ئىككىنچى نۆۋەتلىك «تارىم ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا تاھىر ھامۇت ئىزگىلنىڭ «كېچىدە تۇتقۇن قىلىنىشنى كۈتۈش» ناملىق كىتابى ئېرىشتى
ئىككىنچى نۆۋەتلىك «تارىم ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا تاھىر ھامۇت ئىزگىلنىڭ «كېچىدە تۇتقۇن قىلىنىشنى كۈتۈش» ناملىق كىتابى ئېرىشتى.
«تارىم ئەدەبىيات مۇكاپاتى» ئەدەبىياتسۆيەر ئۇيغۇر قىزى ئامىنە ۋايىت سەدەف خانىم تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان، ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم تارقىتىلىدىغان، تارقىتىش ۋە باھالاش جەريانى ئۇيۇشمىمىز تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىغان بىر مۇكاپاتتۇر.
بۇ قېتىم «تارىم ئەدەبىيات مۇكاپاتى» ھەيئەت گۇرۇپپىسى قارار قىلىش ئارقىلىق ئۇشبۇ كىتابنىڭ ئەدەبىي قىممىتى ۋە ئۇيغۇرلارغا كەلتۈرگەن ئوبېكتىپ نۇقتىلىرىدا بىرلىككە كەلدى.
ئۇشبۇ كىتاب نەشر قىلىنغاندىن كېيىن نۇرغۇن خەلقئارالىق مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى، ئون نەچچە چەتئەل تىلىغا تەرجىمە قىلىندى؛ توپلام تىراژى مىليوندىن ئاشتى. بۇ كىتاب دۇنياۋىي شۆھرەتكە ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئۆز خەلقىمىز تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان، ئۆزىمىزنىڭ مۇكاپاتىنى بۇ كىتابقا بىرىش ئاپتورغا ۋە كىتابقا كۆرسەتكەن ھۆرمەت ۋە قايىللىقتۇر.
كىتابنىڭ ئۇيغۇرچىسى ئۆتكەن يىلى نەشردىن چىققان بولۇپ، خەلقىمىز ئەڭ سۆيۈپ ئوقۇغان كىتابلاردىن بىرى بولدى. كىتاب ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بېشىغا كەلگەن ھەر خىل تراگېدىيەنى بىرىنچى شەخس تىلىدا بايان قىلىپ بەرگەن ئەڭ كۈچلۈك ۋە ئەڭ تەسىرلىك ئەسەرلەردىن بىرىدۇر.
بۇ كىتابتا ئاپتور ئۆزىنىڭ تاشقى دۇنيا بىلەن ئالاقىسى پۈتۈنلەي ئۈزۈپ تاشلانغان شەرقىي تۈركىستاندا ياشىغان ئاشۇ قاراڭغۇ يىللارنى، يەنى 2017-يىللىرى باشلانغان تۈركۈملەپ تۇتقۇن قىلىش ۋە لاگېرلارغا سولاش دەۋرىدىكى كەچۈرمىشلىرىنى خاتىرىلەيدۇ.
كىتابنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى ۋە قىممىتى تۆۋەندىكىچە:
كىتابنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى ۋە تېمىسى :
كىتابنىڭ نامىدىنلا كۆرۈنۈپ تۇرغىنىدەك، ئەسەرنىڭ مەركىزى تېمىسى — ھەر كېچىسى «تۇتقۇن قىلىنىمەنمۇ؟» دەيدىغان پىسخىكىلىق بېسىم ۋە ۋەھىمە ئىچىدە ياشاش. ئاپتور دوستلىرىنىڭ ۋە تونۇشلىرىنىڭ بىر-بىرلەپ غايىب بولۇشىنى، ھۆكۈمەتنىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت سىستېمىسى (يۈز تونۇش، قان ئەۋرىشكىسى ئېلىش، يانفۇنلارنى تەكشۈرۈش) ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ ئەركىنلىكىنى قانداق بوغقانلىقىنى ئىنتايىن ئېنىق تەسۋىرلەيدۇ.
زىيالىيلارنىڭ تەقدىرى:
تاھىر ھامۇت ئۆزى داڭلىق شائىر ۋە رېژىسسور بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، يازغۇچى-سەنئەتكارلىرىنىڭ قانداق نىشانغا ئېلىنغانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرىدۇ. كىتابتا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئەڭ سەرخىل قىسمىنىڭ يوقىتىلىش جەريانى جانلىق يورۇتۇلغان.
ئەسەرنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى:
ئۇنىڭ مۆتىدىل، ئېغىر-بېسىق ۋە راستچىل تىلىدۇر. ئاپتور ھېسسىياتقا بېرىلىپ، مۇبالىغە قىلىپ كەتمەيدۇ؛ ئەكسىچە، يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى، ئىنسانلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىدىكى قورقۇنچ، ئۈمىدسىزلىك ۋە ئۆز – ئارا ئىشەنچنىڭ يوقىلىش جەريانىنى خۇددىي بىر كىنو كامېراسىدەك ئىنچىكىلىك بىلەن سۈرەتكە تارتىدۇ. بۇ سوغۇققان بايان ئۇسلۇبى كىتابنىڭ تەسىر كۈچىنى تېخىمۇ ئاشۇرغان.
خەلقئارادىكى تەسىرى:
بۇ كىتاب ئىنگلىز تىلىغا ۋە باشقا بىر قانچە دۇنياۋى تىللارغا تەرجىمە قىلىندى. خەلقئارادىكى داڭلىق تاراتقۇلار بۇ كىتابقا يۇقىرى باھا بەردى. ئۇ نۆۋەتتە دۇنيانىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ۋە كوممۇنىستىك خىتاي رېجىمىنىڭ زۇلۇمىنى چۈشىنىشىدىكى ئەڭ مۇھىم بىرىنچى قول شاھىتلىق مەنبەلەرنىڭ بىرى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنماقتا.
خۇلاسە:
«كېچىدە تۇتقۇن قىلىنىشنى كۈتۈش» پەقەت بىرلا ئائىلىنىڭ قېچىش تارىخى ئەمەس، بەلكى پۈتۈن بىر خەلقنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى ئەڭ ئېچىنىشلىق كەچۈرمىشىنىڭ مىكرو كۆرۈنۈشىدۇر. ئۇ بىزگە زۇلۇمنىڭ قورقۇنچلۇق قىياپىتىنى كۆرسىتىش بىلەن بىرگە، ئىنسان روھىنىڭ ئەركىنلىككە بولغان تەلپۈنۈشىنى ۋە ھايات قېلىش ئىرادىسىنى نامايان قىلىدۇ.
تاھىر ھامۇت ئىزگىل كۆزگە كۆرۈنگەن بىر ئۇيغۇر شائىرى، كىنو رېژىسسورى ۋە پائالىيەتچىدۇر. ئۇ ئۇيغۇر ھاياتىنىڭ كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچرىغان شېئىرلىرى ۋە كىنولىرى بىلەن تونۇلغان. ئۇ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى قەدىمىي شەھەر قەشقەردە چوڭ بولغان. بېيجىڭدا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغاندىن كېيىن، ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ، داڭلىق كىنو رېژىسسورى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان. ئۇ ۋەتەندىكى ھەر خىل ئۇيغۇر تىلىدىكى ژۇرناللاردا شېئىر، ماقالە ۋە تەرجىمىلەرنى ئېلان قىلغان. 2000-يىلى ئۇنىڭ «غەرب مودېرنىزم ئەدەبىيات ئېقىملىرى» ناملىق كىتابى ئاتالمىش «شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى» تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. 2016-يىلى ئۇنىڭ «ئارىلىق ۋە باشقىلار» ناملىق شېئىرلار توپلىمى بېيجىڭدىكى مىللەتلەر ئۈن-سىن نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان.
ئىزگىلنىڭ جوشۇا. ل. فىرىمان (Joshua L. Freeman) تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان شېئىرلىرى «نيو-يورك كىتاب ئوبزورى»، «ئاسىمپتوت»، «گۇلف كوست»، «بېركلى شېئىرىيەت ئوبزورى» ۋە «گرانتا» قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان، شۇنداقلا خىتايچە، ياپونچە، فىرانسۇزچە ۋە تۈركچە تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى يەنە «نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتى»، «ئاتلانتىك ژۇرنىلى»، «چېگراسىز سۆزلەر» قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا ئۇچرايدۇ.
2017-يىلى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر خەلقىنى تۈركۈملەپ لاگېرلارغا سولاشنى باشلىغاندا، ئىزگىل ئائىلىسى بىلەن ئامېرىكىغا قېچىپ كەلگەن. 2020-يىلى ئۇنىڭ «ئىلاھىي مۇراسىم» ناملىق شېئىرلار توپلىمى مۇقەددەس نۇرنىڭ تەرجىمىسىدە ياپونىيە كومىياكۇشيا نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان. ئۇنىڭ «كېچىدە تۇتقۇن قىلىنىشنى كۈتۈش: بىر ئۇيغۇر شائىرنىڭ خىتاي ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى ئەسلىمىسى» ناملىق يېڭى كىتابى 2023-يىلى ئاۋغۇستتا ئامېرىكىدىكى پېنگىۋىن نەشرىياتى ۋە ئەنگلىيەدىكى جوناسىن كېيپ نەشرىياتى تەرىپىدىن تۇنجى بولۇپ ئىنگلىز تىلىدا نەشر قىلىنغان. بۇ ئەسلىمە يەنە ئون نەچچە تىلغا تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ، 2023-يىللىق مەملىكەتلىك كىتاب ئوبزورچىلىرى جەمئىيىتىنىڭ ئەڭ ياخشى تۇنجى كىتاب مۇكاپاتى — «جون لېئونارد مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ھەمدە «نيو-يورك ۋاقىت گېزىتى»، «ۋاشىنگتون پوست گېزىتى»، «ئىقتىسادشۇناس» ۋە «دەۋر» ژۇرنىلى تەرىپىدىن 2023-يىللىق ئەڭ ياخشى كىتابلارنىڭ بىرى سۈپىتىدە باھالانغان.
2024-يىلى، ئىزگىل ئىجادىيەت ئارقىلىق قارشىلىق كۆرسىتىش بويىچە «ۋسلاۋ خاۋېل خەلقئارا ئىجادىي ئۆكتىچى مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن ۋە شۇ يىللىق كىشىلىك ھوقۇق يېزىقچىلىقى بويىچە «مور مۇكاپاتى»نى تاپشۇرىۋالغان. ئۇ يەنە 2024-يىللىق شىۋېتسىيە «تومۇزغا مۇكاپاتى» ۋە 2025-يىللىق پېن كاتالان «ئەركىن ئاۋاز مۇكاپاتى» ئېرىشكەن.
ئۇ ئامېرىكا مەملىكەتلىك كىتاب بايرىمى (ئامېرىكا 2023 )، 75-نۆۋەتلىك فىرانكفورت كىتاب يەرمەنكىسى (گېرمانىيە 2023 )، كېسىشىش نۇقتىسى ئەدەبىيات فېستىۋالى (بېلگىيە ۋە گوللاندىيە، 2023)، بېرلىن خەلقئارا ئەدەبىيات فېستىۋالى (گېرمانىيە، 2024)، چەلتېنھام ئەدەبىيات فېستىۋالى (ئەنگلىيە، 2025) ۋە ئامېرىكا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى دۇنيا ئاۋازلىرى فېستىۋالى ئامېرىكا،2025) قاتارلىق پائالىيەتلەرگە تەكلىپلىك سۆزلىگۈچى سۈپىتىدە قاتناشقان.
ئۇ ھازىر ئائىلىسى بىلەن ئامېرىكىدا ياشاۋاتىدۇ.


