Blog

ئىككىنچى نۆۋەتلىك «تارىم ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا ئەسەر قوبۇل قىلىنىدۇ

ئەسەر قاتناشتۇرۇڭ!
ئىككىنچى نۆۋەتلىك «تارىم ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا ئەسەر قوبۇل قىلىنىدۇ.
2024-يىلى ۋەتەنپەرۋەر خانىم ئامىنە ۋايىت(سەدەف) مۇھاجىرەتتىكى قەلەم ساھىبىلىرىنىڭ ئانا تىلدا ئەسەر يېزىش قىزغىنلىقىغا يەنىمۇ ئىلھام بېرىش، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ مەۋجۇدلۇقى ۋە تەرەققىياتىغا ئازغىنە بولسىمۇ ھەسسە قوشۇش ئۈچۈن ئۆز يېنىدىن ئىقتىساد ئاجرىتىپ «تارىم ئەدەبىيات مۇكاپاتى» تەسىس قىلغانىدى.
تۇنجى نۆۋەتلىك «تارىم ئەدەبىيات مۇكاپاتى» 2024-يىلى 9-ئايدا يازغۇچى، ژورنالىست سەلىمە . ئا. كامالنىڭ «ئۇيغۇر چاپايوپ كىم؟» دېگەن ئەدەبىي ئاخباراتلار توپلىمىغا بېرىلگەنىدى.
ئىككىنچى قېتىملىق مۇكاپات ئۈچۈن ئەسەر قوبۇل قىلىش باشلاندى. ۋاقتى بۈگۈندىن تارتىپ 5-ئاينىڭ 28-كۈنىگىچە بۇلىدۇ.
بۇ پائالىيەتكە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تىلىدا ئەسەر يازىدىغان بارلىق قەلەمكەشلىرىمىزنىڭ ئەسەر قاتناشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
بۇ مۇكاپات ئىككى يىلدا بىر تارقىتىلىدۇ، پەقەت بىرلا ئاپتورغا بېرىلىدۇ.
مۇكاپات سوممىسى: 40000(تۈرك لىراسى)
مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى ئامىنە خانىمنىڭ ئىلتىماسى بويىچە تۈرمىدىكى قەلەمكەشلىرىمىزنىڭ بىرىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە توغرىلىنىدۇ.
تۇنجى قېتىملىقى تۈرمىدىكى شائىرە گۈلنىسا ئىمىن گۈلخانغا ئاتالغانىدى.
ئىككىنچى قېتىملىقى تۈرمىدىكى يازغۇچى پەرھات تۇرسۇننىڭ نامىغا ئاتىلىپ تارقىتىلىدۇ.
ئىككىنچى قېتىملىقى 2024-يىلى 8-ئايدىن تارتىپ ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەر، نەشر قىلىنغان كىتابلارنىمۇ قاتناشتۇرسا بولىدۇ. تاكى 2026-يىل 5-ئاينىڭ 25-كۈنىگىچە يېزىلغان ئەسەرلەر قوبۇل قىلىنىدۇ.
تاللانغان ئەسەر 2026-يىل 6-ئاينىڭ 1-كۈنى ئېلان قىلىنىدۇ.
ئەسەرگە قويۇلىدىغان تەلەپلەر:
ئەسەر ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلىشى كېرەك.
ئەدەبىي ئەسەرلەر بولۇشى كېرەك.
(پروزا ئەسەرلىرى، شېئىر، نەسىر ۋە ئەدەبىي ئاخبارات) قاتارلىق ژانىرلار قوبۇل قىلىنىدۇ.
ئەسەرلەر ئۇيۇشما ئېلخەت ئادرېسىغا يوللىنىدۇ.
ئەۋەتىلگەن ئەسەرلەر ئۇيۇشمىمىزنىڭ مەخسۇس تور بېكىتى https://uyghurwriters.org دە ۋە فېسبۇكتىكى سەھىپىمىزدە ئېلان قىلىنىدۇ.
ئامىنە خانىمنىڭ ئىلتىماسى بىلەن «تارىم ئەدەبىيات مۇكاپاتى» غا ئەۋەتىلگەن ئەسەرلەرنى قوبۇل قىلىش، باھالاش ۋە مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزۈش ئىشلىرىغا «دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسى» مەسئۇل بولىدۇ. ئۇيۇشما مەخسۇس ئەسەر تاللاش، باھالاش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ چىقىدۇ.
— دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسى
2026-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ