شائىر مۇھەممەت ئابدۇمىجىتنىڭ «ئىزتىراپ» ناملىق شېئىرلار توپلىمى يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى.

ھەممىمىزنىڭ ئورتاق بىر دەردىمىز بار، ھېس قىلىدىغان ئەمما دېيەلمەيدىغان، ھەممىمىزنىڭ ئورتاق بىر ئازاب ۋە ئىزتىراپلىرىمىز بار، ھەر تۈنلەردە قىينايدىغان ئەمما ئەڭ يېقىنلىرىمىزغىمۇ ئىپادىلەپ بىرەلمەيدىغان… بۇنى شائىرلار شېئىر بىلەن ئىپادىلەشكە تىرىشىدۇ. شېئىردىكى تېماتىك بوشلۇق ئەمىلىيەتتە ئۇشبۇ شائىرنىڭ دەل دېيەلمەيۋاتقان ئازابلىق سانجىقلىرى، خالاس. ئوقۇرمەن بۇ بوشلۇقنى ئۆز دەردىنىڭ چوڭقۇرلۇقى ۋە مىسرادىكى ھېسسىي ئورتاقلىققا قارىتا پەرقلىق چۈشىنىدۇ. ئوخشاش بىر شېئىر پەرقلىق كەچمىشلەرگە ئىگە كىشىلەر تەرىپىدىن ئوقۇلغاندا، يەنە ئوخشاش مەنىنى بىلدۈرسە، بۇ شېئىرنىڭ تۇلىمۇ تېيىزلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ھالبۇكى، شائىرلار ئۆز يارىلىرىنى تاتىلاش ئارقىلىق، ئوخچۇپ چىققان قانلارنى ئوقۇرمەنگە تەقدىم قىلغۇچىلاردۇر.
بۇ كىتابتىكى شېئىرلارمۇ دەل شائىرنىڭ ۋە خەلقىمىزنىڭ ئورتاق ئازابلىق يارىسى بولغان «ۋەتەن»گە كۆپرەك خىتاب قىلىدۇ، بۇ نۇقتىدىن شائىر بىلەن ھەممىمىز ھېسداش ۋە قەلبداش ھىساپلىنىمىز.
قەدىرلىك ئوقۇرمەن، سىز ئۇشبۇ شېئىرلار توپلىمىنى قولىڭىزغا ئالغان ۋاقتىڭىزدا، شائىرنىڭ ئويناق مىسرالىرى، بەدىئىي ماھارىتى، ئىجادىيەت ئۇسلۇبى ۋە سۆز ياساش ئىقتىدارىغا قايىل بولماي تۇرالمايسىز. بەلكىم سىز كىتابتا كۆپلىگەن ناتونۇش كەلىمىلەرگە ئۇچرىشىشىڭىز مۇمكىن، ئەمما بۇ كەلىمىلەر سىزنى شائىرنىڭ رېئاللىقتىن قېچىپ، ئۆزلۈككە تەلپۈنگەن «سايىدىگاھى»غا، تەن ۋە روھنىڭ «رىشتىگاھى»غا، چەكچىيىپ چىقىپ قالغان يۈرەكنىڭ «زۇھۇرى»غا، غۇربەتتە يەكلەنگەن بالىنىڭ «خورلۇقگاھى»غا، سەنسىزلىكتە سەرسان يىغلاڭغۇنىڭ «سازايىگاھى»غا، ئاشىق-مەشۇقنىڭ ھىجرانلاردىكى «دىدارگاھى»غا ھەمدە پۈتۈن غېرىبانە ھېسلارنىڭ «سۈرگۈنگاھى»غا باشلاپ بارىدۇ.
— ئالىمجان مەتقاسىم (غەمناكى)