بىلەن بوۋام بارلىق ئىقتىسادىدىن ئايرىلىپ قالدى. ھازىر ئۇنى بالىلىرى بېقىۋاتىدۇ.
-بوۋاڭ پېنسىيە پۇلى ئالىدىغاندۇ؟ ئۇنى كوممۇنىستىك پارتىيە بەرمەي،كىم بېرەتتى؟
-ياق، بوۋام پېنسىيە پۇلىمۇ ئالمايدۇ، ئۇ دېھقان بولغاچقا، ھۆكۈمەت ئۇنى پېنسىيىگە چىقارمىدى. گۈلىنىڭ بۇ جاۋابىدىن تىلى تۇتۇلۇپ قالغان سوراقچىلار گەپنى باشقا ياققا بۇرىدى: بوۋاڭ:« تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى پۇلى» ئالىدىغاندۇ؟
-بىلمەيمەن، ئەمما بولغاندىمۇ، ئۇنىڭ بىلەن بوۋام تۇرمۇشىنى قامدىيالماپتۇ. شۇڭلاشقا ئۇنىڭغا بىز قاراۋاتىمىز،
-قانداقلا بولمىسۇن، پارتىيە-ھۆكۈمەت كەمبەغەل دېھقانلارغا «تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى پۇلى» بېرىشنى يولغا قويدى. مۇشۇنىڭ ئۆزى چوڭ غەمخورلۇقتۇر. سەن تاپشۇرغان ئۇ ئاللاھىڭ ئۇنىڭغا نېمە بېرەتتى؟
-بېرىدۇ، ئەلۋەتتە! بوۋام بىزنىڭ ئۆيگە كەلگەندە شۇنداق دېگەن: سىلەر مەندىن غەم قىلماڭلار، رىزقىمنى ئاللا بېرىدۇ.
-سەن ئۇنىڭغا ئىشىنەمسەن؟
-ھەئە، ئەلۋەتتە، بىز ئىنسانلارنىڭ رىزقىنى-ئاللاھ بېرىدۇ.
-تولا كاپشىما، ئەسەبىي ئۇنسۇر!-دەپ ۋاقىرىدى سوراقچىلار-مانا بۇنىڭغا قول قوي! بۇ سېنىڭ ئەسەبىلىك بىلەن زەھەرلەنگەنلىكىڭنى ئېتىراپ قىلغان« ئىقرارنامە»ڭدۇر-دەپ ئالدىنالا تەييارلاپ قويۇلغان بىر ئىقرارنامىنى ئۇنىڭغا سۇندى. گۈلى ئۇنىڭغا ئىمزا قويۇشنى رەت قىلىۋىدى، سوراقچى گۇندىپاي ۋاقىرىغانچە ئېتىلىپ كېلىپ، ئۇنىڭ دۈمبە تەرىپىگە قولىدىكى توك كالتەكنى يېقىۋەتتى. گۈلى شۇ ھامان ھوشىدىن كەتتى. شۇنىڭدىن كېيىن سوراقچىلار ئۇنىڭ ھوشىدىن كەتكەن ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، قولىنى سوزۇپ ئەكىلىپ،«ئىقرارنامە»گە قول قويدۇرۇۋالدى-دە. ئۇنى سۆرىگىنىچە ئېلىپ چىقىپ، كامېرغا ئېلىپ چىقىپ، داق يەرگىلا تاشلاپ قويۇپ چىقىپ كېتىشتى.
گۈلى قانچىلىك ئۇخلىدىكىن؟ ئۆزىمۇ بىلمەيتتى. بىر چاغدا كامېر قىشلىقى ئايالنىڭ: ھەي، 520-نومۇرلۇق قىز، ئورنىڭىزدىن تۇرۇڭ! ئەتىگەنلىك ناشتىلىققا چىقىمىز-دەپ، ئۇنىڭ بىلكىنى نوقۇشى بىلەن كۆزىنى ئېچىپ، ئۇنىڭغا قارىدى ۋە سورىدى: مەن نەدە؟ ماڭا نېمە بولدى؟
-سىز كامېردا، سىزگە نېمە بولغانلىقىنى بىزمۇ بىلەمدۇق. بىر يېرىڭىز ئاغرىۋاتامدۇ؟ -دەپ سورىدى كامېر باشلىقى ئايال گۈلىدىن،
-ھەئە، دۈمبەم قاتتىق ئاغرىۋاتىدۇ. ئۇلار مېنى نېمىشقا ئۇرىدۇ؟
-كامېر باشلىقى ئايال ئۇنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىش ئورنىغا ئۇنى ئالدىرىتىپ: 520-نومۇرلۇق قىز، تېز بولۇڭ! بىز بىلەن بىللە ئۆچرەتكە تىزىلىپ، ناشتىلىققا چىقىڭ، بولمىسا سىزگە چۈشلۈك تاماق بېرىلمەيدۇ.-دېدى ئۇنىڭغا كۆيۈنگەندەك قىلىپ-تېز بولۇڭ، كامېردا يالغۇز قالسىڭىز سىزگە ياخشى بولمايدۇ.
-ھە ماقۇل، بولىدۇ ھەدە-دېدى گۈلى ئاستا ئېغىز ئېچىپ ۋە ئىككى قولى بىلەن يەرگە تايىنىپ تۇرۇپ، بەك تەستە ئورنىدىن تۇردى. كامېر باشلىقى ئايال ئۇنى يۆلەپ قويۇشنىڭ ئورنىغا، ئەكسىنچە ئۇنىڭغا كايىغاندەك قىلىپ:ھەي، 520-نومۇرلۇق، مېنى ھەدە دېمەڭ، بۇ يەردە ھېچكىمنىڭ ئاچا-سىڭىل، ئاكا-ئۇكا، ئاتا-ئانا بولۇش ھەققى يوق، مەن: 498-نومۇرلۇق مەھبۇس، شۇڭا مېنى مۇشۇ نومۇر بىلەن چاقىرىڭ، بولمىسا جازالىنىپ قالىسىز، تېز بولۇڭ، ئۆچرەتكە تىزىلىڭ!-دېدى
گۈلى كامېردىكى تۇتقۇنلارنىڭ ئارقىسىغا ئۆتۈپ، ئۆچرەتتە تۇردى. پۇت-قولىدا پەقەت ماغدۇرى يوق ئىدى. يېقىلىپ چۈشۈشكە تاس-تاس قېلىۋاتاتتى. دۈمبىسى خۇددى بىرسى پىچاق تىققاندەك ئېچىشىپ ئاغرىۋاتاتتى. ئۇ چىشنى چىشلەپ، چىداشقا مەجبۇر بولدى.تۇتقۇنلارغا بىر قاچىدىن سۇيۇق گۈرۈچ شورپىسى ۋە 100 گىراممۇ كەلمەيدىغان بىر تالدىن ھورنان بېرىلگەن ئىدى. تۇتقۇنلار تاماقلىرىنى ئېلىپ بولۇشقاندىن كېيىن، كەڭ مەيداندىلا ئولتۇرۇشۇپ، قاچىسىنى تىزىغا قويۇپ بىردەمنىڭ ئىچىدىلا يەپ بولۇشتى. گۈلىنىڭ قورسىقىمۇ ھەددىدىن زىيادە ئاچ بولغاچقا،شورپا ھەرقانچە تۇزسىز ۋە تەمسىز بولسىمۇ ئۇنى ئىچىپ تۈگەتتى. ھورناننىمۇ يېدى، ئەمما ئۇنىڭ قورسىقى ھىچقانچە تويمىغان ئىدى.
ناشتىلىقتىن كېيىن تۇتقۇنلار يەنە تىزىلدۇرۇلۇپ، باشقا بىر بىنانىڭ ئىككىنچى قەۋىتىدىكى دەرسخانىغا ئېلىپ كىرىلدى. دەرس ئۆتۈشكە ئوتتۇرا بوي، يۇمىلاق يۈزلۈك ۋە گازىردەك ئىنچىكە كۆزىگە كۆزەينەك تاقىۋالغان بىر خىتاي ئوقۇتقۇچى ئايال كىرگەن ئىدى. ئۇ خىتاي ئوقۇتقۇچى خىرقىرىغان ئاۋازدا ئوقۇغۇچىلارغا شى جىنپىڭ ئۈزۈندۈرلىرىنى ئوقۇپ بەردى: جۇڭگو ناھايىتى مەدەنىيەتلىك ۋە تەرەققىي قىلغان بىر دۆلەت. بىز جۇڭخۇئا مىللىتى ھەممىدىن قۇدرەتلىك، كوممۇنىستىك پارتىيە ھەممىدىن ئۇلۇقتۇر، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىلا جۇڭگونى قۇتقۇزالايدۇ. كوممۇنىستىك پارتىيە بولمىسا،خەلقنىڭ ھېچنېمىسى بولمايدۇ. شۇڭلاشقا بىز كوممۇنىستىك پارتىيەنى ئەبەدى سۆيىمىز، ياشىسۇن كوممۇنىستىك پارتىيە، ياشىسۇن باش سېكرىتار، شى جىن پىڭ!
شى جىنپىڭ ئۈزۈندىلىرى ئۆگىتىلگەندىن كېيىن، يەنە بىر سائەت ئەتراپىدا قىزىل ناخشا ئوقۇتىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۈچ سائەتلىك دەرس تاماملىنىپ، تۇتقۇن ئوقۇغۇچىلار تىزىلدۇرۇلۇپ كامېرلىرىغا قايتۇرۇلدى. ئەمدى ئۇلار كامېر تېمىغا قاراپ جىم ئولتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ قىلغان-ئەتكەن خاتالىقلىرى ھەققىدە ئويلىنىشقا مەجبۇر قىلىندى. گۈلى ئالدىنقى كۈنى ئويلىغانلىرىنى بىر باشتىن يەنە ئەسلەپ چىقتى. ھەر قانچە ئويلىسىمۇ، ئۆزىنىڭ تۇتقۇن قىلىشىغا سەۋەب بولغان نورمال سالام-سائەت قائىدىلىرىنىڭ خاتالىق بولۇشى قەتئىي كاللىسىدىن ئۆتمەيۋاتاتتى. گۈلى شۇلارنى خىيال قىلىۋاتقان مۇشۇ دەمدە، لاگېر ئىشخانىسىدا ئۇنىڭغا ئاللىقاچان:« گۈلى دىنى ئاشقۇنلۇق ئىدىيەسى بىلەن يۇقۇملانغان خاتالىقىنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئىقرارنامىگە قول قويدى» دېيىلگەن، مەجبۇرىي ئىقرارنامە ئاساسىدا، ئۇنىڭغا ئىككى يىللىق مەجبۇرىي« كەسپىي قايتا تەربىيەلەش مەركىزى» دە ئوقۇش جازاسى بېرىلىپ بولغانىدى. ئۆزىنىڭ مەجبۇرىي ئىقرار قىلدۇرىلغانلىقىنى ۋە ئىمزاسى ئېلىنىۋېلىنغانلىقىنى تېخى بىلمەيتتى.
گۈلى ئەمدى ئۆزىنىڭ خاتالىق ئۆتكۈزگەنلىكى ھەققىدە ئويلىنىشتىن ۋاز كەچتى-دە، كىچىك ۋاقتىدا بولغان مۇنداق بىر ئىشنى ئەسلەشكە باشلىدى:«گۈلىنىڭ ئالتە يېرىم ياشقا تولغان ۋاقتى ئىدى، ياز ئۆتۈپ،كۈز پەسلىگە قەدەم قويۇپ، يېڭى يىللىق ئوقۇش مەۋسۇمى باشلىنىش ئالدىدا تۇراتتى. ئاتا-ئانىسى ئۇنى باشلانغۇچ مەكتەپكە بېرىش قارارىغا كېلىپ، ئوقۇش ماتېرىيالى سېتىۋېلىپ، ئۇنىڭغا تەييارلىق قىلىشقا كىرشكەن ئىدى. شۇ ۋاقىتلاردا ئۇنىڭ ئىچكىرىدە ئوقۇۋاتقان ئاكىسىدىن ئائىلىسىگە تېلېفون كېلىپ قالدى. گۈلىنىڭ ئاكىسى ئۇنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرىشكە تەييارلىق قىلىۋاتقانلارنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئاتا-ئانىسىغا مۇنداق مەسلىھەت بەردى : گۈلىنى، خىتاي تىلىدىكى مەكتەپكە بېرىڭلار، چۈنكى، ھازىر خىتاي تىلى مەكتىپىدە ئوقۇش مودا بولىۋاتىدۇ. ئىچكىرى ئۆلكىلەردىمۇ نۇرغۇن خىتاي تىلدا ئوقۇتۇلىدىغان ئۇيغۇر سىنىپلىرى ئېچىلدى. ئۇ بالىلار كىچىكىدە، ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇغان بولغاچقا، خىتاي تىلىدا قىينىلىپ كېتىپ بارغانلىقىنى ئاڭلاۋاتىمەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، خىتاي تىلىدا ئوقۇغانلارغا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىلىدىكەن ۋە كەلگۈسىدىكى خىزمەت تەقسىماتىدىمۇ ياخشى بولىدىكەن.
گۈلىنىڭ ئاتا-ئانىسى چوڭ ئوغلىنىڭ تەۋسىيەسى بويىچە، ئۇنى خىتاي مەكتىپىگە ب بېرىشنى قارار قىلىشقان ئىدى. يېڭى يىللىق ئوقۇش مەۋسۇمى باشلىنىدىغان كۈنى ئۇلار گۈلىنى خىتاي مەكتىپىگە ئېلىپ بېرىپ، تىزىملاتماقچى بولغان ۋاقتىدا، نېمىشقىكىن گۈلىنىڭ خىتاي مەكتىپىدە ئوقۇشقا كۆڭلى تارتماي: ئاپا،دادا، مېنىڭ دوستلىرىمنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر مەكتىپىدە ئوقۇيدىكەن. مېنىمۇ شۇ مەكتەپكە بەرسەڭلار بولمامدۇ؟-دەپ،خىتاي مەكتىپىدە ئوقۇشقا نارازىلىق بىلدۈرگەندە، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى: قىزىم، بىزنىڭمۇ شۇنداق نىيىتىمىز بار ئىدى، ئەمما ئاكىڭىزنىڭ تەۋسىيەسى بويىچە، سىز خىتاي تىلى مەكتىپىدە ئوقۇسىڭىز، كەلگۈسى ئىستىقبالىڭىز ئۈچۈن ياخشى بولىدىكەن، دەپ ئۇنىڭ نارازىلىقىنى ئېتىبارغا ئالمىغان ئىدى».
شۇنداق قىلىپ، گۈلى خىتاي تىلى مەكتىپىدە ئوقۇپ، چوڭ بولغان ئىدى. ئەمما ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىدا، چوڭلارنىڭ تەسىرى بىلەن خېلى قويۇق ئېتىقاد ۋە مىللىي ئەنەنىگە ھۆرمەت قىلىش خاھىشى يېتىلگەن بولۇپ، گۈلى مەكتەپتىن قايتىپ، ئۆيگە كەلگەن ۋاقتىدا ئۇنىڭ خىتايچە سۆزلىشىگە يول قويمايتتى ۋە ئۇنىڭغا قوشۇمچە ئانا تىلىنى ئۆگىتىپ، ئۆزلىرىنىڭ بىر ئۇيغۇرلۇق بۇرچىنى ئادا قىلغان ئىدى. شۇڭلاشقا گۈلى گەرچە خىتايچە مەكتەپتە ئوقۇغان بولسىمۇ، ئانا تىلىغا پىششىق بولۇپلا قالماي، مىللىي ئۆرپ-ئادەتلەرنى پىششىق بىلىدىغان ۋە ئۇنىڭغا ھۆرمەت قىلىدىغان بولۇپ يېتىلگەن ئىدى.
مانا، ھازىر سائەت ئىستېرىلكىسى 12 گە توغرىلىنىپ. چۈشلۈك تاماق ۋاقتى بولغان ئىدى. تۇتقۇنلار يەنە گۇندىپايلار تەرىپىدىن قاتار تىزىلدۇرۇلۇپ، باشقا بىر بىنانىڭ يان تەرىپىگە جايلاشقان لاگېر ئاشخانىسىغا ئېلىپ كېلىندى. تاماققا كېتىۋاتقاچ قاتاردىكىلەرنىڭ پەس ئاۋازدا كۇسۇر-كۇسۇر قىلىشىپ، گەپلەشكەن ئاۋازلىرى چىقىۋاتاتتى: بۈگۈن جۈمە، چۇقۇم بىزگە چوشقا گۆشى سېلىنىدىغان تاماق بېرىلىدۇ. ۋاي،خۇدايىم! قانداق قىلارمىز؟ ئۇنى يېمىسەك ئاچ قالىمىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزگە:«تۈزۈمگە قارشىلىق قىلدى»دەپ، جازا بېرىشىدۇ.
قاتار تىزىلىپ ئاشخانا ئالدىغا كېلىشكەن تۇتقۇنلارغا، ئاشپەز ئۇستاملار بىر قاچىغا- بىر چۆمۈچتىن گۆش بىلەن قورۇلغان قورۇما ئۇسۇپ بېرىۋاتاتتى. ئۇنىڭغا قوشۇمچە يەنە بىر تالدىن تۇخۇمچىلىك چوڭلۇقتىكى ھورنانمۇ بىللە بېرىلگەن ئىدى.
نۆۋەت گۈلىگە كەلدى. ئۇنىڭغىمۇ ئۇنىڭ قاچىسىغىمۇ بىر چۆمۈچ قورۇما ئۇسۇپ بېرىلدى ۋە بىر تال ھورنان بېرىلدى. گۈلى قاتاردا مېڭىۋاتقان ۋاقتىدا تۇتقۇن ئاياللارنىڭ كۇسۇلداشقان گەپلىرىدىن:«جۈمە كۈنى جۈمە كۈنلىكى تاماققا چوشقا گۆشى سېلىپ بېرىلىدۇ» دېگەن گەپنى ئاڭلاپ قالغاچقا، كۆڭلى بىر قىسما بولۇپ، قورسىقىنىڭ شۇنچە ئاچ بولۇشىغا قارىماي ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ قالغاندەك بولۇپ، تاماققا قولى بارمايۋاتاتتى. باشقا تۇتقۇن ئاياللارنىڭمۇ بىر قىسمى تاماقنى خىيالىغا كەلمىگەن ھالدا بەھۇزۇر يېيىشكە باشلىغان بولسا، بىر قىسىملىرى يەنىلا تاماققا قاراپ، قوشۇقنى قاچىغا سالماستىن قاراپ تۇرۇشاتتى. شۇ ئەسنادا بىر گۇندىپاينىڭ ۋارقىرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى:« كىم بۈگۈنكى تاماقنى يېمىسە ئېغىر جازالىنىدۇ».
گۇندۇپاينىڭ ئاۋازىدىن ھودۇقۇپ كېتىشكەن بىر قىسىم ئاياللار تاماقنى ئېغىزىغا سېلىشقا باشلىدى. توساتتىن قاتاردىكى ئوتتۇرا ياشلىق بىر ئايال ھۆ قىلىپ، يېگەن تامىقىنى ياندۇرىۋەتتى. گۈلىمۇ بىر قوشۇق تاماقنى ئاغزىغا سېلىۋىدى، ئۇنىڭمۇ گېلىدىن ئۆتمىدى-دە، ئاغزىغا سالغان لوقمىنى قۇسۇۋەتتى. تۇتقۇنلارنى نازارەت قىلىپ تۇرغان ئىككى گۇندىپاي بۇ ئەھۋالنى كۆرگەندىن كېيىن، يۈگۈرۈپ كېلىپ، بىرىنچى بولۇپ تاماقنى قۇسۇۋەتكەن ئايال بىلەن گۈلىنى كالتەكلىرىنى دېۋەيلەپ ھەيدىگەنچە، لاگېر ئىشخانىسىغا ئېلىپ ماڭدى.
تۇتقۇنلارنىڭ تاماق يېيىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش ئۈچۈن سىرتقا ماڭغان جاڭ، ئىككى گۇندىپاينىڭ،ئىككى تۇتقۇن ئايالنى سۆرەشتۈرگۈچە ئېلىپ كەلگەنلىكىنى كۆرگەندىن جايىدا توختاپ، ئۇلاردىن سورىدى: بۇلارغا نېمە بولدى؟
-بۇلار تىزىملىككە خىلاپلىق قىلدى. بىزنىڭ بۈگۈن تۇتقۇنلارغا ئالاھىدە ئېتىبار قىلىپ، چوشقا گۆشى سېلىپ ئېتىپ بەرگەن تامىقىمىزنى قۇسۇۋېتىشتى.
-شۇنداقمۇ؟-دېدى جاڭ كۆزىنى چەكچەيتىپ-ئۇنداق بولسا، بۇلار ئېغىر جازالىنىش كېرەك! دەرھال سوراقخانىغا ئېلىپ كىرىڭلار!
گۇندىپايلار ھېلىقى ئايال بىلەن گۈلىنى سۆرەشتۈرگەنچە سوراقخانىغا ئېلىپ كىرىپ، قارا تۆمۈر ئورۇندۇققا چەمبەرچاس قىلىپ باغلاپ قويۇشتى. گۈلىنىڭ دۈمبىسى توك كالتىكىنىڭ زەربىسىدىن قاتتىق ئاغرىۋاتقان بولغاچقا، تۆمۈر ئورۇندۇققا ئولتۇرىشىغىلا، مۇزدەك سوغۇقنىڭ تەسىرىدىنمۇ قانداق؟ يەنە ئۇنىڭ ئاغرىقى بىر ھەسسە ئۆرلەپ، ئاغرىققا چىدىمىغان گۈلى ۋارقىرىۋەتتى. ۋارقىرىغان ئاۋازنى ئاڭلىغان جاڭ، خۇددى تاماشا كۆرمەكچى بولغاندەك سوراقخانىغا كىرىپ كەلدى.گۈلىنىڭ سىرتقى كىيىمى سالدۇرۇۋېتىلگەن بولۇپ، ئەمدىلا كۆتۈرۈپ چىققان كۆكسى جاڭنىڭ كۆزىگە چۈشۈپ قالدى-دە، ئۇنىڭ شەھۋانىي ھەۋىسى قوزغىلىپ، كۆڭلىگە يامان نىيەت كەلدى.
جاڭ ئىككى گۇندىپاينى يەنە بىر ئايالنى ياندىكى سوراقخانىغا ئېلىپ چىقىپ كېتىشنى بۇيرۇپ، بۇ سوراقخانىدا ئۇ ئۆزى يالغۇز قالدى. ئۇنىڭ كۆزى خۇددى قاتىللارنىڭ كۆزىدەك قىزىرىپ كەتكەن بولۇپ، يۈز گۆشلىرى توختىماي لىكىلدايتتى. ئۇ كۆڭلىگە بىرەر يامان نىيەت پۈككەندەك قىلاتتى. شۇنداقتىمۇ ئۇ ئاۋال گۈلىدىن گەپ سورىماقچى بولۇپ، ئېغىز ئاچتى:
-نېمىشقا چوشقا گۆشى يېمەيسەن، بۇ سېنىڭ پارتىيەمىزنىڭ شەپقىتىگە قىلغان خىيانىتىڭ ئەمەسمۇ؟
-ياق، ئۇنداق ئەمەس-دەپ،راۋان خىتاي تىلىدا جاۋاب بەردى گۈلى: مەن ئەزەلدىن چوشقا گۆشى يەپ باقمىغان، شۇڭلاشقا، ئۇنى سىڭدۈرەلمىدىم. جاڭ گۈلىنىڭ شۇ قەدەر ئۆلچەملىك، خۇددى ئۆزىدەكلا خىتاي تىلىدا گەپ قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ ئۆز قولىغا ئىشەنمەيلا قالدى. ۋە ئۇنىڭدىن سورىدى: سەن ئۇيغۇرمۇ؟ دىنغا ئېتىقاد قىلامسەن؟
-ھەئە، مەن ئۇيغۇر ھەم مۇسۇلمان. بىز ئىسلام دىنىغا ئېتىقات قىلىمىز. شۇڭلاشقا چوشقا گۆشى بىزگە ھارامدۇر!
-ھارام دېگەن نېمە ئۇ؟-دەپ، كۆزىنى چەكچەيتىپ گۈلىگە ھاياسىزلارچە تىكىلىپ قارىدى جاڭ-بىلىپ قوي: سەن ئۇيغۇر بولساڭمۇ، يەنىلا جۇڭگو پۇقراسى، جۇڭخۇئا مىللىتىنىڭ بىر تەركىبى قىسمى، ئۇنداقكەن سېنىڭ يېمەكلىكلەرنى ھارام ياكى ھالال دەپ ئايرىش ھوقۇقۇڭ يوقتۇر. بۇ پارتىيىمىزنىڭ:«جۇڭخۇئا مىللىتى ئورتاق ئائىلىسى بەرپا قىلىش» سىياسىتىگە قارشى تۇرغانلىقتۇر. سەن بۇ خاتالىقىڭنى تونۇشۇڭ كېرەك، بولمىسا ئېغىر جازالىنىسەن!
-ياق مەندە خاتالىق يوق! بىزنىڭ دىنىمىزدا:« چوشقا گۆشى ھارام» دېيىلگەن، شۇڭلاشقا مەن ئۇنى يېمەيمەن.
-يېمىسەڭ،ئاچ قېلىپ ئۆلىسەن-جاڭ گۈلىنىڭ يالىڭاچ بەدىنىگە ئاچ كۆزلەرچە قاراپ-سەن چىرايلىق قىز ئىكەنسەن، ئۇنداق جاھىللىق قىلما! دۇنيادا يەنە ياشىغۇڭ يوقمۇ؟ ئەگەر سەن چوشقا گۆشى يېسەڭ، سېنىڭ بۇرۇنقى ئىدىيەڭ ئۆزگەرگەن بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن گۇناھىڭ يېنىكلەيدۇ، بەلكى لاگېردىن بالدۇر قويۇپ بېرىلىشىڭ مۇمكىن!
-ياق، يېمەيمەن. چوشقا گۆشى-مۇسۇلمانلارغا ھارامدۇر، مەيلى نېمە قىلساڭ-قىل! دەپ، كەسكىن قارشىلىق بىلدۈردى گۈلى
-قەتئىي يېمەمسەن؟-دەپ قولىدىكى كالتەكنى كۆتۈرۈپ گۈلىنىڭ يېنىغا كەلدى جاڭ-ئەگەر مۇشۇنداق جاھىللىق قىلىدىكەنسەن، سېنىڭ بۇ دۇنيادا ھايات ياشىشىڭ مۇمكىن ئەمەس!
-مەيلى، ئۆلسەممۇ مەيلى، مەن ھەرگىزمۇ چوشقا گۆشى يېمەيمەن، قولۇڭدىن نېمە كەلسە شۇنى قىل!-دەپ قارشىلىق بىلدۈردى گۈلى ئۆزىنىڭ جاڭغا تىز پۈكمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ،
جاڭ ھەر قانچە تەھدىت قىلىپمۇ گۈلىگە ھېچقانداق گەپ يېگۈزەلمىدى. ئۇنىڭ نىيىتى بۇزۇلغان ئىدى. ئۇ گۈلىنىڭ ئارقا تەرىپىگە ئۆتۈپ، يامان نىيەتتە بولماقچى بولغان ئىدى. ئەمما گۈلىنىڭ دۈمبىسىدىكى تاياق زەربىسىدىن كېلىپ چىققان جاراھىتىنى كۆرۈپ، توختاپ قالىدۇ-دە ئۇنىڭغا يەنە تەھدىت سېلىشقا باشلىدى : سېنىڭ دۈمبەڭدە جاراھەت بار ئىكەن، ئۇنى تېزدىن داۋالاپ ساقايتمىساق بولمايدىغاندەك تۇرىدۇ. ناۋادا جاراھىتىڭ ئەدەپ كەتسە، ھاياتىڭغا خەۋپ تۇغۇلىدۇ. ئەگەر مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلىساڭ سېنى قۇتقۇزۇپ قالىمەن.
-ياق، سېنىڭ گېپىڭنى ئاڭلىمايمەن-دەپ كەسكىنلىك بىلەن رەت قىلدى گۈلى-قولۇڭدىن نېمە كەلسە شۇنى قىل! مەن قورقۇپ قالمايمەن!
جاڭ ھەرقانچە قىلىپمۇ گۈلىگە گەپ ئۆتكۈزەلمىدى. ئەمدى ئۇنىڭ نىيىتى راستىنلا بۇزۇلغاندەك قىلاتتى. ئۇ ساقچى كىيىمىنى سېلىۋېتىپ، گۈلىنىڭ ئارقىسىدىن كېلىپ ئۇنىڭ كۆكسىنى مۇجۇقلاپ، چىڭ يامىشىۋالدى ھەمدە يالۋۇرۇشقا باشلىدى: گۈلى، سەن بەك چىرايلىق ئىكەنسەن، ماقۇل دەپ، مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلىغىن. شۇنداق، قىلساڭ مەن سېنى لاگېر دوختۇرلىرىغا داۋالاتقۇزۇپ قويىمەن. ئاندىن لاگېردىن مۇددەتتىن بۇرۇن قويۇپ بېرىپ، ھاياتىڭنى ساقلاپ قالىمەن!
-ياق،مەن سېنىڭ گېپىڭنى ھەرگىزمۇ ئاڭلىمايمەن. قولۇڭدىن كەلسە، مېنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەتسەڭمۇ مەيلى!-دېدى گۈلى
-ياق، مەن سېنى ئۆلتۈرمەيمەن، سېنى ياخشى كۆرىمەن!-دەپ، ھەقىقىي نىيىتىنى ئاشكارىلىدى جاڭ ۋە گۈلىنىڭ كۆكسىنى قاتتىق مۇجۇقلىغانچە، ئۇنىڭ يۈزىگە ئەسەبىيلەرچە سۆيۈشكە باشلىدى.
-قولۇڭنى تارت، مېنى سۆيمە!-دەپ، ۋاقىرىدى گۈلى جېنىنىڭ بېرىچە-ۋاي ھايۋان،چوشقا، قولۇڭنى تارت، ئىپلاس نەپسىڭنى يىغىۋال! سېنىڭ بەدىنىڭ ماڭا ھارامدۇر.
گۈلى قارا رەڭلىك تۆمۈر ئورۇندۇققا مەھكەم چېتىقلىق بولغاچقا، جاڭ ئۇنىڭ كۆكسىنى مۇجۇقلاپ، يۈزىگىلا چېقىلالىدى. ئەمما ئۇنىڭ بۇنىڭ بىلەنلا بولدى قىلغۇسى كەلمەۋاتاتتى، ئۇنىڭ نىيىتى بۇزۇلغان ئىدى. يېرىم جان ھالەتتە بولۇپ قالغان گۈلىنى، قارا تۆمۈر ئورۇندۇقتىن بوشىتىپ يەرگە چۈشۈردى-دە، ئۈستىگە چىقىپ بېسىۋالدى. گۈلى جېنىنىڭ بارىچە، تېپىچەكلەپ قارشىلىق بىلدۈردى. جاڭ ئۇنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ، ئاۋۋال ئۆزىنىڭ كۇسىرىنى سېلىۋېتىپ، ئاندىن گۈلىنىڭ كۇسىرنى تارتىپ-يىرتىپ دېگۈدەك قىپيالىڭاچ قىلىپ قويدى-دە، ئۆزىنىڭ ھايۋانى نەپسىنى قاندۇرۇش مەقسىتىگە يەتتى.
گۈلى سوراقخانىدا قاتتىق يەرگە ھوشسىز ھالدا تاشلاپ قويۇلدى. جاراھەتلەنگەن دۈمبىسى قايتىدىن ئېغىز ئېلىپ، قاناپ كەتكەن بولۇپ، ھەددىدىن زىيادە قان چىقىپ كەتكەنلىكتىن، ئۇنىڭ نەپەس ئېلىشى توختاپ قالغانىدى. تېخى ئون گۈلىنىڭ بىرسى ئېچىلمىغان سەبىي قىز گۈلى، زالىم ساقچى جاڭ تەرىپىدىن باسقۇنچىلىققا ئۇچراپ، ئاللانىڭ دەرگاھىغا سەپەر قىلغان ئىدى.
قۇياش مەزلۇملار ئۈچۈن ئۆز جامالىنى كۆرسىتىۋاتقاندەك،زالىملار ئۈچۈنمۇ كۆرسىتىۋاتاتتى، ئەمما بۈگۈن نېمىشقىكىن؟ تۇيۇقسىزلا بۇلۇت كەينىگە ئۆتۈۋېلىپ، خۇددى يەر شارىدىكى ۋەھشىلىكلەرنى كۆرۈشتىن ئۇيىلىۋاتقاندەك، جامالىنى ئىنسانلاردىن يوشۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا ئىدى. كۆك ئاسماننى بولسا، قارا تۇمان قاپلاپ كەتكەن بولۇپ، شىددەت بىلەن يامغۇر ياغماقتا ئىدى. بۇ بەلكى زالىملار تەرىپىدىن ئاياق-ئاستى قىلىنىپ،ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغان مەزلۇم قىز گۈلى ئۈچۈن تەبىئەتنىڭ تۆكۈۋاتقان ماتەم يېشى ئىدى.
8-باب
ۋاڭ كۈندىن-كۈنگە ئالدىراش خىزمەت قىلماقتا ئىدى. كېچىسى «ئالاھىدە ساقچى ئەترىتى» دە گۇماندارلارنى تۇتقۇن قىلىش ۋە سوراق قىلىش خىزمىتىگە قاتناشسا، كۈندۈزى خەلققە قولايلىق ساقچى پونكىتىدا: يانفون، كۈزۈتىش كامېراسى ۋە يول كۆرسەتكۈچ قاتارلىقلاردا ئۆز دائىرىسى ئىچىگە كىرىپ قالغان گۇمانلىق كىشىلەرنى تەكشۈرۈش، تۇتقۇن قىلىش ۋەزىپىسىنى جىددى ئورۇنلىماقتا ئىدى. ئۇنىڭ پۈتۈن ئەس يادى-خىزمەتتە چوڭ تۆھپە كۆرسىتىپ، يۇقىرىنىڭ تەقدىرلىشىگە ئېرىشىش ۋە چوڭ ئەمەلدارلارنىڭ نەزىرىگە ئېلىنىش ئىدى.
ۋاڭ بۈگۈن ئەتىگەن ئەتىگەندىلا خەلققە قولايلىق ساقچى پونكىتىغا يېتىپ كەلدى. نۆۋەت ئالماشقان كۈزەتچى ساقچىلار ئاللىقاچان ئىش باشلاپ بولغان بولۇپ، بىر ياش بالىنىڭ يانفونىنى تەكشۈرۈۋاتاتتى.ساقچىلار ئۇ بالىنىڭ يانفونىنى تەكشۈرۈش ئاپپاراتنىڭ ئۈستىگە قويۇۋىدى، يانفون تىت، تىت، تىت قىلىپ، نۇرغۇن قېتىم سىگنال بەردى. شۇنىڭدىن كېيىن ساقچىلار ئۇنىڭ يانفونىنى كومپيۇتېرغا چېتىپ ئىچىدىكى بارلىق ئۇچۇرلارنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى. تەكشۈرۈش نېتىنجىسىدە: بۇ يانفوندا بىر ئاي ئىچىدە ئەللىك قېتىمدىن كۆپ تۈركىيەگە تېلىفون ئۇرۇلغان بولۇپ، بىر يىلدا جەمىي تېلىفون ئۇرۇلغان سانى:1500 قېتىمدىن كۆپ بولغانلىقى مەلۇم بولدى. ۋاڭ ئۇ ياش بالىنىڭ تۈركىيە بىلەن سۆزلەشكەندىكى قېتىم سانىنىڭ كۆپلىكىنى ئاڭلاپ، كۆزىنى چەكچەيتىپ، ئالاقزادە بولۇپ كەتتى. ئۇنىڭدا بۇ ياش بالىغا نىسبەتەن ئېغىر گۇمان پەيدا بولدى-دە، يانچۇقىدىن پورتىمالىنى تارتىۋېلىپ، پۈتۈن كارتىللىرىنى تەكشۈرۈپ چىقتى. ئۇ كارتا ئارقىلىق تۈركىيەگە بىر نەچچە قېتىم دوللار ئەۋەتكەن بولۇپ، جەمىي سوممىسى يۈز مىڭ دوللارغا يەتكەن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن جاڭ چوڭ بىر ئولجىنى قولىغا چۈشۈر چۈشۈرگەنلىكىنى ئويلاپ:« تۇتۇڭلار ئۇنى» دەپ، قول چوماقچىلىرىغا بۇيرۇق چۈشۈرۈۋىدى، ئىككى ياللانما ساقچى ئېتىلىپ كېلىپ، ئۇنىڭ قولىغا كويزا سېلىپ، بېشىغا قارا خالتا كىيدۈرۈپ، ئىتتىرگەنچە ساقچى ماشىنىسىغا سېلىپ ئېلىپ كېتىشتى.
شۇنىڭدىن كېيىن، ئارقا-ئارقىدىن ئۈچ تۆت كىشىنىڭ يانفونى تەكشۈرىلىپ، ھەممىسىدىنلا چاتاق چىقىپ سىگنال بېرىلگەنلىكى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىندى. شۇ تەرىقىدە تەكشۈرۈش ۋە تۇتقۇن قىلىش داۋام قىلىۋاتاتتى. شۇ ئەسنادا ئۇنىڭ يانفونى چېلىنىپ، ئالاھىدە ساقچى ئەترىتىنىڭ بىرىنچى باشلىقىدىن ئۇچۇر كەلدى. ئۇچۇردا:« شياۋ ۋاڭ تېز كېلىڭ! مەسلىھەتلىشىدىغان مۇھىم ئىش بار»دېيىلگەن ئىدى. بۇ ئۇچۇرنى ئوقۇغان ۋاڭ:« يەنە چوڭ بىر خىزمەت ۋەزىپىسى چۈشكەن بولۇشى مۇمكىن!» دەپ ئويلاپ، خەلققە قولايلىق ساقچى پونكىتىدىكى ئىشنى، ئۆزى ئۆتكەندە تەيىنلىگەن مۇئاۋىن پونكىت باشلىقىغا تاپشۇرۇپ، ئۇنىڭغا يېڭىدىن تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن ماشىنا بىلەن ئالاھىدە ساقچى ئەترىتىنىڭ خىزمەت بىناسىغا قاراپ يول ئالدى.
-دەل ۋاقتىدا كەلدىڭىز شىياۋ ۋاڭ-دەپ ئۇنى كۈتۈۋالدى ئالاھىدە ساقچى ئەترىتىنىڭ باشلىقى-يۇقىرىدىن جىددىي ئۇقتۇرۇش بار، دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى ئاخبارات بۆلۈمىنىڭ ئىگەللىگەن ئۇچۇرىغا قارىغاندا، ئەتە سىز مەسۇل بولۇپ ئىشلەۋاتقان ئىتتىپاق يولى ئەتراپىدا بىر تېرورلۇق ۋەقەسى يۈز بېرىشى مۇمكىن ئىكەن. شۇڭا سىز بۈگۈن چۈشتىن كېيىن بارلىق ساقچىلارنى يىغىپ، ئۇلارغا ئۇقتۇرۇش قىلىشىڭىز ۋە ئەتراپلىق تەييارلىق قىلىشىڭىز كېرەك!
-قاچان، قايسى جايدا بولۇشى مۇمكىن ئىكەن؟-دەپ سورىدى ۋاڭ جىددىلەشكەن ھالدا،
-ئۇنىڭ ۋاقتى ئېنىق ئەمەس دەپ، جاۋاب بەردى ئالاھىدە ساقچى ئەترىتىنىڭ باشلىقى-ئەمما ئۇچۇردا دېيىلىشىچە،چوڭ بىر ۋەقە چىقىدىغاندەك تۇرىدۇ
-شۇنداقمۇ؟-دېدى ۋاڭ جىددىلەشكەندەك قىلىپ، ئۇنداق بولسا باشقا ئىشلارنى ماڭا تاپشۇرۇڭ باشلىق-دېدى خوشامەتكويلۇق بىلەن، مەن ھەر قانداق ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىشىغا تىرىشىمەن.
-ياخشى، بولىدۇ شاۋ ۋاڭ، سىز ئەتە«خەلققە قولايلىق ساقچى پونكىتى»غا دەل ۋاقتىدا بېرىپ ساقچىلارغا ئۇقتۇرۇش قىلىڭ! ھەممەيلەن ھوشيارلىقىنى ئۆستۈرۈپ، جىددى تەييارلىق ھالىتىدە تۇرسۇن، قۇتقۇزۇش سىگنالى كەلگەن ھامان، ئۇ يەرگە دەرھال يېتىپ بېرىپ تېررورچىلارنى تۇتقۇن قىلىڭلار!
خىزمەتكە كۆرسىتىپ، يۇقىرى مەنسەپكە ئېرىشىش خىيالىدا قالغان ۋاڭ، ئەتىگەندىلا «خەلققە قولايلىق ساقچى پونكىتى»غا يېتىپ كەلدى-دە، كۈزۈتۈش ئاپىراتى، كومپيۇتېر ۋە تور-تېلفونلارنى جىددىي مەشغۇلات ھالىتىگە كەلتۈردى. ئاندىن خىزمەتتىكى ساقچىلارنىڭ قورال-ياراقلىرىنى تەكشۈرۈپ، قىسقا ماۋزورلۇق ئاپتومات، كۆز ياشارتىش بومبىسى، توك كالتىكى، كويزا-كىشەن قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى يانلىرىغا ئېلىپ، تەييار ھالەتتە تۇرۇشقا بۇيرۇق چۈشۈردى.
دېگەندەك، سائەت 8 بولۇشىغىلا قۇتقۇزۇش سىگنالى چېلىنىپ، قىزىل چىراقلار غوڭۇلداشقا باشلىدى. ۋاڭ بىر بۆلەك ساقچىلارنى باشلاپ، قولايلىق ساقچى پونكىتىدىن ئېتىلىپ چىققانچە ۋەقە بولغان جايغا 2 مىنۇت ئىچىدىلا يېتىپ كەلدى-دە، ئىككى تېرورچىنىڭ بىر ئايالنى تۇتۇۋېلىپ، گېلىدىن بوغۇپ، ئۆلتۈرمەكچى بولغان ھالىتىنى كۆرۈپ، ساقچىلارغا: ئۇلارنى قورشاپ يېقىنلىشىشقا بۇيرۇق چۈشۈردى. شۇنىڭ بىلەن ھايت-ھۇيت دېگۈچىلا، ۋاڭ باشلاپ كەلگەن ساقچىلار ئىككى تېرورچىنى قورشاپ تۇتۇۋېلىشتى. تېررورچىلارنىڭ قولىدا گەرچە پىچاق بولسىمۇ،كەلگەن ساقچىلارغا ھېچقانداق قارشىلىق قىلمىدى، پەقەتلا ئۇلار خۇددى بىرسى كىنوغا ئېلىۋاتقاندەك، ئايالنىڭ گېلىنى بوغۇزلىماقچى بولغاندەك ھالەتتە، پىچاقنى سۈركەپلا تۇراتتى.
تېررورچىلار تۇتۇلدى. شۇ ھامان نەق مەيدانغا كامېرا كۆتۈرۈپ كەلگەن مۇخبىرلار ۋە بىر نەچچە ئالاھىدە ماشىنىلار پەيدا بولۇپ، نەق مەيداننى سۈرەتكە ئېلىشتى. كەلگەن ئالاھىدە ماشىنىلاردىن شىنجاڭ سېكرىتارى چېن ۋە ئۇ باشلاپ كەلگەن بىر قىسىم يۇقىرى قاتلام ئەمەلدارلار چۈشۈپ، نەق مەيداننى قورشاپ، تېررورچىلارنى تۇتىۋالقان ساقچىلار بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارنى ئالاھىدە ماختاپ كېتىشتى. شىنجاڭ سېكرىتارى چېن سائىتىگە قاراپ: بەك ياخشى بولدى. مانا ئىككى مىنۇت ئىچىدىلا، ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا كېلىپ بولدۇڭلار، مۇشۇنداق جىددى قارشىلىق بولغاندىلا، ھەر قانداق تېررورچىلار بىزنىڭ ئالقىنىمىزدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. ئەمدى ۋەزىپەڭلار ئاياغلاشتى. سىلەر سىناقتىن ئۆتتۈڭلار، بۇ ئىككى تېرورچىنى دەرھال قويۇپ بېرىڭلار! دەپ، ئۇلارنى تۇتىۋالغان ساقچىلاردىن ئاجرىتىپ ئېلىپ، ئالاھىدە ماشىنىغا چىقىرىپ، ئېلىپ كېتىشتى شۇ چاغدىلا ۋاڭ، بۇ ئىشنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى چۈشەندى. بۇ ئەمەلىيەتتە بىر تەبىئىي يۈز بەرگەن تېرورلۇق ۋەقەسى بولماستىن، بەلكى شىنجاڭنىڭ سېكرىتارى چېن نىڭ «خەلققە قولايلىق ساقچى پونكىتى» نىڭ خىزمەت ئىقتىدارىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرغان مەخسۇس بىر سىنارىيەسى ئىدى.
ۋاڭ بۈگۈن باشقىچىلا خوشال ئىدى. ئۇ تۇنجى قېتىم چېگرا رايون سېكرىتارى چېن بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈش پۇرسىتىگە ئىگە بولغان ئىدى. سېكرىتار چېن، ساقچى مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭنىڭ قولىنى چىڭ سىقىپ تۇتۇپ: «ئاپىرىن سىلەرگە! خەلق ساقچىلىرى مۇشۇنداق بولۇشى كېرەك! سىلەردەك ھەر دائىم يۈكسەك ھوشيارلىق ھالىتىدە تۇرغاندىلا، تېررورچىلارغا دەل ۋاقتىدا زەربە بېرىپ، دۆلەتنىڭ ئامانلىقنى قوغدىغىلى بولىدۇ. سىلەر: كوممۇنىستىك پارتىيە تەرىپىدىن تەقدىرلىنىسىلەر» -دېگەن ئىدى.
ۋاڭ بۇ قېتىمقى سىنارىيەدىن كېيىن، يەنە بىر نەچچە سائەت كۆزىتىش ئاپپاراتى بىلەن مەشغۇل بولۇپ، ئۇنىڭدىن سىگنال چىققان ھامان كوچىغا چىقىپ، يەنە بىر نەچچە كىشىنى:« يانفونۇڭدا مەسىلە بار» دېگەن باھانە بىلەن تۇتقۇن قىلىپ ئېلىپ كىرىشتى. بۇ قېتىم تۇتۇلغانلار ئىچىدە يۈزى يۇمىلاق، ئاق سېرىق كەلگەن، قوشۇمقاش، ئوماققىنە بىر قىز بولۇپ، ئۇنىڭ يانفونىدا پۈتۈن خەلقئارادا ئەركىن قوللىنىلىدىغان «ۋاتسىياپ ئەپى»چىقىپ قالغانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغان ئىدى.
ئۇ قىزنىڭ ئىسمى گۈلزىرە بولۇپ، ئەسلىدە ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان بولسىمۇ، كېيىن، ئاتا-ئانىسى بىلەن قازاقىستانغا كۆچۈپ چىقىپ كېتىپ، قازاقىستاندا ئولتۇراقلىشىپ قالغانىدى. بۇ قېتىممۇ ئۇ ئۈرۈمچىگە بوۋا ۋە مومىسىنى يوقلاپ كەلگەن بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ يانفونى سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلىنىشىنى ھېچقاچان ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى. چۈنكى ئۇ، قازاقىستاندىكى ۋاقتىدا، ۋاتسىياپ نىڭ باشقا بىر يەردە چەكلىنىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ باقمىغان ئىدى. ئۇنى قازاقىستان پۇقرالىرى باشقا بارلىق دۆلەتنىڭ پۇقرالىرىغا ئوخشاش ئەركىن ئىشلىتەلەيتتى. خىتايلار تەرىپىدىن بېسىبلىنغان شەرقىي تۈركىستاندا بولسا، ۋاتسىياپ ئىشلىتىش چەكلەنگەن بولۇپ، ئۇنى ئىشلەتكەنلەر:«چەتئەلدىكى بۆلگۈنچىلەر بىلەن ئالاقىسى بولغان گۇمانلىق كىشىلەر» دەپ تۇتقۇن قىلىناتتى.
ۋاڭ تۇتقۇن قىلىنغانلارنى ئالاھىدە ساقچى ئەترىتىگە ئېلىپ كېلىپ، خىزمەتچىلىرىگە: تۈنۈگۈن كېچە ۋە بۈگۈن تۇتۇلغانلار ناھايتى كۆپ، شۇڭا، ھەممىسىنى بۈگۈن سوراق قىلىپ، تۈگۈتىڭلار!-دەپ، بۇيرۇق بېرىۋېتىپ، گۈلزىرەنى ئۆزى سوراق قىلىشقا كىرىشتى:
-جىنايىتىڭنى ئىقرار قىل!
-نېمىنى ئىقرار قىلىمەن؟ مەندە جىنايەت يوق، مېنى قويۇپ بېرىڭلار، سىلەرنىڭ مېنى سوراق قىلىش ھوقۇقىڭلار يوق!
-نېمە دېدىڭ؟ نېمىشقا،سېنى سوراق قىلىش ھوقۇقىمىز بولمايدىكەن؟
-ئەلۋەتتە بولمايدۇ، چۈنكى، مەن قازاقىستان پۇقراسى،جۇڭگۇ پۇقراسى ئەمەس!
-ئۇنداق بولسا نېمە بولۇپتۇ،سەن بىزنىڭ دۆلىتىمىزدە جىنايەت سادىر قىلغان ئىكەنسەن. ئەلۋەتتە بىز سېنى سوراق قىلالايمىز ۋې قازالىيالايمىز!
-ئۇنداق قىلساڭلار،مەن قازاقىستان ھۈكۈمىتىگە ئەرىز قىلىمەن!-دېدى گۈلزىرە،ئۆزىگە ئىشەنچ قىلىپ.
-نېمە قىلساڭ-قىل! بىز سېنىڭ ھۈكۈمىتىڭدىن قورقۇپ قالمايمىز. قېنى جىنايىتىڭنى ئىقرار قىل،بۇنىڭغا قول قوي!-دەپ.« بىر ئىقرارنامە»نى ئۇنىڭ ئالدىغا تاشلىدى.گۈلزىرە ئۇنىڭغا قول قويۇشنى رەت قىلىۋىدى، ۋاڭ ئۇنى قولىدىكى توك كالتىكى بىلەن ئۇرۇپ، ھوشىدىن كەتكۈزىۋەتتى،ئاندىن ئۇنىڭ قولىنى سوزۇپ ئەكىلىپ، ئالدىن تەييارلاپ قويغان:«ئىقرارنامە»گە مەجبۇرىي قول قويدۇرىۋېلىپ،باشقا بىرمۇنچە تۇتقۇنلار قاتارىدا داۋانچىڭدىكى ئاتالمىش:«كەسپى قايتا تەربىيەلەش مەركىزى»گە يوللاپ بەردى.
ۋاڭ بۈگۈن بەكلا خوشال ئىدى. ئۇ ئالاھىدە ساقچى ئەترىتى باشلىقىنىڭ ئىشخانىسىغا كېلىپ، ئۇنىڭغا بۈگۈنكى «تېرورلۇق ۋەقەسى سىنارىيەسى»نىڭ جەريانىنى دوكلات قىلدى: ياڭ باشلىق، بۈگۈنكى سىناقتىن بىز مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتتۇق، ئەسلىدە مەن بۇنى تېخى بىر ھەقىقىي «تېرورلۇق ۋەقەسى»دەپ چۈشۈنۈپ، تېررورچىلار بىلەن بىر قەپەس تۇتۇشىدىغان بولدۇق، چوقۇم بىر نەچچە تېررورچىلارنى قولغا چۈشۈرۈپ ياكى ئېتىپ تاشلاپ، چوڭ خىزمەت كۆرسىتىدىغان بولدۇق ئويلىغان ئىدىم. شۇڭا بىز بىرىنچى بولۇپ، نەق مەيدانغا بېرىپ بولغان ئىدۇق، ئەمما نېمىشقىكىن؟ تېررورچىلار بىزگە قاتتىق قارشىلىق كۆرسەتمىدى. ئەگەردە قارشىلىق كۆرسىتىپ قالغان بولسا، مەن چۇقۇم ئۇلارنى ئېتىپ تاشلىغان بولاتتىم. كېيىن بىلدىمكى، بۇ چېن سېكرېتارنىڭ مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرغان:«خەلققە قوليلىق ساقچى پۇنكىتى»نىڭ خىزمەت ئىقتىدارىنى سىناش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان بىر قېتىملىق ئىمتىھانى ئىكەن. بىز بۇ ئىمتىھاندىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتتۇق. چېن سېكرىتار ئۆزى ئالايىتەن كېلىپ، بىز بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى ۋە بىزنى ئىنتايىن بەك ماختاپ كەتتى.
ياڭ ئەسلىدە بۇنىڭ بىر سىنارىيە ئىكەنلىكىنى بىلىدىغان بولۇپ، شۇنداقتىمۇ ئۆزىنىڭ ياردەمچىلىكىگە تەيىنلەنگىنىگە ئانچە ئۇزاق بولمىغان ۋاڭنىڭ قولىنى سىقىپ تۇرۇپ:-خىزمىتىڭىزنى ناھايىتى ياخشى ئورۇندىدىڭىز! سىز ھەقىقەتەن ئىقتىدارلىق ياش ئىكەنسىز-دەپ، ماختاپ قويدى. ئاندىن يەنە-چېن سېكرىتارنىڭ سىنىقىدىن ئۆتتى دېگەن گەپ-تېررورلۇققا قارشى جەڭنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدۇ دېگەن گەپتۇر، چۈنكى، چىن سېكرىتار شىنجاڭدا باش سېكرىتار شى جىن پىڭ نىڭ يول يورۇقلىرىنى تولۇق ئىجرا قىلىپ، تېررورلۇقنى تۈپ يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلاش ئۈچۈن بارلىق يېڭى تېخنىكا ۋە ئىلغار قوراللارنى ئىشقا سېلىۋاتىدۇ. شۇڭلاشقا، ھازىرلا ئۇنىڭ نەتىجىسى كۆرۈلۈشكە باشلىدى. چېن سېكرىتارنى مەقسىدىگە يەتتى دېيىشكە بولىدۇ. چۈنكى، ھازىر تېررورلۇق ۋەقەلىرى نۆل دەرىجىگە چۈشتى. ئۇ كەلگەندىن بۇيان شىنجاڭدا ھىچبىر تېررورلۇق ۋەقەسى يۈز بېرىپ باقمىدى. ئەمدى قالغان ۋەزىپە بىزگە چۈشمەكتە. شۇڭا تۆۋەندىكى كادىر-ساقچىلار مۇقىملىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بارلىق تىرىشچانلىقنى كۆرسىتىشىمىز لازىم، شۇنداق قىلغاندىلا شىنجاڭدا ئەسەبىي ئۇنسۇرلار ۋە تېررورچىلارنى مەڭگۈ باش كۆتۈرەلمەس قىلىۋەتكىلى بولىدۇ، ئاندىن باش سېكرىتارنىڭ كۆزلىگەن نىشانى-«ئەبەدى ئەمىنلىك»ئىشقا ئاشىدۇ.
-توغرا دېدىڭىز!-دېدى ۋاڭ باشلىقىغا خوشامەت قىلىپ،-ئەمدىكى گەپ تۆۋەندىكى كادىر-ساقچىلارغا باغلىق بولۇپ قالدى، شۇڭا بىز بارلىق كۈچىمىزنى ئىشقا سېلىپ، تېرورچىلار بىلەن كەسكىن كۈرەش قىلىشىمىز لازىم. ئۇلارغا قىلچىلىك رەھىم قىلىشقا بولمايدۇ!
-مانا ھەقىقى يىگىت دېسە، سىزنى دېسە بولىدىكەن!-دەپ، ماختاپ كەتتى ياڭ ئۆزىنىڭ ياردەمچىسىنى خۇددى بىرىنچى قېتىم كۆرۈۋاتقاندەك سىڭا كۆزى بىلەن قاراپ-ھەممە ساقچىلاردا سىزدەك ئىرادە بولىدىغانلا بولسا،تېررورلۇق بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك كۈرەش قىلغىلى بولىدۇ، مەن سىزدىن بەكمۇ خۇرسەن. ناۋادا مېنىڭ خىزمىتىم يۆتكىلىپ قالسا، سىز بۇ يەرگە ئەڭ مۇۋاپىق نامزات بولالايسىز، مەن بۇ ھەقتە يۇقىرىغا مەخسۇس دوكلات يوللايمەن.يۈرۈڭ، چۈشلۈك تاماقنى بىللە يەيلى، ئاندىن، بۇندىن كېيىنكى خىزمەتنى ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىشىمىز كېرەك!
چۈشلۈك تاماقلىرىنى يەپ، دەم ئېلىشنى تۈگەتكەن ۋاڭ بىلەن ياڭ، ئالاھىدە ساقچى ئەترىتىدىكى ئىشخانىسىغا قايتىپ چىقىپ، تاماق ۋاقتىدا ئايىغى چىقمىغان خىيالى پاراڭلىرىنىڭ داۋامىنى باشلىدى: ئەمدى گەپنىڭ ئوچۇقىنى ئېيتسام يولداش شياۋ ۋاڭ! مېنىڭ يۇقىرىغا يۆتكىلىپ كېتىشىم ئېنىق بولماقتا، مەن بۇ يەردە ئۇزاق يىل ئىشلىدىم ۋە كۆپ خىزمەتلەرنى كۆرسەتتىم. مېنىڭ ئەمدى ئەمىلىمنىڭ ئۆسىدىغان ۋاقتى كەلدى. ئەگەر يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەزىپىگە تەيىنلىنىپ قالسام، سىزنى ھەرگىزمۇ ئۇنتۇپ قالمايمەن. بۇنىڭ ئۈچۈن سىزدىن كۈتىدىغىنىم : ئەگەر يۇقىرىدىن بىرەرسى مەن توغرۇلۇق سوراپ قالسا، مېنى ماختاپ قويسىڭىزلا بولىدۇ. بولۇپمۇ ئىقتىسادى جەھەتتە، مېنىڭ پاك ئەمەلدار ئىكەنلىكىمنى يۇقىرىنىڭ بىلىشى بەكمۇ مۇھىم، چۈنكى، ھازىر ئەمەلدارلاردا ئىقتىسادىي چىرىكلىك مەسىلىسى ئېغىر بولماقتا. ئەگەر مۇشۇ ئۆتكەلدىن ئۆتەلىسەملا، ماڭا يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەل بېرىلىشى مۇمكىن!
-بولىدۇ، چاتاق يوق-دەپ خوشامەتلەرچە ھىجايدى ۋاڭ-سىزنىڭ پاك ئەمەلدار ئىكەنلىكىڭىزنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ. مەن تېخىمۇ سىزگە ئىشىنىمەن. خاتىرجەم بولۇڭ، باشلىق! مەنمۇ سىزنىڭ قوللىشىڭىزغا مۇھتاج، خىزمەت تەجرىبىلىرىڭىز ھەققىدە ماڭا دەرس بېرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن!
-بولىدۇ يولداش شىياۋ ۋاڭ،-دېدى ياڭ ئۇنىڭدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ-بىزنىڭ«ئالاھىدە ساقچى ئەترىتى» مىز، شىنجاڭدا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنىڭ ئالدىنقى سەپ قاراۋۇلخانىسىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭغا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتا ئالاھىدە ھوقۇق ۋە مۇھىم خىزمەت ۋەزىپىسى بېرىلگەن. ئەگەر سىز بۇ يەردە خىزمەت كۆرسەتسىڭىز، يۇقۇرى ئۆرلەش فۇرسىتى تېزرەك قولۇڭىزغا كېلىدۇ. فۇرسەت كەلگەندىن كېيىن بولسا، بىرئاز مەرتلىك قىلىشىڭىز، يەنى قولۇڭىزنى ئوچۇق تۇتۇپ،يۇقۇرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ چۆنتىكىگە ئانچە-مۇنچە فۇل سۆڭگۈتۈپ قويۇشىڭىز كېرەك!
-بولىدۇ باشلىق! چوقۇم شۇنداق قىلىمەن!-بىز شەندۇڭلۇقلار خېلى مەرت كېلىمىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە:«يۇقىرىغا ئۆرلەش ئۈچۈن خەجلەنگەن پۇل بىكارغا كەتمەيدۇ »دەپ، ئويلايمەن. باشقىلاردىن ئاڭلىشىمچە، چېگرا رايونىدا ئەمەلدارلارنىڭ ھوقۇقى قانچە يۇقىرى بولغانسېرى، شۇنچە باي بولۇپ كېتەرمىش!
-توغرا، دېدىڭىز، شياۋ ۋاڭ! بۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئەمىلىمنىڭ ئۆسۈشىنى ئۇزۇن ۋاقىت كۈتكەن ئىدىم. ئاخىرى بۇ ئارزۇيۇمغا يېتىدىغاندەك تۇرىمەن. ئالدىمىزدا، چوڭ بىر يىغىن ئېچىلىپ، ئەمەلدار تەڭشەش ئېلىپ بېرىلىدىغاندەك تۇرىدۇ. ئۇ چاغدا سىز بەلكى مېنىڭ ئورنۇمنى ئېلىشىڭىز مۇمكىن!
باشلىقىنىڭ ئاخىرقى سۆزىدىن كېيىن، ۋاڭنىڭ كۆزلىرى خۇمارلىشىپ، گازىردەك ئىنچىكە كۆزى تېخىمۇ كىچىكلەپ، خۇددى مىق ئىلىۋېلىپ، يىرتىۋەتكەن ئەسكى چاپاننىڭ تۆشۈكىگىلا ئوخشاپ قالغان ئىدى.
بۈگۈن ۋاڭ نىڭ چىرايىدىن بەكلا غەلىتە ئالامەتلەر ئەكس ئېتىۋاتاتتى. تۇرۇپلا خوشالدەك كۆرۈنەتتى. تۇرۇپلا تۇتۇلۇپ قالاتتى. ئۇنىڭ بۇنداق غەلىتە كۆرۈنۈشىدىكى سەۋەب، كېچىدە كۆرگەن چۈشىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ « توخۇ داڭگال چۈشەپتۇ، ئۆچكە جاڭگال»دېگەندەك ئۇ پادىشاھلىق تاجى كىيىپ، چۈش كۆرۈپ قالغانىدى. شۇنداق بولغاچقىمىكىن، ئۇ ئويغانغاندىن بۇيان كېچىدە كۆرگەن چۈشنى بىر نەچچە قېتىم ئەسلەپ چىقتى:«ئۇ چۈشىدە بۇنىڭدىن بىر نەچچە ئەسەر بۇرۇنقى پادىشاھلىق دەۋرىدە ياشاۋاتقان بولۇپ، مەلۇم بىر يەرگە بارماقچى بولۇپ يولدا كېتىۋاتسا، توساتتىن نۇرغۇن كىشىلەر بىر تەختى راۋاننى كۆتۈرۈپ كېلىپ، ئۇنىڭغا: سەن ۋەزىر بولىسەن، پادىشاھىمىز سېنى ئىزدەۋاتىدۇ-دەپ بىر-بىرى بىلەن بەسلىشىپ دېگۈدەك، تەختى راۋاننى كۆتۈرۈپ، ئۇنى پادىشاھ سارىيىغا ئېلىپ كېلىشىدۇ. ساراينىڭ كىرىش ئېغىزىغا قىزىل گىلەملەر سېلىنغان بولۇپ، ئۇنى نۇرغۇن كىشىلەر قارشى ئېلىش ئۈچۈن ئىككى تەرەپتە قاتار تۇرۇشىدۇ. پادىشاھ بولسا ئۆرە تۇرۇپ ئۇنىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ تۇرىدۇ. تەختىراۋان پادىشاھنىڭ ئالدىغا قەدەر ئېلىپ كېلىنىپ، ئۇ بىر نەچچە كىشىنىڭ ئاۋايلاپ قىلغان ياردىمى بىلەن يەرگە چۈشۈرۈلۈپ، پادىشاھنىڭ ئالدىغالا چۈشۈرىلىدۇ. پادىشاھ بولسا،ئۇنىڭ ئالدىغىچە بىر نەچچە قەدەم چامداپ كېلىپ، ئۆز بېشىدىكى شاھلىق تاجىسىنى ئېلىپ ئۇنىڭغا كىيدۈرۈپ قويىدۇ ۋە: سىزنى تەبرىكلەيمەن. سىز بۇنىڭدىن كېيىن مېنىڭ ئورنۇمغا بۇ دۆلەتكە پادىشاھ بولىسىز!-دەپ، ئۈنلۈك ھالدا جاكارلايدۇ. ۋاڭ بولسا پادىشاھغا ئېگىلىپ تازىم قىلىپ، رەھمىتىنى بىلدۈرىدۇ ».
ئۇ ئەمدى ئۆزىنىڭ پادىشاھ بولغانلىقىنى ھېس قىلىپ، تەخت كۇرسىغا بېرىپ ئولتۇرماقچى بولۇپ قەدەم ئېلىش ئالدىدا، بېشىدىكى تاجىسىنىڭ قانداق نەرسە ئىكەنلىكىنى بىلمەكچى بولۇپ، تۇتۇپ باقىدۇ. شۇ ئەسنادا ئۇنىڭ قولىغا خۇددى سۇدەك بىر سۇيۇقلۇق ئېقىپ چۈشۈشكە باشلايدۇ. ئەسلىدە بۇ بىر ئادەم قېنى بولۇپ، ئېقىپ چۈشكەن قانلار ئۇنىڭ بۇرۇن ۋە ئاغزىلىرىغا كىرىشكە باشلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ پۈتۈن ئىچكى قىسمى قان بىلەن تولۇپ كېتىدۇ. ۋاڭ قولىنى بېشىدىن تارتىپ ئاغزى بۇرنىنى توسۇپ ئېتىۋالماقچى بولىدۇ-يۇ، ئەمما بۇ چاغدا قان ئاللىبۇرۇن ئۇنىڭ ئىچىگە توشۇپ كېتىدۇ. ئۇ نېمە قىلارىنى بىلمەي تىپچەكلەپ تۇرغاندا، قان بىردىنلا زۇۋانىغا كېلىپ ۋاڭغا سوئال قويىدۇ :
-ھەي، زالىم! سەن نېمىشقا بىگۇناھ ئىنسانلارنى تۇتقۇنى قىلىسەن؟ نېمىشقا ئۇلارنى ئۇرۇپ قىينايسەن ۋە ئۆلتۈرىسەن؟ ۋاڭ دۇدۇقلىغان ھالدا قانغا جاۋاب بېرىدۇ:
-ئۇلارنى تۇتقۇن قىلىشىمدىكى سەۋەب شۇكى، ئۇلار گۇناھكاردۇر، دۆلىتىمىزنىڭ دۈشمەنلىرىدۇر! قان يەنە سورايدۇ: ئۇلار قانداق قىلىپ، گۇناھكار بولسۇن، سىلەرگە نېمە دۈشمەنلىك قىلدى؟
-ئۇلار شۇنىڭ ئۈچۈن گۇناھكاركى، ئۇلار بىزگە ئوخشىمايدۇ، بىز ئېتىقاد قىلغان نەرسىگە ئىشەنمەيدۇ. ئۇلارنىڭ كاللىسى چاتاق، شۇڭلاشقا، خۇدا دەيدىغان يوق بىر نەرسىگە ئېتىقاد قىلىۋېلىشتى.شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ئېغىر گۇناھكاردۇر. ئۇنىڭدىن قالسا ئۇلار: بىز بۇ يەرنىڭ ئەسلى ئىگىلىرى دەپ، بىزنىڭ بۇ شىنجاڭنى خالىغانچە باشقۇرۇشىمىزغا قارشى چىقتى. ھەتتا ئۇلار مۇستەقىل دۆلەت قۇرماقچى بولۇشقان ئىدى. گەرچە ئۇلار ئۆتكەن ئەسىردە ئىككى قېتىم مۇستەقىل دۆلەت قۇرغان بولسىمۇ، ئاخىرىدا يەنىلا مەغلۇپ بولدى. ئەمما،ھازىرغىچە ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىپ كەچكىنى يوق، شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئۇلارنى دۈشمەن دەپ قارايمىز.
-قۇرۇق گەپ، تۆھمەت!-دەپ غەزەپلەندى قان،-ئۆزىنىڭ يېرىدە ئۆزى دۆلەت قۇرۇش، ئىنساننىڭ ئاللاھ بەرگەن ئەڭ ئاددى بىر ھوقۇقىدۇر. سىلەرنىڭ باشقا يەردىن كېلىپ، ئۇلارنىڭ بۇ ھوقۇقىنى تارتىۋېلىپ، دۆلىتىنى ئىگەللىۋالغاننىڭ ئۈستىگە، ئۇلارنى دۈشمەن كۆرۈشۈڭلار،ئۆتۈپ كەتكەن بىر مۇتىھەملىك ۋە زالىملىقتۇر. زالىملار ھامان بىر كۈنى قىلغان يامانلىقلىرىنىڭ دەردىنى تارتىدۇ ۋە ھېسابىنى بېرىشكە مەجبۇر بولىدۇ.
-ياق، بىز زالىم ئەمەس، جۇڭخۇئا مىللىتى دۇنيانىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بۈيۈك بىر خەلقتۇر. شۇڭا ئۇلار دۇنيانى باشقۇرۇشى كېرەك!-دەپ قارشىلىق بىلدۈردى ۋاڭ،
-كۆتەر ئۇنداق قۇرۇق گېپىڭنى،دەرھال زالىملىقىڭنى توختات! بىگۇناھ ئىنسانلارنى خالىغانچە تۇتقۇن قىلما ۋە ئۇرۇپ-قىيناپ جېنىنى ئالما، ئەگەر بۇ جىنايى قىلمىشىڭنى يەنىلا داۋاملاشتۇرىدىغان بولساڭ، سېنىڭ ھازىرلا جېنىڭنى ئالىمەن!
-ياق، ئالالمايسەن،-دەپ ۋاقىرىدى ۋاڭ،ئۇنىڭ ۋاقىرىشىدىن،قاتتىق غەزەپلەنگەن قان ئۇنىڭدىنمۇ قاتتىق بىر ئاۋاز چىقىرىپ، ئۇنىڭ تومۇرلىرىدا پىرقىراشقا باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرلا ۋاقىتتا، دەھشەتلىك بىر ۋولقانغا ئايلىنىپ، پارتىلىدى-دە، ۋاڭ نىڭ بەدىنىنى تىتمۇ-كاتتاڭ قىلىۋەتتى. ئۇ بىر چىقىرغانچە جايىدىلا جان بەردى.
ۋاڭ ئادەتتە كۆرگەن چۈشىگە بەك ئىشىنىپ كەتمەيتتى. ئەمما ئۇ بۇ قېتىم بىر تۇرۇپ ئىشەندى ۋە بىر تۇرۇپ ئىشەنمەيتتى. چۈشىنىڭ باش قىسمىغا ئىشىنىپ، ئۆزىچە خۇشال بولسىمۇ، ئەمما ئاخىرىسىنى ئويلىسا غەمگە پاتاتتى. شۇڭا ئۇ،كۆرگەن بۇ چۈشى ھەققىدە بىرەرسىدىن مەسلىھەت سورىماقچى بولۇپ، ساۋاقدىشى جاڭغا تېلېفونقىلىپ، ئۇنى ئۆزى بىلەن بىللە زىياپەت قىلىشقا تەكلىپ قىلدى.
ۋاڭ ساۋاقدىشى جاڭ كەلگەندىن كېيىن، ئۇنى ياتىقىغا باشلاپ، نۇرغۇن زاكوسكىلارنى ۋە ھاراق-شەرەپنى تەييارلاپ كۈتۈۋالدى. ئۇ ساۋاقدىشى جاڭدىن ئەھۋال سوراپ بولغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ كېچىدە كۆرگەن كىشى ھەققىدە مەسلىھەت سوراپ مۇنداق دېدى:
-سېنىڭچە بۇ كۆرگەن چۈشۈم قانداقراق تۇرىدۇ؟ بېشىغا قارىسام شۇنداق ياخشى، ئەمما ئاخىرى ياخشى ئەمەس!
-مېنىڭچە-دېدى جاڭ ئۇنىڭغا مەسلىھەت بېرىپ-ئادەم نېمىنى كۆپ خىيال قىلسا، شۇ چۈشىگە كىرىپ قالىدىغان ئىشلارمۇ بولىدۇ، ئەمما« چۈش كۆردۈم» دەپ،كۆرگەن چۈشنىڭ ھەممىسىگە ئىشىنىپ كېتىشكىمۇ بولمايدۇ. شۇڭا، بۇنىڭدىن بەك ئەندىشە قىلىپمۇ كەتمىسەڭمۇ بولىدۇ.
ۋاڭ ساۋاقدىشى جاڭنىڭ بۇ مەسىلىھەتىدىن كېيىن، بىرئاز ئويلىنىپ تۇرۇپ قالدى-دە، ئاندىن ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ كۆڭلىدىكىنى دېدى: ئۈلۈشكۈن بىزنىڭ باشلىق ماڭ: ئالدىمىزدا چوڭ بىر يىغىن ئېچىلىپ، ئەمەلدار تەڭشەش ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ناۋادا ئۆزى يۇقىرىغا ئۆسۈپ قالسا، مېنى ئورنىغا كۆرسىتىدىكەن ۋە يۇقىرىدىن تەستىقلىنىپ قالغان تەقدىردە، مەن بىرىنچى باشلىقلىق ۋەزىپىگە تەيىنلىنىدىكەنمەن.
-ھەئە، شۇنداقمۇ؟-دېدى جاڭ كۆزىنى قىزارتقانچە ساۋاقدىشى ۋاڭ غا قاراپ-ئۇنداق بولسا بۇنىڭغا ئىشەنسەڭمۇ بولىدىكەن، مېنىڭ ئاڭلىشىمچىمۇ، ھازىر بىر نەچچە ئايدا بىر قېتىم ئەمەلدار تەيىنلەش ۋە ئۆستۈرۈش ئىشى بولۇۋېتىپتۇ، بولۇپمۇ بىز ساقچى سىستېمىدىكىلەردىن خىزمەت كۆرسەتكەنلەر بولسا، ناھايىتى تېز ئۆستۈرۈلىدىكەن. شۇڭا، سېنىڭ ئەمىلىڭ چۇقۇم ئۆستۈرۈلۈشى مۇمكىن!
-سەنچۇ، ساڭىمۇ باشلىقىڭ بىرەر خەۋەر بەرمىدىمۇ؟ ئىشلىرىڭ قانداق كېتىۋاتىدۇ؟ دەپ، باشقىدىن گەپ سوراشقا باشلىدى ۋاڭ ساۋاقدىشى جاڭدىن،
-ياق، بىزنىڭ باشلىقتىن ماڭا بىرەر خەۋەر كەلمىدى. ئۇنىڭ نېمە خىيالى بار، ھازىرغىچە بىلەلمىدىم. ئۇنىڭ «كەسپىي قايتا تەربىيەلەش مەركىزى» دىن يۆتكىلىپ كېتىش نىيىتى يوقتەك قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە داۋانچىڭدىكى « كەسپىي قايتا تەربىيەلەش مەركىزى»دە مۇئاۋىن باشلىقتىن مەندىن باشقا يەنە ئۈچ كىشى بار، ھەممىسىلا بىرىنچى باشلىققا ناھايىتى بەك خوشامەت قىلىشىدۇ. مەن ئۇنىڭ بىلەن بىر يۇرتلۇق بولمىغاچقا، ماڭا ئانچە بەك قىزغىن مۇئامىلە قىلمايۋاتىدۇ.
-ھە،شۇنداقمۇ-دېدى ۋاڭ كۆزىنى چەكچەيتىپ، داۋانچىڭدىكى «كەسپىي قايتا تەربىيەلەش مەركىزى» دە مۇئاۋىن باشلىقتىن تۆت كىشى بار دېگىنە، نېمانداق كۆپ؟
-ئۇنداق بولۇشى، داۋانچىڭدىكى لاگېرنىڭ كۆلىمى ۋە سىغىمچانلىقىنىڭ ھەددىدىن زىيادە چوڭ بولغاچقا، قىلىدىغان ئىشلارنىڭ بەك كۆپ بولغانلىقىدىندۇر. ھەر بىر مۇئاۋىن باشلىق ئىككىدىن بىناغا مەسئۇل قىلىندى. ھەر كۈنى نەچچە يۈز تۇتقۇن يېڭىدىن قوشۇلىدۇ؟ سىلەرنىڭ «ئالاھىدە ساقچى ئەترەتلىرى»مۇ ھەر كۈنى كېچىسى تۇتۇلغانلارنى ئۇدۇللۇق بىزگە ئەۋەتىۋاتىسىلەر؟ تۇتقۇنلار كامېرلارغا سىغمايۋاتىدۇ. ئۇلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە باشقۇرۇش بەكمۇ تەس بولماقتا. شۇڭلاشقا ھەرقانچە تىرىشىپ خىزمەت قىلساممۇ ئۇنىڭ نەتىجىسى كۆرۈنمەيۋاتىدۇ
– شۇنداقمۇ؟ بىز تېخى يەنە نۇرغۇن گۇمانلىق ئۇنسۇرلارنى تۇتقۇن قىلىشىمىز كېرەك ئىدى. داۋانچىڭدىكى ئەھۋاللار بۇنداق بولسا، تۇتقۇنلارنى داۋاملىق يوللىغىلى بولمامدۇ قانداق؟
-شۇنداق، توغرا دېدىڭ، ھەر كۈنى نەچچە يۈز، نەچچە مىڭلاپ كىشىنى تۇتقۇن قىلىپ يوللاۋەرسەڭلار، ئۇلارنى سىغدۇرۇش بىر مەسىلە بولىدىكەن. ئاڭلىشىمچە، سانجى ۋە ئەتراپتىكى بىڭتۈئەن(ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيەسى)نىڭ قۇرغان لاگېرلىرىمۇ بارمىش، شۇڭا ئەمدى تۇتۇلغانلارنى داۋاملىق بىزگە ئەۋەتىۋەرمەي، ئۇلارنى تارقاقلاشتۇرۇپ، ئۇ تەرەپلەرگىمۇ ئەۋەتسەڭلار قانداق بولىدىكىن؟
-ھە، شۇنداقمۇ؟ سەن كىمدىن ئاڭلىدىڭ؟« ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيسى»نىڭمۇ كەسپىي قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرى بارمىكەن؟
شۇنداق،باركەنمەن بۇنى-بىزنىڭ بىرىنچى باشلىقتىن ئاڭلىغان، ئۇ پات-پات ھەرقايسى لاگېرلارغا بېرىپ، ئۆزئارا تەجىربە ئالماشتۇرۇپ كېلىدىكەن. بەلكى كېيىنكى قېتىمدا مېنىمۇ ئېلىۋېلىشى مۇمكىن، ئۆتكەن قېتىمدا بىرىنچى مۇئاۋىن باشلىقنى ئېلىۋالغان ئىدى. بىللە بارغان ئۇ مۇئاۋىن باشلىقنىڭ ماڭا دەپ بېرىشىچە، ئۇ يەردىكى لاگېرلارمۇ توشۇقلۇق ئىكەن. ئۇلاردىمۇ ئادەم سىغدۇرۇش مەسىلە بولۇۋېتىپتۇ.
-شۇنداقمۇ؟-دەپ بېشىنى قاشلاپ،جاڭغا سوئال نەزىرى بىلەن قارىدى ۋاڭ-بۇ مەسىلىنى زادى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟
-سېنىڭچە،يېڭىدىن تۇتقۇن قىلىشنى ۋاقىتلىق توختىتىپ تۇرۇشقا ياكى تۇتۇلىدىغانلارنىڭ سانىنى ئازايتىشقا بولماسمۇ؟
-ياق،بولمايدۇ-دەپ كەسكىنلىك بىلەن جاۋاب بەردى ۋاڭ-بۇ چېن سېكرىتارنىڭ سىياسىتىگە توغرا كەلمەيدۇ، ئۇ ئالدىنقى قېتىملىق يىغىندا شىنجاڭدا «ئەبەدى ئەمىنلىك»نى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، تۇتۇلۇشقا تېگىشلىكلەرنىڭ ھەممىسىلا تۇتۇلۇشى كېرەك دېگەن ئىدى. بىز تېخى ئۇ نىشانغا يەتمىدۇق دەپ قارايمەن، شۇڭلاشقا بۇنىڭغا باشقىچە بىر چارە تېپىشىمىز كېرەك!
-سېنىڭچە قانداق چارە بار، بۇ ھەقتە ئويلىغانلىرىڭنى دەپ باققان بولساڭ-دەپ ۋاڭنىڭ كۆزىگە قارىدى جاڭ.
-مېنىڭچە-دېدى ۋاڭ ئەمدى گەدىنىنى قاشلاپ تۇرۇپ،-ئىدىيە جەھەتتىن ئۆزگەرگەن بىر قىسىملارنى قويۇپ بېرىش كېرەك. ئۆزگەرمىگەن جاھىل ئۇنسۇرلارنى ئۇزۇن مۇددەتلىك جازا بېرىپ، ھەرقايسى شەھەر-ۋىلايەتلەردىكى ۋە ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسى تۇرۇشلۇق جايلاردىكى تۈرمىلەرگە يۆتكەش كېرەك!بىر قىسىم ئەشەددى جاھىل ئۇنسۇرلارنى بولسا سوراق قىلىش جەريانىدا، قاتتىق قىيناش ئارقىلىق جېنىنى ئېلىپ يوقىتىش كېرەك!
-دېگەنلىرىڭ ئاساسەن توغرا-دېدى جاڭ ساۋاقدىشى ۋاڭغا قاراپ-ئەمما، بۇنى بىز ئۆز ئالدىمىزغا قارار قىلالمايمىز، بىزنىڭ بىرىنچى باشلىقنىڭ دېيىشىچە، تۇتقۇنلارنىڭ قويۇپ بېرىلىش مۇددىتى ۋە شەرتلىرى يۇقىرىدىن مۇقىم بېكىتىۋېتىلگەن ئىكەن، تۇتقۇنلارنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇددىتى ئەڭ ئاز ئىككى يىللىق بولغاچقا ھەمدە باشتا تۇتۇلغانلارنىڭ مۇددىتىمۇ تېخى توشمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنى تېخى قويۇپ بېرىشكە بولمايدىكەن. ناۋادا بىرەر تۇتقۇننىڭ ئىدىيىەسى ئۆزگىرىپ« جۇڭخۇئا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسى»تىكلەندى دېيىلگەندىمۇ، يەنىلا قويۇپ بېرىشكە بولمايدىكەن. چۈنكى، ئۇلارنىڭ كاللىسى يەنىلا ساق ۋە تېنى ساغلام بولۇپ، ناۋادا ئۇلار قويۇپ بېرىلگەن تەقدىردە، يەنە خاتالىق سادىر قىلىشى مۇمكىن ئىكەن! شۇڭا ھازىرچە قويۇپ بېرىلىدىغانلارنىڭ شەرتىگە چۈشىدىغانلىرى بەك ئاز بولماقتا، پەقەت ئېغىر كېسەل بولۇپ، بىر نەچچە كۈنلۈك ۋاقتى قالغانلار، ئەقلىدىن ئېزىپ، نېرۋىسىدىن كەتكەن ياكى ئائىلىسىدىكى بىرەر قىز تۇغقىنى خەنزۇلار بىلەن توي قىلىپ، ئۆزىنىڭ ساداقىتىنى ئىسپاتلىغان ئەھۋالدا قويۇپ بېرىشكە بولىدىكەن.
-ھازىرغىچە بىرەرسى قويۇپ بېرىلدىمۇ؟-دەپ،سورىدى ۋاڭ ئۇنىڭ يۇقارقى چۈشەندۈرىشلىرىدىن ئەجەبلىنىپ،
-ياق، مەن ۋەزىپىگە تەيىنلىنىپ بارغاندىن بۇيان تېخى بىرەرسى قويۇپ بېرىلمىدى، لېكىن ھەر كۈنى دېگۈدەك نەچچە ئون تۇتقۇن ئېغىر كېسەل بولۇپ قالغانلىقتىن، ئائىلىسىگە بېرىپ داۋالىنىشنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. لېكىن ئۇلارغىمۇ رۇخسەت بېرىلمىدى. بىزنىڭ ئۆزىمىزنىڭ دوختۇرلىرىمىز ئۆزلىرى دىئاگنوز قويۇپ داۋالاۋاتىدۇ.ئەمما، كۆپىنچىلىرى داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي ئۈلۈشكە باشلىدى.
-بەك توغرا قىلىپسىلەر!-دېدى ۋاڭ،ساۋاقدىشىنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى قوللىغاندەك قىلىپ-بۇ تېررورچىلارنى ھەرقانچە كېسەل بولسىمۇ قويۇپ بېرىشكە بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆلۈپ تۈگىگىنى ياخشىدۇر.
ئىككى زالىمنىڭ ئەمەل-مەنسەپ ۋە تۇتقۇنلار ھەققىدىكى تالاش-تارتىشى يۇقارقىدەك ئەھمىيەتسىز بولۇپ ئاخىرلاشتى.ئارىدىن خېلى ۋاقىت ئۆتكەن بولۇپ،ئۇلار ئۆزئارا بىر-بىرسىگە زورلاپ دېگۈدەك ئىچىشىپ، بىر نەچچە بوتۇلكىنى قۇرۇقداپ قويۇشقانىدى.ۋاڭ ئەمدى تېمىنى باشقا تەرەپكە يۆتكەپ جاڭدىن سورىدى-ئائىلەڭدىكىلەر بىلەن كۆرۈشىۋاتامسەن؟ ئۇلار ھېلىمۇ سېنىڭ شىنجاڭدىكى ساقچىلىق خىزمىتىڭگە قارشىمۇ؟
-ئائىلەمدىكىلەرنى دەمسەن؟ ئانام ھازىرغىچە قارشى تۇرىۋاتىدۇ، ئالدىنقى ئايلىق مائاشىمنى ئەۋەتىپ بەرگەندىن كېيىن، دادامنىڭ پوزىتسىيىسى بىراز ئۆزگەردى. ئەمما ئۇ، يېشىمنىڭ چوڭىيىپ قالغانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، مېنىڭ بويتاق ياشىماي، تېزرەك ئۆيلىنىشىمنى تەۋسىيە قىلدى. مەن ئۇنىڭغا: ئۇنداق بولسا يۇرتتىن بىر قىز تونۇشتۇرۇپ بېرىڭلار ياكى ئائىلىسى بىلەن كۆرۈشۈپ، قىز بىلەن سۆزلىشىپ قويۇڭلار، ئاندىن كېيىن مەن رۇخسەت ئېلىپ كوماندىروپكىغا چىقاي دېدىم. ئەمما، ئۇلار: يۇرتىمىزدا قىز تاپماقنىڭ بەكمۇ تەسلىكىنى، بولسا مۇشۇ ئۆزەم خىزمەت قىلىۋاتقان يەردىن بىرەرسىنى تېپىپ ئۆيلىنىشىمنى ئېيتىشتى. مەن ئۇلارغا بۇ يەردىمۇ ئۆز قىزلىرىمىزنى تاپماق تەس،يات مىللەتنىڭ قىزلىرى بىلەن توي قىلسام بولامدۇ؟-دەپ سوردىم. ئۇلار: سېنى چۈشەنسە ۋە گېپىڭنى ئاڭلىسا بولىدۇ-دەپ جاۋاب بەردى.
-شۇنداقمۇ، بۇ ئىش ياخشى بولۇپتۇ-دېدى ۋاڭ ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىغا قىزىقىپ-سېنىڭ داداڭ دۆلەت، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىشىنى چۈشەنمىگەن بىلەن ئائىلە ئىشىنى ياخشى چۈشىنىدىكەن، دېمىسىمۇ توغرا! بىزنىڭ يۇرتىمىزدا توي قىلمىقىمىز بەك تەسكە توختايدۇ. چۈنكى، ئۇ يەردە قىز نوپۇسى ئاز، شىنجاڭدا بولسا ئۇنداق ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە، بىز نۇرغۇن ياش ئەرلەرنى تۇتقۇن قىلىپ،«كەسپى قايتا تەربىيەلەش مەركىزى»گە يىغىۋالدۇق. تۇتۇلغانلار ئىچىدە قىز-ئاياللار ئانچە كۆپ ئەمەس، تۇتۇلغانلاردىن كۆپىنچىسى ئەرلەردۇر. شۇڭا بۇنداق شارائىتتىن پايدىلىنىپ، كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، مۇشۇ يەردىن ئۆيلىنىۋالساڭ تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ دەپ قارايمەن.
-توغرا دېدىڭ!-دېدى جاڭ ساۋاقدىشى ۋاڭنىڭ پىكىرىگە قوشۇلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ-ئۇيغۇرلارنىڭ قىزلىرى چىرايلىق كېلىدىكەن، ناۋادا بىرەرسى مېنى ياقتۇرۇپ قالسا،ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىشىم مۇمكىن!
-نېمىشقا ياقتۇرمايدىكەن-دېدى ۋاڭ قاپىقىنى تۈرۈپ-ئەگەردە سەن ياقتۇرۇپ قالغان ئەھۋال ئاستىدا، ئۇ ياقتۇرمىسا، بىرەر چارىسىنى قىلىشىمىز كېرەك!
-سېنىڭچە ئۇنىڭ قانداق چارىسى بار؟
-چارىسى بار، ئەلۋەتتە!-دېدى ۋاڭ خۇددى ئەقلىگە بىر ئىش كەلگەندەك-ئەگەر سەن بىرەرسىنى ياقتۇرۇپ قالساڭ، ئۇ ساڭا ئۆزلۈكىدىن قوشۇلمىغان تەقدىردە، ئۇنى پۇل بىلەن ئالداش، ھەتتا ئۇنىڭ بىرەر قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ ياكى تەلىپىنى ئورۇنلاپ، ئۆزۈڭگە باغلىۋېلىشىڭ كېرەك! ئەگەر بۇلارنىڭ ھېچقايسىسى كېرەككە كەلمىگەندە، ئۇنى مەجبۇرلىساڭمۇ بولىدۇ
-دېگەنلىرىڭغۇ توغرا! لېكىن دېدى جاڭ ئەندىشىلىرىنى بىلدۈرۈپ-ئۇلارنى ئۇنداق ئاسان ئالدىغىلى بولمايدىكەن. بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى گۈلى ئىسىملىك چىرايلىق بىر قىز تۇتقۇننى ياخشى كۆرۈپ قالغان ئىدىم. ئۇنىڭغا كۆڭلۈمنى ئىزھار قىلسام قەتئىي رەت قىلدى. نېمىلا دېسەم ئاڭلىمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئاچچىقىمدا، تازا ئۇرۇپ-قىينىغان ئىدىم،تاياققا بەرداشلىق بېرەلمەي ئۆلۈپ قالدى.باشقا خىزمەتداشلىرىمدىن ئاڭلىشىمچىمۇ، سەن ئۇيغۇر قىزلىرىغا ئۆيلىنىش تەلىپى قويساڭ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىلا دېگۈدەك: مەن ئۇيغۇر، مەن مۇسۇلمان، يات مىللەت بىلەن توي قىلسام بولمايدۇ. ئاتا-ئانام قوشۇلمايدۇ-دەپ،رەت قىلىدىكەن.
-ھەممىسى ئۇنداق بولۇشى ناتايىن، خىتاي مەدىنيىتىنى ياخشى كۆرىدىغان ياكى لاگېردا تەربىيەلەنگەندىن كېيىن، كاللىسى ئۆزگىرىپ «جۇڭخۇئا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى» قارىشىنى قوبۇل قىلغانلاردىن سېنى ياقتۇرىدىغانلار چىقمايدۇ دېگىلى بولمايدۇ. گەپ-ئۇلارنى ئالداش ۋە كۆڭلىنى ئۇتۇشتا، ئۇنىڭ ئۈچۈن قاماقنى ياخشى سېلىشىڭ كېرەك، دۇنيادا قاماققا چۈشمەيدىغان بېلىق بولمايدۇ-دېدى ۋاڭ ھەييارلارچە ھىجىيىپ، ئاندىن خۇددى بىرەرسى ئاڭلاپ قالىدىغاندەك جاڭنىڭ قۇلىقىغا ئاغزىنى يېقىن قىلىپ تۇرۇپ پىچىرلىدى:(مەن ساڭا چىرايلىق قىزلاردىن تۇتقۇن قىلىپ ئەۋەتىپ بېرىمەن،ئۇلاردىن بىرەرسى چوقۇم سەن بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ)
ئۇ كۈنى بەك كەچ بولۇپ كەتكەچكە،جاڭ ساۋاقدىشى ۋاڭنىڭ ياتىقىدا قونۇپ قالدى. ئۇ ئەتىسى ئەتىگەنلىكى ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن ناشتىلىق قىلمايلا داۋانچىڭغا قاراپ يول ئالدى. ئۇنىڭغا ئاتالمىش « كەسپىي قائىدە تەربىيەلەش مەركىزى»دە بىكارلىق ھەم ئېسىل ناشتىلىقلار تەييار ئىدى. ئۇ يولدا كېتىۋاتقان شۇلارنى ئويلىدى :«ساۋاقدىشىم شياۋ ۋاڭنىڭ تەلىيى ئوڭدىن كېلىۋاتقاندەك قىلىدۇ. ناۋادا ئۇنىڭ كۆرگەن چۈشى راستقا ئايلىنىپ،ھازىرقى مۇئاۋىن باشلىقلىق ئورنىدىن بىرىنچى باشلىقلىق ياكى تېخىمۇ يۇقىرى ئورۇنغا ئۆستۈرۈلۈپ قالسا، ئۇنىڭغا ئامەتنىڭ كەلگىنى شۇ دېگەن گەپ،بىرىنچى باشلىقلىق ئورنىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، تېخىمۇ كۆپ خىزمەت كۆرسىتىش پۇرسىتىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. خىزمەت كۆرسەتكەندىن كېيىن تېخىمۇ يۇقىرى ئورۇنغا ئۆسكىلى بولىدۇ. مەنچۇ؟ ئۆسەلمەي بىر ئورۇندا توختاپ قالارمەنمۇ؟-دەپ ئۆز-ئۆزىگە سوئال قويۇپ، يەنە ئۆزى جاۋاب بېرىۋاتاتتى جاڭ: مېنىڭ ئورنۇممۇ ھامان بىر كۈنى ئۆسىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەت كۆرسىتىشىم كېرەك! ئەمما باشقىلار مەندىن بۇرۇن كەلگەن ھەم تەجرىبىلىك ئىكەن. مەن ھازىرچە ئۇلارغا تەڭ كېلەلمىگۈدەكمەن. ئۇلار تۇتقۇنلارغا قاتتىق قوللۇق قىلىشتا، قىلچە ئىككىلەنمەيدىكەن. يۈرىكى قېتىپ كېتىپتۇ، ئۇلار ئۈچۈن تۇتقۇنلارنىڭ ئۆلۈش ۋە يارىلىنىشى خۇددى كۆڭۈل ئاچقاندەكلا بىر ئىش ئىكەن. باشقىلارنىڭ باشقۇرۇشتىكى بىنالاردا ھەر كۈنى دېگۈدك، نەچچە ئون تۇتقۇن تاياق زەربىسىدىن كېسەل بولۇپ ئۆلۈپ كېتىۋاتىدۇ ياكى قاتتىق بېسىم سەۋەبىدىن نېرۋىسىدىن كېتىپ بارىدۇ. بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئۇلار ئۈچۈن نەتىجە بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. ئۇنداق بولغاندىن كېيىن مەنمۇ بۇنىڭدىن كېيىن تۇتقۇنلارغا قاتتىق مۇئامىلە قىلىشىم كېرەك ئىكەن. ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈش ۋە يارىلاندۇرۇشتىن قورقسام بولمايدىكەن. مېنى ھېچكىم ئۇردۇڭ، يارىلاندۇردۇڭ، ئۆلتۈردۈڭ، دەپ ئەيىبلىمىگەندىن كېيىن، چوقۇم شۇنداق قىلىشىم كېرەك»
ۋاڭ ساۋاقدىشى جاڭنى يولغا سېلىپ قويغاندىن كېيىن، ئالاھىدە ساقچى ئەترىتى بىناسىغا كېلىپ، شۇ يەردىكى خىزمەتچىلەر ئاشخانىسىدا ناشتا قىلىۋالغاندىن كېيىن، ئەترەت باشلىقىنىڭ ئىشخانىسىغا كىرىپ ئۇنىڭغا نىنخاۋ (ياخشىمۇ سىز؟ ) دەپ، خىتايچە سالام بەردى.ئەترەت باشلىقىمۇ ئۇنىڭغا سالىمىنى قايتۇرۇپ، ئۈستەلدىكى ساندان (بىرلەشمە جەڭ قىلىش سۇپىسى) غا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن، ۋاڭغا مۇنداق دېدى : بۈگۈن ئەتىگەنلا كەلگەن ئىدىم. شۇنىڭدىن بۇيان ساندانغا قاراۋاتىمەن، كېچىدىن بۇيان نۇرغۇن گۇمانلىق ئۇنسۇرلارغا بەلگە قويۇلۇپتۇ. مەن ئىشخانىغا كىرگەندىن بۇيانمۇ نەچچە ئون ئادەمگە قىزىل بەلگە قويۇلۇپ بولدى. مانا بۇ بەلگە قويۇلغانلارنىڭ ھەممىسى بۈگۈن كېچىدە تۇتقۇن قىلىنىشى كېرەك بولغان ئوبېكىتلاردۇر. سىز بىلىسىز، بىزنىڭ «ئالاھىدە ساقچى ئەترىتى» مىز كېچىلىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىدە، ھازىرغىچە شەھەر بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۇپ كەلدۇق. بۇ ئورۇننى يەنىلا قولدىن بەرمەسلىكىمىز كېرەك! قانداق دەيسىز؟
-توغرا، دېدىڭىز باشلىق!-دېدى ۋاڭ باشلىقىغا خوشامەت قىلىپ-خۇددى چېن سېكرىتارنىڭ دېگىنىدەك-تۇتۇلۇشقا تېگىشلىكلەرنىڭ ھەممىسى تۇتۇلۇشى كېرەك! بىرسىنىمۇ توردىن چۈشۈرۈپ قويۇشقا بولمايدۇ. بۇ تېرورچىلارغا ھەرگىزمۇ رەھىم قىلىشقا بولمايدۇ.
-ھەر دائىم يۈرىكىمدىكى گەپنى سۆز قىلىسىز-دېدى ئۇنىڭ باشلىقى ئۆزىنىڭ مۇئاۋىنى بولغان ۋاڭنى ماختاپ-ھەممە ساقچى سىزدەكلا بولىدىغان بولسا، بىز شىنجاڭدا ئەسەبىي ئۇنسۇر ۋە تېررورچىلارنى ئۇزاق قالمايلا تەلتۆكۈس يوقىتالايمىز!
-شۇنداق باشلىق!-دېدى ۋاڭ يەنە ھىجىيىپ، بىر سوئال سورىسام بولامدۇ؟
-سوراڭ، نېمىشقا بولمايدىكەن؟
-باياتىن سىز دېگەن سانداندىكى بەلگە سېلىنغان تۇتقۇن ئوبېكىتلىرى ئارىسىدا، قىز-ئاياللارمۇ خېلى بارمۇ؟
-بار،ئەلۋەتتە، قىز-ئاياللار ئومۇمىي تۇتۇلىدىغانلار نىسبىتىنىڭ تەخمىنەن 30 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ.
-ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ياشلىرى ياكى توي قىلمىغان قىزلار قانچە كىشى؟ ئۇلارنى ئاخشامغا قەدەر ساقلىماستىن دەرھاللا تۇتقۇن قىلىشقا بولامدۇ؟-دەپ،سورىدى ۋاڭ ئۆز مەقسىتىنى يوشۇرۇۋاتقاندەك قىلىپ.
-نېمىشقا بولمايدۇ. ئەلۋەتتە بولىدۇ، مانا،مەن سىزگە كۆرسىتەي دەپ، سانداننى قىڭغىر قىلىپ، تۇتۇلۇش تىزىملىكىدىكى تۆت-بەش قىزنىڭ ئىسمى بىلەن باش سۈرىتىنى كۆرسەتتى ۋە ۋاڭغا دېدى: مانا بۇلار ھەر قاچان تۇتۇلۇشى كېرەك بولغان ئوبېكىتلاردۇر .
-ئۇلارنى ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا، يەنى كۈندۈزى تۇتقۇن قىلساقمۇ بولامدۇ؟
-بولىدۇ،ئەمما ھازىر كۈندۈزى بولغاچقا ئۇلارنىڭ ئىش ئورنى ياكى ئۆيلىرىگە بېرىپ تۇتقۇن قىلىش مۇۋاپىق ئەمەس، ئۇنىڭ باشقا بىر يولى بار، سىز بىلىسىز، ھەر قايسى مەھەللىلەردىكى « ئاھالىلەر كومىتېتى»بىز بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىشلەۋاتىدۇ. بۇ يەردە ئۇلارنىڭ تەۋەلىكى ئېنىق يېزىلغان. سىز ئۇلار تەۋە بولغان « ئاھالىلەر كومىتېتى» غا بېرىپلا، بۇلارنىڭ دەرھال تۇتۇلۇش كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈڭ، ئۇلار سىزگە ئۇلارنى شۇ ھامان تېلېفون بىلەنلا چاقىرىپ ئەكىلىپ بېرىدۇ.
-ئۇنداق بولسا باشلىق.-دېدى ۋاڭ يەنە ھىجىيىپ،ئۇلارنى بۈگۈنلا تۇتقۇن قىلايلى، ئاندىن بۈگۈن داۋانچىڭغا يولغا سېلىنىدىغانلار قاتارىدا ئۇ يەرگە ئەۋەتىۋېتەيلى،بەلكى كېچىلىك تۇتقۇن قىلىش ۋەزىپىمىزمۇ يېنىكلەپ قالىدۇ.
-بولىدۇ، شۇنداق قىلىڭ!-دەپ تەستىقلىدى ياڭ باشلىق ۋاڭنىڭ سۆزىنى ۋە ئۇنىڭغا غەلىتە تىكىلىپ قاراپ قويدى.
ۋاڭ ئۆز باشلىقىنىڭ رۇخسىتىنى ئالغاندىن كېيىن، يېنىغا ئىككى نەپەر ياردەمچى ساقچىنى ئېلىپ،ئۇ قىزلار تەۋە بولغان ئاھالىلەر كومىتېتىغا بېرىپ، تۇتۇلىدىغان قىزلارنىڭ ئىسىملىكىنى تاپشۇردى. ئۇلار كەلگەن«ئاھالىلەر كومىتېتى»نىڭ مۇدىرى ئاق سېمىز، ئوتتۇرا بوي كەلگەن،كۆزەينەك تاقىۋالغان بىر تەتەي بولۇپ، ئۇ ساقچىلارنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۇلارغا خوشامەت قىلىپ، قىلمىغانلىرى قالمىدى. ئۇ:-مانا، ھازىرلا ئۇلارنى چاقىرىپ كېلەي دەپ، كومپيۇتېردىن ئۇلارنىڭ تېلېفون نومۇرىنى بىردەمدىلا ئىزدەپ تاپتى-دە،ئۇ قىزلارغا ئايرىم، ئايرىم تېلىفون قىلىپ، ئۇلارنىڭ تېزدىن ئاھالىلەر كومىتېتىغا كېلىپ ئۆزىنى مەلۇم قىلىشىنى ئېيتتى.
-ھەممىسى كېلىمىز دېدىمۇ؟-دەپ سورىدى ۋاڭ مۇدىر ئايالدىن،
-ئەلۋەتتە كېلىدۇ، كەلمەسلىككە ھەددى ئەمەس، چۈنكى كەلمىسە، ئۆزلىرىنىڭ ئېغىر جازاغا ئۇچرايدىغانلىقىنى بىلىدۇ
دېگەندەك يېرىم سائەتكە قالمايلا ئارقا-ئارقىدىن بىر-بىرىدىن چىرايلىق تۆت قىز ئاھالىلەر كومىتېتىغا يېتىپ كېلىشتى. كەلگەن قىزلار ئىشىكتىن كىرىپلا مۇدىرنىڭ يېنىدا تۇرغان ساقچىلارنى كۆرۈپ ھودۇقۇپ كېتىشتى. بەزىلىرىنىڭ يۈزى شۇھامان قورقۇنىچتىن ساغىرىپ كەتسە، يەنە بەزىلىرىنىڭ كۆزىگە دەرھاللا ياش ئولاشتى. دېمەك ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ تۇتۇلىدىغانلىقىنى ئاللىقاچان ھېس قىلىپ يەتكەن ئىدى. قىزلار ئالاقزادە بولۇشۇپ، ئىككى تەرەپكە قاراپ بولغۇچە ساقچىلار كېلىپ، ھەممىسىنىڭ قولىغا كويزا سېلىپ قويۇشتى. «ئاھالىلەر كومىتېتى»نىڭ مۇدىرى قىزلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن تۇتۇلغانلىقىنى بىلمەكچى بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويماقچى بولغاندەك بوغۇق ئاۋازدا مۇنداق دېدى:بىزنى نېمە ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىسىلەر دەپ ھەيران قېلىۋاتىسىلەر ھەقاچان؟ ھۆكۈمەت ھەرگىزمۇ سەۋەبسىز بىر ئىش قىلمايدۇ. تۇتقۇن قىلىشىڭلاردىكى سەۋەب شۇكى : سىلەرنىڭ:ئىجتىمائىي كاپالەت نومۇرۇڭلار نورمال ئۆلچەمدىكى 10 نومۇردىن تۆۋەنلەپ، 8 گە چۈشۈپ قالغان. چۈنكى، سىلەر خاتالىق سادىر قىلغان، نېمە خاتالىق ئۆتكۈزگەنلىكىڭلارنى ھازىرلا بىلىپ قالىسىلەر-دەپ بىرىنچى قىزغا قارىدى:
-سىزنىڭ خاتالىقىڭىز شۇكى،سىز ئىككى قېتىم بايراق چىقىرىش مۇراسىمىغا قاتناشماپسىز؟
ئاندىن ئىككىنچى قىزغا قارىدى:
-سىز ئاھالىلەر كومىتېتىغا مەلۇم قىلماستىن ئۆيىڭىزگە مېھمان قوبۇل قىلىپسىز!
ئاندىن ئۈچىنچى قىزىغا قاراپ:
-سىز ئۆيىڭىزدىن چىققان ۋاقتىدا ياغلىقنى ئالدىڭىزغا قىلىپ چىگىپسىز، خۇددى رومال ئارتقاندەك، قارىغاندا ناماز ئوقۇغان بولۇشىڭىز مۇمكىن!
ئاندىن تۆتىنچى قىزغا قاراپ:
-سىز يېنىڭىزدىكى قوشنىلار بىلەن كۆرۈشكەندە:« ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم»دەپسىز، ئەمما، خوشنىڭىز سىزگە: «ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام »دېيىشنىڭ ئورنىغا، ھۆكۈمەت تەلەپ قىلغان ئۆلچەم بويىچە،«ياخشىمۇ سىز؟»دەپ جاۋاب قايتۇرۇپتۇ، سىز بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرماپسىز، كېيىن ئۇ قوشنىڭىز بىزگە مەلۇم قىلدى.
ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ مۇدىرى سۆزىنى تۈگۈتىپ، قىزلارغا ئالىيىپ بىر قېتىم قارىۋەتكەندىن كېيىن، ۋاڭغا قاراپ:
-بۇلارنى ئېلىپ ماڭساڭلار بولىدۇ. ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرىنىڭ جازاسىنى تارتىپ، كاللىسىنى ساقايتىپ كەلسۇن!-دېدى ۋە خوشامەتلەرچە ھىجىيىپ كۈلۈپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن ۋاڭ ياردەمچى ساقچىلارغا بۇيرۇق چۈشۈردى. ياردەمچى ساقچىلار يانلىرىدىكى قارا خالتىنى ئېلىپ، قىزلارنىڭ باشلىرىغا كەيدۈرۈشتى-دە، ئىتتىرگەنچە ھەيدەپ ماشىنىغا چىقىرىپ ئېلىپ مېڭىشتى .
تۇتقۇن قىزلار ئالاھىدە ساقچى ئەترىتىگە ئېلىپ كېلىنگەن ئىدى، بۇ چاغدا ۋاڭ نىڭ باشلىقى تاڭ نەچچە يۈز كىشىنى قاتار تىزىلدۇرۇپ، ئاپتوبۇسلارغا مەجبۇرى ھەيدەپ چىقىرىۋاتقان بولۇپ، ۋاڭ نىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا : شياۋ ۋاڭ، سىز كەتكەندىن كېيىن، مەن بۇ قىزلارنىڭ رەسمىيەتلىرىنى تەييار قىلىپ قويدۇم. ئۇلارمۇ داۋانچىڭدىكى «كەسپىي قايتا تەربىيەلەش مەركىزى»گە ئەۋەتىلىشى كېرەك! ئۇلارنى ئارقىغا ئېلىپ كېلىپ تىزىلدۇرۇڭلار، بۇلار بىلەن بىللە ھازىرلا يولغا سالمىساق بولمايدۇ!-دېدى بۇيرۇق قىلىپ، ئاندىن يەنە-شياۋ ۋاڭ،بۇ قېتىم سىز ئۆزىڭىز بىۋاسىتە قوماندانلىق قىلىپ، ئۇلارنى داۋانچىڭغا ئېلىپ بېرىپ، «كەسپىي قايتا تەربىيەلەش مەركىزى»گە تاپشۇرۇپ بېرىپ كېلىڭ! چۈشتىن كېيىن، يەنە«كېچىلىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى» ئۈچۈن كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىشىمىز كېرەك، تېزرەك قايتىپ كېلىڭ!
ۋاڭ مەخسۇس قىسقا ماۋزۇرلۇق ئاپتوماتلار بىلەن قوراللانغان ساقچىلار بىلەن جەمىي ئۈچ ئاپتوبۇسقا،تەخمىنەن ئۈچ يۈزگە يېقىن تۇتقۇننى تىقما-تىقماق قىلىپ بېسىپ، داۋانچاڭغا قاراپ يولغا چىقتى. ئۈچ ئاپتوبۇسنىڭ بىرسىگە، ساپلا ئاياللار چىقىرىلغان بولۇپ، تۇتقۇنلارنىڭ بېشىغا قارا خالتا كەيدۈرۈلۈپ قويۇلغانلىقتىن، ھېچكىم-ھېچكىمنى ئېنىق كۆرەلمەيتى. ئالدى-ئارقا تەرەپلەردە 2 دىن قوراللىق ساقچى ئۇلارنى نازارەت قىلىپ تۇراتتى. ئاپتوبۇسنىڭ دەرىزىسى مەھكەم ئېتىلىپ،پەردە تارتىپ قويۇلغان بولۇپ، داۋانچىڭغىچە بولغان بىر سائەتلىك يولدىكى قىستاڭچىلىقتا ھاۋا يېتىشمەي، نەپەس ئېلىشى قىيىنلاشقان، ياشانغان ئىككى ئايال ھوشىدىن كېتىپ يەرگە يىقىلدى. ئەمما ئۇلارغا باشقىلار ياردەم قىلالمىدى ۋە قىلالمايتتى، چۈنكى قوراللىق ئىككى ئالۋاستى ھېچكىمنى مىدىر-سىدىر قىلغىلى قويمىدى.
تەخمىنەن بىر سائەتتەك يول مېڭىلغاندىن كېيىن، ئۈچ ئاپتوبۇس ئېگىز تاملىق، تام ئۈستىدە تىكەنلىك سىم ئورنىتىلغان، تۆت تەرەپ بۇلۇڭلاردىكى كۆزىتىش مۇنارلىرىدا قوراللىق ئەسكەرلەر قاراۋۇللىق قىلىۋاتقان، بەئەينى تۈرمىگە ئوخشايدىغان دەھشەتلىك كۆرۈنۈشتىكى بىر جاينىڭ ئالدىغا كېلىپ توختىدى. ئاندىن بەلگە بېرىلىپ، دەرۋازا ئېچىلغاندىن كېيىن، ئۈچ ئاپتوبۇس ئىچىگە ھەيدەپ كىرىلىپ، چوڭ مەيداننىڭ ئوتتۇرىسىدا توختاشتى.
ۋاڭ، ئاپتۇبۇستىن چۈشكەندىن كېيىن، قوراللىق ساقچىلار تۇتقۇنلارنى بىر-بىرلەپ ئاپتوبۇستىن چۈشۈرۈپ، قاتار تىزىلدۇرۇپ تۇرغۇزۇشتى. مەيداننىڭ بىر چېتىدە جاڭ ئون نەچچە قوراللىق ساقچى بىلەن تۇتقۇنلارنى ئۆتكۈزۈۋېلىش ئۈچۈن ساقلاۋاتقان ئىدى. ۋاڭنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرگەن جاڭ ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ، خۇددى ئۇنىڭ ئەسكىرىدەك قولىنى كۆتۈرۈپ ھەربىيچە سالام بەردى. ئاندىن ئۇلار يېقىن كېلىپ كوتۇلدۇشۇپ پاراڭلاشقاندىن كېيىن،جاڭ ئۆزى كەلگەن ئايرىم ماشىنىدا، بىللە كەلگەن ساقچىلارنى ئېلىپ قايتىپ كېتىشتى.
جاڭ يالاقچىلىرىغا بۇيرۇق قىلىپ،تۇتقۇنلارنىڭ كاللىسىدىكى قارا خالتىنى ئالغۇزىۋەتتى، ئاندىن ئاپتوبۇستىن چۈشۈرۈلگەن ئەر تۇتقۇنلارنى قاتار تىزىلدۇرغۇزۇپ، ئۇلارغا قاراپ ۋاقىرىدى: سالامەتلىك تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىلىدۇ. ھەممىڭلار بىلكىڭلارنى ئېچىپ،دوختۇرلارنىڭ قان ئېلىشى ئۈچۈن ماسلىشىپ بېرىڭلار،بولمىسا ئېغىر جازالىنىسىلەر!-دەپ بۇيرۇق قىلىۋەتكەندىن كېيىن،ئاياللارغا قاراپ:ئالدىڭلاردىكى بىنانىڭ ئىچىگە كىرىڭلار، سالامەتلىك تەكشۈرۈشتىن ئۆتۈشۈڭلار كېرەك!-دەپ ۋاقىرىدى. ئاندىن يېنىدا قاراپ تۇرغان ئىككى نەپەر ئايال دوختۇرىغا قاراپ قاراپ: پۈتۈن ئاياللارنى ئۆلچەم بويىچە تەكشۈرۈڭلار، ھېچكىم چالا قالمىسۇن، بۇيرۇققا بويسۇنمىغانلار قاتتىق جازالىنىدۇ!-دەپ، دوختۇرلارنىڭمۇ بىناغا كىرىشنى بۇيرۇدى. ئاياللار بىناغا ئېلىپ كىرىلىپ قاتار تىزىلدۇرۇپ قويۇلدى. كارىدورنىڭ ئوتتۇرىسىدا بوتكىغا ئوخشاش چوڭ بىر ئەينەكلىك ئۆي تۇراتتى.
ئاياللار ئەينەكلىك بوتكىنىڭ ئالدىغا تىزىلدۇرۇپ ئېلىپ كېلىنگەندىن كېيىن، بۇيرۇق بېرىلدى:
-ھەممىڭلار پۈتۈن كىيىمىڭلارنى يېشىپ،يالىڭاچ بولۇڭلار،ئاندىن بىردىن-بىردىن ئەينەكلىك ئۆي ئىچىگە كىرىڭلار! شۇ ھامان ئاياللار ئارىسىدا قىيا-چىيا كۆتۈرۈلدى:
-ۋاي،خۇدايىم!ئەمدى قانداق قىلارمىز؟ بىز ئۇنداق قىلساق نامەھرەم بولىدۇ دەپ، چوڭ ئاياللار كۆزلىرىدىن ياش ئاققۇزۇپ يىغلاشقا باشلىدى. ياش ئاياللار ۋە قىزلارنىڭ يۈزلىرى شەلپەردەك قىزىرىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇلار كىيىم-كېچەكلەرنى سېلىپ، يالىڭاچ بەدەن بولۇشتىن بەكمۇ ئىزا تارتىپ كېتىشىۋاتاتتى. بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن جاڭ،بىر نەچچە ياللانما ساقچىلىرى بىلەن كالتەكلەرنى دېۋەيلىگەنچە، ئاياللارنىڭ ئالدىغا كېلىپ ۋاقىرىدى : بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىڭلار! بولمىسا، جازالىنىسىلەر!
چوڭ ئاياللار يەنىلا چوقۇرىشىپ بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىشنى كەينىگە سۆرەۋاتاتتى. باشتا تۇرغان ئايال دوختۇرلارغا قاراپ،تۆۋەن ئاۋازدا بىر نېمىلەرنى دېۋىدى، ئايال دوختۇرلار جاڭغا ئۇلارنىڭ گېپىنى يەتكۈزدى: «ئەر ساقچىلار بۇ يەردىن كەتسۇن،ئاندىن بىز كېيىمىزنى سېلىپ چىقىرالايمىز، ئەگەر ئۇنداق بولمىسا بىزنى نېمە قىلساڭلارمۇ مەيلى، كىيىم -كېچىكىمىزدىن سالمايمىز!»-دەيدۇ. ئاياللارنىڭ بۇ ھەققانىي تەلىپىنى رەت قىلغان جاڭ ۋە ياردەمچى ساقچىلار كالتەكلەرنى دېۋەيلەپ ھەر قانچە ھەيۋە قىلسىمۇ، ئاياللار يەنىلا كىيىم -كېچەكلىرىنى سالماي جىم تۇرۇۋېلىشىتى. نائىلاج قالغان جاڭ ئاخىرى ئەر ساقچىلارنى ئېلىپ، دوختۇر ئۆيىنىڭ ئىشىكنى ئېچىپ، ئىچىگە كىرىپ كېتىشتى.
ئىككى ئايال دوختۇر ئاياللارنى ئەينەكلىك ئۆينىڭ ئىچىگە بىردىن،بىردىن كىرگۈزۈپ،ھەر بىر ئايالنى تەخمىنەن يېرىم مىنۇت ئەتراپىدا ئايلاندۇرغاندىن كېيىن توختىتىپ،ئاندىن بىردىن، بىردىن سىرتقا چىقىرىۋاتاتتى. ئەڭ ئاخىرىدا بۈگۈن ئەتىگەن تۇتۇپ كېلىنگەن تۆت نەپەر قىزنىڭ مەجبۇرى كىيىم-كېچەكلىرىنى سالدۇرۇلۇپ ئەينەكلىك ئۆيگە كىرگۈزۈلدى.بۇ قىزلار بەكلا ياش بولۇپ تېخى ئون سەككىزنىڭ قارىسىنى ئالمىغاندەك قىلاتتى. ھاياتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈپ باقمىغان، بۇ قىزلار ئەينەكلىك ئۆيدىن چىققاندىن كېيىن باشلىرى قېيىپ،قۇسۇشقا باشلىدى. شۇ ئەسنادا گۈلمىرە ئىسىملىك بىر قىز ئۇدۇل تەرەپتىكى دوختۇر ئۆيىدىن ساقچىلارنىڭ ئۆزىگە قاراۋاتقانلىقىنى سېزىپ قالدى-دە يۈگۈرۈپ بېرىپ،سالدۇرۇۋېتىلگەن كىيىملىرىنى ئېلىپ،كەيمەكچى بولىۋىدى. ئايال دوختۇرلار ئۇنىڭغا:ئەمدى بۇرۇنقى كىيىملەرنى كېيىشكە بولمايدۇ. ئەمدى ھەممىڭلار بىر تۇتاش نومۇرلۇق كىيىم كىيىسىلەر دەپ،بىر چەتكە دۆۋىلەپ قويۇلغان، ئالدى ۋە ئارقسىغا نومۇر بېسىلغان كىيىملەردىن تارقىتىپ بېرىشتى. قىزلار ئۇ كىيىمنى كىيىشنى رەت قىلىۋىدى، دوختۇر ئۆيىدىن جاڭ بىر نەچچە ساقچىسىنى ئەگەشتۈرۈپ چىقىپ،توك كالتىكىنى دېۋەيلەپ ھەيۋە قىلدى:
-بۇنىڭدىن كېيىن مۇشۇ كىيىمنى كېيىسىلەر،ئۆزۈڭلارنىڭ بۇرۇنقى كىيىمىنى كېيىشكە بولمايدۇ. بولمىسا ئېغىر جازالىنىسىلەر!
قىزلارنىڭ ئىچ كىيىمىدىن باشقا، ئۆزىنىڭ ئەسلى كىيمىنى كېيىشكە رۇخسەت قىلىنمىدى. قىزلار بىر-بىرىسىنى توسۇشۇپ، نامەھرەم كۆزلەرنىڭ ئوغۇرلۇقچە قارشى ئاستىدا، ئالدى-ئارقىسىغا نومۇر بېسىلغان مەھبۇس كىيىملىرىنى كېيىشكە مەجبۇر بولدى. كۈل رەڭلىك بۇ سەت كىيىملەر كىچىك قىزلارغا بەكلا چوڭ كېلىپ قالغان بولۇپ،قىزلارنىڭ زىلۋا بەدەنلىرىگە قىلچىلىك ماسلاشمىغا ئىدى. ئەسلىدە شاھى-ئەتلەسلەرگە لايىق بولغان بۇ نازۇك بەدەنلەر،ئەمدىلىكتە مەھكۇملۇقنىڭ ئىپادىلىنىشى بولغان، ئارقا-ئالدىغا نومۇر بېسىلغان كۈلرەڭ كىيىملەر ئىچىدە ئۆزىنىڭ لاتاپىتىنى يوقىتىشقا مەجببۇر قىلىنماقتا ئىدى.
شۇنىڭدىن كېيىن تۇتقۇنلارنىڭ ئىسمى يوقىتىۋېتىلدى. ھېچكىمنىڭ بىر-بىرسىنى ئىسىم بىلەن چاقىرىلىشىغا يول قويۇلمىدى. گۇندىپايلار تۇتقۇنلارنى نومۇر بويىچە بىردىن، بىردىن چاقىرىپ ئىككى بىلىكىدىن ئايرىم، ئايرىم ئىككى قېتىم قان ئالدى. كۆز مۈڭگۈز پەردىسىنى سۈرەتكە ئالدى. يۈزىنى ھەر خىل شەكىلدە ئۇيان-بۇيان قارىتىپ رەسىمگە تارتتى. مانا بۇ ئىشلار بىر نەچچە سائەت داۋام قىلىپ، ئاياللارنىڭ قان تىپى ئېلىنىپ، د، ن، ئا سى تۇرغۇزۇلغاندىن باشقا يەنە-بوي ئېگىزلىكى ھەتتا كىلو ئېغىرلىقىغىچە بولغان پۈتۈن ئۇچۇرلار يىغىۋېلىنغانىدى.
مەجبۇرى دوختۇر تەكشۈرۈش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن،ئاياللار يەنە قاتار تىزىلدۇرۇلۇپ،جىمجىت تۇرغۇزۇلۇپ قويۇلدى. تەخمىنەن چارەك سائەت ئۆتكەندىن كېيىن، جاڭ قولىدا بىر تۇتام قەغەزنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، ئۇنى تۇتقۇنلارغا بىردىن، بىردىن تارقىتىپ بەردى. كۆپىنچە تۇتقانلار خىتاي تىلى بىلىدىغان بولۇپ، قەغەزگە بىر كۆز يۈگۈرتۈپلا بۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئاتالمىش،« كەسپى قايتا تەربىيەلەش مەركىزى»دە ئىككى يىل مەجبۇرى قايتا تەربىيەلىنىشى كېرەكلىكى ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇش ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىشتى.
چۈشلۈك تاماق ۋاقتى بولۇپ قالغانىدى. تۇتقۇن ئاياللار بىنادىن تىزىلدۇرۇلۇپ، مەيداندا ئېلىپ كېتىلىۋاتاتتى. قاتارنىڭ ئارقىسىدا تۇرغان 301-نومۇرلۇق ئاق پىشماق، زىلۋا كەلگەن، قاڭشىرى قىڭغىراقتەك ئۇچلۇق، كۆزلىرى جەرەننىڭكىدەك يوغان، ئەمدىلا 18 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان چىرايلىق بىر قىز بولۇپ، ئەسلى ئىسمى گۈلمىرە ئىدى.
ئۇ قاتاردا كېتىۋاتقاندا ئۆزىگە يوغان كېلىپ قالغان ئىشتان-كەمەر بولمىغانلىقتىن تۆۋەنگە سۈرۈلۈپ چۈشۈپ كەتكىلى ئاز قالغاندا، ئىككى قوللاپ ئىشتاننى تۇتىۋالىمەن دەپ، يەرگە ئېڭىشىپ، توختاپ قالىدۇ.شۇنىڭ بىلەن قاتاردىكىلەر بىراز ئۇزاپ كېتىدۇ بۇنى كۆرگەن بىر گۇندىپاي كېلىپ، قىزنى ئارقىسىدىن ئىتتىرىپ دۈشكەللىگەنچە ۋاقىرايدۇ: نېمىشقا ماڭمايسەن؟ تېز ماڭغىن!سەن تۈزۈمگە خىلاپلىق قىلدىڭ، جازالىنىسەن! گۈلمىرە گۇندىپايغا قاراپ نېمە بولغانلىقىنى چۈشەندۈرمەكچى بولۇپ، ئېغىزىنى ئېچىشىغا، گۇندىپاي:يەنە نېمىشقا جىم تۇرىسەن، ماڭمامسەن؟-دەپ ۋاقىرىغانچە ئۇنىڭ دۈمبىسىگە بىر كالتەك ئۇرىدۇ.ئاغرىققا چىدىمىغان گۈلمىرە، گۇندىپايغا قاراپ، ئۇنىڭ يۈزىگە شالاپىدە بىرنى تۈكۈرىۋېتىدۇ.يىراقتا قاراپ تۇرغان جاڭ، بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ، جېدەلگە ئارىلىشىدۇ : بولدى قىل!-دەپ توختىتىپ قويىدۇ گۈلمىرەنى يەنە ئۇرماقچى بولغان ئۇ گۇندىپاينى-مەن بۇ 301-نومۇلۇق تۇتقۇننى ئۆزۈم سوراق قىلىمەن
جاڭ گۈلمىرەنى سوراقخانىغا ئېلىپ كىرىپ، قارا تۆمۈر ئورۇندۇققا مىدىر-سىدىر قىلالماس قىلىپ باغلاپ قويغاندىن كېيىن سوراقنى باشلايدۇ :
-نېمىشقا تۈزۈمنى بۇزۇپ،ساقچىغا قارشىلىق قىلدىڭ؟ ئۇنىڭ بىر ئېغىر جىنايەت ئىكەنلىكىنى بىلمەمسەن؟
-ياق، مەن تۈزۈمگە خىلاپلىق قىلمىدىم، ئىشتىنىم تۆۋەنگە چۈشۈپ كەتسە، مەن ئىزا تارتمايمەنمۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە قانداق يول ماڭغىلى بولسۇن؟
-ئەمما سەن بۇنى ساقچىغا بىلدۈرۈشۈڭ كېرەك ئىدى، ساقچىدىن رۇخسەت ئالغاندىن كېيىن، ئىشتىنىڭنى تۇتۇشقا بولاتتى. مانا بۇنىڭ ئۆزى تۈزۈمگە خىلاپلىق قىلغانلىق-دېدى ۋاڭ قائىدە سۆزلەپ-تۇتقۇنلارنىڭ رۇخسەتسىز ھېچقانداق بىر ئىشنى قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
-ئەمما،مەن ئىشتانسىز قانداق يول ماڭىمەن؟-دەپ يەنە قارشى جاۋاب بەردى گۈلمىرە-سىلەر نېمىشقا ئىشتانغا تۈگمە قاداپ قويمايسىلەر ياكى كەمەر باغلاشقا رۇخسەت بەرمەيسىلەر؟ بىز ئۇنداق بەلدە تۇرمايدىغان ئىشتان بىلەن قانداق بىر ئىش قىلالايمىز؟
-ئەسلىدە ھەممە ئىشتاننىڭ تۈگمىسى بار ئىدى، ئۈزۈلۈپ كەتكەنمۇ ياكى قاداشنى ئۇنتۇلۇپ قالغانمۇ قانداق؟ گۈلمىرەگە بېرىلگەن ئىشتاننىڭ تۈگمىسى يوق تۇراتتى.ئادەتتە تۇتقۇنلارغا ئىشتىنىنى باغلاش ئۈچۈن كەمەر بېرىلمەيتى،چۈنكى كەمەر بېرىلگەندە تۇتقۇنلار ئۇنىڭ بىلەن ئۆزىنى ئېسىپ ئۆلۈۋېلىشى مۇمكىن ئىدى.
-ماڭا كەمەر بېرىڭلار! مەن ھەرگىزمۇ ئېسىلىپ ئۆلۈۋالمايمەن-دېدى گۈلمىرە،
-ياق،بولمايدۇ.بۇ يەردىكى تۇتقۇنلارنىڭ روھىي ھالىتى نورمال ئەمەس،بىر نەچچە كۈندىن كېيىن روھىي ھالىتىڭدىن چاتاق چىقسا،سېنىمۇ ئۆزىنى ئېسىپ ئۆلۈۋالمايدۇ دېگىلى بولمايدۇ.
-ياق، مەن ھەرگىزمۇ ئۆلۈۋالالمايمەن، ئۆزىنى-ئۆزى ئۆلتۈرىۋېلىش ھارامدۇر!-دېدى گۈلمىرە،
-كۆتەر ئۇ قورۇق گېپىڭنى،بۇ يەردە ھالال-ھارام دېيىش چەكلىنىدۇ. سەن ئۇنداق دېگەن بىلەن، خېلى جىق تۇتقۇنلار بۇ يەردە ئۆلۈۋېلىشقا ئۇرۇندى.
-نېمىشقا؟ زادى نېمىشقا شۇنداق بولىدۇ؟-دەپ،سورىدى گۈلمىرە بۇ ئىشلارنىڭ تېگى-تەكتىنى چۈشەنمەي-نېمىشقا ئۇلار ئۆلۈۋالماقچى بولىدۇ؟
-بولدى قىل، ئەمدى ئۇنداق قالايمىقان سوئال سورىشىڭغا بولمايدۇ، سەنمۇ ئەتە-ئۆگۈن بۇنى چۈشىنىپ قالىسەن. ئۆلۈۋېلىشقا ئۇرۇنغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ كاللىسىدىن چاتاق چىققانلاردۇر.سەنمۇ كاللامدىن چاتاق چىقمىسۇن دىسەڭ-تۈزۈمگە رىئايە قىل،بىزگە بويسۇنغىن! بولمىسا سېنىڭمۇ كاللاڭدىن چاتاق چىقىپ قېلىشى مۇمكىن!
-كاللىسىدىن چاتاق چىققانلارنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ داۋالىساڭلار ياكى قويۇپ بەرسەڭلار بولمامدۇ؟
-ياق،بولمايدۇ. بىز ئۇنچە جىق ئادەملەرنى داۋالاپ بولالمايمىز، بۇ يەردە رەسمى ئوقۇغان كەسپى دوختۇرلار يوق، پەقەت بىرنەچچە سېستىرالار بار
-ئۇنداق بولسا، ئۇلارنى قويۇپ بېرىڭلار، ئۆزلىرى داۋالانسۇن.
-ياق،ئۇلارنىڭ مۇددىتى توشمىغىچە قويۇپ بەرگىلى بولمايدۇ.چۈنكى،بىز قويۇپ بەرگەندىن كېيىن،يالغاندىن ساراڭ بولىۋالغانلار ئۆيىگە بېرىپلا ساقىيىپ قېلىپ، يەنە خاتالىق ئۆتكۈزسە، بىزگە ئېغىر مەسئۇلىيەت ئارتىلىدۇ.
-ھەئە؟-دېدى ئۇنىڭ گېپى گۈلمىرەنىڭ كاللىسىدىن ئۆتمەي-ئادەم قانداقمۇ يالغان ساراڭ بولىۋالسۇن؟
-بولدى قىل!-دەپ ۋاقىرىدى جاڭ-بىز بۇ يەردە كىم راست ساراڭ بولۇپ قالدى، كىم يالغان ساراڭ بولىۋالدى ئۇنى بىلەلمەيمىز، ئەمما يەنىلا مۇددىتى توشمىسا ساراڭلارنىمۇ قويۇپ بېرىشكە بولمايدۇ. بىز يۇقىرىغا ساراڭ بولۇپ قالغانلار ھەققىدە دوكلات يوللىدۇق. ئەمما،يۇقىرىدىكىلەرنىڭ ھېچقايسىسى بۇنىڭغا پەرۋا قىلمىدى.ئۇنداقكەن،بىز تۆۋەندىكىلەر نېمىمۇ قىلالايتتۇق،بىز يۇقىرىدىن قانداق بۇيرۇق كەلسە،شۇنى ئەينەن ئىجرا قىلىمىز!
-ئۇ يۇقىرىدىكىلەر دېگىنىڭ كىملەر؟-دەپ سورىدىگۈلمىرە يەنە جاڭنىڭ گېپىگە ھەيران قېلىپ، ئۇلار ئادەم ئەمەسمۇ، باشقىلارغا ئىچى ئاغرىمامدۇ؟
-سەن تېخى بىلمەمسەن-دەپ، يەنە ۋاقىرىدى جاڭ، كوممۇنىستىك پارتىيە رەھبەرلىرىدە باشقىلارغا ئىچ ئاغرىتىش دېگەن نەرسە بولمايدۇ؟ ئۇنداق بولغاندا،فېرولىتارىيات دىكتاتۇرىسىنى قاتتىق ئىجرا قىلغىلى بولمايدۇ. ھاياتىدا بۇ گەپنى ئاڭلاپ باقمىغان گۈلمىرە جاڭدىن يەنە سورىدى: پرولىتارىيات دىكتاتورىسى دېگەن نېمە؟
گۈلمىرەنىڭ ئاخىرقى سوئالىدىن جاڭ قاتتىق ئاچچىقلىنىپ كەتكەن بولۇپ،يۈز- كۆزلىرى قىزىرىپ كەتكەن ئىدى، شۇنداقتىمۇ ئۇ بۇنى چۈشەندۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن جاۋاب بەردى :
-«پرولىتارىيات دىكتاتورىسى»دېگەن-كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ باشقىلارنى بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن قوللىنىلىدىغان زورلۇق ۋاستىلىرىدۇر. بۇ ۋاستىلەر بۇ يەردە تېخىمۇ قاتتىق ئىجرا قىلىنىدۇ. ئەمدىغۇ چۈشەنگەنسەن! ئەمدى سېنىڭ يەنە سوئال سورىشىڭغا بولمايدۇ. بۇ مېنىڭ ساڭا بېرىدىغان ئەڭ ئاخىرقى جاۋابىمدۇر. قېنى ئېيتە، بىزگە بويسۇنامسەن-بوي سۇنمامسەن؟ئەگەر بويسۇنمىساڭ،بۇ يەردىن ئۆلۈكۈڭ چىقسا چىقىدۇكى،تىرىكىڭ چىقمايدۇ.
گۈلمىرە ئويلىنىپ تۇرۇپ كەتتى.ئۇنىڭ كۆڭلىگە:«سىلەر نېمىشقا ئادەم ئۆلتۈرىسىلەر؟»دېگەن سوئال كەلگەن ئىدى. ئەمما ئۇ، بۇ سوئالىنى ئۇنىڭغا قويۇشتىن ۋاز كەچتى.چۈنكى، ئۇ جاڭنىڭ بۇنىڭغا ھەققانى بىر جاۋاب بېرىشىنى كۈتەلمەيتتى. ئۇنىڭ بىلەن يەنە قايتا سۆزلىشىشتىن رايى يېنىپ كەتكەن ئىدى.چۈنكى،جاڭ ئۇنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىش جەريانىدا،كۆزىنىڭ ئىچىگە قاراپ تۇرۇۋېلىپ، بىردە بېشىنى قاشلاپ، بىردە كۆزىنى يۇمۇپ-ئېچىپ،ئۆزىدە غەيرىي بىر خىيالنىڭ بارلىقىنى ئىپادە قىلىۋاتاتتى.
گۈلمىرەنىڭ ھېس قىلغىنى ھەقىقەتەن توغرا ئىدى. ھېچقاچان بىر خوجايىن كۆڭلىگە پۈككىنى بولمىسا، ئۆزىنىڭ چاڭگىلىدىكى ئاجىزانە بىر قۇلىنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ ئولتۇرمايتتى.بولۇپمۇ ھېچقانداق بىر تۇتقۇننىڭ سوئال سورىشىغا يول قويۇلمايدىغان لاگېرلاردا، بىر ساقچىنىڭ يەنە بىر تۇتقۇننىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىشى كىشىنىڭ ئەقلىگە سىغمايتتى.
-ھە، ئويلىنىپ بولدۇڭمۇ؟-دەپ ۋاقىرىغان ئاۋازدىن كېيىن، گۈلمىرە ئېسىگە كېلىپ : ھە-ئە،ئويلىنىپ بولدۇم. مەن سىلەرگە بويسۇنىمەن!-دەپ جاۋاب بەردى.
گۈلمىرەنىڭ جاۋابىدىن كېيىن جاڭنىڭ چىرايىغا ھەييارلارچە كۈلكە يۈگۈردى. ئۇ گۈلمىرەنى ئاگاھلاندۇرماقچى بولۇپ ئېغىز ئاچتى:
-بىلىپ قوي، ئەسلىدە سەن ماڭا رەھمەت ئېيتىشىڭ كېرەك ئىدى. چۈنكى، مەن سېنى ئۆلۈمدىن قۇتقۇزۇپ قالدىم. ناۋادا ھېلىقى سېنى ئۇرماقچى بولغان ساقچىنى توسۇپ قالمىغان بولسام، سېنى ئېغىر يارىلاندۇرۇپ قوياتتى.شۇنىڭ بىلەن نېرۋاڭدىن ئادىشىپ، ساراڭ بولۇپ قېلىشىڭ ياكى ئۆلۈپ كېتىشىڭ مۇمكىن ئىدى.
گۈلمىرە ئۈندۈمىدى، ئۇ بۇنداق دەھشەتلىك ئىشلارنى خىيال قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايتتى. ئۇ تۇغۇلۇپ، 18 ياشقا كىرگۈچە بولغان ئارىلىقتا، ئاتا-ئانىسىدىن تۈگۈل، ساۋاقداشلىرى، دوستلىرى، ھەتتا، ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلىرىدىنمۇ ئازار يەپ باقمىغان ئىدى. ئۇ تېخى ئون گۈلىنىڭ بىرسى ئېچىلمىغان يۇمران بىر مايسا ئىدى.
گۈلمىرە يەنە خىيالغا پېتىپ قالدى.شۇ ئەسنادا،بىرسىنىڭ:دوك،دوك قىلىپ ئالدىغا كېلىۋاتقان قەدەم ئاۋازىدىن، بىرنېمىنى سەزگەندەك قىلىپ شاققىدە قارىۋىدى، جاڭ نىڭ،ئۆزىنىڭ يېنىغا كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردى.جاڭ ئۇنىڭ ئالدىغا كەلگەچ گەپ قىلىۋاتاتتى: -چىرايلىق قىز، مەن سېنى ئورۇندۇقتىن (يولۋاس ئورۇندۇق) بوشىتىپ قوياي، بەلكى پۇت-قوللىرىڭ ئاغرىپ كەتكەندۇ، بىراز راھەت كۆرۈۋالغىن، ئاندىن مەن سېنى باشقا ئاياللار بار كامېرغا ئېلىپ چىقىپ قويىمەن. خالىساڭ قورسىقىڭغا تاماق ئېلىپ بېرىمەن. بولامدۇ؟
گۈلمىرە يەنىلا ئۈندىمىدى.جاڭ ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ، قارا ئورۇندۇققا چېتىپ قويۇلغان پۇت-قولىنى بوشىتىپ، قولىغا ئېسىلدى ۋە يۈزىگە سۆيمەكچى بولدى.
-تارت قولۇڭنى، ماڭا چېقىلغۇچە بولما!-دەپ ۋاقىرىدى گۈلمىرە.
-ئۇنداق قىلما، دەپ تېخىمۇ چىڭ يېپىشتى جاڭ، سەن ماڭا: سىلەرگە بوي سۇنىمەن دەپ ۋەدە بەردىڭغۇ؟ ئەمدى شۇنداق قىل! بىلەمسەن؟ مەن سېنى ياخشى كۆرىمەن.
-ياق، بولمايدۇ! مەن ساڭا بويسۇنىمەن دېمىدىم، تۈزۈمگە بويسۇنىمەن دېدىم، مېنى قويىۋەت، بولمىسا ۋاقىرايمەن، ئۆلۈۋالىمەن.
-ئۇنداق قىلما!-دەپ يېلىنىشقا باشلىدى جاڭ-سەن تېخى ياش، يەنە ياشىشىڭ كېرەك! مەن سېنى خوتۇنلىققا ئېلىشنى خالايمەن، ئەگەر ماقۇل بولساڭ، سېنى «كەسپىي قايتا تەربىيەلەش مەركىزى» دىن قويۇپ بەرگۈزۈش قولۇمدىن كېلىدۇ.
-ياق، بولمايدۇ، مەن ساڭا خوتۇن بولۇشنى خالىمايمەن. مېنى قويۇپ بەرمىسەڭمۇ مەيلى! ئۆلتۈرۈۋەتسەڭمۇ مەيلى!
-ئۇنداق قىلما، 301-نومۇرلۇق، ياش جېنىڭغا ئىچىڭ ئاغرىسۇن، ناۋادا مېنىڭ تەلىپىمنى قوبۇل قىلساڭ،نېمە دېسەڭ شۇنى قىلىپ بېرىمەن.
-ياق،مەن بولمايدۇ دېدىممۇ-بولمايدۇ. ئۆلسەممۇ قوبۇل قىلمايمەن-دەپ ۋاقىرىدى گۈلمىرە،
-ۋاقىرىما! سېنىڭ ئاۋازىڭنى بۇ يەردە ھېچكىم ئاڭلىمايدۇ-دەپ ئۇنىڭغا يەنە يېلىنىشقا باشلىدى جاڭ-مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلا، ئەگەر ئاڭلىمىساڭ، چوڭ زىيان تارتىسەن. بۇ يەردە چىرىپ تۈگەيسەن. سەن تېخى بىلمەيسەن! ھازىرغىچە بۇ يەردىن ھېچكىم ساق چىقىپ باقمىدى.
-مەيلى ئۆلىكىم چىقسىمۇ، مەيلى تىرىكىم، مەن ساڭا قەتئىي ماقۇل دېمەيمەن-دەپ، يەنە ۋاقىرىدى گۈلمىرە
-ھەي سېنى ۋاقىرىما! دېۋاتىمەن-دەپ،جاڭ يىنىدىن بىر تال لاتىنى چىقىرىپ، گۈلمىرەنىڭ ئاغزىغا كەپلەپ قويدى. ئاندىن ئۇنىڭغا چىڭ يامىشىپ يەرگە باسماقچى بولىۋىدى، گۈلمىرە يەنىلا قارشىلىق قىلىپ، جېنىنىڭ بارىچە تىركەشتى ئەمما،گۈلمىرە ھەر قانچە قارشىلىق كۆر سەتسىمۇ، ئاخىرى كۈچلۈك زالىم، ئاجىز مەزلۇمەنى ئارقا تەرەپتىن قاماللاپ تۇتقانچە يەرگە بېسىۋالدى.
گۈلمىرە جېنىنىڭ بارىچە تىركىشىپ باقتى. ئاغزىغا لاتا تىقىقلىق بولغاچقا تىنالماي قېلىۋاتاتتى. ئاخىرى ئۇ زادىلا بولالماي، بەكلا بوشىشىپ كەتتى. ئۇنىڭ بەدىنىدە يەنىلا تىركەشكۈدەك كۈچ قالمىغان ئىدى.شۇ ئەسنادا جاڭ گۈلمىرەنىڭ ئۈستىگە چىقىۋېلىپ، ئۇنىڭ پۈتۈن كىيىملىرىنى سالدۇرۇۋېتىپ، ئىپلاس نەپسىنى قاندۇرۇش مەقسىتىگە يەتتى. گۈلمىرە بۇ چاغدا ھوشىدىن كەتكەن بولۇپ،ئۆزىنىڭ نېمە بولغانلىقىنىمۇ سەزمىگەن ئىدى.
گۈلمىرە قانچىلىك ھوشسىز ياتىقىنىنى ئۆزىمۇ بىلمەيتتى. بىر ۋاقىتتا ھوشىغا كېلىپ قارىۋىدى، ئۇ ئۆزىنى كامېردا كۆردى.كەچلىك تاماق ۋاقتى بولغان بولۇپ،تۇتقۇنلارنىڭ قاچىسىدىكى سۇيۇق بىر تاماق بولۇشى كېرەك؟ تۇتقۇن ئاياللار خۇددى قەھەتچىلىكتە قالغان ئادەملەردەك بېشىنى كۆتۈرمەستىن شالاپشىتىپ ئىچىشمەكتە ئىدى. گۈلمىرە بىلەن ھېچكىمنىڭ كارى بولمىدى. تۇتقۇنلار تاماقلىرىنى يەپ بولۇشقاندىن كېيىن، قاچىلىرىنى ئۆچىرەتتە تۇرۇپ، تېزلىكتە يۇيۇپ دەستىلەپ قويۇشتى. شۇندىلا كامېر باشلىقى ئايال گۈلمىرەنىڭ داق يەردە ياتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ قېشىغا كەلدى ۋە سورىدى :
-ھەي،301-نومۇرلۇق،قورسىقىڭىز ئاچتىمۇ؟ قارىغاندا ئەتىگەندىن بۇيان تاماق يېمىگەندەك قىلىسىز، چىرايىڭىز بەكلا سارغىيىپ كېتىپتۇ، مەن گۇندىپايلارغا خەۋەر قىلاي، سىزگە تاماق ئەكىلىپ بەرسۇن.گۈلمىرە:«ماقۇل»دېگەندەك قىلىپ، بوش ئاۋازدا پىچىرلىدى: ئاۋال ماڭا سۇ ئەكىلىپ بەرسىڭىز بولامدۇ؟ بەك ئۇسساپ كەتتىم .
-بولمايدۇ! 301-نومۇرلۇق،مەن خالىغانچە سىزگە سۇ ئەكىلىپ بېرەلمەيمەن. ئۇنى گۇندىپايلاردىن سورىشىم كېرەك! بىراز سەۋر قىلىپ تۇرۇڭ!
-ماقۇل ھەدە! دەپ، بېشىنى لىڭشىتتى گۈلمىرە
-مېنى ھەدە دېمەڭ! مەن: 300-نومۇرلۇق بولىمەن. مۇشۇ نومۇر بىلەن چاقىرىڭ، بولمىسا جازالىنىپ قالىسىز، بۇ يەردە ھېچكىم، ئاچا ياكى سىڭىل، ئاكا ياكى ئىنىم دېيىشكە بولمايدۇ.
گۈلمىرە، بۇ قېتىم ھېچقانداق گەپ قىلماستىن بېشىنى لىڭشىتىپ قويدى. شۇ ئەسنادا كامېردىكى كۆزىتىش كامېراسىدىن: ھەي، ئىككىڭ نېمە دېيىشىۋاتىسەن؟گەپ قىلىشما،بولمىسا جازالىنىسەن!-دېگەن ئاۋاز كەلدى. كامېر باشلىقى ئايال كامېراغا قاراپ، گۇندىپايغا گەپ قىلدى: 301-نومۇلۇق تېخى تاماق يېمەپتۇ، ئۇنىڭغا تاماق ئەكىلىپ بەرسەڭ بولامدۇ؟
گۇندىپاي بۇنىڭغا ھېچقانداق جاۋاب بەرمىدى. بىر ئاش پىشىم ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، كامېر ئىشىكى ئېچىلىپ جاڭ بىر گۇندىپاي بىلەن بىللە كىرىپ كەلدى. ئۇنىڭ قولىدىكى يوغان بىر سۇلياۋ قاچىدا لىق تاماق تۇراتتى. جاڭ تاماقنى گۈلمىرەنىڭ ئالدىغا قويۇپ،تازا بىر تىكىلىپ قارىۋەتكەندىن كېيىن: بۇ تاماقنى ئۆزۈڭ يېگىن! باشقىلارغا بۆلۈپ بېرىشكە بولمايدۇ. بولمىسا،خاتالىق ئۆتكۈزگەن بولۇپ، جازالىنىسەن!-دەپ، ھەيۋە قىلىپ قويۇپ چىقىپ كەتتى. گۈلمىرە سۇلياۋ قاچىدىكى تاماققا قاراپ بەكلا ھەيران قالدى. بۇ تاماقلا باياتىندىن بۇيان تۇتقۇنلار ئىچىشكەن سۇيۇق نەرسىگە ئوخشىمايتتى.باشقا تۇتقۇنلارمۇ ئۇ قاچىدىكى تاماققا شۈلگەيلىرىنى ئېقىتىپ قاراپ قېلىشتى. يوغان بىر سۇلياۋ قاچىدا لىققىدە گۆشلۈك قورۇما ۋە بىر نەچچە تال ھورنان تۇراتتى.
گۈلمىرە ھورنان بىلەن قورۇمىدىن بىر ئاز يەپلا توختاپ قالدى، ئۇنىڭ قورسىقى تېخى تويمىغان بولسىمۇ، گېلىدىن ئۆتمەيۋاتاتتى. چۈنكى، باشقا تۇتقۇن ئاياللارنىڭ كۆزى ئۇنىڭ قاچىسىدا ئىدى. گۈلمىرە، ئەمدى بۇ ئەھۋالغا چىدىمىدى-دە قاچىسىنى كۆتۈرۈپ بېرىپ ھەر بىر تۇتقۇننىڭ قولىغا بىر تالدىن گۆش پارچىسىنى تۇتقۇزۇپ قويدى. كامېر باشلىقى ئايالمۇ نېمە قىلارىنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدى-دە، قولىغا چىققان بىر تال گۆشنى شاپپىدە قىلىپ يۈتىۋەتتى. ئەمما ئۇ گۇندىپايلار بۇنى كۆرسە كامېرغا بېسىپ كىرىپ، بىزنى جازالارمۇ؟-دېگەندەك قىلىپ كامېراغا قارىۋىدى، ھېچقانداق غەيرىي بىر ئالامەت كۆرىنمىدى.
گۈلمىرەنىڭ قاچىسىدىكى گۆش پارچىسى كامېردىكى يىگىرمە نەچچە تۇتقۇنغا تولۇق يەتكەنىدى.تۇتقۇن ئاياللار ئىچىدە: گۈلمىرەگە رەھمەت ئېيتىشىپ، كۆز يېشى قىلىشتى. چۈنكى، ئۇلار خېلى ئۇزاقتىن بۇيان گۆش دىدارى كۆرۈپ باقمىغان ئىدى. ئەمما، ئۇلار بۇ ئىشنىڭ تېگىدە نېمە سىر بارلىقىنى چۈشەنمەيتتى.
ئۇزاق ئۆتمەي كامېرنىڭ بۇلۇڭىغا ئورىتىلغان كامېرادىن: ئەمدى بولدى قىلىڭلار، ھېچكىمنىڭ شەخسىي پائالىيەت قىلىشىغا، ئۆز-ئارا پاراڭ سېلىشىغا بولمايدۇ. تېزدىن كەچلىك ئۆگىنىشنى باشلاڭلار! دېگەن ئاۋاز كەلدى.
گۈلمىرە ئەمدى نېمە ئىش بولىدىغاندۇ؟-دەپ قارىۋىدى، ھەممە تۇتقۇنلار تامغا يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ، قولىدىكى بىر تال دەپتەردىن ئۈنلۈك ئاۋازدا بىر نېمىلەرنى ئوقۇۋاتاتتى. كامېر باشلىقى ئايال گۈلمىرگمۇ خىتاي تىلىدىكى بىر تال ئۆگىنىش قوللانمىسىنى تۇتقۇزۇپ قويدى ۋە سەنمۇ بىزگە ئەگىشىپ ئوقۇغىن، ھەممىمىز بۇنى يادقا ئېلىشىمىز كېرەك، بولمىسا ئەتە سوئال سورىغاندا جاۋاب بېرەلمىسەك، جازالىنىپ كېتىمىز-دېدى.
گۈلمىرە بېرىلىدىغان جازانىڭ قانداق جازا ئىكەنلىكىنى بىلمەكچى بولۇپ، ئەمدى ئېغىزىنى ئېچىشىغا كامېرادىن يەنە ئاۋاز كەلدى: ھەي، سەن نېمە قىلىۋاتىسەن؟ گەپ قىلما، ئۆگىنىشنى باشلا!
شۇنىڭدىن كېيىن ھېچكىم گەپ قىلىشقا، ئۇياق-بۇياققا قاراشقا جۈرئەت قىلالمىدى، تام ياقىلاپ ئولتۇرۇپ قولىدىكى ئۆگىنىش قوللانمىسىنى ئۈنلۈك ئاۋازدا ئوقۇشقا باشلىدى. گۈلمىرەمۇ كىچىكىدىن باشلاپ، خىتاي تىلى مەكتىپىدە ئوقۇغان بولغاچقا، ئۇنىڭ خىتاي تىلى سەۋىيىسى ھېچكىمدە قىلىشمايتتى، شۇڭلاشقا ئۇمۇ ئۆلچەملىك تەلەپپۇزدا، باشقىلارغا ئەگىشىپ ئوقۇدى.
گۈلمىرە قوللالمىنى بىر قېتىم ئوقۇپلا چۈشەندىكى، ئۇلارنىڭ ئوقۇۋاتقىنى، شى جىن پىڭ ئۆزۈندىلىرى،كوممۇنىستىك پارتىيە نىزامنامىسى، خىتاي دۆلەت مارشى قاتارلىق سىياسىي تېمىدىكى مەزمۇنلار ئىدى. گۈلمىرە ئىلگىرى بۇنداق سىياسىي شوئارلارنى ئاڭلىغان بولسىمۇ، بۈگۈنكىدەك تەپسىلىي ئوقۇپ چىقمىغان ئىدى. ئۇ بۇنىڭدىن شۇنى ھېس قىلدىكى، بۇ يەردە تۇتقۇنلارنىڭ كاللىسى يۇيۇلۇۋاتاتتى. ئەمدى ئۇمۇ بۇ قىسمەتتىن قېچىپ قۇتۇلالمايتتى.ئۇ شۇنداق ئويلىدى:« قانداق زامان بولۇپ كېتىپ بارىدۇ؟بۇ قانداق يەر؟ بۇ يەرنىڭ ئىسمىنى:« كەسپىي قايتا تەربىيەلەش مەركىزى» دەۋاتاتتىغۇ؟ ئۇنداقكەن تۇتقۇنلار بىرەر كەسىپ ياكى تېخنىكا ئۆگەنمەي نېمىشقا پەقەتلا سىياسىي شۇۋارلارنى ئۆگىنىدىغاندۇ؟ ئۇنىڭ ئىنسانلارغا نېمە پايدىسى بولسۇن؟ ئۇنىڭ ئورنىغا بىزدەك تېخى بىرەر ئالىي مەكتەپتە ئوقۇمىغان ياكى كەسىپ ئۆگەنمىگەن ياش قىز-ئاياللارغا ھۈنەر، تېخنىكا ئۆگەتسە بولماسمىدى؟ مانا، مەن تېخى ئاران 9-سىنىپقىچە ئوقۇيالىدىم. ئۆز ئانا تىلىم ۋە خىتاي تىلىنى بىلگەندىن باشقا ھېچقانداق بىرەر كەسىپ ئۆگىنىش ياكى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش ئىمكانىيىتىم بولمىدى.بۇلارنى مەندىن تارتىپ ئېلىشتى.ناۋادا بۇ «كەسپىي قايتا تەربىيەلەش مەركىزى» دىن ئىككى يىللىق ئوقۇش مۇددىتىنى تۈگىتىپ چىقسام، جەمىيەتتە نېمىگە كېرەك كېلىمەن؟ تۇرمۇشۇمنى قانداق قامدايمەن؟ بىرەر يىگىت بىلەن تۇرمۇشلۇق بولالارمەنمۇ؟ ئاتا-ئانامغۇ ياردەم قىلار، ئەمما ئۇلار ماڭا مەڭگۈلۈك باقىۋەندە ئەمەستە! ھازىر ئاتا-ئانامنىڭ يۈرىكى مېنىڭ بۇ يەرگە كىرىپ قالغانلىقىمدىن لەختە-لەختە قان بولۇپ كەتكەندۇ؟ ئاھ خۇدا، ئۇلارنى ئۆز پاناھىڭدا ساقلىغايسەن!»
كارىدوردىن قوڭغۇراق چېلىنىپ، ئۇخلاش ۋاقتى بولغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى. تۇتقۇنلار ئەدىياللىرىنى سېلىشىپ داق يەردىلا بىر-بىرسىگە دۈمبىسىنى قىلىپ يېتىشقا باشلىدى. گۈلمىرەگە ئەڭ چەتتىكى بىر بۇلۇڭدىن ئورۇن تەگكەن بولۇپ، شۇ يەردە ئۇخلاي دەپ يېتىشىغا، بەدىنىنىڭ نازۇك يەرلىرىنىڭ ئەتراپى تارتىشىپ ئاغرىغاندەك ھېس قىلدى. ئۇ ئاستا ئىشتىنىنىڭ تۈگمىسىنى يېشىپ، قولىنى ئىچىگە تىقىپ تۇتۇپ بېقىۋىدى، قولىغا يېرىم قېتىپ كەتكەن شىلىمشىق بىر نەرسە ئورۇندى. ئۇ قولى بىلەن ئۇ نەرسىنى تارتىپ چىقىرىپ قارىۋىدى، ئۇنىڭ قاچاندۇر بىر ۋاقىتتا بەدىنىدىن چىققان قان ئىكەنلىكى بىلىندى. ئۇ سوراقتىن كېيىنكى مەجبۇرى باسقۇنچىلىق بولۇۋاتقاندا، ھوشىدىن كەتكەن بولۇپ، ئۆزىگە نېمە بولغانلىقىنى تۇيمىغان ئىدى.
ئەمدى گۈلمىرە سوراقخانىدا ئۆزىنىڭ ئىپپىتىنىڭ بۇلغانغانلىقىنى بىلدى-دە، ئاۋال قاتتىق غەزەپكە كەلدى، ئارقىدىن يىغلىدى. كامېردا ئۇخلاش ۋاقتىدىمۇ چىراق ئۆچۈرۈلمەيدىغان بولغاچقا، ئۇنىڭ يىغلاۋاتقانلىقىنى كامېرادىن كۆرگەن كۆزەتچى گۇندىپانىڭ ۋاقىرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى: ھەي، 301-نومۇرلۇق، سەن نېمىشقا يىغلايسەن؟ بۇ يەردە يىغلاشنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى بىلمەمسەن؟ دەرھال يىغاڭنى توختىتىپ، ئۇخلا! بولمىسا ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا جازالىنىسەن!
كامېرادىن كەلگەن ئاۋازغا تۇتقۇنلارنىڭ جاۋاب قايتۇرۇش ياكى بىر نەرسە سوراش ھوقۇقى يوق ئىدى. كامېردىكى تۇتقۇنلارنىڭمۇ ئۆز-ئارا گەپلىشىشىگىمۇ رۇخسەت قىلىنمايتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىدىن بىرەرسىگە شىكايەت قىلىش نىيىتىدە بولغان بولسىمۇ، ئەمما، ئۇنىڭغا ئىمكانىيەت بولمىدى. باشقا تۇتقۇن ئاياللارغىمۇ دېيەلمىدى. ئۇنىڭغا دەردىنى ئىچىگە يۇتۇپ، ئىزتىراپ چەكمەكتىن باشقا ئامالى يوق ئىدى. ئۇنىڭ كۆزىگە ئۇيقۇ كەلمەيۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما يالغاندىن ئۇخلىغاندەك بولۇپ يېتىشقا مەجبۇر ئىدى.
گۈلمىرە قاچان ئۇخلاپ قالغانلىقىنى ئۆزىمۇ بىلمەيتتى، ئۇ كامېر باشلىقىنىڭ ئۆزىنى نوقۇپ : 301-نومۇرلۇق ئورنىڭىزدىن تۇرۇڭ! ئويغىنىش سىگنالى چېلىندى. تېزدىن يۈز كۆزىڭىزنى يۇيۇپ، تەييار بولۇڭ، پەقەت 5 مىنۇتلا ۋاقتىڭىز بار. تەرەت قىلماقچى بولسىڭىز ئۆچرەت تۇرۇڭ! ناشتىلىقتىن كېيىن ۋە دەرس ئارىلىقىدا ھاجەتخانىغا بېرىشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. تېز بولۇڭ! ناشتىلىققا بارىمىز، ئارقىدا قالسىڭىز گۈندىپايلاردىن تاياق يەيسىز، ناشتىلىقمۇ بېرىلمەيدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن سائەت 8 بولغاندا دەرس باشلىنىدۇ!-دەپ، ئۇنى ئويغىتىۋاتاتتى
تۇتقۇن ئاياللار خۇددى چاقماقتەك تېزلىكتە ھەرىكەت قىلىۋاتاتتى. گۈلمىرەمۇ ئاران تەستە دېگۈدەك ئورنىدىن تۇرۇپ، ھاجەت قىلىش ئۈچۈن ئۆچرەتنىڭ ئارقىسىغا تىزىلدى. ھاجەتخانا كامېرنىڭ بىر بۇلۇڭىغا جايلاشقان بولۇپ،بىر ئەينەك تاختا بىلەن توسۇپ قويۇلغانىدى. ئەينەك تاختىنىڭ ئىچىدىن ھاجەتكە ئولتۇرغانلارنىڭ بەدىنى ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇراتتى. بۇ ئەھۋالدىن گۈلمىرە بەكمۇ ئوڭايسىزلاندى. تېخى ئۇنىڭغا نۆۋەت كەلمىگەن بولسىمۇ،ھاجەتخانا تەرەپكە قارىيالماي، خۇددى باشقىلارنىڭ بەدەنلىرىنى، بولۇپمۇ تەرەت قىلىۋاتقان ھالىتىنى كۆرسە ئۇيات بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، بېشىنى يەرگە ئېگىپ، ئىزا تارتىپ كەتكەن ئىدى. شۇ ئەسنادا ئۇنىڭ ئالدىدىكى يېڭى تۇتقۇن قىلىنغان بىر قىز، ھاجەتكە كىرىپ ئولتۇرغان يەنە بىر ئايالنىڭ تارتىلدىلىپ، تەرەت قىلىۋاتقان ھالىتىنى كۆرۈپ قېلىپ، كۈلۈپ كەتكەن ئىدى. شۇ ھامان كامېرادىن ئاۋاز كەلدى: ھەي، نېمىشقا كۈلىسەن، بۇ يەردە كۈلۈشكە بولمايدىغانلىقىنى بىلمەمسەن؟ ئەگەر يەنە كۈلسەڭ، قاتتىق جازالىنىسەن!
ئۆچرەتتىكى ئەڭ ئاخىرقى تۇتقۇن گۈلمىرەگە نۆۋەت كەلگەن ئىدى. ئەمما ھاجەتخانىغا كىرىپ، ئولتۇرا-ئولتۇرمايلا، ۋاقىت توشتى دېگەن سىگنال چېلىندى، ئۇ ئۆزىنىڭ تەرىتىنىمۇ جايىدا قىلالماي، ئورنىدىن تۇرۇشقا مەجبۇر بولدى. ئاندىن بىر مىنۇتقىمۇ يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە، چالا-بۇلا يۈزىنى يۇدى-دە، ئۆچرەتكە تىزىلىشقا ئاران ئۈلگۈردى.
كامېر ئىشىكلىرى ئاپتوماتىك باشقۇرۇلىدىغان بولۇپ،تۇتقۇنلارنىڭ ئۆچرەتكە تىزىلىپ تەييار بولغانلىقىنى كۆرگەن گۇندىپاي، كۇنۇپكىنى بېسىپ كامېر ئىشىكىنى ئاچتى. تۇتقۇنلار قاتار تىزىلىپ كامېردىن چىقىپ، بىنانىڭ قارشى تەرىپىدىكى ئاشخانا ئالدىغا كېلىپ ئۆچرەتتە تۇرۇشتى. ھەر بىر تۇتقۇنغا بىر چۆمۈچتىن گۈرۈچ شورپىسى ۋە بىر تالدىن ھورنان بېرىلىۋاتاتتى. نۆۋەت گۈلمىرەگە كەلگەن ئىدى، ئۇنىڭغىمۇ بىر چۆمۈچ گۈرۈچ شورپىسى ۋە بىر تال ھورنان بېرىلدى
تۇتقۇنلار سىرتتىلا ئولتۇرۇپ قاچىسىنى تىزىغا قويۇپ، شورپىلارنى شالاپشىتىپ ئىچىشكە باشلىدى. گۈلمىرەمۇ شورپىنى ئىچەي دەپ، قوشۇقنى قاچىغا سېلىپ قوچىۋېدى، ئۇنىڭ كۆزىگە بەكلا ئاز گۈرۈچ دانىسى كۆرۈندى، شورپا شۇ قەدەر سۇيۇق ئىدىكى، گۈلمىرە قولىدا تۇتماي تۇرۇپلا بىر نەچچە تال گۈرۈچ دانىسىنى سانىۋالغان ئىدى. ھورنانمۇ يۈز گىراملا كېلەتتى. ئۇنىڭ قورسىقى بۇ ناشتىلىققا ھېچقانچە تويمىدى. ئۇ قۇرۇق قاچىسىنى كۆتۈرۈپ كېلىپ بىر ئۇيغۇر ئۇستامغا قاچىسىنى تەڭلىدى: ئۇستام قورسىقىم تويمىدى، يەنە ئازراق شورپا ئۇسۇپ بېرەمسىز؟
-شۇنداقمۇ؟ تۇرۇپ تۇرۇڭ، مەن گۇندىپايدىن سوراپ باقاي!-دېدى ئاشپەز ئۇستام ۋە نازارەتچى گۇندىپاينىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇ قىزغا يەنە شورپا بېرىلسە بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقىنى سورىدى.
-ياق،بولمايدۇ-دەپ ۋاقىرىدى ئۇ گۇندىپاي،بۇ يەر-ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئۆيى ئەمەس، خالىغانچە تاماق بېرىدىغانغا،بۇ يەردە يۇقىرىدىن بەلگىلەپ بېرىلگەن ئۆلچەم بار، ھېچكىمگە ئارتۇق تاماق بېرىشكە بولمايدۇ.
-ئەمىسە ئېشىپ قالغان تاماقنى قانداق قىلىمىز؟-دەپ،سورىدى ئاشپەز ئۇستام گۇن دىپايدىن؟
-تۆكۈۋەت!-دەپ ۋاقىرىدى گۈندىپاي، ئاندىن گۈلمىرەنىڭ يېنىغا كېلىپ:ھەي، 301-نومۇرلۇق،سەن تۈزۈمگە خىلاپلىق قىلدىڭ. ئەمدى ساڭا چۈشلۈك تاماق بېرىلمەيدۇ، سېنىڭ قورسىقىڭ تويمىسا، بىزنىڭ نېمە كارىمىز.-دەپ ۋاقىرىدى. گۈلمىرەنىڭ كۆزىگە ياش ئولاشتى. ئەمما ئۇ تېزلىكتە يېشىنى قولى بىلەن سۈرتىۋېتىپ، ئۆچرەتكە بېرىپ تىزىلدى. ناۋادا ئۇنىڭ كۈزىدىكى ياشنى گۇندىپاي كۆرۈپ قالسا ئىدى، ئۇنىڭغا يەنە بىر جىنايەت ئارتىلغان بولاتتى.
تۇتقۇنلار قاتار تىزىلدۈرۈلۈپ، ئۇدۇل بىنادىكى دەرسخانىغا ئېلىپ كېتىلىۋاتاتتى. گۈلمىرە ئۆچرەتنىڭ ئەڭ ئاخىرىغا تىزىلغان بولۇپ، توساتتىن ئۇنىڭ قۇلىقىغا: «301 -نومۇرلۇق، سەن بۇ يەرگە كەل!»دېگەن ئاۋاز ئاڭلاندى. ئۇ بۇرۇلۇپ قاراپ،چاقىرغان كىشىنىڭ تۈنۈگۈن ئۆزىنى سوراق قىلغان مۇئاۋىن لاگېر باشلىقى جاڭ ئىكەنلىكىنى تونۇدى. گۈلمىرەنىڭ كۆڭلىگە شۇئان مۇنداق گۇمان كەچتى:« مېنىڭ ئىپپىتىمنى بۇلغىغان چۇقۇم مۇشۇ ئىپلاس، چۈنكى، سوراقخانىدا ئۇنىڭدىن باشقا ئادەم يوق ئىدى »
گۈلمىرە جاڭغا قاراپ جايىدىن قىمىر قىلمىدى.ئۇنىڭ كۆزىدە غەزەپتىن ئوت چاقناۋاتاتتى.شۇ تاپتا ئۇنىڭ،جاڭغا كۈچى يەتسە ئىدى.بېرىپلا گېلىدىن بوغۇپ، ئۆلتۈرۈپ قويغۇسى بار ئىدى. ئەمما ئۇ ھازىر ئۇنداق قىلالمايتتى. چۈنكى، رەقىبىنىڭ قولىدا كالتەك، بېلىدە تاپانچا ۋە كويزا-كىشەن دېگەندەك جازا قوراللىرى تۇراتتى. يەنە تېخى بىر نەچچە قوراللىق مۇھاپىزەتچىسى ئۇنىڭ بۇيرۇقىنى كۈتۈپ، خۇددى جاللاتلاردەك قاراپ تۇراتتى
-مەن سېنى بۇ تەرەپكە كەل!-دەۋاتىمەن دەپ ۋاقىرىدى جاڭ، ئەمما گۈلمىرە يەنىلا جايىدا قىمىر قىلماي تۇرۇۋىدى، ئۇنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئىككى مۇھاپىزەتچى كېلىپ ئۇنى ئىككى قولىدىن تۇتۇپ سۆرىگەنچە ئېلىپ ماڭدى.
-ئاشخانىغا ئېلىپ كىرىڭلار!-دەپ بۇيرۇق قىلدى جاڭ، ئاندىن ئىككى مۇھاپىزەتچىسىنى ئىشىك تۈۋىدە ساقلاشقا بۇيرۇپ، گۈلمىرەنى شىرەگە ئولتۇرغۇزدى:
-كۆڭلۈڭ نېمە تارتىدۇ، قانداق تاماق يېگۈڭ بار؟
-مەن ناشتا قىلدىم، سېنىڭ قولۇڭدىن تاماق يېمەيمەن. ئۆزۈڭ يېگىن!-دەپ جاڭنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلدى گۈلمىرە .
-ئۇنداق قىلما! مەن ساڭا ياخشىلىق قىلماقچى، تۈنۈگۈنكى قورۇمىنىمۇ مەن ساڭا ئاتايىتەن كىرگۈزۈپ بەرگەن ئىدىم. ئاڭلىسام ئۆزۈڭ يالغۇز يېمەي، باشقا تۇتقۇنلارغىمۇ تارقىتىپ بېرىپسەن! بۇ ئىشىڭ توغرا بولماپتۇ، ئەمما بۇ قېتىم سېنى كەچۈرۈۋېتەي! ھازىر ساڭا تاماق بۇيرۇتىمەن، ئۇنى چۇقۇم يېيىشىڭ كېرەك!
گۈلمىرە ئۇنىڭ گېپىنى يەنىلا ئىلىك ئالمىدى-مەن ناشتا قىلىپ بولدۇم-دېدى ئۇ، سېنىڭ قولۇڭدىن تاماق يېمەيمەن!
-نېمىشقا؟
-چۈنكى، سەن بىر جىنايەتچى، مېنىڭ ھوشسىز ياتقان ۋاقتىمدىن پايدىلىنىپ، ئىپپەت-نومۇسىمنى بۇلغاپسەن.بۇ بىر باسقۇنچىلىق قىلمىشىدۇر. سەن بىر ئېغىر جىنايەت ئۆتكۈزدۈڭ، بۇنىڭ ئۈچۈن جازالىنىشىڭ كېرەك!
-ھى،ھى،ھى دەپ ھىجايدى جاڭ، ئۇنىڭ يۈزىدە قىلچىلىك ئىزا تارتىشتىن ئەسەر يوق ئىدى. ئۇنىڭ پاك بىر قىزنىڭ ئىپپەت-نومۇسىنى بۇلغىشى، ئۆزىنىڭ قانۇنىدىمۇ جىنايى قىلمىش بولۇپ ھېسابلىنىپ،ئېغىر جازالىنىشقا تېگىشلىك ئىدى.ئەپسۇس،ئۇ جازالىنىشنىڭ ئورنىغا، مەزلۇملارغا يەنە يامانلىق قىلماقچى ۋە جازالىماقچى بولۇۋاتاتتى. شۇ تاپتا ئۇ:« ئۆزىنى كونا جەمىيەتتىكى قۇلدار-ھۆكۈمرانلاردەك ھېس قىلىپ، باشقىلارنى خالىغانچە تۇتۇپ سولسام ۋە ئۆلتۈرسەممۇ گۇناھ بولمايدۇ» دەپ ئويلاۋاتقان بولۇشى مۇمكىن ئىدى.
گۈلمىرە ئورنىدىن تۇرۇپ ئاشخانىدىن چىقىپ كەتمەكچى بولۇۋىدى، ئۇ يۈگۈرۈپ كېلىپ،ئۇنىڭ مۈرىسىدىن بېسىپ ئولتۇرغۇزۇپ قويدى.ئاندىن قىلچىلىك خىجىل بولماستىن :
-سەن بىلمەمسەن،مەن بۇ يەرنىڭ باشلىقى، خوجايىن، مەن نېمىنى خالىسام شۇنى قىلىشقا ھوقۇقلۇق،ئەمما سەن بىر تۇتقۇن، گۇناھكار! شۇڭا سەن ماڭا بويسۇنۇشۇڭ كېرەك! قايسى كۈنى سەن بىزگە:«سىلەرگە بويسۇنىمەن» دەپ ۋەدە بەرگەن ئىدىڭ! بۇنى ئۇنتۇپ قالما!
-ياق، ئۇنداق ئەمەس. سەن خاتا چۈشىنىپ قېلىپسەن!-دېدى گۈلمىرە جاڭنىڭ يۈزىگىمۇ قارىماستىن باشقا تەرەپكە قاراپ تۇرۇپ-مەن بۇ تۇتقۇنلۇققا مەھكۇم بولغانلىقىم ئۈچۈن، بۇ يەرنىڭ تۈزۈمىگە بويسۇنىمەن دېدىم، ساڭا بويسۇنىمەن دېمىدىم، سەن مېنى شەخسى ئۆزەڭگە بويسۇندۇرىمەن دەپ خام خىيال قىلما! بۇ ئۇخلاپ كۆرگەن چۈشۈڭ!
-ئۇنداق قىلما!-دېدى جاڭ گۈلمىرەنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ قاراپ، مەن سېنى ياخشى كۆرىمەن. خالىساڭ سېنىڭ ھاياتىڭنى قۇتقۇزۇپ قېلىشنى خالايمەن.
-مەن سېنى ياخشى كۆرمەيمەن-كەسكىنلىك بىلەن ئۇنىڭ تەلىپىنى رەت قىلدى گۈلمىرە-سېنىڭ مېنى قۇتقۇزۇپ قېلىشىڭنىڭمۇ ھاجىتى يوق. مېنى خالىسا ئاللاھ قۇتقۇزىدۇ. خالىسا، ئۆز دەرگاھىغا ئېلىپ كېتىدۇ.
گۈلمىرە جاڭنىڭ سوئالىغا خىتاي تىلىدا چاقماقتەك راۋان جاۋاب بېرىۋاتاتتى. ئۇ گۈلمىرەنىڭ خىتايچىنى بۇ قەدەر ياخشى بىلىدىغانلىقىغا ھەيران قالدى-دە، ئۇنىڭدىن سورىدى :
-سەن خىتاي تىلى مەكتىپىدە ئوقۇغانمۇ؟ بەك ياخشى سۆزلەيدىكەنسەن. ئۇيغۇرچىنىمۇ ياخشى بىلەمسەن؟
-ھەئە، مەن خىتاي تىلى مەكتىپىدە ئوقۇغان، ئەمما ئۇيغۇرچىنىمۇ ياخشى بىلىمەن، ئۇ مېنىڭ ئانا تىلىمدۇر. ئۆز ئانا تىلىنى بىلمىگەن ئادەمنى قانداقمۇ بىر پۈتۈن ئادەم دېگىلى بولسۇن؟-مەردانىلىق بىلەن جاۋاب بەردى گۈلمىرە، شۇ تاپتا ئۇنىڭدا رەقىبىگە نىسبەتەن غەزەپتىن باشقا قىلچە ھېسسىيات يوق ئىدى.ئەكسىچە، ئۇنىڭ نىسبەتەن كۈچلۈك نەپرەت شەكىللەنگەن ئىدى.
جاڭ ھەر قانچە قىلىپمۇ گۈلمىرەگە ئۆزىنىڭ تەلىپىنى قوبۇل قىلغۇزالمىدى. شۇ تاپتا ئۇ گۈلمىرەنى سوراقخانىغا ئېلىپ كىرىپ، قارا تۆمۈر ئورۇندۇققا باغلاپ قويغاندىن كېيىن، قاتتىق قىيناپ ئەيۋەشكە كەلتۈرۈشنى خىيال قىلدى. ئەمما ئۇ تۇرۇپلا،بۇ خىيالىدىن ۋاز كېچىپ قالدى. بەلكى ئۇنىڭ ئېسىگە ئالدىنقى ھەپتە گۈلى ئىسىملىك بىر قىزنى ئەيۋەشكە كەلتۈرەلمەي،يامان نىيىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ بولغاندىن كېيىن،ئۆلتۈرۈپ قويغانلىقى كېلىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن ئىدى. ئۇنىڭ گۈلمىرەنى ئۆلتۈرۈپ قويغۇسى يوق ئىدى. ئۇ خىيالىدا:« مەن ئۇنى ھامان بىر كۈنى بويسۇندۇرىمەن. دوستۇم ۋاڭنىڭ دېگىنىدەك، دۇنيادا قارماققا ئىلىنمايدىغان بېلىق بولمايدۇ.مەن ئۇنىڭغا شۇنداق بىر قارماق تاشلايمەنكى. ئۇ چۇقۇم ئۇنىڭغا ئىلىنىشكە مەجبۇر بولۇپ قالىدۇ»
جاڭ لاگېرنىڭ تۇڭگان ئاشپىزىگە بىر نەچچە خىل قورۇما بۇيرۇتۇپ قويغان بولۇپ، ئاشپەز ئۇستام ئۇنى تەييار قىلىپ ئېلىپ كەلگەن ئىدى. جاڭ ئاشپەز ئۇستامغا قورۇمىنى گۈلمىرەنىڭ ئالدىغا قويۇشنى بۇيرۇدى. ئاندىن ئۇنى يېيىشكە تەكلىپ قىلدى:
-سەن ئەكەلگەن تاماقنى يىمەيمەن-دەپ رەت قىلدى گۈلمىرە-بۇنىڭغا نېمە گۆشى ئىشلىتىلگەن، مۇسۇلمانلارنىڭ چوشقا گۆشى يېمەيدىغانلىقىنى بىلىدىغانسەن؟جاڭ، گۈلمىرەنىڭ بۇنداق سوئال قويۇشنى كۈتمىگەن ئىدى. ئۇ تېڭىرقاپ تۇرۇپ قالدى-دە، ئاشپەز ئۇستامنى قايتا چاقىرىپ، شىرەدىكى قورۇمالارنىڭ نېمە گۆشىدە قۇرۇلغانلىقىنى سورىۋىدى، ئاشپەز ئۇستام: بىر تەخسىدىكىسى-كالا گۆشى، يەنە بىر تەخسىدىكىسى-چوشقا گۆشى دەپ جاۋاب بەردى. بۇنى ئاڭلىغان جاڭ يەنە ئېغىز ئاچتى:
-مۇسۇلمانلار كالا گۆشى يەيدىغۇ؟ ئۇنداق بولغاندىن كېيىن، سەن ئۇ تەخسىدىكى كالا گۆشى قورۇمىسىدىن يېگىن! ئەگەر ئۇنىمۇ يېمىسەڭ، قورۇمىلارنى ئىتقا تاشلاپ بېرىمەن
-نېمە قىلغۇڭ كەلسە شۇنى قىل!-دەپ، كەسكىنلىك بىلەن جاۋاب بەردى گۈلمىرە-مەن سېنىڭ ھەر قانداق تامىقىڭنى يېمەيمەن. ئەمدى ماڭا تاماق قىلدۇرۇپ بېرىمەن دەپ ئاۋارە بولما، مېنى كامېرغا ئېلىپ چىقىپ قوي، ئەمدى سەن بىلەن سۆزلىشىشنى خالىمايمەن.
-باشقا ھېچقانداق تەلىيىڭ يوقمۇ؟-دېدى جاڭ يەنىلا گۈلمىرەنىڭ كۆزىگە ھاياسىزلارچە تىكىلىپ قاراپ-ھەر قانداق تەلىۋىڭ بولسا ئورۇنداشقا تەييارمەن، بىلىپ قوي! ھېچكىم بۇ يەردە بۇنداق مۇئامىلىگە ئېرىشىپ باقمىدى. ھەممىسى ھايۋاننىڭ كۈنىنى كۆرۈۋاتىدۇ.
-ئۇلارنىڭ بۇنداق كۈننى كۆرۈشىگە سەۋەبچى بولغان سەنلەر ئۆزلىرىڭ،بىگۇناھ ئىنسانلارنى تۇتۇپ ئەكىلىپ، يالغاندىن:«كەسپى جەھەتتىن قايتا تەربىيىلەيمىز» دەپ، بۇ يەرگە قاماپ قويۇشمىغان بولساڭ، ئۇلار ئۆز جېنىنى-ئۆزى بېقىپ، ئادەمنىڭ كۈنىنى كۆرگەن بولاتتى.
جاڭ گۈلمىرەنىڭ ئاخىرقى سۆزىگە جاۋاب تاپالمىدىمۇ ياكى جاۋاب بېرىشنى خالىمىدىمۇ؟ ئۇنىڭغا قايتۇرۇپ بىر نېمە دېمىدى. ئەمما ئۇ يەنىلا گۈلمىرەنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ قاراپ تۇراتتى.گۈلمىرە شاققىدە ئورنىدىن تۇردى-دە، نەپرەت كۆزى بىلەن جاڭغا تىكىلىپ قاراپ-ئەگەر ماڭا ياخشىلىق قىلماقچى بولساڭ،بىر قېتىم مۇنچىغا چۈشۈۋېلىشىمغا رۇخسەت قىلغىن، بىر پارچە سوپۇن ۋە تازىلىق قەغىزى ئەكىلىپ بەرگىن. بەدىنىمدىكى سېنىڭ شالتاقلىرىڭنى تازلىۋېتەي، پاكىز بەدىنىم، يەنە پاكىز بويىچە تۇرسۇن!
ۋاڭ گۈلمىرەنىڭ ئاخىرى بىر نەرسىنى ئۆزىدىن تەلەپ قىلغانلىقىدىن بەكمۇ خوشال بولۇپ كەتكەن ئىدى. ئۇ گۈلمىرەنىڭ تەلىپىگە دەرھال ماقۇللۇق بىلدۈردى ۋە ئۇنىڭدىن سورىدى:
-خىزمەتچىلەر مۇنچىسىدا يۇيۇنامسەن ياكى تۇتقۇنلارنىڭكىدىمۇ؟
-تۇتقۇنلارنىڭكىدە، چۈنكى،مەنمۇ بىر تۇتقۇن-دەپ جاۋاب بەردى گۈلمىرە، ئەمما مېنى يالغۇز قويغىن،ھېچكىم مېنى نازارەت قىلمىسۇن. مۇنچىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ بەرسىلا بولىدۇ.
ۋاڭ گۈلمىرەنىڭ دېگەنلىرىگە ماقۇل بولدى. ئۇ بىر ساقچى خىزمەتچىسىگە بۇيرۇق بېرىپ، لۆڭگە، سوپۇن ۋە تازىلىق قەغىزى دېگەندەك نەرسىلەرنى ئەكەلدۈرۈپ، ئۇنىڭغا گۈلمىرەنى ئېلىپ چىقىپ، تۇتقۇنلار مۇنچىسىنى ئېچىپ بېرىشكە بۇيرۇدى. گۈلمىرە مۇنچىدا بەدەنلىرىنى يۇيۇپ،باسقۇنچىنىڭ شالتاقلىرىنى پاك-پاكىزە تازىلاپ چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن، ئۇھ دەپ بىر نەپەس ئالدى. ئاندىن ئىچىدە ئاللاھقا شۇنداق مۇراجىئەت قىلدى:«ئەي،ئۇلۇق ئاللاھىم!مەن بەدىنىمنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن بۇلغىنىشىنى ئەسلا خالىمايتتىم، ئۇ مېنىڭ تۇتقۇنلۇقۇمدىن، ئىمكانسىزلىقىمدىن بولدى. مەن بىر ئاجىز بەندەڭمەن. مېنى كەچۈرگەيسەن، بەدىنىمنىڭ پاكلىقىنى بۇرۇنقىدەكلا پاك قىلىپ بەرگەيسەن! ماڭا يامان نىيەتتە بولغان،زالىم باسقۇنچىنى ئۆزۈڭ جازالاپ بەرگەيسەن، سەن ھەممىگە قادىر، ئۇلۇق زاتسەن، ئامىن!»
گۈلمىرە مۇنچىدىن چىققاندا ئىشىك تۈۋىدە ئۆزىنى بىر گۇندىپاينىڭ ساقلاۋاتقانلىقىنى كۆردى. گۇندىپاي ئۇنىڭغا : ھەي،301-نومۇرلۇق! مەن بىلەن ماڭغىن، سېنى كامېرغا ئەكىرىپ سولاپ قويۇشۇم كېرەك. چۈشلۈك تاماق ۋاقتى بولىدىغانغا ئاز قالدى. سەن باشقا تۇتقۇنلار دەرستىن چىققاندىن كېيىن، ئۇلار بىلەن بىللە چۈشلۈك تاماققا بارساڭ بولىدۇ-دېدى ۋە گۈلمىرەنى كامېرغا سولاپ قويۇپ، ئىشىكنى تاقاپ چىقىپ كەتتى.
چۈشلۈك تاماق ۋاقتى بولغان ئىدى. تۇتقۇنلارنىڭ دەرسى تۈگەپ گۇندىپايلارنىڭ نازارىتىدە كامېرغا ئېلىپ كىرىلدى. تۇتقۇنلارغا بەش مىنۇت ئىختىيارى پائالىيەت ۋاقتى بېرىلگەن بولۇپ، تۇتقۇن ئاياللار بىر تەرەپتىن ھاجەتلىرىنى قىلىپ، چۈشلۈك تاماققا بېرىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىشسا،يەنە بىرتەرەپتىن ھەممىسى بىردىن،بىردىن گۈلمىرەنىڭ يېنىغا كېلىپ: ئۇنى بىر قېتىم پۇرىۋېلىپ، ئاندىن ئۆز ئىشىنى داۋام قىلىشتى. بەزىلىرى ئاستا كېلىپ، ئۇنىڭ قۇلىقىغا پىچىرلىدى: 301-نومۇرلۇق، سىز نېمانداق مېززىلىك پۇرايسىز، مۇنچىغا چۈشۈشكەن ئوخشايسىز-ھە، بىز بۇنداق خۇشخۇي پۇراقنى پۇراپ باقمىغىلى خېلى ئۇزاق بولدى. يەنە بىرى كېلىپ شۇنداق دېدى: ماڭا مۇنچىغا چۈشمىگىلى ئىككى ئاي بولدى. سىز نېمىدېگەن تەلەيلىك، تېخى تۇتقۇن قىلىنىپ بىر نەچچە كۈندىن كېيىنلا مۇنچىغا چۈشۈش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشىپسىز، بىزگە مۇنچىغا چۈشۈش ئۈچۈن، ئىككى ئايدا بىر قېتىم نۆۋەت كېلىدۇ، ئەمما ئىككى مىنۇتلا ۋاقىت بېرىلگەچكە، بەدىنىمىزنى پاكىز يۇيالمايۋاتىمىز، ھازىر پۇتۇمنىڭ تىز-ئوشۇقلىرى قىسىم باغلاپ كەتتى. ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە بىر ئايال كېلىپ پىچىرلىدى : سىز باشلىقنىڭ قىزىمۇ يا؟ ئەجەب سىزگە ئېتىبار قىلىنىپتىغۇ ياكى سىز ئۇيغۇر ئەمەسمۇ؟
-باياتىن بۇيان نېمە دېيىشنى بىلمەي جىم تۇرغان گۈلمىرە ئەمدى ئېغىز ئېچىشقا مەجبۇر بولغان ئىدى : مەن بىر ئۇيغۇر پەرزەنتى، شۇڭا مەنمۇ سىلەردەك بىر تۇتقۇن بولۇپ قالدىم. ئۇيغۇر بولمىغان بولسام، بەلكى تۇتقۇن قىلىنماس ئىدىم. ئاتا-ئانام ئادەتتىكىدەك ئوقۇتقۇچى ئىدى. ئەمما مەن ئۇۋالچىلىققا ئۇچۇردىم. بەلكى بۇ پۇرسەت ئاشۇ ئۇۋالچىلىقنىڭ بەدىلىگە كەلگەن بولۇشى مۇمكىن-دېدى گۈلمىرە ۋە ئۆزىچىلا ئىچ-ئىچىدىن قاتتىق ئۇھسىنىپ كەتتى. ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ قانداق ئۇۋالچىلىق ئۇچرىغانلىقىنى ھېچكىمگە دېگۈسى يوق ئىدى.دېگەن تەقدىردىمۇ،ئۇنىڭغا ھېچكىم ياردەم قىلالمايتتى. ئۇ ئەمدى تەقدىرىگە-تەن بېرىپ، بېشىغا نېمە كەلسە شۇنى كۆرۈشكە مەجبۇر ئىدى.
تۇتقۇنلار چۈشلۈك تاماققا ئېلىپ چىقىلدى. ئاشپەز ئۇستاملار قاتار بويىچە تاماق ئۇسۇپ بېرىۋاتاتتى. نۆۋەت گۈلمىرەگە كەلدى. ئۇنىڭغىمۇ بىر چۆمۈچ گۈرۈچ شورپىسى ۋە بىر تال ھورنان بېرىلدى. تۇتقۇنلار تاماقلىرىنى تىزىغا قويۇپ ئولتۇرۇپ بىردەمدىلا ئىچىپ بولۇشتى.گۈلمىرەنىڭ يەنە قورسىقى تويمىغان ئىدى.ئۇ نېمە بولسا مەيلى،بېشىمغا كەلگەننى كۆرەرمەن-دەپ،قاچىسىنى كۆتۈرۈپ،ئاشپەز ئۇستامنىڭ يېنىغا بېرىپ تەڭلىۋىدى، ئەتىگەن قورۇما قورۇپ چىققان تۇڭگان ئاشپەز، ئۇنى تونۇپ قالدى بولغاي،ئۇنىڭغا يەنە بىر چۆمۈچ شورپا ئۇسۇپ بېرىپ، ئېشىپ قالغان ھورناندىن يەنە بىر تال بەردى. بۇنى كۆرگەن نازارەتچى گۇندىپاي، تۇڭگان ئۇستامغا ۋاقىراپ: نېمىشقا ئۇنىڭغا يەنە ئارتۇق تاماق بېرىسەن؟ بۇ تۈزۈمگە خىلاپلىق قىلغانلىق ئەمەسمۇ، ئۇ سېنىڭ تۇغقىنىڭمىدى؟-دەپ سورىدى
-ياق، ئۇ مېنىڭ تۇغقىنىم ئەمەس، دەپ جاۋاب قايتۇردى ئاشپەز ئۇستام، ئەمما ئۇنىڭغا لاگېر باشلىقى جاڭ باشقىچە مۇئامىلە قىلىۋاتاتتى.مەن تېخى ئۇنى خەنزۇمىكىن دەپتىمەن.
-ئۇ قانداق خەنزۇ بولسۇن،خەنزۇلارمۇ لاگېرىغا كىرىپ تەربىيەلىنىشى كېرەكمىدى؟ سېنىڭ كۆزۈڭ كۆرمەمدۇ، قارا ئۇنىڭغا، چىرايىدىن ئۇيغۇرلىقى ئېنىق چىقىپ تۇرمامدۇ؟
-ھە، شۇنداقمۇ، دەپ ئاشپەز ئۇستام گۈلمىرەگە باشقىدىن سەپ سېلىپ قارىدى : يۇمىلاق يۈزلۈك، ئۇزۇن كىرپىكلىك، قوشۇمقاش، قاڭشارلىق ۋە ئاق يۈزلۈك كەلگەن گۈلمىرە تىپىك ئۇيغۇر قىزى بولۇپ، ئۇنى خىتايغا ئوخشىتىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس ئىدى.
جاڭنىڭ گۈلمىرەدەك بىر تۇتقۇنغا ئالاھىدە مۇئامىلە قىلغانلىقىدىكى خەۋەر لاگېرنىڭ بىرىنچى باشلىقى ياڭنىڭمۇ قۇلىقىغا يەتكەن بولۇپ، ئۇ بۇ ئىشقا ئەجەبلىنىپ، جاڭنى چاقىرتىپ،ئۇنىڭدىن بۇنىڭ نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى سورىدى:جاڭ ھاياسىزلارچە ھىجىيىپ باشلىقىغا خوشامەت قىلغان ھالدا: ياڭ باشلىق، رۇخسەت قىلسىڭىز، مەن بىر ئۇيغۇر قىزى بىلەن ئۆيلىنەي دېگەن ئىدىم. ئۇ قىز ھەقىقەتەن چىرايلىق ئىكەن، مەن ئۇنى ياقتۇرۇپ قالدىم. سىزچە، مېنىڭ بىر لاگېر تۇتقىنى بىلەن ئۆيلىنىشىم تۈزۈمگە خىلاپ ئەمەستۇ؟
-ھەرگىزمۇ خىلاپ ئەمەس!-دېدى ياڭ باشلىق ھىڭگاڭ چىشلىرىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ ھىجىيىپ-ئەكسىچە، سىز بىر ياخشى ئىش قىلىۋېتىپسىز، دۆلەت ھازىر:«جۇڭخۇئا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى»نى كۈچەيتىش سىياسىتىنى يولغا قويدى.بۇنىڭ تىپىك ئىپادىلىرىدىن بىرى بولسا، ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ خىتاي ئەرلىرى بىلەن توي قىلىشىدۇر، چۈنكى شۇنداق بولغاندىلا ئۇيغۇرلار-جۇڭخۇئا مللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى قوبۇل قىلغان بولىدۇ. بىلسىڭىز كېرەك! ھازىر بۇ ئىشنى دۆلەت قوللاۋاتىدۇ ۋە تەشەببۇس قىلىۋاتىدۇ.شۇڭا سىزنىڭ بىر ئۇيغۇر قىزى بىلەن توي قىلىشىڭىز،دۆلەتنىڭ-يەرلىك مىللەتلەرنى جۇڭخۇا مەدىنيىتى بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش سىياسىتىگە ماسلاشقانلىق بولۇپ، سىزنىڭ توغرا ئىش قىلغانلىقىڭىز بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەمدىكى گەپ ئىككىڭلارنىڭ كېلىشىشىدە، ئۇنىڭ بىلەن سۆزلەشتىڭىزمۇ؟ ناۋادا ئىككىڭلار سۆزلىشىپ، كېلىشىپ بولساڭلار، ئۇنى بىز مۇددەتتىن بۇرۇن لاگېردىن قويۇپ بەرسەكمۇ بولىدۇ.
-ياق تېخى كېلىشمىدۇق.-دېدى ۋاڭ چىرىيىنى غەلىتە پۈرۈشتۈرۈپ، ئۇ مېنىڭ تەلىپىمنى قوبۇل قىلمايۋاتىدۇ.
-شۇنداقمۇ؟-دېدى ياڭ باشلىق-بۇ مۇمكىن ئەمەس، ئەگەر ئۇ سىزنىڭ تەلىپىڭىزنى قوبۇل قىلمايدىغان بولسا،بىز ئۇنى قاتتىق جازالايمىز.ئۇنىڭ بۇ يەردىن ئۆلۈكى چىقسا چىقىدۇكى،تىرىكى چىقمايدۇ. ئۆز باشلىقىنىڭ بۇ سىياسىي خاراكتېرلىك مەسلىھەتىدىن كېيىن،جاڭ ئۇ ئۆزىگە-ئۆزى تەسەللى تاپقاندەك بولۇپ، گۈلمىرەنى قەتىئىي قولغا كەلتۈرۈشنىڭ كويىغا چۈشتى.
جاڭ ئەمدى ساۋاقدىشى ۋاڭنىڭ بۇ ئىشقا ياردەم قىلماقچى بولغانلىقىنى ئېسىگە ئېلىپ، ئۇنىڭغا تېلېفونقىلىپ مەسلىھەت سورىدى:
-ۋەي، شياۋ ۋاڭ ياخشىمۇسەن؟ ئىشلار قانداق كېتىۋاتىدۇ؟
-ھە-ئە، مەن بەك ياخشى. ئىشلىرىمىز جىددى بولۇپ كېتىۋاتىدۇ. بىرەر ئىش بارمىدى؟
-ھە-ئە، مەن سەندىن ياردەم سورىماقچى بولۇپ تېلېفونقىلغان ئىدىم-ئۆتكەندە سەن تۇتۇپ ئەۋەتكەن تۇتقۇنلار ئىچىدىن بىر قىزنى ياخشى كۆرگەن ئىدىم. ئەمما ئۇ مېنىڭ تەلىپىمنى قوبۇل قىلمايۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن قانداق قىلىشىم كېرەك؟
-ھەئە، شۇنداقمۇ؟ ئۇنداق بولسا، مەن بۇ ئىشنىڭ بىر چارىسىنى قىلاي، سەن ئۇنىڭ ئىسىم فامىلىسى ۋە قايسى «ئاھالىلەر كومىتېتى»غا تەۋە ئىكەنلىكىنى ئەۋەتىپ بەرگىن. قالغان ئىشنى مەن ئۆزەم توغرىلايمەن.
-ماقۇل ئەمىسە، شۇنداق قىلاي، يەنە كۆرۈشىمىز!
-چارەك سائەت ئۆتمەيلا ۋاڭ، ساۋاقدىشى جاڭدىن، 301-نومۇرلۇق تۇتقۇن گۈلمىرەنىڭ ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇۋالدى. ئارقىدىنلا ئۇ:«ئاھالىلەر كومىتېتى»غا تېلېفون قىلىپ، گۈلمىرەنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئۇچۇرىنى سورىۋىدى، ئاھالىلەر كومىتېتى مۇدىرى بىر نەچچە مىنۇت ئۆتمەيلا، ئۇلارنىڭ ئۇچۇرىنى ۋاڭغا يوللاپ بەردى. ئۇ ئۇچۇردىن مەلۇم بولدىكى، گۈلمىرەنىڭ دادىسى بىر ئۇيغۇر ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ تىل ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ۋە ئىلمىي مۇدىرى بولۇپ،خىزمەت قىلغان ئىكەن. ئۇ ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇر تىلى دەرسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندا، بۇنىڭغا قارشى تۇرغانلىقى ئۈچۈن، «ئىككى يۈزلىمىچى كادىر»دەپ قارىلىپ، ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم بىر «كەسپىي قايتا تەربىيەلەش مەركىزى» گە ئېلىپ كېتىلگەن ئىكەن. ئانىسى بولسا،خىتاي تىلى ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، ھازىر ئۇ ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم بىر باشلانغۇچ مەكتەپتە خىزمەت قىلىدىكەن. ۋاڭ گۈلمىرەنىڭ ئانىسىنىڭ كىملىكىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈۋىدى، ئۇنىڭغا تېخى قىزىل ياكى سېرىق چىكىت قويۇلمىغان بولۇپ، تېخى گۇمانلىق كىشىلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلمىگەن ئىكەن. قانداق قىلىش كېرەك؟ ۋاڭ ئويلىنىشقا باشلىدى: گۈلمىرەنىڭ دادىسى ئالقىنىمىزدا ئىكەن، ئەمما ئانىسى تېخى ئالقىنىمىزغا چۈشمەپتۇ. ئۇنى چوقۇم توزاققا چۈشۈرۈش كېرەك! ۋاڭ گۈلمىرەنىڭ ئانىسىغا قانداق تۇزاق قۇرۇشنى ئويلىنىۋاتقاندا، تېخى ئالدىنقى كۈنى بىر ساقچى خىزمەتدىشىنىڭ، «قوشماق تۇغقانلىشىش قائىدىسى»گە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغان بىر ئايالنى سوراق قىلغانلىقى، سوراقتا ئۇنىڭ خاتالىقىنى مەجبۇرىي بوينىغا ئالغۇزۇپ، ئاتالمىش« كەسپىي قايتا تەربىيەلەش مەركىزى» گە يوللاپ بەرگەنلىكى ئېسىگە كەلدى. ئۇنىڭ يەنە بىر خىزمەتدىشىدىن ئاڭلىشىچە،«قوشماق تۇغقانلىشىش»تىكى قائىدە تۈزۈملەر ناھايىتى ئېغىر بولۇپ، ھازىر نۇرغۇن ئاياللار مۇشۇ سەۋەبتىن تۇتقۇن قىلىنىۋېتىپتۇ.
ۋاڭ بۇنىڭ گۈلمىرەنىڭ ئانىسى-گۈلزادەنى تۇتقۇن قىلىشتىكى بىر باھانە قىلىشقا تازىمۇ مۇۋاپىق ئىكەنلىكىنى ئويلىدى-دە، تېخى قايسى كۈنى ئىشخانىسىدىكى كىتاب ئىشكابىدا كۆرگەن «قوشماق تۇغقانلىشىشنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرى»دېگەن قوللانمىنى ئېلىپ، ئۇنىڭغا كۆز يۈگۈرتتى،ئۇنىڭدا:قوشماق تۇغقانلار مۇنداق قائىدىلەرگە رىئايە قىلىشى كېرەك!-دەپ،يېزىلغان بولۇپ،ئۇلار:بىر-بىرىنى زىيارەت قىلىش،بىرگە سۆھبەت ئۆتكۈزۈش، بىرگە كۆڭۈل ئېچىش،بىرگە تاماق يېيىش،بىرگە يېتىپ-قوپۇشى كېرەك…..
ۋاڭ خۇددى گۆھەر تېپىۋالغاندەك خوشال بولۇپ كەتكەن ئىدى، ئۇ دەرھال ئاھالە كومىتېتىغا تېلېفون قىلىپ مۇدىر بىلەن كۆرۈشتى:
-ياخشىمۇسىز؟ مەن سىزدىن بىر نەرسىنى سورىماقچى ئىدىم
-ھەئە، سىزمۇ ياخشىمۇ؟ سوراڭ!
-رەھمەت، بىز ئالدىنقى كۈنى تۇتقۇن قىلىپ،«كەسپى قايتا تەربىيەلەش مەركىزى»گە ئەۋەتكەن 301-نومۇرلۇق تۇتقۇننىڭ ئانىسى گۈلزادە دېگەن ئايالنىڭ قوشماق تۇغقىنى بارمۇ-يوق؟ شۇنى بىلمەكچى ئىدىم
-ئىلگىرى بار ئىدى، ھازىر يوق، ئۇ باشقا بىر شەھەرگە يۆتكىلىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، بۇ يەرگە كېلەلمەيدۇ. ئۇنىڭغا بىز باشقا بىر«قوشماق تۇغقان»نى بەلگىلەپ بەرمەكچى ئىدۇق،
-ئۇنداق بولسا، دېدى ۋاڭ گېلىنى قېقىۋېتىپ-ئۇ قوشماق تۇغقان بولىدىغان كاندىداتنى مەن سىلەرگە تونۇشتۇرۇپ بېرەي، بىزنىڭ ساقچىلاردىن بەزىلىرى بۇ ئىشقا قىزىقىۋاتىدۇ. شۇلاردىن بىرسىنى ئورۇنلاشتۇرساڭلار بولامدۇ؟
-ئەلۋەتتە، بولىدۇ! بەك ياخشى بولدى-دېدى« ئاھالىلەر كومتېتى»نىڭ مۇدىرى ۋاڭنىڭ گېپىگە قوشۇلۇپ-ئۇنداق بولسا تېزرەك ئىسىم فامىلىسى ۋە ئادرېسىنى ئەۋەتىۋېتىڭ، بىز دەرھال ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىمىز.
ۋاڭنىڭ گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ كەتكەن ئىدى. ئۇ قۇرماقچى بولغان توزاق تېزلا ئەمەلگە ئاشىدىغاندەك قىلاتتى. ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى ساقچىلار ئارىسىدا ئۇنىڭ ئۆز يۇرتلۇقى بولغان، ئوتتۇرا ياشلىق فەن ئىسىملىك بىرسىنى بۇ ئىشقا لايىق دەپ ئويلىدى-دە، ئۇنى چاقىرىپ كېلىپ، شۇنداق دېدى: يولداش پەن، سەنمۇ ئاڭلىغان بولۇشۇڭ مۇمكىن؟ھازىر شىنجاڭدا:«قوشماق تۇغقانلىشىش پائالىيىتى»يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلدى.بۇ چېن سېكرىتارنىڭ:«جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى»نى كۈچەيتىش ئۈچۈن يولغا قويغان مۇھىم يول يورۇقلىرىدىن بىرسى بولۇپ، ئۇنىڭغا بىز ساقچىلارمۇ قاتنىشىپ، ئەمەلىي خىزمەت كۆرسىتىشىمىز زۆرۈر بولماقتا، شۇڭا، بۇ نۆۋەتتىكى مۇھىم بىر سىياسىي ۋەزىپە بولۇپ قالدى. سەن ئۇيغۇرلار بىلەن قوشماق تۇغقان بولۇشنى خالامسەن؟
-ئەلۋەتتە خالايمەن،«قوشماق تۇغقانلىشىش پائالىيىتى»يېڭى باشلانغاندىلا، مەن بۇ ئىشقا قىزىققان ئىدىم. ئەمما،خىزمىتىمىز ناھايىتى جىددى بولغاچقا، ئاھالىلەر كومىتېتىغا بارالماي قالدىم، بولمىسا بىزنىڭ ئۆيگىمۇ ئۇلاردىن تەكلىپ كەلگەن ئىدى. مانا، ئەمدى سىز دېگەندىن كېيىن، پۇرسەت كەلدى دېگەن گەپ، قېنى ئېتىڭچۇ، قايسى ئاھالىلەرنى كومىتېتىغا بارسام، ماڭا تېزرەك «قوشماق تۇققان» تېپىپ بېرەركىن؟
-ئىتتىپاق يولى ئاھالىلەر كومىتېتىغا بارغىن، بەلكى ئۇلار ساڭا بىرسىنى تېپىپ، ئۇقتۇرۇش قىلىشى مۇمكىن! مەن سېنىڭ تېلېفوننۇمۇرىڭ ۋە ئادرېسىڭنى بېرىپ قويغان ئىدىم.
-ھەئە، شۇنداقمۇ؟ ئۇنداق بولسا شۇ يەرگە باراي!
-بولىدۇ. ئەمما ساڭا دەپ قويىدىغان بىر گەپ بار، يېقىن كەلگىن-دەپ، ئۇنىڭ قۇلىقىغا پىچىرلىدى: ئۇنى تېزلىكتە ئۆزەڭگە بويسۇندۇرۇشىڭ كېرەك!
-ھە، چۈشەندىم-دېدى پەن ھىجىيىپ-ئاڭلىمىغان بولسىڭىز سىزگە بەزى گەپلەرنى دەپ بېرەي-بىزنىڭ يۇرتلۇقلاردىن بىر نەچچىسى« قوشماق تۇغقانچىلىق پائالىيىتى»گە قاتنىشىپ،بىرنەچچە ئۇيغۇر ئائىلىسى بىلەن قوشماق تۇغقان بولغان ئىدى. ئۇلار بۇنىڭدىن جىق مەنپەئەت ئېلىپتۇ. ئۇ ئۇيغۇر ئائىلىلىرىدە ئەرلەر بولمىغاچقا،ئەر قوشماق تۇغقانلارغا ئىشلار ناھايىتى قولايلىق بولۇپتۇ. بەزى ئۇيغۇر ئاياللىرى ئەر قوشماق تۇغقىنى نېمە دېسە، شۇنى قىلىپ بېرىپتۇ. ھەر خىل قورۇما، سەي-كۆكتاتلار بىلەن مېھمان بولۇپتۇ. ئۇ ئاياللار شۇنداق ياۋاش ئىكەنكى، ئەر قوشماق تۇغقىنى سۆيۈپ قويسىمۇ جىم تۇرۇپتۇ، ھەتتا بىللە ياتقاندىمۇ ھېچقانداق قارشىلىق قىلالماپتۇ،
-قارشىلىق قىلىشقا نېمە ھەددى ئۇلارنىڭ-دېدى ۋاڭ كۆزىنى چەكچەيتىپ، ئەگەر قارشىلىق قىلىدىغان بولسا،ئېغىر جازاغا ئۇچرايدىغانلىقىنى بىلىدۇ-دە.ئۇ شور پېشانىلەر!
-ئۇنداق بولسا ۋاڭ باشلىق-دېدى پەن-بۇنىڭدىن كېيىن ماڭا ھەر يەكشەنبە كۈنى:« دەم ئېلىش ۋاقتى» بېرىشىڭىز كېرەك!
-بولىدۇ پەن يولداش، بۇندىن كېيىن ئىشلار جىددى بولمىغان ئەھۋالدا ھەر يەكشەنبە كۈنى دەم ئالساڭ بولىدۇ. ياڭ باشلىققا مەن دەپ قوياي، يەنە كۆرۈشىمىز!
-مانا ھەپتە ئاخىرىمۇ يېتىپ كەلگەن ئىدى. ئىتتىپاق يولى ئاھالىلەر كومىتېتىدىن پەن گە تېلېفونكەلدى:
-ۋەي، يولداش پەن، ياخشىمۇ سىز؟ مەن ئىتتىپاق يولى ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولىمەن. سىزگە قوشماق تۇغقان تەييار قىلىندى. ئىسمى گۈلزادە. ئەتە سىز ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشكە كەلسىڭىز بولىدۇ. بىز ئۇنىڭغا ئۇقتۇرۇش قىلىپ قويدۇق، ئۇ سىزنى ياخشى كۈتىۋالماقچى. تېلېفوننومۇرى بىلەن ئادرېسنى ۋىچات نومۇرىڭىزغا ئەۋەتىپ قويىمەن. يەنە كۆرۈشىمىز!
پەن يەكشەنبە كۈنى خۇددى بىر يەرگە خىزمەتكە بارىدىغاندەك، ئەتىگەندىلا گۈلزادەگە تېلېفون قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئۇنىڭ ئۆيىگە زىيارەتكە كېلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ قويدى.ئاندىن ئۇ ماگزىنغا بېرىپ، بىر بوتۇلكا ھاراق ۋە بىراز تاتلىق-تورۇم سېتىۋېلىپ، چاشكا ۋاقتى بولاي دېگەندە، گۈلزادەنىڭ ئۆيىگە يېتىپ كەلدى.
-ياخشىمۇ سەن؟-دېدى ئۇ خۇددى ئۈتلەپ قويغان كاللىدەك ھىڭگاڭ چىشلىرىنى چىقىرىپ ھىجىيىپ-مەن سېنىڭ قوشماق تۇققىنىڭ پەن بولىمەن. مەن سېنى بەك ياخشى ئايال دەپ ئاڭلىدىم. مەن ئۇيغۇر تاماقلىرىنى ياخشى كۆرىمەن. سەن ماڭا تاماق ئېتىپ بەرسەڭ بولامدۇ؟
-بولىدۇ، ئولتۇرۇڭ-دېدى گۈلزادە تۇنجى قېتىم كۆرۈۋاتقان قوشماق تۇغقىنىغا ھەيرانلىق ئىچىدە قاراپ-سىز ئەسلى نەلىك، نەدە خىزمەت قىلىسىز؟
-مەن ئەسلى شەندۇڭلۇق، قوغدىغۇچىلىق خىزمىتى قىلىمەن-دېدى ئۆزىنىڭ ئەسلى ساقچى ئىكەنلىكىنى يوشۇرۇپ، خەلقنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدايمىز،
-ئۇنداق بولسا ئولتۇرۇپ تۇرۇڭ، مەن سىزگە تاماق ئېتەي-دەپ، ئۇنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى گۈلزادە، ئاندىن ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ كەتتى.
پەن ئۆزى ئېلىپ كەلگەن بىر بوتۇلكا ھاراق بىلەن تاتلىق-تۇرۇپنى شىرە ئۈستىگە قويۇپ، تاماقنىڭ پىشىشىنى ساقلىغاچ ئۆينىڭ ھەر تەرىپىگە قاراشقا باشلىدى. بىر زىيالىغا خاس ياسالغان بۇ ئۆي خېلى ئېسىل بېزەلگەن بولۇپ،بىر تەرەپتە قويۇلغان تام ئىشكابىنىڭ ئوتتۇرىسىدا تېلېۋىزور، ئىككى ياندا كىچىك-كىچىك تەكچىلەرگە ھەر خىل تۈردىكى كىتابلار تىزىلغان ئىدى. يەنە بىر تەرەپتىكى تامدا بولسا، ئاتاقلىق رەسسام غازى ئەمەت سسىزغان مۇقامنىڭ چوڭايتىلغان نۇسخىسىدىكى گىلەم ئېسىلغان بولۇپ، پەن ئۇنىڭغا قاراپ تېڭىرقاپ تۇرۇپ قالدى: بۇلار كىملەردۇر؟ سەنئەتچىلەرمىدۇ ياكى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا دىنى ئەسەبى ئۇنسۇرلار ياكى بۆلگۈنچىلەرمۇ بارمىدۇ؟ ئۇ گۇمان ئىچىدە ئورنىدىن تۇرۇپ، رەسىم ئېسىلغان تامنىڭ يېنىغا بىر مېتىرچە يېقىن كېلىپ، تەپسىلىي قاراشقا باشلىدى: رەسىمدىكى فروتىتلارنىڭ ھەممىسىنىڭ قولىدا دېگۈدەك، بىر تالدىن ساز بار بولۇپ، ئۇ بىر باشتىن ساناسقا باشلىدى، ئەمما ئۇ ساناش جەريانىدا نەچچە قېتىم ئېزىپ كەتتى. ئۇ ساناپ ئاخىرىغا چىقىرالماي جىلە بولۇپ تۇرغان ۋاقىتتا، گۈلزادە چەينەكتە چاي دەملەپ ئېلىپ چىقتى ۋە پەن نىڭ جىلى بولغان ھالدا رەسىمگە قاراپ، بىر نېمىلەرنى ساناپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ:
-پەن ئەپەندى سىزگە چاي دەملەپ چىقتىم، چاي ئىچىپ تۇرۇڭ، ئۇ رەسىمدىكى كۆرۈنۈش بولسا، مۇقام ئۇستازلىرىنىڭ فورتېرىتىدۇر. ئۇنىڭدا بىرەر مەسىلە بايقىدىڭىزمۇ ياكى ئۇنىڭ نېمىلىكىنى ئۇقالمايۋاتامسىز؟-دەپ سورىدى ئۇنىڭغا چۈشەندۈرۈش بەرمەكچى بولۇپ، خالىسىڭىز مەن چۈشەندۈرۈپ قوياي: پەن ئېرەڭسىزلەرچە بېشىنى لىڭىشتى. بۇ ئۇنىڭ مەجبۇرىي ھالدا چۈشەندۈرۈشنى قوبۇل قىلغانلىقىنىڭ ئىپادىسى ئىدى.بۇ رەسىم دەپ چۈشەندۈرۈش قىلىشقا باشلىدى گۈلزادە: مۇقام ئۇستازلىرىنىڭ فورتېرىتىدۇر. مۇقام ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنەنىۋى ناخشا-ئۇسۇل سەنىتىنىڭ جەۋھىرىدۇر. ھازىرغىچە ئېنىقلىنىپ جەملەنگەن مۇقابلارنىڭ سانى جەمىي 12 بولۇپ، بۇنى ئەينى ۋاقىتتا يەكەن خاندانلىقىنىڭ پادىشاھى سۇلتان ئابدۇرېشىتخاننىڭ خانىشى، ئاماننىساخان ئۆزى مۇزىكىغا كىرىشتۈرۈپ، پارچە، پارچە بۆلەكلەردە ئېيتقان ۋە خەلق ئىچىگە تارقالغاندىن كېيىن، قىدىرخان يەكەندى تەرىپىدىن رەتلىنىپ، قېلىپلاشتۇرۇلغان، 20-ئەسىرگە كەلگەندە ئۇ يوقاپ كېتىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن بولۇپ، ئەمما ئاتاقلىق مۇزىكانت تۇرداخان ئۇستاز تەرىپىدىن يەنە قايتا رەتلىنىپ، مۇشۇ كۈنگىچە يەتكۈزۈلگەن.
پەن گۈلزادەنىڭ مۇقام ھەققىدە بەرگەن تەپسىلىي چۈشەندۈرۈشنى ئاڭلىغان بولسىمۇ،ئۆزىگە خۇش ياقمىغاندەك ھالەتتە چىرىيىنى تۈرۈپ ئولتۇراتتى.چۈنكى، «يەكەن خاندانلىقى» دېگەن ئاتالغۇنى خىتايچىغا تەرجىمە قىلغاندا: «يەكەن دۆلىتى»دەپ، تەرجىمە قىلىنىدىغان بولۇپ، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇپ ياشىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى ئىدى. شۇڭا، ئۇنىڭغا :«يەكەن دۆلىتى» دېگەن ئاتالغۇ غەلىتە تۇيۇلغان ۋە خۇشىغا كەتمىگەن بولۇشى مۇمكىن ئىدى.
گۈلزادە ئۇنىڭ يەنە بىرەر پۇتاق چىقىرىپ، ئاۋارە قىلماسلىقى ئۈچۈن چاينى قويۇپ بېرىپ،تاماق پىشىشقا ئازلا ۋاقىت قالدى. چاي ئىچىپ تۇرۇڭ!-دەپ، يەنە ئىچىگە كىرىپ كەتتى. گۈلزادە ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ كەتكەندىن كېيىن، پەن يەنە ئورنىدىن تۇرۇپ كىتاب ئىشكابىدىكى ھەر خىل كىتابلارغا كۆز يۈگۈرتىشكە باشلىدى. كىتاب ئىشكاپىدا، ئاساسەن خىتايچە كىتابلار تۇراتتى، ئەمما بىر نەچچە تال ئىنگلىز تىلىدىكى كىتابلارغىمۇ ئۇنىڭ كۆزى چۈشتى. بۇ ئىنگلىزچە كىتابلار، گۈلزادەنىڭ ئىچكىردە ئوقۇۋاتقان ئوغلىنىڭ دەرسلىك كىتابلىرى بولۇپ، ئۇيغۇرچە كىتابلار ئاساسەن يوق ئىدى. چۈنكى، ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇرچە كىتابلار مەجبۇرى يىغىۋېلىنغان ۋە دىنىي كىتابلار بىلەن بىللە كۆيدۈرۈۋېتىلگەنىدى. پەن قول تېلفونى بىلەن كىتابلار ئارىسىدىكى ئىنگلىزچە كىتابلارنى رەسىمگە تارتىۋالدى.
تاماق پىشقان ئىدى. گۈلزادە بىر نەچچە خىل قورۇما قورۇغان بولۇپ، يەنە بىر قاسقان يوتازىمۇ پىشۇرۇپ تەييار قىلغان ئىدى. شىرەگە تاماقلار قويۇلغاندىن كېيىن، پەننىڭ چىرايىغا كۈلكە يۈگۈردى، ئۇ ئۆزى ئېلىپ كەلگەن ھاراقنى ئىچىپ، گۈلزادىدىن ئىككى تال ئىستاكان تەلەپ قىلدى.گۈلزادە ھاراق ئىچىدىغان ئىككى ئادەم يوقلۇقىنى بىلدۈرۈپ قويۇش مەقسىتىدە، ئۇنىڭغا بىر تاللا ئىستاكان ئېلىپ چىقىپ بەردى. پەن ئىستاكانغا ھاراقنى قويۇپ بولغاندىن كېيىن، ساڭىمۇ ھاراق قۇياي،يەنە بىر ئىستاكان ئېلىپ چىققىن!-دېدى گۈلزادەگە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ئەمما گۈلزادە ئۆزىنىڭ ھاراق ئىچمەيدىغانلىقىنى سەۋەب قىلىپ كۆرسىتىپ، باشقا ئىستاكان ئېلىپ چىقمىدى. پەننىڭ شۇ ھامان قاپىقى تۈرۈلدى ۋە سەن نېمىشقا ھاراق ئىچمەيسەن؟-دەپ سورىدى ئۇنڭدىن،
-مەن ھاراق ئىچىپ ئادەتلەنمىگەن-دېدى گۈلزادە (ئەمما ئىچىدە بولسا، مەن بىر مۇسۇلمان، ھاراق ئىچسەم بولمايدۇ دەۋاتاتتى) ماڭا قارىماي سىز ئۆزىڭىز ئىچىۋېرىڭ!
-بولمايدۇ-دەپ قاپىقىنى تۈرۈپ، گۈلزادەگە تىكىلدى پەن-قوشماق تۇغقانلار ھەممە ئىشنى باراۋەر قىلىشى كېرەك! ئۇنداق بولمىسا،قائىدىگە خىلاپلىق قىلغان بولىسەن!
-مەيلى نېمە دېسىڭىز-دەڭ، مەن ھاراق ئىچەلمەيمەن.
-ياق، بولمايدۇ. ئەگەر سەن ھاراق ئىچمىسەڭ، ئاھالىلەر كومىتېتىغا مەلۇم قىلىمەن دەپ، ۋاقىرىدى پەن. يەنە بىر ئىستاكاننى ئېلىپ چىققىن!
-گۈلزادە ئىلاجسىز يەنە بىر ئىستاكان ئېلىپ چىقتى، ۋاڭ ئىستاكانغا توشقۇزۇپ ھاراقنى قۇيغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا سۇندى. خوش-ھە كۆتۈرەيلى!-دەپ ئۆزىمۇ بىر ئىستاكاننى ئېلىپ ئاغزىغا تەڭلىدى، ئەمما،ئىچمەي تېخىچە گۈلزادىغا تىكىلىپ قاراپ تۇراتتى. ئامالسىز قالغان گۈلزادە ھاراقنى ئېلىپ، ئاغزىغا مەجبۇرىي ھالدا يېقىن ئەكەلدى. ئەمما ئۇنى زادىلا ئىچكۈسى كەلمەيۋاتاتتى. بۇنى كۆرگەن پەن قاپىقىنى تۈرۈپ تۈرۈپ، يەنە ئۇنىڭغا دېدى: ھاراقنى ئىچكىن! بولمىسا سەندىن« مەسىلە»چىققان بولىدۇ.
گۈلزادە ھاراقنى ئاغزىغا ئالدىيۇ-يۇ، ئىچىگە يۈتىۋەتمەستىن، ھۆ قىلىپ، ئاغزىنى تۇتقانچە مۇنچىخانا ئۆيىگە كىرىپ، گېلىغا قاپلىشىپ قالغان ھاراقنى قۇسىۋەتتى. ئۇنىڭ يۈز-كۆزى-يويۇنلىرىغا كەلگۈچە قىزىرىپ كەتكەن ئىدى. شۇ ئاندا ئۇ ئۆزىنى:«بىر گۇناھكار»ھېس قىلىۋاتاتتى. ئاغزىدىن چىقىرالمىسىمۇ، ئىچىدە مىڭ قېتىم توۋا قىلىپ بولدى.
گۈلزادەنىڭ مۇنچىخانىدا يەنە بىردەم تۇرغۇسى بار ئىدى.ئەمما ئۇنداق قىلالمىدى، يەنە قوشماق تۇغقىنى پەننىڭ يېنىغا چىقىپ ئۇنى كۈتۈۋالمىسا، ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولمىسا بولمايتتى. شۇڭا ئۇ مۇنچىخانىدىن چىقىپ يەنە ساپاغا كېلىپ ئولتۇردى. پەن، ئۇنى ھاراقنىڭ ئاز بىر قىسمىنى بولسىمۇ ئىچتى دەپ ئويلاپ قالدىمۇ قانداق؟ ئۇنىڭغا يەنە ھاراق زورلىدى: يەنە بىر ئىستاكان قۇياي، ئىچىۋەتكىن، ئۇنىڭدىن كېيىن، ئاستا-ئاستا ئۆگىنىپ قالىسەن! گۈلزادە ئۈندىمىدى. ئۇنىڭغا:«ياق،ئىچمەيمەن!» دېيىش ئىمكانىيىتى قالمىغان ئىدى. بۇ ئىش ئارقا-ئارقىدىن ئۈچ قېتىم تەكرارلاندى، گۈلزادە ئارقا-ئارقىدىن ئۈچ قېتىم، ئاغزىغا ئالغان ھاراقنى قۇسىۋەتتى.
پەن تۆتىنچى قېتىم ھاراق قۇيغاندىن كېيىن،ئۆزى گۈپلا قىلىپ كۆتۈرۈپ ئىچىۋېتىپ، گۈلزادەگە قۇيغان ھاراقنى ئۇنىڭغا زورلاشنى ئۇنتۇپ قالدىمۇ ياكى تەڭشىلىپ قالدىمۇ؟ قايتا زورلىماستىن ئۆزى قويۇپ ئىچىۋەرگىلى تۇردى. ئۇ ئەمدى بىردەم ئۆزى بىلەن ئۆزى گەپ قىلسا، بىردەم گۈلزادەگە قالايمىقان گەپ قىلىپ، ئۇنىڭ بەدىنىنىڭ ئۇ يەر بۇ يەرلىرىنى تۇتۇپ قوياتتى: مەن سېنى ياخشى كۆرىمەن، مەن ئۇيغۇر ئاياللىرىنى ياخشى كۆرىدۇ دەيتتى ئۇ توختىماي، ئەمما تۇرۇپلا ئۆزىنىڭ ئايالى ئېسىگە كېچىكىپ قېلىپ:« مېنىڭ شەندۇڭدا ئايالىم ۋە بىر بالام بار، ئۇلارنى سېغىندىم»دەپ قوياتتى.
كەچ كىرىپ قالدى.ئەمما پەن تېخىچە، گۈلزادەنىڭ ئۆيىدىن كېتەي دېمەيۋاتاتتى.
گۈلزادە كەچتە ئۇنىڭغا يەنە قورۇما قورۇپ بېرىشكە مەجبۇر بولدى. پەن ئېشىپ قالغان ھاراقنى يەنە ئىچىپ، قورۇما بىلەن تازا قورسىقىنى تويغۇزغاندىن كېيىن، بىردەم كېكىرىپ، بىردەم ئارقىسىدىن يەل چىقىرىپ،گۈلزادىنى بەكمۇ بىئارام قىلىشقا باشلىدى. ئاخىرى گۈلزادە ئېغىز ئېچىپ: پەن ئەپەندى، كەچ بولۇپ كەتتى. ئۆيىڭىزگە قايتسىڭىز بولامدۇ؟-دەپ، ئۇنى قايتىپ كېتىشكە دەۋەت قىلدى.ئەمما،پەن قىمىر قىلماي ئولتۇراتتى. ئۇ تۇرۇپلا جۆيلۈپ:«مەن مۇشۇ ئۆيدە،سەن بىلەن بىللە ئۇخلايمەن» دېگىلى تۇردى.
گۈلزادە ئەمدى يىغلىۋېتىشكە تاسلا قالدى. بۇ قېلىن مېھماننى كەتكۈزىۋېتىشنىڭ ھەر خىل ئاماللىرىنى ئويلاپ باقتى: گەجكىسىدىن تۇتۇپ ئىتتىرىپ چىقىرىۋاتسام قانداق بولار؟كۈچۈم يېتەرمۇ؟ساقچىغا تېلېفون قىلسامچۇ ؟-ياق،بولمايدۇ.بۇ ساقچىلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرغان ئىشى بولۇشى مۇمكىن! ئۇ ئۇنى ئويلاپ، بۇنى ئويلاپ ئاخىرى ئۆزىنىڭ ياتاق ئۆيىگە كىرىۋېلىشنى ئويلىدى-دە، پەن نى چوڭ ياتاق ئۆيگە تەكلىپ قىلدى: پەن ئەپەندى، مانا بۇ ياتاق ئۆيدە ئۇخلىسىڭىز بولىدۇ. مەن ياندىكى ئاۋۇ ئۆيدە ئۇخلايمەن
-ياق، بولمايدۇ-دەپ ۋاقىرىدى پەن-بىللە ئۇخلايمىز، بىر كارىۋاتتا، خۇددى ئەر-ئايال بىللە ياتقاندەك،
-ياق،بولمايدۇ-دېدى گۈلزادە رەت قىلىپ، مەن توي قىلغان ئايال، گەرچە ئېرىم بۇ يەردە بولمىسىمۇ، مەن ئۇنىڭ نىكاھىدا، سىز بىلەن بىللە ياتسام بولمايدۇ.
-نېمە ئۇ نىكاھ دېگەن؟-دېدى پەن ۋاقىراپ، ئۇ دېگەن بىر ئەسەبىلىكنىڭ ئىپادىسى، كوممۇنىستىك پارتىيە ئۇنداق نېمىنى تونۇمايدۇ، مەن بولسام بىر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى، مەنمۇ نىكاھ دېگەن نېمىنى تونۇمايمەن. كەل بىر كارىۋاتتا ياتىمىز، بولمىسا سېنىڭ جازايىڭ ئېغىر بولىدۇ.
-مەيلى نېمە بولسا،بولسۇن-دېدى گۈلزادە-مەن سىز بىلەن بىللە ياتالمايمەن.مېنى مەجبۇرلىماڭ، سىلەر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرىدا ئەخلاق دېگەن نەرسە بارمۇ؟
نېمە دېدىڭ؟-دەپ ۋاقىرىدى پەن،كوممۇنىستىك پارتىيە-ئەخلاق دېگەن نېمىنى تونۇمايدۇ. ئەمما، ئۇنىڭ يۈكسەك غايىسى بار، ئۇ بولسىمۇ-كوممۇنىزمنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پۈتۈن دۇنيادىكى ئىنسانلارنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرۈش، بارلىق دىنلارنى يوقىتىپ، ئىنسانلارنىڭ ئىدىيىسىنى ئازاد قىلىش، مىللەتلەر ئارىسىدىكى پەرقلەرنى تۈگىتىپ، ئۇلارنى بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرۇش، سېنىڭ ئىدىيەڭ تېخى ئازات بولماپتۇ،
گۈلزادە قوشماق تۇغقىنى پەنگە نېمىلا دېسە-دېسۇن زادىلا ئاڭلىتالمىدى. ئاندىن ئۆزى ئۆيدىن قېچىپ چىقىپ كەتمەكچى بولۇپ، ئىشىكنىڭ تۈۋىگە بېرىۋىدى، پەن يۈگۈرۈپ كېلىپ، ئۇنى ئارقىسىدىن تۇتۇۋالدى-دە، سۆرىگەنچە كارىۋاتقا ئېلىپ كېلىپ، مەجبۇرىي ياتقۇزۇشقا ئۇرۇندى. ئىككى تەرەپ ئارىسىدا تىركىشىش كېلىپ چىقتى. پەن گۈلزادەنى كارىۋاتقا بېسىشقا ئورناتتى. گۈلزادەئۇنىڭ ياۋۇز چاڭگىلىدىن ئاجراپ چىقىپ قېچىشقا ئورۇناتتى. شۇ تەرىقىدە، يېرىم سائەتتەك تارتىشىش بولدى. ئاخىرى گۈلزادە پەن نىڭ قولىدىن ئاجراپ چىقىپ ئاشخانا ئۆيگە كىرۋالدى-دە، ئىختىيارسىزلا بىر تال پىچاقنى قولىغا ئېلىۋالدى.ئۇ پىچاق بىلەن ئۆزىنى باسقۇنچىدىن يوللۇق قوغدىماقچى بولغان ئىدى.
پەن ئۇنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ كېلىپ، جايىدىلا توختاپ قالدى. ئۇ پارقىراپ تۇرغان پىچاقنىڭ بىسىدىن قورققان ئىدى. ئۇ ئارقىسىغا داجىپ،يېنىپ چىقتى-دە، يانفونىنى ئېلىپ، ئالاھىدە ساقچى ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭغا تېلېفونقىلدى: يولداش ۋاڭ، چاتاق بولدى. تېزدىن كېلىڭلار، قاتىللىق دېلوسى يۈز بېرىش ئالدىدا تۇرىدۇ. ئۇ پىچاق بىلەن ئادەم ئۆلتۈرمەكچى بولىۋاتىدۇ. مېنى قۇتقۇزۇۋېلىڭلار!
ئالاھىدە ساقچى ئەترىتىنىڭ باشلىقى ۋاڭ خىزمەتدىشى پەننىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، چاقماق تېزلىكىدە بىر نەچچە ساقچىنى باشلاپ كېلىپ، ئىشىكنى چېقىپ باستۇرۇپ كىردى ۋە گۈلزادەنى تۇتقۇن قىلىپ، ئالاھىدە ساقچى ئەترىتىگە ئېلىپ بېرىپ، يەر ئاستى سورقخانىغا سولاپ، قاتتىق قىيناق بىلەن سوراق قىلدى. ئاخىرىدا گۈلزادەگە ئۆزىنىڭ : « مەن ئادەم ئۆلتۈرۈشكە ئۇرۇندۇم، مەن بىر جىنايەتچى»دېگەن ئەيىپنامىسىنى بوينىغا ئالغۇزۇپ،قول قويدۇرغۇزىۋالغاندىن كېيىن،داۋانچىڭدىكى ئاتالمىش«كەسپى قايتا تەربىيەلەش مەركىزى» گە ئېلىپ بېرىپ، جاڭغا تاپشۇرۇپ بەردى.
جاڭنىڭ گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ كەتتى. ئۇ گۈلمىرەنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ بىرىنچى قەدىمىنى باسقان ئىدى. ئۇ گۈلزادەنى، قىزى گۈلمىرە سولانغان كامېرنىڭ ئۇدۇلىدىكى بىر كامېرغا سولاپ قويدى. ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشتىكى مەقسىتى ئانا-بالىنى ھەر ۋاقىت ئۇچراشتۇرۇپ قىيناش، شۇ ئارقىلىق گۈلزادەگە بېسىم ئىشلىتىش ۋە بىر ئاماللارنى قىلىپ، ئۇنى قولغا كەلتۈرۈش ئىدى.
گۈلزادەگە ئاخشام تاماق بېرەلمىگەن بولغاچقا كېچىچە تۈزۈك ئۇخلىيالماي، سەھەرگە يېقىن ئۇخلاپ قالغان ئىدى. تاڭ ئاتقان بولۇپ، خىرە كۈن نۇرى كامېرغا چۈشۈپ تۇراتتى. شۇنداق بولسىمۇ، كامېردا چىراغ يېقىقلىق بولۇپ، كارىدور تەرەپتىن ئاڭلىغان بىر سىگنال ئاۋازى بىلەن تۇتقۇنلار ئورنىدىن تۇرۇشۇپ، خۇددى ئەسكەرلەردەك چاقماق تېزلىكىدە يوتقانلارنى قىرلاپ تۈزەپ، ھەرىكەتكە ئۆتۈشۈپ كەتكەن ئىدى. كامېر باشلىقى ئايال: يېڭى تۇتۇپ كېلىنگەن گۈلزادەنى ئۈستىدىكى نومۇرلۇق كىيىمگە قاراپ: 305- نومۇرلۇق، تۇرۇڭ ئورنىڭىزدىن، بىز بىلەن بىللە ناشتىلىققا چىقىڭ!-دەپ، ئۇنى نوقۇپ ئويغاتتى.ئەگەر نوقۇپ ئويغۇتىلىمىغان بولسا ئىدى،ئۇنىڭ قاچان ئويغىنىشى نامەلۇم ئىدى. ئۇ بەكمۇ تەستە كۆزىنى ئۇۋىلاپ، ئۆزىگە گەپ قىلىۋاتقان كامېر باشلىقى ئايالنى كۆردى-دە، نېمە بولدى-دەپ سورىدى؟
-ھەي،305-نومۇرلۇق،مەندىن گەپ سورىماڭ، بۇ يەردە ھېچكىمنىڭ بىر-بىرى بىلەن گەپلىشىشىگە رۇخسەت قىلمايدۇ. تېز ئورنىڭىزدىن تۇرۇڭ، ناشتىلىققا چىقىمىز، بولمىسا ئاچ قالىسىز،تېخى يەنە ئۇنىڭ تۈزۈمگە بويسۇنمىغانلىق سەۋەبىدىن بېرىلىدىغان جازاسىمۇ بار گۈلزادە تەستە ئورنىدىن تۇرۇپ،باشقا ئاياللارنىڭ يۈز-كۆزلىرىنى يۇيۇشۇپ، قاچىلىرىنى ئېلىپ تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، تېزلىكتە بېرىپ، يۈزىنى ئاندى-مۇندىلا يۇيىۋالدى-دە، تۇتقۇن ئاياللارنىڭ ئارقىسىغا كېلىپ ئۆچىرەتتە تۇردى.
كارىدوردىن سىگنال كېلىپ،ئىشىك ئېچىلغاندىن كېيىن،تۇتقۇنلار بىر گۇندىپاينىڭ نازارىتىدە ئاشخانا تەرەپكە قاراپ يول ئالدى. نېمىشقىكىن ئۇلارنى نازارەت قىلغىلى كەلگەن گۇندىپاي گۈلزادەگە ئېغىز ئېچىپ:305-نومۇرلۇق، سەن ئالدىغا كېلىپ تۇرغىن!-دەپ گۈلزادەنى قاتارنىڭ ئالدىغا تىزىپ قويدى. شۇ ئەسنادا ئۇدۇل تەرەپتىكى كامېردىنمۇ تۇتقۇنلار چىقىۋاتقان بولۇپ، ئانا-بالىنىڭ كۆزلىرى بىر-بىرى بىلەن ئۇچراشتى. گۈلمىرە ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي:ئاپا!-دەپ، ۋاقىرىدى. گۈلزادەمۇ : قىزىم گۈلمىرە،بۇ سىزمۇ؟-دەپ ئۇنىڭ ئالدىغا ماڭماقچى بولۇۋىدى، گۇندىپاي كېلىپ، ئۇلارنى توختىتىپ قويدى ۋە ۋاقىرىدى: بولدى قىلىش، بۇ يەردە ھېچكىم بىر-بىرسى بىلەن گەپلىشىشىگە، ھەمدە : «ئاتا-ئانا،ئوغلۇم-قىزىم» دېيىشكە،شۇنداقلا ئىسىم-پامىلىسى بىلەن يەنە بىرسىنى چاقىرىشقا بولمايدۇ.
تۇتقۇنلار ئىككى قۇر قىلىپ تىزىلدۈرىلغان بولۇپ،تاكى ئاشخانىنىڭ ئالدىغا بارغۇچە ئانا-بالىنىڭ كۆزلىرى بىر-بىرى بىلەن ئۇچرىشىپ تۇردى. ئەمما، ھىچ گەپلىشەلمىدى ۋە قۇچاقلىشالمىدى. ئۇلار پەقەت كۆز ئىشارىتى بىلەن دىلىدا گەپلىشىۋاتاتتى: ئانا سىزگە نېمە بولدى؟ سىزنى نېمىشقا تۇتقۇن قىلىپ ئەكىلىشتى؟ سورىدى خىيالىدا گۈلمىرە،لېكىن ئۇ ئانىسىدىن كۈتكەن جاۋاپنى ئالالمايۋاتاتتى. پەقەت ئانىسىنىڭ كۆزىدىكى ئىزتىراپتىن، شۇنى چۈشەندىكى، بەلكىم ئۇمۇ ئۆزىگە ئوخشاشلا، تايىنى يوق بىر سەۋەبتىن خۇددى تۇخۇمدىن-تۈك ئۈندۈرۈپلا، قۇرۇق باھانە ئويدۇرۇپ چىقىرىلىپ، تۇتقۇن قىلىنغان بولۇشى ئېنىق ئىدى.
تاماقتىن كېيىن تۇتقۇنلار كامېرغا ئېلىپ مېڭىش ئالدىدا بىر گۈندىپاي گۈلمىرەنى چاقىرىپ، جاڭنىڭ ئىشخانىسىغا ئېلىپ كەلدى:
ئولتۇر-دېدى جاڭ، گۈلمىرەگە خۇپسەنلىك بىلەن ھىجىيىپ،305-نومۇرلۇق تۇتقۇن سېنىڭ ئاناڭ بولامدۇ؟ گۇناھى بەك ئېغىر ئىكەن، چوڭ خاتالىق ئۆتكۈزۈپتۇ، ئەمدى قانداق قىلىسەن؟
-ھەئە، ئۇ مېنىڭ ئانام بولىدۇ. ئەمما ئۇ خاتالىق ئۆتكۈزمەيدۇ-دېدى گۈلمىرە قەتىئلىك بىلەن، ئۇ ئاق كۆڭۈل بىر ئانا، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر ئوقۇتقۇچى تۇرسا، قانداقمۇ خاتالىق ئۆتكۈزسۇن؟
-ئىشەنمەمسەن؟ ئۇنداق بولسا مەن ساڭا ئۇنىڭ نېمە خاتالىق ئۆتكۈزگەنلىكىنى دەپ بېرەي: ئۇ «قوشماق تۇغقانچىلىق سىياسىتى» گە قارشى چىقىپ، قوشماق تۇغقىنى پەن ئەپەندىنى ياخشى كۈتمىگەننىڭ ئۈستىگە،ئۇنى پىچاق بىلەن ئۆلتۈرمەكچى بولغان، ئەمدى ئۇنىڭغا ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىن!
-ياق، مەن ئۇنىڭغا ئىشەنمەيمەن. مېنىڭ ئانام-پاك بىر ئانا! ئۇنىڭ ئادەم ئۆلتۈرۈشى مۇمكىن ئەمەس،سىلەر تۆھمەت قىلىۋاتىسىلەر-دېدى گۈلمىرە غەزەپ بىلەن، ئانامنى قويۇۋېتىڭلار؟
-بولمايدۇ!-دېدى جاڭ ئۇنىڭغا تىكىلىپ قاراپ، ئۇنىڭ ئۆتكۈزگەن جىنايىتىنىڭ ئىسپاتى تولۇق،نەق مەيداندا تۇتۇلغان ۋە گۇناھىنى ئېتىراپ قىلغان. مانا ئىقرارنامىسى دەپ، گۈلمىرەگە بىر پارچە« ئىقرارنامە»قەغىزىنى يىراقتىن كۆرسەتتى. گۈلمىرە نەچچە مېتىر ئۇزاقتا بولسىمۇ، قەغەزگە قاراپلا، ئانىسىنىڭ ئىمزاسىنى تونۇدى.
گۈلمىرە ئۆز كۆزىگە ئىشەنمەيۋاتاتتى. بۇ قانداق بولغىنى؟-دەپ ئۆز-ئۆزىگە سوئال قويۇپ، ئۇنىڭ جاۋابىنى تېپىشقا ئورۇناتتى:«بىر ئانا، يەنە كېلىپ بىر ئوقۇتقۇچى قانداق قىلىپ، باشقا بىر بىگۇناھ ئادەمنى ئۆلتۈرمەكچى بولسۇن؟» ئۇ ھەرقانچە ئويلىنىپمۇ، ئۇنىڭ بۇنداق بولۇشىغا ئىشەنمىدى،چۇقۇم ئۇنىڭدا بىر سۇيىقەست بار دەپ ئويلىدى ئۇ، چۈنكى، ئۆزىمۇ بىگۇناھ تۇتۇلغان ۋە سۇيىقەست قىلىنىش خەۋپىدە تۇرۇۋاتاتتى. جاڭ،گۈلمىرەنىڭ خىيال ئىچىگە چۆكۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ يەنە تومۇرىنى تۇتۇپ بولماقچى بولۇپ، ئۇنىڭدىن مۇنداق سورىدى :
-ئاناڭنىڭ يەنە ياشىشىنى خالامسەن،خالىساڭ ئۇنى قۇتقۇزۇۋالالايسەن؟
گۈلمىرە جاڭنىڭ سوئالىنى دەماللىققا چۈشەنمىگەندەك بولۇپ، ئۇنىڭدىن سورىدى :
-ئەلۋەتتە، ئانامنىڭ ياشىشىنى خالايمەن! ئەمما مەن ئۇنى قانداق قۇتقۇزۇۋالالايمەن، مەنمۇ بىر تۇتقۇن تۇرسام؟ جاڭ كۆزلىرىنى خۇمارىلاشتۇرۇپ، گۈلمىرەگە ئۇياتسىزلارچە تىكىلىپ شۇنداق دېدى : ئەگەر سەن مەن بىلەن توي قىلىشنى خالىساڭ، مەن ئاناڭنى گۇناھسىز قىلىپ، قويۇپ بەرگۈزەلەيمەن.
گۈلمىرەنىڭ بېشىغا تاغ يېقىلغاندەك بولدى. ئۇنىڭ بېشى قېيىۋاتاتتى. ئۇ تۇتقۇن بولغىنىدىن بۇيان مۇشۇ ۋاقىتقىچە ئۆزىنىڭ گۇناھكار ئىكەنلىكىنى ئويلاپ باقمىغان ئىدى. ئۇ تېخى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بىر سەبىي قىز بولۇپ، كاملاپ كەتكەن بىر سان(ئىجتىمائىي كاپالەت نومۇرى) سەۋەبىدىن بىگۇناھ تۇتقۇن قىلىنغانىدى. ئەمدىلىكتە ئۇنىڭ كۆيۈمچان ئانىسىمۇ گۇناھكار قىلىپ قويۇلغان ۋە تۇتقۇن قىلىنغان بولۇپ، بۇ تەتۈر قىسمەت ئۇنى قاتتىق قىينىماقتا ئىدى. ئۇ بەكمۇ قىيىن تاللاشقا ۋە ئېغىر سوئالغا دۇچ كەلدى. ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك دېگەندەك، بۇ سوئالنى قويۇۋاتقىنى ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلغان دۈشمىنى ئىدى.
-ياخشى ئويلان-دېدى جاڭ يەنە ئۇنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ قاراپ-تەلىپىمنى قوبۇل قىلساڭ، ئۆزۈڭگىمۇ، ئاناڭغىمۇ ياخشىلىق بولىدۇ. ھەر ئىككىڭلار قويۇپ بېرىلىشىڭلار مۇمكىن! ئەمما،رەت قىلساڭ، ئۇنىڭ ئاقىۋىتىنى ئۆزەڭ ئويلاپ باق! بۇ يەردىن ھەر ئىككىڭلارنىڭ ئۆلىكىڭلار چىقسا چىقىدۇكى، تىرىكىڭلار چىقمايدۇ.
گۈلمىرە يەنە ئويلاندى:«قانداق قىلاي، قوبۇل قىلايمۇ-قىلمايمۇ؟ ناۋادا قوبۇل قىلسام، ئىرادەمگە خىلاپلىق ئىش قىلغان بولىمەن. ناۋادا قوبۇل قىلمىسام،پۈتۈن ئائىلەم ۋەيران بولىدىكەن. ئىلگىرى دادام تۇتقۇن قىلىنغانىدى، ئەمدى ئانام تۇتقۇن قىلىندى. ئىچكىرىدە ئوقۇۋاتقان ئاكام تېخى تۇتقۇن قىلىنمىغان بولسىمۇ ئەمما، كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئۇنىمۇ تۇتقۇن قىلىشى مۇمكىن! ئۇنداقتا، بىز بىر ئائىلە بويىچە يوقىلىش خەۋپىگە دۇچ كېلىدىكەنمىز، ئەگەر بىر ئۆزۈم يالغۇز بولۇپ قالغان بولسام، ئۆلۈپ كەتسەممۇ ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىشنى خالىمايتتىم، ئەمدى دادام ۋە ئانامنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ تەلىپىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرمەن.بۇ مېنىڭ ئۆز ئىختىيارىم بويىچە بولمىغان ئىش بولغاندىن كېيىن، بەلكى، باشقىلار مېنى توغرا چۈشۈنۈپ قالار، ئاتا-ئانام ۋە جەمىيەت كەچۈرەر! كۈنلەرنىڭ بىرىدە، تەقدىر-قىسمىتىم ئۆزگىرىپ، ئۇ زالىمدىن قۇتۇلۇشقا ئىمكانمۇ تۇغۇلۇپ قالار ؟ ئاھ، ئىلاھىم مېنى كەچۈرگەيسەن»
-ماقۇل! تەلىپىڭنى قوبۇل قىلاي-دېدى گۈلمىرە ئاخىرى بىر قارارغا كېلىپ، ئەمما مېنىڭ شەرتىم شۇكى، ئەڭ ئاۋۋال دادامنى، ئانامنى قويۇپ بېرىسەن! ئاندىن مېنىڭ گۇناھسىز تۇتۇلغانلىقىم ھەققىدە قولۇمغا ئىسپات خېتى چىقىرىپ بېرىسەن، چۈنكى مەن گۇناھكار ھالدا، سېنىڭ بىلەن تەڭ-باراۋەر ئورۇندا بولالمايمەن، ھەم بىللە ياشىيالمايمەن.
-ماقۇل-دېدى جاڭ، گۈلمىرەنىڭ تەلىپىگە قوشۇلۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئورۇنلايمەن. ئەمما سەنمۇ مېنىڭ بىر تەلىۋىمنى ئورۇنلۇشۇڭ كېرەك!
-قانداق تەلەپ؟-دېدى گۈلمىرە ھەيرانلىق ئىچىدە،
-مېنىڭ تەلىۋىم شۇكى،بىز رەسمىي توي مۇراسىمى قىلىشىمىز كېرەك، بۇ توي مۇراسىمى خەنزۇلارنىڭ ئادىتى بويىچە بولۇشى كېرەك. ئاندىن كېيىن رەسمىي توي خېتى ئېلىپ، ھۆكۈمەتكە بىلدۈرۈپ،دۆلەت تەرىپىدىن بېرىلىدىغان ماددىي ياردەملەرنى ئېلىشقا ئىلتىماس قىلىشىمىز كېرەك! شۇنداق قىلساق، بىز ھۆكۈمەتتىن بۇ توينى قوللاش ئۈچۈن بېرىلىدىغان ماددىي ياردىمىدىن بەھرىمەن بولايمىز، بۇ ياردەملەردىن كەلگەن پۇلدىن ساڭىمۇ بىر قىسمىنى بۆلۈپ بېرىمەن. بولامدۇ؟
نېمە قىلساڭ قىل!-دېدى گۈلمىرە ئۇنىڭ تەلەپلىرىگە جاۋاب بېرىپ، ماڭا سېنىڭ پۇلۇڭنىڭ كېرىكى يوق! ئاۋۋال مېنى ئەركىنلىككە چىقار، ئاندىن ھەممە ئىش ئۆز يولىدا بولىدۇ.
گۈلمىرەنىڭ ئاخىرقى جاۋابىدىن جاڭنىڭ گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ كەتتى، ئۇ«ئەمدى گۈلمىرە مەن بىلەن توي قىلىدىغان بولدى»دەپ ئويلاپ، ئۆزىنىڭ مەقسىتىگە يەتكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرگەن ئىدى.ئۇ مۇشۇ كەمگىچە گۈلمىرەنىڭ ئىسمىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەيتتى. 301-نومۇرلۇق، سېنىڭ ئىسمىڭ نېمە ئىدى؟-دەپ سورىدى ئۇ تېڭىرقاش ئىچىدە،
-ئىسمىم: گۈلمىرە،پامىلەم: ئەركىن،يەنى دادامنىڭ ئىسمى: ئەركىنجان، ئۇمو تۇتقۇندا، ئانامنىڭ ئىسمى گۈلزادە. ئۇنىڭمۇ مۇشۇ يەردە تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى بىلىسەن. يەنە نېمە كېرەك؟
-ھەئە، بىلدىم. ئەمدى داداڭ بىلەن ئاناڭنىڭ نومۇرى كېرەك!
-قايسى نومۇرنى دەيسەن؟-دەپ سورىدى گۈلمىرە، ئۇنىڭ قايسى نومۇرنى دەۋاتقانلىقىنى بىلەلمەستىن،
-مەھبۇسلۇق نومۇرى، مەھبۇسلارنىڭ كىيىمىنىڭ ئۈستىگە يېزىلغان نومۇرنى بىلىسەنغۇ؟ خۇددى سېنىڭ كىيىمىڭنىڭ ئۈستىگە يېزىلغان نومۇرغا ئوخشاش دەپ چۈشەندۈردى جاڭ،
-ھە،بىلدىم. ئانامنىڭ نومۇرى:«305-نومۇر»ئىكەن،ئەمما دادامنىڭ نومۇرىنى بىلمەيمەن. سەن ئۆزۈڭ ئىزدەپ تاپقىن، ئۇنى سىلەر تۇتقۇن قىلدىڭلار،سەن چوقۇم تاپالايسەن.
-ئۇنداق بولسا-دېدى جاڭ تۇنجى قېتىم گۈلمىرەنىڭ ئىسمىنى خىتايچە تەلەپپۇزدا چاقىرىپ: (گۈ،لى، مېي،رىى) سەن مۇشۇ يەردە تۇرۇپ تۇر، مەن ئىككىمىزنىڭ ئىشىنى بىرىنچى باشلىققا مەلۇم قىلىپ، ئۇنىڭ رۇخسىتىنى ئالغاندىن كېيىن، سېنىڭ، ۋە ئاتا-ئاناڭنىڭ قويۇپ بېرىلىش رەسمىيىتىڭنى بېجىرىمەن. بۇنىڭغا بىر نەچچە سائەت ۋاقىت كېتىدۇ، ئاندىن مەن بىلەن ياتاققا كەتسەڭ بولامدۇ؟
-ياق، بولمايدۇ. مېنى ئاياللار كامېرىغا ئېلىپ چىقىپ قويغىن، مەن ئانام بىلەن بۇ ئىش ئۈستىدە سۆزلىشىشىم كېرەك! ئەگەر ئۇ قوشۇلمىسا،مەن سېنىڭ،« مەن بىلەن توي قىلىش تەلىپى»ڭنى رەت قىلىشىم مۇمكىن!
-ياق، رەت قىلما-دېدى جاڭ يەنە گۈلمىرەگە يېلىنغان ھالەتتە قاراپ، مەن ئاناڭنى مۇشۇ يەرگە ئېلىپ چىقاي، سىلەر مۇشۇ يەردە سۆزلىشىڭلار، باشقا تۇتقۇنلار ئالدىدا سۆزلەشسەڭلار، تۈزۈمگە خىلاپلىق قىلىنغان بولىدۇ.
-ماقۇل!-دەپ،جاڭنىڭ سۆزىگە قوشۇلدى گۈلمىرە،شۇ دەقىقىدە ئۇنىڭ يۈرىكى تىپچىكلەپ سوقۇپ كەتتى.ئۇ ئەمدى ئانىسى بىلەن يۈز تۇرانە كۆرۈشۈپ، گەپلىشەلەيتتى
چارەك سائەت ئۆتمەيلا، جاڭ گۈلمىرەنىڭ ئانىسىنى ئىشخانىغا ئېلىپ كىردى ۋە مۇشۇ يەردە سۆزلىشىڭلار،مەن ئۇزاق قالماي قايتىپ كىرىمەن دەپ، ئىشخانىسىدىن چىقىپ كەتتى.
ئانا بالا قۇچاقلىشىپ يىغا-زارە ئىچىدە كۆرۈشتى.خېلى ئۇزاق ئەھۋاللىشىپ مۇڭداشتى.ئەمما تېخى گۈلمىرە مەقسەتتىكى گەپلەرنى دېيەلمەيۋاتاتتى.ئۇنىڭ يۈزى شەلپەردەك قىزىرىپ كەتكەن بولۇپ،خىجىللىق ئىچىدە نېمە دېيىشنى بىلەلمەيۋاتاتتى.ئاخىرى ئانىسى گەپنى تەشتى:
-قىزىم نېمە ئىش بولدى؟ سىزنى نېمىشقا بۇ يەردە تۇرغۇزۇپ قويدى. مېنى نېمىشقا چاقىرىپ چىقتى؟ نېمە گەپ بولسا دەۋېرىڭ قىزىم، مەن سىزنىڭ ئانىڭىز، مەندىن خىجىل بولماڭ، بىرەر ئىشنى ماڭا دېيەلمەيۋاتقاندەك قىلىسىز؟
گۈلمىرە ئەمدى ھەقىقى ئەھۋالنى دېمىسە بولمايتى. شۇڭا، جاڭنىڭ ئۇنىڭغا قويغان توي قىلىش تەلىپى ھەققىدە ئېغىز ئاچماقچى بولدىيۇ، ئەمما، بۇلدۇقلاپ يىغلاپ كەتتى. ئۇ بەكمۇ خىجىل بولماقتا ئىدى. شۇنداقتىمۇ بۇ ئىشنى ئانىسىغا دېمىسە قەتئىي بولمايتتى.
– ئانا!-دېدى ئۇ يىغلاپ تۇرۇپ-ئۇلار بىزنى تۇزاققا چۈشۈرۈۋالغاندەك قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ سىزنى تۇتۇشدىكى مەقسىدىمۇ، مۇشۇ ئىش ئۈچۈن بولسا كېرەك!
-قايسى ئىشنى دەيسىز-دېدى گۈلزادە قىزىنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى چۈشەنمەي، ئېنىقراق ئېيتىڭچۇ قىزىم، زادى قايسى ئىش؟
-شۇ، شۇ دېدى-گۈلمىرە دۇدۇقلاپ تۇرۇپ، مېنى مۇشۇ لاگېرنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭغا توي قىلدۇرۇش ئىشى، ئۇ مېنى ئۆزى بىلەن توي قىلىشقا زورلاۋاتىدۇ. ئۇنىڭ بەدىلىگە دادامنى ۋە سىزنى قويۇپ بەرگۈدەكمىش، مەنمۇ ئەركىنلىككە چىقىدىكەنمەن.
-شۇنداقمۇ؟ قىزىم ئەسلىدە قوشۇلمىسىڭىزمۇ بولاتتى-دېدى گۈلزادە قىزىغا ئىزتىراپ بىلەن-سىز تېخى توي قىلىش يېشىغا يەتمىدىڭىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇپ بىرەر كەسىپ ئىگىلىشىڭىز كېرەك ئىدى. لېكىن ئۇلار سىزدىن، بۇ پۇرسەتنى تارتىۋېلىپ، مەھبۇس قىلىپ قويۇشتى. شۇنداقتىمۇ ئىككى يىللىق مۇددەتنى توشقۇزۇپ چىقار ئىدىڭىز قىزىم، ئەمما،دەپ ئاخىرىنى دېيەلمىدى بىچارە ئانا، ئۇنىڭ قورسىقىدىكىنى سىرتىغا چىقىرالمىسىمۇ، ئۇنىڭ يۈرىكى تېخى 10 گۈلىنىڭ بىرسى ئېچىلمىغان قىزىنىڭ، يات بىر تايىپە كىشىسى بىلەن، يەنە كېلىپ بىر ساقچى بىلەن توي قىلىپ،ئۇنىڭ تەرپىدىن خورلۇققا ئۇچراپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئازاب ئىچىدە يىغلىماقتا ئىدى.
-ئانا-دېدى گۈلمىرە يەنە ئېغىز ئېچىپ،سىز ھەقىقەتەن ئادەم ئۆلتۈردىڭىزمۇ؟ ئۇلار سىزنى : «ئۇ بىر قاتىل، ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىدۇ» دېيىشىۋاتىدۇ. سىز بولمىسىڭىز مەن بۇ دۇنيادا قانداق ياشايمەن؟ ئۇنىڭدىن مېنىڭمۇ ئۆلگىنىم ياخشى!
-شۇنداقمۇ قىزىم! بۇنىڭغا ئىشەنمەڭ،ئۇ بىر تۆھمەت-دېدى گۈلزادە-مەن ئۆزۈمنى يوللۇق قوغدىماقچى بولغان ئىدىم. پەقەت قولۇمدا بىر تال پىچاق بار ئىدى، ئەمما مەن ئۇنى ئادەم ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ئىشلەتمىدىم، ئۇنى قولۇمدا تۇتۇپ تۇرغان ئىدىم شۇ، مېنىڭ ئادەم ئۆلتۈرۈشۈم مۇمكىنمۇ قىزىم؟
-توغرا دەيسىز ئانا، مەنمۇ ئىشەنمىگەن ئىدىم. سىزدەك بىر ئوقۇتقۇچى ئايال قانداقمۇ ئادەم ئۆلتۈرسۇن؟ ئۇلار سىزگە تۆھمەت قىلىپتۇ، شۇ ئارقىلىق مېنى بۇ تويغا مەجبۇرلىماقچى ئوخشايدۇ.
گۈلزادەنىڭ بېشى قېيىۋاتاتتى، ئۇ يەردە ئولتۇرۇپ قالغىلى تاسلا قالدى. ئۇنىڭغا ئېغىر كېلىۋاتقىنى: ئۆزىنىڭ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىشىدىنمۇ بەك، قىزىنىڭ بۇ ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانلىقى ئىدى. ئۇ قىزىنىڭ ئۆزىنى ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ياشلىق باھارىنى قۇربان قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئويلاپ، بەكمۇ ئازابلانماقتا ئىدى. ئۇ ئەمدى بۇ مەسىلىگە بىر قارار بەرمىسە بولمايتتى. ئۇنداق بولمىغاندا، پۈتۈن بىر ئائىلە دۇنيادىن يوق بولۇپ كېتىش ئېھتىمالى تۇراتتى.
-مەيلى قىزىم، ئىش بۇ دەرىجىگە يەتكەن ئىكەن، سىز ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىشقا قوشۇلۇڭ! تەقدىر-قىسىمتىڭىز شۇ ئوخشايدۇ.
-ماقۇل ئانا!-دېدى گۈلمىرە كۆزىگە تولغان ياشنى سۈرتىۋېتىپ، ئەمدى بۇ تويغا مەجبۇرى بولسىمۇ قوشۇلۇپ تۇراي، كۈنلەرنىڭ بىرىدە، بەلكىم ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كېتەلىشىم مۇمكىن!
گۈلزادە قىزى گۈلمىرەنى قۇچاقلاپ كۆز يېشى قىلدى. گۈلمىرەمۇ يىغلىدى. شۇ دەقىقىدە ئۇلارنىڭ كۆزىدىن چىقىۋاتقان ئاچچىق كۆز يېشى دېڭىزغا قوشۇلغان تەقدىردە، ئۇنىڭ ئاچچىقىغا دېڭىز سۈيىمۇ بەرداشلىق بېرەلمەي، كۈچلۈك دولقۇن ھاسىل قىلىپ، دەھشەتلىك چايقالغان ۋە قىرغاقلارغا ئۇرۇلغان بولاتتى.
ئىشىك ئېچىلىپ،جاڭ كىرىپ كەلدى. ئۇ ئانا-بالىلارنىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرۈپ، بىراز ئەجەبلەندى-يۇ، چىرايىغا مەجبۇرى كۈلكە يۈگۈرتۈپ مۇنداق دېدى: مەن بىزنىڭ بىرىنچى باشلىق بىلەن كۆرۈشتۈم،ئۇ بىزنىڭ توي ئىشىمىزغا قوشۇلدى ۋە قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. مانا بۇ 305-نومۇرلۇق تۇتقۇن گۈلزادەنىڭ، ماۋۇ بولسا، 301-نومۇرلۇق تۇتقۇن گۈلمىرەنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىك ئۇقتۇرۇشى، گۈلمىرەنىڭ دادىسى ئەركىنجان بولسا،بىر نەچچە كۈن ئىچىدە قويۇپ بېرىلىشى مۇمكىن!
شۇنداق قىلىپ، گۈلمىرە ئۆزىنىڭ ياشلىق باھارىنى قۇربان بېرىش بەدىلىگە ئاتا-ئانىسىنى قۇتقۇزۇپ قالدى. ئەمما، ئۇ ئۆزىدىن نەچچە ئون ياش چوڭ بولغان، ھەمدە ئۆزىگە زىيانكەشلىك قىلغان خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ :«خەلق ساقچىسى » دەۋالغان بىر قارا نىيەت باسقۇنچىغا ياتلىق بولۇشقا مەجبۇر ئىدى. ئەمدى ئۇنىڭ بېشىغا يەنە قانداق قىسمەتلەر كېلەر؟ ئۇ بۇنى ھازىرچە تېخى بىلمەيتتى.
9-باپ
ۋاڭ بۈگۈن ئەتىگەن ئورنىدىن تۇرۇپلا، يانفونىنى ئېچىۋىدى، ئۇنىڭ يانفونىدىن ئارقا-ئارقىدىن سىگنال ئاۋازى ئاڭلاندى. قارىغاندا، ئۇنىڭغا نۇرغۇن ئۇچۇر كەلگەندەك قىلاتتى. بىرىنچى ئۇچۇر ساۋاقدىشى جاڭدىن كەلگەن بولۇپ، ئۇچۇردا دېيىشلىشىچە، ئۇ ئۆزىنىڭ ناھايىتى ئالدىراش ئىكەنلىكىنى،بىر تەرەپتىن جىددى خىزمەت قىلىۋاتقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئالدىمىزدىكى ھەپتە داۋانچىڭ بازىرىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان; «خەنزۇ-ئۇيغۇر ئىككى مىللەت ياشلىرىنىڭ كوللېكتىپ توي مۇراسىمى»دا ئۆزىنىڭمۇ گۈلمىرە بىلەن تويى بولىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، ئۇنىڭ بۇ تويغا قاتنىشىپ بېرىشىنى تەكلىپ قىلغان ئىدى.
ئۇ ساۋاقدىشتىن كەلگەن ئۇچۇرنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى ۋە ئۆزى بىلەن ئۆزى گەپلىشىشكە باشلىدى:«ساۋاقدىشىم جاڭ ئاخىرى مەقسىتىگە يېتىپتۇ، مانا بۇ-ھوقۇقنىڭ، ھۆكۈمرانلىقنىڭ كۈچى، ئەگەر سەن ھۆكۈمرانلىق ئورنىغا ئىگە ئىكەنسەن! سەندە ھوقۇق بولىدىكەن،ھەممە نېمە سېنىڭ دېگىنىڭدەك بولىدىكەن، ھوقۇقسىزلارنى قانداقلا قىلىشنى خالىساڭ-شۇنداق قىلالايدىكەنسەن،ئۆزەڭگە بويسۇندۇرالايدىكەنسەن!»
ئۇنىڭ گېپىنى ئۆزىدىن باشقا ھېچكىم ئاڭلىمىغان بولسىمۇ،ئۇ خۇددى خىزمەتچىلىرىگە تەربىيە بېرىۋاتقاندەك ھېس قىلىپ، قالايمىقان خىيال ئىچىگە كىرىپ كەتتى:«ئاڭلىدىڭلارمۇ؟-دېدى ئۇ ئۆزىگە قارىشىپ تۇرغان ساقچىلارغا-بىز ھازىر شىنجاڭنىڭ خوجايىنلىرى، بولۇپمۇ بىز ساقچىلار ھەقىقىي خوجايىلىق ئورنىغا ئىگىمىز، گەرچە بىز خىزمەتلەرنى يۇقىرىنىڭ بۇيرۇقى بويىچە قىلساقمۇ، ئەمما ئەمەلىي ھوقۇق يەنىلا بىزدە،قولىمىزدا قورال بار،كويزا-كىشەنلەرمۇ تەييار،پەقەت ساندان (بىر گەۋدىلەشتۈرگەن بىرلەشمە جەڭ قىلىش سۇپىسى) نى ئاچساقلا، تۇتۇلىدىغان جىنايەتچىلەر:«مانا مېنى تۇت»دەپ، ئۆزىنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ. تېخى ئۇلارنىڭ سانىمۇ ئاز ئەمەس، يېرىم كېچىدە بېرىپ ئۇلارنى بىردىن،بىردىن تۇتقۇن قىلىپ ئېلىپ كېلىمىز. خالىساق، شۇ ۋاقىتتا سوراق قىلىمىز، بولمىسا ئەتىسى سوراق قىلىپ غېزىنى غاز، ئۆردىكىنى ئۆردەك قىلىپ، تۈرمە ياكى«كەسپىي قايتا تەربىيەلەش مەركىزى»گە يوللاپ بېرىمىز،تۈرمە بولسا بىزنىڭ جىنايەتچىلەرنىڭ ئەدىبىنى بېرىدىغان جازالاش ئورگىنىمىزدۇر. بىز جىنايەتچىلەرنى خالىساق ئۇرۇپ-قىينايمىز، خالىساق ئىشلىتىپ كىرىم قىلىمىز،خالىساق قاراڭغۇ كامېرغا سولاپ،چاشقانلارغا يەم قىلىپ بېرىمىز،شۇنىڭ بىلەن كۆپىنچە جىنايەتچىلەر تۈرمىدە،ئانىسىدىن تۇغۇلغىنىغا پۇشايمان قىلىشىپ كېتىدۇ. ئادەم بولغىنىغا تويىدۇ.كەسپىي قايتا تەربىيەلەش مەركىزى»بولسا،جىنايەتچىلەرنىڭ ھەم ئەدىبىنى بېرىدىغان، ھەم كاللىسىنى يۇيۇپ تازىلايدىغان قوش پونكىتسىيەلىك ئورگاندۇر، مانا ساۋاقدىشىم جاڭ«كەسپى قايتا تەربىيەلەش مەركىزى»دە خىزمەت باشلىغاندىن بۇيان نەچچە ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ بولدى.بەزەنلىرىنى ئۆزىگە بويسۇندۇردى.ئۇلارنى بوي سۇندۇردى دېگەن گەپ-ئۇنىڭ كاللىسىنى ئۆزگەرتتى دېگەن گەپتۇر. ئادەم،بولۇپمۇ كاللىسى زەھەرلەنگەن ئادەملەر تەربىيەلەپ ئۆزگەرتىلگەندە، سەن نېمە دېسەڭ، شۇنى ئاڭلايدىغان بولىدىكەن. مانا ساۋاقدىشىم جاڭ ئاخىرى بىر ئۇيغۇر قىزىنى ئۆزىگە بويسۇندۇرۇپ، ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىدىغان بولدى. مانا بۇ، ئۇنىڭ كاللىسىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنىڭ ئىپادىسىدۇر. باش سېكرىتار شى جىن پىڭ باشچىلىقىدىكى كوممۇنىستىك پارتىيە ھەقىقەتەن قالتىس ئىش قىلىۋاتىدۇ.ئۇلار يولغا قويغان:«ئۈچ خىل كۈچكە زەربە بېرىپ، كاللىسى زەھەرلەنگەن ئەسەبىي ئۇنسۇرلارنى قايتا تەربىيەلەپ ئۆزگەرتىش سىياسىتى» مانا ھازىر ئۈنۈم بېرىشكە باشلىدى. بىز ساقچىلار بۇنى چۇقۇم ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇشىمىز، بىرمۇ تېررورچىنى قويماي يوقىتىشىمىز،بارلىق ئەسەبىي ئۇنسۇرلارنى قايتىدىن تەربىيەلەپ.ئۇلارنىڭ مىڭىسىنى يۇيۇپ ئۆزگەرتىشىمىز كېرەك! بۇ ئىش ئۈچۈن بىز خەلق ساقچىلىرى قىلچە تەۋرەنمەي، جان پىدالىق بىلەن خىزمەت قىلىشىمىز كېرەك!»
ۋاڭ ئىككىنچى ئۇچۇرنى ئېچىپ ئوقۇدى.ئۇچۇر ئۆزىنىڭ ئۈستىدىكى بىرىنچى باشلىقتىن كەلگەن بولۇپ، ئۇچۇردا:«ئۇنىڭ دەرھال ئىشخانىسىغا كېلىشى، ئالدىمىزدىكى ھەپتدە ئېچىلىدىغان يىغىن ھەققىدە مەسلىھەتلىشىش كېرەكلىكى» ئېيتىلغان ئىدى. جاڭ بۇ ئۇچۇرنى ئوقۇغاندىن كېيىن، ئاغزى قۇلىقىغا يەتكۈچە كۈلۈپ كەتتى. ئۇنىڭچە،ئالدىمىزدىكى ھەپتە ئېچىلىدىغان يىغىن بولسا، ئەمەلدارلارنى تەڭشەش ھەققىدە ئېلىپ بېرىلىشى مۇمكىن بولۇپ،كۆپلىگەن ئەمەلدارلارنىڭ جۈملىدىن ئۆزىنىڭمۇ ھوقۇقىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشى مۇمكىن ئىدى. ناۋادا شۇنداق بولغان تەقدىردە، ئۇ كۆزلىگەن:«ھوقۇق شوتىسى»دا يەنە بىر بالداق يۇقۇرى ئۆرلەش پۇرسىتىگە ئىگە بولغان بولاتتى.
ئۇ ئۈچىنچى ئۇچۇرنى ئېچىپ ئوقۇدى. بۇ ئۇچۇر ئۇنىڭ ئىچكىرىدىكى ئائىلىسىدىن كەلگەن بولۇپ، دادىسى ئۇنىڭغا : پات يېقىندا شىنجاڭغا كەلمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭ ئىلگىرىكى بىر سەپدىشىنىڭ مەلۇم بىر شەھەرگە سېكرىتار بولۇپ تەيىنلەنگەنلىكىنى،ئۇنىڭ«ئەمەلگە ئېرىشكەنلىكى»نى تەبرىكلەش ئۈچۈن ئۆزىنى ئالاھىدە تەكلىپ قىلغانلىقىنى قوشۇپ قويغان ئىدى.
ۋاڭ يەنە يەنە باشقا ئۇچۇرلارغا قارىۋىدى، ئۇلا ئۆزىگە ئانچە مۇناسىۋەتسىزدەك بىلىندى. شۇنداقتىمۇ مۇنۇ ئۇچۇر ھەققىدە ئويلۇنىشقا باشلىدى.بۇ ئۇچۇردا:« ئىچكىرىدە نۇرغۇن زاۋۇت-كارخانىلارنىڭ تاقىلىپ كەتكەنلىكى،شۇ سەۋەبتىن ئىشسىزلىقنىڭ كۆپىيىپ، نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئىش تاپالمايۋاتقانلىقى،ئىشسىزلارنىڭ ھۈكۈمەتكە قارشى نامايىش قىلىۋاتقانلىقى» قاتارلىقلار يېزىلغان ئىدى. ئىچكىردە ئىشسىز قالغانلار نېمانداق بىپەرۋا نېمىلەردۇ!-دەپ سوئال بىلەن باشلىدى ئۇ خىيالىنى:«مانا شىنجاڭدا ئىش دېگەن كەڭ-كۇشادە تۇرۇپتۇ. بۇ يەردە خەنزۇلاردىن بىر ئادەمنىڭ ئىشسىز قالغانلىقىنى ئاڭلىمىدىم، يەنە نۇرغۇن ئىدارە-ئورگانلار ئىشچى-خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش تارقىتىۋاتىدۇ.ئۇلار ئاساسەن خەنزۇلارنى قوبۇل قىلىدىكەن. زاۋۇت-كارخانىلار ئىچكىرىدە تاقالغان بىلەن،شىنجاڭدا بەكمۇ كۆپلەپ ئېچىلىۋاتىدۇ. خالىسا بۇ يەرگە كېلىشسۇن! مانا مەنمۇ نەچچە يىل ئىشسىز يۈرگەن ئىدىم. كېيىن شىنجاڭغا ساقچىلىققا قوبۇل قىلىنىپ كەلدىم. ئەسكەرلىككە قاتناشقىنىمنىڭ پايدىسىنى مانا ئەمدى كۆرۈۋاتىمەن. بۇ يەرگە كېلىپلا ئۇزاق قالماي مېنى مۇئاۋىن باشقارما دەرىجىلىك باشلىقلىققا تەيىنلىدى. بۇ مەن ئۈچۈن چوڭ خوشاللىق ئىش بولدى. تۇنجى قەدەمنى بېسىۋالدىم. يولۇم قەدەممۇ-قەدەم ئېچىلىۋاتىدۇ. شىنجاڭنىڭ بىز ساقچىلارغا بولغان ئېھتىياجى بەكمۇ كۆپ ئىكەن، پۇرسەتلەر ھەر دائىم كېلىپ تۇرىدىكەن. ئۇزاق قالماي ماڭا يەنە چوڭ پۇرسەتلەر كېلىپ، ئەمىلىم تېخىمۇ يۇقىرى ئۆستۈرۈلۈشى مۇمكىن! ئەمىلىڭ ئۆستى دېگەن گەپ-قولۇڭدىن ھەر ئىش كېلىدۇ،سەن ھەممىگە قادىر دېگەن گەپتۇر! مەن ئەمىلىمنىڭ ئۆستۈرۈلۈشى ئۈچۈن ناھايىتى كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتتىم. ئەمىلىم ئۆسكەندىن كېيىنمۇ، قىلچە بوشىشىپ قالماي، شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن خىزمەت قىلىمەن. شۇ چاغدىلا مەن دادامنىڭ كۈتكەن ئۈمىدىنى ئاقلىغان بولىمەن»
ۋاڭ، ئاشۇنداق خىيال سۈرۈپ، قايسى ئىشنى باشلاشنى بىلەلمەي تېڭىرقاپ تۇرغان ۋاقىتتا، ئالاھىدە ساقچى ئەترىتىنىڭ بىرىنچى باشلىقىدىن ئۇنىڭغا تېلېفونكەلدى: شىئاۋ ۋاڭ مېنىڭ ئىشخانامغا دەرھال كەلسىڭىز، مەسلىھەتلىشىدىغان جىددى ئىش بار ئىدى.
-ماقۇل،باشلىق،ھازىرلا يېنىڭىزغا چىقىمەن-دەپ،تېلفوننى قويۇۋېتىپلا يۇقىرى قەۋەتتىكى باشلىقىنىڭ ئىشخانىسى تەرەپكە قەدەم قەدەم ئالدى.
ئالاھىدە ساقچى ئەترىتىنىڭ باشلىقى ساندان (بىرلەشمە جەڭ قىلىش سۇپىسى)نى ئېچىپ جىددى ھالدا ئۇنىڭغا قاراۋاتقان بولۇپ، ۋاڭنى كۆرۈپلا ئۇنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلغاندىن كېيىن، سۆزىنى باشلىدى:
-ئەييا، شاۋ ۋاڭ! بۈگۈن ئەتىگەندە سانداننى ئېچىشىمغىلا، ئۇنىڭدىن كېچىدىن بۇيان گۇمانلىق ئۇنسۇرلارغا قويۇلغان بەلگىلەر ئارقا-ئارقىدىن سىگنال بېرىپ كەتتى. بىزنىڭ بۇ«ساندان»ىمىز قالتىس ئىشلەۋاتىدۇ. ئۇ بىزنىڭ يۈكىمىزىن بەكلا يېنىكلەتتى. ئۇ كېچىدىن بۇيان چاتاق چىقىرىش ئېھتىمالى بولغان نۇرغۇن گۇمانلىق ئۇنسۇرلارغا بەلگە قويۇپ، بىزگە تەييار قىلىپ تۇرۇپتۇ. باياتىن بۇيان ئۇلارنىڭ كىملىكلىرىنى تەكشۈرۈپ چىقتىم، ئۇلارنىڭ ھەممىسىلا دېگۈدەك سەنئەتچىلەر ئىكەن،
-شۇنداقمۇ؟-دېدى ۋاڭ كۆزىنى چەكچەيتىپ، ئۇلاردىن نېمە چاتاق چىقىپتۇ؟
-ياڭ ئۆزىنىڭ مۇئاۋىنى ۋاڭغا قاراپ بۇيرۇق قىلغاندەك چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى: ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ناخشىچىلار بولۇپ، ئۇلار باشقىلارنىڭ مىللىي ھېسسىياتىنى قوزغايدىغان، يامان خاراكتېرلىك كەيپىيات شەكىللەندۈرىدىغان ناخشىلارنى ئېيتقان ئىكەن. سىزنىڭمۇ خەۋىرىڭىز بولغاندەك، ئالدىنقى كۈنى تېخى سىياسىي قانۇن كومىتېتى 250 نەپەر، مىللىچە ناخشىنى چەكلەش تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن ئىدى.سانداندا بەلگە قويۇلغان كىشىلەر مۇشۇ چەكلەش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن ناخشىلارنى ئېيتقان گۇمانلىق ئۇنسۇرلاردۇ. بۈگۈن كېچە بىز شۇلاردىن بەلگە قويۇلغانلارنىڭ ھەممىسىنى تۇتقۇن قىلىشىمىز كېرەك! مەن بۇ ۋەزىپىنى سىزگە تاپشۇرقمەن!
-بولىدۇ باشلىق-دېدى ۋاڭ چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ-مەن بۇ ۋەزىپىنى تولۇق ئورۇنداشلىققا سىزگە كاپالەت بېرىمەن،خاتىرجەم بولۇڭ،بىز بۈگۈن كېچە ئۇلارنىڭ بىرىنىمۇ قويماي تۇتقۇن قىلىمىز!
-ماقۇل، ئەمىسە شۇنداق بولسۇن-دېدى ياڭ باشلىق،مۇئاۋىنى ۋاڭغا تىكىلىپ قاراپ-تۈنۈگۈن مەن سىزگە ئەۋەتكەن ئۇچۇرنى ئوقۇدىڭىزمۇ؟ ئۇچۇردا يازغىنىمدەك ئالدىمىزدىكى ھەپتە بىخەتەرلىك ساقچى سىستېمىسىدىكىلەرگە چوڭ يىغىن بولىدۇ، بەلكى ئۇنىڭدا ئەمەل تەڭشەش ئېلىپ بېرىلىشى مۇمكىن! ناۋادا مەن يۇقىرىغا ئالمىشىپ قالسام، ئورنۇمغا سىزنىڭ چىقىدىغانلىقىڭىز ئېنىق، مەن بۇنى ئاللىبۇرۇن يۇقىرىغا دوكلات قىلدىم. ئۇلارمۇ سىزگە تەستىق سېلىشى مۇمكىن، تەييارلىنىپ قويۇڭ!
-بولىدۇ،رەھمەت سىزگە ياڭ باشلىق-دېدى ۋاڭ قۇلىقىنىڭ تۈۋىگە كەلگۈچە ئاغزىنى كالچايتىپ-مەن چۇقۇم سىزنىڭ ئىزىڭىزدىن مېڭىپ،شىنجاڭنىڭ«ئەبەدى ئەمىنلىكى»ئۈچۈن جېنىمنىڭ بارىچە خىزمەت قىلىمەن.شۇنداقلا سىزنىڭ ماڭا كۆرسەتكەن ياخشىلىقلىرىڭىزنى ھەرگىزمۇ ئۇنتۇپ قالمايمەن. يەنە كۆرۈشىمىز!
ۋاڭ ئۆزىنىڭ ئىشخانىسىغا قايتىپ چىقىپ كومپيۇتېرنى ئېچىپ ساندانغا قاراشقا باشلىدى، خۇددى بىراز ئىلگىرى باشلىقى كۆرسەتكەندەك ھەقىقەتەن نۇرغۇن تۇتقۇن قىلىش ئوبېكتىللىرىغا بەلگە قويۇلغان ئىدى. ئۇ سانداندىكى بەلگىلەر بويىچە تۇتقۇن قىلىنىدىغانلارنىڭ تىزىملىكىنى تۇرغۇزۇپ چىقىش ھەققىدە كاتىۋىغا بۇيرۇق چۈشۈرۋەتكەندىن كېيىن،سانداندىكى باشقا بىر نۇقتىنى ئېچىپ،سانداننىڭ كوچىلاردىكى كامېرالارغا باغلانغان ئۇلىنىشنى بېسىپ،كوچا-يوللاردىكى كۆرۈنىشلەرگە قاراۋاتاتتى. توساتتىن مەلۇم بىر كوچىنىڭ دوقمۇشىغا ئورنىتىلغان 1005-نومۇرلۇق كامېرادىن ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى كەلدى.ۋاڭ كامېراغا چۈشكەن بىر كۆرۈنۈشكە قارىۋىدى، كۆرۈنىشتىكى ئىككى كىشىنىڭ چىرايىنىڭ نورمال ئەمەسلىكى، ئورۇقلاپ، بىر تېرە- بىر ئۇستىخان بولۇپ قالغان بىرسىنىڭ ئالاقزادىلىك ئىچىدە، بەكلا غەمكىن كۆرۈنىدىغان ئوتتۇرا ياشلاردىكى يەنە بىرسى بىلەن غەلىتە ھالدا پاراڭلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشقا تېگىشلىك ئادەملەر ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈردى-دە،دەرھال بىر نەچچە ياردەمچى ساقچىلىرىنى ئېلىپ نەق مەيدانغا يېتىپ كەلدى.
:-قولۇڭنى كۆتۈرۈش، ئىككىڭ قولغا ئېلىندىڭ، قىمىر قىلىشما،بولمىسا ئېتىپ تاشلايمىز! -دەپ ۋاقىراشتى ساقچىلار، ئاندىن دەرھال ئۇ ئىككىسىنىڭ قولىنى ئارقىسىغا قايرىپ باغلاپ كويزا سېلىپ قويۇشتى.
تۇتقۇنلارنىڭ بىرسى بۇنىڭغا ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمەي ھاڭۋېقىپ ئۇياق-بۇياققا قاراپ،ئىپادىسىز ھالەتتە تۇراتتى.ئەمما ئوتتۇرا ياش كەلگەن يەنە بىرسى، دەرھال نارازىلىق بىلدۈرۈپ: مېنى نېمىشقا تۇتقۇن قىلىسىلەر؟ مەن تېخى ئىككى سائەت ئىلگىرى قويۇپ بېرىلگەن ئىدىم، ئەمدى يەنە مېنى قايتا تۇتۇشۇڭلارغا نېمە سەۋەب بولدى؟-دەپ سوئال قويدى ساقچىلارغا،
-سەۋەب شۇكى، سەنلەر گۇمانلىق، تەكشۈرىمىز، كىملىكىڭنى چىقار-دەپ ۋاقىرىدى ۋاڭ تۇتقۇنلارغا، ھېلىقى ئوتتۇرا ياشلىق ئادەم كىملىكىنى چىقىرىپ ۋاڭغا ئۇزاتتى. يەنە بىر ئادەم بولسا يەنىلا ھاڭۋېقىپ ئۇياق-بۇياققا قاراپ تۇراتتى.
-ھەي، سەنمۇ كىملىكىڭنى چىقار؟-دەپ ۋاقىرىدى ئۇنىڭغا ۋاڭ، ئەمما ئۇ ئادەم يەنىلا ھېچقانداق ئىپادىسىز ھالدا باشقا ياققا قاراپ تۇراتتى. ۋاڭ ياردەمچىلىرىگە ئۇنىڭ يېنىنى ئاختۇرۇشقا بۇيرۇق چۈشۈردى.ياردەمچى ساقچىلار ئۇنىڭ يېنىنى ئاختۇرۇپ، ئۇنىڭ كىملىكىنى ۋە باشقا ماتېرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ قارىۋىدى.بۇ ھاڭۋاقتى ئادەمنىڭ بىر نەچچە سائەت ئىلگىرى«ئەقلىدىن ئېزىپ قالغانلىق سەۋەبى»دىن لاگېردىن قويۇپ بېرىلگەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقتى.
ھېلىقى ئەقلى جايىدا بولغان ئوتتۇرا ياشلىق ئادەمنىڭ كىملىكىگە قاراپ تەكشۈرۈۋىدى، ئۇنىڭ داۋانچىڭدىكى «كەسپىي قايتا تەربىيەلەش مەركىزى» نىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ تەرىپىدىن مەجبۇرىي خوتۇنلۇققا ئالماقچى بولغان گۈلمىرە دېگەن قىزنىڭ دادىسى-(ئەركىنجان) دېگەن كىشى ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى.
بۇ ئەھۋالدا ئۆزىنىڭ،ئۇلارنى بىھۇدە تۇتقۇن قىلىۋاتقانلىقىنى بايقىغان ۋاڭ،تېخى ئەقلىدىن كەتمىگەن ھېلىقى ئوتتۇرا ياشلىق كىشى ئەركىنجاندىن سورىدى: ئۇ ساڭا نېمە دېدى؟
-ئۇ مەندىن نان سورىدى. مەن ئۇنىڭغا: «ھازىر مەندە نان يوق»دېدىم، ئۇ ئارقىدىن ئۆيىڭىزدىن ئېلىپ بەرسىڭىز بولامدۇ؟-دەپ سورىدى. مەن ئۇنىڭغا يەنە: مەن ئۆيۈمگە بارمىغىلى ئۇزاق بولدى. ئۆيدە نان بارمۇ-يوق؟ئۇنىمۇ بىلمەيمەن دەپ جاۋاب بەردىم.
-ئۇنىڭدىن سوراپ باق، ئۇ نەگە بارىدىكەن؟-دەپ بۇيرۇق قىلدى ۋاڭ ئەركىنجانغا
-ھەي! سىزنى، ماۋۇ ساقچىلار نەگە بارىدىكەن؟-دەپ سوراۋاتىدۇ-دېدى ئەركىنجان ھېلىقى ئەقلىدىن كەتكەن ئادەمگە قاراپ، ئەمما ئۇ ئادەم يەنىلا ھاڭ-تاڭ بولغان ھالدا، ئۇياق-بۇياققا قاراپ: ماڭا كىم نان بېرىدۇ؟-دەپ، سوئال بىلەن جاۋاب بەردى
بۇ ئەھۋالدا ئۇلارنى تۇتقۇن قىلىشنىڭ ئورنى يوقلۇقىنى بىلگەن ۋاڭ، ئۆزى باشلاپ كەلگەن ساقچىلارنى ئېلىپ قايتىپ كەتمەكچى بولۇۋىدى، ئەركىنجان ئۇنىڭدىن سورىدى: بۇ ئادەم ئەقلىدىن كېتىپ قالغان ئوخشايدۇ،ئۇنى 4-دوختۇرخانا (ساراڭلار دوختۇرخانىسى) غا ئاپىرىپ قويساڭلار بولمامدۇ؟
-ياق،بىزنىڭ ئىشىمىز بەك جىددى. ئەگەر خالىساڭ، ئۇنى تۇغقانلىرىغا تاپشۇرۇپ بەر ياكى ئۆيىگە ئاپىرىپ قوي، بولمىسا، نېمە بولسا مەيلى، بىزنىڭ چاتىقىمىز يوق-دەپ جاۋاب بەردى ۋاڭ پەرۋاسىزلارچە، ئاندىن ئالدى-ئارقىسىغا قارىماي ماشىنىسىنى ھەيدەپ كېتىپ قېلىشتى.
ئەركىنجان بۇ ئەقىلدىن كەتكەن ئادەمنى، بۇ يەرگە ئۆزى يالغۇز تاشلاپ قويغۇسى كەلمىدى، بەلكى ئۇ يەنە خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئاۋارە قىلىشىغا ئۇچرىشى ياكى نورمالسىز ھەرىكەتلىرى سەۋەبىدىن ئېتىپ تاشلىنىشى مۇمكىن ئىدى. شۇڭا، ئەركىنجان كىملىكى نامەلۇم بولغان بۇ ئەقلىدىن كەتكەن ئادەمنى بىلىكىدىن تۇتقانچە ئاپتوبۇسقا چىقىرىپ، ئۆزى ئىلگىرى بىر نەچچە قېتىم كېسەل يوقلاپ بارغان 4-دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ، دوختۇرخانىغا تاپشۇرۇپ بەرمەكچى بولۇپ يولغا چىقتى.
چارەك سائەت قالمايلا ئەركىنجان تۆتىنچى دوختۇرخانىغا يېتىپ كېلىپ، دەرۋازىدىن ئىچىگە كىرمەكچى بولىۋېدى، ئىشىك باققۇچى تەرىپىدىن تۇسۇۋىلىندى
-بۇ يەردە نېمە ئىشىڭ بار؟ نېمىشقا كېلىشتىڭ-دەپ سورىدى قوپاللىق بىلەن ئىشىك باققۇچى
-بۇ ئادەمنى ئېلىپ كەلگەن، ساراڭ بولۇپ قالغان ئوخشايدۇ. دوختۇرلارغا تاپشۇرۇپ بېرەي دېگەن ئىدىم-دېدى ئەركىنجان
-بولمايدۇ-دەپ قوپاللىق بىلەن رەت قىلدى ئىشىك باققۇچى-ئۇنىڭ ساراڭ بولۇپ قالغانلىقىغا ئائىت دوختۇرنىڭ ئىسپاتى كېرەك،بۇمۇ يەتمەيدۇ. ئۇنىڭ يەنە قايسى ئاھالىلەر كومىتېتىغا تەۋە ئىكەنلىكى، شۇنداقلا ئۇ ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ«كاپالەتنامە»سى كېرەك. بولمىسا،ئۇنى بۇ يەرگە قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ.
ئەركىنجان بىللە ئېلىپ كەلگەن ئادەمگە،ئىشىك باققۇچىنىڭ سوئاللىرىنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ بېرىۋىدى، ئۇ ئادەم ھېچنېمىنى چۈشەنمىگەندەك قىلىپ، يەنىلا ئۇياق -بۇياققا قاراپ تۇراتتى. ئەركىنجان يەنە قايتا-قايتا چۈشەندۈرگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ بەرگەن جاۋابى يەنىلا: ماڭا كىم نان بېرىدۇ؟-بولدى. ئەركىنجان نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي قالغانىدى. ئۇ يەنە ئىشىك باققۇچىغا يالۋۇرۇپ: دوختۇرخانا باشلىقىغا دەپ باقساڭ بولامدۇ؟ بۇ ئادەم بارىدىغان يېرىنىمۇ بىلمەيدىكەن، بۇ يەردە ئېلىپ قالساڭلار بولمامدۇ؟
-ياق،بولمايدۇ.دوختۇرخانىنىڭ باشلىقى ئالدىراش،ئۇ سىرتقا چىقىپ ئادەم قوبۇل قىلمايدۇ. ئۇنى سەن ئۆزەڭ ئېلىپ كەتكىن!
-مەن نەگە ئېلىپ كېتىمەن؟ ئۇ نان تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ قورسىقى ئېچىپ كەتكەن ئوخشايدۇ. بىزنىڭ ئۆيدىمۇ نان يوق بولۇشى مۇمكىن! سىلەرنىڭ بۇ دوختۇرخانا خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانغا قۇرۇلغان بولغاندىكىن، سەن ئۇنى بۇ يەرگە ئېلىپ قال، ئۇنىڭغا نان بەرگىن، دوختۇرلار ئۇنى داۋالاپ ساقايتسۇن!-دېدى يەنە يالۋۇرۇپ،
-ياق،بولمايدۇ.سەن ئۆزەڭ ئېلىپ كەت دەپ-ۋاقىرىدى ئىشىك باققۇچى-بۇ دوختۇرخانىدا بىكاردىن-بىكارغا بېرىدىغان نان يوق، ئەمدى ئۇنى ئېلىپ كەتمىسەڭ، ساقچى چاقىرىمەن
-مەيلى ساقچى چاقىرساڭمۇ، ئۇنى مەن ئېلىپ كېتەلمەيمەن-دەپ ئىشىك باققۇچىغا رەددىيە قايتۇردى ئەركىنجان.
-ئۇنى ئېلىپ كەت!-دەپ ۋاقىرىدى ئىشىك باققۇچى يەنە
-ئەركىنجانمۇ بوش كەلمەي، ئۇنىڭغا : مەن ئېلىپ كېتەلمەيمەن. سەن بۇ يەرگە ئېلىپ قال!-دەپ ۋاقىردى
شۇنداق قىلىپ ئەركىنجان بىلەن ئىشىك باققۇچى ئارىسىدا تالاش-تارتىش كېلىپ چىقتى-دە، ئىشىك باققۇچى ئاخىرى ساقچىغا تېلېفونقىلدى. شۇنىڭ بىلەن ھايت-ھۇيت دېگۈچە بىر ماشىنا ساقچى يېتىپ كېلىپ، نېمە ئىش بولغانلىقىنى سۈرۈشتە قىلىشتى. ئىشىك باققۇچى ئۆزىنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئەركىنجاننىڭ يولسىزلىق قىلىۋاتقانلىقىنى چالۋاقىدى. ئەركىنجانمۇ، ئۆزىنىڭ ئۇ ئادەمنى ئېلىپ كېلىش سەۋەبىنى چۈشەندۈرگەندىن كېيىن،ساقچىلار ئۇلارنىڭ كىملىكلىكىنى تەكشۈرۈپ، ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلدى.ئاندىن ئەركىنجانغا قاراپ:« سەن ئۆز ئىشىڭنى قىل، باشقىلارنىڭ ئىشىغا ئارىلاشما، ئۆيۈڭگە كەت، بىز بۇ ئادەمنى ئۆزىمىز بىر تەرەپ قىلىمىز» دەپ، ئۇ ئەقلىدىدىن كەتكەن ئادەمنىڭ قولىغا كويزا سېلىپ، بېشىغا قارا خالتا كەيدۈرۈپ ئېلىپ كېتىشتى.
ئەركىنجان ئۆيىگە قاراپ يول ئالدى، ئۇ يولدا كېتىۋېتىپ، ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن قويۇپ بېرىلگەنلىكى ھەققىدە ئويلىنىپ قالدى:«ئۇ ئادەمنى ساراڭ بولۇپ بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن قويۇپ بېرىپتۇ، ئەمما مېنى نېمە ئۈچۈن قويۇپ بەرگەندۇ؟-دەپ، سوئال قويدى ئەركىنجان ئۆز-ئۆزىگە-بۇنىڭ چۇقۇم بىرەر سەۋەبى بولۇشى كېرەك! چۈنكى، ئۇلار مېنى تۇتقان ۋاقتىدا: مېنىڭ ئىدىيەمدە مەسىلە بارلىقىنى، شۇڭا، ئىككى يىللىق كەسپىي قايتا تەربىيەلەش مەكتىپى نى تاماملىشىم كېرەكلىكىنى ئېيتىشقان ئىدى. تېخى بىر يىل تولۇشىغىلا، سەۋەبىنى دېمەستىنلا تۇيۇقسىز قويۇپ بېرىشتى، بەلكى، بۇنىڭ سەۋەبىنى ئايالىم گۈلزادەگە ئېيتقان بولۇشى مۇمكىن! مەن تۇتۇلۇپ كەتكەن ۋاقتىمدا ئۇ ئۆيدە قالغان ئىدى. بەلكى ئۇ تۇتۇلمىغان بولسا، ھەقىقىي ئەھۋالنى ئۇ بىلىشى مۇمكىن، مەيلى نېمىلا بولمىسۇن، بۇنىڭ سەۋەبى چوقۇم ئېنىقلىنىدۇ» دەپ، خىيالىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ چۈشەنچىسىگە ئۆزى قانائەت تېپىپ، يولىنى داۋام قىلدى.
مانا كەچ كىرىپ تۈن قاراڭغۇسى يېقىنلاشماقتا ئىدى. ۋاڭ ئالاھىدە ساقچى ئەترىتىنىڭ بارلىق ياللانما ساقچىلىرىدىن يىغىپ،ئۇلارغا:بۈگۈنكى تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىنى قانداق ئېلىپ بېرىش ھەققىدە ۋەز ئېيتقاندىن كېيىن، دەل تۈن يېرىم بولغاندا ھەرىكەتكە ئۆتتى. بۈگۈنكى كېچىلىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىنىڭ ئوبېكتلىرى ساپلا سەنئەتچى ۋە ناخشىچىلار بولغاچقا، ئۇلار ئالاھىدە ئېھتىيات بىلەن ھەرىكەت قىلىپ، خەلقنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ قويماسلىق ئۈچۈن ماشىنىلىرىنى ھېچقانداق سىگنال بەرمەي ھەيدەپ،بىنالاردىن تىۋىش چىقارماستىن كىرىپ، تۇتقۇن قىلىدىغانلارنىڭ ئىشىكىنى چەكمەستىن، ئەكسىنچە، ئۆزلىرى بۇزۇپ كىرىپ، سەنەتچىلەرنى ئۇخلاش كىيىمى بىلەنلا تۇتۇپ،بېشىغا قارا خالتا كىيدۈرۈپ، قولىغا كويزا سېلىپ ئېلىپ مېڭىشتى. سەنەتچىلەردىن بەزىلىرى ئۆزىنىڭ نېمىشقا تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدە سوئال سورىماقچى بولۇپ ئاغزىنى ئېچىۋىدى، ئۇلارنىڭ گەپ قىلىشىغا رۇخسەت قىلىشمىدى. شۇنداقتىمۇ، يەنىلا سوئال سورىماقچى بولغانلار چىققان ئىدى. ساقچىلار ئۇلارنىڭ ئاغزىغا بىر تالدىن لۆڭگە كەپلەپ قويۇشتى.
ۋاڭ ساقچىلىرى بىلەن بىللە كېچىلىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىدە تۇتۇلغان سەنەتچىلەرنى كامېرلارغا قاماپ قويۇپ، ياللانما ساقچىلىرىنى چۈشكىچە دەم ئېلىشقا، چۈشتىن كېيىن يەنە سوراق قىلىش ئۈچۈن تەييار بولۇشقا بۇيرۇپ قويۇپ، ئۆزىمۇ دەم ئېلىش ئۈچۈن ياتىقىغا قايتىپ كەلدى. بۇ ۋاقىتتا تاڭ سۈزۈلۈشكە باشلىغان بولۇپ تاغ ئارقىسىدىن كۆتۈرۈلگەن قۇياش نۇرى قىزىللىققا تولغان ئىدى. ۋاڭ دېرىزىدىن قاراپ، بۇ مەنزىرىنى تاماشا قىلماقچى بولۇپ قارىۋىدى، كۆزىگە بىردىنلا شەپەق نۇرى تىقىلىپ، كۆزىنى ئاچالماي قالدى.قارىغاندا،شەپەق نۇرى ئۇنىڭ زالىملارچە قىلىۋاتقان ھەرىكەتلىرىگە نەپرەت بىلدۈرۈپ، كۆزىنى كۆرمەس قىلىپ قويماقچى بولغاندەك قىلاتتى. ئۇ قۇياش نۇرىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ،دەرھال كۆزىنى يۇمۇۋالدى
ۋاڭ خىزمەت كۆرسىتىش نىيىتىدە بەكمۇ ئاكتىپلىشىپ كېتىۋاتاتتى. شۇ تاپتا كېچىنى-كۈندۈزگە ئۇلاپ ئىشلىمەكتە ئىدى. خىزمەت كۆرسىتىپ يۇقىرى مەرتىۋىگە ئېرىشىش ئۇنىڭ بىردىنبىر غايىسى ئىدى. ئۇ ئۇخلاشتىن بۇرۇن سائىتىنى 12گە تەڭشەپ قويۇپ ياتقان بولۇپ، سائىتىنىڭ قوڭغۇرىقى جىرىڭلىغان ھامان ئويغاندى-دە، چالا-بۇلا يۈز-كۆزىنى يۇيۇپلا، چۈشلۈك تاماقنى يەۋالغاندىن كېيىن، بۈگۈنكى كۈندۈزلۈك خىزمىتىنى باشلاش ئۈچۈن ئىشقا چۈشۈپ كەتتى.
ۋاڭ بىر نەچچە ياللانما ساقچىلىرى ئەگەشتۈرۈپ ئالاھىدە ساقچى ئەترىتىنىڭ يەر ئاستى سوراقخانىسىدا، تۈنۈگۈن كېچىدە تۇتقان قىلىنغان سەنئەتچىلەردىن سوراق قىلىشنى باشلىدى. بىرىنچى بولۇپ ئېلىپ كىرگەن سوراقچى ئابلاجان ئىسىملىك داڭلىق ناخشىچى ئىدى.ئۇ ياللانما ساقچىلىرىغا بۇيرۇق چۈشۈپ ئابلاجاننى قارا تۆمۈر تۆمۈر ئورۇندۇققا مىدىر-سىدىر قىلالماس قىلىپ باغلىۋالغاندىن كېيىن، سوراقنى باشلىدى:
-مەسىلەڭنى تاپشۇر!
نېمە مەسىلەمنى تاپشۇرىمەن؟ ياندۇرۇپ سورىدى ئابلاجان،
-سېنىڭ مەسىلەڭ بەك ئېغىر-دەپ ۋاقىرىدى ۋاڭ ئۆكتەملىك بىلەن-سەن ئېيتقان ناخشىلاردا-مىللىي خاھىش ئىنتايىن ئېغىر، ئەشەددىي مىللەتچىلىك تەرغىب قىلىنغان. بۇنىڭ ئۈچۈن سەن جازالىنىشىڭ كېرەك!
-ياق، ئۇنداق ئەمەس. ئىسپاتىڭلار بولسا قويۇڭلار دېدى-ئابلاجان ۋاڭ نىڭ تۆھمىتىگە رەددىيە قايتۇرۇپ،
-بۇ ناخشا دەپ بىر ۋاراق قەغەزنى كۆرسەتتى ۋاڭ ئابلاجانغا، ئاندىن يېنىدا تۇرغان تەرجىمانغا ئۇنى ئوقۇشقا بۇيرۇدى :
قەشقەر، خوتەن، يەكەن، تۇرپان
ئۈرۈمچى، غۇلجا، ئاتۇش، قۇمۇل، ئاقسۇ
ئالتاي، چۆچەك، كورلا ۋە كوچا
ئانا يۇرتۇم سەن بۇ دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل ماكان
گويا قۇياشتەك چەكسىز مېھرىگە تولغان
ئەلمىساقتىن بوۋام قىلدى گۈلىستان ھارماي
يەنە مەڭگۈ داۋام قىلار ئۈزۈلۈپ قالماي…..
مانا ئىسپاتىڭ-دەپ ۋاقىرىدى ۋاڭ-سەن پايتەختىمىز بېيجىڭ، ھەتتا داڭلىق شەھەرلەردىن شاڭخەي-شېنجېن لارنى يۇرتۇم دېمەپسەنا ئەجەپ؟ بۇنىڭدا بىر مەقسەت بار،سەن قەستەنگە يەرلىك مىللەتچىلىكنى تەرغىب قىلىپ،جۇڭخۇئا مىللىتى ياشايدىغان باشقا يەرلەرنى نەزەردىن ساقىت قىلىپسەن؟ مانا بۇ كۈچلۈك مىللىي خاھىشتۇر، مىللەتچىلىكنى تەرەققىي قىلغانلىقتۇر!
-ياق، ئۇنداق ئەمەس. مەن مۇشۇ يەردە تۇغۇلغاندىن كېيىن….. ئاۋۋال مۇشۇ يەرنى نەزەرگە ئېلىشىم كېرەك!-دەپ،ئابلاجان ئۇنىڭغا يەنە رەدىيە بەرمەكچى بولۇۋىدى، ۋاڭ كۆزلىرىنى قىزارتقانچە يەنە ۋاقىراپ كەتتى:
-ھەي، قۇرۇق گەپنى قوي، سەن بىر ئەسەبىي ئۇنسۇر، بۇنىڭغا قول قوي!-دەپ، بىر ۋاراق قەغەزنى ئۇنىڭغا تەڭلىدى.
ئابلاجان قەغەزگە كۆز يۈگۈرتتى.بۇقەغەز ئالدىنئالا تەييارلاپ قويۇلغان بىر «ئىقرارانامە» بولۇپ. ئۇنىڭغا مۇنداق ھۆكۈم يېزىلغان ئىدى:«ئەسەبىي ئۇنسۇر،ناخشىچى ئابلاجان ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ئەپتى بەشىرىسىنى يوشۇرۇپ، ئۆزى ئىجاد قىلغان ناخشىلىرىنى سەھنىلەردە تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق خەلقنىڭ مېڭىسىنى زەھەرلەپ، كۈچلۈك مىللىي خاھىش پەيدا قىلىشقا ئۇرۇنغان. بۇ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ئېغىر سىياسىي مەسىلە بولغاچقا،ئابلاجانغا:«كەسپىي قايتا تەربىيەلەش مەركىزى»دە،ئىككى يىل تەربىيەلىنىپ، ئىدىيەسىنى ئۆزگەرتىش جازاسى بېرىلىدۇ»
ئايۇپجان ئۆزىگە بېرىلگەن بۇ ھۇكۇمنى ئوقۇغاندىن كېيىن بېشىنى چايقاپ، ئۇنىڭغا قول قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى:ۋاڭ يەنە ۋاقىرىدى:
زادى قول قويمامسەن؟ ئۇنداق بولسا، بىز ساڭا قانداق قويدۇرۇشنى بىلىمىز-دەپ، ياللانما ساقچىلىرىغا بۇيرۇق چۈشۈردى. ئىككى ياللانما ساقچى كېلىپ ئابلاجاننىڭ دۈمبە ۋە بېقىنلىرىغا ئارقا-ئارقىدىن بىر نەچچە قېتىم توك كالتىكى يېقىۋىدى،ئۇ شۇ ھامان ھوشىدىن كەتتى. ياللانما ساقچىلار ئۇنىڭ قولىنى قىزىل سورۇققا تەگكۈزۈپ، مەجبۇرىي سوزۇپ ئەكىلىپ قول قويدۇرۇۋالدى-دە، ئاندىن ئۇنىڭ پۇت-قولىدىن سۆرىگەنچە كامېرغا ئېلىپ چىقىپ، سولاپ قويۇشتى
ۋاڭ ياللانما ساقچىلىرىغا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، يەنە بىرياش ناخشىچى مۇھەممەتجاننى يەر ئاستى سوراقخانىغا ئېلىپ چۈشۈپ، ئۇنىمۇ قارا تۆمۈر ئورۇندۇققا مىدىر-سىدىر قىلالماس قىلىپ باغلاپ قويغاندىن كېيىن، سوراقنى باشلىدى:
-مەسىلەڭنى تاپشۇر!
-نېمە مەسىلىنى تاپشۇرىمەن؟ -دەپ، سورىدى مۇھەممەتجان ھاڭ-تاڭ بولغان ھالدا،
-نېمە مەسىلىنى تاپشۇرىمەن دەۋاتامسەن؟-سەندە مەسىلە ئىنتايىن ئېغىر، ناخشىلىرىڭدا مىللىي خاھىش ناھايىتى كۈچلۈك ۋە ئېغىر دىنى ئەسەبىيلىك مەۋجۇت،
-ئۇنداق ئەمەس!-دەپ، رەددىيە قايتۇردى مۇھەممەتجان-قېنى ئىسپاتىنى كۆرسىتىڭلار؟
-ۋاڭ ئاچچىقىدا :-مانا ئىسپات دەپ، قەغەزگە بېسىپ چىقىرىلغان بىر ناخشا تېكىستى قولىغا ئېلىپ، تەرجىمانغا ئوقۇشقا بۇيرۇدى:
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام
ئاڭلاڭكى، نەقەدەر گۈزەل سۆز بۇ-ئەسسالام، ئەسسالام
ھەر سەھەر تۇرساق ئامان، قايتىدىن يارالدى جان
سالام بىلەن دىدارلاشماق مۇھەببەتتۇر، ئەجەب ئوبدان
مىڭ يىللار ئۆتسىمۇ ئۆزگەرمىدى: سالام، سالام
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئاتالارغا، ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئانىلارغا،
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دۇنيانىڭ يورۇق يۇلتۇزى بالىلارغا
سالام قىلماق سۈننىتى، جاۋابى ھەم پەرىز ئىكەن،
سالام ئۈچۈن ئىگىلىگەنلەر-سېخى ئىكەن، ئەزىز ئىكەن
سالام قىلدى دادام، ئۆگىتەي مەنمۇ بالام
بوسۇغىدىن كىرسە قەدەم، سالام دېمەك پەرز ئىكەن
ئۇچراشسا قېرىنداشلار، سوۋغات بولسۇن سالام، سالام
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دىللارغا، ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلارغا،
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، دۇنيانىڭ يورۇق يۇلتۇزى بالىلارغا،
سالاملاردا پىكىرلەر بار، سالاملاردا مېھىرلەر بار
سالام دېسە كۈلەر چىراي، سالاملاردا شۈكۈرلەر بار
سالام قىلساڭ، قىلسا ئوسال، قەلبىڭدە قىلما مالال
بىر كۈنلەر كېتەر ئامەت، شۇ زاتلار سالام قىلسا،
سالاملىرىمىز نەگە گۈزەل، نەگە گۈزەل! بىزلەرگە يار
ئەسسالامۇ ەلەيكۇم دىللارغا، ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلارغا،
ئەسسالامۇ ەلەيكۇم دۇنيانىڭ يورۇق يۇلتۇزى بالىلارغا
ئەسسالام، ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام!
تەرجىمان ناخشىنىڭ تېكىستىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، ۋاڭ كۆزلىرىدىن چەكچەيتكەن ھالدا :
-مانا ئىسپات دېگەن شۇ-دەپ، كۆرەڭلىك بىلەن بىلەن ۋاقىرىدى مۇھەممەتجانغا-«ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام سۈننەت، پەرىز» دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى چەكلەنگەن ئەسەبىي سۆزلەردۇر.سەن بۇ ناخشا ئارقىلىق خەلقنى دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى بىلەن زەھەرلىمەكچى،دۆلەتنىڭ« مىللەتلەرنى بىر-بىرىگە يۇغۇىرۋېتىش سىياسىتى» گە قارشى تۇرۇپ، خەلقنى كۈشكۈرتمەكچى بولدۇڭ، شۇنىڭ ئۈچۈن سېنىڭ جىنايىتىڭ بەك ئېغىردۇر
-سىلەر ئۇ سۆزلەرنى قاچان چەكلىگەن، قېنى چەكلەنگەنلىك ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشۇڭلار، نېمىشقا بىز ناخشىچىلارغا: ئۇلارنى خەۋەر قىلمىدىڭلار؟ بىر نەرسىنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى ئالدىن ئۇقتۇرۇش قىلماي تۇرۇپ، ئارقىدىن ئۇنى قىلغانلارغا جىنايەت ئارتىش-ئۇلارغا تۆھمەت قىلغانلىق بولمامدۇ؟ بۇ قانداق قانۇنغا سىغسۇن؟
-ھىم، نېمە ئۇ قانۇن دېگەن؟ كوممۇنىستىك پارتىيە قاچان نېمىنى خالىسا، شۇنى قىلىدۇ. كومۇنىستىك پارتىيەنىڭ سىياسىتىنىڭ ئۆزى-قانۇندۇر. تولا گەپ قىلماي،جىنايىتىڭنى ئېتىراپ قىلىپ، مانا بۇ ئىقرارنامىگە قول قوي-دەپ،ئالدىنالا تەييارلاپ قويغان بىر پارچە« ئىقرارنامە»نى مۇھەممەتجاننىڭ ئالدىغا قويدى.
-ياق، مەندە گۇناھ يوق!-دەپ، قول قويۇشنى رەت قىلدى مۇھەمنەتجان
-قول قويمامسەن؟ ئۇنداق بولسا، سەن بىزنىڭ قانداق قول قويدۇرىدىغانلىقىڭىزنى كۆرۈپ قوي!-دەپ، ۋاقىرىدى ۋاڭ، ئاندىن يېنىدىكى ساقچىلارغا بۇيرۇق چۈشۈرىۋىدى، ئىككى ياللانما ساقچى كېلىپ، مۇھەممەتجاننىڭ باش-بويۇن ۋە دۈمبىسىگە توك كالتىكى بىلەن ئۇرۇپ، ھوشسىزلاندۇرۇپ قويغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ قولىنى سوزۇپ ئەكىلىپ، مەجبۇرى قول قويغۇزۇۋېلىشتى
ۋاڭ بۈگۈن چۈشتىن كېيىن ئۆزى ھېرىپ-چارچىغىنىغا قارىماستىن، ئابدۇرېھىم ھېيت، ئابدۇلھېكىم كەلكۈن، زاھىر شاھ قاتارلىق بىرەر يۈزدىن كۆپ: «مەدەنىيەت-سەنئەت ساھەسىدىكى ئەسەبىي، گۇمانلىق ئۇنسۇرلارنى تازىلاش»نامىدا تۇتقۇن قىلىنغان ئارتىست-ناخشىچىلارنى سوراق قىلىپ، ئۇلارنى مەجبۇرى ئىقرار قىلدۇرۇپ،ئالدىنئالا تەييارلاپ قويغان«ئىقرارنامە»سىگە قول قويغۇزۇۋالغاندىن كېيىن، بىر قىسىملىرىنى ئۇزۇن مۇددەتلىك جازاغا ھۆكۈم قىلىپ،تۈرمىلەرگە يوللاپ بەرگەن بولسا،ئۇلارنىڭ كۆپىنچىلىرىنى داۋانچىڭدىكى ئاتالمىش:« كەسپىي قايتا تەربىيەلەش مەركىزى»گە يوللاپ بەردى.
بۇ قېتىمقى مەدەنىيەت-سەنەت ساھەسىدىكى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىنى ئېلىپ بارغان ئالاھىدە ساقچى ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ، ئاتالمىش «سىياسىي قانۇن كومىتېتى»تەرىپىدىن ئالاھىدە خىزمەت كۆرسەتكەن شەخسلەر نامىدا قارىلىپ، ئۆستۈرۈش ئوبيكتى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن ئىدى.
ۋاڭنىڭ يۇقىرىقى تۆھپىسى«ئالاھىدە ساقچى ئەترىتى»گە خىزمەت كۆرسەتكەن ئىلغارئورۇن» قاتارىدا ئۇقتۇرۇلغان بولۇپ،ساقچى ئەترىتىنىڭ بىرىنچى باشلىقى ياڭ بۈگۈن ئەتىگەندىلا ۋاڭنى ئىشخانىسىغا چاقىرىپ، ئۇنىڭ ئالاھىدە خىزمەت نەتىجىسىنى تەبرىكلىدى ۋە بۇ ئىشنىڭ، يەنى مەدەنىيەت-سەنەت ساھەسىدىكى گۇمانلىق ئۇنسۇرلارنى تازىلاشنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقى ھەققىدە ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ كۆز قارشىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ:
-بۇ قېتىم بىزنىڭ ئالاھىدە ساقچىلىرىمىز قالتىس نەتىجە ياراتتى-دېدى ئۇ مەغرۇرلارچە كېرىلىپ-نۇرغۇن گۇمانلىق ئۇنسۇرلار تۇتقۇن قىلىندى. ئۇلارنى تۇتۇپ، تەربىيەلەپ-ئۆزگەرتىشىمىز بەكمۇ زۆرۈر ئىدى.چۈنكى مەدەنىيەت-سەنەت ساھەسى،بولۇپمۇ ناخشىچىلار-شۇ مىللەتنىڭ ھېسسىياتىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىغان، ئۇلارنىڭ روھىنى ۋە غورۇرىنى ياشنىتىدىغان بىر ئەكسىيەتچى كۈچ ئىدى. سىز بىلىشىڭىز كېرەك، دەپ يەنە داۋام قىلدى سۆزىنى ياڭ-ناخشا-ئۇسسۇل سەنىتى قانچە تەرەققىي قىلغان مىللەتنىڭ روھى ئۈستۈنلۈكى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ.ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدا، پارتىيەمىزنىڭ خاتا ھالدا يولغا قويغان:«مەدەنىيەت-سەنەت ساھەسىدىكى گۈللىنىش-ئېچىۋېتىشنى يولغا قويۇش سىياسىتى»سەۋەبىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەدەبىيات-سەنىتى، بولۇپمۇ دىرامما-تىياتىر ۋە ناخشا-ئۇسسۇل جەھەتتىكى تەرەققىياتى ناھايىتى ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىپ كەتكەن ئىدى. بۇلار جۇڭخۇئا مەدەنىيىتىنىڭ سىڭىپ كىرىشىگە توسقۇنلۇق قىلىپ، ئايرىم بىر مەدەنىيەت مۇھىتىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ،سەنەت جەھەتتە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونىغا قارىغاندا ئالاھىدە بىر ئۈستۈنلىك شەكىللەندۈرىۋالغان ئىدى. شۇنداقلا بۇ بىر خەتەرلىك ئەھۋال ئىدى. نېمە ئۈچۈن دەمسىز؟ چۈنكى، ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ ناخشا-ئۇسۇلى ئارقىلىق ئالاھىدە روھىي ئوزۇق ئېلىپ،ئۈستۈن روھىي كەيپىيات شەكىللەندۈرۈپ، خەنزۇلارنىڭ مەدەنىيەت-سەنىتىنى،ئۆزلىرىگە يۇقتۇرماي، دۆلىتىمىزنىڭ يېقىندا يولغا قويغان:«يەرلىك مىللەتلەرنى جۇڭخۇئا مەدەنىيىتى بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش» سىياسىتىگە توسالغۇ بولغان ئىدى. ئەگەر بۇ ئەھۋال مۇشۇنداق داۋاملىشىۋەرگەن بولسا، باش سېكرىتار شى جىن پىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ۋە رايونلۇق پارتكوم سېكرىتارى چېن چۇئەن گو ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولغان:«شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى»ىنى ئىشقا ئاشۇرۇش سىياسىتى زور توسالغۇغا ئۇچراش ئېھتىمالى مەۋجۇت ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن بىزنىڭ بۇ قېتىم مەدەنىيەت-سەنەت ساھەسىدىكى تازىلاش ھەرىكىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلىرىمىز ئالاھىدە بولدى ۋە يۇقىرىنىڭ نەزىرىگە ئېلىندى. بۇنىڭ نەتىجىسىنى پات يېقىندا كۆرىمىز، بەلكى ئۇزاق قىلماي شۇ سەۋەبتىن بىزگە يۇقىرى ئەمەل-مەنسەپ بېرىلىشى مۇمكىن. مانا بۇ مېنىڭ ۋە سىزنىڭ يەتمەكچى بولغان ئارزۇ-مەقسەتلىرىمىزنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىدۇر
دېمىسىمۇ،ياڭنىڭ باياتىن بۇيان ئۆزىنىڭ مۇئاۋىنى بولغان ۋاڭغا بەرگەن يۇقىرىدىكى چۈشەنچىلىرى ھەقىقەتنى ئېتىراپ قىلغانلىق بولۇپ، ئۇيغۇر مەدەنىيەت-سەنىتى ئەزەلدىن ئوتتۇرا تۈزەڭلىك مەدىنيىتىدىن يۇقىرى ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن ئىدى. شۇڭا تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ياشىغان خىتاي شائىرلىرى ئۇيغۇر مەدەنىيەت-سەنتى ھەققىدە ئالاھىدە تەسىراتلىرىنى بايان قىلىپ، بەس-بەستە مۇنداق نەزەمىلەرنى يېزىشقان ئىدى:ۋاڭ جىيەن ئۆزىنىڭ:«لىياڭخۇغا ساياھەت» ناملىق شېرىدا:
تاڭ سەھەر ئاڭلاپ خورازنىڭ چىللىغان ئاۋازىنى
شەھرى لوياڭدا ھەممە ئۆي مەشق قىلۇر خۇ سازىنى
دەپ، يازسا، يەنە بىر شائىر يۈئەن جىڭ: « لىيەنچاڭ قەسىر نەزمىسى» ناملىق شېرىدا:
تۈن يېرىم تاپماقچى لىياڭجۇدا قىلار سەييارىنى
ئاڭلاپ ئۆتكەن ئۇ كۇچادا خىلمۇ-خىل ئەلنەغمىنى
دەپ يازغان. ئۇندىن باشقا يەنە يۈئەن جىڭ ئۆزىنىڭ:«فاچۇي»يەنى نەمۇنىلىك نەغمىلەر ناملىق شېرىدا:
چاڭ توزۇتۇپ ئۇيغۇر چەۋەندازلار كەلگەندىن بۇيان،
قاپلىدى ئۇيغۇر پۇراقى شەھرى لوياڭنى شۇئان.
بولدى ئۇيغۇرچە ياسانماق قىز-ئاياللار مەشغۇلى،
زور ماھارەت بولدى چالماق سازنى ئۇيغۇرلارسىمان!
سۇمرۇغ ئاتەشنىڭ ساداسى مۇڭ بىلەن تولغان ئەگەر،
نەۋ باھاردا بۇلبۇل كۈيى ياڭراتتى بىر سالقىن ھامان
ئاتقان ئۇيغۇرچە مىنىش، زىبۇ-زىننەت، تىل ئۆگىنىش،
بولدى بەس-بەسلىك ھەۋەس بۇ ئەللىك يىلدىن بۇيان!
دەپ يېزىپ، ئۇيغۇر مەدىنيىتىڭ ئۈستۈنلىكىگە بولغان قايىللىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
مانا ھەپتە ئاخىرىمۇ يېتىپ كەلدى.بۈگۈن ۋاڭ خىزمەتدىشى جاڭدىن ئۇچۇر تاپشۇرۇۋالدى. ئۇچۇردا: بۇ يەكشەنبە كۈنى داۋانچىڭدا ئۆزىمۇ بولغان:«10 جۈپ ياشنىڭ كوللېكتىپ توي مۇراسىمى» ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى، ۇنىڭغا قەتئىي كېلىپ قاتنىشىپ بېرىشى تەكلىپ قىلىنغان ئىدى. ۋاڭ شۇ كۈنلەردە ھەپتە ئاخىرىمۇ دەم ئالماي دېگۈدەك، ئىنتايىن ئاكتىپلىق بىلەن ئىشلەۋاتاتتى. ئەمدى خىزمەتدىشى جاڭنىڭ توي ئىشى مۇناسىۋىتى بىلەن بىرەر كۈنمۇ بولسا، دەم ئېلىشنى پىلان قىلىپ، بۇ پىلانىنى مەلۇم قىلىش ئۈچۈن باشلىقى ياڭنىڭ ئىشخانىسىغا چىقىۋىدى، ياڭ باشلىق خۇددى ئۇنى ساقلاۋاتقاندەك،قارشى ئېلىپ، سىزگە دەيدىغان مۇھىم بىر ئۇقتۇرۇش بار ئىدى، مانا ئۇنى ئالدىن بىلگەندەكلا ئۆزىڭىز قەدەم تەشرىپ قىلدىڭىز، ئالدىمىزدىكى دۈشەنبە كۈنى چوڭ يىغىن ئېچىلىدىكەن.بۇ يىغىندا بىخەتەرلىك تارماقلىرىدىكى خىزمەتلەر ھەققىدە دوكلات ۋە مۇنازىرە بولغاندا باشقا، ئەمەلدار تەڭشەش ئېلىپ بېرىلىشى ئېنىق ئىكەن. شۇڭا سىز مەن بىلەن بىللە بۇ يىغىنغا قاتنىشىشىڭىز كېرەك بولماقتا،ھەر ھالدا بۇنىڭ ئۈچۈن تەييارلىق قىلىپ قويغىنىمىز ياخشى-دېدى چىرايىغا سۇنئىي كۈلكە يۈگۈرتۈپ، ناۋادا مەن بۇ يەردىن يۆتكىلىپ كېتىپ قالسام، سىز بۇ يەرگە ئەڭ مۇۋاپىق نامزات بولالايسىز، شۇنىڭ ئۈچۈن سىزنى يەنە بىر قېتىم تەبرىكلەيمەن!
-رەھمەت، سىزگە باشلىق!-دېدى ۋاڭمۇ خوشامەتلەرچە ھىجىيىپ-سىزدىن بۇ يەكشەنبە كۈنى بىر كۈنلۈك رۇخسەت سوراش ئۈچۈن چىققان ئىدىم، چۈنكى، ساۋاقدىشىم جاڭنىڭ كوللېكتىپ توي مۇراسىمىغا قاتنىشىشىم كېرەك ئىدى.
-ھە،شۇنداقمۇ؟ بۇ بەك ياخشى بولۇپتۇ. ھازىر، ھەر يەردە مۇشۇنداق كوللېكتىپ توي مۇراسىمى كۆپ بولىۋاتىدۇ. مەنمۇ بىر قېتىم بۇنداق كوللېكتىپ توي مۇراسىمىغا قاتناشقان ئىدىم. بۇ قېتىم سىز بىمالال قاتنىشىۋېرىڭ! ئالاھىدە جىددى ئەھۋال بولمىسا، مەن بارلىق خىزمەتنى بىر قوللۇق ئېلىپ بارىمەن-دېدى ياڭ باشلىق ئۆزىنىڭ مۇئاۋىنى ۋاڭنىڭ ئىلتىماسىنى تەستىقلىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئاندىن ئۇنىڭ كۆزىگە قاراپ مۇنداق سورىدى: ئىككى مىللەتنىڭ «كوللېكتىپ توي مۇراسىمى» ھەققىدە قانداق قاراشتا سىز؟ بۇنى بىر ياخشى ئىش دەپ قارامسىز؟ كۈنلەرنىڭ بىرىدە سىزمۇ سەپدىشىڭىز يولداش جاڭدەك باشقا مىللەتلەر بىلەن توي قىلىشنى ئويلىدىڭىزمۇ؟
-ۋاڭ ئۆز باشلىقىنىڭ بۇنداق سوئال سورىشىنى ھېچقاچان ئويلاپ باقمىغان ئىدى. ئۇ بىردەم تېڭىرقاپ تۇرۇپ قالدى-دە، ئاندى:مەن بۇنداق«كوللېكتىپ توي مۇراسىمى قىلىش»نى ياخشى ئىش دەپ قارايمەن.چۈنكى، بۇ بىزدەك نوپۇسى كۆپ مىللەتلەر ئۈچۈن پايدىلىق بىر ئىشتۇر. ئەمما بۇنىڭ باشقا مىللەتلەر بىلەن بولىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ ھەيران قالدىم. ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ خەنزۇلار بىلەن توي قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى ھېچ ئاڭلاپ باقمىغان ئىدىم. بولۇپمۇ ئۇيغۇرلاردەك ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان رادىكال مىللەتلەرنىڭ خەنزۇلار بىلەن توي قىلىشىغا ئىشەنمەيتتىم. مانا ئەمدى شىنجاڭدا بۇنداق ئىشلار باشلىنىپتۇ،بۇنى يېڭىچە تەرەققىياتىنىڭ مەھسۇلى،جۇڭخۇئا مەدەنىيىتىنىڭ ھەر يەرگە تارقالغانلىقىنىڭ ئىپادىسى دېيىشكە بولىدۇ.-دەپ، ئۆزىنىڭ يۈزەكى قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئاندىن يەنە دۇدۇقلاپ تۇرۇپ، ئۆزى ھەققىدە سورىغان سوئالىغا مۇنداق جاۋاب بەردى: مەن تېخى ئۆزەمنىڭ توي قىلىش ئىشىنى ئويلاشمىدىم. شىنجاڭدا توي قىلىش، بولۇپمۇ ئۇيغۇردەك بىر ياۋايى مىللەت قىزى بىلەن توي قىلىش-مېنىڭ ئىرادەمگە خىلاپ ئىشتۇر. مەن ئۆز نەسلىمنىڭ شالغۇتلىشىپ كېتىشىنى خالىمايمەن. ئاتا-ئاناممۇ بۇ ئىشقا قوشۇلماسلىقى مۇمكىن!
-ئاتا ئانىڭىز نېمىشقا قوشۇلمايدۇ؟-دەپ ھەيران بولغان ھالدا سورىدى ياڭ باشلىق-ئۇلار بەك رادىكال بولسا كېرەك؟
-ئۇلارنى رادىكال دېيىشكىمۇ بولىدۇ-دەپ، ئائىلە كېلىپ چىقىشى ھەققىدە ئويلانغان ھالدا جاۋاب بەردى ۋاڭ-ئەڭ مۇھىمى ئۇلار ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك سىرتىدىكى مىللەتلەر مەدەنىيىتىگە قىزىقمايدۇ. بولۇپمۇ دادام ئۇيغۇرلارغا چىش-تىرنىغىچە ئۆچتۇر! ئۇ ئۆز ۋاقتىدا كۇچا شەھىرىدە ئەسكەر بولۇپ تۇرغان ۋاقتىدا، ئۇيغۇرلار بىلەن زىددىيەتلىشىپ قالغانلىقى سەۋەبلىك ئەسكەرلىكتىن چېكىندۈرۈلگەن ئىكەن! بولمىغان بولسا،دادام بۇ چاغقىچە چوڭ خىزمەت كۆرسىتىپ، يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدۇر بولۇپ كەتكەن بولاتتىكەن. دادام بۇنىڭ ھېسابىنى سورىماي، ئۇنىڭ ئۈستۈدىن ئەرز قىلغان ئىسيانچىلاردىن ئىنتىقام ئالماي تۇرۇپ، بۇ مىللەت بىلەن دوست-ياكى تۇققان بولۇشنى ھەرگىزمۇ خالىمايدۇ-دەپ، قاتىل دادىسىنىڭ قاراڭغۇ تارخىنى يوشۇرۇپ ئۆتۈپ كەتتى ۋاڭ دۇدۇقلاپ، ئاندىن داۋام قىلدى-شۇڭا مېنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن توي قىلىشىم مۇمكىن ئەمەستۇر،
-ھە، شۇنداقمۇ-دېدى ياڭ باشلىق بېشىنى چايقاپ-دادىڭىز ئۆز ۋاقتىدا خاتا قىلغان بولۇشى ناتايىن، ئەمما ئۇ چاغدىكى ۋەزىيەت ھازىرقىغا ئوخشىمايدىغان بولغاچقا، ئۇ ئىشقا توغرا مۇئامىلە قىلىنمىغان بولسا كېرەك!دادىڭىز تىپىك جۇڭخۇئا مىللىتىگە خاس خاراكتېرگە ئىگە كىشى ئىكەن. ئۆز تارىخىنى ئۇنتۇپ قالماسلىق، قىسمەتلەردىن ساۋاق ئېلىپ،دۈشمەنلىرىدىن ھېساب سوراش،پۇرسەت كەلگەندە ئەدىبىنى بېرىش-ئەجدادلىرىمىزنىڭ قېنىغا سىڭىپ كەتكەن ئۇدۇمدۇر.بۇ جەھەتتە ئېيتقاندا دادىڭىزنى چۈشىنىشكە، ئۇنىڭ خاراكتېرىگە ھۆرمەت قىلىشقا بولىدىكەن.
-شۇنداق دەپ، باشلىقىنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى قۇۋۋەتلەپ، يەنە ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنى قوشۇمچە قىلدى ۋاڭ-دادام ئەسلىدە خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ بىر باتۇر ئەسكىرى ئىدى.ناۋادا ئۇ تۆھمەتكە ئۇچرىمىغان بولسا،ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداپ،شىنجاڭ نىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشتا، چوڭ تۆھپە قوشقان بولاتتى. ئەپسۇس! ئۇ خىزمەت كۆرسىتىدىغان جەڭ مەيدانىدىن ئايرىلىپ قالغان ئىكەن.
-ئەمما،-دەپ يەنە قوشۇمچە قىلىپ چۈشەندۈرۈشكە كىرىشتى ياڭ باشلىق-ھازىرقى ۋەزىيەت بۇرۇنقى ۋەزىيەتكە ئوخشىمايدۇ،خەنزۇ مىللىتى بۇ يەردە ھۆكۈمران ئورۇنغا ئۆتتۇق، بىز نېمە دېسەك شۇ بولىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندى. ئۇنىڭ ئۈستىگە شى جىن پىڭ باش سېكرىتار بولۇپ، نۇرغۇن يېڭى سىياسەتلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ:«جۇڭخۇئا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى»نى بەرپا قىلىش سىياسىتى-بىز كۆچمەن كادىرلارغا ۋە ئەسكەر-ساقچىلارغا چوڭ ئىمتىيازلارنى ئېلىپ كەلدى. ئەمدى بىز بۇ يەردە نېمىنى خالىساق، شۇنى قىلالايدىغان ئەھۋالغا كەلدۇق، شۇڭلاشقا بەزى كونا قاراشلارنى قايرىپ قويۇپ، يېڭىچە ئىش كۆرىشىمىز لازىمدۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن بىز، يەرلىك مىللەتلەر بىلەن ئىچقۇيۇن-تاشقۇيۇن بولۇپ،ئۇلارغا ئۆزىمىزنىڭ مەدەنىيىتىمىزنى سىڭدۈرۈپ، مىللىي مەدەنىيەتلەرنى سۇسلاشتۇرۇپ ۋە ئاستا-ئاستا يوقىتىپ، يەرلىكلەرنى جۇڭخۇئا مەدەنىيىتى بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇپ، مىللىي پەرقلەرنى تۈپتىن تۈگىتىشىمىز كېرەك! شۇنداق قىلغاندىلا بىز شىنجاڭنىڭ ھەقىقى خوجايىنلىرىغا ئايلىنىمىز ۋە باش سېكرىتار ئوتتۇرىغا قويغان:«شىنجاڭ نىڭ ئەبەدى ئەمىنلىكى» نى ئىشقا ئاشۇرالايمىز! ئەمدىغۇ چۈشەنگەنسىز يولداش ۋاڭ-دەپ،ئۆزىنىڭ بىلەرمەن ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىۋالغانلىقىدىن مەغرۇرلىنىپ، ئۇنىڭغا مۇتەكەببىرلەرچە قاراپ قويدى.
ئىككى زالىم ئەمەلدارنىڭ قىسقىچە سۆھبىتى مانا مۇشۇنداق بىر-بىرسىگە بىلەرمەنلىك قىلىش بىلەن ئاياغلاشتى. ئۇلار ئايرىلىش ئالدىدا ياڭ باشلىق، يەنە مۇئاۋىنى ۋاڭدىن سورىدى:يولداش جاڭنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭ توي مۇراسىمىغا قاتنىشىشقا كېلەمدىكەن؟
-ياق،كەلمەسلىكى مۇمكىن.ئەگەر ئۇلار كەلمەكچى بولغان بولسا، چوقۇم ئائىلەمدىكىلەرگە ئۇچۇر بەرگەن بولاتتى، چۈنكى، بىز ئىككى ئائىلە بىر شەھەردە يېقىن ئارىلىقتا تۇرىمىز، ئەمما،سىزگە دېيىشنى ئۇنتۇپ قالغان بىر گېپىم بار ئىدى-دەپ گېلىنى بىر قېقىۋەتكەندىن كېيىن، سۆزىنى داۋام قىلدى ۋاڭ-مېنىڭ ئاتا-ئانام يېقىندا شىنجاڭغا كېلىدىكەن
-ھەئە شۇنداقمۇ؟ بەك ياخشى بولۇپتۇ. كېلەر ھەپتە ئېچىلىدىغان يىغىن تۈگىگەندىن كېيىن،ئۇلارنى بىزنىڭ ئۆيگە باشلاپ كېلىڭ، مەن ئۇلارغا سىزنىڭ يۈز خاتىرىڭىز ئۈچۈن كۈتۈۋېلىش زىياپىتى قىلىپ بېرەي! بۈگۈن كەچلىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىگە مەن ئۆزۈم مەسئۇل بولىمەن. سىز بۈگۈن خاتىرجەم دەم ئېلىپ، ئەتە ساۋاقدىشىڭىز جاڭ نىڭ كوللېكتىپ توي مۇراسىمىغا قاتنىشىپ كېلىڭ، خوش ئەمىسە، يەنە كۆرۈشىمىز!
يەكشەنبە كۈنى ئىدى.بۈگۈن ئالاھىدە بىر بايرام كۈنى بولمىسىمۇ، داۋانچىڭ بازىرى ئەتىگەندىلا ئادەملەر بىلەن تولۇپ كەتكەندەك قىلاتتى. يولدا ماشىنىلار ئۇياقتىن بۇياققا قۇيۇندەك ئۆتۈشۈپ تۇراتتى. بىردىنلا يولدا قاتار كەتكەن ئون نەچچە ماشىنا كۆرۈندى. ماشىنىلارنىڭ ئالدىغا گۈل ۋە ئاق-قىزىل ئارىلاش لاتا باغلانغان بولۇپ، چوڭ بىر توي مۇراسىمىغا ئېلىپ كېتىلىۋاتقان قىز-يىگىتلەرنىڭ سەپىرىدەك قىلاتتى.ئانچە ئۇزاق ئۆتمەيلا ماشىنىلار چوڭ بىر مەيدانغا يېتىپ كېلىدى-دە، ماشىنىدىن بىر جۈپ قىز-يىگىتلەر چۈشۈرۈلۈپ، مەيداننىڭ ئوتتۇرىسىغا ياسالغان سەھنىگە ئېلىپ چىقىپ، قاتار تىزىلدۇرۇپ قويۇلدى. سەھنە بولسا ئالاھىدە خىتايچە شەكىلدە بېزەلگەن بولۇپ، سەھنىنىڭ ئۈستى ۋە ئەتراپتىكى ياغاچ خادىلارغا ھەر خىل شەكىلدىكى پانۇسلار، شارچىلار ئېسىۋېتىلگەن ئىدى. سەھنىنىڭ ئوتتۇرىسىغا خىتاي توي-تۆكۈنلىرى ۋە بايراملىرىدا ئىشلىتىدىغان، بەختكە سىمۋول قىلىنغان توم شەكىلدە ۋە قىزىل رەڭدە يېزىلغان:«بەخت»دېگەن خەت چاپلاقلىق ئىدى.
سەھنىنىڭ ئارقا تەرىپى ۋە يان تەرەپلىرىدە يەنە نۇرغۇن كىشىلەر ئۇلارنى چۆرىدەپ ئورۇن ئالغان بولۇپ، بۇ توي مۇراسىمى خۇددى بىر «ئالاھىدە پائالىيەت»قىلىپ ئۆتكۈزۈلىدىغاندەك، داغدۇغا ۋە ھەشەمەت بىلەن باشلىنىش ئالدىدا تۇراتتى. ئەتراپتىكى جامائەتنىڭ كۆزى سەھنىگە تىكىلگەن شۇ پەيتتە بىر تەتەي ئايال مىكروپوننى كۆتۈرۈپ چىقىپ، خىتاي تىلىدا: «بۈگۈنكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كوللېكتىپ توي مۇراسىمى، مانا ھازىر باشلاندى، مەن بۇ توي مۇراسىمىنى ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ ئورۇنلاشتۇرغان داۋانچىڭ بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى شۈن سېكرىتارنى سۆزگە تەكلىپ قىلىمەن»دەپ ئۈنلۈك ئاۋازدا خىتاپ قىلغاندىن كېيىن، ئوتتۇرا بوي، كۆزەينەك تاقىۋالغان، قورساقلىرى ئالدىغا ساڭگىلاپ تۇرىدىغان بىر كىشى چىقىپ، خىقىراق ئاۋازدا سۆزلەشكە باشلىدى : يولداشلار ياخشىمۇ سىلەر؟ مەن بۈگۈن ھەرقايسىڭلارغا شۇنى ئۇقتۇرىمەنكى، بۈگۈنكى بۇ« كوللېكتىپ توي مۇراسىمى»،بىزنىڭ داۋانچىڭ بازىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىككىنچى قېتىملىق:«مىللەتلەرنى ئىتپاقلىقى»كوللېكتىپ توي مۇراسىمىدۇر. بۇنداق توي مۇراسىمى بۇندىن كېيىن داۋاملىق ئۆتكۈزۈلىدۇ، چۈنكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئوتتۇرىغا قويغان: «جۇڭخۇئا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى»نى كۈچەيتىش ئۈچۈن، مىللەتلەرنىڭ بىر-بىرىگە قوشۇلۇپ كېتىشى بەكمۇ مۇھىمدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن مىللەتلەر-ئارا توي قىلىش پائالىيىتىنى كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇرۇش نۆۋەتتىكى جىددىي سىياسىي ۋەزىپە بولۇپ تۇرماقتا، بۈگۈنكى بۇ ئون جۈپ ياشنىڭ كوللېكتىپ توي مۇراسىمىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى، بىزنىڭ داۋانچىڭ بازىرىمىز ئۈچۈن بىر شەرەپلىك ئىشتۇر، مەن بۈگۈن توي مۇراسىمى بولۇۋاتقان بۇ ئون جۈپ ياشنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن. ئۇلار ئۆز رازىلىقى بىلەن بۇ توي مۇراسىمىغا ئاۋاز قوشتى. قىز-يىگىتلەر بىر-بىرىنى ياخشى كۆرۈشۈپ، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن بىرگە بولۇشقا كېلىشتى، بۇ بىزنىڭ رايونىمىز جۈملىدىن، داۋانچىڭ بازىرىمىزنىڭ سىياسىي كەيپىياتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، مىللەتلەرنىڭ ئۆز-ئارا قوشۇلۇپ كېتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن چوڭ تۆھپە بولغۇسى، شۇڭا مەن بۇ ياشلارنى يەنە بىر قېتىم قىزغىن تەبرىكلەيمەن! ئۇلارنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالى پارلاق بولغۇسى،خەير-خوش،جۇڭخۇئا مىللىتى گۈللەپ ياشنىسۇن! كوممۇنىزم بالدۇرراق ئەمەلگە ئاشسۇن!
شۈن سېكرېتارنىڭ نۇتۇقى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن تۆۋەندىكى كۆپىنچىسى خىتايلاردىن تەشكىل تاپقان ۋە سىياسىي ۋەزىپە قاتارىدا بۇ يەرگە يىغىلغان كىشىلەر چاۋاك چېلىپ،ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئىشقا تۇتقان ئىپادىسىنى نامايان قىلىشتى.ئەمما سەھنىدىكى مەنزىرە باشقىچە ئىدى، خىتاي يىگىتلەر، يىڭ گاڭ چىشلىرىنى چىقىرىپ ھىجىيىپ، تۆۋەندىكى ئاممىغا قوشۇلۇپ چاۋاك چالغان بولسا، ئاساسلىقى ئۇيغۇرلاردىن بولغان قىزلار بۇ ئىشقا ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قوشۇلمىغانلىقىنى ئىپادىلىگەندەك بىر قېتىم بولسىمۇ چاۋاك چالمىدى، ئەكسىچە، كۆڭلى يېرىم بولغان ھالدا يەرگە قاراپ، خىيالچان ھالەتتە جىمجىت تۇرۇشاتتى. شۇ ئەسنادا ھېلىقى رىياسەتچى تەتەي مىكروفوندا يەنە ۋاقىراپ :مەن ھازىر بۇ بىر جۈپ ئون ياشقا ۋاكالىتەن خەلق ساقچىسى جاڭ ئەپەندى بىلەن گۈلمىرەنى ئۆزلىرىنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىنى سۆزلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىمەن-دىدى-دە، مىكروپننى ئالدى بىلەن جاڭغا تۇتقۇزدى. جاڭ بولسا دۇدۇقلاپ تۇرۇپ : مېنىڭ بۈگۈن گۈلمىرە بىلەن تويۇم بولدى. مەن بەك خوش بولدۇم، مەن ئۇنى ياخشى كۆرىمەن، بۇنىڭ ئۈچۈن پارتىيە كومىتېتىغا ۋە ئالاھىدە ساقچى ئەترىتىدىكى ساۋاقدىشىم ۋاڭغا رەھمەت ئېيتىمەن!-دەپ، قىسقىچە سۆزلەپلا مىكروفوننى گۈلمىرەگە تۇتقۇزۇپ قويدى. گۈلمىرە مىكروفوننى قولىغا ئېلىپ، دەرھال سۆزلىمەستە ئەتراپقا قاراپ، ئۇياق-بۇياقتىن بىر كىملەرنى ئىزدەۋاتقاندەك، خېلى ئۇزاق تۇرۇپ كەتتى. ئۇنىڭ كۆڭلى ناھايىتىمۇ پەرىشان كۆرۈنەتتى. چىرايىدا كۈلكىدىن ئەسەر يوق بولۇپ، ئېغىر روھى ئازاب چېكىۋاتقاندەك، پات-پات ئۇھسۇنپ قوياتتى،ھەممە ئادەم ئۇنىڭغا قارىشىپ قېلىشقان ئىدى. ئەمدى ئۇ ئىككى ئېغىز بولسىمۇ، سۆزلىمىسە بولمايتتى، شۇڭا ئۇ سۆزىنى باشلىدى : بۈگۈن مېنىڭ تويۇم بولدى. ئەمما مەن بۇ تويغا….. دەپ گېپىنىڭ ئاخىرىنى داۋاملاشتۇرالماي، يەنە توختاپ قالدى. بىردەمدىن كېيىن ئاندىن يەنە سۆزىنى داۋام قىلىدى : بۇ تويغا مېنىڭ ئاتا-ئانام كېلەلمىدى.مەن بەكمۇ يالغۇزلۇق ھېس قىلىۋاتىمەن،مېنىڭ ھېچقانداق ئۇرۇق-تۇغقانلىرىم، ساۋاقداش-دوستلىرىم بۇ يەردە يوق تۇرىدۇ. ئۇلار نەدە؟ نېمىشقا تويغا تەكلىپ قىلمىدىڭلار؟
گۈلمىرە يەنە سۆزنىڭ ئاخىرىنى داۋام قىلالماي توختاپ قالدى. ئۇ خىتاي ئاممىباب تىلىدا ئېنىق قىلىپ سۆزلىگەن بولسىمۇ،ئەتراپتىكى كىشىلەر ئۇنىڭ گېپىنى چۈشەنمىگەندەك، ياكى ئۇنىڭ گېپىنى ياقتۇرمىغاندەك بىر-بىرسىگە ھاڭۋېقىپ قارىشىپ ۋە كوتۇلدىشىپ، جىمجىت قاراپ تۇرۇشاتتى.شۇ ئەسنادا رىياسەتچى مىكروفوننى گۈلمىرەنىڭ قولىدىن تارتىپ ئېلىپ، يەنە ئوتتۇرىغا چىقىپ، رىياسەتچىلىكىنى باشلىدى: مەن ھازىر بۈگۈنكى توي مۇراسىمىنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىنى جاكارلايمەن. ئالدى بىلەن ھەرقايسىڭلارنى ئەجدەرھا ئۇسۇلىنى تاماشا قىلىشقا تەكلىپ قىلىمەن دەپ،يان تەرەپكە ئۆتۈپ قاراپ تۇردى.ئۇنىڭ سۆزى تۈگىشى بىلەنلا قىزىل-سېرىق ھەر خىل رەڭدە بويالغان، ئەجدەرھا سۈرىتىدىكى ياسالما كىيىملەرنى كىيىۋالغان كىشىلەر مەيدانغا چۈشۈپ، ئۇياق-بۇياققا تولغىشىپ، ئالدى-كەينىگە سەكرىشىپ، بىر ئەجدەرھا توپىنىڭ ھەر تەرەپكە ئېتىلىپ، ھەيۋە قىلىۋاتقان كۆرۈنۈشى شەكلىدە ئۇسسۇل ئويناشتى. ئارقىدىن يەنە نۇرغۇن ئاياللار چىقىپ ياڭگىر ئۇسسۇلى دەيدىغان بىر خىل دۇمباق بىلەن گۈل كۆتۈرۈپ ئوينايدىغان ئۇسۇل ئوينالدى. ئۇنىڭ ئارقىدىن تەشكىللەنگەن مەكتەپ بالىلىرى بولسا كېرەك،كونا خىتاي پاسونىدا كىيىنگەن ئۆسمۈر بالىلار چىقىپ، يەنە بىر خىل خىتايچە ئۇسسۇل ئوينىدى. ئاخىرىدا يەنە رىياسەتچىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن تويى بولغان قىز-يىگىتلەر مەجبۇرى تانسىغا چۈشۈرۈلدى.
گۈلمىرەنىڭ كۆزى تۆۋەندە تاماشا كۆرۈپ ئولتۇرغان كىشىلەردە ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئاتا-ئانىسىنى ھەمدە ئاتا-ئانىسى بىلەن بىللە كېلىش ئېھتىمالى بولغان باشقا ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى ئىزدەۋاتاتتى. ئۇ ئالدىنقى كۈنى ئانىسى بىلەن كۆرۈشكەندە، دادىسىنىڭمۇ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى، ئىككىسىنىڭ بىللە تويغا كېلىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتقان ئىدى. ئەمما، نېمىشقىكىن ئۇلار بۈگۈن تويدا كۆرۈنمەيتتى. گۈلمىرە بۇنىڭ سەۋەبىنى چۈشەنمىدى. نېمە ئىش بولغاندۇ؟-دەپ ئويلىدى ئۇ-ئۇلار مېنىڭ تويۇمغا كېلىشىمگە رايى يوق بولغۇمىدى ياكى رۇخسەت قىلىنمىغانمىدۇ؟ ياق، بۇ مۇمكىن ئەمەس! ئانام كېلىمەن دېگەن ئىدى، چۈنكى ئۇ ئامالسىزلىقتىن بولسىمۇ،مېنىڭ تويۇمغا قوشۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى، ئەمما دادام قوشۇلمىغان بولغۇمىدى؟ گۈلمىرە ھەر قانچە قىلىپمۇ، ئۆز خىيالىغا جاۋاب تاپالمىدى.
گۈلمىرە خىيال قىلىپ تاپالمىغان، ئاتا-ئانىسىنىڭ بۈگۈن داۋانچىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن كوللېكتىپ توي مۇراسىمىغا كېلەلمىگەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى، ئۇلارنىڭ ئۈلۈش كۈندىن بۇيانقى گادىرماچ خىياللىرى ۋە ئەر ئايال-ئىككىسىنىڭ مۇنازىرىسىدىن ئاڭلايلى: ئەركىنجان ئايالى گۈلزادەدىن ئۆزلىرىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنىڭ سەۋەبىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، بۇنىڭدىن بەكمۇ ئۆكۈندى. ئۇ غەزەپتىن يېرىلىپ كېتەي دېگىلى تاسلا قالغان ئىدى. ئۇ گۈلمىرەنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ قاراپ مۇنداق دېدى: بۇ تويغا مەن قوشۇلمايمەن گۈلزادە. چۈنكى، بىز ئۇيغۇر مىللىتى خەنزۇلار بىلەن ئۆرۈپ-ئادەت جەھەتتىن تامامەن پەرقلىنىمىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز مۇسۇلمان. بىر مۇسۇلمان قىزنىڭ مۇسۇلمان بولمىغان بىر ئەر بىلەن نىكاھى چۈشمەيدۇ. نىكاھسىز قىلىنغان بۇنداق توي خەيرىلىك بولمايدۇ. تۇغۇلغان بالىلىرى ھارامدىن بولغان بولىدۇ.
-سىز ئۇنداق دېگەن بىلەن دەپ ئېرىگە چۈشەندۈرۈشكە ئۇرۇندى گۈلزادە-قىزىمىز گۈلمىرە مۇشۇ توي ئۈچۈن كەچۈرۈم قىلىنىپ قويۇپ بېرىلىپتۇ، مېنىمۇ ئەسلىدە ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلماقچى ئىكەنتۇق،گۈلمىرە قىزىمىزنىڭ ئارىچىلىقى بىلەن گۇناھىم كەچۈرۈم قىلىنىپ، قويۇپ بېرىلدىم. ھەتتا سىزنىمۇ تېخى ۋاقتىڭىز توشمىغان بولۇشىغا قارىماي قويۇپ بېرىشتى. شۇنداق ئىكەن، بىزنىڭ بۇ تويغا قوشۇلماسلىقىمىز مۇمكىنمۇ؟
-ئەمما،-دېدى ئەركىنجان يەنىلا ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ-قىزىمىزنىڭ باشقا يات بىر مىللەت بىلەن توي قىلدى دېگەن گەپ-ئۇيغۇرلۇق سالاھىيىتىنى يوقاتتى دېگەن گەپ بولىدۇ. چۈنكى،قىزلار توي قىلغاندىن كېيىن، ئەرنىڭ ئىلكىگە ئۆتىدىغان، ئۇنىڭ تەۋەلىكىنى قوبۇل قىلىدىغان، ئۆز كىملىكىدىن ۋاز كېچىدىغان گەپ، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ مىللىي تەۋەلىكى تامامەن يوقلۇپ، ئاسسىمىلاتسىيە بولۇپ كېتىدۇ. بىز ئەۋلاتسىز قالىمىز، بۇنداق بولۇشى مۇمكىنمۇ؟ مەن بۇنىڭغا قوشۇلايمەن1
گۈلزادەنىڭ ئېرى ئەركىنجانغا: بۇ ئامالسىز، مەجبۇرلاتغان توي ئىشىنى چۈشەندۈرۈشى خېلى قىيىنغا توختاۋاتاتتى.شۇنداقتىمۇ، ئۇ يەنە ئېرى ئەركىن جاننى قايىل قىلىشقا ئۇرۇندى: ئەركىنجان-دېدى ئۇ ئېرىگە يېلىنىپ-قانداق قىلىمىز؟ جاھان شۇنداق بولۇپ كېتىپ بارىدۇ. بىزنىڭ قولىمىزدا ھېچقانداق ھەق-ھوقۇقى يوق، ھەممە ھوقۇقىمىز خىتايلار تەرىپىدىن تارتىۋېلىندى. ئۇلار ئۈستىمىزگە چىقىۋېلىپ نېمە قىلغۇسى كەلسە، شۇنى بىزگە مەجبۇرىي تېڭىۋاتىدۇ. ئەمدى بىز ئۇلارغا بويسۇنماقتىن باشقا چارىمىز يوقتۇر،ئەگەر ئۇنداق قىلمىساق بىزنىڭ ياشاش يولىمىز قالمايدۇ.ھەتتا ئىچكىرىدە ئوقۇۋاتقان ئوغلىمىزمۇ تۇتقۇن قىلىنىشى مۇمكىن! ئۇ چاغدا پۈتۈن بىر ئائىلە ۋەيران بولىمىز، بىرسىمىزنىڭ قۇربان بېرىشى بەدىلىگە باشقىلارغا قۇتۇلۇپ قالساق بولمامدۇ؟
ئەركىنجاننىڭ بېشىنىڭ ئىچىمۇ ۋە تېشىمۇ قېتىپ كېتىۋاتاتتى.ئايالىغا ھەقىقەتلەرنى سۆزلەپ چۈشەندۈرسىمۇ، ئەمما ئۇ ھەقىقەتلەرنىڭ ئەمەلىيەت ئالدىدا ھېچبىر ئۈنۈمى بولمايدىغانلىقى ئۈچۈنمۇ قانداق؟كۈچىنى كۆرسىتەلمەيۋاتاتتى.ئەركىنجان ئەسلىدە «ھەقىقەت ئىگىلىدۇ ئەمما،سۇنمايدۇ»دېگەن ھېكمەتكە ئىشىنىدىغان بىر زىيالىي بولسىمۇ، بۇ قېتىم ھەقىقەتنىڭ ئىگىلىشىنىمۇ خالىمايۋاتاتتى. ئۇ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇپ بىلىمى ئىگىسى بولغاندىن بۇيان تاكى ھازىرغىچە ئىلمىي ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن خەلق ئاممىسىنىڭ سۆيۈشىگە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن بىر مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى بولۇپ تونۇلغان ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئۇ تۇتقۇن قىلىنىپ قايتا تەربىيىەلىنىشكە مەھكۇم بولدى. ناۋادا ئۆز پۇشتىدىن بولغان قىزى بۇ تەتۈر قىسمەتكە دۇچ كەلمىگەن بولسا، قەدىناس ۋاپادار ئايالى سۇيىقەستكە ئۇچراپ بۇ ئىشقا مەجبۇر قىلىنمىغان بولسا، ئۇ ھاياتى بەدىلىگە بولسىمۇ، ئۆز نەسىلىنىڭ بۇلغىنىپ كېتىشىگە يول قويۇشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى.
ئەركىنجان ئاخىرى ئايالىغا يول قويۇشقا مەجبۇر بولدى.ئۇ گەدىنىنى قاشلاپ تۇرۇپ : بولۇپتۇ، سىزنىڭلا ھاياتىڭىز قۇتقۇزۇلۇپ قېلىنىدىغان ئىش بولسا، بۇ توي ئىشىغا ھازىرچە ماقۇل دەيلى، ئەمما مەن داۋانچىڭغا بېرىشنى خالىمايمەن، سىزمۇ بارماڭ، بىزنىڭ ئۇ يەردە ئازاب تارتىپ، ئولتۇرۇپ تاماشا كۆرىشىمىز مۇمكىنمۇ؟-دەپ داۋانچاڭغا بېرىشقا قەتئىي ئۇنىمايۋاتاتتى. ئەمما ئايالى گۈلزادە بولسا: قانداقلا بولمىسۇن بارايلى! قىزىمىزنىڭ قەلبىي ئازاب تارتىپ قالىدۇ.بىز ئۇنىڭغا بىر قېتىم بولسىمۇ كۆرۈنۈپ،يۈرەك سۆزىمىزنى ئىپادىلىۋالايلى! ئازراق بولسىمۇ ئۇنىڭغا تەسەللى بولىدۇ-دەپ ئەركىنجاننى داۋانچىڭغا بېرىشقا زورلاپ تۇرۇۋالدى. ئەركىنجان نائىلاج ئايالىنىڭ زورلىشى بىلەن يولغا چىققان بولسىمۇ، داۋانچىڭغا بارىدىغان ئاپتوبۇس بېكىتىدە ھەر خىل باھانىلەرنى چىقىرىپ، بىرنەچچە قېتىملىق سەپەر ۋاقتىنى قاچۇرۇپ قويدى.شۇنداق قىلىپ، ئۇلار تالاش-تارتىش ئىچىدە يەنە بىر قېتىملىق ئاپتوبۇسنىڭ كېلىشىنى كۈتتى. ئاخىرى ئۇلار چۈشتىن كېيىنلىك ئاپتوبۇسقا چىقىپ داۋانچىڭغا يېتىپ كەلدى.
ئۇلار يېتىپ كەلگەندە، داۋانچىڭدا ئۆتكۈزۈلىۋاتقان:«كوللېكتىپ توي مۇراسىمى» ئاساسەن ئاخىرلىشىپ قالغان بولۇپ، تاماشا كۆرگىلى كەلگەن كىشىلەر بىردىن-بىرىدىن تارقىلىۋاتاتتى. سەھنىدىكى قىز-يىگىتلەر بىر جۈپتىن قىلىپ يانغا قارىتىپ تىزىلدۇرۇپ قويۇلغان بولۇپ، يول ياقىسىغا توختۇتۇپ قويۇلغان نۇرغۇن ماشىنىلار، ئۇلارنى ئېلىپ مېڭىش ئۈچۈن ساقلاۋاتاتتى. گۈلمىرە ئوتتۇرىدا بىر يەردە جاڭ بىلەن يانمۇ-يان بولۇپ تۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئۇلار ئېلىپ مېڭىلىش ئالدىدا گۈلزادە سەھنىنىڭ ئالدىغا كېلىپ:
-قىزىم گۈلمىرە،مانا بىز كەلدۇق-دەپ كۆزىدىن ياش تۆككەن ھالدا ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىدى. گۈلمىرە شاققىدە بۇرۇلۇپ سەھنىنىڭ ئالدىدىكى ئاتا-ئانىسىنى كۆردى-دە، سەھنىدىن ئېتىلىپ چۈشكەن پېتى كېلىپ، ئۇلارنى قۇچاقلاپ يىغلاپ كەتتى. ئۇلار يېغا-زارە ئىچىدە گەپلىشىپ بولغۇچە، بۇ قېتىملىق«كوللېكتىپ توي مۇراسىمى»نى نازارەت قىلىشقا كەلگەن ساقچىلار يۈگۈرۈپ كېلىشىپ، گۈلمىرەنى تارتىپ سەھنىگە ئېلىپ چىقىپ، يىگىتنىڭ قېشىدا تۇرغۇزۇپ قويدى.
-ئاپا،دادا مېنى كەچۈرۈۋېتىڭلار!-دەپ توۋلىدى گۈلمىرە ئاتا-ئانىسىغاقاراپ-مەن سىلەرنىڭ قىزىڭلار،مېنىڭ قېنىمدا سىلەرنىڭ قېنىڭلار ئاقىدۇ.مەن سىلەرنىڭ ئۈمۈدىڭلارنى يەردە قويمايمەن. مېنىڭ بۇ تويغا مەجبۇر بولۇپ قېلىشىم سىلەر ئۈچۈندۇر! سىلەر ئامان بولساڭلار، مەن ھامان بىر كۈنى سىلەرنىڭ قېشىڭلارغا قايتىپ كېلىمەن! مەندىن ئەنسىرىمەڭلار!-دەپ كۆز يېشى قىلدى
-قىزىم ئامان بولۇڭ!-دەپ تەڭلا ۋاقىرىدى ئەركىنجان بىلەن گۈلزادە،بىز سىزدىن ھەرگىزمۇ خاپا بولمىدۇق،سىزنىڭ بۇ تويىڭىز نائىلاجلىقتىن بولىۋاتىدۇ.بىز ھەممىنى چۈشەندۇق،بىز سىزنى يەنىلا ئۆز قىزىمىز دەپ قارايمىز،سىزنى ياخشى كۆرىمىز،سىزنى ياراتقان ئىگىمىزگە تاپشۇردۇق! بىز ھامان بىر كۈنى بۇ ئېغىر كۈنلەرنى تۈگىتىپ، يەنە بىر-بىرىمىز بىلەن قۇچاقلىشىمىز! مانا بۇ ئۇلارنىڭ خوشلىشىش ئالدىدا دېيىشكەن ئاخىرقى سۆزلىرى بولۇپ قالدى.
كوللېكتىپ توي مۇراسىمىغا قاتناشقان قىز يىگىتلەردىن-قىزلارنىڭ ھېچقايسىسى خوشال ئەمەس بولۇپ، ھەممىسىنىڭلا دېگۈدەك كۆزىدە ياش تامچىلاۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە پەقەت گۈلمىرەنىڭلا ئاتا-ئانىسى كېچىكىپ بولسىمۇ كەلگەن بولۇپ، باشقا قىزلاردىن ھېچقايسىسىنىڭ ئاتا-ئانىسى نەق مەيداندا يوقتەك قىلاتتى. ئۇلارنى ياكى بىر كىم ئۇزىتىشمىدى،ياكى ئۇلار بىر كىم بىلەن خوشلاشمىدى. قارىغاندا ئۇ قىزلارنىڭ ھەممىسىلا دېگۈدەك تويى بولىدىغان خىتاي يىگىتكە مەجبۇرلانغان بولۇپ، ئۆز ئىختىيارى بىلەن قوشۇلمىغاندەك قىلاتتى.
ئەركىنجاننىڭ كۆزى ئىختىيارسىز قىزى گۈلمىرەنىڭ كۆزى بىلەن ئۇچراشتى. ئۇ دادىسىغا قاراپ ئىچىدە بىر نېمىلەرنى دەۋاتقاندەك قىلاتتى. خۇددى ئەركىنجان قىزىنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى چۈشەنگەندەك جاۋاب قايتۇرۇپ مۇنداق پىچىرلىدى:«قىزىم، مەن سىزنىڭ قەلبىڭىزنى چۈشىنىۋاتىمەن، سىز بۇ تويغا ئۆز ئىختىيارىڭىز بىلەن قوشۇلمىدىڭىز، ئەكسىچە مەجبۇرلاندىڭىز، بۇ سىزنىڭ ھەق-ھوقۇقىڭىزغا قىلىنغان ئېغىر خىيانەتتۇر. ئىنسانلىقىڭىزغا قىلىنغان جىنايەتتۇر.بىز سىزنى چۈشىنىمىز! سىزنى كەچۈرۈم قىلىشقا تەييارمىز قىزىم، ئەمما سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئۇيغۇرلىقىڭىزنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالماڭ! ئاتا-ئانىڭىز سىزگە كىچىكىدىن ئۆگەتكەن ۋە ئۆز كۆزىڭىز بىلەن كۆرگەن، كاللىڭىزغا ئورنىشىپ كەتكەن ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىزدىن چەتنەپ كەتمەڭ، ۋىجدان ۋە غورۇرىڭىزنى يوقاتماڭ، مەن سىزگە سۆزلەپ بەرگەن نوزۇگۇم ۋە ئىپارخان ھەققىدىكى قىسسەلەرنى ئۇنتۇلۇپ قالماڭ! ئۇلارنىڭ ئىش-ئىزلىرى ھەر دائىم يادىڭىزدا بولسۇن. ئۇلارنىڭ روھى سىزنى يۆلىسۇن! سىزگە مەدەتكار بولسۇن! خەير خوش قىزىم، ئامان بولۇڭ!»
10 -باپ
ۋاڭ ئاخشام خېلى تۈزۈكلا كەيپ قىلغىنىغا قارىماي، توغرىلانغان ۋاقىت توشقاندا سائىتى جىرىڭلىۋىدى،دەرھال ئويغىنىپ،يۈز-كۆزلىرىنى چالا-بۇلا يۇيۇپلا ناشتىلىققا چىقتى. ئۇ بىر تەرەپتىن جىددىلەشكەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن،تۇرۇپلا ھىجىيىپ قوياتتى.چۈنكى، بۈگۈن ئۇنى خېلى ئۇزاقتىن بۇيان كۈتۈۋاتقان ئىككى مۇھىم ئىش كۈتۈپ تۇراتتى. ئۇنىڭ بىرى: ئالاھىدە ساقچى ئەترىتىنىڭ باشلىقى بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى دېگەندەك:«قانۇن ۋە بىخەتەرلىك سېستىمىسى»دىكىلەرگە چوڭ بىر يىغىن ئېچىلاتتى. يەنە بىرى بولسا: ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى، يەنى قېرى ۋاڭ ۋە تەتەي ۋاڭلار بۈگۈن كەچتە ئۈرۈمچىگە كېلەتتى
ۋاڭ سائەت 8 بولماي تۇرۇپلا يىغىن زالىغا يېتىپ كەلدى. يىغىن«سىياسىي قانۇن كومىتېتى»نىڭ چوڭ يېغىن زالىدا ئېچىلىدىغان بولۇپ، نەچچە يۈز كىشى سىغىدىغان يىغىن زالى لىققىدە ئادەملەر بىلەن تولۇپ كەتكەن ئىدى. ۋاڭ ئالدى تەرەپتىراق ئولتۇرغان ئۆزىنىڭ باشلىقى ياڭنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ، خۇشامەتلەرچە قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەندىن كېيىن، بىر يەردە بىللە ئولتۇردى. ۋاڭ ئۆز باشلىقىغا بىر نېمە دېمەكچى بولۇپ، ئەمدى گەپنى باشلاپ تۇرۇشىغىلا سىگنال چىلىنىپ يىغىننىڭ باشلىنىدىغانلىقىغا ئۇقتۇرۇلدى.ئارىقىدىنلا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتىكومىنىڭ سېكرېتارى چېن چۈئەن گو، مۇئاۋىن سېكرىتارى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قورچاق رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جۇ ۋە ج خ نازارىتىنىڭ مۇدىرى لى قاتارلىق ياللانما ئەمەلدارلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ يىغىن زالىغا كىرىپ كەلدى
-يولداشلار ياخشىمۇ سىلەر؟-دەپ، خىرقىراق ئاۋازدا سۆزىنى باشلىدى شىنجاڭ پارتىكومىنىڭ سېكرېتارى چېن-سىلەر جاپا تارتتىڭلار،مەن ھازىر شۇنى ئېنىق جاكارلايمەنكى،بىر يىلدىن بۇيان، شىنجاڭدا ھېچقانداق تېررورلۇق ۋەقەسى يۈز بەرمىدى. بۇنىڭ سەۋەبى-بىز شىنجاڭدا قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى يولغا قويدۇق، ئاسماندىن تور، يەردە قاپقان قۇرۇپ چىقتۇق، بۇ تەدبىرلەرنىڭ ئىشقا ئېشىشىدا، سىلەر بىخەتەرلىك ساھەسىدىكى ئالاھىدە ساقچى ۋە قوغدىغۇچى خادىملار ئەمەلى خىزمەت كۆرسەتتىڭلار! ناۋادا سىلەرنىڭ ئاشۇنداق پىداكارە خىزمىتىڭلار بولمىسا ئىدى، شىنجاڭدا :«ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش»مەڭگۈ ئەمەلگە ئاشمىغان بولاتتى.شۇنى يەنە ئېنىق ئېيتىمەنكى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يول يورۇقى ۋە باش سېكرىتار شى جىن پىڭ نىڭ بىۋاسىتە كۆرسىتىشى بىلەن قۇرۇلغان« كەسپىي قايتا تەربىيەلەش مەركىزى مەركەزلىرى»قالتىس رولنى جارى قىلدۇرماقتا، ھازىرغىچە نەچچە مىليون ئەسەبىي ئۇنسۇرلار تۇتقۇن قىلىنىپ، قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرىگە قامىلىپ تەربىيىلەندى ۋە تەربىيىلىنىۋاتىدۇ. ئەمما بۇ كۇپايە قىلمايدۇ يەنە تۇتۇلۇشقا تېگىشلىكلەرنىڭ ھەممىسى تۇتۇلۇشى ۋە ئۇلارنىڭ كاللىسىدىكى ئەسەبىي ئىدىيىلەر فىرولىتارىيات دىكتاتۇرسىدىن ئىبارەت رەھىمسىز قورالنىڭ يەنجىشى ئاستىدا ئۆزگەرتىلىپ چىقىلىشى كېرەك!
يولداشلار مەن شۇنداق ئېنىق ئېتىمەنكى، ئۈچ خىل كۈچلەر ھازىرغىچە تولۇق يوقىتىلغىنى يوق،ئۇلار ھېچقاچان ئۆزلۈكىدىن يوقالمايدۇ. شۇڭلاشقا، ئالدىمىزدا يەنىمۇ كەسكىن سىياسىي كۈرەش ۋەزىپىسى بىزگە يۈكلەنمەكتە.بۇ سىياسىي كۈرەش ھەرقايسىڭلاردەك پىداكار ساقچى ۋە قوغدىچىلارغا مۇھتاجدۇر،ئەگەردە سىلەرنىڭ پىداكارلىقىڭلار بولمىسا، بىز بۇ ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايمىز، شۇڭلاشقا مەن سىلەردىن چوڭ ئۈمىد كۈتىمەن، شۇنداقلا سىلەرنىڭ پارتىيەنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماسلىقىڭلارنى تەلەپ قىلىمەن.
ئەمدى گېپىمنى خۇلاسىلىسەم، بۇ قېتىمقى يىغىنىمىزنىڭ ئاساسلىق مەقسىدى بولسا، خىزمەت كۆرسەتكەن ساقچى ۋە كادىرلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈش ۋە مۇكاپاتلاشتىن ئىبارەتتۇر.شىنجاڭ پارتىكومىنىڭ سېكرىتارى چىن مۇشۇ يەرگە كەلگەن چاغدا گېلىنى بىر قېقىۋېتىپ، بىر ئىستاكان سۇنى قولىغا ئالدى-دە،سۇنى يۇتقاچ تۆۋەندە ئولتۇرغانلارغا نەزەر سالدى: تۆۋەندىكىلەرنىڭ ھەممىسىلا دېگۈدەك جىددىلىشىپ كەتكەن بولۇپ، نەزىرىنى چىن سېكرىتارغا قاراتقان ئىدى.«ھەركىمنىڭ كاللىسىدا ھەر خىيال، شەيتاننىڭ كاللىسىدا مىڭ خىيال» دېگەندەك، شۇ تاپتا ۋاڭنىڭ كاللىسىغىمۇ خىيال كىرىۋالدى: «ئۆستۈرۈلىدىغان ئارىلار ئارىسىدا مېنىڭ تىزىملىكىم بارمىدۇ؟-دەپ خىيال قىلدى ئۇ جىددىلىشىپ-مەن چۇقۇم ئۆستۈرۈلۈشۈم كېرەك! مەن ھوقۇققا مۇھتاج، فۇلغا مۇھتاج، ھوقۇق بولغاندىلا خالىغان ئىشنى قىلغىلى بولىدۇ. مېنىڭ شىنجاڭغا كېلىشتىكى بىردىن-بىر مەقسىتىم-ھوقۇققا ئېرىشىش، ئەمەلدار بولۇش،باي بولۇشتۇر.بۇنىڭ ئۈچۈن-كېچە-كۈندۈز دېگۈدەك خىزمەت قىلدىم. ناۋادا بۇ قېتىم ھوقۇقۇم ئۆستۈرۈپ قالسا، يەنىمۇ كۆپ خىزمەتلەرنى قىلىمەن! ئۈچ خىل كۈچكە قارشى جېنىمنى تىكىپ كۈرەش قىلىمەن. ھوقۇق ئۈچۈن جېنىم كەتسىمۇ مەيلى! ھەي، ھوقۇق ئىلاھى! مېنى يادىڭدىن چىقىرىپ قويمىغايسەن! مەن سەندىن مەدەت كۈتىمەن»
ۋاڭ ئاشۇنداق قالايمىقان خىيالدا بولۇپ، قەتتىئلا خاتىرجەم بولالمايۋاتاتتى. پۈتۈن خىيالى ئۆزىنىڭ بۇ قېتىم ئۆستۈرۈلدىغانلار تىزىملىكىدە بولۇشىدا قالغان ئىدى.ئۇ تاقەتسىزلىنىپ تۇرالماي قېلىۋاتاتتى، شۇ ئەسنادا چىن سېكرىتار، يەنە خىرقىراق ئاۋازى بىلەن سۆز باشلاپ، بۇ قېتىم ئۆستۈرۈلىدىغان كادىرلارنىڭ تىزىملىكى ۋە قايسى ئورۇنلارغا ئۆستۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى: بۇ قېتىم جەمىئى يۈزگە يېقىن كىشىنىڭ ئەمىلى ئۆستۈرۈلگەن ۋە ئورنى ئالماشقان بولۇپ، ئالاھىدە ساقچى ئەترىتىنىڭ باشلىقى ياڭ بىخەتەرلىك نازارىتىگە مۇئاۋىن نازارەت قىلىپ ئۆستۈرۈلگەن ئىدى. ۋاڭنىڭمۇ ھوقۇقى ئۆستۈرۈلگەن بولۇپ،ئۇنىڭ ئالاھىدە ساقچى ئەترىتىنىڭ بىرىنچى باشلىقىغا تەيىنلەنگەنلىكى ئېلان قىلىنغاندا، ئۇ دەرھال ئورنىدىن تۇردى-دە، باشقا ھېچكىم چاۋاك چالمىسىمۇ، ئۇ ئۆزى بىلەن ئۆزى چاۋاك چېلىپ، سەھنىدە ئولتۇرغان باشلىقلىرىغا رەھمەت ئېيتىپ، بۇ ۋەزىپىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
يىغىن چۈشكىچە داۋام قىلىپلا ئاخىرلاشقان ئىدى. يىغىن قاتناشچىلىرىغا شۇ يەردىلا ئالاھىدە زىياپەت بېرىلدى. زىياپەتتىن كېيىن تاڭ باشلىق ئۆزىنىڭ مۇئاۋىنى ۋاڭ نى ھوقۇق تاپشۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن، ئۆز ئىشخانىسىغا بىللە كېلىشكە تەكلىپ قىلدى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھوقۇقىنىڭ ئۆستۈرۈلگەنلىكىدىن بەكلا خۇشال بولۇپ كېتىشكەن ئىدى. يولدا كەلگەچ قانداق قىلغاندا تېخىمۇ يۇقىرى ھوقۇق مەنسەپكە ئېرىشكەنلىرى بولىدىغانلىرى بولىدىغانلىقى ھەققىدە دېيىشمىگەن گەپلىرى قالمىدى.
مانا زالىملار ئىشخانىسىغا يېتىپ كېلىشتى.ياڭ«ئالاھىدە ساقچى ئەترىتى»نىڭ باشلىقلىق تامغىسىنى مۇئاۋىن ۋاڭغا تاپشۇرۇپ بەردى. شۇنداقلا ھازىرغىچە قىلىپ كەلگەن خىزمە لىرى ھەققىدىكى مۇھىم ئارخىپلارنى ئۇنىڭغا تاپشۇرۇپ بېرىپ، ئايرىلىش ئالدىدا تۇراتتى. ۋاڭ ئۇنىڭدىن مۇنداق سوئال سوراپ قالدى: قانداق قىلغاندا سىزگە ئوخشا تېخىمۇ يۇقىرى مەنسەپكە ئۆسكىلى بولىدۇ؟
-بۇنىڭ ئۈچۈن دەپ گېلىنى قېقىۋېتىپ جاۋاب بەردى تاڭ-بارلىق كۈچىڭىز بىلەن يۇقىرى تاپشۇرغان ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلىغاندىن باشقا، كەسكىن ۋە قاتتىق قول بولۇش كېرەك! چۈنكى، بىخەتەرلىك ۋە ساقچى ساھەسىدە خىزمەت قىلغانلار قاتتىق قول بولمىغاندا، جىنايەتچىلەرگە رەھىمسىزلىك بىلەن مۇئامىلە قىلمىغاندا، ئۇلارنى بويسۇندۇرغىلى ۋە ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ. شۇڭا، ھۆكۈمرانلارنىڭ باشقىلارنى بويسۇندۇرۇشتىكى قورالى بولغان قاتتىق قول بولۇش، يەنى بىز ساقچىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا رەھىمسىز بولۇش-بىخەتەرلىك ساھەسىدىكى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى بىردىن-بىر ئامىلدۇر. بۇنى مەھكەم ئېسىڭىزدە تۇتۇڭ! دوپپىسىنى ئېلىپ كەل دېسە، بېشى بىلەن بىللە ئېلىپ كېلىڭكى، ھەرگىز دوپپىنى قاچۇرۇپ قويماڭ، تۇتقۇنلارغا ھەرگىزمۇ يۇمشاق قوللۇق قىلماڭ، سىز قانچە رەھىمسىز بولسىڭىز، شۇنچە كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيسىز! پەقەت نەتىجە ياراتقاندىلا يۇقىرىدىكىلەرنىڭ نەزىرىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا يەنە يېنىڭىزنى چىڭداڭ، ئۆزىڭىزدىن يۇقىرى ئورۇندىكىلەرگە ھەر دائىم سېخىلىك قىلىڭ، ئۇلارغا ئايىماي پۇل خەجلەڭ، شۇنداق قىلسىڭىزلا، ئۇزاق قالماي يۇقىرى مەنسەپكە ئېرىشەلەيسىز، خەير خوش،يەنە كۆرۈشىمىز!
ۋاڭ،باشلىقى ياڭدىن يېڭى ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋېلىپ،ئۇنى ئۇزۇتۇپ قويغاندىن كېيىن، ئالاھىدە ساقچى ئەترىتىدىكى بارلىق ياللانما ساقچىلارنى يىغىپ،ئۆزىنىڭ يېڭى ۋەزىپىسىنى ئېلان قىلدى ھەمدە ئۇلارغا بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەرنى قانداق ئىشلەش ھەققىدە بىر مۇنچە كوتۇلداپ، ئۆزىنىڭ تەلەپلىرى ئوتتۇرىغا قويدى، ئاندىن يېڭىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن باشقا ئىككى نەپەر مۇئاۋىن باشلىقلار بىلەن بىللە ئىشخانىسىغا قايتىپ كېلىپ،بۈگۈنكى« كېچىلىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى»نى قاچان، قانداق ئېلىپ بېرىش ھەققىدە مۇزاكىرىلەشتى.ئۇلار ئۈچى بىرلىكتە:«بىر گەۋدىلەشكەن بىرلەشمە جەڭ قىلىش سۇپىسى»نى ئېچىپ قارىۋىدى، ئۇنىڭدا، يەنە يۈزگە يېقىن كىشىگە قىزىل بەلگە قويۇلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ دەرھال تۇتۇلۇش كېرەكلىكى ھەققىدە بۇيرۇق بېرىلگەن ئىدى. تۇتۇلدىغانلارنىڭ تىزىملىكى ئېنىق بولغاندىن كېيىن، ۋاڭ ئۆزىنىڭ مۇئاۋىنلىرىغا : ھەرىكەت تەييارلىقىنى پۇختا قىلىش كېرەكلىكىنى، ئۆزىنىڭمۇ قاتنىشىدىغانلىقىنى، ئەمما ھازىر مۇھىم ئىشى بارلىقىنى، ھەرىكەت باشلىنىشتىن بۇرۇن يېتىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، يەنە بىر سائەتتىن كېيىن ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلمەكچى بولغان ئاتا-ئانىسىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن ئايرىدورۇمغا قاراپ يولغا چىقتى.
ۋاڭ ئايرىدورۇمغا يېتىپ كەلگەن ئىدى. ئۇ يولۇچىلار چىقىش ئېغىزىدا بىردەم كۈتۈپ تۇرغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى چامدانلىرىنى سۆرىشىپ، سىرتقا چىقتى. ۋاڭ ئاتا-ئانىسىنى ئېلىپ ئۆزىنىڭ ئالاھىدە ساقچى ئەترىتىنىڭ خىزمەت ماشىنىسى بىلەن ياتىقىغا ئېلىپ كەلدى. قىسقا مۇڭدىشىشتىن كېيىن، ۋاڭ ئاتا-ئانىسىنى ئېلىپ سىرتقا چىقىپ، بىر تۇڭگان ئاشخانىسىدا ئۇلارنى ئالاھىدە تاماقلار بىلەن كۈتۈۋالدى.
ۋاڭ ئاتا ئانىسىنىڭ قورسىقىنى تويغۇزۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۇلارنى يېقىن ئەتراپتىكى بىر مېھمانخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارغا:مېنىڭ بۈگۈنكى«كېچىلىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى»گە يېتەكچىلىك قىلىدىغان مۇھىم ۋەزىپەم بار ئىدى. سىلەر ياخشى ئارام ئېلىڭلار، مەن ئەتە ئەتىگەندە يەنە سىلەردىن ئىزدەيمەن دەپ، ئوغلىنىڭ گېپىدىن ھاڭ تاڭ قالغان ئاتا-ئانىسى بىلەن خوشلىشىپ،ئالاھىدە ساقچى ئەترىتىگە يېتىپ كەلدى
ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە ۋاڭ نىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرى ئالاھىدە ساقچىلارنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ ۋە باشقا تەييارلىقلارنى پۈتكۈزۈپ،ھەرىكەت باشلاش ئۈچۈن تەييار بولۇپ تۇرۇشقان بولۇپ، ئۇلار ۋاڭ غا تەييارلىقنىڭ پۈتكەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەردى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يېرىم كېچە يەنى سائەت 12 بولۇشى ھامانلا، ئالاھىدە ساقچى ئەترىتى ۋاڭ نىڭ باشلامچىلىق قىلىشى بىلەن ئون نەچچە ماشىنىدا، 60 ئەتراپىدا ساقچى بىلەن قوزغىلىپ چىقىپ،ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان تەڭرىتاغ رايونىنىڭ يەنئەن يولى ئەتراپىدىكى بىر نەچچە بىنادا شەپە چىقارماستىن تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، 2-3 سائەت ئىچىدىلا يۈزگە يېقىن زىيالىي ۋە سەنئەتچىلەرنى تۇتۇپ ئېلىپ چىقىپ، ئالاھىدە ساقچى ئەترىتىنىڭ يەر ئاستى كامېرلىرىغا سولاپ قويۇشتى.ئاندىن ۋاڭ مۇئاۋىنلىرى بىلەن تۇتقۇنلارنى كۈندۈزى بىر تەرەپ قىلىش ھەققىدە مەسلىھەتلىشىپ، دەم ئېلىش ئۈچۈن ياتىقىغا قايتىپ كېلىپ بىر نەچچە سائەت كۆزىنى يۇمۇۋالدى
ۋاڭ سائىتىنى توغرىلاپ قويۇپ ياتقان بولۇپ، توغرىلانغان ۋاقىت جىرىڭلىشى بىلەنلا ئويغىنىپ، يۈز-كۆزىنى چالا-بولۇپلا يۇيۇۋالغاندىن كېيىن، ناشتىمۇ قىلماستىن ئاتا-ئانىسى ياتقان مېھمانخانىغا كېلىپ، ئۇلارنى ئىزدىدى. قېرى ۋاڭ بىلەن ئايال ۋاڭ، ئوغلىنىڭ كېلىشىنى ساقلاۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۇنى ئۈنلۈك ئاۋازدا توۋلاپ چاقىردى. ئۇلار خىتايچە سالام قىلىشىپ كۆرۈشكەندىن كېيىن، بىللە سىرتقا چىقىپ، يەنە ئالدىنقى كۈنى تاماق يېگەن تۇڭگان ئاشخانىسىدا ناشتا قىلىشتى. ناشتىدىن كېيىن ۋاڭ ئاتا-ئانىسىغا: ئۆزىنىڭ چۈشكىچە ۋاقتى بارلىقىنى،ئۇلارغا بىللە ھەمراھ بولىدىغانلىقىنى ئېيتىۋىدى، قېرى ۋاڭ ئوغلىغا: بىز بۈگۈن شەھەرنى بىر ئايلىنىپ چىقايلى! ئەتە كۇچاغا قاراپ يولغا چىقىمىز، سەن بۈگۈن بىزگە ھەمراھ بولۇپ،بىرەە چىققىن،ساڭا دەيدىغان گەپلىرىمىز بار، قارىغاندا خىزمىتىڭ بەك ئالدىراش ئوخشايدۇ. ئۇ تۈنۈگۈن سەن دېگەن:« كېچىلىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى»دېگەن قانداق ئىش؟ سەن ئۇنىڭغا بۈگۈن قاتناشمىساڭمۇ بولامدۇ؟-دەپ سورىدى ئوغلىدىن بولۇۋاتقان ئىشلارغا ھەيران قېلىپ،
-بولىدۇ دادا-دېدى ۋاڭ دادىسىنىڭ گېپىگە قوشۇلۇپ،ئاندىن ئۇلارغا قاراپ:مەن سىلەرگە بىر خۇش-خەۋەر يەتكۈزمەكچىمەن.مەن بۈگۈندىن باشلاپ، ئىلگىرىكى مۇئاۋىن باشلىقلىق ئورنۇمدىن ئۆستۈرۈلۈپ، ئالاھىدە ساقچى ئەترىتىنىڭ بىرىنچى باشلىقلىقىغا تەيىنلەندىم. شۇڭلاشقا خىزمىتىم بەك ئالدىراش، شۇنداق بولسىمۇ يەنە مېنىڭ ئىككى مۇئاۋىنىم بار. چەزىپىنى ئۇلارغا تاپشۇرۇپ قويسام،«كېچىدە تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى»نى ئۇلار بىرەر كۈن بېجىرىپ تۇرسىمۇ بولىدۇ.
-بەك ياخشى، بەك ياخشى بولۇپتۇ!-دەپ ئوغلىنى ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ كەتتى قېرى ۋاڭ، مېنىڭ كۈتكەن ئۈمىدىمنى يەردە قويماپسەن ئوغلۇم. سېنى تەبرىكلەيمەن. ئەمدى يولۇڭ تېخىمۇ ئېچىلىدۇ. مەن قىلالمىغان ئىشلارنى ئەمدى سەن قىلالايسەن. چوقۇم شۇنداق قىلغىن،بۇ ئۇيغۇر دېگەن ياۋايىلارغا ھەرگىزمۇ رەھىم قىلمىغىن. بىز ئۇلارنى تەلتۆكۈس يوقۇتۇپ تاشلىشىمىز كېرەك،بۇ دېگەنلىرىمنى ھەرگىزمۇ ئۇنتۇلۇپ قالما ئوغلۇم!
-ماقۇل دادا، ئەمدى سېنىڭ ھېلىقى سۇئالىڭغا جاۋاپ بېرەي:«كېچىلىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى»دېگىنىمىز-تۇن كېچىدە، ھەممە ئادەم ئۇخلاپ بولغاندا، ئالاھىدە ساقچى ئەترىتىنىڭ ھېچكىمگە تۇيدۇرماستىن ئېلىپ بارىدىغان، گۇمانلىق ئۇنسۇرلارنى تۇتقىن قىلىش ھەرىكىتىدۇر
-ھەئە شۇنداقمۇ؟نېمىشقا بۇ ھەرىكەتنى كېچىسى ئېلىپ بارىسىلەر؟ ئۇلاردىن قورقامتىڭلار؟ كۈندۈزى قىلىۋەرسەڭلار بولمامدۇ؟
-ياق،بولمايدۇ دادا، چۈنكى ئۇ ھەرىكەتنى ئاۋام خەلق بىلىپ قالسا بولمايدۇ. يۇقۇرىدىن چۈشكەن مەخسۇس ئۇقتۇرۇش بار. بۇ ئىشنى ئىس-تۈتەك چىقارماي، شەپىسىز ئېلىپ بېرىشىمىز كېرەك ئىكەن،بولمىسا تاشقىرىدىكى ئىنسان ھەقلىرىنى قوغداش تەشكىلاتلىرى ۋە بۆلگۈنچى تەشكىلاتلار بۇنى خەلقارغا كۆتىرىپ چىقىپ،دۆلىتىمىزنىڭ يۈزىنى تۆكۈۋېتەرمىش!
-ئەييا!-دەپ كۆزىنى چەكچەيتتى قېرى ۋاڭ-ئەسلىدە ئۇلار بىلەن كارىڭلار بولماسلىقى كېرەك ئىدى، چۈنكى، ھازىر دۆلىتىمىز بەك كۈچلۈك. ئۇلار بىزنىڭ ئىچكى ئىشلىرىمىزغا ئارىلىشالمايدۇ. بېشىمىزنى ئىچىگە تىقىپ، قۇلىقىمىزنى يوپۇرۋالساقلا، بىر مەزگىلدىن كېيىن ھەممە ئىش ئۆتۈپ كېتىدۇ. شۇڭا مېنىڭ دەيدىغىنىم شۇكى-تۇتقۇن قىلىشنى كېچە ۋە كۈندۈز دېمەستىن توختىماي ئېلىپ بېرىش كېرەك! چۈنكى، بۇ ئۇيغۇر دېگەن ياۋايىلار تولۇق يوقالمىغۇچە،بىز خۇئا-شىئا ئەۋلادلىرى بۇ زېمىنغا ھەقىقىي ئىگە بولالمايمىز، مېنىڭ بۇ پىكرىمنى يىغىنلاردا باشلىقلىرىڭغا دېگىن! مەنمۇ كۇچاغا بارغان ۋاقتىمدا سەپداشلىرىمغا دەيمەن.
-ماقۇل، دادا! ئۇنداق بولسا، بىز ماڭايلى-دەپ، كىچىك ۋاڭ، قېرى ۋاڭ ۋە تەتەي ۋاڭنى ئېلىپ، ئۆزىنىڭ خىزمەت ماشىنىسىغا چىقىرىپ، شەھەر ئايلىنىش ئۈچۈن يولغا چىقىشتى. ماشىنىدا كېتىۋاتقان قېرى ۋاڭ دېرىزىدىن سىرتقا نەزەر سېلىشقا باشلىدى : ئۇ ئەتراپتىكى ئېگىز-ئېگىز قەۋەتلىك بىنالارنى، يالت-ىيوت قىلىپ چاقناۋاتقان ھەر خىل چىراق، ۋىۋىسكا ۋە ئېلانلارنىڭ كۆزنى قاماشتۇرغۇچى مەنزىرىسىنى كۆرۈپ، كوتۇلداشقا باشلىدى : -نېمانداق جىق بىنالار بۇ ئوغلۇم؟ بەكمۇ ئېگىز سېلىنىپتۇ، يوللارمۇ شۇنداق كەڭرى ئىكەن. بۇلارنى كىملەر سالدى،كىملەر ئولتۇرىدۇ؟ نېمىشقا بۇ ياۋايىلارغا بۇنچە كۆپ ئېگىز بىنا سېلىپ بېرىلىدۇ؟
-خەنزۇلار سالدى دادا،قارىمامسەن؟ ئاشۇ خەنزۇچە يېزىلغان ۋېۋىسكىلارنىڭ ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرغانلىقىنى،ھەممىسى خىتاي شىركەتلىرى سالغان بىنالار. ئۇنىڭ ئىچىدىكىلەرمۇ خىتاي شىركەتلىرىنىڭ خىزمەتچىلىرىدۇر. بۇ بىنالارنى ھېچكىم-ھېچكىمگە بىكارغا سېلىپ بەرمەيدۇ. ئۇلار پۇل تاپىدىغان بىنالاردۇر.
-ھە، مۇنداق دېگىن ئوغلۇم، مەن تېخى بۇنچە جىق بىنانى بۇ يەردىكىلەرگە سېلىپ بېرىپ نېمە قىلىدىغاندۇ؟-دەپ ئويلاپتىمەن.كۇچادا بۇ ياۋايىلار ساپلا كېسەك ئۆيلەردە ئولتۇراتتى. ئۈرۈمچىدە ئورۇسلارنىڭ سېلىپ بەرگەن قەۋەتلىك بىنالىرى بار ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم. مانا ئەمدى خەنزۇ قۇرۇلۇش كارخانا ۋە شىركەتلىرى كېلىپ، نۇرغۇن قەۋەتلىك بىنالارنى سېلىۋېتىپتۇ، ئەگەر خەنزۇلار بولمىسا بۇ يەردە بۇنچىلىك تەرەققىياتلار بولماس ئىدى.
-توغرا دېدىڭ-دادا،ئەگەر بىز خەنزۇلار بولمىساق،يەرلىكلەر ھېچقانچە تەرەققى قىلالمايتتى، بىز ئۇلارغا مەدەنىيەت ۋە تەرەققىيات ئېلىپ كەلدۇق، ئەمدى بىز ئۇلارنى جۇڭخۇئا مەدەنىيىتى بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇپ، ئۆزىمىزگە ئوخشاش جۇڭخۇئا مىللىتىگە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك! بولمىسا ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپ يوق قىلىشىمىز كېرەك!
-توغرا دېدىڭ، مانا مېنىڭ ئوغلۇمدەك گەپ قىلدىڭ، چوقۇم شۇنداق قىل ئوغلۇم، مېنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئەسكەر بولۇشتىكى مەقسىتىممۇ شۇ ئىدى، ئەمدى سەن بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرغىن، شۇندىلا مەن سەندىن رازى بولىمەن.
-ئەييا،ئەييا دېدى-تەتەي ۋاڭ، مەن ھاجەتخانىغا بېرىشىم كېرەك، ماشىنىنى بىر يەردە توختىتايلى! بۇ ۋاقىتتا قېرى ۋاڭىنىڭمۇ تەرىتى قىستاپ كەتكەن بولۇپ، ئۇمۇ ئوغلىغا: مەنمۇ ھاجەتخانىغا بارىمەن، تېزرەك ماشىنىنى توختاتقىن-دېدى ئوغلىغا،
كىچىك ۋاڭ ماشىنىنى بىر ئايلاندۇرۇپ،يېقىنراق بىر يەردىكى مەسچىتكە ئوخشايدىغان بىر بىنانىڭ يان تەرىپىگە«ھاجەتخانا»دەپ يېزىلغان يەرنى كۆرگەندىن كېيىن ماشىنىنى توختىتىپ، ئاتا-ئانىسىنى ھاجەتخانا يېنىغا باشلاپ كەلدى. قېرى ۋاڭ مۇسۇلمانلارنىڭ قۇرۇلۇش شەكلىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مەسچىتلىرىنى كۆپ قېتىم كۆرگەن بولۇپ،ئۇ بىنانىڭ يېنىغا كەلگەندىن كېيىن ھاڭۋېقىپ توختىدى ۋە ئوغلىدىن سورىدى : ئوغلۇم بۇ قانداق ئاممىۋى ھاجەتخانا بولسۇن، مەسچىتكە ئوخشاۋاتىدىغۇ؟ بىز خاتا يەرگە كېلىپ قالمىغاندىمىز؟
-ياق،دادا! بۇ يەر ئىلگىرى مەسچىت بولۇپ، كېيىن تاقىۋېتىلگەن ئىكەن. مانا ھازىر ئاممىۋى ھاجەتخانىغا ئۆزگەرتىۋېتىلدى.ئەنە كىرىش بېلىتى ساتقۇچىلارمۇ تۇرىدۇ. بىر سومدىن پۇل تۆلەپ كىرىدىكەنمىز، مانا ئىككى سوم دەپ، دادىسى بىلەن ئانىسىغا بىر سومدىن پۇل تۇتقۇزۇپ، ئۇلارنى ھاجەتخانىغا توغرىلاپ قويدى.
قېرى ۋاڭ بىلەن تەتەي ۋاڭ ھاجەتلىرىنى قىلىپ چىققاندىن كېيىن، قېرى ۋاڭ ئوغلىغا شۇنداق دېدى-راست بۇ يەر ھاجەتخانا ئىكەن.ئەمما ئىلگىرى مەسچىت بولغانلىقى ئېنىق تۇرىدۇ.نېمىشقا ھاجەتخانىلارنى يېڭىدىن سالماي،مەسچىتلەر-ھاجەتخانىغا ئۆزگەرتىلدى. بۇنىڭغا يەرلىك مۇسۇلمانلار قارشى تۇرمىدىمۇ؟
-قارشى تۇرۇپتىكەن دادا،ئەمما قارشى تۇرغانلارنىڭ ھەممىسىنى تۇتۇپ تۈرمىگە سولىدۇق-دېدى دادىسىغا چۈشەندۈرۈپ، تۇتۇلغانلارنىڭ بىر قىسمى تۈرمىدە ئۆلدى. كۆپ قىسمىنى ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلدۇق. ئۇنىڭدىن كېيىن كىشىلەر بۇ يەرنىڭ ئەسلى مەسچىت ئىكەنلىكىنى ئېغىزغا ئېلىشتىنمۇ قورقىدىغان بولۇپ كېتىشتى.
-مانا بۇ قاتتىق قول بولۇشنىڭ كارامىتى-دەپ،قوشۇمچە قىلدى قېرى ۋاڭ-قاتتىق قوللۇق سىياسەت يۈرگۈزۈپ پرولىتارىيات دىكتاتۇرىسىنى كەسكىن ئىجرا قىلغاندىلا بۇ ئۇيغۇر دېگەن ياۋايىلارنىڭ ئەدىبىنى بەرگىلى بولىدۇ.
-توغرا دېدىڭ،دادا! بىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن قىلىدىغان ئىشىمىز شۇنداق ئىشلاردۇر. ئەمدى باشقا گەپنى قىلىشايلى! بىز يەنە بازار ئايلىنامدۇق ياكى قورسىقىڭلار ئاچتىمۇ؟ -دەپ سورىدى كىچىك ۋاڭ ئاتا-ئانىسىدىن،
-بولدى ئوغلۇم! ھېرىپ كەتتۇق، ئەمدى تاماق يەيلى،ئاندىن ياتاققا كېتىپ ئارام ئالايلى، چۈنكى،بىز ئەتە ئەتتىگەندە كۇچا شەھىرىگە قاراپ يولغا چىقىمىز-دېدى قېرى ۋاڭ بالىسىنىڭ سوئالىغا جاۋابەن، ئۇنىڭغا تەتەي ۋاڭمۇ قوشۇلدى.
ۋاڭ، دادىسى قېرى ۋاڭ بىلەن ئانىسى تەتەي ۋاڭنى پويىزغا سېلىپ كۇچا شەھىرىگە يولغا سېلىپ قويدى. ئەر-خوتۇن ۋاڭلار كەچكە يېقىن كۇچا شەھىرىگە يېتىپ كەلدى. ئۇ پويىزدىن چۈشۈپ كۆزىگە ئىشەنمەيلا قالدى. ئۇنىڭ ئالدىغا كۇچا شەھىرىگە يېڭىدىن پارتىكوم سېكرىتارلىقىغا تەيىنلەنگەن سەپدىشى جىيەن 7-8 ئېسىل ماركىلىق ماشىنىلار ۋە ئون نەچچە نەپەر ياش مۇلازىمەتچىلەر بىللە چىققان بولۇپ، ئۇلار شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مەخسۇس تەشكىللىگەن خىزمەتچىلىرى بولسا كېرەك، قوللىرىدا ھەر خىل گۈللەرنى كۆتۈرۈۋېلىشقان ئىدى. ۋاڭ پويىز ئىستانسىسىدا خۇددى بىر قەھرىماندەك قارشى ئېلىنىپ، كۈتۈۋېلىندى. ئۇنىڭ سەپدىشى جىيەن سېكرىتارنىڭ ئەتراپىدا خىزمەتچىلەر پاي- پېتەك بولۇپ يۈرۈشەتتى.ئۇ خۇددى يەرلىك پادىشاھلاردەك گېدىيىپ، خىزمەتچىلىرىگە بىر نېمىلىرىنى دەپ سۆزلەۋاتاتتى. قارىغاندا ئۇ قاتىل سەپدىشى ۋاڭنى تونۇشتۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئۇنى بىر قەھرىمان قىلىپ كۆرسىتىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن ئىدى.
ۋاڭ سەپدىشى جىيەن بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەندىن كېيىن، ئايالىنى تونۇشتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ بىر ئوغلىنىڭ ئۈرۈمچىدە ئالاھىدە ساقچى ئەترىتىدە خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى قوشۇپ قويدى.قېرى ۋاڭنىڭ سەپدىشى جىيەن ئۇنىڭ ئۈچۈن مەخسۇس بىر زىياپەت ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، ئالاھىدە بېزەلگەن، ئېسىل بىر رېستوراندا يەنە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قاتنىشىشى بىلەن كاتتا بىر زىياپەت بېرىلدى. بۇ زىياپەتكە كۇچا شەھەرلىك پارتكومنىڭ بارلىق سېكرىتار، ھاكىملىرى ۋە بەزى ئىدارە-جەمىيەتلەرنىڭ باشلىقلىرى تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ،سېكرىتار جىيەن بۇ كۈتۈۋېلىش زىياپىتىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى ھەققىدە سۆزلەپ مۇنداق دېدى:
يولداشلار بىلەمسىلەر،بىز بۈگۈن كىمنى كۈتۈۋالدۇق مەن شۇنى ئېنىق جاكارلايمەنكى، بىز بۈگۈن كۈتۈۋالغان كىشى مېنىڭ سەپدىشىم، خەلق قەھرىمانى ۋاڭ بىنجەن بولىدۇ. بىز يولداش ۋاڭ بىلەن ئەينى ۋاقىتتا ئۈچ ئۆستەڭ يېزىسىغا جايلاشقان 167-ئەسكىرى قىسىمدە بىللە ۋەزىپە ئۆتىگەن ئۇدۇق، ئۇ بىر قېتىملىق دالا ھەرىكىتىدىن قايتىپ كېلىۋېتىپ لەڭگەر كەنتىدىكى بىر تېرورچى ئۇنسۇر بىلەن توقۇنۇشۇپ قالغان ئىدى. ئۇ بۇ توقۇنۇشتا قەھرىمانلىق كۆرسىتىپ، تېررورچى ئۇنسۇرلارنى بىلەن باتۇرلارغىچە ئېلىشىپ،ئۆزىنى يوللۇق قوغداش جەريانىدا تېرورچىنى يارىلاندۇردى.يارىسى ئېغىر بولغان تېررورچى ئۆزى ئۆلۈپ كەتكەن ئىدى.كېيىن قانداق بولدى دېمەمسىلەر؟ تېرورچىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋە لەڭگەر كەنتىدىكى بىر قىسىم توپىلاڭچى ئامما، يولداش ۋاڭنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلىپ، ئۇنىڭغا قاتىللىق تۆھمىتى چاپلاشقا ئۇرۇندى، نادان خەلق، بىر قىسىم يامان نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ كۈشكۈرتىشى بىلەن نامايىش قىلىپ، جەمىيەتتە قالايمىقانچىلىق چىقارماقچى بولدى. ئەينى ۋاقىتتىكى كۇچا ناھىيەلىك (ئۇ ۋاقىتتا كۇچا بىر ناھىيە ئىدى)پارتىيە كومىتىتى ۋە ئۈچ ئۆستەڭ يېزىسىنىڭ پارتىكوم سېكرتارى يولداش داۋۇت جەمىيەتتە قالايمىقانچىلىق چىقىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۈچ ئۆستەڭ يېزىسىدىكى ھەر مىللەت كادىرلىرى ۋە بىرلىك سەپ بۆلۈمىدىكى پىداكار خىزمەتچىلەرنىڭ ماسلىشىشى بىلەن شۇ قېتىم يۈز بەرمەكچى بولغان نامايىشنىڭ ئالدىنى ئالغان ئىدى. ئەمما ئەينى ۋاقىتتىكى ھەربىي قىسىم رەھبەرلىك كومىتېتى خاتا ھالدا،يولداش ۋاڭنى«يوللۇق قوغدىنىشنى چەكتىن ئاشۇرۇۋەتكەن»دەپ ھۆكۈم چىقىرىپ،ئۇنى ئەسكەرلىكتىن چېكىندۈرۈپ،يۇرتىغا قايتۇردى.ئەمما، بىز ئۇنىڭ خاتا قارار ئىكەنلىكىگە ئۆز ۋاقتىدا نارازىلىق بىلدۈرگەن بولساقمۇ، ھەربىي قىسىم پارتىيە كومىتېتى بىزنىڭ تەلەپلىرىمىزدىن نەزەرگە ئالمىدى، مەن شۇنداق ئويلايمەنكى، يولداش ۋاڭ بۈگۈنكى كۈندە، ئاشۇنداق تېرورچىلار بىلەن باتۇرلۇق بىلەن ئېلىشقان بولسا،ئۇ قەھرىمانلىق مېدالى بىلەن مۇكاپاتلىناتتى. ئەپسۇس! ئۇ ۋاقىتنىڭ شارائىتىدا ئۇنداق بولماي قالدى، ئەمما مەن ھازىر شۇنى جاكارلايمەنكى، يولداش ۋاڭ« بىر خەلق قەھرىمانى»دۇر.
كۇچا شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ سېكرىتارى جىئەن سۆزىنى تۈگەتكەندىن كېيىن، قېرى ۋاڭنى سۆزىگە تەكلىپ قىلدى. قېرى ۋاڭ ئىلگىرى رەھبەرلىك ۋەزىپىلىرىدە بولمىغاچقا سۆزلەشكە ئانچە ماھىر ئەمەس بولۇپ، دۇدۇقلىغان ھالدا مۇنداق دېدى: مەن ئەينى ۋاقىتتا شىنجاڭغا ئەسكەر بولۇپ كەلدىم، مېنىڭ ئەسكەر بولۇشتىكى مەقسىتىم، چېگرا رايوننى قوغداش ۋە دۆلەتنىڭ-خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىگە تاپشۇرغان مۇقەددەس ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىش ئىدى. مەن ئەينى ۋاقىتتا بۈيۈك ئارزۇلارنى كۆڭلۈمگە پۈككەن ئىدىم.ئۇ بولسىمۇ چېگرا رايوننى قوغداش ئۈچۈن مىللىي بۆلگۈنچى ئۇنسۇرلار ۋە تېررورچىلار بىلەن قەتتىئلىك بىلەن كۈرەش قىلىش ئىدى. ئەسلىدە مەن كۇچاغا يىلتىز تارتىپ، قالماقچى بولغان ئىدىم. ئەپسۇس، ئۆزۈمنى يوللۇق قوغداش ئۈچۈن بولغان بىر بۆلگۈنچى ئۇنسۇر بىلەن بولغان كۈرەشتە تۆھمەتكە ئۇچرىدىم. ئەسلىدە مېنىڭ ئۆزۈمنى يوللۇق قوغداش ھەققىم بار ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ تېرورچىنىڭ ئارقامدىن قوغلاپ كېلىپ، مەن ئولجا ئالغان بىر توخۇنى تالاشقىنىغا ئاچچىقىم كېلىپ، ئۇنى ئۇرۇپ يارىلاندۇرغان ئىدىم. كېيىن ئۇ ئۆزى ئۆلۈپ كەتتى. ئەپسۇس، ئەينى ۋاقىتتىكى ھەربىي قىسىم پارتىيە كومىتېتى خاتا قارار چىقىرىپ، مېنى ئەسكەرلىكتىن چېكىندۈردى.ئەگەردە ئۇنداق بولمىغان بولسا ئىدى، مەن بۇ ۋاقىتقىچە چېگرا رايوندا تېرورچىلار بىلەن كۈرەش قىلىپ، چوڭ خىزمەت كۆرسەتكەن بولاتتىم. مەن بۇ ئىشنى قىلالمىغانلىقىم ئۈچۈن ئولتۇرغان ھەرقايسىڭلاردىن ۋە پارتىيە-خەلق ھۆكۈمىتىدىن ئەپۇ سورايمەن، خەير-خوش، يەنە كۆرۈشىمىز!
قېرى ۋاڭنىڭ سۆزى تۈگىگەندىن كېيىن،زىياپەت زالىدىكى ھەممە ئادەم چاۋاك چېلىپ كېتىشتى. بۇ زىياپەتكە قاتناشقانلاردىن بىر نەچچە قورچاق ئەمەلدارلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا،مېھمانلارنىڭ كۆپىنچىسى شەرقىي تۈركىستانغا يېڭىدىن كۆچۈپ كەلگەن كۆچمەن خىتايلار بولۇپ،ناۋادا ئۇلار قېرى ۋاڭنىڭ ھەقىقىي بىر قاتىل ئىكەنلىكىنى بىلگەندە، يەنىلا چاۋاك چېلىشارمىدى ياكى نەپرەت بىلدۈرەرمىدى؟ مانا بۇ ئۇلارنىڭ ئادىمىلىكىگە قويۇلغان سۇئال بولۇپ، ئۇنىڭ جاۋابى مەڭگۈلۈك بىر مۇئەمما بولۇپ قالارمۇ؟ بۇنىڭغا ھازىرچە ھۆكۈم قىلىش مۇمكىن ئەمەستۇر.ئەلۋەتتە! ئەمما،بۇ-خىتاي كومۇنىستلىرىنىڭ مىڭە يۇيۇشىدىن قۇتۇلغان كېيىنكى ئەۋلاد خىتايلار ئۆزلىرىنىڭ ئىنسانلىق تارازىسى بىلەن ئۆلچەپ باقىدىغان ۋىجدانى بىر مۇئەمما بولۇپ قالىدۇ، خالاس!
قېرى ۋاڭ بۈگۈن سەپدىشى جىيەن مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرۇلغان ماشىنا بىلەن كۇچا شەھىرىگە تەخمىنەن 20 كىلومېتىر ئۇزاقلىقتىكى ئۈچئۆستەڭ يېزىسىغا جايلاشقان 167-ھەربىي قىسىمغا يېتىپ كەلدى. ئۇنى ئەينى ۋاقىتتا بىللە ۋەزىپە ئۆتىگەن سەپدىشى، مەزكۇر قىسىمنىڭ سىياسىي كومىسسارى خەن ئىسىملىك بىرسى كۈتۈۋالدى.خەنمۇ سەپدىشى قېرى ۋاڭنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن ئالاھىدە زىياپەت ئورۇنلاشتۇردى ۋە سۆزگە تەكلىپ قىلدى. كۈتۈۋېلىش زىياپىتىدىكى سۆزلەر كۇچا شەھىرىدىكى زىياپەتكە ئوخشاش ئەينى شەكىلدە ۋە ئوخشاش مەزمۇندا تەكرارلاندى.
قېرى ۋاڭ ئۈچ ئۆستەڭدىكى ھەربىي قىسىمدىمۇ بىر قەھرىمان قىلىپ كۆرسىتىلگەن ئىدى. ئۇنىڭغا ھەربىي قىسىم تەرىپىدىن ئالاھىدە مېدال ۋە خاتىرە ۋە بۇيۇمى تەقدىم قىلىندى. سىياسىي كومىسسار خەن سەپدىشى قېرى ۋاڭغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇنىڭ ھەربىي قىسىمنى كۆزدىن كەچۈرۈشىگە بىللە ھەمراھ بولدى.ئاندىن يەنە بىر نەچچە كۈن ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ، ئۈچ ئۆستەڭ يېزىسىنىڭ بازار ۋە ساياھەت رايونلىرى، ئاندىن ئۈچ ئۆستەڭ يېزىسىغا قوشنا بولغان توقسۇ ۋە شايار ناھىيىەلىرىگە ئاپىرىپ ساياھەت قىلدۇردى.
بىر نەچچە كۈنلۈك ساياھەت ئاقلاشقاندىن كېيىن، قېرى ۋاڭ بىلەن ئۇنىڭ سەپدىشى خەن كومىسسار ئوتتۇرىسىدا قىسقا بىر سۆھبەت بولدى: بۇ يەردىكى ئۆزگىرىشلەر قانداقراق ئىكەن؟-دەپ سورىدى خەن كومىسسار سەپدىشى ۋاڭنىڭ سىياسىي ۋەزىيەت ھەققىدىكى كۆز قارىشىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن-قانداق تەسىراتقا ئىگە بولدۇڭ؟
-بەك ياخشى بولۇپ كېتىپتۇ،چوڭ ئۆزگىرىشلەر بولۇپتۇ،بولۇپمۇ ھەربىي قىسىمنىڭ كېڭەيتىپ قۇرۇلۇشى ۋە دەرىجىسىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشى مېنى سۆيۈندۈردى. سېنىڭدەك سەپداشلىرىمنىڭ يۇقىرى مەنسەپكە ئېرىشكەنلىكىدىنمۇ خوش بولدۇم. ھەممىدىن مۇھىمى جەمىيەت خېلىلا تىنجىپتۇ،سىياسىي ۋەزىيەت مۇقىم ئىكەن،خەنزۇلارنىڭ سانى پەۋقۇلئاددە كۆپىيىپتۇ، كۇچا شەھىرىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى دېگۈدەك خەنزۇ ئاھالىسى ئىگەللەپ بولۇپتۇ، ئۈچ ئۆستەڭ يېزىسىدىمۇ خېلى كۆپ خەنزۇلارنى كۆردۈم. ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى بەكلا ئازىيىپ كەتكەندەك كۆرۈنىدۇ. ئۇلار باشقا يەرگە كۆچۈپ كەتتىمۇ ياكى قىرغىن قىلىپ تۈگىتىۋەتتىڭلارمۇ؟
-ئەييا!ۋاڭ-دېدى خەن كومىسسار بېشىنى قاشلاپ-سېنىڭ خاراكتېرىڭ زادىلا ئۆزگەرمەپتۇ،يەنىلا ئۇرۇش-قىرىشنىڭ گېپىنى قىلىۋاتىسەن،ئۇ دېگەنلىرىڭمۇ توغرا، ئۇرۇش-قىرىشمۇ بولىۋاتىدۇ، ئەمما ئىلگىرىكىدەك ئوچۇق-ئاشكارا ئەمەس، بەلكى تىنچ شەكلىدە يوشۇرۇن بولۇۋاتىدۇ.
-نېمىشقا ئۇنداق قىلىسىلەر؟-دەپ ھەيران بولۇپ سورىدى ۋاڭ يەنە، ھازىر خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى ناھايىتى كۈچلۈك تۇرسا،ئۇنىڭ ئۈستىگە سىلەرنىڭ ھەربىي قىسىممۇ بۇرۇنقىدىن كۆپ كېڭەيتىلىپتۇ، قوراللىرىڭلارمۇ ناھايىتى ئىلغار ئىكەن. ئۇنداق بولغاندىن كېيىن بۆلگۈنچى ۋە تېررورچى ئۇنسۇرلارنى قوراللىق قىرغىن قىلىپ،تەلتۆكۈس يوقىتىۋاتساڭلار بولمامدۇ؟
-ئەييا،لاۋ ۋاڭ دەپ، ئۇنىڭغا يەنە چۈشەنچە بېرىشكە مەجبۇر بولدى خەن كومىسسار-ھازىر ئۇنداق قىلغىلى بولمايدۇ. دۇنيا ئۆزگەردى. جۇڭگومۇ خەلقئاراغا يۈزلىنىپ، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنى كېڭەيتىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىشىك سىرتقا ئېچىۋېتىلدى ئىنتېرنېت دۇنياسى تەرەققىي قىلدى. بۇ يەرگىمۇ چەت ئەل مۇخبىرلىرى كېلەلەيدىغان بولدى. شۇڭا ھازىرقى شارائىتتا ئوچۇق ئاشكارا قىرغىنچىلىق قىلغىلى بولمايدۇ، ئەمما،دەپ سۆزىنى داۋام قىلدى خەن كومىسسار-پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يېڭىچە بىر ئۇسۇلنى يولغا قويدى،ئۇ بولسىمۇ: «ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە ئۆرىپ-ئادەتلىرىنى ئۆزگەرتىپ، كاللىسىنى يۇيۇش ئارقىلىق جۇڭخۇئا مەدەنىيىتى بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇپ، ئۆز مىللىي كىملىكىدىن ۋاز كەچتۈرۈپ، ئۇلارنى ھەقىقىي جۇڭخۇئا مىللىتىگە ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەتتۇر».
-ھەئە، شۇنداقمۇ، بۇ مۇمكىنمۇ؟
-مۇمكىن، ئەلۋەتتە!-دېدى خەن جاۋاپ بېرىپ-چۈنكى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە باش سېكرىتار شى جىن پىڭ بۇنىڭ مۇمكىنلىكىنى بىزگە كۆرسىتىپ بەردى. ئۇ بولسىمۇ : كەڭ كۆلەمدە«كەسپىي قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرى»نى قۇرۇپ چىقىپ، ئەسەبىي ئىدىيە بىلەن زەھەرلەنگەن بارلىق كىشىلەرنى قايتا تەربىيەلەپ، ئۇلارنىڭ كاللىسىنى تەلتۆكۈس يېڭىلاپ، ئۆزگەرتىپ چىقىش،بۇنىڭ ئۈچۈن-«مېڭە يۇيۇش ھەرىكىتى»نى ئاخىرغىچە ۋە ئۈزۈل-كېسىل ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق تۇتۇلۇشقا تېگىشلىك ھەممە ئادەمنى تۇتۇش ۋە تەربىيەلەشكە تېگىشلىك بارلىق گۇمانلىق ئۇنسۇرلارنى تەربىيىلەپ ئۆزگەرتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. ھازىر بۇ ئىش ئەمەلىي يولغا قويۇلۇپ، ئۈنۈمىنى كۆرسىتىشكە باشلىدى. مەسىلەن :« كەسپىي تەربىيەلەش مەركىزى»قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا تۇتۇپ ئېلىپ كېلىنگەن گۇمانلىق ۋە ئەسەبىي ئىدىيە بىلەن يۇقۇملانغان كىشىلەر تاكى كاللىسىدىكى ئەسەبىي ئىدىيەلەرنى چىقىرىپ تاشلىمىغۇچە قويۇپ بېرىلمىدى. ئۇلار پەقەت ئەسەبىي ئىدىيەلىرىنى ئۆزگەرتىپ، جۇڭخۇئا مىللىتى كىملىكىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىنلا ئەھۋالغا قاراپ جەمىيەتكە قايتۇرۇلدى. ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇپ، جاھىللىق قىلغانلار جازالىنىپ تۈرمىلەرگە قامالدى ياكى ھەر خىل كېسەللىكلەر بىلەن ئۆلۈپ تۈگىدى.
-شۇنداقمۇ؟ ئۇنىڭ ئۆنۈمى ئاللىقاچان كۆرۈلۈپتۇ-دە،
-شۇنداق، يولداش لاۋ ۋاڭ بۇنىڭ ئۈنۈمى ئاللىقاچان كۆرۈلۈشكە باشلىدى، ھازىر شەھەر -يېزىلارنىڭ ھەممىسىدە ئۇنداق«كەسپىي قايتا تەربىيەلەش مەركىزى»جىددىي ھالدا تەربىيىەلەشنى ئېلىپ بارماقتا. ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە يەسلىلەردە دۆلەت تىلىدا تەربىيە ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ياش ئەۋلادلىرى پۈتۈنلەي جۇڭخۇئا كىملىكى بىلەن تەربىيىەلىنىپ چىقىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلاردا ئۇيغۇرلۇق كىملىكى ئاجىزلاشتۇرۇپ،جۇڭخۇئا مىللىتى كىملىكى قوبۇل قىلىنغان بىر ئەۋلاد شەكىللىنىدۇ-دە، ئۇيغۇر دېگەن بىر مىللەتنىڭ جىسمى بار،ئەمما روھىي يوقىتىلىپ،ماڭقۇرتلاشقان ئەۋلاتلىرى قالىدۇ.كېيىن ئاستا-ئاستا ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىمۇ يوقىتىلىدۇ.خەن كومىسسار يەنە چۈشەندۈرۈشنى داۋام قىلدى: بۇرۇن شەھەر-يېزا ۋە ئىدارە-جەمىيەتلەردە يولغا قويۇلغان«قوشماق تۇغقانلىشىش سىياسىتى» ھازىر ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە يەسلىلەرگىمۇ كېڭەيتىلدى. بۇرۇن چوڭلار-ئارا قوشماق تۇغقان بولۇش پائالىيىتى يولغا قويۇلۇپ،ياخشى نەتىجە قولغا كەلگەن ئىدى. ئەمدى ئۇ ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە يەسلىلەرگىمۇ كېڭەيتىلدى. ئەتىلىككە ئۈچ ئۆستەڭ يېزىسىدىكى مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپتە بىر قېتىملىق«قوشماق تۇغقانلىشىش پائالىيىتى »ئۇيۇشتۇرۇلىدىكەن. ئۇلار بىزنى بۇنىڭغا تەكلىپ قىلىشتى. خالىساڭ، بىللە بىللە ئېلىپ باراي! سەنمۇ مۇۋاپىق كەلگەن بىرەرسى بىلەن قوشماق تۇغقان بولساڭ بولىدۇ. ھەتتا ئۇنى ئۆزەڭگە ئۆگەي بالا قىلىۋېلىپ، يۇرتۇڭغا ئېلىپ كەتسەڭمۇ بولىدۇ. مېنىڭ ئاتا-ئاناممۇ يالغۇز قالغان بولغاچقا، بۇنىڭدىن بىر ئاي ئىلگىرىكى بىر قېتىملىق«قوشماق تۇغقان بولۇش پائالىيىتى»دە بىر ئۇيغۇر قىزىنى قوشماق تۇغقان قىلىۋېلىپ، ئىچكىرىگە ئېلىپ كەتتى.
-بۇ بەك ياخشى بولۇپتۇ. ئەمما، مەن بۇ ئۇيغۇر تېرورچىلار بىلەن قەتئىي چىقىشالمايمەن. ئۇلارنىڭ بالىلىرىغىمۇ ئۆچلۈكۈم كېلىدۇ.
-بۇ قارىشىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس، ھازىرقى ئۇيغۇرلار بۇرۇنقى ئۇيغۇرلارغا قارىغاندا بەكلا رايىشلىشىپ كېتىشتى. ئۈزلۈكسىز يولغا قويۇلىۋاتقان يېڭى سىياسەتلەرگە بويسۇنۇش مەجبۇرىيىتىدە قالغان،ئۇيغۇرلار ھازىر-دۆلەتنىڭ ھېچقانداق بىر سىياسىتىگە قارشى چىقالمايدىغان ھالەتكە كەلدى. ئۇلار پارتىيە-ھۈكۈمەت نېمە دېسە شۇنىڭغا بويسۇنىدۇ. ئەگەر خالىساڭ،سېنى ئەتە ئۈچئۆستەڭ يېزىلىق مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپتە ئېلىپ بېرىلىدىغان« 3-قېتىملىق قوشماق تۇققانلىىشىش پائالىيىتى»گە ئېلىپ بارىمەن، ناۋادا كۆزۈڭ چۈشكەن بىرەر قىز ياكى ئوغۇل بالا بولسا ئۇنى بالا قىلىۋالساڭمۇ بولىدۇ. بىر نەچچە كۈن ئىچىدىلا ئىچكىرىگە ئېلىپ كېتىش رەسمىيىتىنى بىجىرگىلى بولىدۇ،قانداق قارايسەن؟
-بولىدۇ. قېنى سەن بىلەن بىللە بېرىپ قاراپ باقااي، ئەمما قىز بالا بولسۇن، ئۆزەم تاللايمەن.
-بولىدۇ. ھەركىم قوشماق تۇققىنىنى ئۆزى تاللاش ھوقۇقىغا ئىگەئىكەن
-ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسى قوشۇلامدۇ؟
-ھە، راست! ساڭا تېخى دېمىدىممۇ؟ ئۇ بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسى يوق. ئۇلار تەربىيەلىنىش ئۈچۈن«كەسپى قايتا تەربىيەلەش مەركىزى»گە ئېلىپ كېتىلگەن.ھەتتا بەزىللىرى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. چۈنكى، ئۇلار گۇمانلىق تېرورچىلار ۋە دىنىي ئەسەبىي ئۇنسۇرلاردۇر.ئۇلارنىڭ بالىلىرىنى«ئىگە-چاقىسىز بالىلار»قاتارىدا دۆلەت ئىلكىگە ئۆتكۈزىۋېلىنغان.
-ئۇنداق بولسا، چاتاق يوق ئىكەن. مەن ئايالىمغا ئۇقتۇرۇپ، كەچتە جاۋاپ بېرەي، ئۇمۇ چوقۇم ماقۇل دەيدۇ.
قېرى ۋاڭ سەپدىشى خەن كوممىسار بىلەن خوشلىشىپ، ياتىقىغا قايتىپ كەلدى. ئۇنىڭ قېرىپ قالغان تەتىيى مىجەزى يوق بولغاچقا ياتاقتا قالغان بولۇپ، ئۇنى ساقلاۋاتقان ئىدى.
-ھەي،بەك كەچ قايتىپ كەلدىڭىزغۇ؟
-ھەئە،كەچ قالدىم. ساڭا بىر خۇشخەۋەر بار، ئۇنى دېمىسەم بولمايدۇ؟
-قانداق خۇش-خەۋەر ئۇ، ماقۇل دەڭ ئەمىسە،
-بىز ئەتە ئۈچ ئۆستەڭ يېزىسىغا بېرىپ،«قوشماق تۇتۇغقانلىشىش پائالىيىتى»گە قاتنىشىدىغان بولدۇق. پائالىيەتتە ئىچكىرىدىن كەلگەن نۇرغۇن يۇرتداشلار ئۇيغۇر ئۆسمۈر بالىلىرى بىلەن«قوشماق تۇغقانلىشىش پائالىيىتى» ئېلىپ بارىدىكەن. بەزىلىرى قوشماق تۇغقان بولغان بالىلارنى ياقتۇرۇپ قالسا، رەسمىيەتلەرنى بېجىرىپ، ئۆزىگە بالا قىلىۋالسىمۇ بولىدىكەن. بىزمۇ بىر ئۇيغۇر قىزىنى بالا قىلىۋالساق قانداق دەيسەن؟
-ئەمما بىز ئۇنى قانداق باقىمىز،-دەپ، قارشىلىق بىلدۈردى تەتەي ۋاڭ-ئىچكىردە يەسلى ۋە مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش رەسمىيەتلىرى بەكمۇ قىممەت تۇرسا، ئۇنى ئوقۇتىمىز-دەپ، نۇرغۇن پۇل خەجلەشنىڭ نېمە ھاجىتى؟
-ھەي، ئەخمەق!-دېدى قېرى ۋاڭ،تەتەي ۋاڭنى ئەيىپلەپ-مەيلى قانچىلىك پۇل كەتسىمۇ،باشلانغۇچ ياكى ئوتتۇرا مەكتەپكىچە ئوقۇتالايمىز،ئۇ جەرياندا سېنىڭ خىزمىتىڭنى قىلىدۇ. ئۆيدە ئاش-تاماق ئېتىشكە ياردەملىشىدۇ. كېيىنچە ئۇ چوڭ بولغاندا قانداق قىلىمىز بىلەمسەن؟
-ياق،بىلمەيمەن. قانداق قىلىمىز؟
-ئۇ چوڭ بولغاندا بارغۇ، بىز ئۇنى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتۇشنىڭ ئورنىغا ياكى بىرەر كەسپىي مەكتەپتە ئوقۇتۇپ، ئوقۇش پۈتتۈرگەندە مائاشنى ئۆزىمىز ئېلىۋالساقمۇ بولىدۇ. بولمىسا، ئۇنى بىرەر تىجارەتچى باي كىشىگە ياكى چوڭ ئەمەلدارلارغا ياتلىق قىلىمىز، ئەمما ئۇ بىكارلىق بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئۇلاردىن يۇقىرى سوممىدىكى بېقىش ھەققى تەلەپ قىلىمىز، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا خەجلىگەن پۇللىرىمىز قايتىپ كەلگەننىڭ ئۈستىگە، يەنە نۇرغۇن پۇل قوشۇلىدۇ، ئۇ پۇللارنى بىز ئۆمرىمىزنىڭ ئاخىرىغىچە كەڭ-كۇشادە خەجلەيمىز، ئەمدىغۇ، چۈشەنگەنسەن!-دەپ، دوق قىلدى قېرى ۋاڭ، تەتىيىگە كايىغاندەك قىلىپ،
-ھەئە،ئەمدى چۈشەندىم. ئۇنداق بولسا،بىر ئۇيغۇر قىزىنى بېقىۋالايلى، ئەتە مېنىمۇ ئېلىپ بېرىڭ، ئۇنى مەن تاللاي،
ياق، مەن تاللايمەن.
-بولۇپتۇ تالاشمايلى، ئۇنداق بولسا ئىككىمىز بىللە تاللايلى دەپ، ئىككىسى ئاخىرى كېلىشىپ، شېرىن خىياللار ئىچىدە ئۇيقۇغا كېتىشتى.
قېرى ۋاڭ ئۇخلاپ تۈن كېچىگە يېقىنلاشقاندا:«مەن قاتىل ئەمەس، مەن قاتىل ئەمەس! مېنى چوقىماڭلار، مېنى ئۆلتۈرمەڭلار!»-دەپ ۋاقىرغانچە ئويغىنىپ كەتتى.قېرى ۋاڭنىڭ قاتتىق ۋاقىرىشىدىن چۆچۈپ ئويغىنىپ كەتكەن تەتەي ۋاڭ، ئۇنىڭ تەر ئېقىپ تۇرغان پېشانىسىنى سىلاپ تۇرۇپ، نېمە بولغانلىقىنى سورىدى:
-مەن چۈش كۆردۈم، بەك قورقۇنچلۇق دەپ، كۆرگەن چۈشىنى تەتەي ۋاڭغا سۆزلەپ بېرىشكە باشلىدى قېرى ۋاڭ:«مەن ساياھەت قىلىۋاتقان ئىدىم، يولدا كېتىۋېتىپ بىر باغلىق ھويلىغا كىرىپ قالدىم. باغدا نۇرغۇن مېۋىلەر پىشىپ، مەي بولۇپ كەتكەن ئىكەن. مەن بۇ كىمنىڭ بېغىدۇ، ئىگىسى بارمىدۇ، ئالمىلاردىن بىرنەچچە تال ئېلىۋالايچۇ؟-دەپ، باققان كىرمەكچى بولۇپ، يېقىن كېلىۋېدىم، توساتتىن نۇرغۇن توخۇلار باغدىن ئېتىلىپ چىقىپ خۇددى ئادەمدەك چىرقىراشقا باشلىدى.ئۇلار ئەجەب ئادەمدەك سۆزلەشنى بىلىدىكەن، نېمە دەۋاتقاندۇ دەپ ئاڭلىسام ئۇلار مېنى: ھەي! توخۇ ئوغرىسى قاتىل-دەپ، چاقىرىۋېتىپتۇ، مېنىڭ قاتتىق ئاچچىقىم كېلىپ، مەنمۇ ئۇلارغا ۋارقىرىدىم: نېمە دەپ مېنى قاتىل دېيىشىسەن، نېمە ئاساسىڭ بار؟-دەپ ۋاقىرىدىم. ئۇلار جاۋاب بېرىپ : سەن بۇنىڭدىن 3 0نەچچە يىل بۇرۇن مۇشۇ باغلىق ھويلىنىڭ ئىگىسى، بىزنىڭ خوجىمىز قادىر ئاخۇننىڭ توخۇسىنى ئوغرىلاپ يەۋەتكەن ئىدىڭ. ئۇنى ئاز دەپ، ئەجداتلىرمىزنىڭ ئىگىسى قادىرئاخۇننىمۇ ئۆلتۈرىۋېتىپسەن، بىز شۇ توخۇنىڭ ئەۋلادلىرى بولىمىز. بىزنىڭ ئەجدادىمىز، سەن ئۇنى ئۆلتۈرۈپ يېيىشتىن بۇرۇن بىزگە قىچقىرىپ،شۇنداق نەسىھەت قالدۇرغانىدى: ناۋادا مېنى ئۆلتۈرۈپ يېگەن ۋە مېنىڭ ئىگەن قادىر ئاخۇننى ئۆلتۈرگەن ئۇ قاتىل يەنە كېلىپ قالسا، سىلەرمۇ ئۇنى ئۆتكۈر تىرنىقىڭلار بىلەن تاتلاپ ۋە تۇمشۇقۇڭلار بىلەن چوقۇپ، بىزنىڭ ئىنتىقامىمىزنى ئېلىڭلار! ئەمدى بىزنىڭ ماكانىمىزغا كېلىپسەن، بىز ئەجدادىمىزنىڭ قالدۇرغان نەسىھىتىنى ئورۇنلاپ،سەندىن ئۇلارنىڭ ئىنتىقامىنى ئالىمىز دېگەنچە چۇقىرىشىپ،نۇرغۇن توخۇلار ماڭا ئېتىلىپ كېلىشكە باشلىدى ۋە مېنى قورىشىۋېلىپ بىر دەمدىلا بەدەنلىرىمنى ئۆتمە-تۆشۈك قىلىپ، كۆزىمنى كور قىلىپ قويدى»
قېرى ۋاڭ كۆرگەن چۈشىدىن بەكلا قورقۇپ كەتكەن بولۇپ، شۇنىڭدىن كېيىن تاكى تاڭ ئاتقۇچە ئۇخلىيالمىدى.تاڭ ئاتقاندىن كېيىن، تەتەي ۋاڭنى ئويغىتىپ، ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ ئەندىشىلىرىنى بىلدۈردى:
-ئەييا،ئەييا،ئەمدى قانداق قىلىمىز؟مەن ئەندىشە قىلىپ قالدىم.بۇ ياۋايىلارنىڭ بالىلىرىنى بېقىۋېلىپ ئېلىپ كەتسەك، كۈنلەرنىڭ بىرىدە،بىزگە يامانلىق قىلارمۇ؟
-قانداق يامانلىق قىلالىسۇن؟-دەپ رەددىيە بەردى ئېرىگە تەتەي ۋاڭ-بىز ئۇلارنى بېقىۋالغاندىن كېيىن،ئۆگەي بولسىمۇ،يەنىلا«بىزنىڭ بالىمىز»بولىدۇ دېگەن گەپ. ئۇنداقكەن، ئۇ چۇقۇم بىزگە بويسۇنۇشى، بىزنىڭ گېپىمىزنى ئاڭلىشى كېرەكتە،بىز قانداق ياشىساق، ئۇمۇ شۇنداق ياشايدۇ. نېمە يېسەك شۇنى يەيدۇ. قانداق كىيىنسەك، شۇنداق كىيىدۇ. ئۆز تىلىدا سۆزلىشىدىغان ھېچكىم بولمىغاندىن كېيىن، ئۇنى ئۇنتۇپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بارا-بارا ئەسلىنى يوقىتىپ،بىزگە ئوخشاش جۇڭخۇئا مىللىتى بولۇپ كېتىدۇ ئەمەسمۇ؟ ئۇنىڭدىن ئەندىشە قىلىشنىڭ نېمە ھاجىتى؟
قېرى ۋاڭغا تەتىيىنىڭ گەپلىرى ھەقلىكتەك بىلىندى بولغاي، ئۇنىڭغا يەنە قارشىلىق بىلدۈرۈپ ئولتۇرمىدى ۋە ئۇنىڭ پىكرىگە قوشۇلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇلار ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ،مېھمانخانىنىڭ ئۆزىدىلا ناشتا قىلىشىپ،سەپدىشى خەن كومىسسارنى ساقلاپ تۇرۇشتى. ئەتراپتا ھەربىيلەرنىڭ ئۈنلۈك توۋلاپ مەشىق قىلىۋاتقان ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. قېرى ۋاڭ ياتاقنىڭ بالكۈنىدىن مەشىق ئەھۋالىنى كۆزەتكەچ، ئەينى ۋاقىتتا ئۆزى ئەسكەر بولۇپ تۇرغان ۋاقىتىدىكى بەزى ئەھۋاللارنى قىسقىچە ئەسلەپ ئۆتتى: ئۇ ئەسكەر بولغان ۋاقتىدا ھەربىي قىسىم ھازىرقىدەك تەرەققىي قىلمىغان بولۇپ، قوراللىرىمۇ ئاددى ئىدى، ئۇ مىلتىق ۋە پىلىموت ئېتىشتىن باشقا مەشىقلەرنى قىلىپ باقمىغان ئىدى. ئەمدى كۆردىكى، ھازىرقى ھەربىي قىسىمنىڭ ئەسكەرلىرى مىلتىق ئەمەس، ھەر خىل زامانىۋى قوراللار، كىچىك تىپتىكى ئۇچقۇلار، بىروۋنىك ماشىنىلار بىلەن قوراللانغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ مەشىقىمۇ ئۇنىڭ كۆزىگە باشقىچە كۆرۈندى. ئۇز ۋاقتىدا ھەربىي قىسىمنىڭ تەمىناتىمۇ ئانچە ياخشى ئەمەس بولۇپ، ئايدا بېرىدىغان تۇرمۇش فۇلى پەقەت بەش-ئون سوم ئەتراپىدا ئىدى،شۇنداق بولغاچقا،ئۇ ھەر دائىم ئەتراپتىكى دېھقانلارنىڭ باغ-ۋاۋانلىرىغا ئوغرىلىققا كىرىپ، مېۋە-چىۋە ۋە غاز. -توخۇلارنى ئوغرىلاپ يېيىشنى ئادەت قىلىۋالغان ئىدى. شۇ سەۋەبتىن ئاخىرىدا بىر قېتىملىق ئوغرىلىق ۋەقەسىدە، مال ئىگىسى بىلەن توقۇنۇشۇپ قېلىپ، قاتىلغا ئايلىنىپ قالغانىدى. ئۇ بۇنى خىيال قىلغاندا باشقىچە ئويلىنىپ قالدى: ھەتتىڭەي، ھازىرقى ۋاقىتتا ئەسكەر بولۇپ قالغان بولسام بەكمۇ ياخشى بولاتتىكەنمۇ نېمە؟ شۇنداق بولغاندا بەلكى ئوغرىلىق قىلىپمۇ يۈرمەس ئىدىم. ئادەم ئۆلتۈرۈپ قالتىلمۇ بولۇپ قالماس ئىدىم. ئۇنىڭ،ئەكسىچە ھەربىيلىكنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ،خىزمەت كۆرسىتىپ يۇقىرى مەنسەپكە ئۆسكەن بولاتتىم. بۇ چاغقا تۆۋىنى ئۈرۈمچىدىكى بىرەر نازارەتلەردە ياكى بولمىسا ئىچكىردىكى سەپداشلىرىمدەك مەركىزىي كومىتېتلارغىچە ئۆسكەن بولار ئىدىم. ئەپسۇس!»
چاشكا ۋاقتى بولاي دېگەن ئىدى، ئۇلار ساقلاپ تاقەتسىزلىنىپ تۇرغان ۋاقىتتا سەپدىشى، ھەربىي قىسىم سىياسىي كومىسسارى خەن يېتىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ماشىنىدا ئولتۇرۇپ ئۈچ ئۆستەڭ يېزىلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپكە يېتىپ كەلدى. مەكتەپنىڭ ئىچى ۋە تېشى ئالاھىدە خىتاي ئۇسۇلىدا قىزىل پانۇسلار بېزەلگەن بولۇپ، كەڭ مەيدانغا نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار يىغىلغان ئىدى. ئوتتۇرىسىدا يەنە نۇرغۇن ياشانغان ئەر-ئاياللار ئولتۇراتتى. بىر بىر بۇلۇڭدا قوشماق تۇغقان ئوبېكتى بولغان تەخمىنەن 100ئەتراپىدا ئۆسمۈر قىز-ئوغۇل بالىلار تىزىلدۇرۇپ قويۇلغان ئىدى.
كەلگۈندى مېھمانلار مەيدانغا يېتىپ كېلىپ، سەھنىنىڭ ئوتتۇرىدىن بىر يەردىن ئورۇن ئالدى.شۇنىڭدىن كېيىن مەكتەپ مۇدىرى بولسا كېرەك،بىر قېرى تەتەي خىرقىرىغانچە چىرقىراپ بۈگۈنكى«قوشماق تۇغقانلىشىش پائالىيىتى»نىڭ باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى. سەھنىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئۈستەلگە ئاشۇ بالىلارنىڭ ئىسىملىرى يېزىپ قويۇلغان بولۇپ، قوشماق تۇغقان بولۇش ئۈچۈن كەلگەن خىتايلار ئۆزلىرى خالىغان ئىسىمنى كارتوچكىسىنى ئېلىپ، ئاشۇ ئىسىمدىكى بالىنى چاقىرىپ، ئۆزىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن «قوشماق تۇغقان»بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىۋاتاتتى. مانا قېرى ۋاڭغا نۆۋەت كەلدى، ئۇ ئىسىم كارتوچكا قەغىزىدىن بىرنى ئېلىپ ئوقۇدى. ئۇنىڭغا: ما ي لا ئىسىملىك بىر قىزنىڭ ئىسمى چىقتى، ئۇ ئىسىم قەغىزىنى كۆتۈرۈپ بېرىپ، ئۇ قىزنى چاقىرىۋىدى، مەن« ما يى لا»دەپ بىر قىز قولىنى كۆتۈردى. ئەر-يال ۋاڭلار ئۇ قىزنى كۆرۈپ، ئۆز كۆزىگە ئىشەنمەي قالدى،بەدىنى خۇددى سۈتتەك ئاپپاق، يۇمىلاق يۈزلۈك، قاڭشارلىق ۋە بوتا كۆز بىر چىرايلىق قىز ئۇلارنىڭ كۆزىگە ئىلىندى.ئۇلار قىزنىڭ يېنىغا بېرىپ خىتايچە گەپ سورىۋىدى، ئۇ قىز خېلى راۋان خىتاي تىلىدا جاۋاب بەردى. شۇنىڭ بىلەن قېرى ۋاڭ ۋە تەتەي ۋاڭ مەكتەپ رەھبەرلىرىگە ئۇ قىزنىڭ ئىسمىنى مەلۇم قىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن قوشماق تۇغقان بولۇشنى ۋە بالا قىلىۋېلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
-ما يى لا-دەپ چاقىردى بىر تەتەي ئوقۇتقۇچى ۋە ئۇنى قولىدىن يېتىلەپ كېلىپ قېرى ۋاڭ بىلەن تەتەي ۋاڭنى كۆرسىتىپ، مانا بۇلار سېنىڭ قوشماق تۇغقىنىڭ بولىدۇ. ئۇلار سېنى بالا قىلىشنى ئويلاشتى، سەن ئۇلار بىلەن ئىچكىرىگە بېرىپ بىللە ياشاشنى خالامسەن؟-دەپ، ماھىرەنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ قارىدى. ماھىرە يەرگە قاراپ بىردەم تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن: ئاپام-ئاتامدىن سوراپ باقسام بولامدۇ؟-دەپ جاۋاب قايتۇردى، ئوقۇتقۇچى ئۇنىڭغا شۇئان رەددىيە بېرىپ: بولمايدۇ. سېنىڭ ئاتا-ئاناڭ ھازىر بۇ يەردە ئەمەس، ئۇلار باشقا بىر يەردە مەكتەپتە ئوقۇۋاتىدۇ، سەن بۇنىڭغا ئۆزەڭ جاۋاب بېرىشىڭ كېرەك! ماقۇل دېگىن! ئۇلار سېنى چوڭ شەھەرلەرگە ئېلىپ بېرىپ، ئېسىل تۇرمۇش شارائىتىغا ئىگە قىلىدۇ. سېنى ئوقۇتۇپ تەربىيەلەيدۇ.ماھىرە يەنىلا ئېنىق جاۋاب بېرەلمەي بېشىنى تۆۋەنگە ساڭگىلىتىپ قاراپ تۇراتتى، ئوقۇتقۇچى ئۇنى قولىدىن يېتىلگەنچە سەھنىگە ئېلىپ چىقىپ، بىر پارچە قەغەزنى تۇتقۇزدى.ئاندىن: مانا، بۇنىڭغا ئىمزا قوي، بىز ئۈچئۆستەڭ يېزىلىق بىرىنچى باشلانغۇچ مەكتەپكە ۋاكالىتەن سېنى ئۇلارغا بالىلىق بولۇشقا بەردۇق، بۇنىڭغا خوش بولغىن!-دەپ بېسىم قىلغاندەك گەپ قىلىۋىدى، ماھىرە قولىغا قەلەمنى ئېلىپ، قەغەزگە ئىمزا قويۇشقا مەجبۇر بولدى.
قېرى ۋاڭ بىلەن تەتەي ۋاڭنىڭ ئاغزى خوشاللىقتىن ئاغزى قولىغا يېتىپ كېتىشكەن ئىدى. ئۇ شۇ كۈنىلا ئۈچئۆستەڭ يېزىلىق ھۆكۈمەت-مائارىپ كومىتېتىنىڭ ئەمەلدارلىرى بىلەن سۆزلىشىپ،ماھىرەنى بېقىۋالغانلىق توغرىسىدا توختامنى تۈزۈشۈپ،قايتىپ چىقىشتى، ئاندىن ئۈچ ئۆستەڭ يېزىسىدىن ئايرىلىپ، كۇچا شەھىرىگە كېلىپ، سەپدىشى كۇچا شەھەرلىك پارتكومنىڭ سېكرىتارىغا ئەھۋالنى مەلۇم قىلىپ،ئۇنىڭ بىلەن خوشلاشقاندىن كېيىن، ئەتىسىلا پويىز بېلىتىنى ئېلىپ ئۈرۈمچىگە قاراپ يولغا چىقتى
ئۈرۈمچى پويىز بېكىتىگە، ئۇلارنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن ئوغلى كىچىك ۋاڭ چىققان ئىدى.ئەسلىدە قېرى ۋاڭ ئوغلى كىچىك ۋاڭغا ئۈچئۆستەڭدىكى ۋاقتىدىلا بۇ ئىشنى مەسلىھەت سالغان بولۇپ، ئۇنىڭغا بىر ئۇيغۇر قىزىنى بېقىۋېلىش ئۈچۈن ئېلىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئېيتقاندا، قارشىلىققا دۇچ كەلگەن ئىدى:
-سەن ئۇيغۇرلارغا بەك ئۆچ ئىدىڭغۇ دادا، ئۇنى بالا قىلىۋېلىپ نېمە قىلىسەن؟ تۇرمۇشۇڭلارغا قىيىنچىلىق ئېلىپ كەلمەمدۇ؟ بەلكى كۈنلەرنىڭ بىرىدە، بىزگە دۈشمەنلىك قىلىشىمۇ مۇمكىن؟
-دېگىنىڭ توغرا ئوغلۇم، مەن ئۇيغۇر دېگەن بو ياۋايىلارغا بەك ئۆچ، ئۇلار مېنى ئۆز ۋاقتىدا قاتىل دېيىشىپ، ئۈستىمدىن ئەرز-شىكايەت قىلمىغان بولسا،مېنىڭ ئورنۇم ھازىرقىدىن باشقىچە بولغان بولاتتى. ئەمما بۇ ئۆچمەنلىك بىلەن ئۇنى بېقىۋېلىش باشقا -باشقا بىر ئىش، مەنمۇ ئۇنى ياخشى كۆرمەيمەن.
-ئۇنداق بولسا،ئۇنى نېمىشكە بېقىۋالىسەن،باشقا بىرەر مەقسىتىڭ بارمۇ نېمە؟
-شۇنداق ئوغلۇم، بىز ئۇنى بېقىۋېلىپ چوڭ قىلغاندىن كېيىن، بىزگە پايدا يەتكۈزىدىغان تاۋارغا ئايلاندۇرايمىكىن دەيمەن.
-ئۇنىڭغا ماقۇل دەمدۇ،ناۋادا قارشىلىق قىلىپ قالسا،ساڭا ئاۋارىچىلىق تېپىپ بېرەرمىكىن؟
-ياق، ئوغلۇم، ناۋادا قارشىلىق قىلىپ قالسا، مەن ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتىشىم مۇمكىن!
-ھىم، ئۇنداقتا، مەيلى!
ۋاڭ پويىزدىن بىر كىچىك قىزنى يېتىلەپ چۈشكەن ئاتا-ئانىسىنى كۆرۈپ ئۆز كۆزىگە ئىشەنمەيلا قالدى. يۇمىلاق يۈزلۈك ئۇ قىز بەكلا چىرايلىق ۋە ئوماق ئىدى. دادام توغرا ئويلاپتۇ!-دەپ ئويلىدى ئىچىدە-ئۇ بىر گۆھەر ئىكەن، بۇنداق بىر قىز چوڭ بولغاندا، ئىچكىرىدە ئۇنى چوڭ ئىش ئۈچۈن پايدىلانغىلى بولىدۇ، بەلكى ئۇنىڭ پايدىسىنى مەنمۇ كۆرۈپ قالارمەن!
قېرى ۋاڭ ۋە تەتەي ۋاڭلار ماھىرەنى يېتىلىپ ئوغلىغا يېقىنلاشتى. قېرى ۋاڭ ھىجايغىنىچە ماھىرەگە قاراپ:بۇ سېنىڭ ئاكاڭ بولىدۇ. ئۇنى ئاكا دېگىن!-دېۋىدى. ماھىرە كىچىك ۋاڭغا قاراپ، ھېچ نېمە دېمەستىن داڭ قېتىپلا تۇرۇپ قالدى. ئۇ ۋاڭنىڭ كۆزىدىن بىر خىل شۇملۇقنىڭ ئالامىتىنى سەزگەندەك قىلاتتى.ئۇنىڭ بالىلىق چۈشەنچىسىگە: ئەسكەر ۋە ساقچىلار-ئەسكى ئادەملەر دەيدىغان قاراش ئورۇنلىشىپ كەتكەن بولغاچقا، ئۇنىڭغا ئېغىز ئېچىشنى خالىمايۋاتاتتى. قېرى ۋاڭ ئۇنىڭغا: نېمىگە قاراپ تۇرىسەن؟ گەپ قىلمامسەن-دېۋىدى، ماھىرە ئېسىگە كەلگەندەك بولۇپ، قېرى ۋاڭغا قاراپ:بۇ كىم بولىدۇ؟ مېنىڭ ئۇنداق ئاكام يوق ئىدىغۇ؟-دەپ جاۋاب بەردى.
بۇنىڭ بىلەن قېرى ۋاڭ ماھىرىگە چۈشەندۈرۈشكە مەجبۇر بولدى: ئۇ بىزنىڭ يالغۇز ئوغلىمىز بولىدۇ، ھازىر سەن بىزگە بالا بولدۇڭ، ئۇنداق بولغاندىن كېيىن سىلەر بىر تۇغقان بولىسىلەر، ئۇنى ئەمدى سەن ئاكا دېسەڭ ياخشى بولىدۇ. ئۇنى ئاكا دېمىسەڭ، قانداق بىر تۇغقان بولىسىلەر؟
ماھىرە يەنە ئويلىنىپ تۇرۇپ قالدى.ئۇنىڭ كىچىك ۋاڭنى قەتئىي ئاكا دېگۈسى كەلمەيۋاتاتتى.ئۇ قېرى ۋاڭغا قارىۋىدى، ئۇنىڭمۇ ئۆزىگە قاراۋاتقانلىقىنى سېزىپ، گەپ قىلىشقا مەجبۇر بولدى: مەن سىزنى تاغا دەي بولامدۇ؟-ۋاڭ تاغا دەپ،يەرگە قاراپ تۇرۇۋالدى.
-مەيلى،شۇنداق دېسەڭمۇ بولىدۇ-دېدى قېرى ۋاڭ ئاندىن،غەلىتە ھالەتتە چەكچىيىپ تۇرغان ئوغلىغا قاراپ، بىر كۆزىنى قىسىپ قويدى.
پويىز ئىستانسىسىدىكى مۇشۇنداق غەلىتە ئۇچرىشىش بىر ئاش پىشىم ۋاقتىغىچە داۋام قىلغاندىن كېيىن، كىچىك ۋاڭنىڭ تەكلىپى بىلەن قېرى ۋاڭ ۋە تەتەي ۋاڭلار ئۇنىڭ ماشىنىسىغا چىقىپ، ئالدىنقى قېتىم ئۈرۈمچىدە تۇرغان ۋاقتىدا تاماق يېگەن بىر ئاشخانىغا كىرىپ،كەچلىك تاماق يېيىش ئۈچۈن ئولتۇرۇشتى.كىچىك ۋاڭ ساۋاقدىشى جاڭنىمۇ بۇ يەرگە تەكلىپ قىلغان ئىدى. جاڭمۇ ئۇزاق قالمايلا مەجبۇرى خوتۇنلۇققا ئېلىۋالغان ئۇيغۇر ئايالى گۈلمىرەنى ئېلىپ يېتىپ كەلدى.
مېھمانلار ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىنغاندىن كېيىن، گۈلمىرەنىڭ تەتەي ۋاڭنىڭ يېنىدا تىرنىقىنى تاتلاپ ئولتۇرغان ماھىرەگە كۆزى چۈشتى.ئۇ:«بۇ ئۇيغۇر قىزى ئىكەنغۇ، بۇ يەردە نېمە ئىش قىلىدىغاندۇ؟»دەپ ئويلىدى-دە،شۇنىڭ بىلەن ئۇ،جاڭنىڭ يېنىدا ئولتۇرماستىن،ماھىرەنىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇردى. تاماق پىشقىچە بولغان ئارىلىقتا مېھمانلار ئۆزئارا پاراڭغا چۈشۈپ كېتىشكەن ئىدى. گۈلمىرە باشقىلاردىن سوراشنىڭ ئورنىغا ئۆزىدىنلا سوراي دەپ، ماھىرەدىن:سىز كىم بولىسىز؟-دەپ، سورىۋىدى، ماھىرە: مەن،مەن-دەپ،ھۇدۇققانچە نېمە دېيىشنى بىلمەي تۇرۇپ قېلىۋىدى،تەتەي ۋاڭ گەپكە ئارىلىشىپ: ئۇنىڭ ئىسمى ما ي لا، بىز ئۇنى بالا قىلىۋالدۇق دەپ، چىشى تۈلكىدەك ھىجىيىپ قويدى. تەتەي ۋاڭنىڭ گېپىنى ئاڭلىغان گۈلمىرەنىڭ كۆڭلى بىر قىسما بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ خىيالىغا بۇ قىزنىڭمۇ، بەلكى ئۆزىگە ئوخشاش مەجبۇرلانغان بىر قۇربانلىق ئىكەنلىكىنى سەزمەكتە ئىدى.
گۈلمىرە«خىتايچە سورىسام باشقىلار بىلىپ قالمىسۇن»دېگەنننى ئويلاپ،ئاستا قىلىپ ئۇيغۇرچە سورىدى: سىز قەيەرلىك، ئاتا-ئانىڭىز بارمۇ؟ ماھىرە گۈلمىرەنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىشنىڭ ئورنىغا بېشىنى چايقاپ يەرگە قاراپ جىم تۇراتتى.ئۇ: «نېمە دېيىشنى بىلمەيۋاتامدۇ ياكى ئۇ گەپلەرنى دېسەم، ماڭا ياخشى بولمايدۇ»دەپ ئويلاپ قالدىمۇ قانداق؟-گەپ قىلىشنى خالىمايۋاتاتتى.
شۇنىڭدىن كېيىن گۈلمىرەمۇ «بەلكى بۇ قىز بىر نەرسىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقان ئوخشايدۇ »دېگەننى خىيالىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئۇنىڭدىن ئارتۇقچە گەپ سورىمىدى. مېھمانلار يېيىشىپ، ئىچىشىپ، تازا ۋاراڭ-چۇرۇڭ قاينىغىلى تۇرغاندا ماھىرە پەس ئاۋازدا گۈلمىرەگە : ئاچا، يانفونىڭىز بەك چىرايلىق ئىكەن، كۆرۈپ باقسام بولامدۇ؟-دەپ سورىدى. گۈلمىرە بىر ئىشنى سەزگەندەك دەرھال ئۇنىڭغا يانفونىنى تۇتقۇزۇپ قويدى. ماھىرە پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ،گۈلمىرەنىڭ يانفونىغا مۇنداق ئۇچۇرلارنى يېزىپ قويۇشقا مۇۋاپپەق بولدى :« مېنىڭ ئىسمىم ماھىرە،مەن كۇچا شەھەر-ئۈچ ئۆستەڭ يېزىسىدىن،ئاتا-ئانام قايتا تەربىيەلىنىشكە ئېلىپ كېتىلگەن، ئاتامنىڭ ئىسمى مەمەت قارى، ئاپامنىڭ ئىسمى ئارزۇگۈل. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇلارغا، مېنىڭ ئەھۋالىمنى يەتكۈزۈپ قويالارسىزمۇ؟»
گۈلمىرە يانفونىنى قولىغا ئېلىپ خەتنى ئوقۇدى ۋە چۈشەندى.ئەمما،ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي يىغلىۋەتكىلى تاسلا قالدى.ئۇ بۇ قىزنىڭمۇ ئۆزىگە ئوخشاش تەقدىرگە يولۇققانلىقىنى،بۇ قېرى خىتايلار تەرپىدىن مەجبۇرى بالا قىلىۋېلىنغانلىقىنى ئويلاپ، قاتتىق ئازابلانماقتا ئۇ ئىدى. گۈلمىرە دەماللىققا نېمە دېيىشنى بىلەلمەي، خىيالغا چۆكۈپ، جىم تۇرۇپ قالدى.ئەمما،بىراز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن،پەس ئاۋازدا ماھىرەنىڭ قۇلىقىغا پىچىرلىدى: ئامانىتىڭىزنى ئورۇنلايمەن، خاتىرجەم بولۇڭ!
مېھمانلارنىڭ قايتىدىغان ۋاقتى توشقان ئىدى. قېرى ۋاڭ بىلەن تەتەي ۋاڭ بېقىۋالغان قىزى ماھىرەنى ئېلىپ، ئايروپىلان بىلەن يۇرتىغا قاراپ يولغا چىقتى. ئالاھازەل 6 سائەت ئۇچقاندىن كېيىن، ئۇلار شەندۇڭ ئۆلكىسىگە يېتىپ كېلىپ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ، ئۆزى تۇرۇۋاتقان باشقا بىر شەھەرگە يېتىپ كەلدى. ئۇلارنىڭ ئۆيى بىر قەۋەتلىك بىنانىڭ ئىككىنچى قەۋىتىدىكى 3 ئېغىزلىق بىر ئۆي بولۇپ، خېلى يامان ئەمەس سەرەمجانلاشتۇرۇلغاندەك قىلاتتى. قېرى ۋاڭ بىلەن تەتەي ۋاڭلار يۈك-تاقلىرىنى جايلاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، كىچىك بىر ئېغىزلىق ئۆينى ماھىرەگە كۆرسىتىپ: مانا بۇ ئۆي-ئاكاڭنىڭ ئۆيى ئىدى،ئەمدى سەن يېتىپ تۇرغىن، ناۋادا ئاكاڭ كېلىپ قالسا باشقىچە بىر ئامال قىلارمىز-دەپ،ئۇنىڭغا چاماداننى ئېلىپ كىرىشنى بۇيرۇدى،ئاندىن ئىشكاپلاردىن قانداق پايدىلىنىشنى كۆرسىتىپ قويۇپ،ئارام ئېلىش ئۈچۈن چىقىپ كېتىشتى.
ماھىرە كىيىم-كېچەكلىرىنى يىغىشتۇرۇپ بولۇپ، چاماداننى كاراۋات ئاستىغا يەرلەشتۈرۈپ قويۇپ قويدى-دە، ئاندىن كارۋاتتا ئولتۇرۇپ، ئەمدى نېمە قىلىشنى بىلمەي، كۆڭلى يېرىم بولغان ھالدا خىيالغا كەتتى :«مەن نەگە كېلىپ قالدىم، نېمىشقا مېنى ئاتا ئانامدىن ئايرىۋېتىپ، باشقىلارغا بېرىۋېتىدۇ،بۇ قانداق ئىش؟ مەن بىر كىچىك بالا تۇرسام، نېمىشقا مېنى ئۇزاق بىر يەرگە ئېلىپ كېتىدۇ؟»
ئۇ نۇرغۇن خىياللارنى قىلدى،ئەمما ئۇ خىيالىغا ھېچقانداق جاۋاب تاپالمىدى. ئۇنىڭ: «ئاتا-ئانا! سىلەر نەدە؟ نېمىشقا مېنى باشقىلارغا بېرىۋېتىسىلەر؟»-دەپ ۋاقىرىغۇسى كەلدى. ئەمما ئۇ، شۇئان ئاتا-ئانىسىنىڭ قىزى ئۈچۈن باغرى كۆيۈپ، يۈرەكلىرى پارە-پارە بولۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى بىلمەيتتى، ئەلۋەتتە!
ئىشىك غىچىلداپ، تەتەي ۋاڭ كىرىپ ئۇنىڭ خىيالىنى بۆلىۋەتتى. ئۇنىڭ قولىدا بىر پارچە بولكا نان بىلەن بىر ئىستاكان چاي تۇراتتى.
– مانا بۇ بولكىنى يېگىن، كەچتە ئۆيدە تاماق ئېتىش ئىمكانىيىتى يوق، ئەتىگىچە سودا-سېتىق قىلىپ، ئۇنىڭدىن كېيىن تاماق قىلساق بولىدۇ. بولكىنى يەپ بولغاندىن كېيىن، ئۇخلىغىن!-دەپ چىقىپ كەتتى. ماھىرە ئۇخلاپ قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن تاڭ؟ بىر ۋاقىتتا ئۇ چۈش كۆرۈپ،توۋلىغانچە ئويغىنىپ كەتتى، ئۇ مۇنداق چۈش كۆرگەن ئىدى:«ماھىرەنىڭ ئانىسى ئارزۇگۈل ئاپپاق كىيىملىك بىر پەرىشتىگە ئايلىنىپ قالغان بولۇپ، ئۇ ئاسماندا ئۇچۇپ، ماھىرەنىڭ ياتىقىنىڭ ئۇدۇلىغا كېلىپ: ماھىرە قىزىم، سىز نەدە، سىزنى كىم ئېلىپ كەتتى؟ مەن سىزنى ئالغىلى كەلدىم جېنىم قىزىم،مەن بىلەن مېڭىڭ، بىللە يۇرتىمىزغا كېتەيلى!-دەپ ۋاقىراۋاتاتتى. ماھىرە ئانىسىنىڭ ۋاقىرىغان ئاۋازى ئاڭلاپ:ئانا،جېنىم ئانا! مەن ماۋۇ يەردە، مېنى تېزدىن ئېلىپ كەتكەن بولسىڭىز؟-دەپ ۋاقىرىغانچە ئويغىنىپ كەتتى.
ماھىرەنىڭ ۋاقىرىغان ئاۋازى، قېرى ۋاڭ بىلەن تەتەي ۋاڭلارغىمۇ ئاڭلانغان بولۇپ، ئۇلارمۇ ئويغىنىپ كەتكەن چېغى، ماھىرەنىڭ ياتاق ئۆيىگە كىرىپ، ئۇنىڭغا ۋاقىراپ كېتىشتى : نېمە دەپ جۆلۈۋاتىسەن؟ سېنىڭ ئاناڭ يوق! سەن بىزنىڭ بېقىۋالغان بالىمىز، سېنىڭ ئاتا-ئاناڭ ئۆلۈپ كەتكەن. ئەمدى ئۇلارنى ئۇنتۇلۇپ كەت!
ماھىرە لام-جىم دېمەي، بېشىنى يوتقاننىڭ ئىچىگە تىقىپ يېتىۋالدى. ئەمما ئۇنىڭ، قۇلاق تۈۋىدە، قېرى ۋاڭ ۋە تەتەي ۋاڭلارنىڭ ئۇنىڭغا ۋاقىرىغان:«ئۇنتۇپ كەت»دېگەن سۆزى ئۇزاققىچە جاراڭلاپ،خۇددى بېشىا توقماق ئۇرۇلغاندەك،ئۇنىڭ ئارامىنى بۇزماقتا ئىدى.ئۇ شۇنىڭدىن كېيىن بىردەم خامۇش ھالەتتە ئۇخلاپ، بىردەم چۈش كۆرۈپ دېگۈدەك جۆيلۈشىنى خېلى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇردى:«ياق،مەن ئۇنتۇمايمەن،مېنىڭ ئاتا-ئانام ئۆلمىدى،ئۇلار چوقۇم ھاتات،ئۇلارنى ئۆلسەممۇ ئۇنتۇمايمەن!»
تاڭ ئاتقان ئىدى، ماھىرە تەتەي ۋاڭنىڭ نوقۇپ ئويغىتىشى بىلەن كۆزىنى ئېچىپ، ئۇنىڭغا قارىۋېدى، تەتەي ۋاڭ ئۇنىڭغا: تېز ئورنىڭدىن تۇر! سىرتقا چىقىمىز، ئۆيگە سودا-سېتىق قىلىشىمىز كېرەك!-دەپ قويۇپ چىقىپ كەتتى. ماھىرە ئورنىدىن تۇرۇپ،مۇنچىىانىدا يۈز -كۆزىنى يۇيۇپ،تارانغاندىن كېيىن،كارىدوردىن ياتاقا ئۆيگە مېڭىۋىدى، تەتەي ۋاڭ ئۇنى يەنە چاقىرىدۇ : بۇ يەرگە كەل، ناشتا قىلىمىز، ئۇنىڭدىن كېيىن سىرتقا چىقىشىمىز كېرەك! شۇنىڭ بىلەن ماھىرە ئاشخانا ئۆيدىكى بىر بۇلۇڭغا قويۇلغان ئۈستەلگە كېلىپ ناشتىلىق ئۈچۈن ئولتۇردى. ئۇنىڭغا تەتەي ۋاڭ بىر ئىستاكان چاي ۋە يەنە بىر تال قۇرۇق بولكا بېرىپ، ئۇنىڭدىن تېزرەك بولۇشنى، بولمىسا دادىسى (قېرى ۋاڭ) نىڭ ئاچچىقى كېلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ،بىكار بولغان قاچىلارنى يىغۇشتۇرغاچ، ماھىرەگە تاكى ئۇ بولكىنى يەپ بولغۇچە،خۇددى ئۇنى نازارەت قىلىۋاتقاندەك قاراپ تۇردى.
تەتەي ۋاڭ ماھىرەنى ئېلىپ،يېقىن ئەتراپتىكى بىر تاللا بازىرىغا كېلىپ ھەر خىل سەي كۆكتات، ئۇن-ماي ھاراق-تاماكا دېگەندەك خېلى جىق نەرسىلەرنى سېتىۋېلىپ، ماھىرەگە كۆتۈرگۈزۈپ، ئۆيگە قايتىپ كەلدى. يولدا ئۇچرىغان تونۇشلىرىدىن بەزىللىرى، بۇ قىزنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى سورىغاندا، ھودۇققان ھالدا ھەر خىل جاۋاپ بېرىۋاتاتتى : ئۇ قىزنى بىز بالا قىلىۋالدۇق، ئاتا-ئانىسى يوق ئىكەن.،تېپىۋالدۇق، بىزگە بېرىۋەتتى….
شۇنىڭدىن كېيىن، ۋاڭ ئائىلىسىنىڭ بىر قىز بالا بېقىۋالغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر پۈتۈن بىنادىكى قوشنا-قولۇملىرىغا ۋە ئەتراپقا يېيىلىپ كەتتى. شۇنىڭدىن كېيىن، بۇ قىز ھەققىدە سوئال سورايدىغانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى:
-نەدىن تېپىپ كەلدىڭلار، بۇ قىز جۇڭگوللۇققا ئوخشىمايدىكەنغۇ؟ چەتئەللىكمۇ؟-دەپ سورىدى بىر قوشنىسى تەتەي ۋاڭدىن،
-ياق، چەتئەللىك ئەمەس، شىنجاڭدىن ئېلىپ كەلدۇق-دەپ جاۋاب بەردى ئۇ قوشنىسىغا تەتەي ۋاڭ-ئۇ يەردە ئاتا-ئانىسى يوق، بالىلار كۆپ ئىكەن،
-پۇلغا سېتىۋالدىڭلارمۇ ياكى ئۇنى گوللاپ ئېلىپ قېچىپ كەلدىڭلارمۇ-دەپ سورىدى يەنە بىر قوشنىسى،
-ياق، پۇلغا سېتىۋالمىدۇق-دەپ جاۋاب بەردى تەتەي ۋاڭ ئۇ قوشنىسىغا-ئۇنىڭ بىلەن قوشماق تۇغقان بولغان ئىدۇق، ئۇ بەك چىرايلىق بولغاچقا، ياقتۇرۇپ قېلىپ، ھۆكۈمەتكە ئىلتىماس سۇنغان ئىدۇق، شۇنىڭ بىلەن يەرلىك ھۆكۈمەت ئۇنى بىزگە بالا قىلىۋېلىشقا بېرىۋەتتى.
-ئۇ قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى بارمۇ،ئۇلار قوشۇلغانمۇ؟-دەپ سورىدى يەنە بىر قوشنىسى تەتەي ۋاڭدىن،
-ياق،ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى يوق،ئۆلۈپ كەتكەن ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ دۆلەت ئىلكىگە ئۆتكۈزىۋېلىنغان ئىكەن،شۇڭا،دۆلەتكە ئىلتىماس قىلغان ئىدۇق،تەلىۋىمىزگە قوشۇلۇپ،ئۇنى بىزگە بېرىۋەتتى.
-ئۇ خەنزۇ تىلى بىلەمدۇ؟ ئۇنى مەكتەپتە ئوقۇتامسىلە؟-دەپ سورىدى بىر تونۇشى ئۇنىڭدىن،
-ھەئە،ئۇ خەنزۇ تىلىنى بىراز بىلىدۇ، ئەمدى بىزدىن ئۆگىنىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن مەكتەپتە ئوقۇتىمىز!
-ئۇنى باققىنىڭلار ئۈچۈن ھۆكۈمەت سىلىگە پۇل بېرەمدۇ؟-دەپ سورىدى بىر باشقا قوشنىسى ئۇنىڭدىن،
-ئەلۋەتتە بېرىشى مۇمكىن! -دەپ جاۋاب بەردى تەتەي ۋاڭ-بىز ئۇنىڭغا بالىلار پاراۋانلىق پۇلى ھەل قىلماقچىمىز، بولمىسا ئۇنى ئازغىنە پېنسىيە مائاشىمىز بىلەن باقالايتۇقمۇ؟
-توغرا، ئويلاپسىلەر، شۇنداق قىلىڭلار! بولمىسا ئۇنى ئوقۇتۇش چىقىملىرىنى قانداق قامدىغىلى بولىدۇ؟ تېخى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇسا، ئىشنىڭ چاتىقى شۇ، ئۇنىڭغا ئاز پۇل كەتمەيدۇ.
-ھىم، ھىم، ئالىي مەكتەپ؟….. تېڭىرقاپ تۇرۇپ قالدى تەتەي ۋاڭ، بەلكى ئۇ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيالىشى ناتايىن، ھېچ بولمىغاندا، بىرەر كەسپىي مەكتەپ بولسىمۇ ئوقۇپ قالار!-دەپ ئويلاۋاتىمىز،
بۇمۇ توغرا-دەپ جاۋاب بەردى ئۇ قوشنىسى يەنە-كەسپىي مەكتەپلەر بىزنىڭ شەھەرنىڭ ئۆزىدىمۇ بار، ئۇنىڭغا ئانچە جىق چىقىم كەتمەيدۇ.
-بەلكى ئۇنىڭدىمۇ ئوقۇيالىشى ناتايىن-دېدى تەتەي ۋاڭ چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ-بۇ يەردە ئوتتۇرا مەكتەپكىچە ئوقۇسىمۇ ئىش تاپالايدىغۇ؟ ئۇنداقكەن يۇقۇرى مەكتەپتە ئوقۇتۇشنىڭ نېمە ھاجىتى؟ ئىشلەپ جېنىنى باقسىلا بولمىدىمۇ؟
-ئۇنى ئىشلە دېگەندىن بىرەر بايۋەچچىگە ياتلىق قىلساڭلار، سىلىگە نۇرغۇن پۇل تېپىپ بېرىشى مۇمكىن!-دېدى بىر يان قوشنىسى تەتەي ۋاڭغا ئەقىل ئۆگىتىپ،
-ھە، شۇنداقمۇ؟-دېدى تەتەي ۋاڭ كۆزىنى چەكچەيتىپ، بەلكىم شۇنداق قىلارمىز، ئۇمۇ بولىدىغان ئىش ئىكەن، رەھمەت سىزگە، بەلەن مەسلىھەت بەردىڭىز، يەنە كۆرۈشىمىز!
بۇ ئىش قېرى ۋاڭنىڭ ماجاڭ ئوينايدىغان دوستلار ئارىسىغىمۇ تارقالغان بولۇپ، ئۇ بۈگۈن يىغىلىپ ماجاڭ ئويۇنى ئوينىغىلى بارغان ئىدى. ئويۇن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ماجاڭچىلاردىن بىرسى شۇنداق سوئال سورىدى: سېنى شىنجاڭغا بېرىپ،بىر قىز سېتىۋېلىپتۇ دەپ ئاڭلىدۇق، راستمۇ؟
-بۇ راست، ئەمما، ئۇنى سېتىۋالمىدىم، بېقىۋالدۇق، بىكارغا بېرىۋېتىشتى.چۈنكى مەن ئۇنىڭ بىلەن قوشماق تۇغقان بولغان ئىدىم، ئۇ ماڭا ياراپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن مەن پەقەت بىر پارچە قەغەزگە ئىلتىماس يېزىپلا، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ تەستىقلىشى بىلەن ئۇنى بالا قىلىۋېلىش ئۈچۈن ئېلىپ كەلدىم شۇ!
-ئۇنى بالا قىلىۋېلىپ نېمە قىلىسەن؟-دېدى ئوتتۇرا بوي، سېمىزراق كەلگەن جىرتاق كۆز بىرسى-نۇرغۇن چىقىم قىلىپ بېقىپ چوڭ قىلىپ قويساڭ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە قېچىپ كەتسە، قانداق قىلىسەن؟
-ھىم! قېچىپ كېتەلمەيدۇ.چۈنكى مەن ئۇنىڭغا ھېچقاچان پۇل بەرمەيمەن. ھەم پۇل يىغقىلىمۇ قويمايمەن! ئۇنداقتا، ئۇ نەچچە مىڭ كىلومېتىر ئۇزاق يولغا مېڭىپ كېتەلەمتى؟
-ناۋادا چوڭ بولۇپ، ئۆزى ئىشلەپ پۇل تاپسىچۇ، ئۇ چاغدا ئۇنىڭ، پۇت-قولىغا كويزا-كىشەن سېلىپ قويالامتىڭ-دېدى يەنە بىر ئۇرۇقراق كەلگەن،كۆزئەينەكلىك بىر كىشى خىقىرغان ئاۋازدا گەپ قىلىپ،
-ھىم، مەن ئۇنىڭ ئىشلىگەن پۇلنىڭ ھەممىسىنى ئۆزەم ئېلىۋالىمەن. ئۇنىڭغا بىر تىيىنمۇ قالدۇرمايمەن، ئۇنداقتا قانداق قىلالايتتى؟-دەپ جاۋاب بەردى ۋاڭ كۆزىنى چەكچەيتىپ
-ھەرگىزمۇ ئۇنداق قىلغىلى بولمايدۇ-دېدى ئۇ كىشىمۇ بوش كەلمەي، ئۇ ئىشقا چۈشۈپ، پۇل تاپتىمۇ؟ ئۇنداقتا ئۇنىڭ ئەقلى ئۇزىرايدۇ،كۆزى ئېچىلىدۇ.ئۇ چاغدا ئۇ ساڭا بويسۇناتتىمۇ؟
-ھىم!دېدى قېرى ۋاڭ قاپىقىنى تۈرۈپ، ئەگەر ئۇ چوڭ بولۇپ، مېنىڭ دېگەنلىرىمنى ئاڭلىماي ئۆزى خالىغان بويىچە ئىش قىلىمەن دەيدىغان بولسا ياكى نىيىتىنى بۇزۇپ ماڭا خىيانەت قىلماقچى بولسا،مەن ئۇنىڭدىن بۇرۇن چارە قوللىنىپ، ئۇنى بىر تەرەپ قىلىۋېتىشى مۇمكىن مۇمكىن؟
شۇنىڭدىن كېيىن، ياشتا ھەممىدىن چوڭراق بىرسى سوئال سورىماقچى بولۇۋىدى، ۋاڭ ئۇنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلاپ: بولدى قىلىڭلار! مەندىن ئەمدى ئارتۇق سوئال سورىماڭلار، مەن ئۇنى قانداق قىلىشنى ئۆزۈم بىلىمەن-دەپ،سورۇندىن ئايرىلىپ ئۆيىگە قايتىپ كەلدى.
ماھىرە مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇش باشلىدى، ئۇ ئۆز يۇرتىدىكى ۋاقتىدىمۇ، بىراز خىتاي تىلى ئۆگەنگەن بولغاچقا، تېزلا تىلى چىقىپ، يېزىش-ئوقۇش جەھەتتە ئۆلچەمگە يەتكۈدەك سەۋىيىگە كەلدى. شۇنىڭدىن كېيىن،ئۇ كەسپىي دەرسلەردە سىنىپ بويىچە ھەممىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ، ئىمتىھانلاردا ئەڭ يۇقىرى نومۇر ئېلىشقا باشلىدى، ھەتتا بىر نەچچە قېتىم مەكتەپ تەرىپىدىن ئەلاچى ئوقۇغۇچى باھالىنىپ مۇكاپاتلاندى. ماھىرە باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ،ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققان بىرىنچى يىلىلا،«ئەلاچى ئوقۇغۇچى»بولۇپ، مەكتەپ تەرىپىدىن تەقدىرنامە ئالدى ۋە يۈز سوم پۇل بىلەن مۇكاپاتلاندى. ئۇ خوشاللىقىدا مۇكاپاتنى ئېلىپ ئۆيگە كەلگەندىن كېيىن، قېرى ۋاڭ ۋە تەتەي ۋاڭلارغا كۆرسىتىپ، ئۇلارنى بىر خوشال قىلىۋېتەي دەپ ئويلىغان ئىدى، ئەمما ئۇنىڭ كۈتكىنىڭ ئەكسىچە ئىش بولدى. مۇكاپاتنى كۆرگەن ئەر-ئايال ۋاڭلارنىڭ چىرايى تۇتۇلۇپ كەتتى.ئۇلار«تەقدىرنامە»نى قولىغا ئېلىپ قاراپمۇ باقماستىن:بىزگە بەرگىن،ساقلاپ بېرەيلى! بەلكى ساڭا نەرسە كېرەك ئېلىپ بېرىشىمىز مۇمكىن!-دەپ ئۇنىڭ قولىدىكى 100 سومنى تارتىۋېلىپ، يانچۇقىغا سالدى.
مانا شۇنىڭدىن كېيىن، ماھىرەنىڭ بۇ ئۆيدىكى كۈنى تېخىمۇ تەسلىشىپ كەتتى. ئاخشىم-ئەتىسى ئۇنىڭ ئۆيدە دەرس تەكرارلىشىغا يول قويۇلمىدى. تەتەي ۋاڭ ئۇنى قەستەنگە ئىشقا سېلىپ، بۇنى قىلغىن، ئۇنى قىلغىن،موپ بىلەن بىلەن يەرلەرنى پاكىز تازىلىغىن، قاچا-قۇچىلارنى يۇيۇۋەتكىن،ئۇنى قىلغىن،بۇنى قىلغىن….. دەپ ئارامىنى قويمايۋاتاتتى. ھەتتا ئۇنىڭ تامىقىنى قىسىپ، ئاش بەرسە يېرىم قاچا بېرىدىغان، ناشتا قىلغان چاغدا« ئۇنىڭ قورسىقى تويارمۇ-تويماسمۇ؟»دېگەننىمۇ ئويلىماستىن،بىر تاللا بولكا ياكى ھورنان بېرىپ، ئاشلىقتىنمۇ قاتتىق قىيناشقا باشلىدى.
شۇ كۈنلەردە ماھىرە ھەر كۈنى دېگۈدەك بىر خىللا چۈش كۆرىدىغان، چۈشىدە ئاق كىيىملىك بىر پەرىشتىنىڭ ئۇنى چاقىرىپ:« قىزىم ماھىرە، مەن سىزنى ئىزدەپ كەلدىم. سىز نەدە؟»-دەپ قىلغان ساداسى ئاڭلىنىدىغان بولۇپ قالدى.ماھىرەنىڭ بىر كۈنى ئۆينى تازىلاۋېتىپ،تاماق شىرەسى ئۈستىگە قويۇپ قويۇلغان بىر پارچە گېزىت پارچىسىگە كۆزى چۈشۈپ قالدى.گېزىتكە بېرىلىدىغان ئېلان قىسمىنىڭ بىر يېرىگە قەلەم بىلەن سىزىپ قويۇلغان بولۇپ، ئۇ« بۇنىڭغا نېمىشقا قەلەم بىلەن سىزىپ قويۇلغاندۇ؟»-دەپ،ئۇ يەرنى ئوقۇپلا چۆچۈپ كەتتى : بۇ ئېلاندا شۇنداق دېيىلگەن ئىدى:«مېنىڭ ئانام كېسەل بولۇپ بۆرىكى زەخىملەنگەنلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭغا جىددىي بۆرەك ئالماشتۇرۇشقا توغرا كەلدى. ئەگەردە خالىغانلار ئۆزىنىڭ بىر بۆرىكىنى ئىئانە قىلماقچى ياكى سېتىپ بەرمەكچى بولسا، زور سوممىدا سېتىپ ئېلىنىدۇ. شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىدىن: سېكرىتار ۋاڭ مىڭ شەن »
بۇ گېزىتتىكى ئېلاننى ئوقۇغاندىن كېيىن ماھىرەنىڭ كۆڭلىگە ھەرخىل گۇمان كېچىشكە باشلىدى: بەلكى ئۇنى بېقىۋالغان تاغىسى ۋە ھەدىسى بولغان بۇ قېرىلاردىن بىرەرسى ئۆزىنىڭ بۆرىكىنى ئىئانە قىلارمۇ ياكى ساتارمۇ؟ ئەگەر ئۇنداق بولسا،ئۇلار يەنە ياشىيالارمۇ؟ ياكى……
ماھىرە گۇمانىنىڭ ئاخىرىنى چىقىرالمىدى. ئۇ تېخى ئەمدىلا ئۆسمۈرلۈك دەۋرىگە قەدەم قويغان بىر سەبى قىز بولغاچقا،يامان ئىشلار ۋە باشقىلارنىڭ يامان نىيىتىنى خىيالىغا كەلتۈرمەيتتى. بولۇپمۇ ئۆزىنى مەجبۇرى بالا قىلىۋالغان بولسىمۇ، ئانچە-مۇنچە ئاش نان بەرگەنلىكى ئۈچۈن، قېرى ۋاڭ بىلەن تەتەي ۋاڭنىڭ ئۆزىگە يامانلىق قىلىشىنى تېخىمۇ ئويلىمايتتى.
ماھىرە ئۈچۈن ئازابلىق بولغان يەنە بىر كېچە ئۆتۈپ،تاڭ ئاتقان ئىدى. ناشتىلىقتىن كېيىن ماھىرە، مەكتەپكە ماڭماقچى بولۇپ بوغچىسىنى ئېلىپ ئىشىك تۈۋىگە كەلگەندە، سىيا قەلىمى تۈگەپ كەتكەنلىكى ئېسىگە كېلىپ، قېرى ۋاڭدىن پۇل سورىماقچى بولۇپ ئارقىسىغا بۇرۇلۇۋىدى، قېرى ۋاڭنىڭ تۈنۈگۈن ئۈستەل ئۈستىدە ماھىرە كۆرگەن ھېلىقى ئېلان چىقىرىلغان گېزىتنى قاتلاپ، يانچۇقىغا سېلىۋاتقانلىقىغا كۆزى چۈشتى. ماھىرەنىڭ ئۆزىگە قاراۋاتقانلىقىنى كۆرگەن قېرى ۋاڭ ھودۇقۇپ كەتتى-دە،ئۇنىڭغا ۋاقىرىدى: نېمە بولدى، ئارقاڭغا يانماي، مەكتىپىڭگە ماڭمامسەن؟
-ۋاڭ تاغا، ماڭا قەلەم لازىم بولۇپ قالغانىدى، بىر سوم پۇل بەرسىڭىز بولۇپتىكەن؟
-ساڭا بېرىدىغان پۇل يوق، ئۆزىمىز ئېلىپ بېرىمىز، مەكتىپىڭگە مېڭىۋەرگىن!-دەپ قوپاللىق بىلەن ماھىرەنىڭ تەلىپىنى رەت قىلدى قېرى ۋاڭ، ماھىرە كۆڭلى يېرىم بولغان ھالدا ئىشىكتىن چىقىپ، مەكتەپكە قەدەم ئېلىش ئالدىدا:«تەتەي ۋاڭغا دەپ باقسام، ماقۇل دەرمۇ-ياكى؟»دېگەننى ئويلاپ،يەنە قايتىپ كىرمەكچى بولۇپ،ئىشىك ئالدىغا كېلىۋىدى، ئۇلارنىڭ ناھايىتى جىددىلەشكەن ھالدا كوتۇلدىشىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ قالدى: تېز بولمامسەن؟ دېيىشكەن يەرگە بارىدىغانغا كېچىكىپ قالىمىز-دېدى جىددىيلەشكەن ھالدا قېرى ۋاڭ تەتەي ۋاڭغا ۋاقىراپ-ناۋادا كېچىكىپ قالساق،باشقا ئورگان ساتىدىغانلار ئالدىمىزدا بېرىۋېلىپ، بىزگە كەلگەن پۇرسەتنى قاچۇرۇپ قويۇشىمىز مۇمكىن! ئاخشام مەن ساڭا دېدىمغۇ، ئەگەر بۇ بۇ سودىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قىلالىساق، بىز بەكلا باي بولۇپ كېتىمىز!
-ماقۇل، مانا تەييار بولدۇم. ھازىر ماڭايلى دەپ، تەتەي ۋاڭمۇ خىرقىرىغان ھالدا ئېرىنىڭ گېپىگە جاۋاب بېرىۋاتاتتى.
قېرى ۋاڭ سىرتقا چىقىش ئالدىدا تۇراتتى.ماھىرە مېنىڭ ئۇلارنىڭ گېپىنى تىڭشىغانلىقىمنى بىلىپ قالمىسۇن دەپ ئويلاپ، تېز-تېز قەدەم بىلەن كوچا ئاپتوبۇسىغا يېتىشىۋېلىپ، مەكتىپىگە يولغا چىقتى. يولدا بارغاچ ماھىرەنىڭ كاللىسىغا،يەنە شۇلار كەلدى:«ئۇلار بەك باي بولۇپ كېتىمىز دېيىشىۋاتىدۇ-يا، قانداق باي بولۇپ كېتەر؟ راستىنلا ئۆزىنىڭ بۆرىكىنى باشقىلارغا سېتىپ بېرەرمۇ؟ بەلكى قېرىغاندا بۆرىكىمىزنى سېتىپ، ئاخىرقى ئۆمرىمىزدە باي-باياشات ياشىمايمىزمۇ؟-دەپ ئويلىغاندۇ،لېكىن قېرىغاندا بۇ ئىشنى قىلىش،سالامەتلىككە زىيانلىق بولۇشى مۇمكىن! ئۇنداق قىلماڭلار!-دەپ،نەسىھەت قىلسام قانداق بولار؟ ياق!ئۇنداقمۇ قىلماي،ئۇلار بەرى-بىر مېنىڭ نەسىھىتىمنى ئاڭلىمايدۇ.
ماھىرە كەچتە مەكتەپتىن قايتىپ كەلدى.ئۇ ئۆيگە كىرىپلا ھەيران قالدى. ئەتتىگەن قەلەم ئالىمەن دېسە،پۇل بەرمىگەن قېرى ۋاڭ، ئەمدى ئۇنىڭغا قەلەمدىن باشقا بىر مۇنچە ئويۇنچۇق قاتارلىق نەرسىلەردىن ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، ئالدىنقى كۈنلىرىدىكى قوپاللىقلارنىڭ ئەكسىچە،ئۇنىڭغا تۈلكىدەك ھىجىيىپ، سىلىق مۇئامىلە قىلىۋاتاتتى. تەتەي ۋاڭمۇ:«ما يى لا، ساڭا يەنە قانداق نەرسىلەر كېرەك، كىيىم كېچەك ئېلىپ بېرەيلىمۇ؟ ئەتە ھەپتە ئاخىرى بولغاندىن كېيىن، بىز باشقا بىر يەرگە بېرىپ ساياھەت كېلەيلى دەپ ئويلاۋاتىمىز، سېنىمۇ ئېلىپ بارىمىز، ماقۇلمۇ؟»-دېدى ئۇنىڭغا مەككارلارچە ھىجىيىپ،
ماھىرە ئۇلارنىڭ ئەمدىلىكتىكى باشقىچە پوزىتسىيەسىدىن ھەيران قالغان ھالدا جاۋاب بەردى: ماقۇل،سىلەر سىلەر نېمە دېسەڭلار-شۇ بولسۇن، ئەمما دۈشەنبە كۈنى يەنە مەكتەپكە بېرىشىم كېرەك، بالدۇرراق قايتىپ كەلسەك بولامدۇ؟
-بولىدۇ. بۇ قېتىم سەن نېمە دېسەڭ شۇنداق بولىدۇ. بالدۇر قايتىپ كېلىمىز، ئەندىشە قىلما-دېدى تەتەي ۋاڭ سىپايىلىق بىلەن-ئاندىن يەنە قوشۇپ قويدى،سەنمۇ بىزنىڭ گېپىمىزنى ئاڭلىشىڭ كېرەك. بولامدۇ؟
-بولىدۇ.ماقۇل!-دەپ سەبىلەرچە جاۋاب بەردى ماھىرە-مەن سىلەرنىڭ ھەممە گېپىڭلارنى ئاڭلايمەن.
كەچ كىرىپ ئۇخلاش ۋاقتى بولغان ئىدى. ماھىرە كارۋىتىغا چىقىپ، دەرسلىك كىتابتىن بىرنى قولىغا ئېلىپ، ئۇنى ئوقۇغاچ ئۇيقۇسىنىڭ كېلىشىنى كۈتتى ۋە ئۇزاق قالماي ئۇخلاپ قالدى. بىر ۋاقىتتا ئۇ:« نېمە قىلىۋاتىسىلەر؟ مېنىڭ قورسىقىمنى كەسمەڭلار، سىلەر مېنىڭ ئىچكى ئەزالىرىمنى ئوغۇرلىماقچى بولىۋاتامسىلەر؟» دېگەنچە ۋاقىراپ ئويغىنىپ كەتتى. ئۇ چۈش كۆرگەن ئىدى، چۈشىدە:«پويىز بىلەن يولغا چىقىش ئۈچۈن ۋوگزالغا كەلگەن بولۇپ، پويىزغا چىقىش ئالدىدا ئۇ ئىتتىك ماڭىمەن دەپ، يەردىكى بىر مېۋە شۈپىكىگە دەسسىۋېلىپ، پۇتى تېيىلىپ يېقىلىپ كېتىدۇ. شۇ چاغدا يىراقتىن بىر دوختۇر سومكىسىنى كۆتۈرگەن ئىككى كىشى يۈگۈرگەنچە كېلىپ: قوپما، جايىڭدا جىم ياتقىن، مىدىر-سىدىر قىلما! بىز سېنىڭ بۆرىكىڭنى ئالغىلى كەلدۇق-دەپ ئېتىلىپ كېلىپ،ئۇنىڭ قورساق قىسمىنى پىچاق بىلەن يېرىشقا باشلايدۇ».شۇنىڭ بىلەن تىغ تەگكەندە چىم قىلغان ئاغرىقتىن، ماھىرە بىر يېرى ئاغرىغاندەك بولۇپ، ئويغىنىپ كەتكەن ئىدى.
ماھىرە شۇنىڭدىن كېيىن ئۇزاققىچە ئۇخلىيالمىدى. ئۇ ئەتىگەندە ئويلىغان: «قېرى ۋاڭلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى سېتىپ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا باي-باياشات ياشىماقچى بولىۋاتقانلىقى»ھەققىدىكى خىيالى ئۆزگىرىپ، ئەمدى ئۆزىدىن ئەنسىرەشكە باشلىدى. «ئۇلار مېنىڭ ئىچكى ئەزالىرىمنى ساتماقچىمۇ نېمە؟»دېگەن خىيال كاللىسىغا كەلدى-دە، كۆزىگە ياش ئولاشتى. ئەگەر ناۋادا شۇنداق بولۇپ قالسا، ئۇنىڭ ھامان بىر كۈنى كۇچا شەھىرىدە قالغان ئاتا-ئانىسىنى تېپىش ئارزۇسى يوققا چىقىپ،ئارماندا قالغان بولاتتى
ماھىرە ئازابلانماقتا ئىدى،ئۇ كۆزىنى يۇمىۋېلىپ،كىچىك ۋاقتىدا بوۋىسىدىن ئۆگەنگەن«ئايەتەل كۇرسى»دېگەن ئايەتنى ئوقۇماقچى بولدى. ئەمما، ئۇ ئايەتنى ئۇزاق زاماندىن بۇيان ئوقۇپ باقمىغان بولغاچقا،قەتئىي ئېسىگە كەلمەيۋاتاتتى. ئاخىرى ئاييەتەل كۇرسىنى ئېسىگە ئالالماي، ئۆزى بىلگەن ئايەتلەردىن قىسقا بولغان ئىخلاس سۈرىسىنى ئاران-ئاران ئېسىگە ئېلىپ،بىر نەچچە قېتىم ئوقۇدى.ئۇ شۇنىڭدىن كېيىن بىراز خاتىرجەم بولغاندەك بولۇپ، يەنە ئۇخلاپ قالدى.
ئۇ ئۇخلىغاندىن كېيىن، يەنە چۈش كۆردى.بۇ قېتىمقى چۈشى-ئالدىنقى كۈنى كۆرگەن ئاق كىيىمىلىك پەرىشتەنى كۆرگەن چۈش بىلەن ئوخشاش ئىدى. ماھىرە ئەتىگەندە ئويغىنىپ يۈز كۆزىنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن، ناشتا قىلىش ئۈچۈن ئۈستەلگە كەلدى. قېرى ۋاڭ ۋە تەتەي ۋاڭلارنىڭ مۇئامىلىسى يەنىلا سىلىق ئىدى، ئۇنىڭغا ئىلگىرى ئارتۇق بەرمەيدىغان بولكا ۋە مومىلاردىن باشقا يەنە بىر تەخسە تۇخۇم قورۇماسى قورۇپ، ناشتىلىق بەردى. ماھىرە ناشتىلىقتىن كېيىن، مەن تەييارلىقىمنى قىلاي، قاچانلىققا يولغا چىقىمىز؟-دەپ، سورىۋىدى،قېرى ۋاڭلار ئۇنىڭغا يەنىلا سىلىق مۇئامىلە قىلىپ ھىجايغانچە: بۈگۈن كەچتە يولغا چىقىدىغانلىقىنى، ئەتە كەچتە قايتىپ كېلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇشتى.
مانا كەچ كىردى. شەپەق قىزىللىققا پۈركۈنۈش ئالدىدا تۇراتتى. قېرى ۋاڭ بىلەن تەتەي ۋاڭلار ماھىرەنى ئالدىرىتىپ، بىر كىچىك چامداننى ئۇنىڭغا تۇتقۇزدى. ئۆزلىرىمۇ بىر چامادان ئېلىۋالغان بولۇپ،رەسمىي بىر يەرگە بارىدىغان يولۇچى قىياپىتىگە كىرىۋېلىشقان ئىدى.ئۇلار ئەمدى ماھىرەنى ئالدىراتقىلى تۇردى: تېز بولايلى! پويىز بېكىتىگە بېرىشقىمۇ يېرىم سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىت كېتىدۇ-دېدى قېرى ۋاڭ جىددىيلەشكەن ھالدا-كەچ قالساق ياخشى بولمايدۇ.
ماھىرەنىڭ بۇ قېتىملىق سەپەرگە قىلچە كۆڭلى تارتمىغان بولسىمۇ، ئەمما، ئەر -ئايال ۋاڭلارنىڭ زورلىشى ئاستىدا ئۇلار بىلەن بىللە يولغا چىقتى. ئۇلار چوڭ يولغا چىقىپلا بىر تاكسىنى توسۇپ، يېرىم سائەتكە قالمايلا پويىز ئىستانسىسىغا يېتىپ كېلىشتى. قېرى ۋاڭ بەكلا جىددى كۆرۈنەتتى، ئۇ ئۇياقتىن-بۇياققا مېڭىپ، بىرسىنى ئىزدەۋاتقاندەك ھەر تەرەپكە قاراپ، غەلىتە ھەرىكەت قىلىۋاتاتتى. شۇ ئەسنادا ئۇ، يىراقتىن ئۆزلىرىگە قاراپ كېلىۋاتقان ئىككى يوچۇن كىشىنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇلار بىلەن بىردەم كۇسۇلدىشىپ پاراڭلاشقاندىن كېيىن، قايتىپ كېلىپ، كۆزلىرىنى چەكچەيتكەن ھالدا ئالاقزادە بولۇپ : «بۇ يەردىن ماڭمايدىكەنمىز، باشقا يەردىكى بېكەتكە بېرىشىمىز كېرەك ئىكەن»-دەپ، تەتەي ۋاڭ بىلەن ماھىرەنى ئېلىپ سىرتقا چىقىپ، بىر تاكسىغا چىقىرىپ يولغا چىقىشتى. ئارقىدىن ھېلىقى ئىككى يوچۇن كىشى باشقا بىر ماشىنا بىلەن ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن ئەگىشىپ ماڭدى.
ماھىرەنىڭ كۆڭلى بىئارام ئىدى. ئۇ تەتەي ۋاڭدىن: نەگە بارىمىز نەي،نەي؟ -دەپ سورىۋىدى، ئۇ:
-ئەنسىرمە! مەنزىرىلىك بىر جايغا بېرىپ ساياھەت قىلىپ كېلىمىز، قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ساڭا جىق نەرسە-كېرەك ئېلىپ بېرىپ ئېلىپ بېرىمەن-دەپ، ئۇنى بەزلەشكە تىرىشتى. ئاندىن ئۇ يېنىدا كۆتۈرىۋالىدىغان كىچىك سومكىسىدىن تاتلىق-تۇرۇم دېگەندەك نەرسىلەرنى چىقىرىپ ماھىرەگە تۇتقۇزدى. ئارقىدىن يەنە بىر ئاق لاتىغا ئورالغان نەرسىنى چىقىرىپ،قېرى ۋاڭنىڭ ئارقىغا قاراپ ئىشارەت قىلىشى بىلەن، قولىدىكى نەرسىلەرنى ماھىرەنىڭ بۇرنىنىڭ ئۇدۇلىغا ئەكىلىپ سىقىۋېدى، ئۇ نەرسىدىن بىر خىل گازلىق سۇيۇقلۇق چىقىپ، ماھىرە شۇھامان ھوشىدىن كەتتى.
شۇنىڭدىن كېيىن، ئانچە ئۇزاق ماڭمايلا، ئەتراپىدا ئانچە-مۇنچە ئۆيلىرىمۇ بولغان ئورمانلىق بىر ئولتۇراق رايونىغا كەلگەندە،قېرى ۋاڭ تاكسىنى توختىتىپ، ماھىرەنى چۈشۈرۈپ، ئارقىدىكى ماشىنىغا ئالماشتۇرغاندىن كېيىن، كەلگەن تاكسىنى يولغا سېلىپ قويدى. ئاندىن ئۇ يۇچۈن كىشى ھەيدەپ كەلگەن ماشىنا بىلەن ماھىرەنى ئورمانلىق بىر يەرگە ئەكىرىپ، بىر پارچە ئەدىيالدەك نەرسىنى سېلىپلا، ئۇنى ياتقۇزغاندىن كېيىن، ھېلىقى ئىككى يوچۇن كىشى ماشىنىسىدىن بىر دوختۇرلۇق بەلگىسى چۈشۈرۈلگەن ساندۇقنى ئېلىپ چۈشۈپ،شۇ يەرنىڭ ئۆزىدىلا ماھىرەنىڭ قورسىقىنى پىچاق بىلەن يېرىپ، ئۇنىڭ بىر بۆرىكىنى سۇغۇرۇپ ئېلىۋېلىشتىدە، كىچىك ساندۇقچىگە سېلىپ، مەھكەم ئېتىۋېتىشتى،ئاندىن ھەممىسى بىرلىكتە ماھىرەنى يۆلەشتۈرۈپ،ماشىنىغا چىقىرىپ، شۇ كېچىدە يەنە خۇپىيانە ھالدا ئۆيگە قايتىپ كېلىۋېلىشتى.
ماھىرە يېرىم كېچىگە يېقىن ھوشىغا كەلدى. ئۇنىڭ قورسىقىنىڭ سول بېقىنىغا يېقىن تەرىپى ئېچىشىپ ئاغرىۋاتاتتى،ئۇ قولى بىلەن سىلاپ بېقىۋېدى، ئاغىرغان يەرنىڭ داكا بىلەن چاپلاپ قويۇلغانلىقى بىلىندى. بۇنىڭدىن قاتتىق غەلىتىلىك ھېس قىلغان ماھىرە ۋاقىراشقا باشلىدى: ماڭا نېمە بولدى؟ نېمىشقا مېنىڭ قورسىقىمنى تېشىۋەتتىڭلار؟ مېنىڭ ئىچىمدىكى ئەزالىرىمنى ئېلىۋالدىڭلارمۇ؟ نېمىنى ئېلىۋالدىڭلار،بۆرىكىمنى ئېلىۋالدىڭلارمۇ؟ نېمە قىلىسىلەر؟ئۇنى ماڭا قايتۇرۇپ بېرىڭلار!
ماھىرەنىڭ ۋاقىرغان ئاۋازىىنى قېرى ۋاڭ ۋە تەتەي ۋاڭلار قەتئىي ئاڭلىمايۋاتاتتى. چۈنكى ئۇلارمۇ قاتتىق ئۇيقۇدا بولۇپ، شېرىن چۈش كۆرۈپ، نۇرغۇن فۇلنى قۇچاقلاپ، خوشاللىقتىن ئېغىزلىرىمۇ يېرىم ئوچۇق قالغان بولۇپ،خۇددى ئۆلۈكتەكلا ھېچنېمىنى تۇيماستىن ئۇخلىشىۋاتاتتى.ماھىرە يەنە بىر نەچچە قېتىم جېنىنىڭ بارىچە ۋاقىرىدى، ئەمما ھېچكىم ئۇنىڭ يېنىغا چىقمىدى. ئۇنىڭ كۆزى ياشقا تولغان ئىدى، قاتتىق ۋاقىراپ يىغلىغۇسى كەلدى، ئەمما،بەكلا ئاجىزلىشىپ كەتتىمۇ قانداق؟ ئاۋازىمۇ يۇقىرى چىقمايۋاتاتتى. شۇئان ئۇنىڭ ئېسىگە ئۆزىنىڭ ئاتا-ئانىسى كەلدى، ئۇ ئۇلارنىڭ ئىسمىنى تېخىچە ئۇنتۇپ قالمىغان ئىدى، ئۇ ئەمدى ئۇلاردىن مەدەت تىلەپ، ئۇيغۇرچە ۋە خىتايچە ئارىلاشتۇرۇپ ۋاقىرىدى: (ئاتا، ئاپا! نى مېن شى نا گې دى پاڭ لا، جىيۇ سى ۋو لا) ئاتا، ئاپا، سىلەر نەدە؟ مېنى قۇتقۇزىۋېلىڭلا!
يەنىلا ھېچكىمدىن سادا يوق ئىدى. ئۇ كۆڭلى قاتتىق يېرىم بولغانچە، ھەر خىل خىياللار ئىچىدە تۈن يېرىمىدىن ئاشقاندا يەنە ئۇخلاپ قالدى. ئۇ چۈش كۆرۈۋاتاتتى. چۈشىدە ئالدىنقى كۈنى كۆرگەن ئاق كىيىملىك پەرىشتە ئۇنىڭغا يەنە گەپ قىلىۋاتاتتى : «قىزىم قانداق ئەھۋالىڭىز؟ سىزگە نېمە بولدى؟ بىرەرسى يامانلىق قىلىۋاتامدۇ؟ مېنىڭ كۆڭلۈم تۇيىۋاتىدۇ.سىزگە ئەسكى ئادەملەر زىيانكەشلىك قىلماقچى بولىۋېتىپتۇ،مەن ئەمدى ئۇنىڭغا يول قويمايمەن. سىزنى قۇتقۇزۇۋېلىشقا كېلىمەن. مېنى ساقلاڭ! ماھىرە بولسا، ماقۇل، سىز مېنىڭ ئاپامغۇ؟ جېنىم ئاپا،تېز كېلىڭ،مېنى قۇتقۇزۇۋېلىڭ!»-دەپ ۋاقىرغانچە ئويغىنىپ كەتتى.
بۇ قېتىم قېرى ۋاڭ ۋە تەتەي ۋاڭلارمۇ ئويغىنىپ كەتكەن بولۇپ، تەتەي ۋاڭ ماھىرەنىڭ قېشىغا كېلىپ، نېمىگە ۋاقىرايسەن؟ جۆيلىۋاتامسەن؟ قورسىقىڭ ئاچتىمۇ، مەن ساڭا چاي ئەكىلىپ بېرەي-دەپ ئارقىسىغا يېنىپ چىقىپ كەتمەكچى بولدى،شۇ چاغدا ماھىرە ئۇنىڭدىن سورىدى:
-نەي نەي،ماڭا نېمە بولدى؟ نېمىشقا مېنىڭ قورسۇقۇمنى تېشىۋەتتىڭلار؟ مېنىڭ بۆرىكىمنى ئېلىۋالدىڭلارمۇ؟
-ياق،بىز سېنىڭ ھېچنېمەڭنى ئېلىۋالمىدۇق. سوقۇر ئۈچەي كېسىلىڭ قوزغىلىپ، ھوشۇڭدىن كەتكەن ئىدىڭ، بىز سېنى قۇتقۇزۇۋېلىش ئۈچۈن دەرھال ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇپ،سوقۇر ئۈچەيىڭنى ئالدۇرىۋەتتۇق.سەن ئەندىشە قىلما!تېزلا ساقىيىپ كېتىسەن، ساڭا ھېچنېمە بولمايدۇ-دېدى تەتەي ۋاڭ مۇغەمبەرلىك بىلەن كۆزلىرىنى ئوينىتىپ-تۈنۈگۈن كەچتە بىر نەرسە يېمىدىڭ، بەلكىم قورسىقىڭ ئاچقاندۇ، مەن ساڭا چاي بىلەن ھورنان ئەكىرىپ بېرەي دەپ، ئارقىسىغا يېنىپ ھودۇققانچە چىقىپ كەتتى.
ماھىرە يەنە بېقىنىنى سېلاپ بېقىۋىدى،ھەقىقەتەن بېقىنىنىڭ سول تەرپى كېسىلىپ، ئاندىن قايتىدىن تىكىلىپ، داكا بىلەن چاپلاپ ئېتىپ قويۇلغانلىقىنى بىلدى. ئەمما ئۇ ئۆزىنىڭ بۆرىكىنىڭ ئېلىۋېلىنغانلىقىنى قەتئىي بىلمەيتتى. ئۇ تەتەي ۋاڭ ئەكىرىپ بەرگەن چاي ۋە ھورنان بىلەن ناشتا قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ يەنىلا قورسىقى تويمىغان ئادەمدەك كۈچسىز ۋە ئاجىز ئىدى. ئۇ شۇ تەرىقىدە بىر ھەپتىگىچە يېتىپ، تەرىتىگە ئۆزى ئاران چىقىپ دېگۈدەك، ئىنتايىن ئازاپلىق كۈننى ئۆتكۈزمەكتە ئىدى.
بىر ھەپتىدىن كېيىن ماھىرەنىڭ ئوپېراتسىيە قىلىنىشتىن كېسىۋېتىلگەن قورسىقىنىڭ سول يان تەرىپى ساقىيىپ، خېلى راۋان ھەرىكەت قىلالايدىغان بولدى.تەتەي ۋاڭ بولسا، ئۇنىڭغا كۆيۈنگەن قىياپەتكە كىرىۋېلىپ، خېلى يامان ئەمەس تاماقلارنى قىلىپ بېرىۋاتاتتى ھەمدە ئىلگىرى ھېچقاچان ئېلىپ بەرمىگەن كىيىم-كېچەكلىرىمنى ئېلىپ بەردى. ئەمما، ماھىرە ئۆزىنىڭ بۆرىكىنىڭ كېسىۋېتىلگەنلىكىگە بولغان گۇمانىدىن ۋاز كەچمەي، كۈندە دېگۈدەك پۇرسەت بولسىلا، ئۇنىڭدىن سورايتتى: نەينەي،سىلەر مېنىڭ بۆرىكىمنى كېسىپ ئېلىۋالدىڭلارمۇ؟ ئۇنى نېمە قىلدىڭلار؟
-ياق،ئېلىۋالمىدۇق-دەپ،جاۋاب بېرەتتى تەتەي ۋاڭ-ئادەمنىڭ ئىچكى ئورگىنىنى ئېلىۋالسا نېمىگە ئىشلەتكىلى بولاتتى؟
-ئىشلەتكىلى بولىدىكەنغۇ!-دەپ جاۋاب بەردى ماھىرە-مەن گېزىتتىن كۆرگەن، بۆرىكى كېرەكتىن چىققانلارغا، ساق بۆرەك ئىئانە قىلىڭلار دەپ يېزىپتىكەن. ئۇنى ئاڭلىغان تە تەي ۋاڭنىڭ چىرايى تاتىرىپ كەتتى:
-قۇرۇق گەپ قىلما! ھېچنەدە ئۇنداق ئىش يوق، ئەمدى بۇنداق گەپنى ئاغزىڭغا ئالما، بولمىسا، مەن خاپا بولىمەن-دېدى چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ،
-ئۇنداق بولسا،نېمىشقا قورسۇقۇمنىڭ يان تەرىپىنى كېسىۋەتتىڭلار؟-دەپ سورىدى ماھىرە؟
– سەن ئاغرىپ قالغان ئىدىڭ، سوقۇر ئۈچەيىڭنى ئېلىۋەتمىسەك، ھاياتىڭ خەۋىپ ئىچىدە قالاتتى. شۇڭلاشقا، سوقۇر ئۈچەيىڭنى ئالدۇرۋەتتۇق-دەپ،جاۋاپ بەردى تەتەي ۋاڭ،
-ئۇنداق بولسا، مېنى نېمىشقا دوختۇرخانىدا ياتقۇزمىدىڭلار؟ ماھىرەنىڭ بۇ سۇئالىغا جاۋاپ بېرەلمىگەن تەتەي ۋاڭنىڭ ئاغزى تۇۋاقلىنىپ قالدى.ئۇ كېكەچلەپ،بىردەم تۇرۇپ قالغاندىن كېيىن-دوختۇرخانىدا ئوپېراتسىيە قىلىشقا جىق پۇل كېتىدۇ.سېنى ۋاڭ تاغاڭنىڭ دوستى،ئۆزىنىڭ ئۆيىدىلا ئوپېراتسىيە قىلىپ قويدى،بىر سوممۇ ھەق ئالمىدى-دېدى
ماھىرە تەتەي ۋاڭنىڭ بەرگەن جاۋاپلىرىنىڭ ھېچ بىرسىگە قايىل بولمىدى. ئەمما، ئۆزىنىڭ بېقىنىنىڭ كېسىۋېتىلگەنلىكىدىن،چوقۇم ئۆزىنىڭ بۆرىكىنىڭ «ئوغرىلىۋېلىنغانلىق گۇمانى»دىن ۋاز كەچمىدى. ئۇ تەتەي ۋاڭدىن بۇ ھەقتە سوئال سورىسىلا،خاپا بولۇپ قالاتتى، سورىمىسا ماھىرەگە ياخشىچاقلىق قىلىپ، ئېسىل تاماقلارنى قىلىپ بېرەتتى ۋە كىيىم-كېچەك ئېلىپ بېرەتتى. نەچچە ئاي ئۆتكەندىن كېيىنكى بىر كۈنى ئۇلار ئەر-ئايال ئىككىسى ھىجىيىپ تۇرۇپ ماھىرەگە، يەنە بىر يەرگە ساياھەتكە بارماقچى ئىكەنلىكىنى،ئۇنىمۇ بىللە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېيتىۋېدى،ماھىرە ئۆزىنىڭ بارمايدىغانلىقىنى دەپ،رەت قىلدى، ئەمما قېرى ۋاڭ بىلەن تەتەي ۋاڭلار ئۇنىڭغا نۇرغۇن چۈشەندۈرۈشلەرنى قىلىپ،دېمىگەن ياخشى-يامان ھېچبىر گەپلىرى قالمىدى، ئۇنى ئالداپ، قولىغا ئانچە-مۇنچە پۇل بېرىپ،كىيىم-كېچەك ئېلىپ بەردى.
ئەسلىدە ئۇلارنىڭ يەنە ساياھەتكە چىقماقچى بولۇپ قالغانلىقىنىڭ سەۋەبى مۇنداق ئىدى: ئالدىنقى كۈنى قېرى ۋاڭ يەنە شەھەرلىك پارتىكوم سېكرىتارى تەرىپىدىن چاقىرتىلدى. سېكرىتار ئۇنىڭغا:ئۆتكەندە سېتىپ بەرگەن بۆرەكنى ئانامغا سالدۇرغاندىن كېيىن ئۇنىڭ كېسىلى خېلىلا ياخشىلىنىپ ساقىيىپ قالغان ئىدى. مانا ئەمدىلىكتە يەنە بىر بۆرىكىمۇ كاردىن چىقىش ئالدىدا تۇرۇپتۇ، ئۆتكەندە سېتىپ بەرگەن بۆرەكنىڭ يەنە بىرسىنىمۇ سېتىپ بېرىش مۇمكىنچىلىكى بارمۇ؟-دەپ، ئالدىغا بىر نەچچە يۆگەم ئامېرىكا دوللىرىنى قويدى ۋە شۇنداق دېدى: مانا بۇ 200 مىڭ دوللار، بازاردىكى باھادىن خېلىلا يۇقىرى.ئادەتتە ئورگان بازىرىدا 160 مىڭ دوللارغا بىر بۆرەك ئالماشتۇرۇش مۇمكىن بولاتتى. ئەمما،سىز ئۆتكەندە بىزگە سېتىپ بەرگەن بۆرەك ياش ۋە ھېچقانداق كېسەل بولمىغان ئادەمنىڭ بۆرىكى بولغاچقا، ئانامغا بەك ياخشى ماس كەلگەن ئىدى، شۇڭا، بۇ قېتىم سىزگە ئالاھىدە ئېتىبار بىلەن باھا قويدۇم. يەنە شۇنى قوشۇپ قويىمەنكى، مەن يەنە سىزنىڭ ھەر قانداق ئېھتىياجىڭىز بولسا، ئۇنى ھەل قىلىپ بېرىمەن. ئوغۇل ياكى قىزىڭىز بولسا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىمەن ۋە ئۆستۈرۈپ ئۆزۈمگە ياردەمچى قىلىۋېلىشىممۇ مۇمكىن!
ۋاڭنىڭ خۇشاللىقتىن قۇلىقى ئاغزى قۇلىقىغا يەتكەن ئىدى: ئۇنداق بولسا،بۇ بەك ياخشى بولۇپتۇ. مانا مەن بۇنىڭ ئۈچۈن تەييار، بىر نەچچە كۈن ئىچىدە سىزگە يەنە بىر بۆرەكنى ئېلىپ كېلىپ بېرىمەن-دەپ، ئۇنىڭغا ماقۇللۇق بىلدۈردى.
شۇنىڭدىن بىر نەچچە كۈن ئۆتۈپ، ھەپتە ئاخىرى يېتىپ كەلگەن ئىدى. قېرى ۋاڭ ۋە تەتەي ۋاڭلار ماھىرەگە ئالاھىدە خوشامەت قىلىپ، ئۇنىڭغا پۇل بەردى ۋە بىر مۇنچە ئۇ ياخشى كۆرىدىغان ئويۇنچۇقلاردىن ئېلىپ بېرىپ، باشقا بىر شەھەردىكى دوستىنىڭ ئۆيىگە زىياپەتكە بارىدىغانلىقى،ئۇنىڭمۇ بىللە بارمىسا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئۇنى مىڭ تەستە قايىل قىلدى.
سەبىي قىز ماھىرنىڭ كۆڭلى شۇقەدەر پاك، ئاقكۆڭۈل ئىدىكى، ئۇ بۇ قېتىم يەنە زالىملارنىڭ سۆزىگە ئىشەندى ۋە ئۇلارغا شۇنداق دېدى: مەن بۇ قېتىم ئاغرىپ قالسام، دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىڭلار، مېنى دوختۇرلار داۋالىسۇن، ھەرگىزمۇ ئۆيدە داۋالىماڭلار!
-ماقۇل،چوقۇم شۇنداق قىلىمىز، سەن ئەندىشە قىلمىغىن-دەپ، يەنە قۇرۇق ۋەدە بېرىشتى قېرى ۋاڭ بىلەن تەتەي ۋاڭ بىر-بىرسىگە كۆز قىسىشىپ قويۇپ، ئاندىن ئۈچ كىشى بىر چامادانغا ئالىدىغان نەرسىلەرنى سېلىپ يولغا چىقىپ، بىر تاكسىنى توسۇپ پويىز ئىستانسىسىغا يېتىپ كەلدى.
قېرى ۋاڭ يەنە جىددىلەشكەنچە ئەتراپىغا قاراپ،كىمدۇ بىرلىرىنى ئىزدەۋاتاتتى. ئانچە ئۇزاق ئۆتمەيلا يەنە ئۆتكەندە كەلگەن ئىككى يۇچۇن كىشى بىلەن كۆرۈشۈپ، كۇسۇلدىشىپ پاراڭلاشتى. ئاندىن ئۇلارنى سىرتقا ماڭغۇزۇۋېتىپ،يەنە ھىجايغان ھالدا ماھىرەنىڭ قېشىغا كېلىپ:« ما يى لا، بىز ماڭىدىغان پويىز كېتىپ قاپتۇ. يەنە تاكسىدا ماڭىمىز!»-دەپ، ماھىرەگە قارىۋىدى، ماھىرە جاۋاپ بەرمەستىن، خىيالىغا چۆكۈپ كەتكەن ھالدا تۇراتتى. ئۇ ئۆتكەندىمۇ تاكسىدا ماڭغىنىنى ئېسىگە ئېلىپ، كۆڭلىگە گۇمان كەچتى-دە،«مېنى بىر دەم ساقلاپ تۇرساڭ بولامدۇ؟ ئازراق بىر نەرسە ئېلىۋالاي»-دەپ، ئۇدۇل تەرەپتىكى بىر دۇكانغا قاراپ ماڭدى.ئۇدۇكاننىڭ ئالدىغا كېلىشىگە،خىتايلارغا ئوخشىمايدىغان ئىللىق چىراي بىر كىشىگە نەزىرى ئاغدى، ئۇ كىشىمۇ ماھىرەگە قاراپ قېتىپلا قالغاندەك تۇراتتى.ماھىرە ئەجەب مېنىڭ ئاتامغا ئوخشايدىغان ئادەمكىنا-دەپ، گەپ قىلماقچى بولۇپ، ئۇ كىشىنىڭ ئالدىغا قاراپ مېڭىۋىدى، يىراقتىن ئۇنىڭغا قاراپ تۇرغان قېرى ۋاڭ ۋە تەتەي ئۇنىڭغا ۋاقىردى: ما يى لا نېمە قىلىۋاتىسەن؟ تېز قايتىپ كەل! ماھىرە ئۇلارنىڭ ئۆزىگە قاراپ كېلىۋاتقانلىقىنى سېزىپ، ئىتتىك مېڭىپ دۇكاننىڭ ئىچىگە كىرىۋالدى.ئۇ كىشىمۇ ماھىرنىڭ ئارقىسىدىن كىرىپ،دۇكان ئىچىدە بىر نەرسە ئېلىۋاتقان ئايالىنىڭ يېنىغا كېلىپ: ئارزۇگۈل بۇ يەردە بىر قىز پەيدا بولۇپ قالدى. ماھىرەنىڭ كىچىك چېغىدىكى چىرايىغا بەكمۇ ئوخشايدىكەن، ئۇنى قىزىمىز ماھىرە شۇمىدۇ؟-دەپ ئويلاپ قالدىم! سىز بىر قاراپ بېقىڭە!-دېدى ئۈمىدۋارلىق ئىچىدە،بۇ گەپنى ئاڭلىغان ئارزۇگۈلنىڭ يۈرىكى تېپچەكلەپ سوقۇپ كەتتى. ئۇ دەرھاللا قىز تەرەپكە قارىۋىدى، يۈرىكى ئاغقاندەك بولدى. ئۇنىڭ يۈرىكى بىر نېمىنى سېزىۋاتاتتى. ئۇنىڭ سېزىمىىچە، ئۇ قىز ماھىرەنىڭ دەل ئۆزى ئىدى.
ئارزۇگۈل ئېرىگە قاراپ: مەمەت قارى، يۈرىكىم سېزىۋاتىدۇ! بۇ چۇقۇم بىزنىڭ قىزىمىز ماھىرە، يۈرۈڭ!ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ،تونۇشلۇق بېرەيلى!-دەپ، ماھىرە تۇرغان يەرگە قاراپ مېڭىۋىدى، شۇ ئەسنادا قېرى ۋاڭ بىلەن تەتەي ۋاڭ دۇكانغا كىرىپ: ما يى لا، ما يى لا-دەپ، توۋلىغانچە ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ، بىلىكىدىن تۇتۇپ تارتىپ ئېلىپ ماڭماقچى بولدى. ماھىرە ئۇلارغا قارشىلىق قىلىپ:ياق،مەن بارمايمەن،ئۆزەڭلار بېرىڭلار، مەن قورقۇۋاتىمەن، سىلەر يەنە مېنىڭ قورسۇقۇمنى تېشىۋەتمەكچىمۇ؟-دەپ ۋاقىراشقا باشلىدى.«ما يى لا»دېگەن ئىسىمنىڭ،«ماھىرە»دېگەن ئۇيغۇرچە ئىسىمنىڭ خىتايچە ئاتىلىشى ئىكەنلىكىنى بىلگەن ئارزۇگۈل ئېرىگە قاراپ: مەمەت قارى، بۇ ئېنىقلا بىزنىڭ قىزىمىز ماھىرەدۇر. يۈگۈرۈڭ! تېز بېرىپ، ئۇنى قايتۇرۇپ ئېلىۋالايلى!-دەپ، يۈگۈرگەنچە قېرى ۋاڭ بىلەن تەتەي ۋاڭنىڭ ئالدىغا كەلدى ۋە ئۇلارغا دېدى: ئۇ قىزنى قويۇۋەت، ئۇ بىزنىڭ بالىمىز، ئۇنىڭ ئىسمى ماھىرە، بىز ئۇنى ئېلىپ كەتكىلى كەلدۇق.
-ياق،قويۇۋەتمەيمەن.ئۇ مېنىڭ بېقىۋالغان قىزىم! سەنلەر نەدىن كېلىشتىڭ!-دەپ ۋاقىرىدى قېرى ۋاڭ ئۇلارغا سەت كۆزى بىلەن ئالىيىپ،-مەن ئۇنى سىلەرگە ھەرگىزمۇ بەرمەيمەن. ماڭا ئۇنى كۇچا شەھەر-ئۈچ ئۆستەڭ يېزىلىق مەركىزى باشلانغۇچ مەكتىپى بالىلىققا بېرىۋەتكەن.
– بىز ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى دەپ ۋاقىرىدى مەمەت قارىمۇ بوش كەلمەي-بىز ئۇنى بۇ دۇنياغا كۆز ئاچتۇرۇپ بېقىپ چوڭ قىلغان. بىز بالىمىزنىڭ ساڭا بېرىلىشىگە قوشۇلغان ئەمەس، ئۇنى بىزگە قايتۇرۇپ بەرگىن!
ئۇلارنىڭ تالاش-تارتىشتا قىلىشىۋاتقان گەپلىرىدىن: مەمەت قارىنىڭ-ئاتىسى، ئارزۇگۈلنىڭ-ئۆزىنىڭ ئانىسى ئىكەنلىكىنى يۈرىكى تۇيغان ماھىرە، بىر سىلكىنىپ چىقىپ: ئاتا، ئاپا!-دەپ،داۋامىنى خىتاي تىلىدا: سىلەر قاچان كەلدىڭلار؟ مەن ماھىرە، مەن ئۇلاردىن قورقۇۋاتىمەن!-دەپ، ئارزۇگۈلنىڭ ئارقىسىغا ئۆتۈۋالدى.
قېرى ۋاڭ بىلەن تەتەي ۋاڭ ئالاقزادىلىك ئىچىدە ۋاقىراشقا باشلىدى: ما يى لا، بۇ يەرگە كەل،سەن بىز بىلەن ماڭغىن!بۇلار سېنىڭ ئاتا-ئاناڭ ئەمەس! ئۇلار شىنجاڭدىن كەلگەن ئوغرى-قاراقچىلار، سېنىڭ ئاتا-ئاناڭ ئۆلۈپ كەتكەنسەن بىزنىڭ بالىمىز!
خىتايچىنى ياخشى بىلىدىغان ئارزۇگۈل،بۇ گەپنى ئاڭلاپ غەزەپ بىلەن ئۇلارغا ھومايدى ۋە سەنلەر نېمە دېيىشىۋاتىسەن؟ بىز ئۇنىڭ ھەقىقى ئاتا-ئانىسى بولىمىز. ئۇنىڭ تومۇرىدا ئېقىۋاتقان قان بىزنىڭ قېنىمىز.يالغان بولسا دوختۇر چاقىرىپ كەل! ھازىرلا تەكشۈرۈپ ئېنىقلايلى،بىز تەييار، سەنلەر بالىمىزنى بىزنىڭ رۇخسىتىمىزسىز ئېلىپ كېتىشكەن،ئوغرى قاراقچى دېسە-سەنلەرنى دېسە بولىدۇ!-دەپ،ئۇلارنىڭ قاتتىق دەككىسىنى بەردى.ئارزۇگۈلنىڭ گېپىگە جاۋاب بېرەلمىگەن قېرى ۋاڭ:« سەنلەر شىنجاڭدىن كەلگەن ئوغرىلار، كاۋاپچىلارسەن،بۇ يەردىن كېتىش! بولمىسا سەنلەرنى، ھازىرلا ساقچىغا تۇتۇپ بېرىمەن»-دەپ،ئاغزىنى بۇزۇپ تىللاپ،ئۇلارنى قورقۇتۇشقا ئۇرۇندى. ئاندىن ماھىرەگە قاراپ: ھەي تۇزكور، مېنىڭ باققان ھەققىمنى تۆلەيسەن! بۇلار سېنىڭ ئاتا-ئاناڭ ئەمەس! يالغان ئېيتىۋاتىدۇ، ئەگەر ئۇلار بىلەن كېتىمەن دەيدىغان بولساڭ، مەن سېنى ئۆلتۈرۈۋېتىشتىن يانمايمەن!
بۇ گەپنى ئاڭلىغان مەمەت قارىنىڭ قاتتىق ئاچچىقى كەلگەنىدى، ئۇ غەزەپتىن تىترەۋاتاتتى. شۇ پەيلىدە، ئەگەر قولىدا قورال بولسا ئىدى، ئۇنى ئېتىپ تاشلاشتىن يانمايتتى. شۇنداقتىمۇ ئۇ قېرى ۋاڭنىڭ ئالدىغا كېلىپ: كىمنى ئۆلتۈرىۋاتىسەن؟ قېنى نوچى بولساڭ، مەيدانغا چىقىپ، مەن بىلەن ئېتىشىپ باقمامسەن؟-دەپ، ھۈرپىيىۋىدى، قېرى ۋاڭ ئارقىسىغا داجىپ تۇرۇپ، يانفونىنى ئالدى-دە،بىر نەرسە دەپ كوتۇلداپ، مەلۇم بىر يەرگە تېلېفون قىلدى. قارىغاندا، ئۇ ساقچى چاقىرغاندەك قىلاتتى.
ھايت-ھۇيت دېگۈچە بىر نەچچە ماشىنىدا ساقچىلار كېلىپ، ئۇلارنى قورشىۋېلىشتى. قېرى ۋاڭ ساقچىلارغا مەمەت قارى بىلەن ئارزۇگۈلنى كۆرسۈتۈپ: ئۇزۇن، ئۇزۇن كوتۇلدىدى. ساقچىلار قېرى ۋاڭنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن، مەمەت قارى ۋە ئارزۇگۈلنىڭ يېنىغا كېلىپ سوئال سوراشقا باشلىدى. مەمەت قارىغا قارىغاندا، ئارزۇگۈل خىتايچىنى ياخشى بىلگەچكە، ئۇ ساقچىلارنىڭ سوئالىغا ئېنىق ۋە مەنتىقىلىق قىلىپ جاۋاب بەردى. ئاندىن بىلىكىنى ئېچىپ كۆرسىتىپ: مانا بىلىكىم! ھازىرلا دوختۇر چاقىرىپ كېلىپ، قان ئېلىپ، قىزىم بىلەن مېنىڭ قېنىمنى سېلىشتۇرۇپ چىقىڭلار، ئەگەر مەن راست گەپ قىلمىغان بولسام، مېنى قانچىلىك جازالىساڭلارمۇ مەيلى!-دەپ، ساقچىلارنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلاپ قويدى. ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ساقچىلار ماھىرەگە قاراپ:
-سەن زادى كىمنىڭ بالىسى، سەن بۇلارنىڭ،ئۆز ئاتا-ئاناڭ ئىكەنلىكىگە ئىشىنەمسەن؟ -دەپ سورىدى. ماھىرە :
-ھەئە، بۇلار مېنىڭ ئاتا-ئانام بولىدۇ. ئۇلار شىنجاڭدىن مېنى ئالغىلى كېلىپتۇ. مېنى ئۇلار بىلەن كەتكىلى قويۇڭلار! مەن ئەمدى ئۆز ئاتا-ئانامنى تاپتىم،ئەمدى ئۇلار بىلەن كېتىمەن!-دەپ ئارزۇگۈلنىڭ قولىغا ئېسىلىپ يامىشىپ تۇرىۋالدى.شۇنىڭدىن كېيىن ساقچىلار ئۆز-ئارا بىردەم كوتۇلداشقاندىن كېيىن،سوقۇشىۋاتقان ئىككىلا تەرەپنى ساقچىخانىغا ئېلىپ كېتىشتى. ساقچىلار مەمەت قارى ۋە ئارزۇگۈلدىن، شۇنداقلا ماھىرەدىن يەنە بىرمۇنچە سوئاللارنى سوراپ، ئۇلارنىڭ جاۋابىنى ئالغاندىن كېيىن، دېلو تۇرغۇزۇپ، سوت مەھكىمىسىگە يوللاپ بېرىپ، ئاندىن مەمەت قارى، ئارزۇگۈل ۋە ماھىرەنى ماشىنىغا چىقىرىپ،« ۋاقىتلىق تۇتۇپ تۇرۇش ئورنى»غا ئاپىرىپ سولاپ قويۇشتى.
مەمەت قارى ۋە ئارزۇگۈل قىزى ماھىرە بىلەن بىر كامېردا ئىدى. ئون نەچچە يىل كۆرۈشەلمىگەن قىزىنىڭ يېنىدا بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارغا بۇ تۈرمە ھەرقانچە شارائىتى ناچار بولسىمۇ،خورلانسىمۇ، خۇددى ئۆزىنىڭ ئۆيىدەك بىلىنمەكتە ئىدى. چۈنكى، ئۇلار يوقىتىپ قويغىلى ئون نەچچە يىل بولغان قىممەتلىك گۆھىرىنى تېپىۋېلىشقان ئىدى.ئارزۇگۈل قىزى ماھىرەنى نەچچە قېتىم قۇچاقلاپ سۆيدى. پۇرىدى. كۆز يېشى قىلىپ يىغلىدى. ئۇنىڭ پېشانىسىنى سىلاپ تۇرۇپ:« قىزىم! ھېلىمۇ ھايات ئىكەنسىز! بىز سىزدىن بەك ئەنسىرىگەن ئىدۇق. سىزنى تاپالمىغان بولساق، بىر ئۆمۈر داغدا قالغان بولاتتۇق. ھېلىمۇ ياخشى ئاللاھ ساقلاپ، سىزنى بىز بىلەن قايتا كۆرۈشىشكە نېسىپ قىلدى. ئوماق قىزىم!»دەپ، ماھىرەنى قۇچاقلاپ قايتا-قايتا تويماي سۆيۈپ، ئون نەچچە يىللىق ئۈزۈلۈپ قالغان ئانىلىق مېھرىنى يەتكۈزۈشكە تىرىشتى. ئۇنىڭغا يەنە«گۈلمىرە»دېگەن خىتاي ساقچىغا مەجبۇرى ياتلىق بولغان ئۇ قىزنىڭ، ئوقۇپ مۇخبىر بولغانلىقىنى، ئۆزىنى نەچچە قېتىم ئىزدەپ كۇچاغا كەلگەنلىكىنى ۋە ئاخىرى ئۇنى تېپىپ، ماھىرەنىڭ ئۇچۇرىنى يەتكۈزۈپ بەرگەنلىكى، ھەر دائىم بۇ ئىشنى سۈرۈشتۈرۈپ تۇرغانلىقى ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم قىلغانلىقىنى دەپ بەردى. ئاندىن يەنە، ئۆز ۋاقتىدا ماھىرەنىڭ ئاشۇ ئۇچۇرىنى بېرىپ، ئۆزىنىڭ باشقىلارغا بېرىۋېتىلگەنلىك خەۋىرىنى قالدۇرغانلىقىنى،«بەك ئاقىلانە ئىش»دەپ ماختاپ،قىزىنى يەنە نەچچىنى سۆيۈپ قويدى.بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى:« ئەقىللىق قىزىم»دەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ،ماھىرەنى يەنە بىر قېتىم خوشال قىلىۋەتتى. ئاخىرىدا، ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ سەپەر جەريانىدىكى سەزگۈزەشتىللىرىنى، مۇشۇ قېتىمقىنى قوشقاندا،جەمى 7 قېتىم ماھىرەنى ئىزدەپ كەلگەنلىكىنى ئېيتقاندا بولسا، ماھىرە ئاپىسى ئارزۇگۈلگە ئېسىلىپ، ھۆڭرەك ئېتىپ يىغلاپ كەتتى.
-بولدى قىلىڭ ئارزۇگۈل!-دەپ، ئۇنىڭ توختىماي دەرت ئېيتىشلىرىغا ئارىلاشتى مەمەت قارى-تارتقان جاپالىرىڭىزنى بىز بىلىمىز،ئاللاھ بىلىدۇ. مانا ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى بەردى. قىزىمىز ماھىرەنى تاپتۇق، ئۇنىڭغا ھەممىمىز خۇشال بولۇشىمىز ۋە ئاللاھقا شۈكرى ئېيتىشىمىز كېرەك! ئەمدى بۇ قىزىمىزغا ھەممىنى دەپ، ئۇنىڭ كۆڭلىنى بۇزماڭ! ئۇمۇ ئۆزىنىڭ دەرتلىرىنى سۆزلەپ باقسۇن!-دەپ، ئۇنى گەپ قىلىشقا تەكلىپ قىلدى.
-مەن دەپ سۆز باشلىدى ماھىرە-سىلەرنى بىر كۈنمۇ ئېسىمدىن چىقىرىپ قويمىدىم. ھەر كۈنى ئەسلەپ تۇردۇم. دائىم چۈشۈمگە كىرىپ تۇردۇڭلار، پات-پاتلا ئاق كىيىملىك بىر پەرىشتە ئۇچۇپ كېلىپ، ماڭا گەپ قىلغانلىقى چۈشۈمگە كىرەتتى. ئۇ چۈشنى كۆرگەن چېغىمدا،بۇ چوقۇم مېنىڭ ئاپام بولۇشى مۇمكىن! ئۇ ھامان بىر كۈنى مېنى ئىزدەپ كېلىدۇ دەپ،ئويلىغان ئىدىم،بىر قېتىم ئاشۇ چۈشنى كۆرگەندە سىلەرنىڭ ئىسمىڭلارنى چاقىرىپ، ۋاقىراپ كېتىپتىمەن. بۇنى قېرى ۋاڭ بىلەن تەتەي ۋاڭ ئاڭلاپ قېلىپ ماڭا: «سېنىڭ ئاتا-ئاناڭ ئۆلۈپ كەتكەن، ئەمدى ئۇلارنى ئۇنتۇپ كەتكىن!»-دەپ، يالغان ئېيتقان ئىدى. مەن ئۇنىڭغا ئانچە بەك ئىشەنمىگەن ئىدىم. مانا ھايات ئىكەنسىلەر! ئاخىرى مېنى قۇتۇلدۇرۇۋالدىڭلار. مەن بۇنىڭ ئۈچۈن سىلەرگە رەھمەت ئېيتىمەن، سىلەرنى سۆيىمەن. ھۆرمەتلەيمەن!
-بىزمۇ سىزنى ياخشى كۆرىمىز قىزىم!-دەپ، يەنە ئۇنى ئەركىلەتتى ئارزۇگۈل-سىزمۇ جىق جاپا تارتتىڭىز، بۇ ئالۋاستىلار سىزنى«بالا قىلىۋالدىم»دەپ، ئېلىپ كەتمىگەن بولسا، بىز ھەر دائىم بىللە بولغان بولاتتۇق، ھازىر سىڭلىڭىز مۇنەۋۋەر، ئۇكىڭىز شىرئەلىلەرمۇ چوڭ بولۇپ قالدى. ئۇلارمۇ سىزنى سېغىندى. ئەمدى بىز مەڭگۈ ئايرىلماي بىللە ياشايمىز! —ھە-ئە،ئاپا!شۇنداق بولسۇن، مېنىڭ سىلەردىن بىر كۈنمۇ ئايرىلغۇم يوق،ئەمدى سىلەردىن ئايرىلسام، ياشىيالمايمەن! مېنى بۇ يەردىن تېزراق ئېلىپ كېتىڭلار! ئەگەر قېرى ۋاڭ مېنى تېپىۋالسا، يەنە ئەسكىلىك قىلىشتىن يانمايدۇ.
-بولىدۇ قىزىم! بىز سىزنى ئامال بار تېزراق بۇ يەردىن يۇرتىمىزغا ئېلىپ كېتىمىز، ئۇ قېرى ۋاڭ دېگىنىڭىز،سىزنى بېقىۋالغان ئەر كىشى شۇمۇ؟ ئۇ سىزگە يامانلىق قىلدىمۇ؟-دەپ سورىدى ئارزۇگۈل بىر ئىشنى سەزگەندەك قىلىپ،
-ھەئە، ئاپا! ئۇلار مېنى«بالا قىلىۋالدىم»دەپ، قىلمىغان ئەسكىلىكى قالمىدى، تويغۇدەك ئاش-نان بەرمىدى. تىللاپ-ۋاقىرىدى. يەنە،يەنە…دەپ، گېپىنىڭ داۋامىنى قىلالماي ھۆڭرەپ يىغلاپ كەتتى ماھىرە
-يەنە نېمە بولدى قىزىم، باشقا بىرەر چوڭ ئىش بولدىمۇ؟ ياكى سىزنى قاتتىق ئۇردىمۇ؟
-مېنىڭ،مېنىڭ قورسىقىمنى كېسىۋېتىشتى-دەپ،يىغلىغانچە قورسىقىنى ئېچىپ، بۆرىكىنى سۇغىرىۋېلىش ئۈچۈن ئوپېراتسىيە قىلىنغان يەرنى كۆرسەتتى ماھىرە،
ئارزىگۈل ماھىرەنىڭ قورسىقىنى سىلاپ كۆرۈپ،ئوپېراتسىيەدە خېلى چوڭ يەرنىڭ كېسىلگەنلىكىنى بىلىپ، ماھىرەدىن: نېمە ئۈچۈن بۇنداق ئوپېراتسىيە قىلدۇرلغانلىقىنى سورىۋىدى، ماھىرە يەنە يىغلىغانچە،مۇنداق جاۋاب بەردى:
-شۇنداق ئويلايمەنكى، ئۇلار مېنىڭ قورسىقىمنىڭ ئىچىدىن بىر نەرسىنى ئېلىۋالغان ئوخشايدۇ. ئەمما مەن ئۇنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەلمىدىم.
-ئۇلاردىن سورىمىدىڭىزمۇ قىزىم! ئۇلار: سىزگە نېمىنىڭ ئېلىۋېلىنغانلىقىنى دېمىدىمۇ؟
-ياق. ئاپا!مەن سورىغان ئىدىم، ئۇلار ماڭا:«سەن كېسەل بولۇپ قالغان ئىدىڭ، شۇڭا ئوپېراتسىيە قىلىندىڭ»-دېدى.ئەمما،نېمىنىڭ ئېلىۋېتىلگەنلىكىنى دەپ بەرمىدى
-ئەندىشە قىلماڭ قىزىم!-دەپ تەسەللى بەردى ئارزۇگۈل ماھىرەگە:
-بىز يۇرتقا بارغاندا سىزنى تەكشۈرتۈپ، ھەممە ئىشنى ئېنىقلاپ چىقىمىز، ئاندىن سىزنى داۋالاپ ساقايتىمىز!
ئۇلارنىڭ قاماپ قويۇلغىنىغا بىر ئايغا يېقىن ۋاقىت بولغان ئىدى. بىر كۈنى ساقچىلار كىرىپ ئۇلارنىڭ قولىغا بىر پارچە ئۇقتۇرۇش قەغىزىنى بېرىپ چىقىپ كەتتى. ئارزۇگۈل ئۇقتۇرۇشنى ئوقۇدى.ئۇقتۇرۇشتا: «ماھىرەنىڭ زادى كىمنىڭ بالىسى ئىكەنلىكى ھەققىدە تالاش-تارتىش قىلىنغان دېلو» ئۈچۈن، ئوچۇق سوت بولىدىغانلىقى قارار قىلىنغان بولۇپ، ۋاقتىمۇ ئېنىق بېكىتىلگەن، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ بىر ئادۋوكات تۇتسا بولىدىغانلىقى يېزىلغان ئىدى.
ئارزۇگۈل،مەمەت قارىغا بۇ ئىشنى مەسلىھەت سېلىۋىدى، مەمەت قارىمۇ بىر دەم ئويلىنىپ تۇرۇپ كېتىپ،كۇچاغا بېرىپ ئادۋوكات ئېلىپ كەلسەم قانداق بولار؟-دېۋىدى، ماھىرەمۇ بىردەم ئويلىنىپ تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن، بۇ ئىش ئۈچۈن يەنە گۈلمىرە ياردەم قىلالىشى مۇمكىن! ئۇنىڭ ئاكىسىنى ئىچكىرىدىكى مەلۇم بىر ئالىي مەكتەپنىڭ قانۇن پاكۇلتىتىدا ئوقۇپ، ئادۋوكات بولغان دەپ ئاڭلىغان ئىدىم، مەن ئۇنىڭغا تېلېفون قىلىپ باقاي، سىز گۇندىپايغا ئېيتىڭ،ئۇلار بىزگە ھەق ئېلىپ بولسىمۇ، ئادۋوكاتقا تېلېفون قىلىشىۋېلىشىمىزغا رۇخسەت بەرسۇن. ئاندىن بىز گۈلمىرەنىڭ ئاكىسىنى بۇ يەرگە تەكلىپ قىلايلى!
-ماقۇل،بولىدۇ!-دەپ ئارزۇگۈلنىڭ مەسلىھىتى بويىچە مەمەت قارى گۇندىپايغا: ئۆزىنىڭ ئادۋوكات تۇتۇش ئۈچۈن تېلېفونقىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتىۋىدى، گۇندىپايلار ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ،تېلفوننىڭ ھەقلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ قاماقخانىنىڭ ئاممىۋى تېلفونخانىسىدا،ھەق تۆلەپ تۇرۇپ، تېلېفونقىلىۋېلىشىغا قوشۇلدى.مەمەت قارى ماھىرەگە ھەمراھ بولۇپ كامېردا قالدى.ئارزۇگۈل تېلفونخانىغا چىقىپ،گۈلمىرەگە بۇ خەۋەرنى يەتكۈزدى. گۈلمىرە ئۇنىڭ تەلىپىگە قوشۇلۇپ، شۇنداق دېدى:
-بەك ياخشى بولۇپتۇ. بىزنىڭمۇ جاڭنىڭ مىراس ئىشىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن ئىچكىرىگە بارىدىغان پىلانىمىز بار ئىدى. بەلكى ئەتە-ئۆگۈنگىچە يولغا چىقىمىز، بىزنى كۈتۈپ تۇرۇڭلار!-دەپ، ئارزۇگۈلنى بەكمۇ خوشال قىلىۋەتتى.
مانا، ھايت-ھۇيۇت دېگىچە، سوت كۈنىمۇ يېتىپ كەلدى. گۈلمىرە نامدىكى ساقچى يولدىشى جاڭ ۋە ئادۋوكات ئاكىسىنى ئېلىپ، ئۆلۈش كۈنى يېتىپ كەلگەن ئىدى. گۈلمىرە ئىنىسى بىلەن پۈتۈن ۋەقەنى باشتىن-ئاخىر تەكشۈرۈپ،ئانالىز قىلغاندىن كېيىن، تۇتقا قىلىدىغان ئاساسىي نۇقتىنى تېپىپ چىقتى.« ماھىرەنىڭ ئۆزى ئوقۇۋاتقان مەكتەپتىن پەقەت يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ بىر پارچە تەستىق قەغىزى بىلەنلا ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى، بۇنىڭ قانۇنى ئاساسى يوق ئىش ئىكەنلىكىنى، چۈنكى ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ھايات ھەم ئۇلارنىڭ بۇ ئىشتا پىكرى ئېلىنمىغانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن قېرى ۋاڭنىڭ ئۇنى بېقىۋېلىشى قانۇنغا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ» دېگەننى تۇتقا قىلىپ، قاتتىق مۇنازىرە ئارقىلىق سوتتا يېڭىپ چىقتى. شۇنىڭ بىلەن ماھىرە ئۆز ئاتا-ئانىسى مەمەت قارى بىلەن ئارزۇگۈلگە تاپشۇرۇپ بېرىلدى.
قېرى ۋاڭ ۋە تەتەي ۋاڭلار بولسا، سوتنىڭ ھۆكۈمىدىن كېيىن، سوت زالىنى بېشىغا كىيىپ، ۋاقىراپ-جاقىراپ، ئۆزىنىڭ بۇ سوت ھۆكۈمىگە نارازى ئىكەنلىكىنى، ئېتىرازىنى شەھەرلىك پارتىكومغا بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، يانفونىنى چىقىرىپ شەھەرلىك پارتكوم سېكرىتارىغا تېلېفون قىلىۋىدى، سېكرىتار ئانچە ئۇزاق ئۆتمەيلا تۆت-بەش يالاقچىسىنى باشلاپ، سوت زالىغا يېتىپ كەلدى. ئۇ قېرى ۋاڭنىڭ سوتتا يېڭىلىگەنلىكىنى ئۇققاندىن كېيىن، كۆزىنى چەكچەيتكەنچە سوتچىلارنىڭ قېشىغا بېرىپ: مەن شەھەرلىك پارتىكومغا ۋاكالىتەن بۇ سوتنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىنى تەلەپ قىلىمەن. سىلەر ئۇ سوت ھۆكۈمىنى دەرھال بىكار قىلىڭلار! بولمىسا سىلەرنى«پارتىيە ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلدى»دەپ، رېۋىزىيە كومىتېتىغا يوللاپ بېرىمەن!-دەپ ئۇلارنى قورقۇتقان ئىدى. سوتچىلار بۇ سوت ھۆكۈمىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇرۇش قىلدى.
تۆۋەندە ئولتۇرغان گۈلمىرە بۇ ئىشنى ئاڭلاپ قاتتىق غەزەپلەندى. مەمەت قارى بولسا ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي سوتچىلارنىڭ ئالدىغا ئېتىل كېلىش ئالدىدا تۇراتتى. ئارزۇگۈل، مەمەت قارىنىڭ قولىدىن تۇتۇۋېلىپ: مەمەت قارى ئالدىرىماڭ، بىز ئالدى بىلەن ئۇلار بىلەن ياخشىلىقچە سۆزلىشىپ كۆرەيلى!-دەپ ئۇنى توختاتتى. گۈلمىرە بولسا جاڭغا قاراپ: سەنمۇ بارغىن! بىز بېرىپ ئۇلار بىلەن مۇنازىرەلىشەيلى، سەنمۇ بىر ساقچى ئەمەلدارىغۇ؟ ئەمدى بۇ يەردە ئۆزۈڭنىڭ كارامىتىڭنى كۆرسەتكىن!-دەپ،جاڭنىمۇ بىللە ئېلىپ،پارتىكوم سېكرىتارىنىڭ ئالدىغا كەلدى: گۈلمىرەنىڭ كۆزىدىن ئوت چېقىنىۋاتاتتى. ئۇ غەزىپىنى بېسىۋېلىپ تۇرۇپ،پارتىكوم سېكرىتارىغا شۇنداق دېدى:
-سىزنىڭ بۇ ھۆكۈمنى بىكار قىلىش ھوقۇقىڭىز يوق! سوت دېگەن-سوت بولۇشى كېرەك، سىز پارتىيە كومىتېتىغا باشلىق بولسىڭىز،ئۆزىڭىزنىڭ دائىرىسىدىكى ئىشلارنى باشقۇرۇڭ! نېمە ئۈچۈن سوتچىلارنىڭ ئىشىغا ئارىلىشىسىز؟
ئارقىدىن جاڭمۇ ئۆزىنىڭ ساقچىلىق كېنىشكىسىنى كۆرسىتىپ،پارتىكوم سېكرىتارىغا شۇنداق دېدى:
-سىزنىڭ قانۇننىڭ ھۆكۈمىنى بىكار قىلىش سالاھىيىتىڭىز يوقتۇر، مەن شىنجاڭدا ساقچى ئەمەلدارىمەن. بۇلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن كەلدىم. قارارىڭىزنى ئۆزگەرتىڭ! -دەپ، ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ ساقچىلىق ئەمىلىنى پەش قىلىپ گەپ قىلىۋىدى، شەھەرلىك پارتىكوم سېكرىتارى قىزىرىپ،تاتارغانچە خىقىراق ئاۋازدا مۇنداق جاۋاب بەردى: دۆلىتىمىزدە پارتىيەنىڭ سىياسىتى-قانۇندىن ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدۇ. قانۇن ئورگانلىرى پارتىيەنىڭ سىياسىتىگە بويسۇنۇشى كېرەك!
-ھىم،ئۇنداق ئەمەس!-دېدى گۈلمىرە غەزىپىنى بېسىپ تۇرۇپ-مەن سىلەرنىڭ «كوممۇنىستىك پارتىيە نىزامنامىسى»نى ئوقۇغان. ئۇنىڭدا:قانۇن ئورگانلىرى-دۆلەتنىڭ قانۇنىغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ،ئىش بېجىرىدۇ!-دەپ يېزىلغان.ئۇنداقكەن، سىياسەتچىلەر-قانۇننىڭ ئىشلىرىغا ئارلاشسا توغرا بولمايدۇ.ئەگەر سىز بۇنى رەت قىلسىڭىز، مەن بىر مۇخبىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇ ئىشنى مەتبۇتلاردا ئېلان قىلىمەن. شۇ چاغدا قانداق قىلىسىزكىن؟ گۈلمىرەنىڭ بۇ گېپىدىن كېيىن، شەھەرلىك پارتىكوم سېكرىتارى خۇددى تىلى تۇتۇلۇپ قالغاندەك جاۋاب بېرەلمەي توختاپ قالدى.
-نېمىگە قاراپ تۇرىسىز؟-دېدى گۈلمىرە ئۇنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ-سوتچىلارغا دەڭ، ئەسلى ھۆكۈمنى كۈچكە ئىگە قىلسۇن! بولمىسا سىلەرنىڭ ئۈستىڭلاردىن يۇقىرىلاپ ئەرز قىلىمىز!
بۇ چاغدا يان تەرەپتە ھەممە گەپنى ئاڭلاپ تۇرغان قېرى ۋاڭ ۋاقىراپ-جاقىراشقا باشلىدى: ياشىسۇن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى! پارتىيە ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. ھېچكىمنىڭ پارتىيەنىڭ قارارىغا قارشى چىقىشىغا بولمايدۇ! سوتنىڭ ئەسلى ھۆكۈمى بىكار قىلىنسۇن، بېقىۋالغان قىزىم: ما يى لا ماڭا قايتۇرۇپ بېرىلسۇن!
گۈلمىرە ئۇنىڭ گېپىدىن قاتتىق غەزەپكە كەلدى-دە، قېرى ۋاڭنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا ئۈنلۈك ئاۋازدا شۇنداق دېدى: قۇرۇق گەپ قىلما! سەندە ۋىجدان دېگەن نەرسە بارمۇ؟ سېنىڭ باشقىلارنىڭ بالىسىنى مەجبۇرى بالا قىلىۋالىدىغانغا ھەققىڭ يوقتۇر! بۇ قانۇنغا خىلاپتۇر، ئەخلاقسىزلىقتۇر. ئەگەر سەن يەنە بۇ قارىشىڭدا چىڭ تۇرىدىغان بولساڭ، بىز سېنىڭ ئۈستۈڭدىنمۇ يۇقىرىلاپ ئەرز قىلىمىز، ئۇ چاغدا، يەنە يېڭىلىسەن؟ قانۇنسىز قىلمىشلىرىڭ ئۈچۈن جازالىنىشىڭ ۋە قىزنىڭ ئاتا-ئانىسىغا تۆلەم تۆلىشىڭ كېرەك بولىدۇ. ئەڭ ياخشىسى ھازىرلا بۇ نىيىتىڭدىن ۋاز كەچكىن!
شۇنىڭدىن كېيىن قېرى ۋاڭنىڭمۇ زۇۋانى تۇتۇلۇپ قالدى، ئەمدى ماھىرە كۆزىنى شەھەرلىك پارتىيە سېكرىتارىغا تىكىپ، ئۇنى جاۋاب بېرىشكە قىستىدى:
-ئەييا ئەييا! لاۋ ۋاڭ!-دەپ ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلىشقا باشلىدى پارتىكوم سېكرىتارى-سوتنىڭ ئەسلى ھۆكۈمىگە بويسۇنغىن، بۇ داۋارىڭدىن ۋاز كەچكىن! دېمىسىمۇ بىز سىياسەتچىلەر،قانۇن ئورگانلىرىنىڭ ئىشلىرىغا ئارلاشساق بولمايدۇ.سەنمۇ شۇنداق قىلغىن! -دېدى ۋە سوتچىلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئەسلى سوت ھۆكۈمىنى كۈچكە ئىگە قىلىشنى ئېيتتى.شۇنىڭ بىلەن سوتچىلار قولىدىكى مىكروفون بىلەن ۋاقىراپ،ئەتراپتىكى كىشىلەرنى تىنجىتىپ، سوتنىڭ ئەسلى ھۆكۈمىنىڭ كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى قايتىدىن ئېلان قىلدى.
مەزلۇملار قەتئىي ئىرادە بىلەن كۈرەش قىلىپ غەلىبە قىلدى.ئۇلار ئۆز-ئارا قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈپ،كۆز يېشى قىلىشتى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىردىن-بىر زالىملاردىن بولغان جاڭ بولسا، ئىپادىسىىز ھالدا قاراپ تۇراتتى. سوتچىلارمۇ سومكىلىرىنى كۆتۈرۈپ قايتىپ مېڭىشتى. پارتىيە سېكرىتارىمۇ ئالدىغا-ئارقىمۇ قارىماي تىكىۋەتتى، ئەمما قېرى ۋاڭ يەنىلا بېزىرىپ تۇراتتى، ئۇ توساتتىنلا جاڭنىڭ ئالدىغا كېلىپ ۋاقىرىدى: سەن مېنىڭ ئوغلۇمنىڭ ساۋاقدىشى تۇرۇپ، نېمە دەپ ئۇلارغا يان باسىسەن؟ مەن سېنىڭ ئۈستۈڭدىن ئوغلۇمغا شىكايەت قىلىمەن.ئۇ سەن بىلەن ھېسابلىشىدۇ، ئاندىن قېرى ۋاڭ يەنە مەمەت قارى ۋە ئارزۇگۈلگە قاراپ: ھەي، ياۋايىلار،«بۈگۈن سوتتا ئۇتۇۋالدىم»دەپ خوشال بولۇپ كېتىشمە! بۇ سەنلەر ئۈچۈن چوڭ ئىش ئەمەس، قىلغانلىرىڭغا ئۇزاق بولماي پۇشايمان قىلىپ قىلىشىسەن! سەنلەر ئەسلىدە تېرورچى ئۇنسۇرلارسىلەر! شۇڭلاشقا، مېنىڭ نەزىرىمدە سەنلەر بىر دۈشمەن. ھەر قايسىڭ مېنىڭ كىملىكىمنى تېخى بىلمەيسەن، بىلمىسەڭ،ئەمدى بىلىپ قويۇش، مەن ئەينى ۋاقىتتا شىنجاڭدا ئەسكەر بولغانمەن. كۇچادىكى ھەربىي قىسمىدا تۇرغان ۋاقتىمدا،سەندەك ياۋايىلاردىن بىرسىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرگەنمەن، يەنە ئۆلتۈرۈشتىن قورقمايمەن. مېنى«قېرىپ قاپتۇ»دەپ خام خىيال قىلىشما؟ مېنىڭ ئوغلۇم ھازىر شىنجاڭدا ئالاھىدە ساقچى ئەترىتىنىڭ باشلىقى، ئۇ ھەر كۈنى كېچىسى سەندەك ياۋايىلارنى تۇتۇپ تۇرمىغا سولاپ، ئەدىپىڭنى بېرىۋاتىدۇ. تېخى بىر نەچچىسىنى ئۆز ئۆز قولى بىلەن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ماڭا ئېيتتى. ئەمدى مەن ئۇنىڭغا شۇنداق دەيمەن : ئوغلۇم! مېنىڭ قىساسىمنى ئېلىپ بەرگىن! ئۇلار مەن بېقىۋالغان قىزنى، «بىزنىڭ بالىمىز»دەپ ئېلىپ كېتىشتى. ئۇلارنى چوقۇم تېپىپ، ئەدىپىنى بەرگىن! دەپ بۇيرۇق بېرىمەن. ئۇ چاغدا ھەر قايسىڭ تازا ئەدىپىڭنى يەيسەن، ئۇ سەنلەرنى تۇتۇپ بىردىن-بىردىن جېنىڭنى ئالىدۇ.
قېرى ۋاڭنىڭ بۇ تەھدىت سۆزلىرىنى ئاڭلىغان مەمەت قارى بىلەن ئارزۇگۈل قاتتىق غەزەپكە كەلدى. شۇئاندا، ئارزىگۈلنىڭ يادىغا بىر ئەسكەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن بوۋىسى قادىر ئاخۇننىڭ ۋەقەسى ئېسىگە كەلدى. ئۇ شۇنداق ئويلىدى: «بوۋامنى ئۆلتۈرگەن قاتىل دەل مۇشۇ بولۇشى مۇمكىن!»
ھەي، قاتىل!-دەپ، تىللىدى ئىچىدە، ئەمما، ئۇنى شۇ تاپتا ھېچنېمە قىلالمايتتى. مەمەت قارىمۇ قاتتىق غەزەپكە كەلگەن ئىدى. ئۇنىڭ بېرىپ، قېرى ۋاڭنىڭ گېلىدىن سىقىپلا ئۆلتۈرۈپ قويغۇسى كېلىپ كەتتى-دە،ئۇنىڭ ئالدىغا ماڭدى. شۇتاپتا ئۇ، ۋاڭنىڭ تاز بىر ئەدىپىنى بېرىپ قويماقچى بولغاندەك قىلاتتى. ئارزۇگۈل ئۇنىڭ قولىدىن تۇتۇپ توسۇۋالدى:
-مەمەت قارى،بولدى قىلىڭ! بىز ئۇنىڭ بىلەن بۇ يەردە ئېتىشىپ پايدا ئالالمايمىز. ئۇنىڭ بىلەن ھېسابلىشىدىغان كۈنلەرمۇ ھامان بىر كۈنى كېلىدۇ.بىز ئالدى بىلەن يۇرتىمىزغا تىنچ-ئامان بېرىۋالايلى! دەپ، ئۇنى ماجرا چىقىرىشتىن توسۇۋالدى. ئەگەر ئارزۇگۈل ئۇنى توسۇۋالمىغان بولسا ئىدى، مەمەت قارى ئۆزىنىڭ كۈچلۈك بىلەكلىرى بىلەن قېرى ۋاڭنىڭ گېلىدىن سىقىپ، ئۆلتۈرۈپ قويۇشىمۇ مۇمكىن ئىدى.
گۈلمىرەمۇ قاتتىق غەزەپكە كەلگەن ئىدى.ئۇ قېرى ۋاڭغا بىر نەرسە دېمەكچى بولۇپ، ئۇنىڭ ئالدىغا مېڭىۋىدى، جاڭ: گۈلمىرە بولدى قىلغىن! بۇ قېرى ئالجىپ قاپتۇ، سېنىڭ گېپىڭنى ئاڭلىمايدۇ!-دەپ، ئۇنى توستى. شۇنىڭ بىلەن گۈلمىرە قېرى ۋاڭغا بىر نەرسە دېيىشتىن يېنىپ، ئاچچىقىنى جاڭدىن چىقارماقچى بولۇپ، ئۇنىڭغا شۇنداق دېدى : -سىلەر قانداق ئىنسانلار؟ نېمىشقا باشقىلارغا يامانلىق قىلىشنىلا ئويلايسىلەر؟ يۈرىكىڭلار نېمانداق قاتتىق؟ نىيىتىڭلار نېمانداق يامان؟ باشقىلارنى بوزەك قىلىشنى نېمىشقا بىر ئويۇنچۇق ئورنىدا كۆرىسىلەر؟ سىلەرمۇ ئەينى ۋاقىتتا باشقىلارغا بوزەك بولغان ئىدىڭلارغۇ؟ شۇنىڭدىن ئىبرەت ئالساڭلار بولمامدۇ؟ يەنە بۇ ئىشلار بېشىڭلارغا كەلسە قانداق قىلىسىلەر؟ ئەگەر ئۇ خاتا قىلمىشىڭلارغا پۇشايمان قىلماي، يەنىلا ئاجىزلارنى بوزەك قىلىش ئادىتىنى داۋاملاشتۇرساڭلار،كۈنلەرنىڭ بىرىدە،بۇنى يەنە ئۆزەڭلارنىڭ بېشىغىمۇ كەلمەيدۇ دېگىلى بولامدۇ؟ شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەر بۇ خاتالىقلىرىڭلاردىن دەرھال يېنىشىڭلار كېرەك!نېمىشقا سىلەردىن ھېچكىم بۇنداق قىلمايدۇ؟نېمىشقا پۇشايمان قىلىپ،خاتالىقىنى تونۇمايدۇ؟بىگۇناھ ئادەملەرنى تۇتۇپ سولاپ قويغاننى ئاز دەپ، ئۇرۇپ-قىيناپ ئۆلتۈرۈپ قويۇپ،خۇددى ھىچ ئىش بولمىغاندەك يۈرىۋېرىدۇ؟
-گۈلمىرە بولدى قىلغىن!-دېدى جاڭ ئۇنىڭغا يېلىنغاندەك قىلىپ-پۇشايمان قىلغانلارمۇ بار!
-شۇنداقمۇ؟ قېنى كىم ئۇ،دەپ باقمامسەن؟
-بۇنى باشقىلار بار يەردە دېسەم بولمايدۇ، مەن كەچتە ئۆيگە قايتىپ بارغاندا ساڭا دەپ بېرەي، ھازىر بۇ يەردىكى ئىشىمىزنى تۈگىتەيلى!
گۈلمىرەنىڭ ھېچ ئاچچىقى يانىدىغاندەك ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ ئاكىسى كېلىپ: سىڭلىم،بولدى قىلغىن! ئەمدى بىز ئۆز ئىشىمىزنى قىلايلى! قورساقلىرىمىزمۇ ئېچىپ كەتتى. ھەممىمىز بىرلىكتە بىرەر ئۇيغۇر رېستورانى تېپىپ، غىزالالىنىۋالساق ياخشى بولاتتى
-ئۇيغۇر رېستورانى بار، بىز بىلىمىز.-دېدى ئارزۇگۈل-مەن ھەر قېتىم كەلگەندە، شۇ يەرگە بېرىپ تاماق يەيتتىم. يۈرۈڭلار! مەن سىلەرنى باشلاپ باراي! ھەممەيلەننى مەمەت قارى مېھمان قىلىدۇ. بۈگۈنكى زىياپەت-سىلەرنىڭ بىز ئۈچۈن تارتقان جاپا-مۇشەققەتلىرىڭلىگە بولغان بىر مىننەتدارلىقىمىز بولۇپ قالسۇن!
-قولۇم كۆكسۈمدە دەپ، مەمەت قارى خۇددى تونۇرغا نان ياققان پەدىدە ئىگىلىپ تازىم قىلىپ، ھەممەيلەننى كۈلدۈرۈۋەتتى. ئاندىن : مەن بىر تاكسى توسۇپ كېلەي، ھەممىڭلار يۈك-تاقلارنى ئېلىپ، تەييار بولۇپ، يولنىڭ ياقىسىدا ساقلاپ تۇرۇڭلار!-دەپ، چىقىپ كېتىپ، ئۇزاق قالمايلا بىر تاكسىچىنى باشلاپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن ھەممە بىرلىكتە يولغا چىقىپ، ئۇزاق قالمايلا ئۇيغۇر رېستورانىغا يېتىپ كەلدى.
رېستوران ئۇيغۇرچە پاسوندا بېزەلگەن بولۇپ، ئۇيغۇر مۇزىكىلىرى ياڭراپ تۇراتتى. ماھىرە ئۇيغۇرچە مۇزىكىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن،بەكمۇ ھاياجانلاندى.جاڭ بولسا، ئولتۇرغان يېرىدە قېتىپ قالغاندەكلا ئۇيغۇر مۇزىكىسىنى تىڭشماقتا ئىدى. قارىغاندا ئۇ ئۇيغۇر مۇزىكىلىرىنىڭ نەپىس، لەرزان كۈيلىرىگە ھەيران قالغاندەك قىلاتتى. چاقماقتەك گەپ قىلىدىغان مۇلازىمەتچى ئۇستامنىڭ ئۇيغۇرچە گەپلىرى ماھىرەنىڭ كىچىك ۋاقتىدا بىلىدىغان ئۇيغۇر تىلىنى ئاستا-ئاستا غىدىقلاۋاتاتتى. ئۇ ئەمدى بەزى گەپلەرنى پەرق ئېتىپ،ئاپىسى ئارزۇگۈلدىن: «ئانامەي» دېگەن: ئاپا دېگەن گەپقۇ؟-دەپ سورىدى
-ھەئە،قىزىم،توغرا! ئۇ:«ئانا،يەنى ئاپا»دېگەن گەپ،يەنە قانداق گەپلەرنى چۈشەندىڭىز قىزىم؟
-«قارا كۆز»دېگەننى چۈشەندىم،
-ئۇمۇ توغرا قىزىم!-دېدى ئارزۇگۈل ماھىرەنى ئەركىلىتىپ، -ئاستا، ئاستا ھەممە گەپنى ئېسىڭىزگە ئالالايسىز قىزىم! بىزنىڭ ئۇيغۇر تىلىمىز-بەك چىرايلىق تىل!
ماھىرە ئەمدىلىكتە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرچە گەپلەرنى قىلالماي،خىتايچە تىلدا گەپ قىلىۋاتقانلىقىدىن بەكمۇ خىجىل بولماقتا ئىدى. مەن ئۇيغۇرچىنى ئۆگىنىمەن.-دېدى ئۇ يەنە ئاپىسىغا ئەركىلەپ،-بۇنىڭدىن كېيىن ماڭا ئۇيغۇرچە گەپ قىلىڭلار!
-بولىدۇ قىزىم! مەن سىزگە ئۇيغۇرچىنى بىر نەچچە كۈن ئىچىدىلا ئۆگىتىپ بولىمەن. چۈنكى، سىز ھازىر ئۇنتۇلۇپ قالغان بىلەن ئەسلىدە سىزگە ئۇيغۇرچە تىل چىققان ئىدى. ئۇيغۇرچە گەپ قىلالايتتىڭىز، ئۇ سىزنىڭ قېنىڭىزدا مەۋجۇتتۇر!
مەمەت قارى ھەممەيلەنگە بىر تەخسىدىن لەغمەن بۇيرۇتقان ئىدى. ئۇنىڭ ئارقىسىدىن كاۋاپمۇ كەلدى. ماھىرەنىڭ لەغمەننى كۆرۈپ، ھاياجاندىن قوللىرى تىترەپ كەتتى ۋە كۆزىگە ياش ئولاشتى: ئاپا، مەن بۇ تاماقنىڭ ئىسمىنى بىلىمەن، ئۇنىڭ ئىسمى لا تيئاۋ زى (لەغمەن)-دېدى ماھىرە ئاپىسىغا قاراپ، شۇنداقمۇ دېگەندەك قىلىپ،
-شۇنداق قىزىم! ئەمما، ئۇ سىزنىڭ دېگىنىڭىز خىتايچىسى، بۇنىڭ ئۇيغۇرچە ئىسمى: «لەغمەن» .
-ھەئە، شۇ! لەغمەن دەپ، ئۇيغۇرچە ئىسمىنى دېدى بۇ قېتىم ماھىرە، مەن بۇ تاماقنى بەك ياخشى كۆرىمەن! سىزمۇ لەغمەننى ئېتەلەيسىزغۇ ئاپا؟
-ھەئە، قىزىم! مەن كىچىك چېغىڭىزدا سىزگە ھەر كۈنى دېگۈدەك«لەغمەن» ئېتىپ بېرەتتىم.
-بۇندىن كېيىنمۇ ھەر كۈنى ماڭا: لەغمەن ئېتىپ بېرىڭ!-دېدى ماھىرە كۈلۈپ تۇرۇپ،
-بولىدۇ قىزىم! مەن سىزگە نېمىنى خالىسىڭىز، شۇ تاماقنى ئېتىپ بېرىمەن.
بىچارە قىز-دېدى باياتىن بېرى گەپكە ئارىلاشماي تۇرغان گۈلمىرە-قورسىقىغا تويغىدەك تاماق بەرمىگەن گەپ، ئۇلار نېمانداق ئىنساپسىز كىشىلەر-ھە!
-شۇنداق-دېدى مەمەت قارىمۇ گەپ قىستۇرۇپ-بۇلار بەكلا ئىنساپسىز كېلىدىكەن. بىزگىمۇ «كەسپىي قايتا تەربىيەلەش مەركىزى»دە سۇيۇق گۈرۈچ شورپىسى بىلەن ھورنانلا بېرەتتى. بەزىدە ھېچقانداق گۆش سالمىغان كۆكتات شورپىسى بېرەتتى. ئەمما لەغمەن، پولۇ، كاۋاپ، دېگەن تاماقلارنى ھېچ بەرمەيتتى.
مەمەت قارىنىڭ ئەمدىلىكتە قاپىقىنى تۈرۈپ گەپ قىلىپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەن جاڭ، ماھىرەدىن:ئۇ نېمە دەۋاتىدۇ؟-دەپ سورىدى. ماھىرە ئۇنىڭغا تەرجىمە قىلىپ بەردى : «سەن باشلىق بولغان ھېلىقى كەسپىي قايتا تەربىيەلەش مەركىزى»دە، بۇنداق تاماقلار يوق ئىدى دەۋاتىدۇ. ئۇلارغا ھورنان بىلەن گۈرۈچ شورپىسى بېرىپ، يەنە كېلىپ، تويغۇدەك بەرمەي، ئاچ قويۇپ، قىينىغان ئىكەنسىلەر!
-توغرا، شۇنداق قىلدۇق.-دېدى جاڭ ئۆزىنى ھەقلىق كۆرسەتمەكچى بولۇپ،چۈنكى يۇقىرىنىڭ بۇيرۇقى شۇنداق ئىدى. تۇتقۇن قىلىنىپ، جازالانغۇچىلارغا ھېچقانداق يەردە ياخشى تاماق بېرىلمەيدۇ.
-بۇ گەپنى قىلىشمايلى!-دېدى گۈلمىرە ئۆزىنىڭ ئاچچىق خاتىرىسىنى ئەسلەشنى خالىمىغاندەك قىلىپ، ئاندىن جاڭغا قاراپ: مەن بۇ «تۇتقۇن قىلىش، جازالاش»دېگەن گەپلەرگە بەك ئۆچ، ئەمدى مېنىڭ يېنىمدا ئۇنداق گەپنى قىلما! بولمىسا، مەن سەندىن خاپا بولىمەن!
تاماق يېيىلىپ بولۇندى. ئارزۇگۈل گۈلمىرەدىن: ئۆزلىرىنىڭ ئەتە ئەتتىگەندە يولغا چىقىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭمۇ بىللە يولغا چىقالايدىغان ياكى چىقالمايدىغانلىقىنى سورىۋىدى. گۈلمىرە: مەن تۇرۇپ تۇراي، جاڭنىڭ بۇ يەردە بىر نەچچە كۈنلۈك ئىشى بار ئىكەن! ئاكام سىلەر بىلەن بىللە قايتىپ تۇرسۇن! مەن قايتىپ بارغاندىن كېيىن، سىلەرنى ئىزدەيمەن-دەپ، ئۆزىدىن باشقىلارنىڭ قايتىپ تۇرسا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەمەت قارى ۋە ئارزۇگۈل قىزى ماھىرەنى ئېلىپ، ئۆزلىرى ئۇرۇنلاشقان ياتاققا ماڭدى. گۈلمىرە ئاكىسىنى ئۆزى چۈشكەن ياتاققا قالدۇرۇپ قويۇپ، جاڭ بىلەن بىللە ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن مىراس قالغان ئۆيىگە كەلدى. گۈلمىرەنىڭ باشقىلاردىن ئايرىلىپ قېلىشىدىكى يەنە بىر سەۋەب بولسا، جاڭ بىلەن ئۇ بۈگۈن سوتتىن كېيىن گۈلمىرەگە دەپ بەرگەن: «پۇشايمان قىلىپ، خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىپ، كېيىن يوقاپ كەتكەن ساقچى» ھەققىدە سۆزلىشىش ۋە ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلىش ئىدى.
-قېنى ئېيتقىن! راستتىنلا شۇنداق ئىش بولدىمۇ؟ ئۇ نېمە سەۋەبتىن پۇشايمان قىلىپ قاپتۇ؟ كېيىن ئۇ نەگە كەتتى؟ سەنمۇ شۇنداق قىلساڭ بولمامدۇ؟-دەپ سورىدى گۈلمىرە، ئۇنىڭغا قاتتىق سوئال قويۇپ، جاڭ گۈلمىرەنىڭ بۇ قاتتىق سوئالىدىن بىراز تېرىككەن بولسىمۇ، ئەمما جاۋاب بېرىشكە مەجبۇر بولدى:بىز بىلەن بىللە«كەسپىي قايتا تەربىيەلەش مەركىزى»دە ئىشلىگەن، مەن بىلەن فامىلىداش جاڭ ئىسىملىك بىر ساقچى بار ئىدى. ئۇ دەسلەپتە ناھايىتىمۇ ئاكتىپلىق بىلەن خىزمەت قىلغان ئىدى. نەچچە ئون تۇتقۇننىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەبچى بولغان ناھايىتىمۇ قاتتىق قول بىر خىزمەتدىشىم ئىدى. كېيىن تۇرۇپلا، ئۇ، ئۆزىنىڭ تۇتقۇنلارغا بولغان قاتتىق مۇئامىلىسنى ئۆزگەرتىپ يۇمشاپ قالدى.بۇنىڭ سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرسەك،روھى ئازاپلىنىش سەۋەبىدىن،ئۇنىڭ پىسخىكىسىدىن چاتاق چىققان ئىكەن! شۇنىڭدىن ئۇزاق ئۆتمەيلا، ئۇ ئاتا-ئانىسىنىڭ ياشىنىپ قالغانلىقىنى باھانە قىلىپ، ساقچىلىق خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ، قەتئىي چىڭ تۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ پىسخىكىلىق كېسەللىك ئەھۋالى نەزەرگە ئېلىنىپ، ئىستىپاسى قوبۇل قىلىنغان ئىدى. كېيىن ئۇ ئىچكىرىگە قايتىپ كەتتى.ھازىر ئاڭلىسام، ئۇ دۆلىتىمىزگە ئاسىيلىق قىلىپ، يوشۇرۇنچە چەت ئەلگە چىقىپ كەتكەنمىش، ئاندىن ئۇ لوندوندا قۇرۇلغان:«مۇستەقىل ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى»دە گۇۋاھلىق بېرىپ،ئۆزىنىڭ قىلغانلىرىغا پۇشايمان قىلغانلىقىنى جاكارلاپ، لاگېردىكى قىيناش ۋە ئىقرار قىلدۇرۇش جەريانلارنى سوت مەھكىمىسىدە پاش قىلىپ، گۇۋاھلىق بەرگەنمىش!
-شۇنداقمۇ؟-دېدى گۈلمىرە ئۇنىڭغا ھەيران قېلىپ، ئاندىن جاڭغا قاراپ: ئۇ بەك توغرا قىلىپتۇ، شۇنداقتىمۇ ئۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە قىلغانلىرىنىڭ جازاسىنى تارتماي قالمايدۇ! ئەمما،پۇشايمان قىلغانلىقى ئۈچۈن يېنىكرەك قۇتۇلىدۇ. سەنمۇ ئۇنى ئۈلگە قىلىپ، تېزرەك ھەقىقەتكە قايتقان بولساڭ، توغرا قىلغان بولاتتىڭ. مەن سەندىن شۇنى كۈتىمەن! ئەمدى سەندىن سورايدىغىنىم شۇكى، ئۇ نېمە دەپ گۇۋاھلىق بېرىپتۇ، سىلەرگە ئۇنىڭ بەرگەن «گۇۋاھلىقى» نىڭ مەزمۇنىنى بىلدۈردىمۇ؟
-ياق! بىلدۈرمىدى. ئۇقتۇرۇشتا، پەقەت ئۇنىڭ ۋەتەنگە خائىنلىق قىلىپ، چەتەلدىكى مىللىي بۆلگۈنچىلەر تەرىپىدىن لوندوندا قۇرۇلغان:«مۇستەقىل ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» دە، گۇۋاھلىق بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئەمما، ئۇنىڭ نېمە دەپ گۇۋاھلىق بەرگەنلىكىنى ئوچۇق بىلدۈرمىدى.
-ھەئە شۇنداقمۇ؟ ئۇنى سىلەردىن يوشۇرۇپتۇ-دە، ئەمما ئۇنىڭ گۇۋاھلىق بەرگىنى بەك توغرا بولدى.چۈنكى، سىلەر ساقچىلارنىڭ قىلغىنىڭلار بەكمۇ خاتا ئىدى. دوپپىسىنى ئېلىپ كەل دېسە، بېشىنى كېسىپ ئېلىپ كەلدىڭلار، ئىقرار قىلدۇر دېسە، ئۇرۇپ-قىيناپ ئىقرار قىلدۇردۇرۇپ، بەكلا ھەددىدىن ئاشۇرۋەتتىڭلار، نۇرغۇن ئادەمنى قىيناق جەريانىدا ئۆلتۈرۈپ قويدۇڭلار. سەن بالدۇرراق خاتالىقىڭنى تونۇغىن! شۇنداق قىلساڭلا، سېنىڭ ماڭا قىلغان يامانلىقىڭنى كەچۈرۋېتەلەيمەن!
-ئەمما، ئەمما!-دەپ، كېكەچلەپ تۇرۇپ قالدى جاڭ-مەن باشلىق تۇرسام؟
-ھىم! باشلىق بولساڭ نېمە بولۇپتۇ؟-دېدى گۈلمىرە ئۇنىڭغا تىكىلىپ، باشلىق بولغانلار تېخىمۇ كۆپ جىنايەت ئۆتكۈزىدۇ.ئۇلارنىڭ جىنايىتى ھەممىدىن ئېغىر بولىدۇ. شۇڭا باشلىقلار ھەممىدىن ئېغىر جازالىنىسىلەر!
-گۈلمىرە!-دېدى جاڭ مېيىقىدا كۈلۈپ-شىنجاڭدا ھەممە نېمە بىزنىڭ قولىمىزدا تۇرسا، يەنى« ئەسكەر، ساقچى، سوت، تۈرمە، كەسپىي قايتا تەربىيەلەش مەركىزىى» دېگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى بىز باشقۇرۇۋاتساق، كىممۇ بىزنى جازالىيالىسۇن؟
-ھىم-دېدى گۈلمىرەمۇ ئۇنىڭغا جاۋابەن-ھازىرچە شۇنداق بولغىنى بىلەن، مەڭگۈ شۇنداق بولۇشى ناتايىن! كەلگۈسىدە دەۋىر ئۆزگىرىدۇ. خۇددى كوممۇنىستلار مىللەتچى ھۆكۈمەتتىن ھاكىمىيەتنى ئۆتكۈزۈۋالغاندەك، سىلەر باشقۇرۇۋاتقان ھازىرقى ھۆكۈمەتنىمۇ باشقا بىرلىرى كېلىپ ئۆتكۈزۈۋالىدىغان ئىشنى بولمايدۇ دېگىلى بولمايدۇ، شۇ چاغدا دېموكراتىك دەۋىرگە قەدەم بېسىلىدۇ.ئۇ زامان سىلەر قىلغان-ئەتكەنلىرىڭلارنىڭ ھېسابىنى بېرىشكە مەجبۇر بولىسىلەر ۋە جازالىنىسىلەر!
-ھىم، دېدى-جاڭ يەنە گېلىنى قېقىپ، بۇ مۇمكىن ئەمەس!
-نېمە دېسەڭ مەيلى!-دېدى گۈلمىرە ئۇنىڭ بىلەن يەنە مۇنازىرىلىشىشنى خالىماي، ۋاقتى كەلگەندە كۆرىسەن! ئەمدى سېنىڭ بىلەن تالاشمايمەن. سەن خېلى كومپيۇتېرغا ئۇستىغۇ؟ ماڭا:يېڭىدىن بىر«ئىلخەت ئادرېسى»يېزىپ بەرگىن. مېنىڭ لوندوندا بىر ساۋاقدىشىم ياشايدۇ، مەن ئۇ ئارقىلىق سەن دېگەن ھېلىقى گۇۋاھچى جاڭنىڭ نېمە دەپ گۇۋاھلىق بەرگەنلىكىنى بىلىۋېلىشىم كېرەك! چۈنكى مەنمۇ بىر گۇۋاھچى، سىلەر مېنى بىگۇناھ تۇتقۇن قىلىپ، لاگېردا زۇلۇم قىلدىڭلار،ئىپپەت-نومۇسۇمغا تەگدىڭلار،شۇنىڭ ئۈچۈن بېشىمدىن ئۆتكەنلەرنى، ئۇنىڭ دېگەنلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇپ بېقىشىم كېرەك.
-گۈلمىرە ئۇنداق قىلما! ئۇ نېمە دەپ گۇۋاھلىق بەرگەن بولسا، ئۆزىنىڭ ئىشى، ئۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ كارىمىز بولماسلىقى كېرەك! ئەگەر ئىلخەت ئادرېسى ئارقىلىق چەتئەل بىلەن ئالاقىلاشساڭ، كېيىن ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بايقىلىپ قالسا، ساڭا جىنايەت ئارتىلىدۇ.
-نېمە بولسا مەيلى،قورقمايمەن! مەن يېزىپ بەر دېگەندىكىن، يېزىپ بەر! بولمىسا كونا ئىلخەت ئادرېسىمنى ئىشلىتىمەن-دېدى گۈلمىرە قەتئىيلىك بىلەن،
گۈلمىرەنىڭ قاتتىق تەلەپ قىلىشى بىلەن ئۇ، يېڭىدىن بىر «ئېلخەت ئادرېسى» يېزىپ بېرىشكە مەجبۇر بولدى.گۈلمىرە ئېلخەت ئارقىلىق،لوندوندا ياشايدىغان ساۋاقدىشىغا خەت يېزىپ، گۇۋاھچى جاڭنىڭ:« مۇستەقىل ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» دە بەرگەن گۇۋاھلىق سۆزىنى ئەۋەتىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىۋىدى، لوندوندىكى ساۋاقدىشى ئۇنىڭ تەلىپىنى قوبۇل قىلىپ،بىرنەچچە سائەتتىن كېيىنلا، جاڭنىڭ لوندوندا ئېچىلغان«مۇستەقىل ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» دە بەرگەن گۇۋاھلىق سۆزىنى ئەۋەتىپ بەردى. گۈلمىرە ئۇنى ئېچىپ، ئۈنلۈك ئوقۇدى:« مېنىڭ ئىسمىم جاڭ، مەن شۇنىڭ ئۈچۈن گۇۋاھلىق بېرىمەنكى، مەن شىنجاڭدا قۇرۇلغان ئاتالمىش«كەسپىي قايتا تەربىيەلەش مەركىزى» دە ئىككى يىلغا يېقىن ساقچى-گۇندىپاي بولۇپ خىزمەت قىلغان ئىدىم. بۇ جەرياندا نۇرغۇن كىشىلەر تۇتقۇن قىلىندى. ئۇلار گۇمان ۋە شۆبھە بىلەنلا تۇتۇلغان بولۇپ، ھېچقايسىسىنىڭ تۇتامغا چىققۇدەك ئەمەلىي ئىشلىگەن بىرەر جىنايىتى يوق ئىدى. ئەمما يۇقىرىنىڭ بۇيرۇقى بويىچە،بىزنىڭ ۋەزىپىمىز-ئۇلارنى قانداقلا قىلساق-قىلىپ، مەجبۇرى بولسىمۇ ئىقرار قىلدۇرۇپ، ئۈستىگە بىرەر جىنايەت ئارتىش بولغاچقا، تۇتۇپ كېلىنگەن كىشىلەرنى كامېرغا ئېلىپ كىرگەندىن كېيىن، قاتتىق سېمونت يەرگە ياتقۇزۇپ، يۈزىگە دەسسەپ تۇرۇپ قىينىدۇق ۋە بارلىق جىنايىتىنى ئىقرار قىلىشنى تەلەپ قىلدۇق، بەزىلىرى شۇ يەردىلا ئىقرار قىلدى. بەزىلىرى نېمىنى ئىقرار قىلىشنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالغاندا، بىز ئۇلارنىڭ يۈزىگە قاتتىق ئايىقىمىز بىلەن تېخىمۇ قاتتىق دەسسىدۇق، ئۇنىڭدىنمۇ ھېچقانداق جاۋاب ئالالمىغاندا بولسا، ئۇ تۇتقۇننى سوراقخانىغا ئېلىپ كىرىپ،قارا تۆمۈر ئورۇندۇققا ئولتۇرغۇزۇپ،پۇت-قولىنى مىدىر-سىدىر قىلالماس قىلىپ باغلىغاندىن كېيىن، دەسلەپ رېزىنكە كالتەك بىلەن ئۇرۇپ، ئىقرار قىلىشقا قىستىدۇق، شۇنىڭدىمۇ ئىقرار قىلمىغانلارنىڭ بەدىنىگە توك كالتىكى ياقتۇق. دۈمبىسى كۆكرەك قىسىملىرىغا توك قەلىمى بىلەن سىزىق سىزىپ قىينىدۇق، بۇ قىيناش نەتىجىسىدە بەزى تۇتقۇنلار ھوشىدىن كېتەتتى. ئۇ چاغدا بىز بىر چېلەك سوغۇق سۇ ئېلىپ كېلىپ تۇتقۇنلارنىڭ يۈز-كۆزىگە چېچىپ، ھوشىغا كەلتۈرگەندىن كېيىن، خالىساق پۇت-قولىمىز بىلەن تېپىپ ئۇراتتۇق، خالىساق يەنە توك كالتىكى ياقاتتۇق، شۇنىڭدىن كېيىن بەزى تۇتقۇنلار يەنە ھوشىدىن كېتەتتى. ھوشىدىن كەتكەن بەزىلىرى قايتا ھوشىغا كېلەلمەي، ئۆلۈپ كېتەتتى.بەزى خىزمەتداشلىرىم ئايال تۇتقۇنلارنى سوراق قىلغاندا ئۇلارنىڭ كىيىمىنى سالدۇرۇۋېتىپ، بەدەنلىرىنىڭ نازۇك يەرلىرىگە قاراپ، تۇتۇپ ۋە سىلاپ كۆڭۈل ئاچقان، ئاندىن ئۇلارنى قىيناپ، ھوشىدىن كەتكەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئۇلارغا باسقۇنچىلىق قىلىدىغان ئىشلارمۇ بولدى. شۇنىڭدىن كېيىن بىر قىسىم ئاياللار ئۆزى ئۆلۈۋالغان ياكى قىيناقتا ئۆلۈپ كەتكەن. مانا مۇشۇنداق ئىشلار ئۇزاق مۇددەت داۋاملاشقاندىن كېيىن، مەن روھىي ئازابقا گىرىپتار بولدۇم. ئۆزۈمگە ئۆزۈم:« نېمىشقا بىگۇناھ ئىنسانلارنى تۇتۇپ-سولايمىز، ئۇرۇپ-قىينايمىز ۋە ئۆلتۈرىمىز؟-دەپ سوئال قويۇپ، ۋىجدانىم ئازابلاندى. شۇڭلاشقا مەن بۈگۈن بۇ يەردە مۇشۇ ئىشلارنىڭ ھەقىقەتەن يۈز بەرگەنلىكىگە گۇۋاھچى بولۇپ، بۇ سۆزلەرنى قىلىۋاتىمەن. مەن قىلغانلىرىمغا پۇشايمان قىلىمەن. ئۇيغۇرلارنىڭ مېنى كەچۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن! »
گۈلمىرە جاڭنىڭ لوندوندىكى:« مۇستەقىل ئۇيغۇر سودا كوللېگىيەسى» دە بەرگەن گۇۋاھلىقىنى ئوقۇغاندىن كېيىن، كۆزلىرى ياشقا تولدى. بەدەنلىرى تىترەۋاتاتتى. كۆزىدىن ئوت چاقناپ كەتتى. ئۇنىڭ ئالدىدا بىر زالىم ھەم باسقۇنچى جاڭ تۇراتتى. ئۇنىڭغا غەزەپ بىلەن تىكىلىپ تۇرۇپ شۇنداق دېدى: ئاڭلىدىڭمۇ؟ ئۇلارنىڭ قىلغان ۋەھشىلىكلىرىنى، سەنمۇ شۇلارنىڭ بىرى، قېنى دەپ باقە! سەن قانچە ئادەم ئۆلتۈردۈڭ؟
گۈلمىرەنىڭ بۇ سوئالىدىن جاڭنىڭ چىرايى تۇتۇلۇپ كەتتى. ئۇ قىزىرىپ-تاتىرىپ تۇرۇپ، سېنىڭدىن بۇرۇن سوراق قىلغان بىر قىز، قىيناقتىنمۇ ياكى باشقا سەۋەپتىنمۇ بىلمەيمەن،سوراقتىن كېيىن ئۆلۈپ كەتكەن ئىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن مەن جىق ئادەم ئۆلتۈرمىدىم. قىيناپ سوراق قىلدىم شۇ، چۈنكى بىز يۇقىرىنىڭ يوليورۇق بويىچە ئۇلارنى سوراق قىلىپ،قانداقلا بولمىسۇن،چوقۇم ئىقرار قىلدۇرۇشىمىز كېرەك ئىدى. بولمىسا ۋەزىپىمىز ئورۇنلانمايتتى. –ئەمىلىڭ ئۆسۈپ، باشلىق بولغاندىن كېيىنچۇ، ئۇ چاغدا يەنە ئادەم ئۆلتۈرگەنسەن؟
-ياق، مەن ئۇ چاغدا ئۆزۈم بىۋاسىتە ئادەم ئۆلتۈرمىدىم، ئەمما قول ئاستىمدىكىلەرنىڭ سوراقتا ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغانلىقىنى ئاڭلىدىم. ئاشۇنداق ئادەم ئۆلۈۋەرگەندىن كېيىن، بىز قىيناقنى بىراز يىنىكلەتتۇق.شۇنىڭدىن كېيىن جىق ئادەم ئۆلمىدى. ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ھەر كۈنى دېگۈدەك تۇتقۇنلارنىڭ ئۆلۈپ كېتىدىغان ئىشى بولۇپ تۇراتتى.
-سەن ئۇلارنى نېمىشقا توسمىدىڭ؟ ئەگەر سەن ئۇلارنى توسۇپ:«ئۆلۈپ قالغۇدەك دەرىجىدە قىينىماڭلار!»-دەپ ئېيتقان بولساڭ بەلكى، ھېچ بىر ئادەم ئۆلمىگەن بولاتتى. بۇنىڭ مەسئۇلىيىتى سېنىڭ ئۈستۈڭدە، شۇڭا سەنمۇ ئۇلارغا شېرىك بولغان بىر قاتىل ھېسابلىنىسەن!
-ئۇنداق دېمە گۈلمىرە، مەن ئۇ ئىشلارنى ئۆزۈم ئۆز ئىختىيارىم بىلەن قىلغان ئەمەس، مەن تۇتقۇنلارنى مەجبۇرى ئۆلتۈرمىگەن، قېيناقتا ئۆلۈپ كەتتى شۇ،
-مەيلى نېمە دېسەڭ ئوخشاش، سەنمۇ بىر قاتىل! ئەمدى بۇ گۇناھىڭ ئۈچۈن پۇشايمان قىلىدىغان ۋاقتىڭ كەلدى. ھازىردىن باشلاپ پۇشايمان قىلىپ، ئۆلتۈرگەن ئادەملىرىڭدىن كەچۈرۈم سورىغىن! مەندىنمۇ كەچۈرۈم سورا! ئەگەر ئۇنداق قىلمىساڭ، بۇنىڭدىن كېيىن، مەن سەن بىلەن بىللە بولالمايمەن.
-ئۇنداق قىلمىغىن گۈلمىرە، مەن ئويلىنىپ باقاي، مەن بىر باشلىق، ئەمىلىم تېخىمۇ يۇقۇرى ئۆسۈشى كېرەك!
-بۇ قۇرۇق گەپ،جاھىللىق! مەن ساڭا ئىلگىرىمۇ دېگەن: ئەمىلىڭ قانچە ئۆسسە، گۇناھىڭ شۇنچە ئېغىرلىشىدۇ. بۇ خام خىيالنى قىلما! دەرھال توۋا قىلىپ،ئارقاڭغا قايتقىن! شۇنداق قىلساڭلا، مەن سېنى كەچۈرەلەيمەن! جاڭ شۇنىڭدىن كېيىن ھېچنېمە دېمەي، خىيالغا چۆكۈپ،جىم تۇرۇپ قالدى.
گۈلمىرە ئۇنى يالغۇز قالدۇرۇپ،باشقا ئۆيگە چىقىپ، ئۆزىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن قانداق قىلىشى كېرەكلىكى ھەققىدە خىيال سۈرۈپ، ئۆز-ئۆزىگە سوئال قويۇپ ھەم ئۆزى جاۋاپ بېرىپ، بىر ۋاقىتلار بولغاندا كۆزى ئۇيقۇغا كەتتى.
گۈلمىرە چۈش كۆرۈۋاتاتتى. چۈشىدە:«ئاق روماللىق بىر پەرىشتە ئۇنىڭغا گەپ قىلىۋاتاتتى: قىزىم! باياتىن بۇيان ئۆزەڭگە-ئۆزەڭ دېگەن گەپلىرىڭنى بىز ئەرشىدە تۇرۇپ ئاڭلىدۇق، سەن نىكاھسىز ھالداباشقا بىرسى بىلەن، بولۇپمۇ ئۆزەڭنىڭ دۈشمىنى بولغان كاپىر بىرسى بىلەن بىللە بولغانلىقىڭدىن قاتتىق پۇشايمان قىلدىڭ،بۇ ئېغىر گۇناھ تۇرسا،مەن ئەمدى بۇ دۇنيادا قانداقسىگە؟ پاك بىر ئىنسان بولۇپ ياشىيالايمەن؟بۇنداق ياشىغاندىن كۆرە ئۆلۈۋېلىپلا،ئۇ دۇنياغا كەتسەم قانداق بولار؟-دەپ،ئۆزەڭگە سوئال قويدۇڭ، ئاندىن ئۆزەڭنىڭ سوئالىغا يەنە ئۆزەڭ جاۋاب بېرىپ:«چۇقۇم مەن ئۆلىۋالاي!» دېگەن قارارغا كەلدىڭ. قىزىم! مەن ساڭا شۇنى دېمەكچى: سەن ئۇ ئىشنى ئۆز ئىختىيارىڭ بىلەن قىلمىدىڭ، مەجبۇرلاندىڭ! سەن گۇناھسىز! شۇنىڭ ئۈچۈن سەن ھەرگىزمۇ ئۆزەڭ ئۆلۈۋالمىغىن! ئادەمنىڭ ئەجىلى كەلمىگەن ئەھۋالدا ئۆزىنى-ئۆزى ئۆلتۈرۈۋېلىشى ئېغىر گۇناھتۇر! ئەگەر خالىساڭ مەن ئەجەل مۇئەككىلى ئەزرائىلغا خەۋەر بېرەي! ئۇ سېنىڭ روھىڭنى تېنىڭدىن ئالسۇن! ئۇ زامان سېنىڭ تېنىڭ پاكلىنىدۇ!
-ماقۇل، پەرىشتە ئانا! شۇنداق قىلىڭ! دېدى-گۈلمىرە ئاق روماللىق پەرىشتەگە ئېگىلىپ تازىم قىلىپ تۇرۇپ، مەن بۇنىڭغا قوشۇلىمەن. مەن ئۇ دۇنياغا گۇناھسىز، پاك بىر بەندە بولۇپ بېرىپ، ھۆر-پەرىلەر قاتارىدا ياشاشنى خالايمەن!
-ئۇنداق بولسا، ئاشۇنداق قىلايلى!-دېدى پەرىشتەمۇ گۈلمىرەگە ئىگىلىپ سالام بېرىپ-ئەزرائىل سېنىڭ يېنىڭغا بارىدۇ. ئاندىن روھىڭنى تېنىڭدىن چىقىرىپ، بىزنىڭ يېنىمىزغا ئېلىپ كېلىدۇ. سەن ئەمدى ھۆر-پەرىلەر قاتارىدا بولىسەن، خەير-خوش! »
