دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنى جانلاندۇرۇش چاقىرىقى

دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئەدىبلىرىنىڭ ئىجادىيەتلىرىگە تۈرتكە بولۇش، كىرزىسقا دۇچ كەلگەن تىلىمىز ۋە سۈپەتتىن ئايرىلىش ھەتتا پۈتۈنلەي يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قېلىۋاتقان ئەدەبىياتىمىزنى جانلاندۇرۇش مەقسىتى بىلەن قۇرۇلغان، پايدا تاپمايدىغان پەقەت ئۇيۇشما ئەزالىرىنىڭ پىداكارلىقى بىلەن خىزمەت قىلىدىغان تەشكىلات بولۇپ، 8 يىلدىن بۇيان كۈچىنىڭ يېتىشىچە رولىنى جارىي قىلدۇرۇپ كەلدى. ھازىرغىچە نەشىر قىلىنغان 27 كىتاب، تارىم ئەدەبىياتى مۇكاپاتى ۋە باشقا پائالىيەتلەر ئۇنىڭ نەتىجىلىرى. تەشكىلاتىمىز يېقىندا قايتا تەشكىللىنىپ، ئۇيۇشما ھەيئەتلىرى يىغىن ئېچىپ يېڭى قارارلارنى ئالدى. بۇنىڭدا ئاساسلىقى ئۇيۇشمىغا ئەزا ياكى ئەزا بولمىغانلارنىڭ ئىجادىيىتىگە ئىلھام بېرىش، بىر نەچچە يىل توختام سۇدەك جىمىپ قالغان مۇھاجىرەت ئەدەبىياتىنى قايتا جانلاندۇرۇش، ئانا تىلى ۋە ئەدەبىياتىنى سۆيىدىغان جامائەتنى بۇ ئىشلارغىمۇ كۆڭۈل بۆلۈشكە ئۈندەش، ئىقتىسادىي ئاساسنى مۇستەھكەملەش، مۇمكىن بولسا چوڭراق فوندلارنىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈش، زۆرۈر ئىمكانىيەتلەر تەل بولغاندا چوڭراق پائالىيەتلەرنى قىلىش، ھازىرچە بار ئىمكانىيەتتىن پايدىلىنىپ ئۇيۇشما تور بېتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، مۇنبەر قۇرۇش، مۇشۇ سەھنە ئاساسىدا يېڭى ئاپتور ۋە نادىر ئەسەرلەرنى بايقاش، ئانا تىل سۆيگۈسى ۋە ئەدەبىيات ئىشقى بار ھەر كىمنى ئەسەر ئېلان قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش، كەلگۈسىنىڭ ئۈمىدلىك شائىر يازغۇچىلىرىغا ئىلھام بېرىش، ئەسەرلىرىنى كىتاب قىلىپ نەشر قىلدۇرۇشنى پىلانلىغانلارغا ياردەمدە بولۇش، تارىم ئەدەبىياتى مۇكاپاتىنى داۋاملىق تارقىتىش قاتارلىق پىلانلار بېكىتىلدى. ئۇيۇشما، ئۇيۇشما ئەزالىرىنىڭ ئاكتىپچانلىقى بىلەن مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، جانلىنىدۇ ۋە كۈچىيىدۇ. ئۇيۇشما ئەزلىرىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ئىجتىمائىي تاراتقۇ سەھىپىلىرىمىز ۋە رەسمىي تور بېكىتىمىزگە داۋاملىق ئەسەر يوللاپ، ئەدەبىيات سورۇنىمىزنى جانلاندۇرۇپ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئىچىمىزدىن كۈچلەنمىسەك ئاجىز ۋە ئۈمىدسىز ھالدا قالىمىز، سورۇننىڭ جانلىنىشى ھەممىمىزنىڭ ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇشىغا باغلىق، ئىچىمىزدىن قايناپ چىقمىساق بۇ قازان قاينىمايدۇ. شۇڭا ئۇيۇشما ئەزالىرىنىڭ بۇ ئىشقا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشىنى سورايمىز.
چەتئەلدىكى ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرىنىڭمۇ بۇ قۇشۇنغا قوشۇلۇپ، بىر كىشىلىك ھەسسە قوشۇپ، ئۆز تالانتىنى جارىي قىلدۇرۇشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز. كونىلارنىڭ «يالغۇز ئاتنىڭ چېڭى چىقماس، چېڭى چىقسىمۇ دېڭى چىقماس»، «ئىش ئۆملۈكتە، كۈچ بىرلىكتە»،«بۆلۈنگەننى بۆرە يەر»… دېگەندەك ھېكمەتلىرى بار. شۇڭا ئەدەبىيات ئاشىنالىرىنىڭ بۇ ئۇيۇشما ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، بۇ سەھنىدىن پايدىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
