يېڭى نۆۋەتلىك ئۇيۇشما ھەيئەتلىرى ئېلان قىلىندى

«دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسى» يېڭى نۆۋەتلىك ھەيئەتلەر تىزىملىكى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار،
2026-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى تور ئارقىلىق «دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسى»نىڭ يېڭى نۆۋەتلىك سايلىمى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىملىق سايلامدا ئۇيۇشما ئەزاسى شېۋىتسىيەدە تۇرۇشلۇق راھىلە كامال خانىم ئۆزىنى رەئىس نامزاتلىقىغا كۆرسەتكەن ئىدى. جەمئىي 31 ئەزانىڭ نەق مەيداندىن ئاۋاز بېرىشى بىلەن راھىلە كامال «دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسى»نىڭ رەئىسى بولۇپ سايلاندى. شۇنداقلا بۇ نۆۋەتلىك يېڭى ھەيئەتلەرنى ئېلان قىلدى.
يېڭى ھەيئەتلەر تۆۋەندىكىچە:
1ـ رەئىس: راھىلە كامال
2ـ كاتىپ: ئابىدە ئابباس نەسرىن
3ـ تەرجىمە، تەھرىرلىك ۋە نەشرىيات ئىشلىرى مەسئۇلى: ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەت
4ـ مالىيە ۋە پائالىيەت ئىشلىرى مەسئۇلى: ئامىنە ۋايىت سەدەف
5ـ يېڭى تۈرلەرنى ئېچىش، فوندىلار ئارا ماسلاشتۇرۇش مەسئۇلى:
زۇلھايات ئۆتكۈر
6- ئىجتىمائىي تاراتقۇ ۋە تەشۋىقات ئىشلىرى مەسئۇلى: ئالىمجان
7- تەپتىش: ئابدۇجېلىل تۇران
مەسلىھەتچىلەر:
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت قۇمتۇر
تاھىر ھامۇت ئىزگىل
يېڭى رەئىس ۋە ھەيئەتلەرنى تەبرىكلەش بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمىز!
— دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسى سايلام كومىتېتى
2026-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى

